harunjan يوللانغان ۋاقتى 2015-2-18 21:01:24

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   harunjan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى2015-2-18 21:04

بۇ ماقالىنى ئەپچىلگىنە يانفونPDF كىتابىغا ئۆزگەرتىۋالدىم قىززىقۇچىلار يانفونغا قاچىلاپ ئوقۇپ بېقىڭلار
http://kuai.xunlei.com/d/K5QpEAI4HwAdp.RU422
بىۋاستە چۈشۈرۈش
http://vod81.c7.lixian.vip.xunlei.com/download?fid=jvEIUqrPk5ql2p0jbgObTRDLFPSd4Q4AAAAAAO47PLOghmSrHx6bRFn4ML3nEqjR&mid=666&threshold=150&tid=4C4F3678FBE383321ADAC997D7993B58&srcid=6&verno=1&g=EE3B3CB3A08664AB1F1E9B4459F830BDE712A8D1&ui=xlkuaichuan&s=975261&pk=kuaichuan&ak=8:0:999:0&e=1426258337&ms=819200&ci=&ck=D67EBDA502B924669B91C76F7715CAE5&at=698FBEB8074E841840FB12D75D91558E&n=0C0BAFFCB86F0C6C6517A2FBA528205F620CACF5B42B1E6A5D4B8DD0FF311B6200&k=2&ts=1424271697


Antonio يوللانغان ۋاقتى 2015-2-18 21:54:09

ئەڭ چاتاق يېرى پۇلغا ئەڭ ئىھتىياجلىق بولغان دىھقانقىرىنداشلىرىمىزنىڭ پۇلىنى ئالداپ ئىلىۋاتىدۇ ئەمەسمۇ،
دوختۇرخانىغا پۇل يوق موشۇنى ئىچىپ ساقىيىپ قالارمەنمۇ دىگەن ئۇمىدنى باغلاپ.............

bilgejan يوللانغان ۋاقتى 2015-2-18 22:08:04

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم قېرىنداشلار! بارلىق ئىنكاس قالدۇرغان تورداشلارغا كۆپتىن-كۆپ رەھمەت. مەن كۈتكەندەك ھەر خىل گەپ سۆزلەرنىڭ ھەممىسى تاشلىنىپتۇ. ئىمكانقەدەر ۋاقىت چىقىرىپ ئوتتۇرىغا قويۇلغان سوئاللارغا جاۋاب بېرىمەن ياكى تەھلىلىمنى ئوتتۇرىغا قويىمەن. مەندىن مەلۇم ساغلاملىق مەھسۇلاتى توغرۇلۇق سورىغانلار مۇمكىن بولسا شۇ مەھسۇلاتنى سۈرىتىنى قوشۇپ يوللاپ قويساڭلار، ئەمما ئېلانلىرىنى چاپلىمىساڭلار. بارلىق ئېلان خاراكتېرىدىكى مەزمۇنلار ئۆچۈرۈلىدۇ. رەھمەت!

bilgejan يوللانغان ۋاقتى 2015-2-18 22:26:12

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   bilgejan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى2015-2-19 03:45

isyankar1944 يوللىغان ۋاقتى2015-2-18 18:18 static/image/common/back.gif
ھۆرمەتلىك تۇرسۇن ئەپەندى ياخشىمۇسىز ؟ نونى توغرىسى ...


