ئىزدىنىش ۋە تەرەققىيات (ئۇستۈنئاتۇش مائارىپىنىڭ بۈگۈنى ھەققىدە)

ۋاقتى:2010-05-06 17:48مەنبە: تەھىرىر:ئارتۇچ تورى دىكى ئارتۇچ ئوغلى چېكىلىشى:قىتىم
  

ئىزدىنىش ۋە تەرەققىيات

بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن


(ئۇستۈنئاتۇش مائارىپىنىڭ بۈگۈنى ھەققىدە)

مەن ئىز تورىغا بەك ئامراق


2007- يىل 4- دىكابىر ى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى


ئۇيغۇر يېڭى مائارىپىنىڭ بۆشۈكى بولغان ئۈستۈنئاتۇشتا 1885-يىلى ھۈسەن مۇسابايوف بىلەن باھاۋۇدۇن مۇسابايوف باشلىقچىلىقىدا جاھالەت كىشەنلىرى پاچاقلاپ تاشلىنىپ، يېڭىچە مەكتەپ قۇرۇلغاندىن بۇيان ئۈستۈنئاتۇش يېزا مائارىپى ئاپتونوم رايونىمىز مائارىپىدىكى بايراقدار بولۇپ كەلمەكتە. ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!


ساپا  مائارىپى يولغا قويۇلغاندىن بۇيان يۇقىرى دەرىجىلىك ئورۇنلارنىڭ قوللىشى ۋە كەڭ مائارىپچىلارنىڭ تىرىشچانلىقى ئارقىسىدا ئۈستۈنئاتۇش مائارىپى يېڭىچە، جۇشقۇن ھاياتى كۈچكە ئىگە بولۇپ تېخىمۇ تەرەققىي قىلدى. بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن


ئۈستۈنئاتۇش يېزىسى ئاتۇش شەھىرىنىڭ غەربى شىمالىغا جايلاشقان. يېزا ئىگىلىكنى ئاساس قىلغان چوڭ يېزىلارنىڭ بىرى. بۇ يېزىدا 44 مىڭ نوپۇس،     43 مىڭ مو يەر  بار بولۇپ، نوپۇس كۆپ، تىرىلغۇ يەر ئاز، سۈيى كەمچىل بولغاچقا، ئىلىم – پەنگە، مائارىپقا تايىنىش، ئىقتىسادنى گۈللەندۈرۈش، ئىگىلىكنى تەرەققى قىلدۇرۇشنىڭ مۇھىم چىقىش يولىنىڭ بىرى. بۇ نۇقتىنى كەڭ ئۈستۈنئاتۇش خەلقى، جۈملىدىن يېزىلىق پارتكوم، ھۆكۈمەت، مائارىپ باشقۇرۇش تارماقلىرى تولۇق چۈشىنىپ يەتكەچكە، ھەممە بىردەك ھەرىكەتكە كىلىپ مائارىپقا يۈرۈش قىلىش، ئەۋلادلارنى ئاخىرغىچە تەربىيلەش، ئومۇمى كىشىلەر ئورتاق كۆڭۈل بۆلىدىغان نىشانغا ئايلاندى. بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن


1. ئاساسىي ئەھۋال

www.iz.la


ئۈستۈنئاتۇش يېزىسىدا ھازىر بىر تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ، ئۈچ تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ، 18 باشلانغۇچ مەكتەپ بار بولۇپ، جەمئىي 7222 نەپەر ئوقۇغۇچى ئۆزىنىڭ گۈزەل كەلگۈسىنى يارىتىش ئۈچۈن تىرىشىپ ئوقۇماقتا. 774 نەپەر ئوقۇتقۇچى-خىزمەتچى ئىلىم شەيدالىرى ئۈچۈن پۈتۈن ۋۇجۇدىنى ئاتاپ،  ھارماي ئىزدىنىپ، مىللەتنىڭ ئەتىسىنى ياراتماقتا.  ھەر قايسى مەكتەپلەر ساپا مائارىپىنىڭ تەلىۋىگە ئاساسەن يېڭىچە ئوقۇتۇش ئەندىزىسى بەرپا قىلىشقا، دەرسخانا ئوقۇتۇشىنى ئەلالاشتۇرۇشقا ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەقىل بۇلىقىنى ئىچىپ، ئۆگىنىش ئادىتىنى يېتىلدۈرۈشكە ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىپ كەلدى. يېڭى دەرس ئىسلاھاتىنىڭ تەلىۋىگە ئاساسەن باشقۇرۇشنى مۇلازىمەتكە ئۆزگەرتىش، تەربىيىلەش ئۇسۇلىدىكى نەزەرىيەنى ئەمەلىيەتكە ئۆزگەرتىش، باھالاش ئۇسۇلىدىكى  بىر خىللىقنى كۆپ خىللىققا ئۆزگەرتىش، ئوقۇ – ئوقۇتۇشنى ئىلىمى باشقۇرۇشقا ئۆزگەرتىشتىن ئىبارەت تەرەققىيات يۈزلىنىشىنى بارلىققا كەلتۈردى. بۇنىڭ بىلەن رەھبەرلىك باشقۇرۇش مىخانىزىمى، ئوقۇتقۇچىلارنى تەربىيىلەش مىخانىزىمى، باھالاش مىخانىزىمى مۇكەممەللەشتى.

ئىز تورى www.iz.la


2.مائارىپنى تەرەققىي قىلدۇرۇشتىكى تەدبىرلەر

ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!


ئۈستۈنئاتۇش يېزىلىق پارتكوم، ھۆكۈمەت مائارىپنى ئالدىن تەرەققىي قىلدۇرۇش سىتراتىگىيەسىگە ئاساسەن يېزا مائارىپىنى تەرەققى قىلدۇرۇش  تەدبىرلىرىنى تۈزۈپ چىقتى. ئالدى بىلەن مەكتەپلەرنىڭ قاتتىق دىتال قۇرۇلۇشىنى ئۆزگەرتىش، ياخشىلاش قۇرۇلۇشى چىڭ تۇتۇلۇپ %90 تىن ئارتۇق مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇتۇش بىناسى يېڭىلىنىپ، زامانىۋى ئۈسكىنىلەر بىلەن سەپلەندى. شۇنداقلا ھەممە مەكتەپتە باغچىلاشقان مەكتەپ مۇھېتى بەرپا قىلىپ، ئۆسمۈرلەرنىڭ ئازادە مۇھىتتا خاتىرجەم بىلىم ئىلىشى شارائىت بىلەن تەمىن ئىتىلدى.

ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!


نامرات ئائىلە پەرزەنتلىرى ۋە ئالاھىدە ياخشى ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچىلارنىڭ قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلىش ۋە ئۇلارغا ياردەم بېرىش ئۈچۈن يېزىلىق پارتكوم ھۆكۈمەت ئۈستۈنئاتۇشتىكى 2500 دىن ئارتۇق ئىشچى خىزمەتچىلەرنى ھەرىكەتلەندۈرۈپ، ھەر ئايدا جۇغلانما توپلىنىدىغان مائارىپ فوندى قۇرۇپ چىقتى. بۇ فوندىدىن ۋە يېزا مالىيەسىدىن ھەر يىلى 50 مىڭ يۈەن ئەتراپىدا مەبلەغ ئاجرىتىپ، ئالىي مەكتەپلەردە ئوقۇۋاتقان  قىيىنچىلىقى ئىغىر ئوقۇغۇچىلار، يېزا ئىچىدىكى نامرات ئائىلە پەرزەنتلىرى ۋە كىسەل ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئوقۇشىنى تولۇق داۋاملاشتۇرۇش ئۈچۈن شارائىت يارتىپ بەردى. بۇ يېزا يەنە ئالىي مەكتەپلەرنى پۈتتۈرۈپ، يۇقۇرىلاپ ئاسپرانتلىقتا، دوكتۇرلۇقتا ئوقۇماقچى بولغان ياكى ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچىلارغا ئىلھام بېرىش ئۈچۈن ھەر يىلى ھەر بىرى ئۈچۈن 5000 يۈەن مۇكاپات بېرىش  تۈزۈمىنى يولغا قويدى. ھازىرغىچە بۇ مۇكاپاتتىن بەھرىمان بولغانلار  ئالتە نەپەرگە يەتتى.

ى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى


ئۇنىدىن باشقا يېزىلىق رادىئو – تېلېۋىزىيە پونكىتى، ھەر قايسى مەكتەپلەر تەشۋىقات سالمىقىنى كۈچەيىتكەچكە  كەڭ خەلق ئاممىسىنىڭ چوڭ مائارىپ ئىدىيەسى تېخىمۇ يۇقىرى كۆتۈرۈلۈپ، مائارىپنى قوللاش، مەكتەپلەرگە ياردەم  قىلىش دولقۇنى، ئەۋلادلارنىڭ كەلگۈسىگە كۆڭۈل بۆلۈش قىزغىنلىقى كۆتۈرۈلۈپ، كىشىنى سۆيۈندۈرىدىغان خۇشاللىنارلىق ھەم قىممەتلىك مەرىپەت روھى روياپقا چىقتى. بۇ يېزىدىكى ئالدىن بىيىغانلار، مەرىپەتپەرۋەرلەر ھەر يىلى مەكتەپ شارائىتىنى ياخشىلاش ئۈچۈن بەرگەن ئىئانىسى  300 مىڭ يۈەندىن ئاشىدۇ. بۇ يېزا خەلقىدە ئىلىم سۆيەر روھ ۋە پەرزەنتلەرنى ياراملىق تەربىيىلەش ئىستىكى ئىنتايىن كۈچلۈك بولۇپ، پەرزەنتلەرنىڭ گۈزەل ئەتىسى ۋە ئىستىقبالى ئۈچۈن بارلىقىنى بېغىشلايدىغان قۇربان بېرىش روھى يىتىلگەن . بىرقىسىم ئائىلىلەر شۇنچە نامرات بولسىمۇ، دېھقانچىلىقتىن سىرت تۈرلۈك ھۈنەر كەسىپلەر بىلەن شۇغۇللىنىپ پۇل تېپىپ، غورىگۇل تۇرمۇشقا رازى بولغان ھالدا پەرزەنتلىرىنى ئالىي مەكتەپتە ئوقۇتۇش ئۈچۈن زور بەدەللەرنى تۆلەپ كەلمەكتە. شۇڭا باشقا يۇرتلۇقلارنىڭ نەزىرىدە ئۇستۈنئاتۈش خەلقى "بىر بالىنى ئوقۇتۇش ئۈچۈن ئالتىسى كەينىدىن پالاقلايدىغان خەلق" ، "بالىسىنىڭ ئوقۇشى ئۈچۈن ئۆيىنى سېتىۋىتىشتىن يانمايدىغان خەلق" دىگەندەك ئىبارىلەر بىلەن سۈپەتلىنىدۇ. بۇنىڭغا بۇ يېزىدىكى ھەر بىر ئائىلىدە كەم دىگەندە بىر نەپەر دۆلەت خىزمەتچىسىنىڭ يېتىشىپ چىقىشى دەلىل بولالايدۇ. ھازىر ئۇستۈنئاتۇش يېزىسىدا دەم ئېلىشقا چىققانلارنى قوشقاندا 3500 نەپەر ، رايونىمىز ۋە مەملىكىتىمىزنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا 4000 نەپەردىن ئارتۇق ئىشچى- خىزمەتچى جەمئىيەتنىڭ ھەر قايسى قاتلاملىرىدا سوتسىيالىستىك قۇرۇلۇش ئۈچۈن تۆھپە قوشماقتا. ئۇستۈنئاتۇش يېزىلىق پارتكوم، ھۆكۈمەت ئۇچ ياكى ئۇنىڭدىن ئارتۇق پەرزەنتلىرىنى ئالىي مەكتەپتە ئوقۇتقان ئائىلىلەرنى مۇكاپاتلاش تۈزىمى يولغا قويۇپ، ھەر يىلى ئۆتكۈزىلىۋاتقان ئوقۇتقۇچىلار بايرىمىنى تەبرىكلەش پائالىيىتىدە ئۇلارنى مۇكاپاتلاپ كەلمەكتە. ئۈستۈنئاتۇش خەلقىنىڭ  بۇ قىممەتلىك مائارىپ روھې شىنجاڭ تېلىۋىزىيە ئىستانسىسى ئاخبارات ئۇنۋېرسال قانىلى "پەن –مائارىپ" پېروگىراممىسىنىڭ 2007- يىل 15-، 16 سانلىرىدا تونۇشتۇرۇلدى.

ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!


3. ئىزدىنىش ۋە تەتقىقات 

بىز ھەممىمىز ئىز تورىنى ياخشى كۆرىمىز!


ئۈستۈنئاتۇش يېزىلىق مەركىزىي مەكتەپ بۇ يېزىدىكى ھەر قايسى ئوتتۇرا، باشلانغۇچ  مەكتەپلەرنىڭ تۈرلۈك  خىزمەتلىرىگە يېتەكچىلىك قىلىدىغان ئورۇن بولۇپ، ئوقۇتۇش سۈپىتىنى ئۆستۈرۈشتە بۇ ئورۇن ئوقۇتۇش تەتقىقاتى  خىزمىتىنى ئەڭ مۇھىم خىزمەتلەر قاتارىدا چىڭ تۇتۇپ ئىشلەپ كەلدى. يېزىلىق مەركىزى مەكتەپ كۆپ دائىرلىك، كۆپ قاتلاملىق مەكتەپ ئوقۇتۇش تەتقىقات تۈزۈمىنى ئورنىتىپ ، ئوقۇتۇش تەتقىقاتىنىڭ يېڭىلىق يارىتىش سەۋىيىسىنى يۇقىرى كۆتۈردى. ئەمەلىيەت داۋامىدا ئۈلگىلىك تىپلار ، كەسپلەر ، تېمىلار ئارقىلىق يېتەكلەش، پائالىيەت ئارقىلىق ئىلگىرى سۈرۈش، باھالاش ئارقىلىق يۆنىلىشىنى بەلگىلەش يولغا قويۇلۇپ، "ئوقۇتۇش، ئۆگىنىش، تەتقىقات، بىلىم ئاشۇرۇش" ئارقىلىق بىرلا ۋاقىتتا تۈرتكە بولىدىغان، ئۈنۈملۈك مەكتەپ ئوقۇتۇش تەتقىقات يولى شەكىللەندۇردى. بۇنىڭ بىلەن كەڭ ئوقۇتقۇچىلار ئوقۇتۇش تەتقىقاتى بولسا ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ساپاسىنى، ئوقۇتۇش سۈپىتىنى، مەكتەپ باشقۇرۇش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈشنىڭ ئۈنۈملۈك يولى ئىكەنلىكىنى سەگەكلىك بىلەن تونۇپ يەتتى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا،بۇ يېزىدا ھەر يىلى «يېڭى دەرسلىك، يېڭى دەرسخانا، يېڭى ئىزدىنىش» تېمىسىدا ئوقۇتۇش تەتقىقات ئىلىمى ماقالە توپلاش، باھالاش پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇلۇپ، جەمئىي 400 پارچىدىن ئارتۇق ماقالە ئىنىچىكىلىك بىلەن باھالاپ چىقىلدى ۋە مۇكاپاتلاندى. بۇ ماقالىلەردىن  250 پارچىدىن كۆپرەكى ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ئوقۇتۇش تەتقىقاتىغا دائىر گىزىت – ژورناللاردا ئىلان قىلىندى. 18 پارچە ماقالە ئاپتونوم رايون بويىچە، 64 پارچە ماقالە قىزىلسۇ ئوبلاستى ۋە ئاتۇش شەھىرى بويىچە ئىلىمى ماقالە باھالاشتا 1-، 2-دەرىجىلىك مۇكاپاتلارغا ئىرىشتى. يېزىلىق مەركىزى مەكتەپتىكى  ئوقۇتۇش تەتقىقات خادىملىرى ئىزدىنىپ «يېڭىلىق يارىتىش مائارىپى ۋە ئەمەلىيىتى» ، «ساپا مائارىپىنى يولغا قويۇش قوللانمىسى»، " تەپەككۈر ئوقۇتۇشى"، "ئىجادىيەت مائارىپى"، " ساپا مائارىپىغا ماس سائەتلىك پىلان لاھېيەسى"،  " پىئونېرلار ئەترەت قوللانمىسى" ، " كۇرژۇك پائالىيەت قوللانمىسى"  قاتارلىق بىر يۈرۈش كىتاب ۋە پايدىلىنىش ماتېرىياللىرىنى تۈزۈپ چىقىپ، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى كەڭ مائارىپچىلار ۋە ئوقۇتقۇچىلارنىڭ پايدىلىنىشى ئۈچۈن سۇندى.  مەركىزى مەكتەپ ھەر يىلى يېڭى يىلنىڭ ھارپا كۈنى ئۈستۈنئاتۇش يېزىسىدىكى پىكرى ئۆتكۈر، نۇتۇق سەۋىيىسى يۇقىرى ئوقۇتقۇچىلاردىن تاللاپ چىقىپ، «مائارىپىمىز ۋە تەرەققىياتىمىز» دىگەن تېمىدا «يېڭى  يىل مۇھاكىمە سالونى » ئۆتكۈزۈپ كىلىۋاتىدۇ. بۇنىڭ بىلەن ئوقۇتقۇچىلارنىڭ مۇنازىرە ۋە مۇلاھىزىسى ئۈچۈن كەڭ سورۇن ھازىرلىنىپ،  مائارىپ،  دەۋر، تەرەققىيات، رىقابەت، كىرزىس، ئۈستىدە چوڭقۇر سۆھبەتلەر ۋە لىكسىيەلەر ئىلىپ بېرىلىپ، ئۈستۈنئاتۇش مائارىپىنىڭ، جۇملىدىن مىللىي مائارىپنىڭ بۈگۈنگە باھا بېرىلىپ، ئەتىسى ئۈچۈن ئۈنۈملۈك ئۇسۇللار ئوتتۇرىغا قويۇلىۋاتىدۇ. يېزىلىق مەركىزىي مەكتەپنىڭ موشۇنىڭغا ئوخشاش ئوقۇتۇش تەتقىقات خىزمەتلىرىگە سېلىۋاتقان مەبلىغى ھەر يىلى 20مىڭ يۈەندىن ئاشىدۇ.

ئىز تورى www.iz.la


4. يېڭى دەرس ۋە ئوقۇتقۇچىلارنى تەربىيلەش ئىز تورى www.iz.la


 يېڭى دەرسلىكنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشتە «دۆلەت دەرسلىكىنى قەتئىي ئىجرا قىلىپ، يەرلىك دەرسنى قوللاپ، ئۆز ئالدىغا مەكتەپ دەرسلىكى يارىتىش»، «خەنزۇتىلى دەرسى بىلەن نەزەر دائىرىسىنى كىڭەيتىپ، ئەدەپ – قائىدە دەرسى بىلەن سالاپىتىنى نامايەن قىلىش، ساغلاملىق دەرسى بىلەن تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈش، سەنئەت دەرسى بىلەن پەزىلەتنى تاۋلاش، ئىجتىمائىي ئەمەلىيەت  بىلەن ئىقتىدارىنى يېتىلدۈرۈش» تەك دەرسلىك باشقۇرۇش ئالاھىدىلىكى شەكىللەندۈرۈلدى.

ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!


ئوقۇتقۇچىلارنى ئىشقا قويۇش ۋە تەكلىپ قىلىشتا بۇ يېزىدا بىر يۇرۇش ئوقۇتقۇچىلارنى تەربىيىلەش تۈزۈمى ۋە تەكلىپ قىلىش تۈزۈمى ئورنىتىلغان . يېڭىدىن ئىشقا چىققان ئوقۇتقۇچىلارنى ئالدى بىلەن ئىككى ھەپتە كەسپىي ، نەزەرىيىۋىي ، ئوقۇتقۇچىلىق كەسپىي ئەخلاقى قاتارلىق جەھەتلەردە مەخسۇس تەربىيلەش ئېلىپ بېرىپ، ئاندىن يېڭى خىزمەت ئورنىدا ئەمەلىي چېنىقتۇرۇپ ئىشقا قويۇش دائىملىق ئادەتكە ئايلاندى. ئوقۇتقۇچىلارنى داۋاملىق تەربىيىلەشتە خىزمەت ئورنىدا تەربىيىلەش، ئىلغار تىپلار ئارقىلىق تەربىيىلەش ، ئېكىسكۇرسىيە قىلدۇرۇش، مەخسۇس تەربىيىلەش ئارقىلىق، ئۇلارنىڭ نەزەرىيىۋى، كەسپىي ساپاسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ، يىلدىن يىلغا جەمئىيەت ئېھتىياجى ۋە دەۋىر تەلىپىگە ماس ئىقتىساسلاشقان ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنى بەرپا قىلىنماقتا.

