Kulke يوللانغان ۋاقتى 2014-6-20 22:47:54

قېنى كەينى. ماۋۋۇنىڭ كەينى تولۇق پۈتسە بىر ئەپ قىپ قويغۇدەككەن جۇمۇ. توختى پوكاننىڭ ئەپچىسىدەك قىپ:lol

Rachel يوللانغان ۋاقتى 2014-6-20 23:01:56

南派三叔نىڭ‹盗墓笔记› ناملىق ھېكايىسى ،‹鬼吹灯›بىلەن ئوخشاش بىر تۈردىكى ھېكايە.

barhan88 يوللانغان ۋاقتى 2014-6-21 08:14:55

                                         1- خاتىرە 1-بۈلەك 10-باب لەھەت ئىچىدىكى  كۆلەڭگە


   مەن كۆڭلۈمدە بوتۇلكا بىزنى قەستەن قورقۇتىۋاتقان ئوخشايدۇ دەپ ئويلاپ بوتۇلكىغا قارىسام چىرايىدىن  
ھىچبىر بىزنى قەستەن قورقۇتىدىغان ئىپادە كۆرۈنمەيتى . بوتۇلكا توختماستن ‹‹غىچىر–غىچىر ››قىلىپ  
ئاۋاز چىقىىراتتىيۇ  بىراق ئۇنىڭ ئىغىزىنڭ مىدىرلىغىنىنى كۆرگىلى بولمايتتى . ھەممىمىز ئۇنىڭغا قاراپ نىمە  
قىلىشىمىزنى بىلەلمەيلا قالدۇق . مەن كۆڭلۇمدە :" ئۇنچىلىك ئەمەستۇ ؟؟ ئەجەبا بوتۇلكا لەيلۇن دوزاختىن
چىققان مۇردا؟؟ ›› دىگەنلەرنى ئويلىدىم .
   كەنجى تاغام بوتۇلكىنڭ بۇ نورمالسىز ھالىتىگە قاراپ بىر قولىدا پەنزېنى يەنە بىر قولىدا مىنى تارتىپ بوتۇلكىدىن
يىراقلاشتۇردى. تۇيۇقسز بوتۇلكا ئاۋاز چىقىرشتىن توختىىشى بىلەن تەڭلا لەھەت ئىچىنى ئادەمىنڭ تىنى  
ئەيمىندۇرگىدەك بىر خىل جىمجىتلىق قاپلىدى . بۇ قورقۇنۇچلۇق جىمجتلىق قانچىلىك داۋاملاشىتىكىن تاڭ بىلمىدىم ، مەن تاقەتسىزلىنپ بوتۇلكىدىن زادى نىمە ئش بولغىنى سوراي دەپ تۇرسام تۇيۇقىسز ئارقىمىزدىكى جەسەت
ساندۇقىنڭ ياپقۇچ تاختىسى ئوزلۇكىدىن ئىچلىپ جەسەت ساندۇقى جالاقلاپ تىتىرەشكە باشىلىدى .
ئارقىدىنلا جەسەت ساندۇقىدىن غەلىتىلىكتە ئادەمنىڭ تىنىنى جۇغىلدىتىدىغان ئاۋاز ئەتىراپقا تاراشقا باشلىدى . بۇ ئاۋاز بوۋام خاتىرسىدە تىلغا ئالغان پاقىنىڭ كۇرۇرلدىغان ئاۋازىغا ئوخشىشپ كىتىدىغاندەك قىلاتتى  .      ئاكۇي بۇ ئەھۋالدا قورققىنىدن ئۆرە تۇرالماي ئولتۇرۇپلا قالدى ، مەنمۇ قورىققىنىمدىن تاسلا قالدىم يىقلىپ
چۇشكىلى . نىمىلا دىگەن بىلەن كەنجى بىگىمدە ، كەنجى تاغامنىڭ چىرايى ئۆزگىرىپ كەتكەن بولسمۇ بىراق :  
ئۇنچىلىك جىددىيلىشپ كەتكەندەك كۆرۇنمەيتتى .
    بوتۇلكا جەسەت ساندۇقىدىن چىققان ئاۋازنى ئاڭلاپلا  دەرھال تىزلىنپ جەسەت  ساندۇقىغا قاراپ يەرگە ئۇسۇپ تۇرۇپ بىر نەچچىنى تازىم قىلدى . ئارقىدىنلا بىزمۇ ئۇنىڭدىن ئۆگىنپ جەسەت ساندۇقىغا قاراپ تازىم قىلدۇق . بۇ چاغدا بوتۇلكا بىرنىمىلەرنى دەپ پىچرلاۋاتاتتى ، مەنچە ئەپسۇن ئوقىۋاتقان بولسا كىرەك .        كەنجى تاغام بىشىدىكى سوغۇق تەرنى سۈرتۈپ تۇرۇپ پەس ئاۋازدا : " بوتۇلكا بۇ جەسەت ساندۇقىدىكى  نەرسە بىلەن پاراڭلىشىۋاتمىغاندۇ ؟ " دىدى .
  جەسەت  ساندۇقى ئاخىر سىلكىنىشتىن توختىۋىدى بوتۇلكا يەنە بىرنى تازىم قىلىۋىتىپ بىزگە قاراپ : " تاڭ   يورۇشتىن بۇرۇن بۇ يەردىن چوقۇم ئايرىلىشىمىز لازىم " دىدى .  
  كەنجى تاغام چۈشەنمىگەن قىياپەتتە بوتۇلكىدىن سورىدى : " ئاكا ، مەنچە سىز بايام بۇ مۇردا بىگىم بىلەن مەسلىھەتلەشتىڭىزغۇ دەيمەن ؟؟! " دىدى .
  بوتۇلكا تىۋىش چىقارماسلىق ئىشارىسى قىلىپ بىزگە : " ئەمدى بۇ يەردىكى نەرسىلەرگە ھەرگىز چىقىلمايلى ، بۇ جەسەت ساندۇقىنىڭ ئىگىسى ئىنتاھىن يامان نەرسىدەك قىلىدۇ ، ئەگەر ئۇ جەسەت ساندۇقىدىن چىقىپ كەتسە بىزنى ئەۋلىيالارمۇ قۇتقۇزالمايدۇ " دىدى پەس ئاۋازدا .
  پەنزې زادى نىمە ئىش بولغانلىقىنى ئاڭقىرالماي ھىجىيىپ تۇرۇپ :" ئاكاش ، پەقەتلا چۈشىنەلمىدىم ، سىز بايا  
سۆزلىگىنىڭىز قايسى دۆلەتنىڭ تىلى ؟ " دەپ سورىدى .  
  بوتۇلكا پەنزېنىڭ سۇئالىغا ئىرەن قىلماي جەسەت ساندۇقىنىڭ كەنىدىكى يولنى كۆرسۈتۈپ تۇرۇپ : " ئاستا  
ئۆتەيلى ، جەسەت ساندۇقىغا تىگىپ كىتىشكە قەتئى بولمايدۇ " دىدى . راستىمنى ئىيىتسام ينىمىزدا بۇنداق  
كامالەتكە يەتكەن كەسىپ ئەھلىنىڭ  بولىشى يۈرىكىمىزنى خلىلا يوغىنىتىۋەتكەن ئىدى . شۇڭا بىز جانىۋارلارنى  
يىغىشتۇرۇپ كەنجى تاغام ئەڭ ئالدىدا ، بوتۇلكا ئەڭ كەينىدە ھەممىمىز دىگۈدەك كان چىرىغىنى يىقىپ  
ساندۇقنىڭ ئارقىسىدىكى پەسكە قاراپ ئىلىنغان يەر ئاستى يولغا قاراپ يۈرۈپ كەتتۇق
  ئاكۈي جەسەت ساندۇقىنىڭ ينىدىن ئۆتكەندە دۈمبىسىنى قەۋرە تىمىغا يۆلەپ ئاستا – ئاستا يۆتكىلىۋاتاتتى .  
ئۇنىڭچە مۇشۇنداق قىلغاندا جەسەت ساندۇقى بىلەن ئارلىق ساقلاپ ساندۇق ئىچىدىكى مەخلۇقىنى  
چۆچىتىۋەتمەيتى . ئۇنىڭ دۈمبىسىنى تامغا تىرەپ يۆتكەلگەن ھالىتى ئىنتاھىن كۈلكىلىك بولسىمۇ بىراق  
ھىچقايسىمىزنىڭ ئۇنى مازاق قىلىشقا رايىمىز يوق ئىدى  
   قەۋرە يولى پەسكە قاراپ سىپال قىلىپ ياسالغان بولۇپ ئىككى تەرىپىدىكى تاش تامغا نۇرغۇنلىغان ئويما  
يىزىق ھەم تاش ئويمىلار ئويۇلغان ئىدى . مىنىڭ بۇ بىر نەچچە يىلدىكى ئاسارە – ئەتىقە تىجارىتى  
جەرياندىىكى توپلىغان تەجىربەمگە ئاساسەن بەزىسىنىڭ مەنىسىنى قاراپ چۈشىنەلەيتىم . ھەممىمىز ئىنتاھىن  
ئاۋايلاپ دىگۈدەك ئالغا ئىلگىرلەيتۇق . ئالدىمىزغا بىر قەدەم ئىلگىرلەش ئۈچۈن تۆت ئەتراپقا قاراپ قۇرۇلمىنىڭ  
بار يوقلىقىنى جەزىملەشتۈرگەندىن كىيىن قەدەم تاشلايتۇق . كان چىرىغىنىڭ يورۇتۇش دائىرسى ئۇنچىلىك چوڭ  
ئەمەس ئىدى . كان چىرىغى يورۇتالمايدىغان قەۋرە يولىنىڭ ئالدى تەرىپىمۇ ، بايا بىز بىسىپ ئۆتكەن  
ئارقىمىزدىكى تەرەپمۇ قاپقاراڭغۇ ، خۇددى جەسەت ئۆڭكۈرىدىكى ۋاختىمىزدىكىدەك بىرخىل ئەنسىزلىك قەلبىمنى چىرمىۋالغان ئىدى . تەخمىنە بىر سائەتلەردىن كىيىن قەۋرە ئىچىدىكى يول ئۈستى تەرەپكە قاراپ ئۆرلەشكە  
باشلىدى . بۇ ۋاقىتتا مەن قەۋرە يولىنىڭ يىرىملاشقانلىقىنى بايقاش بىلەن تەڭ ئالدىمىزدا بىر ئوغرى كامىرىنىڭ
بارلىقىنى بىلدىم . كەنجى تاغامنىڭ ئەڭ ئەنسىرەيدىغىنى باشقىلارنىڭ ئارقىسىدا قىلىش بولۇپ يۈگرەپ بىرىپلا  
ئوغرى كامىرىنى كۆزۈتۈشكە باشلىدى .
      كەنجى تاغام كولانغان توپىنىڭ تىخى يىڭىلىقىغا قاراپ بۇ ئوغرى كامىرىنىڭ كولانغانلىقىغا ئانچە ئۇزۇن  
بولمىغانلىقىنى ئىيتىشى بىلەن مەن ئۇنىڭدىن سورۇدۇم : " ھىلىقى قىرى ئىككى ھەپتە بۇرۇن بىر توپ ئادەملەرنىڭ  
تاغ جىلغىسىغا كىرگەنلىكىنى ئىيىتقان ، ئۇلار كولىغان بولىشى مۇمكىنمۇ ؟ 
  " مەن بىر نەرسە دىيەلمەيمەن ، پەمىمچە بۇ كامار ئىنتاھىن ئالدىراقسانلىق بىلەن كولانغاندەك تۇرىدۇ ،  
قارىغاندا كىرىش ئۈچۈن ئەمەس بەلكى قىچىپ چىقىش ئۈچۈن كولانغان چىغى ، قارىغاندا باشقىلار بىزدىن  
چاققان چىقىپتۇ " دىدى كەنجى تاغام ئوغرى كامىرىنى كۆرسىتىپ تۇرۇپ .  
   " كىرەك يوق كەنجى بىگىم ، ئۇلار ئالتۇن قىزىپ بولغان بولسا كالگەن يولى بىلەن قايتىپ چىقاتتى ، بۇ  
كامارنىڭ كولانغانلىقىغا قارىغاندا لەھەت ئىچىدە بىرەر قورقۇنۇشلۇق ئىش يۈز بىرىپ ئۇلار ئالدىراقسانلىق بىلەن كامار كولاپ قىچىشقا مەجبۇر بولغان ، ئۇنداقتا ئۇلار تىخى ئىچىدىكى نەرسىلەرنى قۇرۇقدىيالمىدى " دىدى پەنزې كەنجى تاغامغا تەسەللى بىرىپ  
   كەنجى تاغام بىشىنى لىڭىشتىپ تۇرۇپ : " ئۇنداقتا بىز يولىمىزنى داۋام قىلىۋىرەيلى ، باشقىلار بىز ئۈچۈن  
كۆمۈلگەن مىنانى تازلىغنان يەردە بىز تۇل خوتۇندەك كوتۇلداپ ۋاقىتنى ئىسراپ قىلمايلى " دىدى .  
   بىز قەدىمىمىزنى تىزلەشتۈرۈپ 15 مىنۇت ئەتراپىدا يول يۈرگەندىن كىيىن كۆز ئالدىمىزدا بايامقى يولغا  
قارىغاندا بىر ھەسسە كەڭلىكتىكى ئايلانما كارىدور پەيدا بولدى . ئايلانما  كارىدورنىڭ تىمىغا ئىنتاھىن نەپىس  
قىلىپ تاش ئويما نەقىشلەر سىزىلغان بولۇپ مىنىڭچە بىز مەركىزى لەھەت رايۇنىغا يىتىپ كەلگەن ئىدۇق .    
ئايلانما كارىدۇرنىڭ تۆۋەن تەرىپىدە ئىنتاھىن يوغان قاشتىشى ئىشىك بولۇپ ئىشىك ئاللىقاچان باشقىلار  
تەرىپىدىن ئىچىلغان ، قاشتىشى ئىشىككە قولىمىزدىكى كان چىرىغىنىڭ نۇرى چۈشىشى بىلەن قاشتىشى ئىشىك ئىنتاھىن سۈزۈك ئاق رەڭلىك نۇر چىقىرىپ يورۇپ كەتتى . ئىشىكنىڭ ئىككى تەرىپىدە بىر جۈپ تاشتىن ئويۇلغان  
ئالۋاستىغا ئوخشاش ھەيكەل قويۇلغان بولۇپ ئوڭ تەرەپتىىكى ئالۋاستى ھەيكەلنىڭ قولىدا ‹‹ ئوتتۇرانجى ئاغا ››  
نىڭ تىرنىسىغا ئوخشاش بىر نەرسە ، سول تەرەپتىكىسىنىڭ قولىدا قاشتىشىدىن ئويۇلغان  مۆھۈردەك بىر نەرسە  
تۇراتتى  
  كەنجى تاغام قاشتىشى ئىشىكنى كۆزۈتۈپ ئىشىكنىڭ كەينىدىكى قۇرۇلمىنىڭ ئاللىقاچان بۇزۇپ تاشلانغانلىقىنى |  
ئىيىتتى . بىز ئارقا – ئارقىدىن ئىشىك يوچىقىدىن لەھەت ئىچىگە كىردۇق . ئىشىكنىڭ كەينىنىڭ كۆلىمى ئىنتاھىن چوڭ ، كانچىرىغىنىڭ توكى ئاز قالغان بولغاچقا بىزدىن ئون نەچە متىر يىراقلىقتىكى قاراڭغۇلۇقنى يورۇتالمايتى .  
بىراق مەنچە بۇ يەر جەزمەن مەركىزى لەھەت رايۇنى ئىدى . پەنزې كان چىرىغىنى يەنە بىر تەرەپكە قارىتىپ  
ۋارقىرىدى : " سىكەي... ، بۇ يەردە جەسەت ساندۇقى ئەجەپ كۆپكەنغۇ !!؟  
   كۈچلۈك چىراق يورىقى بولمىغان شارائىتتا بۇ يەردىكى نەرسىلەرنى كۆرۈش مومكىن بولمىسىمۇ بىراق مەن  
پەنزى كۆرسەتكەن تەرەپكە قاراپ ھەيران قالدىم . ھەقىقەتەن نۇرغۇنلىغان تاش جەسەت ساندۇقى قويۇلغان  
بولۇپ بىر قاراشتىنلا ئادەمگە ئەدەتتىكىدەك ئەمەس بەلكى باشقىچە تەرتىپتە قويۇلغاندەك كۆرۈنەتتى . لەھەتنىڭ  
تورىسى تام رەسىملىرى بىلەن تولدۇرۇلغان ، تۆت ئەتراپى بولسا تاش تاختىدىن قوپۇرۇلغان ، تاش تاختا ئۈستىگە ئەگرى – بۈگرى قەدىمى يىزىقلار ئويۇلغا ئىدى . پەنزې بىلەن ئىككىمىز قارمۇ قارشى يۆلىنىشنى يورۇتۇپ  
لەھەتنىڭ بىر تەرىپىدە كىچىك ئىككى ئىغىز قوشۇمچە لەھەت ئۆينىڭ بارلىقىنى بايقىدۇق . كەنجى تاغام ئىككىمىز  
مەشئەل ياندۇرۇپ بىرىنچى جەسەت ساندۇقىنىڭ يىنىغا باردۇق . مەن بۇ جەسەت ساندۇقىنىڭ بىز باشتا كۆرگەن .  
جەسەت ساندۇقىدىن نەچچە ھەسسە ئىسىل ئىكەنلىكىنى ھىس قىلدىم . مەن سەپسىلىپ قاراپ جەسەت ساندۇقى  
ئۈستىدىكى ئويما يىزىقنىڭ بەزىلىرىنى چۈشىنەلەيدىغانلىقىمنى ھىس قىلدىم  
   جەسەت ساندۇقىنىڭ ئۈستىدىكى ئويما يىزىقتا بۇ ساندۇق ئىگىسىنىڭ ھايات پائاليەتلىرى خاتىرلەنگەن  
ئىدى .  
    ئەسلىدە جەسەت ساندۇقىنىڭ ئىگىسى لۇ بەگلىكىنىڭ بەگلىرىدىن بىرى بولۇپ بۇ ئادەم تۇغۇلغاندا ئوڭ قولىدا  
بىر ئالۋاستى مۆھىرى بىلەن بىللە تۇغۇلغان ئىكەن . ئۇ مۆھرىنى ئىشلىتىپ دوۋزاختىكى ئەرۋاھ ئەسكەرلىرىنى  
چاقىرتىپ كىلەلەيدىكەن . ئۇ ئەرۋاھ ئەسكەرلەرگە تايىنىپ سانسىزلىغان دۈشمەنلەرنى يەڭگەن بولغاچقا لۇ  
بىگى تەرىپىدىن لۇشاڭ(鲁殇) بىگى قىلىپ تەيىنلەنگەن . بىر كۈنى بۇ ئادەم تۇيۇقسىز لۇ بىگىنى ئىزدەپ ئۆزىنىڭ ئۇزاقتىن بۇيان دوۋزاخ ئەرۋاھلىنى ئىشلىتىپ كەلگەنلىكىنى ، ھازىر دوۋزاختىكى بەزى ئەرۋاھلار چاتاق  
چىقىرىۋاتقان بولغاچقا دوزاخقا قايتىپ دوۋزاخ ئەۋلىياسىغا ياردەملىشىپ چاتاق تىرىغان ئەرۋاھلارنى بىر تەرەپ  
قىلىدىغانلىقىنى ئىيتىپ ، لۇڭ بىگىدىن روخسەت قىلىشىنى تەلەپ قىلغان ئىكەن . ( بۇ مىنىڭ ئويما يىزىققا قاراپ  چۈشىنەلىگەنلىرىم ) لۇ بىگى ماقۇل بولىشىغا بۇ ئادەم بىرنى تازىم قىلىپلا ئالەمدىن ئۆتۈپتۇ .  
  لۇ بىگى ئۇنىڭ روھىنى قايتىپ كىلىدۇ دەپ ئويلاپ بۇ جايدا يەر ئاستى ئوردا ياسىتىپ ئۇنىڭ جەسىتىنى قويۇپ
ئۇنىڭ قايتىپ كىلىپ ئۆزى ئۈچۈن خىزمەت قىلىشىنى كەتكەن ....دىگەندەك بىر مۇنچە قۇرۇق گەپلەر بار ئىدى . ھەتتا ئۇ ئادەمنىڭ جەڭگە چىقىپ ئالۋاستى مۆھرىنى بىرلا چىقارسايەر ئاستىدىن تۈمەنلىگەن ئەرۋاھنىڭ يەر !  
ئۈستىگە چىقىپ ئۇنىڭ دۈشمىنىگە يوپۇرىلىدىغانلىقىدىن تارتىپ تەپسىلى خاتىرلەنگەن ئىدى .  
    پەنزې مىنىڭ چۈشەندۈرىشىمنى ئاڭلاپ خۇرسىنىپ تۇرۇپ : " نىمە دىگەن يامان ، ھەرنىمە بولسا بۇرۇن  
ئۆلۈپتىكەن ، ئۇ ئۆلمىگەن بولسا جۇڭگۇنى چىن شىخۇاڭ ئەمەس لۇ بىگى بىرلىككە كەلتۈرگەن بولاتتىكەن . .. !!! " دىدى  
  مەن قاقاقلاپ كۈلىۋىتىپ : " ئۇنداق دىگىلى بولمايدۇ ، قەدىمكىلەر پو ئىتىشقا ئىنتاھىن ئۇستا ، بۇ لڭشاڭ بىگى دىگىنى دوۋزاختىن ئەرۋاھ لەشكەرلەرنى چاقىرسا يەنە بىر بەگلىكتىكى بىرسى ئەرىش لەشكەرلىرىنى چاقىرىشنى  
بىلەمدۇ تىخى !!؟ مىنىڭ ئىسىمدە قىلىشىچە قايسى بىر بەگلىكتە ئۇچالايدىغان سانغۇن ئۆتكەنمىش ، پەنزې بىكار بولساڭ ‹‹ قىزىل چىراق رايۇنى ›، غا چاپماي تارىخى چۆچەكلەرنى كۆرۈپ قوي . ... " دىدىم . .
  " قانداقلا بولمىسۇن كىمىنىڭ قەۋىرسىنى ئوغۇرلايدىغانلىقىمىز ئىنىق بولدى . بىراق بۇ يەردە بۇنچە كۆپ جەسەت ساندۇقى ... قايسى ھىلىقى ... ئاناڭنى ، دوۋزاخ كۈچىكىنىڭكىدۇ ؟ " دەپ سورىدى پەنزې .  
   مەن باشقا جەسەت ساندۇقى ئۈستىدىكى ئويما يىزىقنىڭ مەنىسىنىڭ بەك پەرىقلەنمەيدىغانلىقىنى بايقاپ  
ساناپ باقساپ جەمئى يەتتە تاش جەسەت ساندۇقى ، يەتتە قاراقچى يۇلتۇز تۈركىمى بىلەن ئوخشاش بولۇپ  
قايسىنىڭ لۇشاڭ بىگىنىڭ ئىكەنلىكىنى بىلگىلى بولمايتى . مەن كۆرۈپ چۈشىنەلمىگەن ئويما يىزىقنى تەھلىل  
قىلىۋاتقان ۋاقىتتا بىر تەرەپ قاراپ تۇرغان ئاكۈي : " قاراڭلار بۇ جەسەت ساندۇقى باشقىلار تەرىپىدىن ئىچىلغان  
ئىكەن " دىدى .  
   مەن يۈگرۈپ بىرىپ قارىسام ھەقىقەتەن بۇ جەسەت سندۇقىنىڭ ئۈستۈنكى جەسەت ساندۇقىنىڭ ئۈستۈنكى تاش تاختىسى بىلەن جەسەت ساندۇقى تازا ياخشى جىپسىلاشتۇرۇلمىغان بولۇپ ئارلىقىدا ئىككى سانتىمىتىر ئەتراپىدا
يوچۇق بار ئىدى . ئۇنىڭ ئۈستىگە ساندۇق ئۈستىدە لوم تۆمۈر بىلەن قومۇرۇپ ئىچىلغانلىقىنىڭ ئىزناسى تۇراتتى . كەنجى تاغام سومكىسىدىن بىر لوم تۆمۈرنى چىقىرىپ يوچۇققا كىرگۈزۇپ ساندۇق تاختىسىنى ئاستا – ئاستا بىر  
ياققا ئىتترىپ توكى تۈگەي دەپ قالغان كان چىرىغىنى بىلەن جەسەت ساندۇقى ئىچىنى يورىتىشىغا پەنزې غەلىتە ئاۋازدا : " سىكەي ، ئىچىدە بىر چەتئەللىك ياتىدىغۇ ؟؟!! " دەپ ۋارقىرىدى .  
   ھەممىمىز ھەيرانلىق نەزىرىدە تاش جەسەت ساندۇقى ئىچىدە بىر ئورۇسنىڭ ياتقانلىقىنى ، تىخى ئۆلگىلى بىر – ئىككى ھەپتە بولغانلىقىنى بىلدۇق . پەنزې قولىنى ساندۇق ئىچىگە تىقىپ جانىۋار ئىزدىمەكچى بولغان ئىدى بوتۇلكا دەرھاللا ئۇنىڭ مۆرىسىنى كاپلا قىلىپ قاماللىدى . قارىغاندا بوتۇلكا خىلىلا كۈچىگەن بولسا كىرەك ، ئازاتلىق
ئارمىيە ئالاھىدە قىسمىنىڭ سابىق جەڭچىسى پەنزې ئاغرىقتىن چىقىرىۋەتتى . بوتۇلكا پەنزېگە قاراپ : " تەگمە !!! جەسەت ساندۇقىنىڭ ئىگىسى بۇ چەتئەللىكىنىڭ ئاستىدا " دىدى  
  بىز سەپسىلىپ قاراپ چەتئەللىكنىڭ جەسىتى ئاستىدا يەنە بىر جەسەتنىڭ بارلىقىنى كۆردۇق. بىراق قانداق  
قىياپەتتە ئىكەنلىكىنى پەرىق قىلغىلى بولمايتى . كەنجى تاغام قارا ئىشەكنىڭ تۇيىقىنى چىقىپ ئىيىتتى :   
ئاناڭنى .... چوقۇم ياخشى نەرسە ئەمەس ، ئاۋال قول سالغان نوچى " .     بۇ چاغدا ئاكۈي چاپىنىمنىڭ ئارقىسىدىن تارتىپ مىنى بىر ياققا باشلاپ ئاپاردى . ئاكۈي ئادەتتە قورقۇنچاق بولۇپ بۇنداق ئەھۋالدا ئىغىزىغا نىمە كەلسە شۇنى دەيتى . بۈگۈن نىمە بولغاندۇ ؟ مەن ئۇنىڭ نىمە بولغانلىقىنى سورىسام ئۇ لەھەت تىمىدىكى بىزنىڭ ئاجىز كان چىرىقىنىڭ يورىقىدا ھاسىل بولغان كۆلەڭگىمىزنى كۆرسىتىپ تۇرۇپ پەس ئاۋازدا : " قاراڭە ، بۇ سىزنىڭ كۆلەڭگىڭىز ؟ شۇنداقمۇ ؟ " دەپ سورىدى .  
  مەن كۈلكەمنى زورىغا بىسىپ : " نىمە بولدى ؟؟ ... ھازىر كۆلەڭگىدىنمۇ قورقىدىغان بولۇپ قالدىڭىز ؟ " دەپ   جاۋاپ بەردىم .
  ئۇنىڭ چىرايى تامدەك تاتىرىپ كەتكەن بولۇپ بىر نەرسە دىمەكچى بولۇپ ئىغىزىنى مىدىرلىتاتتىيۇ بىراق بىر  
نەرسە دىيەلمەيتى . كۆڭلۈمدە : " ئۇنچىلىك ئەمەستۇ ؟ كۆلەڭگىدىنمۇ شۇنچىلىك قورۇققان بارمۇ ؟ " دەپ ئويلاپ ئىغىزىمنى ئىچىشىمغا ئۇ قول پۇلاڭلىتىپ ماڭا گەپ قىلماسلىق ئىشارىسى قىلدى دە تامدىكى كۆلەڭگىلەرنى كۆرسىتىپ تۇرۇپ : " بۇ مىنىڭ سايەم ، بۇ پەنزېنىڭ ، ئاۋۇ كەنجى بىگىمىڭ ، بۇ ئاكاشنىڭ ، كۆردىڭىزمۇ ؟ سىزنىڭكىنى قوشقاندا جەمئى بەش كۆلەڭگە ؟!! " دەپ سورىدى .     مەن باش لىڭىشتىپ ئۇنىڭ دىگىنىنىڭ توغرىلىقىنى مۈئەييەنلەشتۈردۈمدە شۇ ۋاقىتتا  تۇيۇقسىز بىر نەرسىنى بايقىغانلىقىمنى ھىس قىلدىم ئاكۈي ئىغىزىدىكى تۈكۈركىنى يۈتىۋىتىپ بىزنىڭ سايىمىزدىن سەل نىراقتا تۇغان  يالغۇز سايىنى كۆرسىتىپ قورۇققىنىدىن يىغلىغۇدەك بولۇپ ئىيىتتى
: " ئۇنداقتا ئاۋۇ كۆلەڭگە كىمنىڭ ؟؟ ؟

