پولات نىياز خەۋەر قىلىدۇ: چەرچەن ناھىيىلىك مەدەنىيەت يۇرتىنىڭ غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنى قېزىش، رەتلەش ئىشخانىسىدىكىلەر يېقىندا چەت، يىراق جايلارغا بېرىپ تەكشۈرۈش ئارقىلىق، يوقىلىش گىردابىغا بېرىپ قالغان ئۇيغۇر قەدىمكى ئۇسسۇللىرىدىن قاپاق ئۇسسۇلى ۋە بۆكەن ئۇسسۇلىنى بايقاپ سىنئالغۇغا ئالدى. ئىز تورى بەك ياخشى
مەلۇم بولۇشىچە، قاپاق ئۇسسۇلىنى يېڭىئۆستەڭ يېزىسىدىكى مۇھەممەد ئىبراھىم ئاخۇن خەلىپە ئائىلىسىدىكىلەر تۆت ئەۋلادتىن بۇيان ئويناپ كەلگەن بولۇپ، بۇ ئۇسسۇلنى ئوينىغۇچى چېلەك چوڭلۇقىدىكى قاپاقنى بېشىغا ئېلىپ، مەردانە، جۇشقۇن ھەرىكەتلەر بىلەن مول ھوسۇل شادلىقىنى ئىپادىلەيدىكەن. بۆكەن ئۇسسۇلى يەنە شۇ يېزىدىكى قادىر ئەھمەت بىلەن مۇھەممەد ئىبراھىم ئاخۇن خەلىپە ئىككىيلەن بىللە ئويناپ كەلگەن قەدىمكى ئۇسسۇل بولۇپ، بۇ ئۇسسۇل بۆكەننىڭ ھەرىكىتىنى دوراپ ئورۇندىلىدىكەن ھەم بۆكەننى قوغداش ۋە بۆجەنلىرىنى كۆندۈرۈش مەزمۇن قىلىنىدىكەن. چەرچەننىڭ قەدىمكى چالغۇلىرىدىن بىرى بولغان ئاللىچى راۋابقا جور بولۇپ ئېيتىلىدىغان ‹‹قاغىلىقاق›› دېگەن تۇرمۇش ناخشىسىغا ئوينىلىدىكەن.
www.iz.la