Yahooنىڭ يېڭى باش ئىجرائىيە ئەمەلدارى مارىسا مايېر گۇگېلنىڭ مەھسۇلات تىجارەت دىرېكتورى ئاندرۇ شۇلت (Andrew Schulte) نى ئۆزىگە تارتىپ، ئۇنى مەسلىھەتچى باشلىقى قىلىپ تەيىنلىدى. شۇلت 2007-يىلى گۇگېلغا قاتنىشىپ ئېلان تىجارەت بۆلۈمىگە كىرگەن. ئۇنىڭ گۇگېلدىن ئايرىلىشتىن بۇرۇنقى ئەڭ ئاخىرقى ۋەزىپىسى كۆڭۈل ئېچىش ۋە سىياسىي ماركا ئۈچۈن + Google تەرتىپكە سېلىش تىجارەت ستراتېگىيىسىنى باشقۇرۇش بولغان. شۇلت Twitter ئارقىلىق بۇ ئىشنىڭ راستلىقىنى ئىسپاتلىدى، شۇنداقلا LinkeIn دىكى ئارخىپىنى يېڭىلىدى. ئۇ مۇنداق دەپ بىلدۈردى: «مەن گۇگېلدا ئىشلىگىلى بەش يىل بولدى، گۇگېلنىڭ مېنىڭ ھاياتىمنى پۈتۈنلەي ئۆزگەرتكىنىگە ناھايىتى مىننەتدارمەن! شۇنداقلا ئۆزۈمنىڭ مارىسا مايېرنىڭ Yahoo كوللېكتىپىغا قاتنىشىدىغانلىقىمدىن ئىنتايىن خۇشالمەن. » مەسلىھەتچى باشلىقى ئىزچىل ھالدا سىياسىي ساھەدىكى مەخسۇس ئاتالغۇ بولۇپ كەلدى، بۇ شتاب باشلىقى بىلەن بىر مەنىدە بولۇپ چارە-تەدبىر كۆرسىتىدىغان كىشىنى كۆرسىتىدۇ. لېكىن يېقىندا بۇ ئاتالغۇ سودا ساھەسىدە كەڭ تارقالدى. Facebook نىڭ باش يۈرۈشتۈرۈش ئەمەلدارى شېرلى سەندبېرگ بۇرۇن ئامېرىكا مالىيە بۆلۈمىنىڭ مەسلىھەتچى باشلىقى بولغان، ساھە سىرتىدىكىلەرنىڭ ھەممىسى دەل شېرلى بۇ ئەمەلنى ۋاشىنگتوندىن گۇگېلغا ئېلىپ كەلگەن دەپ قارىغان. كۆپلىگەن گۇگېل ئالىي دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرى ئۆزىگە مەسلىھەتچى باشلىقى تەيىنلىگەن، باشقا پەن-تېخنىكا شىركەتلىرىمۇ گۇگېلنىڭ ئۇسۇلىنى قوللانغان. شۇنداق قىلىپ شۇلت مايېر Yahoo نى قول ئىلكىگە ئۆتكۈزگەندىن كېيىنكى يەنە بىر ئۆزىگە تارتىلغان گۇگېل باشقۇرغۇچى خادىمى بولۇپ قالغان، بۇندىن بۇرۇن، مايېر يەنە گۇگېلدىكى ئىستېمال ئېلىكترون تېخنىكا ئىجتىمائىي مۇناسىۋەتچىسى ئەننې ئەسپىرىتۇ (Anne Espiritu) .(بۇئايشەم) ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!
