app دېتالى
تەۋىسسيەلىك
ھازىرقى ئورنىڭىز: باش بەت>خەۋەرلەر>IT ئۇچۇرلىرى>

جۇڭگو قوللىنىشچان پروگرامما دۇكىنىدا قىسقا ئۇچۇر ھەق تۆلەش ۋىرۇسى بايقالدى

ۋاقتى:2012-08-20 20:19مەنبە:ئوكيان تورى يوللىغۇچى: چېكىلىشى:قىتىم


بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن

 ئاندروئىد ئۈسكۈنىلىرى سېتىلىش مىقدارىنىڭ شىددەت بىلەن ئۆرلىشى ۋە گۇگېل قوللىنىشچان پروگرامما دۇكىنىنىڭ چەكلىك بولۇشى جۇڭگودىكى نەچچە يۈزلىگەن مۇستەقىل ئاندروئىد قوللىنىشچان پروگرامما دۇكىنىنى بارلىققا كەلتۈردى. ئاندروئىدنىڭ سىستېما بىخەتەرلىكى جەھەتتىكى ئاجىزلىقى تۈپەيلىدىن، بەزى قوللىنىشچان پروگرامما دۇكىنىدا Trojan!SMSZombie ناملىق يېڭى ۋىرۇس بايقالدى، بۇ مۇرەككەپ ۋىرۇس ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋال ئاستىدا ھەق تۆلىيەلەيدۇ، بانكا كارتىسى، ئىناۋەتلىك كارتا ئۇچۇرى ۋە ھېسابات خاتىرىسىنى زىيارەت قىلالايدۇ. نۆۋەتتە تەسىرگە ئۇچرىغان ئابونت سانى 500 مىڭدىن ئېشىپ كەتكەن.

www.iz.la

بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن

 Trojan!SMSZombie ۋىرۇسى ئاساسلىقى ھەر خىل تەگلىك رەسىم قوللىنىشچان پروگراممىسىغا يوشۇرۇنۇۋالىدۇ، تېما ۋە رەسىم ئارقىلىق ئابونتلارنى قاچىلاشقا قىزىقتۇرىدۇ، ئابونتلار رەسىمنى تەگلىك رەسىم قىلىپ تەڭشىگەندىن كېيىن، قوللىنىشچان پروگرامما ئابونتلارنىڭ يەنە ئارتۇق ھۆججەتلەر (ۋىرۇس ھۆججىتى) نى قاچىلىشىنى تەلەپ قىلىدۇ، ئەگەر ئابونت قوشۇلسا، ۋىرۇس « Android System Service»ناملىق سىستېما ھۆججىتىگە تاپشۇرۇپ بېرىلىدۇ. ۋىرۇس قاچىلانغاندىن كېيىن باشقۇرغۇچى ھوقۇقىغا ئىگە بولۇۋالىدۇ، بۇ قەدەمنى چېكىندۈرگىلى بولمايدۇ. ۋىرۇس ھوقۇققا ئېرىشكەندىن كېيىن قوللىنىشچان پروگراممىنىمۇ ئۆچۈرگىلى بولمايدۇ. مەزكۇر ۋىرۇسنى بايقىماق ناھايىتى تەس، بۇنداق مۇرەككەپ يامان غەرەزلىك يۇمشاق دېتالنىڭ پەيدا بولۇشى ئاندروئىد سۇپىسىنىڭ ئېچىۋېتىلگەنلىكىنىڭ قوش بىسلىق قىلىچ ئىكەنلىكىنى ئېنىقلىدى، ئابونتلار ھەر خىل قوللىنىشچان پروگراممىلارنى زىيارەت قىلىش بىلەن بىرلا ۋاقىتتا، تەدبىر قوللىنىپ خاككېرلارنىڭ ھۇجۇمىدىن ساقلىنىشى كېرەك.(بۇئايشەم)

بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن

ئىز تورى www.iz.la

ياخشىكەن
(0)
0%
ئالقىشلايمەن
(0)
0%
ئىنكاس يېزىش ھەممە ئىنكاسلار
ئاممىۋى تور ئەخلاقىغا رىئايە قىلىڭ، تەستىقلانغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ.IPخاتىرلىنىدۇ.
باھا:
يىقىنقى ئىنكاسلار ھەممە ئىنكاس