ئىختىيارى مۇخبىرىمىز مىجىت ئىبىراھىم خەۋىرى : يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ، پىچان ناھىيسى مەبلەغ سېلىنمىسىنى زورايتىپ ، مەدەنىيەت ۋە تەشۋىقات ئەسلىھەلىرى قۇرۇلۇشىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ ، مەدەنىيەت ئارقىلىق پىچاننى تەشۋىق قىلىشقا پۇختا ئاساس سالدى .
بىز ھەممىمىز ئىز تورىنى ياخشى كۆرىمىز!
بۇ ناھىيە سىمسىز رادىئو بىلەن قاپلىنىش دائىرىسىنى كېڭەيتىپ ، دېھقان–چارۋىچىلارنىڭ مەنىۋى تۇرمۇشىنى بېيىتىش ، سوتسىيالىستىك يېڭى يېزا قۇرۇلۇشىدىكى يېڭى ئىش ، يېڭى نەتىجىلەرنى تەشۋىق قىلىپ ، مەدەنىيەت ، تەشۋىقات خىزمىتىنىڭ سالمىقىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن ، ئايانماي مەبلەغ سېلىپ ، تەشۋىقات ئەسلىھەلىرىنى مۇكەممەللەشتۈردى . بۇ ناھىيە ئالدى بىلەن 27 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىپ ، ناھىيىلىك مەدەنىيەت ، تەنتەربىيە مەيدانىغا 30 مو كۆلەمدىكى مۇزىي ، كۆرگەزمىخانا ، كۈتۈپخانا ، پەن–تېخنىكا سارىيى قاتارلىقلار بىر گەۋدىلەشكەن مەدەنىي پائالىيەت مەركىزىنى قۇرۇپ ، ئاممىنىڭ مەنىۋى تۇرمۇشىنى بېيىتتى . 200مىڭ يۈەندىن ئارتۇق مەبلەغ سېلىپ ، ناھىيە بازىرىدىكى ھەر قايسى مەھەللىلەر ۋە ئاھالىلەر ئولتۇراق رايونلىرىغا چېنىقىش ئۈسكۈنىلىرىنى سەپلەپ ، ئاممىۋى تەنتەربىيە ھەرىكىتىنى جانلاندۇردى . بۇنىڭدىن باشقا ، يۇقىرى دەرىجىلىك ئورۇنلارنىڭ 3 مىليون 900مىڭ يۈەن ياردەم مەبلىغىنى قولغا كەلتۈرۈپ ، كەنتلەرنى سىمسىز رادىئو–تېلېۋىزىيە بىلەن قاپلاش قۇرۇلۇشىنى تاماملاپ ، ئاممىنىڭ رادىئو ئاڭلاش ، تېلېۋىزور كۆرۈش قىيىن بولۇش مەسلىسىنى ئۈنۈملۈك ھەل قىلدى . نۆۋەتتە ، پىچان ناھىيىسىدە سىفىرلىق تېلېۋىزىيە ئابونتچىلىرى 4000 غا يەتتى . ئىز تورى بەك ياخشى
بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن