bilgejan يوللانغان ۋاقتى 2015-2-18 13:05:22

(bilgejan) "ھەممىگە داۋا" شەربەتلەرنى ئىچەمدۇق؟

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   bilgejan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-2-19 00:18  

ھەممىگە داۋا دورىلار ۋە شەربەتلەرنى ئىچەمدۇق؟
تۇرسۇنجان نۇرمەمەت بىلگە

ئامېرىكىدا ياشاۋىتىپ مەن تا ھازىرغىچە بىرەرىنىڭ راك كېسىلى ياكى ھەر قانداق كېسەللىك ئۈچۈن نونى شەربىتى ياكى كىيانى شەربىتى دېگەندەك مېۋە شەربەتلىرىنى سېتىۋىلىپ دورا ئورنىدا ئىستىمال قىلغىنىنى ياكى بۇنداق كېسەللەرنى داۋالاش ئۈچۈن كوللاگېنلىق پېپتىد ۋە ياكى ئاللىقانداق ئاقسىللارنى يەيدىغانلىقىنى ئاڭلاپ باقمىدىم. ئەمما دۇنيادىكى ئەڭ ياخشى سۈت پاراشوكلىرىنى ئىشلەپچىقىرىدىغان ئامېرىكىدا ئانىلارنىڭ يەنىلا ئانا سۈتىنى بوۋاقلارنىڭ ئەڭ ئېسىل ئوزۇقلۇقى دەپ قاراپ بالىلارنى ئىمكانقەدەر ئېمىتىشكە تىرىشىدىغانلىقىنى بىلدىم. دېمەكچى، ئامېرىكىدىكى كىشىلەرنىڭ كېسەللىك، ئوزۇقلۇق ھەققىدىكى چۈشەنچىلىرى خەلقىمىزنىڭكىدىن كۆپ پەرقلىنىدىكەن. ئامېرىكىدا ئۇقۇملار ناھايىتى ئېنىق بولۇپ، كىشىلەر يۇقىرىدا دېيىلگەندەك يېمەكلىك قاتارىدىكى ماددىلارنى ئەڭ كۆپ دېگەندە ساغلاملىق مەھسۇلاتى ياكى بەدەندىكى مەلۇم ئوزۇقلۇق ماددىلارنى تولۇقلاپ بېرىدىغان مېنىرال، ۋىتامىن بىلەن تەمىنلىگۈچى مەھسۇلات دەپ ئىستىمال قىلسا قىلىدىكەنۇ، ئەمما ھەرگىزمۇ كېسەل داۋالايدىغان دورا دەپ ئالدىنىپ قالمايدىكەن.

شىنجاڭدا يۇقىرىدىكى مەھسۇلاتلارنىڭ ئاجايىپ بازارلىق ئىكەنلىكىنى ئاڭلاپ ئۇلارنىڭ ئۈندىداردا تارقالغان ئېلانلىرىغا دېققەتمۇ قىلىپ قالدىم. بۇنىڭدىن باشقا ئىچكىرى ئۆلكىلەردە ياسالغان ۋە شىنجاڭدا ئۇيغۇرلار قۇرغان بىر قىسىم شىركەتلەرنىڭمۇ ھېچقانداق كىلىنىكىلىق سىناقتىن ئۆتمىگەن مەھسۇلاتلىرىنى ساناقسىز كېسەللەرگە شىپا قىلىدىغان «ھەممىگە داۋا» دورا قاتارىدا تەشۋىق قىلىپ سېتىۋاتقانلىقى مەلۇم. بۇ خىل دورىلارنىڭ كۆپىنچىسى سالامەتلىككە زىيانلىق بولماسلىقى مۇمكىن ھەم كىشىنى روھلۇق ۋە كۈچ-ماغدۇرى بار قىلىشى ئېھتىمالغا يېقىن. بۇنىڭلىق بىلەن كېسەل داۋالاشنىڭ غايەت زور پەرقى بار. ئەگەر سىز روھلۇقراق بولۇش ياكى كۈچ-ماغدۇرى بار ھېس قىلىش ئۈچۈن بۇ دورىلارنى داۋاملىق سېتىۋالماقچى بولسىڭىز بولىۋىرىدۇ، پەقەت نېمىگە پۇل تۆلىگەنلىكىڭىزنى ئېنىق بىلسىڭىزلا كۇپايە. ئەمما سامسىغا پۇل تۆلەپ گىردە سېتۋالىدىغان ئىش يۈز بەرمىگىنى ياخشى. مەن يېقىنقى مەزگىلدە بۇ يىللىق كىتاب ئوقۇش يىلىغا ياخشى بىر كىتاب سۇنۇش مەقسىتىدە ساغلاملىق توغرىسىدا بىر پارچە كىتاب يېزىشقا تۇتۇش قىلىۋاتىمەن، ئەمما ۋاقتىم قىس بولغانلىقتىن كىتاب پۈتۈپ نەشىردىن چىققۇچە جەمئيىتىمىزدە يامراۋاتقان ھەر خىل نونى شەربىتىگە ئوخشاش مەھسۇلاتلار تەرىپىدىن قايمۇقۇپ قالغان خەلقىمىز نېمىنى سېتىۋالغانلىقىنى بىلىپ سېتىۋالسۇن دېگەن ئۈمىدتە بۇ يازمىنى سۇندۇم.

