app دېتالى
تەۋىسسيەلىك
ھازىرقى ئورنىڭىز: باش بەت>خەۋەرلەر>IT ئۇچۇرلىرى>

جۇڭگونىڭ كۆپلىگەن تور بەتلىرى خاككېر ھۇجۇمىغا ئۇچرىدى

ۋاقتى:2012-04-23 13:25مەنبە:ئوكيان تورى يوللىغۇچى: چېكىلىشى:قىتىم

www.iz.la

  ئىز تورى بەك ياخشى

ئىز تورى بەك ياخشى

ئىز تورى www.iz.la

يەر شارى تورىنىڭ 22-ئاپرېل خەۋىرى: جۇڭگو خاككېرلىرى فىلىپپىننىڭ ئەڭ داڭلىق ئۇنۋېرسىتىتى فىلىپپىن ئۇنۋېرسىتىتىنىڭ تور بېتىگە ھۇجۇم قىلىپ، باش بېتىدە «بىز جۇڭگودىن كەلدۇق. سكاربوروگ شوئال ئارىلى (جۇڭگو تەرەپ خۇاڭيەن 黄岩岛 ‘ئارىلى دەيدۇ) بىزنىڭ» دېگەن خەتنى چىقىرىپ قويغان ئىدى. فىلىپپىن ئاخباراتلىرىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، خاككېرلار جۇڭگوننىڭ نەچچە تور بېتىگە ھۇجۇم قىلغان، بىرلا ۋاقىتتا جۇڭگو خاككېرلىرىغا بىلەن تىغمۇتىغ تاقابىل تۇرۇپ:« سكاربوروگ شوئال ئارىلى بىزنىڭ. سپراتلىرى ئاراللىرى (نەنشا) بىزنىڭ» دېگەن خەتنى چىقىرىپ قويغان ئىدى. فىلىپپىن «GMA News Online» تور بېتىنىڭ 4-ئاينىڭ 21-كۈنىدىكى ئۇچۇرغا ئاساسلانغاندا، جۇڭگو بىلەن فىلىپپىن سكاربوروگ شوئال ئارىلى مەسىلىسىدە پەيدا بولغان ماجراسى باشقىچە نەتىجە ئېلىپ كەلگەن، جۇڭگونىڭ نەچچە تور بېتى خاككېر ھۇجۇمىغا ئۇچرىغان، بۇ تور بەتلەر  ئىچدە «جۇڭگو ستۇدېنتلىرى ئۆزىنى كۈچەيتىش يۇلتۇزى» (star.chinaumu.org)، جۇڭگو ياشلىرى لىنىيىسى (v.cyol.com)، جۇڭگو ياشلىرى فىلىم تور بېتى (ploft.cn) قاتارلىق 7 تور بەتمۇ ھۇجۇمغا ئۇچرىغان. خەۋەردە دېيىلىشىچە، ئىككى خاككېر بۇ قېتىمقى ھۇجۇمغا مەسئول بولىدىغانلىقىنى ئېيتقان. ئىگىلىنىشچە، جۇڭگو خاككېرلىرى 4-ئاينىڭ 20-كۈنى فىلىپپىن ئۇنۋېرسىتىتىنىڭ تور بېتىگە ھۇجۇم قىلغان، باش بېتى سكاربورگ شوئال ئارىلى دېڭىز ساھەسىنىڭ خەرىتىگە ئۆزگىرىپ قالغان ھەمدە «بىز جۇڭگودىن كەلدۇق. سكاربوروگ شوئال ئارىلى بىزنىڭ» دېگەن خەتلەرنى خەرىتىنىڭ ئۈستىگە يېزىپ قويغان. فىلىپپىن ئۇنۋېرسىتىتىنىڭ ئاممىۋى ئىشلارغا مەسئول خادىمى «GMA News Online» تور بېتىگە ئىسپاتلىشىچە، مەكتەپ تور بېتى 20-ئاپرېل سەھەر سائەت 3 ئەتراپىدا ھۇجۇمغا ئۇچرىغان، سائەت 11 يېرىم ئەتراپىدا مەكتەپنىڭ ئۇچۇر سىستېمىسى ئىشخانىسى، IT مەشىق مەركىزى ھەمدە كومپيۇتىر مەركىزى نورمال ھالەتكە كەلگەن.

www.iz.la

(نەپرەت)

بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن

ياخشىكەن
(0)
0%
ئالقىشلايمەن
(0)
0%
ئىنكاس يېزىش ھەممە ئىنكاسلار
ئاممىۋى تور ئەخلاقىغا رىئايە قىلىڭ، تەستىقلانغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ.IPخاتىرلىنىدۇ.
باھا:
يىقىنقى ئىنكاسلار ھەممە ئىنكاس