Lost0118 يوللانغان ۋاقتى 2014-6-28 01:39:49

   مەن قولۇمنى سوزۇپ سىلاپ ھېلىقى گۈلسىمان ئوقيا تەگكەن جاي ئىكەنلىكىنى بايقىدىم. نىلۇپەر گۈلىگە ئوخشايدىغان بۇ ئوقيا مىنىڭ تىرەمگە پېتىپ كىرىپ كەتكەن بولۇپ، گەرچە مىنىڭ جېنىمنى ئالمىغان بولسىمۇ بىراق تىرەمنى سۈرىۋەتكەن ئىدى. مانا ئەمدىلىكتە بەدىنىم تەرلەپ تەردە ئاشۇنداق ئېچىشىپ قىچىشىۋاتاتتى.
   بۇنىڭدىن باشقا يەنە بەدىنىمدىكى باشقا ئوقيا تەگكەن جايلارمۇ قىچىشىۋاتاتتى. لېكىن ئۇنچىۋالا چىدىغۇسىز دەرىجىدە بولمىغاچقا، بەدىنىمدىكى بۇ ئۆزگۈرۈشلەر بىلەن كارىم بولماي داۋاملىق بۇ غەلىتە قەبرە ئۆيى ھەققىدە ئويلىنىشقا باشلىدىم.
   مەن مىڭ دەۋرىدىكى قەبرە تۈزۈلۈشلىرىنى تازا چۈشەنمەيتتىم، بىلىدىغانلىرىم پەقەتلا ئاقسۈڭەكلەرنىڭ قەبرىلىرى توغرىسىدىكى بەزى بىلىملەر ئىدى. بۇ ئىككى خىل قەبرىنىڭ قانداق پەرقى بارلىقىنى ئىنىق بىلمەيتتىم. مەن بىلىدىغانلىرىم بىلەن كۆز ئالدىمدىكى ئەھۋاللارنى سېلىشتۇرۇشقا باشلىدىم.
   مەن تۇرىۋاتقان بۇ قەبرە ئۆيىنى سول تەرەپتىكى يان ساراي دەپ پەزەر قىلدىم،ئەگەر شۇنداق بولۇپ قالسا مىنىڭ قارشى تەرىپىمدە يەنە بىر يان ساراي بار، ئىككىسى قارىشىپ تۇرىدۇ، ئىچىدە ئاق مەر-مەردىن قوپۇرۇلغان گۈەنسەي سۇپىسى بولىدۇ. سۇپا ئۈستىگە ئالتۇن خىشلار ياتقۇزۇلغان، ئوتتۇرا قىسمىدا يەنە بىر تىك تۆتبولۇڭ شەكىللىك كاتەك بولۇپ ئىچى سېرىق تۇپا بىلەن تولدۇرۇلغان، بۇنى ئادەتتە ئالتۇن قۇدۇق دەپ ئاتىشىدۇ. ........... مانا بۇلار مەن ئىلگىرى كۆرگەن قەبرىلەردە كۆپ ئۇچرايدىغان قورۇلۇش شەكلى.بىراق ھازىر كۆز ئالدىمدا پەقەت بىر دانە چوڭ كۆلچەك تۇرۇپتۇ.
   بۇ يەردىكى ئادەمنى غەلىتىلىك ھىس قىلدۇرۇدىغان نەرسە بۇ كۆلچەك بولۇپلا قالماي يەنە ئىككى دانە يان ساراي ئوتتۇرىسىدىكى ئاۋۇ ئىشىك. بۇ ئىشىك قائىدە بويىچە ئارقا تەرەپرىكى قەبرە ئۆيىگە يەنى ئىچكى ۋە تاشقى گۈەنسەي قويىدىغان يەرگە تۇتىشىشى كېرەك ئىدى. مەن تۇرىۋاتقان بۇ جايدا جەسەت ساندۇقى بولماسلىقى كېرەك ئىدى. يەنە كىلىپ بۇ جەسەت ساندۇقى يۈز يۇيىدىغان داسقا بەكمۇ ئوخشايدىكەن. بۇنداق نەرسە ئۇرۇشقاق بەگلىكلەر(يېغىلىق دەۋرى) دەۋرىگە تەۋە ، مىڭ سۇلالىسى دەۋرىدە بۇنداق نەرسىنىڭ بولىشى بىر غەلىتە ئىش-تە؟
    ئۇرۇشقاق بەگلىكلەر(يېغىلىق)دەۋرىنى خىيال قىلىۋېتىپ بىردىنلا لۇ بىگىنىڭ قەبرىسىدىن ئېلىپ چىققان يىلان قاشلىق مىس بېلىقنى ئىسىمگە ئالدىم. لۇ بىگىنىڭ قەبرىسىدىمۇ، بۇ يەردىمۇ مۇشۇنداق نەرسىنى كۆرىۋاتىمەن، ئەجىبا بۇ بىر تاساددىبىيلىقمۇ؟       مەن بۇ ئىشلارنى ئويلىغانسىرى گاڭگىراپ قېلىۋاتاتتىم. ئەمدى بۇ ئىشلارنى ئويلىغۇم كەلمىدى.
   مەن كۆلچەكنى بىر چۆگىلەپ چىقتىم. يەنە ئىشىك ئالدىغا قايتىپ كەلدىم. بۇ چاغدا ئىھتىياتسىزلىقتىن بايىقى قوغدىنىش قۇرالى قىلغان قاچا قولۇمدىن يەرگە چۈشۈپ كەتتى. مەن چۈچۈپ دەرھال ئۇ قاچىنى قولۇمغا ئېلىپ ئۈستىدىكى رەسىملەرگە قاراشقا باشلىدىم.ئۈستىدىكى رەسىملەردىن ئالاھىدە ئۇچۇرلارغا ئىرىشكىلى بولمىسىمۇ، بىراق سىنچىلاپ قاراپ يۈرۈپ ئۈستىگە سىزىلغان رەسىمدىكى ئادەمنىڭ كىيىنىشىنىڭ مىڭ سۇلالىسى دەۋرىدىكىگە ئوخشايدىغانلىقىنى بايقىدىم. رەسىمدىكى بىر ئادەم ئىگىز تاغ ئۈستىدە تۇرۇپ تۆۋەن تەرەپتىكى قۇرۇلۇش قىلىنىۋاتقان ئىش ئورنىغا نەزەر تاشلاۋاتاتتى. ئۇنىڭ يېنىدا يەنە بىرقانچە ئەمەلدارلاردەك كىيىنگەن ئادەم بولۇپ، قارىماققا قۇرۇلۇشقا نازارەتچىلىك قىلىۋاتقان كۆرۈنۈشكە ئوخشايتتى.
   مەن بۇ كۆرۈنۈشتىن بۇ قەبرىنىڭ ئىگىسىنىڭ قانداقتۇر خان ئۇرۇقىدىن كىلىپ چىققان ئاقسۈڭەك ئەمەسلىكىنى پەزەر قىلدىم. مىنىڭچە ئۇ بىر قۇرۇلۇش ئىشچىسى ياكى قۇرۇلۇش ئىنژىنىرى بولۇشى مۇمكىن.پەقەت ئاشۇنداق كىشىلا قەبرىنى مۇشۇنداق غەلىتە ھەم مۇرەككەپ قىلىپ لەيىھەلەپ چىقالايدۇ. باشقا كىشىنىڭ شۇنداق لايىھەلىگۈسى بولسىمۇ ئۇنىڭغا ئەقلى يەتمەسلىكى مۇمكىن.
   بىراق مىڭ دەۋرىدە ئۇنداق ئىنژىنىر يوق دىيەرلىك. يەنە كىلىپ بۇ خىل قەبرىنى لايىھەلەش ئۈچۈن سۇ شامال ئىلمى دىگەندەك ئونۋېرسال بىلىم ساپاسىمۇ بىر قەدەر يۇقىرى، نەزەر دائىرىسى كەڭ بولىشى كېرەك. بۇنداق خان ئوردىلىرىغا ئوخشاش غايەت زور چوڭلۇقتىكى سىرلىق قەبرىنى لايىھىلىگەن ئادەم كىم بولىشى مۇمكىن؟
   مەن خېلى ئويلاندىم، تۇساتتىن كۆز ئالدىم يۇرىغاندەك بولۇپ بىر ئىسىم ئىسىمگە كەلدى-"ۋاڭساڭخەي"!
   بۇ ئادەمنى ھەقىقەتەن بىر غەلىتە كىشى دىيىشكە بولىدۇ. بۇ ئادەمنىڭ يەر شارائىتى توغرىسىدىكى بىلىمىنى كامالەتكە يەتكەن.شۇنداق بولغاچقا ئۇ بىۋاستە خاننىڭ يارلىقى بىلەن مىڭ خانىنىڭ ئوردىسىنى، ئۇنىڭدىن باشقا جۇڭگۇدىكى يەنە نۇرغۇن چوڭ شەھەرلەرنى لايىھەلەپ چىققان. ئەينى ۋاقىتتا ئۇ ناھايتى ئابروي قازانغان، ھەم خاننىڭ ياقتۇرىشىغا ئىرىشكەن بولغاچقا ئۇ قۇرۇلۇش ساھەسىدە بىردىنبىر داڭدار شەخىس بولۇپ قالغان. مەن يەنە ئۇنىڭ يەر شارائىتى ھەققىدىكى داڭلىق ئەسىرىنى ئوقۇپ چىققان ئىدىم، بۇ ئەسەردىكى مەزمۇنلارنى كەمدىن-كەم تېپىلىدۇ دىيىشكە بولىدۇ. بىراق ئۇنىڭ ئەسەرلىرىدىن پەقەت بىرقانچە پارچىسىلا باشقىلار تەرىپىدىن كۆچۈرۈلۈپ ھازىرغىچە يىتىپ كەلگەن، قالغانلىرى ھەممىسى يوقۇلۇپ كەتكەن.
   ئەل ئىچىدە تارقىلىپ كىلىۋاتقان شېنۋەنسەننىڭ جۇجۇاڭ كۈمۈش دەرياسى سۇ ئاستى قەبرىسىنىمۇ شۇ كىشى لايىھىلىگەن. بۇ ئىقتىساس ئىگىسىنىڭ ئۆزى ئۈچۈن بۇنداق قەبرىنى لايىھىلىشىنى يوققا چىقارغىلى بولمايدۇ.
   مىنىڭچە مىنىڭ پەرەز قىلغانلىرىمنىڭ ئاساسى بار ئىدى. ئەگەر ئازراق يېزىقچە ماتىرياللارنى تاپالىسام پەرىزىمنىڭ توغرا-خاتالىقىنى ئىسپاتلىيالىشىم مۇمكىن. بىراق بۇ قەبرىنىڭ ئىگىسى خۇددى ساۋاتسىز ئادەمدەك يېزىقچە ماتىريال قالدۇرمىغان ئىدى.
   مەن بېشىمنى قاشلاپ خىيال سۈرۈپ تۇرغىنىمدا تۇيۇقسىز سۇدىن "بۇلدۇق-بۇلدۇق.."قىلغان ئاۋاز ئاڭلاندى. بۇ ئاۋازنى ئاڭلاپ قورققىنىمدىن يۈرۈگۈم قارتتىدە قىلىپ كەتتى. مەن ئالدىراش ھالدا قولچىرىقىنى ئاۋاز چىققان تەرەپكە قاراتتىم. كۆلنىڭ بۇلۇڭىدىن سۇ كۈپۈكچىلىرى توختىماي ئۈستىگە قاراپ پۇرقىراۋاتاتتى، بەزىدە چوڭ، بەزىدە كىچىك، ناھايتى تەرتىپسىز ئىدى. خۇددى تىگىنى كۆرگىلى بولمايدىغان بۇ كۆلنىڭ تىگىدە چوڭ بىر مەخلۇق مىدىرلاۋاتقاندەكلا.
   مەن قورقۇشقا باشلىدىم. مەن دەرھال قۇرالنى قولۇمغا ئېلىپ سۇ كۆپۈكچىسى چىقىۋاتقان جاينى قارىغا ئالدىم. بىردىنلا چوڭ بىر ئادەم تىنى ئېتىلىپ چىقىپ كۆلنىڭ لېۋىگە ياماشتى.مەن بۇنى كۆرۈپ ناھايتى خۇش بولۇپ كەتتىم، ئۇ سىمىز ئىدى. ئۇ ئىشتىنىدىن باشقا كىيىملىرىنى سېلىۋەتكەن بولۇپ، سىمىز قۇرسىقى ئالدىغا چۇقچىيىپ چىقىپ قالغان ئىدى. ئۇ ھاسىرايتتى. سىمىز مىنى كۆرۈپ بىر تەرەپتىن قولىنى پۇلاڭلاتسا ، بىر تەرەپتىن:" ھۇ ئاناڭنى!تۇن ...تۇن......تۇنجۇقۇپ ئۆلگىلى تاس....تاس....تاسلا قالدىم...." دىدى.
   مەن ئۇنىڭدىن نىمە ئىش بولغانلىقىنى سوراي دەپ تۇرىشىمغا "پولتوڭ" قىلغان ئاۋاز بىلەن تەڭلا يەنە بىر ئادەم سۇ ئۈستىگە چىقىپ قالدى. بۇ بوتولكا ئىدى. ئۇنىڭمۇ كىيىملىرى يوق بولۇپ قۇرسىقى كۆرۈنۈپ قالغان ئىدى. ئۇ سىمىزدەك ئۇنچىۋالا كۈچەپ كەتمىگەندەك قىلاتتى. بوتولكا بېشىنى ئىگىز كۆتۈرۈپ چوڭقۇر-چوڭقۇر نەپەس ئالدى. ئارقىدىن ماڭا قاراپ:" بۇ ئوڭ تەرەپمۇ ياكى سول تەرەپمۇ؟" دەپ سورىدى.
   مەن سول تەرەپ دىدىم.ئۇ چوڭقۇر ئۇھ تارتتى، ئارقىدىن يەردە ئولتۇرۇپ قولىنىڭ بېغىشىنى تۇتتى. ئۇنىڭ قولىنىڭ بېغىشىدا بىر نەرسىنىڭ قاماللىغاندا قېپقالغان ئىزىدەك قاپقارا نەرسە تۇراتتى. كۆڭلۈمدە بىر چاتاقنى سەزگەندەك بولدۇم.
   سىمىز خېلى ئۇزۇنغىچە ھاسىراپ كەتتى، ئارقىدىن ئېغىزىدىن بىرقانچە قېتىم سۇ ياندۇردى. ئۇ قۇرسىقىنى تۇتۇپ توختىماي ئاھ ئۇراتتى. مەن ئۇنىڭدىن قانداق كەلگەنلىكىنى سورىدىم.
ئۇ :" دىمەيلا قويغىن،تەلىيىڭگە سەن كۆرمىدىڭ، قورقۇپ جېنىم چىقاي دىدى.   ئاناڭنى ! تەلىيىمىزگە ھېلىقى جەسەت ساندۇقىنىڭ ئاستىدىكى تاش تاختاينىڭ تىگىدە بىر كىرىش ئېغىزى بولۇپ دەل مۇشۇ يەرگە تۇتىشىدىكەن. ئەگەر بۇ يەردە چىقىش ئېغىزى بولمىغان بولسا بىز ئاللىقاچان ئۆلگەن بولاتتۇق"دىدى.
   مەن ئازراق تىڭىرقاپ قالدىم. " نىمىكەن ئۇ شۇنچە قورقۇنۇچلۇق؟" دەپ سورىدىم مەن.
   " مەن ئۇنىڭ قانداقلىقىنى سۈپەتلەپمۇ بىرەلمەيمەن، بىر ئېغىز گەپ_ ھېلىقى 6 دانە بىرىكىپ كەتكەن جەسەت تىنىنىڭ قۇرساق قىسمىدا يەنە بىر نەرسە باركەن!" دىدى سىمىز.



جەنۇپپەرەس ئۈچىنچى تاغىنڭ‹‹ كىپەن ئوغۇرلاش خاتىرسى››ناملىق ئەسىردىن تەرجمە قلىندى
مەزكۈر ئەسەرنىڭ 1-بابىدىن29-بابىغىچە ئانا تۇپراق مۇنبىرىدىكى جاپاكەشلەر تەرجىمە قىلىپ يوللىغان بولۇپ، ئاخىرىنى تىرىشچانلار مۇنبىرىدىكى كىپەن ، جىمجىت ئەپەندىلەر تەرجىمە قىلىپ تىرىشچانلار مۇنبىرىگە يوللىغان ، ئانا تۇپراق تورىنىڭ باشقۇرغۇچىلىرىنىڭ روخسىتى بىلەن ئەسەرنىڭ باش قىسمى تىرىشچانلار مۇنبىرىگە يۆتكەلدى.

parakende يوللانغان ۋاقتى 2014-6-28 16:06:26

قورسىقىدىكى نىمىدۇ ئۇ ئاداشنىڭ {:92:}

Mahir512 يوللانغان ۋاقتى 2014-6-28 19:12:43

ھەزىم بوماي قاغان تاماقتۇ يا{:90:}

SIRLIK يوللانغان ۋاقتى 2014-6-28 19:20:32

تۇغۇلۇشقا ئۈلگۈرمىگەن بوباقمىدۇ يا؟:lol

EzQi0908 يوللانغان ۋاقتى 2014-6-29 09:27:35

ھازىر قانچىنجىسىگە كەلدىڭلا؟؟؟ئاخىرىنى مەنمۇ ئۇلاپ تارقىتىپ قوياي ئەمدى:lol:lol:lol:lol

EzQi0908 يوللانغان ۋاقتى 2014-6-29 09:39:17


   سىمىز گېپىنى دەپ بولۇپلا يەنە يۆتىلىپ كەتتى ۋە يەنە بىر مۇنچە سۇ ياندۇردى. مەن تاقەتسىزلىنىشكە باشلىدىم، ئالدىراپ ئۇنى داۋاملىق سۆزلەشكە ئۈندىدىم. سىمىز دۈمبىسىنى قاشلاپ قويۇپ:" مىنى ئازراق دىمىمنى ئېلىۋالغىلى قويساڭچۇ! بۇ ئىش بەكلا تىز يۈز بەرگەچكە دەيدىغان گېپىمنى تاپالمايۋاتىمەن"دىدى.
   ئۇنىڭ چىرايى راستىنلا تاتىتىپ كەتكەن ئىدى، ئاۋازىمۇ ناھايتى پەس چىقىۋاتاتتى. قارىغاندا كانىيىدا يەنە سۇ بولسا كېرەك. مەن ئۇنىڭغا ياردەملىشىپ دۈمبىسىگە كۈچەپ ئۇرۇشقا باشلىدىم. ئۇ راستلا نۇرغۇن سۇ ياندۇرىۋەتتى. ئارقىدىن ئاغرىنغاندەك:" بولدى، بولدى! مىنى ئۇرۇپ ئۆلتۈرۈپ قويما يەنە!"دىدى.
   مەن زادى نىمە ئىش بولغانلىقىنى تىزراق سۆزلەپ بىرىشكە ئۈندىدىم.
   ئۇ بۇرنىنى تارتىپ قويۇپ يۈز بەرگەن ئىشلارنى ئاددىيلا قىلىپ ماڭا سۆزلەپ بەردى. ئىشلار بەكلا تىز يۈز بەرگەچكىمۇ ئۇنىڭ بايان قىلىشلىرىمۇ بىر ئاز قالايمىقانراق تۇراتتى. شۇنداقتىمۇ مەن نىمە ئىش بولغانلىقىنى ھەر ھالدا چۈشەنگەندەك بولدۇم.
   ئەسلىدە ئەينى ۋاقىتتا سىمىز مىنىڭ يەردىكى فار-فۇر قاچىلار ئۈستىگە سىزىلغان رەسىملەر بىلەنلا بولۇپ كەتكەنلىكىمنى كۆرۈپ، مىنى تىزراق ئالىدىغاننى ئېلىپ ھېلىقى جەسەت ساندۇقى يېنىغا چىقىشقا ئۈندىگەن بولسىمۇ، بىراق مەن بەك بىرىلىپ كەتكەچكە ئۇنىڭ گېپىگە ئېرەن قىلماي داۋاملىق ئۆزۈمنىڭ ئىشى بىلەن بولۇپ كىتىپتىمەن.سىمىزنىڭ پۈتۈن مەقسىدى ساندۇقتىكى سۇنى تازىلىۋېتىپ ھېلىقى قىممەتلىك بويۇملارنى قولغا كىرگۈزۈش بولغاچقا مىنى يالغۇز تاشلاپ قويۇپ ئۆزى ھېلىقى جەسەت ساندۇقى بار ئۆيگە چىقىپ كىتىپتۇ. بىز قاچا ئېلىش ئۈچۈن كىرگەن ئۆي بىلەن جەسەت ساندۇقى قويۇلغان ئۆينىڭ ئارلىقى ناھايتى يېقىن بولغاچقا بىرەر كۈتۈلمىگەن يۈز بەرمەيدۇ دەپ ئويلىغان ئىكەن.   بىراق سىمىز ئۇ يەردىن ئايرىلىپلا كۆرگەن نەرسە ئۇنىڭ پۈتۈن دىققىتىنى ئۆزىگە تارتىۋاپتۇ، سىمىز ھېلىقى تاش ئىشىكنىڭ قاچانلاردا يوقۇلۇپ كەتكەنلىكىگە دىققەت قىلىپمۇ قويماپتۇ.
   ئۇ جەسەت ساندۇقىنىڭ يېنىغا چىقىپ بوتولكا بىلەن بىرگە ساندۇق ئىچىدىكى سۇلارنى تازىلاپتۇ. ساندۇقتىكى جەسەتنىڭ پۈتۈن شەكلى ئۇلارنىڭ كۆز ئالدىدا ناھايتى ئىنىق نامايەن بوپتۇ. سىمىز سەپسېلىپ قاراپ ھاڭ-تاڭ قاپتۇ. ئەسلىدە بىز ئادەم بېشى دەپ قارىغان ھېلىقى بىر قانچە نەرسە ئاياللارنىڭ ئەمچىكى ئىكەن. سىمىز بۇنى كۆرۈپ گاڭگىراپلا قاپتۇ. ئۇ بۇ ساندۇقتىك جەسەتنىڭ ئايال كىشىنىڭ جەسىتى ئىكەنلىكىنى خىيالىغىمۇ كەلتۈرمىگەن ئىكەن.   بىراق قائىدە بۇيىچە 12 تال قول بولغاندىكىن 12 دانە ئەمچەك بولسا ئاندىن توغرا بولىشى كېرەك. بىراق پەقەت 5 تاللا تۇرسا، ئەجىبا بۇنىڭ ئارقا تەرىپىدە يەنە بارمىدۇ؟ ئۇلار بۇ جەسەتنى قانداق قىلىپ ساندۇقتىن چىقىرىش ئۈستىدە ئويلىنىپتۇ.
   سىمىز ئاۋال قۇرالنىڭ ئۇچى بىلەن ئۇنى كۆتۈرۈپ بېقىپتۇ، بىراق جەسەت بەك يۇمغاق بولغاچقا ھەرقانچە قىلىپمۇ كۈچىيەلمەپتۇ. قولىغا پەلەي كىيىپ قولى بىلەنلا كۆتىرەي دىسە، قولى بىلەن ھەر بىر قېتىم تۇتقاندا بىر قەۋەت ئادەم مېيى چۈشىۋاتقان، ئۇنىڭ ئۈستىگە بەكمۇ يىرگىنىشلىك.ئاخىرىدا بوتولكىنىڭ يول كۆرسىتىشى بىلەن ئۇلار كىيىمىنى سېلىپ قۇرالنىڭ ئىككى تەرىپىگە باغلاپ ئىككى تەرەپتىن تۇتۇپ خۇددى ئەپكەشنى كۆتۈرگەندەك جەسەتنىڭ ئوتتۇرا قىسمىغا تىقىپ كۈچەپ كۆتۈرگەن ئىكەن ئاخىرى جەسەت ساندۇق ئىچىدىن ئاجراپتۇ. ئۇلار جەسەتنى يەردە قويۇپتۇ.
   چارلاش چىرىقىنىڭ كۈچلۈك نۇرىدا جەسەت بىردەمدىلا قۇرۇپ قارىداپ كىتىپتۇ. مانا بۇ ۋاقىتتا ئۇلار جەسەتنى ئىنىق كۆرۈپتۇ. باشقا بىر قانچە ئەمچەك ئاللىقاچان كىسىپ ئېلىۋېتىلگەن بولۇپ ، پەقەت قاچىنىڭ ئېغىزىدەك چوڭلۇقتا كىسىلگەن ئىز قالغان ئىكەن.شۇ چاغدا ئۇلار بۇ جەسەتنىڭ قۇرسىقىنىڭ نىمىشقا بۇنداق چوڭلىقى ھەققىدە ئويلاشماپتۇ، پەقەت يۈزەكى ھالدىلا شۇنداق سىمىز بولسا كېرەك دەپلا ئويلاپتۇ. توغرىسىنى ئېيتقاندا بۇ ئىككەيلكەن ئۇنىڭ قۇرسىقىدىكىسىنىڭ بوۋاق ئىكەنلىكىنى ئويلىماپتۇ.
   جەسەتنى چىقىرىۋالغاندىن كېيىن ساندۇقنىڭ تىگىدىكى ئويۇلغان خەت ئىنىق كۆرۈنۈپتۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە پەقەت بىر يۇغان خەت ئويۇلغان ئىكەن. بوتولكا ئۇ خەتنى ھەرقانچە قىلىپمۇ ئوقۇيالماي شۇ ۋاقىتتىلا ئاندىن تويۇقسىز مىنى ئىسىگە ئاپتۇ.دەل شۇ چاغدا ئۇلار تامدىكى ھېلىقى تاش ئىشىكنىڭ يوقاپ كەتكەنلىكىنى بايقاپتۇ.سىمىز ئالاقزادە بولۇشقا باشلاپتۇ، ئۇنىڭ ئەنسىرىگىنى مەن ئەمەس بەلكى ئۆزىنىڭ بۇ يەردىن چىقىپ كىتەلمەسلىكى ئىكەن. بوتولكا ئۇنىڭغا ئەنسىرىمەسلىكنى، ئۇزۇن ئۆتمەي ئۇ ئىشىكنىڭ يەنە پەيدا بولىدىغانلىقىنى ئېيتىپ ئۇنىڭغا تەسەللىي بىرىپتۇ. ئۇ يەنە:" ھازىرقى ئەڭ مۇھىم بولغىنى ، قولىمىزدىكى ماۋۇ ئىشنىڭ ئاخىرىنى چىقىرىۋېتىش" دەپتۇ.   سىمىز ئۇنىڭ بۇنداق سوغۇققانلىقىنى كۆرۈپ خاتىرجەم بوپتۇ.
   ئىككەيلەن ساندۇقنىڭ ئىچىدىكى خەت ئويۇلغان تاش تاختاينى چىقىرىۋالماقچى بوپتۇ، بىراق بەك ئېغىر بولغاچقا يەنە كىلىپ ئەتراپى ئۆتكۈر يىلىم بىلەن يەملەنگەن ئىكەن.سىمىز بىر ئاز غەلىتىلىك ھىس قىلىپ قولى بىلەن تاشنى ئۇرۇپ بېقىپتۇ. دەرۋەقە تاشنىڭ ئاستى تەرىپى بوش ئىكەن.
   ئۇلار قولىدىكى قەغەزگە ئوت يېقىپ يەملەنگەن ئورۇندىكى يىلىمنى ئىرىتىپ تاش تاختاينى كۆتۈرۈپ ئاپتۇ. تاشنىڭ ئاستى تەرىپىدە بىر كامار باركەن. بۇنى كۆرۈپ ئېغىزلىرىنى يۇمالماي قاپتۇ، ئۇ بۇنى قەبرە لاھىيىلىگۈچى لايىھىلىگەن نەرسە ئەمەس، بۇ دىگەن قەبرە ئوغرىلىرى كولىغان تۈشۈك دەپتۇ.
   بۇ ھەقىقەتەن بىر چوڭ بايقاش. قەبرە ئوغرىلىرى كولاپ، كولاپ مۇشۇ جەسەت ساندۇقىنىڭ ئاستىغا كەلگەن، تاش تاختاي توسۇقلۇق بولمىغان بولسا ساندۇقتىكى جەسەت ئاللىقاچان يوق بولاتتى. ئۇلار قەبرە ئورنىنى ناھايتى توغرا پەرەز قىلغان. ئەڭ غەلىتە بولغىنى بۇ قەبرە دېڭىز ئاستىدا تۇرسا ، ئۇلار بۇ كامارنى قانداق ئۇسۇلدا ئاچقان بولغىيتتى؟
   ئەگەر بۇ قەبرە لىفىتقا ئوخشاش دىيىلسە، جەسەت ساندۇقىنىڭ تەگ تەرىپىدە يەنە بىر قەبرە ئۆيى بولىشى كېرەك. قانداقسىگە بۇ يەردىكى بوشلۇقتىن مۇشۇنداق چوڭ تۈشۈكنى كولىغىلى بولسۇن؟بۇ چاغدا سىمىز بىزنىڭ قەبرىنىڭ قورۇلمىسى ھەققىدە ئويلىغانلىرىمىزنىڭ خاتا ئىكەنلىكىنى جەزىملەشتۈرۈپتۇ.
   سىمىز پۈتكۈل ئىشنىڭ قايتىدىن سىرلىق تۈس ئالغانلىقىنى پەرەز قىپتۇ. ئىككىسى جىم بولۇپ قاپتۇ. سىمىز شىمال پەرەس بولغاچقا، ئۇ ئۆزىنىڭ جەسەت ساندۇقىدىكى جەسەتنى يۆتكىۋەتكەن ئىشىنىڭ بىرەر كىلىشمەسلىك ئېلىپ كىلىشىدىن ئەنسىرەپتۇ.   ئۇ بۇ جەھەتتە يىتەرلىك بىلىمگە ئىگە بولمىغاچقا ئىشنىڭ ئاخىرىنى ئويلاپ ئىنىق بىر يەكۈن چىقىرالماپتۇ. سىمىز تاختايدىكى خەتنى ئەڭ ھالقىلىق نەرسە دەپ ئويلاپ، خەتكە سىنچىلاپ قاراشقا باشلاپتۇ. ھېلىقى ئايالنىڭ جەسىتى يېنىدا تۇرغان بوتولكا بىردىنلا "چاتاق بولدى!!" دەپ قاتتىق ۋارقىراپتۇ.
   سىمىز بۇرۇلۇپ قارىسا، بوتولكىنىڭ سول قولى ئۈلۈك ئايالنىڭ قۇرسىقىدىن سوزۇلۇپ چىققان ئاپئاق تۈك ئۈسۈپ قالغان كىچىك قول تەرىپىدىن چىڭ تۇتىۋېلىنغان ئىكەن.سىمىز بۇ ئايالنىڭ قۇرسىقىدا يەنە بىر دانە بوۋاقنىڭ بارلىقىنى خىيالىغىمۇ كەلتۈرمىگەن ئىكەن.ئۇ بەك قورقۇپ كىتىپتۇ، بىراق دەرھال ئىسىنى يىغىپ قولىغا قۇرالنى ئېلىپ ئايالنىڭ قۇرسىقىغا قارىتىپ ئوق ئۈزۈپتۇ. ئۇ دەل جايىغا ئاتقان ئوخشايدۇ، ھېلىقى قول بوتولكىنىڭ قولىنى قۇيۇپ بىرىپتۇ. سىمىز يەنە ئاتماقچى بولغاندا بوتولكا:" ئۇنى ئېتىپ ئۆلتۈرەلمەيسەن! تىز ماڭايلى!" دەپ ۋارقىراپتۇ.بوتولكا شۇنداق دىگىنىچە سىمىزنى تارتىپ بايىقى تۈشۈك ئىچىگە شۇڭغۇپتۇ.سىمىز تۈشۈك ئىچىدىكى ئادەمنىڭ ئىچىنى ئىلەشتۈرىدىغان سۇيۇقلۇقنى كۆرۈپ يىرگىنىپ ئۇ يەرگە شۇڭغۇشتىن باش تارتماقچى بوپتۇ، بىراق كەينىگە شۇنداق قارىغان ئىكەن ئايالنىڭ قۇرسۇقىدىن ئادەمنىڭ چىرايىغا ئوخشايدىغان بىر نەرسە جېنىنىڭ بارىچە سىرتقا چىقماقچى بولىۋاتقان مىدىرلاۋاتقانلىقىنى كۆرۈپتۇ. ئايالنىڭ قۇرسىقىنىڭ تىرىسى يىرتىلاي دەپلا قالغان ئىكەن. بارا-بارا ھېلىقى نەرسىنىڭ باشقا ئەزالىرىمۇ ئۇنىڭ كۆز ئالدىدا نامايەن بولۇشقا باشلاپتۇ.ئۇنىڭ تەنلىرى شۈركۈنۈپ، بەدىنىگە تىتىرەك ئولۇشۇپتۇ ۋە چىشىنى چىشلەپ بوتولكىغا ئەگىشىپ تۈشۈكتىن تۆۋەنگە شۇڭغۇپتۇ.
   بوتولكا ئاللىقاچان بىر قانچە قەدەم ئالدىغا قاراپ ئۈزۈپ كەتكەن بولۇپ سىمىز جېنىنىڭ بارىچە ئۇنىڭ كەينىدىن قوغلاپتۇ. ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ زادى نەدىن چىقىدىغانلىقىنى، بۇ يەرنىڭ نەگە تۇتىشىدىغانلىقىنى بىلمەيدىكەن. ئۇلار كۆپ ئۈزمەستىنلا قەبرە بىر تەرەپكە قىيسايغاندەك مىدىرلاپتۇ.ئۇلار سۇ يولىنىڭ ئۇنداق ئۇزۇن ئەمەسلىكىنى بايقاپتۇ ۋە شۇنداق قارىغۇدەك بولسا بىر نۇر سۇ ئىچىدە غۇۋا كۆرۈنۈپتۇ. ئۇلار ئۇنى مەن دەپ پەرەز قىلىشىپتۇ. شۇنىڭ بىلەن ئاشۇ يۇرۇقلۇق بار تەرەپكە قاراپ ئۈزۈپتۇ، ئۇلار بىردىنلا بىر كۆلگە ئوخشايدىغان جايغا كىلىپ قاپتۇ.شۇ چاغدا ئۇلار تۇنجۇقۇپ قالاي دەپ قالغان ئىكەن، ئۇلار سۇدىن بېشىنى چىقىرىشىغىلا مىنىڭ ئۆزلىرىگە قۇرال تەڭلەپ تۇرغىنىمنى كۆرۈپتۇ.
   ئاڭلاپ مۇشۇ يەرگە كەلگەندە: " ئەپسۇس سەن پەقەت بىر تاللا قولنى كۆرۈپسەن-دە، ئەگەر ئىككىلىسىنى كۆرگەن بولساڭ ئىش باركەن" دىدىم چاقچاق قىلىپ.
" مەنغۇ ئۇ نەرسىدىن قورقمىدىم، بىراق ماۋۇ ئاداش ئۇ نەرسىنى كۆرۈپلا قاچقۇسى كىلىپ قالدىغۇ تاڭ، راست گەپنى قىلسام مەن بىزنىڭ نىمىگە شۇنچە ئالدىراش قاچقانلىقىمىزنى چۈشەنمىدىم،ئۇ نەرسە راستلا شۇنداق يامانمۇ؟ ئۇنى بىر نەچچە پاي ئوق بىلەنلا بىرتەرەپ قىلالايتتۇق ئەمەسمۇ؟"دىدى سىمىز.
   " ئۇ ئاق مويلۇق قۇرغاقچىلىق ئىلاھى دىيىلىدۇ، سەن پەقەت ئۇنىڭ بېشىنى ئۈزىۋېتەلىسڭلا ئاندىن ئۇنى ئۆلتۈرەلەيسەن، بىراق ئۇ ئۆلىدىغان بولسا بىر خىل زەھەرلىك گاز تارقىتىدۇ، ئۇ خىل گاز ئادەمنى زەھەرلەپ ئۆلتۈرىدۇ" دىدى بوتولكا قولىنىڭ بېغىشىنى سىلاپ تۇرۇپ.
   مەن بۇنى ئاڭلاپ ھەيران قالدىم. مەن قۇرغاقچىلىق ئىلاھى ھەققىدىكى رىۋايەتلەرنى ئاڭلىغان، بەزى شىئېرى ئەسرلەردىمۇ ئاڭلىغان. مۇنداقچە ئېيتقاندا بۇ نەرسە توغرىسىدا مىش-مىش گەپ سۆزلەر بەك كۆپ ئىدى، ئۇنىڭ شەكلىنىڭ سىمىز دىگەندەك ئىكەنلىكىنى ئويلاپ باقماپتىكەنمەن.بىراق بۇ ئىشلار ئانچە مۇھىم ئەمس، مەن بۇ قەبرىگە كىرىدىغان ۋاقىتتىلا مۇشۇنداق غەلىتە نەرسىلەرگە قارىتا ئىدىيەمدە تەييارلىقىم پۇختا ئىدى.   ئەڭ مۇھىم بولغىنى ھېلىقى سىمىزلەر شۇڭغۇغان تۈشۈك تازا غەلىتە تۇرىدۇ. ئۇ مۇشۇ كۆلچەككە تۇتىشىدىكەن، بۇ قانداق مۇمكىن بولسۇن؟ مەن ئۇنى چىقىش ئېغىزى دەپ ئويلىغان ئىدىم. مىنىڭچە قەبرە ئوغرىلى بۇ تۈشۈكنى قازغاندا ئاساسى قەبرىنىڭ ئورنىنى ئىنىق جەزىملەشتۈرەلمىگەن، ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ پەرىزىگە ئاساسەن بىر قانچە يۈنىلىشكە قاراپ تۈشۈك ئېچىپ باققان. بۇ دەل شۇ تۈشۈكلەرنىڭ ئىچىدىكى بىرسى بۇلىشى مۇمكىن. ئويلاپ شۇ يەرگە كەلگەندە ئۇلاردىن باشقا ئاچا يول بايقىغان ياكى بايقىمىغانلىقىنى سورىدىم.
   سىمىز بېشىنى چايقاپ تۇرۇپ بۇ يولنىڭ ناھايتى ئىنىقلا مۇشۇ يەرگە تۇتىشىدىغانلىقىنى ئېيتتى. مەن ئۇنىڭ گېپىدىن پۈتۈنلەي ئۈمۈدسىزلىنىپ كەتمىدىم. ئۇلار قىشلارنى ئېلىۋېتىپ ئېچىلغان تۈشۈك ئىكەنلىكىنى دىيىشتى، بۇنىڭدىن قارىغاندا ئېچىپ بولغان تۈشۈكنى قىشلار بىلەن تۇسۇپ قويمىدى دىگىلى بولمايتتى.
   گەرچە ئەھۋال مەن ئويلىغاندەك بولۇپ قالسىمۇ بىراق ئۇ تۈشۈك يەنىلا مۇشۇ قەبرىگە تۇتىشىدىغان تۇرسا، ئىزدەپ تاپقان تەقدىردىمۇ ھېچقانداق كېرىكى يوق. بىراق قەبرە كولىغان ئادەم ئۆزىنىڭ كولىغان تۈشۈكىنىڭ تاش تاختاي بىلەن تۇسىۋېتىلگەنلىكىنى بايقىغاندا يەنە باشقا جايدىن تۈشۈك ئېچىل ئاساسى قەبرىگە كىرگەن بولسىچۇ؟
   مەن شۇلارنى خىيال قىلىۋاتقىنىمدا سىمىز:" سىلەرنىڭچە قۇرغاقچىلىق ئىلاھى سۇ ئۈزەلەرمۇ؟" دەپ سورىدى.
   مەن بىردىنلا چۈچىدىم. ئۇنىڭ نىمىنى كۆزدە تۇتىۋاتقانلىقىنى بىلمەيتتىم. ئۇ قولى بىلەن كۆلچەكنى كۆرسەتتى. مەن شۇنداق قارىسام كۆلنىڭ ئوتتۇرىسىدىن توختىماي سۇ كۈپۈكچىلىرى چىقىۋاتاتتى.


جەنۇپپەرەس ئۈچىنچى تاغىنڭ‹‹ كىپەن ئوغۇرلاش خاتىرسى››ناملىق ئەسىردىن تەرجمە قلىندى
مەزكۈر ئەسەرنىڭ 1-بابىدىن29-بابىغىچە ئانا تۇپراق مۇنبىرىدىكى جاپاكەشلەر تەرجىمە قىلىپ يوللىغان بولۇپ، ئاخىرىنى تىرىشچانلار مۇنبىرىدىكى كىپەن ، جىمجىت ئەپەندىلەر تەرجىمە قىلىپ تىرىشچانلار مۇنبىرىگە يوللىغان ، ئانا تۇپراق تورىنىڭ باشقۇرغۇچىلىرىنىڭ روخسىتى بىلەن ئەسەرنىڭ باش قىسمى تىرىشچانلار مۇنبىرىگە يۆتكەلدى.
تىرىشچانلار مۇنبىرى قۇرغۇچىسىنىڭ رۇخسىتى بىلەن ئەسەر ئالۋاستى سالونىغا يوللاندى.


سالوندا ھەر كۈنى كەچتە يېڭى مەزمۇنلار يوللىنىدۇ،سالوننىڭ ئىزدەش نۇمۇرىalvasti
نى ئىزدەپ قوشۇۋالغاندىن كېيىن 1نى يوللاپ مۇندەرىجىگە كىرىپ بارلىق مەزمۇنلارنىڭ رەت نومۇرىنى كۆرەلەيسىز،رەت نومۇرىنى قايتۇرسىڭىز ماس ھالدىكى مەزمۇنلارنى كۆرەلەيسىز،سالون مەزمۇنلىرىنى ياقتۇرغان بولسىڭىز ئوڭ تەرەپ يۇقىرى بۈرجەكتىكى ئىقتىدار تىزىملىكىدىن مەزمۇننى دوستلۇق چەمبىرىگە بەھىرلەپ قويۇشنى ئۇنۇتماڭ.

سالون ئىزدەش نومۇرى:alvasti

EzQi0908 يوللانغان ۋاقتى 2014-6-29 09:41:08

ھېلىقى سۇ كۈپۈكچىلىرى توختىماي يۇقىرىغا ئۆرلەۋاتاتتى، رېتىمى بەك تىز ئىدى، شۇنىڭ بىلەن بىرلا ۋاقىتتا يەنە سىرتقا قاراپ كېڭىيىپ چەمبەر ھاسىل قىلغان ئىدى، خۇددى سۇ تىگىدە بىر نەرسە توختىماي نەپىسلىنىۋاتقاندەكلا.بىز ئۈچىمىز كۆلگە قارىغانچە بارغانسىرى ھۇشيارلىشىپ كەتتۇق ۋە ئىختىيارسىز قوللىرىمىزغا قۇراللىرىمىزنى ئېلىپ تامغا چىڭ چاپلاشتۇق. مەن بەك جىددىيلەشكەنلىكىمدىن قوللۇرۇم تەرلەپ بارغانسىرى بۇشاپ كىتىۋاتقاندەك بىلىنىشكە باشلىدى.شۇ تاپتا بىزنى قانداق بىر پالاكەتنىڭ ساقلاۋاتقانلىقىنى بىلگىلى بولمايتتى.ھېلىقى سۇ كۈپۈكچىلىرى تەخمىنەن بەش مىنۇتچە بۇلدۇقلاپ يۇقىرىغا ئۆرلىگەندىن كېيىن تۇيۇقسىز سۇ تىگىدىن چۈشۈنۈكسىز بىرخىل ئاۋاز ئاڭلاندى.
   شۇنىڭ بىلەن بىرلا ۋاقىتتا كۆلدىكى سۇ ئورنى بارا-بارا تۆۋەنلەشكە باشلىدى. سۇ يۈزىدە ئون نەچچە دانە قاينام ھاسىل بولدى. خۇددى بىرقانچە سۇ پومپىسى كۆلنىڭ سۈيىنى تىگىدىن تارتىۋاتقاندەكلا.ھېلىقى سۇ يۈزىدە لەيلەپ تۇرغان داسقا ئوخشايدىغان تاۋۇتمۇ پىرقىرىغۇچتەك توختىماي پىرقىراپ بارا-بارا تۆۋەنلەشكە باشلىدى.بىردەمنىڭ ئىچىدە كۆلدىكى سۇ بىرقانچە مىتىر تۆۋەنلىدى.مىنىڭ بۇ ئىشقا زادى ئەقلىم يەتمەيتتى.مەن ئالدىراش ھالدا قولچىرىقىنى ئېلىپ يۇرۇتۇپ قارىغان ئىدىم كۆلنىڭ يان تەرىپىدە تاش پەلەمپەي بارلىقىنى كۆردۈم.بۇ پەلەمپەي تامنى بويلاپ يۇمىلاق ھالەتتە ياسالغان بولۇپ كۆلنىڭ تىگىگە تۇتىشىدىغاندەك قىلاتتى.
   سۇنىڭ تۆۋەنلىشى بەك تىز بولۇپ بىردەمدىلا كۆلدىكى سۇ پۈتۈنلەي يۇقۇلۇپ، قاپقاراڭغۇ كۆل تىگى كۆرۈندى. پەقەتلا بايىقى سۇ قاينىمىنىڭ بۇلدۇقلىغان ئاۋازى ئاڭلىناتتى.مەن قولچىرىقى بىلەن يۇرۇتۇپ كۆلنى كۈزىتىشكە باشلىدىم.بۇ كۆل خۇددى بىر قاچىغىلا ئوخشايدىغان بولۇپ، ئۈستى كەڭ ئاستى تار ئىدى. چوڭقۇرلۇقى تەخمىنەن 10 مېتىر ئەتراپىدا كىلەتتى.چوڭقۇر بولغاچقا قولچىرىقىنىڭ ئاجىز نۇرى كۆلنىڭ تىگىنى ئىنىق يۇرىتالمايتتى، يەنە كۆلنىڭ ئىچىدىن تۇمان كۆتۈرۈلۈپ تۇرغاچقا كۆلنىڭ تىگىنى ئىنىق كۆرۈشكە ئامال بولمىدى.
   مەن تۇيۇقسىز سۇ ئاستىدا يۇرۇتۇشتا ئىشلىتىلىدىغان چارلاش چىرىقىنى ئىسىمگە ئالدىم. گەرچە ئۇ نەرسىنىڭ رولى بولامدۇ ئىنىق بىلمىسەممۇ، قالغان ئىككەيلەننىمۇ چاقىرىپ، چىراقنىڭ نۇرىنى ئەڭ يۇقىرى ھالەتتە تەڭشەپ، ئوخشاش بولمىغان ئۈچ نوقتىدىن كۆلگە قاراتتۇق.
   گەرچە ئۈچ دانە چىراق كۆلنىڭ ئىچىنى ئىنىق يۇرىتالمىسىمۇ، بىراق كۆلنىڭ ئومۇمىي قىياپىتىنى قىياس قىلغىلى بولاتتى. كۆلنىڭ تىگى چەمبەرسىمان بولۇپ، دىئامىتىرى 10مېتىر ئەتراپىدا كىلەتتى، كۆلنىڭ تىگى تەكشى بولۇپ قاپارتما نەقىشلەر ئويۇلغان ئىدى، بىراق قانداق نەسىنىڭ نەقىشى ئىكەنلىكىنى پەرق قىلغىلى بولمايتتى.يەنە بىر قانچە چوڭ تۈشۈك بولۇپ، مەن بۇ تۈشۈكلەرنى سۇ كىرىدىغان ئېغىز بولسا كېرەك_ دەپ پەرەز قىلدىم.
   كۆل تىگىنىڭ ئوتتۇرىسىنى تۇمان ئورىۋالغان بولۇپ، تومانلار ئارىسىدا نىمە بارلىقىنى بىلگىلى بولمىدى. سىمىزنىڭ كۆزى ھەقىقەتەن ئۆتكۈركەن، ئۇبىردەم ئويلانغاندىن كېيىن:« سەنمۇ كۆرەلىدىڭمۇ، كۆلنىڭ ئوتتۇرىسىدا بىر دانە تاش ئابىدە باردەك قىلامدۇ نىمە؟»دەپ سورىدى.
   مەن ئۇ كۆرسەتكەن تەرەپكە قارىدىم. پەقەتلا ئۇ دىگەندەك بىر نەرسىنىڭ غۇۋا ھالىتىنى كۆرگەندەك قىلدىم.
سىمىز يەنە:« بۇ تاش پەلەمپەي نەگە تۇتىشىدىغاندۇ؟ چىقىش ئېغىزى مۇشۇ يەردە بولۇپ قالمىسۇن يەنە. بىز چۈشۈپ قاراپ باقايلى!» دىدى.ئۇ شۇنداق دىگىنىچە سەكرەپلا تاش پەلەمپەيگە دەسسىدى.
   بۇ قەدىمى قەبرە ئاجايىپ غەلىتە ئىدى. شۇ تاپتا مەن سىمىزنىڭ قارارىنى تازا قوللاپ كەتمىدىم. مەن ئالدىراپ ئۇنىڭغا:« ئالدىرىما! بۇنداق چۈشسەك بەك خەتەرلىك. ھېچ بولمىغاندا كۆلنىڭ تىگىدىكى تۇمان يۇقالغانغا قەدەر كۈتەيلى!»دىدىم.
   مەن گېپىمنى دەپ بولغۇچە سىمىز ئالدىغا بىرقانچە قەدەم ماڭدى. ئۇ بىر تەرەپتىن پەلەمپەيدى پەسكە چۈشكەچ، يەنە بىر تەرەپتىن ماڭا:« ھېچقىسى يوق، مەن ئاۋال چۈشۈپ قاراپ باقاي ئەگەر راستلا بىرەر مەسىلە بولسا دەرھال قايتىپ چىقىمەن»دىدى.
   مەن ئۇنىڭ مىجەزىنى بىلگەچكە ئۇنى توسىمىدىم. ئۇ پەلەمپەيدىن ئايلىنىپ تامنى بويلاپ ئازراق ماڭغاندىن كېيىن، بىر نەرسىگە سوقۇلۇپ كەتكەندەك بولدى-دە، زوڭزۇيۇپ ئولتۇرۇپ قاراشقا باشلىدى. ئۇ بىردەم قارىۋەتكەندىن كېيىن، ئۈنلۈك ئاۋازدا:« ھۇ ئاناڭنى! بۇ يەردە چەتئەلچە يېزىق بار ئىكەن!»دىدى.
   مەن بۇ گەپنى ئاڭلاپ ھەيران قالدىم. بۇ قانداقمۇ مۇمكىن بولسۇن؟ مىڭ سۇلالىسى دەۋرىدىكى قەدىمىي قەبرىدە چەتئەلچە يېزىق باركەن دىگەن قانداق گەپ؟
«سەن نىمىلەرنى دەپ يۈرەيسەن؟ قاپارتما رەسىملەرنى چەتئەلچە يېزىق دەپ يۈرمىگەنسەن-ھە؟»دىدىم مەن.
سىمىز ئاچچىقلاپ:« ئاكاڭ گەرچە چەتئەلچىنى بىلمىسەممۇ ABCDدىگەندەك ھەرىپلەرنى تۇنىغۇچىلىكىم بار جۇمۇ! سەن مىنى بەك سەل چاغلاپ قاپسەن! ئىشەنمىسەڭ ئۆزۈڭ چۈشۈپ قاراپ باق!»دىدى.
   مەن:« ئۇنداقتا ئۈستىگە يېزىلغانلىرى نىمە خەتلەركىن، ماڭا ئۇقۇپ بەرگىن!»دىدىم.
   سىمىز تېخىمۇ جىلە بولۇپ:« ھۇ ئەبلەخ! ئەگەر مەن بۇلارنى چۈشىنەلىگەن بولسام سىنى كۆرۈپ باق دەمدىم!؟»دىدى.
   مىنىڭ پەقەتلا چۈشكۈم يوق ئىدى، بىراق شۇ تاپتا مەندىمۇ نىمە ئامال؟مەن ئېغىر ئۇھ تارتىپ قويۇپ، سىمىزنى دوراپ پەسكە قاراپ مېڭىشقا باشلىدىم. قارىغاندا بۇ كۆل پۈتۈن قۇراشتۇرۇلۇپ ئاندىن بۇ يەرگە ئورۇنلاشتۇرۇلغاندەك قىلاتتى. پەلەمپەينىڭ بىر تەرىپى تامغا پاتۇرۇلغان ئىدى. مەن پۇتۇم بىلەن قاتتىق-قاتتىق دەسسەپ باقتىم. بۇ پەلەمپەي راستلا بەك پۇختا بولۇپ، ئۆرۈلۈپ چۈشۈپ كىتىش خەۋىپى بولۇشى مۇمكىن ئەمەس ئىدى.بۇ ۋاقىتتا بوتولكىمۇ سەكرەپ چۈشتى، بىز بىرىمىز ئالدىدا، بىرىمىز كەينىدە سىمىز تەرەپكە قاراپ ماڭدۇق.
   سىمىز خۇددى تامدەك ھېلىقى پەلەمپەينىڭ پەشتىقىدا تۇراتتى. ئۇ كۆلنىڭ يان تېمىنى كۆرسىتىپ تۇرۇپ:« مانا ئۆزۈڭ قاراپ باققىن، ئەگەر راستلا چەتئەل يېزىقى بولماي قالسا ساڭا قولىقىمنى كىسىپ بىرىمەن!»دىدى.
   مەن سەپسېلىپ قارىدىم، راستلا ئىسكىنە بىلەن ئويۇلغان بىر قانچە چەتئەلچە ھەرىپ تۇراتتى. قارىماققا كونىمۇ ئەمەس، يېڭىمۇ ئەمەس.مەن بۇلارنى بەلكىم 20يىل بورۇن كەنجى تاغاملار كىرگەندە ئويۇپ قالدۇرۇپ قويغان بولىشى مۇمكىن دەپ پەرەز قىلدىم.بىراق يەنىلا ھەيران قېلىۋاتاتتىم. ئەجىبا كەنجى تاغام ئۇخلاپ قالغاندا قالغان ئادەملەر بۇيەرگە كىرگەنمىدۇ؟ئۇنداقتا ئۇلوارنىڭ يۇقاپ كىتىشى مۇشۇ كۆلچەك بىلەن مۇناسىۋەتلىكمىدۇ؟
   سىمىز مىنىڭ ھاڭۋېقىپ قالغىنىمنى كۆرۈپ مىنى ئۇرۇپ قويدى، ۋە:« قېنى تىز گەپ قىلە، راست چەتئەل يېزىقىمىكەن؟»دىدى.
   مەن دەرھال بېشىمنى لىڭشىتىپ تۇرۇپ:« راستكەن، راستكەن، مەن سەندىن ئەپۇ سورايمەن. بۇ راستىنلا ئىنگىلىزچە يېزىقكەن»دىدىم.   سىمىز مەغرۇرلانغان ھالدا تىزىغا مۇشتلاوپ قويۇپ:« بۇ قەبرىنى نىمىشقا بۇنداق غەلىتىدۇ، نىمىشقا بىرەر قىممەتلىك نەرسە ئۇچرىمايدىغاندۇ دىسەم، ئەسلى ئەجنەبىيلەر ئاللىقاچان بىزدىن بۇرۇن كىلىپ بۇ يەرنى قۇرۇقداپ قويۇپتىكەن-دە؟ ئەينى يىللاردا سەككىز دۆلەت بىرلەشمە ئارمىيىسى كىلىپ ھەممىنى ئېلىپ كىتىپ بىزگە ھېچنىمە قالدۇرمىغان ئىدى، مانا ئەمدى ئۇلار كەلمىگەن مۇشۇ يەرمۇ قالماپتۇ!» دىدى.
   مەن بىر ئاز ئويلىنىۋېلىپ:« بۇ چۇقۇم چەتئەللىكلەر قىلغان دىيىشكىمۇ بولمايدۇ. جۇڭگۇلۇقلارمۇ ئىنگىلىزچە يېزىقنى يازالايدىغان تۇرسا، خەنزۇچە خەت ئويۇشتىن ئىنگىلىزچە ھەرىپلەرنى ئويۇش بىرقەدەر ئاسانراق، ئۇنىڭغا ۋاقىتمۇ ئاز كىتىدۇ. بۇ ھەرىپلەر بەلكىم دىمەكچى بولغان سۆزنى قىسقارتىپ يېزىلغاندەك قىلىدۇ. مىنىڭچە بۇ بىر بەلگە. قارا ، بۇ خەتلەر ناھايتى ئالدىراش ئويۇلغاندەك قىلىدۇ.ئېھتىمال ئەينى ۋاقىتتا ئۇلار تۆۋەنگە چۈشىۋاتقاندا تۇيۇقسىز بىرەر جىددى ئەھۋال يۈز بەرگەن بولسا كەينىدىكىلەرگە بەلگە بىرىش ئۈچۈن قالدۇرۇپ قويغان بولىشى مۇمكىن»دىدىم.
   سىمىز:« سىنىڭ دىگىنىڭمۇ ئاساسى باردەك قىلىدۇ. ئۇنداقتا ئۇلار بۇ كۆلنىڭ تىگىگە چۈشۈپ نىمە قىلغاندۇ؟ ئۇ يەردە بىرەر قىممەتلىك بويۇم بارمىدۇ؟» دىدى.
   ئۇنىڭ يەنە بايلىقخۇمارلىق كىسىلى قوزغىلىۋاتقانلىقىنى ئىنىق بىلىپ تۇرىۋاتاتتىم. شۇڭلاشقا ئۇنىڭ بۇ سۆزلىرىگە پىسەنت قىلمىدىم.   سىمىز دەرھال گەپنىڭ «پاسونى»نى ئۆزگەرتىپ:« بىزنىڭ يەنە ۋاقتىمىز بار، بىز يەنىلا چۈشۈپ قاراپ باقايلى، بۇ يەردە تۇچ دىگەندەك نەرسىلەر ئۇچراپ قالسا ئۇنى قۇرال ئورنىدا ئىشلەتسەك بولىدۇ» دىدى.
   مەن تۆۋەنگە قارىدىم. قىممەتلىك بويۇملارغا مەن قىزىقمايمەن ئەمەس، بىراق جان ئامان بولمىسا بايلىق بولغاننىڭ نىمە كېرىكى؟مەن شۇلارنى ئويلاشقا باشلىدىم.    بىراق پەسكە چۈشۈپ كۆرۈپ باقساق ۋېنجىيەن لەر توغۇرلۇق بىرەر يىپ ئۇچى بايقىلىپ قالسىچۇ؟ ئۇ چاغدا بەك ياخشى بولغان بۇلاتتى.   
   شۇ تاپتا مەن پەسكە چۈشۈش ياكى چۈشمەسلىك توغرىسىدا ئىككىلىنىپ تۇرىۋاتاتتىم. تۇيۇقسىز بوتولكا ئېغىز ئاچتى.
» بۇ يەرگە مەن بۇرۇن كىلىپ باققاندەكلا قىلىمەن!» دىدى-ئۇ.



جەنۇپپەرەس ئۈچىنچى تاغىنڭ‹‹ كىپەن ئوغۇرلاش خاتىرسى››ناملىق ئەسىردىن تەرجمە قلىندى
مەزكۈر ئەسەرنىڭ 1-بابىدىن29-بابىغىچە ئانا تۇپراق مۇنبىرىدىكى جاپاكەشلەر تەرجىمە قىلىپ يوللىغان بولۇپ، ئاخىرىنى تىرىشچانلار مۇنبىرىدىكى كىپەن ، جىمجىت ئەپەندىلەر تەرجىمە قىلىپ تىرىشچانلار مۇنبىرىگە يوللىغان ، ئانا تۇپراق تورىنىڭ باشقۇرغۇچىلىرىنىڭ روخسىتى بىلەن ئەسەرنىڭ باش قىسمى تىرىشچانلار مۇنبىرىگە يۆتكەلدى.
تىرىشچانلار مۇنبىرى قۇرغۇچىسىنىڭ رۇخسىتى بىلەن ئەسەر ئالۋاستى سالونىغا يوللاندى.

EzQi0908 يوللانغان ۋاقتى 2014-6-29 09:44:33

بوتولكا شۇنداق دەپ بولۇپلا مىنىڭ ياندۇرۇپ سورىغان سۇئاللىرىم بىلەن كارى بولماي تىز-تىز قەدەملەر بىلەن پەسكە قاراپ يۈگۈردى. مەن ھەقىقى ئەھۋالدىن خەۋەردار بولالايدىغانلىقىمغا كۆزۈم يەتكەندەك بولۇپ، بۇ پۇرسەتنى ئۆتكۈزىۋېتىشنى خالىمىدىم-دە، ئۇنىڭ كەينىدىن ئەگەشتىم.
   كۆلنىڭ تىگىدىكى تۇمان توختىماستىن ئۈستىگە ئۆرلەۋاتاتتى. مەن ئون نەچچە قەدەم ماڭا-ماڭمايلا قۇيۇق تۇمان ئارىسىغا كىرىپ قالدىم. كۆرۈش ئارلىقى بارغانچە غۇۋالىشىپ كەتتى. مەن ھېلىلا ھېچ بولمىغاندا سىمىزنىڭ سىماسىنى كۆرەلەيتتىم، مانا ئەمدىلىكتە پەقەت غۇۋا چاقناپ تۇرغان چىراق نۇرىدىن باشقا نەرسە كۆزۈمگە چېلىقمىدى. سىمىز مەندىن يۈرەكلىك بولغاچقا يوغان-يوغان قەدەملىرى بىلەن بىردەمدىلا مىنى نەچچە قەدەم كەينىدە قالدۇردى.   مەن بارا-بارا سىمىزنىڭ قولىدىكى قولچىرىقىنىڭ نۇرىنى كۆرەلمەيۋاتاتتىم.
   شۇ تاپتا مەن ئازراق قورقۇشقا باشلىدىم.مەن قۇيۇق تۇمانلار ئارىسىدا تۇرىۋاتىمەن، تۆت ئەتراپىمنى ئىنىق كۆرەلمەيتتىم، كۆردۈم دىگەندىمۇ كۆرۈش ئارىلىقى يېرىم مېتىرغىمۇ بارمايتتى. بۇ خىل ھىسيات قاپقاراڭغۇدا تۇرغاندىنمۇ بەكرەك سۈرلۈك بىلىندى.
   كۆل يۈزى بىلەن كۆل تىگىنىڭ ئارىلىقى ئانچە ئۇزۇن ئەمەس بولۇپ، بىر تال تاماكىنى چىكىپ تۈگەتكۈدەك ۋاقىت ئۆتكەندە پۇتۇمنىڭ سوغۇق بىلىنگەنلىكىنى ھىس قىلدىم، مەن ئەسلىدە كۆل تىگىدىكى سۇغا دەسسىگەن ئىدىم.ئەسلىدە كۆلنىڭ تىگىدىكى سۇ پۈتۈنلەي ئېقىپ چىقىپ كەتمىگەن بولۇپ، ھۇشۇققا كەلگۈدەك سۇ بار ئىدى.ئەسلى كۆلنىڭ تىگىدە تېخىچە سۇ بولغاچقا كۆلنىڭ تىگى تەكشى كۆرۈنگەن ئىدى.
   مەن بۇ يەرنى كۈزۈتۈپ ئۆزۈم تۇرىۋاتقان بۇ جاينىڭ دەل تۇماننىڭ مەركىزى ئىكەنلىكىنى بايقىدىم. ھېچنىمىنى كۆرگىلى بولمايتتى. مەن كۆلنىڭ تېمىنى سىلاشتۇرۇپ بىرقانچە قەدەم ماڭدىم، شۇ ۋاقىتتا سىمىزنىڭ :"دىققەت قىل! ئالدىڭدا سۇ كىرىپ كىتىدىغان تۈشۈك باركەن، ئۇنىڭغا دەسسىۋالمىغىن!" دىگىنىنى ئاڭلىدىم.
   مەن پۇتۇم بىلەن سىلاشتۇرۇپ باقتىم، راستلا قاچىنىڭ ئېغىزىچىلىك چوڭلۇقتىكى تۈشۈكلەر بار ئىدى. قارىغاندا بۇ يەردىن ماڭغاندا كۆپرەك ئىھتىيات قىلمىسا بولمايدىغاندەك قىلاتتى.بۇ ۋاقىتتا سىمىز تۇمانلار ئارىسىدىن شۇڭغۇپ چىقىپ مىنى ئۆزىگە ئەگىشىپ مېڭىشقا بۇيرۇدى.
   مەن بېشىمنى لىڭشىتقىنىمچە ئۇنىڭغا ئەگەشتىم. بىرقانچە قەدەم ماڭمايلا تۇيۇقسىز ئالدىمدا قاپقارا بىر نەرسىنىڭ سىماسى پەيدا بولغاندەك بولدى. سىمىز بۇنى ئاللىقاچان كۆرۈپ بولغان بولۇپ، ھېچ قورققاندەك قىلمايتتى. ئۇ مىنى تۇلا سۆرەلمىلىك قىلماي تىزراق مېڭىشقا ئۈندىدى. مەن ئۇنىڭغا ئەگىشىپ مېڭىپ يېقىن بېرىپ قارىسام بايىقى كۆزۈمگە كۆرۈنگىنى تاشتى ياسالغان مايمۇن ھەيكىلى ئىدى. بۇ تۆت دانە تاش مايمۇننىڭ ئىگىزلىكى ئادەمنىڭ بېلىگە كىلەتتى. ئۇلار تاش ئورۇندۇقنىڭ ئۈستىدە ئولتۇرۇپ تىلاۋەت قىلىۋاتاتتى. بۇ نەرسىنىڭ بۇ يەردە يولۇققىنى ماڭا تازا ئەجەبلىنەرلىك بىلىنمىدى.
   مەن ھازىر خېلى خاتىرجەم بولۇپ قالدىم، ئالدىمغا يەنە بىر قانچە قەدەم ماڭدىم.ھېلىقى تۆت دانە تاش مايمۇننىڭ ئوتتۇرىسىدا يەنە بىردانە ئىككى مېتىر ئىگىزلىكتىكى تاش ئابىدىنىڭ چۇقچىيىپ تۇرغانلىقىنى كۆردۈم. بوتولكا شۇ تاپتا قولچىرىقىنى ياندۇرۇپ ئابىدىگە سىنچىلاپ قاراۋاتاتتى.مەن ئۇنىڭغا يېقىنلاپ:" قانداق، بۇ نەرسىلەرنى كۆرۈپ بىر نەرسە ئىسىڭگە كەلدىمۇ؟" دەپ سورىدىم.
   ئۇ ئابىدىنىڭ ئاستىدىكى تەگ تاشنى كۆرسەتتى، مەن تاشنىڭ ئۈستىگە بىر قانچە قاتار خەت ئويۇلغانلىقىنى كۆردۈم.سىمىز بۇنىڭغا قاراپ چۈشىنەلمەي مەندىن ئۇ خەتلەرنىڭ مەنىسىنى سورىدى. مەن:" بۇ يېزىقتىكى مەزمۇنلاردىن بىلىۋالغىلى بولىدۇكى_ قەبرە ئىگىسى بىر ساماۋى قەسىر سالدۇرۇپتۇ، ساماۋى قەسىرگە تۇتىشىدىغان يول دەل مۇشۇ ئابىدىنىڭ ئىچىدە ئىكەن. ئەگەر سىنىڭ تەلىيىڭ بولسا بۇ ئىشىك ئېچىلىدىكەن، سەن مۇشۇ ئىشىكتىن مېڭىپ ساماۋى قەسىرگە چىقالايدىكەنسەن"دىدىم.
   سىمىز تاش ئابىدىگە قاراپ قويۇپ:" پوقنى ئىشىك بولامدۇ!!؟" دەپ، تىللاپلا كەتتى.
   مەن ئۇنىڭغا:" بۇ يەردە دىيىلگىنى ئىككى بىسلىق گەپتەك قىلىدۇ، بۇنى ئوخشىمىغان ئادەم ئوخشىمىغان مەنىدە چۈشىنىدۇ. بۇنىڭ دىمەكچى بولغىنى_ ئەمەلىيەتتە بۇ تاش ئابىدىنىڭ ئىچىدە بىر ئىشىك يوق، بەلكى باشقىچە بىر يۇشۇرۇن مەنانى ئۇقتۇرىۋاتقان بولىشى مۇمكىن"دىدىم.
   سىمىز جىلە بولۇپ:" ئاناڭنى! بۇنىڭدا يەنە نىمە مەنە بولسۇن!؟ يا مەن بىر خەتنىمۇ تۇنۇمىسام..............."دىدى.
   مەن بېشىمنى كۆتۈرۈپ قارىغانتىم، تاش ئابىدىنىڭ بىر تەرىپىنىڭ ناھايتى سىلىق، ۋە پارقىراق ئىكەنلىكىنى بايقىدىم_خۇددى سۈزۈك قاشتېشىدەكلا. بىراق ئۈستىدە يېزىق دىگەندەك نەرسە يوق. مەن سەل تېڭىرقاپ قالدىم، ۋە :" بۇ يەردە تەلىيىڭ بولسا ئېچىلىدۇ دەپتىكەن، قارىغاندا بىزنىڭ تەلىيىمىز يوق ئوخشايدۇ"دىدىم.
   سىمىز "تۈفىي..!"دىگىنىچە پەسكە ئېڭىشىپ يەرنى سىلاشتۇرۇشقا باشلىدى، ئۇ :" مىنىڭ ساماۋى قەسىردىن تەلىيىم بولمىسا كېرەك يوق، پەقەت مىڭ سۇلالىسى دەۋرىدىكى قىممەت باھالىق نەرسىلەر بولسىلا كۇپايە...." دەپ غودوڭشىۋاتاتتى.
   مەن بورۇلۇپ بوتولكىغا قارىدىم، ئۇنىڭ چىرايى سەتلىشىپ كەتكەن ئىدى. قارىغاندا بىر ئىشلار ئىسىگە كەلگەن ئوخشايدۇ. مەن ئۇنڭدىن سۇئال سورىسام ئۇ پىسەنت قىلىپمۇ قويمايتتى،كۆزى بۇ تاش ئابىدىگە مىختەك قادالغان ئىدى.قارىغاندا ئۇ بىر نەرسە ئىزدەۋاتقان بولسا كېرەك. مەن ئازراق غەلىتىلىك ھىس قىلدىم، ئالدىمىزدىكى شۇ بىر تاش ئابىدە تۇرسا، بۇنداق بىرىلىپ قاراپ كەتكۈدەك نىمە ئىش بولغاندۇ؟
   سىمىز قوللىرىنى قېقىشتۇردى، مەن بورۇلۇپ ئۇنىڭغا قارىدىم. ئەسلىدە ئۇ سۇ ئىچىدىن بىر دانە سۇ ئۈزۈش كۆزەينىكى تېپىۋالغان ئىدى. سىمىز ئۇ نەرسىنى كۆرسۈتۈپ تۇرۇپ:" قارىغاندا بۇ يەرگە نۇرغۇن ئادەم كىلىپ باققان ئوخشايدۇ"دىدى.
   مەن يۈگۈرۈپ بېرىپ ئۇ نەرسىگە قارىدىم، ۋە:'' كەنجى تاغام ئەينى يىلى بۇ يەردىن قايتىپ چىققنىدا ھېچقانداق سۇ ئۈزۈش ئەسۋابلىرى يوق ئىدى. قارىغاندا بۇ نەرسىلەر ئۇنىڭ ئوخشايدۇ. سەن يەنە قاراپ باققىن ئوكسىگىن تۇڭى بارمىكىن" دىدىم.
   گېپىم تۈگىمەستىلا سىمىز سۇدىن بىر دانە ئوكسىگىن تۇڭىنى كۈتۈرۈپ ئالدى. ئۇ سىناپ بېقىپ ئىشلەتكىلى بولمايدىغانلىقىنى بىلگەندىن كېيىن ئۇنى يەرگە تاشلىۋەتتى. ئارقىدىن:" بۇ يەردە ساپلا ئەسكى-تۈسكى نەرسىلەر بارئىكەن ئەمەسمۇ، بىلگەن بولسام بۇيەرگە چۈشۈپ قۇرۇق ئاۋارە بولماس ئىكەنمەن. بىز يەنىلا تىزراق ئۈستىگە چىقىپ كىتەيلى، ناۋادا بۇ كۆلنىڭ سۈيى قايتىدىن تۇلۇپ ئەسلىگە كىلىپ قالسا ئۇ چاغدا ئۇچۇپمۇ ئۈلگۈرەلمەيمىز!"دىدى.
   مەن سۇ ئورنىغا قارىدىم، قارىغاندا سىمىزنىڭ گېپىنىڭ ئاساسى باردەك قىلاتتى. بىز ئىككىمىز بېرىپ بوتولكىغا بۇ گەپنى ئېيتمقاقچى بولۇپ تاش ئابىدە تەرەپكە ماڭدۇق.   ئاپلا! بۇ يەردە ھېچكىم يوق.مەن ئۇنى چاقىردىم ، يەنىلا جاۋاب يوق.يۈرۈگۈم قارتتىدە قىلدى.   بۇ ئەبلەخ جىندەك بىردەم تۇيۇقسىز پەيدا بولۇپ، يەنە تۇيۇقسىز يۇقاپ كىتىدۇ، لېكىن بۇ قېتىم يۇقاپ كەتمەسلىكى كېرەك.   مەن شۇلارنى خىيال قىلغاچ سىمىزگە ھەممە جاينى ئىزدەشنى بۇيرۇدۇم. گەرچە تۇمان قۇيۇق بولسىمۇ، بىراق بۇ جاي بەك چوڭ بولمىغاچقا بىز بىردەمدىلا ھەممە جاينى ئالا قويماي ئىزدىدۇق. ئاخىرى ئۇنى كۆل تېمىنىڭ تۈۋىدىن تاپتۇق. ئۇ تۈگۈلۈپ ھاڭۋېقىپ ئولتۇراتتى، كۆزلىرى ئالدى تەرەپتىكى بىر نوقتىغا تىكىلگەن ئىدى. مەن ئۇنىڭغا يېقىن بېرىپ كۆزلىرىگە قارىدىم.   ئاپلا !~ئەھۋال چاتاق! ئۇ خۇددى ئۈلۈككىلا ئوخشاپ قالغان ئىدى.
   مەن ئۇنىڭدىن نىمە ئىش بولغانلىقىنى سورىدۇم.   ئۇ ناھايتى پەس ئاۋازدا:" مەن، مەن 20يىل ئاۋالقى ئىشلارنى ئىسىمگە ئالالىدىم...." دىدى.



جەنۇپپەرەس ئۈچىنچى تاغىنڭ‹‹ كىپەن ئوغۇرلاش خاتىرسى››ناملىق ئەسىردىن تەرجمە قلىندى
مەزكۈر ئەسەرنىڭ 1-بابىدىن29-بابىغىچە ئانا تۇپراق مۇنبىرىدىكى جاپاكەشلەر تەرجىمە قىلىپ يوللىغان بولۇپ، ئاخىرىنى تىرىشچانلار مۇنبىرىدىكى كىپەن ، جىمجىت ئەپەندىلەر تەرجىمە قىلىپ تىرىشچانلار مۇنبىرىگە يوللىغان ، ئانا تۇپراق تورىنىڭ باشقۇرغۇچىلىرىنىڭ روخسىتى بىلەن ئەسەرنىڭ باش قىسمى تىرىشچانلار مۇنبىرىگە يۆتكەلدى.
تىرىشچانلار مۇنبىرى قۇرغۇچىسىنىڭ رۇخسىتى بىلەن ئەسەر ئالۋاستى سالونىغا يوللاندى.

EzQi0908 يوللانغان ۋاقتى 2014-6-29 09:51:46

بوتولكا، ياق ئۇنى يەنىلا جاڭچىلىڭ دىگەن تۈزۈك، ئۇنىڭ گەپلىرى ناھايتى تۈز بولۇپ، ئازراقمۇ ھىسيات دىگەن نەرسە يوق. ئۇنىڭ بايانلىرىدىن مەن بۇ يەردىكى سىرلىق جاينىڭ بولۇڭ-پۇچقاقلىرىنى ئىنىق كۆرىۋالغاندەك بولدۇم. بىراق ئۇنىڭ بايانلىرىدىن يەنىلا بۇ كىشىنىڭ زادى قانداق ئادەم ئىكەنلىكىنى بىلگىلى بولمايتتى. بىز يەنىلا ئۇنى جىمغۇر، دانا ياش دەپلا بىلىپ تۇرايلى.
   چوڭقۇر دېڭىز ئاستىدا تۇرۇپ دېڭىز ئۈستىدىكى شىددەت بىلەن باستۇرۇپ كىلىۋاتقان دېڭىز دولقۇنلىرىنىڭ نەرىلىرىنى ئاڭلىغىلى بولمىسىمۇ، بىراق دېڭىز دولقۇنلىرى كىلىش ئالدىدىكى ئاشۇ خىل دىمىق ھاۋانى ھىس قىلغىلى بولاتتى.
جاڭچىلىڭ، ئۇ جىمجىت ھالدا قوشۇمچە قەبرىنىڭ بىر بولۇڭىدا زوڭزىيىپئولتۇرۇپ، ھەمراھلىرىنىڭ بەس-بەستە يەردىكى كۆك رەڭلىك فار-فۇر قاچىلارنى تەتقىق قىلىشىغا قاراۋاتاتتى. بۇ نەرسىلەر ئۇنىڭ ئازراقمۇ دىققىتىنى تارتالمىدى، بىراق ئۇنىڭ بۇ بىرنەچچە ھەمراھى يەردىكى نەرسىلەرگە كىرىشىپلا كەتكەن.
   ئۇلار بۇ قاچىلارنى قولدىن قولغا ئۆتكۈزۈپ سىنچىلاپ قاراپ بېقىشاتتى، بەزىلىرى قاچىلار ئۈستىدىكى گۈللەردىن دەپتەرلىرىگە نۇسخا ئېلىشاتتى، بەزىلىرى قاچىلار ئۈستىدىكى رەسىملەر ھەققىدە مۇلاھىزە قىلاتتى. بۇ ۋاقىتتا بىرسى تۇيۇقسىزلار:" تىز كىلىپ قاراڭلار! بۇ قاچىلارنىڭ تىگىدە بىر سىر باردەك قىلىدۇ!" دەپ ۋارقىرىدى.
   گەپ قىلىۋاتقىنى خولىڭ ئىدى. ئۇ مۇشۇ قېتىمقى تەكشۈرۈش ئەتىرىتىدىكى ئۈچ قىز ئوقۇغۇچى ئىچىدىكى يېشى ئەڭ كىچىكى بولۇپ، ئاتا-ئانىسى يوقىرى دەرىجىلىك كادىر ئىدى. ئۇ ناھايتى ئەركە چوڭ بولغان، ئادەتتە ئەرزىمەس ئىشلار ئۈچۈنمۇ ياقىسىنى تۇتۇپ باشقىلارنىڭ دىققىتىنى جەلىپ قىلىشقا ئامراق ئىدى.ئۇنىڭ گېپى جاڭچىلىڭنىڭ بېشىنى ئاغرىتتى.بىراق بۇنداق ئەتىرەتتە بۇنىڭغا ئوخشاش قىزلار دائىم باشقىلارنىڭ قارشى ئېلىشىغا ئىرىشكەچكە،ئۇنىڭ يېقىملىق ئاۋازى باشقىلارنىڭ دىققىتىنى جەلىپقىلدى.
   باشقا ئوغۇل ئوقۇغۇچىلار ئالدىراش ھالدا ئۇ تەرەپكى كەلدى. ئوغۇللارنىڭ ھەممىسى بۇ قىزنىڭ ئالدىدا ئۆزىنى كۆرسىتىشنى ئويلىغاچقا، بەس-بەستە:" نىمە سىركەن؟ ئەكىلە مەن كۆرۈپ باقاي" دىيىشتى.خولىڭ قولىدىكى قاچىنى دۈم قىلىپ ئۇلارغا كۆرسەتتى. بىرسى بۇنى بىر كۆرۈپلا "بۇ دىگەن بۇ قاچىنىڭ خۇمداندىن چىققاندىكى نومۇرى، بۇ مۇشۇ قاچىنىڭ ئىشلەپچىقارغان ئورنىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ"دىدى.   يەنە بىرى ئۇنىڭ سۆزىگە رەددىيە بىرىپ:" خاتا! مىڭ دەۋرىدىكى خۇمدان بەلگىلىرى بۇنداق بولمايدۇ، بۇ مۇشۇ قەبرە ئىگىسى تەۋە بولغان تۇرار جاي ياكى ساراينىڭ نومۇرىنى ئىپادىلەيدىغان ئويما يېزىق بولىشى مۇمكىن"دىدى.   بىرىنجىسى ئىناۋىتىمنى ساقلاپ قالاي دەپ ئويلىدىمۇ:" ئادەتتە سىنىڭ دىگىنىڭدەك بولسا ئادەتتە تۆت دانە خەتتىن تۈزۈلىشى كېرەك، بۇ يەردە پەقەت بىرلا خەت تۇرمامدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە ناھايتى يات بىر خەت ئىكەن. سىنىڭ دىگىنىڭ ئەسلا مۇمكىن ئەمەس" دىدى.
   ئىككەيلەن ئۆزلىرىنىڭ بىلىملىرىنى كۆز-كۆز قىلىشىپ، بىر-بىرىگە يول قويۇشماي ئاخىرىدا ئۇرۇشۇپ كەتتى، بارا-بارا ماھارەت سىناشماقچى بولغان گۇمپىچىلاردەك قىلىشىپ بىر-بىرىگە ھۆرپەيدى.   بۇ ئىشلارنى كۆپ كۆرۈپ كەتكەن خولىڭ ئۇھ تارتىپ قويدى.ئۇ تۇيۇقسىز بىر بولۇڭدا ئولتۇرغان جاڭچىلىڭنىڭ ئۆزىگە پىسەنت قىلماي بەخىرامان ئولتۇرغانلىقىنىكۆرۈپ قالدى. ئۇ دىمىغىدا"ھىم"قىلىپ قويۇپ، ئۇدۇللا ئۇنىڭ ئالدىغا كىلىپ قاچىنى ئۇنىڭغا سۇنۇپ، شوخلۇق بىلەن:" شىياۋجاڭ، قېنى سىز قاراپ بېقىڭا، بۇ نىمە؟" دىدى.جاڭچىلىڭغا بۇ گەپ خوشياقمىسىمۇ، شۇنداق بىر قاراپلا قويۇپ:" بىلمەيمەن!" دىدى.
   ئۇنىڭ بۇ گېپىدىن خولىڭنىڭ چىرايى ئۆزگەردى. ئوغۇللار ئادەتتە ئۇنىڭغا بۇنداق گەپ قىلىپ باقمىغاچقا، بۇ ئىش ئۇنىڭغا ئېغىر كىلىپ كۆڭلى بىر قىسما بولۇپ قالدى. " شىياۋجاڭ، بۇ ئىشقا سەل قارىساڭ بولمايدۇ، ئاۋال تەپسىلىي قاراپ ئاندىن جاۋاب بىرىڭ" دىدى-ئۇ.   ئۇ شۇنداق دىگىنىچە ھېلىقى قاچىنى جاڭچىلىڭنىڭ قولىغا تۇتقۇزدى.
   جاڭچىلىڭ يەنە بىر ئۇھ ئۇرۇپ قويۇپ، ئامالسىز قاچىنى قولىدا تۇتتى.خولىڭ كۆرەڭلىگىنىچە قاچىنىڭ تىگىنى ئۇنىڭغا كۆرسەتتى.بۇ فار-فۇر قاچىنىڭ تىگىدە راستلا ئالاھىدە بىر ئويما يېزىق تۇراتتى.
   جاڭچىلىڭ بۇنى ئەزەلدىن كۆرۈپ باقمىغان بولۇپ، قاراپلا ھەيران قالدى. ئادەتتە فار-فۇر قاچىلارنىڭ تىگىدە خۇمدان نومۇرى بولىدىغان، بۇ قاچا ئوخشىمايدىغان بولۇپ، ئۇنىڭدا بىر رەت نومۇر تۇراتتى. ئۇ قولىدىكىنى قويۇپ قويۇپ يەنە بىرنى ئېلىپ قاراپ باقتى، دەرۋەقە ئۇنىڭدىمۇ ئاشۇنداق سان بولۇپ، ئالدىنقىسى بىلەن ئوخشاشمايتتى. شۇ تاپتا ئۇ بۇ فار-فۇر قاچىلارنىڭ جەسەت بىلەن بىرگە دەپنە قىلىنغان ئاددى بويۇم ئەمەسلىكىنى غۇۋا ھىس قىلىۋاتاتتى.
   خولىڭ ئۇنىڭ چىرايىدىكى ئۆزگۈرۈشنى كۆرۈپ، بۇ "مۆرىمەس"نى ئاخىرى سۆزلىتىدىغان بولدۇم دەپ ئويلاپ "قانداق، بۇ زادى نىمىكەن؟" دەپ سورىدى.بىراق جاڭچىلىڭ ئۇنىڭ گېپىنى ئاڭلىمىغاندەك، ئالدىراش ھالدا يەردە تۇرغان قاچىلارنى بىر-بىردىن كۆرۈشكە باشلىدى. قاچا تىگىدە بىر-بىرىگە ئوخشىمايدىغان رەت نومۇرى بار بولۇپ، قانۇنيەتلىك ھالدا ئۇيۇلغاندەك، قانۇنيەتلىك ھالدا تىزىپ يەرگە قويۇلغاندەك قىلاتتى.
   نىمىشقا بۇ قاچىلارغا رەت نومۇرى ئويۇپ قويىدۇ؟ ئەجىبا بۇ قاچىلار مەلۇم مەقسەتتە مۇشۇنداق قانۇنيەتلىك تىزىپ قويۇلغانمىدۇ؟ ئەگەر مۇشۇ قانۇنيەتكە بويسۇنمىغاندا مەلۇم مەقسەتكە يەتكىلى بولمايدۇ دىگەننى ئىپادىلەمدىغاندۇ؟ جاڭچىلىڭنىڭ كۆڭلىدە سانسىز سۇئاللار ئۈزۈپ يۈرەتتى.ئۇ بۇ قاچىلارغا زەن سېلىپ قاراشقا باشلىدى.
   ئۇ يەنە قاچىدىكى باشقا رەسىملەرگە قاراشقا باشلىدى. ئۈستىدىكىسى قانداقتۇر تېرىقچىلىق قىلىۋاتقان كۈرۈنۈش ئەمەس، ۋە ياكى باشقا ئىمارەتلەر ئەمەس، بەلكى بىر قۇرۇلۇشچىنىڭ چوڭ بىر تاش ھەيكەلنى ئويىۋاتقان كۆرۈنىشى، بۇ كۆرۈنۈشنى نىمە دەپ بۇ قاچىلارنىڭ ئۈستىگە ئۇيۇپ قويغاندۇ؟
   ئۇ بىر تەرەپتىن تەرتىپ بويىچە قاراپ بىر ۋەقەلىكنى بايقىغاندەك بولدى.بۇ رەسىملەرگە ئايرىم-ئايرىم قارىغاندا ھېچقانداق مەنە ئۇقتۇرمايدىكەن، بىراق مەلۇم تەرتىپ بۇيىچە قارىغاندا ئاندىن بۇ رەسىملەرنىڭ چوڭ بىر قۇرۇلۇشنىڭ ئىلگىرلەش ئەھۋالىنى كۆرسىتىپ بىرىدىغانلىقىنى بايقىغىلى بولىدىكەن.
   بۇ ۋاقىتتا باشقىلارنىڭ ھەممىسى ئۇنىڭ بۇ غەلىتە ھەركەتلىرىدىن ھەيران بولۇپ قاراۋاتاتتى. بىرقانچە ئوقۇغۇچى ئۇنى زادى نىمە ئويۇن كۆرسىتىۋاتىدىغاندۇ دىگەندەك ھەيرانلىق ئىچىدە ھاڭ-تاڭ بولۇشقان ئىدى.
   جاڭچىلىڭنىڭ باشقىلار بىلەن كارى يوق ئىدى.ئۇ ماڭا ئوخشاش بىر-بىر ھەممىسىنى كۆرۈپ چىقماي ئەڭ ئاخىرىغا قويۇلغان قاچىنىڭ يېنىغا يۈگۈرۈپ باردى. ئۇ ئاشۇ قاچىنى قولىغا ئېلىپ قارىدى. ئۈستىدىكىسى پۈتۈن قۇرۇلۇشنىڭ پۈتۈپ بولغاندىكى كۆرۈنىشى ئىدى.
    ئۇ تىل ئىپادىلەپ بەرگىلى بولمايدىغان قۇرۇلۇش بولۇپ، ھاۋادا لەيلەپ تۇراتتى. قۇرۇلۇش قىلغۇچىلار يەردە تۇرۇپ كۆكتىكى بۇ ھەيۋەتلىك ئىمارەتكە قاراۋاتاتتى. يان تەرەپتىكى تاغ ئۈستىدە تۇرغان بىر ئادەمنىڭ چىرايىدىن تەبەسسۇم جىلۋىلىنىپ تۇراتتى.
   گەرچە بۇ كۆرۈنۈشلەر پۈتۈن قۇرۇلۇشنىڭ ناھايتى ھەيۋەتلىكلىكىدىن باشقا نەرسىنىئىادىلەپ بىرەلمىسىمۇ، بىراق جاڭ چىلىڭ بىر نەرسىنى چۈشەنگەندەك ھاياجانلىىنىپ كەتتى.   ئۇ بۇ قۇرۇلۇشنىڭ مىڭ سۇلالىسىنىڭ دەسلەپكى مەزگىللىرىدىكى ئاتاقلىق قۇرۇلۇش ئۇستىسىۋاڭ ساڭخەي لاھىيىلىگەن بولۇتقا تاقاشقان ساماۋى قەسىر ئىكەنلىكىنى جەزىملەشتۈردى.
   بۇ بىر رىۋايەت تۈسىنى ئالغان قۇرۇلۇش لايىھىسى بولۇپ، ئۇنىڭدا دىيىلگەن قۇرۇلۇش كۆكتە لەيلەپ تۇراتتى. ئەينى ۋاقىتتا ۋاڭساڭخەينىڭ چوڭ بىر گاز شارىغا نۇرغۇن تۈمۈر سىملار ئارقىلىق بۇ قۇرۇلۇشنى مۇقۇملاشتۇرغانلىقىدەك بايانلار بار ئىدى.
   ئەگەر بۇ رىۋايەت راست بولسا، ئۇنداقتا بۇ يەردىكى كۆرۈنۈش زادى نىمىنى ئىپادىلەيدۇ؟رىۋايەت ، رىئاللىق............... جاڭچىلىڭ قايمۇقۇپلا قېلىۋاتاتتى.
   جاڭچىلىڭ خېلى ئويلانغاندىن كېيىن، بۇ گەپلەرنى ھەمراھلىرىغا ئېيتىپ بەردى. بىراق ئۇلار بۇنىڭغا ئىشەنمىدى. ئۇلارمۇ جاڭچىلىڭنى دوراپ قاچىلارنى بىردىن-بىردىن كۆرۈشكە باشلىدى. ئاخىرى ئۇلارمۇ بۇ ئىشتىن ھەيران بولۇشۇپ ھات-تاڭ بولۇشتى. بۇ جۇڭگۇ تارىخىدىكى كەمدىن-كەم ئۇچرايدىغان ئىش بولۇپلا قالماي يەنە ئادەمنىڭ ئەقلى يەتمەيدىغان بايقاش ئىدى.ھېلىقى خولىڭ ئۆزىنىڭ قىلغان ئىشىدىن پەخىرلىنىپ خۇشاللىقىدىن قېن-قېنىغا پاتماي قالدى. ئۇ خۇشاللىقىدا جاڭچىلىڭنىڭ يۈزىگە بىرنى سۆيدى. بۇنى كۆرۈپ قالغانلارنىڭ كۈندەشلىكى تۇتتى.
   بىراق جاڭچىلىڭدا ھېچقانداق ئىنكاس يوق، ئۇ بىرىلىپ بۇ ئىشلار ئۈستىدە باش قاتۇرىۋاتقاچقا كىمنىڭ ئۆزىنى سۆيۈپ قويغانلىقىنىمۇ بىلمەي قالغان ئىدى، ھەم بۇنى بىلىشنىمۇ خالىمايتتى.   ئۇ دەرھال ۋېنجىننىڭ يېنىغا بېرىپ دەرھال قەبرە ئىچىنى ئاختۇرۇشنى تەلەپ قىلدى. ئۇ تېخىمۇ كۆپ يىپ ئۇچىنى ئىچكى ۋە تاشقى قەبرىلەردىكى تاۋۇتلاردىن ئىزدەپ تاپقىلى بولىدۇ-دەپ قارايتتى.
   ۋېنجىن باش مەسئۇل خادىم بولغاچقا، بۇنداق قىلىش بەك خەتەرلىك دەپ ئويلاپ، ئالدىراش:" بولمايدۇ! قەتئىي بولمايدۇ! مەخسۇس يول باشلىغۇچىلار بولمىغان ئەھۋالدا بىز ئۆزىمىز قەبرە ئىچىگە كىرسەك بولمايدۇ!"دىدى.
   جاڭچىلىڭ ئۇنىڭ قۇشۇلمىغىنىنى كۆرۈپ، گەپ قىلماي، ئۆزىنىڭ نەرسە-كېرەكلىرىنى يىغىشتۇرۇپ قەبرە يولىغا قاراپ ماڭدى.
ۋېنجىننى ئاياللار ئىچىدىن چىققان مەشھۇر زات دىيىشكە بولاتتى. ئۇ جاڭچىلىڭنىڭ ئۆزىنى كۆزگە ئىلمىغانلىقىنى كۆرۈپ، خاپا بولۇپ قالدى.ئۇ جاڭچىلىڭنى ئۇچۇغداپ قويماقچى بولدى. ئادەتتە تەتقىقات ئورنىدىمۇ گەپ ئاڭلىمىغان سويمىلارنى ئۆزىنىڭ گۇمپىسى ئارقىلىق ئەدەپلەيتتى.
   ئۇ ئالدىغا چىقىپ قوللىرىغا كۈچ يىغىپ چاققانلىق بىلەن جاڭچىلىڭنىڭ جەينەك بوغۇمىدىن تۇتۇپلا ئۇنى ۋايجان دىگۈزمەكچى بولدى.باشقا ئوغۇللار كۆپۈنچىسى بۇ گۇمپىنىڭ تەمىنى تېتىپ باققان بولغاچقا شۇ تاپتا جاڭچىلىڭنىڭ قىززىقچىلىقىنى كۆرۈشكە تەييارلانغاندەك قارىشاتتى.
   ۋېنجىننىڭ ھەركىتى ناھايتى چاققان ئىدى، ئادەتتە خېلى گۇمپا مەشىق قىلغان ئادەملا ئۇنىڭ بۇ گۇمپىسىدىن مۇداپىئەلىنەلەيتتى.كىم بىلسۇن، ئۇنىڭ بۇ ماھارىتى ئىشلىمىدى. ئۇ ئەمدىلا جاڭچىلىڭنىڭ بىلىكىگە قولىنى ئاپىرىشىغا جاڭچىلىڭ چاققانلىق بىلەن بىرياققا ئۆتۈپ ئۇنىڭغا ئالىيىپ تۇرۇپ:" خاتىرجەم بولۇڭ، مەن ئۆزۈمنىڭ ھالىدىن ئۆزۈم خەۋەر ئالالايمەن!" دىدى.
   ۋېنجىن سوغۇققىنا كۈلۈمسىرەپ:" سەن نىمىگە تايىنىپ ئۆزۈڭنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالىسەن؟ شىياۋجاڭ، سەن تەتقىقات مەركىزىدىمۇ مۇشۇنداق ئىنتىزامسىز ئادەم ئىدىڭ، بىراق ئوبدان ئويلۇشۇپ باققىن، بۇ دىگەن قەدىمىي قەبرە! سەن ئۆزۈڭنىلا ئويلىساڭ بولمايدۇ، كۆپچىلىكنىڭ بىخەتەرلىكىنى ئويلۇشۇڭ كېرەك!" دىدى.
   جاڭچىلىڭ بېشىنى لىڭشىتىپ:" مەن ئويلىشىمەن. خاتىرجەم بولۇڭ، مەن تىز بېرىپ، تىز قايتىمەن" دىدى.
   ۋېىنجىننىڭ ئاچچىقتىن يۈزلىرى قىزىرىپ كەتتى. ئۇ ئالدىغا ئېتىلىپ بېرىپ جاڭچىلىڭنى تارتىپ: " بولمايدۇ! بۇنداق قىلىشىڭغا روخسەت يوق! بىزنىڭ ھېلىمۇ بىر ئادىمىمىز كەملەپ كەتتى، ھېلىمۇ مەن يۇقىرىغا بۇ ئىشنى نىمە دەپ چۈشەندۈرۈشنى بىلمەيمەن! " دىدى.
   جاڭچىلىڭ تاقەتسىزلەنگەندەك، كۆزلىرىنى چەكچەيتىپ قاراپ:" مىنى قۇيىۋېتىڭ!" دىدى.
   ۋېىنجىن ناھايتى كەسكىنلىك بىلەن ئۇنىڭغا تىكىلىپ قاراپ تۇراتتى. مىنىڭچە بۇنداق چىرايلىق بىر قىز بىر ئوغۇلغا مۇنداق قاراپ تۇرسا، ئوغۇل ئاستا-ئاستا ئۇنىڭ "ئەل" بولماي قالمايدۇ.بىراق جاڭچىلىڭ تېخىمۇ ئاچچىقلاپ، ئۇنىڭغا سەت ئالىيىپ قارىدى، ۋېنجىن ئۇنىڭ بۇ ھالىتىدىن قورقۇپ ئاستا قولىنى بۇشاتتى.
   جاڭچىلىڭ ۋېنجىندىن قۇتۇلغاندىن كېيىن، ئۇنىڭ كۆزلىرى ئادەتتىكى ھالەتكە قايتىپ كەلدى. ئۇ ۋېنجىنگە بېشىنى لىڭشىتىپ قويۇپ:" رەھمەت!"دىدى.
   باشقىلار بۇ ئەھۋالنى كۆرۈپ ۋېنجىننى جاڭچىلىننىڭ تەلىپىگە قوشۇلدى دەپ ئويلاپ، ھەممىسى قايىل بولمىدى. ئادەمنىڭ مىجەزى شۇنداق غەلىتە بولىدىغان ئوخشايدۇ_ ھېچكىم قائىدىنى بۇزمىسا ھەممىسى جىم، بىرسى قائىدىنى بۇزۇپ قويدىمۇ ھەممىسى شۇنىڭغا ئەگىشىدۇ.    باشقىلار جاڭچىلىڭنىڭ قەبرە يولىغا كىرىپ كىتىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ بىر تەرەپتىن ئۇنىڭ بارلىق شان-شەرەپكە ئۇنىڭ ئىگە بولىۋېلىشىدىن ئەنسىرىسە، يەنە بىر تەرەپتىن ئاللىقاچان ئۈچەي دەپ قالغان قىزىقىشئوتلىرى قايتىدىن يالقۇنجىدى. ئۇلارمۇ ۋارقىرىغان پېتى جاڭچىلىڭغا ئەگەشتى.
   ۋېنجىن بىر ئايال كىشى. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇ باياتىن قولىنى قۇيۇپ بىرىشى بىلەن تەڭ ئۆزىنىڭ بۇ يەردىكلەرگە قارىتا كونتروللۇق ھوقۇقىنى ئاللىقاچان يۇقاتقان ئىدى. ئىش بۇ يەرگە بېرىپ يەتتى، قولىدا قۇرال بولغان بولسىغۇ ئۇلارنى قورقۇتۇپ بولسىمۇ توسىۋالغىلى بولاتتى..... بىراق ھازىر ئامال يوق.
   كەنجى تاغامنىڭ مىجەزى تېخىمۇ تەرسا، ئەگەر بايىقىدەك ئەھۋالدا ئۇ بولۇپ قالىدىغان بولسا، ئىنىقكى جاڭچىلىڭ بىلەن قاتتىق ئۇرۇشقان بولاتتى، ئۇ چاغدا ئىشنى يىغىشتۇرىۋالغىلى بولمايتتى.
   شۇنداق قىلىپ ۋېنجىن ئۇلارنى باشلاپ قەبرە يولىغا كىرىپ تەكشۈرۈپ بېقىشنى، بىراق بېرىپلا تىز قايتىشنى قارار قىلدى. ئۇمۇ نۇرغۇن قېتىم قەبرە قېزىشقا قاتناشقان، ئادەتتىكى قەبرە بولغان بولسا ئىدى، بۇ ئىش ئۇنىڭ ئۈچۈن ھېچ گەپ ئەمەس. بىراق بۇ ئوخشىمايدۇ-دە.
   ئۇنىڭ ئاخىرىدىكى جەريانلار بىزنىڭكى بىلەن ئاساسەن ئوخشىشىپ كىتىدىكەن. ئۇلارنىڭ قانداق قىلىپ قاتمۇ-قات تۇساقلار ۋە ئازدۇرۇشلاردىن ئۆتۈپ كۆلنى تاپقانلىقى ۋە كۆل تىگىگە چۈشكەنلىكىگە كەلسەك_ بۇنى مەن تەپسىلىي بايان قىلىشنى توغرا تاپمىدىم، چۈنكى بۇ مەسىلىنىڭ مۇھىم نوقتىسى ئەمەس.جاڭچىلىڭمۇ بۇ ئىشلارنى سۆزلەپ ئولتۇرماي بىراقلا كۆلنىڭ تىگىدىكى تاش ئابىدىدىن باشلاپ سۆزلىدى.
   بۇ كۆلنىڭ تىگىدىكى تۇمان ئۇلارنىڭ قولىدىكى قولچىرىقىنىڭ يۇرىقىدا ئادەمنىڭ قورققۇسىنى كەلتۈرىدىغان ھەرخىل-ھەرياڭزا ئادەمنىڭ چىرايىغا ئۆزگۈرۈپتۇ.   ئەڭ ئاخرىغا كۆلنىڭ تىگىگە چۈشكەندە نۇرغۇن ئادەملەر تۇمان ئىچىدە بىر-بىرى بىلەن ئىتتىرىشىپ، خۇددى ھېلى ئېتىلىپ چىقىدىغاندەك كۆرۈنۈپ ھەممەيلەننى چۈچۈتۈپتۇ.
   جاڭچىلىڭ بۇ ئەھۋاللارنى كۆرۈپ ئازراقمۇ ھۇدۇقماپتۇ. ئادەتتە پو ئېتىڭ دىسە ئېغىزى بېسىقماي سۆزلەيدىغان باشقا ئوقۇغۇچىلار بولسا شۇ تاپتا جاڭچىلىڭنىڭ كەينىگە مۆكىۋالغان.بۇنى كۆرگەن خولىڭ " قاراڭلار سىلەرنى، جاڭچىلىڭغا سېلىشتۇرغاندا يېشىڭلاردىن ئۇنىڭدىن چوڭ، ئۇنى ئازراق بولسىمۇ دورىساڭلار بولمامدۇ، تۇلا ئادەمنىڭ يۈزىنى چۈشۈرمەي" دەپتۇ.
    خولىڭنىڭ شۇنداق دىگىنىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، باشقىلار ھەممىسى بىردىنلا روھلىنىپ كىتىپتۇ، ۋە بىردىنلا جاڭچىلىڭنىڭ ئالدىغا ئۆتۈپ مېڭىپتۇ. كۆلنىڭ ئىچى ئانچە چوڭ بولمىغاچقا ئۇلار بىرقانچە قەدەم مېڭىپ بېقىپ ھېچ ئىس بولمىغانلىقىنى كۆرۈپ يۈرىكى تېخىمۇ يۇغىناپ ئۇدۇللا تۇماننىڭ مەرىكىزىگە بېرىپ قاپتۇ. ئەڭ ئالدىدا ماڭغىنى بىردىنلا قاتتىق ۋارقىراپ" ئالدىمىزدا بىر غەلىتە مەخلۇق بار ئىكەن!" دىگىنىچە ئارقىسىغا قېچىپتۇ. جاڭچىلىڭ ئۇنىڭغا پىسەنت قىلماي قالغان بىرقانچەيلەننى باشلاپ ئۆزى ئالدىغا مېڭىۋىرىپتۇ، شۇندىلا ئۇ بايىقى ئوقۇغۇچى دەپ ئۆتكەن غەلىتە مەخلۇقنى كۆرۈپتۇ. ئۇ دەل بىز كۆرگەن تۆت دانە تاش مايمۇن ئىكەن. ئارقىدىن يەنە سىرلىق تاش ئابىدىنى كۆرۈپتۇ.
   باشقىلار بۇلارنى كۆرۈپ ھاڭ-تاڭ بولۇشۇپتۇ، گەرچە بۇ نەرسىلەر ئۇنچىۋالا ھەشەمەتلىك بولمىسىمۇ ، بىراق بۇ يەردە مۇشۇنداق نەرسە ئۇچرىتالىغانلىقىغا خۇش ئىكەن. ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ ئۆگەنگەن نەزىريىۋى كىتابلىرىنى ئۆرۈشۈپ ئاخىرى بۇ نەرسە مۆلچەرلىگۈسىز ئارخئولوگىيىلىك قىممەتكە ئىگە دىيىشىپتۇ.   ھەتتا ۋېنجىنمۇ بۇنى كۆرۈپ ھەيرانلىقتىن گەپ-سۆز قىلماپتۇ.
   خاپىلىقتىن كېيىن خۇشاللىق كەلگىنىدەك،بايىقى قورقۇش ھىسلىرى ئاللىقاياقلارغىدۇ يۇقۇلۇپ، ھەممىسى كۆز ئالدىدىكى بۇ نەرسە توغرىسىدا باش قاتۇرۇشۇپتۇ. ئۇلارنىڭ كۆپۈنچىسى" ئەگەر بۇ بايقاش سىرتقا ئېلان قىلىنىدىغان بولسا ئۆزلىرىنىڭ بىردىنلا نامى چىقىپ كىتىدىغانلىقىنى ئويلاپ، ھاماقەتلەرچە ھىجىيىپتۇ، يەنە بەزىلىرى ھاياجاندا ئۆزىنى تۇتىۋالالماي ئۇسۇلغا چۈشكىلى تاس قاپتۇ.
   بىراق بۇ ۋاقىتتا كۆلنىڭ تىگىگە چۈشۈپ مۇشۇلارنى بايقاشقا سەۋەبچى بولغان جاڭچىلىڭ بولسا قاپاقلىرىنى تۈرگەن ھالدا، بۇ نەرسىلەرگە ناھايتى تەپسىلىي قاراشقا باشلاپتۇ. ئۇ ئاللىقاچان ئابىدە تاشقا ئويۇلغان يېزىقنى كۆرگەن،_ "بۇ يەرگە كەلگەن كىشىنىڭ تەلىيى بولسا، بۇ جايدىكى ساماۋى قەسىرنىڭ ئىشىكى ئۆزلىكىدىن ئېچىلىدۇ، ئۇ ئادەم مۇشۇ ئىشىك ئارقىلىق ساماۋى قەسىرگە چىقالايدۇ....."
   ئۇ پۈتۈن دىققىتى بىلەن تاشقا ئويۇلغان مۇشۇ سۆزلەر ھەققىدە ئويغا چۆمۈپتۇ.ئۇنىڭچە بولغاندا بۇ جۈملىلەر ھېچ سەۋەبسىزلا بۇ يەرگە يېزىپ قويۇلمىغان، قەبرە ئىگىسىنىڭ بۇ جايغا بۇ نەرسىلەرنى ئورۇنلاشتۇرىشىدا چۇقۇم مەلۇم مەقسەت-مۇددىئاسى بار.
   ئۇنداقتا بۇ يەردە دىيىلىۋاتقان ساماۋى قەسىرگە تۇتىشىدىغان يول زادى قانداق گەپ؟ قانداق كىشى تەلەيلىك كىشى ھىسابلىنىدۇ؟ ئۇ تاش ئابىدىنىڭ ئەتراپىنى ئالا قويماي ئىدەپ بېقىپتۇ، بىراق تاش ئابىدىدە باشقا نەرسە بايقىماپتۇ.
   باشقىلارمۇ بىردەم چۇرقىراشقاندىن كېيىن ئاستا-ئاستا جىم بولۇپ قاپتۇ.ۋېنجىيەن خېلى ۋاقىت ئۆتۈپ كەتكەنلىكىنى، بۇ يەردە يەنە تۇرىۋىرىشنىڭ ياخشى چارە ئەمەسلىكىنى پەملەپ بۇ يەردىن قايتىپ كىتىشكە بۇيرۇق قىپتۇ.باشقىلار كۈلىدىغىنى كۈلۈپ، كۆرىدىغىنى كۆرۈپ بولغاچقا ھەممىسى پەلەمپەي تەرەپكە يۈزلىنىپتۇ. ۋېنجىيەن ئادەملەرنى ساناپ بېقىپ جاڭچىلىڭنىڭ تېخىچە قايتمىغانلىقىنى بايقاپتۇ.
   دەسلەپتىلا ئىنتىزامغا بويسۇنمىغان جاڭچىلىڭ مانا ئەمدىلىكتىمۇ قايتىپ كىتىشنى خالىماپتۇ.   ۋېنجىيەن بۇنى كۆرۈپ جاڭچىلىڭنىمۇ بىرگە ئېلىپ چىقىپ كەتمەكچى بولۇپ، باشقىلارنى مېڭىۋىرىشكە بۇيرۇپ، ئۆزى بىر ئادەم تۇمان ئىچىگە قاراپ مېڭىپتۇ.
   ۋېنجىيەن بېرىپ قارىسا جاڭچىلىڭ يەردە زوڭزۇيۇپ ئولتۇرۇپ تاش ئابىدىنى تەتقىققىلىۋاتقان.ئۇ ئاۋازى ناھايتى قۇپال ھالدا:" سىز زادى ماڭامسىز-ماڭمامسىز؟!........"دەپ توۋلاپتۇ. ئۇ ئەمدىلا گەپنىڭ يېرىمىنى دىيىشىگە خولىڭ جېنىنىڭ بارىچە ئۇنىڭ بىلىكىنى تارتىپ ئۇنى گەپ قىلماسلىققا ئۈندەپتۇ. ۋېنجىيەن ئەتراپىغا قاراپ باشقىلارنىڭ ناھايتى ھۇدۇقۇپ كەتكەنلىكىنى كۆرۈپ ھېچنىمىنى چۈشىنەلمەي جىم بولۇپ قاپتۇ.   خولىڭ ئۇنىڭ ھېچنىمىنى چۈشەنمىگەنلىكىنى كۆرۈپ تۇمان ئىچىنى كۆرسىتىپتۇ.ئۇ شۇندىلا جاڭچىلىڭنىڭ ئالدى تەرىپىدە بىر ئادەمنىڭ تۇرغانلىقىنى كۆرۈپتۇ.

EzQi0908 يوللانغان ۋاقتى 2014-6-29 09:52:53


ھېلىقى غايەت زور ئادەم كۆلەڭگىسىنىڭ ئىگىزلىكى تاش ئابىدىنىڭ ئىگىزلىكىچىلىك كىلەتتى. بېشى ۋە بوينى بارلىقىنى غۇۋا پەرق قىلغىلى بولاتتى. بۇ ئىنىقكى ئادەمدىن باشقا نەرسە ئەمەس. ئۇنىڭ ئىگىلىپ تۇرغان ھالىتى ئادەمگە ناھايتى قورقۇنۇچلۇق تۇيغۇ بىرەتتى، كۆرگەن ئادەم ئىختىيارسىز تىتىرەك بېسىپ كىتەتتى.
   ۋېنلىڭ تەرلەشكە باشلىدى. ئۇلار بىر سەپ بولۇپ تاش پەلەمپەي بىلەن كۆلنىڭ تىگى تۇتىشىدىغان جايدا تۇراتتى. ھېلىقى غايەت زور ئادەم كۆلەڭگىسى بىلەن بولغان ئارلىقى يېقىنمۇ ئەمەس، يىراقمۇ ئەمەس ئىدى. كۆلنىڭ ئىچىدىن توختىماي قۇيۇق تۇمان كۆتۈرۈلۈپ تۇرىۋاتقاچقا بىر نەچچە ئادەمنىڭ قولىدىكى قولچىرىقىنىڭ يۇرىقىدا كۆل ئىچىدىكى بۇ مەخلۇقنىڭ ئادەم ياكى ئالۋاستى ئىكەنلىكىنى ئىنىق پەرق قىلغىلى بولمايتتى. ھېلىلا ھەممەيلەن كۆل ئىچىدە پەقەت تۆت دانە تاش مايمۇن ۋە ھېچقانداق خەت يېزىلمىغان تاش ئابىدىدىن باشقا نەرسە يوق ئىكەنلىكىنى جەزىملەشتۈرگەن تۇرسا، بۇ غايەت زور چوڭلۇقتىكى«ئادەم»زادى قاچانلاردا بۇ يەردە پەيدا بولۇپ قالغاندۇ-ھە؟    بۇنى ھېچكىم سەزمىگەن ئىدى.
   يەنە كىلىپ بۇ ئۆلگۈر جاڭچىلىڭمۇ ھېچنىمىنى ئاڭقىرالماي قالغان ئىدى. ئۇ ئاۋالقىدەكلا تاش ئابىدىگە قاراپ خىيالغا چۆمگەن ئىدى. ئۇنىڭ زادى نىمىنى ئويلاۋاتقانلىقىنى بىلىپ بولمايتتى.شۇ تاپتا ۋېنجىيەن ئاچچىقتىن يېرىلاي دەۋاتسىمۇ، جاڭچىلىڭغا چېچىلغۇسى بولسىمۇ يەنىلا چىشىنى چىشلەپ تۇرىۋاتاتتى. ئۇ پەقەت كەينىدە تۇرغان باشقا ئادەملەرگە مىدىرلىماسلىقنى ئىشارە قىلدى.
   تەخمىنەن بەش-ئالتە مىنۇت ئۆتۈپ كەتتى، ھېلىقى ئادەم كۆلەڭگىسى ئاۋالقىدەكلا مىدىر-سىدىر قىلماي تۇراتتى.
   بۇ ۋاقىتتا خولىڭ چىداپ تۇرالماي پەس ئاۋازدا:« ھەي، شىياۋجاڭ، سەن ئۇ يەردە نىمىگە ساراڭدەك ھاڭۋېقىپ تۇرىسەن؟ تىزدىن بىز تەرەپكە قايتىپ كەل!»دىدى.
   ۋېنجىيەن قورققىنىدىن ئالدىراشلىق بىلەن خولىڭنى گەپ قىلىشتىن توسىدى.    جاڭچىلىڭ بىلەن ھېلىقى مەخلۇقنىڭ ئارلىقى ناھايتى يېقىن بولۇپ، ناۋادا ئۇ نەرسىنى چۈچۈتۈپ قويساق بۇنداق يېقىن ئارلىقتا ئۆزىمىزنى ئېلىپ قېچىشمۇ تەسكە چۈشەتتى. ئەڭ ياخشى ئامال ھازىرقى ھالەتنى ساقلاپ جىم تۇرۇش ئىدى.
   ۋېنجىيەن ئەھۋالنى تەھلىل قىلىشقا باشلىدى.   گەرچە قەدىمى قەبرە ئىچىدە قورقۇنۇچلۇق ئىشلار كۆپ بولسىمۇ، بىراق سەن ئۆزۈڭنىڭ قانداق نەرسىگە يولۇقۇپ قالغانلىقىڭنى ئىنىق بىلەلىسەڭلا ئۇنىڭغا تاقابىل تۇرغىلى بولاتتى. ئۇنداق بولماي ئالاقزادە بولۇپ كەتسەڭ، ئۇ ھالدا ھالىڭ خەتەرلىك بولاتتى.
   ۋېنجىيەن _ بۇ يەردە تىرىك مۇردا بولىشى مۇمكىن ئەمەس، چۈنكى بۇ قەبرە ئورنى ناھايتى ياخشى تاللانغان، شىشا تاقىم ئاراللىرى نەچچە يۈز يىلدىن بۇيان ئادەملەرنىڭ ۋەيران قىلىشىغا ئەڭ ئاز ئۇچرىغان. ئارالدىكى چۇقچىيىپ كۆتۈرۈلۈپ تۇرغان چۇقىلار دېڭىز ئاستىدا بىر-بىرىگە تۇتۇشۇپ گىرەلىشىپ سۇ ئاستى ئەجدىرھاسىنى شەكىللەندۈرگەن. سۇ ئاستى ئەجدىرھاسى سۇدىن ئۇچۇپ چىقىپ پەلەككە كۆتۈرۈلۈپ ئاخىرىدا پەلەك ئەجدىرھاسى بولىدۇ.   يەنە بىر جەھەتتىن يەر شارائىتى ئىلمىدىمۇ كۆز ئالدىمىزدىكى بۇ يەر دەل كەمدىن-كەم ئۇچرايدۇ. بۇنداق جايدا تىرىك مۇردا بولىشى مۇمكىن ئەمەس........... دىگەنلەرنى خيالىدىن ئۆتكۈزدى.ئۇ شۇلارنى ئويلاۋېتىپ تۇيۇقسىز:«ئۇ مەخلۇق تىرىك مۇردا بولمىسا، ئۇنداقتا چۇقۇم ئادەم ياكى بىرخىل ھايۋان بولىشى مۇمكىن! ئەگەر شۇنداق بولۇپلا قالسا بىز بۇنچە كۆپ ئادەم ئەلۋەتتە ئۇنىڭغا تېتىيالايمىز! » دىدى.
   بۇ ۋاقىتتا ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى بىر ئوغۇل ئوقۇغۇچى:« مىنىڭچە بولغاندا ئاۋۇ تاش مايمۇننىڭ ئۈستىدە بىرەر نەرسە قويۇپ قۇيىشى مۇمكىن ئەمەس!»دىدى.
   ۋېنجىيەننىڭ كۆز ئالدى يۇرىغاندەك بولدى. ئۇ تويۇقسىز:« ئۇ كەنجى تاغا بولۇپ قالمىسۇن يەنە!؟ ئۇ ھۇشىغا كەلگەن بولسا بىزنى ئىزدەپ بۇ يەرگە كىرگەن بولمىسۇن يەنە! بۇ قېرى تۈلكە بىزنىڭ ئۆزىنىڭ بۇيرۇقىنى ئاڭلىمىغىنىمىزغا ئاچچىقى كىلىپ بىزنى تازا بىر قورقۇتۇش ئۈچۈن قەستەن شۇنداق قىلىۋاتقان بولمىسۇن يەنە!؟» دىگەنلەرنى ئويلىدى.
   ئەگەر راستىنلا شۇنداق بولۇپ قالسا بۇ بەك ئاشۇرىۋەتكەنلىك بولىدۇ. ۋېنجىيەن شۇلارنى ئويلاپ ئۈنلۈك ئاۋازدا:« ۋۇسەنشىڭ! ئەمدى ئويۇنىڭنى يىغۇشتۇر! تىز بۇياققا چۈش!!!» دەپ توۋلىدى.
   ئەگەر ئۇ راستىنلا كەنجى تاغا بولۇپ قالسا، ئۆزىنىڭ ئاشكارلىنىپ قالغانلىقىنى بىلىپ قايتىپ چۈشەتتى. ئۇنىڭ مىجەزىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا بۇنداق ئىشلارنى قاقاھلاپ كۈلۈپ قۇيۇپلا ئۆتكۈزىۋىتەتتى.
   كىم بىلسۇن ۋېنجىننىڭ ئاۋازى بىلەن تەڭلا ھېلىقى كۆلەڭگە قولىنى سوزدى. قارىغاندا ئۇ باشقىلارنى گەپ قىلماسلىققا ئىشارەت قىلىۋاتقاندەك قىلاتتى.
   ۋېنجىن ئۇ ئادەمنىڭ قولىنى سوزغانلىقىنى قول شەكلى، بەدەن قۇرۇلىشى، بوي ئىگىزلىكى قاتارلىقلارنىڭ كەنجى تاغا بىلەن ھېچ پەرقلەنمەيدىغانلىقىنى كۆرۈپ، ئاچچىقىدا يەرگە قاتتىق بىرنى دەسسىدىۋە يۈگۈرۈپ بېرىپ ھېلىقى تاش مايمۇننىڭ بېشى ئۈستىگە چىقىپ كەنجى تاغىنىڭ قولىقىنى راسا سوزدى.
   بۇ ئۇنىڭ كەنجى تاغىغا تاقابىل تۇرۇشتىكى ئەڭ ئاخىرقى ئامالى ئىدى. چۈنكى ئۇلار قەتئى ئۇرۇشماسلىققادىيىشكەن، پەقەت ۋېنجىيەن قاتتىق ئاچچىقى كەلگەندە كەنجى تاغىنىڭ قولىقىنى سوزۇپ ئۇنىڭغا ئۆزىنىڭ قاتتىق ئاچچىقى كەلگەنلىكىنى ئۇقتۇرۇپ قويسا بولاتتى. ئادەتتە مۇشۇنداق ئەھۋالغا يۇلۇقۇپ قالسا كەنجى تاغا قاپلاندەك يۈرىكى بولسىمۇ ھەددىدىن ئاشالمايتتى.
   كىممۇ بىلسۇن ۋېنجىيەن تاش مايمۇننىڭ ئۈستىگە سەكرەپ چىقىپ قولىنى ئۇنىڭ قولىقىغا ئاپىراي دەپ بولغىچە، ھېلىقى تاش مايمۇن ئۈستىدىكى ئادەم ئۇنى چىڭ قۇچاقلىۋېلىپ ئۇنىڭ ئېغىزىنى قولى بىلەن تۇتىۋالدى، ئارقىدىنلا ئۇنىڭغا:« گەپ قىلما، مەن شىياۋجاڭ! ئۆزۈڭ ئاستىغا قارا!» دىدى.
   ۋېنجىننىڭ ئاچچىقى قاتتىق كەلگەن ئىدى. ئۇ بۇ ئاۋازنى ئاڭلاپ ھاڭ-تاڭ قالدى. ئۇ راستىنلا جاڭچىلىڭنىڭ ئاۋازى ئىدى. ئۇ قانداقسىگە تاش مايمۇننىڭ ئۈستىدە بولۇپ قالىدۇ!؟
   بۇ توغرا ئەمەسقۇ!تاش مايمۇننىڭ ئۈستىدىكىسى جاڭچىلىڭ بولسا، ئۇنداقتا تاش ئابىدىنىڭ ئالدىدا زوڭزۇيۇپ ئولتۇرغىنى كىم؟!!
   ئۇ يەنە ئويلاشقا باشلىدى. ئۇ ۋاقىتتا ئۇ تاش ئابىدىنىڭ ئالدىدا بىر ئادەمنىڭ ئولتۇرغانلىقىنى كۆرگەن، ئۇنىڭ قولىدا قولچىرىقى بار ئىدى. شۇنچە كۆپ ئادەمنىڭ ئىچىدە جاڭچىلىڭ بىر ئادەملا كەم بولغاچقا ئۇ دەرھاللا ئولتۇرغان ئادەم دەل جاڭچىلىڭ دەپ ئويلىغان. ئەجىبا ئۇ ..............؟؟؟؟
   ئۇ دەرھال تاش ئابىدىنىڭ تۈۋىگە قارىدى. ئۇ ئادەم ھەممەيلەنگە ئوخشاش غەۋۋاسلار كىيىمى كىيىۋالغان، بەدەن شەكلىدىن قارىغاندا باشقا بىرسى ئەمەس دەل كەنجى تاغا.
   بىراق كەنجى تاغا سەل غەلىتە كۆرىنەتتى. ۋېنجىن سىنچىلاپ قاراشقا باشلىدى. ئەسلىدە كەنجى تاغا تاش ئابىدىنىڭ تۈۋىدىكى ناسايتى سۈزۈك بىر پارچە تاشقا قاراپ ئولتۇرۇپ چېچىنى تاراۋاتاتتى. ئۇنىڭ بۇ ھالىتىدىن ئادەمنىڭ قۇيقا چاچلىرى تىك تۇراتتى.
   كەنجى تاغا بىردەم چېچىنى تارىدى.ئارقىدىن خۇددى يېڭى تويى بولىدىغان كىلىنچەك تارىنىپ ياسىنىپ بولۇپ ئەڭ ئاخىرقى قېتىم ئەينەككە قارىغىنىغا ئوخشاش .
    تاش ئەينەكتىكى كەنجى تاغا كۈلۈمسىرىگەندەك قىلاتتى. ناھايتىمۇ قورقۇنۇچلۇق كۆرىنەتتى. ئەگەر ئادەتتىكى ۋاقىت بولىدىغان بولسا بۇ ناھايتىمۇ كۈلكىلىك ھىسابلىناتتى. بىراق ھازىر.................
   ۋېنجىننىڭ بەدىنى شۈركىنىپ كەتتى. ئۇ ھەتتا كۈچەپ نەپەسلىنىشكىمۇ جۈرئەت قىلالمايۋاتاتتى.
   پەستىكى باشقا ئادەملەر تاش مايمۇننىڭ ئۈستىدە ئىككى ئادەمنىڭ قۇچاقلىشىپ مىدىر-سىدىر قىلماي تۇرغانلىقىنى كۆرۈپ، دەرۋەقە كەنجى تاغا ئوخشايدۇ دەپ ئويلاپ كۆڭلى ئارامىغا چۈشكەندەك بولدى.خولىڭ جاڭچىلىڭدىن ئەنسىرەپ يۈگۈرگىنىچە تاش ئابىدىنىڭ ئالدىغا بېرىپ ئۇنىڭ مۈرىسىگە بىرنى ئۇردى، ۋە :« جاڭچىلىڭ سەن زادى نىمە قىلىۋاتىسەن؟ زادى نىمە ئىش يۈز بەردى؟»دىدى.
   بۇ ۋاقىتتا راستىنلا كۈتۈلمىگەن ئىش يۈز بەردى. تاش مايمۇن ئۈستىدە ئولتۇرغان جاڭچىلىڭ ئۇنى تۇسىۋېلىشقىمۇ ئۈلگۈرمىگەن ئىدى.   بۇ ۋاقىتتا تاش ئابىدە ئالدىدىكى ئادەم ئاستا ئورنىدىن تۇردى. خولىڭ ئۇنىڭ كەنجى تاغا ئىكەنلىكىنى كۆرۈپ قاتتىق چىرقىراپ كەتتى. ئارقىدىن ئاچچىقلاپ تۇرۇپ:« ۋۇ سەنشىڭ! بۇ سەنمىدىڭ!؟ سەن ئۇيقۇڭنى ئۇخلىغىلى بارماي بۇ يەردە زوڭزىيىۋېلىپ نىمە قىلۋاتىسەن!؟» دەپ ئۇنى تىللاپ كەتتى.
   كەنجى تاغا خولىڭنى كۆرۈپ تۇيۇقسىز يۈزىنى قولى بىلەن توسۋالدى ۋە قورقۇنۇچلۇق ۋارقىراپ خولىڭنى يەرگە يېقىتتى ئارقىدىنلا ئارقىسىغا يۈگۈردى.جاڭچىلىڭ ئەھۋالنىڭ چاتاقلىنى كۆرۈپ تاش مايمۇن ئۈستىدىن سەكرەپ چۈشۈپلا ئۇنى قوغلىدى. بىراق جاڭچىلىڭ خولىڭنىڭ يېنىدىن ئۆتىۋېتىپ ئۇنىڭ يارلانغان -يارلانمىغانلىقىغا قارىدى. خولىڭ جاڭچىلىڭنىڭ ئۆزىگە ھىسداشلىق قىلىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ ھاياجاندا ئورنىدىن تۇرۇپ جاڭچىلىڭنى قۇچاقلىدى. بىراق چاتىقى كەنجى تاغا قېچىپ كەتتى.
   جاڭچىلىڭ چاققانلىق بىلەن ئۇنىڭ قۇچىقىدىن سۇغۇرۇلۇپ چىقىپ كەنجى تاغىنى قوغلىماقچى بولدى، بىراق بۇ چاغدا كەنجى تاغا ئاللىقاچان قۇيۇق تۇمانلار ئارىسىدىن ئۆتۈپ كۆلنىڭ تېمى تەرەپكە بېرىپ بولغان ئىدى.
   جاڭچىلىڭ:« ھەممەيلەن ئۇنى تۇسىۋېلىڭلار! ئۇنى چىقىپ كەتكىلى قويماڭلار!»دەپ ۋارقىرىدى.كۆزنى يۇمۇپ ئاچقۇچە ئالدىدا كىتىۋاتقان كەنجى تاغا بەدىنىنى بۇراپلا خۇددى تامنىڭ ئىچىگە كىرىپ كەتكەندەك قىلدى، كەنجى تاغا كۆرۈنمىدى.تۇمان قۇيۇق بولغاچقا ھەممىنى ئىنىق كۆرۈشكە ئامال يوق ئىدى.
   جاڭچىلىڭ يۈگۈرۈپ كۆل تېمى بۇيىغا كەلدى، بىراق ئادەمنىڭ سايىسىمۇ يوق. ئۇ دەرھال توختىدى، ئۇ كەنجى تاغىنىڭ تامنىڭ ئىچىگە شۇڭغۇپلا كىرىپ كەتكىنىگە ئىشەنمەيتتى.
ئۇ شۇ جايىدىلا بىردەم تۇرۇپ قالدى، ئارقىدىنلا قولى بىلەن تامنى سىلاشقا باشلىدى. بىراق كۆز ئالدىدىكىسى راستىنلا بىر تام تۇرسا ، بۇ مۇمكىن ئەمەس!!جاڭچىلڭ تامنى تەپسىلى سىلايتتى. ئۇ بىردىنلا بىر ئىشنى بايقىغاندەك توختاپ قالدى. ئەسلىدە بۇ تام ناھايتى ئاستا ھەركەتلىنىۋاتاتتى.
   ئۇنىڭ بېشى قايغاندەك بولدى. ئەسلىدە بۇ تام، بۇ كۆل ھەممىسى بىر توشاق ئىكەن-دە!!!
   ئۇ تۇيۇقسىز بۇ قەدىمى قەبرىنىڭ دۇنيادا كەمدىن-كەم ئۇچرايدىغان سىرلىق قۇرۇلۇش ئىكەنلىكىنى، ئۆزىنىڭ بىلىغانلىرىنىڭ خۇددى بىر كىچىك بالىچىلىكلا ئىكەنلىكىنى ھىس قىلدى.
   بىراق بۇ توزاقنىڭ مەقسىدى نىمە؟ ئۇلار بۇ كۆل ئىچىگە چۈشكەن بىر قانچە مىنۇت ئىچىدە بۇ يەردە ھېچقانداق ئۆزگۈرۈش بولغاندەك ئەمەس، ئەجىبا بۇ ۋاڭساڭخەي بۇ قەبرە ئىچىدە ئايلىنىپ ھەركەت قىلىپ تۇرىدىغان رىستۇران ياسىغانمىدۇ!!؟
   جاڭچىلىڭنىڭ گېپى بۇيىچە ئېيتقاندا جۇڭگۇدىكى قەدىمى قەبرىلەردىكى ھەرقانداق بىر غەلىتە تۇزاق ئۇنىڭ ئۈچۈن ناتۇنۇش ئەمەس ئىدى.
   ئۇنىڭ تەجىربىسىگە ئاساسلانغاندا بۇ قەدىمى قەبرە ناھايتى ئاددى ھەركەت پىرىنسىپىدىن پايدىلىنىپ ياسالغان. ئۇ بىر تەرەپتىن ئويلىغاچ بىر تەرەپتىن تامنىڭ باشقا جايلىرىنى سىلاشقا باشلىدى. ئۇنىڭ كۆڭلىدە ئازراق سان پەيدا بولغاندەك قىلدى. بۇ تامدا چۇقۇم بىر كىرىش ئېغىزى بار، باياتىن كەنجى تاغا يۈگۈرۈپ كىتىۋاتقاندا تام ئايلىنىپ تامدىكى كىرىش ئېغىزى ئېچىلغان گەپ ، شۇنىڭ بىلەن كەنجى تاغا ھېچ كۈچىمەيلا تامنىڭ يەنە بىر تەرىپىگە ئۆتۈپ كەتكەن.ئۇ شۇلارنى خىيال قىلغاچ تامنى سىلاۋېتىپ تۇيۇقسىز بىر ئىشىكنىڭ ئورنىنى بايقىدى. بىراق بۇنداق ئىشىكتىن ئون نەچچە يەردە تۇراتتى. كەنجى تاغا بۇنى قانداق بايقىغاندۇ؟
   ئۇنىڭ بېشى يەنە قاتتى، تۇيۇقسىز ئۇ ئۆز-ئۆزىگە : « بۇ يۆتكىلىشچان غەلىتە ئىشىك ئەمەسمۇ!!!؟» دىدى.
تەرجىمە قىلغۇچى: نىران(جىمجىت)



جەنۇپپەرەس ئۈچىنچى تاغىنڭ‹‹ كىپەن ئوغۇرلاش خاتىرسى››ناملىق ئەسىردىن تەرجمە قلىندى
مەزكۈر ئەسەرنىڭ 1-بابىدىن29-بابىغىچە ئانا تۇپراق مۇنبىرىدىكى جاپاكەشلەر تەرجىمە قىلىپ يوللىغان بولۇپ، ئاخىرىنى تىرىشچانلار مۇنبىرىدىكى كىپەن ، جىمجىت ئەپەندىلەر تەرجىمە قىلىپ تىرىشچانلار مۇنبىرىگە يوللىغان ، ئانا تۇپراق تورىنىڭ باشقۇرغۇچىلىرىنىڭ روخسىتى بىلەن ئەسەرنىڭ باش قىسمى تىرىشچانلار مۇنبىرىگە يۆتكەلدى.
تىرىشچانلار مۇنبىرى قۇرغۇچىسىنىڭ رۇخسىتى بىلەن ئەسەر ئالۋاستى سالونىغا يوللاندى.

