app دېتالى
ھازىرقى ئورنىڭىز: باش بەت>خەۋەرلەر>پەن-مائارىپ>

ئوقۇغۇچىلارنى ئىلھاملاندۇرۇشقا سەل قارىماسلىق لازىم

ۋاقتى:2013-04-11 12:49مەنبە: يوللىغۇچى:MANASSA چېكىلىشى:قىتىم

  ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!

سىنىپ مۇدىرلىق خىزمىتىدە ئوقۇغۇچىلارنى ئىلھاملاندۇرۇشقا سەل قارىماسلىق لازىم
بىر سىنىپ مۇدىرى ئۆزى مەسئۇل بولغان سىنىپنىڭ شۇ يىللىق ياكى مەكتەپ بويىچە ئوقۇتۇش خىزمىتى ھەمدە ئەخلاق تەربىيە خىزمىتىدە ئالدىنقى ئورۇنغا چىقىشنى ئويلىماي قالمايدۇ. copyright by www.iz.la

بىر ياخشى سىنىپ كوللىكتىپى قۇرۇپ چىقىش ،سىنىپ مۇدىرىنىڭ ئوقۇغۇچىلارنى ياخشى تاللاش ،ياخشى تەشكىللەش ،ياخشى يىتەكلەش ئىقتىدارى ۋە مۇئەييەن ئەمىلى تەجىرىبە ئقتىدارىغاباغلىق ئەلۋەتتە.
بىر سىنىپ كوللىكتىپى سىنىپ مۇدىرى ۋە ئوقۇغۇچىلاردىن تەشككىللەنگەن بولىدۇ، ئوقۇغۇچىلار ئىچىدە دەرىستە ياخشى تىرىشچان ئوقۇغۇچىلار ،دەرىستە ئاجىز ئوقۇغۇچىلار ھەمدە ھەرخىل مىجەز خاراكتىردىكى ئوقۇغۇچىلار بولىدۇ، شۇنداق ئىكەن سىنىپ مۇدىرى قىسقىغىنا ۋاقىتتا ھەر بىر ئوقۇغۇچىنىڭ پىسخىكىسى، مىجەزى، خۇي پەيلىنى ياخشى ئىگەللەپ،ئائىلە شارائىتى بىلەن تونۇشۇپ چىقىپ، ئۆزىدە بەلگىلىك خام ماتىرىيال توپلىشى ئىنتايىن زۈرۈر. بۇ ياخشى بىر سىنىپ كوللىكتىپى قۇرۇپ چىقىشنىڭ ئالدىنقى شەرتى. تور دۇنياسىدىكى چاقنىغان يۇلتۇز - ئىز تورى!
ئاندىن سىنىپ مۇدىرى ئۆزى يىتەكچىلىك قىلىۋاتقان سىنىپنىڭ مەيلى ئوقۇتۇش خىزمىتى بويىچە بولسۇن، مەيلى ئەخلاق تەلىم تەربىيە خىزمىتى بويىچە بولسۇن، ياخشى سىنىپ كوللىكتىپى قۇرۇپ چىقىمەن دەيدىكەن چوقۇم ئوقۇتۇش پىرىنسىپلىرىغا ياخشى ئەمەل قىلىپلا قالماستىن، بەلگىلىلىك رىقابەت تۇسىگە ئىگە ئىلھامدۇرۇش ئۇسۇلىنى ياخشى ماسلاشتۇرۇپ جايىدا قوللىنالىسا،چوقۇم بەلگىلىك نەتىجە ھاسىل قىلغىلى بولىدۇ دەپ  قارايمەن .
بۇ جەھەتتە ئوزۇمنىڭ سىنىپ مۇدىرلىق خىزمىتى بىلەن شۇغۇللانغان بىرنەچچە يىلدىن بۇيانقى قىسقىغىنە خىزمەت تەجىربەمنى ئىككى تۇرگەيىىغىنچاقلاپ ئوتتۇرغا قويماقچىمەن . بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
1. ئوقۇغۇچىلارنى كوللىكتىپ ئىلھاملاندۇرۇش ئۇسۇلى .
ئوقۇغۇچىلارنى كوللىكتىپ ئىلھاملاندۇرۇش،سىنىپ كوللىكتىپىنىڭ ھاياتى كۈچىنى ئاشۇرۇشقا،ئۆزئارا ئۇيۇشۇپ ھەمكارلىشىشقا ۋەكوللىكتىپچانلىق ئىدىيىسىنى تۇرغۇزۇپ، كوللىكتپنىڭ غەلىبە قىلىش ئىشەنچىسنى ئاشۇرۇشقا پايدىلىق ئۇسۇللارنىڭ بىرى. ئىلھاملاندۇرۇشنىڭ ياخشى يامان بولىشى،ئوقۇغۇچىلار ئارقىلىق تىزلا ئىپادىلىنىدۇ.
