نېلۇپەر : نېلۇپەر ئىشتىھانى ئېچىپ ، ئىسسىقنى قايتۇرىدۇ ، ئۇسسۇزلۇقنى باسىدۇ ، نېرۋىنى تېنىچلاندۇرىدۇ، ئۇنىڭ تەركىبىدە تۆمۈر ، كالتسىي قاتارلىق مىكرو ئېلېمېنتلار بولۇپ ، قاننى تولۇقلاش ۋە قۇۋۋەت تولۇقلاش رولىغا ئىگە ، ئادەم بەدىنىنىڭ ئىممۇنىتېت كۈچىنىمۇ ئاشۇرىدۇ .
ئۆرۈك مېغىزى : ئۆرۈك مېغىزى تاتلىق ۋە ئاچچىق ئىككى خىلغا بۆلۈنىدۇ ، تاتلىق مېغىز ئۆپكىنى ياخشىلايدۇ ، مېغىزنىڭ تەركىبىدە ئاقسىل ، مىكرو ئېلېمىنت ۋە ۋىتامىن بولۇپ ، ئۆپكىنى ياخشىلاش ، يۆتەلنى توختىتىش ، ئۈچەينى راۋانلاشتۇرۇش قاتارلىق ئۈنۈمىمۇ بار . قۇرۇق يۆتىلىش ، ئۆپكە ئاجىزلىشىشتىن ئۇزاق يۆتىلىشتەك ئالامەتلەرگە شىپا بولىدۇ .
www.iz.la
كەرەپشە : كەرەپشىنىڭ بەدەندىكى نەم ئىسسىقلىقىنى تارقىتىش رولى بار ، ئاشقازان سۇيۇقلۇقىنىڭ ئاجرىلىپ چىقىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ ، ئىشتىھانى ياخشىلاش ھەمدە بەلغەمنى بوشىتىش رولىغا ئىگە .
ھەسەل : ھەسەلنىڭ قۇرۇق ئىسسىقنى پەسەيتىپ ، ئۆپكىنى ياخشىلاش ، قۇۋۋەت تولۇقلاش ، ئۈچەينى راۋانلاشتۇرۇش ، زەھەرنى قايتۇرۇش ، مىجەزنى تەڭشەش رولى بار . ھەسەلنى يىلماق سۇغا تەڭشەپ ئىچىشكە بولىدۇ ، يېڭى مېۋە سۈيىگە ئارىلاشتۇرۇپ ئىچسىمۇ بولىدۇ .
ئۈزۈم : ئۈزۈمنىڭ كىچىك تەرەتنى راۋانلاشتۇرۇش رولى بار بولۇپ ، كۈز پەسلىدە كۆپرەك ئۈزۈم يەپ بەرگەندە ، ئادەم بەدىنىدە يىغىلىپ قالغان توكسىننى ھەيدەپ ، ئىچكى ئىسسقنى ھەيدەيدۇ .