EzQi0908 يوللانغان ۋاقتى 2014-6-23 09:26:20

parakende يوللىغان ۋاقتى2014-6-23 00:46 static/image/common/back.gif
ساپلا مىسىلداپ يوللاۋاتىسىلەر

ھا ھا ھامىنىڭغۇ ھەممىنى بىراقلا يوللىۋەتكۇم با، ئىنكاسىم تەستقلىنىپ چىقىدىغان بولىۋالدى.:L

EzQi0908 يوللانغان ۋاقتى 2014-6-23 09:34:11

xahla91 يوللىغان ۋاقتى2014-6-23 00:55 static/image/common/back.gif
خەنزۇچىسىدىن ئوقۇپ بولاي دىدىم. ئۈندىداردىن قۇتۇلغ ...

ماھازىر ئۇندەللال ئىشلەتمەيدىغانلار بار دىسە ئىشەنمەي يۇرىيتىم،قارىغاندا راسلام با ئوخشىمامدۇ:lol :lol

EzQi0908 يوللانغان ۋاقتى 2014-6-23 09:39:01


چوڭ تىپتىكى سىرلىق ، قوقۇنۇشلۇق ، تەشۋىشلىك ئەسەر

كىپەن ئوغرىسى

بىرىنچى خاتىرە ئىكىنچى بۈلەك غەزەپ دېڭىزى

تۆتىنچى باب : دېڭىز ئالۋاستىسى

كەنجى تاغام ھەيران قالدى ، ئەگەر كەينىدىن بىر- ئىككى ئادەم كەم بولسا ئۇنى چۈشۈنۈشكە بۇلاتتى ، ھەتتا كەينىدىكى ھەممە ئادەم غايىپ بۇلۇپ كەتسىمۇ كەنجى تاغام بۇنى توغرا چۈشۈنەتتى . بىراق ھازىر بىر ئادەم ئارتۇق چىقتى ، زادىلا ئادەمنىڭ ئەقلى يەتمەيدۇ ، ئۇ ۋېنجىننى خاتا ساناپ قويغان ئوخشايدۇ دەپ ئۆزى بىر قېتىم ساناپ باقتى . ئۆزى بىرىنجىسى ، ۋېنجىن ئىككىنجىسى ، ئۇندىن كىيىن نۆۋەت بۇيىچە..ئۈچ ، تۆت ، بەش ، ئالتە ، يەتتە ، سەككىزىنجىسى لىسىدى ، توققۇزىنجىسى ……
ئۇ ئەندىكىپ ئىچىگە تىندى ،چۈنكى ئۇ ئارتۇق چىققان ھېلىقى توققۇزىنجى ئادەمنى كۆردى ، ئۇ ئادەم ئۇزۇن سەپنىڭ ئاخىرىغا يۇشۇرۇنۇۋالغان بۇلۇپ ناھايىتى تۇتۇق بولغاچقا ئىنىق كۆرگىلى بولمايتتى . << چۇقۇم مەسىلە بار !>> دەپ ئويلىدى كەنجى تاغام .
كەنجى تاغام ئىختىيارسىز سۇغۇق تەرگە چۆمدى . ئۇ ھېچقانداق جىن – ئالۋاستىدىن قورقۇپ باقمىغان ، لىكىن سۇ ئاستىدىكىگە نىسبەتەن ئازراقمۇ تەجىرنىسى يوق ئىدى ، يەنە كىلىپ كەينىدىكى ئۇ نەرسىنىڭ نىمە ئىكەنلىكىنىمۇ بىلمەيتتى . بۇ ئەبلەخ جەزمەن سۇ ئۈزشنى بىلمەيدۇ ، گىپىمىزگە كەلسەك ، كەنجى تاغام دېڭىز ئاستى قەبرىسىدىكى بۇ نەرسىنى نىمە دەپ ئاتاشنى زادىلا بىلەلمىدى ، << ئەجەبا دېڭىز زۇڭزىسى(粽子) دەمدۇق ياكى سۇمانتىسى دەمدۇق ؟>> .
ئۇ بېشىنى چايقاپ تۇرۇپ :<< ۋۇ ئاناڭنى ! لىسىدى دىگەن بۇ ئەبلەخ ھەقىقەتەن دۆتكەن ،مۇشۇنداق بىر نەرسە ئۇنىڭ كەينىدىن يۈرسە شۇنىمۇ بايقىماپتۇ دىسە كىممۇ ئىشەنسۇن !بىردىن بىر ئامال بېرىپ قاراپ بېقىش كىرەك .>> دەپ ئويلىدى . ئۇ ئاستا خەنجىرىنى چىقىرىپ قولىنىڭ كەينىگە يۇشۇرۇپ ، سەپنىڭ ئاخىرىغا قاراپ ئۈزۈپ كەتتى .
توققۇزىنجى ئادەم مىدىر – سىدىر قىلماي تۇراتتى ، لىسىدى كەنجى تاغامنىڭ ئۈزى تەرەپكە ئۈزۈپ كىلىۋاتقانلىقىنى كۈرۈپ ، ئۆزىنىڭ ئارقا تەرىپىدە بىرەر مەسىلە بارلىقىنى ھىس قىلدى – دە ئۆرۈلۈپلا كەينىگە قارىدى ، ئۇ مىدىرلىۋىدى كەينىدىكى ئادەممۇ خۇددى ئۇنىدورىغاندەك تۇيۇقسىزمىدىرلىدى . لىسىدى قاتتى قورقۇپ كىتىپ كەينىگە بىرنەچچە قەدەم داجىدى ، ئۇ ئادەممۇ كەينىگە بىرنەچچە قەدەم داجىدى ، قارىماققا ئۇ لىسىدىنىڭ ھەركىتىنى ئۈگۈنۈۋاتقاندەك قىلاتتى ،لەنجى تاغام بۇ ئادەمنىڭ ھەركىتىنىڭ چاققان بۇلۇپلا قالماي بەلكى يەنە ئازراقھەييار ئىكەنلىكىنى بايقىدى ، ئۇ بېشىدىكى كۈزۈتۈش چىرىقىنى ئېلىپ شۇندق تۇتىۋىدى ، ئۇ نەرسە چىراق نۇرىدىن ئەندىكىپ كەينىگە قاچتى ، شۇ ئارلىقتا ، يۈزىنى بىلىىق قاسرىقى قاپلىغانبىر بەتبەشىرە چىراي كەنجى تاغامنىڭ كۈزىگە لىپ قىلىپ كۈرۈنىۋىدى كەنجى تاغام قوروققىنىدىن قولىدىكى جەنجەر چۈشۈپ كەتكىلى تاس قالدى .
لىسىدى قورۇققۇنىدىن چىرايىدا قانمۇ قالمىغانىدى، ئۇ بۇ يەردە دەم ئېلىشقا پېتىنالماي ئالدىغا قاراپ ئۈزدى ، بۇۋاقىتتا كەنجى تاغام ئۇنى كاپلا قىلىپ تۇتىۋالدى ، ئۇ كەنجى تاغامغا قاراپ ۋارقىرىدى ، ئېغىزىنىڭ شەكلىگە قارىغاندا ئۇ << ياخشى بالا ! ياخشى بالا ! (好孩子 ) >> دەۋاتقاندەك قىلاتتى .
ئەسلىدىنلا ئۇنىڭ گەپ قىلمىقى بىرئاز تەس ئىدى ، ئادەتتە گەپ قىلسىمۇ ناھايىتى كۈچەپ كىتەتتى ، شۇڭا ئۇنىڭ ئېغىز شەكلىگە قاراپ ئۇنىڭ نىمە دىگەنلىكىنى بىلگىلى بولمايتتى، كەنجى تاغام ئۇنىڭ ئەسەبىلىشىپ ئۆزىنىڭ بېشىدىكى قالپاقنى ئېلىۋەتمەكچى بولغانلىققىنى كۆرۈپ ئۇنى تامغا يۈلىدى . ئۇنى تامغا يۈلەش بىلەن تەڭلا تامدىكى تۆت دانە يىرىق ئاستا بۇشاپ ئىچىگە كىرىپ كەتتى . شۇنىڭ بىلەن تۆت ئەتراپتىكى سۇ دەھشەت بىلەن تامنىڭ ئىچىگە قاراپ ئېقىشقا باشلىدى . كەنجى تاغام كۆڭلىدە ئھۋالنىڭ چاتاقلىقىنى ھىس قىلدى ، بىراق كىچىككەنىدى ، ئۇلار خۇددى سۈرى ماڭغۇزۇلغان تەرەت تۇڭىدىكى سۈۋۈرەكتەك نەچچە پىرقىراپ تامدىكى ھېلىقى كامارغا كىرىپ كەتتى .
كەنجى تاغام ئۈزىنىڭ قانچىلىك پىرقىرىغانلىقىنى بىلمەيتتى ، ئۇ پەقەت ئىچكى ئەزالىرىنى سۇغۇرۇپ بىرتەرەپكە تاشلىۋەتكەندەك ھىس قىلدى ، تۇيۇقسىز ئۇنىڭ بېشى ناھايىتى قاتتىق بىرنەرسىگە سوقۇلدى ، ھېلىمۇ ياخشى بېشىدا قالپاق باركەن بولمىسا نىمە بۇلۇپ كىتىشىنى بىلگىلى بولمايتتى ، ئۇ بىرقانچە يەرگە پۇتىنى تىرەپ ناھايىتى تەستە بېشىنى شۇندەق كۈتۈرىۋىدى ،ئۇزىنىڭ سۇ يۈزىگە چىققانلىقىنى بايقىدى .
باشقىلارمۇ ئالدى – كەينى بۇلۇپ سۇ يۈزىگە چىقتى ، ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى بىر قانچە قىز قالپاقنىڭ ئىچىگىلا قۇسىۋەتكەنىدى ، ئادەمنىڭ كۆڭلىنى قانچىلىك ھۆ قىلغانلىقىنى دىمەيلا قۇياي بولدى ، ئەھۋالى ياخشىراق بىر قانچەيلەن ئۇلارنىڭ سۇغا چۈكۈپ كەتمەسلىكى ئۈچۈن بېرىپ ئۇلارنى يۈلەشتۇرىۋالدى .
كەنجى تاغاممۇ بېرىپ ۋېنجىننى قۇچاغلاپ يۈلەشتۈردى ، ئاندىن كۈزۈتۈش چىرىقىنى ياندۇرۇپ ئەتراپنى كۈزۈتۈپ ئاللىبۇرۇن قەبرە ئىچىگە كىرىپ بولغانلىقىنى بايقىدى .ئۇ چاقماقنى ئېلىپ چاقتى ، ئوت كۆيدى ،دىمەك ئوسىگىن بار دىگەن گەپ . شۇنىڭ بىلەن كەنجى تاغام 《ok》دىگەن قول ئىشارىتىنى چىقىرىپ ھاۋادا مەسىلە يوقلىقىنى ئىپادىلىدى ، باشقىلار ھەممىسى ئۇنىڭ قول ئىشارىتىنى كۈرۈپبېشىدىكى كۈرۈمسىز ھەم ئېغىر قالپاقنى ئېلىۋىتىپ ، نەپەسلىنىىپلا<< ۋاھ ! نىمە دىگەن خۇشپۇراق ! >> دىيىشتى .
قەبرە ئىچىدە بىر خىل ناھايىتى سۇس ئەمما ئادەمنى روھلاندۇرىدىغان خۇشپۇراق بۇلۇپ ، بۇپۇراڭنىڭ نىمىدىن تارقالغانلىقىنى ھېچكىم بىلمەيتتى . كەنجى تاغام سېسىقلىقىدىن چىدىغۇسىز قەبرىلەرنى كۆپ ئۇچراتقان ، لىكىنبۇنداق خۇشپۇراق قەبرىنى تۇنجى قېتىم ئۇچرىتىشى بولغاچقا ئۇ بىرئاز تېڭىرقاپ قالدى . ئۇ كۈزۈتۈش چىرىقىنى ياندۇرۇپ بىر قۇر كۈزەتكەندىن كىيىن بۇنىڭ ئاساسى قەبرە ئەمەس بەلكى يان ئۆي ئىكەنلىكىنى بىلدى ، چۈنكى بۇيەردە جەسەت ساندۇقى يوق ئىدى ، پەقەت قاتار تىزىلغان فار –فۇر ھەمدەپنە بۇيۇملىرى تۇراتتى ، بۇنەرسىلەر جەزمەن قەبرە ئىگىسىنىڭ ھايات ۋاقتىدا ئىشلەتكەن نەرسىلىرى بولسا كىرەك ، يەنە كىلىپ ئۇلار ھازىر يان ئۆي ئىچىدىكى بىر كۆلچەكنىڭ ئىچىدە ئىدى ، كەنجى تاغام بۇيەرنىڭ بىزىلىشىگە يەنە بىرقېتىم قاراپ چىقتى ،ئۇ قارىغانسىرى گۇمانلاندى . تامنىڭ ھەممە يېرىدە تام رەسىمى بار ئىدى ، سۇھورىنىڭ تەسىرىدە ھەممىسى دىگۈدەك ئۈچۈپ كەتكەنىدى ، ئۇ پەقەت تامدىكى بۇ رەسىملەرنىڭ ئادەمنىڭ شەكلىگە ئوخشايدىغانلىقىنى ئازراق ئىلغا قىلالىدى .
ئادەمنىڭ سايىسىگە ئوخشايدىغان بۇ رەسىملەرنىڭ ئىچىدە ئىگىز ،پاكار ، ئۇرۇق ، سىمىز ، مېڭىۋاتقان ، ئۇسۇل ئويناۋاتقان ئىشقىلىپ ھەرخىل قىياپەتتىكىلىرى بار بۇلوپ خۇددى ھەقىقى ئادەمنى رەسىمگە تارتقاندەك ناھايىتى ئىنىق ئىدى ، بىراق سۈرەتلەر ھەممىسى غەلىتە ئىدى ، يەنى رەسىمدىكىلەرنىڭ ھەممىسىنىڭ قورسىقى ناھايتىى چوڭ ئىدى ، خۇددى ھامىلىدارئاياللارغىلا ئوخشايتتى . ۋېنجىننىڭ تام رەسىملىرىنى تاتقىق قىلىشتا خېلى بىلىمى بار ئىدى ، بىراق ئۇمۇ بۇ رەسىملەرنىڭ نىمىشقا ئۇنداقلىقىنىڭ سەۋەبىنى بىلەلمىدى .
ئەكسىچە لىسىدى بۇ تام رەسىملىرىنى كۈرۈپ قورقۇپ چىرايى تاتىرىپ كەتتى ، ھەمدە : << دېڭىز ئالۋاستىسى ! بۇ يەردە دېڭىز ئالۋاستىسى باركەن ! بۇ دېڭىز ئالۋاستىسىنىڭ قەبرىسىكەن . >> دەپ ۋارقىرىغىلى تۇردى .
كەنجى تاغام بايا كۆرگەن ھېلىقى غەلىتە مەخلۇقنى ئىسىگە ئالدى ، ھەمدە كۆڭلىدە << ئەجابا ھېلىقى نەرسە راستىنلا دېڭىز ئالۋاستىسىمىدۇ ؟ >> دەپ ئويلىدى ، بىراق جەزىملەشتۈرەلمىدى ، شۇڭا يەڭگىلتەكلىك بىلەن بۇئىشنى ئوتتۇرىغا چىقارسا ، چۇقۇم ئالاقزادىلىك پەيدا قىلىدۇ ، شۇڭا ئۇ ۋاقتىنچە مەخپىيەتلىكنى ساقلىماقچى بولدى .
لىسىدى ھازىرمۇ توختىماي سۆزلەۋاتاتتى ، ئۇنىڭ گەپ قىلىشىدا بىرئاز مەسىلە بولغاچقا باشقىلار ئۇنىڭ دېڭىز ئالۋاستىسى(海鬼) دىگەن گىپىنى دېڭىز تاشپاقىسى (海龟) دەپ ئاڭلاپ ھەممىسى قاقاقلاپ كۈلۈشۈپ كەتتى ، لىسىدى بۇ ئەھۋالغا قاراپ يا يىغلىشىنى يا كۈلىشىنى بىلەلمەي قالدى ، بۇ ۋاقىتتا كەنجى تاغام سائىتىگە قاراپ ، ئۇلارنى سۇدىن چىقىشقا بۇيرىدى ، يۈرەكلىكرەك بىر قانچەيلەن ئاللىبۇرۇن يان ئوينىڭ ئىشىكىگە قاراپ ماڭدى . ئۇ ئىشىك ئانچە ئىگىز ئەمەس ، بۇ ئىشىك ھەقاچان كارىدورغا تۇتىشاتتى ، كەنجى تاغام ئۇلارنى قايتۇرۇپ كىلىپ : << بىرىنىجىدىن ھازىر بىزدە ئارخولوگىيە قۇراللىرى يوق ، ئىككىنجىدىن قۇتقۇزۇش تەييارلىقىمىز يوقشۇڭا ھېچكىمنىڭ ھېچ يەرگە بېرىشىغا روخسەت يوق كۆپچىلىك يۇۋاشلىق بىلەن مۇشۇ يەرد جىم ئولتۇرۇڭلار . بۇ قەبرە يۇلىدا مەخپى قۇرۇلما بار يوقلىقىنى بىلمەيمىز ، بىز بۇيەرگە بىر سائەت خەتەدىن پاناھلانغىلى كەلگەن ، كۆپچىلىك باشقىچە خىيالدا بولماڭلار ، چۈشەندىڭلارمۇ يوق ؟ >> دىدى .
بۇ سولتەكلەرنىڭ دەرۋەقە ئانچە رازى بولمىدى كىلىن يەنىلا بوي سۇنماي ئامالى يوق ئىدى ، ئەمدى ئۇلار ياۋاشلىقچە بۇ يەردە ھېلىقى فار – فۇر بۇيۇملارنى تەتقىق قىلىۋاتاتتى ، كەنجى تاغام بىر قاراپلا بۇ نەرسىلەرنىڭ مىڭ سۇلالىسىنىڭ دەسلەپكى مەزگىللىرىگە تەۋە ئىكەنلىكىنى بىلدى ، ئۇ << ئەجەبا بۇ راستىنلا شېن ۋەنسەننىڭ قېرىنداشلىرىنىڭ قەبرىسىمىدۇ ؟ >> دەپ ھەيران بولدى .
كەنجى تاغام قەدىمى ئاسار ئەتىقىنى ناھايىتى كۆپ كۆرگەن بولغاچقا بۇ نەرسىلەرگە قىزىقمىدى ، ئەكسىچە ھازىر ئۇنىڭ پۈتۈن خىيالى بۇ بوشلۇقتىكى ھاۋا ئۇلارنىڭ ئىشلىتىشىگە يىتىش يەتمەسلىكىدە ئىدى . ئۇ ئادەملەرنى يەنى بىر قېتىم ساناپ بېقىۋىدى بۇ قېتىم توغرا چىقتى ، ئۇ ئەمدى بىر ئۇھ دەپ تىندى ، بۇ بىر نەچچە كۈندىن بىرى ئۇنىڭغا ياخشىراق ئارام ئالىدىغانغا ۋقىت بولمىغاچقا چارچاپ ۋاي داد دىگۈدەك بولغانىدى ، شۇڭا ھازىرئۇنى مۈگۈدەگ باستى .
ئۇ تامغا يۈلىنىپ ئولتۇردى ، ۋېنجىن ئۇنىڭ مۈرىسىگە بېشىنى قۇيۇپ تۇرۇپ ئۇنى سۈيۈپ قويدى ، بىر ھىسابتا بۇ ئۇنىڭ بۇقېتىمقى كۆرسەتكەن ئىپادىسىگە بىرىلگەن مۇكاپات ئىدى ، كەنجى تاغامنىڭ روھى چىىپ كەتكەندەك بولدى . ئەسلىدىنلا قۇرساق كۈپۈگى بولۇپ تۇرغان بۇ سولتەكلەرنىڭئىچى تېخىمۇ ئاچچىق بولۇپ كەتتى ، كەنجى تاغام ۋېنجىننىڭ تاتلىق كۈلكىسىنى كۈرۈپ بۇتارتقانلىرىنىڭئەرزىيدىغانلىقىنى ھىس قىلدى ،راستىنلا ئەرزىيدىغانلىقىنى ھىس قىلدى . ھازىر ۋېنجىن كەنجى تاغامنى يەنە بىر قېتىمخەتەرگە تەۋەككۇل قىل دىسە ئۇ ئىككىلەنمەيلا ماقۇل بۇلاتتى .
ئۇلار بىردەم ئارام ئالدى ، غەۋۋاسلىق ىلىپ باققانلار ھەممىسى بىلىدۇ ،ئەگەر ئۇزۇن مەزگىللىك سۇئاستى پائالىيەت تەجىربىسى بولمىسا ، بىر قېتىم غەۋۋاسلىق قىلىغاندا ناھايىتى كۆپ كۈچ سەرىپ قىلىدىغان گەپ ، كەنجى تاغامنىڭ بەدەن قۇۋىتى يامان ئەمەس بىراق گۇرپپىدىكى باشقىلارغا سېلىشتۇرغاندا تازا ماسلىشىپ بولالمىغاندى ، ھازىر بەدىنى ئازادىلىشىپلا ئەسنەشكە باشلىدى ، ئۇنىڭ ئۈستىگە ھېلىقى خۇشپۇراقنىڭ ئادەمنىڭ روھى كەيپىياتىنى تىنىشلاندۇرۇش رۇلى باردەك قىلاتتى ، بىردەمدىن كىيىنلا ئۇ ناھايىتى ئۇيقۇسى كەلگەندەك ھىس قىلدى ، ئۇ ئويقۇلۇق ھالدا ۋېنجىنغا :<< مەن بىردەم ئۇخلىۋالاي ، ئەگەر ۋاقىت توشسا مىنى ئويغۇتىۋېتىڭ .>> دىدى .
ئۇنداق چارچاش نورمال ئەمەستەك ، بىراق كەنجى تاغام بۇنى ئويلاشقا ئۈلگۈرمەيلا ۋېنجىننىڭ مۇلايىملىق بىلەن بېشىنى لىڭشىتقانلىقىنى خىرە كۆردى . ئۇنىڭ بۇرنىدا سۇس بىرخىل خۇشپۇراق بار ئىدى ، ئۇ بۇ خۇشپۇراقنىڭ ۋېنجىننىڭ چېچىدىكى خۇشپۇراق ئىكەنلىكىنى ياكى قەدىمى قەبرىدىكى خۇشپۇراق ئىكەنلىكىنى بىلەلمىدى ، ئاخىرى ئۇ شۇ قىسقىغىنا ۋاقىت ئىچىدە ئۇيقۇغا كەتتى .

EzQi0908 يوللانغان ۋاقتى 2014-6-23 09:45:02


چوڭ تىپتىكى سىرلىق ، قوقۇنۇشلۇق ، تەشۋىشلىك ئەسەر
كىپەن ئوغرىسى
بىرىنچى خاتىرە ئىكىنچى بۈلەك غەزەپ دېڭىزى
بەشىنچى باب كونا رەسىم
مۇشۇ دەقىقىدە مەن پۈتۈنلەي كەنجى تاغامنىڭ ھىكايىسىى ئىچىگە كىرىپ كەتكىنىدىم ، ئۈزۈمنى قەدىمى قەبرە ئىچىدە ۋېنجىننىڭ خۇش ھىدى ، ئىللىق تەبەسسۇمىغا چۈمۈلگەندەك ھىس قىلدىم . كەنجى تاغام ئۆھۆ ئۆھۆ .. دەپ يۈتىلىۋىدى ،شۇندىلا ئۈزۈمنىڭ بىر ياستۇقنى چىڭ قۇچاقلاپ ئولتۇرغانلىقىمنى بايقىدىم ، ھەمدە بىرئاز ئوڭايسىزلاندىم ، كۆڭلۈمدە << مەن قانداق بۇلۇپ كەنجى تاغامنىڭ ئادىمىگە باشقىچە ھىسياتتا بۇلۇپ قالدىم >> دەپ ئويلىدىم ۋە خىجىل بۇلۇپ << نىمە بولدى ؟ نىمىشقا سۆزلىمەيسەن ؟ ئاخىرى قانداق بولدى ؟ >> دەپ سورىدىم .
كەنجى تاغام زورىغا كۈلۈپ : << سۆزلىگۈدەك ئىش قالمىدى ، ھىكايە ئاياغلاشتى ، مەن ئۇخلاپ قالغان شۇ ۋاقىتتا قەدىمى قەبرە ئىچىدە زادى نىمە ئىشلارنىڭ يۈز بەرگەنلىكىنى تا ھازىرغىچە چۈشىنەلمىدىم >> سۆزلەپ مۇشۇ يەرگە كەلگەندە ئۇنىڭ كالپۇكلىرى تىترەپ كەتتى ، ئۇ بىردەم تىنىۋالغاندىن كىيىن << قانچىلىك ئۇخلىغىنىمنى بىلمەيمەن ، مەن ئويغانغاندا باشقىلارنىڭ قايەرگە كەتكىن تاڭ ھېلىقى يان ئۆيدە يالغۇز مەنلا قاپتىمەن . مەن ئۇلار ھەقاچان مىنىڭ ئۇخلىغان ۋاقتىمدا ، پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ ئاساسى گۆرگە كەتكەن چېغى دەپ ئويلاپ كۆڭلۈمدە ناھىيىتى ئاچچىقىم كەلدى ، چۈنكى ۋېنجىن باشتىن باشلاپ مىنىڭ گىپىمنى ئىتائەتچانلىق بىلەن ئاڭلاپ كەلگەن ، بۇ قېتىم ئۇلارغا ئەگىشىپ قاملاشمىغان ئىش قىپتۇ دەپ ئۇلارنى ئىزدەي دەپ ئويلۇدۇم >> دىدى .
ئۇ بىرتال تاماكا ئېلىپ ئېغىزىغا سالدى ، ئۇ چىرايىنى پۈرۈشتۈرۈپ : << بۇ چاغدا مەن تامدىكى ھېلىقى ئىشىكنىڭ يوقاپ كەتكەنلىكىنى بايقىدىم ! مەن ئەتراپقا قاراپلا بۇ يەرنىڭ ھەرگىزمۇ مەن ئۇخلاپ قالغان يان ئۆي بولماستىن بەلكى قەيەرلىكى ئىنىق بولمىغان بىر جاي ئىكەنلىكىنى بايقىدىم ، كەينىمگە قارىسام ئالتۇن يىپلىق جەسەت ساندۇقى تۇرىدۇ .>> دىدى.
مەن كۈلۈپ ،ئۇنىڭدىن : << سەن جەزمەن قىلچە ئىللەنمەي بېرىپ جەسەت ساندۇقىنى ئېچىپ ئىچىدىكى ياخشى نەرسىلەرنىڭ ھەممىسىنى ئېلىۋالغانسەن ؟ >> دەپ سورىدىم .
كەنجى تاغام مىنىڭ گېپىمنى ئاڭلاپ : << ئوسۇرۇق! – مەن ساڭا دىسەم ، ئۇ ۋاقىتتا مەن قورقۇپ ئىشتان – پىشتانغا چىقىرىۋىتەي دەپ قالغان ، مەن جەسەت ساندۇقىنى كۆپ كۆرگەن ،بىراق ھېلىقى جەسەت ساندۇقى ئىچىدىن شالاپ – شۇلۇپ قىلىپ توختىماي سۇ ئېقىپ چىقىۋاتاتتى ، ئەننەڭنى !! خۇددى جەسەت ساندۇقى ئىچىدە بىرەر نەرسە يۇيۇنىۋاتقاندەك قىلاتتى . بۇ ۋاقىتتا ھېلىقى لىسىدى تىلغا ئالغان << دېڭىز ئالۋاستىسى >> ئىسىمگە كەلدى ، سەنمۇ بىلىسەن ، مۇردىدىن مەن قۇرۇقمايمەن ،لىكىن بۇ دېڭىز ئالۋاستىسى دىگەننى تۇنجى ئۇچرىتىشىم بولغاچقا قورقۇپ ئىشتانغا چىقىرىۋەتكىلى تاسلا قالدىم . بۇ ۋاقىتتا مەن يەنە ۋېنجىندىمۇ ئەنسىرەپ ئۈلگۈردۈم ، مەن ئۇنىڭ ئىسمىنى بىرقانچە قېتىم توۋلىغان بولساممۇ ھېچقانداق سادا بولمىدى ، دەل مۇشۇ ۋاقىتتا ھېلىقى جەسەتساندۇقىنىڭ قاپقىقى تۇيۇقسىز ئۆرۈلۈپ كەتتى . >> دىدى .
كەنجى تاغام سۆزلەپ مۇشۇ يەرگە كەلگەندە ئۇنىڭ چىراي ئىپادىسى ئۆزگۈرۈپ غەلىتىلەشتى ، ئۇ يەنە << مەن ئۇۋاقىتتا ھېچنىمىنى ئويلۇمىدىم ، ھېلىقى قالپاقنىڭ قۇلۇمدا تۇرغۇنىنى كۈرۈپ ، ئۇنى كېيدىم ۋە دەرھاللا ھېلىقى كۆلچەككە سەكرىدىم . شۇنىڭ بىلەن قېچىپ چىقتىم .
مەن بۇنى ئاڭلاپلا : << توغرا ئەمەسقۇ ! ھېلىقى ئۆي ئۆزگۈرۈپ كەتكەن ئەمەسمىدى ؟ يەن قانداقسىگە سۇ كۆلچىكى بۇلىدۇ ؟>> دىدىم.
كەنجى تاغامنىڭ چىرايى ئۆڭدى – دە : << بار ! ئەلۋەتتە بار ! شۇ سۇ كۆلچىكىلا بار ! ۋۇ ئانانڭنى گىپىمگە لوقما سالماي تۇر ، تېخى سۆزلەپ بۇلالمىدىم ! >> دىدى ، ئۇ ئۈزىنى توختىۋالغاندىن كىيىن : << دېڭىزدا بۇران چاپقۇن بارمۇ يوق بۇنىڭ بىلەنمۇ چاتىقىممۇ بولمىدى ، مەن بىز قەبرىگە كىرگەن ھېلىقى كامارنى تاپتىم دە چىقىپ كەتتىم . مەن سۇ يۈزىگە چىقىپلا پارلاپ تۇرغان قۇياشنى كۆردۈم ، لىكىن شۇ ۋاقىتتا قايسى چاغ بولغانلىقىنىبىلەلمىدىم . مەن سۇ يۈزىگە چىققاندىن كىيىن ، مەندىن ئانچە يىراق بولمىغان جايدا بىرقانچە چوڭ كىمە بارلىقىنى كۆردۇم ، قارىغاندا بىزنى قۇتقۇزغىكى كەلگەندەك قىلاتتى ، مەن كىمە چىققاندىن كىيىن ۋاقىتنى سۇراپ ئاللىبۇرۇن ئىككىنچى كۈنى چۈش ۋاقتى ئىكەنلىكىنى ئاڭلاپ ھايران قالدىم ، سەن دەپ باقە ، مەن ئۇ قەدىمى قەبرە ئىچىدە بىردەم مۈگۈدىگەن خالاس ! قانداقسىگە بىركۈن ئۈتۈپ كىتىدۇ دەيمەن ؟ >> دىدى .
مەن كەنجى تاغامغا تىكىلىپ قارىدىم ،ھەمدە كۆڭلۈمدە << ھەممىسى يالغان ! ئاخىرىدا ئۇ چۇقۇم بىرەر ھالقىلىق ئىشقا دۇچ كەلگەن >> دەپ ئويلۇدۇم ، لىكىن ئۇ نىمە ئۈچۈن ماڭا بۇتوغرۇلۇق پەقەت ئېغىز ئاچمايدۇ ؟ بۇ قېرى ئەبلەخ قەدىمى قەبرە ئىچىدە زادى نىمە ئىشلارنى قىلغاندۇ ؟ ۋۇ ئاناڭنى ، يا ئۇنى مەجبۇرلاپ سۆزلەتكىلى بولمىسا .
مەن كەنجى تاغامنىڭ گەپ قەلغاندىكى تۈگۈلۈپ كىتىشلىرىنى كۈرۈپ ، كۆڭلۈمدە كىيىن نىمە ئىشلارنىڭ يۈز بەرگەنلىكىنى بەكمۇ بىلگۈم كەلدى . يەنى كىلىپ ۋېنجىننىڭ قانداق بولغانلىقىدىن ئەنسىرىدىم .
مەن كەنجى تاغامنىڭ گەپ قىلماي ئولتۇرغىنىنى كۈرۈپ ئۇنىڭدىن : << باشقىلارچۇ ؟ ئۇلارنىڭ ھېچقايسىسى چىقماپتۇمۇ ؟ >> دەپ سورىدىم .
كەنجى تاغام كۆڭلى غەش ھالدا تىزىغا بوش ئۇرۇپ : << نىمە بولدۇمكىن تاڭ ،مەن كىمىگە چىقىپ بىر قانچە ئېغىز سۆزلە –سۆزلىمەيلا يەنە ھۇشۇمدىن كىتىپتىمەن ، كىيىن مىنى خەينەندىكى بىر دوىتۇرخانىغا ئاپىرىشىپتۇ ، مەن ئۇ يەردە توپ – توغرا بىر ھەپتە ھۇشسىز يېتىپتىمەن ، كىيىن مەن ئۇلارنى ئىزدەپ بارماقچى بولغىنىمدا ، ئەينى چاغدا بىزنى ئۇيەرگە ئاپارغان ھېلىقى كىمىچىنى ھېچيەردىن تاپالمىدىم ، دېڭىز دىگەندە قارىساڭ ھەممىلا يەر ئوخشاش سۇ ، بارىدىغان جايىڭنىڭ ئىنىق كوردىناتىنى بىلمىسەڭ ئىزدەپ تاپالىشىڭ ئەسلا مۇمكىن ئەمەس . >> دەپ بىر دەم توختىۋالغاندىن كىيىن << كىيىن مەن دېڭىز ئىشلىرى باشقارمىسىغا بېرىپ سۈرۈشتۈردۈم ، يەنە ئۇلارنىڭ تەتقىتات ئورنىغۇمۇ باردىم ،مەن سۈرۈشتۈرۈش ئارقىلىق بۇياشلارنىڭ ھەممىسىنىڭ ئىزدىرەكسىز غايىپ بولغانلىقىنى بايقىدىم ، ۋېنجىنمۇ ئۇلار بىلەن ئوخشاش ، مانا 20 يىل بولاي دەپ قالدى ، تا - ھازىرغا قەدەر ئازراقمۇ خەۋىرى يوق ، مەن ھېلىقى قەبرىدىكى ئىشلارنىڭ قانداق يۈز بەرگەنلىكىنى زادىلا چۈشىنەلمىدىم . ھېچنىمىدىن – ھېچنىمە يوق بىر قانچە ئادەمنىڭ يۇقاپ كىتىىشى قەندەقمۇ مۇمكىن بولسۇن ! >> دەپ ئۈستەلگە قاتتىق بىرنى ئۇردى ، ئۇ كۆزلىرى قىزارغان ھالدا : << ۋۇ ئانناڭنى- ئەجەپ پۇشايمان قىلدىم ! ئەينى چاغدا زادى نىمىنى خىيال قىلغان بولغۇيدىم ؟ ئەگەر ئەينى چاغدا ئاشۇ قەبرىنى ئوغۇرلىغىلى بارمىغان بولسام ، بۇ بىر توپ كىشىلەر بۇ ۋاققا نەۋرىلىك بۇلۇپ بولغان بۇلاتتى ! يەنە ۋېنجىنمۇ بار ، مەن ئۇنىڭغا راسلا يۈز كىلەلمەيمەن >> دىدى .
مەن قارىسام كەنجى تاغامنىڭ پوتلا – مىشقى ئېقىپ كىتىپتۇ ، مەن ئەزەلدىن ئۇنىڭ بۇنداق ھالىتىنى كۈرۈپ باقمىغانىدىم ، يەنى كىلىپ بۇنداق چاقىتتا نىمە قىلارىمنىمۇ بىلمەيتتىم . ئۇ قۇلىغا ھېلىقى يىلان قاشلىق مىس بىلىقنى ئېلىپ : << مەن كۆپ ئويلاندىم ، نىمىشقا پەقەت مەنلا قايتىپ چىقالايمەن ، باشقىلار نىمە ئۈچۈن قايتىپ چىقالمايدۇ ؟ . مەن ئاخىرى شۇنداق يەكۈن چىقاردىم ، ئۇلار بىلەن مىنىڭ ئارامدىكى بىردىن – بىر پەرىق شۇكى مىنىڭ يېنىمدا بۇ نەرسە بار ئىدى >> دىدى .
مەن ھېلىقى بىلىققا قاراپ كۆڭلۈمدە << ئەگەر لۇشاڭ بېگىمۇ قەبرە ئوغرىلىغان بولسىچۇ ؟ ئۇنىڭ قۇلىدىمۇ مۇشۇنداق يىلان قاشلىق مىس بىلىق بار ئىدى ، ئۇنداقتا لۇ بېگى قەبرىسى بىلەن دېڭىزدىكى ھېلىقى چۆكتۈرمە قەبرىنى مۇناسىۋەتلىك دىگىلى بۇلامدۇ –بولمامدۇ ؟ >> دەپ ئويلىدىم . توغرا ئەمەس ! بۇ ئىككى قەبرىنىڭ ۋاقىت پەرقى بەك چوڭ ، بىرسى ئۇرۇشقاق بەگلىككە يەنى بىرسى مىڭ سۇلالىسىنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىگە توغرا كىلىدۇ ، ئۇرۇپ ئۆلتۈرۋەتسىمۇ بۇ ئىككى قەبرىنى مۇناسىتى يوق . مەن بۇلار ئارىسىدىكى سىرنى ھەرقانچە ئويلاپمۇ ئايىغىنى چىقىرالمىدىم .
كەنجى تاغام بۇلارنى سۆزلەپ بولغاندىن كىيىن روھى كەيپىياتى بىر ئاز ياخشى بولماي قالدى بولغاي، ئاستا كارۋاتتا ياتتى ، مەن ئۇنىڭ تېخى بايىلا بىر ئازاپلىق ئەسلىمىنى بېشىدىن ئۆتكۈزگەنلىكىنى ھىس قىلدىم ، ئۇ بىردەم تىنىچلىنىۋېلىشى كىرەك ئىدى ، ئويلىمىغان يەردىن ئۇ تۇيۇقسىز ئورنىدىن تۇرۇپ ماڭا قاراپ :<< جىيەنىم ! مەن بايا تۇيۇقسىزلھ بىر ئىشنى ئويلاپ قالدىم ! >> دىدى .
مەن ئۇنىڭ چىراينىڭ تاتىرىپ كەتكىنىنى كۈرۈپ كۆڭلۈمدە << سەن يەنە قانداق قۇرقۇنۇشلۇق ئىشنى ئويلاپ تاپقاندان ئەمدى >> دەپ ئويلۇدۇم . ئۇ بېشىنى قاشلاپ تۇرۇپ : << بىز بىلەن بىللە قەبرە ئوغۇرلىغىلى كىرگەن ياشلارنىڭ ئىچىدە بىرسى بۇلىدىغان ، ئۇنىڭ چىراي - شەكلە ،تەقى- تۇرقى ھېلىقى مۆرىمەس بوتولكىغا بەك ئوخشايدۇ >> دىدى .
مەن بۇنى ئاڭلاپ گاڭگىراپلا قالدىم ۋە : << ئۇنداق ئەمەستۇ ، ئۇ ۋاقىتتا ئۇ تېخى كىچىك بولغۇيدى ! >> دىدىم.
كەنجى تاغام تەپسىلىرەك ئويلانغاندىن كىيىن قۇشۇمىسىنى تۈرۈپ : << ۋاقىت ئۇزۇراپ كەتتى ، مەنمۇ يۈزدە – يۈز ئىشەنىچ قىلالمايمەن ، بىراق مەندە ئەينى ۋاقىتتىكى ئوپچە رەسىم بار ، ئۇنى بىز دېڭىزغاچىقىشتىن بۇرۇن چۈشكەن ، ئۆيدىلەر ئۇ رەسىمنى سىكاننىرلاپ(ساۋمىياۋ قىلىپ ) يوللاپ بەرسىلا بولمىدىمۇ !>> دەپلا توروپكىنى قۇلىغا ئالدى .
كەنجى تاغام تېلىفۇندا تاپىلىۋىدى ، بەش مىنۇتتىن كىيىن بىرپارچە ئىلىكتۇرونلۇق پوچتا يوللانمىسى كەلدى ، كەنجى تاغام يوللانمىنى ئېچىشىغىلا رەسىمنى كۈرۈپ بەدىنىم سۇغۇق تەرگە چۈمۈلدى ، رەسىم رەڭسىز بۇلۇپ ئۇلار ئون ئادەم ئىدى ، بىرىنجى رەتتىكىلەر زوڭزىيىپ ، ئىككىنچى رەتتىكىلەر ئۈرە تۇرۇپ چۈشكەنىدى ، بىرىنجى رەتنىڭ ئوتتۇرىدا زوڭزىيىپ ئولتۇرغىنى ياش ۋاقىتتىكى كەنجى تاغام ، لىكىن كەينىدە ئۈرە تۇرغىنى
بولسا دەل ھېلىقى مۆرىمەس بوتولكا ئىكەن .
پۈتۈن بەدىنىمنى تەر باستى ،خاتا كۆرگەن ئوخشايمەن دەپ يەنى بىر قېتىم قارىدىم ،دەرۋەقە شۇكەن ، ئۇنىڭ كۆزلىرى ، چىراي ئىپادىسى پۈتۈنلەي ئوخشاش ، بۇۋاقىتتا قۇلى بىلىپ بىلمەي تىترەشكە باشلىغان كەنجى تاغام ماڭا گۇمانى نەزەردە قاراپ كېكەچلەپ ناھايىتى تەستە : << نى .. نى .. نىمىشقا ئۇ 20 يىلدىن بۇيان ئازراقمۇ قېرىمىغاندۇ ؟ >> دېدى ، بىراق سۆزى تۈگىشى بىلەنلا تۇيۇقسىز ئەقلىنى تاپقان ئادەمدەك : << مەن چۈشەندىم ! مەن چۈشەندىم ! >> دەپ توۋلىدى .
قارىسام ئۇ ساراڭدەكلا بۇلوپ قاپتۇ ، مەن نىمە قىلارىمنى بىلماي تۇرغان شۇ ۋاقىتتا ئۇ ئاللىبۇرۇن يۈك تاقىسىنى كۈرۈپ سىرتقا ماڭدى ، مەن ئۇنى تۇسۇۋالماقچى بولغانىدىم ئۇ قۇلۇمنى سىلكىۋېتىپ : << سەن مۇشۇ يەردە پەنزىنىڭ ھالىدىن ئوبدان خەۋەر ئال ، مەن ھازىرلا شىشاغا يەنە بىر بارمىسام بولمايدۇ ! >> دەپ قاراپمۇ قويماي يۈگۈرۈپ چىقىپ كەتتى .

jaggiwar يوللانغان ۋاقتى 2014-6-23 10:11:28

EzQi0908 يوللىغان ۋاقتى2014-6-23 09:34 static/image/common/back.gif
ماھازىر ئۇندەللال ئىشلەتمەيدىغانلار بار دىسە ئىشەن ...

ئىشلەتمەيدۇ ئەمەس جەنۇپ تەرەپ لەدە ئاساسەن ئۈندال چچ دىگەنلەر ئىشلىمەيدۇ ...........................ئىشلىتەي دىسىمۇ بەرىبىر ئىشلىمىگەندىكىن ئامال يوق........................
بولمىسا بۇيەدە سىزنىڭ يۇلىڭىزغا تەلمۈرۈپ ئولتۇرۇشنىڭ ھاجىتى باما:lol

jaggiwar يوللانغان ۋاقتى 2014-6-23 10:13:39

EzQi0908 يوللىغان ۋاقتى2014-6-23 09:39 static/image/common/back.gif
چوڭ تىپتىكى سىرلىق ، قوقۇنۇشلۇق ، تەشۋىشلىك ئەسەر

كىپ ...

ھە يەنە بىر غەيرەت قىلۋىتىڭە

EzQi0908 يوللانغان ۋاقتى 2014-6-23 10:54:42

چوڭ تىپتىكى سىرلىق ، قوقۇنۇشلۇق ، تەشۋىشلىك ئەسەر
كىپەن ئوغرىسى

بىرىنچى خاتىرە ئىكىنچى بۈلەك غەزەپ دېڭىزى

ئالتىجى باب خەينەن
كەنجى تاغام ئون نەچچە يېشىدىلا جاھان كەزدىچىلىكنى باشلىغان ، ئۇنىڭ بېشىدىن نۇرغۇن ئىشلار ئۆتكەن ، بىررەر ئىش قىلماقچى بولسا ئۆتكەن قېتىم قەبرە ئوغرىلىغاندىكىگە ئوخشاش ئالدى – كەينىنى ئوبدان ئويلىشىپ نۇرغۇن نەرسىلەرنى تەييارلايتتى ، مەن بەزىدە ئۇنى بەك چەكتىن ئاشۇرۋەتكەندەك ھىس قىلىپ قالىمەن ، ئۆتكەن قېتىممۇ تەييارلىغان سايمانلارنىڭ %80 تىنى ھېچنىمىگە ئىشلەتمىدۇق ، بۇنداق يىنىكلىك بىلەن يۈك – تاقنى كۈتۈرۈپلا چىقىپ كىتىشىنى ئويلاپ باقماپتىكەنمەن ، مەن ئۇنى تۇسۇۋالاي دەپمۇ تۇسالمىدىم دە :<< ئۈزۈڭگە دىققەت قىل ! >> دەپ توۋلىدىم ، ئۇ جاۋابەن << ھېم >> دەپلا لىفىتقا چىقىپ كەتتى .
دەل مۇشۇ ۋاقىتتا مىھمانخانىنىڭ پۇت يۇيۇش ئورنىدىكى بىر مۇلازىمەتچى مەن بىلەن ھىسابلاشقىلى چىققانىكەن ، ئۇ بۇ مەنزىرىنى كۈرۈپ : << سىزنىڭ بۇ تاغىنىڭىز ئەجەپ سىزدەك جىيەنىدىنمۇ ئالدىراڭغۇ ئىكەن ، ھەتتا سىزنى ئۆزىدىن ئەنسىرىتىپ يۈرۈيدىكەن . >>دىدى كۈلۇپ تۇرۇپ . مىنىڭ بۇنى چۈشەندۈرۈشكە ئامالىم يوقىدى ، شۇڭا پەقەت كۈلۈپلا قويدۇم ۋە ھىساۋات تالۇنىنى قۇلۇمغا ئالدىم ، ئالدىميۇ تالۇنغا قاراپ يۈزلىرىم قارىداپ كەتتى ، ھىساۋات تالۇنىدىكىسى 4000 يۇەندىن كۆپرەك پۇل ئىدى ، ئىچىمدە << ۋۇ ئانناڭنى ! بۇ قىرى ئەبلەخ تۈنۈگۈن يەنە چۈشۈپ ھېلىقىدەك ئىشلارنى قىپتۇ دە >> دەپ تىللىدىم .
بۇ ھىساۋات تالۇنىغا قاراپ مەن بىر ئاز غەم قىلىدىم ، بۇ بىرقانچى كۈندىن بىرى بىز پۇلنى خېلى ككپ خەجلىۋەتتۇق ، ئەسلىدە كەنجى تاغامنىڭ يانچۇقى خېلى توم ئىدى ،بىراق قەبرىدىن قېچىپ چىققاندىن كىيىن ئۇ پۇلنى سۇدەك خەجلىدى ، يەنە كىلىپ ھېلىقى ئوتكەتكەن ئورمانلىقتىكى كەنىتكە ئازراق ئىئانە قىلدى ، شۇڭا يېىنىدىكى نەق پۇل ئاساسەن تۈگەپ قالغانىدى ، ئىنىڭ بىر ئادىتى شۇكى سىرتقا چىقسا بانكا كارتىسىنى ئېلىۋالمايتتى ، ئۇنىڭ دۇيىشىچە بۇ كونا ئېقىمدىكىلەرنىڭ ئىستىلىمىش ، بۇ بىرنەچچە كۈندىن بىرى يۈزىنى قېلىن قىلىپ مىنىڭ پۇلۇمنى خەجلەۋەتاتتى ، ئۇنىڭ دىيىشىچە شىركەت ئۇنىڭغا پۇل ئەۋەتكەندە ماڭا قايتۇرۇپ بىرىمىش ، مەن مۇشۇ ئىشلارنى خىيالىمغا كەلتۈرۈپ << مىنىڭمۇ پۇلۇم قالمىغانلىقىنى ئويلىشى كىرەكتىغۇ ! >> دىدىم كۆڭلۈمدە .
كۆڭلۈم يېرىم ھالدا پورتمالىمنى چىقاردىم ، لىكىن پورتمالىمغا قاراپلا چۈچۈپ كەتتىم ، مەنمۇ پۈتۈن پۇل خەجلەشكە ئادەتلىنىپ كەتكەنىدىم ، شۇڭا دىققەت قىلماپتىمەن ، پورتمالىمدا پەقەت بىر نەچچە ۋاراقلا تىزا قالغانىدى . پەنزى تا ھازىرغىچە ھۇشسىز ئىدى ، قاچان ھۇشىغا كىلىدىغانلىقىنى بىرنىمە دىگىكى بولمايتتى ، ھېلىقى دۇختۇرنىڭ دىيىشىچە پەنزىنىڭ كىسىلى ئۇنچە ئېغىرمۇ ئەمەسكەن ، ئاساسلىقى پەنزىنىڭ بەدىنىنىڭ ئەسلىگە كىلىشىگە باغلىقكەن ، مەن ھېچ بولمىغاندا ئون – ئون بەش كۈنگىچە بىر يەرگە بارالمايدىغانلىقىمنى بىلدىم ، پەنزى بىر غېرىپ مىسكىن ئۇنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالىدىغان ئادىمى يوق ، لىكىن بۇنچىلىك پۇل ھېچنىمىگە يەتمەيدۇ .
ئەڭ يامان بولغىنى ھازىر كۆز ئالدىمدا تۆت خانىلىق ھىساۋات تالۇنى ماڭا قاراپ تۇراتتى ، بۇ بىر ئازاپلىق ئەھۋال بولدى . مەن خىجىل بۇلۇپ ئۇنىڭغا ھازىر يېنىمدىكى نەخ پۇلنىڭ يەتمەيدىغانلىقىنى ، مۇمكىن بولسا سەل تۇرۇپ بانكىدىن ئاجرىتىپ ئۇنىڭغا يەتكۈزۈم بەرسەم بۇلىدىغان بولمايدىغانلىقىنى سورىدىم ، ئۇ مىنىڭ بىر نەچچە كۈندىن بىرى پۇل خەجلىگەندىكى مەرتلىكىمنى كۈرگەن بولغاچقا كۈلۈپ تۇرۇپ :<< ھېچقىسى يوق ئەتە يەتكۈزۈپ بەرسىڭىزمۇ بۇلىدۇ ، ئەمىسە سىزنى ئاۋارە قىلماي ، ئىشىڭىزنى قىلىۋېرىڭ >> دەپ چىقىپ كەتتى .
ئۇچىقىپ كەتكەندىن كىيىن مەن نىمە قىلىشىمنى بىلمەي قالدىم ، ئۆلگۈر پەنزىنىڭ كۈندىلىك داۋالاش دۇرا پۇللىرى تۆت خانىلىق بۇلىۋاتىدۇ ، بۇ قېرى ئەبلەخ كىتىپ بولدى ئەمدى مەن نەگە بېرىپ پۇل تېپىپ ئۇنىڭ داۋالىنىش ھەققىنى تۈلەيمەن ئەمدى ، بوۋايغا تېلىاۇن قىلايمۇ يە ! ياق ياق . بولمايدۇ ، ئۇنىڭغا تېلىفۇن قىلسام ئۇمىنى تىللاپ ئۆلتۈرۋېتىشتىن يانمايدۇ ، بۇ بىرنەچچە يىلدىن بۇيان سودىنىڭ بوش بۇلىشى ئۇنىڭ ماڭا بولغان نارازىلىقىنى قوزغاپ قويغانىدى ، ھازىر بۇۋاي ئەڭ يارىماس دەپ بىلىدىغان كەنجى تاغام بىلەن قەبرە ئوغۇرلىغى چىققان دىسەم …. ۋاي بولدى بولدى !
مەن ياتاققا قايتقاندىن كىيىن ئىچىم تىتىلداپ تۇرغاندا تۇيۇقسىز كۈزۈم كارۋاتتىكى سومكىدا تۇرغان ئالتۇن يىپلىق قاشتېشى جەسەت ساندۇقى قېپىغا چۈشتى ، كەنجى تاغام بۇنەرسىن ىناھىيىتى پۇختا ساقلىغان بۇلۇپ ، ماي قەغىزى بىلەن بەش – ئالتە قات ئوراپ قويغانىدى ، مىنىڭ كاللامغا ئانچە ئاقىلانە بولمىغان بىر خىيال كەلدى << قارىغاندا بۇ ئون نەچچە كۈننى ياخشىراق ئۇرۇنلاشتۇرمىسام بولمايدىغاندەك قىلىدۇ ، بۇ يەردە ھەركۈنى يەپ ئىچىپ ئۇخلاشقىلا بىرمۇنچە پۇل كىتىغان تۇرسا ، ھەركۈنى ئۇلارغا ئاق ھۆججەت بەرگىلى بولمايدۇ دە ! بولمىسا مەن بىرەر ئاسار ئەتىقە سودا بازىرىنى تېپىپ بۇ نەرسىنى سېتىۋىتەي ئاندىن كىيىن پۈتۈن جىنەن شەھرىنى بىر ئايلىنىپ چىقاي ، بۇنداق بۇلغاندا ۋاقىتمۇ ئىسراپ بولمايدۇ >> .
مەن خىيال قىلىپ مۇشۇ يەرگە كەلگەندە خىيالىمنىڭ ئۇرۇنلۇق ئىكەنلىكىنى ھىس قىلدىم ، مەن ئەسلىدىمۇ ساياھەت قىلىش مەقسىتىدە بۇيەرگە كەلگەن ، بىراق ھازىر قىلىۋاتقىنىم x ئارخىپىنى تەكشۈرۈشكە ئوخشاپ قالدى ، نىمە ھاجىتى ، بىراق ھازىر ئەھۋال بۇ دەرىجىگە يەتتى ئەمدى ئىككىلىنىپ ئولتۇرۇشنىڭ ھاجىتى يوق ، مەن باشقىلار تەرپىدىن مىھمانخانىدىن قوغلاپ چىقىرىلسامغۇ ھېچقىسى يوق ، لىكىن پەنزىنىڭ دورىسى توختىتىۋېتىلسە چاتاق بۇلىدۇ ، كۈن تېخى كەچ بولمىدى تىزراق بىرتەرەپ قىلىشىم كىرەك .
مەن زالغا چۈشۈپ مۇلازىمدىن بۇيەردە ئاسار –ئەتىقە ،كونا بۇيۇملارنى ساتىغان جاي بارلىقى سورىدىم ، بۇ مۇلازىم قىزغىنلىق بىلەن مىنى باشلاپ سىتقا چىقتى ۋە ماڭا ياردەملىشىپ تاكسى تۇسۇشۇپ بەردى . ماشىنىغا چىققاندىن كىيىن مەن شوپۇرغا نەدە ئاسار –ئەتىقە ،كونا بۇيۇملارنى ساتىغان جاي بولسا شۇيەرگە بارايلى دىدىم ، شوپۇر ئۇستام :<< ئۇنداق بولسا سىزنى قەھرىمانلار سودا بازىرىغا ئاپىراي ، ئۇ يەردە خېلى ياىشى نەرسىلەرمۇ بار >> دىدى .
مەن يولدا بارغۇچە بۇ ئۇستام بىلەن ناھايىتى چىقىشىپ قالدىم ، ئۇنىڭ دىيىشىچە بۇيەر بىرقەدەر چوڭ بازار بۇلوپ ئاساسلىقى قەدىمى بۇيۇملار ۋە ھۆسنىخەت بۇيۇملىرى توپلاشقان جاي ئىكەن ، ئادەم ناھايىتى كۆپمىش ، ناھايىتى ۋاراڭ – چۇرۇڭ دەيدۇ ،يەنى كىلىپ ساختا مالمۇ كۆپمىش ، بۇ ئۇستام بوش ۋاقىتلىرىدا بۇيەرگە كىلىپ بۇيەردىكى خۇجايىنلار بىلەن قارتا ئويناپ ،ئانچە – مۇنچە پو ئېتىپ ئۇلارنىڭ كۆڭلىنى خوش قىلىپ قۇيىدىكەن .
مەن ئېغىرلىقىدىن ئادەمنى ئۆلتۈرىدىغان ھېلىقى قاشتىشى جەسەت ساندۇقى قېپىنى يۈدۈپ بازار ئايلانغاچ چوڭراق بىرەر ئىشىكنى ئىزدىدىم ، بۇ نەرسىنى ئادەتتكى ئادەملەر سېتىۋالالمايتتى ، چوڭراق ماگىزىنلارنىڭ ئەلۋەتتە ئۈزىگە يارىشا چوڭ – چوڭ خىرىدارلىرى بۇلاتتى ، ئۇداقلا تۇنۇشتۇرۇشنى ھاۋالە قىلساق ، مال سېتىلسا ئۇنىڭغا %20 چاي بەرسەكلا بۇلىدۇ ، بۇجەھەتتە مەنمۇ كەسىپ ئەھلى ، شۇڭا بىرەرى مىنى ئەخماق قىلىمەن دىيىشى مۇمكىن ئەمەس . بىز قەبرىدىن قايتىپ كىلىدىغان چاغدا كەنجى تاغام بىلەن بۇنەرسىنىڭ باھاسى توغرىسىدا سۆزلەشكەن ، كەنجى تاغام بۇ نەرسىنى بىرە مىلىيۇنغا ياراپ قالار ،بۇنداق نەرسىنىڭ باھاسى بار ،بازىرى يوق ، بىرىنجىدىن بۇنداق قىممەت نەرسىنى ئالىدىغان ئادەم ناھايىتى ئاز ، ئەجنەبىلەردىن باشقا . ئىككىنچىدىن بۇنەرسە بەك چوڭ ، چوڭ نەرسىلەرنى قولدىن چىقارماق كىچىك نەرسىلەرنى قولدىن چىقارغانغا قارىغاندا تەس دىگەنىدى ، ئۇ يەنە << ئەگەر بۇ نەرسىگە خىرىدار چىقسا سەككىز يۈزمىڭغىچە ئالسا قولسىن چىقىرىۋەتسەك بۇلىدۇ >> دىگەنىدى .
كەنجى تاغامنىڭ شۇگەپلىرىگە ئاساسلاغاندا مىنىڭ كۆڭلۈمدىمۇ سان بار ئىدى ، مەن ئۇيەردە ئۇياق – بۇياققا قاراپ كۆپ ماڭمايلا بىر يايمىدا بىردانە مىس ئىسرىقدان قۇيۇلغانلىقىنى كۆردۈم ، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئادەم سىياقى چۈشۈرۈلگەنىدى ، مەن قاراپلا ھەيران قالدىم ، ئۇ ئادەملەرنىڭ ھەممىسىنىڭ قۇرسىقى يوغان بولۇپ ، كەنجى تاغام تىلغا ئالغان قەبرە تېمىدىكى رەسىملەر بىلەن ئوخشاش ئىدى ، مەن ئىڭىشىپ تەپسىلىراق قاراپ باقماقچى بولدۇم ، بۇ ۋاقىتتا خۇجايىن چىقىپ :<< ئو ھوي ! سىز راستىنلا مال تۇنۇيدىكەنسىز ،مىنىڭ يايمامدا پەقەت مۇشۇ نەرسىلە پۇلغا يارايدۇ ! >> دىدى .
مەن ئۇنىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلاپلا ئۇنىڭ بىر ساختىپەز ئىكەنلىنى بىلىپ ئۇنىڭدىن : << بۇنىڭ ئۈستىگە ئۇيولغىنى نىمە ؟ نىمانداق غەلىتە ،تورقۇدىن قارىغاندا خەينەندىن كەلتۈرۈلگەن ئوخشىمامدۇ ؟>> دەپ سورىدىم .
ئۇ ئادەم مىنىڭ سۆزۈمنى ئاڭلاپلا ،چىرايى ئۆزگەردى ھەمدە ئالدىراپ مىنى دۇكان ئىچىگە تەكلىپ قىلدى دە : << بۈگۈن راستىنلا كەسىپ ئەھلىگە ئۇچراپتىمەن ، بۇنەرسىنى ئۇ يەردە قۇيۇپ قويغىلى بىر يىل بۇلاي دىدى ، سىز تۇنجى سىنچىلاپ قارىغان ئادەم ، توغرا بۇ ھەقىقەتەن خەينەننىڭ مېلى .>> دىدى .
قەدىمى بۇيۇملا سۇدىسى قىلىدىغانلارنىڭ ئېغىزى تاتلىق بۇلىشى ئىنىق ، مەن ئۇنىڭ چىرايىغا قاراپ ئۇنىڭ ھازىرقى گەپلىرىنىڭ راسلىقىنى ، ياكى پەقەت ئاشۇ نەرسىنى ماڭا سېتىۋېلىش ئۈچۈنلا دىگەن گىپى ئىكەنلىكىنى زادىلا بىلەلمىدىم ، مىنىڭ بۇ توغرۇلۇق بىلىدىغىنىم كۆپ ئەمەس ،كەسىپ ئەھلى سىياقىغا كىرىۋالسام ئاشكارىلىنىپ قېلىشىم ئىنىق ، شۇڭا :<< كەسىپ ئەھلى ئەمەس ! كەسىپ ئەھلى ئەمەس ! ئاشۇرۋەتتىڭىز ، مەن بۇ نەرسىنى خەينەندە كۆرۈپ ناھايىتى غەلىتە ھىس قىلغانىدىم ، بۇ نەرسىنى نىمە دەيدىغانلىقىنىمۇ بىلمەيمەن .>> دىدىم .
ئۇ ئادەم مىنى ئولتۇرۇشقا تەكلىپ قىلىپ بىر ئىستاكان چاي كەلتۇردى ھەمدە : << بەك كەمتەركەنسىز ، ئەگەر سىز راستىنلا بىلمىسىڭىز ھېقىسى يوق ، مەنسىزگە دەپ بىرەي ، بۇ ئىسرىقداننىڭ ئۇستىگە ئۇيۇلغىنى بىرخىل ئالۋاستى ، ئۇلار بۇ نەرسىنى < نەەر بەنىت قىلىنغان مۇماي > دەپ ئاتايدۇ ، بۇنىڭ كىلپچىقىشىنى سۆزلىسەك گەپ ئۇزۇن ، سىز راستىنلا قىزىقسىڭىز مەن سىزگە باشتىن سۆزلەپ بىرەي . >> دىدى .
مە ن قىزىق ئويۇن چىقىۋاتقانلىقىنى پەملەپ ، مەن ئىسرىقداننى راسلا ئالىدىغان قىياپاتكە كىرىپ بېشىمنى لىڭشىتتىم . ئۇ ماڭا سەل تۇرۇپ تۇرۇڭ دەپ قول ئىشارىتى قىلىپ بېرىپ مال جازىسىغا تىزىلغان ئسرىقداننى چاي ئۈستىلىگە قويدى ، شۇئان بۇرنۇمغا بىرخىل ناھايىتى خۇشبۇي ھىد ئۇرۇلدى ، مەن ھەيران بولدۇم ، ئۇ ھى ھى دەپ كۈلۇپ :<< بۇ خۇشپۇراق ئالاھىدىمىكەن ؟ >> دەپ سورىدى .
<< ئىچىدىكى قانداق خۇشپۇراق ماتىريال ئۇ ؟ >> دەپ سۇرىدىم مەن .
ئۇ ئىسرىقداننىڭ ئېغىزىنى ئاچتى ، مەن ئىسرىقداننىڭ ئىچىگە قارىسام كىچىككىنە تاشقا ئوخشايدىغان بىر قارا نەرسە تۇراتتى ، مەن ھاڭۋېقىپلا قالدىم ، ئۇ مىنىڭ بۇ ھالىتىمنى كۈرۈپ كۈرەڭلىك بىلەن :<< بۇ بولسا دەل < نەزەر بەنىت قىلىنغان موماي > نىڭ سۆڭىكى ، بۇ خۇشپۇراقنى سۈڭەك ئەنبەر دەيمىز . بىراق بۇنەرسە ياخشى نەرسە جۇمۇ ، سىز ئۇخلىغان ۋاقىتتا بۇنى بېشىڭىزدا قۇيۇپ قويسىڭىز ، ناھايىتى ھۇزۇرلۇق ئۇخلايسىز ! >> دىدى .
مەن تۇيۇقسىز بىر ئاز كۆڭلۈم ئېلىشقاندەك ھىس قىلدىم ۋە :<< بۇ موماي زادى قانداق نىمە ؟ ئۇنىڭ سۈڭىكىنى پۇراپ ئۇخلىساق ، بۇ ئانچە ياخشى بولماسمىكىن ! >> دىدىم .
ئۇ ماڭا قاراپ كۈلۈپ قۇيۇپ سۆزىنى داۋاملاشتۇردى :<<بۇ < نەزەربەنىت قىلىنغان موماي > دىگەن ئەمىلىيەتتە بىر كەڭ ئۇقۇم ، يەنى بىر خىل يامان نەرسىنىڭ ئۇمۇملاشتۇرۇپ ئاتىلشى ، ئۇ يەرلىك ئادەملەر ئاغرىپ قالسا ياكى يارلانسا ھەممىسى بۇنى شۇ < نەزەر بەنىت قىلىنغان موماي > نىڭ زىيانلكەشلىكى دەپ بىلىدۇ ، سىز ئۇنى قانداق نەرسە دىسىڭىز مەنمۇ تازا ئىنىق تەسۋىرلەپ بىرەلمەيمەن ، ئىشقىلىپ ئۇنى بىر قەبىھ ئالۋاستى دىيىشكە بۇلىدۇ . >> .
<< بۇ شۇ نەرسىنىڭ سۈڭىكى دەڭا؟بۇ نەرسە قەيەردىن كەلتۈرۈلگەن ؟ ئېغىزى ئۈستىدىكى كىرگە قارىغاندا بۇ دېڭىز مېلى ئوخشىمامدۇ ؟ >> دىدىم مەن قۇشۇمامنى تۈرۈپ.
ئۇ ئادەم سەت ھىجىيىپ :<< ئۆزىڭىز كەسىپ ئەھلى ئەمەس دەيسىز تېخى ! كۆزىڭىز باركەن ، بۇ نەرسىنى بىر بىلىقچى دېڭىزغا تور سالغاندا سۈزۈۋالغانىكەن ، بىراق ئاز تېپىلىدىغان نەرسە قىممەت بۇلىدۇ ، دەرۋەقى ئۈستىدە ئازراق دېڭىز كىرى بار ، لىكىن بۇنىڭلىق بىلەن بۇ قىممەت نەرسىنىڭ باھاسى چۈشۈپ كەتمەيدۇ ئەلۋەتتە ! >> دىدى .
مىنىڭ يېنىمدىكى پۇل ئۇنچە كۆپ ئەمەس ئىدى ، شۇڭا << ھەي ! ئەپسۇس ، مەن ئەزەلدىن پاكىزە نەرسىلەرنى يىغىمەن ، بۇ دېڭىز مېلىنى مەن ئالمايمەن ، ئەگەر ساتاي دەپ قالسىڭىز مەن ماۋۇ سۈڭەك ئەنبەرنى ئالاي قانداق ؟ >> دىدىم
بۇنى ئاڭلاپ ھېلىقى ئادەمنىڭ چىرايى ئۆزگەردى ۋە دەرھاللا چىرايىغا كۈلكە يۈگۈرتۈپ << بۇنىڭدا قانداق بۇلىدۇ ! سىز بۇ ئەنبەر ئېلىپ كەتسىڭىز ، مەن بۇ ئىسرىقداننى نەگە ئاپىرىپ كىمگە ساتىمەن ؟ >> دىدى .
مەن بۇنەرسىنىڭ ئۈستىگە چاڭ –تۇزاڭ قۇنۇپ كەتكىنىگە قاراپ بۇنى تىزىپ قۇيغىلى خېلى بولغانلىقىنى ھىس قىلدىم ، بۇنداق نەرسىلەرنىڭ بازىرى كاسات ،قولدىن چىقارماق تەس ، ئادەتتە سېتىۋالغۇچىلار بۇنداق نەرسىلەرنى ئانچە ياخشى كۆرمەيدۇ ، ئەنسىز يىللاردىكى ئالتۇن كۈمۈش ،گۈللىنىش دەۋرىدىكى بۇيۇم دىگەنلەر ساتقىلى بولمايدىغان نەرسىلەر ، دۇكان خۇجايىنىمۇ ئۈنچە قىلىپ كەتمىدى ، مەن بېشىمنى چايقاپ << مەن بۇ نەرسىنى سېتىۋالغىنىم بىلەنمۇ ھېچقانداق پايدىسى يوق ، توختا مەن ھېلىقى جەسەت ساندۇقى قېپىنى ئۇنىڭغا كۆرسۈتۈپ باقاي ، مۇبادا ئۇ سېتىۋالغۇچى بىلەن ئالاقىلىشالىسا بۇنەرسىنى ماڭا بىرىۋىتەمدۇ تېخى ! >> دەپ ئويلاپ :<< بۇ لىدۇ ، بىز ئاۋال بۇنى قۇيۇپ تۇرايلى ، مەن سىزگە بىر نەرسىنى كۆرسىتەي >> دەپ ئۇنىڭغا قاشتېشى جەسەت ساندۇقى قېپىنىڭ بىر بۇرجىكىنى چىقىرىپ كۆرسۈتۈپ قويدۇم ، ئۇنىڭ كەسىپ ئەھلى ياكى ئەمەسلىكىنى ئىپادىسىگە قاراپلا بىلگىلى بۇلاتتى ، ئۇ بۇ نەرسىنى كۈرۈپلا چىرايى ئۆزگەردى ، ھەمدە گەپ قىلمايلا نەرسىنى يۆگىدى ، ئاندىن ئورنىدىن تۇرۇپ ماگىزىننىڭ يىغما ئىشىك دەرىزىلىرىنى تارتىۋېتىپ كىلىپ ، مىنىڭ چېيىمنى تۈكىۋېتىپ قايتىدىن بىر ئىستاكان چاي دەملىدى ، مەن چاينى پۇراپلا :<< ۋۇ ئانناڭنى ، ئالى دەرىجىلىك تىيې گۈەن يىن چېيى كەنغۇ ! قارىغاندا مەن بىر قېتىم ئالدىنىپ بوپتىمەن دە ! >> دەپ ئويلىدىم .
ئۇ پىشانىسىدىكى تەرنى سۈرتىۋېتىپ :<< ئۇستام ! ئۆزلىرىنىڭ نام - شەرەپلىرى نىمىكىن ؟ >> دىدى .
مەن ئۇنىڭ بۇ ھەركەتلىرىدىن ئۇنىڭ ھەرگىزمۇ يالغۇز تىجارەت قىلىدىغان ئادەتتكى تىجارەتچى ئەمەسلىكىنى بىلدىم ، يەنە كىلىپ ئۇ بىر قاراپلا بۇ نەرسىنىپ قەبرىدىن ئوغرىلاپ كىلىنگىنىنى بىلدى ، شۇڭا مەنمۇ ئاخسالىق بىلەن :<< پېقىرنىڭ فەمىلىسى ۋۇ ، خۇجايىن ئۆزلىرىنىڭ نام – شەرەپلىرى نىمىكىن ؟ >> دەپ سورىدىم ، ئۇ ئادەم :<< مىنى لاۋ خەي دەپ چاقىرسالا بۇلىۋىرىدۇ ، ئۇنداقتا ، ۋۇ ئۇستام بۇنەرسىنى قولدىن چىقارماقچىمۇ ياكى مىنىڭ كۈزۈم ئېچىپ قۇياي دىدىلىمۇ ؟ >> دەپ سورىدى .
<< ئەلۋەتتە قولدىن چىقىرىمەن ، بۇ نەرسىنى يېنىمدا ئېلىپ يۈرسەم قۇلۇمنى كۆيدۈرىدۇ !>> دىدىم مەن جاۋابەن .
ئۇ ئۆينىڭ ئىچىدە ئۇياق –بۇياققا بىرقانچە قېتىم ماڭغاندىن كىيىن ،پۈتۈنمۇ ياكى ،،؟ >>دەپ سورىدى .
مەن بېشىمنى لىڭشىتىپ : << ئازراقمۇ كەم ئەمەس ، تېخى يىڭىلا قاسقاندىن چىققان تېخى قىززىق >> دىدىم .
ئۇ يېنىمغا كىلىپ ئولتۇرۇپ پەس ئاۋازدا << ۋۇ ئۇستام ، مەن تۈز گەپ قىلىدىغان ئادەم ، مەن شۇنداق دەپ كىسىپ ئېيتالايمەنكى سىزنىڭ بۇ نەرسىڭىزنى پۈتۈن قەھرىمانلار سودا بازىرى تەۋەسىدە وەقەت مەنلا ئېلىشقا جۈرئەت قىلالايمەن ، بىراق بۇيەردە بۇ نەرسە توغرۇلۇق سىز بىلەن باھا تالىشىپ ئولتۇرىشىمىز بىھاجەت ، گۈھەر بىباھادۇر ، سىز كۆڭلىڭىزدىكى دەڭ قانچىلىك ئالىسىز ؟ مەن دوستۇمغا تېلىفۇن قىلىپ سىزگە ئالاقىلىشىپ بىرەي . >> دىدى .
مەن كۆڭلۈمدە قانداقلا بولمىسۇن بىرەر مىلىيۇننى ئېلىشىم كىرەك ، داكۇينىڭ ئائىلىسىدىكىلەرگە 300 مىڭنى بەرسەم . پەنزى دوختۇرخانىدا ئاز دىگەندىمۇ 200مىڭى كىتىدۇ ، سىمىزمۇ ئاللىبۇرۇن ، نەرسىنى قوللدىن چىقارغاندا پۇنلى كارتىغا ئۇرىۋىتەرسىلەر دپ قايتقان ، بۇنداق ئادەم ئاز دىگەندىمۇ 100مىڭدىن ئارتۇقراق تەلەپ قىلىدۇ . ماڭا كەلگەندە ئۈزۈمنىڭ جېنىمنى ئالقىنىمغا ئېلىپ قۇيۇپ ئېلىشقىنىمنى ئويلاپ بەكلا ئاز ھىس قىلىدىم . بىراق كەنجى تاغام << قەبرە ئوغۇرلاش مۇشۇنداق خەتەرلىك ئىش ، بىراق بۇئىشنى بىرقېتىم قىلساڭ يەنە بىرقېتىم قىلغۇڭ كىلىدۇ ، سەن بىر قەبرىگە چۈشۈپ ئوغۇرلاپ كەلگەن نەرسەڭ ھەر قانچە قىممەتلىك بولسىمۇ ، ئۇنىڭغا خىرىدار چىقمىسا ئۇۋااقىتتا ئۇ ئەخلەت ھىسابلىنىدۇ . >> دەيتتى ،شۇڭا ئۇ ئەزەلدىن بەك ئىسىل نەرسىنى ئالمايتتى ،ئالسىمۇ ئۇنى قولدىن چىقارغىلى بولمايتتى .
مەن بىر مىلىيۇن بولسا بولار دەپ پەررەز قىلىپ لاۋ خەيگە بىر بارمىقىمنى كۆرسەتتىم ، ئۇ بۇنى كۈرۈپ خۇشال بۇلۇپ كەتتى ، بۇنى كۈرۈپ < ئەرزان دەپ قويدۇممۇ نىمە ؟ > دەپ بىر ئاز ئىچىم پۇشتى . لاۋخەي تېلىفۇننى قولىغا ئېلىپ بىربۇلۇڭغا بېرىپ بىرسىگە تېلىفۇن قىلىپ پەس ئاۋازدا بىر نىمىلەرنى دىيىشكەندىن كىيىن ،خۇشاللىقىدىن يۈزلىرى قىزىرىپ << پۈتتى ! پۈتتى! ۋۇ ئۇستام تەلىيىڭىز باركەن ، بۇ نەرسىنى بىر ئادەم خىېلىدىن بىرى ئىزدەۋەتقانىكەن ، بۇ نەرسە بىر مىلىيۇنغا ئەرزان ، ئىككى مىلىيۇنغا قىممەت ، شۇڭا مەن سىز ئۈچۈن بۇنى بىرمىلىيۇن 200 مىڭ دېدىم ، قانداق سىزنىڭچە بوپتۇمۇ ؟>>دىدى .
مەن ئاڭلاپلا كۆڭلۈمدە < سىنىڭ قانچە پۇل دىگىنىڭنى كىم بىلىدۇ ، باھاسىنى بىرھەسسە ئۆستۇرۇپ مەلۇم قىلدىڭمۇ تېخى بىرنىمە دىمەك تەس ! > دەپ ئويلۇدۇم ، بىراق نىمىلا دىگەن بىلەن مىنىڭ قىياسىمدىكىدىن 200مىڭى كۆپ بولغاچقا كۆڭلۈم يەنىلا خۇشال ، مەن ئۇنىڭدىن << ئۇنداقتا سىزنىڭ ئۈلۈشىڭىز يەنىلا كونا قائىدە بۇيىچە بۇلامدۇ ؟ >> دەپ سورىسام ، ئۇ كۈلۈپ تۇرۇپ :<< سىزدىن يۇشۇرمايمەن ، قارشى تەرەپ ماڭىمۇ قۇشۇپ ئەۋەتىدۇ ، بۇ بىرمىلىيۇن 200 مىڭنى سىز ئېلىىڭ ، سىزنىڭ بېشىڭىزدىكى يارىغا قارىسام بۇنەرسىنى خېلى تەستە ئېپ چىققاندەك قىلىسىز ، پەقەت مىنى ئۇنتۇپ قالمىسىڭىزلا بۇلىدۇ ، كىيىنكى قېتىم مۇشۇنداق نەرسىلەر بولسا ، باشقىلارنىڭ يېنىغا بېرىپ يۈرمەي ئۇدۇللا مىنىڭ يېنىمغا كىلىڭ ، مەيلى سىز قانچە باھا قۇيۇڭ مەن سىزگە %20 ئۆستۈرۈپ بىرىمەن بىرىمەن ، بىلىشىڭىز كىرەككى مىنىڭ كەينىمدىكى ئاساسلىق خىرىدارىم كاتتا باي . باشقىلار ئېلىشقا پېتىنالمىغاننىمۇ ئالىدۇ . >> دىدى ، ئۇمىنىڭ بىرئاز جىددىلىشىۋاتقىنىمنى كۈرۈپ ، ئالدىراپلا << بىر ئاز ئولتۇرۇپ تۇرۇڭ ، مەن سىزگە پۇلنى تەييارلاپ بىرەي ، مىنىڭ بۇ يايمامنى كىچىك كۆرمەڭ ، بىرە ئىككى مىلىيۇن دىگەن چىقىدۇ ، ھازىرلا سىزگە ئاچىقىپ بىرەي .>> دەپ ئىچكىرىگە ماڭدى .
مەن ئۇنىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلاپ ، گىپى ئەجەپ چوڭكىنا ، قەدىمكىلەرنىڭ << ھەر تۈرلۇك كەسىپ بار ، ئاسار ئەتىقە سودىسى خان سانىلار !>> دىگەن سۆزى راستكەن ، قارىغاندا بۇئەبلەخ ىېلى مەر نىمە ئوخشايدۇ دەپ ئويلىدىم ۋۇ دەرھاللا <<توختاڭ ! ئۇنداقتا ماۋۇ ئوچاقنى ؟ بۇنى ماڭا بەرمىسىڭىزمۇ بىر باھا قويمامسىز ، مەن بىراقلا سېتىۋالاي . >> دىدىم .
ئۇ ئادەم ئېلىپ كىتىڭ دەپ قول ئىشارىتى قىلغاچ ، كۈلۈپ << سىز ياقتۇرغان بولسىڭىز ئېلىپ كىتىۋىرىڭ ، سىزگەقىلغان سوۋغام بۇلۇپ قالسۇن ، سىزدىن يۇشۇرمايمەن ، مەن بۇنەرسىنى بەش يۇەنگە سېتىۋالغان ، بايىقى گەپلارنىڭ ھەممىسى سىزنى قىلتاققا چۈشۈرۈش ئۈچۈن دىيىلگەن . >> دىدى .
ئۈچ سائەتتىن كىيىن مەن نۇرغۇن پۇلنى ئېلىپ ،خۇشاللىقتىن بېشىم كۆككە يەتكەن ھالدا مىھمان خانىغا بارغىنىمدا ئىشىك تۈۋىدىكى كۈتكۈچىلەرگىمۇ پەرۋا قىلماي ماڭدىم ، كەينىمدە بەزىلەر << قاراڭلا ماۋۇ ئەبلەخنى ، لاتارىيەدىن بەش مىلىيۇن چىقتىمۇ نىمە ، خۇشاللىقىدىن كۈلۈپ كۆزلىرىنىمۇ ئاچالماي قاپتۇ . >> دەپ مۇلاھىزە قىلىپمۇ ئۈلگۈردى .
مەن ياتاققا كىرىپ پۇلنى رەتلىگەندىن كىيىن مىھمانخانىنىڭ بارلىق قەرىزلىرىنى ئۈزدۈم ، ئاندىنكىيىن دوختۇرخانىغابېرىپ پەنزىنىڭ بىر ئايلىق داۋالىنىش كۈتۈنۈش پۇلىنى تاپشۇردۇم ، سىمىزگە پۇل سالدىم ، ئاندىن تەنتەنىلىك ھالدا ئۈزۈمگە تەئەللۇق بولغىنىنى ، يەنە كەنجى تاغامنىڭ مەندىن قەرز ئالغىنىنىمۇ قېتىپ ئۈزۈمنىڭ بانكا كارتامغا ئۇرىۋەتتىم . كۆڭلۈم ئاخىرى ئارامىغا چۈشتى .
بۇ بىرنەچچە كۈندىن بىرى چىرايلىق ساياھەت يىتەكچىسىدىن بىرنى تېپىپ ،جىنەننىڭ ھەممە جايلىرىنى بىرقېتىم ئايلىنىپ چىقتىم ، مەن خاڭجۇدىن كەلگەندىن بىرى ، ئادەم مەنزىرىسىنى كۆپ كۈرۈپ كەتتىم ، بارغانسىرى قىزىقىشىم قالمىغىلى تۇرغانىدى ،شۇڭا بىر بىلىقچىلىق مەيدانىنى تېپىپ بىلىق تۇتتۇم ، بۇ بىرنەچچە كۈن مىنىڭ ھاياتىمدىكى ئەڭ راھەت كۈنلەر بولدى ، بىراق ئادەم دىگەن بەك رەزىلكەن ، مەن مۇشۇ راھەت ئۆتكەن كۈنلىرىمدە ، قەبرە ئوغرىلىغاندىكى شۇ ھاياجانلىق مىنۇتلارنى بىر ئاز سېغىنىپ قالدىم .
قۇرۇق گەپنى تۇلا قىلماي ، مۇشۇنداق راھەتلىك تۇرمۇش تەخمىنەن بىر ھەپتىدەك داۋاملاشتى ، مەن بىلىق تۇتۇش مەيدانىدىن قايتىپ ياتاققا كىرگىنىمدە ياتاقتىكى تېلىاۇن سايراۋاتقانىكەن ، مىنىڭ بۇ مىھمانخانىدىكى ياتىقىمنىڭ تېلىفۇن نۇمىرىنى پەقەت كەنجى تاغاملا بىلەتتى ، مەن ئۇنى ئىشنىڭ قاش كىرپىكىنى ئايرىپ بولغان چېغى دەپ ئويلاپ ، ئالدىراش بېرىپ تېلىفۇننى ئالدىم ، لىكىن تېلىفۇننى ئېلىپلا ھايران قالدىم ، قارشى تەرەپ بىر ناتۇنۇش ئەر كىشى ئىدى ، ئۇنىڭ بىرىنجى ئېغىز سۈزى :<< سىز ۋۇسەنشېڭ ئىسىملىك بىرىنى تۇنۇمسىز ؟>> دىگەن گەپ بولدى ،
مەن ئۇنىڭ سۆزلىرىدىن ئۇنىڭ بىر ئاز جىددىلىشىۋاتقانلىقىنى ھىس قىلدىم – دە ئالدىراپلا : << تۇنۇيمەن نىمە بولدى ؟>> دەپ سورىدىم .
<<ئۇ يۇقاپ كەتتى .>> دىدى سېلىقى ئادەم .
مەن بۇنى ئاڭلاپلا بېشىم پىرقىرىدى ، ئالدىراپ ئۇنىڭدىن سورىدىم : <<بۇ نىمىگەپ ؟ قانداقسىگە ئۇنى يۇقاپ كەتتى دىيسىز ؟ >> .
<< ئۇ بار كىمىنىڭ قۇرۇقلۇق بىلەن بولغان ئالاقىسى ئۈزۈلۈپ قالغىلى ئون كۈن بولدى ، سىز ئۇنىڭ نىمىسى بۇلىسىز ؟ >> دىدى ھېلى ناتۇنۇش كىشى .
<<مەن ئۇنىڭ جىيەنى >> دىدىم جاۋابەن .
ھېلىقى ناتۇنۇش كىشى << ئۇنداقتا سىز دەرھال خەينەنگە بىر كەلسىڭىز بوپتىكەن !>> دىدى .

EzQi0908 يوللانغان ۋاقتى 2014-6-23 11:09:46

ئۇ ئادەم تېلىفۇندا:<< ھازىر بىز قىدىمى قەبرە ئىچىدىكى ئەھۋالنىڭ قانداقلىقىنى ، ھېلىقىئۈچەيلەننىڭ ھايات ياكى ھايات ئەمەسلىكىنى تېخى بىلمەيمىز ، شۇڭى بىز يەنە بىرگۇرپپا تەشكىللەپ قەبرىگە كىرمەكچى ، بىزنىڭ بۇيەردىكىلەرنىڭ ھەممىسى قۇرۇقنەزىريەچى ، شۇڭا بىز تەجىربىسى مول بىر يول باشلىغۇچى بۇلىشىنى ئۈمىد قىلىمىز ،ھېچ بولىغاندىمۇ ئۇلارغا ياردەملىشىپ قەدىمى قەبرىنىڭ ئىنىق ئورنىنى تېپىپبىرەلىشى كىرەك .>> دىدى .
مەن ئۇنىڭ «يول باشلىغۇچى» دىگەن سۆزنى ناھايتى ئۇرغۇلۇق ئېيتقانلىقىنى ئاڭلىدىم. خۇددى ئۇ مىنىڭ ھەقىقى سالاھىيىتىمنى بىلىدىغانلىقىنى ماڭا يۇشۇرۇن ئاگاھلاندۇرىۋاتقاندەك قىلاتتى، بىراق بۇ ئىشنىڭ خاراكتىرى سەل مۇھىم ئىدى. مەن جەزمەن ئۆزۈم بارمىسام بولمايتتى. مەن ئۆزۈمنى ئوڭشىۋېلىش ھىيلىسىنى ئىشلىتىپ:« سىلەرنىڭ ئۇ يەرنىڭ ئەھۋالى ماڭا ناتۇنۇش، بولسا مەن بارغاندىن كېيىن ئاندىن سۆزلىشەيلى» دىدىم. قارشى تەرەپ :« بولىدۇ، قانچە تىز بولسىڭىز شۇنچە ياخشى» دىدى.
   مەن تېلفۇننى قويۇپ ھازىرلا يولغا چىقىشنى قارار قىلدىم. بىر ياندىن نەرسىلىرىمنى يىغىشتۇرغاچ مىھمانخانىغا ماڭا خەيكۇغا ئەڭ بۇرۇن ئۇچىدىغان ئايرۇپىلان بىلىتىنى زاكاس قىلىپ قۇيۇشنى ھاۋالە قىلدىم. مەن شىشاغا بىر قېتىم بارغان، ئەگەر ھەقىقى شىشا ئارىلىنىڭ تەۋەلىكىگە بارماقچى بولسا ئاز دىگەندىمۇ ئايرۇپىلان، ماشىنا، پاراخۇت قاتارلىق بۇ ئۈچ خىل قاتناش قۇرالىنىڭ ھەممىسىنى ئىشلىتىشكە توغرا كىلەتتى.
   كېيىنكى 16سائەتتە مەن توىتىماي يول يۈردۈم . باشقا قالايمىقان خىياللارنى قىلىشقىمۇ ۋاقىت يوق ئىدى. پەقەت تەڭرىدىن ئىشنىڭ يامىنىغا ئۆزگىرىپ قالماسلىقىنى تىلەيتتىم.ئىككىنجى كۈنى چۈشتە مەن چۈشكەن ئايرۇپىلان ئاخىرى خەيكۇغا يىتىپ باردى. ئۇلارنىڭ شىركىتى ئاللىبۇرۇن بىر ماشىنىنى مىنى ئەكىلىشكە ئورۇنلاشتۇرغان ئىكەن.
   مىنى كۈتىۋېلىشقا كەلگەن ئادەمنىڭ فامىلىسى لىيۇ ئىكەن. ئۇنىڭ دىيىشىچە بۇ قېتىمقى ئىشقا شىركەتنىڭ يۇقىرى قاتلامدىكىلىرى ناھايتى ئەھمىيەت بىرىۋېتىپتۇ. چۈنكى كەنجى تاغام بىلەن بىللە يۇقاپ كەتكەنلەرنىڭ بىرى شىركەت يۇقىرى قاتلىمىدىكى بىرىنىڭ بەگزادىسى ئىكەن. بىراق بۇ قېتىمقى تۈر جەنۇبى جۇڭگۇ تەۋەلىكىدە يولغا قۇيۇلغان بولغاچقا بەك يېيىۋېتىشكە بولمايدىكەن. شۇڭا ئەل ئارىسىدىكى ئەربابلارنى يىغىشقا توغرا كەلگەنمىش.
   دەسلىپىدە مەن «ئەل ئارىسىدىكى ئەربابلار» دىگەن گەپنى تازا چۈشىنەلمىدىم. كېيىن ئويلاپ ئاندىن چۈشەندىم ،ئۆزۈمنى بىلمەي كۈلۈپ تاشلىدىم. بىراق بۇ لىيۇ ئۇستام ئاددى بىر شوپۇر، ئۇنچە كۆپ تەپسىلاتلارنى بىلمەيتتى. مەن ئۇنىڭ بىلەن بىردەم پاراڭلاشقاندىن كېيىن ماشىنىڭ پىرىستان تەرەپكە ھەيدەپ كىلىنگەنلىكىنى بىلدىم.
   مەن نىمە ئىش ئىكەنلىكىنى ئاڭقىرىپ بولغۇچە ئوتتۇرا ياش بىر ئادەم كىلىپ:«سىز ۋۇ ئەپەندىم بولامسىز؟» دەپ سورىدى.مەن بېشىمنى لىڭشىتتىم. ئۇ ئادەم ماشىنا ئىشىكىنى ئېچىپ:«قېنى ماشىنىغا چىقىڭ، كىمە ھازىرلا قوزغالماقچى» دىدى .
   مەن تېخىمۇ گاڭگىراپ :« كىمە؟ نىمە كىمە قوزغىلىدۇ؟ مىنى مىھمانخانىغا ئاپارمامسىلەر؟» دەپ سورىدىم.   ئۇ بېشىنى چايقاپ:« ۋاقىت قىستاپ قالدى، بىز چۇقۇم 7سائەت ئىچىدە ئۇ جايغا يىتىپ بېرىشىمىز، كېيىنكى 10سائەت ئىچىدە بۇ ھەركەتنى تاماملىشىمىز كېرەك، ھازىر بۇران پەسلى يېقىنلاپ قالدى، يەنە كىچىكسەك دېڭىزدا ھېچقانداق ياردەمگە ئىرىشەلمەيمىز، ئەھۋال تېخىمۇ چاتاق بولىدۇ» دىدى.
   مەن ئۇنىڭ ئۆزىنىڭ گېپىنىلا قىلىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ بىر ئاز بىئارام بولدۇم، بىراق بۇ ئىش كەنجى تاغامنىڭ ھاياتىغا مۇناسىۋەتلىك بولغاچقا مىنىڭمۇ باشقا تاللىشىم يوق ئىدى. مەن غۇدىرىغاندەك قىلىپ يۈك-تاقلىرىمنى يۈدۈپ ئۇنىڭغا ئەگىشىپ پىرىستانغا كەلدىم.ئۇپىرىستاندا تۇرغان ناھايتى كونا 7توننىلىق، تۈمۈر قاپلىق بىر بېلىقچىلىق كىمىسىنى كۆرسىتىپ:« مانا كەلدۇق، بۇ بىزنىڭ بۇ قېتىم ئىشلىتىدىغان كىمىمىز» دىدى.
   مەن ئۇنى چاقچاق قىلىۋاتسا كېرەك دەپ ئويلىدىم.    ئۇ دەرھاللا:« ئامال يوق، بىزنىڭ ئۇ يەردىكى كەڭ كۆلەملىك ئاختۇرىشىمىز چىگرىدىكىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتىپ قويدى، شۇڭا مۇشۇنداق نىقاپلانمىساق بولمايدۇ، خاتىرجەم بولۇڭ كىمىدىكى ئۈسكىنىلەر ناھايتى ئىلغار، دېڭىز سەپىرىدە ھەرگىزمۇ مەسىلە چىقمايدۇ» دىگەچ كىمىنىڭ يېنىغا كەلدى.   شۇ ئارىدا كىمىدىن بىرەيلەن چۈشۈپ يۈك-تاقامنى قولۇمدىن ئالدى ۋە يەرلىك تىلدا كىمىدىكى بىر بېلىقچى بىلەن بىر قانچە ئېغىز پاراڭلاشقاندىن كېيىن، مەن بىلەن قول ئېلىشىپ كۆرۈشۈپ:« كىمىدىكى بارلىق ئىشلارغا نىڭ خانقىز مەسئۇل بولىدۇ، ئۇ سىز بىلەن بىللە ، سىزگە ئامەت تىلەيمەن! » دىدى.
   مەن بۇ ئىشلارنى چۈشىنىپ بولغۇچە ئۇلار تىز-تىز مېڭىپ بۇ يەردىن ئايرىلدى. مەن كەينىمگە بورۇلسام كەينىمدە ئۈستىگە سۇ ئۈزۈش كىيىمى كىيىۋالغان، كالتە چاچ ياش بىر قىزنىڭ ماڭا سەپسېلىپ قاراپ تۇرغانلىقىنى كۆردۈم.ئۇ مىنىڭ بۇ يەردە بىچارىلەرچە قاراپ تۇرغانلىقىمنى كۆرۈپ ئىختىيارسىز كۈلدى ، ۋە قول ئىشارىتى قىلىپ مەن بىلەن ماڭ دىدى.

EzQi0908 يوللانغان ۋاقتى 2014-6-23 11:11:04

[كىپەن ئوغرىسى]1-خاتىرە2-بۈلۈم8-باپ ھاۋا ئۆزگەردى

مەن ئۇنىڭغا (نىڭ خانقىزغا)ئەگىشىپ كىمە ئىسكىلاتىغا كىردىم. ئىچىگە دۆۋە-دۆۋە نەرسىلەر قۇيۇلغان بولۇپ،ھەتتا پۇت قويغۇدەكمۇ يەر يوق ئىدى. قارىغاندا ئۇلار ئالدىراشلا تەييارلىق قىلغان بولۇپ بۇ يەردىكى نەرسە-كېرەكلەرنى مال ئىسكىلاتىغا يۆتكەپ ئەكىرىشكە ئۈلگۈرەلمەي قالايمىقان ھالدا كىرىش ئىغىزىغىلا تاشلاپ قويغاندەك قىلاتتى.
      مەن بىر تەرەپتىن ماڭغاچبىر تەرەپتىن كۆزەتتىم. بۇ يەردىكى نەرسىلەرنىڭ كۆپىنچىسى سۇ ئۈزۈش سايمانلىرىبولۇپ چوڭ تىپتىكى ئەسۋابلار، ئۇزۇق-تۈلۈك، ئارغامچا، ئوكسىگىن تۇڭى قاتارلىقلاربار ئىدى. بۇلارنىڭ ئىچىدە ئوكسىگىن تۇڭى كۆپرەك ئىدى.
      بىز بۇ نەرسىلەردىن ئايلىنىپ ئۆتۈپ، ماشىنا ئۆيىگە تۇتىشىدىغان ئارقا ئىسكىلاتقا كەلدۇق. بۇ يەرگەقالايمىقان ھالدا بىر قانچى دانە كارۋات قويۇلغان بولۇپ، كارۋاتقا مايلىشىپ قارىداپ كەتكەن گىلەم سېلىنغان ئىدى. ئۇنىڭ ئىچىدىكى بىر كارۋاتتا تولغان، ئوتتۇراياشلاردىكى، پەينەكباش بىر ئادەم ئولتۇراتتى. ئۇنىڭ يۈزلىرى مايلىشىپ پارقىراپكەتكەن ئىدى. مىنىڭ كىرگىنىمنى كۆرۈپ ساراڭدەكلا ئورنىدىن تۇرۇپ مەن بىلەن قولئېلىشتى، ۋە :«كۆرۈشكىنىمدىن خۇرسەنمەن، كۈرۈشكىنىمدىن خۇرسەنمەن، مىنىڭ فامىلەم جاڭ»دىدى.   بۇ ئادەمنىڭ ماڭا بەرگەن تۈنجىتەسىراتى ئانچە ياخشى ئەمەس ئىدى. شۇنداقتىمۇ مەن ئەدەپ يۈزىسىدىن يەنىلا ئۇنىڭ بىلەن قول ئېلىشىپ قويدۇم.ئۇنىڭ قولىناھايتى كۈچلۈك بولۇپ، قارىغاندا ئىلگىرى جىسمانى ئەمگەك بىلەن شۇغۇللانغاندەك قىلاتتى.
   نىڭ خانقىزتۇنۇشتۇرۇپ :« جاڭ ئەپەندى بولسا شىركىتىمىز ئالاھىدە تەكلىپ قىلغان تەتقىقاتچى،مەخسۇس مىڭ سۇلالىسى دەۋرىدىكى خانلىق قۇرۇلۇشلارنى تەتقىق قىلىدىغان مۇتەخەسسىس،بۇ قېتىم ئاساسلىقى مۇشۇ دېڭىز ئاستى ئوردىسىنى تەھلىل قىلىشقا مەسئۇل» دىدى.مەن نەسەبىنى پەش قىلىدىغانلار بىلەن ئانچەخۇشۇم يوق ئىدى، يەنە كىلىپ ئۇنىڭ ئىسمىنى ئاڭلاپمۇ باقمىغان ئىدىم.بىراق ئۇنىڭ كۆرەڭلىك چىقىپ تۇرغان چىرايىغاقاراپ ئامالسىز:«مەنمۇ سىز بىلەن كۆرۈشۈشكە تەقەززا ئىدىم» دىدىم.   ئۇ مەغرۇر ھالدا قوللىرىنى پۇلاڭلىتىپ تۇرۇپ:«مۇتەخەسسىس دىگەن نامغا لايىق ئەمەسمەن، مەن پەقەت ئىلگىرى باشقىلار بىلەن تەتقىق قىلغان، تەلىيىم ئوڭدىن كىلىپ يازغان بىر قانچە پارچە ئىلمى ماقالەم سەۋەبىدىنمۇشۇنداق كىچىككىنە نەتىجىگە ئىرىشتىم، تىلغا ئېلىشقا ئەرزىمەيدۇ» دىدى.   مەن ئەزەلدىن باشقىلارنىڭ مۇنداقسۆزلىگەنلىكىنى ئاڭلاپ باقمىغان ئىدىم. ئۇنىڭ سۆزلىرىنى قانداق چۈشىنىشنىمۇبىلەلمىدىم،ئامالسىز:« سىز تۇلىمۇ كەمتەرئىكەنسىز» دىدىم.ئۇنىڭغا بۇ گەپلەر خېلى خوشياققاندەك قىلاتتى. ئۇ يەنە قولۇمنى كۈچەپ سىقىپ تۇرۇپ :« ۋۇ ئەپەندىم، سىزنىڭبۇ قېتىم قانداق سالاھىيەت بىلەن بۇ يەرگە تەكلىپ قىلىنىپ كەلگەنلىكىڭىزنى بىلمىدىم.مەن گەپنى ئۇدۇل دەۋىرەي. ۋۇئەپەندى تەتقىق قىلىۋاتقان تۈر ئانچە تۇنۇشلۇق ئەمەسمۇ ياكى مىنىڭ كۆرگەن بىلگىنىم ئازمۇ، مەن ئەزەلدىن ئاسارە-ئەتىقىلەر تەتقىقاتىغا ئائىت ژورناللاردا ۋۇ ئەپەندىنىڭ نامىنى ئۇچراتمىدىمغۇ؟» دىدى.
بۇگەپتىن ئىنىقلا مىنى كەمسىتىۋاتقانلىقى چىقىپ تۇراتتى. ئۇنىڭ بۇ گەپلەرنى قەستەن دىگەن-دىمىگەنلىكىنى بىلمىدىم. مەن بىر تىرىككەك ئادەم بولغاچقا، بۇ گەپلەرنى ئاڭلاپ غۇژژىدە ئاچچىقىم كەلگەندەك بولدى. بىراق بۇ ساھەگە ئەمدىلا باسقىنىم ھەمبۇ يەردىكى مۇچىت ماڭا ناتۇنۇش بولغىنى ئۇچۇن ئاچچىقىمنى بېسىۋالدىم، ۋەخوشياقمىغان تەلەپپۇزدا:«مەن مەخسۇس كولاشنى تەتقىق قىلىمەن»دىدىم.
مىنىڭ سۆز ئۇرانىمدىن گەپ خوشياقمايۋاتقانلىقى ئىنىقلا چىقىپ تۇراتتى. ئۇ بۇنى ھىس قىلمىدى بولغاي، ئارقىدىنلا:«ھە، بىلدىم، سىزئەسلىدە قۇرۇلۇش ئۇستىسى ئىكەنسىز-دە؟ بىز ئەسلىدە بىر كەسىپتىكى ئادەملەرئەمەسكەنمىز، بىراق ھازىر يەنىلا يېرىم كەسىپداش ھىسابلىنىمىز، سىز ھايات كىشىلەرنىڭ ئۆيىنى ياسايسىز، مەن ئۆلگەنلەرنىڭ ئۆيىنى تەتقىق قىلىمەن، بىزنىڭ يەنىلا ئازراق ئوخشاش تەرەپلىرىمىز بار ئىكەن» دىدى.
مەن بۇلارنى ئاڭلاپ نىمە دىيىشىمنى بىلەلمىدىم. قارىماققا بۇ ئادەم ئۇقۇمۇشلۇق ئادەملەردىن بولمىسىمۇ ، بىراق سۆزلىگەندە ئاشۇنداق ئادەملەردەك سۆزلەشكە تىرىشاتتى.
مەن ئۇنىڭ مۈرىسىگە يىنىك ئۇرۇپ قويۇپ، :« مەن قۇرۇلۇش ئۇستىسى ئەمەس، مەن بىر كولاش ئىشچىسى، سىز تەتقىق قىلماقچى بۇلىۋاتقان ئۆلۈكلەرنىڭ ئۆيىنى مەن كولىغاندا ئاندىن سىز كىلىپ تەتقىق قىلالايسىز » دىدىم.
بۇگەپنى دەپ بولۇپ مەن سەل پۇشايمان قىلدىم. مەن ئەسلىدە ئۇلارنىڭ «ئۆزۈڭ چۈشۈپ كولايسەن» دىگەن شەرتىگە ماقۇل بولمىغان ئىدىم. ھازىر ئۇ تەرەپنىڭ ئەھۋالى تېخى ئىنىق ئەمەس، مەن ئەمەلىي ئەھۋالنى ئاندىن بىرنەرسە دىمىسەم بولمايتتى. بۇلارنى ئويلاپ مەن: « ۋاقتى كەلگەندە كولاش كولىماسلىقنى ئەھۋالغا قاراپ ئاندىن بىرنىمەدەيمەن، ئەگەر ئەھۋال يول قويمىسا كولاي دەپمۇ كولىغىلى بولمايدۇ-دە» دىدىم.
ئۇ مىنىڭ گېپىمنىڭ تىگىدە گەپ بارلىقىنى چۈشەنمەي، ماڭا ئىسىم كارتۇچكىسىنى سۇندى، ۋە :«نىمىلەرنى دەيسىز؟ بىر دوستۇڭ كۆپەيسە بىر يولۇڭ كۆپىيىدۇ، بۇندىن كېيىن شىمال تەرەپلەردە بىرەر ئىشىڭىز بولسامىنى ئىزدەڭ» دىدى.
مەنئۇنىڭ مەن بىلەن كۆرۈشكىلى ئەمدىلا بىر نەچچە مىنۇت بۇلا-بولمايلا ئون نەچچەيىللىق كونا دوستلاردەك گەپ سۆزلەرنى قىلىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ ئۇنىڭ بىلەن يەنەبىردەم پاراڭلاشسام مەن بىلەن قەسەم ئىچىشتىن يانمايدىغانلىقىنى پەملىدىم-دە گەپنىباشقا ياققا بۇرىماقچى بولۇپ، ھېلىقى خانقىزدىن ئىش چىققان دېڭىز تەۋەلىكىنىڭئەھۋالىنى سۈرۈشتۈردۈم، ھېلىقى خانقىز ھەرھالدا تەجىربىلىك ئىدى، ئۇ بىر قانچەئىشنى مىسال قىلىپ سۆزلىگەن ئىدى مەن ئەھۋالنى ھەرھالدا چۈشەنگەندەك بولدۇم.   ئەسلىدە كەنجى تاغا ئەينى ۋاقىتتا ھېلىقى دېڭىزئاستىدىكى قەبرىنىڭ ئورنىنى ئىنىق جەزىملەشتۈرەلمىگەچكە قەبرە بولۇش ئىھتىماللىقى بولغان تۆت ئورۇننى ئىزدەپ تاپقان ئىدى. قايتا-قايتا بېرىپ ئىزدىگەن بولسىمۇ بىراق كىمە يوقاپ كەتكەن ۋاقىتتى ئەڭئاخىرقى بىر قېتىملىق دوكلات بىر قەدەر قىسقا بولۇپ ئۇلارنىڭ ئەينى ۋاقىتتىكىتۇرىۋاتقان دېڭىز تەۋەلىكى تىلغا ئېلىنمىغاچقا يەنە قايتا-قايتا كىلىپ ئىزلەشكەتوغرا كىلەتتى.
   ئۇلار ئۆزلىرى ھازىر تۇرىۋاتقان ئورۇنغا ئەڭ يېقىن بولغان پەرىلەر خادا تېشى دىگەن جايدىن باشلاپ ئىزدەشنى، ئاندىن يوڭشىڭ ئارىلىغا بېرىپ لازىمەتلىكلەرنى تولۇقلىۋالغاندىن كېيىن چىلىيەنيۈ گە يېقىن بولغان باشقا ئۈچ دانە دېڭىز تەۋەلىكىگە بېرىشنى پىلانلىغان بولۇپ، ئارلىقتا توختاش ۋاقتى يېرىم سائەتتىن ئېشىپ كەتمەيتتى.
   ئىزدەش ئۇسۇلىغاكەلسەك:« شىشانىڭ دېڭىز سۈيى ناھايتى سۈزۈك بولغاچقا، يۇرۇقلۇق ياخشى بولغان ئەھۋالدا 30مېتىر چوڭقۇرلۇقنى كۆرگىلى بولاتتى. يەنە كىلىپ دېڭىز ئاستىدىكى سۇنىڭ ھەركىتى ئادەتتىكىچە ئىدى. بۇنداق بولغاندا ئالدىنقى كۈنلىرى كولاپ قويغان ئۆڭكۈرلەر ئىتىلىپ قالمايتتى.
   بۇ كىمىدىكى كاپىتان بۇ يەردىكى بىر قانچە دېڭىز تەۋەلىكىنىڭ ئەھۋالىغا ناھايتى پىششىق ئىدى.بىز ئادەتتە سۇنىڭ يۈزىدىكى ئەھۋال بىلەن سۇ ئاستىدىكى ئەھۋال ئوخشاش دەپ ئويلايمىز، بىراق ئۇلارنىڭ نەزىرىدە ھەربىر دېڭىز تەۋەلىكىدىكى دېڭىز ئاستىسۈيىنىڭ ئۆزىگە خاس ئالاھىدىلىكى بار ئىدى. ئەگەر دېڭىز تىگىدە يەر شەكلى ئۆزگىرىشلىرى پەيدا بولۇپ قالسا ئۇلار بىر قاراپلا بىلىۋالالايتتى.
   مەن ھېلىقى خانقىزبىلەن پاراڭلىشىش ئارقىلىق خانقىزنىڭ سۇ تىگىدىكى ئۈچ ئادەمنىڭ ھېلىھەم ھايات ئىكەنلىكىگە ئىشىنىدىغانلىقىنى بايقىدىم.   بىراق بۇ قارىغۇلارچە ئىشىنىشنىڭ نىمە سەۋەبتىن بولغانلىقىنى بىلمەيتتىم،ئەلۋەتتە مەنمۇ ئۇنىڭ دىگىنىدەك كەنجى تاغامنىڭ مۇشۇ دېڭىزدا بۇلىشىنى ئۈمىدقىلاتتىم.
ھېلىقى جاڭ چوقۇرمىنىڭ نىڭ خانقىز بىلەن مۇشۇنداق قىزغىن پاراڭلىشىپ تۇرغانلىقىمنى كۆرۈپ ، يالغۇزبىر تەرەپتە بۇرۇقتۇرما بولۇپ ئولتۇراتتى. ئۇنىڭ چىرايىدىن خاپا بولغانلىقى ئىنىقچىقىپ تۇراتتى. ئۇ بىر دەمدىلا كۆزلىرىنى يۇمۇپ ئۇخلاشقا باشلىدى.   بۇ ئادەم گەرچە ئوتتۇرا ياشلاردا بولسىمۇمىجەزى خۇددى كىچىك بالىلارغا ئوخشايتتى، ئۇنىڭ قىلىقلىرى ئادەمنىڭ كۈلكىسىنى كەلتۈرەتتى. بۇندىن كېيىنكى سەپەر جەريانىدا ئۇنىڭ بىلەن ياخشى چىقىشالامدىم يوق بىلمەيتتىم.
   شۇلارنى ئويلاپ تۇرغىنىمدا كىمە سىلكىندى. ئەسلىدە ئارقا تەرەپتىكى كاپىتان كىمىنىڭ لەڭگىرىنىئېچىپ كىمىنى قوزغاتقان ئىدى. بۇ كىمە ئەسلىدىمۇ بەك كونا بولغاچقا قاتتىق تەۋرىنىشكە باشلىدى. كىمە پەقەت ئوڭ-سولغا تەۋرىنىپلا قالماي ، ئالدى-كەينىگىمۇقالايمىقان تەۋرىنەتتى. كىمە ئۈستىدە تۇرغان ئادەم خۇددى بۈشۈكتە تۇرغاندەك ھىس قىلاتتى.
   كىمە بىلەن خېلى ئۇزۇن ماڭغاچقا، يەنە كىلىپ مۇشۇنداق تەۋرىنىپ تۇرغاچقا ئىختىيارسىز ئەسنەشكەباشلىدىم. ھېلىقى خانقىز مىنى چۈشەنگەندەك ماڭا قارىدى، ۋە :« سىزمۇ بىر ئاز ئارام ئېلىۋېلىڭ» دىدى.   مەنمۇ كۆپ تۈزۈت قىلمىدىم، چۈنكى راستىنلا چارچاپ قالغان ئىدىم. مەن يېتىپلا ئۇيقۇغا كەتتىم.
   مەن ئويغانغان ۋاقتىمدا، كىمە ئاللىقاچان دېڭىزنىڭ ئوتتۇرىسىغا كىلىپ قالغان ئىدى.   مەن كىمە دەرىزىسىدىن بېشىمنى چىقىرىپ سىرتقاقارىدىم. ھەش-پەش دىگۈچە ھاۋانىڭ ئۆزگەرگەنلىكىنى بايقىدىم. پۈتۈن دېڭىزبىردەمدىلا قارامتۇل رەڭگە ئۆزگەرگەن ئىدى، قۇياش قارا بۇلۇتلار ئارىسىدا غايىپ بولغان بولۇپ، بۇلۇتلار ئارىسىدىن ئاندا-ساندا نۇر چېچېپ تۇراتتى، ئاسماندا غايەت زور ئالتۇن رەڭلىك ھەل بىرىلگەن رەسىمدەك بىر كۆرۈنۈشنى شەكىللەندۈرگەن بولۇپ ناھايتى ھەيۋەتلىك كۆرىنەتتى.   بىراق بۇ مەنزىرە ئوزۇنغا بارمىدى. قارابۇلۇتلار ناھايتى تىزلىكتە توپلىشىپ قۇياشنى پۈتۈنلەي تۇسىۋالدى.دېڭىز بىردىنلا ئادەمنىڭ قورققىسىنى كەلتۈرگىدەك دەرىجىدە قاپقارا بولۇپ ئۆزگەردى. دېڭىز دولقۇنلىرى ئۆركەشلەشكەباشلىدى، كىمە دولقۇنغا ئەگىشىپ تەۋرىنەتتى. بىز دېڭىز دولقۇنىغا قاراپ تۇرىۋاتقان شۇ پەيتتە، دېڭىز سۈيى ئاللىقاچان كىمە پالوبىسىغا ئېقىپ كىرىشكە باشلىغان ئىدى.بۇ غايەت زور دولقۇن كىمىنى يۇتىۋېتىدىغاندەكلا قىلاتتى. نىمىدىگەن قورقۇنۇشلۇق-ھە!!
   مەن كىمىدىكىلەرنىڭجىددىيلىشىپ ئۇياق-بۇياققا يۈگۈرگەنلىكىنى كۆردۈم. ئۇلار ئەشيالار ئوراپ قۇيۇلغان تورنىڭ ئارغامچىسىنى چىڭىتىۋاتاتتى. ھەممە شۇنداق جىددىيلىشىپ تۇرغان شۇ پەيتتەمەن كاپىتاننىڭ ناھايتى تەمكىن تۇرغانلىقىن كۆردۈم. ئۇنىڭ چىرايىدىن قورقۇنۇچتىن ئەسەرمۇ يوق ئىدى.
   مەن شەچەردە ياشاپكۈنۈپ قالغان بولغاچقا بۇ مەنزىرىنى كۆرۈپ باشقىچىلا روھلىنىپ كەتتىم. مەنمۇدەرھال ئۇلارنىڭ ئارىسىغا قۇشۇلۇپ ياردەم بىرىشنى ئويلىدىم.بىراق ئۈستىگە چىققاندا بۇ خىل ئەھۋالدا مۇقىمتۇرغىلى بولمايدىغانلىقىنى، ئىنكاسى تىز بولمىغاندا، يەنە كىلىپ كىمىنىڭ تەۋرىنىشيۈنىلىشىگە دىققەت قىلمىغاندا ۋە ئالدىن تەييارلىق قىلمىغاندا دومىلاپ كىتىش ئېھتىماللىقىنىڭ ناھايتى چوڭ ئىكەنلىكىنى بىلدىم. ئىنىقكى بۇنداق مۇھىت ماڭا ناتۇنۇش بولغاچقا، بىر نەچچە قەدەم ماڭا-ماڭمايلا قولۇمنى سوزۇپ تۆمۈر ھالقىنى چىق تۇتىۋالدىم.
   دەلمۇشۇ چاغدا بىر نەچچە كىمە خادىمى بىر نەرسىنى كۆرگەندەك ۋارقىراشقا باشلىدى. مەنئۇلارنىڭ تىلىنى چۈشەنمىگەچكە ئۇلارنىڭ قول ئىشارىتىگە قاراپ كىمىنىڭ سول يانتەرىپىدىكى كۆتىرىلىۋاتقان دولقۇننىڭ كەينىدە بىر نەرسىنى غۇۋا كۆرگەندەك بولدۇم.ئارلىق يىراق بولغاچقا ئىنىق پەرقلەندۈرگىلى بولمايتتى. بىراق ئۇنى بىر كىمە بولساكېرەك دەپ پەرەز قىلدىم.   
   بۇ ۋاقىتتا ھېلىقى خانقىز مىنىڭ يېنىمدىن تىز-تىز مېڭىپ ئۆتتى، مەن دەرھال ئۇنىڭدىن:« بۇ كىشىلەرنىمىگە ۋارقىرىشىۋاتىدۇ؟» دەپ سورىدىم.خانقىزنىڭ ئۈستى بېشى ھۆل بولۇپ كەتكەن بولۇپ، چاچلىرى شامالدا قالايمىقان يەلپۈنەتتى. ئۇ ھېلىقى ئادەملەرنىڭ گېپىنى يەنە بىر قېتىم زەن قويۇپ ئاڭلىغاندىن كېيىن:« ئۇلار بىر كىمىنى كۆرگەن ئوخشايدۇ» دىدى.    بۇ ۋاقىتتا كاپىتان بىزنىڭ يېنىمىزغا كەلدى،ئانچە پىششىق بولمىغان ئورتاق تىل بىلەن:« ئاۋۇ تەرەپتىكى كىمىدىن چاتاق چىققان ئوخشايدۇ، قائىدە بۇيىچە بىز بېرىپ كۆرۈپ بېقىشىمىز كېرەك» دىدى.ھېلىقى خانقىز بېشىنى لىڭشىتتى. كاپىتان ھەمراھلىرىغا يەرلىك تىل بىلەن بىرنىمىلەرنى دەپ بۇيرۇق چۈشۈردى.   كىمىنىڭ يۈنىلىشى كۆزنى يۇمۇپ ئاچقۇچەئۆزگۈرۈپ سول تەرەپكە قاراپ يۈرۈپ كەتتى. دولقۇنلار ئىچىدىكى دېڭىزتۈزلەڭلىكلەركە، دېڭىز دولقۇنلىرى ئىگىز تاغلارغىلا ئوخشايتتى. بىراق بىزنىڭ كىمىمىز دولقۇنلارنى يېرىپ ئالغا بېسىۋاتاتتى. كىمە ھەر قېتىم دولقۇن بىلەن سوقۇلغاندا كىمىدىكى ئادەملەرنىڭ ھەممىسى ھۆل بولۇپ كىتەتتى. بىز بەدىنىمىزنىڭقانچە قېتىملاپ دېڭىز سۇلىرىدا چىلىق-چىلىق ھۆل بۇلۇپ كەتكەنلىكىنىبىلمەيتتۇق.      مەن ئەزەلدىن بۇنداق ھاياجانلىنىپ باقمىغان ئىدىم. ئىختىياسىز ۋارقىرىغۇم كىلىپ كەتتى.    كىمە ئون نەچچە دولقۇننى يېرىپ ئۆتۈپ، ھېلىقى كۆرۈنگەن نەرسە كۆز ئالدىمىزدا ئاستا-ئاستا نامايەن بولدى. بۇ ۋاقىتتا مەنتۇيۇقسىز كاپىتاننىڭ ئالاقزادە بولغان ھالدا قاتتىق ۋارقىرىغانلىقىنى ئاڭلىدىم.باشقا كىمە خادىملىرىمۇ ھەممىسى ئالاقزادە بولۇپ كەتتى.مەن ئالدىراش ھالدا ھېلىقى خانقىزدىن نىمە ئىشچىققانلىقىنى سورىدىم،ھېلىقى خانقىزمۇكاپىتاننىڭ ۋارقىرىغان ئاۋازىنى ئاڭلاپ چىرايى ئۆڭۈپ كەتكەن ئىدى. ئۇ مىنىڭقولۇمدىن چىڭ تۇتىۋېلىپ، :« ھەرگىز كەينىڭىزگە قارىغۇچى بولماڭ! ئۇ بىر ئالۋاستى كىمىسى ئىكەن!!» دىدى   .

EzQi0908 يوللانغان ۋاقتى 2014-6-23 11:12:10


ھەممەيلەن ئالاقزادىلىك بىلەن ئارقىسىغا بۇرۇلدى. ھېلىقى ئەسكى كىمىگە ھېچكىم قاراشقا پېتىنالمايتتى. نىمە ئىش بولغانلىقىنىمۇ بىلمەيتتى. بۇ ئەھۋالدا مەنمۇ كۆپ ئاتىكاچىلىق قىلماي ، باشقىلاردىن ئۆگىنىپ كەينىمگە ئۆرۈلدۈم. نىڭ خانقىز تىرەپ تۇرۇپ:" مەيلى نىمىلا ئىش يۈز بەرمىسۇن ئارقىڭىزغا قارىماڭ، بىرەر نەرسە سىزگە تىگىپ كەتكەن تەقدىردىمۇ بىلمىگەنگە سېلىۋېلىڭ" دىدى.   بۇ گەپنى ئاڭلاپ مىنى سوغۇق تەر باستى. مەن ئۇنىڭدىن :" مىنى تولا قورقۇتماڭ، بۇ يەردە نىمىمۇ ماڭا تىگىپ كەتسۇن؟" دەپ سورىدىم.
ئۇ ماڭا ئالىيىپ، پەس ئاۋازدا:" ئىشەنمىسىڭىز ئامال يوق، سەل تۇرۇپ بىلىپ قالىسىز، ھازىر دەرھال بېشىڭىزنى بۇياققا قىلىڭ" دىدى.
   ئۇنىڭ سۆزلىرىدىن قارىسام ئەھۋال چاتاق. كىمىدىكى باشقىلارغا قارىسامئۇلارمۇ ناھايتى قورقۇپ كەتكەندەك، دىمەكئۇ مىنى قورقۇتمىغان ئوخشايدۇ.
   "مەيلى نىمىلا بولمىسۇنماڭا ھەقىقى ئەھۋالنى ئېيتىڭ ئۇ زادى نىمە ؟ " دىدىم مەن ئۇنىڭغا پەس ئاۋازدا.   ھېلىقى خانقىز ماڭا گەپ قىلماڭ دەپ قول ئىشارىتى قىلدى ۋە :" ئېغىزڭىزنى يۇمۇڭ، بۇ ئۇۋال قىلىنغانلارنىڭ ئەرۋاھى، ئۇ ئۆزىنىڭ جېنىنى سوراپ كەلگەن" دىدى.
   ئۇمۇشۇنداق دەۋەرگەنسىرى مەن قورقۇشقا باشلىدىم. لېكىن بوينۇم ماڭا بويسۇنماي قاراپ كۆرۈپ باققۇسى كىلەتتى.مەن پاقالچىقىمنى تازا قاتتىق بىر چىمدىدىم، بۇ ۋاقىتتا بوينۇم گىپىسلاپ قاتۇرۇپ قويغاندەكلا بولۇپ كەتتى، كەينى تەرەپكە قارايدىغاندەك ئەمەس ئىدى.
   بىز چۈشكەن كىمە دولقۇندا قاتتىق ئىرغاڭلايتتى، كىمە پالۇبىسى غاچ-غۇچ قىلىپ ئاۋاز چىقىراتتى. ئاڭلىماققا ھازىرلا چۇۋۇلۇپ كىتىدىغاندەكلا قىلاتتى.مەن كىمە گىرۋىكىدىكى تۈمۈر رىشاتكىنى ئىككى قولۇم بىلەن چىڭ تۇتۇپ كاسامنى كۈچەپ تىرىدىم، بىراق يۇقىرى بەدىنىم توختىماي ئىرغاڭلايتتى.مەن خۇددى يېقىلماس قونچاقتەك ئۇياق-بۇياققا ئىرغاڭلايتتىم.
   كىمە بىر قانچە قېتىم باياتىنقىدىنمۇ بەكرەك سىلكىندى، بۇ ۋاقىتتا مىنىڭ قولۇم رىشاتكىدىن ئاجراپ كەتكىلى تاس-تاس قالدى.   بۇ ۋاقىتتا مەن ئالۋاستى كىمىسىدىن كەلگەن غىچىر-غىچىر قىلغان ئاۋازلارنى ئاڭلىدىم، پالوبا ئۈستىدە خۇددى بىرسى مېڭىۋاتقاندىك قىلاتتى.    مىنىڭپۈتۈن بەدىنىم دېڭىز سۈيىدە ھۆل بولۇپ كەتكەن بولۇپ ئۇنىڭغا بەدىنىمدىن چىققان سوغۇق تەر قۇشۇلۇپ مىنى ناھايتى بىئارام قىلىۋاتاتتى. مەن زادى چىداپ بولالمىدى. ۋە ھېلىقى خانقىزدىن پەس ئاۋازدا:" پالوبىدا بىرسى ماڭغاندەك قىلدىغۇ؟" دەپ سورىدىم.
   ئۇ ناھايتى قورقۇپ كەتكەن ئىدى. ئۇ ماڭا ئېغىزىنى " ئۈشلەپ" ئىشارەت قىلدى. ۋە ماڭا يەنە بىر تەرەپنى كۆرسەتتى. مەن ئۇ تەرەپكە قارىدىم، ئەسلىدە كىمە ئامبىرىنىڭ ئەينىكىدىن كەينىمىزدىكى ئەھۋاللارنى ناھايتى ئىنىق كۆرگخلى بولاتتى.
   چوڭ -كىچىكلىكى بىزنىڭكى بىلەن ئوخشىشىپ كىتىدىغان بىر بېلىقچىلىق كىمىسى كەينىمىزدىن كىلىۋاتاتتى، ئارلىقى بىز بىلەن بارغانسىرى يېقىنلىماقتا.مەن ئۇنى تېخىمۇ ئىنىق كۆردۈم. ھېلىقى كىمىنىڭ ئۈستىدە پاختىغا ئوخشاش بىر قەۋەت دېڭىز دېتى(تۈمۈر دېتىغا ئوخشاش) بولۇپ، بۇ داتنىڭ قېلىنلىقىدىن قارىغاندابۇ كىمە دېڭىز تىگىدە كەم دىگەندىمۇ نەچچە ئون يىل تۇرغىنى ئىنىق.مىنىڭ ئويلاپ يىتەلمىگىنىم بۇ كىمىنىڭ قانداق قىلىپ دېڭىز يۈزىگە چىقىپ قالغانلىقى، يەنە كىلىپ ئۈستىدە چىراقمۇ يېنىقلىقكەن.   رومانلاردا تىلغا ئېلىنغان ئەرۋاھ كىمىلىرى ھەممىسى ناھايتى ۋەيرانە، بىراق ئىشلىتىشكە بولىدىغان كىمىلەر، لېكىن بۇ كىمە بولسا ئاللىبۇرۇن بىراك قىلىنىشقا تىگىشلىك.قارىغاندا بۇ كىمە راستلا دېڭىز ئاستىدىن ھەيدەپ چىقىلغاندەك قىلاتتى.    مەن ناھايتى تىزلا ئەرۋاھ كىمىسىگە ئائىت كۆرگەن ماتىرياللارنى ئەسلەپ چىقتىم.ھېچقايسىسىدا بۇنداق كىمە تىلغا ئېلىنمىغان ئىدى.
   ئۇ كىمە بارغانسىرى يېقىنلاپ كەلدى. مەن بىر ئاز ئەنسىرەپ پەس ئاۋازدا:" قارىغاندا ئالۋاستى كىمىسى بىزنى سوقماقچى ئوخشايدۇ، بولمىسا بىز كاپىتانغا كىمىنى ئەڭ يۇقىرى سۈرئەتتە ھەيدەپ كىتىشنى ئېيتساق قانداق؟" دىدىم.
   خانقىزنىڭ چىرايىدىن ئۇنىڭ يەنىلا قاتتىق قورقۇۋاتقانلىقىنى كۆرىۋېلىش تەس ئەمەس ئىدى.شۇ دەقىقىدە ئۇ يۈزلىرىنى قالايمىقان يۆگىۋالغان چاچلىرىنى تۈزەشتۈرىۋېلىشقىمۇ جۈرئەت قىلالمايتتى.
ئۇ :" ئەگەر قېچىشقا توغرا كەلسە كاپىتان ئۆزى بىر بىلىدۇ.ئالۋاستى كىمىسى كىلىپ بىزنى سوققان تەقدىردىمۇ بىزنىڭ كىمىمىز ئېغىر بولغاچقا مەھكەم تۇتىۋالسىڭىزلا چۈشۈپ كەتمەيسىز." دىدى.
   ئۇ مىنى ئاگاھلاندۇرىۋاتامدۇ ياكىمەسخىرە قىلىۋاتامدۇ بىلەلمەي:" سەل تۇرۇپ كاپىتان كىمىدىن سەكرىۋالسا، ئۇ چاغدا سىزنىڭ ئامال قىلالماي قېلىشىڭىزدىن ئەنسىرىدىم." دىدىم.      
"سىز تۇلا ئوت قۇيرۇقلۇق قىلماڭ، بېلىقچىلىق كىمىسى بېلىقچىلارنىڭ جېنى، ئۇ ئۆلسىمۇ مۇشۇ كىمە ئۈستىدە ئۆلىدۇ. ئەگەر يەنە كوتۇلدايدىغان بولسىڭىز مەن سىزنى دېڭىزغا ئىتتىرىۋېتىمەن" دىدىئۇئاچچىقلىنىپ.
   مەن ئۇنىڭ گېپىنى ئاڭلاپ ، ئۈندىمىدىم.    دىققىتىمنى يىغىپ ئەينەكتىدىكى ئالۋاستى كىمىسىگە قارىدىم.نىڭ خانقىزنىڭ دىگىنىدەك ئۇ كىمە بىزنىڭ كىمىمىزدىن كىچىكرەك بولۇپ ، شۇ سۈرئىتى بىلەن كىلىپ سوقۇلسىمۇ بەك چوڭ چاتاق چىقمايدىغانلىقىنى پەملىدىم، ۋە كۆڭلۈم ئاستا-ئاستا جايىغا چۈشۈشكە باشلىدى.
   كىمە بارغانسىرى يېقىنلاشتى. مانا ئەمدىلىكتە ھەممە شۇنداق ئىنىق كۆرىنىۋاتاتتى.ئەسلىدە مەن كىمە ئۈستىدە بىر قاتار قورقۇنۇچلۇق مەنزىرىلەرنى كۆرىمەنمىكىن دەپ ئويلىغان ئىدىم. لېكىن كىمە ئۈستىدە ھېچنىمە يوق .      مەن شۇندىلا "ئۇھ " دىدىم.بىراق بۇ كاساپەت كىمە خۇددى بىزنىڭ كىمىنى تىشىپ كىرىپ كىتىغاندەكلا تىز-تىز يېقىنلاشماقتا ئىدى.    مەن كۆزۈمنى يۇمۇپ، چىشىمنى چىشلەپ قاتتىق سوقۇلۇشقا تەييارلىق قىلدى.
   دەل شۇۋاقىتتا ئارقىمىزدىكى ئاۋاز تۇيۇقسىز يۇقاپ كەتتى.   كۆزۈمنى يۇمۇپ ئون سىكنۇتچە تۇردۇم. ھېلىقى كىمە بىزگە سوقۇلسا نەچچە قېتىم سوقۇلۇپ بۇلىدىغان ۋاقىت بولدى.بىراق ھېچقانداق شەپە يوق.   دەل شۇۋاقىتتا مەن كەينىمىزدىن يەنە ھېلىقى كىمە پالوبىسىنىڭ غىچىر-غىچىر قىلغان ئاۋازىنى ئاڭلىدىم.   
ئەمدىلا ئارامىغا چۈشەي دىگەن يۈرىگىم يەنە ئەنسىز سوقۇشقا باشلىدى.مەن بىر كۆزۈمنى ئوغرىغا ئوخشاش بوشراق ئېچىپ قارىسام ، ھېلىقى ئالۋاستى كىمىسى ئاللىقاچان بىز بىلەن بىر سەپ بولۇپ بىزگە يېقىن تۇرۇپتۇ. لېكىن كەينى تەرىپىمىزدە ھېچنىمە يوق.
مەن ئەمدى خېلى يىنىكلەپ قويغاندەك بولۇپ يېنىمغا قارىدىم. نىڭ خانقىزمۇ كىمە ئامبىرىنىڭ ئەينىكىگە قاراپ قېتىپ قاپتۇ. مەن بىرەر مەسىلە باردەك ھىس قىلىپ ، ئۇنىڭ ئۈستى-بېشىغا تەپسىلى قارىدىم. ئۇنىڭ ئىككى مۈرىسدە قۇرۇپقېتىپ قالغان بىر جۈپ قولنىڭ تۇرغانلىقىنى كۆردۈم. ...........

jaggiwar يوللانغان ۋاقتى 2014-6-23 15:11:22

ۋوي باللا مانىڭ ئاخىرىنى يوللىۋېتىڭلائانداقىلماي تۇلا ماتىلاپ ھېرىپ كەتتىم

qutyar يوللانغان ۋاقتى 2014-6-23 16:17:18


قۇرۇپ قالغان ھېلىقى بىر جۈپ قول ئىنىقكى ئادەمنىڭ قولى بۇلۇپ قۇرۇپ قالغان قاقشالدەكلا كۆرىنەتتى. بۇ بىر جۈپ قول خانقىزنىڭ بەدىنىگە چاپلىشىپ قالغان ئىدى. بۇ خىل كۆرۈنۈشنى كۆرۈپ قورققىنىمدىن پۈتۈن بەدىنىم تىكەنلىشىپ كەتتى. مەن بۇنداق بولۇپ كەتكەن تۇرسام ئۇ خانقىز قانچىلىك قورققاندۇ-ھە!؟قورققىنىمدىن پۈتۈن بەدىنىم چىلىق-چىلىق تەر بولۇپ كەتتى.
   بۇ بىر جۈپ قول مىدىرلىماي خانقىزنىڭ بەدىنىدە ساڭگىلاپ جىم تۇراتتى.قارىماققا ئۇنىڭ كىيىمىدىكى زىننەت بۇيىمىدەكلا كۆرىنەتتى. خانقىزنىڭ چاچلىرى قالايمىقان بولغاچقا قولنىڭ ئۇنىڭ بەدىنىنىڭ قايسى قىسمىدا ئىكەنلىكىنى ئىنىق كۆرگىلى بولمايتتى.
   خانقىز بەك قورقۇپ كەتكەن بولۇپ پۈتۈن بەدىنى تىتىرەشكە باشلىدى. ئەگەر ئادەتتىكى ئاياللار بولىدىغان بولسا بۇنداق ئەھۋالدا ئاللىقاچان ھۇشىدىن كىتىپ يېقىلغان بولاتتى. مەن ئۇنىڭ بەدىنىنىڭ ماغدۇرسىزلىنىپ كىتىۋاتقانلىقىنى، شۇ تاپتا ناھايتى خەتەرلىك ھالەتكە بېرىپ قالغانلىقىنى ھىس قىلدىم.
   كاپىتان بىزگە ئارقىسىنى قىلىپ تىزلىنىپ ئولتۇرۇپ دېڭىز تەرەپكە بىر قانچە قېتىم باش ئۇردى، ئۇ نىمىلەرنىدۇ پىچىرلاشقا باشلىدى. مەن ئۇنىڭ نىمە دىگەنلىكىنى چۈشەنمىدىم. بىراق ئۇنىڭ بۇ خىل ئۇسۇل ئارقىلىق ئەرۋاھلاردىن ئۆز پاناھىدا ساقلىشىنى تىلەۋاتقانلىقىنى پەرەز قىلدىم. ئۇ مۇشۇنداق بىر قانچە قېتىم تەكرارلاپ بىر نىمىلەرنى پىچىرلىغاندىن كېيىن، ئىككى پارچە يېرىم چەمبەر شەكىلدىكى ياغاچ پارچىسىنى ئېلىپ پالوبا ئۈستىگە قارىتىپ تاشلىدى- خۇددى پال ئېچىۋاتقاندەكلا.ئۇ بىر قېتىم تاشلاپ نەتىجىسىنى كۆرۈپ باقتى. ئارقىدىن يەنە بىرقانچە قېتىم باش ئۇرىۋېتىپ بولۇپ يەنە تاشلىدى. مەن ئۇنىڭ پۈتۈن بەدىنىنىڭ تىتىرەشكە باشلىغانلىقىنى كۆردۈم، قارىغاندا بايىقى ئىشنىڭ نەتىجىسى ياخشى بولمىغاندەك قىلاتتى.
   مەن بۇ خىل كۆز قاراشقا ئەزەلدىن ئىشەنمەيتتىم، بىراق كاپىتاننىڭ بۇنداق تەقۋادارلىقىغا قاراپ ئۇلارنى قاملاشمىغان ئىش قىلىپ سالارمۇ دەپ بىرئاز ئەنسىرەشكە باشلىدىم. چۈنكى بۇ ئادەملەر بۇخىل قائىدە-يۇسۇنلارغا بەك ئەھمىيەت بىرەتتى، ئەگەر بايىقى پالنىڭ نەتىجىسىدە مىنى بىر ئالۋاستىكەن دەپ ئايان بولغان بولسا، ئۇلار قىلچە ئىككىلەنمەستىن مىنى دېڭىزغا تاشلىۋېتىشتىن يانمايتتى، بۇ چاغدا مەن ھەرقانچە يالۋۇرغىنىم بىلەنمۇ بىكار ئىدى.
   دەل مۇشۇ چاغدا ھېلىقى خانقىزنىڭ قورققىنىدىن قاتتى ۋارقىرىشى بىلەن تەڭ، خانقىز خۇددى ئارقا تەرەپتىن تۇيۇقسىز زەربىگە ئۇچرىغان ئادەمدەك كەينىگە تۈگۈلدى. قۇلىدىكى رىشاتكىنى چىڭ تۇتالمىدىمۇ ياكى ھېلىقى بىر جۈپ قول ئۇنى تارتتىمۇ بىلمىدىم كەينىدىن بىرسى سۆرىگەندەكلا ئاستا-ئاستا سۈرۈلۈپ ئاخىرىدا بىر ئۆرۈلۈپلا ئالۋاستى كىمىسىگە چىقىپ قالدى. خانقىزنىڭ كىمىگە چۈشۈشى بىلەن تەڭ ئالۋاستى كىمىسى تىز-تىز يۈرۈپ كەتتى.مەن ئەھۋالنىڭ چاتاقلىقىنى پەملىدىم-دە، كۆپ ئويلىنىپ تۇرمايلا دەرھال سەكرەپ چۈشۈپ ئۇنى قۇتقۇزماقچى بولدۇم، مەن ئەمدىلا قەدەم ئېلىشىمغا كاپىتان ئېتىلىپ كىلىپ مىنى چىڭ قۇچاقلاپ تۇسىۋالدى، ۋە ماڭا:" بولدى قىل! ئەمدى ئامال يوق! ئالۋاستى كىمىگە چۈشۈپ كەتكەن ئادەمنى قۇتقۇزۇپ كەلگىلى بولمايدۇ. ئۆزۈڭنى بىكاردىنبىكار ئۈلۈمگە تۇتۇپ بەرمە!!!" دەپ ۋارقىرىدى.
   كاپىتان ناھايتى كۈچلۈك بولۇپ مەن ئۇنى چۆرىۋېتەلمىدىم. كىمىدىكى باشقا كىشىلەر ھەممىسى ھاڭۋېقىپلا قالغان ئىدى، مەن كۆڭلۈمدە ئۇلارنى نەچچىنى تىللىدىم.بۇ چاغدا جاڭ چوقۇر ئاسماندىن چۈشكەندەكلا يۈگۈرۈپ كىلىپ لەڭگەر ئارغامچىسىنىتارتىپ سۆرۈپ كۈچەپ بىر چۆرىگەن ئىدى لەڭگەرئارغامچىسىنىڭبىر ئۇچى ئالۋاستى كىمىسىگە چۈشتى، ۋە كىمىنىڭ قىرغىقىغا ئىلىشىپ قالدى. ئالۋاستى كىمىسى ناھايتى تىز مېڭىۋاتاتتى، بىردەمدىلا لەڭگەر ئارغامچىسى تارتىشىپ تۈپتۈز بولۇپ قالدى. بىزنىڭ كىمە قاتتىق سىلكىنىپ ئالۋاستى كىمىسىگە سۆرىلىپ ماڭدى.
   كاپىتاننىڭ قورقۇپ جېنى چىقىپ كەتتى، ئۇ قولىغا پىچاقنى ئېلىپ ئارغامچىنى كەسمەكچى بولغان ئىدى، تۇيۇقسىز ئۇرۇلغان بىر مۇشنىڭ زەربىسىدە ئۇ يەرگە پالاققىدە يېقىلدى، جاڭ چوقۇر ئۇنى خېلى قاتتىق ئۇرغاندەك قىلاتتى. باشقا كىمە خىزمەتچىلىرى بۇنى كۆرۈپ ھەممىسى جاڭ چوقۇرغا يۇپۇرلۇپ كەلدى. جاڭ چوقۇر چاققانلىق بىلەن قولىغا بىر تاپانچىنى ئېلىپ ئۇنى كاپىتاننىڭ بېشىغا تىرىدى، ۋە ئۈنلۈك ئاۋازدا:" ھەممىڭ مىدىرلاشما!بولمىسا ئۇنى ئېتىۋېتىمەن!!!" دىدى.
   كىمىدىكى باشقا خىزمەتچىلەر بۇخىل ئەھۋالغا يولۇقۇپ باقمىغان بولۇپ ، يېقىنلىشىشقا جۈرئەت قىلالمىدى. جاڭ چوقۇر ماڭا:" شىياۋۋۇ ، مەن بۇلارغا قاراپ تۇرىمەن، سەن دەرھال بېرىپ خانقىزنى قۇتقۇزغىن!" دىدى.
   مەن ئېغىزىمنى ئېچىپلا قالدىم. مەن خاتا ئاڭلاپ قالدىممۇ نىمە؟ئۇ مۇشۇنداق دەھشەتلىك دولقۇندا مىنى سۇ ئۈزۈپ بېرىپ ئۇنى قۇتقۇز دىمەكچىمىدۇ؟؟.......       جاڭ چوقۇر ماڭا ئالىيىپ تۇرۇپ ئارغامچىنى كۆرسەتتى، ۋە :" ياشلار يۈرەكلىك بولىدىغان! نىمە قاراپ تۇرىسەن، تىز بول!!" دىدى.
   مەن بېشىمنى چايقىدىم. مەن ئەزەلدىن تەنتەربىيە جەھەتتە ناھايتى ئاجىز تۇرسام، سۇ ئۈزۈپ بارىدىغان ئىش بولسا مىنىڭ ئۆلىدىغىنىم ئىنىق، ئارغامچىغا يامىشىپ بارغان تەقدىردىمۇ، يامىشىپ بېرىپ بولغۇچە ھېرىپ ئۆلەيدەپ قالىدىغان تۇرسام،بۇنداق ھالىتىم بىلەن قانداقمۇ ئادەم قۇتقۇزالارمەن؟........
   مەن مۇشۇلارنى ئويلاپ تۇرغىنىمدا ئالۋاستى كىمىسى تەرەپتىن نىڭ خانقىزنىڭ قاتتىق چىقىرىغان ئاۋازى ئاڭلاندى. ئۇ پۈتۈن كۈچى بىلەن ئارغامچىغا يامىشىشقا تەمشىلىۋاتاتتى، بىراق بىرنەرسە ئارقا تەرەپتىن تارتىۋاتقاندەك ئۇنى ئالغا ئىلگىرلەتمەيتتى. ئۇ كىمە قىرغىقىنى پۈتۈن كۈچى بىلەن چىڭ تۇتىۋالغان ئىدى. ئۇ ماڭا قاراپ:" ۋۇ ئەپەندىم، مىنى قوتقۇزىۋېلىڭ!! مىنى قۇقۇزىۋېلىڭ!!..." دەپ ۋارقىراشقا باشلىدى.
   مەن ئۆزۈمنى قاتتىق بىر كاچات ئۇردۇم، ۋە ئۆز-ئۆزۈمنى:" ۋۇ شىيې دىگەن ئەبلەخ ! سەنمۇ ئوغۇل بالىمۇ؟!" دەپ تىللىدىم.
   بۇ بىر كاچات مىنى ئويغىتىپ سەگەكلەشتۈردىمۇ ياكى مىنى گالۋاڭ قىلىپ قويدىمۇ بىلمىدىم، مەن بىردىنلا غەيرەتكە كىلىپ:" ئۆلسەم ئۆلگىنىمنى كۆرەرمەن" دىدىم، ئۆز-ئۆزۈمگە.   
   مەن چوڭقۇر نەپەس ئالدىم، ئاندىن سۇ ئۈزۈش كۆزەينىكىنى تاقىدىم، ئايىغىمنى سېلىۋىتىپ كالامپايلارچە ئارغامچىنى تۇتتۇم. ئالدىمدا غايەت زور دېڭىز دولقۇنى ئۆركەشلەيتتى، ئارغامچا پات-پات سۇغا چۆكۈپ كىتەتتى.
   ئارغامچىنىڭ ئۇزۇنلىقى تەخمىنەن 20مېتىر كىلەتتى، ناھايتىمۇ مەزمۇت ئىدى. ئەگەر پۇت-قولى چاققان بولسىلا ئانچە خەتەرلىك ئەمەس ئىدى. ئەڭ چوڭ چاتاق ئارغامچا سۇ ئاستىغا چۆكۈپ كىتەتتى. مۇشۇنى ئويلاپ يۈرۈگۈم ئەنسىز سوققاندەك بولدى.
   مەن توغۇلۇپ ھازىرغىچە بۇنداق دەرھال قارار قىلىدىغان، جان بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولغان خەتەرلىك ئەھۋالغا يولۇقۇپ باقمىغانئىدىم.مەن ئىككىلىنىپ كىمە قىرغىقىدا ئولتۇرۇپ قىمىرلاشقا باشلىدىم. ئاخىرى ئاستاغىنە ئارغامچىغا ياماشتىم. مەن كىنولاردىكى ئالاھىدە خادىملاردەك بېشىمنى تۆۋەن قىلىپ پۇت-قولۇمنى تەڭلا ئىشقا سېلىپ، بىر تەرەپتىن ياماشقاچ بىر تەرەپتىن دۇئا قىلىشقا باشلىدىم. بىرنەچچە قەدەم ماڭا-ماڭمايلا شىددەتلىك بىر دولقۇن كىلىپ مىنى ئارغامچا بىلەن قۇشۇپ سۇ ئاستىغا ئېلىپ كىرىپ كەتتى. مەن بېشىمنى سۇ ئۈستىگە چىقارغان ۋاقتىمدا دىمىم سىقىلىپ يۈزلىرىم كۆكىرىپ كەتكەن ئىدى.بىرىنجى قېتىملىق دولقۇندىن بىخەتەر ئۆتتۈم، مەن دولقۇننىڭ ھەركەتلىنىش قانۇنيىتىنى چۈشەنگەندەك بولدۇم. بىردىنلا ئۆزۈمنىڭ قارشى تەرەپكە ئامان ئىسەن بارالايدىغانلىقىمغا ئىشەندىم.
   شۇنداق قىلىپ مەن ھەر قېتىم دولقۇنغا دۇچ كەلگەندە ھەركەت قىلماي ئارغامچىنى چىڭ تۇتۇپ جىم تۇردۇم، دولقۇن ئۆتۈپ كەتكەندە بىر نەچچە قەدەم ئالدىغا ياماشتىم. قانچىلىك ۋاقىت ئۆتكىنى ئىسىمدە يوق، نىمىلا بولمىسۇن مەن ئالۋاستى كىمىسىگە يېقىنلاپ قالغان ئىدىم.تۇساتتىن باياتىنقىدىن نەچچە ھەسسە چوڭ بىر دولقۇن ئۇرۇلۇپ كىلىپ مىنى نەچچە مېتىر چوڭقۇرلۇققا ئېلىپ كىرىپ كەتتى. مەن قاتتىق ئۇرۇلۇشتىن ھۇشۇمدىن كەتكىلى تاسلا قالدىم. مەن ئۆزۈمنى بېسىۋېلىپ پۈتۈن كۈچۈم بىلەن ئارغامچىنى تۇتىۋالدىم، ۋە كۆزۈمنى ئېچىپ سۇ تىگىگە قارىدىم. مەن تۇيۇقسىز ئاجايىپ غەلىتە بىر مەنزىرىنى كۆردۈم، كىمىنىڭ ئاستى تەرىپىدە بىردانە داتلىشىپ كەتكەن، دېڭىز ئۈسۈملۈكلىرى لىققىدە چاپلىشىپ ئۈسۈپ قالغان بىر تۈمۈر زەنجىرنى كۆردۈم، بۇ زەنجىر ناھايتىمۇ ئۇزۇن ئىدى. غەلىتە يېرى شۇكى بۇ ئارغامچىنىڭئۇچى يوق ئىدى. سۇ ئاستىدا يەنە بىر غايەت چوڭ بىر نەرسە غۇۋا كۆرۈندى. مەن ئېغىزىمدىكى ھاۋانى چىقىرىۋېتىپ تېخىمۇ تەپسىلى قاراي دەپ تۇرغىنىمدا ئارغامچا مىنى تۇيۇقسىز سۇ ئۈستىگە چىقىرىپ قويدى. ۋە مىنى ئۈستىگە كۆتۈردى. مەن دولقۇننىڭ چۇقىسىدا تۇراتتىم. مەن پەسكە قارىغان ئىدىم، ھېلىقى خانقىزنىڭ ناھايتى غەلىتە بىر قىياپەتتە كىمە ئىسكىلاتى تەرەپكە ئىلگىرلەۋەتقانلىقىنى كۆردۈم، مەن كۆرۈپ ھاڭۋېقىپ قالدىم، ئۇنى تارتىۋاتقىنى دەل بايىقى بىر جۈپ قۇرۇپ قالغان قول ئىدى. قارىغاندا ئۇ ناھايتى ماغدۇرسىزلىنىپ كەتكەن ئىدى، پۇت-قولى ئۆزىنىڭ ئەمەستەكلا .      دەل شۇۋاقىتتا بايىقى دولقۇن بىر ئاز جىمىدى، مەن دەرھال ئالۋاستى كىمىسىگە يامىشىپ چىقىۋالدىم.



جەنۇپپەرەس ئۈچىنچى تاغىنڭ‹‹ كىپەن ئوغۇرلاش خاتىرسى››ناملىق ئەسىردىن تەرجمە قلىندى
مەزكۈر ئەسەرنىڭ 1-بابىدىن29-بابىغىچە ئانا تۇپراق مۇنبىرىدىكى جاپاكەشلەر تەرجىمە قىلىپ يوللىغان بولۇپ، ئاخىرىنى تىرىشچانلار مۇنبىرىدىكى كىپەن ، جىمجىت ئەپەندىلەر تەرجىمە قىلىپ تىرىشچانلار مۇنبىرىگە يوللىغان ، ئانا تۇپراق تورىنىڭ باشقۇرغۇچىلىرىنىڭ روخسىتى بىلەن ئەسەرنىڭ باش قىسمى تىرىشچانلار مۇنبىرىگە يۆتكەلدى.

qutyar يوللانغان ۋاقتى 2014-6-23 16:19:36

تىلفۇن ئۇيغۇرچە تونىمىغاچقا ئالۋاستى سالۇنىدىن بىۋاستە ئوقۇشتا قىينىلىپ قالدىم ،ئىزدىنىشقا يوللاپ مۇشۇ يەردىلا ئوقۇيلى دىدىم .

qutyar يوللانغان ۋاقتى 2014-6-23 16:22:07


كىمىنىڭ پالوبىسى ئۇزۇن يىل سۇدا تۇرغاچقىمۇچىرىپ كەتكەنئىدى . ئېغىريۈك   كۆتىرەلمەيتتى.   80كلوگىرام ئېغىرلىقتىكى بەدىنىمكىمىگە چۈشىشى بىلەنلا پالوبا مىجىلىپ غىچ..غىچ قىلىپ ئاۋاز چىقاردى، خۇددى پارچىلىنىپ كىتىدىغاندەكلا. مەن بۇلارنى كۆپ ئويلىنىپ تۇرماي دەرھاللا ھېلىقى خانقىزنىڭ قانداق بولغانلىقىنى كۆرۈش ئۈچۈن مېڭىپ كەتتىم.
   ئۇنىڭ بەدىنىنىڭ يېرىمى قاپقاراڭغۇ كىمە ئىسكىلاتى تەرەپكە تارتىپ چۈشۈرۈلگەن ئىدى. مەن بۇنى كۆرۈپ بەك جىددىيلەشتىم. يېنىمدا يۇرۇتۇش ئۈسكۈنىسى ياكى قۇرال يوق . ئەگەر پەسكە چۈشۈپ كىتىدىغان بولسا ئۈلۈپ كىتىش ياكى ھايات قېلىشقا بىر نىمە دىگىلى بولمايتتى.
   مەن دەرھال بېرىپ خانقىزنىڭ ئىككى پۇتىنى چىڭ تۇتىۋالدىم. پۈتۈن كۈچۈمنى ئىشقا سېلىپ تىركەشتىم. خانقىز مىدىر-سىدىر قىلمايتتى. خانقىزنىڭ ئۈسىتىدىكىسى بەدەنگە چىڭ چاپلىشىپ تۇرىدىغان سۇ ئۈزۈش كىيىمى بولۇپ، دېڭىز ئوت چۆپلىرى چاپلىشىپ سىلىقلىشىپ كەتكەنلىكتىن كۈچنىڭ يېرىمىنى ئاران ئىشلەتكىلى بولاتتى.
   مەن بۇنداق كىتىۋەرسە خانقىزنىڭ تۈگىشىدىغانلىقىنى پەملىدىم.دەمەللىققا بىرەر ئامال ئويلىيالمىدىم. مۇشۇنداق بولغانچە بارغانسىرى جىددىيلىشەتتىم.مەن ئېتىلىپلا ئۇنىڭ بەدىنىگە چىڭ يېپىشتىم ۋە بىلىدىن قاماللاپ قۇچاقلىۋالدىم. بۇنداق بولغاندا بىز ئىككىمىزنىڭ ئېغىرلىقى 130كلوگىرامدىن ئارتۇق بولۇپ، ھېلىقى قاقشالدەك قورۇپ قالغان ئۆلگۈر قولنىڭ بىز ئىككىمىزنى تارتىپ مېڭىشى تەس ئىدى.
   مەن ئەمدىلا خانقىزنى قۇچاقلىشىمغا قاراس-قاراس قىلغان ئاۋاز بىلەن تەڭ كىمىنىڭ پالوبىسى سۇنۇپ بىز ئىككىلىمىز ياغاچ پارچىلىرى بىلەن قوشۇلۇپ كىمە ئىسكىلاتىغا چۈشۈپ كەتتۇق.   تەلىيىمىزگە كىمە ئىسكىلاتىنىڭ تىگى پۇختا ئىدى. بولمىسا بىز ئۇدۇللا دېڭىزغا چۈشۈپ كىتەتتۇق.
   بىز تۆۋەنگە تەتۈر چۈشكەن ئىدۇق. ھازىرلا تېخى بۇ يەرگە چۈشۈشنى خالىمىغان ئىدىم، ئەمدىلىكتە چۈشۈپ بولۇپ يەنە ئامان ئىسەن تۇرغىنىمدىن خۇشاللاندىم. مەن بايا چۈشۈپ كەتكەندە ئاغرىغان يەرلىرىمنى سىلاپ ئولتۇرغىنىمدا تۇيۇقسىز ئاستىمدا بىرىنىڭ :" نېرى تۇرۇڭ! مىنى بېسىپ ئۆلتۈرۈپ قۇياي دىدىڭىز!" دىگەن ئاۋازى ئاڭلاندى.
   مەن ئۆزۈمنىڭ خانقىزنىڭ كاسىسىدا ئولتۇرغۇنىمنى بايقىدىم. ۋە دەرھال بىر تەرەپكە ئۆتتۈم. مەن كۆڭلۈمدە:" بۇمۇ ياخشى بوپتۇ، ئىلگىرى مەن دائىم كىنولاردا قىزنىڭ يىگىتنىڭ ئۈستىگە چۈشكەنلىكىنى كۆرگەن، بۇ قېتىم ئۇنىڭ ئەكىسچە بوپتۇ." دىگەنلەرنى ئويلىدىم. خانقىز كۈچەپ بىلىنى تۇتقىنىچە ئولتۇردى. مەن ئۇنىڭ مۈرىسىدىكى ھېلىقى بىر جۈپ قولنىڭ كۆرۈمىگەنلىكىنى بايقىدىم. ۋە چۈچۈپ:" بايىقى ئۆلگۈر قول قېنى ؟!" دەپ سورىدىم.
   خانقىزمۇ مۈرىسىنى سىلاپ بېقىپ ھەيران بولغان ھالدا" تاڭەي، مەنمۇ بىلمىدىم. مەن بۇ كىمىگە چۈشۈپ كەتكەندە تۇيغۇم ناھايتى غۇۋالىشىپ كەتكەن ئىدى. ئۇنىڭ نەگە كەتكەنلىكىنى بىلمىدىم ، سىزمۇ كۆرمىدىڭىزما؟ " دىدى.
   مەن بېشىمنى چايقاپ:" بايا بىز پەسكە چۈشكەندە قالايمىقانچىلىقتا دىققەت قىلماپتىمەن، بىراق ھېلىقى قولنىڭ سىزدەك بىر ئادەمنى سۆرەپ ئېلىپ ماڭغىنى ھەرگىزمۇ يالغان ئەمەس،بەلكىم ئۇ سىزنىڭ ئاستىنىڭىزغا بېسىلىپ قالغان بولىشى مۇمكىن" دىدىم.
   بۇ گەپنى ئاڭلاپ خانقىزنىڭ چىرايى قورققىنىدىن تاتىرىپ كەتتى. ئۇ دەرھال ئورنىدىن تۇرۇپ قارىدى. بىراق ياغاچ پارچىلىرىدن باشقا ھېچنىمە كۆرۈنمەيتتى. " بەلكىم ئۇ ئۈستىدە قالغان بۇلىشى مۇمكىن" دىدىم مەن.
   ئۇ مىنىڭ گېپىمنىڭ ئورۇنلۇق ئىكەنلىكىنى ھىس قىلىپ بېشىنى لىڭشىتتى ، ۋە :" مەن ئۇنىڭ مىنى نىمە سەۋەبتىن بۇيەرگە تارتىپ ئېلىپ كەلگەنلىكىنى بىلمىدى، قارىغاندا مەن بەكرەك ئېھتىيات قىلسام بولغۇدەك" دىدى.
   بىز ئىككىلىمىز ئەتراپىمىزنى بىر قۇر تەكشۈردۇق.كىمە بالوبىسىدىن بىر يوغان تۈشۈك ئېچىلىپ قالغاچقا شۇ تۈشۈكتىن چۈشكەن يۇرۇقلۇقتا ئەتراپنى ھەر ھالدا كۆرگىلى بولاتتى.كىمە ئىسكىلاتىنىڭ تېمىدىمۇ قېلىن دېڭىز ئۈسۈملۈكلىرى چاپلىشىپ ئۈسۈپ قالغان بولۇپ ھەممە نەرسىنى ئۆز باغرىغا ئالماقچى بولغاندەكلا قىلاتتى. بىز ھېلىقى ئوت چۆپلەرنى ئاجرىتىپ قاراپ باقتۇق ، ھەممىسى كىمە قاتنىشىدا ئىشلىتىلىدىغان نەرسىلەر ئىدى. بىراق كۆپۈنچىسى چىرىپ كەتكەن بولۇپ پەقەت ئۇنىڭ شەكلىدىنلا پەرقلەندۈرگىلى بولاتتى.
   بۇ كىمىنىڭ چوڭ-كىچىكلىكى ۋە ياسىلىشىدىنقارىغاندا 70-80-يىللاردىكى ئوتتۇرا تىپتىكى بېلىقچىلىق كىمىسى ئىدى. كىمىنىڭ سىرتى تۈمۈر بىلەن قاپلانغان ئىدى. ئىسكىلات خېلى چوڭ بولۇپ ئىسكىلاتنىڭ ئوتتۇرىسىدىن تاختاي بىلەن توسۇلغان . قارىماققا كىمە خىزمەتچىلىرىنىڭ ئارام ئېلىش ئۆيى، كاپىتان تۇرىدىغان ئۆيلىرىدەك قىلاتتى.بىزنىڭ ھازىر تۇرىۋاتقان ئورنىمىز كىمىنىڭ ئەشيالارنى قويىدىغان ئىسكىلاتى بولىشى كېرەك ، بىراق بۇ يەردىكى ئەھۋالدىن قارىغاندا بۇ كىمە ئەينى ۋاقىتتا كىمىگە يۈك ئارتىپ كىتىۋاتقاندا چۈكۈپ كەتمىگەن.
   كىمىنىڭ گەۋدىسىنى كۆتۈرۈپ تۇرىدىغان تۈۋرۈكلەر تېخى چىرىپ كەتمىگەچكە بۇ كىمە ھەر ھالدا قاتنىغىلى بۇلىدىغان ھالەتتە ساقلىنىپ قالغان. بولمىسا بۇنداق قاتتىق دولقۇندا ئاللىقاچان چۇل-چۇل بولۇپ كەتكەن بولاتتى.
   خانقىز بېشىنى چايقاپ تۇرۇپ:" مەن كىمىنى خېلى ئوبدان چۈشىنىمەن،بۇ كىمىنىڭ ھالىتىدىن قارىغاندا، سۇ ئاستىدا كەم دىگەندىمۇ ئۇن نەچچە يىل تۇرغانلىقى چىقىپلا تۇرىدۇ" دىدى.
   مەن ئۇنىڭدىن:" قاتتىق بۇران-چاپقۇن ئۇنى سۇ يۈزىگە ئېلىپ چىققانمىدۇ؟" دەپ سورىدىم.
ئۇ :" بۇنداق بولىشى ناتايىن، نەچچە ئون يىل دېڭىز ئاستىدا چۈكۈپ تۇرغان كىمە ئاللىقاچان دېڭىز ئاستىدىكى قوم لاتقىلار تەرىپىدىن كۆمۈلۈپ كەتكەن بولىشى كېرەك ئىدى،سىز كىران(يۈك كۆتۈرۈش ماشىنىسى) بىلەن تارتىپ چىقارسىڭىز ئاندىن ئۇنى سۇ يۈزىگە چىقارغىلى بۇلىشى مۇمكىن، بىراق كىمە گەۋدىسى ناھايتى چۈرۈك تۇرسا ئۇنداق قىلغان تەقدىردىمۇ ئۇنىڭ بۇنداق ساپساق سۇ يۈزىگە چىقىشى مۇمكىن ئەمەس-دە" دىدى.
   ئۇنىڭ ئېيتقانلىرىمۇ توغرا.بىراق مىنىڭ يەنىلا ئەقلىم يەتمەيدىغىنىبۇكىمىنىڭ قانداق بولۇپ سۇ يۈزىگە چىقىپ قالغانلىقى ئىدى. ئەگەر ئۇنى بىرسى سۇ يۈزىگە ئېلىپ چىقتى دىگەندىمۇ ، ئەينى ۋاقىتتا چۈكۈپ كەتكەندىكى تۆشۈك قانداق قىلىپ ئىتىلىپ قالىدۇ؟
   مەن كىمە ئۈستىدىكى ئەھۋاللاردىن سۇئالىمغا ھېچ بىر جاۋاب تاپالمايتتىم. ھېلىقى بىر جۈپ قولمۇ ئەمدى كۆرۈنمىدى، مىنىڭ كۆڭلۈم خېلى ئارامىغا چۈشۈپ قالغان ئىدى.مەن ئۈستى بېشىمدىكى ياغاچ پارچىلىرىنى ئۇرۇپ چۈشۈرىۋېتىپ ئورنۇمدىن تۇردۇم.ۋە نىڭ خانقىزنى چاقىرىپ كىمە ئىسكىلاتىنىڭ ئىچى تەرىپىگە كىرمەكچى بولدۇم.كىمە ئىسكىلاتى ياغاچ تاختايلار بىلەن تۇسۇلغان ئىدى، تاختايلار چىرىپ نۇرغۇن تۈشۈكلەر ئېچىلىپ قالغان، پەقەت كۈچەپ بىرقانچىنى تەپسىلا ئاجراپ كىتەتتى. بىراق نىڭ خانقىز مىنى تۇسىۋېلىپ ئۇنداق قىلغاندا كىمە پالوبىسىنىڭ گۈمۈرۈلۈپ ئىككىلىمىزنىڭ پالوبا ئاستىدا قېلىشىمىزدىن ئەنسىرەيدىغانلىقىنى ئېيىتىپ تۇرىۋالدى.
   مەن كۆڭلۈمدە :" ئەگەر پۈتۈن پالوبا گۈمۈرۈل چۈشسە تېخى ياخشى، ئۇ چاغدا بۇ قاراڭغۇلۇقتى قۇتۇلۇپ كۆڭلىمىز تېخىمۇ ئارامىغا چۈشكەن بولاتتى" دىگەنلەرنى ئويلىدىم.
   لۇ بېگىنىڭ قەبرىسىدىكى تەجىربىلىرىم ۋە بىر قانچە قېتىملىق ئۆلۈم ئېغىزىدىن قايتىپ كىلىش مىنىڭ ئىرادەمنى چېنىقتۇرۇپ ، بۇرۇنقىدەك بۇنداق ئەھۋالغا يولۇقۇپ قالسام قاتتىق قورقۇپ كاللام توختاپ قالىدىغان ھالەتنى يوق قىلغان ئىدى.
   ھېلىقى تۇسۇلغان تاختىلارنىڭ ئارىسىغا ناھايتى ئۇستىلىق بىلەن بىر ئىشىك ئورنىتىلغان ئىدى. مەن دەماللىققا بۇ ئىشىكنى تارتىش ياكى ئىتتىرىشنى بىلمەي ، تارتىپ سىناپ باقتىم.مەن تارتىشىمغىلا ئىشىكنىڭ تۇتقۇچى ۋە بىر پارچە تاختاي ئاجراپ قولۇمغا چىقتى. مەن خانقىزغا قاراپ :" بۇ ھەر ھالدا پۈتۈن تاختىنى سۆككەندىن كۆپ پەرقلەنمىدى" دىدىم.
   ئۇ ماڭا پەرۋا قىلمىغان ھالدا، بايىقى مەن ئاجراتقاندا ئېچىلغان تۆشۈكتىن قاراۋاتاتتى. ئۇنىڭ يۈرىكى خېلى باركەن. ئۇنىڭ بايىقى قورقۇنۇچلۇق ئەھۋاللارنى بېشىدىن كەچۈرگىنىدىن مەن تېخى ئۇنى ئىچىگە قاراشقا جۈرئەت قىلالمايدۇ دەپ ئويلىغان ئىدىم.مەن ئۇنىڭغا :" ئىچى بەك قاراڭغۇ ئىكەن، ئەگەر كىرمەكچى بولساق پالوبا ئۈستىدىن يەنە تۈشۈك ئېچىپ ئىچىنى يۇرۇتساق بولغۇدەك، بۇنداق قىلغاندا ئىچىگە كىرىپ بولغاندا بىرەر ئەھۋال يۈز بىرىشتىن ساقلانغىلى بولىدۇ" دىدىم.
   مىنىڭچە بۇ گېپىمنىڭ خېلى ئۈنۈمى بولغاندەك قىلاتتى. ئۇ ئازراق ئىككىلەندى، مەن ئۇنى زاڭلىق قىلغاندەك كۈلۈپ قويدۇم. ۋە تاختىنى كۈچەپ سۇندۇردۇم، تۇسۇپ قويۇلغان پۈتۈن تاختاي سۇنۇپ كەتكىلى تاسلا قالدى. مەن ھېلىقى تۇسۇپ قويۇلغان كىچىك ئۆينىڭ ئىچىدە بىر چوڭ كارۋات تاختىيىنىڭتۇرغانلىقىنى كۆردۈم. كارۋات تاختىيى تۈمۈردىن ياسالغان ئىدى، ئاللىقاچان داتلىشىپ كەتكەن ئىدى. سەرەمجانلاشتۇرىلىشىدىن قارىغاندا كىمە خىزمەتچىلىرى ئارام ئالىدىغان يەردەك قىلاتتى.   مەن بۇ ئكينىڭ بىر بۇلىڭىغا بىر دانە تۈمۈر ئىشكاپنىڭ قويۇلغانلىقىنى كۆردۈم. ئىشكاپ ناھايتى ھىم ئىتىلگەن ئىدى. مەن ئالدىغا بېرىپ تارتىپ باقتىم، ئىشكاپ ئېغىزى ئازراق بۇشىدى.
   بۇ خىل كىمىلەردىن يېزىقچە خاتىرىلەرنى تاپقىلى بولمايتتى.ھازىرقى جاڭ چوقۇر بايا تۇتۇپ ئېلىپ قالغان كاپىتانغۇ كۈندە دىگۈدەك سەپەر خاتىرىسى يېزىپ ماڭىدۇ، بىراق بۇ ئالۋاستى كىمىسى دېڭىزدا قاتنىغان ئەينى زامانلاردا خەت تۇنۇيدىغان ئادەم يوق دىيەرلىك . شۇنداق بولغاچقا مەن بۇيەردىن كۈندىلىك خاتىرە دىگەندەك نەرسىلەرنى ئىزدەپ تېپىشتىن چوڭ ئۈمىدمۇ كۈتمىدىم.
   مەن ھېلىقى ئىشكاپنى ئېچىپ قاتتىق چۈچۈپ كەتتىم، دەرۋەقە ئىشكاپ ئىچىدە كونىراپ كەتكەن بىر دانە سۇ ئۆتمەس خالتا تۇراتتى.مەن خالتىنى ئاچقان ئىدىم، ئىچىدىن تىتىلىپ كىتەيدەپ قالغان بىر پارچە خاتىرە دەپتەر چىقتى.مەن خاتىرە دەپتەرنىڭ تېشىغا قارىغان ئىدىم تۆۋەندىكى خەتلەرنى كۆردۈم:" شىشا خادا تاشلىرىنى ئارخئىلوگىيەلىك تەكشۈرۈش خاتىرىسى"
   مەن يەنە بىر بەت ئۆرۈپ قارىغان ئىدىم ئۈستىگە ناھايتى چىرايلىق قىلىپ :" 1984-يىلى7-ئاي، ۋۇسەنشىڭ چېنۋېنجىنغا سوۋغا قىلغان"دەپ يېزىقلىق تۇراتتى.




جەنۇپپەرەس ئۈچىنچى تاغىنڭ‹‹ كىپەن ئوغۇرلاش خاتىرسى››ناملىق ئەسىردىن تەرجمە قلىندى
مەزكۈر ئەسەرنىڭ 1-بابىدىن29-بابىغىچە ئانا تۇپراق مۇنبىرىدىكى جاپاكەشلەر تەرجىمە قىلىپ يوللىغان بولۇپ، ئاخىرىنى تىرىشچانلار مۇنبىرىدىكى كىپەن ، جىمجىت ئەپەندىلەر تەرجىمە قىلىپ تىرىشچانلار مۇنبىرىگە يوللىغان ، ئانا تۇپراق تورىنىڭ باشقۇرغۇچىلىرىنىڭ روخسىتى بىلەن ئەسەرنىڭ باش قىسمى تىرىشچانلار مۇنبىرىگە يۆتكەلدى.

yigana523 يوللانغان ۋاقتى 2014-6-23 16:28:52

ماۋۇ ئەسەرنىڭ 8جىلىتلىق توللۇق قىسىمىنى (كىندىل نۇسخىسىPDFشەكلىدە خەنچە)تېپىۋالدىم،كىندىل ئۈچۈن ئىشلەنگىنىكەن،ھازىرقى يانفونلارنىڭ ئېكرانى خېلى چوڭ بولغاندىكىن كۆرۈشتە قىينالمايسىلەر ھەقىچان،كىندىلدا كۆرگەنگە يەتمەيدۇدە لېكىن.
بىۋاستە چۈشۈرۈش ئادىرسى   
ئەگەر بىۋاستە چۈشمەي قالسابۇ بەتكە كىرىپ چۈشۈرۈڭ

jaggiwar يوللانغان ۋاقتى 2014-6-23 16:40:29

qutyar يوللىغان ۋاقتى2014-6-23 16:22 static/image/common/back.gif
كىمىنىڭ پالوبىسى ئۇزۇن يىل سۇدا تۇرغاچقىمۇچىرىپ كەت ...

ئاخىرىنى ساقلاپ قالدۇق مالال كومەي يوللىۋەتسىلە بوپتىكەن:loveliness:

qutyar يوللانغان ۋاقتى 2014-6-23 17:11:53

ئاخىرىنى تولۇق يوللىۋىتەي دىسەم باب ،جىلىد دىگەنلەرنى تولۇق چىقىرالمىدىم ، تىلفۇندا بىۋاستە يىزىش تېخى قاملاشمايدىكەن .ئۇنداقلا كۆچۈرۈپ قويسام باشقىلارغا قولايسىزلىق تۇغدۇرۇپ قويغاندەك تۇيغۇدا بولۇپ شۇڭا يوللىمىغانتىم .

jaggiwar يوللانغان ۋاقتى 2014-6-23 17:32:48

qutyar يوللىغان ۋاقتى2014-6-23 17:11 static/image/common/back.gif
ئاخىرىنى تولۇق يوللىۋىتەي دىسەم باب ،جىلىد دىگەنلەرنى ...

ۋاي قۇلايسىز لىقمۇ بوپ كەتمەس ئەسلى مەخسەت ئەسەرنى ئۇقۇش بولغاندىكىن بىييوللىۋېتىڭە

dawanqi يوللانغان ۋاقتى 2014-6-23 17:58:19

خەنچىسىنى ئۇقۇپ يەنىلا يەنىلا ئانا يېزىقتا ئۇقۇغاننىڭ ھۇزۇرىنى دەپ يېنىپ كىلىۋالدىم.:lol:lol:lol:lol

qutyar يوللانغان ۋاقتى 2014-6-23 18:45:55

ئون ئىككىنچى باب
2013-04-29 alwasti

بۇ خەتلەرنى كۆرۈپ ھەيران قالغىنىمدىن ھۇشۇمدىن كەتكىلى تاسلا قالدىم. ۋۇسەنشىڭ، چېنۋىنجىن دىگىنى دەل كەنجى تاغام بىلەن ۋېنجىننىڭ تۇلۇق ئىسمى ئەمەسمۇ؟ بۇ خاتىرىنى ئەينى يىلى ئۇلار يېزىپ قالدۇرۇپ قويغان بولسا نىمە بولۇپ بۇ خاتىرە مۇشۇ ئالۋاستى كىمىسىدە پەيدا بولۇپ قالىدۇ؟
   ئەگەر بۇ كىمە چۆكۈپ كىتىشتىن بۇرۇن بۇ كىمىدە ئۇلار ئىككىسى تاساددىبى ئۇچرۇشۇپ قالدى دىگەندىمۇ، ئۇلارنىڭ شىشاغا كىلىپ تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشىمۇ بىر تاساددىبىيلىقمۇ؟ .....................    بۇنداق توغرا كىلىپ قالىدىغان ئىش بولسا مەن نەچچە قېتىملاپ بەش مىليۇنلۇق كاتتا مۇكاپاتقا ئىرىشىپ بولغان بۇلاتتىم...
   مەن ئويلىنىپ قالدىم. بەلكىم بۇ ئىشلارنى ئۇنچە ئويلاپ كىتىشنىڭ ھاجىتى يوقتۇ. بۇ خاتىرە ھېچنىمىنى چۈشەندۈرۈپ بىرەلمەيدۇ. بۇ خاتىرە ئىنىقكى كەنجى تاغاملار قالدۇرۇپ قويغان نەرسە.يەنە كىلىپ خاتىرە ئۈستىدىكى مەزمۇنغا ئاساسلانغاندا بۇ خاتىرىنى ئەينى يىلى كەنجى تاغام چېنۋېنجىنغا سوۋغا قىلغان. ۋېنجىن بۇ خاتىرىگە ئەينى ۋاقىتتىكى ئىشلاردىن خاتىرە قالدۇرغان. بۇنداق بولغاندا بۇ خاتىرىنىڭ ئىگىسى دەل-چېنۋېنجىن.
   ئۇنداقتا بۇ ئالۋاستى كىمىسى كەنجى تاغاملارنىڭ ئەينى ۋاقىتتىكى ئارخىئولوگىيىلىك تەكشۈرۈش خىزمىتى بىلەن مۇناسىۋەتلىكمىدۇ؟ئەينى ۋاقىتتا قايتىپ كىلەلمىگەن ئوتتۇرا تىپتىكى بېلىقچىلار كىمىسى دەل مۇشۇمىدۇ؟
   مەن مۇشۇلارنى توختىماي ئويلىماقتا ئىدىم، كاللامدا نۇرغۇن سۇئاللار ئۈزۈپ يۈرەتتى، تۇساتتىن بېشىم يېرىلىپ كىتەي دەپ قالغاندەك ھىس قىلىپ قالدىم.
   بۇ ئىشلارنىڭ تىگىگە يۇشۇرۇنغان ھەقىقى سىر ۋە قورقۇنۇچلۇق ئىشلارنى ئەينى ۋاقىتتىكى ئادەملا بىلىشى مۇمكىن. مىنىڭ ھازىرقى بىلىدىغانلىرىم پەقەت يۈزەكى تەسەۋۋۇرلار ئىدى.بۇ ئىشلارنى بىر-بىرىگە باغلاپ تۇرىۋاتقان ئەڭ مەركىزى ھالقىنى مەن ھىس قىلالمايتتىم. ئەگەر كەنجى تاغام دىگەن قېرى تۈلكە ئىشنىڭ جەريانىنى ماڭا تەپسىلىيرەك ئېيتىپ بەرگەن بولسا بۇ ئىشلارنىڭ سەۋەبىنى ئىنىق چۈشەنگەن بۇلاتتىم.
   بەلكىم خاتىرە ئىچىدىكى مەزمۇنلار ماڭا ئازراق چۈشەنچە بىرەلىشى مۇمكىن.    مەن ئەسلى بۇ خاتىرىنى يۇشۇرۇپ قويۇپ ئادەم يوق ۋاقىتتا كۆرەي دەپ ئويلىغان ئىدىم، بىراق كۆڭلۈمدىكى كۈچلۈك قىزىقىش، ھەۋەس مىنى جىم تۇرغۇزمىدى. بۇ ئىشنى نىڭ خانقىزدىن يۇشۇرۇپ سىرلىقلاشتۇرىۋېتىشنى خالىدىم، دىمىسىمۇ ئۇنىڭدىن ئۇنچىۋىلا ھەزەر ئەيلەشنىڭ ھاجىتى يوق ئىدى.مەن دەرھالا خاتىرىنى ۋاراقلىدىم.
   ۋېنجىن ئىش جىلغاندا ناھايتى ئەستايىدىل ئادەم بولۇپ، ھەر كۈنلۈك خاتىرىنى ئوخشاش بىر شەكىلدە ناھايتى رەتلىك قىلىپ يازغان ئىدى. مەن بىرىنجى بەتنى يەنى ئۇلارنىڭ يولغا چىققان كۈندىكى خاتىرىنى كۆردۈم.بۇ   7-ئاينىڭ15-كۈنى يېزىلغان بولۇپ ئۈستىدە نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ ئىسمى تۇراتتى. يول باشلىغۇچى دەل ۋۇسەنشىڭ يەنى كەنجى تاغام ئىدى.يەنە مېن يوۋپىڭ دىگەن بىر ئىسىم تۇراتتى.   كەنجى تاغام ئەينى ۋاقىتتا مېنيوۋپىڭنىڭ فامىلىسىنى جاڭ دىگەندەك قىلغان. مەن يەنە ئىزدەپ جاڭ چىلىڭ دىگەن ئىسىمنى بايقىدىم، ئەجىبا كەنجى تاغام دەۋاتقان مېنيوۋپىڭ دەل مۇشۇ كىشىمىدۇ؟
   يەنە بىر بەت ئۆرۈدۈم. بۇ بەتتە قەۋرىنىڭ ئورنىنى بەلگىلەش جەريانىدىكى ئىشلار يېزىلغان ئىدى. ھەتتا قانداق ئارغامچا ئىشلىتىلدى.............    دىگەنگە ئوخشاش كىچىك ئىشلاردىن باشلاپ يېزىلغان بولۇپ كەنجى تاغام ماڭا ئېيتىپ بەرگەندىن تەپسىلىيرەك ئىدى. بۇ   ۋېنجىن قارىغاندا كەنجى تاغام دىگەن تومپاي قاقۋاشقا سېلىشتۇرغاندا ناھايتىمۇ ئەستايىدىل ئىدى. مەن بۇ ئىككى ئادەمنىڭ نىمە بولۇپ بىر يولدا ماڭغىنىنى ئويلاپ يىتەلمەيتتىم .بۇ مەزمۇنلارنى ئەمدى كۆرۈشنىڭ ھاجىتى قالمىدى. مەن يەنە ئەڭ ئاخىرقى بەتنى ئۆرۈدۈم .مەن كۆرۈپلا ھەيران قالدىم.
   پۈتۈن مەزمۇننى ئەمەس ، بىر قانچە قۇر خاتىرىنى كۆرۈپلا كۆزلىرىم چەكچىيىپ كەتتى. ئىچىمدە كەنجى تاغامنى نەچچە مىڭنى تىللىدىم.
   ئۈستىگە :   7-ئاينىڭ 21-كۈنى    بىرىنجى قېتىم دېڭىز ئاستىدىكى قەبرىگە كىردۇق.
      ئەزالار:   ۋۇسەنشىڭ
   مەقسەت:   سول ۋە ئوڭ تەرەپلەردىكى قەبرە ئۆيلىرى ۋە كارىدۇرنى تازىلاش
   قىلغان ئىش: گاز پومپىسى بىلەن قەبرە ئىچىنىڭ ھاۋاسى ئالماشتۇرۇلدى ۋە داۋاملىق تازىلاشقا تەييارلىق قىلدۇق.
   سۇدىن چىققان قىممەتلىك نەرسىلەر: قېتىشما ياغاچتىن ياسالغان قوش سۇمرۇغنىڭ سۈرىتى چۈشۈرۈلگەن    جەسەت   ساندۇقى (بوۋاق جەسەت ساندۇقى)
   ئەسكەرتىش:   جىددى ئەھۋال كۆرۈلدى. ئاخىرى تولۇقلىنىدۇ.
دەپ يېزىلغان ئىدى.    بۇنىڭ كەينىدىنلا يەنە بىر خاتىرە بۇلۇپمۇنداق يېزىلغان ئىدى------------
7-ئاينىڭ23-كۈنىدېڭىز ئاستى قەبرىسىگە ئىككىنجى قېتىم كىرىش
    ئەزالار : ھەممەيلەن
    مەقسەت: يوق
   قىلغان ئىش : يازدىكى بۇران-چاپقۇندىن دالدىلىنىش.
قىممەتلىك نەرسە: يوق
ئەسكەرتىش: يوق
    دىمەك بۇ خاتىرىدىن قارىغاندا كەنجى تاغام ئۇلارنى باشلاپ چۈشۈشتىن بورۇن ئۆزى بىر قېتىم قەبرىگە كىرگەن، ئۇنىڭ باندىتلارغا خاس مىجەز خاراكتىرىدىن ئۇنىڭ قۇرۇق قول يېنىپ چىقمىغانلىقى ئىنىق. ئۇ خاتىرىدە ئوڭ-سول جەبرە ئۆيلىرى تازىلاندى دەپ يازغىنى بىلەن، كىم بىلسۇن   ئۇ يەنە قانداق قىممەتلىك نەرسىلەرنى سىلاپ چىقتى.    بۇ قېرى تۈلكە بىرىنجى قېتىم كىرگەندە زادى نىمىلەرنى قىلدى؟   مىنىڭ بىردىنلا ئاچچىقىم كىلىشكە باشلىدى.
   مەن خاتىرىنىڭ قالغان قىسمىنى تىز-تىز بىر قېتىم كۆرۈپ چىقتىم، ئىچىدە خېلى كارغا كىلىدىغان ئەمما ھالقىلىق بولمىغان مەزمۇنلار خېلى بار ئىدى.مەن بۇ خاتىرىنى ئەمدى كۆرۈشنىڭ زۈرۈريىتى يوقلۇقىنى ھىس قىلىپ ، ئۇنى بايىقى خالتىنىڭ ئىچىگە سېلىپ قويۇپ بۇرۇلۇپ خانقىزغا قارىدىم.    قارىغاندا ئۇ ماڭا دىققەت قىلمىغاندەك قىلاتتى. ئۇ پۈتۈن كۈچى بىلەن كاپىتان ئۆيىنى ئايرىپ تۇرىدىغان بىر پارچە تاختىدىكى چاپلىشىپ قالغان دېڭىز ئۈسۈملىكلىرىنى تارتىپ تازىلاۋاتاتتى.
   ئۇنىڭ ھەركىتى ناھايتى تىز ھەم قۇپال بولۇپ ، ئۇ نەرسىلەرنى تارتىۋاتاتتى دىگەندىن كۆرە تاختىنى چېقىۋاتاتتى دىسەك توغرا بۇلاتتى.ھېلىقى تاختىنىڭ يېرىمى دىگۈدەك پاكىزلىنىپ بولغان بولۇپ داتلىشىپ كەتكەن پۇلات كۆرۈنۈپ قالغان ئىدى.ئۇ شۇ تازىلىغىنىچە كىمە گەۋدىسى بىلەن تاختاي تۇتاشقان جاينى پاكىزلاپ بولدى. بۇ تۇسۇپ قۇيۇلغان تاختاي بىلەن كىمە گەۋدىسىگە تۇتىشىدىغان تۆت تەرىپى كەپشەرلەنگەنىدى.يەنە بىر ئىشىكمۇ بولۇپ بۇ ئىشىكمۇ پۇلاتتىن ياسالغان ئىدى. ئىشىكتا ماشىنىنىڭ رولىغا ئوخشايدىغان بىر بۇراش تەخسىسى تۇراتتى. قارىغاندابۇنى بۇرىغاندا ئىشىك ئېچىلسا كېرەك.
   خانقىز بىر تەرەپتىن ئىشلىگەچ بىر تەرەپتىن ئۆز-ئۆزىگە :" قورقما! قورقما! مەن سىنى ھازىرلا چىقىرىۋېتىمەن" دىدى.
   مەن بۇ گەپنى ئاڭلاپ سەل غەلىتىلىك ھىس قىلدىم، مەن ئۇنىڭ سەل بىنورمال تۇرغانلىقىنى بايقىدىم. ئۇ چەبدەسلىك بىلەن پۇلات ئىشىكنىڭ ئەتراپىدىكى داتلارنى تازىلاپ بولدى.مەن ئىشىك بىلەن ئىشىك كېشىكى ئارىسىدا يەنە بىر قەۋەت كاۋچۇك يىلىمى بارلىقىنى كۆردۈم.    بۇنىڭ ئىچىدىكى ئىسكىلات پىچەتلەنگەندەك قىلاتتى.    ھېلىقى قىز بۇلارنى تازىلاپ بولغاندىن كېيىن دەرھال ھېلىقى رولغا ئوخشايدىغان نەرسىنى كۈچەپ ئايلاندۇرۇشقا تەمشەلدى. بۇ نەرسە ناھايتى ئېغىر بولۇپ ئۇنىڭ پاساردەل قوللىرى بىلەن ئۇنى ئېچىشى مۇمكىن ئەمەس ئىدى. ئۇ كۈچەپ بىرقانچە قېتىم سىنىغان بولسىمۇ ھېچقانداق ئىنكاس بولمىدى.
    مەن ئىشنىڭ چاتاقلىقىنى پەملىگەندەك بولدۇم. ۋە ئۇنىڭغا:" ئۇنىڭ ئىچىدىكى نەرسە سۇغا چۆكۈپ كەتمىگەندەك قىلىدۇ، بىز ئەڭ ياخشىسى ئۇنى ئاچمىساق بۇلارمىكى، ئەگەر ئىچىدە بىرەر غەلىتە مەخلۇق بولۇپ قالسابىزنىڭ قولىمىزدا قۇرال يوق ، ئۇ چاغدا بىزنىڭ بۇ يەردە ئۆلگىنىمىز شۇ " دىدىم.
   ئۇنىڭ مەن بىلەن كارى بولمىدى. يەنىلا پۈتۈن كۈچى بىلەن ھېلىقى نەرسىنى ئايلاندۇرۇپ ئىشىكنى ئاچماقچى بولىۋاتاتتى.
مەن بېشىمنى چايقىدىم،" بۇ ئايال ھەقىقەتەن غەرەز ئۇقمايدىكەن" دىدىمكۆڭلۈمدە.شۇ تاپتا ئۇنىڭغا ئۆچلىكىم كىلىۋاتاتتى.
   مەن قولۇمنى بىلىمگە تىرەپ ئۇنىڭ ئۇ يەردە بىكارغا ئاۋارە بۇلىۋاتقانلىقىنى تاماشا قىلىپ قاراپ تۇردۇم، شۇ تاپتا ئاچچىقىم يانغاندەك بولدى.بۇ ۋاقىتتا ئۇ بۇرۇلۇپلا ماڭا قارىدى، مەن تېخى ئۇنى بىرەر ياخشى ئامال تاپقان ئوخشايدۇ دەپ ئويلاپ قاپتىمەن، كىم بىلسۇن ئۇ ناھايتى سەت بىر خىل ئاۋاز چىقىرىپلا كەينىگە ئىگىلدى ئارقىدىنلا ئۇنىڭ چېچىنىڭ ئارىسىدىن ھېلىقى بىرجۈپ قۇرۇپ قالغان قول كۆرۈندى.    ئارقىدىنلا بۇ قول ھېلىقى رولنى بۇراشقا باشلىدى، بۇ قونىڭ كۈچى ناھايتى زور ئىدى.مەن تۈمۈرگە چاپلىشىپ قالغان داتلارنىڭ چاراسلاپ ئاجرىغانلىقىنى ئاڭلىدىم.
   قورققىنىمدىنيەردە ئولتۇرۇپ قالايلا دەپ قالدىم.بۇ مەنزىرە ئادەمنىڭ ئەقلى يەتمىگۈدەك دەرىجە خەتەرلىك ۋە قورقۇنۇچلۇق ئىدى.بۇ بىر جۈپ قولنىڭ كۆرنمىگىنى ئەجەپلىنەرلىك ئەمەسكەن - دە؟ئۇ ئەسلىدە خانقىزنىڭ چاچلىرى ئارىسىدا ئىكەن ئەمەسمۇ!؟   ئۇنداقتا ھازىر مەنبىلەن پاراڭلاشقىنى ئالۋاستىمۇ ياكى ئادەممۇ؟!
   بۇ ۋاقىتتا ھېلىقى ئىشىكنىڭ تاقىقى تۇيۇقسىز بۇشىدى، خانقىز بىرقانچىنى ئايلاندۇرۇپلا ئىشىكنى تارتىپ ئېچىشقا تەييارلىق قىلدى.تۇيۇقسىز ئىشىك ئىچىدىن قۇلاقنى يارغۇدەك ئاۋاز بىلەن تەڭكەلكۈنگە ئوخشاش غايەت زور سۇ ئېتىلىپ چىقتى، ئىشىكمۇ پۈتۈنلەي ئېچىۋېتىلدى. سۇ خانقىزنىڭ كەينىدىن قاتتىق ئۇرۇلۇپ ئۇنى ئۇچۇرىۋەتتى.   مەن ئىشنىڭ چاتاقلىقىنى پەملەپ دەرھال ئېتىلىپ بېرىپ خانقىزنى قۇتقۇزماقچى بولدۇم، بىراق سۇ ئىككىلىمىزنى 5-6 مېتىر يىراقلىققا ئېلىپ كەتتى.
مەن ناھايتى تەسلىكتا بېشىمنى كۆتۈرۈپ قارىدىم، ئىشىكتىن يۈزلىرىگە تەڭگىسىمان بىر خىل نەرسىلەر ئۈسۈپ كەتكەن غايەت زور چوڭلۇقتىكى بىر مەخلۇق ئېتىلىپ چىقىپ ماڭا تىكىلىپ قاراپ تۇردى.....





جەنۇپپەرەس ئۈچىنچى تاغىنڭ‹‹ كىپەن ئوغۇرلاش خاتىرسى››ناملىق ئەسىردىن تەرجمە قلىندى
مەزكۈر ئەسەرنىڭ 1-بابىدىن29-بابىغىچە ئانا تۇپراق مۇنبىرىدىكى جاپاكەشلەر تەرجىمە قىلىپ يوللىغان بولۇپ، ئاخىرىنى تىرىشچانلار مۇنبىرىدىكى كىپەن ، جىمجىت ئەپەندىلەر تەرجىمە قىلىپ تىرىشچانلار مۇنبىرىگە يوللىغان ، ئانا تۇپراق تورىنىڭ باشقۇرغۇچىلىرىنىڭ روخسىتى بىلەن ئەسەرنىڭ باش قىسمى تىرىشچانلار مۇنبىرىگە يۆتكەلدى.
بەت: 1 2 3 4 [5] 6 7 8 9 10 11 12 13 14
: كېپەن ئوغرىلاش خاتىرىسى