چىلاننىڭ پوستى سەل قاتتىق بولۇپ ، ئاسان ھەزىم بولمايدۇ . سۇغا چىلىغاندا ، پايدىلىق تەركىبلەرنىڭ سۇدا ئېرىشىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ ، شۇڭا چىلاننى چىلىغاندا ، ئىككى پارچە قىلىپ چىلاش كېرەك . يېڭى چىلاننى چىلىماي ، قاينايماي يېيىش كېرەك ، چۈنكى يېڭى چىلاپ تەركىبىدە ۋىتامىن C مول بولۇپ ، چىلىغاندا ياكى قايناتقاندا ، تەركىبىدىكى ۋىتامىن C زور دەرىجىدە بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرايدۇ ، شۇڭا يېڭى پېتى يېيىش كېرەك . بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
دىققەت قىلىشقا ئەرزىيدىغىنى ، چىلاننىڭ چوڭ-كىچىكلىكىنىڭ ئوخشىماسلىقىغا ئاساسەن ، كۈندە ئىستېمال قىلىدىغان چىلان 15 تالدىن ئېشىپ كەتمەسلىكى كېرەك ، بولمىسا ھەزىم قىلىشقا تەسىر كۆرسىتىپ ، ئىچى سۈرۈشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ . خانىم قىزلار ھەيز مەزگىلىدە چىلاننى كۆپ يېگەندە ، قاپىقى ھەم پۇت-قوللىرى ئىششىپ قېلىش ھەمدە قان بەك كۆپ كېلىشتەك ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ .
‹‹ شىنجاڭ قانۇنچىلىق گېزىتى›› دىن