دۇنيا مەدەنىيەت مۆجىزىلىردىن _ بۇددالا سارىيى

ۋاقتى:2010-09-03 01:04مەنبە: تەھىرىر:نەسىردىن چېكىلىشى:قىتىم
  

ئورنى: جۇڭگو شىزاڭ لىخاسا شەھىرىدىكى قىزىلتاغدا
ياسالغان ۋاقىت: مىلادى 7-ئەسىر
باھا: دۇنيادىكى داڭلىق 10  چوڭ توپا-تاش قۇرۇلىشىنىڭ بىرى. قۇرۇلۇش ، رەسساملىق، دىن بىر  گەۋدە قىلىنغان سىرلىق ئوردا
دېڭىز يۈزىدىن 3770 مېتىر ئىگىزلىكتىكى قىزىلتاغدا قەد كۆتۈرۈپ تۇرغان بۇددالا سارىيى دۇنيادىكى ئەڭ ئىگىزگە جايلاشقان ئوردا- ساراي قۇرۇلىشى، شۇنداقلا ھازىر شىزاڭدا ئەڭ مۇكەممەل ساقلانغان قەدىمقى قۇرۇلۇش توپى. «بۇددالا » دىگەن سۆز سانسىكىرىت تىلىدىكى Potalaka دىگەن سۆزدىن كەلگەن بولۇپ، مەنىسى «بۇددا دىنىنىڭ مۇقەددەس تېغى پۇتو» دىگەن مەنىدە . بۇ يەر ئىلگىرىكى دالاي لامالارنىڭ «قىشلىق سارىيى» ۋە تىبەتنىڭ  سىياسى ۋە دىنى ھوقۇق يۈرگۈزدىغان ئورنى. بۇ كاتتا سىرلىق ساراي «دۇنيادىكى  داڭلىق 10 چوڭ  توپا-تاش قۇرۇلۇشى» نىڭ بىرى. ئۇنىڭدا تىبەتلەرنىڭ قۇرۇلۇش، رەسساملىق ۋە دىنى سەنئىتىنىڭ  جەۋھىرى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن. بۇلۇتلار بىلەن ئورۇلۇپ  تۇرغان، قىيا بويىغا سېلىنغان بۇددالا سارىيى چىققىلى بولمايدىغان ئەرش ئوردىسىغا ئوخشاش ھەيۋەتلىك. ئىز تورى بەك ياخشى
بۇددالا سارىيىنىڭ تارىخىنى سۈرۈشتۈرگەندە مىلادى 7-ئەسىرلەرگە بېرىپ تاقىلىدۇ. «يېڭى تاڭنامە» دە خاتىرىلىنشىچە ،مىلادى 641-يىلى مەلىكە ۋېنچىڭنى تىبەتكە ياتلىق قىلغان. سۇڭزەن گەنبۇ  مەلىكىنى بىر كۆرۈپ ئاشق بولۇپ قېلىپ ، ئۇنىڭ ئۈچۈن ساراي سالدۇرغان. يەنە بىر تىبەت يېزىقىدىكى قەدىمىي كىتاب «王统记» بىلەن« 教法史» دا خاتىرىلىنىشىچە ، 31-ئەۋلاد تىبەت خانى سۇڭزەن گەنبۇ  ئاسىي خانىشنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچراپ پايتەختنى لىخاساغا يۆتكىگەن ۋە قىزىلتاغ باغرىدا ئوردا ياسىغان. بۇ بۇددالا سارىيىنىڭ ئاساسىي ھېساپلىنىدۇ.
    8-ئەسىرگە كەلگەندە ، بۇ ھەيۋەتلىك ساراي چاقماقنىڭ زەربىسىگە ئۇچراپ كۆيۈپ كەتكەن. شۇ چاغدىكى تىبەت خانلىقى زەئىپلىشىشىكە قاراپ يۈزلەنگەن بولۇپ، ئاقسۈڭەڭلەر ئارىسىدا نىزا-ماجرالار، خەلق ئارىسىدا توپىلاڭلار كۆپ بولۇپ، بۇددالار سارىيىغا كۆڭۈل بولۈنمىگەن. بوران-يامغۇرلارنىڭ ئۇپرىتىشى بىلەن ئىبادەتخانا خارابىيلىققا ئايلانغان. پەقەت داجاۋ ئىبادەتخانىسىدىكى تام رەسىملىرىدە ئوردىنىڭ شەكلى ساقلىنىپ قالغان. ئۇنىڭدىن باشقا سۇڭزەن گەنبۇ ئىبادەت قىلغان ئۆڭكۈر ۋە ئۆڭكۈر ئۈستىدىكى بۇدساتۋا سارىيى ساقلىنىپ قالغان. ھازىرقى بۇددالار سارىيى 17-ئەسىردىن كېيىن ئىلگىرى -ئاخىر بولۇپ رېمونت قىلىنىپ سېلىنغان.دالاي لاما Ⅴ  نىڭ زامانىسىدا ، دالاي لاما  داجاۋ ئىبادەتخانىسىدىكى تام رەسىملىرىگە ئاساسەن قايتىدىن بۇددالا سارىيىنى قايتىدىن سالدۇرغان. بۇ تەخمىنەن مىلادى 1645~1648 يىللارغا توغرا كېلىدۇ.  تاغنىڭ كۈنچىقىش تەرىپىگە بۇددالا سارىيىنىڭ ئاق سارىيى سېلىنىپ، دالاي لاما Ⅴ  جېفىڭ ئوردىسىدىن ئاق سارايغا كۆچۈپ كەلگەن. بۇ شۇندىن تارتىپ تىبەتنىڭ سىياسىي ۋە دىنىي ھوقۇقىنى يۈرگۈزدىغان دالاي لامالارنىڭ قىشلىق ئوردىسى بولۇپ كەلگەن. يەنە بىرى بولولىنكا بولۇپ ، ئۇ «يازلىق ئوردا» بولغان. بۇددالا ساريىنىڭ ئوتتۇرىسىدا قىزىل ساراي بولۇپ،1690-1693-يىللاردا 8-ساڭجىجاسو  ئۇ دۇنياغا سەپەر قىلغان دالاي لاما Ⅴ غا ئاتاپ ياساتقان. ئۇ ئاق ساراينىڭ شەرقى قىسمىنى چېقىپ، ئىلگىرىكى زاشى زەنگو ئوردىسىنىڭ كونا ئورنىغا شەرق، جەنوپ، غەرپ ئۈچ تەرەپكە كېڭەيتىپ ، نەچچە ئون يىلدا پۈتكۈزگەن. ئېيتىشلارغا قارىغاندا قىزىل ساراينى ياساش ئۈچۈنلا 7000 ئادەم كەتكەن.ئۇنىڭدىن باشقا تاغ-ئورمانلاردىن ياغاچ-تاش ئەكىلىدىغانلار نەچچە تۈمەن بولغان.
 