ى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى


5. نەتىجە ۋە ئۇتۇقلار  

ئىز تورى www.iz.la


شۇنداق، نەتىجە ئىزدىنىشتىن، غەلىبە تېرىشچانلىقتىن كېلىدۇ. يۇقارقى بىر قاتار ئىسلاھاتلاردىن كېيىن ئوقۇغۇچىلاردا جۇشقۇن، روھلۇق كەيپىيات، ئەركىن پىكىرلىك خاراكتېر، ھەمكارلىشىپ ئۆگىنىش روھى، ئۆزلۈكىدىن ئۆگىنىش ئادىتى قاتارلىق ئاكتىپ پىسخىك روھېي ھالەت  شەكىللەندى.   نەتىجىدە ئۈستۈنئاتۇش يېزىسى ۋە ئۈستۈنئاتۇش يېزا ساي باشلانغۇچ مەكتىپى ئاپتونوم رايونىمىز بويىچە "يېڭى دەرسلىك ئىسلاھاتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشتىكى ئىلغار ئورۇن" بولۇپ باھالاندى. يولچىلا ئوتتۇرا مەكتەپ، بوستان باشلانغۇچ مەكتەپلەر ئوبلاست ۋە شەھەر بويىچە " ئەخلاق تەربىيە خىزمىتىدىكى ئۆلچەمگە يەتكەن ئىلغار ئورۇن " بولۇپ باھالاندى. يېقىنقى بىر قانچە يىلدىن بۇيان ئۈستۈنئاتۇش يېزىسى ۋە مەركىزىي مەكتەپ قىزىلسۇ ئوبلاستى ۋە ئاتۇش شەھېرى بويىچە كۆپ قېتىم" مائارىپ خىزمىتىدىكى ئىلغار ئورۇن"، " ئىككى ئاساسەن خىزمىتىدىكى ئىلغار ئورۇن " بولۇپ باھالىنىپ مۇكاپاتلاندى. مەن ئىز تورىغا بەك ئامراق


 يىقىنقى ئۈچ يىلدىن بۇيان بۇ يېزىدىن ئىچكىرى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپكە قوبۇل قىلىنغانلار سانى 65 نەپەرگە، شىنجاڭ تولۇق ئوتتۇرا سىنىپىغا قوبۇل قىلىنغانلار 76  نەپەرگە يىتىپ، ئاتۇش شەھىرى ۋە قىزىلسۇ ئوبلاستى بويىچە ئالدىنقى قاتاردا تۇردى.

ئىز تورى www.iz.la


ئۇنىدىن باشقا ئۆسمۈرلەرنىڭ مەجبۇرىي مائارىپتىن بەھرىمان بولۇش نىسبىتى %100 گە، تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپكە ئومۇملىشىش نىسبىتى %66.1  گە يىتىپ، ئاپتونوم رايونىمىز بويىچە ئالدىنقى قاتاردا تۇردى.

ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!


مەرىپەت مەشئىلى تۇنجى قېتىم لاۋۇلدىغان بۇ خاسىيەتلىك ماكانداباشقۇرۇش سۈپىتى يۇقۇرى ،تۈزۈملىرى ئىلغار ، مۇكەممەل بولغان ئاتۇش شەھەرلىك 2-ئوتتۇرا مەكتەپ بۇ يېزىدا تەسىس قىلىنغان،بۇ مەكتەپ ئاتۇش شەھرىدىكى بىردىن -بىرتولۇق ئوتتۇرامەكتەپ بولۇپ، ھەر يىلى رايونىمىز  ۋە مەملىكىتىمىزنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى  ئالىي مەكتەپلەرگە مۇنەۋەر ئوقۇغۇچىلارنى يەتكۈزۈپ بەرمەكتە.2005-يىلى358ئوقۇغۇچىنى،2006-يىلى397ئوقۇغۇچىنى،2007-يىلى458ئوقۇغۇچىنى نۇمۇر چېكى بويىچە   ئالىي مەكتەپلەرگە يەتكۈزۈپ بەردى. بۇ سان ئاپتونوم رايونىمىزدىكى دەۋرداش يېزىلارنىڭ ئالدىنقى قاتارىدا تۇرۇپلا قالماي، بىر قىسىم كۆپ نوپۇسلۇق ناھىيەلەرنىڭ ئالدىدا تۇرىدۇ.

ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!