تۆۋەندە مەن كىشىلەرگە تونۇشلۇق بولغان نونى شەربىتىدىن ئىبارەت بىر مېۋە شەربىتىنىڭ تارىخىنى سۆزلەپ بېرىش ئارقىلىق ساغلاملىق مەھسۇلاتلىرى ھەققىدە مۇنازىرە قىلىپ بېقىش تەكلىپىنى بېرىمەن.

نونى شەربىتى
نونى شەربىتى شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ۋە ئاۋىستىرالىيەگە يەرلىك بولغان مورىندا سىترىفولىيا دەرىخىنىڭ مېۋىسىدىن ئايرىۋىلىنىدىغان مېۋە شەربىتىدۇر. نونى شەربىتى نۇرغۇنلىغان ئىنسان كېسەللىرىنى داۋالايدۇ دەپ سېتىلغان بولسىمۇ، ئەمما بۇ خىل دارۋاڭنى قوللايدىغان ئىلمىي پاكىت مەۋجۇت ئەمەس.

نونى شەربىتى تارىخى
نونى مېۋىسى دەسلەپ كاپسۇللۇق ۋە تالقان شەكلىدىكى مەھسۇلات بولۇپ، 1992-يىلى ھاۋايدىكى ھېربېرت مونىز تەرىپىدىن ئىچىمىلىك شەكلىدە بازارغا سېلىنغان.

دورا باشقۇرۇش ئاگاھلاندۇرۇشلىرى ۋە بىخەتەرلىك سىناقلىرى

2004-يىلى ئاۋغۇستتا، ئامېرىكا يېمەكلىك ۋە دورا بىخەتەرلىك باشقۇرۇش ئىدارىسى (FDA) نونى شەربىتىنى بازارغا سالغان فىلورا شېركىتىگە 201 نومۇرلۇق ھۆججەت ۋە فېدراتسىيە يېمەكلىك، دورا ۋە گېرىم بۇيۇملىرى ھەرىكىتى 321 نومۇرلۇق ھۆججەتكە خىلاپلىق قىلغانلىقى ئۈچۈن ئاگاھلاندۇرۇش بەرگەن. فىلورا شېركىتى نونى شەربىتىنىڭ سىناقتىن ئۆتمىگەن 12 خىل كېسەل داۋالاش ئۈنۈمى بار دەپ تەشۋىق قىلغانلىقى ئۈچۈن، بۇ شەربەت دورا كاتاگورىيىسىدە دورا باھالاشتىن ئۆتكۈزۈشكە دۇچ كەلگەن. قانۇننىڭ كۈچى ئاستىدا، بۇ ئەھۋالدا نونى شەربىتىنىڭ بىخەتەرلىكىنى باھالاش ئۈچۈن ئىنسانلاردىكى دېيىلگەن 12 خىل داۋالاش ئۈنۈمىگە كىلىنىكىلىق سىناق ئىلىپ بېرىلىشى زۆرۈر بولۇپ قالغان.
FDA نىڭ ئاگاھلاندۇرۇش خېتى يەنە مۇنۇلارنى ئوتتۇرىغا قويغان:

1) نونىدىكى ئىنسانلارغا پايدىلىق دەپ قارالغان فىتو-خېمىيىلىك تەركىبلەر ۋە لېتىن قاتارلىق ماددىلارنىڭ ئىنسان تېنىدە ھەر قانداق بىئولوگىيىلىك ئاكتىپلىققا ئىگە ئىكەنلىكى ئۈستىدە ئىلمىي پاكىتلار مەۋجۇت ئەمەس.
2) نونى شەربىتىنى تېپىپ چىققان دوكتور ئىزابېللا ئابوت ۋە دوكتور رالف خېينىكلار ئوتتۇرىغا قويغان ساغلاملىققا بولغان پايدىلىرىنىڭ ئىلمىي ئاساسى يوق.

ياۋروپا ئىتتىپاقىدا، بىخەتەرلىكى تەكشۈرۈلگەندىن كېيىن نونى شەربىتىنىڭ بىر تارماق ماركىسى بولغان تاخىشى نونى 2002-يىلى بىر خىل يېڭىچە يېمەكلىك سۈپتىدە ياۋروپا ساغلاملىق ۋە ئىستىمالچىلارنى قوغداش كومىتېتى دېرىكتورىنىڭ تەستىقلىشىغا ئېرىشكەن. ئۇلارنىڭ دوكلاتىدا، بۇ تەشكىلات نونى شەربىتىنىڭ ساغلاملىققا پايدا قىلىدىغانلىقىنى قوللىمىغان.

2005-يىلى، ئىككى كىلىنىكىلىق سىناق ئىلمىي تەتقىقات ماقالىسىدە نونى شەربىتى ئىستىمال قىلىش بەزىدە جىددىي خاراكتېرلىك جىگەر ياللۇغى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغانلىقى كۆرسىتىپ بېرىلگەن. تەتقىقات نەتىجىلىرىنىڭ كۆرسىتىشىچە، مەسىلە ئاساسلىقى نونى شەربىتى تەركىبىگە قوشۇلىدىغان نونى مېۋىسى، يوپۇرمىقى ۋە يىلتىزىدىكى ئانتىراخېنون ماددىسىدا بولۇپ، بۇ ماددا جىگەر ۋە باشقا ئەزالارغا زەھەرلىك بولۇشى مۇمكىن ئىكەن. ئەمما ياۋروپا يېمەكلىك بىخەتەرلىكى تەشكىلاتى نونى شەربىتى تەركىبىدىكى بۇ ماددىنىڭ بىۋاستە جىگەر ياللۇغى كەلتۈرۈپ چىقارمايدىغانلىقىنى دەلىللىگەن. كېيىنكى بىر قانچە تەتقىقاتلاردىمۇ نونى شەربىتىنىڭ كېسەل كەلتۈرۈپ چىقارمايدىغانلىقى ئىسپاتلانغان بولسىمۇ، ئەمما بىر قىسىم ئورگانلار جىگەر كېسىلى بار كىشىلەرنىڭ ئىمكانقەدەر بۇ يېمەكلىكنى ئىستىمال قىلماسلىقىنى تەۋسىيە قىلغان. بەزى خۇلاسە ماقالىلەردە، گەرچە نونى شەربىتى بىخەتەر دەپ قارالسىمۇ، ئەمما ئىلمىي جەھەتتىن يېتەرلىك دەللىلەنمىگەنلىكى ئوتتۇرىغا قويۇلغان.
نونى دەرىخى ۋە شەربىتى بىر قىسىم يەرلىك مېدىتسىنا دوختۇرلىرى تەرىپىدىن ئەيدىز كېسىلى، يۈرەك كېسىلى ۋە راك كېسەللىرىنى تەلتۆكۈس داۋالايدىغان دورا دەپ تەشۋىق قىلىنغان. ئەمما، نونى مەھسۇلاتلىرى تەركىبىدە يۇقىرى مىقداردىكى كالىي بولغاچقا، كالىيدىن ساقلىنىشى كېرەك بولغان ۋە كالىينى ئازلىتىدىغان دورا يەيدىغان بۆرەك كېسەللىكلىرى بىمارلىرى نونى مەھسۇلاتلىرىنى ئىستىمال قىلىشتىن چوقۇم ساقلىنىشى زۆرۈر.  

