شىنجاڭدىكى كۆپ خىل تىل خاتىرىلەنگەن قەدىمكى يېزىقلار

ۋاقتى:2010-06-07 22:17مەنبە: تەھىرىر:شەبنەم چېكىلىشى:قىتىم
  

قەدىمكى دەۋرلەردە شىنجاڭ غەرب بىلەن شەرق ئوتتۇرىسىدا سودا ۋە مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇشنىڭ مۇھىم تۈگۈنى، زامانىسىدىكى خەلقئارا سودا – مەدەنىيەت چوڭ بازىرى ئىدى. شىنجاڭنىڭ يەر ئۈستى، يەر ئاستىدىن بايقالغان تارىخىي ماددىي پاكىتلار، مەدەنىيەت – سەنئەت دۇردانىلىرى، جۈملىدىن ھەرخىل قەدىمكى تىل – يېزىقلاردا پۈتۈلگەن قوليازمىلار بۇنىڭ دەلىلى. شىنجاڭدىن بايقالغان قەدىمكى يېزىقلارنى تۆت سىستېمىغا ئايرىش مۇمكىن. بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن

    1 . خەنزۇ يېزىقى سىستېمىسىدىكى يېزىقلار: خەنزۇ يېزىقى، تاڭغۇت يېزىقى، قىتان يېزىقى(قىتان چوڭ ۋە كىچىك يېزىقلىرى)، ياپون يېزىقى(شىنجاڭدىن ياپونىيەنىڭ جياڭخۇ دەۋرىدىكى، يەنى مىلادى 17 ، 19 – ئەسىرلەرگە تەۋە ››گۇەنيۇڭ توڭباۋ‹‹مىس يارمىقى بايقالدى).

تور دۇنياسىدىكى چاقنىغان يۇلتۇز - ئىز تورى!

    2 . ئەرەم يېزىقى سىستېمىسىدىكى يېزىقلار: كارۇشتى يېزىقى، سوغدى يېزىقى، مانى يېزىقى، پەھلەۋى يېزىقى، قەدىمكى تۈرك يېزىقى، قەدىمكى ئۇيغۇر يېزىقى، ئىبرانى يېزىقى، ئەرەب يېزىقى، خاقانىيە يېزىقى، پارس يېزىقى (ئەرەبچىدىن كەلگەن)، سۈرىيە يېزىقى(ياكى نېستوران يېزىقى)، قەدىمكى ئۇيغۇرچە موڭغۇل يېزىقى، چاغاتاي يېزىقى، مانجۇ يېزىقى، تود موڭغۇل يېزىقى. ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!


    3 . براھمى يېزىقى سىستېمىسىدىكى يېزىقلار(براھمى يېزىقى ئەسلىدە ئەرەم يېزىقىنىڭ ۋاريانتى بولسىمۇ، ئۇ ئۆز تەرەققىياتىدا ناھايىتى بۇرۇنلا ئەرەم يېزىقى سىستېمىسىدىكى يېزىقلاردىن روشەن پەرقلىنىدىغان بىر خىل يېزىق سىستېمىسىنى شەكىللەندۈرگەن): سولمى(قەدىمكى قاراشەھەر) – كۈسەن يېزىقى، سانسكرت يېزىقى، ئۇدۇن يېزىقى، بارچۇق يېزىقى(تۇمشۇق تىلى ياكى گيازدى تىلى خاتىرىلەنگەن يېزىق. ئىلگىرى بۇ يېزىق سۇلى قەدىمكى قەشقەر يېزىقى دەپمۇ ئاتالغان)، قەدىمكى تېبەت يېزىقى، سولمى – كۈسەنچە ئۇيغۇر يېزىقى، باسپا يېزىقى.

ئىز تورى بەك ياخشى

    4 . فىنىك يېزىقى سىستېمىسىدىكى يېزىقلار: گىرىك يېزىقى، لاتىن يېزىقى، ئېفتالىت يېزىقى(گىرىك يېزىقىنىڭ تېز يازما نۇسخىسى). www.iz.la


    يۇقىرىقى يېزىقلاردا خاتىرىلەنگەن تىللارمۇ تۆت چوڭ سىستېمىغا بۆلۈنىدۇ: ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!


