گېرمانىيە مۈنستېر ئۇنىۋېرسىتېتى، لېيپزىگ ئۇنىۋېرسىتېتى ۋە ماينتز ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى تەتقىقاتچىلار 2005-يىلىدىن 2009-يىلىغىچە 15 مىڭدىن كۆپرەك گېرمانىيەلىكنى ئارىلاپ تەكشۈرۈش ئارقىلىق ئېرىشكەن سانلىق مەلۇماتىدىن پايدىلىنىپ، خىزمىتى بار، توي قىلغان، پەرزەنتلىك بولغان ۋە پېنسىيەگە چىققانلارنىڭ ھايات كەچۈرمىشلىرىنىڭ «بەش چوڭ ئىنسانىي پەزىلەت ئالاھىدىلىكى»نىڭ تەسىرىگە ئۇچرايدىغانلىقىنى مەخسۇس تەتقىق قىلغان.
بۇ بەش چوڭ ئىنسانىي پەزىلەت ئالاھىدىلىكى − كەچۈرمىشلىرى ئاشكارا بولۇش، مەسئۇلىيەتچان بولۇش، مىجەزى ئوچۇق بولۇش، چىقىشقاق بولۇش ۋە كەيپىياتى تۇراقلىق بولۇشتىن ئىبارەت. تەتقىقات نەتىجىسىدىن قارىغاندا، ئادەمنىڭ مىجەزى 30 ياشقا كىرگەندە ئاندىن تەدرىجىي تۇراقلىشىدىكەن، ئادەم 70 ياشتىن ئاشقاندىن كېيىن مىجەزىدە روشەن ئۆزگىرىش بولۇشى ئېھتىمالغا يېقىن ئىكەن، چوڭ-چوڭ كىشىلىك ھايات كەچۈرمىشلىرى ھەمىشە ئادەمنىڭ مىجەزىگە زور تەسىر كۆرسىتىدىكەن.
بۇ تەتقىقاتقا قاتناشقان لېيپزىگ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پىسخولوگى سپېچىت مىسال كەلتۈرۈپ مۇنداق دېدى: ياشلار تۇنجى قېتىم خىزمەتكە قاتناشقاندىن كېيىن، خىزمەتنى ئاساسەن تىرىشىپ ئىشلەيدۇ، پېنسىيەگە چىققاندىن كېيىن، ئەستايىدىللىق جەھەتتە ئازراق بوشىشىپ كېتىدۇ. توي قىلغاندىن كېيىن، كۆپ ساندىكى كىشىنىڭ ئوچۇق - ئاشكارا بولۇشى تەدرىجىي سۇسلىشىدۇ، مۇنداقچە ئېيتقاندا، ئۇلار قاراش ۋە ھەرىكەت-شەكىل جەھەتتە ئەنئەنىۋىلىكنى قوغلىشىدۇ، يېڭى تەجرىبىلەرنى قوبۇل قىلىشنى خالىمايدۇ، ئەكسىچە، ئۆزىگە تونۇش ئۇسۇللارنى ياقتۇرىدىغان بولۇپ قالىدۇ، قىزىقىش دائىرىسىمۇ تارىيىدۇ. نىكاھتىن ئاجراشقان ئەرلەر يېڭى تەجرىبىلەرگە قىزىقىشقا باشلايدۇ.
ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تور
مۈنستېر ئۇنىۋېرسىتېتى ئېلان قىلغان ئاخباراتقا قارىغاندا، بۇ، تەتقىقاتچىلارنىڭ تۇنجى قېتىم كەڭ كۆلەمدە، ئۇزاق مۇددەت ئاھالىنى ئارىلاپ تەكشۈرۈشتىن چىقارغان نەتىجە بولۇپ، كىشىنىڭ كېيىن شەكىللەنگەن تاشقى ئامىلنىڭ مىجەزگە كۆرسىتىدىغان تەسىرىنى سىستېمىلىق تەتقىق قىلىشى ئىكەن.