umidwar029 يوللانغان ۋاقتى 2015-2-18 17:54:00

مۇشۇ تېلېۋۇزۇرلاردا بېرىلىۋاتقان ئېلانلاردىكى «ھىچقانداق خىميەلىك تەركىپ قوشۇلمىغان» دېگەن گەپنى ئاڭلىسام، مۇشۇ گەپنى تاپقان ئادەمنىڭ زۇۋانىغا ئەڭ مەينەت بىر نەرسە تىقىپ قويغۇم كېلىدۇ. تەبىئەت دۇنياسىدىكى جىسىملار ئەجىبا 108خىل خىمىيەلىك ئىلمىنىتلارنىڭ بىرىكىشىدىن تۈزۈلمىگەنمۇ؟ ياكى مەن خاتا چۈشىنىۋالدىممۇ؟:shutup::shutup::shutup:

chataxchi يوللانغان ۋاقتى 2015-2-18 18:01:48

0996 يوللىغان ۋاقتى2015-2-18 17:43 static/image/common/back.gif
ياۋا تاۋۇز تۇخۇمنىڭ چوڭلىقدا تاۋۇزغا ئوخشاش پىلەك تار ...

ھەقۇچقاشنىڭ تۇخۇمىدەك بار چوڭلىقىبىز تەرەپتىكى جاڭگالدىمۇ ئۈسۈدۇ ئۇنەرسە.شۇكۈنىگە ئوننىيەپسۈيىدىن تۆت قۇشۇقئىچىدۇدەپساتتىغۇ ؟

0996 يوللانغان ۋاقتى 2015-2-18 18:05:44

chataxchi يوللىغان ۋاقتى2015-02-18 18:01:48 static/image/common/back.gif


ھەقۇچقاشنىڭ تۇخۇمىدەك بار چوڭلىقىبىز تەرەپتىكى جا
يەپ ئىستىمال قىلىدىغانلارغا تىۋىپلار بىرنىمە دىسۇن. بىلگىنىمنى دەپ قويدۇم.
قۇرۇق مىۋە ساتىدىغانلاردىمۇ كۆپ ئۇچىرايدىكەن بۇ نەرسە.

chataxchi يوللانغان ۋاقتى 2015-2-18 18:19:14

THR321 يوللىغان ۋاقتى2015-2-18 18:06 static/image/common/back.gif
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئەھلى جامائەت، سالامەت تۇرۇپسىلە ...

ماۋۇ ئېلان جايىدابولدى :lol

kokbilge يوللانغان ۋاقتى 2015-2-18 18:22:28

umidwar029 يوللىغان ۋاقتى2015-2-18 17:54 static/image/common/back.gif
مۇشۇ تېلېۋۇزۇرلاردا بېرىلىۋاتقان ئېلانلاردىكى «ھىچقا ...

:lol :lol :lol :lol :lol

bireylen يوللانغان ۋاقتى 2015-2-18 18:43:25

بىلگەجاننىڭ بلوگى بىلەن ئۇسلۇبداشكەنمىز :lol

kokbilge يوللانغان ۋاقتى 2015-2-18 18:58:31

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   kokbilge تەھرىرلىگەن. ۋاقتى2015-2-18 20:08

isyankar1944 يوللىغان ۋاقتى2015-2-18 18:18 static/image/common/back.gif
ھۆرمەتلىك تۇرسۇن ئەپەندى ياخشىمۇسىز ؟ نونى توغرىسى ...

   ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئىسيانكار1944 ئىسمىلىك تورداش،

   ئۆپكىڭىزنى بېسىۋېلىپ ياخشى ئاڭلاڭ. نونىنىڭ داۋرىڭى بەك چىقىپ كەتكەن 2 يىلنىڭ ئالدىدا ئايالىم مەنمۇ ئىچىپ باقاي دەپ تۇرىۋالغاندىن كېيىن، مەنمۇ بىلگەجاندەك بۇ ئىچىملىككە قىزىقىپ، خەنچە، ئىنگىلىزچە ۋە ياپونچە مەنبە ۋە ماتىرىياللاردىن كۆپ ئىزدىنىپ، بىلگەجان تېمىسىدا بايان قىلغان ئۇچۇرلارغا ئوخشاش ئۇچۇرلارغا ئېرىشكەنتىم. ھەم ئايالىمغا كۆرسۈتۈپ چۈشەندۈرگەن بولساممۇقايىل بولمىغاچقا،ئاتالمىش‹‹ھەممىگە شىپا›› نونى شەربىتىنىڭ كۆپتۈرۈلمە ئېلانلىرى بىلەن كاللىسى يۇيۇلۇپ كەتكەن بىچارە ئايالىمغا بىر بوتۇلكىسىنى 200 نەچچە كويغا سېتىۋېلىپ ئەپ بەرگەن بولدۇم.ئەمما ئايالىم بىر ھەپتە ئىچىپ بېقىپ بۇ شەربەتنىڭ باشقا شەربەتلەر بىلەن ھىچ پەرقى يوق شەربەت ئىكەنلىگىنى ھىس قىلىپ، مەندىن كەچۈرۈم سورىغان بولدى، كېيىن ئىچمەي قويدى، شۇنىڭ بىلەن ئىسراپ بوممىسۇن دەپ قالغىنىنى مەنلا ئىچىۋەتتتىم:lolئەمما مەنمۇ بۇ شەربەتنىڭ بىزنىڭ باشقا شەربەتلەردىن ھىچقانداق پەرقى يوقلىغىنى ھىس قىلدىم.

    نونى شەربىتىنىڭ ساختا ئېلانلىرى بۇندىن 9-10 يىل بۇرۇن، مەركىزى تېلېۋىيە ئىستانسىسى ۋە ئىچكىرى ئۆلكىلەردىكى بەزى چوڭ شەھەرلەرنى ئىگەللەپ، نۇرغۇن ئىستىمالچىلار ئالدانغان ئىكەن. ئۇچاغلاردا دىيارىمىزغا تېخى نونى بازارغا سېلىنمىغان چېغى. نونى ھەققىدىكى ئىستىمالچىلارنىڭ ئەرز شىكايەتلىرى بەك كۆپىيىپ كەتكەنلىكتىن، نونى ئىچىملىكى ساتقۇچىلار، ئۇلارنىڭ ساختا ئېلانى ۋە ئۇلارنىڭ جۇڭگو ئىستىمالچىلىرىنى ئالدىغانلىقى ھەققىدە بۇندىن 9 يىل بۇرۇن (2006-يىلى 8-ئاينىڭ 24-كۈنى) ،دۆلىتىمىزنىڭ مەركىزى تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى 2-قانىلى ‹‹تۇرمۇش›› سەھىپىسىدە مەخسۇس نونى ئىچىملىكى، ئۇنىڭ مەنبەسى، تەسىرى...ھەققىدە مەخسۇس فىىلىم ئىشلەپ ئىستىمالچىلارنى نونى سودىگەرلىرىنىڭ ساختا ئېلانىغا ئالدىنىپ قالماسلىقنى ئاگاھلاندۇرۇپتىكەن. ئۇ پروگراممىنىڭ سىن ھۆججىتىنى ھازىر تاپقىلى بولمايدۇ، ئەمما تۆۋەندىكى تور ئادرېسلىرىدىن ئۇنىڭ شىنلاڭ تورىدىن ئېلىنغان يېزىقچە ماتىرىيالىنى ئوقۇپ پايدىلانسىڭىز بولىدۇ،

http://bbs.tianya.cn/post-no06-56193-1.shtml
http://comment.tech-food.com/news/ns_69515_1.html
ئەسلى بۇ فىلمنىڭ يېزىقچە ماتىرىيالىنى تەرجىمە قىلىپ يوللاپ قوياي دىگەن، ۋاقتىم بەك قىس بولغاچقا تەرجىمە قىلشقا ئۈلگۈرەلمىدىم.   
   
