تۆۋەندە بىز 蓝汛通信 بۈگۈن ئېلان قىلغان 蓝汛 كۆرسەتكۈچى ( ChinaCache Index ) نى ئانالىز قىلىپ باقايلى .
蓝汛指数 ( يەنى - ChinaCache Index) _ دۆلىتىمىزدىكى تۇنجى تورداشلارنىڭ تور سۈرئىتىنى دەل ۋاقتىدا ئۆلچەپ تەكشۈرۈش رۇخسەت قىلىنغان تور سۈرئىتى كۆرسەتكۈچى بولۇپ ، بۇنىڭدا ھەر قايسى ئۆلكىلەردىكى ئوخشىمىغان تور مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلىگۈچى كارخانىلار تەمىنلىگەن تور سۈرئىتى تەكشۈرۈپ رەتكە تۇرغۇزۇلىدۇ .
ھەر قايسى ئۆلكىلەرنىڭ بىر ھەپتىلىك تورغا ئۇلىنىش ئەھۋالىدىن قارىغاندا ، ئەڭ ئالدىنقى ئۈچ ئۈرۈننى شاڭخەي ، بېيجىڭ ۋە ئىچكى مۇڭغۇل ئېگىلىگەن . چىڭخەي ، گۇاڭشى ۋە شىنجاڭ ئەڭ ئاخىرقى ئۈچ ئورۇندا تۇرغان .
جۇڭگو تېلېگىرافى تەمىنلىگەن تور سۈرئىتى جەھەتتە بېيجىڭ ، شاڭخەي ۋە جېجياڭ ئالدىنقى ئۈچ ئورۇننى ئېگىلىگەن . جىلىن ، شىنجاڭ ۋە چىڭخەي ئەڭ ئاخىرقى ئۈچ ئورۇننى ئېگىلىگەن .
جۇڭگو كۆچمە خەۋەرلىشىشى تەمىنلىگەن تور سۈرئىتى جەھەتتە جېجياڭ ، شاڭخەي ۋە خېنەن ئالدىنقى ئۈچ ئورۇننى ئېگىلىگەن . بېيجىڭ ، سچۈەن ۋە شىزاڭ ئەڭ ئاخىرىدىكى ئۈچ ئورۇندا تۇرغان .
جۇڭگو بىرلەشمە خەۋەرلىشىشى تەمىنلىگەن تور سۈرئىتى جەھەتتە شىزاڭ ، شاڭخەي ۋە خەينەن ئالدىنقى ئۈچ ئورۇننى ئېگىلىگەن . شىنجاڭ ۋە يۈننەن ئەڭ ئاخىرقى ئىككى ئورۇندا تۇرغان .
ى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى
