ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز مۇھەممەد سەمەد خەۋىرى : يېقىندا، شايارلىق 80 ياشلىق پېشقەدەم ھۈسەن مەمەت 3 – تۈركۈمدىكى ۋەكىللىك خاراكتېردىكى دۆلەت دەرىجىلىك غەيرى ماددىي مەدەنىيەت مىراسى ۋارسىلىرى قاتارىغا كىرگۈزۈلدى . بۇ ئاقسۇ ۋىلايىتىگە نىسبەتەن بىردىنبىر دۆلەت دەرىجىلىك تۈرنىڭ ۋەكىللىك خاراكتېردىكى ۋارىسى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.
بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
ھۈسەن مەمەت ئۇيغۇرلارنىڭ ئەنئەنىۋى باش كىيىمى بولغان قارا قوي ئەلتېرە تۇماقچىلىقىنىڭ 6 –ئەۋلاد ۋارىسى بولۇپ، 13يېشىدىن باشلاپلا ئۆگىنىشكە كىرىشىپ ، ئەلتېرە تۇمىقى ياساشنى ھازىرغا قەدەر داۋاملاشتۇرۇپ كەلگەن . ئۇ ياسىغان كۈلرەڭ تېرە تۇماق ئىلگىرى 1992 – يىلىدىكى مەملىكەتلىك ئۇچقۇن پىلانى نەتىجىلىرى ۋە پاتنېت تېخنىكىسى ئۈرۈمچى يەرمەنكىسىدە ئەلا سۈپەتلىك مەھسۇلات دىگەن شەرەپلىك نامغا ئېرىشكەن . بۇ پىشقەدەم ئۇستاز شەخسىيەتسىز ئالىجاناپ روھىنى جارىي قىلدۇرۇپ بىر ئۆمۈر ئۈگەنگەنلىرىنى كېىيىكى ئەۋلادلارغا داۋاملاشتۇرۇپ كەلگەن. نۆۋەتتە، شايار ناھىيىسىدە تۇماقچىلىق قىلىدىغانلار 50 تىن ئاشىدۇ .
بىز ھەممىمىز ئىز تورىنى ياخشى كۆرىمىز!