dadash يوللانغان ۋاقتى 2015-2-19 22:34:20

نونى ھەققىدە بۇرۇن方舟子 نىڭ يازغان بىر ماقالىسى خەنزۇچە بەتلەردە غۇلغۇلا قوزغىۋەتكەنغۇ، شۇنىڭدىن كېيىن بۇ شەربەتنى ئۇنتۇپ كەتكەن ئىدىم ...

terjime يوللانغان ۋاقتى 2015-2-19 22:44:26

ئۈستىدىكى قېرىنداش بولسا شۇ 90% ئادەم پايدا قىلدى دىگەن نونى شەربىتىنىڭ ماركىسنى ئېيتىپ بەرسىڭىز . ماڭا بىرەيلەن بىر تونۇشۇمنونى شەربىتىنى ئىچكەندىن كىيىن پۈتۈن قارا چاچ چىقىپتۇ دىۋىدى ئاڭلاپ قورقۇپ كەتكەنتىم . قىسقا مۇددەت ئىچىدە ئۈنۈمى كۆرۈلىدىغان ساغلاملىق مەھسۇلاتلىرىغا ھورمۇن قوشىدىغانلىقى ئىنتايىن ئېنىق . بىر بوتۇلكىسى 500كويلۇق نونى شەربىتىگە ئەگەر ھورمۇن قوشۇلمىسا 50كويلۇق ئانار سۈيىدەك پايدا قىلىشى ناتايىن .
رايۇنىمىزدىكىلەرپەقەت ئىچكىردىكىلەر ياسىغاننى سېتىۋاتىدۇ . كۆپىنچىسى ئىچىدە نىمە بار ، نىمە قوشتى ئېنىق بىلمەيدۇ . پەقەت بولمىساماڭا زاۋۇت تەرەپ مۇشۇنداق چۈشەندۈرگەن دەپلا ئۆزىنى ئاقلايدۇ . ئىچكىرىدىكى بەزى زاۋۇتلارنىڭپۇل تېپىش ئۈچۈن ۋاستە تاللىمايدىغان جانۋارلارنىڭئىكەنلىكىگە كۆزىنى يۇمىۋالىدۇ .

yasir يوللانغان ۋاقتى 2015-2-19 22:45:43

bilgejan يوللىغان ۋاقتى2015-2-19 21:19 static/image/common/back.gif
مەزكۇر يازمىغا پىكىرى بار بارلىق كىشىلەرگە ئەسكەرتىش:
...

ئەمەلىيەتتە مېنىڭ نونى بىلەن ئىقتىسادى باغلىنىشىم بولسىمۇ مەن بۇ يازمىنى ئىنتايىن ياقتۇردۇم.يۇقاردا ئوتتۇرغا قويغىنىم بۇ تېمىنى ئاۋاتلاشتۇرۇش نوقتىسىدىن يېزىلغان ،ئەمەلىيەتتە يۈز بەرگەن ئىشلار بۇلۇپ ،نونىنىڭ ئامىركىدىمۇ بىر مەھەل تالاش تارتىشقا سەۋەپ بۇلۇشىنىڭ ئۈزىى ئۇنىڭ پايدا قىلىدىغان تەرپلىرىنىڭ بارلىقىنىمۇ چۈشەندۈرۈپ تۇرۇپتۇ . مەن باياتىن ئۈندىدار توپىدا شىركەت مەسئۇلىنىڭ سىزنىڭ مۇشۇ يازمىڭىزنىڭمەھسۇلات سېتىشقا سەلبى تەسىرى بولسىمۇ ئەمەلىيەتتە ھازىرقى چەكتىن ئاشۇرۇپ تەشۋىق قىلىشنڭ رىئال ئەھۋال ئىكەنلىگىنى ،شۇ سەۋەپتىن سىزنىڭ يازمىڭىزنى قولايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپتۇ.

bilgejan يوللانغان ۋاقتى 2015-2-19 22:46:35

iltersh يوللىغان ۋاقتى2015-2-18 19:28 static/image/common/back.gif
كوللاگېنلىق پېپتىد توغرىلىقمۇ بىر نەرسە ئاڭلاپ باقساق ...