ئۈستۈنئاتۇش يېزىسى ئوقۇتقۇچىلارنىڭ تەربىيىلەشكە، ئۇلارنىڭ ئۇنىۋىرسال ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشكە ئالاھىدە ئەھمىيەت بەرگەنلىكتىن يىقىنقى بەش يىلدىن بۇيان، ماتېماتىكا، ئەدەبىيات، تەبىئەت، ئەخلاق ۋە تۇرمۇش، ئۇنىۋىرسال ئەمەلىيەت قاتارلىق دەرسلەردە مەملىكەت دەرىجىلىك ئوقۇتۇش ماھىرىدىن بىرى، ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك ئوقۇتۇش ماھىرىدىن15 نەپىرى، ئوبلاست، شەھەر دەرىجىلكى ئوقۇتۇش ماھىرلىرىدىن 87 نەپىرى بارلىققا كىلىپ، ئوقۇتقۇچىلار ساپاسىنىڭ يۇقىرى كۆتۈرۈلىشىگە بىۋاستە تۈرتكە بولدى. ئىز تورى بەك ياخشى


يېزىلىق مەركىزىي مەكتەپ ئۆسمۈرلەرنىڭ ئوقۇشتىن بۇرۇنقى تەربىيەسىنى چىڭ تۇتۇش ئۈچۈن، يۇقىرىنىڭ قوللىشىنى، مەرىپەتپەرۋەر ئاكتىپ كۈچلەرنىڭ ماسلىشىشىنى قولغا كەلتۈرۈپ، 200مىڭ يۈەن مەبلەغ سېلىپ، بۇ يېزىنىڭ تۆت كەنتىگە يۈرۇشلەشكەن "قوش تىللىق بالىلار باغچىسى" قۇرۇپ چىقتى. بۇ شىنجاڭ مىقياسىدىكى يېزىلارنىڭ ئۆرنىكى بولۇپ، 2006-يىلى شىنجاڭ تېلىۋېزىيە ئىستانسىسى ئاخبارات ئۇنۋېرسال قانىلى " كۆڭۈلدىكى سۆز" پىروگىراممىسىدا " مېھرى-شەپقەت يەسلى" مائارىپى دىگەن تېمىدا پۈتۈن شىنجاڭغا تەشۋىق قىلىندى.  ئىلغار تەجىربىلەرنى ئومۇملاشتۇرۇش ئۈچۈن قىزىلسۇ ئوبلاستىدىكى ئۈچ ناھىيە ۋە بىر شەھەر بويىچە ئىككى قېتىم نەق مەيدان يىغىنى ئىچىلدى. قەشقەر ۋىلايىتىدىكى خوشنا ناھىيە شەھەرلىرىنىڭ ئوقۇتقۇچى ۋە كەسپىي خادىملىرى ئون نەچچە قېتىم تەجىرىبە ئالماشتۇرۇشقا كېلىپ ، ئۇستۈنئاتۈش مائارىپىنىڭ ئوقۇتۇش سۈپىتىنى مۈئەييەنلەشتۈردى.

بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن


6. مول مەزمۇنلۇق پائالىيەتلەر ى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى


ئۇستۈنئاتۇش يېزىسىدا ھەر يىلى تۇرلۈك تېمىلاردا ئوقۇغۇچىلار پائالىيەتلىرى ئۆتكۈزۈلۈپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆز ماھارەتلىرىنى نامايەن قىلىدىغان سورۇن ھازىرلىنىپ كېلىۋاتىدۇ. بۇنىڭ ئىچىدە " نەق مەيداندا ماقالە يېزىش مۇسابىقىسى"، " كۆپ خىل ماھارەت مۇسابىقىسى"، " غۇنچىلار لوڭقىسى پوتبول مۇسابىقىسى" قاتارلىقلار گەۋدىلىك بولۇپ ،  ئوقۇغۇچىلار ئەركىن ھالدا دەرستىن سىرتقى پائالىيەتلىرىگە قاتناشتۇرۇلۇپ، ئۇلارنىڭ ئەقىل بۇلىقى ئىچىلىپ، يوشۇرۇن ئىقتىدارىنى قىزىپ چىقىشىغا ئەھمىيەت بېرىلمەكتە. بۇنىڭ بىلەن بۇ يېزىدىن ماتېماتىكا  ئولىمپىك مۇسابىقىسىدە 84 نەپەر ئوقۇغۇچى 1-، 2-دەرىجىگە ئىرىشتى. ئاپتونوم رايونىمىز بويىچە ئۆتكۈزۈلگەن تەبىئەت بىلىملىرى، «ئولىمپىكنى سۆيىمەن» دىگەن تېمىدىكى تەنتەربىيە بىلىملىرى زىھىن سىناش مۇسابىقە پائالىيەتلىرىدە 27 نەپەر ئوقۇغۇچى 1-، 2-دەرىجىگە ئىرىشىپ مۇكاپاتلاندى. " ئۇمىد چېچەكلىرى"، "تارىم غۇنچىلىرى"، " پەرۋاز" قاتارلىق بالىلار مەتبۇئاتلىرىدا ئوقۇغۇچىلارنىڭ 213 پارچە تۇرلۈك ژانىردىكى ئەسەرلىرى ئېلان قىلىندى. ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!


