ھەنبەھەجەم مازىرى

ۋاقتى:2010-05-06 17:06مەنبە: تەھىرىر:ئارتۇچ ئوغلى ئىزىزجان چېكىلىشى:قىتىم
  


  ھەنبەھەجەم مازىرى-ئۈستۈنئاتۇش يېزىسى ئىكىساق كەنتىنىڭ غەربى شىمال بۇرجىكىگەجايلاشقان ،كۆرۈنىشى ھەيۋەتلىك ،قۇرۇلۇشنىڭ توغرىسىغا كەڭلىگى 13مېتىر ،ئىچىگە سوزۇلغان ئۇزۇنلىقى 17.5مېتىر .ئالدىنقى ئىشىكى قۇرۇلۇشنىڭ ئاساسى گەۋدىسىدىن 1.8مېتىر ئالدىغا چىقىپ تۇرىدۇ،ئىشىكنىڭ كەڭلىگى 3.5مېتىر ،ئاساسى گەۋدىسىنىڭ ئېگىزلىگى 17.5مېتىر ،ئاستىنقى تەرىپى رومبا شەكلىدە ،ئۈستى تەرىپى يۇمىلاق گۈمبەزشەكلىدە،تۆت بۇلۇڭى ۋە ئىككى تەرىپىگە ئالتەدانە يۇمىلاق تۈۋرۈك قويۇلغان.مەسچىتنىڭ ئارقىسىدا خەتمە قىرائەت قىلىدىغان قىرائەتخانىسى بار.ئۇنىڭ ئۇزۇنلىقى 24مېتىر ،كەڭلىگى 4.8 مېتىر ،مەسچىتنىڭ ئالدىدا بىر كۆل بار،دەل –دەرەخلەر بۈك –باراقسان.كۈز ۋە ياز پەسىللىرىدە تېخىمۇ كۆركەم بولۇپ كېتىدۇ.ھەنبە ھەجەم مازىرىنىڭ بىناكارلىقى ئىسلام پاسونىدا بولۇپ ،قۇرۇلمىسى پۇختا ،ئۆگزىسى گۈمبەز شەكلىدە،گۈمبىزى سىرلىق پىششىق قىش ،گەج،قۇم ۋە لاي بىلەن سېلىنغان.ياغاچ ۋە پولات قاتارلىق ماتېرياللار زادى ئىشلىتىلمىگەن.قەبرە ئىچىنىڭ تۈۋى قىسمىدا24دەرىزە بار.بىر ئىشىكى شەرققە قاراپ تۇرىدۇ.ئۇنىڭدىن باشقا10مېتىر ئىگىزلىكتە ھاۋا ئۆتىشىدىغان بىر تۈڭلۈك بار. www.iz.la


ئۈستۈنكى قىسمىدا 36 تاكچە بار.شەرق ،جەنۇب،غەرب،شىمال تەرىپىگە بىردىن مېھراپ قويۇلغان.ئايلانما پەلەمپەي  ئىشىكىنىڭ ئوڭ تەرىپى بىلەن ئۆگزىگىچە چىقىدۇ.سىرلىق قىشنىڭ رەڭگى خۇددى ھازىر قۇيغاندەك نۇر چېچىپ تۇرىدۇ.ياغاچ ۋەرەڭلىك قىشلارغا كۆركەم رەسىملەر ئىنچىكلىلىك بىلەن ئويۇلغان.كۆركەملىك دەرىجىسى قەشقەردىكى ئىپارخان مەقبەرىسىنىڭ ھۈنەر سەنئىتىدن قېلىشمايدۇ.ئۆينىڭ ئىچىدىكى تامغا يېزىلغان:
<<  دوستلار بۇئىمارەتنى كىمنىڭ سالغانلىقىنى بىلەمسىلەر ؟ئۇلار مۇھەممەتئېلى ھاجى ،نىياز ئاخۇن ،ئەبەي موللاقاتارلىق ئۇستازلاردۇر>> دىگەن خەتلەر ھازىرغىچە ئېنىق كۆرۈنۈپ تۇرىدۇ.بۇ قۇرۇلۇش ئۇيغۇر ئارخىتىكتور ( بىناكارلىق ئۇستىسى)لىرنىڭ يۈكسەك دەرىجدىكى بىناكارلىق ماھارىتى ۋە ھۆنە سەنئىتىنى نامايەن قىلىدۇ.ھەنبە ھەجەم مازىرى 19-ئەسىرنىڭ ئاخىرقى مەزگىللىرىدە سېلىنغان .(ئۇنىڭدىن ئىلگىرى خام قىش بىلەن سېلىنغان بولۇپ ،كۆلىمى ھازىرقىدىن كىچىك ئىكەن)بولۇپ 1902-يىلىدىكى سەككىز بال قاتتىق يەر تەۋرەشكە بەرداشلىق بەرگەن.لېكىن ھازىر قەبرىنىڭ لەمپە قىسمىغا چاك كەتكەن  بولسىمۇ يەنىلا مۇستەھكەم قەد كۆتۈرۈپ تۇرماقتا.

copyright by www.iz.la


------------------------------------------------------------------------------------------------------------ ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تور


<<ئاتۇش ناھىيىسىنىڭ يەر نامىلىرى  تەزكىرىسى>>دىن بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن

ئارتۇچ تورى  دىن ئارتۇچ ئوغلى تەرپىدىن يوللاندى     ئارتۇچ تورى   

ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!