بۇ جەھەتتە توختالساق مىسال ناھايتى كۆپ،مەسىلەن تۆۋەندىكى ئاددى بىر مىسالنى ئالساق،مەكتىپىڭىزدەسىنىپلار ئارا ئەدىبي سەنئەت پائالىيتى ئىلىپ بىر ىلدى،سىنىپىڭىزدىكى ئوقۇغۇچىلار بۇپائالىيەتكە ئاكىتىپ ئاۋاز قوشۇپ،جاپا تارتىپ ياخشى تەييارلىقلارنى قىلدى،لىكىن نەتىجىدە دەرىجىگە ئىرىشەلمەي شاللىنىپ قالدى، سىز بۇشارائىتتا مەسئۇل بولغان سىنىپىڭىز دەرىجىگە ئىرىشەلمىگەنلىكى ئۈچۈن ئەپسۇسلاندىڭىز، شۇنىڭ بىلەن شۇ پائالىيەتنىڭ خۇلاسە يىغىىنىدا، ئوقۇغۇچىلاردىن رەنجىپ «ھەرقايسىڭ ياخشى تەييارلىق قىلىشقان بولساڭ،بىز دەرىجىگە ئىرىشەتتۇق، سەنلەرنىڭ قولىدىن ھىچ ئىش كەلمەيدىكەن.» دەپ ئاچچىقلانسىڭىز، سىزنىڭ بۇ ئاچچىقلىنىشىڭىز ھىچنىمىگە ئەرزىمەيدۇ،شۇنىڭ بىلەن پۈتكۈل ئوقۇغۇچىلارنىڭ كەيپىياتىغا تەسىر كۆرسۈتۈپ ،ئاكىتىپچانلىقى سۇسلىشىدۇ،بۇندىن كىيىنكى پائالىيەتلەردە كۆكرەك كىرىپ چىقىدىغان ئوقۇغۇچىلار سانى ئازلاپ كىتىدۇ، ھەتتائۆگۈنۈش جەھەتتىكى كەيپىياتىغىمۇتەسىركۆرسىتىشى مۇمكىن. سىز بۇنداق شارائىتتا ئۆزىڭىزنى بىسىۋىلىپ،ئومومى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ياخشى كۈچ چىقارغانلىقى،ئايرىم ئوقۇغۇچىلارنىڭ تۆھپىسىنىڭ چوڭ بولغانلىقى،مۇسابىقىدە يىڭىش –يىڭىلىش بولۇپ تۇرىغان ئىش ئىكەنلىگى،روھىنى چۇشۇرمەسلىك، بۇ بىر تۇردەئىرىشەلمىگەن بىلەن ئوقۇتۇش،تەنتەربىيە قاتارلىق تۇرلەردە دەرىجىگەئىرىشىش ئىھتىمالى بارلىقى،بۇنىڭ ئۇچۇن ھەممەيلەننىڭ ئورتاق كۇچ چىقىرىشى لازىملىقى ھەققىدە ئىلھاملاندۇرۇش ئىلىپ بارسىڭىز ئوقۇغۇچىلارنىڭ روھى كۆتۇرۇلۇپ،كوللىكتىپچانلىق روھى ئىشىپ،كىيىنكى مۇسابىقىلەرگە نىسبەتەن كەسكىن رىقابەت ئىدىيىسى تۇرغۇزۇلۇپ،سىنىپ ئۇچۇن تۆھپە قوشۇش ئىدىىيىسى تىخىمۇ كۈچىيدۇ. ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!
2.ئوقۇغۇچىلارنى ئايرىم ئىلھاملاندۇرۇش ئۇسۇلى.
ئوقۇغۇچىلارنى ئايرىم ئىلھاملاندۇرۇش-ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئاكىتىپچانلىغىنى، پائالىيەتچان بولۇشىنى ئىلگىرى سۇرىدىغان بىر  ئۇسۇل. ئۇئوقۇغۇچىلارنىڭ ئوقۇتۇش ۋە ئەخلاق تەلىم تەربىيە  خىزمىتدە ناھايتى مۇھىم،ئۇ ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۈگۇنۇش ئىشەنچىسىنى ئاشۇرۇپ، ئۆز ئىقتىدارىنى،ئالاھىدىلىگىنى جارى قىلدۇرۇشقا ھەيدەكچىلىك قىلىپ، ئۇلارنىڭ روھىنى ئۇرغۇتىدۇ، ياخشى بولغان تەشكىل تۇزۇم ۋەكىشلىك تۇرمۇش قارشى شەكىللەندۇرۇشتە كوۋرۈكلۈك رول ئوينايدۇ.
سىنىپ مۇدىرى بولغۇچى بۇخىل ۋاستىدىن ئۇستىلىق بىلەن پايدىلىنىش لازىم. ئىز تورى بەك ياخشى