ئامېرىكا راك كېسىلى ئىلمىي جەمئىيتى نونى شەربىتى توغرىسىدا مۇنداق يەكۈن چىقارغان:
نونى شەربىتىنىڭ راكنىڭ ئالدىنى ئىلىش ياكى راك كېسىلى ۋە باشقا ھەر قانداق ئىنسان كېسەللىكلىرىنى داۋالاشتا ئۈنۈمى بارلىقىغا ئىشەنچلىك كىلىنىكلىق پاكىت يوق.
http://en.wikipedia.org/wiki/Noni_juice

نونى شەربىتى ۋە مۇشۇنىڭغا ئوخشاش ئامېرىكىدا 10-20 يىل بۇرۇن بازارغا سېلىنىپ بازار تاپالمىغان قانداقتۇر شەربەتلەرنىڭ بۈگۈنىمىزگە كەلگەندە خەلقىمىزنى ئالداپ پۇل تېپىشى كىشىنى ئېچىندۇرىدۇ. مەن يېقىندا تورداشلارنىڭ سەمىمگە سېلىشى بىلەن كىيانى شەربەتلىرى ھەققىدىمۇ ئازراق ئىزدىنىپ باقتىم. بۇ بۆلجۈرگەن ئائىلىسىدىكى ئالياسكىدا ئۆسىدىغان بىر كۆك بۆلجۈرگەن دەپ ئاتالغان مېۋىنىڭ شەربىتى بولۇپ تەركىبىدە دەرۋەقە مول مىقداردىكى ۋىتامنىلار بار ئىكەن. ئەمما ئۇلار تور بېتىدە ئوچۇق-ئاشكارا قىلىپ كىيانى مەھسۇلاتلىرىنىڭ جىنسىي ئىقتىدارنى كۈچەيتىدىغانلىقى، قان ئايلىنىشنى يۇقىرى كۆتۈرىدىغانلى ۋە يۈرەك-مېڭىنى ياخشىلايدىغانلىقى قاتارلىق بىر مۇنچە «چوڭ» گەپلەرنى تىزىۋاپتۇ. http://www.kyanisupplementsonline.com/kyani-nitrofx.html
شۇنىڭ بىلەن مەن FDA گە خەت يېزىپ بۇ گەپلەرنىڭ راست-يالغانلىقىنى سۈرۈشتە قىلدىم. ئۇلار بىر ھەپتىدىن كېيىن ساغلاملىق مەھسۇلاتلىرىنىڭ ئۇلار نازارەت قىلمايدىغانلىقى ھەم ساغلاملىق يېمەكلىكى دەپ بازارغا سېلىنغانلىقى ئۈچۈن كىلىنىكىلىق سىناقتىن ئۆتكۈزۈش تەلەپ قىلىنمايدىغانلىقى ۋە مېنىڭ يەنە بىر ئورگانغا ئەھۋالنى مەلۇم قىلىشىمنى ئېيتىپ جاۋاب قايتۇرۇپتۇ. مەن يەنە بىر ئورگانغا تېخى خەت يازغۇدەك بولمىدۇم، ئەمما پات ئارىدا بۇ ئىشنىڭ تېگىگە يېتىمەن.
ئاخىرىدا ئامېرىكا يېمەكلىك ۋە دورا بىخەتەرلىك ئىدارىسىنىڭ ساغلاملىق مەھسۇلاتلىرى ھەققىدىكى تۆۋەندىكى ئەسكەرتمىسىنى دېققىتىڭلارغا سۇنىمەن.

ساغلاملىق مەھسۇلاتلىرى ھەققىدىكى ئۈچ خىل خاتا كۆز قاراش:

1. «قانچە كۆپ يېسە شۇنچە ياخشى»
2. «تەبئىي بولسىلا بىخەتەر بولىدۇ» ۋە «تەبئىي بولسا تېخىمۇ ياخشىراق»
3. «مىڭ يىللاردىن بىرى ئىشلىتىلىپ كەلگەن، شۇڭا چوقۇم ئۈنۈمى بار»

ناچار ساغلاملىق مەھسۇلاتلىرىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن، تۆۋەندىكىدەك مەھسۇلاتلارنىڭ ھېچقايسىسىنى سېتىۋالماڭ:

1) دوختۇرنىڭ رىتسىپى بىلەن ئالىدىغان دورىلاردەك ئۈنۈمگە ئىگە دەپ دەرۋاڭ سالغان دورىلار
2) ئورۇقلاشنى ۋەدە قىلغان مەھسۇلاتلار
3) ھورمۇن قوشۇلمىغان، ئەمما مۇسكۇل چىقىرىدۇ ياكى جىنسىي ئىقتىدارنى ئاشۇرىدۇ دەپ ساتقان مەھسۇلاتلار

ساغلاملىق بىر چوڭ تېما بولۇپ، مەن بۇ ھەقتە بىر ئومۇمىي چۈشەنچىلەرنى تەمىنلەيدىغان كىتاب يېزىشنى ئويلىشىۋاتىمەن. ئوقۇرمەنلەرنىڭ مەزكۇر تېمىغا ئوخشاش ماقالىلىرىمگە ئۆز پىكىرلىرىنى قالدۇرۇشى مېنى ئوبدان يىپ ئۇچى بىلەن تەمىن ئېتىدۇ، دەپ ئويلايمەن. ھەممىمىزگە مۇناسىۋەتلىك بولغان ساغلاملىقمىز ھەققىدە قېنى بەھۇزۇر مۇنازىرە قىلىشقايسىلەر. ھەممىڭلارغا ئالدىنئالا رەھمەت!
بىلگەجان
(تېكساس بىئو-مېدىتسىنا تەتقىقات ئېنىستىتۇتى)
2015-يىلى 2-ئاينىڭ 18-كۈنى
ئەسكەرتىش: بۇ ماقالىنى ئاپتور ۋە مەنبەسىنى قوشۇپ يېزىپ تارقاتسىڭىز بولىدۇ. بۇ ماقالىدىكى مەزمۇنلارنى چۈشەندۈرۈش ھوقۇقى ئۆزۈم (تۇرسۇنجان نۇرمۇھەممەد بىلگە) دە. بۇ ماقالە شەخسىي بىلوگىم «بىلگە بىلوگى»دا دەسلەپ ئېلان قىلىندى. بىلوگ ئادېرىسى: http://bilge.eldawa.com/

terjime يوللانغان ۋاقتى 2015-2-18 13:44:09

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   terjime تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-2-18 16:36  

تەھرىرلەندى

halis123 يوللانغان ۋاقتى 2015-2-18 14:02:19

   ئالدى بىلەن بىلگەجانغا رەھمەت .
باشقا ئىلىم ئەھلىللىرىنىڭمۇ مۇشۇنداق ئىلىم-پەن ساھەسىدىكى ئىلمىي پاكىتلار ئارقىلىق، پەن-تېخنىكا تونىغا ئورنىۋېلىپ ئاددى خەلىقنى ئالداپ پۇل تېپىۋاتقان ساختىپەزلەرنىڭ، كىشىلەرنىڭ ئىددىيەسىنى بۇرمىلىماقچى بولۋاتقانلارنىڭ ئەپتى-بەشىرىسىنى ئېچىپ تاشلىشىنى ئۈمۈد قىلىمەن ،

‹‹ پەن-تېخنىكا تونىغا ئورنىۋېلىپ ››  ما گەپ ھەجەپ بىر خىل پەيزى ھە :lol   

0996 يوللانغان ۋاقتى 2015-2-18 14:16:42

http://jingyan.baidu.com/picview?eidEnc=e4511cf30873852b855eaf11&pn=1&picindex=1&st=3&bd_page_type=1&net_type=1&ssid=&from=

http://jingyan.baidu.com/picview?eidEnc=e4511cf30873852b855eaf11&pn=1&picindex=2&st=3&bd_page_type=1&net_type=1&ssid=&from=

http://jingyan.baidu.com/picview?eidEnc=e4511cf30873852b855eaf11&pn=1&picindex=3&st=3&bd_page_type=1&net_type=1&ssid=&from=

ھازىر ما جەنۇبى ئامرىكىدىكى پىرو ماككاسى مودا ئىكەن يولداشلاردا، تەبئى ۋېيگېر مىش. قارا رەڭلىكى ئەڭ كۈچلىكمىش. پىرو ماككاسىنىڭ بىر جىڭى نەچچە مىڭ يۈەنمىش…
يۈننەن، شىنجاڭدا ئۈستۈرۈشكە ماس كېلىدىكەن. لىكىن يۈننەندە تېرىلغانلىرىنىڭ باھاسى ئەرزانكىن.

GoodLuck يوللانغان ۋاقتى 2015-2-18 14:32:16

تادۇكامنىڭ بازىرىنى ئۆلتۈرەي دەپتۇ ما ئەدەم:lol

bilgejan يوللانغان ۋاقتى 2015-2-18 14:44:28

GoodLuck يوللىغان ۋاقتى  2015-2-18 14:32 static/image/common/back.gif
تادۇكامنىڭ بازىرىنى ئۆلتۈرەي دەپتۇ ما ئەدەم

:shutup: دېمەيدىغان گەپنى دەپ قوياپ :lol

afiyfiy يوللانغان ۋاقتى 2015-2-18 14:54:04

:lol:lol:lol:lol

perwazqil يوللانغان ۋاقتى 2015-2-18 14:56:31

س م د  دىگەن بىر تۇز سۇينى   زادى ھەممىگە پايدا قىلىپ  ساقايتالمايدىغان كىسەل يوق دەپ داۋراڭ قىلىۋاتقانلارمۇ ئۆزىنى بىلىۋالسۇن ئەمدى بەس يىتەر،،،،،،

0996 يوللانغان ۋاقتى 2015-2-18 14:59:42

0996 يوللىغان ۋاقتى  2015-02-18 14:16:42 static/image/common/back.gif
http://jingyan.baidu.com/picview?eidEnc=e4511cf30873852b855eaf11&pn=1&picindex=1&st=3&bd_page_t

ilter يوللانغان ۋاقتى 2015-2-18 15:02:12

بىزمۇ دىيارىمىزنىڭ مىۋە -چىۋىلىرىنى نۇرغۇن كىسەلگە داۋا بولدۇ دەيمىزغۇ ، ئەمما ياخشى يىرى قىممەت ساتمايمىز  ھى ھى ھى

pervaz يوللانغان ۋاقتى 2015-2-18 15:03:46

بىلگەجان ھەقىقەتەن كىشىلەرگە نەپ تېگىدىغان مەزمۇنلارنى يوللاۋاتىدۇ !!  ئاللاھ ئەجرىڭىزنى بەرسۇن !!
ھازىر بازاردا نېمە كۆپ مۇشۇنداق نونى دەمدۇ ، كوللاگىنلىق پېپىد دەمدۇ ، ئاقسىل تالقىنى دېگەندەكلەر..
دورا بىلەن ساغلاملىق مەھسۇلاتىنىڭ پەرقىنى بىلمەسلىكى سەۋەبىدىن نۇرغۇن كىشىلەر بىلىپ بىلمەي نۇرغۇن ئىقتىسادىنى سورىۋېتىپ بارىدۇ ... كېسەل داۋالاش ۋاقتىنى بىھۇدە ئۇزارتىۋاتىدۇ
بۇ جەمىيىتىمىزدە بۇ جەھەتتە تەكشۈرۈشنىڭ ، نازارەتنىڭ ، ئېلان تەشۋىقاتتىكى خاتا يېتەكلەشلەرگە بولغان  تەدبىرلەرنىڭ قاتتىق بولماسلىقىدەك مەسىلىلەرنى ئەكىس ئەتتۈرۈپ بېرىشى مۇمكىن !
تېلېۋىزور ، رادىئو ، توردا بۇ تۈردىكى ئىشلارغا مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلار ۋاقتىدا جاۋاب قايتۇرمايۋاتىدۇ ... ( خەنزۇچە توربەتلەردە بۇ جەھەتتىكى ئۇچۇرنىڭ كۆپ بولىشى ئېنىق ، لېكىن ئۇيغۇرچە توربەتلەردە تېخى بۇ ئۇچۇرلار يوق !)

ئىشىنىمەنكى بۇ ئىشلارنىڭمۇ تەرتىپكە سېلىنىدىغان ، قانات- قۇيرۇقى تۈزىلىدىغان ۋاقىتمۇ كەپ قالدى..

salambay يوللانغان ۋاقتى 2015-2-18 15:05:27

مۇشۇ كوللاگىنلىق پېپىتىد دېگەننىڭ داۋرىڭى بەك بولۇۋاتىدۇ، مۇشۇنىڭ گېپىنى بىر قىلىشساق بولىتى…:handshake

salambay يوللانغان ۋاقتى 2015-2-18 15:20:39

بالام ئوپراتسىيە بولۇپ تۇغۇلۇپلا ئەينەك ئۆيدە بىر قانچە كۇرس يېتىپ قالغانىدى، شۇڭلاشقىمۇ ئاسانلا زۇكام، يۆتەل، قىزىتما… دېگەندەك ئەھۋاللار كۆرۈلەتتى، كېيىن بىرەيلەننىڭ تەۋسىيەسى بىلەن يېڭى زىنلاندىيىنىڭ 纽贝乐 ماركىسىدىكى 乳铁蛋白粉, بېلىق مېيى، كالتىسى تابلىتى دېگەنلەردىن ئېلىپ بەرگەن، بىلمىدىم شۇ پايدا قىلدىمۇ ياكى باشقا سەۋەپمۇ ئايدابىر قانچە قېتىم ئۇششاق چۈششەك ئاغرىپ قالىدىغان بالام 4-5 ئايغىچە ئاغرىمىغان، ئانىسى يانا ئەپپەرسەك بولىتى دەپ بېشىمنى ئوچاق قىلىۋەتتى يېقىندىن بېرى…

YanfunCc يوللانغان ۋاقتى 2015-2-18 15:22:07

ئاللاھ رازى بولسۇن قېرىندىشىم!شۇنچە ئالدىراشچىلىقتاتۇرۇپ قېرىنداشلىرىڭىزنىڭ ساغلاملىقى ئۈچۈن كۈچىڭىزنىڭ يىتىشىچە ياردەمدە بۇلاۋاتىسىز.نادىرتېمىلىرىڭىزئۈزۈلۈپ قالمىغاي..

878989 يوللانغان ۋاقتى 2015-2-18 16:53:24

salambay يوللىغان ۋاقتى  2015-2-18 15:20 static/image/common/back.gif
بالام ئوپراتسىيە بولۇپ تۇغۇلۇپلا ئەينەك ئۆيدە بىر قان ...

بىلگەجان،قېرىنداش ئاكا،سىزگە ئېھتىياجىم بار… خالىسڭىز ئالاقىلشىش نومۇرڭىزنى قالددۇرسىڭىز، كەمىنە مەزلۇم سىڭلىڭىز،سىزدىن ياردەم تەلەپ قىلىپ بۇ خەتنى يېزىپ ئولتۇرۇپتىمەن…

Alif يوللانغان ۋاقتى 2015-2-18 17:22:25

bilgejan يوللىغان ۋاقتى  2015-2-18 14:44 static/image/common/back.gif
دېمەيدىغان گەپنى دەپ قوياپ