    1 . ھىندى – ياۋروپا تىل سىستېمىسىغا تەۋە تىللار: سولمى – كۈسەن تىللىرى (توخرى تىلى A ، B دەپمۇ ئاتىلىدۇ)، گاندارا تىلى(ئىلگىرى پراكرىت تىلى، نىيە ئاۋام تىلى دەپمۇ ئاتالغان)، سانسكرت تىلى، ئۇدۇن تىلى، سوغدى تىلى، گيازدى تىلى (مارالبېشى ناھىيەسى تەۋەسىدىكى توققۇزساراي قەدىمكى شەھەر خارابىسى ۋە تۇمشۇق بۇددا ئىبادەتخانىسى خارابىسىدىن قېزىۋېلىنغان، براھمى يېزىقىنىڭ ۋارىيانتىدا پۈتۈلگەن ھۆججەتلەر تىلىنى كۆرسىتىدۇ)، باكتېرىيە تىلى(بەزى ئالىملار ئوتتۇرا قەدىمكى ئىران تىللىرىنىڭ ››پەھلەۋى تىلى‹‹ شەرقىي دىيالېكىتىغا تەۋە بۇ تىلنى ‹‹ ھەقىقىي توخرى تىلى ›› دەپ ئاتاشنى تەشەببۇس قىلىدۇ)، پارتخىيە تىلى، پەھلەۋى تىلى، گىرىك تىلى، يېڭى پارس تىلى (بۇ تىل مىلادى 8 – ئەسىر ئەتراپىدا ئىراننىڭ جەنۇبىدىكى پارس قەبىلىلىرىنىڭ بىر خىل دىيالېكتىنىڭ تەرەققىياتىدىن شەكىللەنگەن ۋە ئەرەب خەلىپىلىكى ئىراننىڭ جەنۇبىدا ئوردا قۇرغاندىن كېيىن تەدرىجىي ھۆكۈمەت تىلىغا ئايلانغان).

بىز ھەممىمىز ئىز تورىنى ياخشى كۆرىمىز!

    2 . ئالتاي تىل سىستېمىسىغا تەۋە تىللار: قەدىمكى تۈرك تىلى قەدىمكى ئۇيغۇر تىلى، قىتان تىلى، موڭغۇل تىلى، مانجۇ تىلى.

ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تور

    3 . خەنزۇ – زاڭزۇ تىل سىستېمىسىغا تەۋە تىللار: خەنزۇ تىلى، تۈبۈت تىلى، تاڭغۇت تىلى.

بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن

    4 . سام – ھام تىل سىستېمىسىغا تەۋە تىللار: ئەرەب تىلى، سۈرىيە تىلى(قەدىمكى سۈرىيە تىلى سام تىللىرى تۈركۈمىنىڭ غەربىي شىمال تىل تارمىقىغا تەۋە بولۇپ، مىلادى 14 – ئەسىردىن باشلاپ ئەرەب تىلى ئۇنىڭ ئورنىنى ئىگىلىگەن)، يەھۇدىي پارس تىلى (بۇ، پېرىسىيە ئىمپېرىيەسى تەۋەسىدىكى يەھۇدىي پۇقرالار قوللانغان تىل بولۇپ، ئىبرانى يېزىق تىلىدىن قوبۇل قىلىنغان نۇرغۇن سۆز كۆزدە تۇتۇلىدۇ). ئىز تورى بەك ياخشى

    يۇقىرىقى تىللاردىن سوغدى تىلى، گاندارا تىلى ۋە باكتېرىيە تىلى يىپەك يولىدىكى خەلقئارا سودا تىلى، دەپ قارىلىدۇ. تۆۋەندىكى بىر قانچە تىل تۆت چوڭ دىننىڭ، يەنى، سانسكرت تىلى بۇددا دىنىنىڭ، سۈرىيە تىلى خىرىستىيان دىنىنىڭ شەرقىي مەزھىپى بولغان نېستۇرىئانىزمنىڭ، پەھلەۋى تىلى بىلەن پارتخىيە تىلى مانى دىنىنىڭ، ئەرەب تىلى ئىسلام دىنىنىڭ شەرققە تارقىلىشىدىكى مۇھىم تىل ھېسابلىنىدۇ.

copyright by www.iz.la

    شىنجاڭدىن بايقالغان قەدىمكى يېزىقلارنىڭ ھەر بىرىدە بىرلا خىل تىل خاتىرىلەنگەن بولماستىن، بەلكى ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى ئون خىلدىن ئارتۇق يېزىقتا ئىككىدىن ئارتۇق تىل خاتىرىلەنگەن بولۇپ، ئۇلار مۇنۇلاردىن ئىبارەت: تور دۇنياسىدىكى چاقنىغان يۇلتۇز - ئىز تورى!

