ئاچ قورساق بەدەن چېنىقتۇرغاندا باش قېيىش، كۆز تورلىشىش، ئىچى ئېلىشىش ۋە تەنھەرىكەت خاراكتېرلىك قاندىكى قەنت ماددىسى تۆۋەنلەشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. تاماق يەپ بولۇپلا چېنىققاندا، ئاشقازان ئاغرىش، قۇسۇشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ئەگەر ئۇخلاپ قوپۇپ بىر سائەت ئىچىدە چېنىققاندا تەركىبىدە 200-300 كىلوكالورىيە ئېنېرگىيە بار يېمەكلىكلەرنى يېيىش كېرەك.
ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!
ئورۇقلايدىغانلار ئەتىگىنى ئورنىدىن تۇرۇپ ئاچ قورساق يۈگۈرسە، ئورۇقلاشنىڭ ئۈنۈمى بەك ياخشى بولىدىكەن، دېگەن قاراش خاتا. بەدەندىكى قەنتنىڭ پارچىلىنىش مىقدارىنى تەڭشەشتە ئاۋۋال قاندىكى قەنت تەركىبىنى تەڭشەش، ئەگەر قاندىكى قەنت تەركىبى بەك تۆۋەن بولسا، بەدەن ئېنېرگىيە بىلەن ۋاقتىدا تەمىنلىنەلمەي ھوشىدىن كېتىش ئالامەتلىرى كۆرۈلۈپ، چېنىقىش مەقسىتىگە يەتكىلى بولمايدۇ.