مىكروسوفتBing پەرىشتە فوندى ئىنكۇباتورىنى ئوتتۇرىغا چىقىرىپ،شىركەتنىڭ مەشغۇلاتتىكى لىنىيە مۇلازىمەت تارماقلىرىنىڭ يېڭىلىق يارىتىشىنى ئىلگىرى سۈرمەكچى بولدى.
ئىز تورى www.iz.la
ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!
ئۆتكەن بىر نەچچە ھەپتە ئىچىدە Twitter دە Bing فوندىغا ئائىت نۇرغۇنلىغان خەۋەرلەر تارقالغان، ZDNet بلوگىنىڭ ئىگىسى مانان كاكار (Manan Kakkar)بىر Twitter خەۋىرىگە ئاساسەن مىكروسوفت -7 ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىدا Bing فوندىنى ئوتتۇرىغا چىقىرىشى مۇمكىن دېدى. Bing پەرىشتە فوندىنىڭ مەسئۇل خادىمى راھۇل سۇد (Rahul Sood)بولۇشى مۇمكىن،ئۇ بۇرۇن VoodooPCشىركىتىنىڭ قۇرغۇچىسى ئىدى ، كېيىن بۇ شىركەت HP شىركىتى تەرىپىدىن سېتىۋېلىنىپ ئۇ Xbox كەسپىنىڭ باش دېرىكتورى بولدى.لېكىن -2012يىلى -3ئايدا راھۇلنىڭ كەسپىي ئالاقىلىشىشى تور بېكىتى LinkedInدىكى ئارخىپىغا ئاساسلانغاندا،ئۇ Bing فوندىغا باش دېرىكتور بولۇپ تەيىنلەنگەن.
مىكروسوفت خىزمەت ئىزدەش تورىدا ئېلان قىلىنغان خەۋەر Bing فوندىنىڭ بەزى روللىرىنى تېخىمۇ ئېنىق ئىزاھلىغان،ئۇلار Bing پەرىشتە فوندىنى ئىگىلىك تىكلىگۈچى ۋە يېڭىدىن شىركەت قۇرغۇچىلارغا نىسبەتەن خۇشخەۋەر،شۇنداقلا مەشغۇلاتتىكى لىنىيە مۇلازىمەت تارماقلىرىنىڭ يېڭىلىق يارىتىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە پايدىسى بار دەپ قارىدى.لېكىن مىكروسوفتنىڭ يەنە بىر ئاشكارا قوبۇل قىلماقچى بولغان خىزمەت ئورنىغا ئاساسلانغاندا مىكروسوفتBing پەرىشتە فوندى ئىنكۇباتورى مىكروسوفتنى ئاساس قىلمىغان تېخنىكىلارنى ئىشلىتىشنى چەكلىگەن. مىكروسوفت ئىنكۇباتورىنىڭ Bing فوندى دەپ ئاتالغانلىقىنى كۆزدە تۇتۇپ ، بەزىلەر ھەتتاBing ئىزدەش موتورىنى ئىشلىتىشنى مىكروسوفتنىڭ مەبلەغ قوللاشتىكى ئاساسلىق تەلىپى دەپ گۇمانلاندى لېكىن يەنە بەزىلەر بۇ ئىككىسىنىڭ مۇتلەق ئالاقىسى يوق دەپ قارىدى. ئاڭلاشلارغا قارىغاندا Bing مەشغۇلاتتىكى لىنىيە مۇلازىمەت تارماقلىرى ئوتتۇرىغا چىقارغان بىردىنبىر مەھسۇلات ئەمەسكەن، ئۇ يەنە، MSN ئېلان قورالى ۋە adCenter نى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن.Bing ۋە MSN نىڭ ئاساسلىق كىرىمى ئىزدەش ۋە ئېلاندىن كېلىدۇ،بۇ ئاساسىي جەھەتتىن مىكروسوفت مەشغۇلاتتىكى لىنىيە مۇلازىمەت تارماقلىرىنىڭ يىللىق كىرىمىنىڭ تەڭدىن تولىسىنى ئىگەللەيدۇ. ھازىرغا قەدەر مىكروسوفت ئەمەلدارلىرى بۇ مەسىلىگە ئالاقىدار سوئاللارغا ھېچقانداق پوزىتسىيە بىلدۈرمىدى. (بۇئايشەم تەرجىمىسى)
ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!
