tewekkulchi يوللانغان ۋاقتى 2014-6-20 10:49:15

كېپەن ئوغرىلاش خاتىرىسى

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   tadubeg تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-6-20 14:43  


بۇ ھىكايىنى ئۈندىداردا ئۇچرىتىپ قېلىپ قورقۇنچ ئىچىدە كېچە سائەت ئىككىگىچە ئوقۇپ چىقىپتىمەن،قاپقاراڭغۇ ئۆيدە كىپەن ئوغرىسىنىڭ ھېكايىسىنىنى ئوقۇشنىڭ ھوزۇرى ئۆزگىچە بولىدىكەن،شۇڭا بۇ مۇنبەرگە يوللىشىم. بۇ ھېكايىنى تەرجىمە قىلغۇچىلارنىڭ رۇخسىتىنى ئالاي دەپ توردىن تاپالماي، سالوندىنلا كۆچۈردۈم، بۇ ھېكايىنى تەرجىمە قىلغان تەرجىمانلارغا كۆپ رەھمەت،ئەمما ئازراق يۈرەك كىسىلى بولۇپ قالىدىغاندەك قىلىمەن.ئەسەرنىڭ ئەسلى مەنبەسى http://www.daomubiji.com/ بولۇپ،ئاخىرى تەرجىمە قىلىنماپتۇ،بىكەتتىكىلەر تەرجىمە قىلسىمۇ بولغۇدەك.
بىرىنچى باب قانلىق مۇردا

چوڭ تىپتىكى سىرلىق ، قورقۇنچلۇق ، تەشۋىشلىك ئەسەر

كىپەن ئوغرىسنڭ خاتىرسى  

بىرىنچى خاتىرە يەتتە يۇلتۇزلۇق لۇ بىگى

بىرىنچى باب قانلىق مۇردا :"
50يىل ئىلگىرى ،چاڭشا بېيىاۋزىلىڭ ،توت نەپەر قەۋرە قازغۇچى پۇتكۇل زىھنى بىلەن يەردىكى لوياڭ گۇرجىكىگە تىكىلىۋاتاتتى . گۇرجەكنىڭ يۇزىدە بايىلا تۇپراقتىن ئىلىنغان توپا بار ئىدى . ئەجەبلىنەرلىكى شۇكى ،بۇ بىر گۇرجەك توپىدن توختىماستن توق قىزىل رەڭلىك سۇيۇقلۇق ئىقىۋاتاتتى . شۇنداقلا قارىسا ،بايام تىخى قىپقىزىل قان سۇغۇرۇلغاندەك .  
"بۇ قىتم چاتاقنىڭ چوڭى چىقامدۇ نىمە ؟" قىرى بەڭگە چىلىمنى يەرگە ئۇرۇپ تۇرۇپ :" مىنڭچە ئاستىدىكسى بولسا ، قانلىق مۇردامىىكىن دەيمەن ، ياخشى ئەپلەشتۇرەلمىسەك بىز بىر نەچچە بىچارە ، ھەممىمز ئۇنىڭغا ھەمرا بولىمز.
"چۇشەمدۇق–چۇشمەمدۇق ؟ بولامدۇ–بولمامدۇ ؟ مىكى–مىكىنى قويۇپ نەخ گەپنى قىلە" يەكچەشمە يىگىت ئېيتتى :" سەن دىگىنىە ،سەن قىرىنڭ پۇتى تازا تىز ئەمەس ، چۇشمەيلا قويغىن ، ئىنىم ئىككىمىز چۇشەيلى، ئۇنىڭ نىمە بولىشى بىلەن نىمە كارىمىز ، چۇشۇپلا نوختىلايمىز."
قىرى بەڭگە كۇلۇپ تۇرۇپ يىندىكى بومبا ساقالغا ئېتتى :" سنىڭ بۇ ئككى بالاڭ ئاسمانغا قاراپ دىڭىزنىڭ چوڭقۇرلىقىىنى بىلىدىكەن ھە!! ، ھىچ بىلمىدىم ، ئۇلار قاچانمۇ ئشنىڭ ئپىنى بىلگىدەك بولار؟ سەن كوپرەك ئۇلارغا ئۆگەت ، بىز قىلىۋاتقان ئوقەت ئەسكەر بىشنىڭ ھەممىسى گىنىرال بولمىغانغا ئوخشاش .
چوڭ ساقال يىنىدىكى يېشى كىچىكرەك بىرسىگە قاراپ تۇرۇپ:" ھۇ ھارامتاماقلار ،ئوزۇڭدىن چوڭلار بىلەن مۇشۇنداق پاراڭلىشامسەن ، بوۋاڭ قەبرە ئاچقان چاغلاردا سەن تىخى ئاناڭنىڭ قورسىىقدا ئىىڭ ."  
"مەن نىمە دىدىم ؟!!! ......خاتا سوزلىدىممۇ؟؟ ، ئەجداتلىرىمىز ئېيتققان ، قەيەردە قانلىق مۇردا بولسا شۇ يەردە ياخشى نەرسە بار ، مىنڭچە توۋەندە چوقۇم ياخشى نەرسە بار . چۇشمەي قايتىپ كەتسەك بۇلاقنىڭ قىشىغا كىلىپ سۇ ئچمەي قايقاندەكلا بىر ئىش ." `
"ئاناڭنى ، سەن گەپ ياندۇرۋاتىسەنا ؟ " بومبا ساقال قولىنى كوتۇرۇپ ئۇراي دىيىشىگە قىرى بەڭگە چىلىمنى شىلتىپ توسۇپ تۇرۇپ :" سەن قانداق دادا بولدىڭكىن تاڭ ؟، ئۇرۇپ–تىلاشتىن باشقىنى بلمەيسەن ، ھازىرقىدەك ۋاقىتتا بالاڭنى ئۇر غىىنىڭ نىمىسى ؟ سەنمۇ ياش ۋاقتىڭدا بۇلاردىن قىلىشمايتتڭ ، سۇ بىشىدىن لاي دىگەن شۇدە!"
يەكچەشمە يىگىت دادىسىنىڭ بىشىنىڭ ئچىگە چۇشۇپ كەتكىنىنى كۆرۇپ بىشىنى توۋەن سىلىپ ھىجىيشىغا قىرى بەڭگە يىگىتنىڭ بىشىغا نوقۇو تۇرۇپ :" سەن كۇلە!؟؟ قانىلق مۇردىغا يولۇقۇپ قالساقمۇ يەنە شۇنداق كۇلەلىسەڭلا بولاتتىغۇ ، ئالدىنقى قىتم ئككنچى بوۋاڭ لوياڭدا قەۋرە ئچىۋاتقاندا بۇ نەرسگە يولۇقۇپ نەتىجىدە تا ھازىرغىچە ئەس–ھوشىنى بىلمەيدۇ ، سىنڭ بۇرتۇڭمۇ تىخى تۇزۇك خەت تارتمىغان ، سويما ، ئىش قىلساڭ ئالدى بار كەينى يوق ، بىلمىدىم سىنىڭ زادى نەچچە كاللاڭ باركىن تاڭ!!!"
"زادى بولامدۇ–بولمامدۇ؟" دىدى يەكچەشمە يىگىت بىشىنى قاشلاپ تۇرۇپ.
قىرى بەڭگە بىر نەچچە يۇتۇم شورىۋەتكەندىن كىيىن ئاسمانغا قارىۋىتىپ بومبا ساقالغا :" بولىشى بولىدۇ ، بىر ئازدىن كىيىن پىقىر ئاۋال چۇشىمەن ، سەن مىنىنڭ كەينىمدە ، ئككىنچى جىيەنىم ، سەن ئېتىز چاشقىنى ئلىپ ساقالنىڭ كاينىدىن چۇش ، كەنجى جىيەنىم سەن چۇشمە ، توت ئادەم ،ۋاقتى كەلگەندە چىكىنىشنى ئويلىساقمۇ چىكىنىش بېەپ . بىز ئچىدە تۇرۇپ ۋاقىرىساق سەن نەرسلەرنى تارتىپ چىقرىۋال .  
يېشى ئەڭ كىچك يىگت قايىل بولماي :" مەن ئاڭلىمايمەن ، سىلەر ئوخشاش كۆزدە قارىمىدڭلار ، مەن بىرپ ئانامغا دەيمەن ."
قىرى بەڭگە كۇلۇپ تۇرۇپ :" قارىغىنا ئوزۇڭگە، چوپچوڭ يىگىت تۇرۇپ ئاناڭغا ئەرىز ئېيتامسەن ؟ بىردەمدىن كىيىن ساڭا ئالتۇن قەلەمتىراچتىن بىرنى تىپىپ بىرىمەن "  
"ماڭا سزنىڭ تىپىپ بىرىشڭزنىڭ ھاجىتى يوق .مەن ئۆزۇم تاپىمەن."  
بۇنى ئاڭلاپ يەكچەشمە يىگتنىڭ ئاچچقى كەلدى دە . ئنىسىنىڭ قۇلۇقنى چىمداپ تۇۇپ :" سەن يارىماس مەن بىلەن بەسلەشمەكچىما تىخى ؟؟؟! قۇلىقىڭنى چىشلەپ ئۇزىۋالىمەن بىكار ."  
يېشى كىچىك يىگت ئادەتتە ئاكىسىدىن تاياق–دەشنەمنى بوش يىمىگەن بولسا كىرەك ئاكىسنىڭ ئاچچقى كەلگىنڭى كۆرۇپ غىڭ قىلماي دادىسغا ياردەم تەلەپ نەزىرى بىلەن قارىدى . دادىسى تۇنۇڭغا قاراپمۇ قويماي نەرسە–كىرەكلەرنى يۇغۇشتۇرىۋەرگەندىن كىيىن ئاكىسى كۆرەڭلىك بىلەن :"سەن نىمە دىسەڭمۇ بىكار ، بوۋايمۇ ساڭا ياردەم قىلمايدۇ ، يەنە ۋاتىلدىساڭ چىتىرقىڭغا تىپىپ خوتۇن ئالالماس قىلىۋىتىمەن."  
  كەنجىتاي دەرھال ئىشتىنىنڭ ئالدىنى توسقىنىچە قاچتى .
  بۇ ۋاقىتتا بومبا ساقال ۋاقىراپ:"  ئككى ھارامتاماق نىمە دىيىشىۋاتىسەن ؟ جانىۋارلارنى سىناپ باقايلى " دوپ بولۇپلا ئايلانما گۇرجەكنى ئۇسۇلغا چۇشۇردى .  
يىرىم سائەتلەردىن كىيىن ئوغۇرلۇق كامىرى كولۇنۇپ چوڭقۇرلىقىنى كۆرگىلى بولمايدىغان ھالەتكە يەتتى . پەقەت ئاكىسىنىڭ بەزىدە بىشىنى چىقىرىپ نەپەس ئالماشتۇرغىنىدن بولەك ھىچقانداق ئاۋاز ئاڭلانمايتتى. كەنجىتاي ساقلاۋىرىپ تاقىىتى قالماي كامارغا قاراپ ۋاقىردى ."چوڭ دادا ، كولاپ بولدۇڭلارمۇ؟ياقما؟؟؟"  
  بىرنەچچە دەقىقىدن كىيىن ئاستىدىن غۇۋا ئاۋاز قايتتى :" بىلمە........يمەن ،سەن .......ئۇستدە ساقلا، ئارغامچىنى...قويىۋەت.......مە....".
  بۇ ئاكىسىنىڭ ئاۋازى ئىدى . قىرى بەڭگە يەڭگىل يۆتىلىپ قويۇپ : " ئاستىراق سۆزلە ...ئاڭلا ! شەپە كەلدى!"  
  جىمجىت ؛ كەنجى بالا ئاستىدا نىمە ئىش بولغانلىقىنى بىلمەيتى ، ئۇ قورۇققىنىدىن ئاۋازىنى چىقىرىشقىمۇ جۈرئەت قىلالمىدى . تۇيۇقسىز كاماردىن بىر خىل ئادەمنىڭ تىنىنى شۈركەندۈرىدىغان ئاۋاز ئاڭلاندى . " كۇر ...كۇر ... كۇر .." خۇددى ئىتىزدىكى پاقىنىڭ ئاۋازىدەك .  
  ئاندىن كىيىن ئاكىسىنىڭ ۋارقىرىغىنى ئاڭلاندى . " كەنجەك ، تارت !..."
  كەنجى تاي چاشقاننىڭ قۇيرىقىغا باغلانغان ئارقاننى كۈچەپ بىرلا تارتىۋىدى ، ئارقان تۇيۇقسىز چىڭىپ قالدى. تۆۋەندە خۇددى يوغان بىر مەخلۇق ئارقاننى چىشلىۋالغاندەك كەنجىتاي بىلەن ئارقاننى قوشۇپ كامارغا سۆرەيتى . كەنىجىتاي بۇنداق بولىشىنى پەقەتلا ئويلاپ باقمىغان ئىدى . ھىلىقى نامەلۇم كۈچ كەنجىتاينى كامارغا ئەكىرىپ كەتكىلى قىل قالغاندا كەنجىتاي دەرھال ئەقلىنى ئىشلىتىپ ئارقاننىڭ ئۇچىنى كەمىرىگە باغلاپ كەينىگە بۇرۇلۇلدى دە ،   يانتۇ بولغىنىچە كۈچەپ ئارقاننى تارتىشقا باشلىدى . بۇ چاغدا ئۇنىڭ بەدىنى بىلەن يەر ئوتتۇرسىدا %30 گىرادۇسلۇق بۇلۇڭ ھاسىل بولغان ئىدى . بۇ خىل ئۇسۇلنى ئۇ كەنىتتىكى بالىلار بىلەن ئارقان تارتىشىپ ئوينىغاندا ئۈگۈنىۋالغان ئىدى . بۇنداق قىلغاندا ئۇنىڭ تەن ئىغىرلىقى ئارقاننىڭ تارتىش كۈچىگە قوشۇلۇپ بىر قىچىر بولسىمۇ تىركىشەلەيتى . شۇنداق قىلىپ كامار ئىچىدىكى نامەلۇم مەخلۇق بىلەن كەنجىتاي تارتىشىپ خىلى تىركەشكەن بولسىمۇ بىر – بىرىنى مىدىرلىتالمىدى . قاتتىق تىركىشىپ ئون نەچچە دەقىقىدىن كىيىن كاماردىن پوجاڭزىنىڭ ئاۋازىدەك پارتىلىغان ئاۋاز ئاڭلاندى . بومبا ساقال  " كەنجىتاي ، تىز قاچ !!! ... " دەپ ۋارقىرىدى . بىردىنلا ئارقان بوشاپ ئىتىز چاشقىنى كاماردىن خۇددى تۇيۇقسىز ئىتىلغان ئوقتەك پىرقىرىغىنىچە ئۇچۇپ چىقتى . چاشقاننىڭ ئۈستىدە بىر نەرسە باردەك قىلاتتى . كەنجىتاي نىمە ئىش بولغانلىقىنى ئىلغا قىلىشقىمۇ ئۈلگۈرمەي ئىتىز چاشقىنىنى سىقىمداپ جىنىنىڭ بارىچە قاچتى .
  كەنجىتاي شۇ قاچقىنىچە توختىماستىن ئىككى چاقىرىمدەك قىچىپ ئاندىن توختاشقا جۈرئەت قىلالىدى . ئۇ قوينىدىن ئىتىز چاشقىنى چىقىرىپ ئۇنىڭغا قاراپلا قورۇققىنىدىن ۋارقىراپ كەتتى . ئەسلىدە چاشقاننىڭ بوينىغا ھىچنەرسە ئىسىقلىق ئەمەس ئىدى ، ئەمدى بولسا چىپىلداپ قان ئىقىپ تۇرغان بىر قول ئىسىقلىق تۇراتتى . كەنجىتاي قولنى تونىدى ، بۇ ئۇنىڭ ئىككىنچى ئاكىسىنىڭ قولى ئىدى . قارىغاندا كەنجىتاينىڭ ئاكىسى ئۆلمىگەن تەقدىردىمۇ مىيىپ بولۇپ قالغان ئىدى .  
  گەرچە كەنجىتاينىڭ ئاكىسى ئۇنى داۋاملىق بوزەك قىلىۋالسىمۇ گۆش بىلەن ياغ بىر تۇققان ، ئۇلار ئوتتۇرسىدا يەنىلا قىرىنداشلىق مىھرى بار دە . ئۇ بۇ قىتىم چوڭ ئىش چىققانلىقىنى ئويلاپ يەتكەن ھامان كاللىسى قىززىپ جىنىنى تىكىپ بولسىمۇ دادىسى بىلەن ئاكىسىنى قۇتقۇزۇشنى ئويلاپ بىشىنى كەينىگە شۇنداقلا بۇرىشىغا قۇمۇشلۇق ئىچىدە قان قىزىل رەڭلىك بىر نەرسىنىڭ زوڭزىيىپ ئۆزىگە قاراپ تۇرغانلىقىنى كۆردى .
  ئەمىلىيەتتە كەنجىتايمۇ ئاكىسى دىگەندەك لەقۋا ، يارىماسلاردىن ئەمەس ئىدى . بىر قانچە قىتىم دادىسىغا ئەگىشىپ يەر ئاستىغىمۇ چۈشكەن ، قورقۇنۇچلۇق ئىشلارنىمۇ ئاز كۆرمىگەن ئىدى . ئۇنىڭغىمۇ ئايان يەر ئاستىدا ھەر قانداق ئىشلار يۈز بىرىشى مومكىن . بۇنداق ۋاقىتتا ئەڭ موھىمى ھۇدۇقۇش ، ئالاقىزادىلىك ئەمەس بەلكى ئەھۋالغا قاراپ ئىش تۇتۇش ، پىكىر يۈرگۈزۈشكە ماھىر بولۇش . ھازىرقى قارا شۇملۇق بولامدۇ ، ئاق شۇملۇق بولامدۇ ئىش قىلىپ ھەممىسى شۇملۇق . بىر موكا ئوق ئىتىپ ئۆتمە تۆشۈك قىلىۋەتسىمۇ قورۇققىدەك ھىچ ئىش يوق .  
   كەنجىتاي چوڭ بىر نەپەس ئىلىپ جىددىيلەش نىرۋىلىرىنى تىنىچلاندۇرغاندىن كىيىن كەينىگە چىكىنمەستىن بەلكى ھىلىقى مەخلۇققا قاراپ قەدەممۇ – قەدەم يىقىنلاپ باردى . ئۇ قولىدىكى قۇتىلۇق پوجاڭزىنى چىڭ تۇتۇپ ھىلىقى مەخلۇقنىڭ مىڭىسىدىن قىزىل ئەتتىرگۈل ئىچىلدۇرۇشقا تەييارلاندى .
  كەنجىتاي غەلىتە مەخلۇقنى قۇربانلىق قىلىشنى ئويلاپ يىنىدىكى خەنجەرىنى سۇغۇرۇپ ھۇجۇم قىلىشقا تەييارلانغان شۇ دەقىقىدە ؛ غالىتە مەخلۇق بەدىنىنى يا شەكلىدە ئىگىپ كەنجىتايغا ئىتىلدى . كەنجىتاينىڭ كۆز ئالدىدىن غىل – پاللا قىلىپ قىزىل نۇر ئۆتكەندەك قىلدى . ئۇ قىچىشنى ئويلىغان بولسىمۇ بىراق ئاللىقاچان كىچىككەن ئىدى . غەلىتە مەخلۇق كەنجىتايغا ئىتىلىشىغىلا كەنجىتاي ئۆزىنى كەينىگە تاشلاپ قۇتۇلۇق پوجاڭزىغا خەنجىرىنى سانجىپ غەلىتە مەخلۇقنىڭ كۆكرىكىگە تىقىپ ئارقىدىنلا دادىسى سوۋغا قىلغان كىچىك ئوۋ مىلتىقى بىلەن غەلىتە مەخلۇقنىڭ كۆرىكىگە قارىتىپ بىر قانچە پاي ئوق ئۈزدى . دەل شۇ پەيىتتە كۈچلۈك پوجاڭزىنىڭ پارتىلىغان ئاۋازى بىلەن تەڭ غەلىتە ماخلۇقنىڭ تىنىدىن قانلار چاچىراپ بىر قانچە قەدەم كەينىگە داجىغاندىن كىيىن قۇمۇشلۇققا يىقىلدى . كەنجىتاي غەلىتە مەخلۇقنىڭ كەينىدىن دەمبەس قەدەم قوغلاپ قۇمۇشنىڭ ئۈستىگە يىقىلغان غەلىتە مەخلۇقنىڭ بىشىغا قارىتىپ تەپكىنى بىسىشى بىلەن " تاق ..." قىلغان ئاۋاز ئاڭلاندى . ھەي نەس باسقۇر ئوۋ مىلتىقى ، ھالقىلىق پەيىتتە مىشەك قىسىلىپ قالغان ئىدى.
بۇ كونا ئوۋ مىلتىقى ئەمىلىيەتتە كەجىىتاينىڭ دادىسى ئىلگىرى بىر مىلتارىسنىڭ قەۋرىسدىن كولاپ تىپىپ كەلگەن ئەجنەبىلەرنىڭ دەسلەپكى ۋاقىتلاردكى مىلتىقى بولۇپ تىپىپ كەلگەن چاغدا خىلى ياخشى ئىتىلاتتتى. ئەپسسۇسلىنارلىق بۇ بىر نەچچە يىلدىن بۇيان ئۇ دادىسغا ئەگشپ يۇرۇپ بۇ ‹‹ مىلتىقنى ›› ئاسراشقا ۋاقىت چىقىرالمىدى .ۋاقىت چىقىرالمىدى ئەمەس بۇ ئەسكى مىلتىقنى ئاسراشنى خالىمدى.ئۇنىڭ ئۇستىگە ئوق چىقىرىدىغان پۇرسەت يوق دىيەرلىكلا بولۇپ ،مىلتىق سىتولى بىر قىزىپلا بىلىەن مىشەك قىسلىپ قالدى .ھەي ! نەس باسقان چاغدا سۇ ئچسمۇ گالغا تۇرۇپ قالىىدۇ.
كەنجىتاي ھىلىقى مەخلۇقنىڭ مىدىرلىغانلىقنى ھەمدە ئورنىدىن تۇرۇشقا ھەركەت قىلىۋاتقانلىقىنى كۆرۇپ كۆڭلىدە بىرنى قارغىدى.بايامقى جاننى تىكىپ ئىلىشدىغان جاسارەتتىن ئەسەرمۇ قالمىغان ئىدى . ئۇ ئەھۋالنىڭ چاتاقلىقىنى بىلىپ قولىدىكى ‹‹ئوۋ مىلتىقىنى›› غەلىتە مەخلۇققا قارىتىپ ئاتتى .ئىتىپ بولۇپلا تەگكەن– تەگمىگىنىگە قاراپمۇ قويماي كەتينىگە بۇرۇلۇپلا قاچتى .بۇ قىتىم ئۇ كەينىگە بۇرۇلۇشقا جۇرئەت قىلالماي يىراقتكى بىر چوڭ دەرەخنى نىشان قىلىپ ئۇچقاندەك يۇگرەۋىتپ ئويلىدى : بۇ خۇدا ئۇرغۇر بىر نىمە ھەرقانچە يامان بولسمۇ دەرەخكە يامىشالماس ، ئاۋال دەرەخكە يامىشپ پانالىنپ تۇراي .يۇگرەۋىتىپ تۇيۇقسز ئۇنىڭ پۇتى قورسىقى تويۇپ ئۇخلاۋاتقان لالما ئىتقا پۇتلۇشۇپ ئۇستۇنكى بەدىنى ئېنرىتسيە سەۋەبىدىن ئۇدۇللا قىرى دەرەخكە ئۇرۇلۇپ باش–كۆزلىرى دەرھاللا قانغا بويالدى . بۇ قىتىم يىقىلپ ھەقىقەتەن سەت ئىش بولدى . ئەگەر بىرەرسى بومبا ساقالنىڭ ئوغلىنڭ بىر لالما ئىتقا پۇتلىشىپ يىقلغىنى ئاڭلىسا بومبا ساقال يۇزنى قايەرگە قويار ؟
بۇ چاغدا كەنجىتاينىڭ كۆزلىرىگە يۇلتۇز كۆرۇنۇشكە باشلىدى . ئۇ چىشىنى چىشىغا چىشلەپ ئورنىدىن تۇرماقچى بولدىيۇ ، بىراق ھەرقانچە قلسمۇ بىلەكلىرى كۇچىيەلمىدى. شۇ دەققدە چىدۇغىسز دەرىجىدىكى بىر خىل سېسىق پۇراق ئۇنىڭ بۇرنىغا ئۇرۇلدى . ئۇ ئورۇلۇپ قاراپلا غەلىتە مەخلۇقنىڭ ئوزىدىن بىر نچچە قەدەم يىراقتىا ئىكەنلىكىنى كۆردى. ئەزرائىل كەنجىتاينىڭ ئىسمىنى چاقىرۋاتاتتى .
كەنجىتاي ئۇنچىلىك دوتلەردىن ئەمەس ، ئۇ ئوزىنىڭ ئەجىلىنىڭ توشقانلىقنى كۆرۇپ ئاچچىقىنا بىرنى كۇلۇپ قويدى . دەل شۇ پەيىتتە ھىلىق مەخلۇقنىڭ بىرلا تاقلاپ ئۇنىڭ مۇرىسگە دەسسىپ ئوتتى .كەنجىتاي لەۋلىرى ئارىسىدىن ئىسق سۇيۇقلۇقنىڭ سىرغىپ چىققۋاتقانلىقنى بىلىنەر–بلىنمەس ھىس قىلىش بىلەن بىرگە مۇرىسنىڭ چىدىغۇسز دەرىقىدە قىچىشۋاتقانلىقنى سەزدى . ئۇنىڭ كۆزلىرى بارا–بارا خىرەلىشكە باشلىدى.
كەنجىتاي ئوزىنىڭ زەھەرلەنگەنلىكىنى شۇنداقلا زەھەرنىڭ شۇنچىلىك كۇچلۇك ئىكەنلىكىنى تونۇپ يەتتى . ئۇنىڭ كۆزلىرى خىرەلەشكەن شۇ پەيىتتە ئاكىسىنڭ ئۇزۇلگەن قولى ئۇنىڭ قوينىدن دومىلاپلا يەرگە چۇشتى.
ئۇزۇلگەن قول بىر نەرسنى سىقمدىۋالغاندەك قىلاتتى.  
كەنجىتاي كۇچەپ كۆزىنى ئىچىپ قولغا قارىدى ، ئاكىسنىڭ قولىدا بىر پارچە يىپەك رەخىت تۇرغاندەك قىلاتتى.كەنجىىتاي ئويلاپ ئاكىسى جىنىنى تىكىپ قويۇپ تاپقان نەرسە چوقۇم ئادەتتكى نەرسە ئەمەس، ھازىر ئۇلارنىڭ ئەھۋالىمۇ ئىنىق ئەمەس . مەن نىمە بولسام مەيلى ،بۇ نەرسىنى چوقۇم ياخشى ساقلىشىم كىرەك ،مۇبادا مەن ئولسەممۇ ئۇلار ھايات بولسا مىنىڭ جەسىتىمنى تاپقاندا بۇ نەرسىنى بايقايدۇ، ئۇنداقتتا ئاكامنىڭ قولىمۇ بىكارغا ئۇزۇلمىگەن ، مەنمۇ بىكارغا ئولمىگەن بولىمەن . ئۇ ئورۇلۇپلا ۋۇجۇدىدكى بارلىق كۇچنى يىغىپ ئاكىسىنىڭ ئۇزۇلگەن قول بىغىشى ئارىسدن يىپەل رەخىتنى ئىلىپ يىڭىنڭ ئىچگە يۇشۇرۇپ قويدى.
بۇ ۋاقىتتا ئۇنىڭ قۇلۇق غوڭۇلداشقا باشلىدى .كۆزلىرمۇ خۇددى بىر قەۋەت ياغلىق توسۇۋالغاندەك غۇۋالىشىپ ، پۇت –قوللىرمۇ سوۋۇشقا باشلىدى . كەنجىتاينىڭ ئاڭلىغان –كۆرگەنلىرىگە ئاساسلانغاندا چوڭ–كىچك تەرىتى كونتۇرولىغىنى يوقۇتۇپ ئىشتىنىڭ ئېغىنى بۇلغاپ بولدى . زەھەرلەنگەن ئادەمنىڭ ئولىمى ناھايتى ئىچىنىشلىق ،ئۇنىڭ ھازىر ھەممىدن بەك ئۇمۇد قىلدىغنى قوشنا كەنىتتكى ئوتىرانچى قىزنىڭ ئوزىنىىڭ بۇ ھالىنى كۆرۇپ قالماسلىقى ئىدى.
ئۇ مۇشۇنداق بىشى بار ئاخىرى يوق خىيال قىلىلاتتى ، ئوي–پىكىرىنى كونترۇل قىلالمايتتى . بۇ چاغدا كەنجىۋاي بايام ئوغرى كامىردا ئاڭلىغان غەلىتە ئاۋازنى يەنە ئاڭلىغاندەك بولدى .
كەنجۋاي بىلىپ–بىلمەي ئەھۋالنىڭ ئىغىرلىقنى ھىس قىلدى . ئۇ قانلىق مۇردا بىلىەن تىركەشكەن چاغدىمۇ غەلىتە مەخلۇقنىڭ بۇنداق ئاۋاز چىقارغانلىقىنى ئاڭلىمىغان ، بىراق ھازىر يانە ئاۋاز چىقىۋاتىدىغۇ؟؟ ئەجەبا بايامقىسى قانلىق مۇردا ئەمەس؟ ئۇنداقتتا بايام كۆرگىنى قانداق مەخلۇق ؟ ئەمما بۇ چاغدا كەنجىتاي پىكىر قىلىش ئىقتىدارىنى يوقاتقان ئىدى .كەنجىتاي كۇچەپ بىشىنى كۆتۇرۇپ غايەت زور يۇزلۇك مەخلۇقنقڭ ئىڭشىپ تۇرۇپ ئوزىگە قاراۋاتقانلىقنى كۆردى . بىر جۇپ كۆز قارچۇقى يوق غەلىتە ‹‹كۆز›› كەنجىتايغا تىكىلگەندى.





جەنۇپپەرەس ئۈچىنچى تاغىنڭ‹‹ كىپەن ئوغۇرلاش خاتىرسى››ناملىق ئەسىردىن تەرجمە قلىندى
ئالۋاستى سالونىدىن ئېلىندى.

tewekkulchi يوللانغان ۋاقتى 2014-6-20 11:03:45

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   tewekkulchi تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-6-20 12:08  

ئىككىنچى باب
2013-04-23 alwasti

               
                      1- خاتىرە 1-بۈلەك 2-باب 50 يىلدىن كىيىن
 50 يىلدىن كىيىن خاڭجۇ خىفاڭ كوچىسى . بىر قىرىنىڭ چاقىرشى بىلەن مىنىڭ پىكىرىم چىچىلدى . مەن بوۋامنىڭ خاتىرسىنى يىپىپ قويغاندىن كىيىن ئۇنىڭغا باشتىن ئاخىرى سەپ سالدىم .  
   " بۇ يەردە نۇسقا ئالامدۇ ؟ " سورىدى ئۇ . چىرايىدىن مۇنداقلا سوراپ قويغاندەك قىلاتتى . ئەمىلىيەتتە مىنىڭ بۇ كەسىپنى قىلىشتا تۇغما تالانتىم بار ئىدى . شۇڭا ئۇنى ئەپلەپ – سەپلەپ يولغا سالماقچى بولۇپ " ئالىمەن ، بىراق پۇلغا لايىقىنى ئالىمەن  " دىدىم . مەنىسى شۇكى سەندە ياخشى نەرسە بولمىسا تىزرەك يوقال ، ئاكاڭ قارىغاينىڭ كىتاپ كۆرىشىگە دەخلى قىلما دىگەندىن ئىبارەت ئىدى .
   بىزنىڭ بۇ ئوقەت ئالتە ئايغىچە دەسلەپ يوق ، دەسلەپ قىلدۇقمۇ ئۈچ يىلغىچە كۆڭۈل توق . ئادەتتە بىكارچىلىققا كۆنۈپ قالغان ؛ ئەڭ بىزار بولىدىغان ئىش بۇ ساھەنى چالا چۈشىنىدىغان خىرىدارلارغا مۇلازىمەت قىلىش . ئاستا – ئاستا ئۆزگۈرۈپ ھازىر يولدىن ئۆتكەن خىرىدارنى كۆرگەندە كۆز قىرىمغا ئىلىپمۇ قويمايمەن . بىراق يىقىندىن بۇيان بىكارچىلىقمۇ چىكىدىن ئىشىپ كەتتى ، مەمۇرچىلىق پەسلىنىڭ ئۆتۈپ كىتىشىگىمۇ ئاز قالدى . بىرەر ياخشى مالمۇ ئالالمىدىم . شۇڭا كۆڭلۈم بىرئاز يىرىم ئىدى .
   " ئۇنداقتا مەن سوراپ باقاي ، بۇ يەردە ئۇرۇشقاق بەگلىكلەر دەۋرىدىكى يىپەك كىتاپنىڭ نۇسقىسى بارمۇ ؟ يەنى 50يىل ئىلگىرى چاڭشالىق قەۋرە ئوغۇرلىرى ئوغۇرلىغان ، كىيىن بىر ئامرىكىلىق  تەرىپىدىن ئالداپ قويىۋىتىلگەن ھىلىقى بىر قىسمى ؟ " دەپ سورىدى ھىلىقى قىرى مىنىڭ پۇكىيىمدىكى ئاسارە ئەتىقىلەرگە قارىۋەتكەندىن كىين .  
   " سىز ئۆزىڭىزمۇ ئىيىتتىڭىز ، ئاللىقاچان ئامرىكىلىق تەرىپىدىن ئىلىپ كىتىلگەن نەرسە ، نەدە بولىدۇ ؟ " مىنىڭ ئاڭلاپلا ئاچچىقىم كەلدى . " نۇسقا ئىزدىسىڭىز بازارغا بىرىپ ئىزدەڭ ، نەدە نۇسقىنى بىكىتىپ قويۇپ ئىزدەيدىغان ئىش بار ؟ قانداق تاپقىلى بولىدۇ ؟" دىدىم چىچىلىپ .
   ئۇ ئاۋازىنى پەس قىلىپ : " ئاڭلىسام سىزنىڭ يولىڭىز بار ئىكەن ، مىنى لاۋياڭ ئىۋەتكەن " دىدى . مەن يۈرۈكۈمنىڭ ئەنسىز سوققانلىقىنى سەگەكلىك بىلەن ھىس قىلدىم . لاۋياڭ ئىككى يىل ئىلگىرى ئۇماچخانىغا كىرىپ كەتكەن ، قانداقسىگە مىنى پاش قىلسۇن ؟ بىرلا ئەنىسرەش بىلەن تەڭ دۈمبەم سوغۇق تەرلەشكە باشلىدى ، " قايسى....قايسى لاۋياڭ.........مەن ئۇنى تونىمايمەن ."  
    " چۈشىنىمەن ، چۈشىنىمەن......." دىدى ئۇ قوينىدىن بىر سائەتنى چىقىرىپ كۈلۈپ تۇرۇپ ماڭا تەڭلىگەچ . " قارىگە ، لاۋياڭ سىزنى بۇنى كۆرسىلا چۈشىنىدۇ دىگەن . " .
   بۇ سائەت لاۋياڭ شەرقى شىمالدىكى ۋاقىتتا ئۇنىڭ تۇنجى سۆيگىنى ئۇنڭغا سوۋغا قىلغان بولۇپ ئۇ بۇ سائەتنى جنىدىنمۇ ئىزىز بىلەتتى . مەس بولۇپ قالغان چاغلىرىدا سائەتنى چىقىرىپ " توز ، چارايلىق " دەپ كىتەتتى . مەن ئۇنىڭدىن ھىلىقى قىرى قىزنىڭ ئىسمىنى سورىغاندا ئۇ بىر ئاش پىشىم ئويلاپ ، يىغلاپ تاشلىغاندىن كىيىن " ئاناڭنى ، مەن ئۇنىڭ ئىسمىنى ئۇنتۇپ قاپتىمەن " دىگەن ئىدى . لاۋياڭنىڭ سائەتنى بۇ ئادەمگە بىرىشى بۇ ئادەمنىڭ تىگى – تەكتىنىڭ ئاددى ئەمەسلىكىنى چۈشەندۈرەتتى .  
  لىكىن مەن بۇ ئادەمگە قارىسام ھىچبىر ياخشى ئادەمگە ئوخشىمايتى . لىكىن لاۋياڭ تونۇشتۇرغان ئادەمگە ئازراق يۈز بەرمىسەممۇ بولمايتى . ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇياق ئاللىقاچان مىنى دۇكىنىمغا ئىزدەپ كەلگەن تۇرسا ، ئۇنىڭ سۆزىنى ئاڭلاپ تۈگەتمىسەم تازا قاملاشماس . مەن ئويلاپ بىقىپ ئوچۇق – يورۇقلۇق بىلەن پاراڭلىشىشنى لايىق تاپتىم .  
   " بىگىم سىزنى لاۋياڭ تونۇشتۇرۇپتۇ ، مىنى ئىزدەيدىغان قانداق ئىشتى ؟ "  
  ئۇ ئالتۇن چىشلىرىنى چىقىرىپ كۈلۈپ تۇرۇپ " بىر دوستۇم شەنشىدىن بىر ئاز نەرسە ئەكەلدۈرۈپتىكەن ، سىزگە كۆرسىتىپ راس يالغانلىقىنى بىكىتەي دىگەن ئىدىم " دىدى . _
 مەن ئۇنىڭ نىمە دىمەكچى بولغانلىقىى چۈشەندىم ، بۇ دۆت قۇش كىپەن ئوغۇرسىمۇ قانداق ؟ بىرەر ياخشى نەرسىنىمۇ كۆرۈپ باقمىغاندەك . باشقىلارغا باھاسىنى بىكىتمەكچى بولغىنىنى قارا....... ؟ ئاناڭنى ، ئورمانلىقتا قۇشنىڭ تۈرى كۆپ ، بىراق دۆت قۇش ئاسارە – ئەتىقە بازىرىدا باھا بىكىتمەكچى ؛ لىكىن بۇنداق ئادەملەر جىنىنى ئالقىنىغا ئىلىپ قويغان بولۇپ ، سىز ئەڭ ياخشىسى ئۇلارنىڭ چىشىغا تەگمەڭ . مەن ئۆزەمنى كەسپى ئىللىق چىراي كۆرسىتىشكە تىرىشىپ كۈلۈمسىرەپ تۇرۇپ ، " تەلەپپۇزىڭىزدىن قارىغاندا بىيجىڭدىن كەلگەندەك تۇرىسىز ، بىيجىڭدىن كەلگەن چوڭ غوجام ئىلىپ كەلگەن ئىسىل مالغا كۆز نۇرۇم ئاجىزلىق قىلارمىكىن ؟!! " دىدىم . ئۇ مىيقىدا كۈلۈپ قويۇپ ؛ "ھەممىسى جەنۇپلۇقلارنى سەگەك دىيشىدۇ ، مىنىڭچە بۇ راستكەن ، سىز تىخى ياش تۇرۇپلا بۇ دەرىجىىگە يىتىپسىز ، گەپنىڭ راستى مىنىڭ بۇ يەرگە كىلىشىم سىزنى ئەمەس ، سىزنىڭ بوۋىڭىزنى ئىزدەش " دىدى .
  كۆڭلۇم بىر قىسمىلا بولدى ،  بەلكىم چىرايىممۇ ئۆڭۈپ كەتكەندۇ . چۈنكى بوۋامنىڭ ئارقا كۆرنىشى ئىنتاھىن سىرلىق . ئۇنى بىلىدىغان ئادەملەرمۇ ئىنتاھىن ئاز . باشقىلارنىڭ بوۋامنى ئىزدىشى %70 – %80 ياخشى ئىش ئۈچۈن ئەمەس . " بوۋامنى ئىزديسىز ، بوۋامدا بىرەر ئۆچ ئاداۋىتىڭىز بارمۇ ؟ " سورىدىم مەن سوغىققىنە .  
    ھىلىقى ئالتۇن چىش مىنىڭ ئۆڭۈپ كەتكەنلىكىمنى كۆرۈپ ئالدىراپلا : " ياق، ياق ئۆچ ئاداۋىتىم يوق ، مەن پەقەت ئادەتتىكى بىر ئاسارە – ئەتىقە ھەۋەسكارى ، ئەينى ۋاقىتتا سىزنىڭ بوۋىڭىز چاڭشا بىياۋزىلىڭدا قەۋرىدىن كولاپ ئىلىپ كەتكەن ئۇرۇشقاق بەگلىكلەر دەۋرىدىكى يىپەك كىتاپتىن يىنىدا بىرەر – ئىككى پارچە بارمۇ – يوق ؟ بار بولسا مەن بىر پارچە سىتىۋىلىپ ئۆزۈمدىكىسىگە سىلىشتۇرۇپ باقاي ، ئوخشامدۇ – يوق دىمەكچى ئىدىم . "  دىدى . ئۇنىڭ گىپى تۈگىمەي تۇرۇپلا مەن بىر تەرەپتە مۈگىدەۋاتقان مۇلازىمغا قاراپ  " ۋاڭ مىڭ ، مىھماننى ئۇزۇتۇپ قوي !!! " دەپ ۋەارقىرىدىم .
 ھىلىقى ئالتۇن چىش  : " چىچىلماڭ ، تىخى پاراڭ تۈگىمەيلا مىھماننى ئۇزاتقان قائىدە نەدە بار " دىدى جىددىيلىشىپ . _ >  
   مەن ئۇنىڭغا ئىيىتتىم ، " بوۋام ئۆتكەن يىلى ئۇ دۇنياغا سەپەر قىلغان ، سىز بەك كۆرۈشمەكچى بولسىڭىز بىرەر دوناي سۆگەت تىپىپ ئۆزىڭىزنى ئىسىۋىلىڭ ، شۇنداق قىلىسڭىز ئاندىن ئۇنىڭ بىلەن ئەرىشتە كۆرىشەلەيسىز .  " مەن گىپىمنى تۈگۈتۈپلا ئالتۇن چىشنى دۇكاننىڭ بوسۇغۇسىغا ئىتتىردىم .
   ئويلىماپتىكەنمەن ، ئالتۇن چىشنىڭ يۈزى ئوبدانلا قىلىن ئىكەن ، ئۇ دۇكان ئىشىكىنىڭ قىرىنى تۇتۇۋىلىپ كەتكىلى قەتئى ئۇنىماي ، " ئالدىرىماڭ ، ئالدىرىماڭ ، مىنىڭ گىپىم تىخى تۈگىمىدى ، ئۆتۈنۈپ قالاي " دىگىنىچە ئىشىكنىڭ قىرىغا چاپلىشىۋالدى . يىرىم كۈن ھەپىلىشىپمۇ ئۇنى ئاجىرتالمىغاندىن كىيىن ئۇنىڭغا " ئاناڭنى ، گىپىڭ بولسا تىز سۆزلە ، مىنىڭ تىجارەت قىلىشىمغا توسقۇنلۇق قىلما " دىدىم .
  " سەن مىنىڭ نەۋرەمدەك تۇرۇپ نىمىشقا سۆزلىسەم سۆزۈمنى ئاڭلىمايسەن ؟ " ئالتۇن چىش ئوغرىدەك كۈلۈپ تۇرۇپ ، " غوجام غەرىپكە سەپەر قىلغان بولسا بوپتۇ ، مەن بىر نەرسە دىمىدىمغۇ ؟ ھەر قانچە بولسىمۇ سەن مەن ئەكەلگەن مالغا قاراپ باقمامسەن ، ئازراق بولسىمۇ لاۋياڭنىڭ يۈزىنى قىل " دىدى .  
   مەن ئۇنىڭغا قارىدىم ، ئادەمنىڭ يۈزى قىلىن بولسا ئامال يوقكەن . سىرىتتا بىر مۇنچە كىشىلەر توپلىشىپ مەن بىلەن يۈزى قىلىن ئالتۇن چىشنىڭ چاڭچىلىسىنى كۆرىۋاتاتتى . ئەگەر بۇنداق كىتىۋەرسە مەن ئەتىكى گىزىتكە چىقىپ قىلىشىم مومكىن ئىدى . شۇڭا بىشىمنى لىڭىشتىپ ؛ " بولىدۇ ، ئىچىگە كىر ، بىز ئوبدانراق قاراپ باقايلى ، بىراق ھازىر گەپنىڭ ئوچىقىنى دەپ قوياي ، مەن كۆرۈپ بىر نەرسە دىيەلەمدىم – يوق بىلمەيمەن " دىدىم .  
   " ئەلۋەتتە ، ئەلۋەتتە ، مەنمۇ مۇشۇ ئوقەتنى قىلىمەن ، بۇنچىلىك قائىدىنى بىلگۈچىلىگىم بار "  دىدى ئالتۇن چىش .  
  ئەمىلىيەتتە بۇ ئۇرۇشقاق بەگلىكلەر دەۋرىدىكى يىپەك كىتاپ 20 تومدىن ئارتۇق ، ھەر بىر تومى ئوخشىمايدۇ . بوۋام ئوغۇرلاپ چىققان بىر بۆلىكى ئىنتاھىن قىسقا بولۇپ ئەينى ۋاقىتتىكى بىر نەچچە نۇسقىسى  ھازىرغىچە مىنىڭ ئۆيۈمدىكى كونا ساندۇقنىڭ تىگىدە ساقلىنىۋاتاتتى . يىپەك كىتاپ پۇل بولسىمۇ سىتىۋالغىلى بولمايدىغان تەۋەرۈك بويۇم بولۇپ ، مەن ئالتۇن چىشقا بىلمەيمەن دەپ يالغان سۆزلىسەممۇ ئۇ سىزەلمەيتى .  
   بىز  بىر نەچچىمز ئارقا دۇكانغا قايتتۇق . مەن ۋاڭمىڭغا بۇ مىھمانغا چاي دەملەشنى تاپىلاپ ئالتۇن چىشقا نەرسنى چىقىىرشقا كۆز ئىشارىىتى قىلدىم . ئالتۇن چىش بىرئاز خىىجىل بولغان قىياپەتتە قوينىدىن بىر ئاق رەڭلىك قەغەزنى چىقىرىپ ماڭا سۇنغانتى ، بىر قاراپلا ئەرۋاھىم قىرىق گەز ئۇچتى :" سىكەي.....، كۆپەيتىلگەن نۇخىسى. "  
   " شۇنداق ، شۇنداق . ھىلىقى گۆھەرنى يىنىدا ئەپ يۈرۈش تازا قاملاشمايدۇ ، سەللا بىخەستىلىك بولسا ئۇۋۇلۇپ كىتىدۇ ." ئالتۇن چىش قەستەنگە ئاۋازىنى پەس قىلىپ ، " ئەگەردە مەن كۈچ چىقارمىغان بولسام بۇ نەرسە ئاللىقاچان چەت ئەلگە ئىقىپ كەتكەن بولاتتى ، جۇڭگو خەلىقى ئۈچۈن خىزمەت قىلدىم دىسەممۇ بولىدۇ . "   دىدى .  
   مەن كۈلكەمنى زورىغا بىسىپ تۇرۇپ :" سىز  ناھايتى بولسڭىز شۇ كىپەن ئوغرىسغۇ ؟؟ مىنىڭچە سىز راست جانىۋارنى چىقىرىشتىن قورقىۋاتىسز ، سىز دىگەن نەرسە دۆلەت گۆھىرى ھىساپلىنىدۇ ، كاللىڭىزنڭ كىتىشىدن قورقىۋاتقانلىقىز ئېنق تۇرۇپ تىخى ، نىمە خەلىق ئۈچۈن خىزمەت ..........ئوسرۇق گەپ " دىدىم .  
  مەن ئۇنىڭ ئەپتى–بەشرىسنى ئىچىۋەتكەندن كىيىن چىرايى بىردىنلا تاتاردى . بىراق ئۇنىڭ مەندە ھاجىتى بار ، شۇڭلاشقا ئۆزىنى زورغا بىسىپ تۇرۇپ سۆزلىدى: " گەپنى بۇنداق دىسەك قاملاشماس ،  ھەر بىر كەسىپنىڭ ئۆزىگە چۇشلۇق يولى بولىدۇ ، بوۋىڭىز ئەينى ۋاقتتا ‹‹ئالتۇن قازغۇچى›› لىق قىلغان چاغلىرىدا نامى تارالغان ........."  
   مەن چىرايىمنى پۈرۇشتۈرۈپ :" يەنە بوۋامنى تىلغا ئالىدىغان بولسىڭز .........." دەپ ۋارقىرىدىم .
  " ماقۇل ، ماقۇل ، سىز تىزرەك كۆزدىن كەچۈرۈڭ ، مەنمۇ تىزرەك بۇ جايدىن يوقىلاي " دىدى ئالتۇن چىش .  
   مەن كۆپەيتىمە نۇسقىغا بىر قاراپلا ناھايتى ياخشى ساقلانغان ئۇرۇشقاق بەگلىكلەر دەۋرىدكى يىپەك كىتاپ ئىكەنلىكنى بىلدىم . بىراق بۇ نۇسخىسى بوۋام ئەينى ۋاقتتا ئوغىرلاپ چققانلىرغا ئوخشىمايتى . بۇ يىپەك كىتاپ ناھايتى ياخشى ساقلانغان بولسمۇ مىنڭچە ، بۇ كىتاپ ئۇرۇشقاق بەگلىكلەر دەۋرىدن كىيىنكى بىر نەچچە سۇلالە دەۋرىدە تەقلد قىلىپ ياسالغىنى ئىدى . ئىنىقلا ئاسارە – ئەتىقىنڭ ئوغۇرلۇقچە نەشىرى، بۇ نەرسنڭ سالاھىتىنى بىكىتىش ئادەمنى ناھايتى ئوڭايسىزلاندۇراتتى . شۇڭلاشقا مەن مىيقىمدا كۇلۇپ تۇرۇپ :" بۇ جانىۋار مىنىڭچە خەن سۇلالىسى دەۋرىدە ياسالغان تەقلىدى بويۇم ، قانداق سۆزلەي!؟ مۇنداقلا دەي ، بۇ نەرسە راست دىسىڭز راست ئەمەس ، يالغان دىسىڭز يالغان ئەمەس ، ئۇنىڭ راست يىپەك كىتاپقا تەقلىد قىلىپ يىزىلغىنى ياكى بىرەرى قوڭىغا ئۇرۇپلا توقۇپ چىققىنىنى جىن–ئالۋاستىلار بىلىشى مۇمكىن !؟ شۇڭا مەنمۇ نىمە دىيىشمنى بىلمىدىم ."
   " ئۇنداقتتا بۇ بىر پارچىسى بوۋىڭىز ئوغىرلاپ چىققان بىر بۆلىكنىڭ ئارىسىدىكسى ئەمەس؟" سورىدى ئالتۇن چىش .  
   "سىزگە راست گەپنى ئېيتسام ، ئوغىرلاپ چىقىلغان بۆلكى بوۋام ئۆزىمۇ كۆرۇشكە ئۈلگۈرمەيلا بىر ئامرىكىلق تەرپىدىن قويىۋىتىلگەن ، شۇڭا سىزنىڭ بۇ سۇئالىڭزغا جاۋاپ بىرىشكە ئامالىم يوق ." مەن كۆڭلۇمدە بۇ قىرىنى ئالدىماق ئاسانغا چۇشمەيدىغان ئوخشايدۇ دەپ تۇرسام ئالتۇن چىش سۆزۇمگە ئىشەنگەن قىياپەتتە ئۇھ تارتىپ :" ھەي ! ھەقىقەتەن قاملاشمىدى دە، قارىغاندا ھىلىقى ئامرىكىلقنى ئزدەشتىن باشقا چارە قالمىغان ئوخشايدۇ  " دىدى .  
  "نىمشقا ، سىز نىمشقا بىر پارچە ئەسكى قەغەزگە شۇنچىلىك قىزىقىسز ! ؟ " دەپ سورىدىم . مىنڭىچە ئالتۇن چىشنڭ ئويلىىغىنى چەكتىن سەل ئىشىپ كەتكەن،  بۇ قەدىمى ماتىريالنى يىغىش تەلەيگە باغلىق ، تولۇق 20جىلد ئۇرۇشقاق بەگلىكلەر دەۋرىدىكى يىپەك كىتاپنى يىغىۋىلشنى ئويلاش ئازراق ئاچكۆزلۈكمۇ قانداق  
  " كىچىك  بۇرادەر مەن سىزدىن يوشۇرمايمەن ،مەن راستىنلا قەۋرىگە چۈشىدىغانلاردىن ئەمەس ، سىز مىنىڭ  بۇ ئەلپازىمغا قاراپ بىقىڭ ، مەن ‹‹ئالتۇن كولىغىلى›› چۈشۈپ جىن – شاياتۇنلارنڭ ئازابىغا بەرداشلىق بىرەلەيدىغاندەك تۇرامدىم ؟؟؟  بىر دوستۇم مۇشۇ ھۇنەرنىڭ ئۇستىسى ، مەنمۇ ئۇنىڭ نىمە ئويلايدىغنىنى بىلمەيمەن . ھەرقاچان ئۇنىڭمۇ ئويلىغىنى بار  . " دىدى ئالتۇن چىش ھىجىيپ تۇرپ بىشىنى چايقاپ . "مەنمۇ سوراۋەرسەم تازا قاملاشماش ؟؟ بىشمىزغا كەلگىنىنى كۆرمەمدۇق " دەپ پىشىنى قىقپلا كىتىپ قالدى .
 مەن تۇيۇقسىز ئالتۇن چىشنىڭ كۆپەيتىلگەن يىپەك كىتاپىنىڭ تىخىچە قولۇمدا ئىكەنلىكىنى ،  قەغەز يۈزىدە بىر نەقىشنىڭ بارلىقىنى ، بۇ نەقىشنىڭ تۈلكىگە ئوخشايدىغان ئادەم يۈزى بولۇپ كۆز قارچۇقى يوق ، كۆزى قارىغان ئادەمگە شۇملۇق تۇيغۇسى پەيدا قىلاتتى . يەنى مىنىڭ دىمەكچى بولغىنىم بۇ كۆز بىر قاراشقىلا قەغەزگە ئويىۋىتىلگەندەك ، ھازىرلا قەغەز يۈزىدىن تۆكۈلۈپ قالىدىغاندەكلا قىلاتتى . ئويلاپ باقسام بۇ يىپەككە كۆچۈرۈلگەن كىتاپنى مەن ئەزەلدىن كۆرۈپ باقمىغان ؛ بەلكىم ئاز ئۇچرايدىغان بىر خىلى بولىشى مومكىن . مىنىڭ پەرىزىمچە لاۋياڭ تۈرمىدىن چىققاندىن كىيىن مۇشۇ كۆپەيتىلگەن نۇسقىغا ئاساسەن بىر قانچە يالغان كىتاپ ياسىساقمۇ ماۋجۇشىنىڭ قىزىل قەغىزىدىن خىلى كۆپ تاپقىلى بولاتتى . بىراق نەدىن بىلەي مۇشۇ ۋاقىتتا ھىلىقى ئالتۇن چىش كەينىگە بۇرۇلۇپ مەن تەرەپكە كىلىۋاتاتتى . مىنىڭچە ئۇ چوقۇم بۇ نەرسىنى ئالغىلى كەلگەن ، شۇڭلاشقا مەن دەرھال ئارقا دۇكانغا ئۆتۈپ سىفىرلىق فوتو ئاپراتنى ئىشلىتىپ ئوخشىمىغان ئورۇندا تۇرۇپ بۇ جانىۋارنى بىر قانچە پارچە سۈرۈتكە تارتتىمدە قەغەزنى ئىلىپ ئۇچقاندەك دۇكان بوسۇغۇسىغا ئىتىلدىم . ئىتىلدىم يۇ ،  ئۇنىڭ بىلەن ئىشىك بوسوغىسىدا كاللا قويۇشتۇق . " سىز نەرسىڭىزنى ئۇنتۇپ قاپسىز " دىدىم مەن ئالدىراپ تىنەپ. Xm_Ub>N5  
   مىنىڭ بوۋام چاڭشالىق قەبرە ئاچقۇچى . ئىنىقراق قىلىپ ئىيىتقاندا " كىپەن ئوغۇرسى" . بوۋامنىڭ بۇ كەسىپ بىلەن شۇغۇللىنىشى ئازراقمۇ غەلىتە ئەمەس . ھازىرقى ئىغىز تىلى بىلەن ئىيىتقاندا ئاتا كەسپىگە ۋارىسلىق قىلغان . ئۇلۇغ بوۋامنىڭ ئۇلۇغ بوۋىسى 13 ياشقا كىرگەن يىلى ئوتتۇرا تۈزلەڭلىكتە قۇرغاقچىلىق ئاپىتى بولىدۇ . ئۇ چاغلاردا قۇرغاقچىلىق بولسا ئاچارچىلىق زىمىننى قاپلايدۇ . سىزنىڭ پۇلىڭىز بولسىمۇ يىگۈدەك نەرسە يوق . سىتىۋالاي دىسىڭىزمۇ يوق . ئەينى ۋاقىتتا چاڭشا ئەتراپىدا ھىچنىمە قالمىغان . بار دىيىلگەن تەقدىردىمۇ قەدىمى قەۋرە كۆپ .
   شۇڭلاشقا ئۆيىڭىز تاققا يىقىن بولسا تاققا تايىنىپ جاھاندارچىلىق قىلىسىز ، ئۆيىڭىز قەۋرىگە يىقىن بولسا كىپەنگە تايىنىپ . ئۇ ۋاقىتتا پۈتكۈل كەنىتتىكىلەر  بىرلىكتە يەر ئاستىغا چۈشەتتىكەن . مۇشۇ سەۋەپتىن چاڭشادا نەچچە مىڭلىغان ئادەم ئاچارچىلىق سەۋەبىدىن جىنىدىن ئايرىلغان ئىكەن . بىراق ئاشۇ كەنىتتىكىلەردىن بىرەرىنىڭمۇ ئاچارچىلىق سەۋەبىدىن ئۆلمەيلا قالماي بەلكى داۋاملىق ھورمانتىسى يەپ ، سەي شورپىسى ئىچىشنىڭ سەۋەبى بولسا ؛ ئۇلار قەۋرىدىن ئوغۇرلاپ كەلگەن نەرسىلەرنى چەتئەللىكلەرنىڭ ئاشلىقىغا تىگىشكەنىكەن .
   كىيىنچە ۋاقىتنىڭ ئۇزۇرشىغا ئەگىشىپ كىپەن ئوغۇرلاشمۇ باشقا ساھەلەرگە ئوخشاش مەدىنيەتنىڭ بەزى پۇراقلىرىنى ئۆزىگە سىڭدۈرگەن . مىنىڭ بوۋاملارنىڭ دەۋرىگە كەلگەندە كەسىپ ئۆلچىمى ، ئۇسلۇپ ، ئىقىم پەرقى شەكىللەنگەن ئىكەن . ئۇ ۋاقىتلاردا قەۋرە ئوغۇرلاش كەسىپى جەنۇپ ئىقىمى ، شىمال ئۇسلۇبى دەپ ئىككىگە بۆلۈنگەن ، مىنىڭ بوۋام جەنۇپ ئىقىمىدا بۇلۇپ ئۇلار لوياڭ گۈرجىكىنى ئىشلىتىپ قەۋرە ئىزدەشكە ماھىر ، ھەتتا بەزى يۇقرى سەۋىيەلىكلىرى بۇرنىغا تايىنىپ توپىنى بىرلا پۇراپ قەۋرىنىڭ قانچىلىك چۇڭقۇرلۇقتا ، قايسى سۇلالە – پادىشاھلىق دەۋرىگە مەنسۇپ ئىكەنلىكىگە ھۆكۈم قىلالايدىكەن . ھازىرقى بەزى رومانلاردا لوياڭ گۈرجۈكى كۆپ تىلغا ئىلىنىدۇ . ئەمىلىيەتتە شىمالى ئۇسلۇپتىكىلەر لوياڭ گۈرجىكىنى ئىشلەتمەيدىغان بولۇپ ، ئۇلار قەۋرىنىڭ ئورنى ، ئىچكى تۈزۈلىشىگە ھۆكۈم قىلىش جەھەتلەردە ئۆزگىچە يول تۇتقان . مۇنداقچە قىلىپ ئىيىتقاندا ئاتالمىش " ئەجدىرھا پەللىسىنى ئىزدەش " . بىراق شىمال ئۇسلۇپتىكىلەر ئازراق غەلىتە . قانداق دەي ؟! بوۋامنىڭ دىگىنى بويىچە ئۇلار سەمىمى ئەمەس ، ھىيلە – نەيرەڭلىرى كۆپ ، كىپەن ئوغۇرلاشقا نەدىن كەلگەن جىق قائىدە ئۇ ؟ كىلىپلا ئالىدىغىنىنى ئىلىپ قۇيرىغىنى خادا قىلسا بولمىدىمۇ ؟ ؟ شىمال ئۇسلۇپتىكىلەردە بىيۇكراتلىق ئىددىيسى بىرئاز  ئىغىر . ئۇلارغا ئوخشىمايدىغىنى جەنۇپ ئىقىمىدا قائىدە – نىزاملار كۆپ ئەمەس . ئۇنىڭ ئۈستىگە مىيىتتىن تەپ تارتمايدۇ . شىماللىقلار جەنۇپلۇقلارنى غالجىر ئىت ، مەدىنيەت مىرسلىرىنىڭ قاتىلى ، جەنۇپلۇقلار كىرگەن قەۋرىدىن ئۆرۈلمەيدىغىنى يوق ، ھەتتا ئۆلۈكنىمۇ ئەپقىچىپ ساتىدۇ دەپ تىللايدۇ . جەنۇپلۇقلار شىماللىقلارنى ساختىپەز ، ئىككى يۈزلىمىچى ، ئېنىقلا  كىپەن ئوغىرسى بولسىمۇ ، ئۆزىنى نىمە – نىمىلەرگە ئوخشىتىدۇ دەپ تىللايدۇ . ئاخىرىغا كەلگەندە ئىككى تەرەپ ئارىسىدا قۇراللىق توقۇنۇش يۈز بەرگەن ، ھەتتا ‹‹ ئۆلۈكلەر ئۇرۇشى ›› قاتارلىق پاجىئەلەر كىلىپ چىققان . ‹‹ ئۆلۈكلەر ئۇرۇشى ›› دىن كىيىن ئىككى تەرەپ چاڭجاڭ دەرياسىنى پاسىل قىلغان . شىمال ئىقىمى ‹‹ قايتا ئاچقۇچى ›› ، جەنۇپ ئۇسلۇبى ‹‹ قۇم تازلىغۇچى ›› دەپ ئاتالغان . لوياڭ گۈرجىكى پاسىل ئايرىلغاندىن كىيىن كەشىپ قىلىنغان . شۇڭلاشقا شىمال ئۇسلۇپىدىكىلەر ئىشلىتىشنى خالىمايدۇ . ئىلگىرى بوۋام خەت تونىمايتى . كىيىنچە ساۋاتسىزلىقنى تۈگۈتۈش سىنىپىغا كىرىپ جاننى تىكىپ ، تىرناقچىلىك مەدىنيەت سەۋىيسىگە ئىرىشكەن . كومپارتىيەگە مىڭ رەھمەت . بوۋام خەت يىزىشنى ئۈگەنگەندىن كىيىن ئۆز بىشىدىن ئۆتكۈزگەنلىرىنى بىرمۇ – بىر يىزىپ قالدۇرغان ئىكەن .  چاڭشا بىياۋزىلىڭدىكى كەنجىتاي دەل مىنىڭ بوۋام . مومامنى زىيالى دىيىشكە بولىدۇ . چوڭ جەمەتنىڭ ئەتىۋارلىق قىزى. بوۋامنىڭ غەلىتە كەچۈرمىشلىرى ئەينى چاغدىكى نازىنىن مومامنى ئۆزىگە مەھلىيا قىلىۋالغاچقا بوۋامغا ياتلىق بولغانىكەن . كىيىنچىرەك بوۋام ئالتۇن قاچىدا قول يۇغاندىن كىيىن ئۇلار بىرلىكتە خاڭجۇغا كۆچۈپ كەلگىنىكەن .  
   بوۋامنىڭ خاتىرسى بىزنىڭ ئەۋلادتىن – ئەۋلادقا قالدۇرىدىغان بايلىقىمىز . بوۋام ھىلىقى ‹‹ ئۆلۈكلەر ئۇرىشى ›› سەۋەپلىك پۇراش ئىقتىدارىدىن مەھرۇم قالغاندىن كىيىن بىر ئىت تەربىيلىگەن . باشقىلار بوۋامغا ‹‹ ئاپشاركا شاھى ›› دەپ نام بەرگەن . بۇلارنىڭ ھەممىسى راس . بۇ ئىشلارنى چاڭشادىكى يىشى چوڭ قىرىلارنىڭ ھەممىسى بىلىدۇ .
   بوۋامنىڭ قانداق ھايات قالغانلىقى ، ئىككىنچى ئۇلۇغ تاغام بىلەن ئۇلۇغ بوۋام ، ئۇلۇغ ئۇلۇغ بوۋامنىڭ ئاخىرى قانداق بولغانلىقى توغرسىدىكى سۇئاللىرىمغا بوۋام باشتىن ئاخىرى جاۋاپ بىرىشنى رەت قىلىپ كەلگەن .مىنىڭ ئىسىمدە قىلىشىچە مەن بىر قولى يوق بىرەر تاغامنى كۆرۈپ باقمىغان . مىنىڭچە شۇ ۋاقىتتا پىشكەللىك خەيىرلىكتىن كۆپ . مەن بوۋامغا قانچە يالۋۇرۇپ ، ئەركىلىسەممۇ بوۋام ماڭا : " بۇ دىگەن كىچىك بالىلارنىڭ ئاڭلايدىغان ھىكايىسى ئەمەس " دەپلا جاۋاپ بىرەتتى . كىيىنچە يىشىمنىڭ چوڭىيشىغا ئەگىشىپ بالىلىقتىكى قىزىقىش تۇيغۇسى بارغانسىرى ئاجىزلاپ باردى .  
   كەچ كىرىشى بىلەنلا دۇكاننى تاقىدىم . ھەي....!!! يەنە تىتىقسىز  بىر كۈن ئۆتتى . ھىچنەرسە يىغالمىدىم . دۇكان خىزمەتچىسىنى ئۇزۇتۇپ تۇرۇشۇمغا بىر تال قىسقا ئۇچۇر تاپشۇرىۋالدىم .  
  " سائەت توققۇزدا ، جىيەنخۇاڭشىيا " .
   ئۇچۇرنى ئۈچۈنچى تاغام ئىۋەتكەن بولۇپ ، مەنىسى يىڭى مال كەلدى دىگەنلىك ئىدى .  
    ئارقىدىنلا يەنە بىر تال ، " ئەجدىرھا ئۇمۇرتقىسى ، تىز كەل " .  
  ئۇچۇرغا قاراپ كۆزلۈرۈم چانىقىدىن چىقىپ كىتىدىغاندەك خۇشال بولۇپ كەتتىم . چۈنكى ئۈچۈنچى تاغامنىڭ كۆزۈتۈش ئىقتىدارى ھەقىقەتەن قالتىس . بۇ ‹‹ ئەجدىرھا ئۇمۇرتقىسى ›› دىگىنى جەزمەن ياخشى جانىۋار . ھىچبولمىسا بىرىپ كۆزۈمنى ئىچىۋالمامدىم . .
   دۇكاننى تولۇق تاقىغاندىن كىيىن ئەسكى ‹‹ جېن بى ›› ماركىلىق ماشىنامنى ھەيدەپ ئۇدۇللا ئۈچۈنچى تاغامنىڭ قىشىغا چاپتىم . بىر تەرەپتىن كۆزۈمنى پۇشۇرغاچ ، يەنە بىر تەرەپتىن بۈگۈن رەسىمگە تارتقان يىپەك كىتاپنى تاغامغا كۆرسىتىپ بىقىشنى ئويلىدىم . چۈنكى ئۈچۈنچى تاغام بىز بىلەن دەۋىرداش كىشىلەر ئىچىدە بىردىن – بىر ‹‹ سىغىزچىلار ›› بىلەن ئالاقىسى بار كىشى ئىدى .
   مەن ‹‹ ئايرۇپىلانىم ›› نى ئەمدىلا ئۇنىڭ بىناسىنىڭ ئاستىدا توختىتىشىمغا ئۈچۈنچى تاغام ئۈستىدە تۇرۇپ : " سەن زادى قانداق نەرسە ؟!! بالدۇر كەل دىسەم كەلگەن ۋاقتىنى.....؟ ھازىر كەلگىنىڭ ئوسرۇققا ھىساپ " دەپ ۋارقىرىدى .    " سىكەي ..." دىدىم ئىچىمدە . " ئۇنداق ئەمەستۇ ، تاغا سەنمۇ ياخشى نەرسە تاپقاندا ئالدىرىمايراق قولدىن چىقارمامسەن ؟ ھىچبولمىغاندا ماڭىمۇ ......"  تىخى گىپىم تۈگىمەيلا ئۈچۈنچى تاغامنىڭ ئۆيىنىڭ چوڭ ئىشىكىدىن ئىگىز بويلۇق بىرسى چىقىپ كەلدى . ئۇ بەزگەك مۆرىسىدە لاتىغا ئورالغان ئۇزۇنراق بىر نەرسىنى كۆتۈرىۋالغان ئىدى . بىر قاراشتىنلا  قەدىمكى جەڭ قۇرالى ئىكەنلىكى چىقىپ تۇراتتى . " ھەي ئىسىت ، بۇ ھەقىقەتەن ياخشى نەرسە ، ئەگەر ياخشىراق ساتالىغان بولسا ئۈچۈنچى تاغامنىڭ بىرقانچە يىل يەپ – ئىچىشىگە يىتەتتى . مەن ھىلىقى ئادەمنى كۆرسۈتۈپ تاغامغا كۆز ئىشارىتى قىلىشىم بىلەن تاغام بىشىنى لىڭىشتىپ  جاۋاپ قايتۇردى . بۇ ئەھۋالنى كۆرۈپ كۆڭلۈم ئىيىتقۇسىز دەرىجىدە يىرىم بولدى . قارىغاندا مىنىڭ كىچىك يايمام بۇ يىل ۋەيران بولىدىغان ئوخشايدۇ . مەن ئۈستىگە چىقىپ ئاچچىق قىلىپ قەھۋە دەملەپ ئىچكەچ بۈگۈن ئاسارە – ئەتىقە بازىرىدا يۈز  بەرگەن يۈزى قىلىن ئالتۇن چىشنىڭ دىراممىسىنى ئۈچۈنچى تاغامغا سۆزلەپ بەردىم . كۆڭلۈمدە تاغام چوقۇم ماڭا يان بىسىپ ئۇنى ماڭا تىللىشىپ بىرىدۇ دەپ ئويلىغان ئىدىم . نەدىن بىلەي ، ئۇ ئاڭلاپمۇ قويماي ھىلىقى سۈرەتنى بىسىپ چىقارغاندىن كىيىن چىرايى بىردىنلا ئۆزگەردى .  
  " نىمە بولدى ؟ بۇ نەرسىدە بىرەر سىر بارمىكەن .....؟ " دەپ سورىدىم .  
  ئۈچۈنچى تاغام چىرايىنى پۈرۈشتۇرۇپ " غەلىتە ئىش ، مىنىڭچە ، بۇ بىر پارچىسى ..... بىر جاينىڭ خەرىتىسى ، چوقۇم شۇنداق ........"  





EzQi0908 يوللانغان ۋاقتى 2014-6-20 11:44:05

تۇگەپ قالدىغۇ{:99:}{:99:}{:99:} ئەمدى كىرىشكەنتىم ئوقۇشقا

EzQi0908 يوللانغان ۋاقتى 2014-6-20 11:52:12

ئانا تۇپراققا چىقىپ ئىزدىيەلمىدىم تىرىشچانلار دىگەن توربەت ئىچىلمىدى،چاتاق يىرى مەن ماۋۇ جەسەت ئوغرىللىرىغا قىزىقىپ قالدىم...تىما ئىگىسى ھىسياتىمنىڭ پىچەت ۋاقتىدا ئاخىرىنى يوللىۋەتسىڭىز بولىتتى{:92:}{:92:}{:92:}{:92:}

aysultan يوللانغان ۋاقتى 2014-6-20 12:14:36

بۇ خەن يازغۇچى 郭敬明 نىڭ 盗墓笔记 دىگەن ئەسىرى شۇمۇ؟

tewekkulchi يوللانغان ۋاقتى 2014-6-20 13:14:32

ئۈچىنچى باب


چوڭ تىپتىكى سىرلىق ، قورقۇنچلۇق ، تەشۋىشلىك ئەسەر
       كىپەن ئوغۇرسىنىڭ خاتىرسى
1- خاتىرە 1-بۈلەك 3-باب گۇازې ئىبادەتخانىسى

مەن بىسىپ چىقىىلغان قەغەزدە يىپەك كىتاپ قەدىمى يىزىقىدىن باشقا نەرسە كۆرمىدىم . كەنجى تاغامغا قارىسام چاقچاق قىلىۋاتقاندەك ئەمەس . ئەجەبا تاغام ئاللىقاچان ‹‹ خەت ›› ئىچىدىن ‹‹ رەسىم ›› كۆرەلەيدىغان كامالەتكە يەتكەندىمۇ ؟؟ئەجەبا يەپ – ئىچىپ ، قىمار ئويناپ ، ‹‹ قىزىل چاراق رايۇنى ›› غا قاتراپ ‹‹ ئەۋلىيالار ›› دەك ياشىغان ئادەمنىڭ ئەقلى قابىلىيتى ئۈستۈن بولامدىغاندۇ ؟ ؟كەنجى تاغام ‹‹ ئاسارە – ئەتىقە ›› گە ئايلىنىپ قالاي دىگەن كۆزەينىكىنى چىقىرىپ قارىۋەتكەندىن كىيىن بۇ نەرسىنىڭ سەككىز سەپلىك كىتاپ ( رەسىم يوشۇرۇغان خەت ) دەپ ئاتىلىدىغانلىقىنى ، مۇنداقلا ئىيىتقاندا ئورۇن قاتارلىق ئۇچۇرلارنى ئالاھىدە بىر خىل خەت شەكلى ئارقىلىق ئىپادىلەيدىغانلىقىنى ، بىراق چۇشەنمەيدىغانلار قارىسا ھىچقانداق ئەھمىيتى ھەم مەنىسى يوق خەت شەكلىدەك قىلىدىغانلىقىنى، ئەمىلىيەتتە بۇ جانىۋارنىڭ ئىچىدىكى ئۇچۇر ئىنتاھىن كۆپ ھەم توغرابولۇپ قەدىمكى زاماندا ئۇرۇش ۋاقىتلىرىدا ئىشلىتىدىغان مەخپى شىفىرلىق تىل دىيىشكىمۇ بولىدىغانلىقىنى سۆزلەپ بەردى . مەن قايتۇرۇپلا " سىىنىڭ بىلىدىغان خەتلىرىڭنى بارماق بىلەن سانىۋالغۇدەكلا تۇرسا ، بۇ ماھارەتنى قەيەردىن ئۈگۈنۈپ كەلدىڭ ؟ " دەپ سورىسام، ئۇ ، " بۇ ماھارەت ئەمەس تەجرىبە " دەپلا جاۋاپ بەردى  
  ئاڭلاپلا قاقاقلاپ كۈلۈپ كەتتىم . كەنجى تاغامنىڭ مىجەزى قارام  ، قوپال ، ئەخلاقى ھەم تۇرمۇش ئادىتى جەھەتتە بوۋامغىلا تارتقان بولۇپ پو ئىتىش ماھارىتى ئالاھىدە ياخشى . ئۇ بايا ئىيىتقان بىرنىمە سەككىز كىتاپ دىگىنىمۇ بەلكىم باشقىلاردىن ئاڭلىۋالغانلىرى ئىچىدىكى بىرسى بولىشى مومكىن ، ئىشقىلىپ مەن ئۇنىڭ دىگەنلىرىدىن گۇمانلىنىمەن .  
  كەنجى تاغام ھىلىقى قەغەزگە قاراپ تۇرۇپ : " ھىلىقى يىرىم يولدا قوشۇلغان بىرنىمىلەرنىڭ تەلىيى ئەجەپ ياخشىكىنا ، بۇنداق نەرسىنى مەنمۇ ئۇچۇرتۇپ باقمىغان ، بۇ قىتىم راستىنلا تەلىيىڭ كەپتۇ جۇمۇ سىنىڭ " دىدى  
ئۇ بىر ئاز چىرايىنى پۈرۈشتۈرۈپ ئويلانغاندىن كىيىن  " ئۇنداقتا بۇ خەرىتە قەيەرنىڭ خەرىتىسى ؟ ......ئاناڭنى خۇددى بىر قەۋرىنىڭ خەرىتىسىدەك....." دىدى .  
   مەن ئەجەپلىنىپ تۇرۇپ " كەنجى تاغا ، بەلكىم مەن سەل دۆتتىمەن ، بىراق سەن خەت ئىچىدىن خەرىتىنى كۆرەلەيسەن ؟ سىنىڭ كۆزۈڭنىڭ گىرادۇىسى قانچەا ؟ " دەپ سورىدىم .  
  "  سەن نىمىنى بىلىسە ؟ بۇ دىگەن  ‹‹خەت رەسىم ›› ،  بۇ نەرسىنى باشقىلار كۆرۈپ چۈشىنەلمىگەن بولىشى مومكىن ، بىراق تاغاڭنىڭ كۆزى بۈركۈتنىڭكىدەك دىگىنە ، مىنىڭچە بۇ ئالەمدە بۇ نەرسىنى مەندىن باشقا كۆرۈپ بىلەلەيدىغان ئادەم 10 دىن ئاشمايدۇ " دەپ جاۋاپ بەردى .  
    ئۇرۇشقاق بەگلىكلەر دەۋرىدىكى يىپەك كىتاپ ھازرقى زاماندىكى كۈندىلىك خاتىرە ، شەخسىنىڭ ھىس تۇيغۇسى ، تەرجىمھالى دىگەنلەرگە ئوخشاش بولۇپ ئەينى زاماندىكى كىشىلەرنىڭ مەدىنيىتى،  تۇرمۇشى ، ئۆرۈپ ئادىتى قاتارلىقلارنى  ئارخولوگىيەلىك تەتقىق قىلىشتا ناھايتى يۇقرى قىممەتكە ئىگە . مەن ئارخولوگىيەگە قەتئى قىزىقمايمەن ، شۇڭا ئىلگىرىكى يىپەك كىتاپلار مىنىڭ قىزىقىشىمنى قوزغىيالمىغانىكەن . بىراق بۇ قىتىم باشقىچە ئىدى .  شۇڭا مەن كىمنىڭ قەۋىرسى ئىكەنلىكىنى بىلگىلى بولامدۇ دەپ سورىدىم . كەنجى تاغام بىشىنى چايقاپ تۇرۇپ : " ھازىرچە تولۇق چۈشىنەلمىدىم ، مىنىڭچە بۇ ئۇرۇشقاق بەگلىكلەر دەۋرى لۇ بەگلىكىدىكى بىرەر ئاقسۆڭەكنىڭ قەۋىرسى بولىشى مومكىن . ئويلاپ باقە بىر ئاقسۆڭەك ھاياتىنىڭ يىپەك كىتاپقا پۈتۈلىشى بۇ ئادەمنىڭ ئەينى ۋاقىتتىكى ئورنىنىڭ نەقەدەر يۇقرى ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلايدۇ . ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ قەۋرىنىڭ ئورنى چوقۇم بىر سىر . كىرىپ كۆرۈپ چىقىشقا ئەرزىيدۇ " دەپ جاۋاپ بەردى .  
بىراق مىنىڭ بۇنچىلىك خۇشال بولىشىمنىڭ ھەممىسى " نۆل " گە تەڭ . ئىشقىلىپ ماڭا بىرىپ كۆرۈپ كىلىدىغان پۇرسەت يوق . مىنىڭ ئاتا – ئانامنىڭ پەرزەنىت تەربىيسى بەك كۈچلۈك ، دادام ماڭا كالگەندە ھىچ نەرسە ئۈگەتمىگەن . پەقەت ماڭا كىتاپ كۆرۈشنىلا تاپىلايتى ، ھەتتا ماڭا لوياڭ گۈرجىكىنىمۇ تۇتقۇزمىغان . ئىسىمدە قىلىشىچە كىچىك ۋاقتىمدا مەن بىر قىتىم ئوغۇرلۇقچە بوۋامنىڭ لوياڭ گۈرجىكىنى ئەپچىقىپ كىچىك قىزلار بىلەن ‹‹ ئەر – خوتۇن ›› لۇق ئويۇنى ئوينىغاندا دادام مىنى ئۇرۇپ ئۆلتۈرۈپ قويغىلى تاسلا قالغان .  
كەنجى تاغام بىزنىڭ جەمەتتىكى بىردىنبىر  ئۆيلۈك – ئوچاقلىق بولمىغان ‹‹ غەلىتە مەخلۇق ››  . ئۇ ئەزەلدىن دادامنىڭ بالا تەربىيلەش ئۇسۇلىغا قارشى ئىدى . ھازىر مىنىڭ يىلى چىقىپ كەتكەن توپتەك ھالىتىمنى كۆرۈپ "" ھەي بالا ، سىنى نىمە دىسەم بولار ؟!!سەنمۇ ئۆتۈپ كەتكەن لامزەللە ، داداڭ سىنى بارغىلى قويمىسا سەن راستىنلا بارمايسەن ؟!! سەنمۇ ئاللىقاچان 20 دىن نەچچە ياش ئاشقان يىگىت تۇرۇپ يەنە نىمىدىن قورقىسەن ؟! داداڭنىڭ تاناۋىڭنى تارتىشىدىن ؟ داداڭ تاناۋىڭنى ھەرقانچە تارتسىمۇ سىنى ئۆلتۈرۋىتەلمەيدۇ .مەن سەندەك چىغىمدا نەگە بارغىم كەلسە شۇ يەرگە باراتتىم . نىمە ئىش قىلغۇم كەلسە شۇنى قىلاتتىم . بوۋاڭمۇ مىنى باشقۇرالمايتى . قارا ھازىرمۇ شۇنداق !!" دىدى .  
" ئەلۋەتتە، سەن كەنجى تاغام دىگەن كىمۇ ؟ خاڭجۇ كونا شەھەر رايۇنىدا سىنى ئەمەس ، سىنىڭ ئوسۇرقىڭنى پۇرىغانلارمۇ 3 – بىگىمنىڭ كەلگىنىنى بىلىدۇ " دىدىم مەن .  
كەنجى تاغام ماڭا بىرنى ئالىيۋەتكەندىن كىيىن تاماكىسىدىن بىرتال تۇتاشتۇرۇپ پۇرسەت بولسا مىنىمۇ بىللە ئىلىپ بارىدىغانلىقىنى، بىز ۋۇ جەمەتى بىر نەچچە يۈز يىلدىن بۇيان شۇغۇللۇنۇپ كەلگەن بۇ كەسىپنىڭ قىلمايمەن دەپلا قول ئۈزگىلى بولىدىغان كەسىپ ئەمەسلىكىنى ئىيىتتى .  
مەنمۇ ئۇنىڭ بۇ سۆزىنىڭ راست –يالغانلىقىنى بىلەلمىدىم . ئىككىمىز يەنە ئىككى ئاش پىشىم پاراڭلاشقاچ  
ئاق ھاراقتىن يىرىم جىڭدىن قورسىقىمىزغا قۇيىۋەتكەندىن كىيىن مەن ئەمدى ئىچمەيدىغانلىقىمنى ئىيتىپ ئۇنىڭ بىلەن خوشلۇشۇپ ‹‹ ئايرۇپىلان ››نىمنى ھەيدەشكە جۈرئەت قىلالماي تاكسىغا ئولتۇرۇپ ئۆيگە قايىتتىم .  
مەن تاش كۆۋرۈكتىكى ئىجارە ئالغان ئۆيگە قايىتقان چىغىمدا تاڭمۇ سۈزۈلگەندى . شۇڭا ۋاڭمىڭغا ئۇچۇر قىلىپ دۇكاننى ئۆزى ئىچىشنى تاپىلاپ كىيىملىرىمنى سالمايلا بۇخاراغا زىيارەتكە ماڭدىم . ئويغانغان ۋاختىمدا كۆڭلۈم بىر قىسمىلا ، كىچىچە چۈشۈمدە غەلىتە  قەۋرىلەرنى،  نۇرغۇنلىغان بايلىقلارنى چۈشىگەندەك قىلاتتىم . يۈزۈمنى يۇيۇپ بولۇپ ئۆي ئىگىسى موماينىڭ ماجاڭ ئوينىشىغا قاراپ يىرىم كۈن ئۆتتى .
تۇيۇقسىز كەنجى تاغامنىڭ ئاخشامقى گىپى يادىمغا كىلىپ ئۇنىڭغا تىلفۇن ئۇرۇپ تەييارلىقىنىڭ قانداقلىقىنى ، كەنجى تاغامنىڭ ئۆزى بارىدىغان ياكى قول ئاستىدىكىلەرنىڭ بارىدىغانلىقىنى ، مىنىڭ ياردىمىمنىڭ لازىم ياكى لازىم ئەمەسلىكىنى سورىسام كەنجى تاغام تىخى تولۇق ئويلىشىپ بولالمىغانلىقىنى ئىيتىپ تىلفۇننى قويىۋەتتى . شۇنىڭدىن كىيىنكى بىر قانچە كۈندە مەن نىمە ئۈچۈنلىكىنى ئۆزۈممۇ بىلمەي كەنجى تاغامغا كۈندە دىگۈدەك تىلفۇن قىلىپ ئۇنى – بۇنى دىيۈشكۈم كىلىەتتى. . يەنىلا شۇ قەدىمى قەۋرىنىڭ پارىڭى ئاساس ئىدى . .
تۆتۈنچى كۈنى تاغان ماڭا تىلفۇن قىلىپ " ئالمىغان خوتۇنىڭنى....لاتا چاينىما ،مەن سىنىڭ قورسىقىڭدىكىنى بىلمەمدىم ؟؟؟ مىنىڭ دىگىنىمنى ئاڭلاپ قولۇڭ قىچىشقان ئوخشىمامدۇ ؟ بىرىپ كۆرۈپ كەلگىڭ بار . ئوچۇقلا دىسەڭ بولمامدۇ ؟ نىمە ئۇ تۇل خوتۇندەك تولا گەپ قىلىسەن " دىدى .    
ئاڭلاپ غۇژژىدە ئاچچىقىم كەلدى . " ئالدىنقى قىتىم ھاراق ئىچىشكەندە دىيىشكەن سۆزلەرنى سىنى ئۇنتۇپ قالدىمىكىن دەپ ئويلىغان ، شۇڭا ئىغىز ئاچالماي شۇ... يۈرگەنتىم "" دىدىم مەن . كەنجى تاغام تىلفۇندا كۈلىۋەتكەندىن كىيىن بىرىشنى خالىسام دەرھال ئۆزى تەرەپكە ئۆتۈشۈمنى ، تەييارلىق قىلىدىغان ئىشلارنىڭ كۆپ ئىكەنلىكىنى ئىيىتتى . مەن ئاڭلاپ خۇشاللىقتىن ئىشتىنىمغا سىيۋىتىشكە قىل قالدىم . مىنى راستىنلا بارغىلى قويسا كالا ھارۋىسى سۆرىسەممۇ مەيلىتى !!! [31  
مەن كەنجى تاغامنىڭ ئۆيىگە بارغاب چىغىمدا كەنجى تاغام بىر تەرەپتىن چاڭشاغا تىلفۇن قىلىپ بىر قانچە تەجىربىلىك بۇرادەرلەرنىڭ كىلىشىنى ئىيىتسا يەنە بىر تەرەپتىن ماڭا بىر ۋاراق قەغەزنى سۇنۇپ بۇ نەرسىلەرنى تەييارلىشىمنى ئىيىتتى ھەمدە تاپىلاپ تۇرۇپ: " ھەرگىز ساختىسىنى ئالما ،يەنە ساياھەتكە چىقىمىز دەپ يۈك – تاق تەييارلا ، بولمىسا بىز بارىدىغان يەرگە بارماي تۇرۇپلا ‹‹ ئۇماچخانا ›› غا كىتىپ قالىمىز ""دىدى . كەنجى تاغامغا لازىملىق نەرسىلەر ماللارنىڭ ئىسىلى بولۇپ ئەڭ ئاۋارچىلىقى قەغەزدە قۇرالنىڭ ئىسمى تۇراتتى . ھەي! ھازىرقى جۇڭگۇدا قۇرال تىپىش ئۇنچىلىك ئاسان ئىش ئەمەس . بىراق بۇ قىتىم ئورمانلىققا كىرسەك قۇرال بولمىسا زادى بولمايتى . غەلىتە مەخلۇق ، جىن – شاياتۇنلارنى دىمەيلا قوياي ، ئەگەر ياۋا چوشقىغا ئۇچراپ قالساقمۇ قۇرال بولمىسا كۆرگۈلىكىمىزنى كۆرىمىز .  
بۇ تىزىملىكتىكى باشقا نەرسىلەرمۇ مىنى خىلىلا تەمتىرىتىپ قويدى . مەسىلەن :نىمە ئايرىغۇچلۇق سۇدىن مۇداپىيە كان چىرىغى ، مىس – پولات ئارلاشما تۇربا ، ئارخولوگىيە گۈرجىكى ، شىۋىتسيەنىڭ ھەربى خەنجىرى ، قىسقا دەستىلىك پولات بولقا ، ئوتتا كۆيمەس نىلوڭ ئارغامچا قاتارلىقلارنى تەل قىلىش مەندەك بىر پىراكتىكانىت ‹‹قۇم تازلىغۇچى››غا نىسپەتەن ئانچە ئاسانغا توختىمايتى . بۇلارنىڭ يىرىمىنى سىتىۋىلىش ئۈچۈن 20 مىڭدىن كۆپرەك خەجلىدىم . تىخى بەزى ماللارغا ئالدىن زاكاس قىلىش لازىمكەن . شۇلارنى ئويلاپ ھازىرقى دۇنيادا ‹‹ خوتۇن ›› ئىلىش ئەڭ ئاددى سودا – سىتىق ئىكەنلىكىنى تونۇپ يەتتىم . ھەممىدىن يامىنى قۇرال تىپىش بولدى . مىنىڭ قارا كوچىدا ‹‹ يولۇم ›› بولمىغاچقا ھەركۈنى كونا بويۇملار بازىرىغا قاتراپ ئاخىرى نەچچە تال نىمكەش قوش  سىتوۋللۇق مىلتىق تاپتىم s)
ئۈچ كۈندىن بەشىمىز شەندۇڭنىڭ لىن يى شەھرىگە قاراپ ماڭغان پويىزغا چىقتۇق .  
بۇ قىتىم كەنجى تاغام بىلەن بىللە سەپەرگە چىققان ئۈچ ئادەمنىڭ ئىككىسىنى تونىيتىم . بىراق يەنە بىرى بولسا مەن ئالدىنقى قىتىم تاغامنىڭ ئۆيىدە كۆرگەن قەدىمى چوڭ قۇرالنى يۈدۈپ چىققان بەزگەك بولۇپ ئۇنىڭ كەنجى تاغام بىلەن نىمە مۇناسىۋىتى بارلىقىنى بىلمىدىم . لىكىن بۇ بۇرادەر ئادەمنى ھەقىقەتەن بىزار قىلاتتى . بوينى بىلەن بەدىنى بار ئىغىزى يوق ‹‹ قۇرۇق بوتۇلكا ›› دەك پويىز دەرىزىسىدىن ئاسمانغا تىكىلىپلا ئولتۇراتتى . خۇددى ئاسماننىڭ ئۆرۈلۈپ كىتىشىدىن ئەنسىرىگەندەك . باشتا ئۇنىڭ بىلەن بىر قانچە ئىغىز پاراڭلاشقان بولساممۇ كىيىنچە ئۇنىڭ ئىسمىنى سوراشنىمۇ خالىمىدىم .  
" تەڭرىم ، پويىزنى كىم كەشىپ قىلغان بولغىيتى ، خۇددى جۇڭگۇلۇقلارنى دەپلا كەشىپ قىلغاندەك . پويىزدا ئادەم ناھايتى كۆپ ئىدى . كومپارتىيەگە رەخمەت ، ھەرنىمە بولسا بىزگە سىتىپ بەرگىنى كارۋاتلىق ئورۇننىڭ بىلىتى ئىكەن ، بولمىغان بولسا مەن ‹‹ ئالتۇن قازغىلى ›› بارمىساممۇ بارمايتىم ، ھەرگىز قاتتىق ئورۇندۇقتا ئولتۇرمايتىم .  
لىن يى بولسا ئىلگىرى لۇ دۆلەتنىڭ ئاستانىسى بولۇپ يەر شەكلى ئىدىرلىقنى ئاساس قىلغان ، تەيشەن تىغىنىڭ باغرىغا جايلاشقان . كەنجى تاغام ئەينى ۋاقىتتىكى لۇ بەگلىكى بىلەن چى بەگلىكىنىڭ يەر شەكلىنى سىلىشتۇرۇپ كۆرگەندىن كىيىن نىشانىنى لىنيىدىكى يىمىڭ قوش تىغىنىڭ مىڭشەن بالا تىغىغا قاراتتى . ماتىريال ئىنتاھىن كەمچىل ، بىزمۇ ھىلىقى جاينىڭ زادى لۇ بەگلىكى تەۋەسىدە ياكى چى بەگلىكى تەۋەسىدە ئىكەنلىكىنى دەلىللەشكە ئامالسز قالدۇق . شۇڭا ئاۋال مىڭىپ ئاندىن ھارۋىغا چىقىشىمىز كىرەك ئىدى .  
مىڭ شەن قەدىمدە شەرقى تاغ ياكى ئەركەك تاغ دەپ ئاتالغان . ھازىرقى شەندۇڭنىڭ پىڭبا ناھيسىدە بولۇپ لىنيى  
تىغىنىڭ غەربى شىمالىغا توغرا كىلەتتى . تەيشەن تاغ تىزمىسىنىڭ بالا تاغ ئۇمۇرتقىسى ئىدى . يىمىڭ تىغى لىنيى شەھرىنىڭ پىڭبا ، مىڭياڭ ، فىيشەن ۋە يىنەن تۆت ناھىيە تەۋەلىكىدە بولۇپ غەرىپتىن – شەرىققە ، جەنۇپتىن – شىمالغا 70 كىلومىتىر ئەتراپىدا بولۇپ بەزى جايلىرىدا ساياھەت كەسپى خىلىلا راۋاجلانغان . بىز ساياھەت خەرىتىسىدىن بىرنى تىپىپ قولىمىزدىكى خەرىتە بىلەن سىلىشتۇرساق پەرىق ناھايتى چوڭ ئىدى . بەلكىم بىزنىڭ ئىزدىمەكچى بولغان يىرىمىز چوڭ تاغنىڭ ئىچكىرسىدە بولىشى مومكىن .  
  مەن بىرقانچە ساياھەت يىتەكچىلىرىنى تىپىپ خەرىتىدىكى بەلگە قويۇقلۇق جايلارنىڭ قەدىمكى نامىنى سۈرۈشتۈرگەن بولساممۇ ھىچقانداق نەتىجە چىقمىدى . بۇ بىر ئەتراپ ئۇرۇش كۆپ يۈز بەرگەن رايۇن بولۇپ نۇرغۇنلىغان كەنىتلەر ياپۇنغا قارشى ئۇرۇش مەزگىلىدە ئالۋاستىلار تەرىپىدىن كۆيدۈرۋىتىلگەن . سۈرۈشتۈرۈش بىرئاز قىيىن ئىدى . بەشىمىز ساياھەت نوقتىسىدا بىر كۈن پىقىرىغاندىن كىيىن ئاۋال تاغنىڭ ئىچىگە كىرىپ بىقىشنى توغرا تاپتۇق . شۇ جايدىكى ئەسكى ئاپتۇبۇسقا ئولتۇرۇپ گۇازى ئىبادەتخانىسىنىڭ 40 كىلومىتىر ئىچكىرسىگە بىرىپ ئاندىن ئۈچ چاقلىق موتسىكىلىتقا ئالمىشىپ بىر چىغىر يول بىلەن تىخىمۇ ئىچكىرسىگە قاراپ يۈرۈپ كەتتۇق . ئاخىرىسىدا كالا ھارۋىسىغا ئولتۇرۇپ ھالقىسىمان تاغ يولىنى بويلاپ ئالغا ئىلگىرلىدۇق . بىز كالا ھارۋىسىدىن چۈشكەندىن كىيىن ئەتراپىمىزدا تاغ ،  ئىگىزلىكتىن  باشقا ھىچقانداق ھازىرقى زامانغا تەۋە نەرسە بايقىمىدۇق .
   مەن تىخى بارىدىغان جايغا كىلىپ بولدۇق دەپ ئويلاپتىكەنمەن . بۇ ۋاقىتتا كىمنىڭدۇرئىشقىلىپ بىر لالما ئىت پەيدا بولۇپ قالدى . كەنجى تاغام ھارۋىكەشكە چاقچاق قىلىپ : " پىشقەدەم يولداش ، ئەمدىكى سەپەردە بىز مۇشۇ جانىۋارنى مىنەمدۇق ؟ ئۇنداقتا ئىت بولغىنىغا تويىدىغان بولدى – دە ، بۇ جانىۋار " دىدى .  
" ئىتقىمۇ مىنەمدۇ ؟ بۇ ئىت خەۋەر ئىلىپ كەلگەن ، بۇ ئەڭ ئاخىرقى يول بۆلىكى ، ئەمدى شۇ ئۆزۈڭلارنىڭ ‹‹ 11 – نۇمۇرلۇق ھارۋاڭلار ›› غا تايىنىسىلەر "" دىدى ھارۋىكەش كۈلۈپ تۇرۇپ . 8  
     بۇ يەرنىڭ دۆڭلۈكلىرى جەنۇپنىڭ دۆڭلۈكلىرى بىلەن ئوخشىمايتى . دىڭىز يۈزىدىن ئىگىزلىكى يۇقرى ، ئىنسانلارنىڭ پائالىيتى بىلەن ئاياغ ئىزى ئاسەسەن دىگۈدەك يوق . يىپىنچا ئۆسۈملۈكلەر ئىنتاھىن مول بولۇپ ئاياغ ئاستىمىزدا  چىرىگەن تۇپراق توپىسى قارا رەڭدە ئىدى . بەزى جايلارغا بىرلا دەسىسىڭىز تىزىڭىزغىچە توپا ھەم چىرىگەن يوپۇرماقلارغا كۆمىۋىتىتتى .بىز بىرنەچچە تال دەرەخ شىخىنى ھاسا قىلىپ ناھايتى تەسلىكتە يول يۈرىۋاتاتتۇق .  
  تاغ باغرىدىن چۈشكىنىمىزدە ئالدىمىزدا كۆپكۈك بىر ئىقىن كۆرۈندى . كەڭلىكى تەخمىنە 10 – 15 مىتىر ئەتراپىدا بولۇپ سۇ شۈنچىلىك سۈزۈك بولسىمۇ لىكىن ئىقىن تىگىنى كۆرگىلى بولمايتى ، كەنجى تاغام كالا ھارۋىسىغا يۆلىنىپ تۇرۇپ ھارۋىكەشتىن :" كۈچۈكچاق سۇ ئۈزۈشنى بىلەمدۇ ؟" دەپ سورىدى  
  " ياخشى ئۈزىدۇ ، ياخشى ئۈزىدۇ ،" دەپ جاۋاپ بەردى ھارۋىكەش قامچىسىنى ئوينىتىپ تۇرۇپ .  
  " ئىشەك تىزىكى ، بىرىپ سۇ ئۈزۈپ بەرگىنە ! " دىدى  ھارۋىكەش كۈچۈككە.  ‹‹ ئىشەك تىزىكى ›› ھەقىقەتەن ئەقىللىق ئىكەن ، " ھاۋ ..!! " قىلىپ بىرنى قاۋىۋەتكەندىن كىيىن سۇغا سەكرەپ بىر ئاز ئۈزۈپ قايتىپ كىلىپ ھەممىمىزنى خۇشال قىلىۋەتتى .  
  ھارۋىكەش ئاسمانغا قارىۋەتكەندىن كىيىن : " ۋاقىت تىخى بالدۇر ، كىمىچى تىخى ئىشقا چۈشمىگەن چىغى ، ئازراق ئارام ئالغاچ بىرەدىن چىكىشمەمدۇق ؟ " ەىدى  .  
   مەن سائىتىمگە قارىۋىتىپ " چۈشتىن كىيىن سائەت ئىككى بولدى، بۇ كىمىچى لوندۇن ۋاقتىنى ئىشلىتەمدۇ ياكى پارىژ ۋاقتىنىمۇ ؟" دىدىم . 4  
   " ھەي ، بىزنىڭ بۇ يەردە پەقەت بىرلام كىمىچى بار ، ئۇ قاچان ئورنىدىن تۇرسا ، شۇ ۋاقىتتا ئىشقا چۈشىدۇ ، بەزىدە بىر ئىككى كۈنلەپ ئۇخلىۋىلىپ ئادەمنى جىلە قىلىۋىتىدۇ " دىدى ھارۋىكەش كۈلۈپ تۇرۇپ . ئامال يوق مۇشۇ 40 چاقىرىم دائىرىدە شۇ بىرلا كىمىچى ، نىمە قىلغۇسى كەلسە شۇنى قىلىدۇ ، كەنىت رەھبەرلىرىمۇ ئۇنى ھىچنىمە قىلالمايدۇ " دەپ قوشۇپ قويدى ھارۋىكەش .  
   " ئۇنداقتا سىلەر قۇرۇلتاي ئىچىپ ئۇنى قالدۇرىۋىتىپ مەسئۇليەتچانراق بىرسىنى ئۇنىڭ ئورنىغا قويساڭلار بولمامدۇ ؟ " دەپ سورىدى كەنجى تاغام .  
  " بىزمۇ ئويلىغان ، بىراق سىلەر بۇ يەرلىك ئەمەس ، بىلمەيسىلەر . بۇ تاغنىڭ ئىلاھى پەقەت ئۇنىلا تونىيدۇ ، باشقىلار بۇ تاغ ئۆڭكۆۈرىگە كىرسە تىرىك چىقالمايدۇ ، ھىلىقى كىمىچى بىرگە كىرسە ھىچقانداق ئىش يوق " دىدى ھارۋىكەش .  
  "  ھە ، تاغ ئۆڭكۈرى ؟؟؟ "كەنجى تاغام خەرىتىنى چىقىرىپ تەپسىلى قارىۋەتكەندىن كىيىن " ھەقىقەتەن ئىچكىرى تاققا كىرىش ئۈچۈن بىر تاغ ئۆڭكۈرىدىن ئۆتكىدەكمىز . قانداق قىلىمىز بوۋاي ؟ بۇ تاغ ئۆڭكۈرى ئادەم يەيدۇ  ؟! " دىدى ئۇ .  
   مەن ئاڭلاپلا بۇ تاغ ئۆڭكۈرىنىڭ قەدىمى قەۋرە بىلەن مۇناسىۋىتى بارلىقىنى پەرەز قىلىپ ھارۋىكەشنى بۇ ئۆڭكۈر توغۇرسىدا سۆزلەپ بىرىشكە تەكلىپ قىلدىم . ھارۋىكەش ھەممىمىزنىڭ ئاڭلاشنى خالايدىغانلىقىمىزنى كۆرۈپ ئىغىز ئاچتى .  
    ئەسلىدە بۇ ئۆڭكۈر خىلى بۇرۇنلا پەيدا بولغان بولۇپ ، كەنىتتىكى ھىچكىم بۇ ئۆڭكۈرنىڭ قاچان ، نىمە سەۋەپتىن پەيدا بولغانلىقىنى ھەمدە ئۆڭكۆۈرنىڭ ئىككى ئىغىزىنىڭ ئۆزئارا تۇتىشىدىغانلىقىنى بىلمەيدىكەن .بۇ ئۆڭكۈر ئىنتايىن سىرلىق بولۇپ كىرگەنلەر چىقالمايدىكەن . شۇڭا كەنىتتىكىلەر ئۆڭكۈردىكى يىلان جىن سۇ ئاستىغا توزاق قۇرۇپ ، كىرگەن كىمىلەرنى توزاققا چۈشۈرىدۇ دەپ قارايدىكەن . كىيىنچە سىرىتتىن كەلگەن بىر ئادەم ئۆڭكۈردىن ئۆتۈپ بۇ كەنىتكە كەپتۇ . كىشىلەر ئۇنى يىلان جىن دەپ قاراپ ئۆلتۈرۋەتمەكچى بولىشىپتۇ . ھىلىمۇ ياخشى بۇ كەنىتتىكى قوشنا يىزىدىن ياتلىق بولۇپ كەلگەن چوكانچاقلار ئۇ ئادەمنى تونۇپ ، ئۇنىڭ ھاممال ئىكەنلىكىنى ، داۋاملىق مۇشۇ دەريادا قاتناپ يۈرىدىغانلىقىنى ئىيتىپ قۇتقۇزۇپ قاپتۇ .  شۇنىڭدىن باشلاپ بۇ ئۆڭكۈر ھىلىقى ئادەمنى تونىيدىغاندەك ، پەقەت شۇ كىشىنىڭ جەمەتىدىكىلەر كىرىپ چىقسا ھىچقانداق خىيىم خەتەرگە ئۇچرىمايدىكەن . بۇ ئىشنىڭ داۋاملىشىۋاتقىنىغا نەچچەى يۈز يىل بولغانمىش .  
   " بۇ سۇ يولى بىلەن بىزمۇ بەك ئاز ماڭىمىز ، بىز ئادەتتە تاغ ئۈستىدىكى چىغىر يولدىن ماڭاتتۇق ، بىراق سىلەرنىڭ يۈك – تاقاڭلار بەك كۆپ ، ئۇنىڭ ئۈستىگە بىر قانچە يىلدىن بىرى بۇ يولدا تاش – شىغىل ئىقىنى يۈز بىرىپ بۇ يولمۇ توسۇلۇپ قالدى . ئامال يوق ، ساقلايلى ، ساقلايلى " دىدى ھارۋىكەش .  
   مەن ھارۋىكەشنىڭ سۆزىنى ئاڭلاپ بولغاندىن كىيىن تاققا قارىسام تاغ ئىنتاھىن ئىگىز ، تاغ ئىتى ناھايتى تىك بولۇپ باشقا يول باردەك قىلمايتى .  
  كەنجى تاغام ھارۋىكەشنىڭ گىپىنى ئاڭلىغاندىن كىيىن قولىنى قىقىشتۇرۇپ : " ‹ ئىشەك تىزىكى› ، بۇياققا كەل " دىدى .  
   ‹‹ئىشەك تىزىكى ››ناھايتى گەپ ئاڭلايدىكەن ، سىمىز ساغىرسىنى لىغىرلىتىپ يۈگىرەپ كىلىشى بىلەن كەنجى تاغام ئۇنى قۇچاقلاپ  پۇراپلا چىرايى ئۆڭۈپ " ئانامەي ، قانداقسىگە بۇ خىل پۇراق ؟!! " دىدى . مەنمۇ  
بىر لا پۇراپ تاس قالدىم ئايلىنىپ كەتكىلى . بۇ ئىت قانچىلىك ۋاقىت مۇنچىغا چۈشمىگەندۇ ؟سىسىق قانجۇق دىدىم مەن بۇرنۇمنى توسۇپ تۇرۇپ
 "   پەنزې،سەنمۇ پۇراپ باقە ! " دەىدى كەنجى تاغام پەنزېگە قاراپ .  
  " مەن ...؟ پۇرىمايلا قوياي كەنجى بىگىم ، ئىتنىڭ سىسىق پۇرىقى ماڭا رىئاكسىيە قىلىدۇ ، پۇراپ بولۇپ قۇسىۋەتسەم سەت تۇرار ؟" دەپ جاۋاپ بەردى پەنزې . :  
   " تولا كوتۇلدىمەي پۇراپ باقە ! ، بۇ ئىتنىڭ تىنىدىكى پۇراق ئىنتاھىن غەلىتە  " دىدى كەنجى تاغام .  
  پەنزې ئامالسىز قىلىپ بىر مىتىر ئارلىق قويۇپ ئىتنى بىرلا پۇراپ چىرايى ئۆزگۈرۈپ، " بۇ ....، جەسەتنىڭ پۇرىقى... ؟" دىدى .
  " ئۇنداق ئەمەستۇ ؟ "دىدىم مەن قورۇققىنىمدىن بەدىنىمدىكى تۈكلەرنىڭمۇ تىك تۇرۇپ كەتكەنلىكىنى ھىس قىلىپ . ئەزەلدىن چىراي ئىپادىسىنى بىلگىلى بولمايدىغان ‹‹ بوتۇلكا ›› نىڭمۇ چىرايى تاتىرىپ كەتكەن ئىدى .
  كەنجى تاغام تاماكىدىن بىر تال تۇتاشتۇرۇپ چىرايىنى پۈرۈشتۈرگەندىن كىيىن بىزگە قاراپ : " جانىۋارلارنى ئىلىۋىلىڭلار ، ئالدىمىزدىكىسى ‹ جەسەت ئۆڭۆۈرى › ئوخشايدۇ . يۈزدە ئىككى يۈز پىرسەنىت تەييارلىق ھالىتىدە تۇرۇڭلار " دىدى .  
  كەنجى تاغامنىڭ يەنە بىر بۇرادىرى ئىگىز بويلۇق ، بىشى ھارۋا سۆرىگەن ئۆكۈز بىشىنىڭكىدەك يوغان ئىسمى ئاكۈي ئىدى . تەڭرى ئىنتاھىن ئادىل ، ئۇنىڭغا ئۆكۈزنىڭكىدەك كاللا بەرگەن بىلەن يۈرەككە توخۇنىڭكىنى بەرگەن چىخى ؛ ئاكۈي تىترەپ تۇرۇپ " ئالدىمىزدىكى ئۆڭكۈردە زادى نىمە باردۇ ؟ " دەپ  تاغامدىن سورىدى .  
   " بىلمەيمەن ، بىرنەچچە يىل بۇرۇن مەن شەنشىدە بىر ئۆڭكۆرنى كۆرگەن . ئۇ يەر ياپۇن ئالۋاستىلىرى قىرغىنچىلىق قىلىپ جەسەتلەرنى يوشۇرغان جاي ئىكەن ، ئىش قىلىپ جەسەت ئۆڭكۈرى بار جايدا ئىلگىرى قىرغىنچىلىق يۈز بەرگەن بولىدۇ . مەن ئۇ چاغدا قىزىقىپ تەجىربىمۇ ئىشلەپ باققان . ئىت ، ئۆردەك قاتارلىق تىرىك ھايۋانلارنى بامبۇكتىن ياسالغان سال ئۈستىگە قويۇپ ، تىلكامىرانى ئورۇنلاشتۇرۇپ بولغاندىن كىيىن سالنى ئۆڭكۈرگە قارىتىپ ئىتتردىم . مەنچە ئۆڭكۈرنىڭ چۇڭقۇرلۇقى بىر كىلومىتىردىن ئاشمايتى . ئالدىن تەييارلاپ سالغا باغلانغان چىرىمەس ئارغامچىنى تارىتتىم . بىراق ھەرقانچە قىلساممۇ تارتىپ چىقىرالماي بىر قانچە بۇرادەرنى ياردەمگە چاقىرىپ بىرلىكتە كۈچەپ تارتىشىمىزغا بامبۇك سال ئىچىدە ئۆرۈلۈپ كەتتىمىكىن ، شۇنىڭدىن كىيىنلا ......." كەنجى تاغامنىڭ قوللىرى بىلىنەر – بىلىنمەس تىتىرەيتى ، ئۇ يەنە سۆزلەپ ئاخىرىدا .....ناھايتى چوڭ غەلىتە بىر چىراي .....  تىلكامىرا ئاپراتىغا بەكلا يىقىن بولغاچقا ئادەمنىڭمۇ ياكى ھايۋاننىڭمۇ بىلەلمىدىم . بۇنداق ‹جەسەت ئۆڭكۈرى › دىن ئۆتۈش ئاسمانغا چىقىشتىنمۇ تەس . بىراق بىلىشىمچە يۈننەنىڭ ئىچكىرى تاغلىرىدا ياشايدىغان  بىر ئاز سانلىق مللەت باللىرىغا كىچىكىدىن باشلاپلا ئۆلگەن ئادەمنىڭ گۆشىنى يىگۈزىدىكەن . ئاي ، يىللارنىڭ ئۆتىشى بىلەن بالىلارنىڭ تىنىدە ‹‹ جەسەت ھىدى ›› يىغىلىدۇ ، ئۇلار چوڭ بولغاندىن كىيىن ئۆلۈك ئادەم بىلەن پەرىقلەنمەيدۇ ، ھەتتا جىن – ئەرۋاھلارمۇ ئۇلارنىڭ ھىدىنى پۇرىيالمايدۇ .
  " تاغا ، ھىلىقى كىمىچىنىڭ ئەجدادى يۈننەندىن كەلگنمۇ يا ؟ " سورىدى تاغام .  
   ھارۋىكەشنىڭ چىرايى بىلىنەر – بىلىنمەس ئۆزگۈرۈپ بىشىنى چاقاپ تۇرۇپ ؛ " تاڭ جۇمۇ ! ئۇنىڭ ئەجدادى بىلەن مەن بىر دەۋىرنىڭ ئادىمى بولمىسام مەن نەدىن بىلەي " دىدى ھەمدە ئىتقا قاراپ : " ‹ ئىشەك تىزىكى › ، ئىگەڭنىڭ كىمىسىنى ئەپ كەل " دىدى . ئىت غىڭشىپلا سۇغا سەكرەپ تاغنىڭ ئارقىسىغا قاراپ ئۈزۈپ كۆز ئالدىمىزدىن غايىپ بولدى .
    بۇ ۋاقىتتا مەن كەنجى تاغامنىڭ پەنزېگە كۆز ئىشارىتى قىلغانلىقىنى ، پەنزېىنىڭ بولسا ئاستاغىنغا يۈك – تاق ئارىسىدىن بىر دانە سومكىنى ئىزدەۋەتقانلىقىنى ، ھىلىقى بوتۇلكىنىڭمۇ بىر سومكىنى يۈدۈشكە تەييارلىنىۋاتقانلىقىنى كۆردۈم . بۇ ۋاقىتتا پەنزې مىنىڭ ئارقا تەرىپىمگە ئۆتۈپ قۇلاق تۈۋۈمگە پىچىرلىدى . " بۇ ھارۋىكەش چاتاق !

kaplanqak يوللانغان ۋاقتى 2014-6-20 14:49:09

مەندەك ۋەقەلىكنى ئاساس قىلىپ تاللاپ ئوقۇيدىغانلارغا  ياخشى يازمىكەن  .  