    1 . خەنزۇ يېزىقى خەنزۇ تىلى، سانسكرت تىلى، پارتخىيە تىلى. بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن

    2 . كارۇشتى يېزىقى گاندارا تىلى، تۇمشۇق(گيازدى) تىلى.

ئىز تورى www.iz.la


    3 . سوغدى يېزىقى سوغدى تىلى، ئوتتۇرا قەدىمىي پارس تىلى(پەھلەۋى تىلى)، پارتخىيە تىلى، سانسكرت تىلى، قەدىمكى ئۇيغۇر تىلى، خەنزۇ تىلى.

copyright by www.iz.la

    4 . مانى يېزىقى ئوتتۇرا قەدىمىي پارس تىلى(پەھلەۋى تىلى)، سوغدى تىلى، پارتخىيە تىلى، يېڭى پارس تىلى، باكتېرىيە تىلى، كۈسەن تىلى(توخرى تىلى B)، قەدىمكى ئۇيغۇر تىلى.

copyright by www.iz.la

    5 . قەدىمكى تۈرك يېزىقى قەدىمكى تۈرك تىلى قەدىمكى ئۇيغۇر تىلى، ئوتتۇرا قەدىمىي پارس تىلى(پەھلەۋى تىلى)، پارتخىيە تىلى.

ئىز تورى www.iz.la

    6 . قەدىمكى ئۇيغۇر يېزىقى قەدىمكى ئۇيغۇر تىلى، خەنزۇ تىلى، قەدىمكى تىبەت تىلى، سانسكرت تىلى.

ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!

    7 . سۈرىيە يېزىقى(نېستۇرىئان يېزىقى) قەدىمكى سۈرىيە تىلى، سوغدى تىلى، يېڭى پارس تىلى، قەدىمكى ئۇيغۇر تىلى.

مەن ئىز تورىغا بەك ئامراق

    8 . ئىبرانى يېزىقى ئىبرانى تىلى، يېڭى پارس تىلى. بىز ھەممىمىز ئىز تورىنى ياخشى كۆرىمىز!

    9 . قەدىمكى تىبەت يېزىقى تىبەت تىلى، خەنزۇ تىلى، قەدىمكى ئۇيغۇر تىلى. ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!

    10 . باسپا يېزىقى موڭغۇل تىلى، قەدىمكى ئۇيغۇر تىلى.

بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن

    يۇقىرىقىلاردىن باشقا براھمى يېزىقىدا يەنە گاندارا تىلى بىلەن سوغدى تىلىمۇ خاتىرىلەنگەن (براھمى يېزىقى سىستېمىسىدىكى كونكرېت نام بېرىلگەن يېزىقلاردا پۈتۈلگەن تىللار ھەققىدە توختالمىدىم). بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن

    روشەنكى، شىنجاڭدىن بايقالغان قەدىمكى يېزىقلاردىن، جۈملىدىن ئىككىدىن ئارتۇق تىل خاتىرىلەنگەن يېزىقلاردىن ئۇيغۇرلارنىڭ تارىختا نۇرغۇن يېزىق قوللانغانلىقىنى ياكى قەدىمكى ئۇيغۇر تىلىنىڭ قەدىمكى نۇرغۇن يېزىقتا خاتىرىلەنگەنلىكىنى بىلىۋالالايمىز. قەدىمكى ئەجدادلىرىمىز قوللانغان ياكى قەدىمكى ئۇيغۇر تىلى خاتىرىلەنگەن يېزىقلار تۆۋەندىكىلەردىن ئىبارەت: 1) قەدىمكى تۈرك يېزىقى، 2) سوغدى يېزىقى، 3) قەدىمكى ئۇيغۇر يېزىقى، 4) مانى يېزىقى، 5) سولمى – كۈسەنچە ئۇيغۇر يېزىقى، 6) سۈرىيە يېزىقى، 7) خاقانىيە يېزىقى، 8) چاغاتاي يېزىقى، 9) قەدىمكى تىبەت يېزىقى، 10) باسپا يېزىقى. يۇقىرىقى يېزىقلاردىن باشقا، قەدىمكى ئۇيغۇرلار خەنزۇ يېزىقىنىمۇ ئىشلەتكەن بولۇشى مۇمكىن. بۇ ھەقتە ئۇلۇغ ئالىم مەھمۇد كاشغەرىي: ‹‹ ئۇيغۇرلارنىڭ چىنلىقلارنىڭكىگە ئوخشايدىغان يەنە بىر خىل يېزىقىمۇ بار. رەسمىي خەت – چەك ھۆججەتلەرنى شۇ يېزىقتا يازىدۇ. بۇ يېزىقنى مۇسۇلمان بولمىغان ئۇيغۇرلار بىلەن چىنلىقلاردىن باشقىلار ئوقۇيالمايدۇ ›› دەپ خاتىرە قالدۇرغان ( ‹‹ تۈركىي تىللار دىۋانى ›› شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 1980 – يىلنەشرى 1 – توم 40 – بەت). بىراق، بۈگۈنگە قەدەر شىنجاڭدىن خەنزۇ يېزىقىدا قەدىمكى ئۇيغۇر تىلى ئەينى زامان ئۇيغۇر تىلى گىرامماتىكىسىغا چۈشۈرۈلۈپ خاتىرىلەنگەن ھۆججەت تېپىلغىنى يوق. بۇگۈنگىچە بايقالغان قەدىمكى ئۇيغۇر يېزىقىدىكى بۇددا نوملىرى ئىچىدە خەنزۇچىدىن تەرجىمە قىلىنغانلىرى كۆپ ساننى ئىگىلەيدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە قەدىمكى ئۇيغۇر يېزىقىدىكى بەزى بۇددا نوملىرىدا خەنزۇ يېزىقىنى ئانچە – مۇنچە ئارىلاشتۇرۇپ يازىدىغان ۋە خەنزۇچە خەتلەرنى مەنىسى بويىچە ئۇيغۇرچە تەلەپپۇز قىلىدىغان ئەھۋاللار بار. بۇ ئەينى چاغلاردا ئۇيغۇرلار ئىچىدە، بولۇپمۇ قۇجۇ ئۇيغۇرلىرى ئىچىدە خەنزۇچىنى ئوبدان بىلىدىغان، يەنى ئوقۇيالايدىغان، يازالايدىغان، سۆزلىيەلەيدىغان، تەرجىمە قىلالايدىغان زىيالىيلارنىڭ كۆپلۈكىنى چۈشەندۈرىدۇ. مەھمۇد كاشغەرىي ‹‹ ئۇيغۇرلارنىڭ چىنلىقلارنىڭكىگە ئوخشايدىغان يەنە بىر يېزىقىمۇ بار ›› دېگىنىدە ئېھتىمال يۇقىرىقىدەك ئەھۋالنى كۆزدە تۇتسا كېرەك. ئىز تورى www.iz.la


