بىر ئادەم كۈنىگە ئىككى، ئۈچ قۇلاق قاتكۆك يەپ بەرسە، بىر كۈندە ئېھتىياجلىق بولغان ۋىتامىنC نىڭ %50 ى تولۇقلىنىدۇ. قاتكۆكنىڭ تەركىبىدە ۋىتامىن A، كالتىسي ۋە فوسفور مول بولۇپ، سۆڭەكنىڭ تەرەققىي قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، سۆڭەك شالاڭلىشىشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ. قاتكۆكتىكى لىنزىن ۋە ترىپتوپاننىڭ بالىلارنىڭ يېتىلىشىدە ۋە ياشانغانلارنىڭ دېۋەڭلىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا ناھايتى ياخشى رولى بار .
www.iz.la
قاتكۆكنى خام يېيىشكە، قورۇپ يېيىشكىمۇ بولىدۇم قورۇغاندا ئەڭ ياخشىسى زەيتۇن يېغىدا قورۇش، چۈنكى قاتكۆكنىڭ تەركىبىدىكى ھەر خىل ياغدا ئېرىيدىغان ۋىتامىنلار بۇ خىل ياغنىڭ ياردىمىدە بەدەنگە تولۇق ھەزىم بولىدۇ. قاتكۆك تەركىبىدە سۇلفىد بولغاچقا، قاتكۆكنى قورۇغاندا ھەم قايناتقاندا، قازاننىڭ توۋىقىنى ياپماسلىق كېرەك.