eRVen_RuMMeL يوللانغان ۋاقتى 2015-2-19 11:54:39

http://xjjamieson.com/ug/
يىقىندا بىر شىركەت چىقتى كانادا جىمىسون ساغلاملىق مەھسۇلاتى شىركىتىكەن دۇنيادىكى 3چوڭ ساغلاملىق مەھسۇلاتلىرى شىركىتىنىڭ بىرىمىش ،بۇلارنىڭ ئورگان باش بىتى
http://www.jamiesonvitamins.com/
بىلدىغانلار پىكىر بەرسەڭلار ؟ مەھسۇلاتلىرى قانداغاراقكەن .

puritans pride ئامىرىكىنىڭ ماۋۇ بىر شىركىتى باركەن ،بۇمۇ راس ئامىرىكا شىركىتىمۇ؟
http://www.puritanspride.com.cn

iltersh يوللانغان ۋاقتى 2015-2-19 12:03:42

dawrim يوللىغان ۋاقتى  2015-02-19 08:15:42 static/image/common/back.gif
لوقمان ھەكىم دىگەن رەسۋا شىركەتمۇ  بەك ئالدىۋەتتى دىقق
دادىل بالىلار ئاقسىل تالقىنىدىن بىرنى سېتىۋېلىپ ئۆيگە كېلىپ قارىسام گۇاڭدۇڭدا ئىشلىتىپ ئۇيغۇرچە خەت چاپلاپ سېتىپتۇ …
قېرىنداشلىرىنى ئالدىمىسا بولمامدۇ دەيمەن

polat189 يوللانغان ۋاقتى 2015-2-19 12:07:09

مەن بۇنداق دورىلانىڭ ئېلانىنى تولا ئاڭلاپ راسلا پايدىلىقمىدۇ دەپ قالغان ئىدىم . قارىغاندا بەزى سۆزلەرنى كۆپتۈرۈپ سۆزلىسە بىلىم ھەم ئاڭ سەۋىيەرىمىز تۈۋەن ئوخشاش قېرىنداشلارنى ئالدايدىغان ئوخشايدۇ . بۇ تېمىدىن نۇرغۇن نەرسىلەرنى بىلىۋالدىم  . ئاللاھ بىلىمىڭىزنى تېخىمۇ كۆپ قىلسۇن قېرىندىشم . يېقىندىن بۇيان ئېلانلار كۆپىيىپ تەرەققىي قىلىپ كەتتى .

fizika1 يوللانغان ۋاقتى 2015-2-19 12:10:22

تەبىيلىكنى قوغلىشايلى،.باللىرمىزنىڭ بەدەن ساپاسى،سالامەتلىكى مۇھىم،.

kilimat يوللانغان ۋاقتى 2015-2-19 12:22:38

chataxchi يوللىغان ۋاقتى  2015-2-18 17:26 static/image/common/back.gif
ھازىر مۇشۇ   يولداشلار ياۋاتاۋۇز دەيدۇ   ئۇيغۇرچە نىمە  ...

بۇ ئۆسۈملۈك قاقاس تاغلاردا، تاغباغرىدىكى يېرىم تۈزلەڭلىكلەردە ئۆسىدۇ،يەرلىك خەلىقلەر‹‹بۆرە سويمىسى››دەپ ئاتايدۇ جوڭگو-پاكىستان تاشيولى يەنىG 314 لىنىيەسىنىڭ 1555 كىلومىتىر ئەتراپىدا قارا كۆل ساياھەت رايونى،  ئويتاغ مۇزلۇق ساياھەت باغچىسىغا ساياھەتكە كىلىدىغان جوڭگولۇق ۋە چەتئەللىك لەرگە مۇلازىمەت قىلىدىغان، يولداشلا ئاچقان بىر دورىلىق ئۆسۈملۈك لەرنى سېتىشنى ئاساسقىلغان چاي-تائام ئاشخانىسى بار،ئۇ دۇكاندا ‹‹قارلەيلىسى››‹‹گۈلچاي››‹‹بۆرە سويمىسى››قاتارلىق تۈرى ئەللىك ئاتمىش خىلدىن ئاشىدىغان دورىلىق چاي بار بۇنىڭ ھەممىسىنى ئويتاغنىڭ يەرلىك دورا ئۆسۈملۈكلىرى دەپ قىممەت باھادا ساتىدۇ،ئەمەلىيەتتە‹‹بۆرە سويمىسى››ئويتاغنىڭ ئۆسۈملىكى  قالغانلىرى ئىچكىرى ئۆلكىلەردىن كەلگەن دورىلىق ئۆسۈملۈك، بۆرە سويمىسىنىڭ رىماتىزىم،بوغۇم ياللۇغىغا شىپاسى بارئوخشايدۇ سايا ھەتچىلەر قۇرۇتۇلغان بۆرە سويمىسىنىڭ كىلوگىرامىنى يۈزيۈئەن ھەتتا ئىككى يۈزيۈئەندىن سېتىۋالىدىكەن شۇيەردىكى يەرلىك خەلىقلەر ھۆل ھالەتتە كىلوگىرامىنى 3-4 يۈئەندىن دۇكاندارغا سېتىپ بىرىدۇ،سايا ھەتچىلەرنىڭ دىيىشىچە قۇرۇتۇلغان بۆرە سويمىسىنى ھاراققا چىلاپ ئاندىن رىماتىزىم،بوغۇم ياللۇغى بارجايغا سۈركەيدىكەن، بۇدۇكاندارلار پۇلتېپىشنىڭ ئېپىنى بىلىدىكەن ئۈچ يىل ئىلگىرى جەنۇپتا يۈزبەرگەن‹‹گۈلچاي›› پاخاللىق ۋەقەسىدە گۈلچاي تېرىغان قېرىنداشلىرىمىز كىلوگىرامىنى يۈز يۈئەنگىمۇ ساتالماي ۋەيرانبولدى،بۇيەردىكى چايخانىنىڭ خوجايىنلىرى ئۆزلىرى ماركا تىزىملاتتىمۇ بىلمىدۇق ساياھەتچىلەرگە گۈلچاينىڭ ھەر كىلوگىرامىنى 3200 يۈئەننىڭ نەرقىدە 100گىراملىق كىچىك خالتىسىنى 320 يۈئەندىن ساتتى.

kilimat يوللانغان ۋاقتى 2015-2-19 12:33:06

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   kilimat تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-2-19 13:15  

harunjan يوللىغان ۋاقتى  2015-2-18 21:01 static/image/common/back.gif
بۇ ماقالىنى ئەپچىلگىنە يانفونPDF كىتابىغا ئۆزگەرتىۋالد ...

ھارۇنجان بەكلا چاققان جۇمۇسىز! بولسا تۆۋەندىكى تېمىنىمۇ ئىلكىتاپ قىلىپ يوللاپ قويغانبولسىڭىز،مەن ئۈندىدار ئىشلەتمىگەچكە تارقىتالمىدىم دوسلىرىمغا ئادرىسىنى چ چ دايوللاپبەردىم،
http://bbs.izdinix.com/thread-61026-1-1.html

pervaz يوللانغان ۋاقتى 2015-2-19 12:48:48

ئاۋۇ ئورفىلەم دېگەننىڭ تېرە ئاسراش تىپىدىكى كاپسۇل دورىنى  ئەر-ئاياللارنىڭ ھورمۇنىنى ئاشۇرىدۇ ، نەچچە خىل كېسەلگە پايدا قىلىدۇ دېگەننى كۆرەپ تاس قالدىم ئارقامغا ئۇچۇپ كەتكىلى !!!
بۇ ئەسىردىكى ئەڭ ئەڭ ئەڭ لاۋزا يۇمۇر بوپتۇ !! ئېسىت ئاشۇنى تەرجىمە قىلىپ ، سېتىپ قېرىنداشلىرىمىزنى ئالداۋاتقان ئادىمىي سۈرەتلىك .....     ( ھايۋان دەپ تىللاي دېسەم  ھايۋانلارغا ئۇۋال بولغۇدەك  !! )

kilimat يوللانغان ۋاقتى 2015-2-19 13:09:22

eRVen_RuMMeL يوللىغان ۋاقتى  2015-2-19 11:54 static/image/common/back.gif
http://xjjamieson.com/ug/
يىقىندا بىر شىركەت چىقتى كانادا جىمىسون ...

ئادىل مىجىت بىلەن بالىسى ئىلانقىلىۋاتقان دورىنى دەمسىز؟

kilimat يوللانغان ۋاقتى 2015-2-19 13:18:43

pervaz يوللىغان ۋاقتى  2015-2-19 12:48 static/image/common/back.gif
ئاۋۇ ئورفىلەم دېگەننىڭ تېرە ئاسراش تىپىدىكى كاپسۇل دو ...

توغرا ھايۋانلارغا ئۇۋالقىلماڭ! ھايۋانلا كۆپتەرەپتىن بەزى ئىنسان سۈرەتلىكلەردىن ئۈستۈن

sekine يوللانغان ۋاقتى 2015-2-19 14:52:53

RE: (bilgejan)

eRVen_RuMMeL يوللىغان ۋاقتى  2015-2-19 11:54 static/image/common/back.gif
http://xjjamieson.com/ug/
يىقىندا بىر شىركەت چىقتى كانادا جىمىسون ...

ھامىلدار ۋاقتىمدا بۇ شىركەتنىڭ كالتىسىينى يەپ كۆرگەن. پايدا قىلغىنىنى ياكى زىيان قىلغىنىنى بىلمىدىم.   
كالتىسينىڭ بىر قۇتىسىنى  400  كويغا يېقىن ئالغانتۇق. ن.  . .

dillani يوللانغان ۋاقتى 2015-2-19 16:26:04

توۋا ماۋۇتىمىنى مەن دەي دېگەن نەق گەپنى دەپتۇ .يېقىندا شۇنداق زۇكام بولدىمكى ،ئاللا دېمەي دېسەم بولماس بېشىم ئاغرىغان ،يۆتەل ،تەندە ماغدۇريوق ،توڭلۋاتقان ،تەرلاۋاتقان ،يولماڭسام يېقىلىشقىلا تامشىلىمەن .يەپكەتكەن دورىلارنىڭ  ھەممىسى خالانىلا باي قىلدى .ئاقىۋات زۇكام شەربىتىدىن ئېلىپ ئىككى قېتىم ،قالغان لېيىنى ئايالىمنىڭ «ئىچمەڭ ،بوزىيانلىق »دېگىنىنى ئاڭلىماي ئۇنى  زورلاپ يەنە قاينىتىپ ئىچىپ نەچچە يۈز سوملوق دورىغاساقايمىغىن «ساراڭ زوكىمى »بەش سوملوق شەربەت بىلەنلا ساقايدى دەڭلا .
  مەنمۇ شۇ زوكامنىڭ بارلىق ئالامىتىگە مەنپەئەت قىلىدۇ دېگىنىنى ئالغان دەڭلار ،نەدىمۇ ھەممىگە شىپا دورابولسۇن .

hanjar01 يوللانغان ۋاقتى 2015-2-19 17:01:16

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   hanjar01 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-2-19 17:21  

مۇشۇنداق خەنزۇچە چۈشەندۈرىشى بىلەن ئۇيغۇرچە چۈشەندۈرۈشى ئوخشىمايدىغان مەھسۇلاتلارنى باشقۇرىدىغان ئورۇن يوقمىدۇ؟ بولسا مەن بىر ئەرز قىلىپ باقاي دەپ ئويلاۋاتىمەن

ER518 يوللانغان ۋاقتى 2015-2-19 18:36:30

توغرا ھايۋان بەرىبىر ھايۋان ئەمما ئادەم بەزىدە ئادەم ئەمەس.بەزىبىر ئادەم سىياق ھايۋانلار ئۆز قېرىنداشلىرىنى ئالداپ پۇل تېپىشنىڭ كويىدا

dawrim يوللانغان ۋاقتى 2015-2-19 19:00:20

hanjar01 يوللىغان ۋاقتى  2015-2-19 17:01 static/image/common/back.gif
مۇشۇنداق خەنزۇچە چۈشەندۈرىشى بىلەن ئۇيغۇرچە چۈشەندۈر ...

مۇقۇملۇق تەرەپلەردىن ئەرز قىلسىڭىز  بەش مىنۇتتا ھەل بۇلۇدۇ    ،لىكىن ئالدامچىلارنى ئەرز قىلسىڭىز   قانداق بۇلاركى . كادىر  مۇخبىر دىگەنلەر قۇساقنىڭ غېمىدە قالدى ،  قاچان تۇيا بۇلارنىڭ  زۇۋانى

dadash يوللانغان ۋاقتى 2015-2-19 19:39:30

ھەممىگە قادىر نونى ! :lol

KARWAN123 يوللانغان ۋاقتى 2015-2-19 20:16:40

ياۋا تاۋۇز دىگەن ئۇ نەېسىنىڭ  ئۇيغۇرچە ئاتىلىشى  كورخەمەك دەپ ئاڭلىغان .مەنمۇ ئۇ نەرسىنىڭ تەبىئىتىنىڭ ئوت  ئىسسىق  بۇغۇم ياللۇغى  ياكى رىماتىزىم كېسىلى بارلار ،ئۇ نەرسىنى قۇرۇتۇپ سوقۇپ  ئىزىپ سۇقۇپ مەلھەم قىلىپ رىماتىزىمغا سىرتتىن ئىشلىتىدۇ، تېڭىپ ئىشلەتكەن ۋاقىت ئۇزۇن بۇلۇپ كەتسە تېرىنى كۆيدىرۋېتىدۇ دەپ ئاڭلىغان.

bilgejan يوللانغان ۋاقتى 2015-2-19 21:19:29

مەزكۇر يازمىغا پىكىرى بار بارلىق كىشىلەرگە ئەسكەرتىش:
نونى شەربىتى، كىيانى شەربىتى، پېپتىد، ئاقسىل ۋە ياكى باشقا ساغلاملىق مەھسۇلاتلىرى ساتىدىغان، ۋاكالەتچىلىك قىلىدىغان، قسىقىسى بۇ ماقالە بىلەن ئىقتىسادىي مەنپەئەت باغلىنىشى بار بىر قىسىم كىشىلەرنىڭ بۇ ماقالىنى ياقتۇرماسلىقى ئېنىق. ئەمما بۇنىڭلىق بىلەن پاكىت ئۆزگىرىپ قالمايدۇ. مەزكۇر ماقالىدە ئەسكەرتكىنىمدەك، بۇ ماقالىدىكى مەزمۇنلارنى چۈشەندۈرۈش ھوقۇقى ئۆزۈمدە، پىكىرىڭىز بولسا قالدۇرۇلغان بىلوگ ئادېرىسىغا كىرىپ ئىنكاس قالدۇرسىڭىز مەن 48 سائەت ئىچىدە سىزگە جاۋاب قايتۇرىمەن. ئۈندىدار نومۇرۇم قىزىق لىنىيە ئەمەس، پەقەت شەخسىي تونۇشلۇقۇم بولغان كىشىلەر بىلەن ئالاقە قىلىشقا ئىشلىتىمەن. شۇڭا باشقىلاردىن بۇ خىل ئالاقە ۋاستىلىرىنى سۈرۈشتۈرۈپ ئاۋارە بولماڭ ۋە ئۈندىداردىكى دوستلىرىمنى خىجىل قىلىپ ئۇلارنى ئاۋارە قىلىپمۇ يۈرمەڭ.  چۈنكى مەن ئۈندىداردا سوئالغا جاۋاب بەرمەيمەن ياكى تونۇشمايدىغان كىشىلەرنى قوشمايمەن. مۇمكىن بولسا مۇشۇ ماقالىلەر ئېلان قىلىنغان بىلگە بىلوگى، ئىزدىنىش تورى، مىسرانىم تورى قاتارلىق تورلاردا ئوچۇق ئاشكارا ئىنكاس قالدۇرۇڭ، پاكىتلىق مۇنازىرە قىلغۇڭىز بولسا مەن تەييار.

kuwruk يوللانغان ۋاقتى 2015-2-19 21:35:05

پىت-پىت  يەنە بىرنىمە  ئىچىملىكى دەپ غەلىتىلا  ئىسىملىك  ساغلاملىق  دورا  ئىچىملىكلىرى كوپىيىپلا كەتتى ھازىر دەنشى -دوكانلاردا ،،يەنىلا پىيالمىنىڭ ئانار سۇيىنى ئىچىپ بەر دەيمەن خوتۇنۇم شۇنداق نەرسىلەرنى ئىلىپ بەر دەپ جىدەل قىلسا...:(

kuwruk يوللانغان ۋاقتى 2015-2-19 21:37:07

بىلگىجان ئەپەندى ئادەمنىڭ تۇمۇر ماددىسى بەك تۇۋەن بولسا قانداق يىمەكلىك ياكى دورا بىلەن تولوقلاش كىرەك  بۇ كىچىك باللاردىمۇ ئوتتۇرا ياشلىقلاردىمۇ بار بولىدىكەن...

yasir يوللانغان ۋاقتى 2015-2-19 22:05:45

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم بىلگەجان ئىنىم .بۇناھايىتى ئىلمى دەل ۋاختىدا يېزىلغان ياخشى تېما بولۇپتۇ .راست دىگەندەك ھازىر ئۇيغۇر دىيارىدا ئاجايىپ غارايىپ ساغلاملىق مەھسۇلاتلىرى كۈندىن كۈنگە كۆپىيىپ كەتتى .خەلقىمىزمۇ تولا ئالدىنىپ  نىمىنىڭ راست ،نىمىنىڭ ساختا ئىكگنلىگىنى ئايرىيالمايلا قالىدىغان ۋەزىيەت شەكىللىنىپ قېلىۋاتىدۇ .ساغلااملىق مەھسۇلاتلىرى نىڭ ساختىسىنىڭ كۆپلىگىى ھەم ئېلان تەشۋىقاتلىرىنىڭ رەڭدارلىغىدىن سۈپەتلىك ساغلااملىق مەھسۇلاتلىرى خۇدۇكسىرەپ قېلىۋاتىدۇ.ياخشى مەھسۇلاتنى تەشۋىق قىلمىسا ،خەلق بىلمىگەن ،تەشۋىق قىلسا ساختا مەھسۇلاتلارنىڭ تەشۋىقاتىغا ئوخشاپ قېلىۋاتقان.بۇ خىل ۋەزىيەتتە سىزنىڭ بۇ ئىلمى يازمىڭىز  ناھايتى ياخشى رول ئوينىغۇسى .مەن يۇقاردا تىلغا  ئېلىنغان مەھسۇلاتلار ئىچىدە ئۈزەمگە تۇنۇشلۇق بولغان نونى توغرۇلۇق ئۈزەمنىڭ تەجىربىسىنى سۆزلەپ باقسام.
1- مەن نونى نى قانداق تۇنۇدۇم.
2011- يىلى 10 ئايدا كۆكرىكىم ئۇشتۇمتۇت سانجىلىپ ئاغرىپ ئۇدا ئىككى ھەپتە بىئارام بولدۇم.دوختۇرغىمۇ كۆرۈندۈم،نۇرغۇن تەكشۈرۈشلەردىن كېيىن كېسىلىمنى تاپالماي ،بېشىم ئاغرىسا پۇتۇڭنى تەكشۈرەيمىز دىگەندەك،ئاشقازان ئەينىكى دىگەن يەرگە كەلگەندە  دوختۇرخانىدىن چىىپ كېتىپ ئاخىرى مىللى تىبابەت ئامبۇلاتورىيسىدە داۋالىنىپ قالدىم .بۇ يەردە داۋالىنىش جەريانىدا كۆكرىكىمدىكى ئاغرىق بىرئاز بۇشىغان بولسىمۇ لېكىن دەردىمنى ئۈزەم بىلىمەن .ئاخىرىدا تەكشۈرۈش جەريانىدا ئۆپكە تىبۇركىليۇز كېسىلىگە گىرىپتار بولغىنىم مەلۇم بولدى .ئاڭلاپ بىر ئاز مەڭدەپ قالدىم .كېسىلىمنىڭ تۈرى ئالتىگە يەتتى .مەن مۇشۇ ۋاقىتتا مەدەنىيەت بوستانى پىروگراممىسىدا نونى ھەققىدە غىل-پال ئاڭلاپ قالغان بىر سۆزنىڭ تۈرتكىسىدە نونىنى ئىزدەپ تاپتىم .ئەمما ماڭا نىسپەتەن قىممەت ئىكەن.بۇ مەھسۇلاتنىڭ بىزنىڭ ناھىيدە سېتىش نوقتىسى يوق بۇلۇپ،مەن ئەرزان ئىچىۋېلىش ھەم سىناپ بېقىش نىيتىدە ،ۋەكالەتچىلىكىنى ئېلىپ ئازراق كىرگۈزدۈم ..ئاتا ئانام ۋە بىر تۇغقانلىرىمغا تارقىتىپ سىناپ بېقىشنى تەۋىسىيە قىلدىم ،ئۈزەممۇ 2012- يىلى 1- ئاينىڭ 1- كۈنىدىن باشلاپ گۇمانسىراپ تۇرۇپ بىر ياقتىن نونى ئىچكەچ ،بىرياقتىن تورلارنى ئارىلاپ نونى ھەققىدە چۈشەنچىگە ئىگە بولدۇم.بۇ جەرياندا سىناپ باققا نلارنىڭ ئىنكاسى بىردەك ياخشى .بولۇپمۇ كېسەلچان ئانام بىلەن قان بېسىمى يۇقۇرى دادام ئۈنۈمىنى روشەن كۆردى (دادامنىڭ قان بېسىمى ئىزچىل يۇقۇرى بۇلۇپ ئۈچ تۆت ئاي ئىچكەندىن كېيىن توختاتقان ،ھازىرغىچە قايتا ئۆرلەپ باقمىدى ).مەن نونى ئىچىش جەريانىدا كېسەللىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش كونتىرول قىلىش مەركىزى تارقاتقان ھەقسىز دورىنى ئىچمىدىم .2012- يىلى 6- ئاينىڭ 24- كۈنى ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق كۆكرەك كىسەللىكلىرى دوختۇرخانىسىدا تەكشۈرتتۈم .ئامان ئىسىملىك ياشقا چوڭ بىر ئايال دوختۇر كېسىلىمنى كۆرگەن بۇلۇپ ،ساقايغانلىقىمنى ئۇقتۇرغاندا خېلىلا ھاياجانلاندىم .

2 مەن نونى ساتقان كىشىلەرنىڭ ئىنكاسى قانداق .
مەن شۇنداق قىلىپ نونىنى6 ئاي ئىچىپ بۇ كېسەلدىن ساقايدىم .بۇ جەرياندا نۇرغۇن كېسەللىكلەرگە بىرىپ بۇلارنىڭ ئىنكاسلىرىنى بىرمۇ بىر خاتىرلەپ ماڭدىم .ھەربىر قۇتا نونى ساتقاندا سېتىۋالغۇچىنىڭ ئېنىق ئادرىسى ھەم تېلفۇن نۇمۇرىنى خاتىرلىۋېلىپ ،بىرنەچچىسىنى ئۆيىگە يوقلاپمۇ باردىم .ئىنكاسلار ھەرخىل بولسىمۇ 90 پىرسەنت ئىنكاس ياخشى .10پىرسەنت ئادەم نارازى بۇلۇپ تىللاپ كەلگەنلىرىمۇ بار . بۇلاارنىڭ كۆپۈنچىسى كاناي شاخچە ياللۇغىغا گېرىپتار بولغانلار بولۇپ ،ئۇلاردا ھۈتەلنى قوزغاپ قۇيىدىگەن .
مەن نونى سېتىش جەريانىدا نونىنىڭ پايدا قىلىدىغانلىقىنى تەشۋىق قىلغان بولساممۇ ،دورا ئەمەس مىۋە شەربىتى  ئىكەنلىگىنى چۈشەندۈردۈم. ،ماڭا بەرگەن شىركەتمۇ ماڭا دائىم ئەسكەرتىپ ،بۇ دورا ئەمەس،كىشىلەرنى ئالدىماڭلار دەيتتى .

