ھازىرقى ئورنىڭىز: باش بەت>خەۋەرلەر>شىنجاڭ>

جېمىنەي گۇاڭخۇي سۇيۇقلاندۇرۇلغان تەبىئىي گاز زاۋۇتى يىل ئاخىرى پۈتىدۇ

2011-يىلى11-ئاينىڭ04-كۈنىمەنبە:تەڭرىتاغ ئۇيغۇر تورى يوللىغۇچى:
  

    3– نويابىر ، مۇخبىر جېمىنەي ناھىيەلىك جېمىنەي گۇاڭخۇي سۇيۇقلاندۇرۇلغان تەبىئىي گاز زاۋۇتىدا ، قۇرۇلۇشنىڭ يىل ئاخىرىغىچە پۈتۈشى ئۈچۈن خىزمەتچى خادىملارنىڭ داۋاملىق ئىسمېنا قوشۇپ ئىشلەۋاتقانلىقىنى كۆردى .

    جېمىنەي گۇاڭخۇي سۇيۇقلاندۇرۇلغان تەبىئىي گاز زاۋۇتى شىنجاڭ گۇاڭخۇي گۇرۇھى بىلەن قازاقىستان TBM شىركىتىنىڭ ھەمكارلىشىشىدىكى نۇقتىلىق قۇرۇلۇش تۈرى بولۇپ ، بىرىنچى باسقۇچلۇق قۇرۇلۇشقا جەمئىي 648 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىنغان . ئىگىلىنىشىچە ، زاۋۇت پۈتكەندىن كېيىن ، يىللىق پىششىقلاپ ئىشلىنىدىغان سۇيۇقلاندۇرۇلغان تەبىئىي گاز مىقدارى 500 مىليون كۇب مېتىرغا يېتىدىكەن .

   نۆۋەتتە ، توپا–ياغاچ قۇرۇلۇشى ئاساسىي جەھەتتىن پۈتكەن بولۇپ ، ئۈسكۈنىلەرنى سىناش خىزمىتى جىددىي ئېلىپ بېرىلىۋاتقان ئىكەن .

خەۋەر ئورتاقلاشقاندا تەرجىمە ئورگىنال مەنبەسىنى ئەسكەرتىشنى ئۇنۇتماڭ، رەھمەت!