يالتىراق داستىخاننى ئاز ئىشلىتىش كېرەك

ۋاقتى:2011-08-02 10:35مەنبە: يوللىغۇچى:رىشتە چېكىلىشى:قىتىم
      ھەرخىل ماتېرىياللىق داستىخانلارنى قانداق تاللىغاندا بىخەتەر بولىدۇ؟
   ھازىر ئاساسلىقى رەخت ماتېرىياللىق، يالتىراق ماتېرىياللىق، پىلاستىك ماتېرىياللىق داستىخانلار بازاردا كۆپ ئۇچرايدۇ. يالتىراق، پىلاستىك داستىخانلار سۇ، ماي ئۆتكۈزمەسلىك ئۈنۈمى ياخشى، سۈرتۈشكە قولايلىق بولۇشتەك ئارتۇقچىلىقى بىلەن كىشىلەرنىڭ قارشى ئېلىشىغا ئېرىشمەكتە. تەتقىقاتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، يالتىراق، پىلاستىك داستىخانلارنىڭ ماتېرىيالىدا پولىۋىنىل خىلورىد(pvc) بولۇپ، زەھەرسىز بولسىمۇ، ئەمما ئىسسىققا يولۇققاندىن كېيىن قويۇپ بەرگەن ۋىنىل خىلورىد زەھەرلىك ماددا بولۇپ، ئۇ جىگەر راكىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن ئىكەن. ئەگەر ۋىنىل خىلورىدقا پىلاستىكلاشتۇرغۇچ، شۇنداقلا قوغۇشۇن، خىروم تەركىبلىك ئېغىر مېتاللار قوشۇلسا، ئاسانلا يۇقىرى ھارارەتلىك يېمەكلىكلەردىكى ياغغا ۋە قولدىكى تەرگە سۈمۈرۈلۈپ، كىشىلەرنىڭ سالامەتلىكىگە زىيان يەتكۈزىدىكەن. ھەرخىل رەڭلىك داستىخانلارغا بۇياق ماتېرىياللىرى ئىشلىتىلىدىغان بولغاچقا، رەڭگى ئۆڭۈپ يېمەكلىكلەرگە ئارىلىشىپ كەتسە، بۇمۇ سالامەتلىككە زىيان يەتكۈزىدىكەن. شۇڭا، يالتىراق ماتېرىياللىق داستىخانلارنى ئىشلەتمەسلىك، ئەگەر ئىشلىتىشكە توغرا كەلسە، چوقۇم داستىخاننىڭ ماتېرىيالىغا دىققەت قىلىش، پولىستىرېن تەركىبلىكىنى سېتىۋالماسلىق كېرەك ئىكەن، پولىپىروپېن ماتېرىياللىق داستىخاننى تاللىغاندا بىرقەدەر بىخەتەر بولىدىكەن. سېلىشتۇرۇشتىن مەلۇم بولۇشىچە، تەبىئىي رەخت ماتېرىيالىدىن ئىشلەنگەن داستىخان تېخىمۇ بىخەتەر بولۇپ، ھېچقانداق خىمىيەۋى تەركىب يوق ئىكەن، يۇيۇشقىمۇ قولايلىق بولىدىكەن.

بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن


   ئەسكەرتىشكە تېگىشلىكى شۇكى، داستىخاننى ئىشلەتكەندە يېمەكلىكنى، بولۇپمۇ يۇقىرى ھارارەتلىك، يۇقىرى ياغ تەركىبلىك يېمەكلىكلەرنى ئىمكانقەدەر داستىخانغا بىۋاسىتە قويماسلىق، ئۇنىڭدىن باشقا، ئەگەر داستىخان قېتىشىۋالسا ياكى يىرتىلىپ كەتسە، قايتا ئىشلەتمەسلىك، تاماق شىرەسىگە ياخشىسى داستىخان سالماسلىق كېرەك ئىكەن. تاماق شىرەسىگە دائىم يېمەكلىك قالدۇقلىرى چۈشۈپ قالىدىغان بولغاچقا، سۈرتۈۋېتىش ئارقىلىقلا ئۇنى تەلتۆكۈس پاكىزلىغىلى بولمايدىكەن. ۋاقىت ئۇزارغانسېرى، ئۇنىڭدا ئاسانلا باكتېرىيە، زەھەرلىك زەمبۇرۇغلار پەيدا بولۇپ، يېمەكلىك، قول، قاچا – قۇچىلار مىكروبلىنىپ، سالامەتلىككە زىيان يەتكۈزۈشى مۇمكىن ئىكەن. ئەگەر تاماق شىرەسىنىڭ كۆيۈپ قېلىشىدىن ئەنسىرىسەك، ئىسسىق ئۆتكۈزمەس تەگلىك ئىشلىتىش مۇۋاپىق ئىكەن، يەنى يۇقىرى تېمپېراتۇرا ۋە ئوتقا چىداملىق گىرانىت تاش ماتېرىياللار، ھەم ئالاھىدە بىر تەرەپ قىلىنغان ياغاچ ماتېرىياللارنى ئىشلىتىش كېرەك ئىكەن.
بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن

ھاكىمجان ئابدۇكېرەم تەييارلىغان
خەتكۈچلەر:
ياخشىكەن
(2)
100%
ئالقىشلايمەن
(0)
0%
------分隔线----------------------------
تەۋىسسيەلىك
  • كىر ئالغۇنىڭ ئۆمۈرىنى ئۇزارتىشنىڭ ئۇسۇللىرى

    1. كىر ئالغۇنى نەم ، ھاۋا ئۆتۈشمەيدىغان ئورۇنغا قۇيماسلىق ، ئېلېكتىر زاپچاسلىرىنىڭ نەملىشىپ ، ئىزولىياتور ئىقتىدارىنىڭ تۆۋەنلىشىدىن ، مېتال بۇيۇملىرىنىڭ نەملىكىتىن داتلىشىپ كېتىشىدىن ساقلىنىش كىرەك. يەنە قۇياش نۇرى بىۋاستە چۈشىدىغان ئورۇنىغا قۇيۇپ رەڭگىنى...