تۇرسۇنجان نۇرمۇھەممەد بۇرادەر!
خاپا بولماڭ، بەلكىم سىز ھەم مەن قۇرداش بولىشىمىز مۇمكىن. ئەسلى مەنمۇ باشقىلارغا ئوخشاش يالغان ماختاپ قويۇپ، بولۇشىغا ئۇچۇرپ مۇنبەردە چېكىنىپ چىقىپ كېتەي دەپ ئويلىغان. مەن بەزى تېمىلارنى ئوقۇسام ئىملاسىغا ئالاھىدە دىققەت قىلاتتىم.
ئالدىنقى بىر نەچچە تېمىڭىزدا ئىزچىل «تۇرسۇنجان نۇرمەمەت بىلگەجان» دەپ ئاپتورنى يېزىپ كەلگەن ئىدىڭىز، بىراق مېنىڭ بىر ئىش بىلەن پەقەت خوشۇم يۇق. بولۇپمۇ ئىسىمنى ياكى ئاتالغۇنى خاتا ئاتاش بىلەن. بۈگۈن ئېلان قىلغان ماقالىڭىزنى تەپسىلى ئوقۇپ خېلى يەردە ئىملادا مەسىلە بارلىقىنى كۆرۈپ بۇ خەتلەرنى سىزگە قالدۇردۇم. ئىنسان ھەممە ئىشنى توغرا قىلغان ئەمەس، ھەم قىلىپ بولالمايدىكەن. سىزگە سەمىمى تەكلىپىم بولسا، ئۇيغۇر تىلى يېزىقىمىزنىڭ ئىملاسىغا ئامال بار دىققەت قىلسىڭىز.
ئاقساقاللىق قىلىپ قويغان بولسام كەچۈرۈڭ!

harunjan يوللانغان ۋاقتى 2015-2-18 17:24:39

نونى شەربىتى، ناۋبەيجىن، يۇتا شىتاتى تۇز كۆلىنىڭ CMD تېمىتمىسى، كوللاگېنلىق پېپتىد،
دېگەندەك نەرسىلەرنىڭ ئۈنۈمى بەك كۆپتۈرۈلۈپ تەشۋىق قىلىنىپ
خەقلەر بىلىپ بىلمەي ئېلىۋاتىدۇ

ئۇيغۇر تىبابەت مەھسۇلاتلىرىنىڭ نامىنى سۈيئىستىمال قىلغان ۋارىيانتلىرىمۇ  پەيدا بولۇشقا باشلىدى

chataxchi يوللانغان ۋاقتى 2015-2-18 17:26:34

ھازىر مۇشۇ   يولداشلار ياۋاتاۋۇز دەيدۇ   ئۇيغۇرچە نىمە دەيدىكىن بىلمىدىم .   شۇنەرسىنى ئاچچىق سۇ بىلەن تۇز غا چىلاپ  سىتىۋاتىدۇ  رىماتىزىنغا پايدا قىلىدۇ دەپ  . قانبىسىم  يۈرەك كىسىلى  بارلا  ئىچسە بۇلامدۇ  دىسەم بۇلىدۇ  شۇكىسەلگىمۇ  پايدا قىلىدۇ دەيدۇ  راس  پايدا قىلارمۇ ئۇ  ھە ھە  كەپە  دەپ  سىتىۋاتىدىغۇ  شۇنى  دەيمەن .

0996 يوللانغان ۋاقتى 2015-2-18 17:43:34

chataxchi يوللىغان ۋاقتى  2015-02-18 17:26:34 static/image/common/back.gif
ھازىر مۇشۇ   يولداشلار ياۋاتاۋۇز دەيدۇ   ئۇيغۇرچە نىمە
ياۋا تاۋۇز تۇخۇمنىڭ چوڭلىقدا تاۋۇزغا ئوخشاش پىلەك تارتىپ مىۋىلەيدۇ، قورۇق تاغنىڭ باغرىلىرىدا كۆپ ئۇچىرايدۇ. ئۇنى ئادەتتە قۇرۇتۇپ ئىزىپ سۇقۇپ مەلھەم قىلىپ رىماتىزىمغا سىرتتىن ئىشلىتىدۇ، تېڭىپ ئىشلەتكەن ۋاقىت ئۇزۇن بۇلۇپ كەتسە تېرىنى كۆيدىرۋېتەمىش. لىكىن ئىچىپ ئىستىمال قىلىدىغانلىغىنى ئەزەلدىن ئاڭلاپ باقماپتىمەن.

tirak يوللانغان ۋاقتى 2015-2-18 17:53:16

مۇشۇ دىيارىمىزدىكى بىرقىسم ئۇيغۇرچە ماركىلق يىمەكلك مەھسۇلاتلارنىڭ زاۋۇت ئادىرسغا قارساملا......ھەي
بەت: [1] 2 3 4 5 6 7 8 9 10
: (bilgejan) "ھەممىگە داۋا" شەربەتلەرنى ئىچەمدۇق؟