چىش پاستىسىنىڭ ئادەتتىكى رېتسىپىدە خۇش پۇراق مەلھىمى كۆپۈكلەشتۈرگۈچى ئاگېنت، قويۇقلاشتۇرغۇچى ماددا شۇنداقلا ئۇپراتقۇچى ماددا قاتارلىقلار بار. ئەمما بەزى ئۇپراتقۇچى ماددىلارنىڭ تەركىبىدىكى خىمىيەلىك تەركىبلەر ئادەم بەدىنىگە زىيانلىق بولۇپ، كېسەللىك پەيدا قىلىپ قويۇشى مۇمكىن. بەزى ئادەملەر چىشىنى چوتكىلاپ بولغاندىن كېيىن ئېغىزىنى چالا-بۇلا چايقاپلا بولدى قىلىدۇ، ئەمەلىيەتتە چىش پاستىسىنىڭ قالدۇقلىرى ئېغىزدا قالغاچقا يېمەكلىك بىلەن قوشۇلۇپ ئاشقازانغا ئۆتۈپ كېتىدۇ، ۋاقىتنىڭ ئۇزىرىشى بىلەن چىش پاستىسىنىڭ قالدۇقلىرى يىغىلىپ كېسەللىك پەيدا قىلىپ ئادەمنى ئازاپتا قويىدۇ. شۇڭا چىشنى چوتكىلىغاندا ئېغىزنى چوقۇم پاكىز چايقاش كېرەك. تور دۇنياسىدىكى چاقنىغان يۇلتۇز - ئىز تورى!
پولات ئامانيار تەرجىمىسى