app دېتالى
ھازىرقى ئورنىڭىز: باش بەت>خەۋەرلەر>IT ئۇچۇرلىرى>

تارىختىكى ئەڭ قىممەت iPhone 5 نىڭ باھاسى 15 مىليون 300 مىڭ ئامېرىكا دوللىرىغا يېتىدىكەن

ۋاقتى:2013-04-17 10:32مەنبە: يوللىغۇچى:رىشتە چېكىلىشى:قىتىم

 

ئىز تورى www.iz.la

  بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن


  ى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى

چەتئەل ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، مەرۋايىت لايىھىلىگۈچىسى-Stuart Hughes جۇڭگولۇق بىر نەپەر سودىگەرنىڭ ھاۋالىسىگە بىنائەن، تارىختىن بۇيانقى ئەڭ قىممەت iPhone 5 يانفونىنى ياساپ چىققان بولۇپ، بۇ يانفوننىڭ سېتىلىش باھاسى بولسا 15 مىليون 300 مىڭ ئامېرىكا دوللىرى يەنە خەلق پۇلىغا سۇندۇرغاندا 94 مىليون 730 مىڭ يۇەنگە يەتكەنىكەن.

ى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى

      چەتئەل ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، فىلىپنىڭ بىر نەپەر مەرۋايىت لايىھىلىگۈچىسى تارىختىن بۇيانقى ئەڭ قىممەت بولغان iPhone 5 يانفونىنى بارلىققا كەلتۈرگەن. Stuart Hughes ئىسىملىك بۇ مەرۋايىت لايىھىلىگۈچىسى بۇرۇنمۇ خېرىدارلارنىڭ تەلىپىگە ئاساسەن، مەرۋايىت نۇسخىلىق iPhone 4 يانفونى، ئاق ئالتۇن نۇسخىلىق MacBook Air خاتىرە كومپىيوتېرى شۇنداقلا ئالتۇن ماتىرىياللىق iPad 2 تۈز ئېكرانلىق كومپىيوتېرى قاتارلىق ئېلىكتىرون مەھسۇلاتلىرىنى ياساپ چىققانىكەن. بۈگۈنكى كۈندە بولسا، iPhone 5 يانفونى بۇ لايىھىلىگۈچىنىڭ ئۆزگەرتىپ ياساش ئوبيىكتى بولۇپ قالغان.

ئىز تورى بەك ياخشى


      Stuart Hughes بۇ تارىختىن بۇيانقى ئەڭ قىممەت iPhone 5 نى ياساش ئۈچۈن كۆپ مىقداردىكى ئالتۇن ھەم مەرۋايىتلارنى ئىشلەتكەن بولۇپ، ئۇنىڭ ئۈستىگە پۈتۈنلەي قول سانائىتى ئارقىلىق ياساپ چىققان. ئەڭ ئاخىرىدا ئۇ توققۇز ھەپتە ۋاقتىنى سەرپ قىلىپ، بۇ ئەڭ قىممەت ئالما iPhone 5 يانفونىنى ياساپ چىققانىكەن. يۇقارقى رەسىمدىن كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، بۇ iPhone 5 يانفونىنىڭ سىرتقى قېپىغا پۈتۈنلەي 24K لىق ئالتۇن ئىشلىتىلگەن بولۇپ، يانفوننىڭ Home كۇنۇپكىسى بولسا 26 كاراتلىق قارا ئالماستىن كۆز قىلىپ قويۇلغانىدى. ئۇنىڭدىن باشقا، بۇ iPhone 5 يانفونىغا جەمئىي 600  تالدىن ئارتۇق چوڭ كىچىك ئالماس ئىشلىتىلگەن بولۇپ، پەقەت يانفوننىڭ ئارقا تەرىپىدىكى ئالما Logo سىغىلا 53 تال ئالماس ئىشلىتىلگەنىدى. ئۇنداقتا بۇ تارىختىن بۇيانقى ئەڭ قىممەت دەپ نام ئالغان يانفوننىڭ سېتىلىش باھاسى قانچىگە توختىغاندۇ؟ بۇ يانفوننىڭ باھاسى ئەڭ ئاخىرىدا 15 مىليون 300 مىڭ ئامېرىكا دوللىرىغا توختىغان بولۇپ، بۇ پۇلغا 64GB لىق iPhone 5 يانفونىدىن 18000  تالنى سېتىۋالغىلى بولىدىكەن. بۇ يانفوننى لايىھىلىگۈچىنىڭ ئاشكارىلىشىغا قارىغاندا، بۇ ئەڭ قىممەت iPhone 5 يانفونىنى بۇيرۇتقان كىشى بولسا جۇڭگولۇق سودىگەر بولۇپ، ئەينى ۋاقىتتا بۇ جۇڭگولۇق سودىگەر شەخسەن ئۆزى 26 كاراتلىق قارا ئالماسنى ئېلىپ كېلىپ، ئۇنىڭ بىلەن ھەمكارلاشقانىكەن، ھەم بۇ لايىھىلىگۈچىنىڭ بۇ ئالماسنى ئىشلىتىپ دۇنيا بويىچە ئەڭ قىممەت بولغان iPhone 5 يانفونىنى ياساپ چىقىشىنى ئۈمىد قىلغانىكەن.
مەن ئىز تورىغا بەك ئامراق

مەن ئىز تورىغا بەك ئامراق

ياخشىكەن
(1)
100%
ئالقىشلايمەن
(0)
0%
ئىنكاس يېزىش ھەممە ئىنكاسلار
ئاممىۋى تور ئەخلاقىغا رىئايە قىلىڭ، تەستىقلانغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ.IPخاتىرلىنىدۇ.
باھا:
يىقىنقى ئىنكاسلار ھەممە ئىنكاس