kilimat يوللانغان ۋاقتى 2015-2-22 11:54:21

dawrim يوللىغان ۋاقتى  2015-2-21 20:41 static/image/common/back.gif
مەزىبىزىنىڭ تىز ئۈنۈملۈك  ئەڭ ئەرزان دورىسىنى مەن تاپ ...

ياخشى قىپسىز بولسا تەپسىلاتىنى بىرئاشكارىلىمامسىز؟ بۇكىسەلنىڭ دەردىنى تارتىۋاتقانلاغا چوڭ ياردىمى بوپقالار.

katkat يوللانغان ۋاقتى 2015-2-22 21:04:44

بىرسى يىقىلسا بىرسى ئورنىدىن تۇرۇپ  مۈرىنى مۈرىگە تىرەپ خەلىقنى ئالدايدىكەن بۇنداق نومۇسسىز قويمىچىلار

kuwruk يوللانغان ۋاقتى 2015-2-24 08:52:23

bilgejan يوللىغان ۋاقتى  2015-2-20 21:59 static/image/common/back.gif
تۆمۈر ماددىسىنى يېمەكلىك ئارقىلىق تولۇقلاشقا سەل كۆپ ...

رەھمەت سىزگە بىلگەجان..:handshake

mehmanjan يوللانغان ۋاقتى 2015-2-24 09:55:23

بىلگىجاننىڭ بىزگە نەپ تېگىدىغان ئىسىل يازمىلىرىدىن ،شۇنى ھېس قىلىپ قالدىم. خەلقىمىز ئىچىدە مۇشۇنداق ئۆگەنگەنلىرىنى خەلقىگە بىلدۈرۈپ خەلقىنىڭ غېمىنى قىلىۋاتقانلار نىمەنچىلا ئازدۇ؟!
بەلكىم بىردەملىك ھاياجانلىىنىش بىلەن بىز دۇچ كېلىۋاتقان تۈرۈلۈك ئىشلار ،شۇ زامان ھەل بولىدىغاندەك بىر خىل تۇيغۇدا بولىدىكەنمىز،مېنىڭمۇ ياشىنىپ قالغان يالغۇز ئانام كېسەلنىڭ دەردىنى تارتىۋاتىدۇ ،( دىيابىت. مېڭە قىل قان تومۇر ئىتىلىش سەېەبىدىن يېرىم بەدەن ھەركىتى توسالغۇغا ئۇچۇراش.مۈرە ياللۇغى...) ئەلبەتتە دوختۇرنىڭ كۆرسەتمىسى بويۇچە قىممەت ئىمپوروت دوررا ھۇكۇللارنى ۋاختىدا ئىشلىتىپ تۇرساقمۇ ، بۇخىلدىكى دورا-ھۇكۇللارنىڭ كېسەللىكنى ۋاختىنچە تىزگىنلەشتىن باشقا ياخشىراق مەنپەتى بولمىغاچقا، يەنىلا يوقۇردا تىلغا ئېلىنىۋاتقان ساغلاملىق مەھسۇلاتلىرىنى  ،سېتىۋېلىپ پەرزەنتلىك بۇرچىمىزنى ئاددا قىلىشقا ئۇرۇنىدىكەنمىز،بەزىدە ئۈستەلگە تىزىلغان دوررا،ساغلاملىق مەھسۇلاتلارنىڭ كۆپلىگىدىن ئانامنىڭ يىگەن ئاش-نېنىدىن جىقلقغىنى ھېس قىلىپ بىر كىم يۈرۈگۈمنى تىلغىۋەتكەندەك ئازاپلىنىپ كېتىمەن.
مەيلى تېلىۋۇزۇرغا چىقىۋاتقان ، ياكى ژورنالنىڭ مۇقاۋىسىدكى شۇ ئېلانلارغا قاراپ ،بۇ خىلدىكى مەھسۇلات ھەم شىركەتلەرنىڭ تولىمۇ كۆپلىگىنى بىلىپ تۇرۇپتىمىز،ئۇلارنىڭ خەلقىمىزنى ئالداپ ،قاختى -سوقتى قىلىشىغا سۈكۈت قىلىپ تۇرۇپتىمىز...
تورنىڭ دىيارىمىزدا قاپلىنىش نىسبىتى ،ئىشلىتىلىش دائىرسى يەنىلە تۆۋەن بولغاچقا ياخشى بىلدۈرگۈ،ئۇچۇرلار ئاۋام ئارىسىغا تارقىلىشى نىسبەتەن ئاز .ھەم ئاستا بولۇش سەۋەبىدىن بۇ خىلدىكى مەھسۇلاتلار يەنىلا بازا تاپماقتا. ردىيو دورا ،ساغلاملىق مەھسۇلاتى ئېلانى يەنىلا چوڭلارنىڭ ئالدىنىشىدىكى ئاساسلىق سەھنە بولماقتا.بۇ ئىشلار يەننە قاچانغىچە داۋام ئېتە؟!
توردا تىلغا ئېلىنىپ بارچە تورداشلار كۆڭۈل بۆلىۋاتقان ((لوقمان ھېكىم ))ماركىسىدىكى  مەھسۇلاتلار يەنىلا بازارلىق مەھسۇلاتلاركەن.ئۇنىڭ ئىچىدە ئەلببەتتە بۆرەك قۇۋەتلەش جەۋھىرىمۇ بار.
بىزدە يەنىلا تەشۋىقات كەمچىل ،چۈشۈنۈش كەمچىل .ئىشىنىش تېخىمۇ كەمچىل....

tirkax يوللانغان ۋاقتى 2015-2-25 13:48:27

كىيانى دەپراق بىر شەربەت باركەن ، بۈگۈن قولۇمغا تەگدى ، بۇنىمۇ بىر مۇلاھىزە قىلىۋىتىلى .1300 سومغا ئاپتۇ .
مۇشۇ داۋراڭچىلارغا ئاساسەن ئاياللار ئالدىنىدىكەن ،بەك ساددىمۇ ياكى ئۇلارنىڭ كۆڭلى بەك يۇمشاقمۇ بىلمىدىم .
ئىشىنىمەنكى كوللاگىن ، ئەمۋاي ، ئاقسىل ، كىيانى دىگەنلەرنى ئۆيلىرىمىزگە ئەكىلدىغاننىڭ 98 پىرسەنتى ئاياللار .

abusalahidin يوللانغان ۋاقتى 2015-2-25 15:46:11

؟

tirkax يوللانغان ۋاقتى 2015-2-25 19:36:15

كىيانى  

KYANI商机
凯安尼奖金制度
2014年3月2日 4条评论
一:开拓奖金  (周薪,一周一拿)
第一代得200美金/人,
第二代得80美金/人,
第三代得40美金/人,
第四代得40美金/人,
第五代得40美金/人,
第六代得40美金/人,
以每人推荐10个人为例,六代推广奖金可达5000万美金。
二:晋级奖金(闯关奖)(月薪,一月一拿)[……]


مەنمۇ ۋاكالەتچى بولايمىكىن دەيمەن :lol:lol

http://www.kyanihome.com

tahir2 يوللانغان ۋاقتى 2015-2-26 21:23:30

http://uyigilik.com/forum.php?mod=viewthread&tid=492
ماتىمىنى ئوقۇپ باقسىڭىز بوپتىكەن ،  بۇتىمىنى يازغان ئاداشقا مەنمۇ لايىقىدا بىر ئىنكاس يېزىپ قويدۇم.  

harunjan يوللانغان ۋاقتى 2015-2-26 22:02:59

tahir2 يوللىغان ۋاقتى  2015-2-26 21:23 static/image/common/back.gif
http://uyigilik.com/forum.php?mod=viewthread&tid=492
ماتىمىنى ئوقۇپ باقسىڭىز ب ...

ئەدىبى ئوبزوركەن ئۇ،{:92:}

bilgejan يوللانغان ۋاقتى 2015-2-26 23:32:46

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   bilgejan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-2-26 23:48  

tahir2 يوللىغان ۋاقتى  2015-2-26 21:23 static/image/common/back.gif
http://uyigilik.com/forum.php?mod=viewthread&tid=492
ماتىمىنى ئوقۇپ باقسىڭىز ب ...

رەھمەت سىزگە.
بۇ يازمىنى ئۈندىداردىمۇ بىر نەچچەيلەن ماڭا يوللاپتىكەن. يانچۇقىغا زىيان بولۇشىدىن قورققان، ھۈجەيرە دېگەن گەپنىڭ نېمىلىكىنى بىلمەيدىغان بىرسىنىڭ ئاتالمىش (رەددىيە+ئېلان) يازمىسى بىلەن پۈتۈنلەي بىتەرەپ بىر تەتقىقاتچىنىڭ يازغانلىرىدىن قايسىسىغا ئىشىنىشنى خەلقىمىز بىلەلمىگۈدەك يەردە ئەمەس دەپ قاراپ، بۇ ئاساسسىز قۇرۇق گەپكە پەرۋا قىلمىدىم. كىيانى توغرۇلۇق بۇ تېمىدا ئاساسەن كۆپ گەپمۇ يوق، پەقەت سۈرۈشتە قىلىۋاتىمەن دېگەن ئىدىم. سۈرۈشتە قىلىپ بولدۇم، نۆۋەت پات ئارىدا بۇ "ھەممىگە داۋا"مەھسۇلاتقا كىلىدۇ.

بۇ ماقالە ئارقىلىق كىشىلىرىمىز نونى شەربىتىنىڭ ماھىيىتىنى ئېنىق بىلىۋالدى دەپ ئويلايمەن. چەتئەلنىڭ مەھسۇلاتلىرى ھەققىدە يېزىپ بولسام دۆلەت ئىچىدە، ئاندىن ئۇيغۇرلار ئىشلىگەن «ھەممىگە داۋا» دورىلارغا كىلىدۇ... راست گەپ بىلەن ئالدامچىلىق ئارىسىدا بىر ئېنىق چىگرا بولۇشى كېرەك، بۇنى ئاتلاپ ئۆتكەنلەرنىڭ ھەممىسى ھامان خەلقكە ئاشكارا بولىدۇ.

كىشىلىرىمىز ساغلاملىق مەھسۇلاتلىرى ھەققىدە چوقۇم توغرا چۈشەنچىگە ئىگە بولۇشى كېرەك. مەن مەلۇم مەھسۇلاتنىڭ ماركىسىغا ياخشى يامان دەپ باھا بەرمەيمەن. پەقەت دېيىلگەن گەپلەرنىڭ ئىلمىي ئاساسىىي قانچىلىك دېگەنگە قىزىقىمەن ۋە ئىلمىيلىك ئاساسىدا ئەڭ ئىشەنچلىك ئۇچۇرلارنى، ئۆزۈمنىڭ لىللا كۆز قاراشلىرىنى توردا ئورتاقلىشىمەن. مەن ياخشى تەرىپىنى ياخشى دەيمەن، يامان تەرىپىنى يامان دەيمەن.

رەددىيە يازىدىغانلار بولسا ئەڭ ياخشىسى ئۆزىنىڭ نېمە دەۋاتقىنىنى بىلىدىغان كەسىپ ئەھلىلىرى پاكىتى بىلەن مەن ئەسلى ماقالىنى يوللىغان ئىزدىنىش تورى، مىسرانىم تورىدا يازسۇن. مەھسۇلات ساتىدىغانلار ۋە بۇلار بىلەن ئىقتىسادىي باغلىنىشى بارلار يازسا بەرىبىر ئۆزىنىڭ بازىرىنى چىقىرىش ئۈچۈن بىتەرەپلىمىلىكتىن ساقلىنالمايدۇ. "مەن بۇ مەھسۇلاتىنى ساتىمەن" دەپ، ھېچقانداق ئىلمىي تەتقىقات نەتىجىلىرىنى كۆرسەتمەي تۇرۇپ قولىدىكى مالنى ماختاۋەرسە بەرىبىر خەلقىمىز ئېلان بېرىۋىتىپتۇ دەپ چۈشىنىدۇ ۋە بۇنداق مەقسەتلىك بىر تەرەپكە يان باسىدىغان ئادەملەر بىلەن مۇنازىرە قىلىشىمنىڭ ئورنى يوق. ئالدىراشچىلىقىمدا باشقا تور بەتلەرگە كىرىپ مۇنازىرە قىلىدىغانغا ۋاقتىم تېخىمۇ يوق.

rock يوللانغان ۋاقتى 2015-2-27 08:53:43

نىمانچە بىچارە ئاداش ئاۋۇ. لېكىن ئەدەبىياتتا ياخشى ئوقۇپتىكەن. ئىسپات - نەتىجە دېگەندەك باغلىنىشنى تازا ياخشى چۈشەنمەي، ئوخشىتىش، سېلىشتۇرۇش دېگەندەك ئىستىلىستىكىلىق ۋاستە دېگەنلەردىن چاڭ چىقىرىۋېتىدىكەن.