tewekkulchi يوللانغان ۋاقتى 2014-6-20 14:50:58

تۆتىنچى باب


چوڭ تىپتىكى سىرلىق ، قورقۇنچلۇق ، تەشۋىشلىك ئەسەر

كىپەن ئوغرىسنڭ خاتىرسى
 1- خاتىرە 1-بۈلەك 4-باب جەسەت ئۆڭكۈرى

كەنجى تاغامنىڭ بۇرادەرلىرى ئۇزۇن مەزگىل جاھاندارچىلىق قىلغان بولغاچقا مەن ئۇلارنىڭ قابىلىيتىگە ئىشىنەتتىم . پەنزېنىڭ گىپىنى ئاڭلىغاندىن كىيىن يۈك – تاقلار ئارىسىدىن قوغدىنىش ئەسۋاپلىرى قاچىلانغان سومكىنى ئىزدەپ تىپىپ كۆڭلۈم خىلىلا ئارام تاپتى . ئىگىز بويلۇق ئاكۈي ماڭا سەپتىن چۈشۈپ قالماسلىققا كۆز ئىشارىسى قىلدى . مەندىن باشقا تۆتىنىڭ چىرايى تۇتۇق ئىدى . ھارۋىكەشنىڭ قەيىرىنىڭ توغرا ئەمەسلىكىنى ئويلاپ يىتەلمايۋاتقان ۋاختىمدا‹‹ ئىشەك تىزىكى ›› سۇ ئۈزۈپ قايتىپ كەلدى . ھارۋىكەش چىلىمىنى ئىشتىتىنىڭ قىرىغا قىستۇرۇرىۋاتقاچ : " ماڭايلى ، كىمە كەلدى  " دىدى .  
   ھەقىقەتەن بىر كىمە تاغنىڭ ئارقا تەرىپىدىن بىرخىل سۈرەتتە بىزگە قاراپ يىقىنلاۋاتاتتى . كىمىنىڭ بشىدا ئوتتۇرا ياشلىق بىر كىشى تۇراتتى . ئۇنىڭ چىرايى ئاددىيلا بولۇپ ئون ئادەمىڭ ئىچىدىن تاپماقمۇ ئاسانغا توختىمايتى . كەنجى تاغامدىن ئۆلۈك يەيدىغان ئادەملەرنىڭ ھىكايىسىنى ئاڭلىغاچقىمۇ ياكى باشقا سەۋەپتىنمۇ بىلمەيمەن ، ئىچىمدە بىر خىل تەشۋىش . كىمىچىگە قارىسام ئۇنىڭ چىرايىدىن بىر خىل شۇملۇق بىلەن سۆرۈن تەلەتلىك چىقىپ تۇراتتى .  
   كىمىچى بىزگە قاراپ قولىنى پۇلاڭلىتىپ بىر نىمىلەرنى دەپ ۋارقىرىدى . ھارۋىكەش بۇقىنىڭ بوينىغا شاپاللاپ تۇرۇپ بىزنى كىمىگە چىقىشقا ئىشارەت قىلدى . بىز كىمىگە يۈك – تاقلىرىمىزنى قاچىلاپ بولۇپ قارىساق ئولتۇرغىدەك جايمۇ قالماپتۇ ، ئۆكۈز بولسا كىمىنىڭ كەينىگە چىتىلغان سالنىڭ ئۈستىگە چىقىرىلغان ئىدى .
   كەنجى تاغام باھاسىنى دىيشىپ بولغاندىن كىيىن كىمىچىنى يولغا چىقىشقا ئىشارەت قىلدى . كىمىچى بىر ئۆمۈر كىمە ھەيدىگەچكىمۇ ياكى باشقا سەۋەپتىنمۇ بىلمىدىم ؛ ماتۇرنى ناھايتى چەبدەسلىك بىلەن ئوت ئالدۇرۇپ كىمىنى قارشى قىرغاققا قاراپ ھەيدىدى . ئالدىمىزدىكى تاغدىن ئايلىنىپ ئۆتكەندىن كىيىن تۇيۇقسىز ئالدىمىزدا بىر ئوچۇقچۇلۇق نامايەن بولدى .
     تاغ ئۆڭكۈرى بىلەن بۇ يەر ئارىسىدا بەلگىلىك ئارلىق بار بولۇپ مەنزىرىسى ئىنتاھىن گۈزەل ئىدى . ئىككى تەرەپتىكى تاغنىڭ ئىتىكى تىك ، دەريا سۈيى تاغ تىگىنى توسىۋالغان بولۇپ تاغنىڭ ئاستىنى كۆرۈش مومكىن ئەمەس ، ئادەمگە خۇددى ، بۇ دۇنيادا تاغ بىلەن سۇدىن باشقا مەخلۇقات يوقتەك تۇيغۇ بىرەتتى . تاغ ئارىسىدىكى دەريا ئىقىنىدا يۈرگىنىڭىزدە قەلبىڭىزدە بىر خىل خۇشاللىق ھىسياتى ئۇرغۇپ تاشاتتى . مەن ھاياجىنىمنى باسالماي فوتو ئاپراتىمنى چىقىرىپ بىر نەپىسىمدىلا نەچچە ئون پارچە سۈرەتكە تارتىۋەتتىم .  
   كىمىچى كىمىنى سۇنىڭ ئىقىش يۆلىنىشى بويىچە ئاستا ھەيدەۋاتاتتى . بىز تاغ باغرىنىڭ تۆۋەنلىشىگە ئەگىشىپ سۇ يۈزىدە بىر خىل سۈرەتتە ئالغا ئىلگىرلەۋاتاتتۇق . ئالدىمىزدا تاغ پەيدا بولسا مەن تىخى نىشانغا يىپتىمىز دەپ ئويلىغان ئويۇم ، كىمىچىنىڭ رولىنى بىرلا بۇراپ تاغنى ئايلىنىپ ئۆتۈپ يەنە بىر ئوچۇقچۇلۇقنى كۆز ئالدىمىزدا نامايەن قىلىشى بىلەن قەيەرلەرگىدۇ ئۈچۈپ كىتىۋاتاتتى .  بىزنىڭ مۇرەككەپ ، ئەگرى – توقاي سۇ يولىدا قانچىلىك ماڭغىنىمىز ئىسىمدە يوق ، ئىشقىلىپ ئۆرە تۇرىۋىرىپ پۇت – قوللۇرۇم تىلىپ سىزىمىنى تۆتىنچى قىتىم يوقاتقاندا كىمىچى كىمىنى توختۇتۇپ : " بىز بىردەمدىن كىيىن تاغ ئۆڭكۈرىدىن ئۆتىمىز ، سىلەردىن ئۆتىنەي ، تاغ ئۆڭكۈرىدىن ئۆتكەندە ئامال بار ئاۋاز چىقارماڭلار ! سۆزلىشىدىغان ئىش بولسا پەس ئاۋازدا پاراڭلىشىڭلار ! ھەرگىزمۇ سۇغا قارىماڭلار! ئالدىڭلارغا قاراڭلار ! ئەڭ ياخشىسى تاغ ئىلاھىنىڭ يامان گىپىنى قىلماڭلار " دىدى . ئۇنىڭ بىزدىن ئۆتۈنگەنلىكىنى ياكى بىزنى ئاگاھلاندۇرغانلىقىنى بىلەلمىدىم .  
    بىز ئۆئارا مەنىلىك قارىشىۋەتكەندىن كىيىن پەنزې تاغامدىن " قانداق قىلىمىز ، ئۇنىڭ دىگىنى بويىچە قىلامدۇق ؟!! " دەپ سورىدى خاڭجۇ تەلەپپۇزىدا .
   كەنجى تاغام بىرئاز ئويلىنىپ تۇرۇپ ؛ " ھازىر بىز بۇ ئىككى سولتەكنىڭ تىگى – تەكتىنى بىلمەيمىز ، ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ جاينىڭ يەر شەكلى مۇرەككەپ ، ئەگرى – توقاي ئىكەن . بىزنىڭ ئويلىغىنىزدىنمۇ خەتەرلىكتەك قىلىدۇ ، ۋاختىنچە ئۇنىڭ دىگىنىدەك ئىش كۆرەيلى ، قۇرالنى تەقلەپ قويۇڭلار " دەپ خاڭجۇ تەلەپپۇزىدا جاۋاپ بەردى .
   ھەممىمىز تەڭلا بىشىمىزنى لىڭىشتىپ قوشۇلدىغانلىقىمىزنى بىلدۈردۇق . پويىزدا بىز بۇ يەردىكى تاغلىقلارنىڭ مال – دۇنيا ئۈچۈن باشقىلارنى تاغنىڭ ئىچكىرسىگە باشلاپ كىرىپ ، شىرىكلىرى بىلەن بىرلىشىپ پۇل – ماللىرىنى بۇلاپ بولغاندىن كىيىن ئۇلارنى ئۆلتۈرۈپ جەسىتىنى خالىغان جايغا كۆمىۋىتىدىغانلىقىنى ئاڭلىغان ئىدۇق . ئەگەر راستلا شۇنداق بولىدىغان بولسا بىزنى ئەۋلىيالارنىڭمۇ تاپلالىشى ناتايىن ئىدى . بۇ ئىككى سولتەكنىڭ راستىنلا شۇنداق نىيتى بارمۇ – يوق بىلمىدىم .  
   پەنزې ئىلگىرى ئالاھىدە قىسىمدا تۇرغان ، قارىماققا ناھايتى ئىغىر – بىسىق كۆرىنەتتى . بۇ چاغدا ئۇ قولىنى يان خەنجىرىنىڭ ئۈستىگە قويۇپ تۇرۇپ ماڭا ئىھتىياتجان بولۇش توغۇرسىدا كۆز ئىشارىتى قىلدى .
    كىمە يەنە بىر قىتىم 180گىرادۇسلۇق ئەگمىدىن ئۆتكەندىن كىيىن ھىلىقى رىۋايەتلەردىكى ئۆڭكۈر پەيدا بولدى . بىز ئۆڭكۈر توغۇرلۇق پاراڭلشقاندا ئۇنى ئىنتاھىن چوڭ ھەم ھەيۋەتلىك دەپ پەرەز قىلغان ، بىراق ئەمىلىيەتتە بۇ ئۆڭكۈرنى << ئۆڭكۈر >> دىگەندىن  كۆرە<< تاغ كامىرى >> دىگەن تۈزۈك ئىكەن . كىرىش ئىغىزىدىن كىمە ئارانلا پاتاتتى . ئەڭ قاملشمىغىنى << تاغ كامىرى >> نىڭ ئىگىزلىكى، ئادەم كىرمەكچى بولسا پەقەت كىمە ئۈستىدە ئولتۇرغاندىلا ئاندىن << تاغ ئۆڭكۈرى >> ئىچىگە كىرەلەيتى .  
   مۈشۈكمۇ بۇرۇتى پاتمىغان تۆشۈككە كىرمەيدۇ ، بۇ بوشلۇق ھەقىقەتەن تار . ئەگەردە بىرەرسى بىزگە قەس قىلسا قايتۇرما ھۇجۇمغا ئۆتۈش ئەمەس ، پۇت - قولىمىزنى ئىشلىتىشمۇ بىر مەسىلە ئىدى . پەنزې ئىغىزىنى بۇزۇپ " س...كەي....، بۇ ئۆڭكۈر ئەمەس ، ئۇزۇن يوللۇق ئاپتۇبۇسنىڭ كارۋىتىكەنغۇ ؟" دىدى . ئۆڭكۈرنىڭ كىرگەندىن كىيىنكى بىرئاز ئارلىقى  يورۇق بولسىمۇ ، لىكىن بىرلا ئەگىگەندىن كىيىن تۆت ئەتراپى ئادەم ئۆزىنىڭ قول بارمىقىنىمۇ پەرىق ئىتەلمىگۈدەك دەرىجىدە قاراڭغۇلۇشۇپ كەتتى . پەنزې كان چىرىغىنى ياندۇرۇپ ئەتراپنى يورۇتتى .  
     تۆت ئەتراپىمىزدىكى ئۆڭكۈر تىمى ئىنتاھىن سىلىق بولۇپ رەڭگىمۇ غەلىتىلا بىرخىل يىشىل رەڭدە كۆرۈنەتتى .  تەپسىلى قارىغاندىن كىيىن ئۆڭكۈر تىمىنىڭ تۆت ئەتراپىغا بىر قەۋەت مۇخ ئۆسۈپ چىققانلىقىنى بايقىدۇق .  
      ئاكۈي ئۆڭكۈرنىڭ ئۈستىگە قارىۋەتكەندىن كىيىن : " ئۈچۈنچى بىگىم ، بۇ ئۆڭكۈر سەل خەتەرلىكمۇ قانداق ، ؟ .....ئەجەپ < ئوغرى ئۆڭكۈرى > گە ئوخشايدىكىنا " دىدى . ,
        كەنجى تاغام ئۆڭكۈر تىمىنى سىلاپ تۇرۇپ : " ئاناڭنى ..... ھەقىقەتەن ئوغرى كولىغان ئۆڭكۈر ئىكەن ، مىنىڭچە كولىغىلى خىلى ئۇزۇن بولغان چىغى ........؟" دىدى .  
     ئالدىمدا كىمە ھەيدەۋاتقان بەزگەك ئىغىز ئاچتى . " ۋۇي ، قارىغاندا بۇياقنىڭ كۆزى ئوبدانلا ئۆتكۈر ئىكەن ، ئىيىتقىنى توغرا ،  بىزنىڭ ھازىر ئۆتىۋاتقىنىمىز < بەش قەۋرە چوقىسى تىغى > دىيلىدۇ . كونىلارنىڭ دىيشىچە پۈتكۈل تاغ بىر قەۋرە بولۇپ ، بۇ ئەتراپتا بۇنداق ئۆڭكۈردىن بىر نەچچىسى بار ، مۇشۇ ئەڭ چوڭى " دىدى .  
   " ھىم .....، قارىغاندا سىزمۇ  كەسىپ ئەھلى ئىكەنسىزدە ! ؟ " دىدى كەنجى تاغام ئۇنىڭغا تاماكا سۇنغاچ سىلىق تەلەپپۇزدا . ئۇ بىشىنى چايقاپ تۇرۇپ : " نەدىكىنى ، پىقىرمۇ باشقىلاردىن ئاڭلىغان ، ئاڭلاۋىرىپ بىر - ئىككى كەلىمە ئىسىمدە قاپتۇ ، پىقىر ھەرگىزمۇ كەسىپ ئەھلى ئەمەس " دىدى .  
    پەنزې بىلەن ئاكۈي چىرايىدا چاندۇرمىسىمۇ بىراق ئىككىسىنىڭ قولى يان خەنجىرىنىڭ غىلىپىدا ئىدى . مەنغۇ بىرەر غەلىتىلىكنى سەزمىدىم . بىراق نىمىشقىكىن يۈرۈكۈم ئىغىپلا تۇراتتى . خۇددى ھازىرلا  بىرەر ئىش يۈز بىرىدىغاندەك . كەنجى تاغام تاماكىسىنى تۇتاشتۇرۇپ كىمىچىدىن بۇ ئۆڭكۈر توغرىسىدىكى رىۋايەتلەرنى سورىدى . كىمىچى ئۆزىنىڭمۇ كۆپ نەرسىلەرنى بىلمەيدىغانلىقىنى ، پەقەت ئۇنىڭ ئەجدادىدىن قالغان بىر قاتار قائىدىلەرگە ئەمەل قىلسا باشقا ئىش چىقمايدىغانلىقىنى مەسىلەن ، ئۆڭكۈردە يۇقرى ئاۋازدا سۆزلەشمەسلىك ، سۇ ئاستىغا قارىماسلىق قاتارلىقلار . ئۇ بۇ قائىدىلەرنىڭ قانداق ئاساسىنىڭ بارلىقىنى بىلمەيدىغانلىقىنى ئىيتىپ تۇرىشىغا ھىلىقى << بوتۇلكا >> بىزگە قولىنى شىلتىپ ، گەپ قىلماسلىق ئىشارىسى قىلىپ :" جىم ، ئاڭلاڭلار ، بىرى سۆزلىەۋاتىدۇ ؟ " دىدى . ھەممىمىز ئۇنىڭ بۇ ھەركىتىدىن جىمىپ پۈتكۈل سىزىم ھۈجەيرىلىرىمىزنى قۇلاق ئەتراپىمىزغا يىغىپ ئاڭلاشقا تىرىشتۇق ؛ ھەقىقەتەن سۇنىڭ ئىقىشىدەك بىرىنىڭ سۆزلەشكەن ئاۋازى ئۆڭكۈرنىڭ ئىچىدىن ئاڭلىنىۋاتاتتى .  
   بۇ ئاۋاز ئىنتاھىن غەلىتە بولۇپ ئۆڭكۈرنىڭ ئاۋاز قايتۇرشى بىلەن تىخىمۇ بىر غەلىتە ئاۋاز دولقۇنى ھاسىل قىلىپ ئادەمنىڭ ئاڭلاش نىرپلىرىنى غىدىقلايتى . مەن ئۇلارنىڭ سۆزلەشكىنىنى ئاڭلىغان بولساممۇ بىراق نىمە دىيىشكىنىنى ئاڭقىرالمىدىم . ئىچىمدە : " س... ىكەي........، ياپۇنچە ... فىرانسۇزچە .....؟ " دەپ مىڭنى تىللىدىم .  
   مەن بىردەم ئاڭلاپ ھىچنىمىنى ئاڭقىرالمىغاندىن كىيىن كىمىچىدىن بۇ جايدا داۋاملىق مۇشۇنداق ئاۋاز بار - يوقلىقىنى سورىسام ھىچكىم جاۋاپ بەرمىدى . مەن ئۆرۈلۈپلا قارىسام كىمىدە نەدىمۇ كىمىچى بولسۇن ، كۆزنى يۇمۇپ – ئاچقۇچە نەلەرگىدۇ غايىپ بولغان ئىدى . مەن ھەيران بولۇپ ھارۋىكەش قىرىغا قارىدىم . " ئاناڭنى ......." ئۇ قىرىنىڭمۇ سايىسى كۆرۈنمەيتى . كەنجى تاغام جىددىيلىشىپ << پەنزې ، ھىلىقى ئىككى بەزگەك قىنى ؟ >> دەپ سورىدى .  
   " بىلمەيمەن ، سۇغا سەكرىگەن ئاۋازىمۇ ئاڭلانمىدى ؟! >> دەپ جاۋاپ بەردى پەنزې .  
   ئاكۈي ھەممىمىزگە قاراپ تۇرۇپ : " ۋاي خۇدايىم ،ئۇلار كىمىنىڭ ماتورىنى بۇزىۋەتكەن چىغى ؟ كىمە ئوت ئالمايۋاتىدۇ ،  بۇ نۆۋەت كۆرىدىغىنىمىز بار ئوخشايدۇ ؟!! " دىدى .  
  " چاتاق ، بىزنىڭ تىنىمىزدە < جەسەت ھىدى > يوق ، ئەمدى قانداق قىلغۇلۇق ؟ > دىدى ئاكۈي .  
  " پەنزې سەن ۋىتنامدا ئۇرۇشقا قاتناشقان ۋاقىتتا ئۆلۈكنىڭ گۆشىنى يەپ باققانمۇ ؟ " جىددىيلىشىپ سورىدى  
كەنجى تاغام  . 2  
 پەنزې " چاقچاق قىلمىسىلا 3 - بىگىم ، مەن ۋىتنامغا بىرىپ نەچچە كۈن ئۆتمەي ئەسكەرلىكتىن چىكىندۈرۈلگەن ، ۋىتنامدا ئادەم جەسىتى ئەمەس ، توشقان جەسىتىنىمۇ كۆرمىگەن " دەپ جاۋاپ بەرگەچ ئاكۈينى كۆرسىتىپ تۇرۇپ : " ھەي بۇقا ، ئاڭلىسام سىنىڭ ئۆيۈڭدىكىلەر ئىلگىرى ئادەم گۆشىدە مانتا تۈگۈپ ساتاتتىكەن ، كىچىك چاغلىرىڭدا سەنمۇ بىر قانچە قاسقان يىگەن بولغىيتىڭ ؟ " دىدى . ئاكۈي ئاچچىقتىن يىرىلغۇدەك بولۇپ : " ئوسرۇق گەپ ، بىزنىڭ جەمەت ئۇنداق مانتىنى قىلمايدۇ ، قىلساقمۇ باشقىلارغا ساتىمىز . نەدىمۇ ئادەم گۆشىدە مانتا تۈگۈپ ئۆزى يەيدىغان ئىش بار ؟ " دىدى . "  
     مەن ئۇلارنىڭ تىخىمۇ ئەزۋەيلەپ كىتىشىنىڭ ئالدىنى ئىلىش ئۈچۈن ئۇلارغا : " ئۈچۈڭلارنىڭ يىشىنى قوشقاندا 150 كە يىقىنلىشىدۇ ، يەنە مۇشۇنداق قاملاشمىغان چاقچاق قىلىشىسىلەر ؟ " دىدىم . |  
   مەن سۆزۈمنى تۈگىتىشىمگىلا كىمە تۇيۇقسىز مىدىرلاپ ئۆرۈلۈپ كىتىشكە تاسلا قالدى . پەنزې دەرھال كان چىرىغىنى ئىشلىتىپ سۇغا قارىدى ، سۇنىڭ ئاستىدا غايەت زور بىر سايىنىڭ ئۈزۈپ كىتىۋاتقانلىقىنى كۆردۇق .  
   ئاكۈينىڭ چىرايى تاتىرىپ بىرنەرسە دىمەكچى بولغان بولسىمۇ قورۇققىنىدىن ئىغىزى گەپكە كەلمىدى . كەنجى تاغام ئۇنىڭ دۈمبىسىگە كۈچەپ بىرنى ئۇرۇپ : " ئاناڭنى ، قورقۇپ ئىشتىنىڭغا چىقىرۋەتمىگەنسەن ؟!! قارا پىراكتىكانىتلارمۇ غىڭ قىلماي تۇرغان يەردە ،  ... ئىسىت سىنىڭ نەچچە يىل ماڭا ئەگەشكىنىڭ ؟ " دىدى . ئەمىلىيەتتە ھەممىدىن بەكرەك قورۇققىنى مەن ، قورقۇپ جىددىيلىشىپ كەتكەچكە نىرۋام چىراي ھۈجەيرىلىرىمنى باشقۇرالمىغان بولسا كىرەك ، بىر قارىغان ئادەمگە شۇنداق تەمكىنلىك تۇيغۇسى بىرەتتىم .    
   " ئانامەي ، 3 - بىگىم ، بۇ نەرسە بەكلا يوغان ئىكەن ، بىز ئۇنىڭغا بىر ۋاخ تاماقمۇ بولالمىغۇدەكمىز !!؟ " دىدى ئاكۈي تىترەپ تۇرۇپ .ئاندىن كىمە قىرىدا ئولتۇرغان چوڭ ‹‹ كىر دىسى ›، دەك كاسىسىنى كىمىنىڭ ئوتتۇرسىغىراق يۆتكەپ ، بوينىنى سوزۇپ سۇغا ئەنسىزلىك بىلەن قاراپ قويدى . خۇددى ھىلىقى نەرسە ھازىرلا بىشىنى چىقىرىپ ئۇنى چىشلەپ سۇغا ئەكىرىپ كىتىدىغاندەك .  
    " تۈفى... " ئۈچۈنچى تاغام ئاكۈيگە قاراپ بىرنى تۈكۈرۈپ ئالىيۋەتكەندىن كىيىن : " مەن ۋۇ جەمەتىنىڭ كەنجى بەگزادىسى ،  بىر ئۆمۈر ‹ ئالتۇن كولاش > جەريانىدا قانداق غەلىتە مەخلۇق ، جىن - شاياتۇنلارنى كۆرمىگەن ، بىزدە ھازىر قۇرال دىسە قۇرال ، ئادەم دىسە ئادەم بار ، نىمىدىن قورقاتتۇق ؟!! دۆت بۇقا  ، بۇنداق ئوسرۇق گىپىڭنى ئەمدى دىگۈچى بولما !!! " دىدى .
   پەنزېىنىڭ چىرايى تاتىرىپ كەتكەن بولۇپ منىڭچە بۇ ئۇنىڭ قورۇققىنىدىن ئەمەس بەلكى جىددىيلىشىپ كەتكەنلىكىدىن ئىدى .  
   پەنزېلا ئەمەس ھەر قانداق كىشى بۇنداق تار بوشلۇق ئىچىدە ئاستىدىن غايەتزور بىر نەرسىنىڭ ئۈزۈپ ئۆتكىنىنى كۆرسە چىرايى تاتارمىسىمۇ ئاقىرىپ كىتىشى مۇقەررەر ئىدى . پەنزې ئەتراپقا قارىۋىتىپ : " كەنجى بىگىم بۇ ئۆڭكۈر بەكلا غەلىتە ئىكەن ، كۆڭلۈم بىر شۇملۇقنى سىزىپلا تۇرىدۇ ، قانداق ئىش بولسا چىقىپ كەتكەندىن كىيىن مەسلىھەتلەشسەك قانداق ؟ " دىدى .  
   ئاكۈي توختىماستىن بىشىنى لىڭىشتىپ قوشىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى . مىنىڭمۇ ھازىرلا چىقىپ كەتكىم بار ئىدى ، بىراق ، مەن دىگەن كەنجى تاغامنىڭ جيەنى قانداقلا بولمىسۇن ، تاغام ئىپادە بىلدۈرگەندىن كىيىن سۆزلەشنى لايىق تاپتىم . بۇ ۋاقىتتا كەنجى تاغام ھىلىقى  بوتۇلكىغا قانداق قىلىش توغۇرلۇق تىكىلىپ قارىدى . كەنجى تاغامنىڭ مىجەزى ماڭا ئايان ، ئۇ بوۋامنىڭ كىچىك ئوغلى بولۇپ ، بىرەر ئىش قىلماقچى بولسا پەلەك شاھىنىڭمۇ گىپىنى ئاڭلىمايتى . بىراق بۇ قىتىم كەنجى تاغامنىڭ مۇنۇ سولتەكتىن تەپ تارتىپ تۇرۇپ مەسلىھەت سورىشى مىنى قاتتىق ئەجەپلەندۈردى .  
       ‹‹ بوتۇلكا ›› پارىڭىمىزغا قۇلاق سالماي يەنىلا شۇ ياغاچقا ئوخشاش ھىسياتسىز ، ئىپادىسىز چىراي شەكلى بىلەن سۇغا تىكىلىۋاتاتتى . خۇددى سۇدىن بىرنەرسە ئىزدەۋاتقاندەك . مەن كەنجى تاغامدىن بۇ ئادەمنىڭ تىگى – تەكتىنى سوراشنى ئويلىغان بولساممۇ بىراق ھازىرقىدەك ۋاقىتتا تازا قاملاشمايتى . شۇڭا پەس ئاۋازدا پەنزىدىن سورىسام ئۇمۇ بىلمەيدىغانلىقىنى ئىيتىپ  ئاستىنقى ئىڭەك ئىشارىسى بىلەن بوتۇلكىنى كۆرسىتىپ تۇرۇپ قۇلۇغۇمغا پىچىرلاپ : " ئىشقىلىپ بۇ ئادەم ئاددى ئەمەس ، قاراڭ ئۇنىڭ قولىغا ، بۇنداق ئۇزۇن بارماق نەچچە يىل مەشىق قىلغاندا ئۇنىڭكىدەك ئۇزىرار ؟! " دىدى .  
  مەن تىخى ئۇنىڭغا تۈززۈك دىققەت قىلمىغان ئىدىم ، ئۇنىڭ قولىغا بىر قاراپلا ھەيران قالدىم . بوتۇلكىنىڭ قولىنىڭ ئوتتۇرا بارمىقى بىلەن باش بارمىقى ھەددىدىن زىيادە ئۇزۇن بولۇپ ماڭا كونا زاماندىكى قوش بارماقلىق ‹‹ ئالتۇن كولىغۇچى سانغۇن ›› نى ئەسلەتتى . بوۋامنىڭ خاتىرسىدە بۇ توغۇرلۇق مەزمۇنلار بولۇپ ‹‹ ئالتۇن كولىغۇچى سانغۇن ›› كىپەن ئوغۇرلىرى ئىچىدە ماھارىتى كامالەتكە يەتكەن . ئۇلارنىڭ ئورتاق ئالاھىدىلىكى قوش بارمىقى ئىنتاھىن ئۇزۇن بولۇپ بۇ ئىككى بارمىقى ئىنتاھىن كۈچلۈك . قەدىمكى قەۋرىدىكى بەزى قۇرۇلمىلار مۇشۇنداق ئۇزۇن ، كۈچلۈك ئىككى بارماققا تايىنىپ بۇزۇپ تاشلىناتتى . بۇنداق بارماق ماھارىتىنى يىتىلدۈرۈش ئۈچۈن ئادەتتىكى ئادەملەر ئىغى يوق ئىشتان كىيگەن ۋاختىدىن باشلاپ قىرانلىق دەۋرىگىچە مەشىق قىلسىمۇ بۇ دەرىجىگە يىتەلىشى ناتايىن ئىدى .  
   مەن ئۇنىڭ بارمىقىنىڭ يەنە نىمە كارامىتى بارلىقىنى ئويلاپ تۇرۇشىمغا بوتۇلكىنىڭ ئوڭ قولىنى كۆتۈرۈپ چاقماقتەك سۈرەت بىلەن سۇغا تىققانلىقىنى كۆردۈم . ئۇنىڭ ھەركىتى ناھايتى تىز ، ئۇ قولىنى سۇغا تىققۇچە بولغان ئارلىقتا مەن پەقەت بىر ئاق نۇرنى غىل – پاللا كۆرگەندەك بولدۇم . ئۇ قولىنى قانداق تىزلىك بىلەن سۇغا تىققان بولسا ، يەنە شۇنداق تىزلىك بىلەن سۇدىن چىقاردى . ئىنتاھىن ئۇزۇن بولغان ئىككى بارمىقىدا قاپقارا كىچىك قۇرۇتتەك بىر نەرسە بار ئىدى . بوتۇلكا قۇرۇتنى پالوبا ئۈستىگە تاشلاپ : " ئەنسىرىمەڭلار ، بايامقى سايە مۇشۇ نەرسە ! " دىدى .  
  مەن ھىلىقى نەرسىگە قاراپ ھەيرانلىق ئىچىدە " بۇ سۇ قوڭغۇزىغۇ  ؟ ئۇنداقتا بايامقى چوڭ سايە نەچچە مىڭلىغان سۇ قوڭغۇزىنىڭ بىرلىكتە ئۈزۈشىدىن شەكىللەنگەن ؟ ›› دىدىم . 52  
    " شۇنداق " بوتۇلكا قولىنى كىيمىگە سۈرتۈپ تۇرۇپ جاۋاپ بەردى . ]  
   تازا ئىشەنگۈمىز كەلمىسىمۇ لىكىن بۇ ئەمىليەت ئىدى . ئاكۈي سەكرەپ بىرىپ ھىلىقى قۇرۇتنى كۈچەپ بىرنى دەسسەپ :" ئاناڭنى ، قورقۇتۇپ جىنىمنى ئالدى دىسە ! "دەپ ۋارقىرىدى .  
   بىراق مەن يەنە بىر ئويلىسام توغرا ئەمەس ؟ قانداقسىگە بۇنچىۋالا كۆپ سۇ قوڭغۇزى بىرلا ۋاقىتتا ھەركەت قىلىدۇ ؟ ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ سۇ قوڭغۇزىنىڭ تىنى ئادەتتىكى قوڭغۇزغا قارىغاندا نەچچە ھەسسە چوڭ ! بوتۇلكىدىن سوراي دەپ قارىسام ئۇمۇ گۇمان نەزىرى بىلەن سۇغا تىكىلىۋاتاتتى . ئۇنىڭ نىمە ئويلاۋاتقانلىقىنى بىلگىلى بولمايتى .  
    كەنجى تاغام بايا ئاكۈي دەسسەپ ئىزىۋەتكەن سۇ قوڭغۇزىنى قولىغا ئىلىپ بۇرنىغا يىقىن ئەكىلىپ پۇراپلا چىرايى ئۆزگەردى – دە ؛ " چاتاق ، بۇ سۇ قوڭغۇزى ئەمەس ،.... جەسەت بۈرگىسى...." دىدى . 2
   ھەممىمىز ئاڭلاپ قىتىپلا قالدۇق . بۇ نەرسىنىڭ ئىسمىمۇ ئۆزىگە ئوخشاش ئادەمنىڭ كۆڭلىنى ئىلىشتۇراتتى .  
   " بۇ قۇرۇت چىرىگەن گۆش – تاپلارنى ئوزۇقلۇق قىلىدۇ ، قەيەردە جەسەت كۆپ بولسا شۇ يەردە بولىدۇ . قانچىلىك كۆپ يىسە شۇنچىلىك يوغىنالايدۇ  . قارىغاندا باش ئىقىن تەرەپتە جەسەت ئازگىلى بولسا كىرەك ، چوقۇم شۇنداق ..... ئۇنىڭ ئۈستىگە جەسەتمۇ ئاز بولماسلىقى مومكىن " دىدى كەنجى تاغام قاپقاراڭغۇ ئۆڭكۈرگە قاراپ .    
    " بۇ نەرسە تىرىك ئادەمنى چىشلەمدۇ ؟ " دەپ سورىدى ئاكۈي تىترەپ تۇرۇپ .  
  كەنجى تاغام ئاكۈيگە قاراپمۇ قويماي " ئادەتتىكىسى تىرىك ئادەمنى چىشلىمەس ، بىراق بۇ جايدىكى چىشلەمدۇ – چىشلىمەمدۇ ئۇنى بىلمىدىم . ھەي ! بۇ نەرسە ئادەتتە جەسەت توپلاشقان جايدا بولاتتى . ئۇلار نەگە ماڭغاندۇ ؟ ھەممىسى بىرلىكتە ئۆي كۆچىۋاتقاندىمۇ – يا ؟ " دىدى .
   بوتۇلكا تۇيۇقسىز ئۆڭكۈرنىڭ ئىچكىرسىنى كۆرسىتىپ تۇرۇپ : " مەنچە ئۇلار بىر نەرسىدىن قورقۇپ قىچىۋاتامدىكىن....... " دىدى . ,
     " نىمە  ؟ قورقۇپ قىچىش ؟! " دىدى سىمىز ئاكۈي . " ئۇنداقتا بۇ ئۆڭۈرنىڭ ئىچىدە.... ؟ "  
    بوتۇلكا بىشىنى لىڭىشتىپ تۇرۇپ : " مىنىڭچە بىر نەرسە بىزگە قاراپ كىلىۋاتامدىكىن ؟ ئۇنىڭ ئۈستىگە تىنى ئىنتايىن يوغان ......!! " دىدى .





tewekkulchi يوللانغان ۋاقتى 2014-6-20 14:53:54

بەشىنچى باب


چوڭ تىپتىكى سىرلىق ، قورقۇنچلۇق ، تەشۋىشلىك ئەسەر  

 كىپەن ئوغۇرسىنىڭ خاتىرسى
بىرىنچى خاتىرە يەتتە يۇلتۇزلۇق لۇ بىگى  
                 
1-بۈلەك 5-باب سۇدىكى سايە
 
       " نىمە ؟ كىچىك بىگىم ، مىنى قورقۇتمىسىلا ، يۈرەك كىسىلىم بار . مەن شۇ ئىسمىنى بىلگىلى بولمايدىغان نەرسىدىن بەك قورقىمەن ، ئەگەردە 40 قاراقچى ياكى بۇلاڭچى كەلسىمۇ مەن ئاكۈي پۇشتۇمغىمۇ ئىلمايمەن . لىكىن بۇ نەرسە توغۇرلۇق ھىچنەرسە بىلمەيمىز ، شۇڭا .... " دىدى ئاكۈي يىلىنغان قىياپەتتە .  
    مىنىڭچە بۇ جايدا تۇرىۋىرىشمۇ ياخشى چارە ئەمەس ئىدى . نىمىشقىكىن بىلمەيمەن ، ۋۇجۇدۇمنى غەلىتە بىر خىل سىزىم چىرمىۋالغان بولۇپ بەلكىم بۇ ئەسكى ئۆڭكۈردىكى خاتىرجەمسىزلىك تۇيغۇسىنىڭ كەيپىياتىمغا قىلغان ناچار تەسىرىدىن بولسا كىرەك . شۇڭا مەن ئىغىز ئىچىپ : " نىمە بولىشى بىلەن كارىمىز بولمىسۇن ، ھازىر ساق - سالامەت چىقىپ كىتىش ھەممىدىن موھىم . بىز ھازىر ئىقىنغا قارشى يۆلىنىشتە يۈرىۋاتىمىز ، كەينىمىزگە يىنىپ سۇ ئىقىنى بىلەن بىر يۆلىنىشتە قايتساق 20مىنۇتقا قالماي چىقىپ كىتىشىمىزدە گەپ يوق "    دىدىم .  
   " توغرا ، توغرا.... كىچىك 3 - غوجامنىڭ ئىيىتقىنى توغرا " دىدى ئاكۈي ئارقىدىن ئۇلاپلا يەنە ؛ "  كەنجى غوجام سىز بىر گەپ قىلىڭە ؟ پەقەت بولمىسا قايتىپ تاغدىن ھالقىپ ئۆتەيلى ، مىنىڭ كۈچۈم بار ، يۈك - تاقلارنىڭ ھەممىسىنى مەن كۆتۈرەي ، نىشانغا يىتىپ بارغاندىن كىيىن ئوغرى كامىرىنى تىزراق كولاپ ۋاقىتنى تىجىسەك قانداق ؟ " دىدى .  
   كەنجى تاغام يەنە بىر قىتىم بوتۇلكىغا قارىۋەتكەندىن كىيىن : ئاكا ، سىزنىڭچە قانداق قىلىمىز " دىدى .  
   بوتۇلكا سوغۇققىنە : " مىنىڭچە ھازىر چىكىنىپ كىتىشنى ئويلىساق ئۈلگۈرمەسمىكىن ، ھىلىقى ئىككى ئىتنىڭ كۈچىكى بىزنى بۇ يەرگە ئەكىرىپ تاشلاپ قويغان ئىكەن بىزنىڭ چىقىپ كىتەلمەيدىغانلىقىمىزغا ئىشىنىدۇ ياكى ئاللىقاچان تەييارلىق كۆرۈپ قويغان " دىدى . ,  
     " چىقىپ كەتمەيمىز ؟ " ئۇنداقتا بۇ جايدا ئۆلۈمنى كۈتۈپ ياتامدۇ ق؟ " دەپ سورىدى پەنزې بوتۇلكىغا قاراپ . بوتۇلكا پەنزىگە مەنسىتمەسلىك نەزىرى بىلەن بىرنى قارىۋەتكەندىن كىيىن خۇددى ئۇنىڭ سۆزىنى ئاڭلىمىغاندەك بىشىنى بۇراپلا كۆزىنى چىڭ يۇمىۋىلىپ نىرۋىسىنى ئارام ئالدۇرۇشقا باشلىدى .  
      پەنزې بوتۇلكىدىن ئىنكاس قايىتمىغانلىقىنى كۆرۈپ كەنجى تاغامغا " مىنىڭچە مۇنداق قىلايلى ، كەنجى بىگىم يەنە ئالدىغا قاراپ ماڭساق بەزىلەرنىڭ جىنى قورقۇپلا تىنىدىن ئايرىلىشى مومكىن . كەينىمىزگە قايتايلى ، كەلگەن يولىمىز مۇرەككەپ بولسىمۇ خەتەرسىز ، چىقىپ كەتكىلى بولىشى مومكىن . بىرەر غەلىتە ئىش - ھادىسىگە يولۇقۇپ قالساق باشقا بىرەر چارە قىلارمىز " دىدى .  
    " مۇشۇنداق قىلمايمۇ باشقا ئامال يوق  " دىدى كەنجى تاغام بىشىنى لىڭىشتىپ تۇرۇپ ، ئاندىن ھەممىمىزگە قارىۋەتكەندىن كىيىن : " كىمىنىڭ ئالدى - كەينىگە كان چىرىغى ئورۇنلاشتۇرايلى ، پەنزې ، سەن قوش سىتۋۇللۇق مىلتىقنى تەييار قىل ، ئاكۈي بىلەن ئىككىمىز كىمىنى ھەيدەيمىز ، پەنزې بىلەن چوڭ جىيەنىم ئارقىمىزغا دىققەت قىلىڭلار ، ئاكا سىز ماڭا ياردەملىشىپ يول كۆرسىتىڭ " دەپ ئورۇنلشتۇردى . ئۇنىڭ ئورۇنلشتۇرىشى تۈگىشى ھامان ھەممىمىز يىڭى خىزمەت ئورنىمىزغا چىقىشقا تەييارلىق قىلدۇق ، پەنزى يەنە بىر كان چىرىغىنى يىقىپ كىمىنىڭ كەينى تەرىپىنى يورۇتتى .     "  
    بۇ ۋاقىتتا مەن ئۆڭكۈر ئىچىدىن بىلىنەر - بىلىنمەس بىر ئاۋازنىڭ كىلىۋاتقانلىقىنى ئاڭلىدىم . يەنە كىلىپ بۇ ئاۋاز بايامقىغا قارىغاندا تىخىمۇ يىقىندىن ئاڭلىنىۋاتقاندەك قىلاتتى . بۇ ئاۋاز ئادەمگە خۇددى نۇرغۇنلىغان ئەرۋاھلار تۆۋەن ئاۋازدا پاراڭلىشىۋاتقانقاندەك ، كۈلىشىۋاتقاندەك ئاڭلىنىدىغان بولۇپ بىر خىل تەشۋىش تۇيغۇسى بىرەتتى . ھەممىمىز جىمىپ كەتتۇق . كەيپىياتمۇ ئەڭ تۆۋەن نوقتىغا چۈشۈپ قالغانتى . مەن تۇيۇقسىز ئەھۋالنىڭ چاتاقلىقىنى ھىس قىلدىم . لىكىن ھەرقانچە قىلىپمۇ بۇ غەلىتە ئاۋازدىن باشقا نەرسىنى ئويلىيالمىدىم . قانچە تىرىشقان بولساممۇ پۈتكۈل كاللامدا يەنىلا شۇ ئاۋاز . ھەقىقەتەن چاتاق ، بۇ ئاۋازدا بىر سىر بار ئىدى . گەرچە سىزەلىگەن بولساممۇ ئوي - پىكىرىمنى يىغالمىدىم . پۈتكۈل نىرۋا ھۈجەيرىلىرىمدە شۇ غەلىتە ئاۋازلا بار . دەل مۇشۇ ۋاقىتتا كىمنىڭ قىلغىنىنى بىلمىدىم ؛ كىمدۇر بىرى مىنى كۈچەپ بىرنى تىپىپلا سۇغا چۈشۈرۋەتتى .    
      ئارقىدىنلا كاللامدىكى غەلىتە ئاۋازنىڭ يوقىلىشى بىلەن پەنزېنىڭمۇ تەڭلا سۇغا سەكرىگەنلىكىنى كۆردۈم . ئارقىدىن كەنجى تاغام بىلەن ئاكۈي ، ئەڭ ئاخىرىدا بوتۇلكا كان چىرىغىدىن بىرنى كۆتۈرۈپ سۇغا سەكرىدى . سۇنىڭ ئىچىدە ھىلىقى ئىپلاس ئاۋازنىڭ تەسىرى يوقالغان ئىدى . سۇنىڭ تىگىدىكى نەرسىلەر بەكمۇ تۇتۇق كۆرىنەتتى . مەن كۆزۈمنى يوغان ئىچىشقا تىرىشساممۇ كۆز ئالدىم يەنىلا غۇۋا ئىدى . ئەنە شۇ غۇۋالىق ئىچىدە بوتۇلكىنىڭ بىزگە سۇ ئاستىنى كۆرسىتىپ تۇرۇپ ئاندىن سۇ ئۆتمەس چىراغنى ياندۇرغىنىنى ھىس قىلدىم . سۇ ئانچە چۇڭقۇر ئەمەس ئىدى ، سۇنىڭ تىگىدىكى بىر قەۋەت ئاق قۇمنى كۆرگىلى بولاتتى . مەن ئەتراپقا كۆز يۈگۈرتۈپ چىققاندىن كىيىن ھەيران قالدىم ، چۈنكى سۇنىڭ تىگىدە ھىچقانداق ئۆسۈملۈك ، بىلىق ۋەياكى راك تۈرىدىكى جانلىقلار يوق ئىدى . نەپىسىم قىسىلىپ چىدىيالماي بىشىنى سۇدىن چىقىرىپ چوڭ بىر نەپەس ئىلىپ يۈز - كۆزۈمدىكى سۇ تامچىسىنى سۈرتۈپلا كۆز ئالدىمدا ھەممە يىرى قانغا بويالغان مۇدھىش بىر چىراينىڭ ماڭا ئۇدۇل ھالەتتە قىمىر قىلماستىن تىلىكىلىۋاتقانلىقىنى بايقىدىم .  
     مەن ئۇنىڭغا قارايتىم ، ئۇ ماڭا قارايتى .  
       مەن بۇ ئادەمنى تونۇدۇم . ئۇ دەل كىمىچى . بىشىمنى كۆتۈرۈپ پەقەت ئۇنىڭ ئۈستۈنكى بەدىنىنىڭلا ئىشىپ قالغانلىقىنى بايقىدىم . ئۆڭكۈرنىڭ تورىسىدا ئىنتاھىن يوغان بىر مەخلۇق كىمىچىنىڭ ئۈچىينى ئۇياق - بۇياققا سىلكىپ تۇرۇپ يەۋاتاتتى . قورۇققۇنۇمدىن كۆزلىرىم قاراڭغۇلۇشۇپ كەتتى . تورۇستىكى نەرسە ...ھىلىقى ... ئىنتاھىن چوڭ جەسەت بۈرگىسى ئىدى . ۋاي خۇدايىم ، بۇ نەرسە قانچىلىك جەسەتنى يىگەندە مۇشۇنداق يوغىنار ؟ ,  
    دەل مۇشۇ ۋاقىتتا مەندىن ئانچە يىراق بولمىغان جايدا پەنزېىمۇ سۇدىن بىشىنى چىقاردى . بىراق ئۇنىڭ تەلىيى كاجراق بولسا كىرەك ، ئۇ تىخى نىمە ئىش بولغانلىقىنى ئاڭقىرىپ بولغىچە تورۇستىكى جەسەت بۈرگۈسى   ‹‹ چىر ... ››قىلىپ بىرنى چىرىلداپلا ئىغىزىدىكى كىمىچىنىڭ ئاستىنقى بەدىنىنى چۆرىۋىتىپ پەنزېىنىڭ بىشىغا ئىتىلىشى بىلەن نەدىن پەيدا بولدىكىن يەنە بىر جەسەت بۈرگىسى ئۇنىڭغا كەينى تەرەپتىن ياماشتى . پەنزېمۇ ئادەتتىكى ئادەملەردىن ئەمەس ئىدى . بۇ ئەھۋالدا مەن پەنزېىنىڭ سول قولىنى بىرلا چۆرىگىنىنى كۆردۈم .  بىلمىدىم ، پەنزې قاچانلاردا ھەربى خەنجىرىنى قولىغان ئىلىۋالغان بولغىيتى ؛ ئۇ ئوڭ قولىدىكى خەنجىرىنى قىلچە ئىككىلەنمەيلا بىشىدىكى جەسەت بۈرگىسىنىڭ كىمىچىنى يەپ ئىتىلىپ كىتەيلا دەپ قالغان قورسىقىغا سانجىدى .  پەنزې خەنجىرىنى سۇغارغاندا  خەنجەرنىڭ تەتۈر بىسىدىكى ھەرە چىشى ئىپلاس جەسەت بۈرگۈسىنىڭ ئىچ - باغرىنى سۇغۇرۇپلا چىقتى .  پەنزېىنىڭ ئورنىدا مەن بولغان بولسام ئاللىقاچان ئەزرائىلغا ئۆزۈمنى تىزىملىتىپ بولغان بولاتتىم . يەنە بىر جەسەت بۈرگۈسى ئەمدىلا ئۇنىڭغا يامىشىشىغا پەنزى بەدىنىنى بۇراپلا ئۇ مەخلۇققا << گۆش بازغان >> دىن بىرنى سوۋغا قىلدى .  پەنزىنىڭ مۇشتۇمى ئىنتاھىن كۈچلۈك بولۇپ ھىلىقى جەسەت بۈرگىسى ئۇچقاندەك كىلىپ مىنىڭ يۈزۈمگە ئۇرۇلدى . مەن ئىچىمدە پەنزىنى تىللاپ ، " بۇ پەنزىنىڭمۇ ئادىمگەرچىلىكى يوق نەرسە ، ئادەتتە كەنجى تاغامنىڭ ئالدىدا مىنى قانداق- قانداق قوغدايدىغانلىقىنى پەش قىلىۋاتاتتى . ھازىرقىدەك بۇنداق ئەھۋالدا ئادەمنىڭ جىنىنى ئالىدىغان  نەرسىنى مىنىڭ يۈزۈمگە ئىتىۋاتقانلىقىنى قارا ؟ ئۇنىڭدا تىخى شىۋىتسىيە ھەربىيلىرى ئىشلىتىدىغان خەنجەر بار . مەندىچۇ ؟! نىمە بار ؟ ئانام مىنى تۇققاندا سوۋغا قىلغان بىرجۈپ قول . بۇ قىتىم راستىنلا تۈگەشتىم . ماڭا چاپلىشىۋالغان جەسەت بۈرگىسى تۈزۈتمۇ قىلماي ئۆتكۈر تىرنىقى بىلەن  يۈزۈمدىن بىر پارچە تىرەمنى سويىۋالدى . مەن چىشىمنى چىشىمغا چىشلەپ ئۇنى چۆرىۋەتمەكچى بولدۇم  . ئويلاپ باقماپتىكەنمەن ؛ ئۇنىڭ نەچچە پۇت - قولى باركىن تاڭ ؟ ئاستىنقى بىر جۈپ پەنجىسى بىلەن كىيمىمگە چىڭ چاپلىشىۋالغان ، يەنە بىر قولىمۇ ياكى پۇتىمۇ بىلمىدىم ئاللىقاچان مىنىڭ تىنىمنىڭ ئىچىدىكى گۆشكە كىرىپ كىتىپ بولغان ئىدى . ئاغرىقتىن كۆز يىشىم ، پوتلام ، يەنە بىر نەرسەم تەڭلا ئىتىلىپ چىقتى .  
    بۇ ۋاقىتتا بوتۇلكىمۇ سۇ يۈزىگە چىقىپ مىنىڭ بەرداشلىق بىرەلمەيۋاتقانلىقىمنى كۆرۈپ سۇغا بىرلا شۇڭغۇپ مىنىڭ يىنىمغا كىلىپ ئوڭ قولىنىڭ ئىككى بارمىقىنى ناھايتى چەبدەسلىك بىلەن جەسەت بۈرگۈسىنىڭ ئومۇرتقىسىغا سانجىپ كىرگۈزۈپ بىرلا كۈچەپ بىر تال 40 سانتىمىتىر ئۇزۇنلۇقتىكى ئاپپاق نەرسىنى تارتىپ چىقاردى . بىچارە بايقۇش ! بايا تىخى مىنى بوزەك قىلغان جەسەت بۈرگۈسى يەر چىشلىگەن ئىدى . مەن ھىلىقى جەسەت بۈرگۈسىنى بىرلا كۈچەپ كىمە ئۈستىگە تاشلىدىم . گويا يامان چۈشتىن ئويغانغاندەك .  
   ئاكۈي بوتۇلكىغا باش بارمىقىنى چىقىرىپ تۇرۇپ ئىيىتتى : " ئاكا ، قايىل بولدۇم ، شۇنداق يوغان جانىۋار نىڭ ئۈچىيىنى سۇغۇرۋالدىڭىز . قايىل بولمىسام بولماس " دىدى .  
   " ئۆتۈپ بارە " دىدى پەنزې بىشىدىن ئىقىۋاتقان قاننى سۈرتۈپ تۇرۇپ . بوتۇلكىغا بىرنى قارىۋەتكەندىن كىيىن ، " قاراپ باقە سەۋىيەڭگە ، << نىرۋىنى سۇغۇرۇش  >> دىيلىدۇ . بۇ بۇرادىرىمىز جەسەتخور مەخلۇقنى پالەچ ھالەتكە چۈشۈرۈپ قويدى دىسەك توغرا بولىدۇ ، قارا قورساق " دىدى .  
   " سىنىڭچە بىر مەخلۇق تىخى ئۆلمىدى ؟! " دىدى ئاكۈي كىمىگە چىقىرىپ بولغان ئۈستۈنكى بەدىنىنى سۇغا قايتىدىن چۈشۈرۈپ .  
    بوتۇلكا بىرلا سەكرەپ كىمىگە چىقىپ جەسەت بۈرگۈسىنى بىر ياققا ئىتتىرۋىتىپ : " مىنىڭچە بۇ بايقۇشنى ھازىرچە ئۆلتۈرسەك بولمايدۇ ، بىز ئۇنىڭغا تايىنىپ بۇ ئۆڭكۈردىن چىقىپ كىتىمىز " دىدى . "  
   " سىز دەپ بىقىڭە ، بايامقى ئاۋازنى مۇشۇ جانىۋار چىقارغانمۇ ؟ " دەپ سورىدى كەنجى تاغام ئۇنىڭدىن . " بايا ئاڭلىسام ئۇنىڭ چىقارغان ئاۋازى ئوخشىمايدىغان چىراي " .  
  بوتۇلكا ھىلىقى جەسەت بۈرگۈسىنى ئۆرىۋىدى ھەممىمىز ئۇنىڭ قۇيرىقىدا مۇشتۇمدەك چوڭلۇقتا مىستىن ياسالغان ئالتە تەرەپلىك  شامال قوڭغۇرىقىنىڭ بارلىقىنى بايقىدۇق . قاچان ئىسىلىپ قالدىكىن تاڭ ؟ مىس قوڭغۇراق كۆكۈرۈپ كەتكەن بولۇپ  بۇ قوڭغۇراقنىڭ ئالتە تەرىپىگە ئەپسۇن پۈتۈلگەن ئىدى . پەنزې بىشىنى تىڭىۋىتىپ ھىلىقى جەسەت بۈرگۈسىنى بىرلا تىپىۋىدى ئالتە تەرەپلىك شامال قوڭغۇرۇقى ئۆزلىكىدىن مىدىرلاپ ئاۋاز چىقىرىشقا باشلىدى  
   قوڭغىراق چىقارغان ئاۋاز  بايا چىقارغان ئاۋاز بىلەن ئوخشاش ئىدى .ئالدىنقى قىتىم ئاڭلىغان ئاۋاز ئاجايىپ سىھىرلىك ، خۇددى باقى ئالەمدىن ئۇچۇپ كەلگەندەك . قارىغاندا بۇ قوڭغۇراق ھىلىقى ئاۋازنىڭ كىلىش مەنبەسى بولسا كىرەك . بىراق قوڭغۇراقنىڭ ئاۋازى ئۆڭكۈردىكى تەبىئى ئاۋاز قايتۇرغۇچ بىلەن بىرلەشكەن ۋاقىتتا ئاندىن ئادەمنى ئەقلىدىن ئازدۇرالايتى .  بۇ ئالتە بۇلۇڭلۇق قوڭغۇراقتا ئىنتاھىن ئەپچىل قۇرۇلما بولىشى مومكىن ، ئۇنىڭ ئۈستىگە شۇنچە ئۇزۇن ۋاقىتتىن بۇيان چىرىمەي يەنىل ئاۋاز چىقىرالىشى ئۇنىڭ مىس ئەمەس ئالتۇن ياكى كۈمۈش ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلايتى . بىراق ئۇ قانداق قىلىپ ئۆزلىكىدىن جاراڭلىيالايدۇ ؟
   مەن پەقەتلا چۈشىنەلمىدىم . بۇ قوڭغۇراق توختىماستىن رىتىملق ھالدا بىرخىل يەڭگىل ياڭراۋاتاتتى . خۇددى ئىچىدىكى قامالغان روھ چىقىپ كىتىشنى ئۈمۈت قىلىپ نالە قىىۋاتقاندەك . بىراق بۇ نەرسە بەكلا كىچىك . ئۆزەمنىڭ ئويلىغانلىرىمدىن ئۆزەمنىڭ كۈلگۈسى كىلىپ كەتتى . پەنزې ئىنتاھىن تىز سۈرئەتتە داكا بىلەن ئۆزىنىڭ بىشىنى تاڭدى ، خۇددى ھەركۈنى يارلىنىپ تۇرىدىغاندەك . قوڭغىراقنىڭ توختىماي جىرىڭلىشى پەنزېىنى بىزار قىلغان چىغى كۈچەپ بىرلا دەسسىۋىدى ، كۆرۈنۈشتە خىلىلا پۇختىدەك تۇرغان شامال قوڭقۇرۇقى  پەنزېنىڭ ئۆكۈزنىڭكىدەك يوغان پۇتلىرى ئاستىدا ماخچىيىپ كەتىتى – دە ئىچىدىن شۇنداق سىسىق يىشىل رەڭلىك سۇيۇقلۇق ئىقىپ چىقىتى .  
  كەنجى تاغام ئاچچىقىدا قولىنى كۆتۈرۈپ پەنزېىنى ئۇرماقچى بولدىيۇ ، بىراق ئۇنىڭ تىڭىقلىق بىشىغا قاراپ ئەگەر پەنزىنى ئۇرسا بىشىدىن يىشىل رەڭلىك سۇيۇقلۇق ئەمەس ، قىزىل رەڭلىك سۇيۇقلۇق چىقىشىنى ئويلاپ قولىنى چۈشۈرۈپ : " سەن سولتەكنىڭ پۇ ت – قولۇڭ جىم تۇرمامدۇ ؟ بۇ دىگەن ئاسارە – ئەتىقە ، قارا سىنىڭ بىرلا دەسسەپ يوق قىلغىنىڭغا ؟!! " دەپ تىللىدى . |  
   " كەنجى بىگىم  ، بۇ نەرسىنىڭ سۈپىتىنىڭ بۇنچىلىك ناچارلىقىنى مەن نەدىن بىلەي " دىدى پەنزى ئۇۋالچىلىققا ئۇچۇرغان قىياپەتتە . كەنجى تاغام ئاچچىقىدىن بىشنى توختىماي چايقاپ تۇرۇپ ھەربى خەنجەر بىلەن يىرىلغان قوڭغۇراقنىڭ مىتال قىپىنى ئاچتى . شامال قوڭغۇرىقىنىڭ ئىچىدە بىر مۇنچە ھەرە كۆنىكىنىڭكىگە ئوخشاش چوڭ – كىچىكلىكى بىردەك بولمىغان كىچىك قوڭغۇراقچاقلار بار ئىدى . بۇ كىچىك قوڭغۇراقچاقلار تىكتاكتوپ چوڭلۇقىدىكى ئوتتۇرسى قۇرۇق بولغان يۇمۇلاق نەرسىگە ئورۇنلاشتۇرۇلغان بولۇپ ھىلىقى كىچىك قەدىمى توپچاقنىڭ يۈزىدە نۇرغۇنلىغان تۆشۈكچىلەر بار ئىدى . ھازىر توپچاقنىڭ يىرىلىشىغا ئەگىشىپ ئىچىدىكى چوڭ سەكسەنپۇتنىڭ بىشى پەنزې تەرىپىدىن ئىزىۋىتىلگەن . بايىقى يىشىل رەڭلىك سۇيۇقلۇق مۇشۇ سەكسەن پۇتنىڭ قىنى بولسا كىرەك . كەنجى تاغام بۇ توپچاقنى ھەربى خەنجىرىنىڭ ئۇچىغا ئىلىپ سىنچىلاپ قاراپ ، بۇ توپچاقنىڭ تۆۋەن تەرىپىگە بىر نەيچە ئورۇنلاشتۇرۇلغان بولۇپ بۇ نەيچە توپچاق بىلەن جەسەت بۈرگىسىنىڭ تىنىنى تۇتاشتۇرغاندەك قىلاتتى . كەنجى تاغام " سەكسەن پۇتنىڭ قورسىقى ئاچسا بۇ نەيچىدىن ئۆتۈپ  جەسەت بۈرگۈسىنىڭ قورسىقىغا كىرىپ غىزالانسا كىرەك ، بۇنداق ئورتاق ياشاش سىستىمىسىنى كىم ئويلاپ چىققان بولغىيتى " دىدى . ,  
   كىمىچىنىڭ يىرىم – ياتا جەسىتى سۇ ئۈستىدە بىر دەم چۆكۈپ ، بىر دەم لەيلەپ يۈرەتتى . كەنجى تاغام ئۇلۇغ كىچىك تىنىۋىلىپ : ' ئۆزۈم تاپقان بالاغا نەگە باراي دەۋاغا دىگەن شۇدە ، بۇ ئىككى ھاماقەت بىزنى بۇ مۇردا ئۆڭكۈرىگە تاشلاپ قويۇپ بىز ئۆلگەندىن كىيىن نەرسە كىرەكلىرىمىزنى ئولجا ئىلىشنى پىلان قىلغان بولغىيتى  ، بۈگۈن ئۇلارنىڭ نىمە پالاكەتكە ئۇچۇرىغىنىنى بىلگىلى بولمايدۇ ، ئاخىرىدا جەسەت بۈرگۈسىگە يەم بولدى ، ئۆزىگە ھەق ! "  دىدى . پەنزې بىشىنى چايقاپ تۇرۇپ : " مىنىڭچە بۇ نەرسىنىڭ پەنجىسى بىرلا ۋاقىتتا   ئادەمنىڭ تىنىنى ئىككى پارچە قىلىشقا سەل ئاجىزلىق قىلىدۇ . ئەگەر راستىنلا شۈنچىلىك كۈچى بولسا ئاللىقاچان مىڭەمنىڭ قىتىقىنى چىقىرىۋەتكەن بولاتتى . بۇ نەرسە پەقەت ئىككىلا ئەمەس " دىدى .  
  پەنزىنىڭ گىپىنى ئاڭلىغان ئاكۈي توپتەكلا سەكرەپ ئورنىدىن تۇرۇپ كەتتى .  
  " جىددىيلەشمە ، ئاكاش ھىلىلا دىمىدىمۇ ؟ بىز بۇ نەرسىگە تايىنىپ ئۆڭكۈردىن چىقىپ كىتىمىز . بۇ چوڭ جەسەت بۈرگۈسىنى كىمىنىڭ بىشىغا قويۇپ ئۇنى بىزگە يول ئاچقۇزىمىز ، بۇ نەرسە بىر ئۆمۈر جەسەت يىگەن . مەنپى كۈچى ئىنتاھىن ئىغىر بولۇپ مۇردىلارنىڭ قاتىلى ھىساپلىنىدۇ . بۇ نەرسە ئۆڭكۈرنىڭ زومىگىرى ، ئۇ بولسا چىقىپ كىتىشىمىزگە بەش – ئالتە ئۈلۈش ئۈمۈت تۇغۇلىدۇ ! "  دىدى كەنجى تاغام . ئۇ سۆزلەپ بولۇپ يەنە قوشۇمچە قىلىپ : " كىلىڭلار كەينىمىزگە يانمايلى ، مىنىڭ  ئالدىمىزدىكى بۇ ‹‹ جەسەت بۈرگۈسى شاھى ›› نى بىقىپ چوڭ قىلغان جاينى كۆرۈپ باققۇم بار ! " دىدى .  
كەنجى تاغامنىڭ سۆزىنىڭ ھەقىقەتەن ئاساسى بار ئىدى . بىز بۇ نەس باسقان ، ئادەم بىشىنىمۇ تىك تۇتۇپ ماڭالمايدىغان جايدا خىلىلا ئۇزۇن تۇرۇپ كەتتۇق . بىر نەچچىمىز كىمە ئارقىسىدىكى يۈك – تاق ئارىسىدىن قاتلىنىدىغان گۈرجەكنى تىپىپ ۋاقىتلىق ‹‹ كىمە پالىقى ›› قىلىپ ئالدىمىزغا يۈرۈپ كەتتۇق .  
  مەن بىر تەرەپتىن پالاق ئۇرۇپ يەنە بىر تەرەپتىن ئۆڭكۈر تىمىنى تەھلىل قىلىپ ماڭدىم . تۇيۇقسىز كۆڭلۈمدە بىر گۇمان پەيدا بولدى – دە كەنجى تاغامغا : " بۇرۇننى قويۇپ ھازىرنى دەيلى ، نەچچە يۈز ئادەم بولمىسا بۇنداق تاغ ئىچىدىكى ئۆڭكۈرنى كولىغىلى بولماس ! ؟ " دىدىم .  
  كەنجى تاغام  : " مىنىڭچە بۇ ئۆڭكۈر نەچچە شەكىلدە كولانغان ، كولانغان ۋاقتىمۇ ئىنتاھىن بۇرۇنقى ۋاقىت . كەم دىگەندىمۇ نەچچە يۈز يىل ئىلگىرى كولانغان بولسا كىرەك . پەمىمچە بۇ ئۆڭكۈرنى " ھۆكىمەت ئالتۇن قازغۇچى " سى كولىغان  ، يەنى كەسپى كىپەن ئوغۇرلايدىغان ئارمىيە – قوشۇن . ئۆڭكۈرنىڭ ئەھۋالىغا ئاساسلانغاندا بىز ئىزدەۋاتقان قەدىمى قەۋرىگە يىتىپ بىرىش ئۇنچىۋالا ئاسان ئەمەس ئوخشايدۇ ؟ " دىدى .  
  " كەنجى بىگىم ، ئويلاپ بىقىڭە !؟ بۇ يەرگە مەخسۇس كىپەن ئوغۇرلايدىغان ‹ قەۋرە ئاچىدىغان قوشۇن › كىلىپ ئاتايىن ئۇزۇن ئۆڭكۈردىن بىرنى كولاپ قەۋرىگە كىرگەن ، سىزنىڭچە ئۇلار قەدىمى قەۋرىدە پۇلغا يارايدىغان نەرسە قويارمۇ ؟ مىنىڭچە بىز قەۋرىگە كىرسەك پۇلغا يارايدىغان جانىۋار ئەمەس جەسەت ساندۇقىنىمۇ تاپالماسلىقىمىز مومكىن . " دىدى ئاكۈي . كەنجى تاغام دىمىقىنى قىقىپ قويۇپ سۆزلىدى : " ئەگەردە بۇ قەۋرە نەچچە مىڭ يىل ئىلگىرى باشقىلار تەرىپىدىن ئوغۇرلانغان  بولسا ئۇنىڭغا ئامال يوق ، بىراق بىلىشىڭ كىرەككى بۇ ئۆڭكۈرنىڭ ئورنى ھىلىقى يىپەك كىتاپتا خاتىرلەنگەن ،  بۇ ھازىرقى ئۆڭكۈرنىڭ قەۋرە ئىگىسىنىڭ قەۋرىگە كىرىشتىن بۇرۇنلا بارلىقىنى چۈشەندۈرىدۇ  . مىنىڭچە بۇ ئۆڭكۈرنىڭ تارىخى بىز ئىزدىمەكچى بولغان قەۋرىدىنمۇ ئۇزۇن . ئۇنىڭ ئۈستىگە كىم دەيدۇ بۇ ئەتراپتا بىرلا قەۋرە بار دەپ . بۇ ئۆڭكۈر قايسى قەۋرىنى ئوغۇرلاش ئۈچۈن كولانغانلىقىنى جىن – ئەرۋاھلار بىلەرمىكىن !؟"  
     مەن كەنجى تاغامنىڭ بۇ سۆزلىرىنىڭ ئادەم تىنىنى جىغىلتىدىغان بىر مەنىسىنىڭ بارلىقىنى ھىس قىلىپ دەرھاللا : " يەنى دىمەكچى بولغىنىڭ بىز ھازىر يولۇققان ھەممىسى جۈملىدىن ؛ ئىنتاھىن يوغان جەسەت بۈرگۈسى ، ئالتەبۇلۇڭلڭق مىس شامال قوڭغۇرۇقى ، ئۇلارنىڭ ئىگىسىنىڭ تارىخى ئۇرۇشقاق بەگلىكلەر دەۋرىدىنمۇ ئۇزۇن ؟؟؟!!! " دەپ سورۇدىم .  
     كەنجى تاغام بىشىنى چايقاپ تۇرۇپ : " مىنىڭ ئويلاپ يىتەلمىگىنىم بىز ئىزدەۋاتقان قەۋرىنىڭ ئىگىسى نىمىشقا قەۋرىسىنى ئاللىبۇرۇن باشقىلار تەرىپىدىن ئوغۇرلىنىپ بولغان قەۋرە ئورنىغا قۇرىدۇ ؟ بۇنداق قىلسا قەۋرە يەر شارائىتنى تاللاشتىكى پەرىزىنى بۇزغان بولمامدۇ ؟ "  
   تۇيۇقسىز بوتۇلكا بىزگە گەپ قىلماسلىق ئىشارىسى قىلىپ ئالدى تەرەپنى كۆرسەتتى . ھەممىمىز تەڭلا ئالدى تەرەپتىكى كان چىرىغى يورۇتالمايدىغان جايدا بىر بۆلۈك يىشىل نۇرنى كۆردۇق . كەنجى تاغام ئۇھ تارتىپ تۇرۇپ دىدى   : " جەسەت دۆۋىسىگە كەلدۇق !!! ......... "  






Mahir512 يوللانغان ۋاقتى 2014-6-20 15:04:53

ھەقىقەتەن بۇلىدىكەن    لېكىن يېرىمىغا كەلگەندە توختاپ قالدى تەرجىمە.
ئىككىنچى بۈلۈمىدىكى دېڭىز ئاستىدىكى چوڭ ئايۋاننىڭ ئىچىدىكى قاراڭغۇ ئازگالدا زادى نىمە باردۇ؟؟
ئاششەگىچە ئۇقۇغان   لېكىن ئاخىرىنى تەرجىمە قىلمىدى:lol

faruk886 يوللانغان ۋاقتى 2014-6-20 15:07:47

كىچىك تەرىتىم قىستاپ كەتسىمۇ  بېسىپ ئولتۇرۇپ كۆردۈم  داۋامىنى تىز يوللىڭە

parakende يوللانغان ۋاقتى 2014-6-20 15:17:58

كەينىنى يوللاڭلار قىزىقىپ ئۇقۇۋاتىمەن {:87:}

barhan88 يوللانغان ۋاقتى 2014-6-20 16:39:11

داۋامىنى مەن يوللاپ قوياي

 1- خاتىرە 1-بۈلەك 6-باب جەسەت دۆۋىسى
         
  كىمىنى توختۇتۇپ ئەتراپقا نەزەر سالدۇق ، مىنىڭچە بۇ جاي ئۆڭكۈرنىڭ ئەڭ خەتەرلىك بۆلىكى بولسا كىرەك . مىنىڭچە بولسا ھىچنىمىگە قارىماي كەينىمگە قايىتقۇم بار. بىراق ... كەنجى تاغام سائىتىگە قارىۋەتكەندىن كىيىن: " بۇ ئۆڭكۈر ھەقىقەتەن كىرىش بار چىقىش يوق جاي ئىكەن ، پىقىر كەنجى غوجام << ئالتۇن قىزىش >> ھاياتىمدا غەلىتە ئىشلارنى ئاز كۆرمىگەن ، بىراق بۇنداق غەلىتە ئۆڭكۈرنى ئەزەلدىن كۆرۈپ باقماپتىكەنمەن " دىدى .    
 كەنجى تاغام پەنزېگە قارىۋەتكەندىن كىيىن : " بىراق بۇ  ھىلىقى قىرىنىڭ ئىيىتقان سۆزى ، راستىنلا  كىرگەن  ئادەمنى كېمىچىلا ئىلىپ چىقىپ كىتەلەمدۇ ؟ بۇنى دەلىللەشكە ھازىر ئامال يوق ، جەسەت ئۆڭكۈرى ، ئۇنداقتا ئالدىمىزدا چوقۇم بىز بىلمەيدىغان خەتەر بىزنى ساقلاۋاتىدۇ ، بەلكىم ئالۋاستى تىمىغا يولۇقارمىز ياكى سۇ ئالۋاستىسى كېمىمىزنى ئۆرىۋىتەر ؟ " دىدى .
     ئاكۈي خۇرسۇنغان ھالدا : " ئۇنچىلىك بولۇپ كەتمەس ؟ " دىدى .  
    " ئومومەن ھەرقانداق ھادىسىنىڭ يۈز بىرىش ئىھتىماللىقى بار ، بىزنىڭ بۇ قىتىملىق << ئالتۇن قىزىش >> ھەركىتىمىزدە قەۋرىگە يىتىپ بارالماي تۇرۇپ بىر مۇنچە غەلىتە ئىشلرغا يولۇقتۇق ، بىراق نىمىلا دىگەن بىلەن كىپەن ئوغۇرسى جىندىن قورۇقمايدۇ ، جىندىن قورۇقسا كىپەن ئوغۇرلىيالمايدۇ . بىزنىڭ بۇ ئوقەتنى قىلىدىغانلارغا ئاشۇنداق غەلىتە ئىش - ھادىسىلەر ئۇچۇرمىسا تىخى خۇماردىن چىقمايدۇ " دىدى كەنجى تاغام ھەمدە بىر تەرەپتە يۈك تاقلار ئارىسىدىن قوش سىتوۋۇللۇق مىلتىقنى چىقىرىپ قاراۋاتقان پەنزېگە قاراپ : " ھازىر قولىمىزدا يۇقرى پەن تىخنىكىلىق جانىۋار بار ، بۇرۇنقى پىشقەدەم << ئالتۇن قازغۇچى >> لارغا قارىغاندا قوغدىنىش ئىقتىدارىمىز خىلىلا ياخشى ، ئەگەردە سۇ ئالۋاستىلىرىغا يولۇقۇپ قالساق ،....... سىكەي... ئاۋال ئۇلارنىڭ بىشىنى ئۆتمە تۆشۈك قىلىۋىتىپ بىر نەرسە دەيلى " دىدى . ئاكۈينىڭ پۈتكۈل بەدىنى تىترەپ تۇتۇپ كەنجى تاغامغا : " كەنجى بىگىم ، سىزنىڭ بۇ سۆزىڭىز ئۇرۇشتىن ئىلگىرىكى سەپەرۋەرلىك نۇتىقىمۇ ياكى جىن ھىكايىسىمۇ   مەن تازا ئاڭقىرالماي ... ؟؟" دەپ سورىدى        
   كەنجى تاغام مىلتىقنىڭ زاتورىنى تارتىۋەتكەندىن كىيىن ئاكۈيگە قاراپ تۇرۇپ : ' سەن توخۇ پوقى ،مىنىڭ يۈزۈمنى قويماي تۆكۈپ بولدۇڭ ، قانداقسىگە بۇنداق يارىماس تۇغۇلۇپ قالغانسەن ؟ ئاناڭنى ، كىلىشتىن بۇرۇن پو ئىتىپ ئۆزۈڭنى < جۇڭگۇلۇق رامبۇ > دەۋاتمامتىڭ ؟ " دىدى ھەمدە قولىدىكى مىلتىقنى بوتۇلكىغا سۇنغاچ : " بۇ جانىۋار ئۇلاپ ئىككى قىتىم ئوت ئاچالايدۇ . ئىتىپ بولۇپلا ئوق ئالماشتۇرۇش لازىم ، ئوقى چاچما ئوق  ، ئارلىق يىراق بولسا ئۆلتۈرۈش ، يارلاندۇرۇش كۈچى قالمايدۇ ، ئامال بار قارغا ئىلىپ ئاندىن ئوق ئۈزۈڭ " دىدى .  
   قوش سىتوۋۇللۇق ئوق تاپانچىسى ماڭا نىسپەتەن ناھايتى تونۇش ، ئالى مەكتەپتىكى ۋاختىمدا تىخى ئۆلكىلىك تەنھەركەت يىغىنىنىڭ ئۇچار تەخسە ئىتىش تۈرىدە مۇكاپاتقىمۇ ئىرىشكەن . شۇڭلاشقا مەنمۇ بىر تال مىلتىقنى قولۇمغا ئىلىپ تەييارلىق ھالىتىدە تۇردۇم . كەنجى تاغام بىلەن ئاكۈي قوللىرىغا قاتلىنىدىغان گۈرجەكنى ئىلىپ پالاق ئۇرۇشقا باشلىدى ، مەن ، پەنزې ، بوتۇلكا ئۈچىمىز قولىمىزغا قۇرال ئىلىپ كېمىنىڭ ئاستا ئالغا ئىلگىرلىشىگە ئەگىشىپ ھىلىقى يىشىل نۇر چىقىۋاتقان جەسەت دۆۋلەنگەن جايغا قاراپ ئۈزۈپ كەتتۇق .    
   كان چىرىغىنىڭ ئاجىز نۇرى ئاستىدا مەن تۇيۇقسىز بۇ ئۆڭكۈر كۆلىمىنىڭ كىڭىيۋاتقانلىقىنى ھىس قىلدىم . يىشىل نۇر بىلەن ئارلىقىمىز بارا - بارا يىقىنلاۋاتاتتى . بۇ ۋاقىتتا مەن بوتۇلكىنىڭ پەس ئاۋازدا سۆزلىگىنىنى ، ئۇلاپلا پەنزېىنىڭ " ئاناڭنى ... " دەپ ئىغىزىنى بۇزۇپ تىللىغانلىقىنى ، ئاخىرىدا بۇ ئۆمرۈمدە ئۇنتۇپ كىتىشىم مۇمكىن بولمىغان بىر مەنزىرىنى كۆردۈم .    
   ئۆڭكۈرنىڭ يىشىل نۇرلۇق بۆلىكى باشقىچە ئوچۇقچۇلۇق بولۇپ ئادەم كۈچى بىلەن كولىغانلىقنىڭ ئىزناسى كۆرىنمەيتتى .    
   تار سۇ يولىمۇ بۇ جايدا ئۆزگۈرۈپ كىچىك بىر دەرياغا ئايلانغان ئىدى . كىچىك دەريانىڭ سۇ ئۈستىگە چىقىپ قالغان دۆڭ جايلىرىدا يىشىل نۇر چىقىرىۋاتقان چىرىگەن جەسەتلەر دۆۋلەنگەن ئىدى . بىراق  ئارلىق بىر ئاز يىراق بولغاچقا ئادەمنىڭمۇ ياكى ھايۋاننىڭ جەسىتىمۇ پەرىق قىلغىلى بولمايتى ، بىز يىقىنلاپ قارىساق ، سۆڭەكلەرنىڭ ئنتايىن رەتلىك قويۇلغانلىقىنى ، لىكىن دەريانىڭ قىرغىقىدىكى سۆڭەكلەرنىڭ ئىنتاھىن رەتسىز ئىكەنلىكىنى ، ھەرقانداق شەكىلدىكىسىنىڭ بارلىقىنى ھەمدە تىخى تولۇق چىرىپ بولالمىغان جەسەتلەرنىڭمۇ بارلىقىنى ، بۇ جەسەتلەرنىڭ نىپىز كۈلرەڭلىك بىر نەرسىگە ئورالغانلىقىنى كۆردۇق . شۇ ۋاقىتا بىر نەچچە جەسەت بۈرگۈسى جەسەتلەر ئارىسىدىن ئۆمىلەپ چىقىپ  بىزگە قاراپ غەلىتە بىر ئاۋاز چىقرىۋاتاتتى . بىراق ئۇلارنىڭ تىنى كېمە بىشىدىكى < ئۇرۇش ئەسىرىمىز > گە قارىغاندا خىلىلا كىچىك ئىدى . كىچىكرەك جەسەت بۈرگۈسى ئەمدىلا جەسەتنىڭ يىنىغا كىلىشىگە چوڭراقى دەرھال كاپلا قىلىپ چايناپ يۈتىۋەتتى .      
 "  بۇ جەسەتلەر يۇقارقى ئىقىندىن ئىقىپ كەلگەندەك تۇرىدۇ ، كۆپچىلىك ئەتراپىمىزدىكى نەرسىلەردىن ئىھتىيات قىلىڭلار " دىدى كەنجى تاغام  .    
  "  قاراڭلار ! " دىدى ئاكۈي ئۆڭكۈرنىڭ بۇلۇڭىنى كۆرسىتىپ . ھەممىمىز ئاكۈي كۆرسەتكەن تەرەپكە قاراپ ئۇ يەردە سۇس يىشىل رەڭلىك نۇر چىچىۋاتقان خىرىستالدىن ياسالغان جەسەت ساندۇقىنىڭ ئازراق قىسمىنىڭ ئۆڭكۈر تىمىنىڭ قاپ ئوتۇرسىغا كىرگۈزۈلۈپ قويۇلغانلىقىنى كۆردۇق . شۇنداقلا قارىسا خۇددى ھاۋادا لەيلەۋاتقاندەك كۆرۈنەتتى . ئارلىق يىراق بولسمۇ جەسەت ساندۇقىنىڭ ئىچىدە ئاق كىيىملىك بىر ئايالنىڭ ياتقىنىنى غۇۋا كۆرگىلى بولاتتى . " ئاۋۇ تەرەپتىمۇ بار ئىكەن " دىدى پەنزې ئۆڭكۈرنىڭ يەنە بىر تەرىپىنى كۆرسىتىپ تۇرۇپ . ھەقىقەتەن يەنە بىر تەرەپتىكى ئوخشاش جايدا بايامقىغا ئوخشاش شەكىلدىكى يەنە بىر خىرۇستال جەسەت ساندۇقى بار ئىدى . بىراق بۇ جەسەت ساندۇقىنىڭ ئىچىدە جەسەت يوق، قۇرۇق ئىدى .    
   " بۇ جەسەت ساندۇقى ئىچىدىكى جەسەت قىنى ؟ " دىدى كەنجى تاغام خۇرسىنىپ تۇرۇپ .  
   ئاكۈي : " كەنجى بىگىم ، مۇردىمۇ يە ؟ مىنىڭچە بۇ يەردە مۇردا بولىشى ناتايىن ؟! " دىدى .  
  " دىققەت قىلىڭلار ، بىرەر گۇمانلىق نەرسە كۆرسەڭلارلا ئوق چىقىرىڭلار " دىدى كەنجى تاغام ئەتراپنى كۆزۈتۈپ .  
 بۇ ۋاقىتتا كىمە دەريا ئىقىمىغا ئەگىشىپ يۆلۈنۈشنى ئۆزگەرتىپ بىر چوڭ قۇرام تاشنىڭ ئارقىسىغا ئۆتۈشىگە ئاكۈي قورۇققىنىدىن ۋارقىرىۋەتتى .  بىز نىمە ئىش بولغىنىنى بىلمەي بىشىمىزنى كۆتۈرۈپ قارىساق ئالدىمىزدىكى قۇرام تاش ئۈستىدە  بىر ئايال بىزگە ئارقىسىنى قىلىپ ئولتۇراتتى . مەن سەپسىلىپ قارىسام بۇ ئايال ئاق رەڭلىك قۇش پىيىدىن تىكىلگەن ئۇزۇن بىر يىپىنچا ئارتىۋالغان بولۇپ ، قاپقارا چىچى بىلىگە چۈشەتتى . مەن ئۇنىڭ كىيىم – كىچەك ، زىبۇ – زىننەتلىرىدىن  كۆرۈپ يەتتىمكى بۇ ئايال بۇ ئايال غەربى جۇ سۇلالىسى دەۋرىگە تەۋە ئىدى . مەن گىلىمغا قاپلىشىپ قالغان نەرسىنى كۈچەپ يۈتۈپ : " جەسەت بۇ يەردە ئىكەن " دىدىم .    
   كەنجى تاغام پىشانىسىدىكى تەرنى سۈرتۈپ تۇرۇپ : "توختات ، توختات ، ئاكۈي ، سومكىدىكى ‹‹ قارا ئىشەك تۇيۇقى ›› نى ئەكەل ، قارىغاندا بۇ نەچچە مىڭ يىللىق مۇردا ئوخشايدۇ ، 1923 – يىلىدىكىسىنى تاپ ، ھازىرقى ‹‹ قارا ئىشەك تۇيۇقى ›› ئۇنىڭغا كار قىلماسلىقى مومكىن " دەپ ۋارقىرىدى  .  
    تاغام يەنە بىر قىتىم ۋارقىرىغان بولسىمۇ لىكىن ئاكۈيدىن ھىچقانداق سادا كەلمىدى . مەن ئارقامغا ئۆرۈلۈپلا قارىسام ئاكۈي ئاللىقاچان ئىغىزىدن ئاق كۆپۈك چىقىرىپ تارتىشىپ قالغان ئىدى . ئەگەر ھازىرقى ئەھۋال بۇنچىلىك خەتەرلىك بولمىغان بولسا مەن ئاللىقاچان قاقاقلاپ كۈلۈپ تاشلىغان بولاتتىم .  
    كەنجى تاغام ئاكۈينىڭ بۇ " ئىجادىيتى " نى كۆرۈپ پەنزېگە ۋارقىراپ: " پەنزې سەن بىرىپ تاپ ، ئاناڭنى مۇشۇ ئاچچىقىمدا بىكار ماۋۇ يارىماسىنى مۇردىغا تاشلاپ بىرىمەن " دىدى ھەمدە پەنزې ئۇزاتقان  ‹‹ قارا ئىشەك تۇيۇقى ›› نى قولىغا ئىلىپ ئالقىنىغا بىرنى تۈكۈرۈپ  ماڭا قاراپ : " چوڭ جىيەنىم ، بىر دەمدىن كىيىن كەنجى تاغاڭنىڭ كارامىتىنى كۆرۈپ قوي ، ‹‹ مىڭ يىللىق مۇردا ›› دىگەن ئاسان تاقابىل تۇرغىلى بولىدىغان نەرسە ئەمەس ، ئەگەر ئىش ئەپلەشمەي قالسا سەن ئۆز قولۇڭ بىلەن كاللامغا قارىتىپ ئوق ئىتىپ مىنى تىزرەك ئۇ دۇنياغا ئۇزۇتۇپ قوي " دىدى . 2.  
   مەن تاغامنىڭ يىڭىنى تارتىپ تۇرۇپ ئۇنىڭغا  : " تاغا ئىشەنچىڭ بارمۇ – يوق  " دىدىم . ئەمىلىيەتتە مەن ئۇنچىلىك قورقۇپ كەتمىدىم . چۈنكى مەن ئىلگىرى بۇنداق ئىشقا يولۇقۇپ باقمىغان . ئۇنىڭ ئۈستىگە مەن كۆرگەن قورقۇنۇچلۇق كىنولاردا بۇنداق ئۇزۇن چاچلىق قاملاشقان ئايال مۇردىلار ئۇنچىلىك قورقۇنۇچلۇق ئەمەس ئىدى . بەلكىم بىردەمدىن كىيىنلا كەينىگە بۇرۇلۇپ : " ئاكىلار ، سىلەرنى بەك ئۇزۇن ساقلىاپ كەتتىم ، ماڭا ھەمرا بولۇپ پاراڭلىشىڭلار ! " دەمدۇ تىخى .   ,  
    بۇ ۋاقىتتا   بوتۇلكا كەنجى تاغامغا : " ‹‹ قارا ئىشەكنىڭ تۇيىقى ›› ئادەتتىكى مۇردىلارغا بولىدۇ ، بىراىق ئالدىمىزدىكى ‹ ساھىپجامال › غا كار قىلماسمىكىن ، مەن بىر تەرەپ قىلاي " دەپلا چوڭ بىر سومكىدىن لاتىغا يۆگەلگەن ئۇزۇن بىر نەرسىنى چىقاردى . بۇ نەرسە كەنجى تاغام ئالدىنقى قىتىم ماڭ ئىيىتقان ھىلىقى نىمە ئەجدىرھا ئۇمۇرتقىسى ئىدى . بوتۇلكا ئۈستىدىكى لاتىنى يىشىپ ئىچىدىن قاپقارا قەدىمى خەنجەرنى چىقاردى . قارىغاندا بۇ ‹‹ قارا ئالتۇن ›› دىن ياسالغان خەنجەر بولسا كىرەك . بوتۇلكا قەدىمى خەنجەرنى ئۆزىنىڭ سول بىلىكىگە قارىتىپ يەڭگىل بىرنى سۈرۈپلا دەرھال  كىمە بىشىغا بىرىپ قىنىىنى سۇغا ئىقىتىشقا باشلىدى . بىر نەچچە تامچە ئىقىتىشىغا " شار – شۇر " قىلغان ئاۋاز بىلەن تەڭ  بىرمۇنچە جەسەت بۈرگۈسى جەسەت ئىچىدىن قىچىپ چىقىپ جىنىنىڭ بارىچە كىمىمىزدىن يىراقلاپ قىچىشقا باشلىدى . بىردەمدە سۇنىڭ ئىچىدىكى ، دەريا قىرغىقىدىكى جەسەتلەر ئىچىدىكى جەسەت بۈرگۈلىرى نەلەرگىدۇر غايىپ بولغانتى .  
   شۇ ھامان بوتۇلكا قانغا بويالغان قولىنى كۆتۈرۈپ ھىلىقى ساھىپجامال مۇردىغا تەڭلىۋىدى ، ھىلىقى مۇردا دەرھاللا تىزلاندى . مەن بۇ ئەھۋاللارنى كۆرۈپ ھەيران بولغىنىمدىن ئاستىنقى ئىڭىكىم چۈشۈپ قالغىلى تاس قالدى .  بۇ ۋاقىتتا بوتۇلكا بىزگە قاراپ : " تىز ماڭايلى ، ھەرگىزمۇ ئارقاڭلارغا قارىماڭلار !!! " دەپ ۋارقىرىدى .  
   گەرچە مىنىڭ بۇ ‹‹ ساھىپجامال ›› نىڭ چىرايىنى شۈنچىلىك كۆرىۋالغۇم بولسىمۇ بوتۇلكىنىڭ دىگىنى بويىچە ئۇنىڭغا قاراشقا جۈرئەت قىلالمىدىم . كەنجى تاغام بىلەن پەنزې جىنىنىڭ بارىچە پالاق ئۇرۇپ كىمىنى تىزراق ھەيدەشكە تىرىشىۋاتاتتى . ئارىدىن قانچىلىك ۋاقىت ئۆتكىنى ئىسىمدە يوق . بىز ئاخىرى سۇ يولىنىڭ بارا – بارا تارىيىپ  دەسلەپتىكى ئۆڭكۈرگە كىرگىنىمىزگە ئوخشاش تار بىر چىقىش ئىغىزىنىڭ ئالدىمىزدا پەيدا بولغانلىقىنى كۆردۇق .    
     بىز يەنە كىمىنى ھەيدەپ ،چىقىش ئىغىزى قىلىپ كولانغان تار ھەم پاكار ئوغرى ئۆڭكۈرىگە كىردۇق . بۇ ۋاقىتتا مەن ئۆزەمنى ئەقىللىق چاغلاپ  ھىلىقى ‹‹ ساھىپجامال ›› نىڭ يۈزىگە قارىغىلى بولمىسا سۇدىكى ئەكىس سايىسىنىغۇ كۆرۈشكە بولار ؟ دەپ ئويلاپ سۇغا قاراپلا قورۇققۇنۇمدىن ھۇشۇمدىن كەتكىلى تاس قالدىم . سۇدىكى ئەكىس سايەمدە نىمىلىكىنى بىلگىلى بولمايدىغان بىر نەرسە مىنىڭ مۈرۈمگە يامىشىۋاتاتتى . مەن كونتۇرۇللۇقۇمنى يوقۇتۇپ ئارقامغا بۇرۇلۇپ ۋارقىراي دىيشىمگە ئارقا مىڭەم بىر زەربىنى تۇيغاندەك بولۇپ كۆزۈم قاراڭغۇلاشتى.

SIRLIK يوللانغان ۋاقتى 2014-6-20 16:51:44

مەنمۇ بەكلا قىزىقىپ قالدىم  ،،،داۋامىنى تېزراق يوللاڭلا:)

alshah يوللانغان ۋاقتى 2014-6-20 18:01:36

بۇ ئەسەر(جەنۇپپەرەس ئۈچىنجى تاغىنىڭ ‹‹كېپەن ئوغرىلاش خاتىرىسى›› ناملىق ئەسىرىدىن تەرجىمە قىلىنغانىكەن، بۇنىڭ بىرىنجى خاتىرە  29-قىسمىغىچە  ئانا تۇپراق مۇنبىرىدىكىلەر تەرجىمە قىپتىكەن، ئاخىرىنى تىرىشچانلار مۇنبىرىدىكى كىپەن، جىمجىت ئەپەندىلەر تەرجىمە قىلىپ تىرىشچانلار تورىغا يوللاپتىكەن،   تىرىشچان مۇنبىرىدىكىلەر ئانا تۇپراق تورىنىڭ رۇخسىتىنى ئېلىپ ئەسەر باش قىسمىنى تىرىشچانلار مۇنبىرىغا كۆچۈرۈپتىكەن،  كېيىن تىرىشچانلار مۇنبىرىنىڭ رۇخسىتى بىلەن ئالۋاستى سالۇنىغا كۆچۈرۈپ تارقىتىپتۇ. ئالۋاستى سالۇنىدا ۋە تىرىشچانلار مۇنبىرىدە ئىككىنجى خاتىرە ، 39-قىسىمغىچە باركەن.

يانفۇندا كۆرمەكچى بولغانلار ئالۋاستى سالۇنىغا ئەگىشىۋېلىپ، 1نى يوللاپ مۇندەرىجىسىنى كۆرۈۋېلىپ، مۇناسىپ رەقەمنى قايتۇرۇپ بۇ ئەسەرگە ئېرىشسەڭلار بولىدىكەن. يۇقارقى ئەسەرگە 131-132-133 دېگەن تەرتىپ بىلەن يوللاپ مەزمۇنغا ئېرىشسەڭلارمۇ بولىدۇ.  خەت شەكلىدە، ئېقىم ئاز كېتىدىكەن. alwastiدەپ ئىزدەتسەڭلار بولىدىكەن.



ئەمدى ئىزدىنىشتىكى تەرجىمە ھەۋەسكارلىرى بۇنىڭ كېيىنكى بابلىرىنىمۇ تەرجىمە قىلىۋەتسەڭلار بىر خوش بوپ كەتسەك، مەن بەك ئامراق بوپ قالغان بۇ ئەسەرگە ... {:87:}

barhan88 يوللانغان ۋاقتى 2014-6-20 18:51:42

1- خاتىرە 1-بۈلەك 7-باب 100 دىن ئارتۇق ئادەم بېشى
   
   قانچىلىك ۋاقىت ئۆتكىنىنى بىلمەيمەن . نۇرغۇن قالايمىغان چۈش كۆردۈم . چۈشۈمدە بىر ئاق كىيىملىك ئايال ماڭا ئارقىسىنى قىلىپ تۇرغۇدەك . مەن ئۇنىڭ يۈزىنى كۆرۈش ئۈچۈن يۈگۈرەپ ئۇنىڭ ئالدىغا بىرىپ قارىسام دۈمبىسىنى قىلىپ تۇرغۇدەك . شۇڭا قايتا – قايتا يۈگۈرۈپ بىرىپ قارىسام كۆرگۈنۈم يەنىلا دۈمبىسى بولغۇدەك . نىمە ئىش ئىكەنلىكىنى تازا ئاڭقىرالماي ھاڭۋىقىپ تۇرغان چىقىمدا تۇيۇقسىز ئۇ ئايالنىڭ ئىكىلا تەرىپى دۈمبىسى ئىكەنلىكىنى بىلىپ قورقۇپ بىرلا ۋارقىراپ ھۇشۇمغا كىلىپ كۆزۈمنى ئاچسام كۆز ئالدىمدا ئوتقاشتەك بولۇپ تاۋلانغان كۈن پىتىش ئالدىدىكى ئاسمان نامايەن بولدى .  
   " ئويغاندىڭىزمۇ ؟ " دىدى پەنزې ماڭا قاراپ كۈلۈپ تۇرۇپ .  
  يورۇقلۇققا كۆنەلمەي كۆزۈمنى نەچچە رەت ئىچىپ يۇمدۇم . پەنزې ئاسماننى كۆرسۈتۈپ تۇرۇپ : " كۆرمىدىڭىزمۇ؟ بىز ئاخىرى چىقىۋالدۇق " دىدى .  
  مەن ئارقا مىڭەمنى سىلاپ تۇرۇپ : " مىنى ئۇرغان سەن سولتەكمۇ ؟ " دەپ سورۇدۇم .  
  " ئۇرمىسام بولمايتى ، كەينىڭگە قارىما دەپ تۇرساق ، سەن سولتەك تاس قالدىڭ ھەممىمىزگە زىيانكەشلىك قىلغىلى ؟ " دىدى پەنزې .  
   پەنزېىڭ گىپىنى ئاڭلاپلا بايا يۈز بەرگەن ئىشلار يالىت قىلىپ كاللامدىن ئۆتۈشى بىلەن تەڭ ئۆزەممۇ بىلمەيلا  دۈمبەمنى سىلاپ ھىلىقى نەرسىنىڭ بار – يوقلىقىنى تەكشۈرۈپ كۆرمەكچى بولدۇم . پەنزى قاقاقلاپ كۈلۈپ :" خاتىرجەم بول ، يوق  " دىدى . " ئۇ قانداق نەرسە ؟؟ " دەپ سورۇدۇم مەن ئالدىراپ .
   كىچىك ئاكاش ھىلىقى نەرسىنى مۇردا قارانچۇقمۇ ؟ قونچىقىمۇ بىر نەرسە دەيدىغۇ ، ئەمىلىيەتتە ھىلىقى ئاق كىيىملىك ‹‹ ساھىپجامال ›› نىڭ روھى بولسا كىرەك ، ئۇ سەندىكى مۇسبەت كۈچتىن پايدىلىنىپ ئۆڭكۈردىن چىقماقچى بولغان . بىراق تەپسىلاتىنى كىچىك ئاكاش بىزگە سۆزلەپ بەرمەي تۇرۇپلا ‹‹ بۇخاراغا ›› ساياھەتكە ماڭدى ، پەمىمچە بۇ ئاكاشنىڭ تىگى – تەكتى ئاددى ئەمەس ، ئۇ قانداق سىھرى – كارامەت ئشلەتتىكىن تاڭ ؟! قولىنى بىر كۆتىرىشى بىلەن ھىلىقى نەچچە مىڭ يىللىق ‹‹ ساھىپجامال ›› مۇردا تىزلاندى دىسە ، ئىشەنگۈم كەلمەيدۇ " دىدى بىر تەرەپتە پالاق ئۇرىۋاتقان كەنجى تاغام .
   مەن ئولتۇرۇپ كىمىنىڭ بىر بۇلۇڭىدا قىسىلىپ تاتلىققىنە ئۇخلاۋاتقان بوتۇلكا بىلەن ئاكۈينى كۆرۈپ كۆڭلۈم خىلىلا تىنچلىنىپ قالدى . t} zffe-  
   ئۆڭكۈرگە كىرىشتىن بۇرۇن ئادەتتىكىدەك كۆرۈنگەن بۇ سۇ يۈزى ئەمدىلىكتە ماڭا باشقىچە گۈزەل بىلىنىشكە باشلىدى . مەن كەنجى تاغامدىن : " ئۇزادى نىمە ئادەم ؟؟؟ " دەپ سورۇدۇم  
   كەنجى تاغام بىشىنى چايقاپ تۇرۇپ : " مەن راستىنلا بىلمەيمەن ، چاڭشادىكى دوستۇمغا قولىدىن ئىش كىلىدىغان ، تەجىربىسى بار بىرىنى تونۇشتۇرۇشنى ھاۋالە قىلسام دوستۇم ئۇنى تونۇشتۇردى . پەقەت ئۇنىڭ فامىلىسى جاڭ ئىكەنلىكىنى بىلىمەن ، مەن يول بۇنى ئۇنى كۆزۈتۈپ كەلدىم . بۇ ئادەمنىڭ ئەڭ ياخشى كۆرىدىغىنى ئۇخلاش بىلەن ھاڭۋىقىش بولسا كىرەك . مەنغۇ ئۇنىڭ تىگى – تەكتىنى بىلمەيمەن ، بىراق ئۇنى تونۇشتۇرغان دوستۇم بىزنىڭ بۇ يولدا خىلىلا ئابرويى بار ، شۇڭا ئۇ تونۇشتۇرغان ئادەمدىن خاتىرجەم بولسا بولىدۇ " دىدى
   مەن تاغامنىڭ سۆزىنى ئاڭلاپ بۇ ئادەمنىڭ مەن ئويلىغاندىنمۇ بەكرەك سىرلىق ئىكەنلىكىنى ھىس قىلدىم . كەنجى تاغاممۇ بۇنداق دىگەن يەردە مەن يەنە كىمدىن سورايتىم . مەن ئالدىمغا قاراۋىتىپ پەنزېدىن : " كەنىتكە كىلەيلى دىدىقمۇ ؟ " دەپ سورۇدۇم . پەنزې قايتۇرۇپلا : " ئالدىمىزدىكى شۇ بولسا كىرەك ؟ " دىدى . G`B e~NU  
    كەنجى تاغام ئالدىمىزدىكى يۇلتۇزدەك چاقناۋاتقان چىراق نۇرىنى كۆرسۈتۈپ : " قارىغاندا بۇ كەنىت بىز ئويلىقىنىمىزدەك ۋەيرانە ئەمەس ئىكەن ، توك باردەك قىلىدۇ " دىدى
  كەنىتكە يىتىپ كەلگىنىمىزنى ئاڭلاش بىلەن تەڭ كۆز ئالدىمدىن " ئىسسىق سۇدا يۇيۇنۇش ، كاۋاپ قىلىنغان ياۋايى ھايۋانلار ، چىچىنى سامساق قىلىپ ئۆرىگەن سەھرا قىزلىرى ئۆتكەندەك بولۇپ ئازراق ھاياجانلىنىشقا باشلىدىم  
   بۇ ۋاقىتتا چۆكۈشكە ئاز قالغان شەپەقنىڭ ئاجىز نۇرىدا ئوڭ يىنىمىزدىكى ئىككىلا تاغدا بىر توپ ئىشەك مىنگەن ئادەملەرنى كۆردۈم . قارىغاندا ئۇلارمۇ كەنىتكە كىرمەكچى بولسا كىرەك . چۈنكى ئۇلار تۇرغان تاغ ئانچە ئىگىز بولمىغاچقا مەن ئۇلارنىڭ تاشقى قىياپىتىگە قاراپ بۇ كەنىتنىڭ يەرلىك ئادەملىرىگە ئوخشىمايدىغانلىقىنى ھىس قىلدىم . بىز بىر كىچىك ئۆتەڭدىن ئۆتۈپ كەنىتكە كىردۇق . كەنىت ئىغىزىدىكى كىچك بالا بىزنى كۆرۈپلا " جىن كەلدى ..! ! " دەپ ۋارقىرىدى  
   مەن ھاڭۋىقىپ ھىلىقى بالىنى توسۇپ قالماقچى بولغان بولساممۇ بىراق بۇ سەھرا شۇمتىكى بەكلا تىز يۈگرەيدىكەن . قىچىپ كەنىتكە كىرىپ كەتتى . ئۆڭكۈرگە كىرىشتىن بۇرۇن كىمە كەينىدىكى سالغا چىقىرىلغان كالا يۇۋاشلىق بىلەن قاراپ تۇراتتى .  ھەقىقەتەن ياخشى كالا ئىكەن . پەنزې ھەربىيلىككە بىرىشتىن بۇرۇن يۇرتىدا چارۋىچىلىق قىلغان بولۇپ ھازىر كالا ھەيدەشتەك مۇقەددەس ۋەزىپىنى ئەڭ ياخشى ئۈستىگە ئالغۇچى بولغانتى .      
    قىرغاققا چىققان ۋاقىتا ئاكۈي ھۇشىغا كەلگەن ئىدى ، ئاۋال كەنجى تاغام ئۇنى ئەيىپلەپ بىرنەچچىنى ئۇرىۋەتتى ئارقىدىنلا پەنزېمۇ بىرنەچچىنى دەسسىدى . بوتۇلكىغا نىمە ئىش بولدىكىن تاڭ ، پەقەتلا ھۇشىغا كەلمىدى . ھەممىمىز بىرىپ ئۇنى يۆلەپ كالا ھارۋىسىغا چىقىرىۋىتىپ ، بوتۇلكىنىڭ بەدىنى 17 ياشلىق قىزنىڭ بەدىنىگە ئوخشاش يۇمشاق بولۇپ ئادەمگە خۇددى سۆڭەك – ئۇستىخىنى يوقتەك تۇيغۇ بىرەتتى . ئۇنى ئورۇنلاشتۇرۇپ بولغاندىن كىيىن كەنجى تاغام يولدىن ئۆتۈپ كىتىۋاتقان بىرسىدىن قەيەردە ياتاق ، مىھمانخانا بارلىقىنى سورىدى . ھىلىقى ئادەم بىزگە نىرۋا كىسەللىرىگە قارىغاندەك قارىۋەتكەندىن كىيىن : " سىلەر بۇ يەرنى قەيەر دەپ ئويلاپ قالدىڭلار ؟ بىزنىڭ كەنىتتە ئاران 30 نەچچە تۈتۈن ئائىلە بار . مىھمانخانىمىش تىخى ، كەنىتنىڭ مىھمان كۈتۈشىگە بىرىپ بىقىڭلار " دىدى  
   بىز كەنىتكە كىرىپ ھىلىقى ئادەم دىگەن ‹‹ ئەرۋاھ ئۇۋىسى ›› غا ئوخشاش ‹‹ مىھمان كۈتۈش ›› نى تاپتۇق . ئويلاپمۇ باقماپتىكەنمىز . ئىچىنىڭ شارائىتى خىلىلا يامان ئەمەس ئىكەن ، ئەڭ موھىمى تىلفۇن بىلەن ئىسسىق سۇ بار ئىكەن ھەمدە يىپىنچىلىرمۇ خىلىلا پاكىز بولۇپ بۇ كەنىتكە نىسپەتەن ‹‹ مىھمان كۈتۈش ›› نى ‹‹ بەش يۇلتۇزلۇق مىھمانخانا ›› دىسە بولاتتى . ھەممىمىز يۇيۇنۇپ – تارىنىپ بەدىنىمىزدىكى غەيرى پۇراقلارنى يوقاتقاندىن كىيىن ‹‹ مىھمان كۈتۈش ›› نىڭ پەستىكى ئاشخانىسىدا تاماق يىدۇق . مەن ئاتايىن ھازىرغىچە ھۇشىغا كەلمىگەن بوتۇلكا ئۈچۈن قان تولۇقلايدىغان ‹‹ كۇلى باقىسى ›› نىڭ جىگىرىدىن ئازراق شورپا قىلىپ ئۇنىڭغا ئىچكۈزدۈم  . نىمىلا دىگەن بىلەن بىزنىڭ ھاياتىمىزنىڭ قۇتقۇزغان ئادەمدە ، ئەرزىيدۇ .  
   بىز ئازراقتىن پىۋا ئىچكەچ ياتاق مۇلازىمى قىزچاقنى گەپكە سالدۇق . كەنجى تاغام  : " سىڭلىم سىلەرنىڭ بۇ يەر يامان ئەمەسكەن ، سىرتىمۇ سىمۇنتنى قوپۇرۇلغان ، ئىچىمۇ سىمۇنتتىن قوپۇرۇلغان ، سىلەر بۇ سىمۇنتنى قىچىر بىلەن توشۇپ كەلمىگەن بولغۇيدىڭلار ھەقاچان ؟؟!! " دەپ سورىدى .  
    مۇلازىم قىزچاق : " ئۇنداقتا قانداق بولىدۇ ؟ قىچىر بىلەن توشۇپ كەلگىلى بولمايدۇ . بىزنىڭ بۇ كەنىتكە خىلىلا بۇرۇن تاشيول ياسالغان ، تىخى ‹‹ ئازاد ›› ماركىلىق يۈك ماشىنىسىمۇ كەلگەن . بىراق بۇ يول بىر قانچە يىل ئىلگىرى تاغ ئىتىگى ئۆرۈلۈپ چۈشۈپ يولنى توسۇپ قويدى . تاغ ئىتىكى يىرىلىپ تىخى بىر چوڭ داڭقان چىققان ، ئاخىرىدا ئۆلكىدىن خىلى كۆپ ئادەم كىلىپ كۆرۈپلا نىمە تىللاشقاق بەگلىكلەر دەۋرىدىكى نەرسە دەمدۇ ئىش قىلىپ شۇنىڭغا يىقىنراق بىر ۋاقىتنىڭ گىپىنى قىلىپ دۆلەت گۆھىرى دەپ ئىلىپ كىتىشتى . بىراق يول بىلەن كارى بولمىدى . سىلەر دەپ بىقىڭلار ئادەمنىڭ قورسىقى كۆپمەمدۇ ياقمۇ ؟ كىيىن كەنىتتىكىلەر مەسلىھەتلىشىپ ئۆزىمىز ياسىماقچى بولغان، بىراق پۇل يوق ، ياسىيالمىدۇق " دىدى
  كەنجى تاغام يەنە سورىدى : " ئۇنداقتا ھىلىقى سۇ يولىچۇ ؟
    " سۇ يولى ئازاتلىقتىن ئىلگىرىكى يول ، نەچچە ئون يىل بولدى ئۇ يەردىن ئادەم ماڭمىغىلى ، بىرەرسى سىلەرنىڭ مال – دۇنيارىڭلارنى كۆزلەپ سىلەرنى سۇ يولىغا باشلىغان بولىشى مومكىن . سىلەر سىرىتتىن كەلگەنلەر ئىھتىيات قىلىڭلار . بۇ سۇ يولى ئىنتاھىن خەتەرلىك . كەنتىمىزدىمۇ قانچىلىغان  ئادەم مۇشۇ دەريادا ئۆلۈپ كەتتى . بىراق بىرەرسىنىڭمۇ جەسىتى تىپىلمىغان . بوۋامنىڭ دىيشىچە تاغ ئىلاھى يەۋەتكەنمىش ؟ "  دىدى مۇلازىم قىز . مەن كەنجى تاغامغا قاراۋىتىپ كۆڭلۈمدە : " ئاناڭنى ، ئىزدىگىنىڭ قانداق يول باشلىغۇچى ؟ قارىغاندا ئىزدىگىنىڭ قاراقچى ئىكەن " دىدىم . تاغاممۇ خىجىل بولۇپ قولىدىكى يىرىم بوتۇلكا پىۋىنى بىراقلا كۆتۈرىۋىتىپ : " توغرا بۇ كەنىتتە سىرىتتىن كەلگەنلەر كۆپمۇ ؟ " دەپ سورىدى .
  " سىز بۇ مىھمانخانىنى كىچىك كۆرمەڭ ، سىزگە ئىيىتسام سىرىتتىن كەلگەنلەرنىڭ ھەممىسى دىگۈدەك مۇشۇ مىھمان كۈتۈشتە تۇرىدۇ . بولۇپمۇ چوڭ داڭقان بايقالغاندىن كىيىن كىلىدىغان ئادەملەر تىخىمۇ كۆپىيىپ كەتتىغۇ تاڭ . يەنە بەزىلەر دەريانىڭ ئۇ قىتىدا داچا ياسىماقچى بولىۋاتىدۇ " دەپ جاۋاپ قايتۇردى مۇلازىم قىز .
  كەنجى تاغام ئورنىدىن چاچراپ تۇرۇپلا ۋاقىراپ كەتتى : " سىكەي.... ئۇنچىلىك ئەمەستۇ ؟ بۇ تاغ ئىدىرلىق چەت جايدا داچا قۇرماقچى ؟ ئۇنداقتا بۇ ئادەم چوقۇم مۇھاجىر ياكى كىپەن ئوغۇرسى .  
   ھىلىقى قىزچاق كەنجى تاغامنىڭ ئىپادىسىدىن قورقۇپ كەتتى . پەنزې تاغامنى تارتىپ تۇرۇپ : " كەنجى بىگىم ، يىشىڭىز بىر يەرگە باردى ، بۇنداق ئاسان ھاياجانلانسىڭىز سالامەتلىكىڭىزگە زىيانلىق " دەپلا مۇلازىم قىزغا قاراپ : " ھىچقىسى يوق ، كەنجى بىگىم نىمە ئۈچۈنلىكىنى ئويلاپ يىتەلمىگەن بولسا كىرەك " دىدى . مەن كەنجى تاغامنىڭ پەس ئاۋازدا ئىغىزىنى بۇزغانلىقىنى ، ئاندىن زورىغا بىرنى كۈلىۋىتىپ مۇلازىم قىزدىن سورىغانلىقىنى كۆردۈم : " ھەي !! سىلەرنىڭ بۇ جايدا ساياھەت قىلىدىغان  مەنزىرلىك  ئادەمنىڭ كۆڭلىنى ئاچىدىغان جاي بارمۇ ؟  
  مۇلازىم قىز كۈلۈمسىرەپ تۇرۇپ : " سىلەر بىر قانچىڭلار ساياھەتكە كەلمىگەن ئوخشايسىلەر ؟ مىنىڭچە ‹‹ ئالتۇن قازغىلى ›› كەلگەنلەرغۇ دەيمەن ؟؟ " دىدى
     بىزنىڭ جاۋاپ قايتۇرمىغىنىمىزنى كۆرۈپ مۇلازىم قىزچاق ئورۇندۇقتا بىزگە قاراپ ئولتۇرغاندىن كىيىن  : " راست گەپنى قىلسام بۇ يەرگە كەلگەنلەرنىڭ قايسى بىرى كىپەن ئوغۇرسى ئەمەس ؟ ئەگەر سىلەر راستىنلا ساياھەتكە كەلگەن بولساڭلار قورال– جابدۇقلارنى بەك كۆپ ئىلىۋالدىڭلارمۇ قانداق ؟ " دىدى  
   كەنجى تاغام ماڭا قارىۋەتكەندىن كىيىن قىزچاققا بىر رومكا پىۋا قۇيىۋىتىپ : " ئۇنداقتا سىزمۇ كىپەن ئوغۇرسىمۇ ؟ " دىدى
  " ھەي...!! نەدىكىنى ... نەدىكىنى ..... بوۋام ماڭا بۇ بىر نەچچە يىلدا نۇرغۇن  ‹‹ ئالتۇن قازغۇچى ›› لارنىڭ بۇ يەرگە كىلىپ ئاز بولمىغان ياخشى جانىۋارلارنى كولاپ ئىلىپ كەتكەنلىكىنى ، ئەمىلىيەتتە ئەڭ ئىسىل جانىۋارلارنىڭ تىخىمۇ ئىچكىرسىدىكى ‹‹ ئەۋلىيا قەۋىرسى ›› دە ئىكەنلىكىنى ، بۇ كىشىلەرنىڭ كولاپ ئاچقان ئالتۇن – كۈمۈش بويۇملىرى ‹‹ ئەۋلىيا قەۋىرسىى ›› دىكى بويۇملارنىڭ قولىغا سۇ قۇيۇپ بىرەلمەيدىغانلىقىنى سۆزلەپ بەرگەن " دىدى قىزچاق  
   " ھە ... " كەنجى تاغام قىزىقىپ تۇرۇپ سورىدى . " ئۇنداقتا بوۋىڭىز كرىپ باققان ؟ " :
 مۇلازىم قىز زىنىقىنى چىقىرىپ كۈلۈپ تۇرۇپ : " گىپىڭىزنى قارىڭە ؟ بوۋاممۇ بوۋىسىدىن ئاڭلاپتىكەن ، بۇ رىۋايەتنىڭ قاچان پەيدا بولغانلىقىنى ھىچكىم بىلمەيدۇ . ھىلىقى ئەۋلىيانى پەلەك شاھى زىمىنغا بىر سانغۇنغا ئايلىنىپ ئاشۇ ۋاقىتتىكى بىر پادىشاھقا ياردەم بىرىپ ئۇرۇش قىلىشقا ئىۋەتىپتىكەنمىش ، ۋەزىپىنى ئورۇنداپ بولغاندىن كىيىن ئەرىشكە قايتىپ كىتىپتىكەنمىش . ئۇنىڭ تىنى بىلەن ئۇرۇش قىلغان ۋاختىدا ئىشلەتكەن قىممەتلىك   قورال– جابدۇقلارلىرى بىرلىكتە كۆمۈلۈپتىكەنمىش ، ئۇنىڭ قەۋرە ئورنى پادىشاھلرنىڭكىدىنمۇ ياخشىمىش ، بولمىسا قانداقمۇ ئەۋلىيا دىگىلى بولسۇن ؟ شۇنداققۇ ؟ " دەپ جاۋاپ بەردى  
   كەنجى تاغام قىزنىڭ سۆزىگە ئۇلاپلا سورىدى : " ئۇنداقتا  بۇ قەۋرىنى ئىزدەپ باققان ، تاپالىغانلار بارمۇ – يوق ؟
  " ھەي !! سىز بىلمەيسىز ؟ ئۇ يەرگە كىرىش مومكىن ئەمەس ، بىر نەچچە يىل ئىلگىرى تاغ ئىتىكى يىرىلغاندا ئۇ يەرمۇ يىرىلغان . سىز پەرەز قىلىپ بىقىڭە ! ؟ يىرىق ئىچىدىن قانداق نەرسە چىققاندۇ ؟ !!! " دىدى مۇلازىم قىز  
   " نىمە ؟ !! چىقسا شۇ قىممەتلىك ئاسارە – ئەتىقە چىققاندۇ  ؟ دىدى ئاكۈي .  
  " نىمە ؟ ئاسارە – ئەتىقە چىققان بولسا بۇرۇنلا باشقىلار ئىلىپ كەتكەن بولاتتى . ھازىر سىزگە دىسەم باشقىلارغا دىمەڭ " دىدى مۇلازىم قىز ئاندىن كىيىن بىر رومكا پىۋىنى كۆتۈرۈپلا قارنىغا تۆكۈۋىتىپ ئىيىتتى : " ئۇ يەردىن 100 دىن ئارتۇق تىنى يوق ئادەم بېىشى چىقتى " .

EzQi0908 يوللانغان ۋاقتى 2014-6-20 20:05:27

alshah يوللىغان ۋاقتى  2014-6-20 18:01 static/image/common/back.gif
بۇ ئەسەر(جەنۇپپەرەس ئۈچىنجى تاغىنىڭ ‹‹كېپەن ئوغرىلاش  ...

alwastiدەپ ئىزدىسەم باشقا بىرەيلەننىڭ ئۇندەللال نۇمۇرى چىقىپ يۇرىيدىغۇ؟؟؟سالون نۇمۇرىنى توغرا قالدۇرسىڭىز بولىتتى ،ئاخىرنى ئۇلاپ ئوقىۋەتسەم:lol

EzQi0908 يوللانغان ۋاقتى 2014-6-20 20:36:27

چوڭ تىپتىكى سىرلىق ، قورقۇنچلۇق ، تەشۋىشلىك ئەسەر   
      
                                                كىپەن ئوغۇرسىنىڭ خاتىرسى
                                   
                                        1- خاتىرە 1-بۈلەك 8-باب تاغ جىلغىسى

        كەنجى تاغام چىرايىنى پۈرۈشتۈرۈپ : " ئادەمنىڭ بېشىلا  ؟ تىنى يوق ؟ " دەپ سورىدى .  
    قىزچاق : " راستىنلا شۇنداق . قورقۇنۇچلۇقمىكەن ؟ تاغ ئىتىكى يىرىلغاندىن كىيىن يول توسۇلۇپ قالغاچقا قىچىرمۇ ئۇ يەرگە بارالمايدۇ . سىلەر بارماقچى بولساڭلار پۇتۇڭلارغا تايىنىپ بىرىشىڭلار كىرەك . ئىلگىرى كەلگەن بىرنەچچە توپ ئادەملەرمۇ ئۇ يەرگە بارالمىغان ، بارسىمۇ ئىچىگە كىرەلمەي قايتىپ كەتكەن " دىدى .  
   كەنجى تاغام ھاڭۋىقىپ تۇرغان بوتۇلكىغا قارىۋەتكەندىن كىيىن : " ئۇنداقتا تاغ يىرىلىشتىن بۇرۇن كىرىپ باققانلار باردۇ ؟ " دەپ سورىدى .  
    مۇلازىم قىزچاق جاۋاپ قايتۇرۇپ : " كىرگەنلەرغۇ بار ، بىراق ئۇلار كىرىپ نەچچە كۈن ئۆتمەيلا ھەممىسى يىنىپ چىقىشقان . يولغا چققان ۋاقىتا ھەممىسى خۇشال – خۇرام ، قايتىپ كەلگەندە ئۈستى – بىشى تىلەمچىلەرگە ئوخشاش بولۇپ بەدىنىدىن ئىنتاھىن سىسىق پۇراق كىلەتتى .  بوۋامنىڭ دىيشىچە ئۇلار قەۋرىنىڭ ئورنىنىمۇ تاپالماي قايتىپ كەلگەن بولىشى مومكىن . قانداق ؟ بۇ بىر نەچچىڭلارمۇ سىناپ باقماقچىمۇ ؟ " دىدى .
    " كەلگەندىكىن بىرىپ قاراپ باقمايمىزمۇ ؟ بولمىسا بىكارغا ئاۋارە بولغان بولمايمىزمۇ ؟ " دىدى كەنجى تاغام ساختا ھىجىيىپ   
   مۇلازىم قىز بىز بۇيرۇتۇپ تىخى چىقمىغان سەيلەرنى سۈيلەش ئۈچۈن ئاشخانىغا كىرىپ كەتتى . پەنزى بۇ ۋاقىتتا ئىغىز ئىچىپ : " بۇ قىرى قىزنىڭ دىگىنىگە ئاساسلانغاندا بىز ئىزدەۋاتقان قەۋرە  ھىلىقى تاغ يىرىلغان جايدا ئىكەنلىكى ئىنىق . بىراق بىزنىڭ يۈك – تاقىمىز ؟ .... تاققا يۆتكىمەك ئاسانغا چۈشمەيدىغان ئوخشايدۇ  " دىدى .  
   " قۇرال – جابدۇقلار بولسا جابدۇقلارنى ئىشلىتىپ ئاچىمىز ، بولمىسا ئىككى قولىمىزغا ، ئەقلىمىزگە تايىنىپ ئاچىمىز ، ئۇرۇشقاق بەگلىكلەر دەۋرىدىكى قەۋرىلەر ئادەتتە توپا – كىسەكتىن قوپۇرۇلىدۇ . چوڭ گۆرخانىسى بولمايدۇ . بىلمىدىم ، بۇ قەۋرە شۇنداقمۇ ياكى ئەمەسمۇ ؟ قەۋرىنىڭ چوڭ – كىچىكلىكىنى ، قانچىلىك چۇڭقۇرلۇقتا كۆمۈلگەنلىكىنى نەخ مەيدانغا بىرىپ كۆزىمىز بىلەن كۆرگەندە بىلگىلى بولىدۇ . بەلكىم بۇ قەۋرىدە ئالاھىدە نەرسە بولىشى مومكىن . قىرى قىز ئىيىتقان ئادەم بىشى چىققان جاي ئەجدادلىرىمىز ئىيىتقان ‹‹ ئالۋاستى بىشى ئورىكى ›› بولۇپ ، ئىلگىرىكى ۋاقىتتا ئادەملەرنى قوشۇپ دەپنە قىلىنغان ئورەك بولىشى مومكىن " كەنجى تاغام سۆزلەپ بولۇپلا يىنىدىن خەرىتىنى چىقىرىپ چەمبىرەك سىزىلغان بىر جاينى كۆرسۈتۈپ تۇرۇپ : " قاراڭلار ! مۇشۇ يەر شۇ ، بۇ يەر ئاساسلىق قەۋرىگە بىر ئاز ئارلىقى بار . مىنىڭچە ئىلگىرى كەلگەنلەر  ‹‹ ئەجدىرھا پەللىسىنى ئىزدەش ›› ئۇسۇلىنى قوللانغان بولسا بۇ يەرگە كىلىپ توختاپ قالغان . بۇ ئەجدىرھانىڭ بىشى . ئادەتتە قەۋرە ئادەتتە ئەجدىرھا بىشىنىڭ ئاستىدا بولىدۇ . بىراق سىلەر ئىنچىكىلەپ قاراپ بىقىڭلار ، بۇ يەر بولسا قاپاق ئىغىزى بولۇپ ئىچكىرسىگە قاراپ ماڭمىسا بۇ يەردە ئۆڭكۈر بارلىقىنى بىلگىلى بولمايدۇ . مانا بۇ ھەقىقى ئەجدىرھا بىشىنىڭ ئورنى . بۇ قەۋرىنى ‹‹ ئەجدىرھانىڭ پەللىسىنى ئىزدەش ›› ئۇسۇلىنى قاتتىق چۈشىنىدىغان ئادەم لاھىيەلىگەن بولۇپ يالغان ئەجدىرھا بىسشى ئارقىلق كىيىنچە كىپەن ئوغۇرلىغىلى كەلگەنلەرنى قىلتاققا چۈشۈرىدۇ . ئەگەردە مىنىڭ پەرىزىم خاتا بولمىسا بۇ يالغان ئەجدىرھا بىشىنىڭ ئاستىدا چوقۇم قاتمۇ – قات قۇرۇلمىلىق جانغا زامىن يالغان قەۋرە بار بولغان بولىدۇ ."  كەنجى تاغام بىزنىڭ ھەيرانلىق ئىلكىدە بىرىلىپ ئاڭلاۋاتقانلىقىمىزنى كۆرۈپ كۆرەڭلىك بىلەن : " ئەگەر بۇ خەرىتە بولمىسا بىز كىپەن ئوغۇرلىرىنىڭ پىشىۋا – ئەۋلىيالىرىمىز كەلگەن تەقدىردىمۇ توزاققا چۈشمەسلىكى مۇمكىن ئەمەس . ئەتە بىز ئالمىساق بولمايدىغان نەرسىلەرنى ئىلىپ يىنىك قۇراللىنىپ جەڭگە چىقىمىز . ئالدى بىلەن بىرىپ كۆرۈپ بىقىپ پەقەت ئامال بولمىغاندا قايتىپ كىلىپ لازىملىق نەرسىلەرنى يۆتكەشكە چارە ئىزديمىز  " دىدى .
   مەن ھەرەم ئاغىلىرىدەك " بولىدۇ " دەپ باش لىڭىشتىپ يەنە بىر نەچچە بوتۇلكا پىۋىنى قورساققا تۆكۈۋەتكەندىن كىيىن ياتاققا قايتتىم . ياتاققا كىرگەندىن كىيىن يۈك – تاقلارنى يەشتۇق . ئەلۋەتتە ھازىرقىدەك پەن – تىخنىكا تەرەققى قىلغان ۋاقىتلاردا لوياڭ گۈرجىكىنى ئىشلەتمەيمىزدە . كەنجى تاغام بىر تال ئارخولوگىيە تەكشۈرۈش گۈرجىكىنى چىقاردى . بۇ گۈرجەك پولات تۇربىنى بىر – بىرىگە ئۇلاش ئارقىلىق ياسالغان بولۇپ خالىغانچە ئۇزارتىپ – قىسقارتقىلى بولاتتى . ياغاچ دەستىلىك لوياڭ گۈرجىكىگە سىلىشتۇرغاندا ئىشلىتىشكە خىلىلا قولايلىق ئىدى . ئادەتتە ئۇراشقاق بەگلىكلەر دەۋرىدىكى قەۋرىلەر  ئون نەچچە مىتىر توپا ئاستىدا بولغاچقا ھەربىر ئادەم ئون تال پولات تۇربا ھەمدە بىردىن كۈرجەك بىشىنى يۈدۈشكە توغرا كىلەتتى . پەنزېمۇ ئۆزى بىر قولۇق ئىشلىتىپ كىلىۋاتقان قىسقا سىتوۋۇللۇق مىلتىقنى خۇرۇم قىپىدىن چىقاردى . بۇ مىلتىق مەن قاراڭغۇ بازاردىن تىپىپ كەلگەن قوش سىتوۋۇللۇق مىلتىققا قارىغاندا خلىلا قىسقا بولۇپ چاپان ئىچىگە يوشۇرۇۋالسا باشقىلار ئاسانلىقچە بايقىيالمايتى . پەنزې بىر نەچچە قاپ ئوق بىلەن مىلتىقنى يۈدمە سومكىغا سالدى . كەنجى تاغامنىڭ دىيشىچە قەۋرىدە بەزىدە قوش سىتۋۇللۇق مىلتىقنى ئىشلەتكەندە ئۈنۈمى تازا ياخشى بولىدىكەن . بىراق پەنزېىنىڭ بۇ مىلتىقىنىڭ بولسا كۈچى خىلىلا زور ئىدى . مەن ئەسلىدىنلا پىراكتىكانىت ‹‹ ئالتۇن قازغۇچى ››  بولغاچقا فوتو ئاپرات بىلەن ھەربى خەنجەرنىلا ئالدىم .   
    مۇساپە ھاردۇقى ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۆڭكۈردىكى قورقۇنۇچلۇق ئىشلار مىنى ئوبدانلا ھاردۇرىۋەتكەن بولسا كىرەك ياستۇققا بىشىمنى قويۇپلا چۈشمۇ كۆرمەي شۇنچىلىك تاتلىق ئۇخلاپتىمەن .  ئويغانغان ۋاقىتتا ئاللىقاچان قۇياش تىكلەشكەن ئىدى . بىز ئالدىراپلا ناشتا قىلىپ ئازراق قۇرۇق يىمەلىك ئىلىپلا ھىلىقى مۇلازىم قىز بىزگە تونۇشتۇرۇپ قويغان 13 – 14 ياشلار چاممىسىكى بالىنىڭ يول باشلىشىدا يولغا چىقتۇق . بىز تاغ يولىدا ئىككى – ئۈچ سائەت ماڭغاندىن كىيىن ھىلىقى ‹‹ قىزىل باشلىق تۈگۈنەك › › ئالدى تەرەپنى كۆرسۈتۈپ : " كەلدۇق " دىدى . قارىسام ئالدىمىزدا لاي — لاتقا يالاش سەۋەپلىك ئىچىلىپ قالغان تاغ ئىتى تۇراتتى . بىزنىڭ ھازىرقى ئورنىمىز ئىككى تاغ ئارىسىدىكى ئۇزۇن تاغ جىلغىسى بولۇپ مىنىڭچە يامغۇرلۇق پەسىلىدە كىچىك دەريا ئىقىن بولسا  كىرەك ،  ھازىرقىدەك قۇرغاق پەسلدە سۈيى تارتىلىپ چوڭراق ئىرىقتەك سۇ قالىغانئىكەن  . جلغىدا ئىرىقتەك سۇ ئىقىنى ئىقىۋاتاتتى. ئىككىلا تەرەپتىكى تاغ ئىنتاھىن تىك بولۇپ يامىشىش مومكىن ئەمەس ، ئالدى تەرەپتىكى دەريا يولى تاغدىن دومۇلاپ چۈشكەن قۇرام تاشلار بىلەن توسۇلۇپ قالغان ئىدى .   
   مەن ‹‹تۈگۈنەك باش ›› نىڭ مۆرىسىگە شاپاللاپ تۇرۇپ : " قايتىپ كەت ، ئاچاڭغا رەھمىتىمنى ئىيتىپ قوي " دىدىم .   
   بالىدىن قىمىر قىلىدىغان ئىنجا كەلمەيتى . نەچچە دەقىقىدىن كىيىن قولىنى تەڭلەپ : " 50 تىن بىرنى بىرىڭ " دىدى . مەن ئەجەپلىنىپ بالىدىن " نىمە 50 ؟ " دەپ سورۇدۇم . كەنجى تاغام كۈلىۋەتكەندىن كىيىن بىشىنى چايقاپ تۇرۇپ 100 يۈەن چىقىرىپ تەڭلەي دىيشىگە ، بالا پۇلنى بۇلاپ دىگۈدەك ئىلىپ بىر دەمدىلا كۆز ئالدىمىزدىن غايىپ بولدى . مەن بىر دەم ھاڭۋىقىپ تۇرۇپ كىتىپ ئىچىمدە  : "ئاناڭنى ، مەن نەچچە ياش ۋاختىمدا 100 يۈەن تاپقان بولغىيتىم ؟ ! " دەپ ئويلىدىم . ئارقىدىنلا كەنجى تاغامغا قاراپ : " بۇ سەھرا باللىرىنىڭمۇ ئىقتىساد ئىڭى شەكىللەنگەن يەردە يەھۇدىلارغا يىتىشىلىشىمىزغا كۆپ ۋاقىت قالماپتۇ جۇمۇ ! " دىدىم
   ئاكۈي : " ئادەم جانىۋار ئۈچۈن ئۆلىدۇ دەپتىكەن " دىيشىگە  پەنزې ئۇنىڭ كۆتىگە بىرنى تىپىپ : " قارا قورساق ، گەپ قىلىشنى بىلەمسەن ، بىلمەمسەن ؟ جانىۋار ئۈچۈن ئۆلىدۇ ؟ سەن بىرىپ جانىۋارنىڭ بىر نىمىسى ئۈچۈن ئۆل !!! " دەپ ۋارقىرىدى . بىز ۋاقىتنى ئىسراپ قىلماسلىق ئۈچۈن ئىككى ئاش پىشىم ۋاقىت ئىچىدە دەريا ئىقىنىنى توسىۋالغان تاغ تىشى دۆۋىسىدىن ئارتىلىپ ئۆتتۇق . بىراق ھىلىقى قىرى قىز ئىيىتقاندەك قورقۇنۇچلۇق 100 ئارتۇق ئادەم بىشىنى ئۇچراتمىدۇق . بۇ تاغ تىشى دۆۋىسىنىڭ كەينى تار جىلغا بولۇپ ئاخىرىغا كەلگەندە ئورمانلىققا ئايلاندى . جىلغىدىن چىقىپ يىراقلىسا كۆز يەتكۈسىز قويۇق ئۆسكەن ئورمانلىق ئىدى . بۇنداق ئىكولوگىيەنىڭ قانداق شەكىللەنگەنلىكىنى بىلەلمىدىم .  
    بۇ ۋاقىتتا بىز تاش دۆڭنىڭ تەۋەن تەرىپىدە بىر قېرىنىڭ ئەپكەش بىلەن سۇ توشىۋاتقانلىقىنى كۆردۇق . بۇ قىرىنىڭ چىرايىنى خۇددى مەن بىر يەردە كۆرگەندەكلا . توغرا ، بۇ ھىلىقى بىزنى ئۆڭكۈردە تاشلاپ قويۇپ يوقاپ كەتكەن قىرىنىڭ ئۆزى . قىرىمۇ بىزنى كۆرگەندىن كىيىن چۆچۈپ كەتتى بولغاي قورۇققىنىدىن ئىرىققا يىقىلىپ كىتىپ ئورنىدىن تۇرۇپلا قاچتى . پەنزې دەرھال ئىغىزىنى بۇزۇپ : " سىكەي " دەپ تىللاپلا قىسقا سىتىوۋۇللۇق مىلتىقنى چىقىرىپلا قارغىمۇ ئالماي ئوق ئۈزدى . ئوق قىرىنىڭ ئالدىنقى پۇتىنىڭ نەچچە سانتىمىتىر ئالدىدىكى قۇمغا تەگدى . ھىلىقى قىرى قورۇققىنىدىن سەكرەپ كەتتىدە ئۆرۈلۈپلا كەينىگە قاراپ قىچىشقا باشلىدى . پەنزې ئارقا – ئارقىدىن ئۈچ پاي ئوق ئۈزدى .  ھەر قىتىم ئاتقان ئوق قىرىنىڭ ئاياغ ئىزىغىلا تىگەتتى . ئاناڭنى ، بۇ قىرىمۇ يامان نىمىكەن ، ئۆزىنىڭ قىچىش ئىمكانىيتىنىڭ يوقلىقىنى كۆرۈپ بىردىنلا تىزلاندى .
   بىز تاش دۆڭدىن چۈشىشىمىزگە ئۇ بىزگە باش ئۇرۇپ : " بەگلىرىم كەچۈرسىلە ، مەن قىرىغىمۇ ئامال بولمىغاچقا ھەرقايسىلىرىنى جۆندەشنىڭ پىيىگە چۈشكەن . ئويلاپ باقماپتىمەن . بەگلىرىم ئەۋلىيالاردەك ئادەملەر ئىكەن ئەمەسمۇ ؟ كۆزۈم تۇرۇپمۇ ئۇلۇغلارنى تونىماپتىمەن " دىدى .  
   سۆزلەۋىتىپ كۆزىدىن ياش ،  بۇرنىدىن پوتلىسى ئىقىپ كەتتى . كەنجى تاغام ئۇنىڭدىن : " مەن سىنىڭ تۇرۇقۇڭغا قارىسامغۇ بىرەر نەرسىگە ئامال قىلالايدىغاندەك تۇرمايسەن ! ؟ " دەپ سورىدى . "
   " سىزدىن يوشۇرمايمەن ، سىز مىنىڭ تەققى – تۇرۇقۇمغا قارىماڭ ، ئەمىلىيەتتە مىنىڭ كىسىلىم بار . كۈنىگە نەچچە خىل دورا يەيمەن . قارىمامسىز ، ھازىرمۇ دورا قاينىتش ئۇچۇن  سۇغا كەلگەن " دىدى قىرى يىنىدىكى ياغاچ چىلەكنى كۆرسۈتۈپ .
   پەنزې مىلتىق سىتوۋۇلى بىلەن قىزنىڭ بۇرۇن تۆشىكىنى كوچىلاپ تۇرۇپ : " ئىيتە قىرى مۇناپىق ، ھىلىقى ئالۋاستى ئۆڭكۈرىدە بىردەمدىلا بىرەرسىگە خوتۇنۇڭنى سولاپ بەرگىلى كەتتىڭمۇ يا .....!!!
   قىرى ھەممىمىزگە قارىۋەتكەندىن كىيىن : " مەن راس گەپنى قىلاي ، مىنى ئۆلتۈرمىسەڭلار ؟!! "  
   كەنجى تاغام : " خاتىرجەم بول ، ھازىر دىگەن قانۇن بويىچە جەمىيەتنى ئىدارە قىلىش تەكىتلىنىۋاتقان دەۋىر " دىدى ھەمدە قوشۇمچە قىلىپ : " ئىقرا قىلغانلارغا كەڭچىلىك ، قارشىلاشقانلارغا دىكتاتۇا  يۈرگۈزىلىدۇ " دىدى . ئپلاس قىرى : " شۇنداق ، شۇنداق ، مەن ئىقرا قىلاي ، ئەمىلىيەتە چوڭ ئىشمۇ يوق ، سىلەر ھىلىقى ئۆڭكۈرنىڭ ئۈستۈنكى تىمىغا دىققەت قىلمىدىڭلار ، شۇڭلاشقىمۇ ئۆڭكۈرنىڭ ئۈستىدە ئادەم پاتقۇدەك كامارنىڭ بارلىقىنى بىلمەيىسلەر ، مەن سىلەر دىققەت قىلمىغان ۋاقىتا ئورنۇمدىن تۇرۇپ بىرلا كۈچەپ ئۆڭكۈر ئۈستىدىكى كامارغا كىرىۋالغان . شۇڭا سىلەر سۇغا سەكرىگەن ئاۋازنىمۇ ئاڭلىمىدىڭلار . كىمە كەتكەندىن كىيىن مەن بىرلا ئىسقىرتسام ‹‹ ئىشەك تىزىكى ›› ماڭا چوڭ ياغاچ داستىن بىرنى ئەكىلىپ بەردى . مەن شۇ ياغاچ داسقا ئولتۇرۇپ قايتىپ چىقتىم . ئىش پۈتكەندىن كىيىن كىمىچى ماڭا ئازراق ئولجا بويىمى بەرمەكچى بولغان . ھە راست ، ھىلىقى كىمىچىچۇ ؟ سىلەرنىڭ قولۇڭلاردا ئۆلدىمۇ ؟ ؟ "  دىدى .   
    پەنزې ئادەم بىشىنى ئۈزىۋەتكەندەك قول ئىشارىتى قىلىپ تۇرۇپ : " ئۇنى ئەزرائىلغا ساتتۇق " دىدى .   
   بۇ ھىلىگەر قىرى پەنزېىنىڭ گىپىنى ئاڭلاپلا : " ئۆلگىنى ياخشى ،  ياخشى ئۆلۈپتۇ ، ئەمىلىيەتتە مىنىڭمۇ بۇ ئىشنى قىلغۇم يوق ، ھىلىقى كىمىچى ئەگەر مەن ئۇنىڭغا ‹‹ مال ›› تىپىپ بەرمىسەم مىنى بوغۇزلىۋىتىدىغانلىقىنى ئىيىتقان ، سىلەر دەپ بىقىڭلار ، مەنمۇ شۇ ئامالسىزلىقتىن .... " دىدى كىكەچلەپ . 5  
    " قۇرۇق گىپىڭنى قوي ، ئۆيۈڭ قەيەردە ؟ نىمىشقا بۇ يەردىن سۇ توشۇيسەن ؟ " دەپ سورىدى كەنجى تاغام .  
    قىرى جىلغىنىڭ تۆۋەن تەرىپىنى كۆرسىتىپ تۇرۇپ " مەن ئەۋلىيا تاغنىڭ ئىچىدىكى كىچىك ئۆڭكۈردە تۇرىمەن . تىرىغۇدەك يىرىمۇ ، ھالىمدىن خەۋەر ئالغۇدەك ئوغلۇممۇ يوق . بەگلىرىم ماڭا ئىچىڭلار ئاغىرسۇن " دىدى .   
   كەنجى تاغام ئۇنىڭ گىپى تۈگۈشىگە ئۇلاپلا قويۇق ئورمانلىقنى كۆرسىتىپ تۇرۇپ ئۇنىڭغا  : " ئۇنداقتا سەن بۇ ئەتراپنى پىششىق بىلىدىكەنسەندە ؟ ياخشى ، سىنى قويىۋەتسەك بولىدۇ . بىراق سەن ئالدى بىلەن بىزنى ئۇ يەرگە باشلاپ بارغىن " دىدى . قىرى كەنجى تاغام كۆرسەتكەن ئورمانلىققا قاراپ پەس ئاۋازدا : " ۋاي خۇدايىم ، سىلەر ئەسلىدە ‹‹ ئالتۇن قازغىلى ›› كەپتىكەنسىلەردە ، بەگلىرىم ئۇ قەۋرىنى ئوغۇرلاشقا قەتئى بولمايدۇ  ! ؟ قەۋرىنىڭ ئىچىدە جىن – ئالۋاستى ، جادۇگەر قىرى خوتۇن بار !!! " دىدى .  
   مەن ئاڭلاپلا بۇ قىرىنىڭ بىرەر يىپ ئۇچىنى بىلىدىغانلىقىنى جەزىملەشتۈرۈپ ئۇنىڭدىن : " قانداق سەن بىرىپ باققانمۇ ؟؟ " دەپ سورۇدۇم . -  
    قىرى جىددىيلەشكەن قىياپەتتە : " مەن بىر قانچە يىل ئىلگىرى ئۆزىنى  ئارخولوگىيە ئەتىرتى دەپ ئاتىۋالغان كىپەن ئوغۇرلىرىنى ئۇ يەرگە باشلاپ بارغان . سىلەرگە دىسەم ئۇلار ئادەتتىكى كىپەن ئوغۇرلىرىغا ئوخشىمايتى ، ئۇلار بۇ ئەتراپتىكى كىچىك قەۋرىلەرگە قاراپمۇ قويماستىن تاغ ئىچكىرىسىدىكى قەۋرىلەرگە قاراپ ماڭدى . مەن دەسلەپتە يول باشلاشنى خالىمىغان بولساممۇ توپ بىشى ماڭا 100 يۈەنلىك پۇلدىن ئوننى تەڭلىۋىدى ؛ ئاناڭنى مەن شۇ .... شۇڭا  ئۇلارنى باشلاپ ئۆزۈم ئىلگىرى بارغان جايغا باشلاپ باردىم . ئۇلار يەنە ئىچكىرسىگە قاراپ ماڭماقچى بولۇپ ماڭا يەنە 1000 يۈەن تەڭلىۋىدى ، مەن ئۇنىماي 1000 يۈەن ئەمەس 10000 يۈەن بەرسىمۇ بارمايدىغانلىقىمنى ، پۇلنى دەپ جىنىمنى سىلىپ بەرمەيدىغانلىقىمنى ئىيتىشىمغا توپ بىشى يۈز ئۆرۈپ تاپانچىسىنى بېشىمغا تەڭلەپ ئۇلارغا يول باشلىشىمنى تەلەپ قىلدى . ئامالسىزلىقتىن ئۇلارنى باشلاپ تىخىمۇ ئىچكىرسىگە قارپ ماڭدىم " دىدى دە بىشىنى قاشلاپ تۇرۇپ سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ : " كىيىن ئىچكىرلەپ كىرىپ بىر جايغا بارغاندا ئۇلار ‹‹ كەلدۇق !!! ›› دىيشىپ خۇشاللىقىدىن قىلغىلى قىلىق تاپالماي قالدى . بىز ئۇ يەردە چىدىر تىكىپ تۇرالغۇ پەيدا قىلدۇق  ، ھىلىقى بىر توپ كىشىلەر بۇ يەرنىڭ شارائىتىنى تەھلىل قىلىپ بىر نەرسىنىڭ مۇشۇ يەرنىڭ ئاستىدا ئىكەنلىكىنى ئىيتىشىپ ئەتىسى كولاشنى توغرا تىپىپ چىدىرغا قايتىپ غەلبىنى ئالدىن تەبرىكلەش ئۈچۈن زىياپەت ئۆتكۈزۈپ ماڭىمۇ خىلىلا جىقلا ھاراق ئىچكۈزۋەتتى . ئاخشىمى مەن مەس بولغاچقا ھىچقانداق سىزىم يوق ئۆلۈك كالىدەك ئۇخلاپتىمەن . ئەتىسى قوپۇپ قارىسام  .....  ئۇلارنىڭ بىرسىمۇ يوق . قۇرال – جابدۇقلار ، ھەتتا چىدىر سىرتىغا قالانغان ئوتمۇ تىخى ئۆچمەپتۇ ، لىكىن مەندىن باشقا ئىنسى – جىننىڭ قارىسىمۇ يوق . مەن چاتاق چىققانلىقىنى ھىس قىلىپ ئۇياق – بۇياققا يۈگرەپ ئۇلارنى ئىزدىدىم . لىكىن ئۇلار بىر كىچىنىڭ ئىچىدىلا پارغا ئايلىنىپ كەتكەندەك ھىچقانداق دىرىكىنى ئالالمىدىم . شۇڭا مەن ئۇلارغا بىرەر كىلىشمەسلىك كەلگەنلىكىنى سىزىپ دەرھاللا قاچتىم ! " دىدى . sI9~TZ :  
    ھىلىگەر قىرى خۇددى بىرەر قورقۇنۇچلۇق ئىشنى ئىسىگە ئالغاندەك تەمتىرەپ تۇرۇپ : " تىخى ئەمدىلا ئىككى – ئۈچ يۈز مىتىر ئەراپىدا قىچىشىمغا بىرىنىڭ مىنى چاقىرغانلىقىنى ئاڭلاپ كەينىمگە بۇرۇلۇپ قارىسام ‹‹ ئارخولوگىيە ئەتىرتى ›› دىكى ئايال ماڭا قول پۇلاڭلىتىپ ماڭا بىر نىمىلەرنى دەۋاتاتتى ، مەن ئىغىزىمنى بۇزۇپ تىللاپ نىمىشقا ئۇلارنىڭ مىنى يالغۇز تاشلاپ قويۇپ تاڭ ئاتماستىنلا كەتكەنلىكىنى سوراي دەپ قارىسام بۇ ئايالنىڭ كەنىدىكى ئىنتاھىن چوڭ بىر غەلىتە  دەرەخكە كۆزۈم چۈشىشى بىلەن قورۇقۇنۇمدىن يۈرۈكۈم يىرىلىپ ئۆلگىلى تاس قالدىم . دەرەخنىڭ ئۈستىدە نۇرغۇن ئۆلۈكلەر ئىسىلغان بولۇپ  ھەممىسىنىڭ دىگۈدەك كۆز قارچۇقى يوق ، قورۇققۇنۇمدىن تامبىلىمغا سىيىۋەتتىم . ئارقامغا بۇرۇلۇپ شۇ قاچقانچە بىر كىچە بىر كۈندۈز قىچىپ كەنىتكە قايتىپ كەلدىم . سىلەر دەپ بىقىڭلار ، بۇ چوقۇم جادۇ دەرەخ . خۇداغا شۈكرى ھىلىمۇ ياخشى تەڭرىگە قىلغان ئىبادىتىم بار ئىكەن . بولمىسا مەنمۇ چوقۇم دەرەخكە ئىسىلار ئىدىم " دىدى .   
    كەنجى تاغام چوڭ بىر تىنىۋىلىپ : " : " سەن تىخى تەڭرىگە ئىبادەت قىلىسەن ؟ " دىدى – دە پەنزېگە بۇ قىرىنى باغلاش توغۇرلۇق قول ئىشارىتى قىلدى .   
    قىرى كۆڭلىدە يول باشلاشقا مىڭنى رازى بولمىغان بولسىمۇ بىراق ئامال يوق بىزگە يول باشلاشقا مەجبۇر بولدى . ئۇنىڭ دىيشىچە بىز دىگەن يەرگە بىرىشقا بىر كۈن ۋاقىت كىتەتتى . ئاكۈي ئالدىدا يول ئاچتى ، بىز ئۇنىڭ     كەينىدىن ئەگىشىپ يۈرۈپ كەتتۇق .
   مەن قەدىمىنى تىزلەتكەچ خەرىتىنى چىقىرىپ تەپسىلى قاراپ خەرىتە بىلەن بۇ قىرىنىڭ باشلىشىغا تايىنىپ قاراڭغۇ چۈشۈشتىن بۇرۇن ئۇ يەرگە بىرىپ بولالايدىغانلىقىمىزغا ھۆكۈم قىلدىم . بىز توپتوغرا يىرىم كۈن يول يۈردۇق . دەسلەپتە پاراڭلاشقاچ چاقچاق قىلىشقاچ ماڭغانتۇق . بىراق ئاخىرىغا كەلگەندە ھەممىمىزنىڭ ئۇيقۇسى كىلىپ توختىماستىن ئەسنەپ پاراڭ قىلىش ئەمەس بىر – بىرىمىزگە قاراشقىمۇ رايىمىز قالمىدى . تۇيۇقسىز بۇ قىرى توختاپ قالدى .   
   پەنزې تىللاپ : " سەن يەنە قانداق ھىلە ئويلاۋاتىسەن ؟ " دىدى . ;  
قىرى يىنىدىكى دەرەخنىڭ ئارقىسىنى كۆرسىتىپ : " ئۇ ... قانداق  ... نەرسە ؟ " دىدى .   مەن دەرەخنىڭ قىيپاش ئۇدۇلىغا ئۆتۈپ قارىسام يەردىكى ئوت – چۆپ ئۈستىدە بىر نەرسە لىپ – لىپ قىلىپ چاقناۋاتاتتى .   مەن قولۇمغا ئىلىپلا ئىغىزىمنى بۇزۇپ ئىيىتتىم : " سىكەي....... ، قول تىلفۇنى ئىكەنغۇ !!!! "  

EzQi0908 يوللانغان ۋاقتى 2014-6-20 20:37:38

چوڭ تىپتىكى سىرلىق ، قورقۇنچلۇق ، تەشۋىشلىك ئەسەر  
        
                                                 كىپەن ئوغىرسىنىڭ خاتىرسى

                                           1- خاتىرە 1-بۈلەك 9-باب قەدىمى قەۋرە

    مەن يان تىلفۇننى قولۇمغا ئىلىپ قاراپ بۇ تىلفۇننىڭ بۇ يەرگە چۈشۈپ قالغانلىقىغا تىخى ئۇزۇن بولمىغانلىقىنى ھەمدە يان تىلفۇندا قان دىغىنىڭ بارلىقىنى بايقاپ كۆڭلۈمدە : " بۇ تىلفۇن ئاسماندىن چۈشمىگەندۇ ؟ قارىغاندا بۇ يەردە بىزدىن باشقا يەنە بىر توپ ئادەم بولسا كىرەك  " دەپ ئويلىدىم . مەن تىلفۇن دەپتىرىمنى ئىچىپ قارىسام بىر نەچچە باشقا دۆلەتنىڭ تىلفۇن نۇمۇرى بار ئىدى . ئۇچۇر ساندۇقىدا ھىچقانداق ئۇچۇر يوق . كەنجى تاغام : " قارىغاندا بۇ تىلفۇننىڭ ئىگىسىنى ئىزدەپ تىلفۇننى تاپشۇرۇپ بىرىش مومكىن بولمىسا كىرەك . تىزدىن يولىمىزغا ماڭايلى " دىدى . مەن تۆت ئەتراپقا سەپسىلىپ قارىغان بولساممۇ باشقا يىپ ئۇچى بولمىغاچقا يولنى داۋام قىلىۋىتىپ بۇ تىلفۇننىڭ ئىشىنى ئويلىدىم . بۇ ئادەمسىز يىراق جاڭگالدا زامانىۋى ئالاقىلىشىش قۇرالىنىڭ پەيدا بولۇپ قىلىشى مىنى خىلىلا ئەجەپلەندۈرىۋاتاتتى .  مەن قېرىدىن يىقىندىن بۇيان بىزدىن باشقا كىشىلەر بۇ ئورمانلىققا كىردىمۇ – يوق دەپ سورىدىم .   
    قېرى بىر خىل ئەنسىز كۈلۈپ : " تەخمىنەن ئىككى ھەپتە ئىلگىرى ئون نەچچە ئادەم كىرىپ كەتكەن ، ھازىرغىچە قايتىپ چىقمىدى .  بۇ ئورمانلىق بەك خەتەرلىك ، بەگلىرىم بىز ھازىر قايتىپ كەتسەكمۇ ئۈلگۈرىمىز " دىدى.  
    ئاكۈي ئارقىدىنلا : " شۇ جادۇگەر ئالۋاستى – جىنلارغۇ ؟ ساڭا دىسەم بىزنىڭ بۇ كىچىك بىگىم نەچچە مىڭ يىللىق مۇردىنىمۇ تىزلاندۇرغان يەردە ئۇنچىلىك غەلىتە نەرسە دىگەن ئۇنىڭغا نىمىتى ؟ " دەپ بوتۇلكىغا قارىدى .  بىراق بوتۇلكا ئاكۈينىڭ سۆزىنى ئاڭلىمىدىمۇ ياكى ئاڭلىماسقا سالدىمۇ بىلمىدىم ، ئاكۈيگە ئازراق ئىپادىمۇ بىلدۈرمىدى .  
    مۆرىلىرىم دۈمچەكلىشىپ ھالىمدىن كىتىپ كۆزلىرىمگە يۇلتۇزلار كۆرۈنگەندە نىشانغا يەتتۇق .  
    ئۇ يەردىكى ئون نەچچە ئورۇندا ھەربىيلەرنىڭ چىدىرىنى كۆردۇق ، ھەربىيلەر چىدىرىنىڭ سۈپىتى ئىنتاھىن ياخشى بولۇپ گەرچە چىدىرنىڭ ئۈستىگە چىرىگەن يوپۇرماقلار دۆۋلىشىپ كەتكەن بولسىمۇ چىدىر ئىچى يەنىلا شۈنچىلىك رەتلىك ھەم پاكىز ئىدى . چىدىر سىرتىدا بىر مۇنچە تۇرمۇش بويۇملىرى ھەم قۇرال جابدۇقلار چىچىلىپ ياتاتتى . قارىغاندا بۇ ھىلىگەر قېرى يالغان سۆزلىمىگەن چىغى .
    بىز ھەتتا قۇرال – جابدۇقلار ئارىسىدىن بىر دانە گىنراتۇر ۋە نەچچە تۇڭ بىنزىن بارلىقىنى بايقىدۇق . ئاكۈي گىنراتۇر بىلەن خىلى ئۇزاق ھەپىلەشكەن بولسىمۇ توك چىقىرالمىدى ، بىراق بىنزىندا مەسىلە يوق بولۇپ ئىشلىتىشكە  OK ئىدى . مەن بۇ ئادەملەرنىڭ نەرسە – كىرەكلىرىنى ئاختۇرىۋىتىپ ئۇلارنىڭ تۇرمۇش بويۇملىرىدىن تارتىپ ھەربى چىدىرىغىچە بولغان ھەممە ماددى بويۇمىنىڭ ماركىسىنى سۆكىۋەتكەنلىكىنى بايقىدىم . بۇ ئادەملەر ئىنتاھىن غەلىتە ،ئەجىبا ئۇلار باشقىلارنىڭ ئۆزىنىڭ كىملىكىنى بىلىپ قىلىشىنى ئۈمۈت قىلمايدۇ ؟؟  
   بىز بۇ لاگىردا ئوت يىقىپ ئاددىيلا قىلىپ كەچلىك تاماق يىدۇق . ئاناڭنى ، پىرىسلانغان يىمەكلىكنىڭ تەمى ئىنتاھىن غەلىتە بولۇپ پىقىر 3 – كىچىك بەگزادە ئەزەلدىن بۇنداق نەرسىنى يەپ باقمىغان بولغاچقا بىر نەچچە چىشلەم يەپلا كۆڭلۈم تارتمىدى .   
   بوتۇلكا بىر تەرەپتىن تاماق يەۋىتىپ يەنە بىر تەرەپتىن خەرىتىدىكى ھىلىقى غەلىتە تۈلكە يۈزلۈك جاينى كۆرسۈتۈپ تۇتۇپ : " بىز ھازىر چوقۇم مۇشۇ يەردە " دىدى .
    ھەممىمىز  ئۇنىڭغا يىقىنلاشتۇق . ئۇ يەنە : " بۇ جاي نەزىر – چىراق قىلىدىغان يەر ، ئاستىدا چوقۇم نەزىرە چىراق مۇنارى ياكى مەيدانى بار ، قوشۇپ دەپنە قىلىنغان نەزىر چىراق بويۇمى چوقۇم ئاستىدا " دىدى .   
   كەنجى تاغام زوڭزۇيۇپ ئولتۇرۇپ بىر ئۇچۇم توپا ئىلىپ پۇراپ بىشىنى چايقاپ ، بىر نەچچە قەدەم يىراقتىن يەنە بىر ئۇچۇم توپىنى پۇراپ بولۇپ : " بەكلا چۇڭقۇر كۆمۈپتۇ ، بىر نەچچە گۈرجەك توپا ئىلىپ قاراپ باقايلى " دىدى .  
    كەنجى تاغام پۇتى بىلەن بىر مىتىر ئەتراپىدا چەمبىرەك سىزىپ بىزگە قول سالىدىغان جاينى كۆرسىتىپ بەردى . ھەممىمىز رەزبىلىك پولات تۇربىنى قۇراشتۇردۇق . ئاخىرىدا ئاكۈي گۈرجەك بىشىنى مۇقىملاشتۇرۇپ بولۇپ بايام تاغام سىزىپ بەرگەن يەرگە قارىتىپ قىسقا دەستىلىك بولقا بىلەن كۈچەپ قىقىشقا باشلىدى . كەنجى تاغام قۇلىقىنى يەرگە يىقىپ بىر نەرسىنى ئاڭلىماقچى بولىۋاتاتتى . بىز 13 تال پولات تۇربىنى ئۇلىدۇق . ئاكۈي بىرنەچچىنى ئۇرىشىغا كەنجى تاغام تۇيۇقسىز : " بار ئىكەن " دىدى
    ئاكۈي بىلەن پەنزې ئىككىسى گۈرجەكنى بىر بۆلەك – بىر بۆلەكتىن تارتىپ چىقاردى . ئەڭ ئاخىرىدا گۈرجەك بىشىنى تارتىپ چىقىرىپ گۈرجەك بىشىدىكى توپىنى گۈلخان يىنىغا ئەكىلىپ بىزگە كۆرسەتتى . كەنجى تاغام بىلەن مەن بىر كۆرۈپلا چىرايىمىز ئاقىرىپ كەتتى . ھەتتا بوتۇلكىنىڭ چىرايىدىمۇ ئازراق ئۆزگۈرۈش بولدى .  بۇ توپا قان بىلەن سۇغۇرۇلغاندەك ، قىپقىزىل سۇيۇقلۇق گۈرجەك بىشىنى بويلاپ يەرگە تىمىۋاتاتتى   
   كەنجى تاغام ئىككىمىز قانلىق مۇردا توغۇرلۇق ماتىرىيال كۆرگەن ھەم ئاڭلىغان . بىراق ھەقىقى قانلىق مۇردا قانداق بولىدۇ ؟ بوۋامنىڭ خاتىرىسىگە تايىنىپ بۇنىڭغا ھۆكۈم قىلىش ئانچە مۇھاپىق ئەمەس ، ئەمما مۇئەييەنلەشتۈرۈشكە بولىدىغىنى بۇ جايدىن قان تىمىپ تۇرغان توپىنىڭ چىقىشى ئاستىدا بىر قەۋرىنىڭ بارلىقىنى ، بولغاندىمۇ ئادەتتىكى قەۋرە ئەمەسلىكىنى ئىسپاتلايدۇ .  
    مەن كەنجى تاغامغا قانداق ھۆكۈم چىقىراركىن دىگەن نەزەردە تىكىلدىم . كەنجى تاغام تاماكىنى كۈچەپ شورىغاندىن كىيىن : " قانداق بولمىسۇن ئاۋال كولاپ بولۇپ ئاندىن بىرنىمە دەيلى " دىدى . بىر تەرەپتە پەنزې بىلەن ئاكۈي كولاۋاتاتتى . ئاكۈي بىر نەچچە گۈرجەك توپىنى كەنجى تاغامنىڭ ئالدىغا تاشلىۋىدى كەنجى تاغام ھەربى خەنجىرى بىلەن توپىنى بۇرنى ئالدىغا ئەكىلىپ پۇرىغاندىن كىيىن يەرگە بىرنىمىلەرنى سىزىشقا باشلىدى . مەن ئۇنىڭ بۇ ھەركىتىدىن قەۋىرنىڭ ئىنىق ئورنىنى مۆلچەرلەۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ يەتتىم . بىر دەمدىن كىيىن كەنجى تاغام يەرگە تەخمىنەن قىلىپ قەۋرىنىڭ دائىرسىنى سىزىپ چىقتى .
    ئورۇن بىكىتىش ‹‹ سىغىزچىلار ›› نىڭ ئەڭ ئاساسى ھەم ئەڭ موھىم بىلىمىنىڭ بىرسى بولۇپ ئادەتتە ئۈستى قانداق بولسا ئاستىمۇ شۇنداق بولاتتى . ‹‹ سىغىزچىلار ›› ئورۇن بىكىتىشتە ئالدىراپ خاتالاشمايتى . بىراق مەن تاغامنىڭ بىكىتكەن دائىرسىگە قارىسام بىر يەرلىرى نۇرمالسىز كۆرىنەتتى . كۆپ ساندىكى ئۇرۇشقاق بەگلىكلەر دەۋرىدىكى قەۋرىلەردە قەۋرە ئوردىسى ياسالمايتى . بىراق تاغامنىڭ سىزغان قەۋرە  دائىرسىدە قەۋرە ئوردىسى بار ھەمدە تورىسى قىشتىن قوپۇرۇلغان ، بۇ تازا ئادەمنىڭ ئەقلىگە سىغمايتى . كەنجى تاغام دائىرە خەرىتىسىنى ئالقىنى بىلەن ئۆلچەپ جەسەت قويۇلغان ئورۇننى پەرەز قىلىپ چىقتى بولغاي بىزگە قاراپ : " قەۋرىنىڭ تورىسى قىشتىن قوپۇرۇلغان . گۈرجەك بىلەن تەشكىلى بولمايدۇ ، شۇڭا پەقەت ئەمىلى تەجىربىگە تايىنىپ تەخمىنى ئورنىنى بىكىتىشكە توغرا كىلىدۇ ، بۇ يەر ئاستى سارايى بەك غەلىتە ئىكەن ، مەن قەيەردىكى قىش قاتلىمىنىڭ ئاجىزراق ئىكەنلىكىنى پەرەز قىلالمىدىم  . ئامال يوق ، شۇڭا سۇڭ دەۋرىدىكى قەۋرىلەرنىڭ تەجىربىسىگە ئاساسەن ئاۋال ئارقا تامدىن كامار كولاپ كىرىپ باقايلى ، ئەگەر بۇ ئامال بولمىسا يەنە باشتىن كىلىمىز ، شۇڭا پۇت – قولۇڭلارنى تىزرەك قىلىڭلار " دىدى
    تاغام ھەم ئۇنىڭ بۇرادەرلىرى نەچچە ئون يىل ئوغرى كامىرى كولىغاچقىمىكىن سۈرئىتى ئىنتاھىن تىز ئىدى . ئۈچ تال ئايلانما گۈرجەك ئۇسۇلغا چۈشۈپ بىر دەمدىلا يەتتە – سەككىز مىتىر كولاپ بولدى . ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ ئادەمسىز جاڭگاللىق بولغاچقا كولاپ چىقىرىلغان توپىلارنى بىر تەرەپ قىلىشنىڭمۇ ھاجىتى يوق بولۇپ بىردەمدىن كىيىن پەنزىنىڭ تۆۋەندىن ۋاقىرىغان ئاۋازى ئاڭلاندى . " پۈتتى !!! " ئاكۈينىڭ ئۆڭكۈردە ئىيىتقانلىرى لاپ ئەمەسكەن ، ئۇ كامارنىڭ ئاستىنى ئىنتاھىن كەڭ قىلىپ كولاپ خىلىلا چوڭ دائىرىدىكى قىش قاتلىمىنى كۆز ئالدىمىزدا نامەيان قىلدى . بىز نەچچىمىز كانچىرىغىنى ياندۇرۇپ پەسكە چۈشۈپ تۇرىشىمىزغا بوتۇلكا ئاكۈينىڭ  قولى بىلەن قىش تامنى چىكىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ دەرھال ئاكۈينىڭ قولىنى ‹‹ كاپ ›› لا قىلىپ تۇتىۋىلىپ  : " چىقىلما " دەپ ۋارقىرىدى . بوتۇلكا ئۇزۇن ئىككى بارمىقىنى چىقىرىپ قەۋرە تىمىدىكى قىش بىلەن قىش ئارلىقىدىكى كىچىكلكىنە بوشلۇقنى بويلاپ خىلى ئۇزۇن سىلىغاندىن كىيىن : " بۇ تامنىڭ ئوتتۇرسىغا ئوغۇردىن مۇداپىيە كۆرۈش قەۋىتى ئورۇنلاشتۇرۇلغان ئىكەن . قىشنى سۇغارغاندا پەقەت سىرىتقا تارتىشقىلا بولىدۇ ، ئىچىگە ئىتتىرىشكە ، ئۇرۇپ – چىقىشقا قەتئى بولمايدۇ " دىدى  
    پەنزىمۇ تامنى سىلاپ تۇرۇپ ئىيىتتى : " قانداقسىگە ئازراقمۇ يوچۇق قالدۇرمىغاندۇ ؟ بۇ تاش كىسەكلەرنى بىر – بىرىگە قانداق قىلىپ مۇشۇنداق جىپسىلشتۇرغاندۇ ؟   
   بوتۇلكا ئۆزىنىڭ ئىشى بىلەن مەشخۇل ئىدى . ئۇ تۇيۇقسىز بىرلا كۈچەپ قەۋرە تىمىدىن بىر دانە قىشنى سۇغۇرۋالدى . بۇ قەدىمكى زاماندىكى قىش ئىنتاھىن مۇستەھكەم ، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئىككى بارماققا تايىنىپ قىشنى سۇغۇرۇشقا قانچىلىك كۈچ كىتەر ؟ ئۇنىڭ بۇ بىر جۈپ بارمىقى ھەقىقەتەن ئادەتتىكى بارماقلاردىن ئەمەس ئىدى . بوتۇلكا قولىدىكى قىشنى يەرگە قويۇپ قىشنىڭ كەينى تەرىپىنى بىزگە كۆرسەتتى . قىشنىڭ كەينىدە سارغۇچ قىزىل رەڭدىكى مومدەك بىر نەرسە بار ئىدى . ئۇ بىزگە قاراپ : " ناۋادا بۇ قىش زەربىگە ئۇچراپ ئوتتۇردىكى موم قاتلىمىغا سوقۇلسا ئەسلىدىنلا كىسلاتاغا تويۇنغان موم قاتلىمىدىكى كىسلاتا بىلەن يەنە بىر خىل سۇيۇقلۇق سوقۇلۇش تەسىرىدىن ئوت ئالىدۇ دە ، قەۋرە بىلەن قوشۇپ بىزنىمۇ كۆيدۈرۈپ كۈل قىلىۋىتىدۇ " دىدى .   
    مەن بوتۇلكىنىڭ گىپىنى ئاڭلاپ بولۇپ كۆڭلۈمدە : " ئاناڭنى ، بۇنداق كىسلاتادىن پايدىلنىپ تام ياساشنى كىم ئىجاد قىلغان بولغىيتى ؟ ئەينى زاماندىكى نوبىل مۇكاپاتىغا ئىلتىماس قىلغاندىمۇ ؟ " دىگەنلەرنى ئويلىدىم   
    كاللامدا تۇيۇقسىز ئىنتاھىن قورقۇنۇچلۇق بىر خىيال پەيدا بولدى . ئۇنداقتا ئەينى ۋاقىتتىكى بوۋام كۆرگەن تىرىسى يوق ، بەدىنىدىن قان تەپچىپ تۇرغان ھىلىقى مەخلۇق قانلىق مۇردا ئەمەس بەلكى كىسلاتادا كۆيۈپ كەتكەن  ئۇلۇغ بوۋام ؟! ئۇنداقتا بوۋام ئاتقان بىر نەچچە پاي ئوق ئۆز دادىسىغا قارىتىپ ئىتىلغان ؟ ؟؟   
    بۇ چاغدا بوتۇلكا ئاكۈيگە پەسكە قارىتىپ ئۇدۇل بەش مىتىر چۇڭقۇرلۇقتا ئورەك كولاتتى ھەمدە سومكىسىدىن ئوكۇل يىڭنىسى بىلەن ئۇزۇن سىرىق رەڭدىكى نەيچىنى چىقاردى دە ، نەيچىنىڭ ئۇچىنى ئوكۇل يىڭنىسىگە ئۇلاپ نەيچىنىڭ يەنە بىر ئۇچىنى ئاكۈي كولىغان ئورەككە تاشلىدى . پەنزى يۇقرى ھارارەتلىك چاقماقنى چىقىرىپ بوتۇلكىنىڭ قولىدىكى ئوكۇل يىڭنىسىنى قىزدۇرپ چوغدەك قىزارتقاندىن كىيىن بوتۇلكا ئاۋايلاپ تۇرۇپ ئوكۇل يىڭنىسىنى موم تامغا كىرگۈزۈشى بىلەن تەڭ قىزىل رەڭلىك كۆيدۈرگۈچى كىسلاتا نەيچىنى بويلاپ ئورەككە ئىقىشقا باشلىدى . .  
   ئىككى ئاش پىشىم ۋاقىتتىن كىيىن ھىلىقى ئوغرىدىن مۇداپىيە كۆرۈش قاتلىمىنىڭ رەڭگى سارغۇچ قىزىلدىن ئاق رەڭگە ئۆزگەردى . بوتۇلكا بىشىنى لىڭىشتىپ : " بولدى " دىدى– دە قىشلارنى قومۇرۇش توغۇرلۇق بىزگە كۆز ئىشارىتى قىلدى . بىز قىشلارنى سۇغۇرۇپ ئادەم پاتقىدەك ئوغرى كامىرىنى ھاسىل قىلدۇق . كەنجى تاغام مەشئەلدىن بىرنى كامارغا تاشلاپ قەۋرە ئىچىنى كۆزەتتى .
     بىز تەشكەن ئوغرى كامىرى قەۋرىنىڭ شىمال تەرىپىدە بولۇپ قەۋرە ئىچىدىكى يەرگە پۈتۈنلەي تاش تاختا ياتقۇزۇلغان بولۇپ تاش تاختىنىڭ ئۈستىگە قەدىمى يىزىق ئويۇلغان ئىدى . تاش تاختىلار سەككىز سەپلىك ئۇسۇلدا ياتقۇزۇلغان بولۇپ قەۋرىنىڭ ئوتتۇرسىدىكى ئەڭ كىچىك ، ئەتراپىدىكى بارا– بارا يوغانلاپ بارغان، بىر قاراشتىلا ئادەم كۆزىگە سىترولۇق كۆرۈش سىزىمى ھاسىل قىلاتتى .  قەۋرە تۆت تىمىغا سەككىز دانە تام مەشئىلى قويۇلغان بولۇپ ئاللىقاچان ئۆچۈپ قالغان ئىدى . قەۋرىنىڭ ئوتتۇرسىغا تۆت پۇتلۇق داڭقان قويۇلغان ، داڭقاننىڭ ئۈستىدىكى لەھەت تورىسىغا قۇياش بىلەن ئاينىڭ ئايلىنىش دەۋرىلىك رەسىمى سىزىلغان ، قەۋرىنىڭ جەنۇپ تەرىپىدە بىر دانە تاش جەسەت ساندۇقى قويۇلغان ئىدى . جەسەت ساندۇقىنىڭ ئارقا تەرىپىدە پەسكە قاراپ سوزۇلغان كارىدور بار ئىدى .
   كەنجى تاغام ئاۋال كىرىپ قەۋرە ئىچىدىنىڭ ھاۋا سۈپىتىنى تەكشۈرۈپ بىقىپ بىزگە قول پۇلاڭلاتتى – دە بىزمۇ ئارقا – ئارقىدىن قەۋرىگە كىردۇق   
   كەنجى تاغام يەردىكى قەدىمى يىزىقى كۆرسىتىپ تۇرۇپ : " كىچىك ئاكا ، سىز بۇ خەتلەردىن بۇ قەۋرىنىڭ كىمنىڭ قەۋىرسى ئىكەنلىكىنى بىلەلەمسىز ؟ " دەپ سورىدى .  
   بوتۇلكا بىشىنى چايقىدى دە بىر ئىغىز گەپمۇ قىلمىدى .   
   بىز يەنە بىر نەچچە دانە مەشئەل ياندۇرۇپ تام مەشئىلى ئىچىگە قويۇپ قەۋرە ئىچىنى تىخىمۇ يورۇتتۇق . بۇ ۋاقىتتا مىنىڭ ئويۇمغا بوۋام خاتىرسىدە ئىيىتقان ھىلىقى قانلىق مۇردا كىلىپ كۆڭلۈمنى بىرخىل پاراكەندە قىلىۋاتاتتى . پەنزى بىرلا سەكرەپ چوڭ داڭقاننىڭ ئۈستىگە چىقىپ كۈلۈپ تۇرۇپ :" كەنجى بىگىم ، بۇ يەردە ياخشى نەرسە بار ئىكەن " دىدى .  
   بىزمۇ يامىشىپ دىگىدەك داڭقان ئۈستىگە چىقساق داڭقان ئىچىدە بىشى يوق تىنى بار قۇرۇپ قاقشال بولغان جەسەت ياتاتتى . جەسەتنىڭ كىيىم – كىچەكلىرى ئاللىبۇرۇن چىرىپ كەتكەن بولۇپ ئۈستى – بىشىدا مۈكەممەل ساقلانغان قاشتىشىدىن ياسالغان زىبۇ – زىننەت بويۇملىرى بار ئىدى . پەنزې قىلچە تەكەللۇپ قىلماستىن قۇرۇق جەسەتنىڭ نەرسە – كىرەكلىرىنى يۇغۇشتۇرۇشقا باشلاپ داڭقانىنىڭ ئىچىگە چۈشۈپ جەسەتنىڭ تىنىنى ئاختۇرماقچى بولغاندا كەنجى تاغام ئۇنى تىللاپ : " سولتەك ، بۇ دىگەن ئەجدادلارنىڭ نەزىر – چىراق بويىمىنى قويىدىغان جابدۇقى ، سەن ئۇلارغا نەزىر – چىراق بويىمى بولماقچىمۇ ؟ " دىدى .   
     پەنزې ھىجىيىپ تۇرۇپ : " كەنجى بىگىم مەن ئاكۈي ئەمەس ، بۇ گەپلىرىڭىز مىنى قورقۇتالمايدۇ " دىدى دە ، داڭقان ئىچىدىن بىر قاشتىشى كومزەكنى چىقىرىپ : " قارىسىلا ، ئىسىل ماللار ئاز ئەمەسكەن ، بىز بۇ باشسىز جەسەتنى داڭقاندىن چىقىرىپ قاراپ باقايلى ، يەنە قانداق ئىسىل نەرسىلەر باركىن ؟ " دىدى .     بوتۇلكا تۇيۇقسىز : " بۇ چوقۇم بىشى ئۈزىۋىتىلگەندىن كىيىن نەزىر – چىراق قىلىنغان جەسەت ، مىنىڭچە ئۇنىڭ بىشى ئاسمانغا  ، تىنى يەرگە نەزىر چىراق قىلىنغانمىكىن ، ئادەتتە ئۇرۇش ئەسىرى ياكى قۇللارنى مۇشۇ ئۇسۇلدا نەزىر – چىراققا ئىشلىتىدۇ ، بىراق ئۇلارنىڭ ھىچقانداق زىبۇ – زىننەتلىرى بولمايتى . بۇ باشسىز جەسەت سەل غەلىتىرەك ....." دىدى .     كەنجى تاغام دەرھال : " پەنزې ، بولدى قىل ، تىز چىق !!! " دىدى . بۇ ۋاقىتتا مەن بوتۇلكىنىڭ چىرايىنىڭ تاتىرىپ ئارقىمىزدىكى جەسەت ساندۇقىغا تىكىلىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ كۈتۈلمىگەن بىر ئىشنىڭ يۈز بىرىدىغانلىقىنى ھىس قىلدىم .
   مەن تۇيۇقسىز ‹‹ تاق... تاق ... تاق ... ›› قىلغان غەلىتە ئاۋازنى ئاڭلاپ پۈتۈن بەدىنىم قورۇققىنىمدىن تىترەپ جۇغۇلداپ كەتتى . لىكىن بۇ ئاۋاز تاش جەسەت ساندۇقىدىن ئەمەس بوتۇلكىدىن كىلىۋاتاتتى .  

EzQi0908 يوللانغان ۋاقتى 2014-6-20 21:11:18

چوڭ تىپتىكى سىرلىق ، قورقۇنچلۇق ، تەشۋىشلىك ئەسەر   
                                                    كىپەن ئوغىرسىنىڭ خاتىرسى   
                                          1- خاتىرە 1-بۈلەك 10-باب لەھەت ئىچىدىكى  كۆلەڭگە


    مەن كۆڭلۈمدە بوتۇلكا بىزنى قەستەن قورقۇتىۋاتقان ئوخشايدۇ دەپ ئويلاپ بوتۇلكىغا قارىسام چىرايىدىن   
ھىچبىر بىزنى قەستەن قورقۇتىدىغان ئىپادە كۆرۈنمەيتى . بوتۇلكا توختماستن ‹‹غىچىر–غىچىر ››قىلىپ  
ئاۋاز چىقىىراتتىيۇ  بىراق ئۇنىڭ ئىغىزىنڭ مىدىرلىغىنىنى كۆرگىلى بولمايتتى . ھەممىمىز ئۇنىڭغا قاراپ نىمە   
قىلىشىمىزنى بىلەلمەيلا قالدۇق . مەن كۆڭلۇمدە :" ئۇنچىلىك ئەمەستۇ ؟؟ ئەجەبا بوتۇلكا لەيلۇن دوزاختىن
چىققان مۇردا؟؟ ›› دىگەنلەرنى ئويلىدىم .
    كەنجى تاغام بوتۇلكىنڭ بۇ نورمالسىز ھالىتىگە قاراپ بىر قولىدا پەنزېنى يەنە بىر قولىدا مىنى تارتىپ بوتۇلكىدىن
يىراقلاشتۇردى. تۇيۇقسز بوتۇلكا ئاۋاز چىقىرشتىن توختىىشى بىلەن تەڭلا لەھەت ئىچىنى ئادەمىنڭ تىنى  
ئەيمىندۇرگىدەك بىر خىل جىمجىتلىق قاپلىدى . بۇ قورقۇنۇچلۇق جىمجتلىق قانچىلىك داۋاملاشىتىكىن تاڭ بىلمىدىم ، مەن تاقەتسىزلىنپ بوتۇلكىدىن زادى نىمە ئش بولغىنى سوراي دەپ تۇرسام تۇيۇقىسز ئارقىمىزدىكى جەسەت
ساندۇقىنڭ ياپقۇچ تاختىسى ئوزلۇكىدىن ئىچلىپ جەسەت ساندۇقى جالاقلاپ تىتىرەشكە باشىلىدى .
ئارقىدىنلا جەسەت ساندۇقىدىن غەلىتىلىكتە ئادەمنىڭ تىنىنى جۇغىلدىتىدىغان ئاۋاز ئەتىراپقا تاراشقا باشلىدى . بۇ ئاۋاز بوۋام خاتىرسىدە تىلغا ئالغان پاقىنىڭ كۇرۇرلدىغان ئاۋازىغا ئوخشىشپ كىتىدىغاندەك قىلاتتى  .      ئاكۇي بۇ ئەھۋالدا قورققىنىدن ئۆرە تۇرالماي ئولتۇرۇپلا قالدى ، مەنمۇ قورىققىنىمدىن تاسلا قالدىم يىقلىپ
چۇشكىلى . نىمىلا دىگەن بىلەن كەنجى بىگىمدە ، كەنجى تاغامنىڭ چىرايى ئۆزگىرىپ كەتكەن بولسمۇ بىراق :  
ئۇنچىلىك جىددىيلىشپ كەتكەندەك كۆرۇنمەيتتى .
     بوتۇلكا جەسەت ساندۇقىدىن چىققان ئاۋازنى ئاڭلاپلا  دەرھال تىزلىنپ جەسەت  ساندۇقىغا قاراپ يەرگە ئۇسۇپ تۇرۇپ بىر نەچچىنى تازىم قىلدى . ئارقىدىنلا بىزمۇ ئۇنىڭدىن ئۆگىنپ جەسەت ساندۇقىغا قاراپ تازىم قىلدۇق . بۇ چاغدا بوتۇلكا بىرنىمىلەرنى دەپ پىچرلاۋاتاتتى ، مەنچە ئەپسۇن ئوقىۋاتقان بولسا كىرەك .        كەنجى تاغام بىشىدىكى سوغۇق تەرنى سۈرتۈپ تۇرۇپ پەس ئاۋازدا : " بوتۇلكا بۇ جەسەت ساندۇقىدىكى  نەرسە بىلەن پاراڭلىشىۋاتمىغاندۇ ؟ " دىدى .
   جەسەت  ساندۇقى ئاخىر سىلكىنىشتىن توختىۋىدى بوتۇلكا يەنە بىرنى تازىم قىلىۋىتىپ بىزگە قاراپ : " تاڭ   يورۇشتىن بۇرۇن بۇ يەردىن چوقۇم ئايرىلىشىمىز لازىم " دىدى .  
   كەنجى تاغام چۈشەنمىگەن قىياپەتتە بوتۇلكىدىن سورىدى : " ئاكا ، مەنچە سىز بايام بۇ مۇردا بىگىم بىلەن مەسلىھەتلەشتىڭىزغۇ دەيمەن ؟؟! " دىدى .
   بوتۇلكا تىۋىش چىقارماسلىق ئىشارىسى قىلىپ بىزگە : " ئەمدى بۇ يەردىكى نەرسىلەرگە ھەرگىز چىقىلمايلى ، بۇ جەسەت ساندۇقىنىڭ ئىگىسى ئىنتاھىن يامان نەرسىدەك قىلىدۇ ، ئەگەر ئۇ جەسەت ساندۇقىدىن چىقىپ كەتسە بىزنى ئەۋلىيالارمۇ قۇتقۇزالمايدۇ " دىدى پەس ئاۋازدا .
   پەنزې زادى نىمە ئىش بولغانلىقىنى ئاڭقىرالماي ھىجىيىپ تۇرۇپ :" ئاكاش ، پەقەتلا چۈشىنەلمىدىم ، سىز بايا   
سۆزلىگىنىڭىز قايسى دۆلەتنىڭ تىلى ؟ " دەپ سورىدى .  
   بوتۇلكا پەنزېنىڭ سۇئالىغا ئىرەن قىلماي جەسەت ساندۇقىنىڭ كەنىدىكى يولنى كۆرسۈتۈپ تۇرۇپ : " ئاستا  
ئۆتەيلى ، جەسەت ساندۇقىغا تىگىپ كىتىشكە قەتئى بولمايدۇ " دىدى . راستىمنى ئىيىتسام ينىمىزدا بۇنداق   
كامالەتكە يەتكەن كەسىپ ئەھلىنىڭ  بولىشى يۈرىكىمىزنى خلىلا يوغىنىتىۋەتكەن ئىدى . شۇڭا بىز جانىۋارلارنى  
يىغىشتۇرۇپ كەنجى تاغام ئەڭ ئالدىدا ، بوتۇلكا ئەڭ كەينىدە ھەممىمىز دىگۈدەك كان چىرىغىنى يىقىپ  
ساندۇقنىڭ ئارقىسىدىكى پەسكە قاراپ ئىلىنغان يەر ئاستى يولغا قاراپ يۈرۈپ كەتتۇق
   ئاكۈي جەسەت ساندۇقىنىڭ ينىدىن ئۆتكەندە دۈمبىسىنى قەۋرە تىمىغا يۆلەپ ئاستا – ئاستا يۆتكىلىۋاتاتتى .  
ئۇنىڭچە مۇشۇنداق قىلغاندا جەسەت ساندۇقى بىلەن ئارلىق ساقلاپ ساندۇق ئىچىدىكى مەخلۇقىنى  
چۆچىتىۋەتمەيتى . ئۇنىڭ دۈمبىسىنى تامغا تىرەپ يۆتكەلگەن ھالىتى ئىنتاھىن كۈلكىلىك بولسىمۇ بىراق  
ھىچقايسىمىزنىڭ ئۇنى مازاق قىلىشقا رايىمىز يوق ئىدى  
    قەۋرە يولى پەسكە قاراپ سىپال قىلىپ ياسالغان بولۇپ ئىككى تەرىپىدىكى تاش تامغا نۇرغۇنلىغان ئويما  
يىزىق ھەم تاش ئويمىلار ئويۇلغان ئىدى . مىنىڭ بۇ بىر نەچچە يىلدىكى ئاسارە – ئەتىقە تىجارىتى   
جەرياندىىكى توپلىغان تەجىربەمگە ئاساسەن بەزىسىنىڭ مەنىسىنى قاراپ چۈشىنەلەيتىم . ھەممىمىز ئىنتاھىن   
ئاۋايلاپ دىگۈدەك ئالغا ئىلگىرلەيتۇق . ئالدىمىزغا بىر قەدەم ئىلگىرلەش ئۈچۈن تۆت ئەتراپقا قاراپ قۇرۇلمىنىڭ   
بار يوقلىقىنى جەزىملەشتۈرگەندىن كىيىن قەدەم تاشلايتۇق . كان چىرىغىنىڭ يورۇتۇش دائىرسى ئۇنچىلىك چوڭ   
ئەمەس ئىدى . كان چىرىغى يورۇتالمايدىغان قەۋرە يولىنىڭ ئالدى تەرىپىمۇ ، بايا بىز بىسىپ ئۆتكەن   
ئارقىمىزدىكى تەرەپمۇ قاپقاراڭغۇ ، خۇددى جەسەت ئۆڭكۈرىدىكى ۋاختىمىزدىكىدەك بىرخىل ئەنسىزلىك قەلبىمنى چىرمىۋالغان ئىدى . تەخمىنە بىر سائەتلەردىن كىيىن قەۋرە ئىچىدىكى يول ئۈستى تەرەپكە قاراپ ئۆرلەشكە  
باشلىدى . بۇ ۋاقىتتا مەن قەۋرە يولىنىڭ يىرىملاشقانلىقىنى بايقاش بىلەن تەڭ ئالدىمىزدا بىر ئوغرى كامىرىنىڭ
بارلىقىنى بىلدىم . كەنجى تاغامنىڭ ئەڭ ئەنسىرەيدىغىنى باشقىلارنىڭ ئارقىسىدا قىلىش بولۇپ يۈگرەپ بىرىپلا   
ئوغرى كامىرىنى كۆزۈتۈشكە باشلىدى .
       كەنجى تاغام كولانغان توپىنىڭ تىخى يىڭىلىقىغا قاراپ بۇ ئوغرى كامىرىنىڭ كولانغانلىقىغا ئانچە ئۇزۇن   
بولمىغانلىقىنى ئىيتىشى بىلەن مەن ئۇنىڭدىن سورۇدۇم : " ھىلىقى قىرى ئىككى ھەپتە بۇرۇن بىر توپ ئادەملەرنىڭ   
تاغ جىلغىسىغا كىرگەنلىكىنى ئىيىتقان ، ئۇلار كولىغان بولىشى مۇمكىنمۇ ؟   
   " مەن بىر نەرسە دىيەلمەيمەن ، پەمىمچە بۇ كامار ئىنتاھىن ئالدىراقسانلىق بىلەن كولانغاندەك تۇرىدۇ ،   
قارىغاندا كىرىش ئۈچۈن ئەمەس بەلكى قىچىپ چىقىش ئۈچۈن كولانغان چىغى ، قارىغاندا باشقىلار بىزدىن   
چاققان چىقىپتۇ " دىدى كەنجى تاغام ئوغرى كامىرىنى كۆرسىتىپ تۇرۇپ .   
    " كىرەك يوق كەنجى بىگىم ، ئۇلار ئالتۇن قىزىپ بولغان بولسا كالگەن يولى بىلەن قايتىپ چىقاتتى ، بۇ   
كامارنىڭ كولانغانلىقىغا قارىغاندا لەھەت ئىچىدە بىرەر قورقۇنۇشلۇق ئىش يۈز بىرىپ ئۇلار ئالدىراقسانلىق بىلەن كامار كولاپ قىچىشقا مەجبۇر بولغان ، ئۇنداقتا ئۇلار تىخى ئىچىدىكى نەرسىلەرنى قۇرۇقدىيالمىدى " دىدى پەنزې كەنجى تاغامغا تەسەللى بىرىپ   
    كەنجى تاغام بىشىنى لىڭىشتىپ تۇرۇپ : " ئۇنداقتا بىز يولىمىزنى داۋام قىلىۋىرەيلى ، باشقىلار بىز ئۈچۈن   
كۆمۈلگەن مىنانى تازلىغنان يەردە بىز تۇل خوتۇندەك كوتۇلداپ ۋاقىتنى ئىسراپ قىلمايلى " دىدى .   
    بىز قەدىمىمىزنى تىزلەشتۈرۈپ 15 مىنۇت ئەتراپىدا يول يۈرگەندىن كىيىن كۆز ئالدىمىزدا بايامقى يولغا   
قارىغاندا بىر ھەسسە كەڭلىكتىكى ئايلانما كارىدور پەيدا بولدى . ئايلانما  كارىدورنىڭ تىمىغا ئىنتاھىن نەپىس   
قىلىپ تاش ئويما نەقىشلەر سىزىلغان بولۇپ مىنىڭچە بىز مەركىزى لەھەت رايۇنىغا يىتىپ كەلگەن ئىدۇق .     
ئايلانما كارىدۇرنىڭ تۆۋەن تەرىپىدە ئىنتاھىن يوغان قاشتىشى ئىشىك بولۇپ ئىشىك ئاللىقاچان باشقىلار   
تەرىپىدىن ئىچىلغان ، قاشتىشى ئىشىككە قولىمىزدىكى كان چىرىغىنىڭ نۇرى چۈشىشى بىلەن قاشتىشى ئىشىك ئىنتاھىن سۈزۈك ئاق رەڭلىك نۇر چىقىرىپ يورۇپ كەتتى . ئىشىكنىڭ ئىككى تەرىپىدە بىر جۈپ تاشتىن ئويۇلغان   
ئالۋاستىغا ئوخشاش ھەيكەل قويۇلغان بولۇپ ئوڭ تەرەپتىىكى ئالۋاستى ھەيكەلنىڭ قولىدا ‹‹ ئوتتۇرانجى ئاغا ››   
نىڭ تىرنىسىغا ئوخشاش بىر نەرسە ، سول تەرەپتىكىسىنىڭ قولىدا قاشتىشىدىن ئويۇلغان  مۆھۈردەك بىر نەرسە   
تۇراتتى   
   كەنجى تاغام قاشتىشى ئىشىكنى كۆزۈتۈپ ئىشىكنىڭ كەينىدىكى قۇرۇلمىنىڭ ئاللىقاچان بۇزۇپ تاشلانغانلىقىنى |   
ئىيىتتى . بىز ئارقا – ئارقىدىن ئىشىك يوچىقىدىن لەھەت ئىچىگە كىردۇق . ئىشىكنىڭ كەينىنىڭ كۆلىمى ئىنتاھىن چوڭ ، كانچىرىغىنىڭ توكى ئاز قالغان بولغاچقا بىزدىن ئون نەچە متىر يىراقلىقتىكى قاراڭغۇلۇقنى يورۇتالمايتى .   
بىراق مەنچە بۇ يەر جەزمەن مەركىزى لەھەت رايۇنى ئىدى . پەنزې كان چىرىغىنى يەنە بىر تەرەپكە قارىتىپ   
ۋارقىرىدى : " سىكەي... ، بۇ يەردە جەسەت ساندۇقى ئەجەپ كۆپكەنغۇ !!؟  
    كۈچلۈك چىراق يورىقى بولمىغان شارائىتتا بۇ يەردىكى نەرسىلەرنى كۆرۈش مومكىن بولمىسىمۇ بىراق مەن   
پەنزى كۆرسەتكەن تەرەپكە قاراپ ھەيران قالدىم . ھەقىقەتەن نۇرغۇنلىغان تاش جەسەت ساندۇقى قويۇلغان   
بولۇپ بىر قاراشتىنلا ئادەمگە ئەدەتتىكىدەك ئەمەس بەلكى باشقىچە تەرتىپتە قويۇلغاندەك كۆرۈنەتتى . لەھەتنىڭ  
تورىسى تام رەسىملىرى بىلەن تولدۇرۇلغان ، تۆت ئەتراپى بولسا تاش تاختىدىن قوپۇرۇلغان ، تاش تاختا ئۈستىگە ئەگرى – بۈگرى قەدىمى يىزىقلار ئويۇلغا ئىدى . پەنزې بىلەن ئىككىمىز قارمۇ قارشى يۆلىنىشنى يورۇتۇپ   
لەھەتنىڭ بىر تەرىپىدە كىچىك ئىككى ئىغىز قوشۇمچە لەھەت ئۆينىڭ بارلىقىنى بايقىدۇق . كەنجى تاغام ئىككىمىز   
مەشئەل ياندۇرۇپ بىرىنچى جەسەت ساندۇقىنىڭ يىنىغا باردۇق . مەن بۇ جەسەت ساندۇقىنىڭ بىز باشتا كۆرگەن .  
جەسەت ساندۇقىدىن نەچچە ھەسسە ئىسىل ئىكەنلىكىنى ھىس قىلدىم . مەن سەپسىلىپ قاراپ جەسەت ساندۇقى  
ئۈستىدىكى ئويما يىزىقنىڭ بەزىلىرىنى چۈشىنەلەيدىغانلىقىمنى ھىس قىلدىم   
    جەسەت ساندۇقىنىڭ ئۈستىدىكى ئويما يىزىقتا بۇ ساندۇق ئىگىسىنىڭ ھايات پائاليەتلىرى خاتىرلەنگەن   
ئىدى .   
     ئەسلىدە جەسەت ساندۇقىنىڭ ئىگىسى لۇ بەگلىكىنىڭ بەگلىرىدىن بىرى بولۇپ بۇ ئادەم تۇغۇلغاندا ئوڭ قولىدا  
بىر ئالۋاستى مۆھىرى بىلەن بىللە تۇغۇلغان ئىكەن . ئۇ مۆھرىنى ئىشلىتىپ دوۋزاختىكى ئەرۋاھ ئەسكەرلىرىنى  
چاقىرتىپ كىلەلەيدىكەن . ئۇ ئەرۋاھ ئەسكەرلەرگە تايىنىپ سانسىزلىغان دۈشمەنلەرنى يەڭگەن بولغاچقا لۇ  
بىگى تەرىپىدىن لۇشاڭ(鲁殇) بىگى قىلىپ تەيىنلەنگەن . بىر كۈنى بۇ ئادەم تۇيۇقسىز لۇ بىگىنى ئىزدەپ ئۆزىنىڭ ئۇزاقتىن بۇيان دوۋزاخ ئەرۋاھلىنى ئىشلىتىپ كەلگەنلىكىنى ، ھازىر دوۋزاختىكى بەزى ئەرۋاھلار چاتاق   
چىقىرىۋاتقان بولغاچقا دوزاخقا قايتىپ دوۋزاخ ئەۋلىياسىغا ياردەملىشىپ چاتاق تىرىغان ئەرۋاھلارنى بىر تەرەپ  
قىلىدىغانلىقىنى ئىيتىپ ، لۇڭ بىگىدىن روخسەت قىلىشىنى تەلەپ قىلغان ئىكەن . ( بۇ مىنىڭ ئويما يىزىققا قاراپ  چۈشىنەلىگەنلىرىم ) لۇ بىگى ماقۇل بولىشىغا بۇ ئادەم بىرنى تازىم قىلىپلا ئالەمدىن ئۆتۈپتۇ .   
   لۇ بىگى ئۇنىڭ روھىنى قايتىپ كىلىدۇ دەپ ئويلاپ بۇ جايدا يەر ئاستى ئوردا ياسىتىپ ئۇنىڭ جەسىتىنى قويۇپ
ئۇنىڭ قايتىپ كىلىپ ئۆزى ئۈچۈن خىزمەت قىلىشىنى كەتكەن ....دىگەندەك بىر مۇنچە قۇرۇق گەپلەر بار ئىدى . ھەتتا ئۇ ئادەمنىڭ جەڭگە چىقىپ ئالۋاستى مۆھرىنى بىرلا چىقارسايەر ئاستىدىن تۈمەنلىگەن ئەرۋاھنىڭ يەر !  
ئۈستىگە چىقىپ ئۇنىڭ دۈشمىنىگە يوپۇرىلىدىغانلىقىدىن تارتىپ تەپسىلى خاتىرلەنگەن ئىدى .   
     پەنزې مىنىڭ چۈشەندۈرىشىمنى ئاڭلاپ خۇرسىنىپ تۇرۇپ : " نىمە دىگەن يامان ، ھەرنىمە بولسا بۇرۇن  
ئۆلۈپتىكەن ، ئۇ ئۆلمىگەن بولسا جۇڭگۇنى چىن شىخۇاڭ ئەمەس لۇ بىگى بىرلىككە كەلتۈرگەن بولاتتىكەن . .. !!! " دىدى   
   مەن قاقاقلاپ كۈلىۋىتىپ : " ئۇنداق دىگىلى بولمايدۇ ، قەدىمكىلەر پو ئىتىشقا ئىنتاھىن ئۇستا ، بۇ لڭشاڭ بىگى دىگىنى دوۋزاختىن ئەرۋاھ لەشكەرلەرنى چاقىرسا يەنە بىر بەگلىكتىكى بىرسى ئەرىش لەشكەرلىرىنى چاقىرىشنى   
بىلەمدۇ تىخى !!؟ مىنىڭ ئىسىمدە قىلىشىچە قايسى بىر بەگلىكتە ئۇچالايدىغان سانغۇن ئۆتكەنمىش ، پەنزې بىكار بولساڭ ‹‹ قىزىل چىراق رايۇنى ›، غا چاپماي تارىخى چۆچەكلەرنى كۆرۈپ قوي . ... " دىدىم . .
   " قانداقلا بولمىسۇن كىمىنىڭ قەۋىرسىنى ئوغۇرلايدىغانلىقىمىز ئىنىق بولدى . بىراق بۇ يەردە بۇنچە كۆپ جەسەت ساندۇقى ... قايسى ھىلىقى ... ئاناڭنى ، دوۋزاخ كۈچىكىنىڭكىدۇ ؟ " دەپ سورىدى پەنزې .   
    مەن باشقا جەسەت ساندۇقى ئۈستىدىكى ئويما يىزىقنىڭ مەنىسىنىڭ بەك پەرىقلەنمەيدىغانلىقىنى بايقاپ   
ساناپ باقساپ جەمئى يەتتە تاش جەسەت ساندۇقى ، يەتتە قاراقچى يۇلتۇز تۈركىمى بىلەن ئوخشاش بولۇپ  
قايسىنىڭ لۇشاڭ بىگىنىڭ ئىكەنلىكىنى بىلگىلى بولمايتى . مەن كۆرۈپ چۈشىنەلمىگەن ئويما يىزىقنى تەھلىل  
قىلىۋاتقان ۋاقىتتا بىر تەرەپ قاراپ تۇرغان ئاكۈي : " قاراڭلار بۇ جەسەت ساندۇقى باشقىلار تەرىپىدىن ئىچىلغان  
ئىكەن " دىدى .   
    مەن يۈگرۈپ بىرىپ قارىسام ھەقىقەتەن بۇ جەسەت سندۇقىنىڭ ئۈستۈنكى جەسەت ساندۇقىنىڭ ئۈستۈنكى تاش تاختىسى بىلەن جەسەت ساندۇقى تازا ياخشى جىپسىلاشتۇرۇلمىغان بولۇپ ئارلىقىدا ئىككى سانتىمىتىر ئەتراپىدا
يوچۇق بار ئىدى . ئۇنىڭ ئۈستىگە ساندۇق ئۈستىدە لوم تۆمۈر بىلەن قومۇرۇپ ئىچىلغانلىقىنىڭ ئىزناسى تۇراتتى . كەنجى تاغام سومكىسىدىن بىر لوم تۆمۈرنى چىقىرىپ يوچۇققا كىرگۈزۇپ ساندۇق تاختىسىنى ئاستا – ئاستا بىر   
ياققا ئىتترىپ توكى تۈگەي دەپ قالغان كان چىرىغىنى بىلەن جەسەت ساندۇقى ئىچىنى يورىتىشىغا پەنزې غەلىتە ئاۋازدا : " سىكەي ، ئىچىدە بىر چەتئەللىك ياتىدىغۇ ؟؟!! " دەپ ۋارقىرىدى .   
    ھەممىمىز ھەيرانلىق نەزىرىدە تاش جەسەت ساندۇقى ئىچىدە بىر ئورۇسنىڭ ياتقانلىقىنى ، تىخى ئۆلگىلى بىر – ئىككى ھەپتە بولغانلىقىنى بىلدۇق . پەنزې قولىنى ساندۇق ئىچىگە تىقىپ جانىۋار ئىزدىمەكچى بولغان ئىدى بوتۇلكا دەرھاللا ئۇنىڭ مۆرىسىنى كاپلا قىلىپ قاماللىدى . قارىغاندا بوتۇلكا خىلىلا كۈچىگەن بولسا كىرەك ، ئازاتلىق
ئارمىيە ئالاھىدە قىسمىنىڭ سابىق جەڭچىسى پەنزې ئاغرىقتىن چىقىرىۋەتتى . بوتۇلكا پەنزېگە قاراپ : " تەگمە !!! جەسەت ساندۇقىنىڭ ئىگىسى بۇ چەتئەللىكىنىڭ ئاستىدا " دىدى   
   بىز سەپسىلىپ قاراپ چەتئەللىكنىڭ جەسىتى ئاستىدا يەنە بىر جەسەتنىڭ بارلىقىنى كۆردۇق. بىراق قانداق  
قىياپەتتە ئىكەنلىكىنى پەرىق قىلغىلى بولمايتى . كەنجى تاغام قارا ئىشەكنىڭ تۇيىقىنى چىقىپ ئىيىتتى :   
ئاناڭنى .... چوقۇم ياخشى نەرسە ئەمەس ، ئاۋال قول سالغان نوچى " .     بۇ چاغدا ئاكۈي چاپىنىمنىڭ ئارقىسىدىن تارتىپ مىنى بىر ياققا باشلاپ ئاپاردى . ئاكۈي ئادەتتە قورقۇنچاق بولۇپ بۇنداق ئەھۋالدا ئىغىزىغا نىمە كەلسە شۇنى دەيتى . بۈگۈن نىمە بولغاندۇ ؟ مەن ئۇنىڭ نىمە بولغانلىقىنى سورىسام ئۇ لەھەت تىمىدىكى بىزنىڭ ئاجىز كان چىرىقىنىڭ يورىقىدا ھاسىل بولغان كۆلەڭگىمىزنى كۆرسىتىپ تۇرۇپ پەس ئاۋازدا : " قاراڭە ، بۇ سىزنىڭ كۆلەڭگىڭىز ؟ شۇنداقمۇ ؟ " دەپ سورىدى .   
   مەن كۈلكەمنى زورىغا بىسىپ : " نىمە بولدى ؟؟ ... ھازىر كۆلەڭگىدىنمۇ قورقىدىغان بولۇپ قالدىڭىز ؟ " دەپ   جاۋاپ بەردىم .
   ئۇنىڭ چىرايى تامدەك تاتىرىپ كەتكەن بولۇپ بىر نەرسە دىمەكچى بولۇپ ئىغىزىنى مىدىرلىتاتتىيۇ بىراق بىر  
نەرسە دىيەلمەيتى . كۆڭلۈمدە : " ئۇنچىلىك ئەمەستۇ ؟ كۆلەڭگىدىنمۇ شۇنچىلىك قورۇققان بارمۇ ؟ " دەپ ئويلاپ ئىغىزىمنى ئىچىشىمغا ئۇ قول پۇلاڭلىتىپ ماڭا گەپ قىلماسلىق ئىشارىسى قىلدى دە تامدىكى كۆلەڭگىلەرنى كۆرسىتىپ تۇرۇپ : " بۇ مىنىڭ سايەم ، بۇ پەنزېنىڭ ، ئاۋۇ كەنجى بىگىمىڭ ، بۇ ئاكاشنىڭ ، كۆردىڭىزمۇ ؟ سىزنىڭكىنى قوشقاندا جەمئى بەش كۆلەڭگە ؟!! " دەپ سورىدى .     مەن باش لىڭىشتىپ ئۇنىڭ دىگىنىنىڭ توغرىلىقىنى مۈئەييەنلەشتۈردۈمدە شۇ ۋاقىتتا  تۇيۇقسىز بىر نەرسىنى بايقىغانلىقىمنى ھىس قىلدىم ئاكۈي ئىغىزىدىكى تۈكۈركىنى يۈتىۋىتىپ بىزنىڭ سايىمىزدىن سەل نىراقتا تۇغان  يالغۇز سايىنى كۆرسىتىپ قورۇققىنىدىن يىغلىغۇدەك بولۇپ ئىيىتتى
: " ئۇنداقتا ئاۋۇ كۆلەڭگە كىمنىڭ ؟؟ ؟
بەت: [1] 2 3 4 5 6 7 8 9 10
: كېپەن ئوغرىلاش خاتىرىسى