تاۋۇز بولسا ئامىنو كىسىلتاسى ئىچىدىكى سىترۇلىنىنىڭ ئەڭ ياخشى كىلىش مەنبەسى . ئادەم بەدىنى سترولىن ئارقىلىق باشقا بىر خىل ئامىنو كىسلتاسى _ ئارگىننىن ياساپ چىقىدۇ . ئارگىنىننىڭ ھۈجەيرىلىرنىڭ پارچىلىنىشىغا ،يار ئېغىزىنىڭ ئەسلىگە كىلىشىگە ۋە بەدەندىكى ئارتۇقچە ئاممىياكنى تازلاشقا پايدىسى بار . ئامىرىكىدىكى بىر قانچە چوڭ تەتقىقات ئورگانلىرىنىڭ تەتقىقاتىدا كۆرسىتىشچە ؛ تاۋۇز تەركىبىدىكى سترولننى ئادەم بەدىنى ناھايىتى تېز قوبۇل قىلالايدىكەن .ھەم پايدىلىنىدىكەن .
تەتقىقاتتا قاتناشقان پىدائىيلار ئالدىنقى ئۈچ ھەپتە ھەر كۈنى ئۈچ ئىستاكاندىن تەخمىنەن 227 گىرام تاۋۇز شىرنىسى ئىچكەن . كېيىنكى ئۈچ ھەپتىدە ئىچىكەن تاۋۇز شىرنىسى ئالدىنقى ئۈچ ھەپتىدە ئىچكەننىڭ ئىككى ھەسىسچىلىك بولغان ،سىلىشتۇرۇشقا قولايلىق بولسۇن ئۈچۈن باشقا تاۋۇز شىرنىسى ئىچمىگەن ، ھەم تاۋۇزمۇ يېمىگەن ،ھەتتا تەتقىقات نەتىجىسىگە تەسىر كۆرسىتىدىغان باشقا يېمەكلىكلەرنىمۇ يېمىگەن. ئىز تورى بەك ياخشى
تەتقىقاتچىلار ئاخىرى ،تاۋۇزنىڭ تەركىبىدىكى ئامىنو كىسىلتاسىنىڭ ئادەم بەدىنىدە ھاسىل قىلغان ئارگىنىننىڭ يۇقىرى قان بىسىم كېسەللىكلىرى ،ئورغاقسىمان ھۈجەيرە كېسەللىكىگە مۇناسىۋەتلىك بولغان قان تومۇرلارنىڭ قالايمىقانلىشىشى قاتارلىق كېسەللىكلەرنى داۋالاشتا پايدىسى بارلىقىنى بايقىغان .
ماگىنىي كەملىك بەدەننىڭ قېرىشىنى تېزلەشتۈرۋىتىدۇ.
ئامىرىكا تەتقىقاتچىلىرىنىڭ يېقىندا ئېلان قىلغان دوكىلاتىدا كۆرسىتىلىشىچە ، ماگىنىيننىڭ كەم بولۇشى بەدەن ھۈجەيرىلىرىنىڭ قېرىشىنى تېزلەشتۈرۋىتىدىكەن . بۇ تەتقىقات نەتىجىسى ئۇزۇن مۇددەت ماگىنىي كەم بولۇش بىلەن بىرگە ياشانغانلار كېسەللىكىگە گىرىپتار بولۇش خەۋپىنىڭ كۈچەيگەنلىكى مۇناسىۋتنى شەرھىلەپ بەرگەن . ماگىنىي ئادەم بەدىنىدىكى نۇرغۇن فىزىئولۇگىيلىك .خىمىيىلىك ئىنكاسلارغا قارتا موھىم رول ئوينايدۇ . ئۇ نورمال مۇسكۇل ۋە نېرۋا ئىقتىدارنى ،يۈرەك سوقۇشنىڭ نورماللىقىنى ،سۆڭەكنىڭ چىڭ بولىشىنى ساقلاشقا ياردەم بېرىدۇ .
بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
ماگىنىي تەركىبىي مول بولغان يېمەكلىكلەر دىن پالەك تۈرىدىكى يېشىل كوكتاتلار ،پۇرچاق تۈرىدىكى يېمەكلىكلەر ،قاتتىق پۇستىلۇق مېۋە ۋە قارا ئاشلىق قاتارلىقلار بار .
بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن