qutyar يوللانغان ۋاقتى 2014-6-23 18:47:50

ئون ئۈچىنچى باب
2013-04-30 alwasti

بۇ بەتبەشرە مەخلۇقنىڭ يۈزى ناھايتى چوڭ بولۇپ ، ئۇنىڭ بېشى مىنىڭ بېشىمدىن تۆت-بەش ھەسسە چوڭ ئىدى. ئۇنىڭ بەدىنى ئىشىكنىڭ كەينىگە يۇشۇرۇنغان بولغاچقا ئۇنىڭ بەدىنىنىڭ زادى قانچىىك چوڭلۇقتا ئىكەنلىكىنى كۆرگىلى بولمىدى. پالوبىنىڭ ئۈستى تەرىپىدىن ئېھىلىپ قالغان تۈشۈكتىن چۈشكەن نۇر ئۇنداق كۈچلۈك بولمىغاچقا ئۇنىڭ باشقا ئەزالىرىنى كۆرۈشكە ئامال بولمىدى.ئۇ غەلىتە مەخلۇقمۇ ياكى ئالۋاستىمىدۇ؟   ئۇنىڭ ئەشۇ بەتبەشرە ، غەلىتە تەلەتىدىن ئۇنى ئالۋاستىمىكىندەپ پەرەز قىلدىم.
   مەن مۇشۇنداق ھاڭۋاقتىدەك ئۇنىڭغا قاراپ تۇردۇم، پۈتۈن بەدىنىم شۈركىنىپ كەتتى، قورققىنىمدىن نەپەسلىنىشكىمۇ جۈرئەت قىلالمىدىم.   ئىككى پۇتۇم ئۈزۈمنىڭ ئەمەستەكلابارغانسىرى بوشىشىپ ماڭا بويسۇنمايۋاتاتتى. مەن ناھايتى تەسلىكتە ئارقامغا بىر قانچە قەدەم چىكىندىم، شۇندىلا مەن ھېلىقى خانقىزنىڭ يەنىلا يەردە يېتىۋاتقانلىقىنى بايقىدىم.كۆڭلۈمدە ئۇنىڭغا شۇنداق ئۆچلۈكۈم كەلدى.لېكىن ئۇنى قۇتقۇزماسلىققا كۆڭلۈم ئۇنىمىدى.
   مەن خانقىزنى بىر ئۆرۈپلا قارىدىم، ھېلىقى بىر جۈپقول كۆرۈنمەيتتى. مەن يەنە كۆپ ئويلاپ ئولتۇرسام سۇ يەنە ئېتىلىپ كىلىدىغان لسا ئۇ تۇنجۇقۇپ ئۆلۈپ قالاتتى.مەن دەرھال ئۇنىڭ قولتۇقىدىن يۆلەپ ئۇنى بىر تەرەپكە تارتتىم. كىمە ئىسكىلاتىنىڭ بىر تەرىپى كىمە پالوبىسىغا چىقىدىغان پەلەمپەيگە تۇتىشاتتى. مەن پەقەت بىر ئامال قىلىپ ئۇنى كىمە پالوبىسىغا ئېلىپ چىقساملادېڭىزغا سەكرەمدىم ياكى قۇتقۇزۇشنى تەلەپ قىلامدىم... ئۇ چاغدا مىنىڭ تاللاش ئىمكانىيىتىم كۆپ ئىدى.
   مەن بىر تەرەپتىن بوشاپ كەتكەن پۇتلىرىمنى يۆتكىگەچ بىر تەرەپتىن پەس ئاۋازدائۆز-ئۆزەمگە:" سوغۇققان بول! قورقما ! بۇنداق ئەھۋالغا يولۇققاندا تېخىمۇ سوغۇققان بولۇش كېرەك!!....." دىدىم. شۇنداق قىلىپ مەن ئاستا-ئاستا ئارقىغا ياندىم. بىراق مىنىڭ بۇ كۆزۈم نىمىشقىدۇر ھېلىقى مەخلۇقتىن مىھرىنى ئۆزەلمەيۋاتقاندەك يەنە ئۇنىڭغا تىكىلىپ قارايتتى.
    ھېلىقى مەخلۇق ماڭا جىمجىت تىكىلىپ قاراپ تۇراتتى، مىدىرلاپمۇ قويمايتتى.ئەگەر ئۇ ئازراق ھەركەت قىلغان بولسا ئىدى ، مەن بىر ئاز يىنىكلەپ قالغاندەك ھىس قىلغان بولاتتىم، بۇنداق تامنىڭ تۈشۈكىدەك ماڭا قاراپ تۇرىۋەرگەنسىرى بەدەنلىشىپ تېخىمۇ تىكەنلىشىپ كەتتى.   " ھەي غەلىتە ئەبلەخ! ھازىرغىچە مىدىرلىمىغاندىكىن ئەمدى مىدىرلىغۇچى بولما ، ئەگەر مەن ئەمدى پەلەمپەيگە چىقىشىمغىلا مىدىرلاپ قالىدىغان بولساڭ .................." دىگەنلەرنى ئويلىدىم مەن كۆڭلۈمدە.
   مەن شۇلارنى ئويلىغاچ ئۇنىڭغا ئەمدى قارىماسلىقنى توغرا كۆردۈم، ۋە دەرھال بېشىمنى تۆۋەن سېلىپ قەدىمىمنى تىزلەتتىم. خانقىزنى پەلەمپەي ئېغىزىغا سۆرەپ ئېلىپ كەلدىم.   ئۇ يەرگە بېرىپلا بېشىمدىن تۈتۈن چىققاندەك بولدى.بۇ پەلەمپەي ئاللىقاچان بۇزۇلۇپ پەقەت پەلەمپەي جازىسىلا قالغان ئىدى.مەن يالغۇز ئادەم بولغان بولسامغۇ بىر نىمىلەرنى قىلىپ چىقىپ كىتىش مۇمكىن ئىدى. لېكىن بۇ يەردە ئۆلەي دەپ قالغان "چىرايلىق خېنىم"دىن بىرسى تۇرسا...   ھەر ھالدا پەلەمپەينىڭ جازىسى ئۈستىدە بىر قانچە پارچە تاختاي توغرىسىغا تۇراتتى. مەن قولۇمنى سوزۇپ بىر قولۇمدا خانقىزنى تۇتۇپ كۈچەپ ئېسىلغان ئىدىم ناھايتى ئاسانلا سۇنۇپ كەتتى. تاختاي ئاللىقاچان پۈرلىشىپ كەتكەن ئىدى.
   شۇ ئەسنادا مەن ھېلىقى مەخلۇق تەرەپكە قارىدىم، ئۇ نىمىدىگەن سەۋرىچان ھە؟   ئۇ تېخىچە مىدىرلىماي تۇراتتى.   مەن ھازىر تېخىمۇ غۇۋا بوولغان جايدا، مەخلۇق بىلەن ئارىمىزدانۇر چۈشۈپ تۇرغان تۈشۈك(پالوبىدىكى تىشىلىپ كەتكەن جاي) بار بولغاچقا مەن مەخلۇقنى ناھايتى غۇۋا كۆرىۋاتاتتىم.   مەن مەخلۇقنىڭ ھازىرغىچە بىرەر ھەركەت قىلمىغىنى كۆرۈپ بىر ئاز خاتىرجەم بولدۇم ۋە خانقىزنى تامغا يۆلەپ ئولتۇغۇزۇپ قويۇپ ئاۋال ئۆزۈم چىقىپ كەتمەكچى بولدۇم.
    ئەپسۇس ، مىنىڭ قولۇم خېلى ئۇزۇن بولسىمۇبىراق ناھايتى مادارسىز ئىدى. مەن ئىككى قېتىم سىناپ باقتىم ھەممىسىدە مەغلۇپ بولدۇم. يامىشىپ چىقىش ئۇياقتا تۇرسۇن، يەنە ئېغىز-بۇرنۇمنى يەرگە قاتتىق ئۇرىۋالدىم، ئاغرىقتىن يىغلاپ سالدىم. كۆڭلۈم ناھايتى غەش بولدى، شۇ يەردە تۇرۇپ خېلى ئويلاندىم، بىراق كاللامغا بىرەر ئامال كەلمەيتتى.مەن ئالدىنقى قېتىمدىكىگە ئوخشاشلا بېشىمنى بوراپ ھېلىقى غەلىتە مەخلۇق تەرەپكە قارىدىم. ئەسلى قارىمىسام بوپتىكەن، بىلمىدىم قاچانلاردا كىلىۋالدىكىن غايەت زور چوڭ بىر نەرسە مىنىڭ كەينىمدىلا تۇراتتى، يۈزۈم ئۇنىڭ بىلەن ئۇدۇلمۇ ئۇدۇل تۇراتتى، تاس قالدىم ئۇنىڭغا ئۈسۈپ سالغىلى.   قورققىنىمدىن مەن كونتروللىقىمنى يۇقاتقاندەكلا قاتتىق ۋارقىرىدىم.
   ئەگەر سىز پۈتۈن زىھنىڭىز بىلەن بىر ئىش قىلىۋاتسىڭىز بىرسى سىزنىڭ كەينىڭىزدە لام جىم دىمەي قاراپ تۇرساسىز ئۆرۈلۈپلا ئۇنى كۆرسىڭىز ، ئەلۋەتتە ئۆلگۈدەك قورقىسىز .ھازىرچۇ ؟ ناھايتى چوڭ يىرگىنىشلىك ، بەتبەشرە مەخلۇقنى كۆرگەندىكى ئەھۋالىمنى تىل ئىپادىلەپ بەرگىلى بولمايتتى.    مەن قاتتىق ۋارقىراش بىلەن تەڭلا كىمە تېمىغا چاپلىشىپلا قالدىم.
    بۇ ۋاقىتتا مەن بۇ نەرسىنىڭ ھەقىقى قىياپىتىنى ئىنىق كۆردۈم.تۇيۇقسىز چاقماق چاققاندەكلا بىر ئىش ئىسىمگە كىلىپ قالدى.    مەن كىچىك ۋاقتىمدا يەنخەيدىكى بىر ساۋاقدېشىمنىڭ مۇنداق دىگەنلىكىنى ئاڭلىغان ئىدىم--" بىر قېتىم ئۇلارنىڭ كەنتىدىكى بىر بېلىقچى دېڭىزدىن غەلىتە بىر نەرسە تۇتىۋاپتۇ، بىر قارىسا ئادەمگە ئوخشاپ كىتىدىكەن ، ئۇنىڭ بەدىنىدە تەڭگىسىمان نەرسىلەر ئۈسۈپ چىققان بولۇپ ناھايتى قورقۇنۇچلۇق ئېكەن.      بېلىقچى ئۇ نەرسىنى ئېلىپ كەنتكە ئاپىرىپتۇ . بىراق ھېچكىممۇ بۇ نەرسىنىڭ زادى نىمە ئىكەنلىكىنى بىلمەپتۇ.ئۇلار مۇشۇ كەنتتىكى يۈز ياشتىن ئېشىپ كەتكەن بىرقېرىنى چاقىرىپ ئۇنىڭدىن سوراپتۇ . بۇ قېرى ئۇنى كۆرۈپلا قاتتىق قورقۇپ ۋارقىراپ:" چاتاق بولدى ! بۇ دېڭىز مايمۇنى ئىكەن، ئۇنى دەرھال قويۇپ بىرىڭلا!بولمىسا سەل تۇرۇپ باشقا دېڭىز مايمۇنلىرىمۇ توپلىشىپ يىتىپ كىلىدۇ، كەنتىمىزدە چوڭ ئىش چىقىدۇ !" دەپتۇ .       ھېلىقى بېلىقچى بۇنداق غەلىتە ھايۋاننى تۇتىۋالغانلىقىدىن خۇش بولۇپباشقىلارنىڭ ئالدىدا ئۇنى قويۇپ بىرىمەن دەپ قويۇپتۇيۇ، لېكىن ئۇنى ئۆيىگە ئاپىرىپ بېقىپ شەھەردىكىلەرگە ساتماقچى بوپتۇ.   شۇنداق قىلىپ بېلىقچى ئۇ نەرسىنى ئۆيىگە يۇشۇرۇپ قويۇپتۇ.نەتىجىدە ئىككىنجى كۈنى بۇ بېلىقچى تۇيۇقسىز يۇقاپ كىتىپتۇ، كەنتتىكىلەر ساق ئىككى كۈن ئىزدەپ ئۇنىڭ جەسىتىنى دېڭىز ياقىسىدىكى بىر يارنىڭ تۈۋىدىن تېپىپتۇ. بېلىقچى بىلەن ئۇنىڭ ئايالىنىڭ قۇرسىقى يېرىلغان بولۇپ ئىچ ئەزالىرى پاك-پاكىز يەۋېتىلگەن ئىكەن.
    ھېلىقى قېرى :" چاتاق بولدى، باشقا دېڭىز مايمۇنلىرى كىلىپ ئۆچ ئاپتۇ ، ئەگەر بىز ئۇلارغا نەزىر چىراق قىلىپ قوي، كالا كاللىسى دىگەندەك نەرسىلەرنى بەرمىسەك ، ئۇلار كىلىپ بىزنىمۇ ئارامىمىزدا قويمايدۇ - دەپتۇ. ۋەبىر قانچە كۈن پۈتۈن كەنتتىكىلەر نەزىر چىراق ئۆتكۈزىشىپتۇ.
   ئەينى چاغدا ھېلىقى ساۋاقدېشىم دېڭىز مايمۇنىنىڭ سۈرىتىنى سىزىپ ماڭا كۆرسىتىپ قويغان ئىدى. ئۇ ئادەتتىمۇ رەسىم سىزىشقا بەك ئۇستا بولغاچقا ئۇنى راستەكلا سىزغان ئىدى. ئاشۇ چاغدادېڭىز مايمۇنى دىگەن بۇ غەلىتە مەخلۇقنىڭ سىماسى مىنىڭ سەبى قەلبىمگە قاتتىق زەربە بولغان ئىدى. مەن تېخى بىر نەچچە كىچە ئۇخلىيالمىغان ئىدىم.    مانا ھازىر ئۇنى راستلا كۆرىۋاتىمەن، ئۇنىڭ بۇنچىلىك چوڭ ئىكەنلىكىنى ئويلاپمۇ باقمىغان ئىدىم.
    مەن شۇلارنى خىيال قىلىۋاتقىنىمدا ، بۇ مەخلۇق يەنىلا مىدىرلىماي جىم تۇردى.لېكىن ئۇ تامغا يۆلىنىپ ياتقان خانقىزغا قاراۋاتاتتى، ئېغىزىدىن شۆلگەيلىرى ئېقىۋاتاتتى. تەلىيىگە خانقىز ھازىر ھۇشسىز ، ئەگەر ئۇ ساق بۇلىدىغان بولسا بۇ مەنزىرە كۆرسە بەلكىم قورقۇپ ئۆلۈپ كىتىشى مۇمكىن ئىدى.
    مەن ئۆزۈمنى بېسىۋىلىپ ئارقا تەرەپتىكى تامنى بېسىپ باقتىم،   ناھايتى چۈرۈك، پورلىشىپ كەتكەن تاختاي قولۇمغا ئۇرۇندى.شۇ چاغدا كاللامغا بىر ئەقىل كەلگەندەك بولدى. مەن ئارقامدىكى تامنى كۈچەپ ئىتتىرىدىغان بولسام ئىنىقكى ئۇ سۇنۇپ بىر تۈشۈك ئېچىلاتتى، ئەگەر مەخلۇق ماڭا ئېتىلماقچى بولسا مىنىڭمۇ چىكىنىدىغانغا يولۇم بار بولدى. يەنە كىلىپ تامنىڭ كەينى تەرىپى كىمىنىڭ قويرۇق تەرىپى بولۇپ ئۇيەردە باشقا ئەسلىھەلەر بار ئىدى، تەلىيىمگە بىرەر نەرسە تېپىپ قورال ئورنىدا ئۇنىڭغا تاقابنىل تۇرالىسام ئەجەپ ئەمەس. ..
    مەن مۇشۇنداق قالايمىقان خىياللارنى قىلىۋاتقىنىمدا كىمە پالوبىسى ئۈستىدىن غىرىس-غىرىس قىلغان ئاۋاز ئاڭلاندى. قارىغاندا يەنە بىرەر ئادەم بۇ كىمىگە چىققاندەك قىلاتتى.   مەن ئىككىلىنىپ تۇرغىنىمدا پالوبىنىڭ ئۈستىدىكى تۈشۈكتىن جاڭ چۇقۇر سەكرەپ چۈشتى، ئۇ ھۇشيارلىق بىلەن ھېلىقى تۈمۈر ئىشىككە قارىدى ،ئاندىن ئارقىسىغا بۇرۇلۇپ قاتتىق ۋارقىرىدى:" ۋاي ئانامەي!!! "
    مەخلۇق ۋارقىرىغان ئاۋازنى ئاڭلاپ كەينىگە بورۇلۇپ جاڭ چۇقۇرغا قاراپ ناھايتى سەت ئاۋازدا ھۆركىرىدى ۋە ئىڭىشىپلا ئۇنىڭغا ئېتىلدى.جاڭ چۇقۇر ناھايتى چەبدەسلىك بىلەن يەرگە چاپلىشىپلا قۇرالنى بەتلەپ مەخلۇققا قارىتىپ ئوق چىقاردى ، بىر پاي ئوق ئۇنىڭمۈرىسىگە تەككەن بولۇپ مۈرىسىدىن "گۈل "ئېچىلدۇرۇپ قويدى. جاڭ چۇقۇر يەنە قالايمىقان ھالدا مەخلۇققا قارىتىپ ئارقا-ئارقىدىن ئوق ئۈزدى.   ئوق مىنىڭ مېشىمغا تىگىدىغاندەك مەن تۈگۈلۈپلا قالدىم.
    دېڭىز مايمۇنىمۇ ناھايتى سەزگۈر ئىكەن، ئۇ بۇ قۇرالنىڭ بەك يامانلىقىنى بىلدىمۇ،   جاڭ چۇقۇرغا ئېتىلماستىن ئۇنىڭ ئۈستىدىن سەكرەپ ئۆتۈپلا كۆزنى يۇمۇپ ئاچقۇچە ھېلىقى تۈمۈر ئىشىكنىڭ ئىچىگە كىرىپ كەتتى.
   جاڭ چۇقۇرتىزلىكتەئوق ئۈزگەچ يەنە ئىشىك تەرەپكە ماڭدى، كۈچەپ تىپىپ ئىشىك يېنىدىكى بىرقانچە تاختىنى سۇندۇرىۋەتتى.   مەن ئۇنىڭغا ئەگىشىپ بېرىپ قارىغان ئىدىم، ھېلىقى مەخلۇق پۈتۈن كۈچى بىلەن ئىشىكنىڭ ئىچىدىكى ئۆينىڭ ئوتتۇرىسىدىن بىر نەرسە ئىزدەۋاتقاندەك كۈچەپ تاتىلاۋاتاتتى. مەن دىققەت قىلىپ قارىغان ئىدىم، بىر تۈشۈكنى كۆردۈم،بۇ ئەسلىدە ئەينى يىلى چاتاق چىققاندا كىمىنىڭ چۈكۈپ كىتىشىگە سەۋەبچى بولغان تۈشۈك ئىدى.ھازىر ئاللىقاچاندېڭىز ئۈسۈملۈكلىرى ئۆسۈپ چىقىپبۇ تۈشۈك پۈتۈپ قالغان بولۇپ قاچىنىڭ ئېغىزىچىلىك قالغان ئىدى.   بۇ مەخلۇقناھايتى كۈچلۈك بولۇپ ، ئۇ جاڭ چۇقۇرنىڭ قورالنى ئېلىپ كىرگەنلىكىن كۆرۈپ بىر ئۇرۇلۇپا ھېلىقى ئورۇندىن ئۆزى پاتقۇدەك بىر تۈشۈك ئاچتى ۋە دىڭىز ئاستىغا قاراپ شۇڭغۇدى.
   جاڭ چۇقۇر يەنە پۇخادىن چىقمىغاندەك سۇغا قارىتىپ بىر قانچە پاي ئوق ئۈزدى.بۇ ۋاقىتتا مەن كىمىنىڭ يېرىلىپ كىتىغاندەك بىر ئاۋاز چىقارغانلىقىنى ئاڭلىدىم، قارىسام سۇ ئاللىقاچان تىزىمىزغا كىلىپ قالغان ئىدى. يەنە مۇشۇنداق تۇرىدىغان بولساق بىزمۇ كىمە بىلەن تەڭ چۆكۈپ كىتەتتۇ. بۇ يەردە ئۇزۇن تۇرۇشقا بولمايتتى.   جاڭ چۇقۇر يۈگۈرۈپ بېرىپ ھېلىقى "چىرايلىق"نى كۈچەپ سىلكىپ:" ھەي نىڭ .. نىڭ !! " دەپ ۋارقىرىدى.ئۇ خانقىزدىن سادا چىقمىغانلىقىنى كۆرۈپ . دەرھال ئۇنى يۈدىۋالدى دە   مىنىڭ مۈرەمگە دەسسەپلا ئوڭۇشلۇق ھالدا ئۈستىگە يامىشىپ چىقىۋالدى.ئۇنىڭ بايىقى دەسسىگىنىدىن مەن بەللىرىم مۈكچىيىپ قۇسۇپ سالاي دىدىم.   جاڭ چۇقۇر ئۈستىدە تۇرۇپ ئىڭىشىپ قولىنى سۇنۇپمىنىمۇ تارتىپ چىقىرىۋالدى.



جەنۇپپەرەس ئۈچىنچى تاغىنڭ‹‹ كىپەن ئوغۇرلاش خاتىرسى››ناملىق ئەسىردىن تەرجمە قلىندى
مەزكۈر ئەسەرنىڭ 1-بابىدىن29-بابىغىچە ئانا تۇپراق مۇنبىرىدىكى جاپاكەشلەر تەرجىمە قىلىپ يوللىغان بولۇپ، ئاخىرىنى تىرىشچانلار مۇنبىرىدىكى كىپەن ، جىمجىت ئەپەندىلەر تەرجىمە قىلىپ تىرىشچانلار مۇنبىرىگە يوللىغان ، ئانا تۇپراق تورىنىڭ باشقۇرغۇچىلىرىنىڭ روخسىتى بىلەن ئەسەرنىڭ باش قىسمى تىرىشچانلار مۇنبىرىگە يۆتكەلدى.

EzQi0908 يوللانغان ۋاقتى 2014-6-23 19:10:54

qutyar يوللىغان ۋاقتى2014-6-23 16:19 static/image/common/back.gif
تىلفۇن ئۇيغۇرچە تونىمىغاچقا ئالۋاستى سالۇنىدىن بىۋاس ...

ۋوي قايسى دەۋىر بۇ تېخىچە تېلفۇنىڭىز تونىمامدا ئۇيغۇرچىنى؟؟؟4.0 بولسىلا پىچەت تونۇيدىغان قىلىۋەتكىلى بولاتتىغۇ

EzQi0908 يوللانغان ۋاقتى 2014-6-23 19:13:00

qutyar يوللىغان ۋاقتى2014-6-23 16:19 static/image/common/back.gif
تىلفۇن ئۇيغۇرچە تونىمىغاچقا ئالۋاستى سالۇنىدىن بىۋاس ...

تېلفۇندا ئوقىسا ئەدەم كۆزدىن كىتىدىكەن مايەگە يوللاپ ئوقۇساق بىر چالمىدا نۇرغۇن قاغا پاختەكنى سوققىلى بولىدىكەن:lol :lol :lol

qutyar يوللانغان ۋاقتى 2014-6-23 20:10:48

تۈرمىدىن چىقمىغان ئالما ،ئۈندىداردىكى ئۇيغۇرچە ئىزدىنىشتىكىدەك چىرايلىق چىقمايدۇ. گەپ ئوينىتىشنىڭ ھاجىتى يوق،ئىزدىنىشقا ئەزا بولۇپ تىمائىنكاستىن نەپ ئىلىشنى ئويلاپ باقمىدىم ،خاتا چۈشەنچە بوپ قالمىسۇن .ھە ئاغىنەم بەھۇزۇر داۋاملىق ئەمىسە .

SIRLIK يوللانغان ۋاقتى 2014-6-23 20:31:55

ئاخىرىنى تېز تېزيوللىۋېتىڭلا،،،،،يا ماۋۇ ئۈندىدار ئېچىلمايدۇ،،ئالۋاستى سالونىدىن ئوقاي دېسەم

kaplanqak يوللانغان ۋاقتى 2014-6-23 22:49:39

بۈگۈن خەنزۇچىسىنى جخق ئوقىۋەتتىم ،سەۋر قىلىپ بولالماي

jaggiwar يوللانغان ۋاقتى 2014-6-24 09:40:58

ۋوي باللا مانىڭ ئاخىرىنى يوللىۋېتىڭلا مەن خوش بوپ كىتەي

EzQi0908 يوللانغان ۋاقتى 2014-6-24 10:14:24

qutyar يوللىغان ۋاقتى2014-6-23 20:10 static/image/common/back.gif
تۈرمىدىن چىقمىغان ئالما ،ئۈندىداردىكى ئۇيغۇرچە ئىزدى ...

ئىزدىنىشتىكى تىما ئىنكاستىن تاپقان پۇلغا بەش موچەنلىك گازىر كەلمىسە،ئۇگەپلەنى نقىلىپ يۇرىشنىڭ نىمە ھاجىتى.....ئىنكاسىم خاتا چۇشەنچە پەيدا قىلىپ سالغان بولسا ئۆزۇر.....ھەراس تۇرمىدىن قىچىش قۇرالى تۇنۇگۇن كەچتە ئىلىان قىلىندى.ۋاقتىدا قىچىۋالاسىز

jaggiwar يوللانغان ۋاقتى 2014-6-24 10:49:32

EzQi0908 يوللىغان ۋاقتى2014-6-24 10:14 static/image/common/back.gif
ئىزدىنىشتىكى تىما ئىنكاستىن تاپقان پۇلغا بەش موچەنلى ...

ئىزچى سادىغان كىتەي مانىڭ ئاخىرىنى بىر يوللىۋېتىڭە كۈزەم تىشىلەي دىدى يولىغا قاراپ:'(

SIRLIK يوللانغان ۋاقتى 2014-6-24 11:51:35

داۋامىنى بىر يوللىۋېتىڭلارچۇ،،،،سادىغاڭ كېتەيلەر{:99:}{:99:}:'(:'(

uqkun1 يوللانغان ۋاقتى 2014-6-24 17:10:05

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   uqkun1 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى2014-6-24 17:13

ھازىرغىچە يوللانغان باپلىرىنى تىلىفۇن ۋەpcبەھۇزۇر ئوقۇغىدەك قىلىپ pdf ھۆججىتى قىلىپ ئىشلەپ بەيدۇ بوشلۇقىغا يوللاپ قويدۇم . بەھىرلىنىپ تۇرغايسىلەر ، داۋامى يوللانغاندا تولۇقلىنىدۇ .
مەنزىل : 盗墓笔记 بۇنى بېسىپ چۈشۈرۈڭ

Mahir512 يوللانغان ۋاقتى 2014-6-24 17:15:51

يىنا يوللىماپتۇ

Erktekin يوللانغان ۋاقتى 2014-6-24 18:13:08

مەنمۇ ئورۇنئېلىپقويايجۇما ................

parakende يوللانغان ۋاقتى 2014-6-24 19:43:39

EzQi0908 يوللىغان ۋاقتى2014-6-24 10:14 static/image/common/back.gif
ئىزدىنىشتىكى تىما ئىنكاستىن تاپقان پۇلغا بەش موچەنلى ...

