كومپيۇتېرنىڭ ئالدىدا ئۇزاق ئولتۇرىدىغانلار. ھاياتلىقنىڭ يادروسى ھەرىكەتتە، ساغلاملىقنىڭ يادروسى چېنىقىشتا بولىدۇ، كومپيۇتېرنىڭ ئالدىدا قىمىرلىماي ئۇزاق ئولتۇرىدىغانلارنىڭ بەدىنى ئاجىزلاپ ئىممۇنىتېت كۈچى تۆۋەنلەپ كېتىدۇ ۋە ئاسان زۇكام بولۇپ قالىدۇ.
ھەمىشە ئەخلەت يېمەكلىكلەرنى يەيدىغانلار. بەزىلەر تاماق ۋاقتىدا ئۇششاق -چۈششەك يېمەكلىكلەرنى يەپلا تاماق يېمەيدۇ. ئۇششاق -چۈششەك يېمەكلىكلەر ۋە پىششىق يېمەكلىكلەرنىڭ ھەممىسىگە چىرىشتىن ساقلىغۇچى دورىلار قوشۇلغان بولغاچقا، ئادەمگە زىيان قىلىدۇ.
www.iz.la
كىچىك كېسەللەرگىمۇ چىڭ ئېسىلىۋالىدىغانلار. تىلغا ئالغۇچىلىكى يوق ئاغرىقلارغىم چىڭ ئېسىلىۋېلىپ قالايمىقان دورا ئىستېمال قىلىدىغانلارنىڭ ئىممۇنىتېت كۈچى تۆۋەنلەپ زۇكامدىن ئايرىلالمايدۇ.