ئۆزبېك دېگەن نامنىڭ كېلىپ چىقىشىنى مۇﻫاكىمە قىلغاندا ، بەزىلەر ئۆزبېك خانلىقى قۇرۇلۇشتىن بۇرۇن يەنى ئون بەشىنچى ئەسىرنىڭ باشلىرىدا شەرقتىكى دەشتى قىپچاق يايلىقىدا ياشىغان ئاﻫالىلەر "ئۆزبېك" دەپ ئاتىلاتتى ، دەيدۇ . يەنە بەزىلەر بۇ نام ئون تۆتىنچى ئەسىردىكى ئالتۇن ئوردا ( قىپچاقنى كۆرسىتىدۇ -- ئايچىۋەر ) خانلىقىدىكى "ئۆزبېك خان" نىڭ نامىدىن كەلگەن دەيدۇ . يۈەن سۇلالىسى دەۋرىدىكى تارىخىي ﻫۆججەتلەردە ئۆزبېكلەر "يۆجىبىي" 月即别 ياكى "يۆزۇبېي" 月祖别
دەپ يېزىلغان . ئون ئالتىنچى ئەسىردە ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ ماۋەرائۈننەﻫر رايونىدا توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان ئۆزبېكلەر ئۆزىنىڭ بۇۇرنقى يەر نامىنى تاشلىمىغانلىقى ئۈچۈن ، ئېلىمىزنىڭ مىڭ ، چىڭ سۇلالىلىرى دەۋرىدىكى تارىخىي ﻫۆججەتلەردە ئۆزبېكلەر كۆپىنچە سەمەرقەندلىكلەر ، قوقەندلىكلەر ، بۇخارىلىكلەر ، ئەنجانلىقلار دەپ يەر نامى بىلەن ئاتالغان ، بولۇپمۇ ئەنجانلىقلار دېگەن نام ئەڭ كەڭ قوللىنىلغان . قەدىمكى ئۆزبېكلەر قازاقلار بىلەن بىرلەشمە گەۋدە ئىدى ، ئۇلارنىڭ ئىسلام دىنىنى قوبۇل قىلغان ۋاقتى سەككىزىنچى ئەسىردىن كېيىن بولسا كېرەك . ئىسلام دىنىنىڭ تارقىلىشىغا ئەگىشىپ ، سوفىزم ئۆزبېكلەر ئارىسىدىمۇ بەك .ئەۋج ئالغان . بەزىلەر ، ئونىنچى ئەسىرنىڭ باشلىرىدا ئەبۇنەسر سامانىينىڭ سۇلتان سۇتۇق بۇخراخانننى ئىسلام دىنىغا كىرىشكە بەيئەت قىلدۇرۇش ئۈچۈن 80 نەچچە كىشىنى باشلاپ ئوتتۇرا ئاسىيادىن ئاتۇشقا كېلىشى ئۆزبېكلەرنىڭ شىنجاڭغا كېلىپ ئولتۇراقلىشىشنىڭ باشلىنىشى ، دەيدۇ . قاراخانىيلار دەۋرىدە ، ئوتتۇرا ئاسىيادىكى قەدىمكى ئۆزبېكلەر قەشقەر ، يەكەن ، خوتەن قاتارلىق شەﻫەرلەرگە كەينى - كەينىدىن كۆچۈپ كەلگەن . ئۇلار ئاساسەن سودىگەرچىلىك ۋە دىن تارقىتىشنى كەسپ قىلغان قىلغان . بۇنىڭدىن مەلۇمكى ، شىنجاڭدىكى ئۆزبېكلەرنىڭ سانى ئاز بولسىمۇ ، ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلغان تارىخى ناﻫايىتى ئۇزۇن ، يەنە كېلىپ ئىسلام دىنىنىڭ شىنجاڭغا تارقىلىشى ئۆزبېكلەرنىڭ ﻫەرىكىتى بىلەنمۇ بىۋاستە مۇناسىۋەتلىك .
ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ئالتۇن ئوردا خانلىقىنىڭ خانى ئۆزبېك خان دەۋرى (1312 - 1342 - يىللار ) دە ئىسلام دىنى دۆلەت دىنى قىلىپ بەلگىلەنگەن . ئۆزبېك خان 1314 - يىلى مىسىر سۇلتانى مەلىك ناسىرغا ئەلچى ئەۋەتىپ "ئىسلام دىنىنىڭ جوڭگودىن غەرب ئەللىرىنىڭ نېرىقى چېتىگىچە تارقالغانلىقى" نى تەبرىكلىگەن . ئۇ : " مېنىڭ خانلىقىمدا (ئۆزبېك خانلىقىنى كۆرسىتىدۇ -- ئايچىۋەر ) يەنە بىر تۈركۈم كىشى ئىسلام دىنىغا بەيئەت قىلمىغانىدى . مەن تەختكە چىقىپ ئۇلارغا ئىسلام دىنىغا كىرىڭلار ، يا جەڭگە ئاتلىنىڭلار ، ئىككىنىڭ بىرىگە تۇرۇڭلار ، دېدىم . ئۇلار دىنغا كىرىشنى رەت قىلدى ، نەتىجىدە جەڭگە كىردى . مەن مەغلۇب قىلدىم ، قىردىم ، ئەسىر ئالدىم ، يوقاتتىم " دېگەن (ب.د.گرېكوۋ ، ئا.ۋ.ياكوبوۋىسكى "ئالتۇن ئوردا خانلىقىنىڭ گۈللىنىش - خارابلىشىش تارىخى" دىن ). ئۆز ۋاقتىدا خانلىقتىكى ﻫەممە مىللەت ، جۈملىدىن قازاقلارمۇ بۇنىڭ زور تەسىرىگە ئۇچرىغان . خەلق ئاغزىدا : " ئىسلام دىنىنى ئۆزبېك خان قالدۇرغان" دېگەن گەپلەرمۇ ﻫازىرغىچە بار ( نىغمەت مىڭجانىنىڭ "قازاق تارىخى" دىن ) .