نونى ئىچىملىكىھەققىدە يەنە تۆۋەندىكى تور بەتلەردە بىر قىسىم ئۇچۇرلار باركەن:

http://bbs.tianya.cn/post-free-2108360-1.shtml
http://jiankang.xooob.com/jkzs/20093/374693_1037888.html


   بۇ يەردە بىلگەجان ئىنىمىزنىڭ ۋە مېنىڭ قانداقتۇ دىيارىمىزدىكى نونى سودىگەرلىرىگە تۆھمەت چاپلاش، ياكى مەلۇم بىركىملەرگە يامانلىق قىلىش نىيىتىمىز يوق....پەقەت ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمىزنى ساددىلىق قىلىپ ئالدىنىپ يۈرمىسۇن دىگەننىلا مەقسەت قىلدۇق....
ياخشى كۆڭۈلنى خاتا چۈشەنمەسلىكىڭىزنى ئۈمۈت قىلىمەن....

   

kokbilge يوللانغان ۋاقتى 2015-2-18 19:23:14

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   kokbilge تەھرىرلىگەن. ۋاقتى2015-2-18 20:08

كوللاگېن پىپتېد لىق ئاقسىل تالقنى خەنچە 骨胶原肽蛋白粉 دەپ يېزىلىدۇ، بۇنىڭدىن ئېنىق كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى،كوللاگېنلىق پېپتىدنىڭ ئاساسىي خام ئەشياسى ھايۋانات سۆڭىكى. كوللاگېنلىق پېپتىد ئەلۋەتتە بەدەنگە زىيان قىلمايدۇ. ھازىر بازارلاردا كۈچەپ ئېلان بېرىپ سېتىلىۋاتقان پېپتىلىق ئاقسىل تالقانلىرىغا «پۇستانى دېڭىزنىڭ چوڭقۇر قاتلىمىدا ياشايدىغان پۇستانى بېلىق سۆڭىكىدىن ئاجىرىتىپ ئېلىنغان پېپتىد تالقىنى...ۋاھاكازا ...›دەپ دەب-دەبىلىك يالغان گەپلەرنى قىلىپقىممەت باھا قويۇپ ساتىدۇ.

ئەمما بېلىق دىگەن بۇجانلىقتىن قانچىلىك سۆڭەك چىقىدۇ؟ بازارلاردىكى شۇنچە كۆپ كوللاگېنلىق پېپتىدنى ئىشلەپچىقىرىشقا بېلىق سۆڭىكىدىن قانچە تونناكېتىدۇ؟بىر توننا بېلىق سۆڭىكىدىن شۇنداق سۈپەتلىك ساپ كوللاگېنلىق پېپتىدتىن قانچىلىك ئىشلەپچىقارغىلى بولىدۇ؟

بۇنى ئەقلى بار ئادەم مۆلچەرلەپ باقسا بولىدۇ. ئەمدىكى گەپ جۇڭگودا قانچىلىك بېلىق ئىستىمال قىلىنىدۇ؟ ئۇ بېلىقلارنىڭ قانچىلىك مىقداردىكى سۆڭىگى كوللاگېنلىك پېپتىد ياساشقا ئىشلىتىلىدۇ؟....بۇنى بىلىش بەك تەس....ئەڭ دىققەت قىلىشقا ئەرزىيدىغىنى شۇكى، ھايۋانات سۆڭىكىدىن ئىشلەپچىقىرىلىدىغان كوللاگېنلىق پېپتىد بىلەن بېلىق سۆڭىكىدىنئىشلەپچىقىرىلىدىغانكوللاگېنلىق پېپتىد ئوخشاشلا ئاق رەڭلىك بولۇپ كۆز بىلەن، ھەتتا خېلى نازۇك ئەسۋاپلار بىلەنمۇ پەرق ئېتىش تەس...
. جۇڭگودا قايسى ھايۋان ئەڭ كۆپ ئىستىمال قىلىنىدۇ؟ ھەم قايسى ھايۋاننىڭ سۆڭىكى ئەڭ ئەرزان؟ كۆپ پايدا ئېلىش ئۈچۈن قايسى ھايۋاننىڭ سۆڭىكىنى ئىشلەتكەن ياخشى؟؟؟بۇنى ھەممەيلەن بىلسە كېرەك....بۇنى بىزدىن بەكرەك شۇ كوللاگېنلىق پېپتىدنى ئىشلەيدىغانلارياخشى بىلىدۇ....

شۇڭا مېنىڭ تەۋسىيەم ، كوللاگېنلىق پېپتىد كېسەل داۋالايدىغان دورا ئەمەس، بەلكى ساغلاملىق يىمەكلىكى. ئۇنى يىمىگەنگە ئادەم ئۆلۈپ قالمايدۇ...   شۇڭا پاكىز ياشاي دىسىڭىز، ھاياتلىقنى قەدىرلەپ بازارلاردىكى ‹‹كوللاگېنلىق پېپتىد ›› تىن يىراق تۇرۇڭ.....

iltersh يوللانغان ۋاقتى 2015-2-18 19:28:09

كوللاگېنلىق پېپتىد توغرىلىقمۇ بىر نەرسە ئاڭلاپ باقساق بولاتتى
بىر نونىچى بايقۇش گېپىڭىزنى ئاڭلاپ ئولتۇرالماي قالدى،مۇشۇ ئەمۋاي،ئورفىلەم،نونى ئىشقىلىپ مۇشۇنداق ئالدامچىلارنىڭ تەشۋىقاتى ۋەھشىكەن،ساتقۇچى ئالغۇچىلارنىڭ مېڭىسىنى ۋەھشى يۇيۇۋېتىدىكەن…
ئۇلارغا راست گەپنى دەپ ئالدانماسلىقنى ئېيتسىڭىز قىيامەتلىك دۈشمەن كۆرىدۇ سىزنى:lol

iltersh يوللانغان ۋاقتى 2015-2-18 19:31:15

THR321 يوللىغان ۋاقتى2015-02-18 18:06:42 static/image/common/back.gif
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئەھلى جامائەت، سالامەت تۇرۇپسىلە
كوللاگېنلىق پېپتىد بەدەندە كەم بولسا بولمايدۇ، دۇكاندىن ئېلىپ يىمىسىمۇ بەدەندە تەبىئى بىرىكتۈرۈلىدۇ
سىز مۇراد شىركىتىدە ئىشلەمسىز؟

iltersh يوللانغان ۋاقتى 2015-2-18 19:35:03

isyankar1944 يوللىغان ۋاقتى2015-02-18 18:18:11 static/image/common/back.gif
   
ھۆرمەتلىك تۇرسۇن ئەپەندى ياخشىمۇسىز ؟ نونى توغرىسى
نونىچى يولداش
سىز بۇ يەردە ۋاقىت ئىسراپ قىلماي سىرتقا چىقىپ يالغان تەشۋىقاتىڭىزنى ئوبدان قىلىپ ئىشىنىدىغان ئەخمەقلەرگە نونى سېتىپ پۇل تېپىۋەرمەمسىز؟:lol

ArislanMemet يوللانغان ۋاقتى 2015-2-18 19:52:45

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، بىلگەجان ۋاقتىڭىز يەتسە كالا سۈتى توغرۇلۇق ماتىرياللار بولسا يوللاپ قويسىڭىز بوپتىكەن. ئۈلۈشكۈن بىرسىنىڭ ئۈندىدارىدا كالا سۈتىگە ئائىت بىر ماقالە كۆرۈپ قالدىم. مەزمۇنى سۈتنى كۆپ ئىستىمال قىلسا ئاياللاردا تۇخۇمدان راكى ئەرلەردە مەزى بېزى راكى كۆرۈلۈش نىسپىتى كۆپ بولىدۇ. مۇشۇنچىلىك ئېسىمدە قاپتۇ.

aypalta يوللانغان ۋاقتى 2015-2-18 20:18:40

زامانىۋى خۇراپاتلىق!

pervaz يوللانغان ۋاقتى 2015-2-18 20:33:48

ئەسلى ساغلاملىق مەھسۇلاتلىرىنىڭ ئېلانىدا« پايدا قىلىدۇ » دەپ يېزىلىشى كېرەكتى. .. بۇنى كۆپتۈرۈپ نەچچە ئون خىل كېسەلنى« ساقايتىۋېتىدۇ !! دەپ تەشۋىق قىلىنىۋاتىدۇ... ئىككىسى ئەلۋەتتە ئىككى ئىش !!
ئەمىلىيەتتە بىز ھېچنىمە قاتمىغان سۇنى ئىچسەكمۇ نەچچە خىل كېسەلگە پايدا قىلىدۇ ،، لېكىن ساقايتالمايدۇ....!!

soalqi1 يوللانغان ۋاقتى 2015-2-18 20:36:11

كوللاگىنلىق پېپىتىد دېگەننىڭ داۋرىڭى بەك بولۇۋاتىدۇ، مۇشۇنىڭ گېپىنى بىر قىلىشساق بولىتى

attir يوللانغان ۋاقتى 2015-2-18 20:39:08

0996 يوللىغان ۋاقتى2015-2-18 14:16 static/image/common/back.gif
ھازىر ما جەنۇبى ئامرىكىدىكى پىرو ماككاسى مودا ئىكە ...

ماككا تەبىي زىيانسىز ئۆسۇملۇك.
بازاردىن ھورمۇن قوشۇلغان خىمىيىلىك دورا ئىستىمال قىلغاندىن قۇرۇق ماككانى تالقانلاپ ياكى شورپىغا سىلىپ ئىستىمال قىلسا يىلتىزدىن پايدا قىلىدۇ .بىر كىلوسى 1000يۇەن ئەتراپىدا .

THR321 يوللانغان ۋاقتى 2015-2-18 20:39:22

كوللاگېنلىق پېپتىد بەدەندە كەم بولسا بولمايدۇ، دۇكاندىن ئېلىپ يىمىسىمۇ بەدەندە تەبىئى بىرىكتۈرۈلىدۇ...
توغرا، ئادەم بەدىنى ھەر خىل ۋىتامىنلارنى ۋە كالتسىيدەك مېنىرال ماددىلارنى سۈمۈرىدۇ ۋە بىرىكتۈرىدۇ، ئەمما ھازىرقى تۇرمۇش، ئىستېمال سەۋىيىمىز، ئوزۇقلىنىش ئادىتىمىز ۋە شەخىسلەرنىڭ بەدەن ساپاسى سەۋەپلىك، ئادەم بەدىنىدىكى كەملىگەن ماددىلارنى نورمال ئوزۇقلىنىشتىن باشقا ۋاستىلەر ئارقىلىق تولۇقلاشقا مۇھتاج بولۇۋاتىمىز، پېپتىدمۇ ھەم شۇنىڭغا ئوخشاش ياشنىڭ چوڭىيىپ بېرىشىغا ئەگىشىپ بەدەندە يېتىشمەسلىك كېلىپ چىقىۋاتقان ماددىدۇر. بۇ خۇددى بەدەندىكى كەملىگەن ئاقسىلنى ئەينى ۋاقىتلاردا سۈت ۋە تۇخۇم ئارقىلىق تولۇقلىغان، كالىتسىي كەملىسە كالا سۆڭىكىنى قاينىتىپ ئىچىپ تولۇقلىغان بولساق، بۈگۈنكى كۈندە پەقەت ئاقسىل تالقىنى ۋە كالتسىي تابلىتى ئارقىلىق تولۇقلاۋاتىمىز. پېپتىد خۇددى مۇشۇ ماددىلارغا ئوخشاش ئادەم بەدىنىدە كەم بولسا بولمايدىغان ماددا، شۇڭا بەدىنىمىزدە كەملىگەن پېپتىدنى كوللاگېنلىق پېپتىد ئارقىلىق تولۇقلايمىز. ئۇنىڭ ئادەم بەدىنىدىكى رولى بايا يوللىغان ئىنكاسىمدا سۆزلەنگەندەك ئىنتايىن مۇھىم. ئاۋۋالقى يىللاردا بۇ خىل ماددىنى ئايرىپ ئېلىش مۈشكۈل بولغان بولسا، بۈگۈنكى دەۋردە بىيو خىمىيە تېخنىكىسىنىڭ كۈندىن-كۈنگە تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ، تۇرمۇشىمىزدا سېتىۋالغىلى بولىدىغان تاۋار ھالىتىگە كەلدى.
شۇڭلاشقا دوستۇم پەن-تېخنىكىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىنكار قىلماڭ.