  • بۇستارتقۇنى ئشىلىتىشتدىكى ئەپچىل چارىلەر

    ...

  • ئىىپپەت زار -زار يىغلايدۇ

    يېقىنقى يىللاردىن بۇيان جەمئىيەتنىڭ ئۇچقاندەك تىز تەرەققىي قىلىشى، بازار رىقابىتىنىڭ كەسكىنلىشىشى، ئىقتىسادنىڭ يەر شارىلىشىشى، پۇل ئېڭىنىڭ كۈچىيىشى، تۈرلۈك مەدەنىيەتلەرنىڭ ئۆز - ئارا سىڭىشىشى، ئەخلاق ئىكولوگىيىسىنىڭ زور دەرىجىدە بۇلغىنىشى بىلەن تەڭ ئۇيغۇر ئ...

  • قايرىلىپ كەتكەن جايغا ئىسسىق ئۆتكۈزمەسلىك كېرەك

    ...

  • ئۆيدىكى 10 خىل زەھەرلىك ماددا

         1 . قوش فېنول —A . ئۇ يالتىراق ئىشلەپچىقىرىش جەريانىدا ئىشلىتىلىدىغان بىر خىل خىمىيەلىك ماددا بولۇپ، ئۇ سۇ ۋە سۈت بوتۇلكىلىرى، يالتىراق قەغەز، يېمەكلىك ئورالمىسى قاتارلىقلار تەركىبىدە بولىدىكەن، بۇنداق ماددا ھامىلە ۋە بالىلارنىڭ چوڭ مېڭىسىگە تەسىر كۆ...

  • ئۆزىڭىزگە ئىشىنىشنى بىلەمسىز؟

    ئاپتۇرى: ياسىنجان توخنىياز توغراق ئۆزىگە ئىشىنىش مۇۋەپپەقىيەتكە ئېرىشىشنىڭ تۇنجى قەدىمى. ئۆزىگە ئىشىنىشنىڭ كەملىكى مەغلۇپ بولۇشتىكى سەۋەبلەرنىڭ بىرى. بىر قېتىم ئىشەنچىسىنى يوقاتقان بىر دىرېكتور ئامېرىكىلىق مەشھۇر مۇۋەپپەقىيەتشۇناس ناپولېئون خېئولدىن ياردە...

  • پۇت پۇراشىنى داۋالاشتىكى بەش خىل ئۇسۇل

    1.تۇز : ئاياغنى يېشىپ ئىچىگە ئازراق تۇز سېلىپ، ھاۋائۆتۈشۈپ تۇرىدىغان جايغا قويۇپ قويسا، ئاياغدىكى غەيرىي پۇراقنى يوقاتقىلى بولىدۇ. ئۇنىڭدىنباشقا، كەچتە ئۇخلاشتىن بۇرۇن پۇتنى يۇيۇپ بولغاندىن كېيىن، پۇتقا ئازراق تۇز سېپىپياتسا، پۇتتىكى سېسىق پۇراقنى يوقاتقىل...

  • قاتتىق كۈلۈشكە بولمايدىغان كىشىلەر

    كۈلكىنىڭ سالامەتلىك ئۈچۈن پايدىسى كۆپ بولسىمۇ ، لېكىن سالامەتلىك ئەھۋالى تۆۋەندىكىدەك كىشىلەر قاتتىق كۈلۈشتىن ئېھتىيات قىلىشى كىرەك ....

  • گۈل ۋە سالامەتلىك

    گۈل كىشلەرگە ھۇزۇر بىغىشلاپلا قالماي ، مۇھتىنى گۈزەللەشتۈرۈش ، بۇلغىنىشنى ئازايتىپ ، تۈرلۈك كېسەلىكىلەرنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ . نېرۋا پائاليىتى بۇلغىنىشقا باشلىغان بەزى كېسەلكىلەرنى داۋالاشتا گۈل شىپالىق رول ئوينايدۇ .. شۇنداق بولغاچىقا بەزى مەملىكەتلەردە گۈل...

  • ئۆزىدىن ئاغرىنىش بىر خىل پايدىسىز ھەركەت

    ئۆزىدىن ئاغرىنىش بىر خىل پايدىسىز ھەركەت، - بىر كىشى ئەگەر ھازىرقى ۋاقىتنى قانداق چىڭ تۇتۇشنى بىلىسە، ھەمدە ئۇنىڭدىن تولۇق پايدىلانسا، ئۇ، ئەركىن ، مەنىلىك ، ھەقىقى بولغان تۇرمۇشنى تاللىغان بولىدۇ،...