copyright by www.iz.la


 بۇددالا سارىيى دۇنيادىكى ئەڭ مۇنەۋۋەر قەدىمقى قۇرۇلۇشلارنىڭ قاتارىدا بولۇپ، تاغقا يۆلەپ ياسالغان ساراي جەمئىي 13قەۋەت، ئىگىزلىكى 117 مېتىر. شەرقتىن غەرپكە ئۇزۇنلىقى 360 نەچچە مېتىر، شىمالدىن جەنوپقا 3000مېتىر بولۇپ، قەسىر-ئايۋانلار مىڭغا يېقىنلىشىدۇ. پۈتۈنلەي تاش-ياغاچتىن ياسالغان. بۇ قۇرۇلۇش ئۇسلۇبى خەنزۇ-تىبەت مەدىنىيىتىنىڭ بىرلەشمىسى بولۇپلا قالماي، يەنە تىبەت قۇرۇلۇش سەنئىتىنىڭ نامايەندىسى. ئۇ ھەرگىزمۇ بىرلا دەۋرنىڭ ئىجادىيىتى ئەمەس، ئۇ تىبەت خانلىقى زامانىدىن كېيىنكى ھەرقايسى دەۋىرلەرنىڭ ئالاھىدىلىكلىرىنى ئۆزىگە مۇجەسسەملەشتۈرگەن. تارىخى خاتىرىلەردە يېزىلىشىچە پۈتكۈل قۇرۇلۇشقا 3مىليون 134مىڭ سەر كۈمۈش كەتكەن. چىڭ ئوردىسىنىڭ خانى چىيەنلوڭ 114 خەنزۇ ئۇستىنى ئوردا قۇرۇلىشىغا ئەۋەتكەن. بۇ قۇرۇلۇش تىبەتلەرنىڭ تاش-ياغاچ قۇرۇلمىلىق،مۇستەھكەم ياسىلىدىغان قۇرۇلۇش ئۇسلۇبى ۋە خەنزۇلارنىڭ تۈۋرۈك، لىم تەگلىكى، ئۆگزە، تورۇس كاتەكچىلىرى ئالاھىدىلىكلىرىنى گەۋدىلەندۈرۈپ ياسالغان. ئۇ تىبەت خەلقىنىڭ ،سىياسىي، مەدەنىيەت ۋە دىنىي پائالىيەت مەركىزى، شۇنداقلا دۇنيا مەدەنىيەت- سەنئەت خەزىنىسىكى بىر گۆھەر.
بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن

ئىز تورى بەك ياخشى

مەن ئىز تورىغا بەك ئامراق

تەرجىمە قىلغۇچى :   قوشۇق

ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!

