sansara يوللانغان ۋاقتى 2015-2-28 14:07:56

مېنىڭ بىر يۇرىتدېشىم ئائىلە بويىچە ئىككى مىڭ يۇەنلىك كوللاگىنلىق پىپتىت يەۋاتىدۇ ئۇلار بۇنى دورا دەپ يەپتۇ بەدىنىدە ياخشىلىنىش بولىدىغانلىقىغا مۇتلەق ئىشىنىدىكەن ئاتا ئانامغا مەسلەھەت بېرىپ كاللىسىنى يۇيۇپ بوپتۇ مېنىڭ قاتتىق ئاچچىقىم كەلدى

gayur1 يوللانغان ۋاقتى 2015-2-28 14:32:04

gayur1 يوللىغان ۋاقتى2015-02-28 14:05:05 static/image/common/back.gif

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم بىلگەجان، سىزنىڭ چېچىلىپ قالغان ۋ
ھە راست، گەپنى بەكلا تومتاق قىلىپ قويغاندەك قىلىمەن. مۇشۇ ھەقتە دىگىنىم، ئوپكە تىبىركىليوزى ۋە ئۇنىڭ تۈرلىرى، پەيدا بولۇش سەۋەپلىرى ۋە پەيدا بولۇش شەرىت.-شارائىتلىرى،بۇ كېسەلدىن ساقلىنىش، بايقاش، تەكشۈرۈپ ئېنىقلاش ئۇسۇللىرى، داۋالاش ۋە داۋالنىش ئاساسى ساۋاتلىرى، ئەگەشمە كېسەللىكلەر ۋە ئۇنىڭدىن ساقلىنىش-داۋالاش ساۋاتلىرى. پەرھىز تۇتۇشقا تېگىشلىك يىمەكلىك ۋە ئىش-ھەركەتلەر. ئائىلىدە يۇقۇمدىن ساقلىنىش ساۋاتلىرى، ھەر خىل تىپتىكى ئۆپكە تىبىركىلىيۇز كېسىلىنىڭ داۋالىنىشتىكى پەرقى، تەۋسىيەلىك ئاساسى ۋە قوشۇمچە دورىلار، كېسەللەك باسقۇچى ۋە ساقىيىش مۇددىتى دىگەندەك تەرەپلەر تونۇشتۇرۇلسا دىمەكچىدىم.

ziyali يوللانغان ۋاقتى 2015-2-28 14:56:29

ساتسا مەيلى.
ھەممە نىمىگە پايدا قىلىدۇ،ئۈلۈكنى تىرىلدۈرىدۇ دەپ ساتسا بولمايدۇ .
ئىچىدىغانلارمۇ ئىچسە مەيلى.
كىسىلىمگە شىپالىق بولارمىكىن دەپ ئىچمىسۇن.

بىلگىجان يۇرتقا قايتقاندا يېنىغا بەستلىكرەك ئۈچ تۆت ئادەم چاقىرۋالسا بولغىدەك.چاقچاق ئەمەس:lol

enwerjula يوللانغان ۋاقتى 2015-2-28 14:57:14

sansara يوللىغان ۋاقتى2015-2-28 14:02 static/image/common/back.gif
‏ئەنۋەر جۇلا سىزنى يېزا يەپ كېتىپتۇ،تولىمۇئەپسۇسلاند ...

ۋاي ۋاي ۋاي سانسارا، دۇرۇشلۇق بەرمىگەن سىز قالغانتىڭىز. مەن ما تېمىدا كېتىپ قاپتىمەن، بولدىما؟!

enwerjula يوللانغان ۋاقتى 2015-2-28 15:23:20

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   enwerjula تەھرىرلىگەن. ۋاقتى2015-2-28 15:26

sansara يوللىغان ۋاقتى2015-2-28 14:07 static/image/common/back.gif
مېنىڭ بىر يۇرىتدېشىم ئائىلە بويىچە ئىككى مىڭ يۇەنلىك ك ...

ئاشۇنداق ئىشەنسە تېخى بەدىنىدە ياخشى ئانتىتېلا ھاسىل بولۇپ ياخشىلىنىپمۇ كېتەر بولغىيتتى ئۇ تۇققىنىڭىز، ئەمدى تىك موللاق چۈشمىسۇن 2000كويلۇق سۇ ئېلىپ ئىچىپتىمەن دەپ.

GoodLuck يوللانغان ۋاقتى 2015-2-28 15:35:31

بۇ خىل مەھسۇلاتلارنى ئىستىمال قىلغاندىن كېيىن ياخشىلانغان ئەھۋاللارمۇ ھەقىقەتەن بار ئوخشايدۇ. بەلكى پىسخىكا جەھەتتىن رولى بولغاندۇ، بەلكىم نەق شۇ كىشىنىڭ تەن ئەھۋالىغا ماس كېلىپ قالغاندۇ... ۋەھاكازالار
لېكىن پۈتۈن دۇنيا ئالىملىرى كېچە كۈندۈز ساقايتىمىز دەپ تىرىشىۋاتقان كېسەلنى، ساغلاملىق مەھسۇلاتى بىلەن ساقىيىدۇ دەپ داۋراڭ سېلىش ھەقىقەتەنمۇ ئىلمىيلىك بولمايدۇ.
خەلقتىنمۇ ئاغىرنىپ كەتكىلى بولمايدۇ، كېسەل بولغان ئادەم شۇ قانداق قىلسام ساقىيىمەنكى دەپ ئاڭلىغانلا ئامالنى قىلىپ باقىدىغان گەپ.

Musicfan يوللانغان ۋاقتى 2015-2-28 16:43:40

ھىكايە :
بىر دىھقان ئۈزىنىڭ ئېغىر كىسىلى بارلىقىنى دەيدۇ ، ياندىكىلىرى دوختۇرخانىغا بوپمۇ چوڭ دوختۇخانىغا بارما پۇلۇڭ تەكشۈرۈشكىمۇ پاي بەرمەيدۇ ، ئەڭ ياخشىسى پالانى يەردە ئاجايىپ قۇلى شىپالىق بىر دوختۇربار ( بەلكىم تىۋىپتۇ ) شۇنىڭ دورىسىنى يىسەڭ تۇلۇق ساقىيىسەن دەيدۇ ، بۇ تەشۋىقات بۇ بىچارە دىھقاننىڭ مېڭىسىگە ئورناپ كىتىدۇ ، شۇندىن كىيىن ئۇ ئۇرۇق تۇققانلىرىنىڭ ھەرقانداق نەسىھىتىگە قۇلاق سالمايشۇ دوختۇرنى ئىزدەپ تېپىپ كىسىلىنى كۆرسىتىدۇ ، دوختۇر بىر ۋاراق قەغەزگە دورا تىزىملىگىنى يېزىپ مۇشۇ دورىنى ئىچسىڭىز ساقىيىسىز دەپ يولغا سالىدۇ ، بىرە ئايدىن كىيىن بۇ دىھقان ئالاھىدە رەھمەت ئېيتقىلى شۇ دوختۇنىڭ يېنىغا كىلىپ كىسىلىنىڭ ساقايغانلىقىنى ئېيتىپ قايتا قيتا رەھمەت دۇئالار قىلىدۇ . دوختۇر ئۆز ۋاختىدا يېزىپ بەرگەن دورىلىرىنىڭ ئىسىملىكى يادىدا بولمىغاچ دىھقاندىن قايسى دورىلارنى ئىچكەن دەپ سورىسا ، دىھقان : شۇ سىز بەرگەن قەغەزنى چايغا چىلاپ ئىچكەن دەيدۇ ، بۇ دىھقاننىڭ ئىچكىنى رىتسىپ قەغىزدىكى دورىلار بولماستىن شۇ قەغەزنىڭ ئۈزى ئىدى .
شۇڭا ئويلاپ ھەرقانداق بىمارنى روھى جەھەتتە ساقايتماي تۇرۇپ داۋالاش قىلسا شىپالىق دورىمۇ تەسىر قىلماسمىكى دەيمەن ، بۇ خىل پىسىخىكىنىڭ ئۇيغۇرلاردا قانچىلىك نىسبەتنى ئىگلەيدىغىننى بىلمەيمەن لىكىن نۆۋەتتىكى سودا ساھاسىدە تەشۋىقاتنىڭ كۈچىدىن بۇنى ئاز تولا پەرەز قىلغىلى بۇلىدۇ ، پىس پاس ئەپەندى دىگەندەك گەرچە بۇ توغرىسىدا قانۇن تۈزۈملەر بار بولسىمۇ ، بىرەسى ئېزىپ تىزىپ مېققا ئۈسۈپ سالمىسا ئۈ تۈزۈملەرنىڭ ماتۇڭنىڭ يېنىدىكى تازىلىق قەغىزىدىن پەرقى يوق ، تېخى دورىسام ئۈزۈمنىڭ ئىشى ، قانداق تەشۋىق قىلىش ئۈزۈمنىڭ ئىشى ھازىر باراڭ پۇل، نوچى بولسىڭىز سىزمۇ قىلىڭ دەپ قىلىۋىرىدۇ ،
بۇنىڭدا ھەممەيلەن ھىس قىلالايدىغان دىگىلى بولمايدىغان نۇرغۇن سەۋەپلەر بار
بىلگەجاننىڭ تىمىسىدا ھېچقانداق مەسىلە يوق ،بۇنى ئوقۇغان ھارقانداق ئادەمنىڭ ئىستىمال ساپاسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشكە پايدىسى بولسا بۇلۇدىكى ھەرگىز زىيىنى تەگمەيدۇ ، بولسا ئوقۇغانلار ئۇدۇل كىلىپ قالسا ئاشۇ بىچارىلەرگە نەچچە مىنوت ۋاقىتنى سەرپ قىلىپ چۈشەندۈرۈپ قويسا تېخىمۇ ياخشى
ئەنۋەر جۇلانىڭ ئويلىغىننى مەن ئازراق پەرەز قىلالىدىم ئىپادىلەشتە كەتكۈزۈپ قويۇپتۇ شۇ ،
سودا نوقتىسىدىن ئويلىغاندا ئۇيغۇر كارخانچىلىرىنىڭ سەترەك ئېيتساق پۇل تاپىدىغان بىرە ئۇيغۇرنىڭ چىقىشى بىز خوش بۇلىدىغان ئىش ، گەرچە ئۇنىڭ پۇل تېپىشى بىلەن بىزگە بىۋاستە ھېچقانداق پايدا ئېلىپ كەلمىسىمۇ لىكىن يەنىلا خوش بولساق بۇلىدۇ ، بولسا پۇل تاپسۇن ، جىقراق تاپسۇن .
سودا ساپاسى بىركۈندە كۆتۈرلىدىغان نەرسە ئەمەس ، بۈگۈن قارقاش ناھىيسىگە ئېلان ئىشلەيدىغان ئىش بىلەن بېرىپ ئەھۋال ئۇقسام شۇ بىر ناھىيدە چوڭ كىچىك بولۇپ 200 نەچچە كارخان باركەن ، بۇنىڭدىن شىنجاڭدىكى كارخانلارنىڭ ( كارخانىچى دەۋالغانلارنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ ) سانىنى پەرەز قىلىشقا بۇلىدۇ ، سان سۈپەت نوقتىسىدىن بۇ ئادەمنىڭ ئىچىنى ئاچچىق قىلغان بىلەن بۇرۇنقى سودا ئېڭى ياكى سودا ساپاسى نوقتىسىدىن قارىغاندا ئادەمنى يەنىلا خوش قىلىدۇ ، ھىچ بولمىسا تەرتىپلىشىشكە ، رەتلىنىشكە ، زامانغا لايىقلىشىشقا ئىپتىدائى شەرت ھازىرلاپتۇ دىيىشكە بۇلىدۇ ، ئەگەر ھازىرقىدەك سودا مۇھىتىدا بىز يەنىلا بۇرۇنقى سودا ساپاسىدا تۇرساق بۇنى تەسەۋۋۇر قىلماق تەس ، شۇڭا ئۇيغۇر كارخانچىلار يەنىلا چۈشۈنۈشكە قوللاشقا مۈھتاج ، دەرۋەقە ھەممە ئۇيغۇر كارخانچىلارنىڭ سەمىمىي راسچىل ، بۇلىشى ناتايىن ، يۇقارقى ماقالە سەۋەپلىك ئازراق چوقان پەيدا بۇلۇپ شۇ كارخانچىلارغا ئازراق سىگىنال بىرىلسە ياخشى ، مەنمۇ زىيالىدەك ئويلاۋاتىمەن ، بىلگەجان ئەمدى شىنجىاڭغا كەلسە قوغدىغۇچىدىن نەچچىنى ئېلىۋالمىسا ئۇرۇپ كىتەمۇ دەپ :lol
يەنە تاققا تاققۇغا كەتتى ، يەنە شۇ گەپ ، بۇ ماقالە نونى ، كىيانى يەنە بىرنىمىلەرنىڭ سودىسىنى تىزلىتىدۇ، ئۇلار پۇل خەجلىمەي بىر تەشۋىقات كەيپىياتى پەيدا قىلدى :lol

terjime يوللانغان ۋاقتى 2015-2-28 17:19:51

مەن بۇ ماقالىنى ئۇلارغا تەشۋىقات بولدى دەپ قارمايمەن . ھېچ بولمىسا شۇلارنىڭ ئېچىشقان يېرىگە باردى ، لەت بولۇپ قېلىشتىن قورقمىسا بۇ چاققىچە چاپانچىدىن بىر نەچچىنى تېپىپ تىللىتىپ ، قانۇنى سۆرەپ قوقاق سېلىپ بولاتتى .بۇندىن كىيىن بولسىمۇ ھېچ بولمىغانداقالايمىقان داڭلىمايدۇ ، شۇنىڭدەك مۇشۇنداق ئۇسۇلدا پۇل تېپىشنى ئويلاۋاتقانلارغا بولسىمۇ بىر ئاگاھلاندۇرۇش بولۇپ قالىدۇ .
بۇندىن كىيىن بىرەر مەھسۇلات ئۇچۇرسا توردىن شۇنىڭغا ئالاقىدار ئۇچۇر ئاختۇردىغانلار بارغانسىرى كۆپىيىدۇ ، ھېچ بولمىسا مۇشۇنداق ماقالىلار كۆپەيسە بۇمۇ بىر پايدىلىنىش مەنبەسى .
ئۈرۈك ئۈرۈكنى كۆرەپ ئالا بوپتۇ دەپ بىرسى چىقىپ قىلسا ھەممەيلەن ئۇنداق بولاپ قالامۇ ، بۇنداق بولۇپ قالامۇ دەپ ئىچىدە بىلىپ يۈرۈۋەرسە پۇل تاپماق ئاسانكەن دەپ مۇشۇ يولغا يېتىۋالدىغانلار بارغانسىرى كۆپىيىدۇ ، شۇنىڭ بىلەن ئۇنداق بوپ كەتتۇق ، بۇنداق بوپ كەتتۇق ، قاچان تۈزۈلەمىز دەپ ۋايسايدىغانلار چىقىدۇ . كىيىن ۋايسىغاندىن بۇرۇن ئاچچىق بولسىمۇ دەيدىغاننى دىگەن ئەۋزەل .
ئەسكەرتسە كۆرمىگەنگە سېلىپ ، پايدىلىنىدىغان ئۇچۇردىن ، شارائىتتىن پايدىلانماي بېشىنى پۈركەپ زادى يەيمەندىسە ئۇنىڭغا ئامال يوق ، بۇنى يىمەيسەن دەپ ئاغزىنى تىكىۋەتكىلى بولمايدۇ ، لىكىن ھېچ بولمىسا سەل دىققەت قىلىدۇ .
ئۇندىن باشقا دىققەت قىلساق ئەڭ بۇرۇن ئەمۋايدىن باشلاپ ئوتتۇردىكى نىيۇسكىن ، كوسۋاي ، ئورفىلىيەم ، مارىكەي ، نونى ، پىپىتىد ۋە ھازىرقى كىيانى ، گىن مەخپى شىفىرى دىگەندەكلەرنى سېتىۋاتقانلارنىڭ چوقۇم زەنجىرسىمان مۇناسىۋىتى بار ، ئەمۋايدا تەربىيلەنگەنلەرنىڭ ئۇرۇق _ ئەۋلادى داۋاملاشتۇرۇپ كىلىۋاتقان ئىش بۇ ،
ئىشەنمىسەڭلار ئوبدان دىققەت قىلىپ بېقىڭلار ، يۈزى قېلىنلىق يۇقۇمچان بولىدۇ .

Musicfan يوللانغان ۋاقتى 2015-2-28 18:00:05

تەرجىمە ئەپەندى كەينىدىكى تەھلىلنىڭ ھېچقانداق ئىلمىي دەلىلى يوق ، نىيۇسكىن ، ئەمۋاي ، كپسۋاي ئورفىلەم ، مارىكەي ، نونى ......ھېچقانداق زانجىرسىمان مۇناسىۋىتى يوق ، ئۇلار ئۆز ئالدىغا دۇنيادا مىقىياسىدا تەسىرى چوڭ ئايرىم ئايرىم شىركەتلەر ، ھەتتا بەزىلىرى نىيۇرۇك پايچىك بازىرىغا كىرگەن شىركەتلەر ... توردىن بۇ توغرىسىدا ماتىرىيال ئاقتۇرسا بەك كۆپ .
گېن تەتقىقاتىنىڭ ئەڭ كۆپ ماتىرىياللىرى ياكى سانلىق مەلۇماتلىرى ئامرىكا گېن تەتقىقات مەركىزىدە دەپ پەرەز قىلىمەن ، قايسى يىلى نىيۇسكىن بۇ مەركەزنى سېتىۋالغان ( قېتىۋالغان ) بەلكىم ھەقىقىي گېن تەتقىقاتىنىڭ يۇقىرى پەن تېخنىكىلىق مەھسۇلاتلىرى شۇلاردىن چىقىشى مۇمكىن
ئۇلاردا ئورتاقلىق بار دىيىلسە بازار ئېچىش ۋە سېتىش شەكلىدە ئورتاقلىق بار، ھەممىسى بىۋاستە سېتىش شەكلىدە بازار ئاچىدۇ ، بىۋاستە سېتىش رايۇنىمىزغا ھەتتا مەملىكىتىمىزگە نىسبەتەن تېخى ئەمدى بىخ سۈرۋاتقان بازار ئېچىش شەكلى . بۇنىڭغا تېخىمۇ كۆپ ماتىرىيال كۈرۈشكە توغرا كىلىدۇ
يۇقارقى شىركەتلەرنىڭ ھەممىسى دۇنيا ئىتىراپ قىلغان داڭلىق شىركەتلەر، .ەھسۇلاتلىرىمۇ ئۈزىگە يارىشا نوچى ، بۇلارنىڭ كۇرىسىنى چۈشۈرۋەتكەنلەر دەل تۈۋەندىكى بازار ئاچقۇچىلار ، ئۇلار يۇقاردا دىيىلگەندەك ، سودا ئەخلاقى . دىگەنلەرنى بىر ياققا قايرىپ قويۇپ ، كۆپتۈرۈش ، يالغانچىلىق قىلىشتىن ئەڭ مۇھىمى خەلقىمىزنىڭ ئىستىمال ساپاسىن پايدىلىنىش قىلمىشىدىن كىلىپ چىققان مەسىلە .

Musicfan يوللانغان ۋاقتى 2015-2-28 18:29:48

مەن ئاڭلىغان ۋە كۆرگەن ماتىرىياللاردا ئامرىكىدا دوختۇلاردورا ئۇكۇل بىلەن داۋالاشقا قارىغاندا ئۇزۇقلۇق ئارقىلىق داۋالاشقا ئەھمىيەت بىرىدۇ ھەم بۇنىڭدىن كىيىنكى يۈزلىنىش شۇنىڭغا يۈزلىنىدۇ دەپ ئاڭلىغان ، بىزدە ئەمدىكلەتتىن پەيدا بۇلىۋاتىدۇ ، دوختۇرلار بۇنى تېخىمۇ ئىلمىي چۈشەندۈرەلىشى مۇمكىن ، ساغلاملىققا كۆڭۈل بۈلۈش مەدەنىيەت ساپا بىلەن ئۇڭ تاناسىپ ماڭامدۇ بىلمىدىم ،ھازىر تەرەققىي قىلغان ئەللەردە ئادەمنىڭ بەدىنى قانداق ئۇزۇقلۇققا مۆھتاج ، نىسبىتى قانداراق تەڭشەش ئادەتتىكى ئادەملەر بىلىشكە تىگىشلىك ياكى بىلىپ بولغان بىلىملەر ھىساپلىنىدىكەن ، بىزدە بولسا بۇنىڭغا تېخى يىراق ، يۇقاردا تىلغا ئېلىنغا ماركىنىڭ مەھسۇلاتلىرىنى ئۇلار ھەرگىز دورا دەپ ئىستىمال قىلمايدۇ ، پەقەت بەدەنگە كام ئۇزۇقلۇقنى تۇلۇقلاش دەپ يەيدۇ ، بىزنىڭ ئۇزۇقلىنىش ئادىتىمىزغا قارىساق پولو لەغمەن كاۋاپ بىلەنلا بەدەننىڭ تەكشى ئۇزۇقلىنىشىنى ئەمەلگە ئاشۇرغىلى بولمايدۇ ، شۇ سەۋەپتىن بەدەندىكى تەڭپۇڭسىزلىق كۈرۈلسە بۇنى كىسەل دەپ قاراپ، يۇقاردا تىلغا ئېلىنغان مەھسۇلاتنى يەپ ئويلىمىغان يەردىن بەدەندىكى كام ئۇزۇقلۇقنى تۇلۇقلاپ بەرگەن بولسا ساقايغاندەك تۇيغۇ شەكىللىنىپ قالغان بۇلىشى مۇمكىن ، خۇددى تاڭسىڭ راۋاققا چىقىپ يامغۇر تىلىسە 4 مۇئەككەل قايتىپ كەلگىنىگە ئوخشاش :lol
لىكىن بۇنداق ئۇدۇل كىلىش ناھايتى ئاز ئۇچرايدۇ ، مۇشۇنداق بىرە مىسال بىلەن بىرە مىڭ ئىستىمالچىنى ئالداش دەرۋەقە ئالدامچىلىق ،
بىلگەجان ماقالىدىمۇ ئەسكەرتىپ ئۆتۈپتۇ ، مەھسۇلاتنى تۇلۇق ئىنكار قىلغان ئىش يوق ، پەقەت سودىدا خەلقىمىزنىڭ ھىسىياتىدىن پايدىلىنىپ كۆپتۈرمە تەشۋىقات بىلەن ھارام تاپماي ، تەشۋىقاتتا راسچىل بۇلۇپ سودا قىلسا دىمەكچى ، شۇ ڭا بۇيەردە ئۇقۇم ئايدىڭ بۇلمىسا ئارازلىق پەيدا بۇلىدۇ

GoodLuck يوللانغان ۋاقتى 2015-2-28 18:40:37

دورا ئۇكۇل ئىشلەتمەي يىمەكلىك بىلەن داۋالاش يۈزلىنىشى بولسا يەرلىك تىبابەتنىڭ قايتىۋاشلەدىن بازىرى چىقامدۇ نېمە. {:87:}

Musicfan يوللانغان ۋاقتى 2015-2-28 18:46:36

تادۇغا دەۋاتاملا :lol

terjime يوللانغان ۋاقتى 2015-2-28 18:51:31

موزىكىفان ئەپەندى ، مەن شىركەتلەرنى باغلىنىشلىقى بار دىمەكچى ئەمەس ، ئۇنى ساتقۇچىلارنى دىدىم . مىنىڭ يېنىمدا باشتا ئامۋاينى ، ئاندىن مەرىكاينى ، ئاندىن ئورفىلەمنى قىلغاندىن بىرەيلەن بار ، ئەگەر توسمىغان بولسام ئۇ نونىنى قىلماقچى ئىدى ، كىيىن پىپىدنى قىلماقچى بولۇپ سەل توختاپ قالدى . ھازىرغىچە مۇئەللىم بولۇشۇپ ھەر خىل مەھسۇلاتلار ئۈچۈن كاللا يۇيۋاتقانلارنى ھەم تونۇيمەن .
ئەمۋاينىڭ كاللا يۇيۇش سىنپىغا كىرىپ باققانلاردىن يۇيۇلماي قالغانلار بولسابىر توپ ئادەمنىڭ « مۇۋاپىقىيەت بىزگە مەنسۇپ » دەپ شۇئار توۋلاۋاتقان مەنزىرىنى كۆز ئالدىڭلارداھازىرمۇ باردۇ بەلكىم ، « ساتماي قويمايمەن» دىگەن لىكسىيەلەرگە تېخى ئۆتكەن ئايلاردا پۇل تۆلەپ قاتناشقانلارمۇ ئاز ئەمەس .
شۇ نەچچە مەھسۇلاتنىڭ تۈركۈملىگەن لىكسىيەلىردىن چىققانلارنەگە يوقاپ كەتتى ؟ پارغا ئايلىنىپ كەتمىگەندۇ ؟ ئىنرگىيەنىڭ يوقالماسلىق قانۇنى بويۇنچە بولغاندا ئۇلارنىڭ مەھسۇلاتنىڭ ئىسمىلا ئۆزگەردى خالاس ، باشقىسى شۇ پېتى .
ئىككىمىزنىڭ بۇ نۇقتىدا دەۋاتقىنىئىككى گەپ ، توقۇنۇش يوق .

gayur1 يوللانغان ۋاقتى 2015-2-28 18:54:28

ئۆھھۆ، ئۆھھۆ، ئۆھھۆم! ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم تادۇبەگ، بىرزات ھەكىملەر، يەنە يۆتەلدىم مانا :o:lol

Musicfan يوللانغان ۋاقتى 2015-2-28 19:25:36

terjime يوللىغان ۋاقتى2015-2-28 18:51 static/image/common/back.gif
موزىكىفان ئەپەندى ، مەن شىركەتلەرنى باغلىنىشلىقى بار...

ئىم ، ساتقۇچىلاردىكى مەسىلە ،
قارىسام بەزى ئىنكاسلاردا ساتقۇچىلارنى ئەمەس مەھسۇلاتنىمۇ تۇلۇق ئىنكار قىلىۋەتكەنلەر باركەن شۇڭا ئويلىغىنىمنى دەپ قويدۇم
بىۋاستە سېتىش مەملىكىتىمىزگە كىرگىلى تېخى 20 يىلدەك بولدى ، رايۇنىمىزغا 10 يىلدەك بولدى ، تەرەققىي قىلغان ئەللەردە 30- 40 يىل ئاۋال قانۇنلىشىپ ، سىستىمىلىشىپ بولغان سودا شەكلى ،
بىۋاستە سېتىش مەملىكىتىمىزدە مەلۇم شەرت ئاستىدا قانۇنلاشقان ، بۇنىڭ تېخى سىستىمىلاشقان تەشكىلى ئاپاراتلىرىمۇ يوق ، شۇڭا بۇنىڭغا مەلۇم جەريان كىتىدۇ ، رايۇنىمىزدا تېخىمۇ شۇنداق ، بىۋاستە سېتىشنىڭ مائارىپى ئىجابى تەرەپتىن ئادەمنى ھەرقايسى تەرەپتىن تەربىيلىسە سەلبى تەرەپتىن مىڭىسى يۇيۇلۇپ قىسقا ۋاقىتتا باي بۇلىدىغان خىيالچان قىلىپ قويىدۇ ،ئەمەلىيەتتە مۇۋاپىقىيەت قازىنىشنىڭ قانۇنىيتى ئۆزگۈرۈپ قالمايدۇ ، ھەممە يەردە قازاننىڭ قۇلىقى تۆت ، بېسىشقا تىگىشلىك يولنى ماڭماي ، تۈلەشكە تىگىشلىك بەدەلنى تۈلىمەي ، تارتىشقا تىگىشلىك جاپانى چەكمەي تۇرۇپ ھالاۋەت كۆرگىلى بولمايدۇ ، مەن بىلىدىغانلار ئىچىدە مۇشۇنداق بەدەلنى تۈلەپ ياش تۇرۇپلا بېنىز ماشىسنى ھەيدەپ ئايلىقىغا 6 - 7 تۈمەن مۇقىم كىرىم قىلىۋاتقانلار بار ، ئەكسىچە سىز دىگەندەك باشلاپ بىر يەرگە كەلگەندە قىيىنچىلىقتىن يالتىيىپ باشقا ماركىغا ئۈسۈپ باقىدىغان ئۇنىڭدىن بۇنىڭغا سەكرەپ باقىدىغانلار يەنىلا كۆپ سالماقنى ئىگىلەيدۇ ، ئەنئەنىۋى سودىدىمۇ بۇ خىل ئەھۋال ئوخشاش ، مەيلى قايسى سودا شەكلى بولسۇن جاپا تارتماي ھالاۋەت يوق ، بۇ قانداقتۇر ماركىدىكى ياكى مەھسۇلاتتىكى مەسىلە بولماستىن شۇ ئادەمنىڭ ئۈزىدىكى مەسىلە

azharbag يوللانغان ۋاقتى 2015-2-28 20:00:53

ماكانىڭخەنزۇچەئىلانىغاقاراپباقسامشىردەكقىلىۋىتىدۇ ! ھاڭگائىشەكتەكقىلىۋىتىدۇ   دەپتۇرامدۇنىمە؟
خاتا چۇشۇنۇپ قالمىغاندىمەن..

dawrim يوللانغان ۋاقتى 2015-2-28 21:00:31

enwerjula يوللىغان ۋاقتى2015-2-27 22:11 static/image/common/back.gif
بىلگەجاننى بىر بوتۇلكىسى 13 مىڭ سومغا توختايدىغان سورۇ ...

ئىچكىردىكى ئەخلەتلەرنى ئەكىلىپ ئۇيغۇرچە ماركا چاپلاپ ، ئۆز قولۇمىزدا ئىشلەنگەن شۈبىدىن خالى دەپ قەسەم بىرىپ خەلىقنى ئالدىسا ، خەلىقنىڭ قۇلۇدىكى مەبلەغنى ئىچكىرى ۋە چەتئەلگە   قوش -قوللاپ ئاپىرىپبەسەئۇيغۇر كارخانىلىرىقانچىلىك تەرەققى قىلماقچى

bilgejan يوللانغان ۋاقتى 2015-2-28 21:08:47

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   bilgejan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى2015-2-28 22:53

Musicfan يوللىغان ۋاقتى2015-2-28 16:43 static/image/common/back.gif
ھىكايە :
بىر دىھقان ئۈزىنىڭ ئېغىر كىسىلى بارلىقىنى دە ...

سىلى دېگەن بۇ ھېكايە كارۋانبىز گۇرۇپپىمىزدىن بورلۇقنىڭ يازمىسىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان پىلاسىبو ئېففىكتى دېگەن گەپنىڭ دەل ئۆزى شۇ (بۇ يەردە). ئەمما پىلاسىبو ئېففىكتى بىلەن راك كېسىلىنىڭ ساقايغانلىقى تېخى مەلۇم ئەمەس. پىلاسىبو ئېففىكتى پەقەت مەلۇم دائىرىدە، مەلۇم كېسەللەردە رول ئوينىيالىشى مۇمكىن. ئۇ ئادەمغۇ بىكارلىق قەغەز يەپ ساقىيىپتۇ، لېكىن نەچچە مىڭ كويلۇق شەربەتنى راك كېسىلىمنى ساقايتىدۇ دەپ قاتتىق ئىشىنىپ ئىچكەن بىلەنمۇ بىكار.

نونى شەربىتىگە FDA ئېنىق كىلىنىكىلىق سىناق قىلىپ ھۆكۈم چىقارغاندىن كېيىن ئامېرىكىدىكى بازىرى تىزلا چۈشۈپ كەتتى، پەقەت بىلمەي قالغان دۆلەتتىكى نادانلارنى ئالداپ پۇل تاپقىلى تۇرۇپتۇ. سىز دېگەندەك يامان بولسىمۇ ئىسمى تىلغا ئىلىنىسا نامى چىقىدۇ. ئەمما بۇ چوقۇم ئۇلارنىڭ سودىسىغا پايدىلىق بولۇشى ناتايىن. ئۆزىڭىزمۇ دەپسىزغۇ، قوغدىغۇچى ئىلىۋالسا بولغۇدەك دەپ :lol

ئىشقىلىپ سۇ بولسىمۇ ئىچسەم ساقىيىپ كېتىمەن دەپ ئىشەنسە ساقىيىپ كېتىدۇ دېگەن قۇرۇلمايدىغان ھۆكۈم ھەم بۇ ھەرگىزمۇ ئالدامچىلىق قىلىشقا باھانە بولماسلىقى كېرەك.

bilgejan يوللانغان ۋاقتى 2015-2-28 21:50:08

Musicfan يوللىغان ۋاقتى2015-2-28 18:00 static/image/common/back.gif
تەرجىمە ئەپەندى كەينىدىكى تەھلىلنىڭ ھېچقانداق ئىلمىي...

گېن تەتقىقاتىنىڭ ئەڭ كۆپ ماتىرىياللىرى ياكى سانلىق مەلۇماتلىرى ئامرىكا گېن تەتقىقات مەركىزىدە دەپ پەرەز قىلىمەن ، قايسى يىلى نىيۇسكىن بۇ مەركەزنى سېتىۋالغان ( قېتىۋالغان ) بەلكىم ھەقىقىي گېن تەتقىقاتىنىڭ يۇقىرى پەن تېخنىكىلىق مەھسۇلاتلىرى شۇلاردىن چىقىشى مۇمكىن
====================
بۇ گەپ بەكمۇ ھەيران قالارلىق ئىكەن. مەنبەسى بولسا تەمىنلىسىڭىز. رەھمەت.

boss يوللانغان ۋاقتى 2015-2-28 22:39:00

dawrim يوللىغان ۋاقتى2015-2-28 21:00 static/image/common/back.gif
ئىچكىردىكى ئەخلەتلەرنى ئەكىلىپ ئۇيغۇرچە ماركا چاپلا ...

مەنچە ئۇيغۇرچە ماركىلارنى چاپلاپ ساتقانلاتنى قارا - قۇيۇق ئەيىبلىسەك بولماس ، گەرچە مەنمۇ مەھسۇلاتلارنى رايۇنىمىزدا ياساشنى تەشەببۇس قىلساممۇ ، ئەمما رايۇنىمىزدا ياساپ چىقىرىش ئۈچۈن نۇرغۇن مەبلەغ ۋە تېخنىكىغا ئېھتىياجلىق بولىمىز ، بۇ مەبلەغ ۋە تېخنىكىلارغا ئىگە بۇلۇش ئۈچۈن مەلۇم ۋاقىت باشقىلارغا ھاۋالە قىلىپ ياسىتىشىمىزغا توغرا كېلدۇ ، شۇڭا بەزى شىركەتلىرمىزنىڭ مەھسۇلاتلىرنى ئىچكىردە ياسىتىشى توغرا ، شۇنداق قىلمايمۇ ئامال يوق ، ئۇيغۇرلارنىڭ ئىچكىردە ياساتقان مەھسۇلاتلىردىن باشقىمۇ ئىچكىردىن ۋە چەتئەلدىن كىرگەن مەھسۇلاتلار ئاز ئەمەس ، سىز مۇشۇ كەمگۈچە رايۇنىمىزدا ياسالغان مەھسۇلاتلاردىن باشقىنى ئىستىمال قىلىپ باقمىدىم دىيەلەمسىز ؟ ئۇلار باشقا رايۇنلاردا ياساتسىمۇ مەلۇم ئىقتىساد يەنىلا رايۇنىمىزدا قالىدۇ ، ئەگەر ئۇلار مەھسۇلاتنى ئۆزۈم ئىشلىپ چىقارمىغۇچە باشقىلارغا ياساتقۇزمايمەن دىسە ، ئۆزى زاۋۇت قۇرغۇچە نۇرغۇن ۋاقىت كىتىپ ، ئىقتىسادنىڭ سىرىتقا ئېقىشى تېخىمۇ ئېغىر بۇلۇپ كىتىشى مۇمكىن ،
بەت: 1 2 3 4 5 6 7 8 [9] 10 11
: (bilgejan) "ھەممىگە داۋا" شەربەتلەرنى ئىچەمدۇق؟