كوللاگېنلىق پېپتىد ھەققىدە كىتابىمدا تەپسىلىي توختالماقچى ئىدىم. بۇ ھەقتە دوكتور ئالىم پولات بىلەن بىرلىشىپ خېلى كۆپ ئۇچۇرلارنى توپلىدۇق. بۇ مەسىلىنى نېگىزىدىن ئىنچىكىلەپ چۈشەندۈرۈشكە توغرا كىلىدىغان بولغاچقا ھازىرچە توردابەك تەپسىلىي سۆزلىمەي.
ئېنىقى، كوللاگېنلىق پېپتىدمۇ ئوخشاشلا بىر ساغلاملىق مەھسۇلاتى، باشقا بارلىق ساغلاملىق مەھسۇلاتلىرىغا ئوخشاش ئۇلار كىلىنىكىلىق سىناق ئارقىلىق ئۈنۈمى ۋە بىخەتەرلىكى ئىلمىي ئۇسۇلدا دەلىللەشتىن ئۆتمەيدۇ. پېپتىد ۋە ئاقسىل دېگەندەكلەر مۇھىم بولغان ئۈچ چوڭ ماكرو ئوزۇقلۇقنىڭ ئىچىدىكى بەدەنگە مۇھىم بولغان ئاقسىل تۈرىگە كىرىدىغان ماددىلار. ئادەتتە گۆش، سۈت، تۇخۇم ۋە پۇرچاقلاردا كۆپ تېپىلىدۇ.

كوللاگېنلىق پېپتىد مۇشۇ چوڭ تۈردىكى ماددىلارنىڭ بىر تۈرى بولۇپ، گېلاتىن (gelatine) دەپمۇ ئاتىلىدۇ. بۇ خىل ماددا ئادەتتە گىرىم بۇيۇملىرى، بىر قىسىم دورىلار ۋە يېمەكلىكلەردىكى قوشۇمچە تەركىب سۈپىتىدە دائىم ئىشلىتىلىدىغان ماددا بولۇپ، گېلاتىننىڭ مەنبەسىگە قاراپ ھالال ياكى ھارام دەپ ئايرىلغاچقا بىز چەتئەلدە ھەر قانداق يېمەكلىك سېتىۋالساق گېلاتىن بار-يوقلۇقىغا ئالاھىدە دېققەت قىلىمىز. گېلاتىن ئادەتتە گۆش كەمپۈت ياكى شۇنىڭدەك يۇمشاق ۋە سوزۇلۇشچان يېمەكلىكلەر، ماروژنا قاتارلىقلاردا ئەڭ كۆپ ئۇچرايدۇ. بۇ ماددىىنىڭ قانداق قىلىپ كېسەل داۋالايدىغانلىقى ھازىرچە ماڭا نامەلۇم. پەقەت قىسمەن ئىلمىي تەتقىقات نەتىجىلىرىدە بۇ ماددىنىڭ چاچ ۋە تىرناق ساغلاملىقى بىلەن مۇناسىۋىتى بارلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلغان.

terjime يوللانغان ۋاقتى 2015-2-19 22:57:25

مەنمۇ تەيئەيتەي كوللاگىنلىق پىپىدىتنىڭ تور بېتىگە كىرىپ خېلى تەپسىلى ئوقۇدۇم ، ئەسلىدە چىراي گۈزەللەشتۈرۈشنى ئاساس قىلغان مەھسۇلات ئىكەن . بىر بۇرجىكىدە ئورالمىسى بۇزۇلۇپ كەتكەن مەھسۇلاتلارنى ئەرزان باھادا سېتىپ چىقىرىش ئۇلانمىسى دەپ ئالى بابا دىكى بىر دۇكانغا ئۇلاپ قۇيۇپتۇ ، ئۆلچەملىك ئورالماي قالغانلىرىنى 500بولاقتىن يۇقىرى ئالسا بەش يۈەندىن توپ باھادا ساتىمىز دەپ تۇرۇپتۇ . تىز يەتكۈزۈشنىڭ كىراسى بىلەن 680يۇەنگە 500قاپ ئالدىم . ئىككى كۈندە كەلدى بېيجىڭدىن . لىق بىر چوڭ يەشىككەن ، مىقدارى بوينچە ھېساپلىسا مەخسۇس سېتىش دۇكىنىدىن بۇنچىلىك پىپىدىد نى ئون مىڭ كويغىمۇ ئالغىلى بولمايدۇ . ئانام ئىچىپ ئۈچۈنچى كۈنى يۈركى سېلىپ كىتىپ ئىچمىدى . تاشلىۋىتىشنىڭ ئورنى يوق ، خۇلۇم ـ خوشنىلارغا تارقىتىپ بېرىۋەتتۇق . كىيىن باشقا بىر خوشنىمىزمەنمۇ ئىچىپ باقسام ، بەك ئېلان قىلىپ كەتتى ، مەخسۇس سېتىش دۇكىنىداقىممەتكەن ، مۇئاشىم يەتمىدى ، توردىن ئەكەلدۈرۈپ بەرسىڭىز دىدى ، قارىسام باھاسىنى 19يۇەنگە ئۆستۈرۋاپتۇ .
باشتا كىرگۈزگەندە كالا سۆڭىكىدىن ياسالغان ، بېلىق سۆڭىكىدىن ياسالغان دەپ ئىككى خىل ئىكەنتۇق . كالا سۆڭىكىدىن ياسالغىنى شۇ مەن ئالغان بەش كويلىقى ئىدى . ئويلاپ باقسا بېيجىڭدە نەدىمۇ ئۇنداق جىق كالا سۆڭىكى بولسۇن .بېلىق سۆڭكىمۇ يىنىك نەرسە ، يەنە كىلىپبىلىق ساتقان ئادەم كالىنىڭ سۆڭكىگە ئوخشاش سۆڭەكنى ئېلىپ قېلىپ ئايرىم ساتمايدۇ ، ئەمسە بۇ بېلىق سۆڭەكلىرى نەدىن كەلگەن . سەل گاڭگىراپ قالدىم .

abux311 يوللانغان ۋاقتى 2015-2-20 00:21:00

كىچىك بالىلاردىكى قەغەز يىيىش ئەھۋالىغا قانداق قارايسىلەر! ئۈنۈملۈك بىرەر ئامالى بارمۇ

Economists يوللانغان ۋاقتى 2015-2-20 04:13:51

كىچىك بالىنىڭ قەغەز يىيشىگە ھازىرچە تاياق دورا .قەغەزدە يا بىر ۋىتامىن بولمىسا ،باشقا نەرسە ئارقىلىق تولۇقلايلى دىسە .

Abdikadir يوللانغان ۋاقتى 2015-2-20 11:55:08

ناۋبايجىن ۋەجامىسون دا ھورمون بارلىقى توغرىلىق خەۋەرلەر جاھاننى بىر ئاپتۇ .

http://health.xinmin.cn/jkzx/2015/02/19/26863436.html
   
褪黑素 دىگەن نىمە ئۇ ئاغىنىلەر

Abdikadir يوللانغان ۋاقتى 2015-2-20 12:02:48

abux311 يوللىغان ۋاقتى2015-2-20 00:21 static/image/common/back.gif
كىچىك بالىلاردىكى قەغەز يىيىش ئەھۋالىغا قانداق قارايس ...

كىچىك بالىلارنىڭ ھەرخىل نەرسىلەرنى چايناپ بېقىشى نورمال ئەھۋال ، مەن جىق كۆرگەن ، سېغېز (پوپوتاڭ ئەمەس) ، قەغەز ، سۇلياۋ ، مېتال ، ئەينەك شارەك دىگەنلەرنى ئاغزىغا سېلېپ چايناشقا ئامراق بالىلارنى ، بۇ بالىلارنىڭ تەبىئىتى ، چوڭ بۇلۇشىغا بېقىپ ئوڭشىلىپ كىتىدۇ ، دىققەت قىلىپ تۇرۇپ ، ئېغىزىغا شۇنداق نەرسىلەرنى سالغىلى قويمىساق ، سالامەتلىكىگە تەھدىد ئېلېپ كەلمىسە چوڭ ئىش يوق ،چوڭ دادام رەھمەتلىكنىڭ دىيىشىچە مەنمۇ كىچىك چېغىمدا سېغىز تۇپا يىيىشكە ئامراق ئىكەنمىشمەن

kilimat يوللانغان ۋاقتى 2015-2-20 13:16:59

ئېنىقى، كوللاگېنلىق پېپتىدمۇ ئوخشاشلا بىر ساغلاملىق مەھسۇلاتى، باشقا بارلىق ساغلاملىق مەھسۇلاتلىرىغا ئوخشاش ئۇلار كىلىنىكىلىق سىناق ئارقىلىق ئۈنۈمى ۋە بىخەتەرلىكى ئىلمىي ئۇسۇلدا دەلىللەشتىن ئۆتمەيدۇ. پېپتىد ۋە ئاقسىل دېگەندەكلەر مۇھىم بولغان ئۈچ چوڭ ماكرو ئوزۇقلۇقنىڭ ئىچىدىكى بەدەنگە مۇھىم بولغان ئاقسىل تۈرىگە كىرىدىغان ماددىلار. ئادەتتە گۆش، سۈت، تۇخۇم ۋە پۇرچاقلاردا كۆپ تېپىلىدۇ.
=============================================
يۇقۇردا دىگىنىڭىزدەك‹‹لوقمان ھەكىم قوش ئۈنۈملۈك مەزى بېزى گۆھىرى››مۇ ساغلاملىق مەھسۇلاتى ھىساپلىنىپ،
ئۈنۈمى ۋەبىخەترلىگىنى دەلىللەشتىن ئۆتكۈزمەمدۇ؟

mispurqak يوللانغان ۋاقتى 2015-2-20 14:07:12

KARWAN123 يوللىغان ۋاقتى2015-2-19 20:16 static/image/common/back.gif
ياۋا تاۋۇز دىگەن ئۇ نەېسىنىڭئۇيغۇرچە ئاتىلىشىكورخە ...

ئىلىنىڭ كەڭ بىنەم ئىدىرلىرىدىكى جىرالاردا كۆپ بۇ نەرسە.غۇلجىلىقلار بۇنى بۆرە تاۋۇز دەپ ئاتايدۇ.

Antonio يوللانغان ۋاقتى 2015-2-20 18:00:31

ئەلۋەتتە بۇنداق دىسە ساغلاملىق مەھسۇلاتلىرىنىڭ ھەممىسىلا ساختا ياكى ئىچكەننىڭ پايدىسى يوق دىگەنلىك ئەمەستۇ. شۇنداقتىمۇ بالىرىمىزغا كالتىسى تولۇقلاش دىگەندەك ئىشلارغا سەل قارىمايلى.

مەن ئۆزۈمنىڭ تەجىربىسىنى دەپ باقاي،مەنمۇ بالامغا كالتىسى تولۇقلاش زۆرۈر بولۇپ قىلىپ دۆلىتىمىزدە ئىشلەپ چىقىرىلغان كالتىسىلارنى سىناپ باقتىم لىكىن ھىچ ئۈنۈمى بولمىدى ، شۇنىڭ بىلەن ئىمپورت قىلنغان كالتىسى تولۇقلاش مەھسۇلاتلىرنى بىرىپ سىناپ باقماقچى بولدۇم، بەيدۇغا يازسام ئامىركىنىڭ مەلۇم بىر كالتىسىنى كۆرسەتتى تاۋباۋدىن ئىزدىسەم ئوخشاش بىر مەھسۇلات 50يۆندىن 300يۆەنگىچىكەن، ھەقىقەتەن ساختىسى بەكلا كۆپكەن، سىتىلىشى ۋە ئىشەنچ دەرىجىسى يۇقىرى بولغان بىر دۇكاننىدىن تاللىدىم، Ebay تورغا راستىنلا موشۇ مەھسۇلات بارمىدۇ دەپ كىرگۈسەم ئامېركىدىكى باھاسى 20دۇللاردىن40دوللارغىچە باركەن، ھازىرغچە شۇنى بىرۋاتمەن بالامغا، بالاممۇبەك ئامراق، دۆلتىمىزمنىڭ كالتىسىنى ئىچۈرگەندەك جاپامۇ يوق