ئالىم ئابدۇشۇكۈر مەمتىمىن: «ئارتۇچ دىگەن بۇ جۇغراپىيىلىك نامىمۇ قارا ئارچا (ئارتۇچ) دەرخىدىن ئىلىنغان بولۇپ، (ئار تۇپزارلىق) دېگەن مەنىنى بىلدۈرەتتى». «كىيىنكى مەزگىلىلەردە مۇھىتنىڭ تەبىئىي ۋە سۇنئىي ۋاستلەر بىلەن قۇرغاقلىشىش، يەر ئاستىن سۈيىنىڭ 10 مىتىردىن كۆپرەك تۆۋەنلەپ كېتىشى بىلەن ئارتۇچ دەرىخى قۇرۇپ كەتكەن» دەپ ئىلمىي ئاساستا ئىسپات قىلغان.  
قەدىمى ئىسىم يىڭىچە تىخنىكا بىلەن  قەلىبلەردىن ئۆچمىسۇن

  تور دۇنياسىدىكى چاقنىغان يۇلتۇز - ئىز تورى!



   
ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!

( ئالاھىدە ئەسكەرتىش: مەزكۇر ماقالىنىڭ ھوقۇقى گە تەۋە )
ياخشىكەن
(25)
83.3%
ئالقىشلايمەن
(5)
16.7%
------分隔线----------------------------
تەۋىسسيەلىك
  • شىنجاڭدىكى كۆپ خىل تىل خاتىرىلەنگەن قەدىمكى يېزىقلار

    قەدىمكى دەۋرلەردە شىنجاڭ غەرب بىلەن شەرق ئوتتۇرىسىدا سودا ۋە مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇشنىڭ مۇھىم تۈگۈنى، زامانىسىدىكى خەلقئارا سودا – مەدەنىيەت چوڭ بازىرى ئىدى. شىنجاڭنىڭ يەر ئۈستى، يەر ئاستىدىن بايقالغان تارىخىي ماددىي پاكىتلار، مەدەنىيەت – سەنئەت دۇردانىلىرى...

  • نورۇزلۇق ئوۋ پائالىيىتى ئاقچى ناھىيىسىدە ئۆتكۈزۈلدى

    3-ئاينىڭ 20-كۈنى جۇڭگونىڭ بۈركۈت ماكانى دەپ نام ئالغان شىنجاڭ ئاقچى ناھىيىسى سۇمتاش يېزىسىدا نورۇز بايرىمىنى تەبرىكلەش مۇناسىۋىتى بىلەن كوللېكتىپ ئوۋ پائالىيىتى ۋە ئوۋ بۈركۈتلىرىنىڭ ماھارەت كۆرسىتىش مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈلدى . يەرلىك قىرغىز ئوۋچىلىرىنىڭ قولىد...

  • پىچان ناھىيىسى مەدەنىيەت قۇرۇلۇشىغا ئايانماي مەبلەغ سالدى

         ئىختىيارى مۇخبىرىمىز مىجىت ئىبىراھىم خەۋىرى : يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ، پىچان ناھىيسى مەبلەغ سېلىنمىسىنى زورايتىپ ، مەدەنىيەت ۋە تەشۋىقات ئەسلىھەلىرى قۇرۇلۇشىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ ، مەدەنىيەت ئارقىلىق پىچاننى تەشۋىق قىلىشقا پۇختا ئاساس سالدى .        ب...

  • شايارلىق پىشقەدەم ھۈنەرۋەن دۆلەت دەرىجىلىك غەيرى ماددىي مەدە

        ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز مۇھەممەد سەمەد خەۋىرى : يېقىندا، شايارلىق 80 ياشلىق پېشقەدەم ھۈسەن مەمەت 3 – تۈركۈمدىكى ۋەكىللىك خاراكتېردىكى دۆلەت دەرىجىلىك غەيرى ماددىي مەدەنىيەت مىراسى ۋارسىلىرى قاتارىغا كىرگۈزۈلدى . بۇ ئاقسۇ ۋىلايىتىگە نىسبەتەن بىردىنبىر دۆ...

  • شىنجاڭدىكى تۇنجى گىلەم مۇزېي خوتەن ناھىيىسىدە ئېچىلدى

    يۇپۇق ئېچىش مۇراسىمى      17 – ئاۋغۇست ، شىنجاڭدىكى تۇنجى گىلەم مۇزېي خوتەن ناھىيىسىدە ئېچىلدى . مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ سابىق مۇئاۋىن باشلىقى ئىسمائىل ئەمەت ۋە ئاپتونوم رايوننىڭ مۇئاۋىن رەئىسى خۇ ۋېي مۇزېينىڭ يۇپۇقىنى ئاچتى . كۆرگە...

  • ئۆچمەس ئىزلار ئارقىلىق نۇرلىنىۋاتقان ھايات

        مېھرىگۈل ناسىر خەۋەر قىلىدۇ: شىنجاڭ مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى ئارخېئولوگىيىلىك تەكشۈرۈش – تەتقىق قىلىش ئورنىنىڭ باشلىقى، تەتقىقاتچى ئىدىرىس ئابدۇرۇسۇل ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ زور ئارخېئولوگىيىلىك قېزىش ئىشلىرىغا رىياسەتچىلىك قىلىپ ۋە قاتنىشىپ، بۇ خىزمە...