چىش تازىلاش يىپى: باھاسى 20 يۈەن ئەتراپىدا بولۇپ، چىشنى تازىلاشقا ئەپلىك، بىر قېتىملا ئىشلىتىشكە بولىدۇ، ئادەتتە چىش كولىغۇچتىنمۇ ئىنچىكە بولىدۇ. چىشنى چىش تازىلاش يىپىدا تازىلىغاندا چىش چوتكىسىدا تازىلاش تەس بولغان چىش ئاراچلىرىدىكى تاماق قالدۇقلىرىنى پاكىز تازىلاپلا قالماي، ئېغىز پۇراش، چىش قۇرۇتلاش ۋە باشقا چىش ئەتراپى كېسەللىكلىرىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ. بۇنى ئىشلىتىشتىن بۇرۇن چوقۇم چىش دوختۇرىنىڭ مەسلىھەتىنى ئېلىش لازىم. ئېغىز چايقاش سۈيى: بۇنىڭ باھاسى ئەرزان، ئىشلىتىشكە ئەپلىك بولۇپ، چىش چوتكىسى ۋە چىش تازىلاش يىپلىرىغا ئوخشىمايدۇ. ئۇنىڭ بىلەن ئېغىزنى چايقاپ بەرگەندە تاماقتىن كېيىن ئېغىز بوشلۇقىدا، بولۇپمۇ چىش ئاراشلىرىدا قېپقالغان تاماق قالدۇقلىرىنى پاكىزلاپلا قالماستىن، چىشنىڭ زەخىمگە ئۇچراش نىسبىتى تۆۋەنلەيدۇ. مۇتەخەسىسلەرنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، ئېغىز بوشلۇقىدىكى مىكروبلارنىڭ كاربون – سۇ بىرىكمىسى بىلەن ئۇچرىشىش ۋاقتى قانچە قىسقا بولسا، كىسلاتانىڭ پەيدا بولۇش نىسبىتى شۇنچە تۆۋەن بولىدىكەن. بۇنىڭدىن باشقا، ياللۇغقا قارشى تۇرۇش ماددىلىرى قوشۇلغان ئېغىز چايقاش سۈيىنى ئىشلىتىپ بەرگەندە، چىش قۇرۇتلاش ۋە چىشقا داغ چۈشۈشنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدىكەن. ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!
چىش تازىلىغۇچ: بۇ ئادەتتە ‹‹سۇ پۈركۈپ تازىلىغۇچ›› دەپمۇ ئاتىلىدۇ، ئادەتتىكىلىرىنىڭ باھاسى 200 يۈەن، ياخشىلىرى 700 يۈەن ئەتراپىدا. بۇنداق چىش تازىلىغۇچ بولسا پۇلسلىق (تۇراقلىق توك بېسىمىنىڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە ئۆزگىرىشى) سۇ ئېقىنى ئارقىلىق چىشنى تازىلايدۇ. ئەنئەنىۋى چىش تازىلاش يىپىغا سېلىشتۇرغاندا يۇقىرى ئىقتىدارغا، يۇقىرى ئۈنۈمگە ئىگە بولۇپ، چىش چوتكىسى بىلەن تازىلاش ئەپسىز بولغان چىش ئارىلىقى، ئېزىق چىشنىڭ كەينى تەرەپلىرىنى پاكىز تازىلاپ، چىش مىلىكى كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ.
ئايگۈل ئابدۇللا تەرجىمىسى