meslihet يوللانغان ۋاقتى 2015-2-20 19:13:53

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   meslihet تەھرىرلىگەن. ۋاقتى2015-2-20 19:15

بۇ يەردە بىر خەۋەردە موشۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك گەپلەر بارىكەن

http://news.cntv.cn/2013/07/04/VIDE1372942441443642.shtml

bilgejan يوللانغان ۋاقتى 2015-2-20 21:59:01

kuwruk يوللىغان ۋاقتى2015-2-19 21:37 static/image/common/back.gif
بىلگىجان ئەپەندى ئادەمنىڭ تۇمۇر ماددىسى بەك تۇۋەن بول ...

تۆمۈر ماددىسىنى يېمەكلىك ئارقىلىق تولۇقلاشقا سەل كۆپرەك ۋاقىت كېتىدۇ. تۆمۈر كالا گۆشى، قوي گۆشى قاتارلىق قىزىل گۆشلەردە بىر قەدەر كۆپ. بۇ يېمەكلىكلەرنى كۆپ يېگەن تەقدىردىمۇ 6-12 ئاي ۋاقىت كېتىشى مۇمكىن. تىزراق ئۇسۇل تۆمۈر كاپسۇلى سېتىۋىلىپ شۇنى ئىستىمال قىلىش بولسا كېرەك.

bilgejan يوللانغان ۋاقتى 2015-2-20 22:02:45

kilimat يوللىغان ۋاقتى2015-2-20 13:16 static/image/common/back.gif
ئېنىقى، كوللاگېنلىق پېپتىدمۇ ئوخشاشلا بىر ساغلاملىق م ...

شۇنداقكەن، ئۇلارنىڭ مەھسۇلاتلىرىمۇ ساغلاملىق مەھسۇلاتى ئىكەن. شۇڭا كىلىنىكىلىق سىناقتىن ئۆتكۈزمەيدۇ. كىلىنىكىلىق سىناقتىن ئۆتكۈزۈشكە ئادەتتە ئۇزۇن يىللار كېتىدۇ. لوقمان ھەكىم شېركىتىدىكىلەر ئۆزلىرىنىڭ مەھسۇلاتلىرىنىڭ تەركىبىدە نېمە بارلىقىنى بىلمەيدىكەن.... مەن شۇ ھەقتە سوئال سورىسام ئۈچ ئايدىن بىرى جاۋابسىز قالدۇردى. ئۇلارنىڭ مەھسۇلات چۈشەندۈرۈشى ۋە ئىستىمال قىلغۇچىلارنىڭ ئىنكاسىغا ئاساسەن مەن ئۇلارنىڭ مەزى بېزى گۆھىرى دېگەن مەھسۇلاتىدا ھورمۇن بارمىكىن دەپ كۈچلۈك گۇمان قىلىمەن.

dawrim يوللانغان ۋاقتى 2015-2-20 23:02:36

bilgejan يوللىغان ۋاقتى2015-2-20 22:02 static/image/common/back.gif
شۇنداقكەن، ئۇلارنىڭ مەھسۇلاتلىرىمۇ ساغلاملىق مەھسۇل ...

ئەمدى گۇمان قىلماي تۇلۇق ئىشىنىڭ . مەن لوقمان ھەكىمنىڭ دورىسى بىلەن ،ساغلاملىق مەھسۇلاتلىرى دۇككىنىدىكى ئەرلىك ھورمۇن قۇشۇلغان دورىنى يەپ بېقىپ ،سىناق قىلدىم . ئۈنۈمى ئوخشاش چىقتى. ھېلقى ساغلاملىق مەھسۇلاتلىرىنى ساتىدىغان دۇككانغا تۇنجى قىتىم كىرگەن ئادەم خىجىل بۇلۇپ قېچىپ چىققۇدەك جۇمۇ .

harunjan يوللانغان ۋاقتى 2015-2-20 23:13:44

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   harunjan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى2015-2-20 23:17

kilimat يوللىغان ۋاقتى2015-2-19 12:33 static/image/common/back.gif
ھارۇنجان بەكلا چاققان جۇمۇسىز! بولسا تۆۋەندىكى تېمىن ...

تەييارلاپ قويدۇم
يانفون كىتابى: ئۇيغۇرلار ۋە ئەيدىز
بەيدۇ تور دېسكىسىدىن چۈشۈرۈش
http://yun.baidu.com/share/link?shareid=2632866311&uk=1144219522

bilgejan يوللانغان ۋاقتى 2015-2-20 23:35:36

harunjan يوللىغان ۋاقتى2015-2-20 23:13 static/image/common/back.gif
تەييارلاپ قويدۇم
يانفون كىتابى: ئۇيغۇرلار ۋە ئەيدىز
ب ...

مەرھۇم ئابلەتجان (يوليار) ئاكامنى ئەسلىتىپ قويدىڭىز ھارۇنجان... كۆڭلۈم بۇزۇلۇۋاتىدۇ... سىزگە كۆپتىن-كۆپ رەھمەت.خالىسىڭىز يوليار ئاكىنىڭ بۇ تېمىسىنى داۋاملاشتۇرغايسىز:
http://bbs.izdinix.com/thread-57478-1-1.html

bilgejan يوللانغان ۋاقتى 2015-2-20 23:38:01

Antonio يوللىغان ۋاقتى2015-2-20 18:00 static/image/common/back.gif
ئەلۋەتتە بۇنداق دىسە ساغلاملىق مەھسۇلاتلىرىنىڭ ھەممى ...

ناھايىتى توغرا دەيسىز. بۇ ماقالە ئارقىلىق مەن پەقەت كۆپتۈرۈپ يالغانچىلىق قىلغان ساغلاملىق مەھسۇلاتلىرىنىڭ ئەسلى ماھىيىتىنى ئاشكارىلاپ بەردىم. ساغلاملىق مەھسۇتلىرى سالامەتلىكىمىز ئۈچۈن مۇھىم، ئەمما رولىنى كۆپتۈرۈشكە، كىشىلەرنى ئالداشقا مەن پۈتۈنلەي قارشى.

825 يوللانغان ۋاقتى 2015-2-21 10:02:03

ئەمىلىيەتتە ھەرخىل داۋاسى يوق كېسەللەر ئەتراپىمىزدىكىلەرنى بەك ئاۋارە قىلىۋاتىدۇ.بىز تۇرغان رايۇننىڭ داۋالاش تىخنىكىسىنى چەتئەل ئەمەس ئىچكىرگىمۇ سېلىشتۇرغىلى بولمايدۇ. ئىقتىسات مەسىلىسى تىخىمۇ شۇنداق.شۇڭا مۇشۇنداق ساغلاملىق مەھسۇلاتلىرى بازار تىپىپ كېتىپ بارىدۇ. لېكىن باشقىلار ئالدانغىنىنى بىلىپ يەتكەندىن كېيىن قايتا ئالمايدىكەن.
مەنغۇ ھازىرغىچەبىرەر ساغلاملىق مەھسۇلاتى يەپ باقمىدىم. ئائىلىدە ئۈچ ۋاق تاماقنى ياخشى يىيىشنى ، مىۋە-چىۋىنى ئۈزمەسلىكنى بەكرەك تەۋسىيە قىلىمەن.
بەت: 1 2 3 4 [5] 6 7 8 9 10 11
: (bilgejan) "ھەممىگە داۋا" شەربەتلەرنى ئىچەمدۇق؟