سىزنىڭ يۇقارقى ماقالىدە دىگەنلىرىڭىز ھەقىقەتەن راست بولسا نونى شەربىتىنى بىزگە سۇنغان سودىگەرلەر قارانىيەت بۇلىدۇ
====================
بۇ سۆزىڭىزدىن بىرسى يازغىنىمدىن گۇمانلىنىپتۇ؛ يەنە بىرى، نونى شەربىتى ساتقانغا قارا نىيەت بولۇپ كېتىدىكەن، دەپ چۈشەندىم. بۇنداق تاققا-تۇققا گەپلەرنىڭ چىققىنىدىن ھەم ھەيران قالمىدىم...
مەن يازغان ماقالەمدە پايدىلىنىلغان مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىپ قويدۇم، ھەر بىر ئېغىز سۆزۈمنىڭ ئېنىق پاكىتى بار. ئۆزۈمنىڭ ئېيتقانلىرى بولسا ئاددىي ساۋاتلار، ئۇنىڭدىن گۇمانلانغىنىڭىزنىڭ ئۆزى سىزنىڭ بۇ خىلدىكى ماقالىلەرنى كۆپلەپ ئوقۇشقا ئېھتىياجىڭىز بارلىقىنى چۈشەندۈرىدۇ.
ئەمدى سودىگەرلەرگە كەلسەك، بۇ مەھسۇلاتلار زەھەر ئەمەس، شۇڭا بۇنى ساتقان ئادەم قارا نىيەت بولۇپ كېتىشى ناتايىن. ئەمما مەھسۇلاتنى سېتىش ئۈچۈن راستنى راست پىتى دېمەي يالغان سۆزلەر بىلەن ئالداپ ساتقان بولسا ئۇ ھالدا ئۇنداق سودىگەرلەرنى قارا نىيەتنىڭ چوڭى دېسەك بولىدۇ. دېمەكچى بۇنداق دورىلارنى ساتقان بولسىمۇ نېمە دەپ ساتقانلىقىغا قاراش كېرەك. يەنە سوئاللىرىڭىز بولسا قارشى ئالىمەن.

bilgejan يوللانغان ۋاقتى 2015-2-18 22:30:06

Antonio يوللىغان ۋاقتى2015-2-18 21:54 static/image/common/back.gif
ئەڭ چاتاق يېرى پۇلغا ئەڭ ئىھتىياجلىق بولغان دىھقانقى ...

نەق گەپنى دەپسىز. بۇ يازمىدىكى بىلىملەرنى نەق شۇنداق دېھقانلىرىمىزغا بىلدۈرۈش بەك زۆرۈر. بۇ تېمىدا ئاللىقاچان بازىرى كاساتلىشىدىن ئەنسىرەپ قالغان بىر نەچچەيلەننىڭ ئىنكاسىنى ئۇچراتتىم، تېخى ئېلان چاپلاپمۇ ئۈلگۈرۈپتۇ. ئۆزىدىن قىلغان ئىشىدىن نومۇس قىلمايدىغان ئادەملەرنى بولسا ئىسمىنى ئاتاپ تۇرۇپ سازايى قىلىش كېرەك. ئۇلار قىلغان يالغانچىلىقلىرى، دېھقانلىرىمىز ۋە باشقا نۇرغۇن ئىشنىڭ تېگىنى ئۇقۇپ بولالمايدىغان كىشىلەرنى ئالدىغىنى ئۈچۈن ھېساب بېرىشى كېرەك. شۇنداق يالغاندىن ماختاپ ساتقانلار بولسا ماۋۇ تېمىغا كىرىپ مەن بىلەن دېگەنلىرىنىڭ راست ئىكەنلىكى ھەققىدە پاكىتلىق مۇنازىرە قىلىپ باقسۇن.

salambay يوللانغان ۋاقتى 2015-2-18 22:34:15

bilgejan يوللىغان ۋاقتى2015-02-18 22:08:04 static/image/common/back.gif
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم قېرىنداشلار! بارلىق ئىنكاس قالدۇرغ
مەن ئالدىنقى ئىنكاسىمدا تىلغا ئالغان مەھسۇلات:



بۇنىڭ يەنە باشقا ئىككى خىل مەھسۇلاتىمۇ باركەن…
سىزنى ئاۋارە قىلىدىغان بولدۇم:handshake

bilgejan يوللانغان ۋاقتى 2015-2-18 22:44:18

ArislanMemet يوللىغان ۋاقتى2015-2-18 19:52 static/image/common/back.gif
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، بىلگەجان ۋاقتىڭىز يەتسە كالا سۈتى ...

ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ئارسىلان،بۇ ھەقتە مەن ئىلگىرى « بىلگەجان دەرسخانىسى(3)-يېمەكلىك ۋە ھورمۇن» دېگەن ماقالەمدە توختالغان ئىدىم. شۇ ماقالىدىكى مۇناسىۋەتلىك مەزمۇننى بۇ يەرگە چاپلاپ قوياي، يەنە سوئالىڭىز بولسا داۋاملىق پىكىرلىشەيلى.

