dawrim يوللانغان ۋاقتى 2015-2-28 23:12:45

سىزنىڭ گىپىڭىزنىڭمۇ ئاساسى بار.        لىكىن             ئۆز قۇلىمىز بىلەن  ئىشلەنگەن  شۈبىدىن خالى  دەپ   قاراپ تۇرۇپ يالغان گەپ قىلسا بولماس  . تىجارەتتە يالغان گەپ قىلىش  دىنىمىزدىمۇ چەكلىنىدۇ ،   قانۇندىمۇ چەكلىنىدۇ   .   خودادىن ،  قانۇندىنمۇ قورقماي  يالغان گەپ قىلغان تىجارەتچى خەلىقنىڭ ئالدىدا  رەسۋا بۇلۇدۇشۇ        

Musicfan يوللانغان ۋاقتى 2015-3-1 14:05:07

bilgejan يوللىغان ۋاقتى  2015-2-28 21:08 static/image/common/back.gif
سىلى دېگەن بۇ ھېكايە كارۋانبىز گۇرۇپپىمىزدىن بورلۇقن ...

بىر دوختۇر ئاغىنەم دەپ بەرگەن ھىكايە ئىدى . مانا سىزدىن مەنبەسىنى بىلىۋالدىم :)

ھازىر سەنئەت ساھەسىدە مانداق بىر ئىش ئەۋج ئالدى ، بىر چۆلپان ئۈزى توغرىسىدا نۇپۇزلۇق بىرسىگە پۇل خەجلەپ ئوبزور يازغۇزىدۇ ، يەنە بىرسىگە قارىش پىكىردە يازغۇزىدۇ ، شۇنىڭ بىلەن قوللايدىغان ، تىللايدىغان ئىككى توپ قىززىق نوقتىغان ئايلاندۇرۇپ ئويلىمىغان ئۈنۈم ھاسىل قىلىدۇ ، بۇ ئەھۋال يازغۇچىلار ساھەسىدىمۇ بار، ھازىر سودا ساھەسىدىمۇ كۆپ ئۇچرايدۇ ،
ئامرىكىدا تەكشۈرۈش نەتىجىسى ئېلان قىلىنغاندىن كىيىن نونىنىڭ بازىرى چۈشۈپتۇ . لىكىن باشقا جايدا بوپمۇ رايۇنىمىزدا بازىرى ئىتتىك بوپ كىتىپتۇ . مانا بۇ ئىستىمال ساپاسى بىلەن تەشۋىقاتنىڭ كۈچى ، سىز بۇ ماقالىنى يۈرىڭىزدىن يازدىڭىز، لىكىن ئاۋۇ ئەدەبىي ئوبزورچى تېخىمۇ تەسىرلىك قىلىپ قەسەم بىلەن يېزىپتۇ ، رايۇنىمىزنىڭ ئىستىمال ساپاسىدىن قارىغاندا سىزنىڭ ماقالىڭىزنى ھىس قىلالايدىغانلار بىلەن ئاۋۇ ئوبزورغا ئىشىنىدىغانلارنى نىشبەتلەشتۈرسە قەسەمگە ئىشىنىدىغانلار يەنىلا كۆپ ، چۈنكى بىزدە ئالدىراپ قەسەم قىلمايدىغان ئەنئەنە بار شۇڭا ۋەدە قەسەمگە شىرىن تاتلىق گەپكە ئاسان ئىشىنىمىز،

ئەگەر بۇ ماقالە شىنجاڭ تىلىۋىزىيە ئىىتانسىسىدا مەخسۇس فىلىم قىلىپ قويۇلسا ، شىنجاڭدىمۇ ئامرىكىغا ئوخشاش تەسىر پەيدا قىلىدۇ ، لىكىن ت ۋ دىكىلەر بۇنداق قىلمايدۇ ، مەخسۇس فىلىمغا پۇل خەجلەيدۇ ، ئىمىننيار چىققان نونى ئېلانى ئۈچۈن ئايدا نەچچە تۈمەن پۇل ئالىدۇ ،  بۇ ماقالىنىڭ ئارگىنالىنى تەھرىرگە بەرسە شۇ يەردىلا ئۇجۇقتۇرۋىتىدۇ ، كۆپتۈرۈپ تەشۋىق قىلىش قانۇنغا خىلاپ بولسىمۇپارتىيەنىڭ ئاۋازى ھەم كانىيى بولغان ت ۋ دىكىلەرمۇشۇنداق قوللاۋاتسا نىمە ئامال

ئەمەلىيەتتە مەن ماقالىڭىزنى قۇۋەتلىمەكچى ، ماقالىڭىزنى ھەزىم قىلالمىسىمۇ ئانداق ئوبزورلارغا ئىشەنمىسۇن دىمەكچى :lol

لىكىن بىرىدىغان تەكلىپ : بۇ ماقالە نونى توغرىسىدا تەپسىلى ماتىرىيال كۈرۈلۈپ يېزىلىپتۇ ، ئىنكاسلار بىرنى تۇتقا قىلىپ ئونغا قالپاق كەيگۈزۈش لىنىيەسى بۇيىچە مېڭىپتۇ . باشقا ماركا باشقا ماھسۇلاتلارغا مۇشۇنداق ئىلىمىي ئاساسنى كۆرسەتمەيلا قارا قۇيۇق قالپاق كەيگۈزۈش مىنىڭچە توغرا ئەمەس


Musicfan يوللانغان ۋاقتى 2015-3-1 14:48:28

bilgejan يوللىغان ۋاقتى  2015-2-28 21:50 static/image/common/back.gif
گېن تەتقىقاتىنىڭ ئەڭ كۆپ ماتىرىياللىرى ياكى سانلىق م ...

مەن نەچچە يىل پاي چېكى سودىسى قىلغان ، ھازىرمۇ بۇ بازارغا ئۇچۇرلىرىغا دىققەت قىلىپ قويىمەن ،ئىنكاستا تىلغا ئېلىنغان  نىيۇسكىن شىركىتى مەن بىلىدىغان بىردىنبىر نىيۇيۇرۇك پايچىك بازىرىغا كىرگەن شىركەت ، ھەم ئەڭ قىسقا ۋاقىتتا كىرگەن شىركەت ، مەن ئادەتتە نىيۇيۇرۇك پايچىك بازىرىدا ئالما ، گۇگۇل ، تويوتا ، IBM......قاتارلىق نەچچە پايلارنىڭ بازار ئەھۋالىنى كۈرۈپ قويىمەن
باياممۇ بۇ توغرىسىدا ئۇچۇر كۈرۈپ باقتىم

attach://18264.jpg

يۇقارقىسى ئالمىنىڭ پاي چېكى كۆرسەتكۈچى ، 2009 بۇلار يۈلىنىشىنى تېلفۇنغا قاراتقاندىن كىيىن شىددەت بىلەن ئۆرلەشكە باشلىغان ،

attach://18264.jpg

ماۋۇ نوكىيانىڭ ، ئەكسىچە بۇنىڭ چۈشۈشكە باشلىغان ، يىڭى تېخنىكا ، يىڭى خەۋەرلەر ئاۋال پاي چېكى بازىرىغا تەسىر كۆرسىتىدۇ

attach://18266.jpg

ماۋۇ نىيۇسكىننىڭ 2009 دىن باشلاپ تۇيۇقسىز ئۆرلەشكە باشلىغان ، مىنىڭ چالا ساۋادىمدا شۇ چاغدا بۇ شىركەت گېن تەتقىقاتى توغرىسىدا خەۋەر ئېلان قىلغان ھەم مەھسۇلاتنى بازارغا سالغان ، AgeLoc دەمدۇ ئىشقىلىپ ،  ھەم نەچچە يىل ئاۋال ئامرىكا گېن تەتقىقات مەركىزىنى سېتىۋالغان دەمدۇ ياكى ھەنكارلاشقان دەمدۇ شۇنداراق بىر خەۋەر بىلەن پاي چېكى يەنە داۋاملىق ئۆرلىگەن ،

مەن ئىنگىلىزچىنى پىنيىچىلاپ ئوقۇيدىغىنى بىلگەجان ، ماتىرىيال بىلەن تەمىنلەشكە ئاجىزمەن :lol

ageLoc , nuskin , يەنە گېن تەتقىقات مەركىزى دىگەن ھالقىلىق سۆزلەر بىلەن ئاقتۇرسىڭىز ماتىرىيال چىقىپ قالامىكى

Musicfan يوللانغان ۋاقتى 2015-3-1 14:49:46

بىلگجان ، رەسىملەرنى قىستۇرسام ھەممىسى ئاستىغا كىلىۋاپتۇ ، توغرىلاپ كۈرۈڭ ئەمدى :lol

Dilruba يوللانغان ۋاقتى 2015-3-1 15:14:47

Musicfan يوللىغان ۋاقتى  2015-3-1 00:29 static/image/common/back.gif
مەن ئاڭلىغان ۋە كۆرگەن ماتىرىياللاردا ئامرىكىدا دوخت ...

مەن ئاڭلىغان ۋە كۆرگەن ماتىرىياللاردا ئامرىكىدا دوختۇلاردورا ئۇكۇل بىلەن داۋالاشقا قارىغاندا ئۇزۇقلۇق ئارقىلىق داۋالاشقا ئەھمىيەت بىرىدۇ ھەم بۇنىڭدىن كىيىنكى يۈزلىنىش شۇنىڭغا يۈزلىنىدۇ دەپ ئاڭلىغان ، بىزدە ئەمدىكلەتتىن پەيدا بۇلىۋاتىدۇ ، دوختۇرلار بۇنى تېخىمۇ ئىلمىي چۈشەندۈرەلىشى مۇمكىن ، ساغلاملىققا كۆڭۈل بۈلۈش مەدەنىيەت ساپا بىلەن ئۇڭ تاناسىپ ماڭامدۇ بىلمىدىم ،ھازىر تەرەققىي قىلغان ئەللەردە ئادەمنىڭ بەدىنى قانداق ئۇزۇقلۇققا مۆھتاج ، نىسبىتى قانداراق تەڭشەش ئادەتتىكى ئادەملەر بىلىشكە تىگىشلىك ياكى بىلىپ بولغان بىلىملەر ھىساپلىنىدىكەن. ...
----
مۇشۇ ھەقتە دەسلەپ ئىنكاس يازغاندا توختىلاي دەپ تەمشەلگەنتىم. لېكىن يەنە باش تېمىدىكى پىكىرنى ئۆزەم چۈشەنگەن بولغاندىكىن، ساغلاملىق بويۇملىرى ھەققىدىكى كۆز قارىشىمنى يازسام تېمىنى بۇرىۋەتكەندەك بولۇپ قالماي توختاپ قېلىپ، ئۆزەم بىۋاستە دۈچ كەلگەن بىر مەسىلىلىنىلا بايان قىلدىم.
ھەقىقەتەن، ساغلاملىققا كۆڭۈل بۆلۈش مەدەنىيەت ساپا بىلەن ئوڭ تاناسىپتا ماڭىدۇ دەپ قارايمەن، چۈنكى ئىنساننىڭ ھەر قانداق ئېھتىياج - قىزغىنلىقنىڭ قېنىشى ئەڭ ئاخىرىدا يەنىلا ساغلاملىققا مۇناسىۋەتلىك. «ئۆتكەن ئەسىر كومپيۇتېر تېخنىكىسى دەۋرى بولغان بولسا، بۇ ئەسىر گېن، ئىنسانلار ساغلاملىقىغا ئائىت تېخنىكىلار ھەققىدە بولىدۇ» دەپتىكەن بىر خەۋەردە.
«مەن ئاڭلىغان ۋە كۆرگەن ماتىرىياللاردا ئامرىكىدا دوختۇلاردورا ئۇكۇل بىلەن داۋالاشقا قارىغاندا ئۇزۇقلۇق ئارقىلىق داۋالاشقا ئەھمىيەت بىرىدۇ ھەم بۇنىڭدىن كىيىنكى يۈزلىنىش شۇنىڭغا يۈزلىنىدۇ دەپ ئاڭلىغان » دېگەن پىكىرىڭىزگە كەلسەم، ئامېرىكىنى كۆرۈپ باقمىدىم، ئەمما مەن تۇرغان يەردە ساغلاملىق مەھسۇلاتلىرى بىر مۇكەممەل ئىشلەپچىقىرىش، سېتىش سېستىمىسىغا ئىگە، يەنى دوختۇرلۇققا ئوخشاشلا سىز كەسىپ ئەھلى بولماي تۇرۇپ بۇ ساھەدە خىزمەت قىلالمايسىز، ساغلاملىق مەھسۇلاتلىرىمۇ ئاساسلىقى دورىخانىلاردا، ۋىتامىن، ئۈچەي تازىلاش بويۇملىرى دېگەندەك ئىنتايىن ئاممىباپ بولغانلىرى تاللا بازارلىرىدىمۇ سېتىلىدۇ. بۇ دۆلەتتە كوچىدا دورىخانا بولغان بولغان بىلەن رېتىسىپلىىق رەسمى دورىنىڭ ھېچقايسىسىنى دوختۇرنىڭ قەغىزىسىز ئالالمايسىز. دوختۇرغا كىرىپ كۆرۈنسىڭىزمۇ زۇكام دېگەندەك ئۇششاق - چۈششەك كېسەللەرگە ئاساسەن دورا بەرمەيدۇ، (لېكىن دورا يېيىشكە، بالنىستا يېتىشقا تېگىشلىك بوپقالسىڭىزلا ئۇ داۋالىنىش - كۈتۈنۈشلەر بىكارلىق. چوڭلارغا كېسىلگەن دورا ئۈچۈن تۆلەيدىغان كىچىككىنە بىر قوشۇمچە ھەق بار، بالىلارنىڭ پۈتۈنلەي ھەقسىز).
شۇڭىمۇ مۇشۇنداق ئۇششاق- چۈششەك كېسەللىرى ئۈچۈن دورىخانىدىن ساغلاملىق بويۇمى ئېلىپ يېيىش ئومۇملاشقان. مەسىلەن، ئۆسۈملۈكتىن ئىشلەنگەن يۆتەل دورىسى، نېرۋىنى تىنچلاندۇرۇپ ئۇيقۇنى كەلتۈرىدىغان، ئۈچەينى سىلىقلاپ قەۋزىيەتنى ھەيدەيدىغان...  بويۇملار دېگەندەك. بۇ پوكەيلەردىكى ساغلاملىق مەھسۇلاتىنى ساتىدىغان خادىملارغا ئۆزىمىزدىكى بىنورمال ئالامەتلەرنى ئېيتىپ، مەسلىھەت سورىساق ئۇلار ئەمەلىي ئەھۋالغا قارىتا ساغلاملىق بويۇملىرىنى تونۇشتۇرىدۇ، ماس كېلىدىغان- كەلمەيدىغان يېرىنىڭ ھەممىنى دەيدۇ. چۈنكى ئۇلار شۇ خىل مۇلازىمەت سالاھىيىتگە ئېرىشكەن، تىببىي مەكتەپلەرنىڭ تەبىئىي ساقلىقنى ساقلاش كەسپىدە نەچچە يىل ئوقۇپ كېنىشكە ئالغان naturopath خادىملار.
مەن بۇ كەسىپكە ئىنتايىن قىزىقتىم، چۈنكى بۇرۇن ئۇيغۇر مىللى تىبابىتىگە ئائىت كىتابلارنى جىق كۆرەتتىم، ئۇرۇق- تۇققان، دوست- بۇرادەرلەرنىڭ، بولۇپمۇ ئائىلىمىزدىكى كىچىك بالىلارنىڭ ئەھۋالىغا ماس كېلىدىغان نەرسىلەرنى سېتىۋېلىپ ئىشلىتىش، مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇر ۋە مەلۇماتلارنى كۆرۈش جەريانىدا غەربتە تەرەققىيات تارىخى يۈز يىلغا يېقىنلاشقان (بەزىبىر كونا ماركىدىكى مەھسۇلاتلارنى كۆزدە تۇتتۇم.) ساغلاملىق بويۇملىرى ساھەسىنىڭ ئەمەلىيەتتە ئۇيغۇر مىللى تىبابەت ساھەسىگە، بەلكىم ئۆز مىللى تىبابىتى بار دۇنيادىكى بارلىق قەۋملەرنىڭ يەرلىك ئۇسۇلدا داۋالاش سېستىمىسىغا تولىمۇ يېقىن كېلىدىغانلىقىنى ھېس قىلىپمۇ قالدىم. پەرقى- غەربتە بۇ ساھە ئىنسانلار ساغلاملىقى ئىلمىنىڭ بىر تارمىقى سۈپىتىدە ئالىي مەكتەپلەرگىچە كىرگەن، ئېنىقلىق، زىللىق دەرىجىسى بەدەننىڭ ھەر قايسى ئورۇنلىرىغا زادى قايسى خىل ئېلىمېنت، ماددا زۆرۈر بولىدۇ دېگەن يەرلىرىگىچە يەتكەن بولسا، بىزدە بۇ كەسىپ بىلەن شۇغۇللانغۇچىلارنىڭ كۆپ قىسىملىرىنىڭ تەربىيىلىنىشى يېتەرلىك بولماسلىق، شۇ سەۋەبتىن ئىلمىيلىك، ئىنچىكىلىك بىر قەدەر تۆۋەن بولۇش، ھەددىدىن زىيادە ئومۇملاشتۇرۇپ بىر تەرەپ قىلىش... (بۇ يەرلىرىنى تادۇكام بەك بىلىتى:P ) دېگەندەك مەسىلىلەر ساقلانغان. بىز «مىجەز» دەيمىز، «مىجەزنى تەڭشەش» دەيمىز، بۇلار «ساغلاملىق» دەيدۇ، «ساغلام ئوزۇقلىنىش» دەيدۇ دېگەندەك.
بىزدە ساغلاملىق بويۇملىرى بازىرى قالايمىقانچىلىق بىلەن باشلىنىپ كەتتى، ئەمما كىشىلەرنىڭ تونۇشى، چۈشىنىشى ئۆسكەنسىرى بۇ ئەھۋاللار ياخشىلىنىپ كېتىدۇ دەپ ئويلايمەن.

Anar يوللانغان ۋاقتى 2015-3-2 21:14:08

بەزى ئىچىملىكلەرمۇ «ھەممىگە داۋا» بوپقالاي دەپتۇ، مەسىلەن:سودا سۈيى {:136:}

alijan0900 يوللانغان ۋاقتى 2015-3-3 10:38:27

مۇشۇ  ئالدامچىلىق  گېپى  چىقسا     ئۈرۈمچى ئاق مەسچىت ئەتراپىدىكى  بىر قىسىم  كىشىلەر يادىمغا  كىچىدۇ   ئاتالمىش خوتەنلىك   تىۋىپلەر ( ئەمىليەتتە خوتەنلىك ئەمەس)   مۇشۇ باشقا يۇرتتىن چىققان قېرىنداشلىرىمىزنى    بىرتال  يىلان  ياكى  يېرىمم پاچە بۇغا مۈڭگۈزى  بىلەن   قاقتا  سوقتا   قىلماقتا       .     ھەي   ھەي    ئىنساپ يوق  

sekine يوللانغان ۋاقتى 2015-3-4 17:46:04


ماۋۇ كىيانىنىڭ ئېلانى ئۈندىداردا تارقىلىپ يۈرۈپتۇ.


ئەسسالاممۇ ئەلەيكوم   قېرىنداشلار  سىلەرگە ئوتلۇق سالام ۋە ئالىي ئېھتىرام ،كىيانى مەسھۇلاتى بولسا ئامرىكىنىڭ ئالياسكا شەھىرىدە ئۈچ ئاي كىچە بولماي كۈچلۈك كۈن نۇرىدا ئۆزىنىڭ ھاياتى كۈچىنى ساقلاپ پىشىدىغان ياۋا كۆك بۆلجۆرگەن،كىچىك بۆلجۆرگەن،ئالقات،لەنمېي،نونى جەۋھىرى قاتارلىق يەنى نۇرغۇنلىغان ياۋا مىۋىلەر بىلەن ياسالغان يۈزپىرسەنىت تەبىئىي دورا،نۆل ياشتىن يۈز ياشقىچە كىشىلەر ئىستىمال قىلىشقا بولىدىغان قوش ئۈنۈملۈك،ھۈجەيرە ياشارتىش،بەدەندىكى زەھەرنى تازلاش،راك ھۈجەيرىلىرىنى ئۆلتۈرۈش ،ئىمىنوت كۈچىنى ئاشۇرۇش،قان تازلاش،قان سۇيۇلدۇرۇش،قۇرۇپ كەتكەن قان تومۇرلارنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش،بەدەنگە كەم بولغان بارلىق ئوزۇقلۇق ۋە مىنرال ماددىلارنى تولۇقلاش قاتارلىق رولى ئىنتايىن يۇقۇرى ھەمدە شۇنىڭ بىلەن بىرگەئاياللاردىكى كىلىماتىريە،ئادەت بالدۇر توختاش،كىچىك تەرەتتىن قان كىلىش،ئەرـ ئاياللاردىكى پەرزەنىتلىك بولالماسلىق،جاھىل خارەكتىرلىڭ تېرە كىسىلى،كۆكرەك راكى،بالياتقۇبويۇن راكى،ئەرلەردىكى مەزىبىزى كىسىلى،بۆرەكتىكى زەھەرنى تازلاش،ئۆپكە تىبۇركولىزى،يۈرەك قان – تومۇر توسۇلۇش،جىگەر قېتىشىش،كۆزگە ئاق چۈشۈش يەنى ھەرخىل ئۆسمە كىسەللىكلىرىگە مەنپەئەت قىلىدۇ،
بۇ مەسئۇلاتنىڭ يۇقۇرقۇدەك قوش ئۈنۈملۈك ئالاھىدىلىگى بولغاچقا بېيجىڭدىكى ئۆپكە راك كىسەللەر دوختۇرخانىسى،ئىككىنجى دوختۇرخانىلاردا سېلىنىپ نۇرغۇنلىغان راك كىسەللىكىگە مەنپەت قىلىپ خەلىقىمىزنىڭ قوللۇشىغا ئېرىشكەن،ئىشەنچىلىك،قانۇنلۇق،دۆلەت ئېتراپنامىسىگە ئېرىشكەن مەسئۇلات،بولۇپمۇ شىنجاڭغا كىرىپ قىسقىغىنە ۋاقىت ئىچىدە نۇرغۇنلىغان جىگەر راكى،كاناي راكى،مەزىبىزى،قان سىيىش كىسەللەرنىڭ ئەسلىگە كىلىپ مۆجىزە خارەكتىرلىك ئۈنۈملەرنى كۆرسۈتۈپ كەلمەكتە،بولسا قېرىنداشلىرىم ھەرقانداق شاراھىتتا مىڭ ئاڭلىغاندىن بىر كۆرگەن ئەلادەپتىكەن ئۆزۈڭلارنىڭ مەسلىسىگە ئىستىمال قىلىپ ئۈنۈمىنى كۆرگەندىن كىيىن ئەتراپىڭلاردىكى كىسەلگە شىپا تاپالماي ئامالسىز قالغان قېرىنداشلارغا تەۋسىيە قىلىپ قويۇشىڭلارنى ئۈمۈد قىلىمەن،مەسلەھەت بولسا سۆزقالدۇرساڭلار جاۋاپ بېرىمەن، مەسئۇلات لازىم بولسا مەھدىيە  بىلەن ئالاقىلىشىشىڭلارنى ئۈمۈت قىلىمەن،قوللاپ بەرگەن دوسىتلارغا رەھمەت.
18999529757

niyazdixan يوللانغان ۋاقتى 2015-3-4 18:22:50

ئامېرىكىدا ئالياسكا دېگەن شەھەر يوقكەن، ئالياسكا دەپ ئىشتات باركەن. بۇ كىيانى ئېلانى بەرگەن ئاداشنى يالغانچى دەپ ھۆكۈم قىلساق بولاما؟

bilgejan يوللانغان ۋاقتى 2015-3-4 20:56:29

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   bilgejan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-3-4 22:49  

sekine يوللىغان ۋاقتى  2015-3-4 17:46 static/image/common/back.gif
ماۋۇ كىيانىنىڭ ئېلانى ئۈندىداردا تارقىلىپ يۈرۈپتۇ.




بۇ ئېلان بىلەن كىيانى شىركىتى باش بېتىدە بېرىلگەن ئۇچۇر ۋە ئۇلارنىڭ تەتقىقات خادىملىرى چىقارغان ئىلمىي دوكلاتى ئارىسىدا زور پەرق بار ئىكەن. مۇشۇ ئېلاننى يازغان ئادەم ئۆزىنىڭ نېمە دەۋاتقانلىقىنى بىلگەن بولسا مۇنازىرە قىلىشقا ئەرزىيتتى... كىيانى شېركىتىنىڭ باش بېتىدە پەقەت 3 خىل پايدىسىنى تىزىپتۇ ۋە كىيانى ئىلمىي تەتقىقات دوكلاتىدا بۇنىڭ دورا ئەمەسلىكىنى ئېنىق يېزىپتۇ:


aypalta يوللانغان ۋاقتى 2015-3-4 21:33:51

يۈزپىرسەنىت تەبىئىي دورا،
نۆل ياشتىن يۈز ياشقىچە كىشىلەر ئىستىمال قىلىشقا بولىدىغان
قوش ئۈنۈملۈك،
ھۈجەيرە ياشارتىش،
بەدەندىكى زەھەرنى تازلاش،
راك ھۈجەيرىلىرىنى ئۆلتۈرۈش ،
ئىمىنوت كۈچىنى ئاشۇرۇش،
قان تازلاش،
قان سۇيۇلدۇرۇش،
قۇرۇپ كەتكەن قان تومۇرلارنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش،
بەدەنگە كەم بولغان بارلىق ئوزۇقلۇق ۋە مىنرال ماددىلارنى تولۇقلاش
قاتارلىق رولى ئىنتايىن يۇقۇرى
ھەمدە شۇنىڭ بىلەن بىرگە
ئاياللاردىكى كىلىماتىريە،
ئادەت بالدۇر توختاش،
كىچىك تەرەتتىن قان كىلىش،
ئەرـ ئاياللاردىكى پەرزەنىتلىك بولالماسلىق،
جاھىل خارەكتىرلىڭ تېرە كىسىلى،
كۆكرەك راكى،
بالياتقۇبويۇن راكى،
ئەرلەردىكى مەزىبىزى كىسىلى،
بۆرەكتىكى زەھەرنى تازلاش،
ئۆپكە تىبۇركولىزى،
يۈرەك قان – تومۇر توسۇلۇش،
جىگەر قېتىشىش،
كۆزگە ئاق چۈشۈش يەنى ھەرخىل ئۆسمە كىسەللىكلىرىگە مەنپەئەت قىلىدۇ،
..............................................................................................................................................

پاھ، ئېلان دېگەننى يېزىپ قويۇپتىغۇ؟؟؟؟؟؟

niyazdixan يوللانغان ۋاقتى 2015-3-4 21:50:07

aypalta يوللىغان ۋاقتى  2015-3-4 21:33 static/image/common/back.gif
يۈزپىرسەنىت تەبىئىي دورا،
نۆل ياشتىن يۈز ياشقىچە كىشى ...

ئەزىز نەسېننىڭ «مەن قانداق ئۆلۈۋالماقچى بولدۇم» دېگەن ھېكايىسىدە «ياخشى بولسا ساتاتتۇقمۇ» دېگەن بىر گەپ بولىدىغان، بەكلا ياخشى نەرسىلەرنىڭ شۇنچە ئارىلىقنى بېسىپ ئۆتۈپ بىزدە تۆكمىچىلىك  بولۇپ كېتىىشىگە تازا ئىشەنمەيمەن.

umidwar029 يوللانغان ۋاقتى 2015-3-4 22:19:21

sekine يوللىغان ۋاقتى  2015-3-4 17:46 static/image/common/back.gif
ماۋۇ كىيانىنىڭ ئېلانى ئۈندىداردا تارقىلىپ يۈرۈپتۇ.




ماۋۇ لاۋزا ئېلاندىكى كۆك بۆلجۈرگەن بىلەن لەنمىي دېگىنى بىر نەرسە ئەمەسما ؟    بەزى ئېلانلاردىكى گەپلەرنى ئاڭلاپ ئەپسانىۋى چۆچەك ئاڭلىغاندەك بولۇپ قالىمەن. خۇدايىم توۋا

windows100 يوللانغان ۋاقتى 2015-3-4 22:31:14

bel qim bolap ketsimu payda qilamdighandu

bilgejan يوللانغان ۋاقتى 2015-3-4 23:03:25

windows100 يوللىغان ۋاقتى  2015-3-4 22:31 static/image/common/back.gif
bel qim bolap ketsimu payda qilamdighandu

كىيانى شىركىتى دېگەن كىيانى نامىدىكى ئۈچ خىل مەھسۇلاتىنى ئىشلىتىشنىڭ  ئۈچ تۈرلۈك پايدىسى:
1. سىز ئېھتىياجلىق بولغان ئوزۇقلۇق ۋە مېنىراللارنى تەمىنلەيدۇ
2. بەدىنىڭىزنىڭ كېسەلگە قارشى تۇرۇش ئىقتىدارىنى ئاسرايدۇ، ساقلايدۇ ۋە قوغدايدۇ
3. ئۇلار ئەركىن رادىكاللارنى نىتراللاشتۇرىدۇ، شۇڭا كېسەل خەۋىپىنى تۆۋەنلىتىپ سىزنى ئەڭ ساغلام تۇرۇشىڭىزنى ئىمكانىيەتكە ئىگە قىلىدۇ.

بۇنىڭ ئىچىدە سىز دېگەن بەل چىم بولۇپ كېتىش يوق ئىكەن. ئەمما بۇنى ساتىدىغانلار ئىچىدىكى بىر قىسىم كىشىلەردىن سورىسىڭىز قانداق جاۋاب چىقاركىن.

windows100 يوللانغان ۋاقتى 2015-3-4 23:30:42

ettigen daduyning hoylisida minbinglar bilen top oynap bir sekrigen bana bilan belimni alalmaywatimen,ot yoq yataqta yetip soghaq otep qlghan oxshaydu .men mundaqla dep qoyghan gep idi .

windows100 يوللانغان ۋاقتى 2015-3-4 23:37:21

lekin noni satidighanlar ning aghzidin noni songek osep qelishqa payda qilidu digen gepni anglighanmen,bizning daduyning labasida ilan digen shunda peqet.bu ilanlarni anglighan ademning hokumetke iqi aghriydu ,shunda esil dorilar tursa hokumet nimeqilidu shunda jiq doxturxanilarni selip

sekine يوللانغان ۋاقتى 2015-3-5 07:43:25

RE: (bilgejan)

bilgejan يوللىغان ۋاقتى  2015-3-4 20:56 static/image/common/back.gif
بۇ ئېلان بىلەن كىيانى شىركىتى باش بېتىدە بېرىلگەن ئۇچ ...

بۇنى ئېلان دىگەندىن كۆرە يۇمۇر دىسەك بولغۇدەك. ئەگەر دۇنيادا ئەشۇنداق (ھەممىگە شىپا)  دارا مەۋجۇد بولسا ئۇنداقتا بىزلەرنىڭ دوختۇرخانا قۇرۇشىمىز،  دوختۇرخا بېرىشىمىز نە ھاجەت. بۇلار خەقنى ساراڭ كۆرۈمدۇ مۇشۇنداقمۇ كۆپتۈرۈپ ـ ئالدامچىلىق قىلغان بارمۇ؟  تاس قاپتۇ ئۆلۈكنى تىرىلدۈرىمىز دىگىلى.

mispurqak يوللانغان ۋاقتى 2015-3-14 21:26:06

sekine يوللىغان ۋاقتى  2015-3-4 17:46 static/image/common/back.gif
ماۋۇ كىيانىنىڭ ئېلانى ئۈندىداردا تارقىلىپ يۈرۈپتۇ.




كاساپەت ئېسكىرناياپنىڭ سۇيۇقلاندۇرغىنىكەندە:lol

buyukturn يوللانغان ۋاقتى 2015-3-17 11:42:54

boss يوللىغان ۋاقتى  2015-2-28 22:39 static/image/common/back.gif
مەنچە ئۇيغۇرچە ماركىلارنى چاپلاپ ساتقانلاتنى قارا - ق ...

گىپىڭىزنىڭ مەلۇم ئاساسى بار ،
سىز دىگەندەك مەلۇم ۋاقىت ئىچكىرىدە ياساتسا بولىدۇ ، يەنە كىلىپ يىمەك - ئىچمەكتىن باشقىسىنى .
ھازىر ئويغۇر سودىگەرلىرىمىز يىمەك - ئىچمەكنىڭ كۆپىنچىسىنى ئىچكىردە ياسىتىدىكەن ، سىزچە شۇلارنىڭ ئىشەنچىلىك دەرىجىسى زادى قانچىلىك ؟
مەن كۈزدە يېڭى تۇغۇلغان بوۋىقىمغا  بۇلماق ئېلىپ بەرمەكچى بۇلۇپ خېلى چوڭ بىر تاللا بازىرىغا كىرىدىم .
ئويغۇرچە ماركىلىق بۇلماقلاردىن 6 - 7 خىلدەك بارئىكەن ،
ئىشلەپچىقارغان ئورنىغا قارىسام ھەممىسىلا ئىچكىرىدە ئىشلەنگىنى ئىكەن ، شۇنىڭ بىلەن سېتىۋالمىدىم .
ھەتتا ئېلانى پۈتۈن  رادىئو - تىلۋىزىيەنى قاپلان بولغان سەبىيلەنىڭ بۇلمىقىمۇ ئىچكىردە ياسىلىدىكەن .
بەت: 1 2 3 4 5 6 7 8 9 [10] 11
: (bilgejan) "ھەممىگە داۋا" شەربەتلەرنى ئىچەمدۇق؟