3- مېنىڭ نونىغا بولغان كۆز قارشىم .
نونى دورا ئەمەس .شۇڭا ئۇ كىلىنكىلىق سىناقتىن ئۈتەلمەيدۇ .يەنە كىلىپ ئۇنى ئوخشاش ئون كېسەلگە بەسىڭىز ئۇنىڭدا كۆرۈلىدىغان ئىنكاس 6-7خىل بۇلۇپ چىقىدۇ .ئەمما نونى تەكىۋىدىكى مۇرەككەپ ماددىلار ئىچىدە ئادەمنىڭ كېسەللىكتىن ساقىيىشىغا ياردەم بەرگۈچى ماددىلار ياكى بەدىنىمىزگە زۈرۈر ماددىلادىن  رايۇنىمىزدا چىقىدىغان يېمەكلىكلەر تەركىۋىدە مىقدارى بىرقەدەر ئاز ماددىلار مول بۇلۇشى مۇمكىن  دەپ قارايمەن .
نونى ئالاھىدە تىز ئۈنۈم قىلىدىغان كىسەللىك قان بىېسىم دەپ يەكۈنلىدىم .ئەمما بەزى كېسەللىكلەرگە ھەقىقەتەن پايدا قىلغان قىلمىغىنىنى پەرىق ئەتكىلى بولمايدۇ. نونىنىڭ سۈپەتسىزلىرىمۇ  بەك كۆپ بۇلۇپ بۇنى مانچە پىرسەنت  دەپلا سۇيۇلدۇرۇپ ساتسا ئۇنى ھېچكىم پەرىقللەندۈرەلمەيدۇ .پەقەت ئۈنۈمىدىلاپەرىق قىلىدۇ .ھەقىقىسى بىر بولسا ساختىسى ئون.

نونى  توغرۇلۇق ئۈزەمنىڭ بېشىدىن ئۆتكەنلەرنى ھەم بۇ جەرياندىكى ئۈزەمنىڭ ھېسسى يەكۈنلىىرىمنى  يېزىپ قويدۇم .يازغانلىرىم بىلگەجاننىڭ يازمىسى  ئالدىدا ھېچنىمە بولمىسىمۇ لېكىن  زىت ئەمەس دەپ قارايمەن .تورداشلارنىڭ ،نونى توغرىلۇق باشقا سۆزلىرى بولسا ئاڭلاشقا تەييارمەن .
ئاخىرىدا بىىلگەجاننىڭ قىممەتلىك ۋاقىتىنى  چىقىرىپ بىز ئۈچۈن ئىسىل يازمىلارنى تەييارلا پ بەرگىنىگە چىن قەلبىمدىن رەھمەت ئېيتىمەن .ئىسىل يازمىلاار ئۈزۈلۈپ قالمىغاي .
مۇمكىن بولسا پۈتۈن ئىزدىنىش ئەھلى كۈچ چىقىرىپ خەلقىمىزنى ئالداۋاتقان بارلىق ساختىلىقلارنى بايقۇت قىلغان بولساق دىگەن ئۈمىتتىمەن .
بەت: 1 2 3 [4] 5 6 7 8 9 10 11
: (bilgejan) "ھەممىگە داۋا" شەربەتلەرنى ئىچەمدۇق؟