ئەگەر بىرلا ۋاقىتتا بىر نەچچە خىل تاماق تەييار قىلالمىغان تەقدىردىمۇ ، مەلۇم تاماققا ھەر خىل ماتىرىياللارنى سېلىپ ، تەملىك ، سىڭىشلىك قىلىشقا تىرىشىدۇ. بېراق ھەر ئىشنىڭ چېكى ۋە قانۇنىيىتى بولىدۇ.تەركىبى ، تەبىئىتى ۋە ۋاقتى مۇۋاپىق كەلمىگەن يېمەك-ئىچمەكلەرنى بىللە ئىستىمال قىلغاندا كىشىلەردە راھەتسىزلىك ۋە زەھەرلىنىش پەيدا قىلىدۇ. بۇ خەلق ئارىسىدا ‹چېقىش بولۇپ قالدى› دېيىلىدۇ. تۆۋەندە بىرلا ۋاقىتتا ئىستىمال قىلىشقا بولمايدىغان يېمەك-ئىچمەكلەر كۆرسىتىلىدۇ.
بىرىنچى: قۇغۇن بىلەن ھەسەلنى بىللە يېيىشكە بولمايدۇ.چۈنكى قۇغۇن تەركىبىدىكى شار ئاقسىلى ھەسەل تەركىبىدىكى ئورگانىك كىسلاتا ۋە ئېچىتقۇلار بىلەن رېئاكسىيىلىشىپ، ھاسىل بولغان كاللەكسىمان شىرە ئاشقازان ۋە ئۈچەيدە توسالغۇ پەيدا قىلىدۇ.نەتىجىدە قۇلۇنجى ياكى قۇيۇق يەل تۇرۇۋېلىپ ، ئادەمنى بەك قىينايدۇ.
ئىككىنچى: تۇرۇپ، كۈدە ئىستىمال قىلغان ۋاقىتتا نەشپۈت ،ئاپلىسىن، ئۈزۈم، ئالما قاتارلىقلارنى بىللە يېيىشكە بولمايدۇ. چۈنكى ئالدىنقى ئىككى خىل كۆكتاتتا ئاممۇنىي سىئان كىسلاتاسى بار بولۇپ، مېۋىلەر تەركىبىدىكى مىس بىلەن رېئاكسىيەلىشىپ قالقانسىمان بەز ئۆسمىسى پەيدا قىلىدۇ.
ئۈچىنچىسى: ياڭيۇ بىلەن تۇخۇمنى بىللە قورۇپ يېسە ئادەمنى بىئارام قىلىدۇ،بېشىنى ئاغرىتىدۇ.
تۆتىنچى : ئاق ئۈجمە يەپ سۇ ئىچسە ئىچىنى سۈرىدۇ، ئۈرۈك يەپ چاي ئىچسىمۇ شۇنداق.
بەشىنچى: سۈت بىلەن مېۋە يېگەندە ، يەل كۆپەيتىپ ئاۋارە قىلىدۇ.
ئۇيغۇر تېبابىتى داۋالاش دەستۇرىدىن ئېلىندى.
كۆكيال ئۇيغۇر تېبابەت بلوگى