Musicfan يوللانغان ۋاقتى 2015-2-27 09:34:49

يەنىلا ۋاللەي بىلەن باش تاشنىڭ سودىسى بىخەتەر پاكىزە سودا ئوخشايدۇ :lol

Musicfan يوللانغان ۋاقتى 2015-2-27 09:56:30

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Musicfan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-2-27 09:59  

ھىس قىلىشىمچە بۇ ماقالىنى بىلگەجاندەك كەسپى نوقتىدىن ھىس قىلمىساقمۇ شۇنداراق گۇمانى قاراشتا بۇلىۋاتقانلار كۆپراق كۈرۈپتۇ ، دىمەكچى بۇ ماقالە يۇقاردا تىلغا ئېلىنغان مەھسۇلاتلارنىڭ بازىرىغا جىق تەسىر كۆرسەتمەيدۇ ، ئۇلار تەشۋىقاتقا پۇلنى خەجلەۋەرسە سودا مىقدارى ئېشىۋىرىدۇ ، ئەگەر بۇ توغرىسىدا بىرە تىلىۋىزىيە پىروگراممىسى ئىشلەنسە تاڭ ئەمدى.
يەنە بىر نوقتىدىن بۇ ماقالە شۇ مەھسۇلاتلارنىڭ تەشۋىقات رولىنى ئوينىشىمۇ مۇمكىن ، چۈنكى نۇرغۇن ماركىلار مەھسۇلاتقا ئەمەس ماركىغا مەبلەغ سالىدۇ ، ھەتتا شۇ ماركىنىڭ داۋراڭ كەيپىياتىنى كۆتۈرۈش ئۈچۈن ، ئۈزىنىڭ ماركىسىنى سۆكىدىغان ئوبزورلارنى پۇل بىرىپ يازغۇزىدۇ ، ماركا قىززىق نوقتىغا ئايلانسا سود مىقدارىى سىز بىز ئويلىغاندىن نەچچە ھەسسە ئاشىدۇ ، تېخى داڭلىق ماركا ئىلتىماسىغا شارائىت ھازىرلايدۇ :lol
لىكىن يۇقارقىدەك پاكىتلىرى تۇلۇق ماقالىلەر كۆپلەپ يېزىلسا ئاۋال مۇشۇنداق ماقالىنى ھەزىم قىلالايدىغانلارنىڭ ئىدىيىسىدەئۆزگۈرۈش بۇلىدۇ ، ھەزىم قىلغانلار ھازىم قىلالمايدىغانلارغا ياكى كۆرمىگەنلەرگە تارقاتسا تارقىتىپلا قالماي ئۇدۇل كەلگەندە نەچچە مىنوت ۋاقىت سەرپ قىلىپ ھىس قىلدۇرۇپ قويسا ئاشۇ ئادەم 200 سومغا نونى ئالماي 4 كىلو گۆش ئېلىپ ئۆيدىكىلەر بىلەن ئولاش چولاش يىسە بىلگەجاننىڭ ھاردۇقى چىقىدۇ {:112:}

Musicfan يوللانغان ۋاقتى 2015-2-27 10:08:24

ئۈستىدىكى ئىنكاسنى يېزىپ بۇلۇپ ئاۋۇ ئەدەبىي ئوبزورنى ئوقۇپ كۈلۈپ كىتىپتىمەن، پەرىزىمدىكىدەك بوپتۇ :lolكىيانى نىڭ داۋرىڭى تېخى نونى ، پېتپېد لاردەك ئەمەستى :lol
بىلگەجاننىڭ تىمىسى بىلەن ئاۋۇ تىما چىقىپتۇ ، بۇنىڭغا بىلگەجان يەنە بىر تىما يازسا ئۇ يەنە بىرنى يازىدۇ شۇنىڭ بىلەن كىيانىنىڭ يۇمىشاق تەشۋىقاتى باشلىنىپ كىتىدۇ، ئارسالدا تۇرغانلاردا سىناپ بېقىش ئىستىكى پەيدا بۇلىدۇ شۇنىڭ بىلەن بىلگەجان كىيانىنىڭ سودىسىغا تۆھپە قوشقان بۇلىدۇ{:92:}{:92:}

Musicfan يوللانغان ۋاقتى 2015-2-27 10:15:47

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Musicfan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-2-27 10:17  

ئالما شىركىتى يەيدىغان ئالمىنى بازارغا سالسا بىز يەۋاتقان ئالمىدىن بىر ھەسسە ھەتتا نەچچە ھەسسە قىممەت بولسىمۇ بۇنى ئېلىپ يەيدىغانلار يەنىلا كۆپ چىقىدۇ ، ماركا قىممىتى بىلەن تەشۋىقاتنىڭ كۈچىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرايدىغانلار مۇتلەق كۆپ ساننى ئىگىلەيدۇ . ھەتتا پەخىرلىنىدۇ ، ئۆيلەرگە كىلىڭ ئالما ماركىلىق ئالما بىلەن مىھمان قىلىمەن دەپ :lol

Abdikadir يوللانغان ۋاقتى 2015-2-27 10:53:54

Musicfan يوللىغان ۋاقتى  2015-2-27 09:34 static/image/common/back.gif
يەنىلا ۋاللەي بىلەن باش تاشنىڭ سودىسى بىخەتەر پاكىزە  ...

ۋاللەينىڭ ساختىسى جاھاننى بىر ئالدى ، نىمە ئىش قىلىپ يۈرۈيدىغاندۇ ئۇ ئاغىنىلەر ھاي دىمەي ،


ساختىسىنىڭ سۈپىتى جىڭ ۋاللەينىڭ سۈپىتى بىلەن ئاساسەن ئوخشاش ئىكەن ، ھەتتا ياخشىراق دىگىلىمۇ بولغۇدەك

Musicfan يوللانغان ۋاقتى 2015-2-27 18:45:42

ساختا ئەمەس باشقا ماركىدىكى دوراپ ئىشلىگەن ماھسۇلاتلار، لىكىن مەن ھازىرغىچە ۋاللايدىن ئەرزانكەن دىگەن ئىنكاسنى كۆپراق ئاڭلىدىم ، سۈپەت ، مەزمۇن ۋاللەيدىن ياخشىكەن دىگەننى تېخى ئاڭلىمىدىم ، ئۇيغۇر بازىرى مۇشۇنداق بۇنىڭغا ئامال يوق ،بىر مەزگىل تالقانچى ، ئاقسىلچىلار كۆپىيىپ كەتكەن ، ئەمدى ۋاللەيچى كۆپىيۋاتىدۇ :lol

ئەمما ۋاللەي ۋە ۋاللەي ناخشىسى تېخى سىھرى كۈچىنى يوقاتمىدى :)

turken يوللانغان ۋاقتى 2015-2-27 20:46:51

كەمىنە كىيانى ساغلاملىق مەھسۇلاتىنى ئائىلەم بويىچە ئىچىپ ھەيران قالارلىق ئۈنۈمىنى كۆرۈپ دادامنىڭ دۇئاسىنى ئالغان بىر ئىستىمالچى بولۇش سۈپىتىم بىلەن ھەقىقەت كەمىرىنى بېلىمگە باغلاپ،قەلبىدىن راست سۆز تۆككۈچى قەلىمىمنى ئىنساپ سىياھى بىلەن سۇغۇرۇپ ئوبزورچى«ئالىم»غا رەددىيە ئىبارىسىنى چاپتۇرغۇم كەلدى{:87:}

niyazdixan يوللانغان ۋاقتى 2015-2-27 21:11:56

نونى، پېپتېد، ئەمۋاي، كىيانى.... لارنىڭ ئىچىدە ئەڭ دەھشەتلىك غەزەپلەنگىنى كىيانى بوپتۇدە.:lol:lol:lol

aypalta يوللانغان ۋاقتى 2015-2-27 21:49:48

نىمانچە بىچارە ئاداش ئاۋۇ. لېكىن ئەدەبىياتتا ياخشى ئوقۇپتىكەن....................
..........................................................................................................................................................

ئەدەبىياتنى بۇنچىۋالا پەس كۆرمەڭلار بۇرادەرلەر، ئەگەر سىلەر دەۋاتقان ئەدەبىيات ساۋادى ئوبدان چىقىشنى ۋە ئىككى ئېغىز گەپنى راۋان قىلىشنى كۆرسەتسە باشقا گېپىم يوق، لېكىن ئەدەبىياتنى ياخشى ئوقۇش دېگەن پۈتۈنلەي باشقا گەپ.
بەت: 1 2 3 4 5 6 [7] 8 9 10 11
: (bilgejan) "ھەممىگە داۋا" شەربەتلەرنى ئىچەمدۇق؟