گىتلېرنىڭ يەھۇدىلارنى قىرغىن قىلىشتا ئانىسىنىڭ ئۆلۈمى سەۋەپ بولغانمۇ؟ ئىز تورى www.iz.la
گېرمانىيەلىك يازغۇچى لىكنىڭ 7- دىكابىر نەشىردىن چىققان <<ئۇرۇش نىمە چوڭ قىرغىنچىلىقنى كەلتۈرۈپ چىقاردى>>دىگەن كىتابىدا يېزىلىشىچە،ناتسىسلارنىڭ كاتتىۋېشى ئادولف گىتلېرنىڭ يەھۇدىلارنى قىرغىن قىلىشىغا ئانىسى كلارانىڭ 1907-يىلى يەھۇدى دوختۇرنىڭ قولىدا يودتىن زەھەرلىنىپ ئۆلىشى سەۋەپ بولغان بولۇشى مۇمكىن ئىكەن.
ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!
كىتاپتا يىزىلىشىچە ،ئەينى يىللىرى يەھۇدې دوختۇر ئىدۋارد گىتلېرنىڭ ئانىسى كلارانىڭ سۈت بېزى راكىنى يود ئارقىلىق داۋالىغان،گەرچە بۇخىل داۋالاش ئۇسۇلىنىڭ ئەكس تەسىرى بولسىمۇ،ئەينى يىللىرى بۇنىڭدىن باشقا داۋالاش ئۇسۇلىمۇ يوق ئىدى. 18 ياشلىق گىتلېر شۇ چاغدا ئانىسىنىڭ ئاغرىق ئازابىدا ئۆلۈپ كەتكەنلىگىنى كۆرگەن.ئۇ بەلكىم ئانىسىنىڭ ئاغرىق ئازابى تارتىشى ۋە ئۆلۈمىنى دوختۇر ئىدۋارد كۆرۇپ ،يەھۇدىلارغا ئۆچمەنلىك قىلغان بولۇشى مۇمكىن ئىكەن.ئۇ شۇنىڭدىن باشلاپ بۇ يەھۇدى دۇختۇرنى ئېسىدىن چىقارمىغان،ئەتراپىدىكىلەرگە ھەر دائىم ئۇنىڭ گىپىنى قىلىپ بەرگەن .ئۇدائىم << يەھۇدىلار خۇددى ئۆسمىگە ئوخشايدۇ ،ئۇنى كىسىپ ئېلىۋېتىش كىرەك>>دېگەن گەپنى ئاغزىدىن چۇشۇرمىگەن.دوختۇر ئىدۋارد شۇنىڭدىن كېيىن ئاۋسترىيىدىن ئامېركىغا قېچىپ بارغان.،1945-يىلى ئامېركىدا ئالەمدىن ئۆتكەن. ئىز تورى www.iz.la