ئۇيغۇر تەنتەربىيە ھەركىتىنىڭ باھادىرى بولغان تۇرسۇن ئەپەندى باشلىغان ئۇيغۇر پوتبولچىلىق ئەنئەنىسىگە ۋارىسلىق قىلىش، ئەجداتلار ئىزىدىن گۇل ئۈندۈرۈش ھەر بىر ئۇستۇنئاتۇشلۇقنىڭ مۇقەددەس بۇرچى. ئۇستۈنئاتۇش يېزىسىدا ئون نەچچە يىلدىن بۇيان كەسكىن رىقابەتكە تولغان  " غۇنچىلار لوڭقىسى پوتبول مۇسابىقىسى" ئىزچىل تۈردە ئۆتكۈزۈلۈپ، مۇقەددەس مەشئەلنى تېخىمۇ جۇلالاندۇرماقتا. 2006- يىلى مەملىكەت بويىچە ئۆتكۈزۈلگەن " جىيەن لى باۋ" لوڭقىسى ئۆسمۇرلەر پوتبۇل مۇسابىقىسىگە بۇ يېزىدىن ئۇچ نەپەر ئەزىمەت شىنجاڭغا ۋاكالىتەن قاتنىشىپ، مەملىكەت بويىچە 2- دەرىجىگە ئېرىشىپ ئاپتونوم رايونىمىز ۋە ئاتۇش شەھىرىگە شان شەرەپ ئېلىپ كەلدى. 2007- يىلى ئۇستۇنئاتۇش يولچىلا ئوتتۇرا مەكتەپ پوتبول كوماندىسى ئاپتونوم رايون بويىچە ئۆتكۈزۈلگەن " 13 ياشلىق ئۆسمۈرلەر پوتبۇل مۇسابىقىسى"دە 5- دەرىجىگە ئېرىشىپ ئۆزىنىڭ يۇكسەك ماھارىتى بىلەن قاتناشقۇچىلار ۋە تاماشىبىنلار ئىچىدە كۈچلۈك تەسىر قوزغىدى. 2006- يىلى 10- ئايدا مەركىزىي تېلىۋىزىيە  ئىستانسىسى 1- يۈرۈش قانىلىنىڭ " جۇڭخۇا مىللەتلىرى" پىروگىراممىسىدا " يۇز يىللىق پوتبول كەنتى" تېمىسىدا مەخسۇس فېلىم كۆرسىتىلىپ، ئۈستۈنئاتۈش يېزىسىنىڭ، جۇملىدىن ئۇيغۇرلارنىڭ پوتبول تارىخى ۋە ھازىرقى پوتبول سەۋىيەسى پۈتۈن مەملىكەتكە تونۇشتۇرۇلدى.   ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!


2004-،2005- يىللىرى مەملىكەت بويىچە ئۆتكۈزۈلگەن «ئالتۇن شار لوڭقىسى»، «ئەجدىھا ئاۋازى لوڭقىسى» گۈزەل سەنئەت، ھۆسىنخەت  ئەسەرلىرى مۇسابىقىسىدە  4 نەپەر ئوقۇغۇچى ئالماس مۇكاپاتقا، 21 نەپەر ئوقۇغۇچى ئالتۇن، كۈمۈش، مۇنەۋۋەر ئەسەر مۇكاپاتىغا ئىرىشتى. بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن


2006-، 2007- يىلى ئېلىپ بېرىلغان خەلقئارا IPH گۈزەل سەنئەت ئەسەرلىرى مۇسابىقىسىدە بۇ يېزىدىن 29 نەپەر ئوقۇغۇچى 1-،2-،3-، دەرىجىلىك مۇكاپاتلارغا ئىرىشىپ، پۈتۈن يېزىغا  ، ئاتۇش شەھىرى، قىزىلسۇ ئوبلاستىغا شەرەپ كەلتۈردى. ھازىر بۇ يېزىدىن سەككىز نەپەر ئوقۇغۇچىنىڭ گۈزەل سەنئەت ئەسىرى ياپونىيەنىڭ توكيو شەھېرىدە كۆرگەزمە قىلىنماقتا.

بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن


7.دۇنيا بىلەن تۇتۇشۇش

بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن


 ئۈستۈنئاتۇش مائارىپىدىكى ئىلغار تەجرىبىلەرنى پۈتۈن شىنجاڭغا، مەملىكەت ۋە دۇنياغا تونۇشتۇرۇش،  مەقسىتىدە يېزىلىق مەركىزىي مەكتەپ 5000 يۈەن مەبلەغ ئاجرىتىپ 2005-يىلى 12-ئايدا سىستېمىلاشقان «ئۈستۈنئاتۇش مائارىپى(www.uamaarip.com)» تور بىكىتىنى قۇرۇپ چىقتى. ھەمدە مەخسۇس توربەت باشقۇرۇش خادىمى بەلگىلەپ تور بىكەتنىڭ بىخەتەر، تەرتىپلىك بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىندى.  ھەم بارلىق ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپلەرگە تور ئۇلاپ، ئوقۇتقۇچىلار ئۈچۈن  مائارىپ ھەققىدە ئەركىن مۇنازىرە  قىلالايدىغان،  ئۆز قاراشلىرىنى، تەتقىقاتلىرىنى بىمالال ئوتتۇرىغا قويالايدىغان، مائارىپ ئۇچۇرلىرىدىن ئورتاق بەھىر ئالالايدىغان سورۇن ۋە بوشلۇق بىلەن تەمىن ئەتتى.

ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!


قىسقىسى ، ئۈستۈنئاتۇش مائارىپى دەۋىر قەدىمىگە ماس ھالدا ، ئۆزىگە خاس ئالاھدىلىكلەر ئارقىلىق رايونىمىزغا تەسىر كۆرسىتىپ، جۇشقۇن قەدەملەر بىلەن ئۇيغۇر مائارىپىنىڭ يارقىن نامايەندىسى سۈپىتىدە ئەۋلاتلارنىڭ ئەتىكى بەختى ئۈچۈن دادىل قەدەم چامدىماقتا. ئىشىنىمىزكى، بۇيۇرتتىن بالقىغان مەرىپەت نۇرى تېخىمۇ  چاقنىغۇسى،  مائارىپىمىزنىڭ قىممەتلىك ئەڭگۈشتىرى بولغان " ھۇسەينىيە روھې" تېخىمۇ جۇلالانغۇسى...

ئىز تورى بەك ياخشى

ئارتۇچ تورى دىن ئارتۇچ ئوغلى تەرپىدىن يوللاندى     ئارتۇچ تورى   

copyright by www.iz.la

 

www.iz.la

ئالىم ئابدۇشۇكۈر مەمتىمىن: «ئارتۇچ دىگەن بۇ جۇغراپىيىلىك نامىمۇ قارا ئارچا (ئارتۇچ) دەرخىدىن ئىلىنغان بولۇپ، (ئار تۇپزارلىق) دېگەن مەنىنى بىلدۈرەتتى». «كىيىنكى مەزگىلىلەردە مۇھىتنىڭ تەبىئىي ۋە سۇنئىي ۋاستلەر بىلەن قۇرغاقلىشىش، يەر ئاستىن سۈيىنىڭ 10 مىتىردىن كۆپرەك تۆۋەنلەپ كېتىشى بىلەن ئارتۇچ دەرىخى قۇرۇپ كەتكەن» دەپ ئىلمىي ئاساستا ئىسپات قىلغان.  
 
قەدىمى ئىسىم يىڭىچە تىخنىكا بىلەن  قەلىبلەردىن ئۆچمىسۇن
مەنبە www.uamaarip.com     توربىتى
( ئالاھىدە ئەسكەرتىش: مەزكۇر ماقالىنىڭ ھوقۇقى گە تەۋە )
ياخشىكەن
(9)
100%
ئالقىشلايمەن
(0)
0%
------分隔线----------------------------
تەۋىسسيەلىك
  • نورۇزلۇق ئوۋ پائالىيىتى ئاقچى ناھىيىسىدە ئۆتكۈزۈلدى

    3-ئاينىڭ 20-كۈنى جۇڭگونىڭ بۈركۈت ماكانى دەپ نام ئالغان شىنجاڭ ئاقچى ناھىيىسى سۇمتاش يېزىسىدا نورۇز بايرىمىنى تەبرىكلەش مۇناسىۋىتى بىلەن كوللېكتىپ ئوۋ پائالىيىتى ۋە ئوۋ بۈركۈتلىرىنىڭ ماھارەت كۆرسىتىش مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈلدى . يەرلىك قىرغىز ئوۋچىلىرىنىڭ قولىد...

  • پىچان ناھىيىسى مەدەنىيەت قۇرۇلۇشىغا ئايانماي مەبلەغ سالدى

         ئىختىيارى مۇخبىرىمىز مىجىت ئىبىراھىم خەۋىرى : يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ، پىچان ناھىيسى مەبلەغ سېلىنمىسىنى زورايتىپ ، مەدەنىيەت ۋە تەشۋىقات ئەسلىھەلىرى قۇرۇلۇشىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ ، مەدەنىيەت ئارقىلىق پىچاننى تەشۋىق قىلىشقا پۇختا ئاساس سالدى .        ب...

  • شايارلىق پىشقەدەم ھۈنەرۋەن دۆلەت دەرىجىلىك غەيرى ماددىي مەدە

        ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز مۇھەممەد سەمەد خەۋىرى : يېقىندا، شايارلىق 80 ياشلىق پېشقەدەم ھۈسەن مەمەت 3 – تۈركۈمدىكى ۋەكىللىك خاراكتېردىكى دۆلەت دەرىجىلىك غەيرى ماددىي مەدەنىيەت مىراسى ۋارسىلىرى قاتارىغا كىرگۈزۈلدى . بۇ ئاقسۇ ۋىلايىتىگە نىسبەتەن بىردىنبىر دۆ...

  • شىنجاڭدىكى تۇنجى گىلەم مۇزېي خوتەن ناھىيىسىدە ئېچىلدى

    يۇپۇق ئېچىش مۇراسىمى      17 – ئاۋغۇست ، شىنجاڭدىكى تۇنجى گىلەم مۇزېي خوتەن ناھىيىسىدە ئېچىلدى . مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ سابىق مۇئاۋىن باشلىقى ئىسمائىل ئەمەت ۋە ئاپتونوم رايوننىڭ مۇئاۋىن رەئىسى خۇ ۋېي مۇزېينىڭ يۇپۇقىنى ئاچتى . كۆرگە...

  • ئۆچمەس ئىزلار ئارقىلىق نۇرلىنىۋاتقان ھايات

        مېھرىگۈل ناسىر خەۋەر قىلىدۇ: شىنجاڭ مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى ئارخېئولوگىيىلىك تەكشۈرۈش – تەتقىق قىلىش ئورنىنىڭ باشلىقى، تەتقىقاتچى ئىدىرىس ئابدۇرۇسۇل ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ زور ئارخېئولوگىيىلىك قېزىش ئىشلىرىغا رىياسەتچىلىك قىلىپ ۋە قاتنىشىپ، بۇ خىزمە...