سەمى يۈسۈف ئەزەربەيجاندا تۇغۇلغان ئەنگىلىيەلىك ناخشىچى،مۇكەممەل دىن ئىسلام دىنىنىڭ مۇخلىسى مۇسۇلمان ، 1980 -يىلى 7- ئايدا بىر مۇزىكانت ئائىلىسىدە دۇنيا كەلگەن.
سەمى نىڭ دەسلەپكى مۇزىكا ئىشتىياقى ئاتىسىدىن سىڭگەن. ئۇ (سەمى) بىر خەلقئارالىق كومپىزىتور،،شائىر ۋەكۆپ قابىلىيەتلىك مۇزىكانتچى.
سەمى لوندۇن خانجەمەتى مۇزىكا ئىنوستىتوتىنىڭ ئوقۇش مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن، ئۇ دەسلەپتە ئەنگىلىيىدە ئوقۇغان بولۇپ ،ئوقۇش جەريانىدا نۇرغۇنلىغان مۇزىكاچالغۇ ئەسۋابلارنى چېلىشنى ئۇگىنىۋالغان، شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ يېڭىلىق يارىتىش ۋە ناخشا ئېيتىش قابىلىيىتى ئۈزلۈكسىز ئىشىپ بارغان.ئۇ مۇزىكا ئىنوستىتوتىدا ئوقۇۋاتقان مەزگىللىرىنىڭ ئوتتۇرلىرىغا بارغاندا ،ئۇ غەرب مۇزىكا بىلىملىرىنى ئوتتۇرا شەرىق مۇسۇلمانلار مۇزىكا بىلىملىرىگە بىرلەشتۇرۇپ ئىشلەشنى ئۈگىنىۋالغان.2003-يىلى يازدا ئۇ تۇنجى قېتىم< مۇئەللىم> Al Mu'allimدىگەن پىلاستىنكىسىنى ئىشلەپ، لوندۇندڭ مۇسۇلمانلار بايرىمىدا (Nasheed) ئورۇنلىغان. شۇنىڭ بىلەن ،ئامرىكىلىق مۇسۇلمان كۈلدۈرگە ئارتىسى ئۆمەر ئەلىOmair Ali نىڭ قوللىشىغا ئېرىشكەن،ئۆمەر ئەلى سەمىنىڭ پىلاستىنكىلىرىنىڭ كۆپلەپ بازا تېپىشىغا تىلەكداشلىق بىلدۈرگەن . ئىز تورى بەك ياخشى
ئىسلامى مۇزىكىلار ئۇزاق تارىخقا ئىگەبولسىمۇ ، زاماننىڭ تەرەققى قىلىشىغا ئەگىشىپ، قەدىمى سەنئەتلەرنىڭ ئاستا-ئاستا يولۇقۇشى ھەم كىشىلەر تەرىپىدىن ئۇنتۇلۇش گىردابىغا بېرىپ قالغان . مۇكەممەل ئىسلام دىنىنىڭ مۇخلىسى بولغان، ئىسلامى مۇزىكىلارنى ئۈگەنگۈچى سەمى يۈسۈف بۇ ئۇلۇغ قەدىمى سەنئەتنىڭ يوقۇلىشىنى خالىمىدى، شۇنىڭ بىلەن ، ئۇ نىڭ ناخشىلىرىدا ئىسلامنىڭ مەدىنىيەتلىرى ،ئۆرۈپ-ئادەتلىرى مۇزىكىلىرىدا نامايەن بولۇپ، مۇزىكىلىرى بىلەنئۇ مەدەنىيەتلەر دۇنيادىكى كىشىلەرگە بىلدۈرۈلدى
2005 -يىلى <مېنىڭ ئۈمەتلىرىم>My Ummah دىگەن پىلاستىكىسى تارقىتىلغان. ناخشىسىدا:ئىتتىپاقلىق، روھلۇق، ئاچا-سىڭىللار، قەيسىرانە كۈرەش، مېھرىبان ھەم شەپقەتلىك ئاللاھ نى مەدھىيلاش ۋە ئاللاھنىڭ ئەلچىسى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى مەدھىيلەيدىغان مەزمۇنلۇق ،گۈزەل تىللار ئىشلىتىلگەن
ئىز تورى www.iz.la