Iamalive يوللانغان ۋاقتى 2015-2-18 20:41:26

بۇ تېمىنى ياخشى يېزىپسىز!{:112:}

atella0997 يوللانغان ۋاقتى 2015-2-18 20:50:00

نونى ساتقۇچىلارنى ئەسلىدە سودىگەر دېسىلا بولاتتى. ئەمما كۆپتۈرۈپ قىلغان تەشۋىقاتى ھاياتتىن ئۈمىدىنى ئۈزەلمەي سەۋەب ئىزدەۋاتقان ئاجىزلارنى توپىنى،بۇلۇپمۇ مەدەنىيەت سەۋىيىسى تۆۋەن،دورا بىلەن ساغلاملىق مەھسۇلاتىنى ئارىيالمايدىغان دېھقانلارنى ئالدىغاچقا ئالدامچىلا دەيدىغان بولدۇم.

boran0998 يوللانغان ۋاقتى 2015-2-18 20:50:39

بىزدە ئەقىل بىلەن ئىش قىلمايدىغانلار جىقمىكن؟
مەن ئۆزەمنى «ئەقىللىق» دىيەلمىسەممۇ، ئەمما ئاشۇنداق «ئىلاھى خۇسۇسىيەتلىك، ئەپسانىۋى مەنبەلىك» مەھسۇلاتلارغا قارىتا مۇنداقراق ئويلايمەن: دىيارىمىزدا يانتاق دەمدۇق، خوخا تىكەن دەمدۇق، زاغزاق دەمدۇق... بەك كەڭرى ئۆسۈملۈكلەر ئەگەر كۈنلەرنىڭ بىرىدە مەلۇم بىر خىل كېسەلگە داۋا بوپ قالسا، بىر- ئىككى يىلغا قالمايلا بۇ ئۆسۈملۈكلەرنىڭ نەسلى قۇرۇپ، سۈنئىي ئۇسۇلدا يىتىشتۈرۈشكە ئېھتىياج تۇغۇلىدۇ. سۈنئىي يىتىلدۈرۈلگەن نەرسە ئەلبەتتە تەبىئىي بولغانغا يەتمەيدۇ- دە، ئەسلىدىكى ئۆسۈملۈكلەرنىڭ ئورنىنى قەتئىي باسالمايدۇ.
دېمەك، نونى دەمدۇق، كوللاگىنلىق پىپتىد دەمدۇق، يەنە ئاللىنىمىلەر بولسۇن بۇنچىلىك كارامىتى بار نەرسىلەرنىڭ جاھان ئاتلاپ دىيارىمىزغا كېلىشى باشقا جايلاردىن نەچچە ئون يىل كېيىن بولىدۇ. شۇنداق بولغاندىكىن، بىزگە يېتىپ كەلگىنى بىر بولسا ساختىسى، يەنە بىر بولسا ئۈنۈمى قالمىغان سوغۇق سۇ خالاس.
شۇڭا ئانداق ساغلاملىق مەھسۇلاتلىرىدىن ئانچە چوڭ ئۈمىد كۈتمەيمەن ھەم ئىستىمال قىلىشنىمۇ ئويلاپ باقمىدىم. مېنىڭ ئىشىنىدىغىنىم يەنىلا ئەتراپىمىزدىكى خوخا- يانتاقلارنىڭ شىپالىق رولى. . .
بەت: 1 [2] 3 4 5 6 7 8 9 10 11
: (bilgejan) "ھەممىگە داۋا" شەربەتلەرنى ئىچەمدۇق؟