گەرچە گۆش ۋە سۈت مەھسۇلاتلىرىدىكى ئۆستۈرگۈچى ھورمۇننىڭ مىقدارى كېسەل پەيدا قىلمايدۇ، دەپ قارالغان بولسىمۇ، لىكىن ئۆستۈرگۈچى ھورمۇن ھايۋانلارنىڭ بەدىنىدە يەنە بىر مۇھىم ھورمۇن _ ئىنسۇلىنسىمان ئۆستۈرگۈچى فاكتور-1 (IGF1) نىڭ مىقدارىنى يۇقىرى كۆتۈرىدىغان بولغاچقا، بۇنداق ھورمۇن ئۇرۇلغان ھايۋان گۆشلىرى يەنىلا بىخەتەر ئەمەس. ئامرىكىدا ئۆستۈرگۈچى ھورمۇن ئۇرۇلغان سۈت كالىلىرىنىڭ سۈتىدە ئادەتتىكى كالىلارنىڭ سۈتىگە قارىغاندا IGF1 نىڭ مىقدارى ئون ھەسسە يۇقىرى ئىكەن. IGF1 بولسا بىر ئۆسۈشنى ئىلگىرى سۈرگۈچى ھورمۇن بولۇپلا قالماي ھۆجەيرىلەرنىڭ بۆلۈنۈشىنى تىزلىتىش رولىغا ئىگە بولغاچقا، ئادەم بەدىنىدە زىيادە مىقداردىكى IGF1 بولسا، بۇ ئەرلەردە مەزى بېزى راكى، ئاياللاردا ئەمچەك راكىغا گىرىپتار بولۇش نېسبىتىنى 5-6 ھەسسە ئاشۇرىۋىتىدۇ. دىمەك، ھورمۇنلۇق يىمەكلىلەر ھەقىقەتەن ساغلاملىقىمىز ئۈچۈن بىر زور تەھدىت بولماقتا.

salambay يوللانغان ۋاقتى 2015-2-18 22:44:23

ئايالىم بالامغا يەنە ئېلىپ بېرەيلى دەپ بېشىمنى ئاغرىتىۋەتتى، مەنغۇ سەل گۇمانىي قاراشتا بولغاچ، چۈشەندۈرۈپ بولالماي كەينىگە تارتىپ يۈرۈۋاتىمەن مانا ئەنە دەپ… ماۋۇ تېمىنى كۆرۈپ سېتىۋىلىشتىن تېخىمۇ يالتايدىم (ئىللىق ئەسكەرتىش: مەن سودىگەر ئەمەس، يۇقارقى مەھسۇلاتنىڭمۇ ۋاكالەتچىسى ئەمەس:lol)

bilgejan يوللانغان ۋاقتى 2015-2-18 22:47:50

salambay يوللىغان ۋاقتى2015-2-18 22:34 static/image/common/back.gif
مەن ئالدىنقى ئىنكاسىمدا تىلغا ئالغان مەھسۇلات:



رەھمەت، مەن ئىزدىنىپ كۆرەي. قارىساملا Whey Protein دەپ تۇرۇپتۇ ئاۋۇ قۇتىدا... بۇنداق ئاقسىللارنىڭ بىر قىسىملىرىنىڭ ھالال ئەمەسلىكىنى بىلىمەن. بۇ مەھسۇلات قانداق ھازىرچە ئېنىق بىلمەيمەن. مەن ئېنىق سۈرۈشتۈرۈپ جاۋاب بەرگۈچە تەخىر قىلىپ تۇرۇڭ.

iltersh يوللانغان ۋاقتى 2015-2-18 23:03:26

attir يوللىغان ۋاقتى2015-02-18 20:39:08 static/image/common/back.gif


ماككا تەبىي زىيانسىز ئۆسۇملۇك.
بازاردىن ھورمۇن قوشۇل
سىز قانداق بىلىسىز؟

yehya1 يوللانغان ۋاقتى 2015-2-18 23:06:33

ئەسسالامۇئەلەيكۇم تۇرسۇنجان ئەپەندىم ئېلخېتىڭىزگەخەت يازسام جاۋاپ يازمىدىڭىز سىزگەبىر ھاجىتىم بارتى ئېلخەتتە دىيىشكەنبولساق.

attir يوللانغان ۋاقتى 2015-2-18 23:48:41

iltersh يوللىغان ۋاقتى2015-2-18 23:03 static/image/common/back.gif
سىز قانداق بىلىسىز؟

بىرسىنىڭ ھاۋالىسىگەتوردىن سىتۋىلىپ بەرگەن چۇشەندۇرشىدىن بىلۋالدىم .

Dilruba يوللانغان ۋاقتى 2015-2-19 05:57:14

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Dilruba تەھرىرلىگەن. ۋاقتى2015-2-19 12:09

salambay يوللىغان ۋاقتى2015-2-19 04:34 static/image/common/back.gif
مەن ئالدىنقى ئىنكاسىمدا تىلغا ئالغان مەھسۇلات:



مۇنۇسى يېڭى زېلاندىيە مەھسۇلاتى ئەمەس. بەيدۇ بەيكې دىمۇ يېزىلغانكەن. يولداشلارنىڭ بۇنداق مەھسۇلاتلىرى بازاردا كۆپ. ماۋۇ ئۇلىنىشنى كۆرۈپ بېقىڭ. http://www.baike.com/wiki/纽贝乐

جۇڭگونىڭ ئىچكىرى ئۆلكىلىرىدىكى شىركەتلەرنىڭ مېلى تۇرۇقلۇق، «يېڭى زېلاندىيەدە ئىشلەنگەن» دېگەن خەتنى يېزىۋالىدۇ. ئەمما يېڭى زېلاندىيە بازىرىدا بۇنداق ماركىدىكى مەھسۇلات يوق، ھەقىقەتەتەن شۇنداق ماركىنى يېڭى زېلاندىيەدە تىزىملاتقان ھالەتتىمۇ يېمەكلىك ئىشلەپچىقىرىش تازىلىق تەلىپىگە توشقانلا بىر يەر بولسا، خۇددى نائۇستا ئادەم تاماق ئەتكەن پەدىگە خالىغانچە مەھسۇلات ياساپ، ئۇدۇل جۇڭگوغا يۆتكەپ ساتىدۇ، چۈنكى بۇ مەھسۇلات سۈپەت جەھەتتىن يېڭى زېلاندىيەنىڭ ھەقىقىي ساغلاملىق بويۇملىرى بىلەن ھەرگىزمۇ بىر قاتاردا تۇرالمايدۇ.
سۈپىتىگە كەلسەك، مەنمۇ باشقا دوستلىرىمنىڭ ھاۋالىسى بىلەن كالىتىسىي ياكى كۆپ خىل ۋىتامىن دېگەندەك ساغلاملىق بويۇملىرىنى بىر قۇر تەكشۈرۈپمۇ باققان، يېڭى زېلاندىيەنىڭ ھەقىقىي ماركىدىكى يەرلىك بويۇملىرىغا باققاندا ھەقىقىي تەركىب كۆپ تۆۋەن، قوشۇلمىلار كۆپ. چۈنكى پۈتۈن مەقسەت تەننەرخنى تېجەش، چىقىمنى ئازايتىش، ئەرزان ئىشلەپچىقىرىپ جۇڭگودا چەتئەل مەھسۇلاتى قاتارىدا قىممەت سېتىپ، زور پايدا ئېلىش. يولداشلار ئۆزىمۇ كۈلكە قىلىپ قويىدىكەنغۇ «ئادەم ئۆلتۈرمىسىلا بولدى» دەپ.:lol
ئەڭ ئاددى مىسال: يېڭى زېلاندىيەدە ئىشلەپچىقىرىلغان ئۆچكە سۈتى كالتىسىي تابلېتى سۈت تېتىيدۇ، ئەمما يولداشلار ياسىغان ماركىدىكىسى ناھايتىمۇ روشەن ھالدا سۈت پاراشوكى تېتىيدۇ.
باشقا نەرسىمۇ سېتىۋېلىڭ، لېكىن يېڭى زېلاندىيەنىڭ سۈت پاراشوكى دېگەننى قېپىغا قاراپلا سېتىۋېلىپ قالماڭ، يېڭى زېلاندىيەدە ھەقىقى ماركا پەقەتلا ئىككى، قالغىنىنى ئەمگەكچان جۇڭگو خەلقى كەشىپ قىلغان.

Dilruba يوللانغان ۋاقتى 2015-2-19 06:11:01

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Dilruba تەھرىرلىگەن. ۋاقتى2015-2-19 13:10

ساغلاملىق بويۇملىرى ئادەمنىڭ ئېھتىياجى زادىلا چۈشمەيدىغان، شۇنداقلا ئېستېمال قىلسا ھېچقانداق ئالاھىدە ئۈنۈمى كۆرۈلمەيدىغان نەرسىمۇ ئەمەس، ئەمما ساتارمەن قولىدا بار ھەر قانداق نەرسىنىڭ ئۈنۈمىنى ۋە تەركىبىنى كۆپتۈرۈپ تەشۋىق قىلماسلىقى، ئالارمەنمۇ چاپ- چاپ بازاردا باشقىلار ماختىغانلىكى نەرسىنى «راست شۇنداق ئوخشايدۇ» دەپ بىر مۇنچە پۇل خەجلەپ سېتىۋېلىپ، ئالدامچىنىڭ كۆپىيىشىگە شارائىت يارىتىپ بەرمەسلىكى كېرەك. تورنىڭ ئالدىدا ئولتۇرالىغۇدەك شارائىتىڭىز بولسا ئانچە- مۇنچە تەكشۈرۈپ دەلىللەپ بېقىڭ، ھازىر ھەر قانداق بىر ماركىنى كىرگۈزسىڭىز ئىشلەپچىقارغۇچى ئورۇن، تەركىبى، ئۈنۈمى ھەتتا تەخمىنەن سېتىلىش باھاسىنىمۇ ئىزدەپ تاپالايسىز. قولىدىكى نەرسىنى ئاغزى- ئاغزىغا تەگمەي ماختاۋاتقان تەشۋىقاتچىدىن گۇمانلىنىپ بېقىڭ، ئۆزىنىڭ نېمە دەۋاتقانلىقىنى، كالىتىسىي، ئاقسىل دېگەننىڭ زادى نېمىگە زۆرۈرلۈكىنى بىلىپ سۆزلەۋاتامدۇ ياكى ئۇمۇ باشقا بىرىدىن ئازراق باھا پەرقى بىلەن ئېلىپ كەلگەن نەرسىنى سىزگە «بارلىق كېسىلىڭنى يىلتىزىدىن ساقايتىدۇ» دەپ تۇرۇپ زورلاپ سېتىۋاتامدۇ؟
مۇشۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك بىر ۋەقە ھەققىدە ئۆتكەن يىلى ئۈندىداردا يوللىغان بىر نەرسىنى مۇشۇ يەرگە يوللاپ قوياي.



دوستۇم بىر ئورىفىلەمچىدىن ئىككىنچى سۈرەتتىكى ساغلاملىق بويۇمىنى سېتىۋېلىپ بولغاندىن كېيىن تۇرۇپلا گۇمان قىلىپ قاپتۇ، سۈرەتكە تارتىپ ماڭا كۆرسەتتى، ئېنگىلىزچە ۋە خەنزۇچە شىركەت تەرەپ تور بەتلىرىنى كۆرۈپ باقتىم، شىۋىتسىيەدە پەقەت بىر تېرە گۈزەللەشتۈرۈش بويۇمى قاتارىدا بىرىنچى رەسىمدىكى ھالەتتە ئورالغان مەھسۇلات خەنزۇچىدە خېلى جەلبكار نام بىلەن ئاتىلىپتۇ. زاۋۇت تەرەپنىڭ تور بېتىدىكى خەنزۇچە چۈشەندۈرۈلۈشى بولسا ئۈچىنچى سۈرەتتكىدەك ئىكەن. يەنى بۇ بىر تېرە گۈزەللەشتۈرۈش ئۈنۈمى ئالاھىدە بولغان ساغلاملىق بويۇمى ئىكەن. (بۇ مەزمۇن ئېنگىلىزتىلىدىكى ئەسلى چۈشەندۈرۈش بىلەن ئوخشاش.)
ئەمما دوستۇم بۇنى ئاياللار كېسىلى ۋە باشقا ئۇششاق كېسەللىرىگە داۋا ئىزدەپ يۈرۈپ ئۇچرىتىپ قاپتۇ ۋە ئۇيغۇر تىلىدا تەشۋىقات ماتېرىيالى قىلىپ بېسىپ تارقىتىلىۋاتقان تۆۋەندىكى ماختاشلارغا ئىشىنىپ خېلىلا قىممەت پۇلغا سېتىۋاپتۇ. بۇ تەشۋىقات ئۈندىداردىمۇ كەڭ كۆلەمدە ئۇچرايدۇ.

ئۇيغۇرچە تەرجىمىدە يېزىلغان بايانلار بىلەن ئەسلى مەھسۇلاتنىڭ ھېچقانچە مۇناسىۋىتىمۇ قالماپتۇ. ھەيرانلىقىمدىن ھوشۇمدىن كېتەي دېدىم، ئەجىبا بۇ شۇنچىۋالا ئىگە- چاقىسىز، قالايمىقان قالغان بازارمۇ؟
خېرىدار ھۇشىيار بولمىسا ئالدامچىلار قاقتى- سوقتىسىنى داۋاملاشتۇرىۋېرىدۇ، مۇشۇ تەكشۈرۈشلەردىن كېيىن ساتقۇچىنى سۈرۈشتۈردۈم، ئۇمۇ بىر تونۇشىمىزكەن، خەقتىن كەلگەننى شۇ پېتىلا سېتىپتىمەن دېدى.... ئەمەلىيەتتە نۇرغۇنلار ئۆزىنىڭ ھەتتا نېمە سېتىپ يۈرگەنلىكىنى بىلمەستىن، شاخلىتىپ سېتىشتىن ئازراق بولسىمۇ پايدا ئالىمىزمىكىن دېگەن نىيەتتە باشقىلارغا سۆزلەۋېرىدۇ، ئاقىۋەتتە قېرىنداشلىرىغا زىيانكەشلىك قىلشتىن باشقا ئاساسلىقى خەقنىڭ يانچۇقىنى توملايدۇ.
كوللاگېننىڭ، ئاقسىلنىڭ، ئۇيۇتقۇچىنىڭ، كاپسۇلنىڭ... ھالال- ھارىمى بولىدىغانلىقى دېگەنلەرنىمۇ بىلىشىمىز كېرەك ئىدى. ساغلام بەدەن، ساغلام روھ ھەققىدە ئومۇمى خەلقنىڭ تونۇشىنى ئۆستۈرمەك تولىمۇ تەخرسىز مەسىلە دەپ ئويلايمەن.

iltersh يوللانغان ۋاقتى 2015-2-19 07:33:16

گەپ قىستۇرۇپ ئۆتۈپ كېتەي
دۇنيادىكى ھەر بىر مىۋە،گىياھ،ئۆسۈملۈكنىڭ بەدەنگە مەلۇم پايدىلىق يېرى بولىدۇ،دىيارىمىزدىكى ئۆرۈك،ئالما،بىيە،ئالقات…لارنىڭمۇ راۋۇرۇس پايدىلىق تەسىرى بار،سىرتتىن ئەكىرگەنلىكى ئۈچۈن نونى ئىچىملىكىنى خاسىيەتلىك دەپ تۇرۇۋالساق بولمايدۇ…
بۇ دۇنيادا خىسلەتلىك ئېكسىر ناياپ مەۋجۇت ئەمەس،نونى بولامدۇ،ماككا بولامدۇۋەياكى يەنە بىر نەرسە بولامدۇ،ئاھ پاھ دەپ كېتىشنىڭ ئورنى يوق
نونى پەقەتلا ئادەتتىكى بىر مىۋە ، يىسىڭىزمۇ يىمىسىڭىزمۇ ھېچنىمە بولمايدۇ،ئۆرۈككە ئوخشاش

dawrim يوللانغان ۋاقتى 2015-2-19 08:15:42

لوقمان ھەكىم دىگەن رەسۋا شىركەتمۇبەك ئالدىۋەتتى دىققانلارنى . مەن بۇلارنىڭمەزىبىزىگۈھىرىنى ئستىمال قىلىپ ھورمۇن با دەپ گۇمانلانغان   ،بۇ قېىتىم خەزۇلارنىڭساغلاملىق مەھسۇلاتلىرى دۇككىنىغا كىرىپ   شىردەك قىلىۋىتىدۇ دىگەن دورىسىدىن 10 يۈەنگە بىرتال سېتىۋېلىپ يەپباقتىم   ئۈنۈمى لوقمان ھەكىمنىڭ دورىسى بىلەنئوپمۇ -ئوخشاشكەن . خەنزۇلار ھورمۇن با دەپ تۇرۇپساتىدىكەن . لىكىن بۇ شىركەتھومۇن يوق دەپ36تال قاچىلاپ 390يۈەندىن توپسېتىۋاتىدۇ   .   باھا جەھەتتىمۇئوخشاشئۈنۈمى ئوخشاش   .دورىنىڭ شەكلىمۇئوخشاش

nurjahan0997 يوللانغان ۋاقتى 2015-2-19 09:24:29

attir يوللىغان ۋاقتى2015-2-18 23:48 static/image/common/back.gif
بىرسىنىڭ ھاۋالىسىگەتوردىن سىتۋىلىپ بەرگەن چۇشەندۇر ...

ماككا زادى قانداق كېسەللەرگە شىپا بولىدۇ؟تەپسىلى بىر چۈشەندۈرۈپ قويامسىز قېرىندىشىم؟

memetawaq يوللانغان ۋاقتى 2015-2-19 10:13:37

كىچىككىنە خوتەن شەھرىدە كوللاگىنلىق پىپدىتنى مەخسۇس سېتىش دۇكىنىدىن بەش - ئالتىسى قۇرلۇپ بولدى . قارىغاندا پايدىسى خېلى ئوبدان ئوخشايدۇ .
ئۇلارنىڭ تەشۋىقاتىغا قاراپ ، مۇشۇ بىر قاتار ئالاھىدە ئۈنۈملۈك ساغلاملىق مەھسۇلاتلىرىنى ئىستىمال قىلىپ باقمىغان بىزدەك ئاددى ئاۋام خەلق ھېلىمۇ ھايات ياشاۋېتىپتىمىز شۈكرى خۇدايىم ...

terjime يوللانغان ۋاقتى 2015-2-19 11:08:55

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   terjime تەھرىرلىگەن. ۋاقتى2015-2-19 13:57

بۇ دورىنىڭ ئېلانىنى ئۈندىداردابىرنەچچە قېتىم ئۇچراتتىم ، نوبىل مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن ئالىمنىڭ دورىسى ، راك كېسىلىنى داۋالايدۇدەپ چۈشەندۈرۈش بېرىلگەن .پۈتۈنلەي ئىنگىلسچە قاپ سېرتىدىكى چۈشەندۈرۈشلەر .
ئۆتكەن ھەپتە ئۈندىدار دوستلار چەمبىرىكىدە كۆرگەن بىر سىندا بىر ئۆيدە بىر توپ ئادەم ئولتۇرىدۇ ، ياغلىق ئارتقان بىر قىز « مەن راك كېسىلى ئىدىم ، مۇشۇ دورىنى يىگەندىن كىيىن ھازىرغىچە ياخشى تۇرۋاتىمەن ، ئادەم ئالدىغاننىڭ پايدىسى يوق ، ئىشەنمىسەڭلەر سىلەرمۇ يەپ بېقىڭلار... » دىگەندەك گەپلەرنى قىلدى .قاراشقا يالغان سۆزلىمەيدىغاندەك سەمىمى قىزدەكلا قىلىدۇ . بىراق مەن سەل گۇمانلىنىپ قالدىمراكنى داۋالايدۇ دىگەنگە .

بىر چاغدا دۆلەت گۆھىرى قارغاي گۈل چېڭى دەپ بىر نەرسا چىققاندا شۇنىمۇ ھەر قانداق كېسەلگە پايدا قىلىدۇ دەپ مۇشۇنداق ئادەم يىغىپ ساتقاننى كۆرگەن . پۇلنى تېپىپ بولۇپ يوقالدى .

iltersh يوللانغان ۋاقتى 2015-2-19 11:21:19

dawrim يوللىغان ۋاقتى2015-02-19 08:15:42 static/image/common/back.gif
لوقمان ھەكىم دىگەن رەسۋا شىركەتمۇبەك ئالدىۋەتتى دىقق
ماۋۇ دادىل شىركىتىمۇ ئالدامچىلىق قىلمىسا بولمامدۇ دەيمەن، ئۆتكەندە دادىل بالىلار ئاقسىل تالقىنىدىن بىرنى ئېلىپ ئۆيگە ئەكىلىپ قارىسام خەنزۇچە چۈشەندۈرۈشىدە ئىشلەنگەن يېرى گۇاڭدۇڭ فوشەندىكى بىر زاۋۇت ئىسمى تۇرىدۇ،ئۇيغۇرچە چۈشەندۈرۈشىدە ئۈرۈمچىدىكى بىر يەرنىڭ ئىسمى تۇرىدۇ،رەسۋالار…
بەت: 1 2 [3] 4 5 6 7 8 9 10 11
: (bilgejan) "ھەممىگە داۋا" شەربەتلەرنى ئىچەمدۇق؟