    قەدىمكى ئۇيغۇرلارنىڭ كۆپ خىل قەدىمكى يېزىقلارنى قوللىنىشى ئەينى دەۋرلەرنىڭ سىياسىي، ئىقتىسادىي، مەدەنىيەت جەھەتتىكى تەلىپى – ئېھتىياجى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك. ئۇيغۇر مەدەنىيىتى تارىخىدا قەدىمكى تۈرك يېزىقى، قەدىمكى ئۇيغۇر يېزىقى، خاقانىيە يېزىقى ۋە ئۇلاردا پۈتۈلگەن يازما يادىكارلىقلار ئالاھىدە ئورۇندا تۇرىدۇ. ئۇلارنىڭ ئىچىدە قەدىمكى ئۇيغۇر يېزىقى بىلەن چاغاتاي يېزىقى ساقلىنىپ كەلگەن قول يازمىلارنىڭ سانى ئەڭ كۆپ، مەزمۇنى ئەڭ كەڭ. ئەجدادلىرىمىز تارىختا باشقا مىللەتلەر مەدەنىيەتلىرىنىڭ ئىلغار ۋە ئېھتىياجلىق تەرەپلىرىنى قوبۇل قىلىش، ئۆزلەشتۈرۈش ئارقىلىق تەرەققىي قىلىپلا قالماي، ئەتراپىدىكى مىللەتلەرنىڭ مەدەنىيىتىنىڭ تەرەققىياتىغىمۇ مۇئەييەن تەسىر كۆرسەتكەن. بۇنى قەدىمكى ئۇيغۇر يېزىقىنىڭ باشقا مىللەتلەر مەدەنىيىتىگە كۆرسەتكەن تەسىرىدىن كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ. مەسىلەن: تارىخىي ماتېرىياللاردا يېزىلىشىچە، قىتانلار قىتان كىچىك يېزىقىنى ئىجاد قىلغاندا قەدىمكى ئۇيغۇر يېزىقىدىن ئىلھام ئالغان؛ ‹‹ يۈەن سۇلالىسى تارىخى. تاتاتوڭانىڭ تەرجىمىھالى ›› دا ئۇيغۇر تاتاتوڭانىڭ چىڭگىزخاننىڭ يارلىقىغا بىنائەن موڭغۇل تېگىنلەر ۋە بەگلەرگە قەدىمكى ئۇيغۇر يېزىقىنى ئۆگەتكەنلىكى؛ ‹‹ يۈەن سۇلالىسى تارىخى. شىلاۋنىڭ تەرجىمىھالى ›› دا خەنزۇ يېزىقىنىڭ كەيشۇ نۇسخىسى بىلەن قەدىمكى ئۇيغۇر يېزىقىنىڭ يۇەن سۇلالىسىنىڭ ھۆكۈمەت يېزىقى قىلىنغانلىقى قەيت قىلىنغان. ‹‹ ئۇلۇغ يۈەن دەۋرىدىكى سۈگچۈدارۇغاچلىرىنىڭ نەسەب ئابىدىسى ›› گە ئاساسلانغاندا ، قەدىمكى ئۇيغۇر تىل – يېزىقى يۈەن سۇلالىسىنىڭ ئاخىرقى مەزگىلىدە خېشى كارىدورى ئەتراپىدىكىلەرنىڭ رەسمىي يېزىق تىلى، يېزىقى قىلىنغان. 16 – ئەسىردىن كېيىن، مانجۇلار موڭغۇللار ئارقىلىق قەدىمكى ئۇيغۇر يېزىقىنى قوبۇل قىلغان ۋە شۇ ئاساستا مانجۇ يېزىقىنى شەكىللەندۈرگەن. يۇقىرىقىلاردىن سىرت، 13 ، 15 – ئەسىرلەردە قەدىمكى ئۇيغۇر يېزىقى ئالتۇن ئوردا خانلىقى(ياكى قىپچاق خانلىقى)، تېمۇرىيلەر ئىمپېرىيەسى، چاغاتاي خانلىقىنىڭ ھۆكۈمەت يېزىقى قىلىنغان. مەسىلەن: ئالتۇن ئوردا خانلىقىغا تەۋە ‹‹ توقتامىشخان يارلىقى ›› 1393 – يىلى، ‹‹ تېمۇر قۇتلۇغ يارلىقى ›› 1397 – يىلى قەدىمكى ئۇيغۇر يېزىقىدا پۈتۈلگەن. ‹‹ قۇتادغۇ بىلىگ ›› نىڭ نېۋا نۇسخىسى تېمۇرىيلەر دەۋرىدە، يەنى، 1439 – يىلى قەدىمكى ئۇيغۇر يېزىقىدا كۆچۈرۈلگەن؛ ‹‹ مېراجنامە ›› نى ئاقساق تۆمۈرنىڭ ئوغلى شاھرۇھنىڭ سەلتەنىتى دەۋرىدە مالىك باخشى قەدىمكى ئۇيغۇر تىلىدا كۆچۈرگەن؛ تېمۇرىيلەر ھۆكۈمدارى ئەبۇ سەئىد كورەگانغا ئائىت بىر ھۆججەت 1468 – يىلى قەدىمكى ئۇيغۇر يېزىقىدا پۈتۈلگەن. تەخمىنەن – 1338 – 1450 يىللاردا ياشىغان ئەرەب تارىخچىسى ئىبن ئەرەبشاھ قەدىمكى ئۇيغۇر يېزىقىنىڭ چاغاتاي خانلىقىنىڭ ھۆكۈمەت يېزىقىنىڭ بىرى ئىكەنلىكىنى ئېيتقان.

بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن

مەنبەسى:شىنجاڭ گېزىتى www.iz.la

( ئالاھىدە ئەسكەرتىش: مەزكۇر ماقالىنىڭ ھوقۇقى گە تەۋە )
ياخشىكەن
(14)
93.3%
ئالقىشلايمەن
(1)
6.7%
------分隔线----------------------------
تەۋىسسيەلىك
  • شىنجاڭدىكى كۆپ خىل تىل خاتىرىلەنگەن قەدىمكى يېزىقلار

    قەدىمكى دەۋرلەردە شىنجاڭ غەرب بىلەن شەرق ئوتتۇرىسىدا سودا ۋە مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇشنىڭ مۇھىم تۈگۈنى، زامانىسىدىكى خەلقئارا سودا – مەدەنىيەت چوڭ بازىرى ئىدى. شىنجاڭنىڭ يەر ئۈستى، يەر ئاستىدىن بايقالغان تارىخىي ماددىي پاكىتلار، مەدەنىيەت – سەنئەت دۇردانىلىرى...

  • نورۇزلۇق ئوۋ پائالىيىتى ئاقچى ناھىيىسىدە ئۆتكۈزۈلدى

    3-ئاينىڭ 20-كۈنى جۇڭگونىڭ بۈركۈت ماكانى دەپ نام ئالغان شىنجاڭ ئاقچى ناھىيىسى سۇمتاش يېزىسىدا نورۇز بايرىمىنى تەبرىكلەش مۇناسىۋىتى بىلەن كوللېكتىپ ئوۋ پائالىيىتى ۋە ئوۋ بۈركۈتلىرىنىڭ ماھارەت كۆرسىتىش مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈلدى . يەرلىك قىرغىز ئوۋچىلىرىنىڭ قولىد...

  • پىچان ناھىيىسى مەدەنىيەت قۇرۇلۇشىغا ئايانماي مەبلەغ سالدى

         ئىختىيارى مۇخبىرىمىز مىجىت ئىبىراھىم خەۋىرى : يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ، پىچان ناھىيسى مەبلەغ سېلىنمىسىنى زورايتىپ ، مەدەنىيەت ۋە تەشۋىقات ئەسلىھەلىرى قۇرۇلۇشىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ ، مەدەنىيەت ئارقىلىق پىچاننى تەشۋىق قىلىشقا پۇختا ئاساس سالدى .        ب...

  • شايارلىق پىشقەدەم ھۈنەرۋەن دۆلەت دەرىجىلىك غەيرى ماددىي مەدە

        ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز مۇھەممەد سەمەد خەۋىرى : يېقىندا، شايارلىق 80 ياشلىق پېشقەدەم ھۈسەن مەمەت 3 – تۈركۈمدىكى ۋەكىللىك خاراكتېردىكى دۆلەت دەرىجىلىك غەيرى ماددىي مەدەنىيەت مىراسى ۋارسىلىرى قاتارىغا كىرگۈزۈلدى . بۇ ئاقسۇ ۋىلايىتىگە نىسبەتەن بىردىنبىر دۆ...

  • شىنجاڭدىكى تۇنجى گىلەم مۇزېي خوتەن ناھىيىسىدە ئېچىلدى

    يۇپۇق ئېچىش مۇراسىمى      17 – ئاۋغۇست ، شىنجاڭدىكى تۇنجى گىلەم مۇزېي خوتەن ناھىيىسىدە ئېچىلدى . مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ سابىق مۇئاۋىن باشلىقى ئىسمائىل ئەمەت ۋە ئاپتونوم رايوننىڭ مۇئاۋىن رەئىسى خۇ ۋېي مۇزېينىڭ يۇپۇقىنى ئاچتى . كۆرگە...

  • ئۆچمەس ئىزلار ئارقىلىق نۇرلىنىۋاتقان ھايات

        مېھرىگۈل ناسىر خەۋەر قىلىدۇ: شىنجاڭ مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى ئارخېئولوگىيىلىك تەكشۈرۈش – تەتقىق قىلىش ئورنىنىڭ باشلىقى، تەتقىقاتچى ئىدىرىس ئابدۇرۇسۇل ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ زور ئارخېئولوگىيىلىك قېزىش ئىشلىرىغا رىياسەتچىلىك قىلىپ ۋە قاتنىشىپ، بۇ خىزمە...