EzQi0908 يوللانغان ۋاقتى 2014-6-29 09:54:09

غايىپ بولىدىغان غەلىتە ئىشىڭ قەدىمى يۈي دەۋرىدە يەنى بۇندىن4600يىل ئىلگىرى پەيدا بولغان بولۇپ، جۇڭگۇنىڭ يېزىق ئىجاد قىلىنغان ۋاقتى بىلەن تەڭلىشىپ قالىدۇ. دۇنيادا تۈنجى بولۇپ غەلىتە غايىپ بولىدىغان ئىشىكنى ئىشلەتكىنى قەدىمقى خۇاڭدى ئىدى. شۇندىن باشلاپ بۇ ئۇسۇل ئەۋلاتمۇ-ئەۋلات داۋاملاشقان. بۇ توغرىسىدىكى مەلۇماتلارنى جۇڭگۇ تارىخىدىكى ھەربىي ئىشلارغا مۇناسىۋەتلىك قەدىمى يازمىلاردا ئانچە-مۇنچە ئۇچرۇتۇپ تۇرالايسىز. بىراق خەن سۇلالىسى دەۋرىگە كەلگەندە بۇ خىل ئۇسۇل ئاستا-ئاستا يوقىلىشقا باشلىغان.
   مىنىڭ غايىپ بولىدىغان غەلىتە ئىشىك ھەققىدىكى بىلىدىغانلىرىمنىڭ ھەممىسىنى ئىككىنجى تاغام(كەنجى تاغا ئەمەس) ماڭا ئېيتىپ بەرگەن. جاڭچىلىڭ مۇشۇلارنى سۆزلەۋاتقاندا مەن سىمىزدەك خۇددى چۆچەك ئاڭلاۋاتقاندەك ئولتۇرمىدىم، بەلكى نۇرغۇن خىياللار كاللامدىن كىچىشكە باشلىدى.خۇاڭدى زامانىسىدا پۈتۈلگەن خاتىرىلەردىن ئىككىنجى تاغامدا بىرقىسمى بار ئىكەن. مەن ئەينى ۋاقىتتا كۆپ ئىرەن قىلمىغان ئۇ نەرسە ئەسلىدە بۇندىن نەچچە مىڭ يىللار بۇرۇن خاتىرىلەنگەن پۈتۈك ئىكەن-دە؟ بۇ ھەقىقەتەن كەم تېپىلىدىغان بىباھا پۈتۈك ئىكەن ئەمەسمۇ؟ئۇنىڭدىن باشقا كەنجى تاغام قەبرە قېزىش جەريانىدا تېپىۋالغانلىرىنى قوشقاندا بۇ خېلى مۇكەممەل بولۇپ قالغۇدەك.
   غايىپ بولىدىغان غەلىتە ئىشىك گەرچە چۈشىنىپ بولمايدىغان سىرلىق نەرسە بولسىمۇ، ئەمەلىيەتتە ئۇ ئۇرۇش سەنئىتى، قىسمەت نەزىريىسى بىلەن مۇناسىۋەتلىك. ئۇنىڭدىن پايدىلىنىپ سەككىز تەرەپلىك سەپ سىخىمىسىنى بايقاشقا بولىدۇ.
   جاڭچىلىڭ بايقىغان بۇ سەككىز دانە غەلىتە ئىشىك ھەركەتلىنىپ مەلۇم جايغا بارغاندا ئىتتىرسە قارشى تەرەپتىكى ئىشىك ئېچىلىدۇ. ئۇنىڭدىن ئادەم يانچە ماڭسا ئاران پاتىدۇ. ئارقىدىنلا ئاپتۇماتىك ئىتىلىپ قالىدۇ.
   جاڭچىلىڭ تاش ئابىدىنىڭ يېنىغا قايتىپ كىلىپ يۇقارقى ئويلىغانلىرىنى باشقىلارغا سۆزلەپ بەردى. ئەمدىلا مەدەنىيەت ئىنقىلابىنىڭ بۇران-چاپقۇنلىرىنى بېشىدىن ئۆتكۈزۈپ تۇلۇپ تاشقان قىزغىنلىق بىلەن ئىلىم تەھسىل قىلىۋاتقان، كىتابتىكىدىن باشقىنى بىلمەيدىغان بۇ بىر توپ ئوقۇغۇچىلار ئۇنىڭ دىگىنىنى قانداقمۇ چۈشەنسۇن؟ ۋېنجىن بىرپەس جىم تۇرغاندىن كېيىن:" باياتىن سەنشىڭنىڭ ھەركىتى ناھايتىمۇ غەلىتە تۇرىدۇ، خۇددى ئالۋاستى چاپلىشىۋالغاندەكلا، بۇ ئالۋاستى دەل مۇشۇ قەبرىنىڭ خۇجايىنى بولۇپ قالمىسۇن يەنە؟ سەنشىڭ كىرىپ كەتكەن بايىقى ئىشىك دەل ھاياتلىق ئىشىكى بولۇپ قالمىسۇن يەنە؟" دىدى.
   جاڭچىلىڭ ۋېنجىننىڭ كۆزلىرىدىكى ئۈمىد نۇرلىرىنى كۆرۈپ:" بىرەر ئىش يادىڭىزغا كەلدىمۇ قانداق؟" دەپ سورىدى.
   ۋېنجىن باشقىلارنى ئەگەشتۈرۈپ ھېلىقى تاش ئابىدىنىڭ تۈۋىگە كىلىپ كەنجى تاغىنى دوراپ چاچلىرىنى تارىدى. ئۇنىڭ بۇ ھەركىتى ناھايتى قورقۇنۇچلۇق بولۇپ قارىسا ئادەمنىڭ قورققىسىنى كەلتۈرەتتى. ئۇ بىردەم چېچىنى تارىغاندىن كېيىن بېشىنى بۇراپ باشقىلارغا قارىدى. ئارقىدىن:" مەن تاپتىم!" دەپ توۋلىدى.
   ھەممەيلەن ئۇنىڭ ئەتراپىغا ئۇلاشتى. ئۇلار تاشقا قارايتتى. لىكىن ئۇلار ھېچنىمىنى كۆرەلمىگەن ئىدى. ۋېنجىن:" سىلەر ماڭا ئوخشاش زوڭزۇيۇپ ئولتۇرساڭلار ئاندىن كۆرەلەيدىكەنسىلەر"دىدى.جاڭچىلىڭ ئۇيقۇدىن ئويغانغاندەك بولۇپ، دەرھال كىلىپ قارىدى. ۋېنجىن ئۇنىڭ مۈرىسىدىن بېسىپ "بەك ئىگىز بوپ كەتتى يەنىمۇ پەسرەك، ئەينەككە تۈپتۈر قارىماي سەلك يانتۇ قاراڭ" دىدى.
   جاڭچىلىڭغا بۇ ئىش قىزىقارلىق تۇيۇلدى. شۇنداقتىمۇ ئۇ ۋېنجىننىڭ دىگىنى بۇيىچە چېچىنى بىر نەچچە رەت تارىدى. ئۇ بىردىنلا تاشنىڭ ئىچىدە ئۈچ دانە باش ۋە قۇيرۇقى تۇتۇشۇپ كەتكەن بېلىقنى كۆرگەندەك بولدى. كۆرۈش گىردۇسىنى ئازراقلا ئۆزگەرتسە كۆرۈنمەي قالاتتى.
   ئۇ ھەيران بولغان ھالدا كۆزلىرىنى تېخىمۇ يوغان ئاچتى. ئۇ ئاخىرى بىر نەرسىنى چۈشەنگەندەك بولدى. قارىغاندا پەقەت ياسىنىشقا ئامراق ساھىبجاماللارلا بۇ تاش ئالدىدا زوڭزۇيۇپ ئولتۇرۇپ چېچىنى تارىسا ئاندىن بۇلارنى كۆرەلىگۈدەك. بەك ئىگىز ياكى بەك پاكار ئولتۇرىۋالسا ھېچنىمىنى كۆرەلمەيدىكەن. ھېلىمۇ ۋېنجىن بۇنى بايقاپتۇ.
   ئۇ بۇ بېلىقلارغا تەپسىلى قارىدى، ئۇلار توختىماي ئايلىنىپ ھەركەت قىلىۋاتاتتى. قارىغاندا مۇشۇ تاش ئابىدىدە بىر گەپ بولىشى مۇمكىن.ئۇ دەرھال ۋېنجىننى بۇيەرگە ئوبدان قاراپ تۇرۇشنى بۇيرۇپ ئۆزى قولچىرىقىنى ئېلىپ كۆل تېمى تەرەپكە ھېلىقى غۇۋا ئىشىكلەر بار جايغا يۈگۈردى. ئۈچىنجى ئىشىككە كەلگەندە تامدىكى بەلگە بىلەن قولچىراق نۇرى دەلمۇدەل كەلدى.بۇ ۋاقىتتا ئۇ" " مانا، دەل مۇشۇ ئىكەن!" دەپ ۋارقىرىدى.
   كۆپچىلىك ھەممىسى خۇشال بولۇشۇپ كەتتى. جاڭچىلىڭمۇ خۇشاللىقىدا مۇشتۇمى بىلەن تامغا ئۇرۇپ قويدى. جاڭچىلىڭ بىرىنجى بولۇپ بەدىنىنى يانتۇ قىلىپلا ئىچىگە كىرىپ كەتتى. ئىچى ناھايتىمۇ تار بىر كارىدور شەكىللىك يول بولۇپ، ئۇدۇل ئىچىگە قاراپ سوزۇلغان. بۇ چاغدا جاڭچىلىڭ ھۇشيارلىق بىلەن تامنى تەپسىلى تەكشۈرۈپ يەنە باشقا توزاق بار يوقلىقىنى تەكشۈرۈپ چاتاق يوقلىقىنى جەزىملەشتۈرگگندىن كىيىنلا ئاندىن باشقىلارنى كىرىشكە بۇيرۇدى.
   بۇ تار يولمۇ كۆك رەڭلىك خىشلاردىن ياسالغان ئىدى. بىر ئادەم ئارانلا ماڭالايتتى. جاڭچىلىڭ قولچىرىقىنى ياندۇرۇپ ئەڭ ئالدىدا ماڭدى. قارىغانسىرى قورققىسى كەلدى. ئۇ پۈتۈن دىققىتىنى يىغىپ ناھايتى ئاۋايلاپ مېڭىشقا باشلىدى. ئازراق غەلىتە ئاۋاز ئاڭلاپ قالسا خېلى ئۇزۇنغىچە جىم تۇراتتى. بۇ ۋاقىتتا ئۇ بۇ بىر توپنىڭ "مەنىۋى داھىيسى"بولۇپ قالغان ئىدى. ھەممەيلەن ئۇنىڭغا ئىتائەت قىلاتتى، ھېچكىممۇ بىرەر ئېغىز ئارتۇق گەپ-سۆز قىلىشقا پېتىنالمايتتى.
   ئۇلار بىر ھازا ماڭدى، ئالدى-كەينى پۈتۈنلەي قاپقاراڭغۇ. جاڭچىلىڭ شۇ تاپتا پۈتكۈل يەر شارىدا پەقەت مۇشۇ بىرنەچچەيلەن قېپقالغاندەك تۇيغۇدا بۇلىۋاتاتتى. ئۇمۇ كۆڭلىدە بىرئاز بىئارام بولۇشقا باشلىدى. بۇ ۋاقىتتا ئۇلار مېڭىۋاتقان بۇ تار يول ئۈستى تەرەپكە قاراپ ئايلىنىشقا باشلىدى. جاڭچىلىڭ بېشىنى كۆتۈرۈپ قارىغان ئىدى ئۈستىدە ناھايتى يىراق بىر جايدا ئازراق يۇرۇقلۇقنى كۆرگەندەك بولدى. ئۇ يۇرۇقلۇق بارغانسىرى يېقىنلاۋاتاتتى. جاڭچىلىڭ كۆزلىرىنى چەكچەيتىپ جىم قاراپ تۇراتتى،بىردەمدىلا بۇ يۇرۇقلۇق تار يولنى پۈتۈنلەي يۇرۇتتى، جاڭچىلىڭ قورققىنىدىن ۋارقىراپ كەتتى ۋە زوڭزۇيۇپ ئولتۇرۇپ قالغىلى تاسلا قالدى.
   شۇ تاپتا ئۇلارنىڭ كۆز ئالدىدا پارالپىپىد شەكىلدىكى بىر ئۆي نامايەن بولدى. بۇ ئادەتتىكى چوڭلۇقتا ئەمەس غايەت زور كەڭ بىر ئۆي ئىدى. ناھايتىمۇ دەبدەبىلىك بىر ئۆي- دەپ تەرىپلىدى جاڭچىلىڭ بۇ ئۆينى.
   ئۆينىڭ ھەربىر تەرىپىدە 10 تالدىن چوڭ تۈۋرۈك بار ئىدى. بۇ تۈۋرۈكنى ئۈچ ئادەم غۇلاچلىسىمۇ غولىچى يەتمەيتتى. پۈتۈن ئۆي سېرىق رەڭلىك خىشتىن قۇپۇرۇلغان. تۇرۇستا غاز تۇخۇمىچىلىك چوڭلۇقتا يۇلتۇزلار سىزىلغان بولۇپ ھەممىسى نۇر چىقىرىپ تۇراتتى. ئۆينىڭ تۆت تەرىپىدە تۆت دانە چوڭ ئەينەك قويۇلغان، نۇرلار ئۆز ئارا گىرەلىشىپ پۈتۈن ئۆي ئىچىنى يۇرۇتۇپ تۇراتتى. ئادەمنى ئەڭ ھەيران قالدۇرىدىغىنى ئۆينىڭ ئوتتۇرىسىغا چوڭ تاش تەخسە قۇيۇلغان، تەخسە ئۈستىدىكى نەرسىلەرنى كۆرۈپلا جاڭچىلىڭ بۇنىڭ دەل خان ئوردىلىرىنىڭ مودىلى ئىكەنلىكىنى بىلدى. ناھايتىمۇ ھەشەمەتلىك ئىدى.
   جاڭچىلىڭ روھلىنىپ يۈگۈرگىنىچە بېرىپ تاش تەخسىنىڭ ئەتراپىنى ئايلىنىپ چىقتى. ئۇ بۇنى كۆرۈپ بۇ يەرنىڭ دەل پەلەككە چىقىپ كىتىدىغان جاي ئىكەنلىكىنى پەرەز قىلدى. قارىغاندا بۇ قەبرىنى لاھىيىلىگۈچى ۋاڭساڭخەي ھەقىقەتەنمۇ ئەرش ئوردىسىنى ياسىغان ئىكەن. ئۇنداقتا ئەرش ئوردىسى زادى قەيەردە؟ راستىنلا ئاسماندىمۇ؟
   بۇ بايقاش ھەقىقەتەن ئادەمنى خۇشال قىلاتتى. ھەممەيلەن خۇشاللىقتا ۋارقىرىشىپ كەتتى. بىر نەچچە ئوغۇل ئۇقۇغۇچى خۇشاللىقىدا خولىڭنى كۆتۈرۈپ تاش تەخسىنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىرىپ قويدى. خولىڭ ئەمدى تۇرا-تۇرمايلا قورقۇپ ۋارقىراپ كەتتى، ۋە دەرھال سەكرەپ چۈشىۋالدى. " ئۈستىدە بىر ئادەمنىڭ جەسىدى باركەن!" دىدى-خولىڭ.
   جاڭچىلىڭ ھەيران بولۇپ، سەكرەپلا چىقىپ قارىدى. تاش تەخسىنىڭ ئوتتۇرىسىدا بىر قاشتېشى گۈللۈك بولۇپ، گۈللۈكنىڭ ئوتتۇرىسىدا بىر تاش كارۋات بار ئىدى. كارۋات ئۈستىدە پۈتۈنلەپ قۇرۇپ كەتكەن بىر جەسەت تۇراتتى. ئۈستىدىكى كىيىملەر ئاللىقاچان كونىراپ يىرتىلىپ كەتكەن، جەسەت قارىداپ كەتكەن، بۇ جەسەتنىڭ بىر قولى يەرنى، بىر قولى ئاسماننى كۆرسىتىپ تۇراتتى. جەسەتنىڭ چېچى ۋە تىرناقلىرى ناھايتى ئۇزۇن ئۆسۈپ كەتكەن.
   جاڭچىلىڭ سەكرەپلا جەسەت يېنىغا كەلدى. ئاۋال ئۇنىڭ ئېغىزىغا قارىدى، ئېغىزىدا ھېچنىمە يوق ئىدى. جاڭچىلىڭ ئۇنىڭ قولتىقىدىن باشلاپ تەپسىلى سىلاپ ئاختۇردى. بۇ چاغدا ۋېنجىنمۇ سەكرەپلا جاڭچىلىڭنىڭ يېنىغا كەلدى. ئۇ جەسەتنى كۆرۈپ قورقۇپ جاڭچىلىڭنىڭ كەينىگە ئۆتىۋالدى. پەس ئاۋازدا:"ساڭا بۇ يۈرەك نەدىن كەلدى؟ سەن بۇنداق قەبرە قېزىشنى نەدىن ئۆگەنگەن؟" دەپ سورىدى.
   جاڭچىلىڭ ئۇنىڭغا قاراپ قويدى، ھېچنىمە دىمىدى. ۋېنجىننىڭ ئاچچىقى كىلىپ جاڭچىلىڭنى تارتىپ تۇرۇپ:"سەن سېپى ئۆزىدىن قەبرە قازغۇچى ئىكەنسەن؟ سىنىڭ بىزنىڭ ئارىمىزغا كىرىۋېلىشتىكى مەقسىدىڭ زادى نىمە؟" دەپ سورىدى.
   جاڭچىلىڭ ئۇنى گەپ قىلماسلىققا ئىشارەت قىلدى. بۇ جەسەتنى كۆرسىتىپ تۇرۇپ:" بۇلار ئانچە مۇھىم ئەمەس"دىدى، ئۇ شۇنداق دىگىنىچە جەسەتنىڭ كىيىمىنى سالدۇردى. جەسەتنىڭ قۇرساق قىسمىدا ئۇزۇن بىر يارا ئىزى بار ئىدى.ئۇ جەسەتنىڭ قۇرسىقىنى قولى بىلەن بېسىپ باقتى، ئارقىدىن ۋېنجىننىڭ قولىنى تۇتىۋېلىپ جەسەتنىڭ قۇرسىقىنى باستى. ۋېنجىن شۇندىلا جەسەتنىڭ قۇرسىقىغا بىرنەرسىنىڭ يۇشۇرۇنغانلىقىنى بايقىدى.
   جاڭچىلىڭ بېشىنى كۆتۈردى، جەسەتنىڭ قۇرسىقىنى ئېچىش ياكى ئاچماسلىق توغرىسىدا ئىنىق بىر قارارغا كىلەلمەيۋاتاتتى. ئەگەر بۇ ئادەم ئۈلۈش ئالدىدا ئۆزىنىڭ قۇرسىقىغا بۇ نەرسىنى يۇشۇرۇپ قويغان بولسا بۇ نەرسىنىڭ ئۇنىڭغا نىسپەتەن ناھايتى مۇھىم ئىكەنلكىكىنى چۈشەندۈرىدۇ. ئادەتتە ئۇلار قەبرە قازغۇچىلار قەسەتنىڭ قۇرسىقىنى يارمايدۇ -دەپ قارايدۇ.
   جاڭچىلىڭ بىر ئاز ئىككىلەندى، ئۇ ۋېنجىنگە قارىدى. ۋېنجىن ئۇ بىر شىمال پەرەس، قائىدىگە بەك ئەھمىيەت بىرىدۇ.
   ۋېنجىن:" بۇنداق رەھىمسىزلىك قىلساق چۇقۇم تەڭرىنىڭ جازاسىغا ئۇچرايمىز"دىدى.
   جاڭچىلىڭ ئۇھسىنىپ قۇيۇپ ، بۇنداق قىلىشتىن ۋاز كەچتى. ئۇ جەسەتنى تۈزەشتۈرۈپ قويماقچى بولۇپ ئىڭىشىپ قارىغان ئىدى جەسەت ئۇنىڭغا قاراپ كۈلۈمسىرەۋاتاتتى.

EzQi0908 يوللانغان ۋاقتى 2014-6-29 09:54:39

مۇشىنچىلىك يوللاپ تۇرسام بولا ھازىرچە   ھە   

hanjar330 يوللانغان ۋاقتى 2014-6-29 10:44:23

لۇ بىگىنىڭ قەبرىسىدىكى 3000 يىلىق تىرىك جەسەت جۇگېلىياڭ بوپقالغىنى قىزىق بولدىدە:(

parakende يوللانغان ۋاقتى 2014-6-29 12:18:09

شۇنداق قىلىپ يەنە تۈگىدى {:99:}

Mahir512 يوللانغان ۋاقتى 2014-6-29 12:19:01

راس جۇگېلىياڭمىتا ئۇ

EzQi0908 يوللانغان ۋاقتى 2014-6-29 20:04:11

parakende يوللىغان ۋاقتى2014-6-29 12:18 static/image/common/back.gif
شۇنداق قىلىپ يەنە تۈگىدى

ئەتە يوللايمە چالىسىنى،ئالدىيمىساماخىما

musilina1 يوللانغان ۋاقتى 2014-6-29 23:10:40

شۇنداق قىزىقىپ ئوقۇغان ئىدىم بۇ تېمىنى،بىراق مۇنبەرگە تىزىملىتالمىغاچقا ئىنكاس يازالمىغان ئىدىم....

كۆزۈم ئەسەرنىڭ داۋامىدا.....

كۆپ جاپا چەكتىڭىز...

Ayqiwar يوللانغان ۋاقتى 2014-6-30 09:18:47

رەخمەت كۆپ جاپا چەكتىڭىز

chataxchi يوللانغان ۋاقتى 2014-6-30 09:28:20

بۇ ئەسەر شېرىك بىلەن تولغاب بولسىمۇ لىكىن ئاۋي تىلسىملىرى ئادەمنى قىززىقتۇرىدىكەن...

chataxchi يوللانغان ۋاقتى 2014-6-30 09:30:22

ئاۋۇ جاڭ چىلىڭ دىگىنى قانداق مەخلۇقتۇ زادى
بەت: 1 2 3 4 5 6 7 [8] 9 10 11 12 13 14 15 16 17
: كېپەن ئوغرىلاش خاتىرىسى