( ئالاھىدە ئەسكەرتىش: مەزكۇر ماقالىنىڭ ھوقۇقى گە تەۋە )
ياخشىكەن
(4)
80%
ئالقىشلايمەن
(1)
20%
------分隔线----------------------------
تەۋىسسيەلىك
  • دۇنيا مەدەنىيەت مۆجىزىلىردىن _ بۇددالا سارىيى

    ئورنى: جۇڭگو شىزاڭ لىخاسا شەھىرىدىكى قىزىلتاغدا ياسالغان ۋاقىت: مىلادى 7-ئەسىر باھا: دۇنيادىكى داڭلىق 10 چوڭ توپا-تاش قۇرۇلىشىنىڭ بىرى. قۇرۇلۇش ، رەسساملىق، دىن بىر گەۋدە قىلىنغان سىرلىق ئوردا دېڭىز يۈزىدىن 3770 مېتىر ئىگىزلىكتىكى قىزىلتاغدا قەد كۆتۈرۈپ ت...

  • شىنجاڭدىكى كۆپ خىل تىل خاتىرىلەنگەن قەدىمكى يېزىقلار

    قەدىمكى دەۋرلەردە شىنجاڭ غەرب بىلەن شەرق ئوتتۇرىسىدا سودا ۋە مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇشنىڭ مۇھىم تۈگۈنى، زامانىسىدىكى خەلقئارا سودا – مەدەنىيەت چوڭ بازىرى ئىدى. شىنجاڭنىڭ يەر ئۈستى، يەر ئاستىدىن بايقالغان تارىخىي ماددىي پاكىتلار، مەدەنىيەت – سەنئەت دۇردانىلىرى...

  • نورۇزلۇق ئوۋ پائالىيىتى ئاقچى ناھىيىسىدە ئۆتكۈزۈلدى

    3-ئاينىڭ 20-كۈنى جۇڭگونىڭ بۈركۈت ماكانى دەپ نام ئالغان شىنجاڭ ئاقچى ناھىيىسى سۇمتاش يېزىسىدا نورۇز بايرىمىنى تەبرىكلەش مۇناسىۋىتى بىلەن كوللېكتىپ ئوۋ پائالىيىتى ۋە ئوۋ بۈركۈتلىرىنىڭ ماھارەت كۆرسىتىش مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈلدى . يەرلىك قىرغىز ئوۋچىلىرىنىڭ قولىد...

  • شايارلىق پىشقەدەم ھۈنەرۋەن دۆلەت دەرىجىلىك غەيرى ماددىي مەدە

        ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز مۇھەممەد سەمەد خەۋىرى : يېقىندا، شايارلىق 80 ياشلىق پېشقەدەم ھۈسەن مەمەت 3 – تۈركۈمدىكى ۋەكىللىك خاراكتېردىكى دۆلەت دەرىجىلىك غەيرى ماددىي مەدەنىيەت مىراسى ۋارسىلىرى قاتارىغا كىرگۈزۈلدى . بۇ ئاقسۇ ۋىلايىتىگە نىسبەتەن بىردىنبىر دۆ...

  • پىچان ناھىيىسى مەدەنىيەت قۇرۇلۇشىغا ئايانماي مەبلەغ سالدى

         ئىختىيارى مۇخبىرىمىز مىجىت ئىبىراھىم خەۋىرى : يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ، پىچان ناھىيسى مەبلەغ سېلىنمىسىنى زورايتىپ ، مەدەنىيەت ۋە تەشۋىقات ئەسلىھەلىرى قۇرۇلۇشىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ ، مەدەنىيەت ئارقىلىق پىچاننى تەشۋىق قىلىشقا پۇختا ئاساس سالدى .        ب...

  • شىنجاڭدىكى تۇنجى گىلەم مۇزېي خوتەن ناھىيىسىدە ئېچىلدى

    يۇپۇق ئېچىش مۇراسىمى      17 – ئاۋغۇست ، شىنجاڭدىكى تۇنجى گىلەم مۇزېي خوتەن ناھىيىسىدە ئېچىلدى . مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ سابىق مۇئاۋىن باشلىقى ئىسمائىل ئەمەت ۋە ئاپتونوم رايوننىڭ مۇئاۋىن رەئىسى خۇ ۋېي مۇزېينىڭ يۇپۇقىنى ئاچتى . كۆرگە...

  • ئۆچمەس ئىزلار ئارقىلىق نۇرلىنىۋاتقان ھايات

        مېھرىگۈل ناسىر خەۋەر قىلىدۇ: شىنجاڭ مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى ئارخېئولوگىيىلىك تەكشۈرۈش – تەتقىق قىلىش ئورنىنىڭ باشلىقى، تەتقىقاتچى ئىدىرىس ئابدۇرۇسۇل ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ زور ئارخېئولوگىيىلىك قېزىش ئىشلىرىغا رىياسەتچىلىك قىلىپ ۋە قاتنىشىپ، بۇ خىزمە...