باناننىڭ ئوزۇقلۇق قىممىتى خېلىلا يۇقىرى، باناننىڭ تەركبىدە كۆپ خىل مىكرو ئېلېمېنتلار ۋە ۋىتامىنلار بار. بانان تەركىبىدىكى ۋىتامىن A نىڭ كېسەلگە قارشى تۇرۇش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىش رولى بار. بانان تەركىبىدىكى مول مىقداردىكى كالىي ، ماگنىي ئېلېمېنتى ئىچ سۈرۈشنى كەلتۈرۈپ چىقارغان ئېلېكتىرولىدنىڭ تەڭپۇڭسىزلىنىشىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ. بانان تەركىبىدىكى كۆپ مىقداردىكى پېكتىنلىق ماددا ئۈچەي بوشلۇقىدىكى ئىچ سۈرۈشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان سۇلارنى شۈمۈرۋېلىپ، چوڭ تەرەتنىڭ قېتىم سانىنى ئازايتىدۇ. بانان شۆپىكىنىڭمۇ مىكروب ۋە باكتېرىيەلەرنى توسۇش رولى بار. باناننى پوستى بىلەن دۈملەپ پىشۇرۇپ ئىستېمال قىلغاندا ئىچ سۈرۈشنى ئۈنۈملۈك داۋالىغىلى بولىدۇ. بانان تەركىبىدە يەنە ئاشقازان - ئۈچەي ياللۇغىنىڭ ئالدىنى ئالىدىغان خىمىيەلىك ماددا بار بولۇپ، بۇ خىل ماددا ئاشقازان - ئۈچەي دىۋارىدىكى ھۈجەيرىلەرنىڭ ئۆسۈشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئاشقازان - ئۈچەينىڭ نورمال لۆمۈلدىشىنى ساقلاپ، ئىچ سۈرۈشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ.