enwerjula يوللانغان ۋاقتى 2015-2-27 22:11:55

بىلگەجاننى بىر بوتۇلكىسى 13 مىڭ سومغا توختايدىغان سورۇنغا باشلاپ قويساق مۇشۇنداق ماقالىلەرنى يېزىش ئىرادىسى زور دەرىجىدە بوشاپ كېتىشى مۈمكىن. بىلگەجان ئۇكام، ماۋۇ جۇڭگولۇق ئۇيغۇر كارخانىچىلارنىڭ بازىرىنى تولا ئۆلتۈرىمەن دېمەي ئۆزىڭىزنىڭ تەتقىقاتىنى قىلىڭ، جۇڭگودا ھازىر ئۈزۈم پۇل ئەمەس، باراڭ پۇل، نېمە قىلىسىز دەيمەن خەقنىڭ قوڭىنى كوچىلاپ،پېپتىد ساختىمۇ، نونى ساختىمۇ ئىشقىلىپ بىر بوتۇلكىسى 13مىڭ كويلۇق شاراپتىن ياخشى. ئۇنى دېھقان قېرىنداشلار ھەرگىز ئىچمەيدۇ، يەنە شۇ پۇلى ئېشىپ-تاشقان پۇلى جىق كىشىلەر ئىچىدۇ بىر پۇتۇلكا ۋىسكىي ئورنىدا.
‏   مىللىي كارخانىلىرىمىزغا ھە دېگەندىلا زەربە بېرىۋەرمەيلى، بىر كارخانا بىر ئالىي مەكتەپ، سىز مەلۇم بىر مۇھىتقا كۆنۈپ چىقارغان نۇرغۇن قارارلار خاتا بولۇپ قېلىشى مۈمكىم. ئاخىرقى ھېساپتا بىز پۈتۈن مىللىتىمىزنىڭ مەنپەئەتىنى كۆلەيمىزغۇ، ئاخىر. ھە دېگەندىلا مەسىلە بايقاپلا تېما يېزىشقا ئالدىرىماي مىللەتنىڭ يىراق كەلگۈسى مەنپەئىتىىنى كۆزلەش كېرەك، مېنىڭچە.

bilgejan يوللانغان ۋاقتى 2015-2-28 00:18:40

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   bilgejan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى2015-2-28 09:47

enwerjula يوللىغان ۋاقتى2015-2-27 22:11 static/image/common/back.gif
بىلگەجاننى بىر بوتۇلكىسى 13 مىڭ سومغا توختايدىغان سورۇ ...

ئاخىرقى ھېساپتا بىز پۈتۈن مىللىتىمىزنىڭ مەنپەئەتىنى كۆلەيمىزغۇ، ئاخىر. ھە دېگەندىلا مەسىلە بايقاپلا تېما يېزىشقا ئالدىرىماي مىللەتنىڭ يىراق كەلگۈسى مەنپەئىتىىنى كۆزلەش كېرەك، مېنىڭچە.
================
بىلىپ قويۇڭ: بىلگەجان باشلىغانلىكى سورۇنغا بارمايدۇ، ئېنىقى بىلگەجان قانچىلىك ئېسىل بولسىمۇ شاراپ ئىچمەيدۇ ۋە ئۇنداق پىلانى يوق. مېنىڭ قانداق قىلىشىمنى سىز ئۆمرىڭىزدە پەرەز قىلىپ بولالماسلىقىڭىز مۇمكىن، شۇڭا بۇ ھەقتە كۆپ سۆزلىمىسىڭىز ياخشى.

يەنە بىرى، مەن تا ھازىرغىچە بىرەر پارچە ماقالىنى مىللەت ئۈچۈن يازمىدىم. مېنىڭ يازغانلىرىم «مىللەتكە زىيانلىق» بولغان بولسا پاكىتىنى ئوتتۇرىغا قويۇڭ، بولمىسا مۇنداق كاتتا پاراڭلارنى ئىگىسىنى تېپىپ دېسىڭىز. دېھقانلار ئىچتىمۇ، كىم ئىچتى سىز تەكشۈرۈپ بېقىپ ئاندىن سۆزلىسىڭىز توغرا بولىدۇ.
بىر مېۋە شەربىتىنى راك كېسىلىمنى داۋالايدۇ دەپ تونۇپ قالغان كىشىلىرىمىز بولغاچقا ئېنىق ئەھۋالنى چۈشەندۈرۈپ قويدۇم. ئەگەر كوچىلىغان بولسا ئامېرىكا FDA كوچىلاپتۇ، مەن شۇلار تاپقان ئىلمىي پاكىتنى يەتكۈزۈپ قويدۇم. مىللەتنىڭ يېراق كەلگۈسى مەنپەئەتى نونى شەربىتى بىلەن باغلىنىشلىق ئىكەنلىكىنى سىزدىن ئاڭلاۋاتىمەن. ئادەم ھاياتلا بولسا نى نى گەپلەرنى ئاڭلايدىكەن....

