نىجات ئىمىننىڭ 9 - ئاپرېل ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتى ئاچقان ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپلەردە تەنتەربىيە، گۈزەل سەنئەت، ساغلاملىق ۋە دۆلەت مۇداپىئەسى دەرسلىرىنى يەنىمۇ كۈچەيتىش توغرىسىدىكى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدىن ئىگىلىشىچە، بۇ يىل ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپلەردە تەنتەربىيە، گۈزەل سەنئەت، ساغلاملىق ۋە دۆلەت مۇداپىئەسى ئوقۇتۇشىنى كۈچەيتىش ساپا مائارىپىنى ئومۇملاشتۇرۇشنىڭ بۆسۈش نۇقتىسى قاتارىدا چىڭ تۇتۇلۇپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەتراپلىق يېتىلىشىگە يەنىمۇ ئەھمىيەت بېرىلىدىكەن.
ئۇقۇشىمچە، بۇ يىل ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ئوتتۇرا - باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ تەنتەربىيە، گۈزەل سەنئەت قاتارلىق دەرسلىرى پىلان بويىچە دۆلەت بەلگىلىگەن دەرس سائىتى ئۆلچىمىگە يەتكۈزۈلىدىكەن، بۇ دەرسلەرنىڭ ئورنىغا باشقا دەرسلەرنى ئورۇنلاشتۇرۇش قاتتىق چەكلىنىدىكەن. شۇنىڭ بىلەن بىللە، مەكتەپلەردە دۆلەت مۇداپىئەسى تەربىيەسىگە ئەھمىيەت بېرىلىپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ۋەتەنپەرۋەرلىك ئېڭىنى يېتىلدۈرۈش يەنىمۇ كۈچەيتىلىدىكەن
copyright by www.iz.la