ھەربىر ئوقۇغۇچى چوقۇم ئىلھاملاندۇرۇشقا مۇھتاج،ھەرگىزمۇ  كەمسىتىلىشكە مۇھتاج ئەمەس. www.iz.la

ئارقىدا ئوقۇغۇچىلارغا نىسبەتەن بۇخىل ئۇسۇلنى كۆپرەك قوللىنىپ،ئۇلارنىڭ كاللىسىدىكى ئۆزئۆزىنى ئەيىپلەش،ئۆزىنى تۆۋەن كۆرۈش ئىدىيىسىنى چىقىرىپ تاشلاش لازىم.بەلكىم ئارقىدا قالغان ئوقۇغۇچىلار سىزنىڭ بىر قىتىملىق ئىلھاملاندۇرۇشىڭىز تۇپەيلى ئۆزگىرىپ،تىرىشىپ ئۆگىنىپ ھەرقايسى جەھەتتىن يىتىشكەن ساپالىق ئوقۇغۇچىلارغا ئۆزگىرىشى مومكىن،ھەتتا دۆلەت ئەربابى ياكى داڭلىق شەخىسكە ئايلىنىشى مومكىن.بەزى ياخشى ئوقۇغۇچىلار كىچىككىنە سەۋەنلىك ئوتكۈزۈپ،سىزنىڭ كەمسىتىشىڭىز،ھاقارىتىڭىزگەئۇچراپ ئۆزىنى يوقۇتۇپ، ئۈمىدىنى ئۈزۈپ كىرەكسىز مەھسۇلاتقا ئايلىنىشى مومكىن.   شۇڭا ئوقۇغۇچىلارغا ئايرىم تەربىيە بىرىپ ئلھاملاندۇرۇش ئىلىپ بارغاندا، تۆۋەندىكى ئىككى نوقتىغا دىققەت قىلىش لازىم.

تور دۇنياسىدىكى چاقنىغان يۇلتۇز - ئىز تورى!

(1) ئالدى بىلەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ مىجەز خۇي پەيلى،ئائىلەشارائىتى قاتارلىقلارنى كۆزدە تۇتۇپ،ئۇلارنىڭ كۆڭلىگە كىرىپ تۇرۇپ،ئۆزىدە ئشەنچ پەيدا قىلالايدىغان،يىڭىچە ئۈمىت چىرىغى ياقالايدىغان ياخشى گەپ سۆزلەربىلەن ئىلھاملاندۇرۇش لازىم.
(2).ئوقۇغۇچىنىڭ ئۈگىنىش ئەھۋالى،ئالاھىدىلىگى،تەشكىل تۇزۇم كۆزقارشى تەرەپلەردىن ئەھۋال ئگەللەپ،ئۆزىدە بار ئالاھىدىلىكنى تىخىمۇ قارى قىلدۇرۇش لازىملىقى،ئۈگىنىشتىكى ئارتۇقچىلىقىنى تىخىمۇ ئالغا ئىلگىرلىتىش زۈرۈرلىكى ھەمدە بەزى ئالىملارنىڭ،داڭلىق شەخىسلەرنىڭ تەرجىمالىدىن ئۈزۈندە ئىلىپ ئىدىيىسىگە تەسىر قىلدۇرۇش ئارقىلىق ئىلھاملاندۇرۇش  ئىلىپ  بارغاندا،تەبى ھالدا ئوقۇغۇچىلاردا ئۆزگىرىش بولۇشقا باشلايدۇ.ئومۇمەن يۇقاردا بايان قىلىنغان ئىككى خىل ئايرىم ئىلھاملاندۇرۇش ئۇسۇلىنى ياخشى قوللانغاندا ئارقىدا قالغان ئوقۇغۇچىلار ياخشى ئوقۇغۇچىغا،ياخشى ئوقۇغۇچىلارتىخىمۇ ئالغاقاراپ ئىلگىرلەپ،ئەمگەك بىغىڭىزياخشى مىۋىلەرنى بىرىدۇدەپ قارايمەن. ئەمدى گەپنى يىغساق،ئىلھاملاندۇرۇش ئۇسۇلىنى ھەممەسىنىپ مۇدىرلار قوللىنىدۇ،بىراق ئۇنى قوللانغاندا شەرىت شارائىتىنى جايىغا كەلتۈرۈپ،ئۈنۈملۈك پايدىلانغانداسىنىپ مۇدىرى چوقۇم ئۆزى كۈتكەن نەتىجىگە ئىرىشەلەيدۇ دەپ قارايمەن. ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!
ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!

ياخشىكەن
(1)
100%
ئالقىشلايمەن
(0)
0%
ئىنكاس يېزىش ھەممە ئىنكاسلار
ئاممىۋى تور ئەخلاقىغا رىئايە قىلىڭ، تەستىقلانغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ.IPخاتىرلىنىدۇ.
باھا:
يىقىنقى ئىنكاسلار ھەممە ئىنكاس