barhan88 يوللانغان ۋاقتى 2014-6-21 08:20:00

                                    1- خاتىرە 1-بۈلەك 11-باب يەتتە يۇلتۇز جەسەت ساندۇقى
       

   مەن ئۇ كۆلەڭگىگە سەپسىلىپ قارىغان چىغىمدا كۆلەڭگە بىشىنى يەردىن ئۈستىگە كۆتۈرىۋاتقان ، بىشى ناھايتى يوغان بولۇپ مۆرىسىدىنمۇ چوڭ دىيىشكە بولاتتى . بۇنداق قورقۇنۇچ ھىسياتىنى تىل بىلەن ئىپادىلىگىلى بولمايدىغان بولۇپ قورۇققىنىندىن قويۇق چاچلىرىممۇ تىك تۇرۇپ ئۆزەممۇ بىلمەي : " جىن بار ئىكەن " دەپ ۋارقىراپ تاشلىدىم . ھەممىسى ماڭا بۇرۇلۇپ قارىدى . مەن ۋارقىراشتىن ئۆزەمنى توختىتالماي ئۇلارغا قولۇمنىڭ ئۇچىدا تامدىكى سايىنى كۆرسىتىپ بىشىمنى بۇرىشىمغا كۆلەڭگىنىڭ ئىگىسىنى كۆردۈم . ئۇ بىشى ئىنتاھىن يوغان غەلىتە مەخلۇق بولۇپ قولىدا نىمىلىكىنى بىلگىلى بولمايدىغان بىر خىل قۇرال جابدۇق تۇراتتى . يىرىم قاراڭغۇلۇقتىكى لەھەت ئىچىدە ئىنتاھىن غەلىتە ھەم يوغان باش سىزنىڭ ئويلىيالايدىغان ھەرقانداق قورقۇنۇچلۇق نەرسىڭىزدىنمۇ نەچچە ھەسسە قورقۇنۇچلۇق ئىدى  
  بوتۇلكا كان چىرىغىنى ياندۇرۇپ غەلىتە مەخلۇقنى بىرلا يورىتىۋىدى ھەممىمىز تەڭلا ئۇنى ئىنىق كۆردۇق . ئاناڭنى سىكەي ، ئۇ خۇددى ... خۇددى بىر ئادەم ، بىشىغا كومزەك كىيىۋالغان ئادەمگە ئوخشايتى . .. ھەقىقەتەن بىشىغا يوغا كومزەك كىيۋالغان ،  قولىدا يوغان ئاسما قول چىرىغىنى كۆتۈرىۋالغان بولۇپ تىخى قەدىمى مىسىر ئادەملىرىگە ئوخشاش شەكىل چىقىرىپ ئۆرە تۇراتتى . بىر جۈپ ئوغرى كۆزى كومزەكتىن تىشىلگەن كىچىك تۆشۈك بىلەن سىرتنى كۆزىتىۋاتاتتى . بۇ چاغدا مىنىڭ بايامقى ھەددىدىن زىيادە قورقۇنۇچ ھىسياتىم غەزەپلىنىشكە ئۆزگۈرۈپ ئالدىمدىكى<<  غەلىتە مەخلۇق >> نىڭ ئادەم ئىكەنلىكىنى ئويلاپ ئاچچىقتىن بىشىم قىيىپ كەتتى . بۇ ۋاقىتتا ھەممىمىز ئىنتاھىن ئوڭايسىز ئەھۋالدا قالدۇق . ئالدىمزدىكى<<  غەلىتە مەخلۇق >> نىڭ دوسىت ياكى دۈشمەن ئىكەنلىكىنى بىلەيمىز . ئۇنىڭ ئۈستىگە بايام قورۇققىنىمىزدىن ئىشتانغا چىقىرۋەتكىلى تاسلا قىلىپ نۇرمال تەپەككۇر قىلىشقا ئامالسىز ئىدۇق . بىر نەچچە دەقىقىدىن كىيىن پەنزې : " ئاناڭنى يۈز مىڭنى ... بىر پاي ئوق بىلەن مىڭەڭنى چۇۋۇۋىتىمەن ... " دەپ تىللاپ تاپانچىسىنى چىقىرىپ <<  غەلىتە مەخلۇق >> قا تەڭلىۋىدى ،ئۇ ئادەم قولنى كۆتۈرۈپ :" ۋاي ئانامەي !! ! " دەپ ئۆرۈلۈپلا بايام بىز لەھەتكە كىرگەن يولغا قاراپ قاچتى . پەنزې ئۇنىڭ يۈگۈرۈپ قاچقىنىنى كۆرۈپ تۈزۈت قىلمايلا بىر پاي ئوق ئۈزدى . ئوق ئۇدۇللا ئۇنىڭ بىشىدىكى كومزەككە تىگىپ كومزەكنى چىقىۋەتتى . ئۇ ئادەم قىچىۋىتىپ ۋارقىراپ تۇرۇپ : " ئاناڭنى ئۆلگۈڭ كەپتۇ دە ، پىقىر غوجا ئاكاڭ بىردەمدىن كىيىن ئەدىپىڭنى بەرمىسەم ... " دىدى دە خۇددى تۆت پۇتى باردەك بىردەمدىلا كۆرۈش دائىرىمىزدىن غايىپ بولدى .  
  بوتۇلكا كۆز ئالدىمىزدا يۈز بەرگەن ئىشلارنى كۆرۈپ : " ئەھۋال چاتاق ، ئۇنى ھەرەگىزمۇ بىز ئوغرى كامىرى كولىغان جايغا بارغىلى قويمايلى ، ئەگەر ئۇ قوشۇمچە لەھەتتىكى جەسەت ساندۇقىغا چىقىلسا ھەممىمىز تۈگىشىمىز " دەپلا سومكىسىدىن قەدىمى قىلىچىنى سۇغۇرۇپ كان چىرىغىنىمۇ ئالماي <<  غەلىتە مەخلۇق >> نى قوغلاپ قاراڭغۇلۇق ئىچىدە غايىپ بولدى  
    پەنزې بوتۇلكىغا ياردەم بىرىشنى ئويلاپ ئەمدىلا يۈگۈرەي دىيشىگىلا كەنجى تاغام ئۇنىڭ مۆرىسىدىن تارتىپ : " سەن بارساڭ پوققا پايدىسى يوق ، تىز ، بۇ ئىككى قوشۇمچە كىچىك لەھەتنى كۆرۈپ باقايلى ، بايامقى ئادەم قەيەردىن چىققاندۇ ؟ " دىدى  
   مەن يۈگۇرۇپلا  قوشۇمچە لەھەتكە كىرىپ لەھەت تورۇسىنىڭ تىشىلىپ خىلىلا كەڭ ئوغرى كامىرىنىڭ كولانغانلىقىنى كۆردۈم . لەھەت بۇلىڭىدا بىر تال شام ياندۇرۇقلۇق بولۇپ خىرە بىنەپشە رەڭلىك نۇر چىچىۋاتاتتى . ئەسلىدە ئۇ ئادەم ‹‹ ئالتۇن كولىغۇچى ›› ئىكەندە ، يەردە ئۇ تاشلاپ قويغان سومكا بولۇپ ئىچىدە بىر نەچچە تال قول چىرىغى باتارىيەسى ، بەزىبىر ئەسۋاپلار ھەمدە بىر ۋاراق ئىنتاھىن سەۋىيەسىز لىك بىلەن سىىلغان بىز ھازىر كىرگەن قەۋرىنىڭ خەرىتىسى بار ئىدى . خەرىتە ئىنتاھىن قالايمىقان سىزىلغان بولسىمۇ مەن بىر قاراپلا خەرىتىدىكى يەتتە كىچىك بەلىگىنىڭ يەتتە جەسەت ساندۇقىغا ۋەكىللىك قىلىدىغانلىقىنى كۆرۈپ يەتتىم . خەرىتە ئۈستىگە نۇرغۇنلىغان قالايمىقان خەتلەر يىزىلغان بولۇپ بىر ئادەمنىڭ پوچۇركىسى ئەمەس ئىدى . قارىغاندا ئۇلار بۇ يەرگە كەلگەندە تالاش – تارتىش قىلىپ يازغان بولسا كىرەك . خەرىتىنىڭ كەينىگە چوڭ سوراق بەلگىسى قويۇلغان بولۇپ سوراق بەلگىسىنىڭ ئارقىسىغا ‹‹ گۇمانلىق يەتتە يۇلتۇزلۇق جەسەت ساندۇقى ›› دەپ يىزىلغان ئىدى  
  مەن تۇيۇقسىز سوغۇق شامال تەككەندەك ئەندىكىپ كەتتىم ، بۇ گۇمانلىق ‹‹ يەتتە يۇلتۇز جەسەت ساندۇقى ›› نى خۇددى بىر يەردە ئاڭلىغاندەكلا . نەچچە دەقىقە ئىچىدە مەن مىڭەمنىڭ خاتىرە ساندۇقىنى ۋاراقلاپ بۇ سۆزلەرنى  بوۋامنىڭ خاتىسىدىن كۆرگۈنۈم ئىسىمگە كەلدى . بۇ يەتتە يۇلتۇز جەسەت ساندۇقىنىڭ بىرسىلا ھەقىقى جەسەت ساندۇقى ، قالغىنى بولسا قۇرۇلما ياكى بولمىسا ئىنتاھىن غەلىتە ئادەمنىڭ ئەقلى يەتمەيدىغان ۋاستىلەرنى قوللانغان توزاق ، ئەگەر خاتا ئىچىپ قالسا قۇرۇلما ياكى ئەپسانە سىھىر – جادۇنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچراپ 9.9 ئۈلۈش ئۆلۈپ كىتىشىمىز مومكىن . مەركىزى لەھەتتىكى چەتئەللىكمۇ مىنىڭچە بۇ يەرگە كىلىپ ‹‹  يەتتە يۇلتۇز جەسەت ساندۇقى ›› نىڭ يامانلىقىنى بىلمىگەچكە ھەممە ساندۇقتا بايلىق بار دەپ قاراپ خاتا ئىچىپ قويۇپ نىمىلىكىنى بىلگىلى بولمايدىغان بىر نەرسە تەرىپىدىن جەسەت ساندۇقىغا سۆرەپ ئەكىرىلگەن ، ھەمراھلىرى ئۇنىڭ ئۆلگىنىنى كۆرۈپ ئالدىراقسانلىق بىلەن بايا بىز كۆرگەن كامارنى كولاپ قىچىپ كەتكەن بولىشى مومكىن .  
  ئانالىز قىلىپ مۇشۇ يەرگە كەلگەندە ئۆزۇمچە ئويلىغانلىرمىنىڭ ھەقىقەتەن ئاساسى بارلىقىنى ھىس قىلپ ئەسكى خەرىتە بىلەن ئويلىغانلىرىمنى كەنجى تاغامغا ئىيتماقچى بولۇپ قوشۇمچە لەھەت ئۆيىدىن چىقىپ قارىسام سىرتتا پەقەت گاھ يىنىپ گاھ ئۆچۇپ تۇرغان ئاجىز كان چىرىغىنڭ نۇرىدىن باشقا ئىنسان سايىسى كۆرۇنمەيتتى . مەن دەرھال يەنە بىر قوشۇمچە لەھەت ئۆيىنڭمۇ قۇرۇق ئىكەنلىكىنى كۆردۇم . تۇيۇقسز يەتتە جەسەت ساندۇقى بىلەن ئوزۇمنىڭ يالغۇز قالغانلىقىمنى ھىس قىلىش بىلەن تەڭلا  قورىققىنىمدىن ئىختىيارسىز ۋاقىراپ تاشلىدم :" ..كەنجى تاغا.....كەنجى تاغا.....
    ئۇلارنىڭ مىنى يالغۇز تاشلاپ كىتىشى مۇمكىن ئەمەس ، بەلكم ئۇلار مەن قوشۇمچە لەھەت ئۆيىدىكى ۋاقىتتا بىرەر كۈتۈلمىگەن پىشكەنلككە ئۇچىرغان بولىشى مۇمكىن دىگەنلەرنى ئويلىدىم . بىراق مەن ھىچقانداق سوقۇشقان ياكى ۋارقىراشقان ئاۋازنى ئاڭلىمىدىغۇ ؟؟ئەجەبا مىنىڭ قۇلىقىمدىن چاتاق چىقتى ؟؟ مىنڭ قۇلىقىم ساق بولسا پەنزې بىلەن كەنجى تاغامنىڭ ماھارىتىگە ئاساسلانغاندا ھەر قانچە غەلىتە مەخلۇق ، ئالۋاستى - يىرىتقۇچقا ئۇچىراپ قالسمۇ ھىچانداق قارشىلىق قىلمايلا مەغلۇپ بولىشى مۇمكىن ئەمەس ..پەقەت بەرداشلىق بىرەلمىسمۇ ۋاقىراش - چىقىراش قولىدىن كىلەتتى .  
مەن ھەر قانچە كۇچەپ ۋاقىرساممۇ قايىتقان ئاۋازدىن باشقا ھىچقانداق ئاۋاز ئاڭلانىمدى ، بۇ يەردىكى قاپقاراڭغۇ لەھەت ئۆيى ، شۇملۇق يىغىپ تۇرغان يەتتە جەسەت ساندۇقى ھەمدە چۇشۇمدىمۇ كۆرۇپ باقمىغان ناتونۇش چەتئەلىكنىڭ جەسىتى ھەممىسى قوشۇلۇپ مىنى ئوي-پىكىر دۇنياسىدىن رىئاللىققا قايتۇرۇپ كەلدى . مەن تىخى ئۆزۇمنىڭ پىراكتىكانىت << ئالتۇن قازغۇچى >> ئىكەنلىكىمنى ، روھى جەھەتتە ئۆزۇم يالغۇز قاپقاراڭغۇ لەھەت ئىچىدە ئۇزۇن ۋاقىت بەرداشلىق بىرەلمەيدىغانلىقمىنى تونۇپ يەتتىم . مۇنداقلا قىلىپ ئيىتقاندا بۇ يەردە غەلىتە مەخلۇق ، جىن - ئالۋاستى يوق دىگەن تەقدىردىمۇ ھازىر تۇرىۋاتقان مۇھىت بىلەن قەلبىمدىكى قورقۇنۇچ تۇيغۇسى قوشۇلۇپ مىنى ساراڭ قىلىۋىتىشى مۇمكىن .
مەن بارلىق كۇچۇمىنى يىغىپ ۋاقىرغان بولسساممۇ لەھەت ئىچىدە ئادەمنىڭ تىنى ئەيمىندۇرگىدەك جمجىتلىق ھوكۈم سۈرۋاتاتتى . بۇ ۋاقىتتا قولۇمدىكى كان چىرغىنىڭ نۇرى بارغانسىرى ئاجىزلىشىپ 10 مىتىر يىراقلىقىنمۇ يورۇتالماي قالدى ، باتارىيىسى تۇگەي دىگەن چىغى . كان چىرىغىنىڭ ئۆچۇپ قالىدىغانلىقنى ئويلاپ قورققىنىمدىن پىشانەمدىن سوغۇق تەر قۇيۇلۇشقا باشلىدى . بەلكىم جىمجىتلىق مۇشۇنداق داۋاملىشىۋەرسە مەن كەيپىياتىمنى كونتىرۇل قىلالارمەن ؟؟ ئىنتايىن ئەپسۇس ، تىخى خىيالىمنڭ ئاخىرىنى ئويلاپ بولماي تۇرۇپ جەسەت ساندۇقىنڭ غىچىرلىغان ئاۋازىنى ئاڭلىدىم . ئاناڭنى ... بۇ يەتتە جەسەت ساندۇقدىن قايسىسى ئاۋاز چىقىرىۋاتقاندۇ ؟؟ قورىققىنىمدىن كۆزۇم قاراڭغۇلىشىپ يۇرىكىم ھازىرلا كۆكرەك قەپىسىمدىن چىقىپ كىتىدىغاندەك تىپىرلاپ سوقىۋاتاتتى . ئختىيارسىز جەسەت ساندۇقىدىن يىراقلىشپ لەھەت تىمىنىڭ قىشغا بىرىشمغا تۇيۇقسىز يالىت قىلىپ نۇر چاقنىغاندەك بولدى دە قوشۇمچە لەھەت ئۆيىدىكى شامنىڭ ئۆچۇپ قالغانلىقنى كۆردۇم .
  مەن چوڭ بىر تىنىۋىلىپ :" سىنىڭ  نەرسەڭنى مەن ئالمىسام نىمىشقا شامنى ئۆچۈرۋىتىسەن ؟ " دەپ ئويلاپ كەينىمگە ئۆرۈلۈپ جەسەت ساندۇقلىرىنى كۆرۈپلا قورۇققىنىمدىن كۆز چاناقلىرىم چاچراپ چىقىپ كەتكىلى تاسلا قالدى . ھىلىقى باشقىلار تەرىپىدىن ئىچىلغان جەسەت ساندۇقىدىكى قەدىمى جەسەت ساندۇق ئىچىدە ئولتۇراتتى . ئۇ چەتئەللىكنىڭ جەسىتىنىمۇ قەدىمى جەسەت يۆلەپ ئولتۇرغۇزغان بولۇپ بىرلا قارىسا ئىككى جەسەت بىر - بىرىگە كۆڭۈل ئىزھار قىلىۋاتقاندەك كۆرۈنەتتى . خۇدا مىڭ شۈكرى ، ئۇلار ھەرنىمە بولسا ئۆرۈلۈپ مەن تەرەپكە قارىمىدى . مەن قايتا قاراشقا جۈرئەت قىلالماي كۆزۈمنى چىڭ يۇمىۋىلىپ تىتىرەۋاتقان پۇتلىرىمنى تەسلىكتە يۆتكەپ لەھەت تىمىنى بويلاپ قوشۇمچە لەھەت ئۆيىگە كىردىم  
   مەن بوۋامنىڭ خاتىرسىدە ئادەمنى يۈرەكلىك قىلىدىغان بىر پارچىنى كۆرگەن . ئاددى قىلىپ ئىيىتقاندا كۆرمىگەن نەرسىنى يوق دىسەڭ بولىدۇ دىگەندەك . بىراق مەن ھەرقانچە قىلىپ كۆزۈمنى چىڭ يۇمىۋالساممۇ ھىلىقى نەچچە مىڭ يىللىق ئۆز ساندۇقىدا ئولتۇرغان قەدىمى جەسەت پەقەتلا كۆز ئالدىمدىن كەتمەيتى . مەن كان چىرىغىنى لەھەت ئۆيىنىڭ بۇلىڭىغا قويۇپ ئامال بار چىراق يورىقىنىڭ ئۆي سىرتىغا چىقىپ كەتمەسلىكىگە تىرىشىپ ، چىشىمنى - چىشىمغا چىشلەپ تۇرۇپ بايام كومزەك كىيىۋالغان سىمىز قالدۇرۇپ كەتكەن سومكىنى ئاختۇرۇشقا باشلىدىم . يىرىم كۈن ئاختۇرۇپ بىر نەچچە تال پىرىسلانغان يىمەكلىك بىلەن بىر نەچچە پارچە قەغەز تاپتىم . قارىغاندا بايامقى سىمىز مۇھىم نەرسىلەرنى يىنىدا ئىلىۋالغان بولسا كىرەك . لەھەت ئۆيىنىڭ سىرتى قاپقاراڭغۇ ، ھىللىقى نەچچە مىڭ يىللىق بۇرادەر نىمە ئىش قىلىۋاتىدىغاندۇ ؟ !! ئەگەر ئۇ توختىماي يىتىپ ئولتۇرۇپ يۈرۈپ بەدەن چىنىقتۇرىۋاتقان بولسا ياخشى بولاتتىغۇ ، ھىرىپ كىتىپ ماڭا دىققەتمۇ قىلمايتى  
   بۇ چاغدا مەن قوشۇمچە لەھەت ئۆيىدىن سالقىن ھاۋا ئىقىمىنىڭ ئۇرۇلىۋاتقانلىقىنى سىزىپ كۆڭلۈمدە ئىنتاھىن خۇش بولۇپ كەتتىم . چۈنكى ئوغرى كامىرىدىن سالقىن ھاۋانىڭ ئۇرۇلىشى بۇ كامارنىڭ قەۋرە سىرتىغا تۇتىشىدىغانلىقىدىن دىرەك بىرەتتى .  قەيەرگە قەيەرگە تۇتاشسا مەيلى ، ئىشقىلىپ بۇ نەس باسقۇر لەھەتتىن ياخشىدۇ ؟ شۇڭلاشقا كەنجى تاغاملار قايتىپ كەلسە مىنىڭ كامارغا كىرىپ كەتكەنلىكىمنى بىلدۈرۈش ئۈچۈن ئوغرى كامىرىنىڭ ئىغىزىغا بەلگە سىلىپ ھىلىقى سىمىزنىڭ قالدۇرۇپ قويغان نەرسىلىرىنى يىغىشتۇرۇپلا كامارغا شۇڭغۇدۇم . مەن كامار ئىچىدە ئۆمىلەۋىتىپ كامارغا قاراپ بوۋامنىڭ كىچىك ۋاختىمدا سۆزلەپ بەرگەن ئوغرى كامىرىنى قانداق كولاش توغرىسىدىكى بىلىملەرنى ئىسىمگە ئالدىم . نىمە دەيتى ؛ يۇمىلاق ئۇزۇن ، چاسا قىسقا ،}{چىنلىڭ توپا دۆۋىسى ، توققۇز نىپىز بىر چۇڭقۇر ، توغرا ئەمەس ، ئاناڭنى قارىغاندا ئىلگىرى بوۋام ماڭا سۆزلەپ بەرگەن ئەڭ ئاددى << ئالتۇن قازغۇچى >> لىق بىلىملىرىنىمۇ ئۇنتۇپ كەتكىنمىگە قارىغاندا << ئالتۇن قازغۇچى >> لىقنى قاملاشتۇرالمايدىغان ئوخشايمەن . مەن كامارغا قاراپ ئويلىدىم : " بۇ كاماردىن كىرگەن ، بىشىغا كومزەك كىيىۋالغان ھىلىقى سىمىز كىرگەندە ھىچقانداق ئاۋاز چىقارمىدى . بۇنىڭغا قارىغاندا ئۇ كامار كولاشنىڭ پىشىۋاسى بولسا كىرەك ، ياق ، ئۇنىڭ ئۈستى بىشىدىن ئۇنداق چاققانلىقىنىغۇ كۆرگىلى بولمايدۇ ، ئەمىسە بۇ كامار ئۇ كىرىشتىن باشقىلار تەرىپىدىن كولانغان ياكى ئۇ كولىغان ئوغرى كامىرى بۇ كامار بىلەن تۇتۇشۇپ ئۇنىڭغا ئاسانلىق تۇغدۇرۇپ بەرگەن . دىمەك ، ئۇمۇ باشقىلار كولىغان ئوغرى كامىرىدىن كىرگەن  
   ئويلىغىنىمدەك بىردەم ئۆمىلىگەندىن كىيىن كۆز ئالدىمدا كامارنىڭ ئىككىگە ئايرىلىدىغان ئاچىلى پەيدا بولدى . بۇ ئىككى كامارنىڭ كولىنىش ئۇسۇلى پەقەتلا ئوخشىماش بولۇپ ئىككى ئادەمنىڭ كولىغىنى مانا مەن دەپلا چىقىپ تۇراتتى . مەنچە قايسىسى سىرىتقا تۇتاشقان بولسا شۇ ياخشى كامار ئىدى . شۇڭا خالىغان بىر ئوغرى كامىرىنى تاللاپ كەنجى تاغاملارغا بەلگە قالدۇرۇپ قويۇپ ئۆمىلەشكە باشلىدىم .  
   مەن كاماردا ئۆمىلەۋىتىپ تۇيۇقسىز ساپ ھاۋانىڭ يۈزۈمگە ئۇرۇلىشىنى ، كاماردىن چىققان ۋاختىمدا كۆز ئالدىمدا يالقۇنلاپ كۆيىۋاتقان گۈلخاننىڭ بولىشىنى ، كەنجى تاغامنىڭ ئۈستىدىكى ئادەملىرى مىنى تارتىپ چىقىرىپ چىدىرغا باشلاپ ياۋا توشقان كاۋىپى بىلەن مىھمان قىلىشىنى ، ئاندىن كەنجى تاغاملار بىلەن ئۇچۇرشۇپ ئۆيگە قايتىشنى تاتلىق چۈش كۆرگەندەكلا ئارزۇ قىلىپ كەتتىم . ئاناڭنى .... كىپەن ئوغۇرلايمىز دىگەننىڭ ئىغىزىغا تاش ، ... خويمۇ زىرىكتىم . باشقىلار بىر ئۆمۈر كىپەن ئوغۇرلاپ ئەۋلىيا – پەرىزاتلارغا ئۇچرىغاندۇ ياكى ئۇچرىمىغاندۇ ؛ بىراق مەنچۇ ؟ تۇنجى قىتىم ، ياق پىراكتىكامنى ئەمدىلا باشلاپ نەگىلا بارسام يولۇققىنىم چىشى مۇردا ، ئەركەك مۇردا دىگەندەك .... ماڭا ئاسانمۇ ؟ ... كۆڭلۈمدە ئۈستىدە مىنى كۈتىۋالىدىغان بىر ئايالنىڭ بولىشىنى ، ئەڭ ياخشىسى 22 ياشتىن تۆۋەن بولىشىنى ، مىنى تارتىپ چىقارغاندىن كىيىن پۇت قوللۇرۇمنى ئۇلاپ قويىشىنى ئۈمۈت قىلاتتىم .  
   ئويلاۋىرىپ روھلىنىپ كىتىپ ئۆمىلەش سۈرئىتىمنى تىخىمۇ تىزلەتتىم . بىردەمدىن كىيىن غىل– پاللا قىلىپ كۆز ئالدىمدا يورۇقلۇق كۆرۈنگەندەك بولىۋىدى خۇشاللىقىمدىن ھۇشۇمدىن كىتشىكە تاسلا قالدىم . بىشىمنى چىقىرىپلا كۈچلۈك نەپەس ئىلىپ بىر  قاراپلا ھەيران قالدىم .ياق ، ھاڭۋىقىپ قالدىم  
    كىم دىگەن بولسا ئىنتاھىن توغرا دەپتىكەن ، ئۈمۈت قانچە چوڭ بولسا ئۈمۈتسىزلىكمۇ شۇنچە چوڭ بولىدۇ دەپ ، كۆز ئالدىمدا يەنە بىر قەۋرە يولى تۇراتتى . كىرگەن ۋاختىمدا ماڭغان يول بىلەن ئىنتاھىن ئوخشىشاتتى . قارىغاندا بۇ قەۋرە بىزنىڭ ئويلىغىنىمىزدىن نەچچە ھەسسە مۇرەككەپرەك بولسا كىرەك .
   مەن ئىغىزىمنى بۇزۇپ تىللىغاندىن كىيىن كان چىرىغى بىلەن ئەتراپقا سەپسىلىپ قاراپ ھاڭۋىقىپلا قالدىم . بۇ مەن قەۋرىگە كىرگەندە ماڭغان قەۋرە يولى شۇغۇ ؟ !! ئۇنداق ئەمەسمۇ يە ؟ !! قارىغاندا بۇ يەر ئوغرى كامىرى بىلەن تۇتاش بولۇپ بىز ئويلىغاندەك باشقىلار قىچىش ئۈچۈن كولىغانلىقى خاتا بولسا كىرەك . مەن لاسسىدە بوشۇشۇپ ئولتۇرۇپ قالدىم . كاللامنىڭ قىتىقى چىقىپ كەتكىدەك ئويلانغان بولساممۇ بۇ ئوغرى كامىرىنى كولىغان ئادەمنىڭ زادى نىمە مەخسىدى بارلىقىنى ئويلاپ يىتەلمىدىم .

barhan88 يوللانغان ۋاقتى 2014-6-21 08:50:58

                                            1- خاتىرە 1-بۈلەك 12-باب ئىشىك

   بۇ چاغدا ھىلىقى بىزنى قورقۇتۇپ قىچىشىمىزغا سەۋەپ بولغان سولتەكنىڭ بوقچىسىدىكى ئاددى خەرىتىگە ئوخشۇتۇپ سىزىلغان قەغەز ئىسىمگە كەلدى . بەلكىم شۇ ئەسكى قەغەزدە يىپ ئۇچى بولىشى مومكىن . ئامال يوق ، داۋايى يوق كىسەلگە گىرىپتار بولغانكەنسىز قالايمىقان دوختۇر ئىزدەيسىزدە . ئالدى تەرىپىمدە سىھىر – جادۇلانغان يەتتە دانە جەسەت ساندۇقى ، ئارقا تەرىپىمدە بوتۇلكىنىمۇ تىزلىنىپ باش ئۇرۇشقا مەجبۇر قىلغان قورقۇنۇچلۇق جەسەت ساندۇقى بار . قارىغاندا مۇشۇ قوشۇمچە لەھەت ئۆيى ئەڭ بىخەتەر بولسا كىرەك . شۇڭا مەن لەھەت ئۆيى ئىچىدە ئولتۇرۇپ ھىلىقى سولتەك تاشلاپ كەتكەن قەغەزلەرنى ئاختۇرۇشقا باشلىدىم .  
   بىر پارچە قەغەزدە ئۇلار ئوغرى كامىرى كولاشتىن بۇرۇنقى لاھىيەسى سىزىلغان بولۇپ ئاستىغا نۇرغۇنلىغان كولاش ئۇسۇلى يىزىلغان بولۇپمۇ قانلىق مۇردا قەۋىرسىنىڭ تۈزۈلىشى توغرىسىدىكى پەرەزلىرى ئىنتاھىن كۆپ بولۇپ قالايمىقانلىقىدىن بىرلا قارىغان ئادەمگە خۇددى ئۆمۈچۈكنى سىياھقا چىلاپ قەغەز يۈزىگە قويۇپ بەرگەندەك ئەگرى – بۈگرى ، رەتسىز تۇيغۇ بىرەتتى . قارىغاندا ئۇلار قانلىق مۇردا قەۋىرسىدىكى قۇرۇلمىنى بۇزۇش ئۈچۈن كۆپ كۈچ چىقارغان بولسا كىرەك . لىكىن ئۇلار قۇرۇلمىنى بۇزالىدىمۇ يوق ، بۇنىسى ماڭا قاراڭغۇ . يەنە بىر پارچە قەغەزدە بىر قارىسا قۇچىقىنى كەڭ يىيىپ ئۇسۇل ئويناۋاتقاندەك كۆرىنىدىغان بىر تۈپ دەرەخ ، يەنە بىر قارىسا گىگانىت ئالۋاستىغا ئوخشاپ كىتىدىغان بىر نەرسە سىزىلغان ئىدى . مەن يەنە بىر قەغەزگە قاراپ ئاخىرى ئازراق يىپ ئۇچى بايقىغانلىقىمنى ھىس قىلدىم . قەغەزگگ نامەلۇم بىر قەۋرە ئورنىنىڭ خەرىتىسى سىزىلغان . مەن خەرىتىگە قاراپ كۆل ئاستىدىكى قەۋرە يولىنى ھەمدە يەتتە دانە جەسەت ساندۇقى قويۇلغان ئورۇننى كۆرگەندەك بولدۇم . بىراق بىز چۈشكەن بۇ قەۋرىنىڭ خەرىتىسى سىزىلمىغان بولۇپ قارىغاندا بۇ قەغەزدىكى سىزىلغان قەۋرىگە ئۇلار تىخى يىتىپ بارمىغان چىغى . خەرىتىدە مەن بايام ئۆمىلەپ چىققان ئوغرى كامىرىمۇ سىزىلغان بولۇپ ئىنىق ئاچال بەلگىسى قويۇلغانتى . مەن خەرىتىدىن يەنە بىر ئوغرى كامىرى ئارقىلىق ئۆمىلىگەن بولسام مەلۇم ئارلىق ئۆمىلىگەندىن كىيىن ئوغرى كامىرىنىڭ ئۈزۈلۈپ قالىدىغانلىقىنى بايقىدىم . خەرىتىدە بۇ كامارنىڭ ئاخىرىغا ‹‹ ئۈزۈك ›› دىگەن خەت يىزىلغان ئىدى .
 بۇ خەتنىڭ مەنىسى ئىنتاھىن ئىنىق .  قارىغاندا ئوغرى كامىرىدىن ئۆمىلەپ چىقىپ كىتىش خىيالىم سۇغا چىلاشقان بولسا كىرەك . بۇ خەرىتىنىڭ ئادەمنىڭ ئەقلى يەتمەيدىغان يىرى شۇكى مەن ھازىر تۇرىۋاتقان جاينىڭ سول تەرىپىدە ھىچقانداق ھىچيەرگە تۇتاشمايدىغان بولۇپ ئاخىرىغا يەنە بىر لەھەت ئۆيى سىزىلغان ئىدى . بۇ لەھەت ئۆيى بىلەن لەھەت يولىنى تۇتاشتۇرۇشقا ئۈزۈك سىزىق سىزىلغان بولۇپ خەرىتىگە قارىغان ئادەمگە بۇ لەھەت ئۆيى يەنە بىر بوشلۇقنىڭكىدەك تۇيغۇ بىرەتتى . مەن ئىختىيارسىز كەينىمدىكى لەھەت تىمىنى سىلاپ تۇرۇپ ئويلىدىم : " ئەجەبا تام كەينىدە مەخپى يول بار ؟ ؟    مەن تامنى تەپسىلى كۈزۈتۈپ بوۋام خاتىرسىدە يىزىپ قالدۇرغان يوشۇرۇن تاش ئىشىكلەر توغرىسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەسلشكە باشلىدىم . ئادەتتە نەچچە مىڭ يىل بۇزۇلمايدىغان ، سىسمايدىغان قۇرۇلما ياساش ئۈچۈن چوقۇم تاش بىلەن ئىرىتىلگەن كۈمۈش ئىشلىتىلىدۇ . ئۇنداقتا ھەركەتلەندۈرگۈچكە ئورۇنلاشتۇرۇلغان قوزغاتقۇچ بىر پارچە تاش تاختىغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان بولىدۇ . بۇ تامغا بۆلەك - بۆلەك تام رەسىملىرى ھەمدە ئويما يىزىقلار ئويۇلغان . ئۇنداقتا راستىنلا يوشۇرۇن ئشىك بار دىيىلسە بۇ بۆلەك تام ئويمىلىرى ئىچىدىكى بىرسى ھەركەتلىنىدۇ . بىراق بۇ ھەركەتلىنىدىغان تاش تاختا ئىزدەش ئىنتاھىن تەس بولغان جايغا مۇنداقلا قىلىپ ئىيىتقاندا ئادەمنىڭ ئەڭ دىققىتىنى تارتمايدىغان جايغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان بولىدۇ . مەن پەرىزىمگە ئاساسەن دوڭغىيىپ تۇرۇپ لەھەت تىمى بىلەن يولنىڭ تۇتاشقان جايلىرىنى كۆزۈتۈشكە باشلىدىم . ھەقىقەتەن ئارىسىدىكى تۆت چاسا پول تاختىسى گۇمانلىق ئىدى .  مەن بۇ پول تاختىسىنى باسسام ھىچقاناق ئىنكاس يوق . كۈچەپ يەنە بىرنى باسسام يەنە ئىنكاس بولمىدى . ئاچچىقىم كىلىپ كۈچەپ يەنە بىرنى دەسسىسەپ پۇتۇمنى تارتىشىمغا << غىچىر >> قىلغان ئاۋاز ئاڭلاندى . ئاۋازنى ئاڭلاپ مەن كۆڭلۈمدە  ئازراق خۇشال بولۇپ  بىردەمدىن كىيىن كىنولاردىكىدەك بىر تەرەپتىكى لەھەت تىمى ئىچىلىپ ئايلانما تام ئايلىنىپ مىنى تام ئارقىسىدىكى بوشلۇققا ئەكىرىدۇ دىگەنلەرنى خىيال قىلدىم . بىراق ... ئاناڭنى ... مەن پولنى دەسسەپ نەچچە دەقىقىدىن كىيىن پۇتۇمنىڭ ئاستىدىكى پولتاختىيىنڭ  يوقاپ كەتكەنلىكىنى ھىس قىلىپ ئۆزەمنىڭ ئالدانغانلىقىمنى بىلدىم - دە ، ئۇشتۇمتۇت پەسكە قاراپ شۇڭغۇدۇم . كۆڭلۈمدە : " ئاناڭنى ... بۇنى قانداقمۇ يوشۇرۇن ئىشىك دىگىلى بولسۇن ... ئىنىقلا توزاققۇ بۇ ... بۇ قىتىم تۈگەشتىم !! ئەگەر ئاستى تەرەپتە  پولات - نەيزىلەر ئورۇنلاشتۇرۇلغان بولسا .... ؟؟؟ " دىگەنلەرنى ئويلىدىم .  
   بۇ بىر نەچچە دەقىقە خۇددى چاقماق تىزلىگىدە ئۆتۈپ كەتتى . مەن ئويۇمنىڭ ئاخىرىنى داۋاملاشتۇرۇپ بولغىچە يىقىلىپ چۈشتۈم . خۇداغا مىڭ شۈكرى .. ھەرنىمە بولسا ساق قالدىم دەپ خوش بولاي دەپ تۇرسام قولۇمدىكى كان چىرغىى << پاق ... >> قىلىپ يەرگە ئۇرۇلۇپ باتارىيەسى چاچراپ كىتىپ ئەتراپىم قاراڭغۇلىشىپ كەتتى .    
   ھازىرقىدەك ۋاقىتتا كان چىرىغىدىن ئايرىلىپ قىلىش مىنىڭ ھەممە ئۈمۈدىمنىڭ يوققا چىققانلىقىدىن دىرەك بىرەتتى .قاپقاراڭغۇ قەدىمى قەۋرىدا كىچىككىنە يورۇقلۇقنىڭمۇ بولماسلىقى مىنى ساراڭ قىلىپ قويايلا دەۋاتاتتى . مەن دەرھال ئىتىلىپ بىرىپ كان چىرىغىنى تاپماقچى بولدۇم . كان چىرىغىنىڭ چۈشكەن جايى ئىنىق ئسىمدە . مەن خۇددى يەر سۈپۈرگەندەك  سىلاشتۇرۇپ يۈرۈپ كان چىرىغىنى تاپتىم- دە باتارىيەنىڭ كان چىرىغىدىن بىر  مىتىر يىراقلىقتىكى سول تەرىپىمدە ئىكەنلىكىنى ئويلاپ   يەرنى سىلىشىمغا تۇيۇقسىز سوغۇق بىر قولنى سىلاپ سالدىم .

barhan88 يوللانغان ۋاقتى 2014-6-21 08:55:23

                                          كىپەن ئوغىرسىنىڭ خاتىرسى
                                    1- خاتىرە 1-بۈلەك 13-باب 02200059
                                   
   بۇ سوغۇق قولغا قولۇم تىگىشى بىلەن قورقۇپ ۋارقىرغىنىمچە قولۇمنى تارتىۋالدىم . قازاننى دۈم كۆمتۈرۈپ قويغاندەك بۇ قاراڭغۇلۇقتا ئويلاپ باقمىغان نەرسىنى تۇتۇپ سىلاش  ئىنتاھىن قورقۇنۇچلۇق بولۇپ بۇ ۋاقىتتىكى ھىسياتىمنى تىل بىلەن ئىپادىلەپ بەرگىلى بولمايتى . مەن قولنى تۇتۇپ سالغان دەقىقىدە قول ئىگىسىنىڭ ئاللىقاچان ئۆلگەنلىكىنى ھىس قىلدىم . چۈنكى قول ئىنتاھىن مۇزلاپ كەتكەن بولۇپ بايىلا توڭلاتقۇدىن چىققان گۆشتەكلا سوغۇق ئىدى  
    مەن بۇ قورقۇنۇچلۇق موھىت ئىچىدە تۇيۇقسىز يىنىمدا بىرئاز سەرەڭگىنىڭ بارلىقىنى ئىسىمگە ئالدىم دە بىرتال سەرەڭگىنى ياندۇردۇم . سەرەڭگىنىڭ ئاجىز يورۇقىدا ئالدىمدا بىر جەسەتنىڭ ياتقانلىقىنى كۆردۈم ، جەسەتنىڭ قورساق تەرىپىدە خىلىلا چوڭ يارا ئىغىزى بار بولۇپ يارا ئىغىزى ئەتراپىدا نۇرغۇنلىغان جەسەت بۈرگسى تۇراتتى . چوڭراق جەسەت بۈرگىسى ئالقانچىلىك چوڭلۇقتا بولۇپ يىشىل رەڭدە كۆرىنەتتى . بەزى كىچىكرەك جەسەت بۈرگىلىرى جەسەتنىڭ ئىغىزى ھەم كۆز كامىرىدىن ئۆمىلەپ چىقىپ - كىرىپ تۈراتتى . !  
   جەسەتكە قاراپ كۆڭلۈم ئىلىشىپ ياندۇرىۋىتىشكە تاسلا قالدىم - دە ، كۆزۈمنى جەسەتتىن ئىلىپ قاچتىم . قارىغاندا بۇ ئادەم ئۆلگىلى بىرەر ھەپتىدىن ئاشقان بولسا كىرەك . بەلكىم ئالدىنقى قىتىم قەۋرىگە چۈشكەن بىر توپ كىشىلەردىن بىرى بولىشى مومكىن . ئەجەبا بۇ ئادەم قۇرۇلمىنى بايقاپ بۇ يەرگە چۈشۈپ ئۆلگەن ؟؟!! ئويلاپ بۇ يەرەە كەلگەندە بىشىمدىن سوغۇق سۇ قۇيغاندەك چۆچۈپ كەتتىم دە ، يەنە بىر تال سەرەڭگە ياندۇرۇپ باتارىيەنى ئىزدەپ تىپىپ كان چىرىغىغا سالدىم . خۇداغا مىڭ شۈكرى ، كان چىرىغى يورىدى . كان چىرىغىنى سىتىۋالغان 340 يۈەن پۇلۇمغا مىڭ مەرتىۋە ، ياق ، ئون مىڭ مەرتىۋە رازى بولدۇم .  
  مەن كان چىرىغىنىڭ يورىقىدا ئەتراپىمغا سەپسىلىپ بۇ جاينىڭ ئىنتاھىن كۆرۈمسىز بولۇپ باشقا نەرسىنىڭ يوقلىقىنى تۆت چاسا چوڭ كولانغان ئورەككە ئوخشاش ئىكەنلىكىنى بايقىدىم . تۆت ئەتراپىم رەتسىز قويۇلغان تاش كىسەكتىن قوپۇرۇلغان تام بولۇپ تاش كىسەكلەر ئارىسىدا  كىچىك يوچۇقلار قالدۇرۇلغان بولۇپ ھىساۋات ئالماشتۇرۇش ئۈچۈن قالدۇرۇلغاندەك قىلاتتى . مەن بۇ تۆشۈكچىلەردىن بىلىنەر - بىلىنمەس ھاۋا ئۆتىشىۋاتقانلىقىنى ھىس قىلدىم .      
  مەن ئارقىدىنلا ئارقامدىكى جەسەتنى تەكشۈرۈپ جەسەت ئىگسىنىڭ 40 نەچچە ياشلار ئەتراپىدىكى ئەر كىشى ئىكەنلىكىنى ھەمدە قورساق قىسمىدا جاننى ئالىدىغان يارا ئىغىزىنىڭ ئىچىلىپ قالغانلىقىنى كۆردۈم . ئۇ ئۇچىسىغا ئىزىتقۇ ھەربىيچە رەڭلىك ئىزىتقۇ كىيىم كىيگەن بولۇپ يانچۇقلىرى تەتۈر ئۆرۈلۈپ قالغان ئىدى . چاپىنىنىڭ ئۆرۈلۈپ قالايلا دەپ قالغان يانچۇقىدىن قارا رەڭلىك خىرۇم پۇل قاپچۇقىنى تاپتىم - دە ، پۇل قاپچۇقى ئىچىدە بىر ئاز پۇل ھەمدە پويىز ئىستانسى ساقلاش بۆلىمىنىڭ نەرسە ساقلاش ئىسپاتى بارلىقىنى بايقىدىم . نەچچە دەقىقىدىن كىيىن ئاختۇرۇشنى داۋاملاشتۇرۇپ جەسەت خۇرۇم كەمىرىنىڭ كەمەر بىشىدىكى پولاتقا ئويۇلغان ئويمىنى كۆردۈم . كەمەر بىشىغا تۆۋەندىكىدەك رەقەملەر ئويۇلغان ئىدى : << 02200059>> ئۇنىڭدىن باشقا جەسەتنىڭ سالاھىيتىنى ئىنىقلىغۇدەك ھىچقاندەك يىپ ئۇچى يوق ئىدى . مەن ئۇنىڭ پۇل قاپچۇقىنى كۆرۈپ چىققاندىن كىيىن سۈرۈشتە قىلىپ بىقىش ئۈچۈن يانچۇقۇمغا سالدىم  
   بۇ يەرنىڭ قۇرلۇش ئۇسلۇبى بىر تەرەپتىن غەربى جۇ سۇلالىسى دەۋرىدىكى قەۋرە قۇرلىشىغا يەنە بىر تەرەپتىن قىچىش ئۈچۈن كولانغان ئورەككە ئوخشايتى . مىنىڭچە قەۋرىسىنى باشقىلارنىڭ قەۋرىسىنىڭ ئۈستىگە ياسايدىغان ئەخمەق ئادەم يوق ، بۇ جاي چوقۇم قەۋرە ياسىغۇچىلار ئۆزلىرىگە قالدۇرغان جاننى ئىلىپ قىچىش ئۈچۈن كولانغان ئورەك ئىدى .   
   قەدىمكى زاماندا بولۇپمۇ ئۇرۇشقاق بەگلىكلەر دەۋرىدە ئاقسۆڭەكلەرنىڭ قەۋىرسىنى ياساشقا قاتناشقان كىشىلەرگە ئۆلۈمدىن باشقا يول يوق ياكى زەھەرلەپ ئۆلتۈرىلەتتى ياكى بولمىسا قەۋرە ئىگىسى بىلەن بىللە كۆمىلەتتى . بىراق ئەمگەكچى خەلىقنىڭ  ئەقىل - پاراسىتى چەكسىز ، نۇرغۇنلىغان ھۈنەرۋەنلەر قەۋرە ياساشتىن بۇرۇنلا ئۆزىنىڭ كەلگۈسىنى تونۇپ يەتكەچكە قەۋرە ئىگىسىگە تۇيدۇرماي مەخپى قەۋرە يولى ياساپ ئۆزىگە ھاياتلىق ئىمكانىيتى قويۇپ قوياتتى . مەن بۇ تارىخى بىلىملەرنى ئويلاپ بولۇپ كان چىرىغىنىڭ يورىقىدا تۆت ئەتراپنى كۈزۈتۈشكە باشلىدىم . خۇداغا شۈكرى ، ھەقىقەتەن مىنىڭ ئوڭ تەرىپىمدىكى تامدا ئىنتاھىن كىچىك بىر ئىشىك بار ئىدى . بىراق تامدىكى بۇ ئىشىكچاق بىلەن يەر ئارىسىدا بەلگىلىك ئىگىزلىك بولۇپ ئىشىك ئاستىغا ئاللىبۇرۇن چىرىپ كەتكەن يەرگە تىرەپ قويۇلغان ياغاچ شوتا بار ئىدى . مەن تۇرغان يەر بىلەن تامدىكى ئىشىك ئارىسىدىكى ئىگىزلىكنى ھەمدە ئارلىقنى مۆلچەرلەپ ئۆزەمنىڭ سەكرەپ چىقالايدىغانلىقىمنى ھىس قىلدىم - دە ، يۈگرەپ بىرىپ سەكرەشكە تاييارلىق قىلۋاتقان شۇ دەقىقىدە نامەلۇم بىرسىنىڭ تامدىكى ئىشىكتىن بىشىنى چىقىرىۋاتقانلىقىنى كۆردۈم  
  مەن بىر قاراپلا ئۆزۈممۇ تۇيماي : " پەنزې ؛ بۇ سەنمۇ ؟؟!!! .... " دەپ ۋارقىراپ تاشلىدىم .  
   پەنزې كىچىك ئىشىكتىن ئەمدىلا چىقارغان بىشىنى كۆتۈرۈپ ماڭا قارىدى . بىراق ئۇنىڭ چىرايىدا ھىچبىر تۇيۇقسىز خۇش بولغان ئالامەتلەر كۆرۈنمەيتى . ئەكسىچە قانداقتۇر بىر قورقۇنۇچلۇق نەرسىنى كۆرۈپ قالغاندەك جىددىيلىشىپ تامدىكى ئىشىكتىن چۈشۈپ كەتكىلى تاسلا قالدى .  
    مەن ھاڭۋىقىپ نىمە بولغاندۇ دەپ ئويلاۋاتسام پەنزى دەرھال تاپانچىسىنى چىقىرىپ دەرھال ماڭا تەڭلىدى . ئەھۋال چاتاق ، پەنزى مىنى مۇردا دەپ ئويلاپ قالدىمۇ ... ئۇنداقتا ئۆلۈپ كەتسەم ماڭا ئۇۋال بولمامدۇ ... ؟؟!! مەن ۋارقىراپ : " مەن ... !!! پەنزې ئاناڭنى .... نىمە قىلىۋاتىسەن ... ؟؟؟ " دىدىم .
  پەنزى خۇددى ھىچنىمىنى ئاڭلىمىغاندەك قىلاتتى . بىردىنلا قۇلاقنى يارغۇدەك ئوق ئاۋازى . تاپانچىدىن ئوق ئۈزۈلگەن ئاۋاز بۇ كىچىككىنە بوشلۇقتا تىخىمۇ كۈچلۈك ئەكىس سادا قايتۇردى . ئوق مىنىڭ قولۇقۇمنى سىپاپ دىگۈدەك شامال ھاسىل قىلىپ كەينىمدىكى يەرگە تەگدى . ئىنتاھىن سوغۇق بىر سۇيۇقلۇق مىنىڭ ئارقا مىڭەمگە چاچرىغانلىقىنى ھىس قىلدىم . مەن دەرھال بۇرۇلۇپ ئارقامدىكى تامدا بىر نەچچە يوغان جەسەت بۈرگۈسىنىڭ ئۆمىلەۋاتقانلىقىنى ، بەزىلىرىنى ئىنتاھىن كۆرۈمسىز ئادەمنىڭ كۆڭلىنى ئىلىشتۈرىدىغان چوڭ ئىغىزنى يوغان ئىچىپ ماڭا تىكلىۋاتقانلىقىنى كۆردۈم . يەنە بىر نەچچىسى مىنىڭ باش ئۈستۈمدىكى تامغا يامىشىپ چىققان بولۇپ جەسەت بۈرگۈسى بىلەن ئارلىقىمىز پەقەت 40 سانتىمىتىر ئەتراپىدا ئىدى .
    مەن دەرھال ئارقامغا داجىپ بۇلاردىن بىر نەچچە قەدەم يىراقلىشىشنى ئويلىشىشىمغا تۇيۇقسىز تامدىكى بىر جۈپ جەسەت بۈرگۈسى پۇتىغا پۇرژىنا ئورنىتىۋالغاندەك بىرلا سەكرەپ مىنىڭ يۈزۈمگە ئىتىلدى . دەل شۇ ۋاقىتتا ئارقا - ئارقىدىن ئىتىلغان ئىككى پاي ئوق ئاۋازى ئاڭلاندى - دە ، بىشىمدىن ئۇچۇپ ئۆتكەن ئوق يۈزۈمگە ئۇرۇلايلا دەپ قالغان كىچىكرەك بىر جۈپ جەسەت بۈرگۈسىنىڭ بوشلۇقتىلا قىتىقىنى چىقىرىۋەتتى . راستىنلا قىتىقىنى چىقىرىۋەتتى . كۆزنى يۇمۇپ ئاچقۇچە يۈزۈمگە جەسەت بۈرگۈسىنىڭ قىنىمۇ ياكى مىنىڭ قىنىممۇ بىلمىدىم ، ئىشقىلىپ ئادەمنىڭ كۆڭلىنى ئىلىشتۇرىدىغان بىر خىل سۇيۇقلۇق چاچرىدى . بۇ چاغدا پەنزى ماڭا قاراپ : " ئاناڭنى ...  نىمىگە ھاڭۋىقىپ قاراپ تۇرىسەن ؟؟!! ئوق تىگەيلا دەپ قالدى .... تىز بۇياققا كەل ... !! " دەپ ۋارقىرىدى .  
   پەنزې ياردەمگە كەلگەچكە كۆڭلۈم خىلىلا خاتىرجەم بولۇپ قالدى- دە كەينىمگە بۇرۇلۇپلا قاچتىم . پەنزې يەنە بىر پاي ئوق چىقاردى . پەمىمچە يەنە بىرسىنىڭ قىتىقىنى چىقىرۋەتكەن چىغى . بۇ ۋاقىتتا مەن ئاللىقاچان يۈگرەپ ئىشىك بار تامغا يىقىنلاشقان بولۇپ بىرلا سەكرەپ پەنزېنىڭ قولىنى تۇتىۋالدىم . ئۇنىڭ ئۈستىگەتاشتىن قوپۇرۇلغان تام ئىنتاھىن قوپال بولغاچقا پۇت دەسسەپ كۈچىگىدەك بوشلۇق بار ئىدى . پەنزېىنىڭ ئۈستىدىن كۈچەپ تارتىشى  ھەمدە پۇتۇمنىڭ كۈچىگە تايىنىپ ئۈستىگە چىقىشىمغا پەنزى قىسقا سىتوۋۇللۇق مىلتىقنى چىتىدىن چىقىرىپ يەنە بىر پاي ئوق ئۈزدى . دەل شۇۋاقىتتا مىشەك چاچراپ چىقىپ ئىشتىنىمنىڭ ئىغىغا تىگىشى بىلەن تەڭ ئىنتاھىن غەلىتە ھەم ئاچچىق بىر ئاغرىق تۇيغۇسى پۈتكۈل بەدىنىمنى چىرماپ ئالدى - دە ئىغىزىمنى بۇزۇپ پەنزىگە : " موماڭنى ... مىنى ئاختا قىلىۋەتكىڭ بارمۇ ... ؟؟ !! " دەپ ۋارقىرىدىم .     پەنزى ياندۇرۇپلا : " ئاناڭنى ... ھىلىقى نەرسەڭ موھىممۇ ياكى جىنىڭمۇ ... ؟؟!! " دەپ ۋارقىرىدى .
   مەن تۇيۇقسىز كان چىرىغىنىڭ يۈگرەپ تامغا ياماشقان چىغىمدا قولۇمدىن چۈشۈپ كەتكەنلىكىنى ئىسىمگە ئىلىپ پەسكە قارىسام كان چىرىغىنىڭ ئەتراپىغا نۇرغۇنلىغان چوڭ - كىچىك جەسەت بۈرگىلىرىنىڭ توپلىشىۋالغانلىقىنى كۆردۈم . بۇنچىۋالا كۆپ جەسەت بۈرگۈسى قەيەردىن پەيدا بولغاندۇ ؟ مۇنداقلا قارىسا تۆۋەن تەرەپتىكى كان چىرىغىنىڭ يورىقىدا جەسەت بۇرگىلىىرى جىقلىقىدىن  خۇددى كۆپكۈك چىملىقلار مىدىرلاۋاتقاندەك تۇيغۇ بىرەتتى . مەن پەنزىدىن : " يەنە نەچچە پاي ئوقۇڭ قالدى ؟ " دەپ سورىدىم .  
پەنزې ئۇستىبىشىنى ئاختۇرۇپ بىر تال ئوق تاپتىدە ماڭا قاراپ :" ئاخىرقى بىر پاي شەرەپلىك ئوق قاپتۇ ...." دەپ گىپىنى تۈگەتمەستىلا بىر دانە جەسەت بۇرگىسى ئۇستىدىكى بىز  تۇرغان جايغا يامىشىپ چىقىپ بىزگە قاراپ ‹‹سش ...شس ››قىلىپ ئاۋاز چىقىرىشقا باشلىدى .
نىملا دىمىگەن بىلەن پەنزې ئىلگىرى ئەسكەر بولغان ، ئەسكەرلەرنىڭ قوغدىنش ماھارىتىنى تىخى ئۇنتۇپ كەتمىگەن ئىدى . پەنزې دەرھال قولىدىكى قىسقا ستىۋوللۇق ملتىقنى بولقىغا ئايلاندۇرۇپ مىلتىق ستىۋولۇنى قولىدا تۇتۇپ مىلتىق پاينىكى بىلەن جەسەت بۇرگىسىنى بىرلا قويۇپ كەينىدىنلا بىر پەشۋا بىلىەن جەسەت بۇرگىسنى پەسكە چۇشۇرۋەتتى . بىراق بۇ ئۇزۇن مۇددەتلىك قوغدىنش چارىسى بولالمايتتى . يەنە نۇرغۇنلىغان جەسەت بۇرگىسى ئۇستىگە قاراپ يامىشۋاتاتتى . ئىككىمز ئۇرۇپ – تىپىپ پەسكە چۈشۇرۇۋەتكەن بولساقمۇ بىراق يەنە بىر نەچچە جەسەت بۇرگىسى بەدىنىمزگە يامىشايلا دەپ قالغانئىدى . ئەگەر جەسەت بۇرگىسى بەدىنىڭزگە يامىشىۋالسا ھىچ بولمىغاندا تەتۇر ھەرىدەك پەنجىسى بەدىنڭزدىن ئازراق تىرىڭزنى گۆشىڭزگە قىتىپ شۈلىۋالاتتى . بۇ ۋاقتتا مەن پەنزىگە قاراپ :" قاچايلى ، ئۇلارغا تەڭ كەلگىلى بولمىغىدەك ...." دىيشمگە پەنزې :" قەيەرگە قاچىمىز ؟!" دەپ سورىدى . مەن كەينىمزدىكى تار يولنى كۆرستىپ :" كەينىمزدە چوقۇم چىقىش يولى بار ، سەن پەسكە قاراپ باقە، بۇ چوقۇم قەۋرىنى ياسىغان ھۇنەرۋەنلەر جىنىنى ئەپ قىچىش ئۇچۇن ياسىغان ياسىغان يول ، مەنچە مۇشۇ يولنى بويلاپ قاچساق چوقۇم قىچىپ كەتكىلى بولىدۇ ." دىدىم . پەنزې دەرھال ئاغزىنى بۇزۇپ :" ئوسرۇق ، سەن كىتاپ خالتىسى كىتاپتا يىزىلغاننىڭ ھەممىسى توغرا دەيدىكەنسەن ؟ ساڭا دىسەم ، بۇ يولنى مەن نەچچە قىتىم مىڭىپ باقتىم ، ئاناڭنى ، بەئەينى بىر ئىزىتقۇ ئوردا ، بۇ يەرگە يىتىپ كىلىشممۇ ئاسانغا توختىمىدى ، يەنە كەينىمزدىكى يولغا قاراپ قاچساق قاچانغىچە بۇ خۇدا ئۇرغۇر جاينى چۆرەىلەپ يۇرىمىزكىن تاڭ ؟!!" دىدى .
  مەن چۆچۇپ كەتتىم ، ئەجەبا مىنڭ پەرىزىم خاتا ؟ بىراق ھازىرقى ئەھۋالدا يەنە پەرەز قىلىشا چاقىت يوق . كۆز ئالدىمىزدا يەنە بىرمۇنچە جەسەت ‹‹ قۇرتلىرى ›› پەيدا بولدى .  مەن پەنزىگە قاراپ ۋاقىردىم :" نىمىلا دىمىگەن بىلەن بۇ يەردە جەسەت بۇرگىلىرگە يەم بولغاندىن ياخشى ......
 دەل شۇ دەقىقىدە ‹‹ غىچ›› قىلغان ئاۋاز ئاڭلاندى ئارقىدىنلا ئۇستىدىكى بايام مىنى توزاققا دەسسەتكەن مەخپىى ئىشىكتىن بىر ئادەم پەسكە چۇشتى . ئۇ چۇشكەن ۋاقىتتا يەردىكى جەسەت بۇرگىلىرى تۇيۇقسىز كەلگەن زەربىدىن چۆچۇپ تەرەپ – تەرەپكە قىچىشقا باشلىدى . ئۇ دەرھال ئورنىدىن تۇرۇپ :" ۋاي كاسسامھەي ، ئاناڭنى ،بۇ قانداق ئشىكتۇ ؟ تۆۋەنگە قاراپ ئىچىلىدىغان ؟" دەپلا قولىدىكى چىراقنى ياندۇرۇپ ئەتىراپقا قاراپلا ۋاقىرۋەتتى ": سىكەي ، نمىە دىگەن جىق جەسەت قۇرتى بۇ ؟؟" .
  مەن بىر قاراپلا ئۇنى تونىۋالدىم ، رەقىپلەر تار يولدا ئۇچرىشار دىگەن شۇدە ، بۇ بىر نەچچە سائەت بۇرۇن مەركىزى لەھەت رايۇنىدا بىزنى قورقۇتقان سولتەكقۇ ؟ . بايام تەرپ – تەرەپكە قاچقان جەسەت بۇرگىلىرى قايتىدىن ھىلىقى ئادەمنى قورشاشقا باشلىدى . بۇ سولتەكمۇ خىلى يامان نىمەئىكەن ، قولىدىكى چىراقنى بولقا قىلىپ يىقىنلاشقان قۇرۇتلارنى ھەدەپ ئۇرىۋاتتى . بىراق بۇ ئامال بۇنچىۋالا كۆپ جەسەت بۇرگىلىرگە كار قىلمايتتى . ناھايتى تىزلا ھىلىقى ئادەمنىڭ ئۈستىگە بىرمۇنچە جەسەت بۇرگىلىرى يامىشىپ چىقتىدە نەچچە دەقىقىدىن كىيىن ئۇنىڭ بوغۇزلىنۋاتقان چوشقىدەك ئىچىنشلىق چىكىرغان ئاۋازى ئاڭلاندى . بۇ ۋاقىتتا پەنزې قوينىدىن بىر تۇتام ھەربى سەرەڭگە تىلىنى چىقىرىپلا ھەممىسىنى تەڭلا ياندۇرۇپ پەسكە سەكرەپ چۇشتى . مەن گەرچە ئۇنى توسىۋىلىشنى ئويلىغان بولساممۇ بىراق ئۈلگۇرەلمىدىم .  
  پەنزې يەردە بىرنى يۇمىلاپلا ھىلىقى سولتەكنىڭ قشىغا باردى . ئويلاپ باقمىغان ئىكەنمەن جەسەت بۇرگىلىرى ئوتتىن قورقىدىكەن ئەمەسمۇ ؟  لىكىن ئەپسۇسلىنارلىقى شۇكى سەرڭگە ئۇزاق ۋاقىت كۆيىدىغان نەرسە ئەمەستە ! ئۇنىڭ ئۇستىگە پەنزې سەكرەپ ھىلىقى سولتەكنىڭ قىشىغا بارغۇچە سەرڭگىنىڭ يىرىمى دىگۇدەك ئوچۇپ بولغاندى .  پەنزې ۋاقىراپ تۇرۇپ مەندىن سۆرىدى :" سەندە سەرەڭگە بامۇ – يوقمۇ ؟"  مەن دەرھال ئۈستىبىشىمنى ئاختۇرۇپ بىر نەچچە تال سەرەڭگە تاپتىمدە كۆڭلۇمدە :" ئاناڭنى ، جىنىمنى تىكتىم " دەپ ئويلاپ پەنزىدىن ئۆگىنىپ بىرلا تاقلاپ پەسكە قاراپ سەكرىدىم .  بىراق كىم دىگەن بولغىيدى ئۆدەك غازنى دورىسا چىتىرقى ژىرلىپتۇ دەپ . پەسكە چۈشۇشىمگە ئاۋال يەرگە چۈشكىنى پۇتۇم ئەمەس كاسسام بولدىدە ئاغرىقتىن قولۇمنى ئىچىشمغا قولۇمدىكى سەرەڭگە جەسەت بۇرگىسى دۆۋىسىگە چۈشۇپ كەتتى . پەنزې ماڭا قاراپ ۋاقىراپ :"  ۋاي ئانامھەي ! سەن ھەممىمزنى ئۆلتۇرمەكچىمۇ ؟!"  دىدى. مەن دەرھال ئورنىمدىن تۇرۇپ كاسسامنىڭ ئاغرىقىغىمۇ قارىماي پەنزىلارنىڭ يىنغا كەلدىم . جەسەت بۇرگىلىرى ئوتتىن قورقىدىغان بولۇپ ھازىرلا يوپۇرلۇپ كىلىشى مۇمكىن ئەمەس ، لىكىن سەرەڭگە ئوتىنىڭ بارا– بارا ئاجىزلىشغا ئەگىشپ قورشاۋنى ھەدەپ كىچىكلىتىۋاتاتتى . مەن ئىختىيارسىزلا تۈپۇركىمنى يۇتىۋىتىپ كۆڭلۇمدە ئىيتتم :" قارىغاندا بۇ قىتىم راسلا يەر ئاستىغا كىرىپ ئۇخلايدىغان ئوخشايمىز ....!!!

parakende يوللانغان ۋاقتى 2014-6-21 10:25:19

قېنى بۇ قىزىقارلىق ئەسەرنىڭ داۋامى {:92:}

tewekkulchi يوللانغان ۋاقتى 2014-6-21 10:47:01

ئون تۆتىنچى باب
2013-04-24 alwasti

چوڭ تىپتىكى سىرلىق ، قورقۇنچلۇق ، تەشۋىشلىك ئەسەر
     
                                                   كىپەن ئوغىرسىنىڭ خاتىرسى
                                               1- خاتىرە 1-بۈلەك 14-باب بوتۇلكا
 
 ھىلىقى سولتەك گىلىنى قىرىپ تۇرۇپ: " يولداشلار مەن سىلەرنى بالاغا تىقىپ قويدۇم ، قارىغاندا بىز بىردەمدىن كىيىن ماۋجۇشىنى كۆرگىلى بارىدىغان ئوخشايمىز ، مەن سىمىز بۇ ئۆمرۈمدە ھىچنەرسىدىن قورقۇپ باقمىغان ، بىراق بۇنداق ئۆلۈشنى ھەرگىزمۇ ئويلاپ باقماپتىكەنمەن ..." دىدى .
    ئۇ ئۈستىگە سۇغا شۇڭغۇيدىغاندەك  بەدىنىگە چىڭ يىپىشىپ تۇرىدىغان بىر قۇر قارا رەڭلىك كىيىم كىيۋالغان بولۇپ دەسلەپتە ئۇنى كۆرگەن چىغىمدا ئازراق سىمىزلىكىنى ھىس قىلغان بولساممۇ بىراق ھازىرقىدەك بۇنچىلىك سىمىز پىنگىۋىنغا ئوخشايدىغانلىقىنى ھىس قىلماپتىكەنمەن . خۇدايا توۋا ، بۇنداق سىمىز ئادەممۇ كىپەن ئوغۇرسى بولالايدىكىنە ؟!  
  پەنزې ئىغىزىنى بۇزۇپ : " ئاناڭنى ئۆلگۈر سىمىز ، سەن نەدىن پەيدا بولدۇڭ ؟ راس گەپنى قىلسام سىنى ئۇرۇپ ئۆتۈرۋەتكۈم بار ... " دىدى  
   مەن ئۆچەي دەپ قالغان سەرەڭگىگە قاراپ يىغلىۋىتەيلا دەپ قالدىم - دە ، پەنزى بىلەن سىمىزغا قاراپ : " تىزدىن ئامال قىلىڭلار ، يەنە بىردەمدىن كىيىن كىم - كىمنى ئۇرسىمۇ ئاخىرىدا ھەممىمىز جەسەت قۇرتلىرىغا يەم بولىمىز ... " دەپ ۋارقىرىدىم . پەنزې تۆت ئەتراپقا سەپسىلىپ قارىۋەتكەندىن كىيىن قولىدىكى قىسقا سىتوۋۇللۇق مىلتىقنى سىمىزغا ، سەرەڭگە تىلىنى ماڭا سۇنۇپ تۇرۇپ : " مىنىڭچە ئۈستىمىزدىكى كىيىملەرنى كۆيدۈرسەك بەلگىلىك ۋاقىت بەرداشلىق بىرەلەيتۇق ، بىراق ھازىر سەرەڭگە تىلىنىڭ ئوتى ئۆچەيلا دەپ قالدى ، كىيىملەرگە ئوت تۇتاشتۇرماي تۇرۇپلا  قۇرۇتلارغا يەم بولىشىمىز مومكىن . مەن ئۈچنى ساناپ جەسەت بۈرگۈلىرىنى ئۆزۈمگە جەلىپ قىلىپ تۇراي ، سىلەر تىزدىن ئىشىك بار تامنىڭ قىشىغا يۈگرەپ بىرىپ بەدىنىڭلاردىن شوتا ھاسىل قىلىپ ئۈستىگە چىقىڭلار ، مىنىڭ ھەركىتىم چاققان ، ۋاقىت يار بىرىشى مومكىن ، سىلەر قىچىپ بولغاندىن كىيىن مەنمۇ قاچىمەن... تىز بولۇڭلار ... تىز ... " دەپ ۋارقىرىدى .
    مەن : " ياق " دەپ بولغىچە پەنزې سەكرەپلا ئۇ تەرەپتىكى جەسەت بۈرگۈلىرىنىڭ نەق ئوتتۇرىغا چۈشتى . ئارقىدىنلا جەسەت بۈرگۈلىرى كەلكۈن سۈيىدەك پەنزىگە قاراپ يوپۇرلۇپ سىمىز بىلەن ئىككىمىزنىڭ ئالدىمىزدا كىچىككىنە ئادەم ئۆتكىدەك يول پەيدا بولدى . مەن ۋارقىراپ ئۇنى قۇتقۇزىۋىلىشنى ئويلاۋاتسام يىنىمدىكى سىمىز مۆرەمنى قاماللاپ : " ئاناڭنى ... ئۆلگۈڭ كەلدىمۇ ؟... كۆتۈڭنى قىسىپ تىز قاچ ... !" دەپ ۋارقىرىدى . سىمىز قولۇمدىن تارتىپ يۈگرەپ ئورەك تىمى يىنىغا كەلگەندە تۇيۇقسىز كاسامدىن ئىتتىرىپ مىنى خۇددى پەستىن ئۈستىگە تاۋۇزنى ئاتقاندەك تامدىكى ئىشىككە ئىتتىرىپ چىقىرىپ ئۆزى كەينىگە بىر قەدەم يىنىپ ئوڭ پۇتى بىلەن ئورەك تىمىنىڭ قوپال تاش كىسىكىگە دەسسەپ ئۈستىگە بىرلا قاڭقىپ سول پۇتى بىلەن يەنە بىر كىسەكنى دەسسەپ پەسكە سۇنغان قولۇمنى چىڭ تۇتتى - دە كۈچەپ تارتىشىم بىلەن لىككىدە قىلىپ ئىشىك بار جايغا چىقىۋادى . مەن پەستىكى پەنزىنىڭ ھالىغا قاراپ يىغلاپ تاشلاي دەپ قالدىم . پەنزېىنىڭ پۈتۈن بەدىنىگە دىگۈدەك چوڭ - كىچىك جەسەت بۈرگۈلىرى يامىشىۋالغان بولۇپ پەنزى ئاغرىق ئازابىدىن تولغۇنۇپ ئۇياق - بۇياققا دومىلاۋاتاتتى . سىمىز ماڭا قاراپ ۋارقىراپ : " تىز ئۆمىلە! تىز بول ! بولمىسا ھەممىمىز تەڭلا تۈگۈشىمىز ! " دىدى . بىراق بۇ ۋاقىتتا مىنىڭ پەنزى بىلەن كارىم بولمىسا بولمايتى ، بۇ قورقۇنۇچلۇق ۋاقىتتا بىر قانچە جەسەت بۈرگۈسىنىڭ پەنزىنىڭ ئىغىزىغا كىرىپ كەتكەنلىكىنى كۆردۈم ، بۇ جەسەت بۈرگۈلىرىنىڭ ھۇجۇم ئىقتىدارى مىنىڭ مۆلچەرىمدىكىدىن نەچچە ھەسسە كۈچلۈك ئىدى . پەنزې بىر قانچە قىتىم ئورنىدىن تۇرماقچى بولدىيۇ بىراق ... پەقەتلا تۇرالمىدى . ئۇ بىشىنى كۆتۈرۈپ بىزگە قاراپ بوغۇق ئاۋازدا : " ئاناڭنى ،تىز قىچىڭلار ، مەن بىلەن كارىڭلار بولمىسۇن ... !!! " دەپ ۋارقىرىدى . ئاخىرىدا پەنزېنىڭ باش قىسمى پۈتۈنلەي سانسىز كىچىك جەسەت بۈرگۈلىرىنىڭ يامىشىپ چىقىشى بىلەن توسىۋىلىندى . مەن ئۇنىڭ قولىنى جەسەت بۈرگۈسىنىڭ دۆۋىسىدىن چىقىرىپ تاپانچىغا ئوخشۇتۇپ قول ئىشارىسى قىلغانلىقىنى كۆرۈپ گىلىمگە ئاچچىق بىر نەرسە تۇرۇپ قالدى . ئۇنىڭ قۇرۇت توپىدىن چىقارغان قولىنىڭ ھەممە يىرى يارلانغان بولۇپ بىر نەچچە كىچىك جەسەت بۈرگىلىرى قول تىرىسىنى تىشىپ كىرىپ قان شوراۋاتاتتى ، مەن ئۇنىڭ مەخسىتىنى چۈشەندىم ، پەنزى بىزنىڭ ئوق چىقىرىپ ئۆزىنى ئاسانراق ئۇزۇتۇپ قويىشىمىزنى ئۆتىنىۋاتاتتى . ,
    سىمىز پەنزېىنىڭ ئىچىنىشلىق ئەھۋالىغان قاراپ كۆزىنى يۇمىۋىلىپ قولىدىكى قىسقا سىتوۋۇللۇق مىلتىقنى پەنزىگە چەنلەپ تۇرۇپ ۋارقىرىدى : " بۇرادەر ، كەچۈرۈڭ !!!    
   دەل مۇشۇ دەقىقىدە ئورەك تورىسىدىكى قۇرۇلمىنىڭ ھەركەتلەنگەن ئاۋازى ئاڭلاندى - دە ئارقىدىنلا يەنە بىر ئادەم ئورەك ئىچىگە سەكرەپ چۈشتى . ( دىققەت ؛ ئۇ يىقىلىپ چۈشمىگەن ، سەكرەپ چۈشكەن ) ئۇ ئادەم ئىغىرلىق كۈچىنىڭ تەسىرىدە بەدىنى ئىگىلىپ بىر قولى بىلەن يەرنى تىرىۋالغان بولۇپ يەنە بىر قولى ئىشتىنىنىڭ يانچۇقىدا تۇراتتى . مەن ئۇنىڭ چەبدەسلىك بىلەن تورۇستىن سەكرەپ چۈشۈپ بەدەن شەكلىنى ئۆزگەرتىپ بىر قولى بىلەن يەرنى تىرەپ تۇرغان ھالىتىگە قاراپ خۇددى شاڭگاڭنىڭ گۇمپا فىلىمىنى كۆرگەندەك ھىسياتقا كىلىپ قالدىم . ئۇ شۇ ھالەتتە بىر نەپەس ئىلىشىغا ئەتراپتىكى جەسەت بۈرگۈلىرى خۇددى ساراڭ بولۇپ قالغاندەك ھەر تەرەپكە ئۆزىنى ئۇرۇپ ھىلىقى ئادەمدىن يىراقلىشىشقا باشلىدى . بىر نەچچە دەقىقىدىن كىيىن تىخى ھىلىلا كەلكۈندەك يوپۇرلۇپ كەلگەن جەسەت بۈرگۈلىرى كەلكۈن سۈيى قومغا سىڭگەندەك ناھايتى تىز سۈرئەت بىلەن ئورەك تىمىدىكى تۆشۈكچىلەردىن نەلەرگىدۇر غايىپ بولدى .  
  مەن ئۇ ئادەمنى تونۇپ خۇشاللىقىمدىن ئىغىزىم قۇلۇقىمغا يەتتى . بۇ بىزنىڭ بوتۇلكىغۇ ؟! سىمىزمۇ ھەيرانلىقىدىن ۋارقىرىۋەتتى : " ۋاي خۇدايىم بۇ سولتەك تىخى ئۆلمەپتىغۇ ؟ ! " مەن سىمىزنىڭ نىمە دەۋاتقانلىقىنى ئاڭقىرالماي بوتۇلكىنىڭ ئۈستى بىشىغا قاراپ ھەيران قالدىم . ئۇنىڭ كىيىملىرى يىرتىلىپ قارىغۇسىز بولۇپ كەتكەن ، پۈتكۈل بەدىنى قىپقىزىل قانغا بويالغان ئىدى . ئۇ قەيەردە بۇنچە ئىغىر يارلانغاندۇ ؟ بوتۇلكا يان تەرەپتىكى كۆزى يۇمىلايلا دەپ قالغان پەنزېىنى كۆرۈپ يۈگۈرۈپ بىرىپلا ئۇنى مۆرىسىگە ئىلىپ چاقماق تىزلىكىدە يۈگرەپ ئورەك تىمىغا دەسسەپ سىمىز بىلەن مىنىڭ قولۇمنى تۇتۇپ تاقلاپلا ئىشىك بار جايغا چىقتى .  
  خۇداغا شۈكرى ، ئۆلۈم - كۆرۈم ھەقىقەتەن ئاللانىڭ ئىرادىسى بىلەن بولىدۇ . بايا تىخى ئەزرائىل ئىسمىمىزنى چاقىرۋاتقان ئىدى ، ئەمدى بولسا سەكراتتىكى ئادەمگە << ياسىن سۈيى >> ئۈچۈرۈپ مۆجىزە يۈز بەرگەندەك ھەممىمىز ئامان قالدۇق . بىز ئالدىراقسانلىق بىلەن پەنزىنىڭ يارىسىنى تەكشۈرمەكچى بولىۋىدۇق بوتۇلكا بىزگە قولىنى شىلتىپ : " تىز ماڭايلى ، ئۇ قوغلاپ كىلىۋاتىدۇ ! " دىدى .
   مەن بوتۇلكىنىڭ نىمە دەۋاتقانلىقىنى بىلمىدىم ، بىراق يىنىمدىكى سىمىز بۇ گەپنى ئاڭلاپلا پۇرژۇندەك سەكرەپ ئورنىدىن تۇرۇپ كەتتى . ئۇنىڭغا قاراپ بۇ ئىككىسىنىڭ ئوخشاش بىر نەرسىگە يولۇققانلىقىنى ھەمدە بۇ نەرسىنىڭ ئىنتاھىن خەتەرلىك ياكى قورقۇنۇچلۇق ئىكەنلىكىنى ھىس قىلدىم . سىمىز دەرھال پەنزېىنى يۈددى ، مەن ئالدىدا پەنزېنىڭ كان چىرىغىدا تاشتىن ياسالغان تار يولنى يورۇتۇپ تۆتىمىز بىللە تار تاش يولنىڭ ئىچىگە قاراپ يۈرۈپ كەتتۇق .
   قانچىلىك ۋاقىت يۈگرەپ قانچە ئەگمىدىن ئەگىپ ئۆتتۇقكىن بۇنى بىلمىدىم . ئىشقىلىپ ھەممىمىزنىڭ كىيىملىرى تەردىن بەدىنىمىزگە چاپلىشىپ نەپەس ئالالماي قالغان چاغدا بوتۇلكا پەنزېنى يۈدۈپ يۈگرەۋاتقان سىمىزنى توختۇتۇپ تۇرۇپ : " بۇ جايدىكى تار تاش يول ئىنتاھىن غەلىتە ئىكەن ، ئۇ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە بىزگە يىتىشىۋالالمايدۇ ! " دىدى . مەن توختاپلا ئۇلاردىن ھىلىقى قوغلاۋاتقان نەرسىنىڭ قانداق نەرسە ئىكەنلىكىنى سورىدىم . بوتۇلكا ماڭا قاراپ خۇرسىنىپ جاۋاپ قايتۇرمىدى -دە پەنزېىنى يەرگە ياتقۇزدى . ئويلاپ باقسام بوتۇلكىنىڭ قىلغىنى توغرا ، ھازىرقى ئەڭ موھىم ئىش پەنزېىنىڭ جاراھىتىنى تەكشۈرۈش ئىدى .  
     پەنزې بۇ قىتىم راستىنلا ئىغىر يارلانغان بولۇپ بەدىنىنىڭ ھەممىلا يىرى دىگۈدەك يارا ئىغىزى . پۈتۈن بەدىنى جاراھەتكەن تولغان ئىدى . ئەگەر بىزدە ئۇنىڭ جاراھىتىگە يەتكۈدەك داكا بولغان بولسا ، تاڭساق ئىشىنىمەنكى بۇ چاغدىكى پەنزې چوقۇم << جۇڭگۇلۇق موميا >> غا ئايلىنىپ قالاتتى .  
    خۇداغا مىڭ شۈكرى .... مەن پەنزېىنىڭ جاراھىتىگە قاراپ بوينى بىلەن قورسىقىدىكى ئىككى جايدا بىر ئاز چوڭ يارا ئىغىزىنىڭ بارلىقىنى ، تىنىنىڭ باشقا يىرىدىكى يارا ئىغىزىنىڭ ئۇنچىلىك چۇڭقۇر ئەمەسلىكىنى ھىس قىلدىم . تۇيۇقسىز ئىسىمگە مۇزدەك قولىنى سىلاپ سالغان جەسەت كەلدى ، ئۇ جەسەتنىڭمۇ قورساق قىسمىدا ئەجەللىك يارا ئىغىزى بار ئىدى ، قارىغاندا بۇ كىچىك جەسەت بۈرگۈلىرى ئادەم بەدىنىنىڭ ئەڭ يۇمشاق ، نىپىز جايلىرىغا ھۇجۇم قىلسا كىرەك . )  
    بوتۇلكا قولى بىلەن پەنزېنىڭ قورساق بوشلىقىنى يەڭگىل سىلىغاندىن كىيىن بىلىدىكى كەمرىگە باغلانغان قارا ئالتۇن قەدىمى خەنجىرىنى چىقىرىپ : " ماڭا ياردەملىشىپ ئۇنى چىڭ بىسىپ تۇرۇڭلار ! " دىدى . مەن بوتۇلكىنىڭ سۆزىنى ئاڭلاپ كۆڭلۈمدە غەلىتە بىر تۇيغۇ پەيدە بولدى- دە ئالدىراپلا :" سىز نىمە قىلماقچى ؟!! " دەپ سورىدىم .  
   بوتۇلكا بۇ ۋاقىتتا پەنزېنىڭ قورسىقىغا خۇددى قاسساپ سويماقچى بولغان مال - چارۋىنىڭ قورسىقىغا تىكىلىۋاتقاندەك قاراۋاتاتتى . نەچچە دەقىقىدىن كىيىن بوتۇلكا ئۇزۇن ئىككى بارمىقىنى چىقىرىپ پەنزېىنىڭ قورساق قىسمىدىكى يارا ئىغىزى ئەتراپىنى سىلاشقا باشلىدى - دە ماڭا قاراپ : " ئۇنىڭ قورسىقىغا جەسەت بۈرگۈسى كىرىۋاپتۇ !" دىدى .  
مەن : " ئۇنداق ئەمەستۇ ؟ !" دىگەن نەزەرىدە بوتۇلكىغا قارىۋىتىپ ئارقىدىنلا سىمىزغا قارىدىم . سىمىز ئاللىقاچان پەنزېىنىڭ پۇتىنى قىمىر قىلماس قىلىپ بىسىۋالغان بولۇپ ماڭا قاراپ : " سىلەرنىڭ ئىپادەڭلاردىن قارىغاندا مەن ئۇنڭغا بەكرەك ئىشىنىمەن " دىدى– دە كۆز ئىشارىسى قىلىپ بوتۇلكىنى كۆرسەتتى .  
مەنمۇ سىمىزغا ئەگىشىپ پەنزېنىڭ قولىنى چىڭ بسىۋالدىم . بوتۇلكا ئۇزۇن ئىككى بارمىقىغا تايىنىپ پەنزېىنىڭ قورسىقىدىكى يارا ئىغىزى ئەتراپىدا بىر نەرسىنى بايقىدى بولغاي ؛ ئىككى ئۇزۇن بارمىقىنى چاقماق تىزلىكىدە ھەركەتلەندۈرۈپ پەنزېىنىڭ قورسىقى ئىچىنى بىرنى مالغۇشلاپ ، بىرلا كۈچەپ بىر دانە جەسەت بۈرگىسىنى قىسىپ ئالدى . بۇ ھەركەتلەر ئىنتايىن تىز سۈرئەت ئىچىدە تاماملانغان بولسىمۇ بىراق پەنزې ئاغرىقتىن ھەدەپ تولغىنىپ كىتىۋاتاتتى . سىمىز ئىككىمىز  بەدىنىمىزدىكى سۈت ئەمگەن بارلىق كۈچىمىزنى يىغىپ ئۇنى ئارانلا باسالىدۇق .  
" ئۇنىڭ قورسىقىدىكى جانىۋار مۇشۇ شۇ ! " دىدى بوتۇلكا قولىدىكى يىشىل رەڭلىك كىچىك جەسەت بۈرگۈسىنى بىر ياققا تاشلاپلا ماڭا قاراپ ، " ئۇنىڭ جاراھىتى خىلىلا چۇڭقۇر ئىكەن ، ۋاختىدا دىزىمفىكسىيە قىلمساق ياللۇغلىنىپ قالسا ئاۋارچىلىق ... ! "  
سىمىز قىسقا سىتىوۋۇللۇق مىلتىقتىن ئاخىرقى شەرەپلىك ئوقنى چىقىرىپ تۇرۇپ : " بولمىسا بىزمۇ ئامرىكىلىقلارنىڭ ئىلغار تەجىربىسىدىن ئۈگۈنۈپ بۇ ئوقنى ئەڭ ئىھتىياجلىق جايغا ئىشلىتەيلى ، ئوق بىشىنى چىقىرىپ مىشەك ئىچىدىكى ئوق دورىسى بىلەن ئۇنىڭ يارا ئىغىزىنى كۆيدۈرمەيمىزمۇ ؟ " دىدى .  
پەنزې دەرھال سىمىزنىڭ پۇتىغا ئىسىلىپ ئاغرىق ئازابىدىن تولغۇنۇپ تۇرۇپ : " مىنىڭ جاراھىتىم ئوق تەككەن جاراھەت ئەمەس ! ئاناڭنى سىمىز سەن  ... سەن مىنىڭ ئۈچەي باغرىمنى كاۋاپ قىلىپ يىمەكچىمۇ ؟ " دىدى – دەئىشتىنىنىڭ يانچۇقىدىن بىر باغلام داكىنى چىقاردى . داكا ئۈستىدە قان دىغى بولۇپ ئىھتىمال پەنزى ئالدىنقى قىتىم ئۆز بىشىنى ئۆزى تاڭغان ۋاقىتتا ئىشلەتكەن داكا بولسا كىرەك . پەنزې ئارقىدىنلا بىزگە قاراپ يەنە : " ھەرنىمە بولسا تاشلىۋەتمەپتىكەنمەن ، بۇنىڭ بىلەن مىنى تىڭىپ قويۇڭلار ... بۇنچىلىك ... بۇنچىلىك ... يارا دىگەن ھىچ گەپ ئەمەس " دىدى .  
   سىمىز پەنزېگە قاراپ : " يولداش ، ھازىر دىگەن قەھرىمانلىق جاسارىتىنى نامايەن قىلىدىغان پەيىت ئەمەس ، ئۈچىيىڭمۇ كۆرۈنۈپ قاپتۇ ، يەنە ئۆزەڭنىڭ دىگىنىنى قىلامسەن ؟ " دىدى – دە پەنزېىنىڭ يارا ئىغىزىنى كۆيدۈرۈشكە تەمشەلدى . بوتۇلكا بىلەن ئىككىمىز پەنزېىنىڭ پۇت – قولىنى چىڭ بىسىپ تۇردۇق . مەن ئالدىراپلا سىمىزغا قاراپ ئىيىتتىم : " قالايمىقان ئىش قىلما ! ئوق دورىسى ئۇنىڭ ئىچ باغرىنى كۆيدۈرۋەتسە ئۇنىڭ ئۆلگىنى شۇ ، ئاۋال تىڭىپ قويايلى .  
سىمىز دىگىنىمنىڭ توغرىلىقىنى ھىس قىلدى بولغاي ، ئىككىمىزگە ياردەملىشىپ پەنزېىنىڭ يارا ئىغىزىنى تىگىشقا باشلىدى . كەينىدىن مىنىڭ كىيمىمدىن بىر قانچە پارچە يىرتىپ تىڭىق ئۈستىدىن قايتىلاپ ئورىدى . بۇ جەرياندا پەنزې ئاغرىق ئازابىدىن ھۇشىدىن كىتەيلا دەپ قالغان ئىدى . مەن پەنزېىنىڭ تامغا يۆلىنىپ تەستە نەپسلىنىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ تەسىرلەندىم . قەھرىمان ، ئەزىمەت ! ئەگەردە مىنىڭ قولۇمدىكى سەرەڭگە چۈشۈپ كەتمىگەن بولسا بەلكىم پەنزېمۇ بۇ ھالغا چۈشۈپ قالماس بولغىيتى دىگەنلەرنى ئويلاپ ئازراق خىجىل بولۇش ھىسياتىمۇ قەلبىمنىڭ چۇڭقۇر قاتلىمىدا پەيدا بولۇشقا باشلىدى .  
   بۇ ۋاقىتتا تۇيۇقسىز بىر ئىش ئىسىمگە كىلىپ سىمىزدىن سورىدىم : " ئاناڭنى ھاراملىق ... سەن زادى كىم ؟!  
سىمز ئىغىزىنى ئىچىپ گەپ قىلاي دىيشىگىلا بوتۇلكا دەرھال بارمىقىنى چىقىرىپ ئاۋاز چىقارماسلىق توغرىسىدا قول ئىشارىسى قىلدى . ئارقىدىن ھەممىمىز تەڭلا ئادەمنىڭ تىنىنى جۇغۇلدىتىدىغان ‹‹ غىچ ، غىچ ... ›› قىلغان قورقۇنۇچلۇق ئاۋازنىڭ تار ت

EzQi0908 يوللانغان ۋاقتى 2014-6-21 12:07:28

چوڭ تىپتىكى سىرلىق ، قورقۇنچلۇق ، تەشۋىشلىك ئەسەر      
         
                                             كىپەن ئوغىرسىنىڭ خاتىرسى
                                 
                                          1- خاتىرە 1-بۈلەك 15-باب ئوسرۇق   

   سىمىز ئەڭ ئاخىرقى بىر پاي شەرەپلىك ئوق قالغان قسقا ستىۋوللۇق مىلتىقىنى كۆتۇرۇپ بوتۇلكىغا قاراپ : بولمىسا ئۇنىڭغا جانىنى تىكەيلى ، تۇتۇشۇپ باقمامدۇق ؟ دىدى . بۇتۇلكا قولىنى شىلتىپ قوشۇلمايدىغانلىقىنى بىلدۇردى – دە بىزنىمۇ ئۆزىگە ئوخشاش بۇرنىنى ئىتىۋىلىش توغۇرلۇق كۆز ئىشارىسى قىلىپ ،بىر قولىدا كان چىرىغىنى ئۆچۈرۋىتىپ دەرھال پەنزېىنىڭ بۇرنىنى توسىۋالدى ، يەنە بىر قولىدا ئۆزىنىڭ بۇرنىنى ئىتىۋالدى . شۇنىڭ بىلەن ئەتراپىمىزنى ناھايتى تىزلا چىكى يوق قاراڭغۇلۇق قاپلاپ غىچچىرلىغان ھىلىقى غەلىتە ئاۋازدىن باشقايۈرىكىمىزنىڭ رىتىمسىز سوققان ئاۋازىلا ئاڭلىنىشقا باشلىدى . بۇ ۋاقىتتا مەن پۈتكۈل زىھنىمنى ھىلىقى غەلىتە ئاۋازغا مەركەزلەشتۈرگەن بولۇپ ، ئاۋاز بارغانسىرى يىقىنلىشىش بىلەن تەڭ بۇرنۇمغا كۈچلۈك ، قاڭسىق قان ھىدى ئۇرۇلدى . .
بۇ ۋاقىتتا قورۇققىنىمدىن نەپىسىممۇ توختاپ قالايلا دەۋاتاتتى ، غەلىتە ئاۋاز بولسا بارغانسىرى ئىنىق ئاڭلىنىۋاتاتتى . مىڭ بۇ ئەپتىم بەئەينى ئۆلۈم جازاسى ئىجرا قىلىنىش ئالدىدىكى جىنايەتچىگە ئوخشاپ قالغان ئىدى . تويۇقسىز ئاۋاز يوقاپ كەتتى ، مەن چۆچۈپ كۆڭلۈمدە : " ئەجابا ئۇ بىزنى بايقاپ قالدى ؟... دەپ ئويلىدىم .
توپتوغرا بەش مىنۇتتىن كىيىن قورقۇنۇشلۇق ‹‹ غىچ ... غىچ ... ›› قىلغان ئاۋاز يىنىمىزدىنلا ئاڭلاندى . ۋاي خۇدايىم... بۇ ئاۋاز شۈنچىلىك ئىنىق ھەم ئۈنلۈك بولۇپ قۇلۇقىمنىڭ تۈۋىدىن كىلىۋاتقاندەك .قورۇققىنىمدىن ئىككى چىكەم ھازىرلا پارتىلاپ كىتىدىغاندەك ئاغرىۋاتاتتى . مەن سۈت ئەمگەن ئاخىرقى كۈچۈمنى چىقىرىپ ۋارقىراپ سالماسلىق ئۈچۈن ئىغىزىمنى تىخىمۇ چىڭ تۇتىۋالدىم . بەدىنىمدىن چىققان سوغۇق تەر مىنى يامغۇردا قالغان مۈشۈككە ئوخشۇتۇپ قويغان ئىدى .
بۇ بىر نەچچە مىنۇت ماڭا خۇددى بىر نەچچە يىلدەك بىلنىپ كەتتى . كاللام قۇپقۇرۇق ، مىنى كۈتۈپ تۇرغىنىنىڭ ئۆلۈم ياكى كۆرۈملىكىنى بىلمەيتىم . تەخمىنەن يەنە 30 سىكنۇت ئۆتكەن بولسا كىرەك ، ھىلىقى قورقۇنۇچلۇق ئاۋازنىڭ بارا – بارا قۇلاق تۈۋىمدىن يىراقلاپ كىتىۋاتقانلىقىنى ھىس قىلىپ كۆڭلۈمدە :ۋاي ئانامەي ، قارىغاندا ئەجىلىم تىخى توشمىغان ئوخشايدۇ دىگەنلەرنى ئويلىدىم . دەل شۇ دەقىقىدە تۇيۇقسىز ‹‹قىڭڭىدە... ›› قىلغان ئاۋاز ئاڭلاندى . ئاناڭنى ، قايسى ئەبلەخ مۇشۇنداق ۋاقىتتا ئوسۇرۋەتكەندۇ ؟ ئۇنىڭ ئۈستىگە بەك سىسىق ، خۇددى ھازىرلا سويۇلغان چوشقىنىڭ قىرىنىغا پىچاق تەككەندەك .
ھىلىقى غەلىتە ئاۋازنىڭ يوقاپ كىتىشى بىلەن تەڭلا بىرسى كان چىرىغىنى ياندۇردى . دەل شۇ ۋاقىتتا مەن ئىنتاھىن غەلىتە بىر يۈزنىڭ بۇرنۇمغا تىگەي دەپلا قالغانلىقىنى ھەمدە بىر جۈپ كۆز قارچۇقى يوق كۆزنىڭ ئۇدۇل ماڭا تىكىلىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ قورۇققىنىمدىن ئۆزۈممۇ بىلمەي ئارقىغا بىر قانچە قەدەم داجىپ كەتتىم . بۇ ۋاقىتتا بوتۇلكا " قىچىڭلار !!! ... " دەپ ۋارقىرىدى . سىمىز قارىماققا كالامپايدەك كۆرۈنگىنى بىلەن ئەمىلىيەتتە خىلىلا چاققان ئىكەن ، ئۇ بىرلا دومىلاپ پەنزېىنى يۈدۈپلا ھىچنەرسىگە قارىماي قاچتى . مەنمۇ سىمىزنىڭ كەينىدىن تۆت پۇتلۇق بولۇپ دىگۈدەك جىنىمنىڭ بارىچە يۈگۈردۈم دە ئىغىزىمنى بۇزۇپ :ئۆلگۈر چوشقا ، بايام ئوسۇرۋەتكەن سەنمۇ ؟دەپ سورىدىم .   
سىمىز خىجلبولۇپ يۈزى قىزىرىپ تۇرۇپ : " ئاناڭنى ، ئوسۇرۇقتا مەن سىمىز غوجا ئاكاڭنىڭ ئىسمى بارمىكەن ؟دەپ جاۋاپ قايتۇردى. مەن ئاچچىقىمدىن يىرىلغۇدەك بولۇپ سىمىزغا قاراپ ۋارقىرىدىم :ئاناڭنى چوشقا ، سەنھەقىقەتەن شۇم پىشانە نىمىكەنسەن. بۇ ۋاقىتتا ئالدىمدا يۈگرەۋاتقان سىمىزنىڭ ئاۋازى ئاڭلاندى : ۋاي ... ۋاي ... مەن نىمە بولغانلىقىنى بىلمەي سىمىزدىن نىمىشقا ۋايسايدىغانلىقىنى سوراي دىيشىمگە ، تۇيۇقسىز تاپىنىم ئاستىنىڭ بوشلۇققا ئايلىنىپ قالغانلىقىنى سىزىپ ئىختىيارسىز " ۋاي ... لاپ تاشلىدىم . قارىغاندا ئالدىمىزدىكى يول تۈگىگەن بولسا كىرەك . ئىككىمىزدە كان چىرىغى بولمىغاچقا يولنى كۆرەلمەي نامەلۇم يەرگە چۈشۈپ كەتكەن ئىدۇق. مەن پەسكە چۈشىۋىتىپ بۇ جاينىڭ خىلىلا چۇڭقۇرلىقىنى ھىس قىلدىم . نەچچە دەقىقىدىن كىيىن مىنىڭ خىياللىرىمنىڭ ئورنىنىڭ كاسامنىڭ ئاچچىق ئاغرىق سەزگۈسى ئىگەللىدى . ئاغرىقتىن بىشىم قىيىپ كۆزلىرىمگە يۇلتۇز كۆرۈنۈشكە باشلىغاندا كۆز ئالدىم بىردىنلا يورىدى . ئەسلىدە سىمىز ئۆزىنىڭ بۆرە كۆز چىرىغىنى ياندۇرغان ئىكەن . قارىسام بىز چۈشكەن جاي بايا مەن پەنزېلەر بىلەن بىرلىكتە جەسەت بۈرگۈسى بىلەن قانلىق ئىلىشقان تاش ئۆيگە ئوخشاش ئىدى . بىراق مەن كىسىپ ھۆكۈم قىلالايمەن ، بۇ جاي بايامقىجەسەت بۈرگۈسى بار تاش ئۆي ئەمەس . چۈنكى بۇ ئىككى ئۆينىڭ چوڭ كىچىكلىكى خىلىلا پەرىقلىىق ئىدى . سىمىز جىددىيلىشىپ تۇرۇپ :تەڭرىم ، سەن شۈنچە رەھىمسىزمۇ ؟ ...بىزنى يەنە جەسەت بۈرگۈلىرىگە تاشلاپ بىرپسەنغۇ ؟دىدى .
   كۆڭلۈمدە بوتۇلكا يىنىمىزدا بولسا جەسەت بۈرگۈلىرىدىن قورقۇپ كەتمىسەكمۇ بولىدۇ دەپ ئويلاپ قارىسام ، ئاناڭنى يىنىمدابوتۇلكا تۇرماق ئۇنىڭ سايىسىمۇ يوق ئىدى . مەن ئالدىراپلا بايام يۈز بەرگەن ئىشلارنى ئەسلەپ ئۆتتۈم . ئەجەبا بوتۇلكا كەينىمىزدىن يۈگرەۋىتىپ ئىزىپ قالدى ؟! ياق مومكىن ئەمەس ، بايام بىز ئالدىراپ قاچقان ۋاقىتتا بوتۇلكىنىڭ بىزگە ئەگىشىپ قاچقان – قاچمىغانلىقىنى ئىسىمگە ئالالمدىم . بايام قارىسامنىمىلىكىنى بىلگىلى بپولمايدىغان غەلىتە مەخلۇق بىزنى ئاسانلا قويۇپ بەردىغۇ ؟! ياق، چوقۇم بوتۇلكا ئارقىمىزدا قىلىپ ئۇنى توسۇپ بىزگە قىچىش ئۈچۈن پۇرسەت يارىتىپ بەرگەن ، چوقۇم شۇنداق ، ئۇنداقتا ئەسلىدىنلا خىلى ئىغىر يارلانغان بوتۇلكا قانداق بولۇپ كىتەر ؟؟ ... مەن خىيالىمنىڭ ئاخىرىنى ئويلاشقا جۈرئەت قىلالمىدىم .
   مەن ئويلىغانسىرى ئەھۋالىمىنىڭ چاتاق ئىكەنلىكىنى ، بۇنداق كىتىۋەرسەك بەرىبىرئۆلىدىغانلىقىمىزنى ھىس قىلدىم . _>
    سىمىز تۆت ئەتراپقا چەكچىيىپ قارىۋىتىپ پەنزېنى يەرگە ياتقۇزغاندىن كىيىن سۆڭگۈچىنى سىلاپ تۇرۇپ :ھە توغرا ، مەن سەندىن سورىماقچى ئىدىم ، سىلەرمۇ بۇ قەۋرىگە ئالۋاستى مۆھرىنى دەپ چۈشكەنمۇ ؟ " دەپ سورىدى .   
    مەن ئاڭلاپلا ھەيران قالدىم . ئەجىبا راستىنلا مۇشۇنداق نەرسە بار ؟
   سىمىز دىققىتىنى يىغىپ ئەتراپتىكى تىۋىشكە قۇلاق سىلىپ ھىلىقى غەلىتە مەخلۇقنىڭ قوغلاپ كەلمىگەنلىكىگە جەزىم قىلدى بولغاي ، پەس ئاۋازدا مەندىن :نىمە سىلەر ھىچنىمىنى بىلمەي تۇرۇپ قەۋرىگە چۈشتۈڭلار؟ ئۇنداقتاسەن بۇ لۇشاڭ بىگىنىڭ نىمىە ئىش قىلىدىغانلىقىنى بىلمەمسەن ؟دەىپ سورىدى.
    مەن سىمىزنىڭ بۇ گىپىنى ئاڭلاپ سىمىزنى سىناپ بىقىش نىيتىدە :ئۇ بەك بولسا شۇ بىر بەگلىكنىڭ بىگىدۇ ، ئاڭلىسام نىمە ئەسكەر ... ھە دوۋزاق ئەسكەرلىرىنى ئىشلىتىپ ئۇرۇش قىلالايدىكەنغۇ شۇ ؟دىدىم .
    ئوسرۇق ،   سىمىز مىنى مەنسىتمىگەندەك قارىۋەتكەندىن كىيىن ئىيىتتى : ساڭا دىسەم باغۇ ، ئاتالمىش لۇشاڭ بىگى ھەم ئەرۋاھ ئەسكەرلىرىنى ئۇرۇشقا سىلىش دىگەننىڭ ھەممىسى بىر تاغار قۇرۇق گەپ ، بۇ قەۋرىگە يوشۇرۇنغان سىر مەخپىيەتلىكىنى ساڭا دەپ بەرمىسەم سەن ئويلاپ مىڭەڭنىڭ قىتىقىنى چىقارغان بىلەنمۇ ئويلاپ يىتەلمەيسەن .

EzQi0908 يوللانغان ۋاقتى 2014-6-21 12:08:29

مىنىڭ ئىنكاسىم تەستىقلىنىپ چىقىدىغان بوپ قاپتۇ،قارا تىزىملىككە چۇشۇپ قالدىممۇ:funk::funk::funk::funk::funk::funk:

rita1028 يوللانغان ۋاقتى 2014-6-21 12:51:19

پاھ ،نېمىدىگەن نوچى چىققان تەرجىمە ، ئىشلەتكەن ئاتالغۇلىرىنى قاراڭلار تېخى ،{:92:}مەخسۇس مۇرداجەسەت فىلىملىرىنى تەرجىمەقىلىشقاقويىدىغان نوچى تەرجىمانكەن ماۋۇ {:112:}

parakende يوللانغان ۋاقتى 2014-6-21 12:58:49

نەدىن تاپتىڭلا بۇ خاتىرەنى {:87:}

tewekkulchi يوللانغان ۋاقتى 2014-6-21 13:17:19




چوڭ تىپتىكى سىرلىق ، قورقۇنچلۇق ، تەشۋىشلىك ئەسەر                                                      
                                            كىپەن ئوغىرسىنىڭ خاتىرسى
                                    1- خاتىرە 1-بۈلەك 16-باب كىچىك قول
                                     
    مەن بۇ بىر نەچچە يىلىدىن بۇيان  ئاسارە– ئەتىقە بازىرىدا تۇرۇپ ئاز بولمىغان مال ۋە ئادەم كۆرۇش تەجىربىسى توپلىغان بولۇپ بۇ ساھەدە نان يىمەكچى بولىسىڭىز كۆزىڭز ئۆتكۇر بولمىسا بولمايدۇ ، ئۇنىڭدىن باشقا  كۆزىڭىز مال تونۇش بىلەن بىرگە ئادەم تونۇشنى ئۆگىنىۋىلىشىڭز لازىم ، سىمز ھىچبىر سەمىمى – راسچىل  ئادەمگە ئوخشىمايتى . بۇنداق ئادەملەردىن راس گەپنى ئاڭلاشنىڭ ئەڭ ياخشى چارىسى تىرىكتۇرۇش . ئۇنداقلارنى تىرىكتۇرسڭىز ئۈنۈمى يان تىلفۇنىغا  پۇل قاچىلىغاندەكلا تىز بولىدۇ . شۇڭلاشقا مەن سىمزنىڭ گەپلىرىگە ئىشەنمىگەن قىياپەتتە : " خۇددى راستەكلا سۆزلەيدىكەنسەن ، سەن راستىنلا بىر نەرسە بىلسەڭ بۇ قەۋرىدە بىشى يوق چىۋىندەك ئۇياق – بۇياققا ئۈسسۈپ يۈرەمتىڭ  ؟! " دەپ سورىدىم .  
   سىمز ئويلىغىنىمدەكلا قىلتىقىمغا چۈشتى بولغاي قول چىرىغى بىلەن يۈزۈمنى يورۇتۇپ قارىۋەتكەندىن كىيىن : " ئوسرۇق ، سەن سولتەك راستىنلا  بىلمەيدىكەنسەن ؟ پىقىر سىمىز غوجىكاڭ بۇ قەۋرىگە كىرىش ئۈچۈن بىر ئايدىن كۆپرەك تەييارلىق خىزمىتى ئىشلىگەن ، سەن ئۇ لۇشاڭ بىگى دىگەننىڭ نىمە قىلدىغانلىقنى بىلمەمسەن ؟ ئەرۋاھ چىرىكلىرىنى چاقىرتىپ كىلىشنىڭ قانداق ئىش ئىكەنلىكىنىچۇ ؟ يەنە تىخى ھىلىقى ئالۋاستى مۆھىرنىڭ نىمىگە ئىشلىتىلدىغانلىقنى بىلەمسەن ؟ " دەپ سورىدى ھەمدە بىرىلىپ ئاڭلاۋاتقانلىقمنى كۆرۈپ تىخمۇ يۇقىرى ئاۋازدا  :"  مەن ساڭا دىسەم ، بۇ لۇشاڭ بىگى ، لۇشاڭ سانغۇن دىگىنى ئەملىيەتتە..... ئەمىلىيەتتە بىزگە ئوخشاش ، كىپەن ئوغىرسى !" دىدى .  
   مەن توساتتىن كەنجى تاغامنىڭمۇ مۇشۇنداق سۆزلەرنى قىلغانلىقىنى ئىسىمگە ئالدىم . بىراق ئۇلار قانداق قىلىپ لۇشاڭ بىگىنىڭ كىپىەن ئوغىرىسى ئىكەنلىكنى ئىنىقلىغاندۇ ؟  سىمىز سۆزىنى داۋام قىلىپ :" لىكىن لۇشاڭ ئۇستام بىزگە قارىغاندا نەچچە ھەسسە يامان ، ئۇ كىپەن ئوغىرلاپ بەگلىك مەرتىۋىسگە ئىرىشكەن . ھىلىقى يىپەك كىتاپتا خاتىرلىنىشچە ئۇ ئادەمنىڭ چىرىكلىرى ئادەتتە كۈندۈزى ئارام ئىلىپ كىچىسى يول يۈرىدىكەن ، بەزى ۋاقىتلاردا بارلىق ئەسكەر – چىرىكلىرى بىردەمدىلا پارغا ئايلىنىپ كەتكەندەكلا كۆزدىن غايىپ بولىدىكەندە مەلۇم ۋاقىتتىن كىيىن باشقا بىر جايدا پەيدا بولىدىكەن . ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇ ۋە ئۇنىڭ قوشۇنى بارغان جايدىكى قەدىمى قەۋىرلەردە نۇرغۇنلىغان تۆشۇك ئىچىلىپ قالىدىكەن ، سەن دەپ باقە ، بىز ئىنقلابى پۇرۇلتارىيات ماتىريالىزمچىلىرى رىئال دۇنيادا بۇنداق دوۋزاخ ئەسكەر – چىرىكلىرنىڭ بارلىقىغا قانداقمۇ ئىشىنەلەيمىز ؟! يەنە كىلىپ قەدىمقى زاماندىكى كىشىلەر ئىتايىن خۇراپى ، ئۇنىڭ چىرىكلىرىنىڭ بىردىنلا غايىپ بولىشنىڭ تىگىگە يىتەلمەي لۇشاڭ بىگى دىگەن ھارامتاماقىنى سىرلىقلاشتۇرۇپ ئەۋلىيا دەرىجىسىگە كۆتۈرۋەتكەن " دىدى .
   ئەملىيەتتە مەنمۇ بۇنداق يالغان – ياۋداق گەپلەرگە ئۇنچىلىك ئىشىنىپ كەتمەيتىم . لىكىن بەزى ئادەمنىڭ ئەقىلى يەتمەيدىغان  ئىشلار بولۇپ سىز ئشەنمەي ئامالىڭىز يوق . شۇڭا مەن ئارقىدىنلا سىمىزغا قاراپ :" سەن مۇشۇ توخۇ تۈكى پىياز شۆپتىكى ئۇچۇرلاغا تايىنىپ يەكۇن چىقاردىڭ ؟ ئۇنداقتا سەن ماتىريالىزمىچى ئەمەس ئىدىيالىزمىچى بوپ قالمامسەن ؟!" دىدىم .
  سىمىز ماڭا كۆز ئالايتىۋەتكەندىن كىيىن ئىغىز غىرچلىماسلىقىمنى ئيىتىپ سۆزىنىڭ ئاخىرىنى داۋام قىلدى : "  ئەلىۋەتتە ! ئسپات بۇلا ئەمەس ، قايىل قىلارلىقى  ئەڭ كۈچلۇك ئسپات شۇكى تارىخى يازمىلاردا خاتىرلىنىشچە ‹‹ گۇمانلىق يەتتە جەسەت ساندۇقى ›› ئۇسۇلىنى ئەڭ بۇرۇن كىپەن ئوغىرلىرى ئۆزىنىڭ قەۋرىسىدە ئىشلەتكەن ، مۇنداقلا قىلىپ ئىيتقاندا  بۇ ئۇسۇلنى كىپەن ئوغىرلىرى ئىجاد قىلغان . سەۋەبى كىپەن ئوغۇرلىرى ئۆمرىدە نۇرغۇنلىغان قەۋىرلەرنى ئوغۇرلىغان . ئۇلار ئۆلگەندىن كىيىن ئۆزىنىڭ قەۋىرسىنىڭمۇ باشقىلار تەرىپىدىن ئوغۇرلىنىشتىن قورقۇپ بۇ ئۇسۇلنى ئويلاپ تاپقان . ئۇلارچە ئىنتاھىن مۇستەھكەم ۋە مۇرەككەپ قۇرۇلمىمۇ كىپەن ئوغۇرلىرىنى توسۇپ قالالمايتى . بىردىنبىر ئامال ئۇلارنى ئىككىلەندۈرۈپ قول سىلىشقا جۈرئەت قىلدۇرماسلىق . بۇ جەسەت ساندۇقى ئىچىدىكى پەقەت بىرسىلا ھەقىقى جەسەت ساندۇقى ، قالغان ئالتىسىنىڭ خالىغان بىرىنى خاتا ئىچىپ قويۇش توققۇز ئۈلۈش ئۆلۈمدىن دىرەك بىرىدۇ . ساختا ، قۇرۇق ئالتە جەسەت ساندۇقى ئىچىگە قۇرۇلما ياكى ئىنتاھىن قۇرقۇنۇشلۇق سىھىر – ئەپسۇن ئورۇنلاشتۇرۇلغان بولىدۇ ، بۇ خىل ئۇسۇلنى سۇڭ سۇلالىسى دەۋرىگە كەلگەندە كىپەن ئوغۇرلىرىدىن باشقا كىشىلەرمۇ ئىشلىتىشكە باشلىغان ، بىراق  يەتتە جەسەت ساندۇقى ئۇسۇلى تازا توغرا بولمىغان كەسىپتىكىلەر تەرىپىدىن ئىجات قىلىنغان بولغاچقا ئادەتتىكى پۇقرالار ۋە ئاقسۆڭەكلەر ئىشلىتىشنى خالىمىغان ئۇنىڭ ئۈستىگە بىر قەۋرىگە يەتتە جەسەت ساندۇقى قويغاندا مالىيەدە ئاسانلا قىزىل رەقەم كۆرىلىدۇ " .  
   مەن ئالدىمدىكى بۇ سىمىز چوشقىنىڭ بۇنچىلىك تارىخى بىلىمىنىڭ بارلىقىغا ھەيران بولۇپ ئۇنىڭ سۆزىنىڭ تىخى تۈگىمىگەنلىكىنى ھىس قىلىپ ئالدىراپلا : " ئۇنداقتا سىنىڭچە قايسىنىڭ ھەقىقى جەسەت ساندۇقى ئىكەنلىكىنى پەرىقلەندۈرىدىغان ئۇسۇل بارمۇ ؟ " دەپ سورىدىم . سىمىز مىنىڭ پوزۇتسىيەمنىڭ ئۆزگەرگەنلىكىنى كۆرۈپ مۈرەمگە يەڭگىل ئۇرۇپ تۇرۇپ : " قارىغاندا كىچىك يولداشنىڭ ئۈگەنگىسى بار ئىكەن ، ئۇنداقتا مەنمۇ كۇڭزى ھەزىرتىمىزدەك ئادەم تەربىيلىگەندە زىرىكمەسلىك ھىسياتى بىلەن ساڭا دەرس سۆزلەي ، بۇ يەتتە جەسەت ساندۇقىنى پەرىقلەندۈرۈشتە ئامال يوقمۇ ئەمەس ، بىراق ھەممە كەسىپنىڭ ئۆزىگە چۇشلۇق قائىدىسى بار ، ئادەتتە كىپەن ئوغۇرلىرى قەۋرىدە گۇمانلىق يەتتە جەسەت ساندۇقىنى كۆرسە نەچچە تازىم قىلىپ ھىچ نەرسىگە تەگمەي چىقىپ كىتىدۇ ، بۇ كىپەن ئوغۇرلىرىنىڭ كەسىپ ئەجدادلىرىنى ھۆرمەتلىگەنلىكنىڭ ئىپادىسى . لىكىن ئىلگىرى ئاچارچىلىق يىللىرىدا تاغ يۆتكۈگۈچى نامەلۇم زاھىد قەۋرىدە يەتتە جەسەت ساندۇقىنى كۆرۈپ ئاچارچىلىقتا قائىدىنى بۇزۇپ بۇ ئۇسۇلنى بۇزۇش چارىسىنى ئويلاپ تاپقان . يەنى ، ئاۋال جەسەت ساندۇقىنى بىر بۇلۇڭغا تىكلەپ قويۇپ ئۇچلۇق لوم تۆمۈرنى ئىشلىتىپ جەسەت ساندۇقى تىگىدىن كىچىك تۆشۈك تىشىپ ، ئىلغۇچلۇق لوم تۆمۈرنى تۆشۈكتىن جەسەت ساندۇقى ئىچىگە كىرگۈزۈپ جەسەت ساندۇقىدا نىمە بارلىقىنى پەرەز قىلىپ ياكى ئىلغۇچتا ئىلىپ تارتىپ چىقىرىپ قايسىسىنىڭ ئاساسلىق جەسەت ساندۇقى ئىكەنلىكىگە ھۆكۈم قىلغان " دىدى .  
    مەن ئىختىيارسىزلا چۆچۈپ كەتتىم . كىپەن ئوغۇرسى بىلەن قەۋرە لاھىيلىگۈچىلەرنىڭ ئەقىل سىنىشىش كۆرىشىنى كىتاپ قىلىپ يازسا قانچە كىتاپ چىقار ؟ سىمىز توساتتىن چىرايىنى سىرلىق تۈسكە كىرگۈزۈپ مەن تەرەپكە ئازراق يىقىنلىشىپ تۇرۇپ : " بىراق بۇ قەۋرىدىكى يەتتە دانە جەسەت ساندۇقىنىڭ ھەممىسى قۇرۇق بولىشى مومكىن ، ھەتتا بۇ لۇ بىگىنىڭ قەۋرىسىمۇ يالغان بولىشى مومكىن " دىدى – دە  ، قولىدىكى چىراق بىلەن بايا بىز پەسكە چۈشۈپ كەتكەن ئىغىزنى يورۇتۇپ ، ھىلىقى غەلىتە مەخلۇقنىڭ قوغلاپ كەلمىگەنلىكىنى جەزىملەشتۈرگەندىن كىيىن يەنە سۆزىنىڭ ئاخىرىنى داۋام قىلدى : " ئەسلىدە بۇ يالغانچىقىنى مەنمۇ ئويلاپ باقمىغان ، بىراق مەن سىمىز غوجىكاڭ بۇ تاشتىن قوپۇرۇلغان سىرلىق ئوردىغا كىرىپ قالغاندىن كىيىن بۇ جاينىڭ غەربى جۇ سۇلالىسى قەۋرىسى ئىكەنلىكىنى بىلدىم " دىدى .
   مەن سىمىزنىڭ گىپىنى ئاڭلاپ ھاڭۋىقىپلا تۇرۇپ قالدىم . ئەجەبا بۇ يولنى قەۋرە ياسىغۇچى ھۈنەرۋەنلەر قىچىش ئۈچۈن ياسىمىغان ؟ ...
    بۇ ۋاقىتتا بىر بۇلۇڭدا ياتقان پەنزې ئىغىز ئاچتى : " سىنى كىتاپ خالتىسى دىسەم ئىشەنمەيسەن تىخى ؟  بۇ يول قانداقسىگە جاننى ئىلىپ قاچىدىغان جايغا ئوخشىسۇن ؟ سەن قايسى بىرسىنىڭ جان ساقلايدىغان مەخپى يولنى مۇشۇنداق ئەگرى – بۈگرى كولىغانلىقىنى كۆرگەن ؟ قايسى بىرسىنىڭ مۇشۇنداق غەلىتە مەخپى يول كولايدىغان ئادىتى بار ؟ " مەن قاتىق ئەجەپلىنىۋاتاتتىم . نىمىنىدۇر ئويلاپ يەتكەندەك قىلاتتىميۇ ، بىراق موھىم نۇقتىسىنى تاپالمايۋاتاتتىم ، كىممۇ  ئۆزىنىڭ قەۋرىسىنى باشقىلارنىڭ قەۋىرسىنىڭ ئۈستىگە ياسىتىشنى خالىسۇن ؟ ئۇنداق قىلىش ئەۋلاد – نەسلىنى قۇرتۇشتىن دىرەك بەرمەمدۇ ؟ ( خەنزۇلار مىيىتنى ئاستى – ئۈستى قويۇش  كىيىنكى ئەۋلادىغا تۈگىمەس بالايى – ئاپەت ئىلىپ كىلىدۇ دەپ قارايدۇ ) .
     سىمىز بىشىنى قاشلاپ تۇرۇپ:" ھەممىمىز كىپەن ئوغۇرسى ، شۇڭا ئورۇن – شارائىت چەكلىمىسىنى ئوبدان بىلىمىز ، لىكىن مەن ئورۇن شارائىت بىلىمنىڭ بىزگە قەۋرە ئورنىنى كۆرسىتىپ بىرىشتىن باشقا رولىنىڭ بارلىقىنى ھىس قىلمىدىم . ئورۇن شارائىت ھەقىقەتەن بىر خىل بىلىم ، لىكىن قەدىمكىلەرنىڭ بىلىمى ، ئۆلۈكلەرنىڭ بىلىمى ، شۇڭا بىز ھازىرقى زامان چوڭ ياخشى سوتسىيالىستىك جەمىيەتتە ياشاۋاتقان ياشلار ، ئورۇن شارائىت بىلىمىگە ئۇنچە دىققەت قىلىپ كەتمىسەكمۇ بولىدۇ ، نىمە ‹‹ داس ›› دەيتى ؟ ھە توغرا ‹‹ ئادىداس›› نىڭ بىر ئىلانى بارغۇ ؟ ‹‹ مومكىن ئەمەس  مەۋجۇت ئەمەس ›› دەيدىغان " دىدى – دە پەنزې بىلەن مىنىڭ بىرىلىپ ئاڭلاۋاتقانلىقىمىزنى كۆرۈپ مەيدىسىگە بىرنى ئۇرىۋىتىپ گىپىنى داۋاملاشتۇردى ، " ئۇنىڭ ئۈستىگە ، ئۆزىنى باشقىلارنىڭ قەۋىرسى ئۈستىگە دەپنە قىلىش ئورۇن شارائىت ئىلىمىدىمۇ تىلغا ئىلىنغانغۇ دەيمەن ، بۇنى نىمە دەيتى ... ئاناڭنى نىمە ئەجدىرھا ... ھە راست ‹‹ ئەجدىرھا ئۇۋىسىنى يوشۇرۇش ››  مۇ ئىش قىلىپ شۇنىڭغا ئوخشاش بىر نىمە دەيدۇ . بىزنىڭ بۇ غەلىتە ئىسىملار بىلەن كارىمىز بولمىسۇن ، ئىش قىلىپ ئەتراپلىق ئورۇنلاشتۇرۇپ ، ئەتراپلىق تەييارلىق قىلىنسا قەۋرىسىنى باشقىلارنىڭ قەۋرىسىنىڭ ئۈستىگە ياسىتىشنىڭ مومكىنچىلىقى ئىنتاھىن چوڭ . شۇڭا لۇشاڭ بىگى دىگەن  قەدىمقى يولداشنىڭ جەسەت ساندۇقى  چوقۇم بۇ غەربى جۇ دەۋرىدىكى قەۋرىگە يوشۇرۇنغان ، قەتئى خاتاسى يوق .
   پەنزى سىمىزنىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلاپ خىرىلداپ كۇلۇپ تاشلىدى - دە سىمىزدىن  :" سەن مۇشۇ ئەلپازىڭدا... سەنمۇ  ئورۇن – شارائىت ئىلىمنى چۇشىنىسەن ؟!" دەپ سورىدى .  
سىمىز تىرىككىنىدىن ‹‹سەن ماۋ ›› نىڭ چىچىدەك شالاڭ بۇرىتىلىرمۇ  تىتىرەپ كەتتى - دە :" نىمە ئۇ چۇشىنەمسەن دىگەن ؟.... ئەگەر مەن چۈشەنمىسەم بۇنچىلىك كۆپ نەرسىلەرنى بىلەمتىم ؟" دىيىشىگە پەنزى قاقاقلاپ كۈلۈپ كەتتى . بۇنداق قاقاقلاپ كۈلۈشتىن پەنزېنىڭ يارا ئىغىزى تارتىشىپ خىلى قاتتىق ئاغىرغان بولسا كىرەك ، قورسىقىنى چىڭ قاماللىغىنىچە سىمىزغا قاراپ : " پىقىر سىنىڭ بۇ يالغان – ياۋداق گەپلەرنى نەدىن ئاڭلاپ كەلگەنلىكىڭنى بىلمىدىم ، ئەگەر سەن راستىنلا ئورۇن - شارئىتنى چۈشەنسەڭ بىزنى بۇ ئىزىتقۇ ئوردىدىن ئىلىپ چىقىپ كەت . مەن بۇ يولنى يەتتە - سەككىز قىتىم چۆرگىلەپمۇ چىقىش ئىغىزى تاپالمىدىم " دىدى .     پەنزىنىڭ گىپىنى ئاڭلاپ تۇيۇقسىز بىر ئىش ئىسىمگە كىلىپ پەنزېدىن :" ھە راس ، ئەينى ۋاقىتتا سىلەر نىمىشقا مىنى يالغۇز تاشلاپ قىچىپ كەتتىڭلار ؟ بىلەمسەن ؟ مەن قورۇققىنىمدىن جىنىم چىقىپ كىتەيلا دىدىم . توغرا ، كەنجى تاغاملارچۇ ؟ " دەپ سورىدىم . پەنزې بەدىنىنى رۇسلاپ تۇرۇپ : " مەنمۇ بىلمەيمەن ، ئۇ ۋقىتتا ئاكاش بۇ ئۆلگۈر سىمىزنى قوغلاپ كەتتى ، كەنجى بىگىم مىنى ئارقىسىدىن قوغلاشقا يول قويمىغان بولسىمۇ بىراق مەنچە ھىلىقى ئاكاش جىددىيلەشسىلا  چوقۇم بىر ئىش يۈز بىرەتتى . ئۇنىڭ ئۈستىگە مەن ئۇ سولتەككە ئىشەنمەيتىم . مەنچە ئۇنىڭ بىزگە ئەگىشىشىدە چوقۇم بىر سەۋەپ بار . شۇڭا زادى نىمە ئىش بارلىقىنى بىلىش ئۈچۈن كەنجى بىگىمنىڭ توسىشىغىمۇ قارىماي ئۇ سولتەككە ئەگەشتىم " دىدى– دە سۆزلەپ بۇ يەرگە كەلگەندە چىرايىنى پۈرۈشتۈرۈپ ئىيىتتى : " مەن نەچچە مىنۇت يۈگرەپ قەۋرە يولىغا كەلگەندە كۆزۈمگە بىر نەرسە كۆرۈنگەندەك بولدى دە قول چىرىقىنى ھىلىقى بىر نەرسە كۆرۈنگەن جايغا قاراتسام ھىلىقى نەرسە ‹‹ شارىتلا ›› قىلىپ يوقاپ كەتتى . يۈگرەپلا ئۇ جايغا بىرىپ قارىسام تاش بىلەن تاش ئارىسىدىكى يوچۇقتا بەش بارمىقى تەڭ بىر قول تۇراتتى " .    سىمىز بۇنى ئاڭلاپ چۆچۈپ كىتىپ بىر نەرسە دىمەكچى بولدىيۇ ، لىكىن ئاۋازىنى چىقارمىدى .
   پەنزې ئۇ ۋاقىتتىكى تەپسىلاتلارنى ئەسلەپ تۇرۇپ : " ئۇ قولنى كۆرۈپ باقماقچى بولۇپ قول تەرەپكە يىقىنلاشتىم ، سەن بىلىسەن ، مەن شۇ غەلىتە نەرسىلەرگە بەكلا قىزىقىمەن ، ئەمدىلا قول قىستۇرۇلغان جايغا بىرىپ كۆز يۈگۈرتىشىمگە تۇيۇقسىز ھىلىقى قولغا ئوخشايدىغان بىر نەرسە  ‹‹ شارىتلا ›› قىلىپ ئىتىلىپ چىقىپ كانىيىمدىن بوغدى . ئۇ ئىنتاھىن كۈچلۈك بولۇپ مىنى بوغۇپ ئۆلتۈرۈپ قويايلا دەۋاتاتتى . دەل شۇ ۋاقىتتا مەن نىمە قىلىشىمنى بىلمەي يىنىمدىكى ھەربى خەنجىرىمنى چىقىرىپ ھىلىقى نەرسىگە قالايمىقان سانجىشقا باشلىدىم . ئۇ قولنىڭ بىغىشى ئىنچىكىلىكىدىن ئادەمنىڭ قورۇققىسىنى كەلتۈرەتتى . بىغىشى خۇددى ئادەتتىكى ئادەمنىڭ بارمىقىدىن ئازراقلا توم بولۇپ مۇشۇ كىچىككىنە قول بىغىشىنىڭ ئادەم تەسەۋۋۇر قىلغۇسىز كۈچى بار ئىدى . بۇ ۋاقىتتا مىنىڭ نەپىسىم قىسىلىپ كۆزلۈرۈمگە يۇلتۇز كۆرۈنۈشكە باشلىغان چاغدا ئاخىرقى كۈچۈمنى يىغىپ ئۇنىڭ قول بىقىشىغا كۈچەپ خەنجەر ئۇرۇپ، سانجىلغانغەنجەرنى كۈچەپ تۇرۇپ ئالدىمغا  سىيرىدىم . بۇنىڭ بىلەن كىكىردىكىمنى چىڭ سىقىۋالغان قول تۇيۇقسىزلا بوشىدى – دە ، يىغىلىپ تام ئارىسىغا كىرىپ كۆزدىن غايىپ بولدى " دىدى. پەنزې سۆزلەپ مۇشۇ يەرگە كەلگەندە بوينىنى سىلاپ ھىلىقى قولنىڭ يوقلىقىنى جەزىملەشتۈرگەندىن كىيىن سۆزىنى داۋام قىلىپ : " مەنچە. ئاناڭنى... تامنىڭ ئارقىسىدا چوقۇم بىر سىر بار . شۇڭا مەن تامنى تەكشۈرۈپ ئۇيەرنى سىلاپ ، بۇ يەرنى تىپىپ قايسىبىر قۇرۇلمىنى ھەركەتلەندۈرۈپ قويدىمكىن تاڭ  ، ئاناڭنى ئۆزۈممۇ بىلمەي بىز ھازىر تۇرىۋاتقان تاش ئۆيگە ئوخشاش ئۆيگە كىرىپ قالدىم . ئۇياق – بۇياققا قاراپ ئاخىرى بىز ماڭغان ئىزىتقۇ يولنى بايقىدىم . ئەگەر بۇ يولنى بايقىمىغان بولسام كەنجى بەگزادە بىلەن قاچان ئۇچۇرشارتىمكىن تاڭ ؟ " دىدى .    
     " ئۇنداقتا سەنمۇ كەنجى تاغامنىڭ قەيەردىلىكىنى بىلمەيدىكەنسەندە ؟ " دىدىم خۇرسىنىپ تۇرۇپ
    پەنزې سۆزۈمنى ئاڭلاپ بولۇپ تىخى بايىلا كەنجى تاغامنىڭ يوقاپ كەتكەنلىكىنى ئىيىتتى . مەن ئۆرۈلۈپ سىمىزدىن سورىدىم :" ئۆلگۈر چوشقا ، سەن نىمە ئۈچۈن تاش ئۆيگە چۈشۈپ قالدىڭ ؟ سەن ماڭا راس گەپنى قىل ؟ ئاناڭنى ،  ھىلىقى غەلىتە يۈزلۈك مەخلۇق سىنى قوغلاپ كەلگەنمۇ ؟ "
    سىمىز ئارقىدىنلا جاۋاپ قايتۇرۇپ : " ھەي ! سەن بۇنداق دىسەڭ مەن ياڭ نەيۋۇدىنمۇ بەكرەك ئۇۋالچىلىققا قالىمەن جۇمۇ ! مەن يۈگرەپ ھىلىقى جايغا كەلسەم نەدىن پەيدا بولغانلىقىنى بىلگىلى بولمايدىغان بىر قىرى ھىلىقى غەلىتە مەخلۇق بىلەن ئىلىشىۋاتقان ئىكەن . كەينىمدىكى مىنى قوغلاۋاتقان سولتەك بۇ ئەھۋالنى كۆرۈپ " چاتاق " دەپلە كەينىگە ئۆرۈلۈپلا قاچتى . مەنمۇ ئويلاپ باقسام ئۇ غەلىتە مەخلۇق بىلەن تۇتۇشۇپ قالسام ئامان قالىدىغاندەك قىلمايمەن ، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئىنقىلاپ ئۇچقۇنىنى ساقلاپ قىلىش لازىم . يەنە كىلىپ تەشكىل ماڭا تاپشۇرغان ۋەزىپىنى ئورۇنداپ بولالمىغانلىقىمنى ئويلاپ مەنمۇ كەينىمگە بۇرۇلۇپلا قاچتىم .  
    قىچىپ بىر يەرگە كەلگەندە ھىلىقى ئاكاش مىنى توختاشقا بۇيرىدى – دە يان تەرپتىكى تامدىن بىر يەرنى تىپىشىگىلا مەن پەسكە چۈشۈپ كەتتىم . مەن تىخى ئۇ مىنى قۇتقازغان ئوخشايدۇ دەپ ئويلاپتىمەن . ئاناڭنى پەسكە چۈشسەم ، پەستە بىر مۇنچە ئادەمنىڭ جىنىنى ئالىدىغان قۇرۇت " دىدى – دە تۆت ئەتراپقا چەكچىيىپ قاراشقا باشلىدى . خۇددى ھازىرلا تام ئارىسىدىن جەسەت بۈرگۈلىرى چىقىپ ئۇنى يەۋىتىدىغاندەك .
   بۇ ۋاقىتتا پەنزې ماڭا بىر قارىۋەتكەندىن كىيىن : " ئاڭلىدىڭمۇ ؟ ئۇ سولتەك بىز چۈشكەن قەۋرىنى بەش قولدەك بىلىدىكەن ، ئاددى ئەمەس ! چوقۇم بىر مەسىلە بار " دىدى . مەندە باشتىلا بوتۇلكىغا نىسپەتەن بىر خىل دوستانە تۇيغۇ  بار بولۇپ پەقەت ئۇ يىنىمدا بولسىلا مەندە كۈچلۈك بىخەتەرلىك تۇيغۇسى پەيدا بولاتتى . بىراق پەنزې بۇنداق دىۋىدى ئويلاپ باقسام دەرۋەقە ئۇ سولتەكنىڭ بىلىدىغانلىرى ئىنتاھىن كۆپ ، ھەتتە كەنجى تاغام بىلمەيدىغان ئىشلارنىمۇ ئۇ سولتەك بىلىدىكەن ئەمەسمۇ ؟ قارىغاندا ئۇنىڭدا راستىنلا مەسىلە بار ئوخشىمامدۇ ؟ تۇيۇقسىز قورسىقىمنىڭ ئىچىپ كەتكەنلىكىنى ھىس قىلدىم – دە سومكامدا يەنە ئازراق پىرىسلانغان پىچىنىنىڭ بارلىقى ئىسىمگە كەلدى . پىچىنىنى چىقىرىپ بىر ئاز يىمەكچى بولۇپ ئۇ ئىككىسىگىمۇ ئازراقتىن بۆلۈپ بەردىم . پەنزې بىر چىشلەپلا قەتئى يىگىلى ئۇنىمىدى . ئۇنىڭچە ؛ ئەگەر ئۈچىيى تىشىلىپ كەتكەن بولسا ھەرقانچە كۆپ يىسىمۇ بەرىبىر سىرىتقا چىقىپ كىتەتتى ، ئۇنىڭدىن كۆرە سىمىز ئىككىمىزنىڭ يىگىنىمىز ياخشىراقمىش . قاچان چىقىپ كىتىشىمىزنى بىلمىگەچكە پەنزې ئىنقىلاپ چوغلىرىنى ساقلاپ قىلىش ئۈچۈن يىگىلى ئۇنىمىدى . سىمىزنىڭ  گەرچە ئىككى ئادەمنىڭكىدەك ئىغىزى يوغان ئىچىلىپ ، شۆلگەيلىرى تۇربىدىن سۇ چۈشىۋاتقاندەك ئىقىۋاتسىمۇ پەنزېىنىڭ يىمىگەنلىكىنى كۆرۈپ داۋاملىق يىيىشتىن خىجىل بولغان چىغى ، يىيىشتىن يالتايدى . ئاخىرىدا ئۆزەمنىڭ بايامقى يولۇققانلىرىمنى ئۇلارغا بىر قۇر سۆزلەپ بەرگەندىن كىيىن جىددىيلىكىمىز بارا –بارا پەسىيىشكە باشلىدى .
    ھەممىمىز ئۈن چىقارماي بىردەم ئولتۇرغاندىن كىيىن سىمىز بۇ يەردە بىكار ئولتۇرىۋىرىشنىڭ ھىچقانداق پايدىسى يوقلىقىنى ئىيتىپ بىر ئاز ارام ئىلىۋالغاندىن كىيىن ھىلىقى ئىزىتقۇ يولغا قايتىدىن كىرىپ تەلىيىمىزنى سىناپ كۆرۈش تەكلىپىنى بەردى . پەنزېنىڭمۇ ئويى شۇنداق بولغاچقا بىز بىردەم ئارام ئىلىۋالغاندىن كىيىن ھەركەتلىنىشنى توغرا تاپتۇق .  
    ئۆزۈمنىڭ ئۇخلىغان ئۇخلىمىغانلىقىمنى بىلمەيمەن ، قانچىلىك ۋاقىت ئۆتىكىن تاڭ ، بىر چاغدا مۈگدەپ تۇرۇپ  سىمزنىڭ  ماڭا قاش ئىتىۋاتقانلىقىنى بايقىدىم . مەن باشتىلا سىمىزغا ئىشەنمەيتىم . سىز دەپ بىقىڭە ، قايسى بىر كىشى بىشىغا ئەسكى كومزەكنى كىيىۋىلىپ گۆرنىڭ ئىچىدە باشقىلارنى قورقىتىدۇ ؟ بۇنداق قىلىدىغان ئادەمنىڭ بىشىنىڭ سۈيى بار دىيىشكە بولمىسىمۇ ، چوقۇم كاللىسىنىڭ بىر تال ۋىنتىسى كەم . ھازىرقىدەك ۋاقىتتا بىرىمىز ئىغىر يارىدار ، ئۈچىمىز نىمە قىلارىمىزنى بىلەلمەيۋاتقان پەيىتتە ماڭا قاراپ شىتىلىلىك قىلىۋاتقىنىنى ؟ ئەگەر مىنىڭ ئازراق ماغدۇرۇم بولىدىغان بولسا بىرىپلا ئۇنى دەسسەيتىم .
       بىراق بۇ ۋاقىتتا پەنزېمۇ ماڭا قاراپ قاش ئىتىۋاتاتتى . ئاناڭنى ... زامان تەرەققى قىلىپ نىرۋا كىسىلىمۇ يۇقۇملۇق بولۇپ قالدىمۇ نىمە ؟ دەل شۇ پەيىتتە ئىككىسىنىڭ توختىماي سول مۈرىسنى كۆرسۈتۈپ ، ئىغىزلىرىنى مىدىرلىتىۋاتقانلىقىنى كۆردۈم . ئۇلارنىڭ ئىغىز ھەركىتىگە قارىغاندا ‹‹ قول  ... قول ... ›› دەۋاتقاندەك قىلاتتى .  قارىسام ئۇلار سوغۇق تەرلەپ كەتكەن بولۇپ مەن ئەجەپلىنىپ قولۇمغا قارىسام ھىچبىر غەلىتىلىك يوق ، ئەجەبا مىنىڭ مۈرەمدە بىر نەرسە بار ؟ مەن ئىختىيارسىز بىشىمنى بۇراپ سول مۈرەمدە سۇس يىشىل قولنىڭ تۇرغانلىقىنى كۆردۈم .


niyazdixan يوللانغان ۋاقتى 2014-6-21 14:25:48

tewekkulchi يوللىغان ۋاقتى2014-6-21 13:17 static/image/common/back.gif
چوڭ تىپتىكى سىرلىق ، قورقۇنچلۇق ، تەشۋىشلىك ئەسەر     ...

16-باب تەكرار يوللىنىپ كېتىپتۇ.

parakende يوللانغان ۋاقتى 2014-6-21 14:49:16

@tewekkulchiسادىغاڭ كىتەيلەر غاراچ - غۇرۇچ يوللاڭلار مانىڭ ئاخرىنى {:101:}

SIRLIK يوللانغان ۋاقتى 2014-6-21 14:49:44

ۋاھبەكلا قىزىقىپقالدىم دېسەبۇ ئەسەرگە ، بۇ ئەسەرنىڭ تەرجىمىسى قايسى مۇنبەردە با؟

tewekkulchi يوللانغان ۋاقتى 2014-6-21 15:13:11



چوڭ تىپتىكى سىرلىق ، قورقۇنچلۇق ، تەشۋىشلىك ئەسەر  
       
                                            كىپەن ئوغىرسىنىڭ خاتىرسى
                                   1- خاتىرە 1-بۈلەك 17. باپ  تار  كامار
                               
   مۈرەمدىكى قولنىڭ بەش بارمىقى تەڭ دىگۇدەكلا بولۇپ قول بىغىشى ئىنتايىن ئىنچىكە ، پەنزىنىڭ تەسۋىرلىگىنىگە ئوخشاش ناھايتى قورقۇنۇچلۇق ئىدى . بۇ ۋاقىتتا سىمز  ماڭا قاراپ توختىماستىن مىدىرلىماسلىق توغۇرسىدا قول ئىشارىسى قىلىۋاتاتتى . ئەمىليەتتە كۆڭلۇمدىكى گەپنى قىلسام ئۇنچىلىڭ قورقىپمۇ كەتمىدىم ، ئەگەر سىز تويۇقسىز يۇز بەرگەن قورقۇنۇچلۇق ئىشلارغا ئارقا – ئارقىدىن يولىقىۋەرسىڭز ئەكىسچە بۇنداق قورقۇنۇچلۇق ئىشلاردىن قورۇقماس بولۇپ قالىدىكەنسز ، مىنىڭ ھازىرقى ھالىتىممۇ دەل شۇنداق  .  ئۇنىڭ ئۇستىگە قورقۇنۇچلۇق ئشلاردىن بەكمۇ زىرىكىپ ئاچچىقىمدىن ئۆرۈلۇپلا ھىلىقى قولنى قاتتىق چىشلىۋالغۇم كىلىپ كەتتى . ئەلىۋەتتە ، ئەقلىم ماڭا يەنىلا مىدىرلىماي جىم تۇرۇشنى يۇيرۇق قىلىۋاتاتتى . سىمز پەنزىنىڭ مىلىتىقىنى چىقىرىپ مىلتىق پاينىكى بىلەن غەلىتە قولىنى  ئۇرماقچى بولۇپ ئەمدىلا مىلىتىقىنى كۆتۇرىۋىدى مۈرەمدىكى يىلانغا ئوخشايدىغان غەلىتە قول ‹‹ شارتلا ›› قىلىپ سىمىزنىڭ قولىدىكى مىلتىققا چاپلاشتى –دە مىلتىقىنى ئارقىسغا كۇچەپ تارتىشقا باشلىدى . بۇ ۋاقىتتا سىمز قانداقمۇ ئۇتتۇرغىنىغا تەن بەرسۇن ! سىمز دەرھاللا گۆشلۇك بەدەنىنى تىترىتىپ تۇۇپ غەلىتە قول بىلەن ئارقان تارتىش مۇسابىقىسگە چۇشتى .
  مەنمۇ بۇ ۋاقىتتا سىمزگە ياردەم بىېىش ئۇچۇن مىلىتقىنى كۇچەپ سىمزى بىلەن بىرلىكتە ئارقىغا تارتىشقا باشلىدىم . سىمزدە ئەسلىدنىلا يوق دىگەندە ئىككى ئىشەكىنىڭ كۇچى بار  بولۇپ مىنىڭ كۇچۇم بىلەن قوشۇلۇپ غەلىتە قول بىلەن تەڭلىشىپ قالدۇق . بىردمدىن كىيىن سىمىز ئىككىمىز بەرداشلىىق بىرەلمەيلا دەپ قالغان پەيىتتە پەنزى يىنىدىكى خەنجىرىنى سىمىزغا تاشلاپ بەردى . سىمز سول قولىدا خەنجەرنى تۇتىۋىلىپ ئاغزىنى بۇزۇپ تىللىۋەتكەندىن كىيىن خەنجەرنى تۆۋەندىن يۇقىرغا بىرلا شىلتىپ غەلىتە قولنىڭ بىغىشىدىن بىر پارچە تىرىسىنى شۇلىۋىلىشغا قول دەرھال مىلتىقىنى قويۇپ بىرىپ ئىنتايىن تىز سۇرئەت ئىچىدە يىغىلىپ كەينىدىكى قاراڭغۇلۇق ئىچىگە كىرىپ كەتتى . ئۇنىڭ بايامقى تىزلىكى بەئەينى يىلانغىلا ئوخشايتتى . دەل شۇ پەيىتتە سىمز بىلەن ئىككىمىز تارتىش كۇچىدىن ھاسىل بولغان ئىنرىتسىيە سەۋەبىدىن تۆت پۇتىمىز ئاسمانغا قارىغان ھالەتتە بىر مىتىرچە نىرىسىغا يىقىلدۇق .     سىمىز دەرھال چوشقىغا ئوخشاش بىرنى ئىغىناپلا ئورنىدىن تۇرۇپ غەلىتە قولنى قوغلىدى. ئەسلىدە قول يوقاپ كەتكەن قاراڭغۇلىقتا ئىنتايىن چوڭقۇر ، قاپقاراڭغۇ 4ياشلىق بالا ئۆرە تۇرالىغىدەك ئىگزلىكتىكى كامار بار ئىكەن . سىمز ھەدەپ كامارغا كىرىش ئۇچۇن تىرشىۋاتاتتى . بىراق كامار ئىغىزى كىچىك بولغاچقا سىمىز كامارغا كىرىشكە ئامالسىز قالدى–دە توختىماي ئىغىزىنى بۇزۇپ كىملەرنىدۇر تىللاپ كامارنىڭ ئەتىراپىدىكى تاشتاختىنى بۇزۇپ تاشلاش ئۇچۇن كۇچەۋاتاتتى . بىر نەچچە دەقىقىدىن كىيىن ‹‹ پۇر ....›› قىلغان ئاۋاز بىلەن تەڭ سىمىز يوغان بىر تاشتاختىنى قورۇپ چىقتى . يائاللا پىرىم !! مەن قارىسامغۇ بۇ تام خىلى مۇستەھكەمدەك  قىلاتتى ، لىكىن ئالدىمىزدىكى ‹‹ جۇڭگۇلۇق شۋاسىڭگىر›› نىڭ كۇچىشىگە بەرداشلىق بىرەلمىدىغۇ ؟ قارىغاندا قەدىمى جۇڭگو قۇرلۇش ساھەسىدمۇ  سۇپەت مەسىلىسى بولسا كىرەك . ئارقىدىنلا سىمىزنىڭ ئاۋازى ئاڭلاندى :"  تىز بۇ ياققا قاراڭلار ، بۇ يەردە كامار تۇرىدىغۇ ؟!
 ھەممىمىز تەڭلا سىمىزنىڭ قولىدىكى چىراقنىڭ يورۇقىدا ئالدىمىزدا ھەقىقەتەن  بىر كامارنىڭ بارلىقىنى بايقىدۇق .  كامار ئىچى قاپقاراڭغۇ بولۇپ قەيەرگە تۇتىشىدىغانلىقىنى بىلگىلى بولمايتتى . بۇ تاش  تامنىڭ ئارقىسىدا قاراڭغۇ كامارنىڭ بارلىقىنى خىيالىمغىمۇ كەلتۇرۇپ باقمىغانكەنمەن !  بىز يايام چۇشكەن ئۆيدىكى جەسەت بۇرگىلىرىنىڭ كۆز يۇمۇپ – ئاچقۇچە غايىپ بولىشى ئەجەپلىنەرلىك ئەمەسكەندە . پەنزى كامارنىڭ سىرتىنى سىلاپ ھاڭۋىقىپ تۇرۇپ :"  قارىغاندا ئادەم كۇچى تەىپىدىن كۆلانغاندەك قىلىدۇ ، ئەجەبا جەسەت قۇرتلىرىنىڭ لەھەت ئىچىدە ئەركىن يايراپ يۇرىشى ئۇچۇن كۆلانغان ؟؟! " دىدى.
   "سەن ئىچىدە جەسەت بۇرگىسى بار دىمەكچى ؟" دەپ سورىدى سىمىز كامارغا كىرىپ بولغان بىشىنى چىقىچىپ تۇرۇپ . پەنزې ئارقىدىنلا پەس ئاۋازدا : " مەنچە ،  قورقىشىمىزنىڭ ھاجىتى يوق ، قارىغىنا ، بايام ئاكاش يارامىنى بىر تەرەپ قىلغان چاغدا مەن ئۇنىڭ ئۇستىبىشىدىكى قىنىنى قولۇمغا سۇرىۋالغان " دىدى–دە ئىككى ئالقىنىدىكى قان دىغىنى كۆرسىتىپ تۇرۇپ ئىيتتى :"  ئىككىڭلار ئالقىنمدىكى قان دىغىنى تۇپىكڭلار بىلەن ئارلاشتۇرۇپ يۇزىڭلارغا سۈرىۋىلىڭلار ، مەنچە چوقۇم ئۇنۇمى بولىدۇ ..."
   مەن كۈلكىدىن ئۆزۇمىنى ئارانلا توختىتىپ تۇرۇپ :" ئاناڭنى ! سەن بوتۇلكنىڭ قىنىنى ئوغىرلىدىڭ ، بىلەمسەن ؟ ئۇ سىنىڭ جىنىڭنى قۇتۇزغان!"  دىدىم .
  پەنزې خىجالەتچىلىك ئىچىدى ھىجىيىپ تۇرۇپ :" ئۇ ۋاقىتتا مەنمۇ نىشقىلىقىنى بىلمەيمەن ، قارىسام ئۇنىڭ قىنى ئىقىۋىتپتىكەن ، ئىسراپ قىلماي دەپ شۇ ...." دىيىشىگە سىمىز بىزنىڭ دىيشكەنلىرىمزنى تازا ئاڭقىرالماي سورىدى :" نمىە ؟ ھىلىقى كىچىك سولتەكنىڭ قىنى جەسەت بۇرگىلىرىگە كار قىلىدۇ ؟
پەنزې ئككىمىز تەڭلا باش لىڭىشتپ مۇردا ئۆڭكۇرىدىكى ئىشلارنى ئۇنىڭغا سۆزلەپ بىرىشمزگە سىمىز ": ئۇنداقتا ياخشىغۇ ، بۇندىن كيىن ئالتۇن قازغىلى چۇشسەم ئۇنىڭ قىنى بولسلا مۇردىنىڭ ئەركىكى بولامدۇ چىشسمۇ ھەممىسىنى تىزلاندۇرىمەن تازا  ھى ...ھى " دەپ ھازىرلا پەنزېنڭ قولىدىكى بوتۇلكنىڭ قان يۇقىنى پىچاق بىلەن قىرىۋالدىغان ئەلپازدا پەنزنىڭ قولىغا تىكىلدى .
پەنزې ماڭا قاراپ ": بۇ كامارنى نىمشقا بۇ يەرگە كولىغاندۇ ؟ بىزنىڭ ھازىز بۇ كاماردىن باشقا تاللىشمىزمۇ يوققۇ ؟؟ بولمىسا بىز كىرىپ قاراپ باقامدۇق يە ؟!" دوپ سورىدى . مەن بىر خىل  مۇدىھش شامال چىقىۋاتقان كىچىك كامارغا قاراپ كۆڭلۇمدە قانداقتۇر بىر ئەنسزلىك تۇيغۇسىنىڭ پەيدا بولغانىلىقنى ھىس قىلدىم . بىراق بۇ كامارغا كىرمىسەك بۇ يەردە ئۆلۇمنى كۇتۇپ تۇرماقىتىن باشقا چارە يوق . شۇڭلاشقا باش لىڭىشتىپ قوشۇلدىغانلىقىمنى بىلدۇردۇم .  
   سىمىز ئۆزنىڭ خىرۇم كەمىرىنى ئوڭ پۇتىغا باغلاپ پەنزىگە قاراپ : " سەن  پۇتۇمغا ئىسلىۋال ، مەن ئالدىدا سىنى سۆرەپ ئۆمىلەيمەن  " دىدى -دە  قىلچە ئىككىلەنمەستىن بىشىنى ئىگىپ بىرىنچى بولۇپ كامارغا كىردى . مەن ئۇلارنىڭ بارا - بارا يىراقلاۋاتقان سايىسىگە قاراپ ئىغىزىمغا كەپلىشىپ قالغان تۇپۇركۇمنى يۈتۇۋىتىپ تەڭرىدىن مىنى ئۆز پانايىدا ساقىلىشنى تىلەپ كامارغا شۇڭغىدىم .     سىمىز ئەڭ ئالدىدا ئۆمىلەۋاتقان بولۇپ كامارنىڭ تار جايلىرىدا قورسقىنى ئىچىگە تارتىپ بەدىنىنى قورىغاندىلا ئاندىن ئۆمىلەپ ئۆتەلەيتتى . پەنزې سىمىزنىڭ تاسمىسىغا  ئىسىلىۋالغان بولۇپ سىزنىڭ ئارقىسىدىلا ئۆمىلەۋاتقان بولغاچقا سىمزغا ۋاقىردى :" ئۆلگۇر سىمىز ، يەنە يەل قويىۋىتىدىغان بولساڭ ئاناڭنى ......جۇمۇ !
   سمىز بۇ ۋاقىتتا كالىدەك پۇشۇلداۋاتقان بولۇپ ئۇنىڭ شۇ مىجەزى بىلەن پەنزېگە قايتۇرما ھۇجۇمغا ئۆتمىگىنىگە قاراپ ئۇنىڭ نەقەدەر ھىرىپ كەتكەنلىكىنى ھىس قىلدىم . ئۇچىمىز خۇددى قۇرۇتتەك ئالدىمزغا ئاستا ئۆمىلەۋاتاتتۇق . قانچىلىك ۋاقىت ئۆمىلىگىنىمزنى بىلمەيمەن . بىر ۋاقىتتا سىمىز ۋاقىراپ :" ئالدىمزدا يورۇقلۇق بار ئىكەن " دىدى - دە ئۆمىلەش سۇرئىتىنى تۇيۇقسىز تىزلىتىۋىدى سىمىزغا ئىسىلىۋالغان پەنزېنىڭ يارىسى تارتىشىپ ئاغرىقتىن چىقىرىۋەتتى . سىمىزنىڭ بۇنداق تار كامار ئىچىدە بۇ سۇرئەت بىلەن ئۆمىلىشىنى مۆجىزە دىيىشكە بولاتتى .كۆز ئالدىمىزدىكى يورۇقلۇقنى كۆرۇپ خۇدايىم تەلىيمىزنى ئوڭ قىلغان چىغى ، بۇ كامار راستىنلا يەر ئۇستىگە تۇتىشىدىغان ئوخشايدۇ دىگەنلەرنى ئويلىدىم .  
   نەچچە دەقىقىدىن كىيىن سىمىزنىڭ بىرنچى بولۇپ كاماردىن ئۆمىلەپ چىقىپلا ۋاقىرغان ئاۋازىنى ئاڭلىدىم :" ئاناڭنى ، بۇ زادى قەيەر ؟"




jaggiwar يوللانغان ۋاقتى 2014-6-21 15:42:17

قېنى ۋوي ئاخىرى يوللاڭ بىي ئاندا قىلماڭ ئوجون................................

tewekkulchi يوللانغان ۋاقتى 2014-6-21 16:38:13


چوڭ تىپتىكى سىرلىق ، قورقۇنچلۇق ، تەشۋىشلىك ئەسەر  
                                                   كىپەن ئوغىرسىنىڭ خاتىرسى  
                                       1- خاتىرە 1-بۈلەك 18-باب گىگانىت دەرەخ

     مەن ئاۋايلاپ دىگۇدەك كاماردىن ئۆمىلەپ چىقتىم . كامارنىڭ سىرتىدىكى چوقچىيىپ چىققان كىچىككىنە قورام تاش ئۈستىدىلا دەسسەپ تۇرغىدەك بوشلۇق بار بۇلۇپ تاشنىڭ نىرىسى تىك يار ، تەخمىنەن يەر يۇزدىن  15مىتىر ئىگىزلىكتە ئىدى . ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ بىز تۇرىۋاتقان كامارنىڭ چىقىش ئىغىزىدا شامال كۈچلۇك بولغاچقا مەن ھاڭ تىمغا چاپلىشىپ تۇرغاندىلا ئەتىراپنى كۆزىتەلەيتتىم .
    راس گەپنى قىلسام  مەن بۇ جاينى قانداق تەسۋىرلەشنى بىلمەيلا قالدىم ، كۆز ئالدىمدا تەبىئى شەكىللەنگەن پۇتبول مەيدانى چوڭلۇقىدىكى تاغ ئۆڭكۈرى تۇراتتى . ئۆڭكۈرنىڭ تورىسدا خىلىلا چوڭ يىرىق بولۇپ ئاي يورۇقى مۇشۇ يوچۇقتىن ئۆتۇپ ئۆڭكۇر ئىچىنى يورۇتىۋاتاتتى . مەن ھازىر تۇرغان جاي ئۆڭكۈرنىڭ غەربى تەرىپىدىكى تاش تام ئۈستىدە بولۇپ ئەتىراپىمدا ياماشقۇدەك ھىچقانداق نەرسە يوق ئىدى . مەن ئەتىراپىمغا كۆز يۈگىرتۈپ ئۆڭكۈر تىمنىڭ كۆپ قىسم جايلىرىدا بايا بىز ئۆمىلەپ چىققان كامارئىغىزىغا ئوخشاش نۇرغۇنلىغان  كامار ئىغىزنىڭ بارلىقىنى بايقىدىم . پەمىمچە نەچچە مىڭ كامار ئىغىزى ، تۆشۇكچىلەر بار بولىشى مومكىن . ئۆڭكۈر تىمىدىكى تۆشۇكچىلەرنىڭ كۆپلىكىگە قاراپ بۇ تامغا سىانسىز دەرىجىدىن تاشقىرى چوڭ زەمبىرەك ئوقى تەككەن بولسا كىرەك دەپ ئويلاپ قالدىم .
     بۇ جاينىڭ ئادەمنى ئەڭ ھەيران قالدۇرىدىغان يىرى شۇكى ؛ ئۆڭكۇر ئوتتۇرسىدا 10نەچچە قەۋەت بىنا ئىگىزلىكىدىكى ، ئون نەچچە ئادەمنىڭ غۇلىچى يەتمەيدىغان گىگانىت دەرەخ بار ئىدى . ئۇ چوڭ دەرەخنىڭ ئۇستىگە قالايمىقان تارتقان توك سىمىدەك نۇرغىنلىغان پىلەك غوللۇق ئۆسۇملۇكلار يامىشىپ كەتكەن بولۇپ بىر –بىرى بىلەن چىرمىشىپ دەرەخ ئۈستىدىكى ياماشقىلى بولىدىغان جاينىڭ ھەممىسىنى قاپلاپ كەتكەن ئىدى .     غەلىتە ئۆسۇملۇكنىڭ بەزىسى دەرەخ ئۈسىتىدىن پەسكە ساڭگىلاپ قالغان ، يەنە بەزىسى دەرەخ ئاستىغىچە ئۆسۈپ يەرگە تىگپ قالغان ئىدى .  ھەتتا بەزىلىرى ئۆڭكۈر تىمىدىكى كامارغا قاراپ ئۆسۈپ كامار ئىچىگە كىرىپ كەتكەن ئىدى .  
   ئومۇمەن قىلىپ ئىيقاندا ئۆڭكۈر  ئىچىدىكى يامىشىش ئىمكانىيتى بار يەرنىڭ ھەممىسىدە بۇ خىل ئۆسۈملۈكنىڭ سايىسىنى كۆرگىلى بولاتتى .
   سەپسىلىپ قارىغاندا ئۆسۈملۈك چىرمىۋالغان دەرەخ شىخىغا بىر نەرسىنىڭ ئىسىقلىق تۇرغانلىنى كۆرگىلى بولاتتى . مەن دەسلەپتە بۇ گىگانىت دەرەخنىڭ مىۋىسى بولسا كىرەك دەپ ئويلىغان بىراق تىخمۇ ئىنچىكلەپ قاراپ ئىسىقلىق نەرسىنىڭ دەرەخ مىۋىسگە ئوخشىمايدىغانلىقنى ھىس قىلدىم . ئىسىقلىق نەرسىلەر بەزىدە شامالغا ئەگىشىپ يەڭگىل تەۋرىنىپ ئادەمدە ئىنتايىن غەلىتە كۆرۇش سىزىمى ھاسىل قىلاتتى .
  ئۆڭكۇر ئاستىدا ئەتىراپى تاشتىن توسۇلغان تۆت مىتىر كەڭلىكتە كارىدۇر ياسالغان بولۇپ بۇ كارىدۇر نەزىر چىراق سۇپىسىدەك كىچىك بىر قۇرۇلۇشتىن باشلىنىپ تاكى چوڭ دەرەخنىڭ شىخى ئاستىغىچە سوزۇلغان ، ھەمدە كارىدۇرنىڭ ئاخىرلاشقان يىرىدە ئون نەچچە پەشتاقىلق تاش پەلەمپەينىڭ ياسالغانلىقىنى ، پەلەمپەي ئۈستىگە قاشتېشىدىن ياسالغان كارۋاتنىڭ قويۇلغانلىقىنى ، كارۋات ئۈستىدە بىرسىنىڭ ياتقانلىقىنى غۇۋا كۆرگەندەك بولدۇم . بىراق ئارلىق يىراق بولغاچقا ھىلىقى تاش كارىدۇردىن باشقا نەرسىلەر راسمۇ ياكى مىنىڭ تۇيغۇممۇ بۇنىڭغا ھۆكۇم قىلالمايتىم .
  سىمىز ھاياجىنىنى باسالماي :" ئاناڭنى ، پىقىر ئاخىرى ئىزدەپ تىپىپتۇ دە ! بۇ يەر چوقۇم غەربى جوۋ قەۋرىسىنىڭ مەركىزى لەھەت رايۇنى ، قاشتىېشى كارۋات ئۈستىدە ياتقىنى چوقۇم لۇشاڭ  بىگىنىڭ جەسىتى ، لۇشاڭ بىگى دىگەن سولتەك ئىنساپسىز بىر نىمە ئىكەن ، باشقىلارنىڭ قەۋرىسىنى ئوغىرلىغىنى ئاز دەپ ئۆزىنىڭ جەسىتىنى باشقىلارنىڭ قەۋرىسىگە قويىۋالغىنى نىمىسى ؟ بۈگۈن مەن سىمز غوجام تەڭرى يولىنى تۇتۇپ ئۇ سولتەككە  كەسپى ئەخلاقى يوق كىپەن ئوغىرسىنىڭ قانداق ئاقىۋەتكە قالدىغانلىقنى بىر تونۇتۇپ قوياي !!" دەپ ۋاقىرۋەتتى . ئۇ خۇشاللىقىدىن ئۆزىنىڭمۇ بىر كىپەن ئوغىرسى ئىكەنلىكىنى ئۇنتۇپ ئۆزىنمۇ قوشۇپ تىللىۋەتتى .  
   بۇ چاغدا پەنزې تۇيۇقسىز : " سىلەر قاراملىق بىلەن ئىش قىلماڭلار ، لۇ شىياڭ بىگى ئىنتاھىن غەلىتە ، بۇ يەردە باشقىچە بىر سىر بولىشى مومكىن ، مىنىڭچە بىز ئامال قىلىپ ئۈستىدىكى يوچۇققا يامىشىپ يەر ئۈستىگە چىقىپ كىتەيلى " دىدى .  
      مەن بىشىمنى كۆتۇرۈپ تورۇسقا قاراپ ھەيران قالغىمنىدن تىلىمنى چىشلەپ سالدىم. ئۆڭكۈر تورىسىغا يامىشىپ چىقىش ئاسان گەپ ئەمەس ، ئۆڭكۈر تىمىغا ياماشتۇق دىگەن تەقدىردىمۇ تورىستىكى يوچۇققا قانداقمۇ چىقارمىز ؟ بەلكىم بىز ئۆمۈچۈك پالۋان بولساق مۇمكىن بولار ، شۇڭلاشقا سىمىزنىڭ پىكىرىنى ئاڭلاپ بىقىش ئۈچۈن سىمىزغا قارىسام سىمىزنىڭ ئاستىنقى بەدىنى ياردىن چۈشۈش ئۈچۈن ئۈزۈك ئۆڭكۈر تىمىغا ئىسىلىپ بولغان ئىدى . سىمىزنىڭ پۇت - قولىنىڭ چاققانلىقىنى بىردەمدىلا بىر - ئىككى مىتىر يامىشىپ چۈشۈپ بولغانلىقىنى كۆرۈپ توسۇش نىيتىمدىن ياندىم . سىمىز يەنە بىر كامار ئىغىزىغا يامىشىپ پۇتىنى تۆۋەن تەرەپكە يۆتكەي دىيشىگە توساتتىن كامار ئىچىدىن بىر قول ئىتىلىپ چىقىپ ئۇينىڭ پۇتىنى " كاپلا  " قىلىپ تۇتۇۋالدى . سىمىز قورۇققىنىدىن چۆچۈپ كىتىپ پۇتىنى كۈچەپ سىلكىپ ھىلىقى قولنى چۈشۈرۋەتمەكچى بولىۋىدى ، ئارقىدىنلا كاماردىن بىر كىشىنىڭ ۋارقىرىغان ئاۋازى ئاڭلاندى .  " مىدىرلىما ، يەنە بىر قەدەم مىدىرلىساڭ ئۆلگىنىڭ شۇ "    مەن بۇ تونۇش ئاۋازنى ئاڭلاپ خۇشاللىقىمدىن سەكرەپ كەتتىم . " كەنجى تاغا ... بۇ سەنمۇ ؟ !!
   ئارقىدىنلا تۆۋەندىكى كاماردىن ئاۋاز قايىتتى . :"چوڭ جىيەنىم ... ئاناڭنى ... سەن نەلەردە يۈردۈڭ ..؟  مىنى ئەنسىرىتىپ ئۆلتۈرەيلا دىدىڭغۇ ؟ ساڭا بىرەر ئىش بولمىغاندۇ ؟ "
  ئاڭلىسام ھەقىقەتەن كەنجى تاغامنىڭ ئاۋازى ، مەن خاتىرجەم بولۇپ چوڭ بىر نەپەس ئالغاندىن كىيىن : " ماڭا ھىچ ئىش يوق ، بىراق پەنزې يارلاندى ، ھەممىسى مۇشۇ سىمىز ھارامتاماقنىڭ كاساپىتى " دەپ ۋارقىرىدىم - دە ، ھاڭغا قاراپ بىقىش ئۈچۈن بوينۇمنى سوزۇپ پەسكە قارىدىم . سىمىز دەسسەپ تۇرغان كامار دەل مەن تۇرغان يار تەرەپكە چوقچىيىپ چىققان قۇرام تاشنىڭ ئاستىدا بولغاچقا بىر قاراپ بىشىم قىيىپ بۇ نىيتىمدىن ياندىم ،  ئارقىدىنلا سىمىزنىڭ يىلىنغان ئاۋازى ئاڭلاندى : " پىشقەدەم يولداش، پۇتۇمنى قويىۋەتسىڭىز بولامدۇ ؟ "
     كەنجى تاغام ئىغىزىنى بۇزۇپ : " ئۆلگۈر سىمىز سەن زادى كىم ؟  ئاناڭنى ئازراق گەپ قىل ، قالايمىقان دەسسىمەي تىز چۈش ، بۇ غەلىتە ئۆسۈملۈكلەرگە ھەرگىز تىگىپ كەتمە ! " دەپ ۋارقىرىدى .  
     ئارقىدىنلا : " سىمىز قايسىسىغا تەگمەيمەن ؟ ماۋۇنىڭغىمۇ ياكى ئاۋۇنىڭغىمۇ ؟ " دەپ پۇنىڭ ئۇچىدا غەلىتە ئۆسۈملۈكلەرنى كۆرسىتىشىگە ، كەنجى تاغامنىڭ " ياق  !!! " دەپ ۋارقىرىغان ئاۋازى ئاڭلىنىشى بىلەن تەڭلا ، قارىماققا ئادەتتىكىدەك كۆرىنىدىغان ياماشقاق ئۆسۈملۈك خۇددى يىلاندەك بىشىنى كۆتۈرۈپ ، دەقىقە ئىچىدە گۈلگە ئوخشاش ئىچىلدى . ياق  گۈلگە ئوخشاش ئىچىلدى دىگەندىن تۈگۈگۈك مۇشتىمىنى ئاچتى دىسەم مۇاپىق بولىدۇ . بۇ نەرسە مۇنداقلا قارىسا ئالۋاستىنىڭ قولىغا ئوخشايتتى . ئۇ بىشىنى كۆتۇرۇپ ئۇزۇن تىنىنى تىكلەشتۇرۇپ سىمىزنىڭ تۇرغان جايىنى مۇقىملاشتۇردى بولغاي سىمىز قاياققا مىدىرلىسا ئۇمۇ سىمىزغا ئەگىشىپ شۇ ياققا مىدىرلايتتى . مەن غەلىتە ئۆسۇملۈكنىڭ سىمىزغا ئەگىشىپ مىدىرلىشنى كۆرۇپ ھىندىستانىڭ يىلان ئوينىتىش ئويۇنىنى كۆرگەندەك بولدۇم -دە توساتتىن چۆچۈپ كەتتىم ، ئەسلىدە  پەنزې ئىككىمىز كۆرگەن بەش بارمىقى تەڭ ئالۋاستى قولى بۇ ئۆسۇملۈك ئىكەندە!
    سىمىز ھەقىقىەتەن ئويۇنغا ئامراق ئىدى . بۇ ۋاقىتتا ئۇ بىر پۇتىدا كامار ئىغىزىغا دەسسەپ يەنە بىر پۇتىىنى ھاۋادا پۇلاڭلىتىپ چەمبىرەك ھاسىل قىلىپ غەلىتە ئۆسۇملۈكىنى ئۇسۇلغا سىلىۋاتاتتى . مەن كۆڭلۈمدە بۇ ئەبلەخكە راسلا ئىشەنگىلى بولمايدۇ ، مۇشۇنداق چاغىدىمۇ قىلۋاتقان قىلىقىنى ، ئۇنىڭ يالغۇز بىر ئۆزىنىڭ ئالتۇن قازغىلى چۇشكەنلىكى ئەجەپلىنەرلىك ئەمەسكەن ، ئەگەر ئۇ بىزگە ئەگەشسە ھامىنى بىر كۇنى بىزنى چوڭ بالاغا تىقىدۇ .......دىگەنلەرنى ئويلاۋاتسام كەنجى تاغامنىڭ ئاچچىقتىن ۋاقىرغان ئاۋازى ئاڭلاندى :" ھەي چوشقا ، بولدى قىلامسەن يوق ؟ تىز چۈشۈپ كەت "  كەنجى تاغامنىڭ گىپى تۇگىمەيلا سىمىز پىشكەلچىلىككە يولۇقتى . غەلىتە ئۆسۈملۇك بىردىنلا سىمىزنىڭ پۇتىغا چىرمىشىپ بىر يۆگىشىپلا سىمىزنى تىك ياردىن چۈشۇرۋەتكىلى تاسلا قالدى ، تاش ئويدىكى چاغدا سىمىز بىلەن ئىككىمىز بىرلىشىپمۇ ئالۋاستى قولىنىڭ كۇچىگە تەڭ كىلەلمىگەن ، ھازىر سىمىز تىك يار ئۇستىدە ، كۇچىگىدەك ئورۇن ھەم ماجالى يوق . قارىسام سىمىز بولالمايلا قالدى ،شۇڭا مەن تاش پارچىسى تىپىپ ئۇ نەرسىنى سوقماقچى بولۇپ قارىسام بۇ تاقىر تاغدا كىچىكرەك تاش باردەك قىلمايتتى . مەن ئۇياق -بۇياقنى قالايمىقان سىلاپ تاش پارچىسى ئىزلەۋەتسام تۇيۇقسىز پۇتۇمغا بىر نەرسە ئۇرۇنغاندەك بولىۋىدى دەرھال بىشىمنى تۆۋەن سىكىپ پەسكە قارىدىم . چاتاق ! پۇتۇمغا قەيەردىن پەيدا بولغانلىقىنى بىلگىلى بولمايدىغان بىر  ئالۋاستى قولى چاپلىشىۋالغان ئىدى . مەن دەل شۇ پەيىتتە بىر   نەرسىنى تۇتىۋىلىشنى ئويلىغان بولساممۇ لىكىن ئۈلگىرەلمىدىم . ئىنتايىن كۈچلۈك بىر كۈچ <<شارىتلا >>  قىلپ تارتقاندەك بولدى-دە نىمە ئىش بولغانلىقىنى ئاڭقىرالماي قارىسام ئۆزۇمنىڭ بوشلۇقتا ئۇچىۋاتقانلىقمنى بايقىدىم .
  ئۇ دەقىقدىكى تۇيغۇ خۇددى ماڭا بىردىنلا قانات چىقىپ قالغاندەك بولۇپ نەچچە دەقىقىدىن كىيىن << جاققىدە >> قىلغان ئاۋاز قۇلاق تۈۋىمدە ئاڭلىنىشى بىلەن تەڭ ئۆزۇمنىڭ قانداقتۇر بىر يارگە سوقۇلۇپ كەتكەنلىكىنى بايقىدىم .  سوقۇلۇشتىن كۆزۇمدىن ئوت چاقناش بىلەن تەڭلا ئىغىز -بۇرنۇمدىن قىپقىزىل قىنىم چاچىراپ چىققىنى ھەمدە پۇتۇمغا يۆگىشىۋالغان ئالۋاستى قولىنىڭ مىنى كۇچەپ پەسكە تارتىۋاتغانلىقىنى ھىس قىلدىم . دەل شۇ پەيتتە مەن ئىختىيارسىزلا قول بارماقلىرم يىرىلىپ قاناپ تىرناقلىرىم يۈلۇنۇپ كەتكۇدەك كۇچەپ تاتىلاپ ئەتىراپىمدىكى بىر نەرسىگە ئىسلىۋالماقچى بولدىميۇ بىراق ھىچ نەرسىنى تۇتالىمىدىم ، ئارقىدىنلا ئىغىرلىق كۇچىنىڭ تەسىرىدە 15 مىتر ئىگىزلىكتكى تىك ياردىن پەسكە قاراپ چۇشۇپ كەتتىمدە ئىختىايسىز كۆزۇمىنى يۇمۇپ كۆڭلۇمدە ": تۇگەشتىم ، ئۆلىدىغان بولدۇم ، قۇدرىتى چەكسز ئاللا ئىگەم ، ياتقان جايىمىنى جەننەتتە قىغايسەن ؟!!" دىگەنلەرنى ئويلىدىم .
مەن دەل  تىك ياردىن پەسكە چۇشىۈپ كىتىۋاتقان دەقىقىدە مىنىڭ ھىدىم يەنە ئۈچ - تۆت تۇپ ئالۋاستى قولىنى جەلىپ قىلغان چىغى ، ئۇلار تىك يار ئاستىدىن چاقماق تىزلىكىدە يوپۇرلۇپ ئارىسدىكى ئەڭ تومى بوغما يىلاندەك  بىلىمدىن يۆگەپ ئالدى قالغانلىىرى پۇت -قولۇمغا چىرماشتى ، ئارقىدىنلا ئۆسۈملۈكنىڭ كۇچەپ يۇقىرىغا تارتىشى بىلەن تەڭ ئارقا مىڭەم يار تىمىغا قاتتىق ئۇرۇلدى -دە قۇلىقىم غوڭلىداشقا باشلاپ كۆزۈم قاراڭغۇلىشىپ ھوشىمدىن كىتەيلا دەۋاتاتتىم  ، بەلكىم ھوشۇمدىن كەتكەندە ئۆلسەم ئاسانراق ، ئاغرىقسىز ئۆلەرمەن ! لىكن ئۇ دۇنياغا بارغاندا بوۋام مەندىن قانداق ئۆلدۇڭ ەپ سوراپ قالسا ھۇشمدىن كىتىپلا ئۆلدۇم دەپ جاۋاپ بەرسەم بوۋام مىنى نىمە دەر ؟  شۇ دەقىقىدە  نەچچە تۇپ غەلىتە ئۆسۈملۈك مىنى ئۈسىتگە سۆرەۋاتاتتى . سۆرىلىش جەريانىدا بىشىم تاشقا تەگمىسە بەدىنىم دەرەخ شاخلىرىغا ئۈرۇلاتتى ، ئۈرۇلۇپ -سوقىلىۋىرىپ  ئاغىرىقنىمۇ سەزمەس بولۇپ قالغان چاغدا رەمەتلىك بوۋام كۆزۇمگە كۆرۇنگەندەك بولدى  
    ئاخىردا ئۆزۇمىنىڭ توختاپ قالغانلىقمنى ھىس قىلغان ۋاقىتتا  بىشم قىيىپ كۆڭلۇم ئىلىشىۋاتاتتى . كۆزۇمنى ئىچىشقا ئۇرۇندىميۇ بىراق ھەر قانچە قىلپمۇ كۆزۈمىنى ئاچالمىدىم ، بىر نەچچە قىتىم چوڭقۇر نەپەس ئىلىپ بارا -بارا ئىسىمگە كىلىشىم بىلەن تەڭ كۆزۈممۇ يورۇشقا باشلىدى .
    بۇ ۋاقىتتا مەن ئۆزۈمنىڭ ھىلىقى گگانىت دەرەخنىڭ چوڭ شىخىغا ئىسىقلىق ئىكەنلىكىمنى بايقىدىم . پەسكە ساڭگلاپ قالغان بىشىمنىڭ ئاستىدا سىرلىق جەسەت قويۇلغان جەسەت سۇپىسى بار ئىدى . مەن سەپسىلىپ قاراپ ھەيران قالدىم . ئەسلىدە جەسەت سۇپىسىنىڭ ئۈستىدە ئىككى جەسەت بولۇپ بىرسى ئايالنىڭ جەسىتى ئىدى .  بۇ ئايالنىڭ جەسىتىگە يىپەك رەخىت يىپىلغان بۇلۇپ بىر جۈپ كۆزى چىڭ يۇمۇلغان چىرايىدىن بىر خىل خاتىرجەمىلىك چىقىپ تۇراتتى . ئۇنىڭ ئۈستىگە ئايالنىڭ جەستىدە ھىچبىر چىرىگەن ئالامەتلەر يوق بۇلۇپ خۇددى بايا ئۇخلاپ قالغاندەك كۆرۈنەتتى . ئۇنىڭ يىنىدا ياتقان ئەرنىڭ جەسىتىنىڭ يۇزىگە تۇلكە يۇزلۇك نىقاپ تاقالغان بولۇپ بەدىنىگە چىڭ يىپىشىپ تۇرىدىغان ساۋۇت كىيدۈرۈلگەندى . ئىككى قولىنى كۆكرىكىگە قويىۋالغان بولۇپ ئككى قولىنىڭ ئارلىقىدا قىزىل ئالتۇندىن ياسالغان قۇتا تۇراتتى .  
مەن ساۋۇت كىيگەن جەسەتكە قارسىام باشقىچىلا كۆرۇنەتتى . سىنچىلاپ قاراپ جەسەتنىڭ يۇزىدىكى نىقاپنىڭ كۆرۈش تۆشىكى ئارقىسىدىكى بىر جۈپ ئادەمىنىڭ تىنى جۇغىلدىتىدىغان غەلىتە كۆزنىڭ ئوچۇق ئىكەنلىكىنى ھەمدە ماڭا بىر خىلى سوغۇق نەزەردە قاراۋاتقانلىقىنى ھس قىلىدىم ، خۇددى ئۇنى مەن ئۆلتۇرىۋەتكەندەك !

EzQi0908 يوللانغان ۋاقتى 2014-6-21 21:41:56

مەنپاراس پۇرۇسلا ھەممىنى يوللاي دىسەم ئىنكاسىمنى تەستىقلايدىغان بولىۋالدىغۇ تاڭ، شۇنىڭ بىلەن شۇنىڭ بىلەن……
بەت: 1 [2] 3 4 5 6 7 8 9 10 11
: كېپەن ئوغرىلاش خاتىرىسى