قېنى يوللىماپسىلەرغۇ ؟

xahla91 يوللانغان ۋاقتى 2014-6-24 21:07:39

پۇل تۆلىسەڭلار، كۈندە بىر قىسىم يوللاپ بىرىمەن، تەرجىمە قېلىپ.{:92:}

Mahir512 يوللانغان ۋاقتى 2014-6-24 22:38:16

‏مۇنبەر پۇلى بولسىمۇ بۇلامدۇ شەھلا خانقىز؟

xahla91 يوللانغان ۋاقتى 2014-6-24 22:42:39

Mahir512 يوللىغان ۋاقتى2014-6-24 22:38 static/image/common/back.gif
‏مۇنبەر پۇلى بولسىمۇ بۇلامدۇ شەھلا خانقىز؟

ياققەي... خەلق پۇلى، دوللار دىگەندەكلەرنى دەيمەن.

parakende يوللانغان ۋاقتى 2014-6-24 23:07:03

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   parakende تەھرىرلىگەن. ۋاقتى2014-6-24 23:08

باشلىغاندىكىن ئايىغىنى چىقارساڭلارمۇ بولمامدۇ ھېي:@

parakende يوللانغان ۋاقتى 2014-6-24 23:10:01

@tewekkulchi @tewekkulchi@EzQi0908   

Lost0118 يوللانغان ۋاقتى 2014-6-25 00:37:00

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Lost0118 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى2014-6-25 00:43

مەن ئەمىدىلا پالوبىغا چىقىشىمغا ئالۋاستى كىمىسىتولغۇنۇپ ناھايتى ئېچىنىشلىق ئاۋاز چىقاردى. كىمىنىڭ مەلۇم قىسمى سۇنغاندەك قىلاتتى. مەن كىمىنىڭ باش ۋە قۇيرۇق قىسمىنىڭ تەكشى ئەمەسلىكىنى كۆردۈم.كۆڭلۈمدە چاتاق چىققانلىقىنى پەملىدىم، بېشىمنى بۇراپ كىمە ئىسكىلاتى تەرەپكە قارىدىم ، دەرۋەقە كىمىنىڭ كۆتۈرۈش قۇرۇلمىسى سۇنغان ئىدى.
   كۆتۈرۈش قۇرۇلمىسى سۇنغان ئىكەن ئىنىقكى كىمە يېرىلىپ كىتەتتى، كىمىدىكى كىچىككىنە تۈشۈكمۇ جاننى ئېلىشى مۇمكىن ئىدى.سۇ شىددەت بىلەن كىمە ئىچىگە ئېقىپ كىرىشكە باشلىدى.مەن يەنە بەش مىنۇتقا قالماي كىمىنىڭ پۈتۈنلەي چۈكۈپ سۇ يۈزىدىن غايىپ بۇلىدىغانلىقىنى پەملىدىم.
   جاڭ چۇقۇر جىددىيلىشىپ چىرايى تاتىرىپ كەتتى، ئۇ :" بىزنىڭ كىمىمىز كەلدى، بىز دەرھال بۇ جايدىن ئايرىلايلى!" دىدى.
بىزنىڭ كىمىمىز بىزگە يېقىنلىشىپ قالغان ئىدى، بىراق كىمىگە يامىشىپ چىققۇدەك دەرىجىدە ئەمەس.   كىمىدىكى كاپىتان بىزگە قاراپ ئۈنلۈك ئاۋازدا :" سىلەر قانداقراق؟! " دەپ سورىدى.
   جاڭ چۇقۇر نىڭ خانقىزنى يۈدۈپ تۇرۇپ ئۇلارغا قولىنى پۇلاڭلاتتى،كىمىدىكىلەر بۇنى كۆرۈپ ھەممىسى چۇرقۇرۇشۇپ كەتتى، ۋە تىزلىكتە ماتۇرنى ئوت ئالدۇرۇپ بىزگە يېقىنلاپ كەلدى.كىمىدىكى بىر قانچە بېلىقچى ناھايتىمۇ ھاياجانلىنىپ كەتكەندەك قىلاتتى. باياتىن ئۇلار قورقۇپ ھالى قالمىغان مانا ئەمدى.............   بۇ ساددا كىشىلەر بىزگە ئوخشىمايتتى.
   ئالۋاستى كىمىسگە سۇ كىرىپ كەتكەچكە سۈرئىتى خېلىلا ئاستىلىغان ئىدى، بىزنىڭ كىمىمىز بىزگە يېقىنلىغاندا بىر قانچە بېلىقچى ئالۋاستى كىمىسىگە سەكرەپ چۈشتى.ئۇلار يەنىلا قورقۇۋاتقاندەك قىلاتتى.   ئۇلار ھاپىلا-شاپىلا نىڭ خانقىزنى كۆتۈرۈپ بىزنىڭ كىمىگە چىقاردى، ئاندىن بايىقى ئارغامچىنى يېغدى.    كاپىتان :"كىمە قوزغالسۇن! كىمە قوزغالسۇن!!،بىز بۇ نەس باسقان جايدىن تىز ئايرىلايلى!" دىدى.   
   كاپىتان خانقىزنى يەرگە ياتقۇزۇشقا بۇيرۇدىۋە ماڭا ئۇنى يۆلەپ تۇرۇشقا ئىشارە قىلدى. ئارقىدىن ئۇنىڭ چېچىنى قايرىدى.
   مەن ئاللىقاچان ئىدىيەمدە تەييارلىق كۆرۈپ قويغان ئىدىم، بىراق ھېلىقى نەرسىنى كۆرگىنىمدە نەپەس ئېلىشىم ئۆزگەرگەندەك بولدى. مەن ئۇنىڭ چاچلىرى ئارىسىدا ھېلىقى بىر جۈپ قولنىڭ تۈگۈلۈپ تۇرغانلىقىنى كۆردۈم.مەن تەپسىلى قاراپ باقتىم.بۇ بىر جۈپ قول ئۇنداق ئۇزۇن ئەمەس ئىدى، تاشقا ئايلىنىشقا باشلىغان ئىدى. قولنىڭ ئاخىرقى ئۇچىدا بىر كاللەك گۆش ئۈسۈپ قالغان ئىدى.ئادەمنى ئەڭ بىئارام قىلىدىغىنى گۆشنىڭ ئارىسىدا كىچىك ئادەمنىڭ چىرايى يۇشۇرۇنغان ئىدى. نىمىشقىدۇر بۇ كىچىك ئادەم چىرايى خانقىزنىڭ بېشى ئارقىسىغا چاپلىشىپ ئۇنىڭ مىڭىسىنى شۇراۋاتقاندەك قىلاتتى.
   كاپىتان بۇلارنى كۆرۈپ ناھايتى سۈرلۈكلىشىپ كەتتى. ئاۋال ھېلىقى نەرسىگە بىر قانچە قېتىم باش ئۇردى. ئاندىن يانچۇقىدىن بىر باغلام نەرسىنى ئېلىپ ھېلىقى كىچىك چىراينىڭ ئۈستىگە چاچتى.ھېلىقى كىچىك چىراي قاتتىق چىرقىرىغاندىن كېيىن تۈگۈلۈپ تولغۇنۇپ كەتتى. كاپىتان دىرھال بىر تال پىچاقنى ئېلىپ ھەم تىز ھەم ئىھتىياتچانلىق بىلەن خانقىزنىڭ باش تىرىسى بىلەن ھېلىقى كاللەك گۆشنىڭ ئارىسىغا سانجىدىۋە پىچاقنى بىر قايرىغان ئىدى ھېلىقى قول يەرگە ئاجراپ چۈشتى.
   قول يەرگە چۈشكەندىن كېيىن توختىماي تولغىنىشقا باشلىدى، ئەتراپتىكىلەر بۇنى كۆرۈپ قورقۇپ كەينىگە ياندى.بىردەمدىلا بۇ بىرجۈپ قول ئىرىپ شىلىمغا ئوخشايدىغان نەرسىگە ئۆزگەردى ۋە كىمىنىڭ يېرىقلىرىنى بويلاپ دېڭىزغا ئېقىپ چۈشۈپ كەتتى. مەن ئەزەلدىن بۇنداق نەرسىنى كۆرمىگەن ئىدىم.   مەن كاپىتاندىن :" بۇ نىمە؟ " دەپ سورىدىم.
   كاپىتان پىچاقنى دېڭىز سۈيىدە يۇيىۋەتكەندىن كېيىن، پەس ئاۋازدا:" بۇ ئالۋاستى كىمىسىدىكى ئۇۋال قىلىنغانلارنىڭ روھى، كالىنىڭ تۈكىنى ئۇنىڭ يۈزىگە چاچساقلا ھەممە ئىش تۈگەيدۇ" دىدى.
   كاپىتاننىڭ چىرايىدىن ئۆزىنىڭ بۇ قېتىمقى سەپەرگە چىققىنىدىن پۇشايمان قىلغانلىقى چىقىپلا تۇراتتى.   ئۇ خانقىزنىڭ چېچىنى ئۆرۈپ ئەمدى چاتاق يوقلىقىنى جەزىملەشتۈرگەندىن كېيىن كىمە ئىسكىلاتى تەرەپكە ماڭغاچ كىمىدىكى خىزمەتلچىلەرگە كىمىنى ھەيدەش بۇيرۇقىنى چۈشۈردى.
   بۇ ۋاقىتتا دېڭىز يۈزى تىنىچلىنىپ قالغان ئىدى. ئاسماندىكى قارا بولۇتلار تېخىچە قاراپ تۇرۇشسىمۇ بىراق ئاللىقاچانپارچە -پارچە بولۇپ ئۈزۈپ يۈرەتتى، قوياش نۇرى بۇلۇتلار ئارىسىدىن چۈشۈپ تۇراتتى. ئاسمان ناھايتى ھەيۋەتلىك كۆرۈنەتتى.قارىغاندا ئۆلگۈر دېڭىز بورىنى ئۆتۈپ كەتكەندەك قىلاتتى.
   بىز خانقىزنى ئورۇنلاشتۇرۇپ قويدۇق.كاپىتان كىمە ئۆگزىسىگە قاراپ يۈرۈپ كەتتى. ئۇنىڭ دېڭىزنىڭ ئەھۋالىنى كۆزۈتۈش ئۈچۈن ماڭغانلىقى ئىنىق ئىدى.دېڭىز مايمۇنىنىڭ ئاداۋىتى ناھايتى كۈچلۈك بولۇپ، ھەممىمىز ئۇنىڭ پۇرسەت تېپىپ ئۆچ ئالغىلى كىلىشىدىن ئەنسىرەيتتۇق، بىراق شىشانىڭ دېڭىز سۈيى ناھايتى سۈزۈك بولۇپ قوياش نۇرى ياخشى بولغان ئەھۋالدا 40 مېتىر چوڭقۇرلۇقنى كۆرگىلى بولاتتى. ئەگەر بىرەر نەرسە بىزگە ئەگىشىۋالغان تەقدىردىمۇ قاراپلا كۆرىۋالغىلى بۇلاتتى.   مەن خەتەرلىك ئەھۋال يۈز بىرىشىدىن ئەندىشە قىلمىدىم.
   كىمىدىكىلەر ھەممىسى ئۆز ئىشلىرى بىلەن ئالدىراش بولۇپ كەتتى. كىمىمىز كەڭرى دېڭىزدا كىتىۋاتماقتا. مەن باياتىن قاتتىق چارچاپ كەتكەچكە يۇمشاقراق جايدىن بىرنى تېپىپ ياتتىم، يېتىپلا ئۇخلاپ قاپتىمەن.
   ئويغانغان ۋاقتىمدا قۇياش ئاللىقاچان غەرپ تەرەپكە قىيسايغان ئىدى. كىمىمىز بىر ئارالنى بويلاپ ، ئارالغا ناھايتى يېقىن يۈرىۋاتاتتى.ئالدىمىزدا ناھايتى چىرايلىق بىر ئارال تۇراتتى. ئارالدىكى قۇملار قارىماققا بەك يىرىكتەك كۆرىنەتتى. قارىغاندا ئالدىمىزدىكى بۇ ئارال دەل بىز توختايدىغان پورتتەك قىلاتتى.
   مەن مۇشۇ ماڭغانچە كېيىنكى تەكشۈرۈش ئورنىغا بارىدىغان ئوخشايمىز دەپ ئويلىغان ئىدىم، دېڭىز قىرغىقىغا چىقىشىمىزنى ئويلاپمۇ باقمىغان ئىدىم. مەن :" بىز ئەمدى نەگە بارىمىز؟" دەپ سورىدىم.   يېنىمدىكى بىر ئادەم:" بىز يوڭشىڭ ئارىلىغا بىر قانچە كىشىنى ئالغىلى بارىمىز" دىدى.
   مەن بۇرۇلۇپ نىڭ خانقىزنىڭ مىنىڭيېنىمدىلا ئولتۇرغانلىقىنى كۆردۈم. ئۇ ھازىر خېلىلا ياخشى بولۇپ قالغاندەك كۆرىنەتتى. ئۇنىڭ خۇمالىشىپ كەتكەن كۆزلىرىگە قاراپ ئۇنى ھازىرلا ئويغانغان بولسا كېرەك، دەپ ئويلىدىم . مىنىڭ قىزلارغا نىسبەتەن قارشىلىق كۈچۈم سەل ئاجىز ئىدى. مەن ئۇنىڭ كىسەلچان ھالىتىگە ھەۋەس بىلەن قارىدىم. ۋە كۈلۈپ تۇرۇپ:" بىز كىمنى ئالغىلى بارىمىز؟" دەپ سورىدىم.
    ئۇ يىراقتىكى پورتتىكى غۇۋا كۆرۈنگەن بىر توپ ساياھەت سومكىسى يبدىۋالغان كىشىلەرنى كۆرسىتىپ تۇرۇپ :" ئەنە ئاۋۇلار شۇ، بىر قانچە غەۋۋاس ۋە يەنە بىر نەپەر سىزگە ئوخشاش مەسلىھەتچى، مىنىڭچە سىز ئۇنى چۇقۇم تۇنۇيسىز" دىدى.
   مەن بوينۇمنى سوزۇپ قارىدىم، ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى سىمىز بىرى ماڭا ناھايتى تۇنۇشتەك بىلىندى. بىراق كىملىكىنى ئىنىق ئىسىمگە ئالالمىدىم.   بۇ ۋاقىتتا بىر كىمە خىزمەتچىسى كىمىنىڭ باش تەرىپىدە تۇرۇپ :" ھەي، لېي لېي!تەييارلىق قىلىڭلار! بىز بۇيەردە! " دەپ ۋارقىرىدى.
   ھېلىقى سىمىز بىز تەرەپكە قاراپتىللاشقا باشلىدى:" ھۇ ئەبلەخ ! مىنى بۇ يەردە يېرىم سائەتتىن كۆپرەك شامالدا قىينىدىڭ، سەنلەرنىڭ زادى ۋاقىت قارىشىڭ بارمۇ-يوق!؟ " ........



جەنۇپپەرەس ئۈچىنچى تاغىنڭ‹‹ كىپەن ئوغۇرلاش خاتىرسى››ناملىق ئەسىردىن تەرجمە قلىندى
مەزكۈر ئەسەرنىڭ 1-بابىدىن29-بابىغىچە ئانا تۇپراق مۇنبىرىدىكى جاپاكەشلەر تەرجىمە قىلىپ يوللىغان بولۇپ، ئاخىرىنى تىرىشچانلار مۇنبىرىدىكى كىپەن ، جىمجىت ئەپەندىلەر تەرجىمە قىلىپ تىرىشچانلار مۇنبىرىگە يوللىغان ، ئانا تۇپراق تورىنىڭ باشقۇرغۇچىلىرىنىڭ روخسىتى بىلەن ئەسەرنىڭ باش قىسمى تىرىشچانلار مۇنبىرىگە يۆتكەلدى.
بەت: 1 2 3 4 5 [6] 7 8 9 10 11 12 13 14 15
: كېپەن ئوغرىلاش خاتىرىسى