app دېتالى
تەۋىسسيەلىك
ھازىرقى ئورنىڭىز: باش بەت>خەۋەرلەر>IT ئۇچۇرلىرى>

گۇگېلنىڭ ھەقىقىي رىقابەتچىسى ئامازون

ۋاقتى:2012-08-16 18:52مەنبە:ئوكيان تورى يوللىغۇچى: چېكىلىشى:قىتىم

www.iz.la

ئاندروئىد ۋە iPhone نىڭ ئەقلىي ئىقتىدارلىق يانفون بازىرىنى تالىشىش جېڭى، شۇنداقلا گۇگېل ۋە Facebook نىڭ ئىختىساس ئىگىلىرىنى تالىشىش جېڭى كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى قوزغايدۇ. لېكىن ئالما ياكى Facebook قا سېلىشتۇرغاندا، گۇگېل يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرىنىڭ بەكرەك ئەندىشىسىنى قوزغىغىنى ئامازون شىركىتى ھېسابلىنىدۇ. گۇگېلنىڭ كەلگۈسىدىكى ھەقىقىي رىقابەتچىسى ئامازون . گۇگېل بولسا بىر ئىزدەش موتورىنى ئاساس قىلغان شىركەت، لېكىن پەقەت ئابونتلار توردا نەرسە-كېرەك سېتىۋېلىشتن بۇرۇنقى ئىزدەشلا گۇگېلغا كىرىم ئېلىپ كېلەلەيدۇ، بۇخىل ئىزدەش پۈتۈن گۇگېل ئىزدەش ئومۇمىي مىقدارىنىڭ %20 ىنى ئىگىلەيدۇ. گۇگېل پەقەت بۇ خىل ئىزدەش نەتىجىسى تور بېتىدىكى ئېلاندىنلا كىرىم قىلالايدۇ. ئىستېمالچىلارنىڭ گۇگېلدىن ئاتلاپ ئۆتۈپ بىۋاستە ئامازون تور بېكىتىدە ياكى كۆچمە قوللىنىشچان پروگراممىلاردا سېتىۋالماقچى بولغان مەھسۇلاتلارنى ئىزدىشى گۇگېل ئەنسىرەۋەتقان ۋە شۇنداقلا كۈنسېرى روشەنلەشكەن بىر ئېقىم. سانلىق مەلۇماتلار بۇ ئېقىمنىڭ ھەقىقي مەۋجۇتلۇقىنى ئىسپاتلىدى، بازار تەكشۈرۈش-تەتقىقات شىركىتى ComScore نىڭ سانلىق مەلۇماتىغا ئاساسلانغاندا، ئۆتكەن يىلى ئامازون ئارقىلىق تاماملانغان ئىزدەش مىقدارى %73 كە يەتكەن. كۆچمە ساھەسىدە، ئامازوننىڭ ئۆزىگە تەئەللۇق قوللىنىشچان پروگراممىلىرى بار؛ ئەمما گۇگېلنىڭ پەقەت بىر نۇسخا تور كۆرگۈ قورال ستونى بار، بۇنىڭدا يەنىلا ئامازون ئۈسۈنلۈكنى ئىگىلەيدۇ. Kindle يانفونى ۋە Kindle تاختا كومپيۇتېرىنىڭ ئومۇملىشى گۇگېلنى تېخىمۇ غەمگە سالدى. Kindle يانفونلىرىغا ھەقسىز فىلىم ۋە ئېلكىتاب قاچىلىنىدۇ، بۇ ھالدا Amazon Prime ئابونتلىرى چوقۇم ئامازوندىن باشقا ئىزدەش مۇلازىمەتلىرىنى قوللىنىپ مەھسۇلات سېتىۋالمايدۇ. مانا بۇ ئامازوننىڭ قاتتىق دېتاللىرىنى ئەرزان باھادا سېتىشىدىكى مەقسىتى، شۇنداقلا ئامازون گۇگېلنىڭ تېخىمۇ ھەزەر ئەيلىشىگە ئەرزىيىدىغانلىقىنىڭ سەۋەبى.(بۇئايشەم) بىز ھەممىمىز ئىز تورىنى ياخشى كۆرىمىز!
ياخشىكەن
(1)
100%
ئالقىشلايمەن
(0)
0%
ئىنكاس يېزىش ھەممە ئىنكاسلار
ئاممىۋى تور ئەخلاقىغا رىئايە قىلىڭ، تەستىقلانغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ.IPخاتىرلىنىدۇ.
باھا:
يىقىنقى ئىنكاسلار ھەممە ئىنكاس