مېھرىگۈل ناسىر خەۋەر قىلىدۇ: شىنجاڭ مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى ئارخېئولوگىيىلىك تەكشۈرۈش – تەتقىق قىلىش ئورنىنىڭ باشلىقى، تەتقىقاتچى ئىدىرىس ئابدۇرۇسۇل ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ زور ئارخېئولوگىيىلىك قېزىش ئىشلىرىغا رىياسەتچىلىك قىلىپ ۋە قاتنىشىپ، بۇ خىزمەتكە گەۋدىلىك تۆھپە قوشقان تۆھپىكار شەخس. ئۇ ئىلگىرى – ئاخىر بولۇپ ‹‹مەملىكەت بويىچە ئىلغار خىزمەتچى››، ‹‹ئاپتونوم رايون بويىچە ئىلغار پەن – تېخنىكا خىزمەتچىسى››، ‹‹شىنجاڭنى ئېچىش – گۈللەندۈرۈش مېدالى›› قاتارلىق شان – شەرەپلەرگە ئېرىشتى.
ئىدىرىس ئابدۇرۇسۇلنىڭ لوپنور رايونى ۋە تەكلىماكان قۇملۇقىدا بارمىغان يېرى قالمىدى. ئۇ ئېلىىمىز بويىچە قۇملۇقنى ئەڭ كۆپ ئارخېئولوگىيىلىك تەكشۈرگەن ئارخېئولوگ. بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
2003 – يىلى قۇملۇقتىكى كىچىك مۈرەن قەبرىستانلىقىنى كەڭ كۆلەمدە قېزىش خىزمىتى باشلاندى. زور مىقداردىكى ماددىي ئەشيا، ئەسلىھە ۋە تۇرمۇش بۇيۇمىنى نەق مەيدانغا يۆتكەپ كېلىش ئۈچۈن، ئالدى بىلەن قۇملۇق ئاپتوموبىلى ماڭالايدىغان يول تېپىشقا توغرا كەلدى. ئىدىرىس ئابدۇرۇسۇل ئىككى ئەترەت ئەزاسىنى باشلاپ، چۆل – باياۋاندا كۈنىگە 20 نەچچە كىلومېتىر يول بېسىپ، ئون كۈندە قۇملۇق ئاپتوموبىلى قاتنىيالايدىغان يولنى تېپىپ، قېزىش خىزمىتىنىڭ ئوڭۇشلۇق ئىشلىنىشىگە كاپالەتلىك قىلدى. ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!
قېزىش خىزمىتى باشلاندى، ئەنئەنىۋى قېزىش ئۇسۇلىنىڭ كۆچمە قۇم دۆۋىسى ئاستىغا كۆمۈلۈپ قالغان كىچىك مۈرەن قەبرىستانلىقىنى قېزىش ئەمەلىي مەشغۇلاتىغا ماس كېلىش مۇمكىنچىلىكى يوق دېيەرلىك ئىدى. مۇشۇنداق ئەھۋالدا، ئىدىرىس ئابدۇرۇسۇل باشقا ئەزالار بىلەن بىللە، ئەمەلىيەت جەريانىدا ئۈزلۈكسىز ئىزدىنىپ، بۇنداق ئالاھىدە ساقلىنىپ قالغان خارابىلىكنى قېزىشنىڭ ئۈنۈملۈك ئۇسۇلىنى تەدرىجىي تېپىپ چىقىپ، قېزىش خىزمىتىنىڭ ئىلمىيلىكىگە كاپالەتلىك قىلدى.
ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!
ئىدىرىس ئابدۇرۇسۇل كۆپ يىللىق دالا ئارخېئولوگىيىلىك تەكشۈرۈش خىزمىتى جەريانىدا مول تەجرىبە توپلىدى. ئۇ مۇشۇ ئاساستا، تەتقىقاتنى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ‹‹لوپنور رايونىنىڭ مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈشتىن قىسقا خەۋەرلەر››، ‹‹جۇڭگو شىنجاڭ سىپتا تاش قوراللىرىنىڭ ساقلىنىپ قېلىش ئەھۋالى توغرىسىدا››، ‹‹تۇرپان ئويمانلىقى يارغول جىلغىسىدىكى كونا تاش قوراللارنىڭ ساقلانغان ئورنى توغرىسىدا›› قاتارلىق ئون نەچچە پارچە ئىلمىي ماقالە ۋە دوكلات يازدى.