چۇڭچىڭ شەھەرلىك ئەدلىيە ئىدارىسىنىڭ سابىق باشلىقى ۋېن چياڭ قاتارلىقلارنىڭ <قارا گورۇھ> دېلوسىغا قارىتا ئېچىلغان 2-قېتىملىق ئوچۇق سوت بۈگۈن (21-ماي) چۇڭچىڭ شەھەرلىك يۇقىرى سوت مەھكىمىسىدە ئاياغلاشتى . سوتتا ۋېن چياڭ قاتارلىق بەش جاۋابكارنىڭ نارازىلىق ئەرزى قايتۇرۇلۇپ 1-سوتنىڭ ئەسلى ھۆكۈمى ساقلاپ قېلىندى . يەنى جاۋابكار ۋېن چياڭغا ئۆلۈم جازاسى بېرىلىپ سىياسىي ھوقۇقىدىن ئۆمۈرلۈك مەھرۇم قىلىش ۋە شەخسىي مال-مالكىنى پۈتۈنلەي مۇسادىرە قىلىش جازاسى مەلىكەتلىك ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ تەستىقىدىن ئۆتكەندىن كېيىن رەسمىي ئىجرا قىلىنىدۇ .