تەتقىقاتچىلار سەككىز ياشتىن 10 ياشقىچە بىر نەچچە بالا ئۈستىدە تەجرىبە ئىشلىگەن . تەتقىقاتچىلار بۇ بالىلارنىڭ ئوخشاش ھاۋا رايىدىكى ھەرىكەت ھالىتى ، تەرلەش ، بەدىنىگە سۇ تولۇقلاش ۋە ھەرىكەتتىن كېيىنكى بەدەن ئۆزگىرىش قاتارلىق ئەھۋاللارنى تەھلىل قىلغان . تەھلىل نەتىجىسىگە قارىغاندا ، بالىلار قاتتىق تەرلىگەندىن كېيىن ، سۈت ئىچكەندە ئۇسسۇزلۇقنى ئۈنۈملۈك قاندۇرالايدىكەن . سۈت تەركىبىدىكى كاربونلۇق سۇ بىرىكمىلىرى ، كالتسىي ، ئېلېكتىرولىد ۋە تۈز تەركىبىدىكى سۇيۇقلۇق تەڭپۇڭلۇقىنى ساقلاشقا ياردەم بېرىدىكەن . مۇھىمى سۈت تەركىبىدە بالىلارنىڭ مۇسكۇل چوڭايتىدىغان ۋە ئۆسۈپ يېتىلىشىدە كەم بولسا بولمايدىغان ئاقسىل بار ئىكەن . تەنھەرىكەت ئىچىملىكىنىڭ ئۇسسۇزلۇقىنى قاندۇرۇشتىكى ئۈنۈمى خېلى ياخشى بولسىمۇ ، لېكىن بالىلار بۇ خىل ئىچىملىكنى كۆپ ئىچكەندە ئاسانلا سەمىرىپ كېتىدىكەن ھەم چىش زىيانغا ئۇچرايدىكەن . ئەگەر كوففېئىن تەركىبى بولغان ئىچىملىكلەرنى ئىچكەندە سالامەتلىككە خەۋپ پەيدا قىلىدىكەن .