مىللەتنىڭ ئۇزۇن مۇددەتلىك مەنپەئەتىنى ئويلاپ يېتەلەيدىغان سىزنىڭ كاللىڭىزدىكىنى مەن چۈشىنىپ بولالمايمەن. ئەمما «بىلگەجان مىللەتكە زېيان سالدى» دېگەندەك قالپاقلارنى كېيدۈرۈشكە ئالدىرىماسلىقىڭىزنى سەمىڭىزگە سالىمەن. مېنىڭ قىلغانلىرىم-يازغانلىرىم ئاتالمىش «مىللەت ئۈچۈن» ئەمەس، بەلكى ئۆزۈم ئۈچۈن چۈنكى مەن شۇنداق قىلىشنى ياخشى كۆرگەنلىكىم ئۈچۈن قىلىمەن. بەك ئېشىپ كەتسە، مەن كۆڭۈل بۆلىدىغان مەلۇم بىر توپ كىشىلەر ئۈچۈن دېيەلەيمەن، ئەمما ھەرگىز پۈتۈن مىللەت ئۈچۈن دەپ بىر ماقالە يېزىپ باقمىدىم ۋە قىل چاغلىق ئىش قىلىپ باقمىدىم. مەن مىللەتنىڭ ۋەكىلى ئەمەس، مېنىڭ ئوقۇرمەنلىرىممۇ مىللەتنىڭ ۋەكىلى ئەمەس، دەپ قارايمەن. شۇڭا بۇندىن كېيىن مېنى مىللەت دېگەن چوڭ ئۇقۇم بىلەن چېتىۋالماي، ئاددىي بىر ئۆزى ياخشى كۆرگەن ئىشنى قىلغۇچى دەپ چۈشەنسىڭىز چۈنكى مەن بۇ ئىشلارنى ئۆزۈم ياقتۇرمىغان بولسام ھەرگىز مىللەت ئۈچۈن دەپ ئولتۇرۇپ قىلمايتتىم. مەن ئۇنچىۋالا ئالىيجاناب ئەمەس، قىلغان ئەتكەنلىرىم راستىنلا «مىللەتكە زىيانلىق» بولسا مەن يېزىشتىن توختايمەن. مېنىڭ ماقالىلىرىم ماڭا تەۋە ۋە چوڭ بولسا مىللەتتىكى كىچىك بىر قىسىم كىشىلەرگە مۇناسىۋەتلىك بولۇشى مۇمكىن. مىللەتكە زىيان بوپ كەتسە ئاۋۋال ئەمەلىيەتنى كۆرۈپ، ئاندىن پىپەن قىلساڭلار مەن رازى.

بۇرۇن ئەيدىز كېسىلىنىڭ داۋاسى چىقمىدى دەپ ئەمەلىيەتنى دەپ قويسام «ئۆلتۈرىمىز» دەپ تەھدىت سېلىشقان ئىدى مىللىتىم ئىچىدىكى بىر قىسىملار. مەن ھەقىقەتكە قارشى چىققۇچىلاردىن نەپرەتلىنىمەن، مىللىتىمدىن بولسىمۇ كارىم يوق. يەنە چوڭ قىلسا شۇنچىلىك تەھدىت سېلىشار، يوق يېرىمدە غەيۋەت قىلىشار شۇ... مەن ئۆزۈم قىزىققان ۋە توغرا دەپ ئىشەنگەن نەرسىلەرنى يېزىشتىن ئاسانلىقىچە توختاپ قالمايمەن. بىر ئادەمگە پايدىسى تەگسىمۇ ھېساب، ئىشقىلىپ زېيىنى بارلىقىغا ئائىت پاكىتنى كۆرمىسەم ئۆزۈمنىڭ قىزىقىشىدىن ئاسانلىقچە ۋاز كەچمەيمەن. تەتقىقاتىم جايىدا كېتىۋاتىدۇ. «تەتقىقاتىڭىزنى قىلىڭ» دەپسىز، بۇنداق «كۆڭۈل بۆلۈش»لەردىن مەن بىزار. مېنىڭ نېمە قىلىشىم كېرەكلىكى ھەققىدە ئاتا-ئانام،ئايالىم ۋە قىزىم، بىر تۇغقان قېرىنداشلىرىم ۋە جان جىگەر دوستلىرىمدىن باشقىلارنىڭ بەرگەن پىكىرى مەن ئۈچۈن نۆلگە ھېساب.

Qarabeg يوللانغان ۋاقتى 2015-2-28 08:30:09

مېنىڭ نېمە قىلىشىم كېرەكلىكى ھەققىدە ئاتا-ئانام،ئايالىم ۋە قىزىم، بىر تۇغقان قېرىنداشلىرىم ۋە جان جىگەر دوستلىرىمدىن باشقىلارنىڭ بەرگەن پىكىرى مەن ئۈچۈن نۆلگە ھېساب.
--------------------------------------------------------------------
ماۋۇ گېپىڭىز سەل ئېشىپ كېتىپتۇ بىلگېجان.
ناۋادا سىز توغرۇلۇق بىرەر توغرا تەكلىپنى بايقاپ قالساق، تەكلىپ بېرىشكە بولمايدىكەن دەپ كۆڭلۈم يېرىم بولىۋاتىدۇ.

rock يوللانغان ۋاقتى 2015-2-28 08:40:35

aypalta يوللىغان ۋاقتى2015-2-27 21:49 static/image/common/back.gif
نىمانچە بىچارە ئاداش ئاۋۇ. لېكىن ئەدەبىياتتا ياخشى ئوق ...

خاپوغىدەك گەپ ئەمەستى، شۇ مەن ئۆزەمنى دېسەم، ئىككى ئېغىز گەپنى ئولاپ دېيەلمىگەندىكىن خەققە قاراپ ياخشى ئوقۇپتۇ دەپ ئويلىغان. ئەدەبىياتنى ياكى ئەدەبىياتتا ئوقۇغان ھەم شۇغۇللانغانلارنى پەس كۆرىدىغان ھەددىم ئەمەس.

tirkax يوللانغان ۋاقتى 2015-2-28 08:57:13

ئىنىقلا باشقىلارغا پۇل بىرىپ يازدۇرغان نەرسە تۇرمامدۇئۇ .
ئابدىقىيىم
ئىسمىنىمۇ ئوڭشاپ يازالمىسا ئۇ ساۋاتسىز .ئابدىقىيىم      ئابدىقىيىم            ئابدىقىيىم

pis-pas يوللانغان ۋاقتى 2015-2-28 09:32:43

ئەنۋەر جۇلا ئەپەندىم « پادىشانىڭ يېڭى كىيىمى» دىگەن ھىكايىنى يەنە بىر ئوقۇپ باقسا بوپتىكەن .
دۆلىتىمىزنىڭ ئىلان قانۇنىدا مەھسۇلاتنىڭ ئۈنۈمىنى كۆپتۈرۈپ تەشۋىق قىلغانلارنى قاتتىپ بىر تەرەپ قىلىدىغان مەزمۇن بار، بۇنىداق كۆپتۈرۈپتەشۋىق قىلىشقاقاتناشقان رادىيو- تېلىۋىزىيە، گېزىت -ژورنال، تور-ئۈندىدار قاراتلىق تاراتقۇلارمۇ «چېتىشلىق مەھسۇلىيەت»(连带责任)نى ئۈستىگە ئالىدۇ دىگەن گەپلەرمۇ بار .
مىللى كارخانا دەپ قويۇڭ، ھەجەپ چوڭ نەرسە ھە بۇ :lol؟ئاشۇ ئىچىملىكنىڭ بوتۇلكىسىنى ياسايدىغان زاۋۇتتىن بىرنى قۇرسا، ئاندىن كارخانا دەپ ئاتايمىز . چەتئەل ياكى ئىچكىرى ئۆلكەزاۋۇتلىرىنىڭ دىيارىمىزدىكى سېتىشۋاكالەتچىلىگىمۇ ئەمەس، ئۇلارنى ۋاكالەتچى دىسەكمۇ چوڭ كىتىدۇ،ئۇلار پەقەت ئەكىرىپ ساتقۇچى. broker دەپ قويىمىزمۇ ئېنگىلىزچە ؟
تۈفېي ، شۇ كارخاناقالپىقىنى كىيىۋېلىپ خەلقنى ئالداۋاتقان (خۇدا ھەققى دەپ ئىلان بېرىپ:lol) لىللا-پىللالار.

nurqiz يوللانغان ۋاقتى 2015-2-28 10:00:37

    راسنى راس دىيىشمۇ مىللەتنىڭ مەنپەتىگەزىيانلىقمۇ؟نەچە پەلسەپە بۇ!بۇرۇن مەنمۇ گىرىم بۇيۇملىرىغا قىزىققىنىم ئۇچۇن ئورفىلەم گىرىم بۇيۇملىرى ھەم ساغلاملىق بۇيۇملىرىنىڭ تەربىيەلەشلىرىگە قاتنىشىپ باققان،ئەسلى تەربىيەلىگۇچىلەر مەھسۇلاتنىڭئۈنۇمىنى بورمىلاپ چۇشەندۇرمەسلىكنى،بۇ مەھسۇلاتلارنىڭ دورىلىق ئۈنىمى يوقلىغىنى سۆزلىسىمۇ،ساتقۇچىلارنىڭ بىردەمدىلا بۇرمىلاپ خېرىدارلارنى ئالدىغىنىنى ئۆز كۆزۇم بىلەن كۆرگەنمەن.شۇ چاغدىمۇ باشىقىلارغا بۇلارنىڭ پەقەت قوشۇمچە ئىستىمال قىلىنىغان ئۇزۇقلۇق تۇلۇقلاش خاراكتىرىدىكى ساغلاملىق مەھسۇلاتلىرى ئىكەنلىگى دورا ئۆرنىدا ئىشلىتىشكە بولمايدىغانلىغىنى ئەسلى چۇشەندۇرىشىنىكۆرسىتىپ تۇرۇپ چۇشەندۇرۇپ كەتكەنتىم.بىزنىڭ دىھقانلىرىمىز،ئاددى تىجارەتچىلىمىز پۇلنى شۇنچە تەس تاپىدۇ،ئۇلارنى ئالداپ پۇلىنى ئېلىۋېلىش ئۈچۈن قەستەن يالغان تەشۋىقات ئېلىپ بېرىش سېپى ئۈزىدىنقارا كۆڭۇللۇك بولماي نىمە؟
   بىلگەجاننىڭ داۋاملىق بىزنى ئىلمىي پاكىتلار بىلەن تەمىنلەپ كىلىۋاتقان ئەرجىگە تەشەككۇرلەر بولسۇن!

terjime يوللانغان ۋاقتى 2015-2-28 10:22:33

ھازىرقى ئۇچۇر دەۋىرىدە ئۇنداق شىپالىق ، بۇنداق شىپالىق دەپ ساتقان بىلەن ئۆزىدىن بۇرۇن ئىچكەنلەرنىڭ باھاسنىئاسانلا تاپالىغانلىقىئۈچۈن ئىچكىردە بۇنداق مەھسۇلاتلارنىڭ بازىرى ئۆلۈشكە باشلىغان ، شۇنىڭ بىلەن بۇلار ئۇچۇرغا ئىرىشىش جەھەتتە ئانچە تەرەققى قىلمىغان ئۇيغۇرلارنى نىشان قىلغان . توردىن ئاختۇرساق جېنى ئاز قالغان بەزى شىركەتلەرنىڭشىنجاڭ بازىرىنى ئېچىش بىلەنلا قايتىدىن جان كېرىپ ، ئۇيغۇرچە ئايرىم سەھپە ئاجىرتىپ تەشۋىقاتقا ئالاھىدە كۈچىگەنلىكىنى بايقايمىز .
چەتئەلدىن كىرگەن بولسۇن ياكى ئىچكىردىكى مەلۇم زاۋۇتقا ۋاكالىتەن ئىشلەپ چىقارغۇزغان بولسۇن ، تەننەرقى 50يۇەنلىك مەھسۇلاتنى شىنجاڭدىكى باش ۋاكالەتچىگە 150يۇەنگە ساتسا ، ئۇنى باش ۋاكالەتچى 250يۇەندىن ناھىيە ۋاكالەتچىسىگە بەرسە ، ناھىيە ۋاكالەتچىسى 500يۇەنگە خەققە ساتسا ئاندىن دۇكاننىڭ ئېجارىسى ، ئىشلەيدىغان ئادەم ، ئېلاننىڭ چىقىمىنى كۆتۈرىدۇ .
باش ۋاكالەتچى سېتىشنى ئاشۇرۇپ پۇلنى كۆپىرەك تېپىش ئۈچۈن چوقۇم بۇ مەھسۇلاتنىڭ ئۈنۈمىنى كۆپتۇرۇپ ئېلان بېرىش بىلەن بىرگە مەلۇم تەرەپتىن پايدىسى بولدى دەپ قارىغان ئىستىمالچىلارنى گۇۋاھلىققا تارتىپ كىشلەردە بۇ مەھسۇلات راسىت پايدا قىلىدىكەن دىگەن ئۇقۇمنى شەكىللەندۈرىدۇ .زىيان قىلىپ دوختۇرخانىدا يېتىپ قالغان ، سەكراتقا چۈشۈپ قالغان كىشلەرنى ھېچىكىم بىلمەيدۇ . بۇنى بىلگەن تەقدىردىمۇ ، مۇشۇ مەھسۇلات
زىيان قىلغان دىگەن ماددىي ئىسپاتنى ھېچيەردىن ئالغىلى بولمايدۇ . چۈنكى ساغلاملىق مەھسۇلاتى ياكى ئىچىملىك سىزنى بىراقلا بىر تەرەپ قىلمايدۇ ، بەلكى ئاستا ـ ئاستا تەسىر كۆرسىتىدۇ .
ئەگەر بىلگەجاندىن باشقا بىرسى ، يەنى ئۆزى ئامىرىكىدا ئەمەس ، كەسپىمۇ بۇنىڭغا مۇناسىۋەتسىز بىرسى بۇ توغرىدا ئېغىز ئاچقان بولسا سىنى قانۇن بويىنچە بىر تەرەپ قىلىمىز ، قولۇڭدا ئىسپات يوق تۇرۇپ بىزگە قارا سۇۋىدىڭ دەپ بۇ چاغقىچە يازمىنى ئۆچەرتىپ ، يازغان كىشگە قوقاق سېلىپ بىر تەرەپ قىلىپ بولاتتى .
مەن جۈمىلىدىن بىلگەجاننى ئىنتايىن ئورۇنلۇق ئىش قىلدى دەپ قارايمەن ، بۇ بىر ۋىجدانى بار ئادەمنىڭ قىلىدىغان ئىشى .

bilgejan يوللانغان ۋاقتى 2015-2-28 10:30:24

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   bilgejan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى2015-2-28 10:39

@pis-pas
نەق گەپنى قىپسىز. نونى ئىشلەپچىقىرىدىغان مىللىي كارخانا نەدە تۇرۇپتۇ؟! ئۇ دېگەن ئامېرىكىدا ئىشلەپچىقىرىلىپ بىۋاستە شەخىسلەردىن شەخىسلەرگە سېتىلىدىغان مەھسۇلات تۇرسا، پۇل ئاخىرقى ھېسابتا شۇلارنىڭ چۆندىكىگە چۈشىدۇ دېگەن گەپ. ئەكىرىپ ساتىدىغانلارنى ئېنگىلىزچىدە distributer ياكى تارقاتقۇچى دەپ قويىدۇ.

ئۇيغۇرنى ئالداپ، ھەتتا يالغان گەپ بىلەن ئۆلۈمگە ئىتتىرىدىغان مۇناپىقلارنىمۇ مىللىي كارخانا بولغاندىكىن قوللىشىمىز كېرەك دەيدىغان ئەخلەت قاراشلار قاچاندىن بۇيان بازارلىق بوپ قالدى بىلىمىدىم. ئەمما نومۇسسىزلىقنىڭ خېلى بىر دەرىجىگە بارغانلىقىنى ھېس قىلىپ قالدىم.


tahir2 يوللانغان ۋاقتى 2015-2-28 10:58:42

enwerjula يوللىغان ۋاقتى2015-2-27 22:11 static/image/common/back.gif
بىلگەجاننى بىر بوتۇلكىسى 13 مىڭ سومغا توختايدىغان سورۇ ...

ھەممە ئادەمنى ئۆزەڭگەئوخشاش زابوي كۆرۈپ قالغان ئوخشىمامسەن،
ئامىرىكىنىڭ ئىشلەپ چىقارغان ئىچىملىكىنى ساتىدىغان مال ساتقۇچىلار قاچان كارخانىچى بولۇپ قالدى ؟
نوچى بوساڭ ئۆزەڭ چىش كولىغۇچتەك بىرنەرسىنى ئىشلەپچىقىرىپ ئۇيغۇر باللاردىن بىرنەچچىنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇپ ئاندىن كارخانىنىڭ گىپىنى قىل ئاداش.

شۇ بىرنىمىگە ئالدىنىپ كىسلىمىز ساقىيامىكى دەپ ئۆمىد باغلاپ بالىلىرىغا گۆش ئېلىپ بىرىشكە كۆزى قىيماي يىغقان پۇلىنى شۇ ساغلاملىق مەھسۇلاتىغا ئۈمۈد باغلاپ خەجلەيدىغان دىھقانلىرمىز كۆپ .
ھەم مەنمۇ ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆرگەن.

كۆڭلۈمنى ئېلەشتۈرۈپ مىللى كارخانىچى دەپ كىتىشلىرىنى تېخى ،
ئارماندەك ئىخلاستەك ، ئابىدە دەك مىراس تەك كارخانىلارنى كارخانا دەيمىز
ئۇنداق ھەرگىپىدىن قەسەم ياغىدىغان يۇنداپۇرۇشلارنىڭ كارخانىچى بولىدىغانغا تېخى ئىش ئۇزۇن

pis-pas يوللانغان ۋاقتى 2015-2-28 11:07:20

bilgejan يوللىغان ۋاقتى2015-2-28 10:30 static/image/common/back.gif
@pis-pas
نەق گەپنى قىپسىز. نونى ئىشلەپچىقىرىدىغان مىللىي ك ...

ئۇيغۇر ئىستىمال ساھەسى بىر تۇيۇق يولغا كىرىپ قالغىنى خېلى يىللار بولغان.
بەزىلەر ئۇيغۇر كارىخانلىرى نىمە ئىش قىلىۋاتىدۇ دىگەن سۇئالغا مۇنداق جاۋاپمۇ بەرگەن ئىدى:
1-قۇساققا( يىمەك -ئچمەك)
2- چۇ**ققا( باھنى قۇۋۋەتلەيدۇ، قۇۋۋەت قىلىدۇ ،شىر قىلىۋېتىدۇ ...:lol )
3-كىيىمگە ( ئىچكىرى زاۋۇتلارىدىنزاكاس قىلىپ، ئۇيغۇرچە ماركا چاپلاپساتقاننى ئاز دەپ ئەمدى تۈركىيەدىن ئېكىراىۋاتىدۇ ) ، 4-يىلىمگە (سوپۇن، ئەتىر ،دىگەندەكگىرىم بويۇملىرى...،)
دىمەك رايۇنىمىز ئىستىمال قىزىقىشىداتېخى قۇساق بىلەن كىيىمنىڭ نېرىسىغا ئۆتۇپ كەتكىنى يوق .

رايۇنىمىزدىكى 2014- يىللىق 100 كۈچلۈك كارخانىنى ئىلان قىلغاندا، ئۇيغۇرلاردىن قانچىلىك كارخانا باردۇ دەپ شۇنچە تەلمۈرسەم، پەقەت ئارمانلا بار ئىكەن ، ئۆزەمچە تۆۋە دەپ قالدىم . بىز زادى قۇساق بىلەن كيىيىنىشتىن باشقىغا قىزىقمامدۇق دەپ قالدىم .
رايۇنىمىزدىكى ئۇيغۇر كارىخانلار ئارىسىدىكى رىقابەتنى مەن كۆپ ئاڭلىغان ۋە كۆرگەن، نىمىگە رىقابەتلىشىدىكى دىسەم شۇ يەنە يىمەك -ئىچمەكنىڭ جىدىلى ئىكەن . بىرسى بىر نەرسىنى ئەكىرسە ( يا ئىچكىرىدىن ماركا چاپلىتىپ ، يا چەتتىن قۇۋۋەت قىلىدۇ، ئەرلەشتۈرىدۇ، كىسەل داۋالايدۇ ، چىرايلىق قىلىۋېتىدۇ ..... دىگەندەك يالغان گەپلەر بىلەن ) يەنە بىرسى ئۇلاپلا شۇ نەرسىنىڭباشقا بىر ماركىسىدىكىنى ئەكىرىدۇ ، شۇنىڭ بىلەن قارشى تەرەپنى يېڭىش ئۈچۈنتېلىۋىزۇر- رادىيولاردا ئىلان بېرىپ كۆپتۈرۈپتەشۋىق قىلىدۇ، شۇنىڭ بىلەن ئۇۋالى بىچارە خەلققە بولىدۇ ، ئۇيغۇر سودىگەرلىرىمانا مۇشۇنداق تار يولغا كىرىۋېلىپ چاچلىشىدۇ. بۇ ئومۇمى ئەھۋال.
يېڭىلىق يارىتىش، ئىجات قىلىشتىن ئەسلا سۆز ئاچقىلى بولمايدۇ .

كونىلاردا بىر گەپ بار «تار يەردە ئاش يىگۈچە، كەڭ يەردە مۈش يە »دەپ . ئۇيغۇرسودىگەرلىرى ھازىر تار يەردە ئاش تالىشىپ ئاغزى- بۇرنى قانياشىماقتا، ئۇنىڭ تەسىرىدىن كەڭ ئاۋام گاڭگىراپ قايسى مەھسۇلاتنى ئىشلىتىشنى بىلەلمەي يۈرىيدۇ، تېلىۋىزۇرغا ئىشىنىدىغان بىزدەك نادان خەلق ئىلانلارنىڭ كۆپتۈرمە تەشۋىقاتىغا ئىشىنىپ يانچۇق كوچىلاۋاتماقتا.
بىرەر كىشى چىقىپ ھەي خالايىق، بۇ دىگەن مانداق نەرسە، دەپ چۈشەنچە بەرمەيۋاتىتى ، سىزنىڭ پادىشانىڭ يېڭى كىيىمىدىكى ھېلىقى كىچىك بالىدەك بۇلارغا رەددىيە بەرگىنىڭىز، خەلقنىڭ كۆزىنى ئېچىشىغا مەلۇم پايدىسى بولدى دەپ قارايمەن .


enwerjula يوللانغان ۋاقتى 2015-2-28 11:16:05

bilgejan يوللىغان ۋاقتى2015-2-28 00:18 static/image/common/back.gif
ئاخىرقى ھېساپتا بىز پۈتۈن مىللىتىمىزنىڭ مەنپەئەتىنى ...

مېنىڭ گېپىم «قالپاق كىيدۈرۈش»تەك بۇنداق يوغان گەپمۇ ئەمەس ئىدى، بىلگىجان. نونى، پېپىتىد دېگەندەك نېمىلەرنى بىزنىڭ ماۋۇ يەردە ئۇيغۇرلار مەخسۇس دۇكان قىلىپ ساتقىلى تۇرۇپتىكەن، ئۆزۈمچە ئۇلارغا ئىچ ئاغرىتىپ زىيان تارتىپ پاتاڭغىچە قەرز بولۇپ كەتمىسۇن دەپ شۇنداق يېزىپتىمەن. :$
نونىنى مېۋىسىنى ئامېرىكىدىن ئەكەلدۈرۈپ سۈيىنى سىقىپ ساتقاچقا ئاشۇنداق ئەتىۋارلىق بولۇپ كېتىدىغان ئوخشايدۇ، تاشقورغاننىڭ بىر بوتۇلكا بۇلاق سۈيىنىمۇ 100 سومغا ئېلىپ ئىچىۋاتىدۇ كىشىلەر...

enwerjula يوللانغان ۋاقتى 2015-2-28 11:29:17

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   enwerjula تەھرىرلىگەن. ۋاقتى2015-2-28 13:42

tahir2 يوللىغان ۋاقتى2015-2-28 10:58 static/image/common/back.gif
ھەممە ئادەمنى ئۆزەڭگەئوخشاش زابوي كۆرۈپ قالغان ئوخشى ...

تىللىما !شۇنداق سېلىشتۇرۇپ دېيىلگەن گەپ ئۇ.

bilgejan يوللانغان ۋاقتى 2015-2-28 11:37:03

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   bilgejan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى2015-2-28 11:42

enwerjula يوللىغان ۋاقتى2015-2-28 11:16 static/image/common/back.gif
مېنىڭ گېپىم «قالپاق كىيدۈرۈش»تەك بۇنداق يوغان گەپمۇ...

مۇشۇ كۈنلەردە ئىككى گەپنىڭ بىرى بولسا «مىللەت ئۈچۈن»، «مىللەتنىڭ كەلگۈسى ئۈچۈن» دېگەندەك گەپلەر بىلەن كىلىدىغان بولغاچقا، بەزىلەرنىڭ سېيىپ-چىچىشىدىن تارتىپ مىللەت ئۈچۈن بولۇپ قالغىلى تۇردى... بەلكىم شۇ سەۋەب سىز مىللەتنىڭ مەنپەئەتى دەپ چوڭ يەردىن چۈشكەنگە سەل چېچىلىپ قالغاندىمەن.
سىزنىڭ ئۇ دۇكان ئاچقانلارغا ئىچىڭىز ئاغرىغان بولسا، كۆڭلىڭىز ياخشىكەن. ئەمما ئويلاپ بېقىڭ: زادى كىمگە ئىچ ئاغرىتىش كېرەك؟ ئۇلارنىڭ يالغان گەپ قىلىپ پۇل تېپىشى بىچارە راك ۋە باشقا ئېغىر كېسەلگە گىرىپتار بولغانلارنىڭ ھاياتى بەدىلىگە توختىسىمۇ يەنە ئىچ ئاغرىتامسىز؟ مەن يوق يەردىن تۇرۇپلا بۇ ماقالىنى يازغىنىم يوق، ماڭا بۇ ھەقتە يېزىلغان خەتلەر، كەلگەن تەلەپلەر باشقا مەن يازغان ھەر قانداق ماقالىدىن كۆپ بولدى. بۇنىڭ ئىچىدە بىچاردە دېھقان ئاتىسى، جاپاكەش ئىشچى ئانىسى ئۈچۈن يىغلاپ تۇرۇپ يېزىلغان خەتلەر بار... ئىچ ئاغرىتىشقا توغرا كەلسە نادانلىقى نومۇسسىزلارنىڭ پۇل تېپىشىدىكى ئاسان يولغا ئايلىنىپ قالغان بىچارە ئاۋامغا ئىچ ئاغرىتىش كېرەك. بەزى گەپلەرنى سەل ئوبدانراق ئويلىنىپ، كۆپرەك تەتقىق قىلىپ ئاندىن دېسىڭىز. رەھمەت.

ئەمدىكى سوئال: بۇ ئىشنى مىللىي كارخانىلار قىلدىمۇ دەيلى. ئەگەر مىللىي كارخانىلار ياكى ئېنىقى ئۇيغۇر كارخانىچىلار يالغان گەپ بىلەن خەلقىمىزنى ئالداپ پۇل تاپسا، يالغان سۆزگە ئالدىنىپ كىشىلىرىمىز مۇنتىزىم داۋالىنىشقا سەل قاراپ ھاياتىغا خەۋىپ يەتسە بىز يەنىلا ئۇيغۇر كارخانىچىلارنى قوغدايمىز دەپ يالغانغا سۈكۈپ قىلىشىمىز كېرەكمۇ؟

talmas1 يوللانغان ۋاقتى 2015-2-28 11:53:28

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   talmas1 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى2015-2-28 12:25

پىس-پاس يىمەك ئىچمەكتە ،كاڭ شىفۇدىن ،بەلكىم مىزان ،كەۋسەر ئامىنە ،،،يەنە بىر تەييار چۈپلەرئىشەنچىكىرەك .مەن ھىچ بولمىسائۇ كىشلەرنىڭ پول ئۈچۈن يۈرىكىنىڭ ئۇنچىلىك قارىداپ كەتكىنىگە مەن ئىشەنمەيمەن(ئاز بىر قسىىم بۇنىڭ سىرتىدا ،قارداپ كەتكىنى كۆردىم)..ھىچ بولمىسا ناچار نەرسە قوشما دەپ نازارەت قىلىپ تۇرىدۇ،ئەستا ئۇلار ماركا چاپلاپ ساتمىسىمۇ يەنە يەيمىزغۇ شۇلارنى،ھازىر ماركا چاپلىغاننى يەپ تۇرساق ئەتە ئۆگۈن يىمەسلىكىمىز مۇمكىن.
سەبىلەرنىڭ قۇرغۇچىسى ،مەمەتجان بالىلار مەھسۇلاتلىرىنى ،ئىچكىرىدىن ماركا چاپلاپ سېتىپ ،ھازىر پۇل تېپىپ ،سانجىغا تۇنجى تەييار چۈپ زاۋۇتىنى قۇردى. ئابىدەنىڭ ئۇبۇلھەسەنمۇ شۇ، ئاۋۋال ماركا چاپلاپ،پۇل تېپىپ ئاندىن زاۋۇتنى تىكلىدى. سولتانمۇ شۇ،،،،،،.با ئىمكانىيەتتىن يەتكىچە پايدىلىنىپ تۇرۇپ پۇل تاپمىسا ، ئاددى بىر يىمەك -ئىچمەكنى ئىشلەپ چىقىردىغان شۇ ئون-يىگىرمە مىليۇن پۇلنى كىم بىرىدۇ. شۇڭا ھەممىنى ئۇرۇپ سوقۇمتۇنجۇقتۇرۋەتمەيلى.ئىقسىاد تەرەققى قىلسا ،ئاندىن قالغان نەرسە تەرەققى قىلىدۇ.
شۇڭا بەزى راكنى يەنە بىر نىمىنى داۋالايمىز ،،،دەپ خەقلىنى بىۋاستە قاقتى-سۇقتى قىلىدىغانلارنى ئاشكارلاپ سازايى قىلايلى !تىللايلى.
لىكىن يەنە باشقا خەلىققە بىۋاستە زىيىنى يوقنەرسىلەرگە كۈزىمىزنى يۇمۇۋالمىساق ،مەڭگۈكاڭ شىفۇنى يەپ ئۆتۈپ كىتىمىز.

بىرسى بىر ئىشنى قىلسا ،ئارقىدىن دۇراپ قىلدىغانلارغا مەنمۇ ھەيران قالدىغان،بىر ۋاقىتلاردا ئىكران كىيىم-كىچەك بولسا پۈتۈن كىيىم كىچەك،تالقان بولسا پۈتۈن تالقان، گىرىم بولسا پۈتۈن گىرىم بولۇپ كەتكەن،ھازىرمۇ شۇ   ،لىكىن بۇمۇ بىر ھىساپتا مەللۇم جەھەتتە ياخشى،مەلۇم بىر مەھسۇلاتنى مۇنۇپۇل قىلۋىلىپ باھاسىنى كۇنتىرۇل قىلۋىلىشىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى ،سۈپەت ۋە رىقابەت كۈچىنى ئاشۇرغىلى بۇلىدۇ.ناچار نەرسىلەرنى ئىستىمالچى ،خەلق شاللايدۇ.ئىستىمالچىنىڭ ناچار نەرسىنى تاللاشلا ئىمكانىيىتىلا بولسا ،شاللىغۇدەك تەجىربىسى بار.پەقەت تاللاش ئىمكانىيىتى بولمىسا بۇ چاتاق! شۇڭا ھازىرققى ئەھۋالغا باھا بەرگەندە،كارخانىچى نۇقتىسىدا ئەمەس ،ئىستىمالچى بۇلۇپ تۇرۇپ باھا بىرىش كىرەك.

dilnazuk يوللانغان ۋاقتى 2015-2-28 12:13:33

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   dilnazuk تەھرىرلىگەن. ۋاقتى2015-2-28 12:16

enwerjula يوللىغان ۋاقتى2015-2-28 11:29 static/image/common/back.gif
تىللىما گۇي!شۇنداق سېلىشتۇرۇپ دېيىلگەن گەپ ئۇ.

مېنىڭچە بۇ خىل سېلىشتۇرۇش خاتا.
سىز دېگەن قىممەت باھالىق شارابنى ئىچكۈچىلەر پايدا -زىيىنى ھەققىدە تونۇشقا ئىگە ھالەتتە ئىچىدۇ ، نونى ئىچكۈچىلەرچۇ؟ ئۇلارنىڭ شۇ مىۋىلەرنىڭ پۇل خەجلەپ سېتىۋىلىپ ئىچىشتىكى مەقستى ،سەۋەبىنى شاراپ ئىچىشبىر ئورۇنغا قويۇپ سېلىشتۇرغىلى بولامدۇ ؟
ئەيدىز كېسەللىكىنى كونترۇل قىلىش مەركىزىدە ئىشلەيدىغان دوستۇمدىن ئاڭلىمىشچە نونىنى ئەيدىز كېسلىگە پايدا قىلىدۇ دەپ دېھقانلارغا ئالداپ ساتقان ئەھۋاللارمۇ مەۋجۇتكەن ، دېھقانلار شۇنىڭغا ئىشىنىپ ۋىرۇسقا قارشى دورىلارنى ئىچىشنى توختىتىپ ئۆلۈپ كەتكەنلەرمۇ چىقىپتۇ، بۇرۇن بىزدىنئادەمنىڭ ھاياتى بىلەن ئوينىشىدىغان دەرىجىدىكىئالدامچىلارنىڭ چىقىشىنى ئانچە ئىدىيەمگە سىڭدۈرەلمەيتتىم ، مېنىڭ نەزىرىمدىكى ئۇيغۇر سودىگەرلەر شۇنداق ئىدىكىمەنباشقا مىللەتتىن ئالغان بىر كلو مىۋىنى شۇلارنىڭ جىڭىدا جىڭلىسام چوقۇم800 گىرام كېلەتتى ، ھازىرچۇ باشقىلارنى ئالداپ باي بولۇشنى توغرا چۈشىنىدىغان قىممەت قارىشى بىزلەرگە سىڭىپ بوپتۇ، ئاددىيسى ئۇيغۇرچە ئېلانلارنىمۇ( بولۇپمۇ دورا ، ساغلاملىق مەھسۇلاتلىرى ئېلانلىرىنى) يالغانچىلىق قاپلاپ كەتتى ، كىچىكىمدە ئۇيغۇرنىڭ ئەخلاق ئۆلچىمىگە توغرا كەلمەيدىغان «يېڭى » ھادىسىلەرنى «غەربلىشش» دەپ چۈشەندۈرگەن ئۇزۇندىن ئۇزۇن تەنقىد، تەتقىقات ماقالىلىرىنى كۆپ كۆرەتتىم ، راس «غەربلىشش» دېگەنشۇنداق ئوخشايدۇ دەپ ئوكياننىڭ نېرىسىدىكى غەربتىن نەپرەتلىنىپ يۈرگەنلەر ھازىرغىچە بار،ھازىرنېمىلىشىۋاتىمىزكىن تاڭ چۈشەنمەيۋاتىمەن ......شۇ مۇھىتتىن تارتىپ چىقارسىمۇ بىرەر يۈز يىلغىچە يۇيۇپ پاكىزلىغىى بولمىغۇدەك دەرىجىدىكى بىر ئەخلاق ، قىممەت قاراشلىرى يۇقۇپ قالدى بىزلەرگە..

bilgejan يوللانغان ۋاقتى 2015-2-28 12:18:24

dilnazuk يوللىغان ۋاقتى2015-2-28 12:13 static/image/common/back.gif
مېنىڭچە بۇ خىل سېلىشتۇرۇش خاتا.
سىز دېگەن قىممەت باھا ...

ئۇنداقتا بۇنى نېمىلىشىش دېسەك بولار؟

bilgejan يوللانغان ۋاقتى 2015-2-28 12:35:25

مەزكۇر يازمىنىڭ ئىددىيىسىگە بىر چۈشەنچە:
بۇ يازمىدا ئېيتقىنىمدەك نونى شەربىتىنىڭ راك كېسىلىنى داۋالايدىغانلىقى ۋە باشقا ھەر قانداق كېسەلنى ساقايتىدىغانلىقى پۈتۈنلەي يالغان. ئەمما نونى شەربىتى تەركىبىدە بىر قىسىم ۋىتامىنلارنىڭ بارلىقى راست، شۇڭا ساغلاملىق مەھسۇلاتى قاتارىدا مۇئامىلىدە بولۇپ ئىچسە بولىدۇ، ئەمما ھەرگىز راك كېسىلى بولغانلار داۋالاشنى توختىتىپ نونى شەربىتى ياكى باشقا ئاللىقانداق شەربەتلەرنى، پېپتىدلارنى ئىستىمال قىلسام كېسىلىم ساقىيىپ كېتىدۇ، دەپ ئويلىماسلىقى كېرەك.

كىشىلەر نونى ۋە باشقا ساغلاملىق مەھسۇلاتلىرىنى پەقەت ساغلاملىق مەھسۇلاتى، يەنى كەمچىل بولۇپ قالغان بىر قىسىم ۋىتامىنلار ۋە باشقا ئوزۇقلۇق ماددىلارنى تولۇقلايدۇ دەپ ئىچكەن بولسا، بۇ ماقالە ئۇ خىل ئىددىيەگە رەددىيە بەرمەيدۇ. ئەمما بىرەر كېسەلنى داۋالايدۇ، ساقايتىدۇ دەپ قاراپ ئىچكەن بولسا، كىشىلەر خاتالاشقان بولىدۇ.

sansara يوللانغان ۋاقتى 2015-2-28 14:02:03

‏ئەنۋەر جۇلا سىزنى يېزا يەپ كېتىپتۇ،تولىمۇئەپسۇسلاندىم ئىنكاسلىرىڭىزدىن

gayur1 يوللانغان ۋاقتى 2015-2-28 14:05:05

bilgejan يوللىغان ۋاقتى2015-02-28 12:35:25 static/image/common/back.gif
مەزكۇر يازمىنىڭ ئىددىيىسىگە بىر چۈشەنچە:
بۇ يازمىدا ئې
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم بىلگەجان، سىزنىڭ چېچىلىپ قالغان ۋاقتىڭىزنى كۆرمەپتىكەنمەن :lol . بىر ئىشتا ماڭا ياردەم قىلىشىڭىزنى ئۈمۈت قىلىپ تۇرىمەن. كوۋا پاراڭلىرىغا قارىغاندا بۇ يىل بىزگە نىسبەتەن(جەنۇپتىكى دى. نلارغا) تىبىركىلىيۇز يىلى بولىدىغان چىراي. ھاۋا ئىسىشقا باشلىغاندىن بېرى كەنتىمىز ۋە خوشنا كەنىت-يىزىلاردا يۇقۇملۇق ۋە يۇقۇمسىز ئۆپكە تىبىركىلىيۇزبىمارلىرى باشقا يىللاردىكىدىن كۆرۈنەرلىك كۆپكەن.ناۋادا ئېغىر كۆرمىسىڭىز مۇشۇ ھەقتە بىرەر ماقالە يازسىڭىز، باشقا تىببى ساھەدىكى قېرىنداشلارمۇ بىلىمىنى تۆكسە، بۇنىڭدىن مەن باشقىلار مەنپەئەتلەك بەك ياخشى بولاتتى. ھەپتىدىن بۇيان ناھىيەلىك دوختۇرخانىدا تەكشۇرتۇش ئىشلىرى بىلەن يۈرۈش جەريانىدا، مۇناسىۋەتلىك دوختۇرنىڭ كەسپى ئەخلاقى ۋە بۇ كېسەللىككە بولغان تونۇشىنىڭ مۇجىمەللىگىدىن ئەنسەپ قالدىم. رەمەتلىك ئاپام دوختۇر بولغاچ بەزى ئىشلاردا قۇلاق موللىسى بولۇپ قالغان بۇلسام كېرەك :lol .
   ئەمدى مېنىڭ ئەھۋالىمغا كەلسەك، 9 كۈندىن بېرى تەكشۈرۈشلەر تۈگۈمەيۋاتىدۇ، پۇل تۈگىگەندىغۇ تۈگەر دەپ خاپا بولۇپ تۇرۇپتىمەن. ھازىرغىچە ئېنىق بولغىنى. مەندە يۇقۇمسىز تىبىركىليۇز تاياقچە باكتىريەسى بايقالدى . قانغا ئازراق ماي ئۆتۈپتۈدەك. باشقا كۆرسەتكۈچلەر نورمال.
مەندىكى ئالامەت: كېچىسى بىر-ئىككى قېتىم، كۈندۈزى ئۈچ تۆت قېتىم ئوتتۇرا ھال ياكى يېنىكرەك يۆتۇلىۋاتىمەن. بەزىدە ئوغرى تەر بار. بەلغەم رەڭگى ئاققۇچ ياكى كۆكۈچ ئاق. پۇراق يوق. ھومۇدەش، خىرقىراش، گىژىلداش ئەھۋاللىرى يوق. ماغدۇرسىزلىق ياكى قەۋزىيەتمۇ يوق.
    باشلىنىشى: بىر ئاينىڭ ئالدىدا زۇكام تەككەن، شۇ زۇكام قايتا- قايتا ئۈزۈلمەي تېگىپ ساقايمايۋاتاتتى، ئۆن كۈننىڭ ئالدىدا يۆتەل تىگىپ دوختۇرغا بارغان، ھازىرغىچە بىر تال دورا، بىر تال ئوكۇل يوق. شۇڭا ئۆيگە يېنىپ كېلىۋالدىم،تەكشۈرۈش داۋاملىشىۋاتىدۇ. مۇشۇ كېسەل سەۋەبىدىن كەنىتتىنمۇ كۈتۈنۈشكە ئىجازەت ئېلىۋالغاچ، بۇ كېسەل بىر تۇرۇپ ئسسىق بېسىپ قالغاندەكمۇ قىلىدۇ تېخى;P . نەچچە كۈندىن بۇيان قوي گوشى شورپىسى پايدا قىلدىمۇ بەلغەم ئاز. يۆتەلمۇ ئاز. شۇنداق قىلىپ ئاساسى ئەھۋال مۇشۇ. بىلگەجان ۋە باشقا ھەكىملەر بىلگەنلىرىنى دەپ بېرىپ دۇئاغا ئېرىشسە :P. تېمىغا مۇناسىۋەتسىز ئىنكاسىم ئۈچۈن كوپچىلىكتىن ئەپۇ سورايمەن.
بەت: 1 2 3 4 5 6 7 [8] 9 10 11
: (bilgejan) "ھەممىگە داۋا" شەربەتلەرنى ئىچەمدۇق؟