Lost0118 يوللانغان ۋاقتى 2014-6-25 00:38:25

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Lost0118 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى2014-6-25 00:45

مەن كۆڭلۈمدە ئازراق ھەيران قالدىم، بىراق كۆڭلۈمدە بۇ ئىھتىماللىقنى پەرەز قىلدىم. لۇ بىگىنىڭقەبرىسىدىن چىققانلاردىن داكۈي ئۆلدى، كەنجى تاغام يۇقاپ كەتتى، پەنزى ھۇشسىز، بوتولكا ئۆلدىمۇ ياكى تىرىكمۇ ئىنىق ئەمەس. مەن ۋە سىمىز ئىككىمىزلا قالغان ئىدۇق. مىنىڭچە بۇ قېتىمقى تەكشۈرۈشنى تەشكىللىگەنلەر ئىككى خىل تەييارلىق قىلغان بولۇپ ئۇلارنىڭ بىرىنجى بولۇپ تاللىغىنى سىمىز، مەن پەقەتلا قۇشۇمچە ئىدىم.
   كىمە پورتقا يىتىپ كەلگەن بولسىمۇ بىراق سۈرئىتى ئاستىلىمىدى. ھېلىقى سىمىزنى بىرقانچە كۈن كۆرمەي بۇرۇنقىدىنمۇ بەكرەك سەمرىپ كەتكەندەك ھىس قىلدىم. بىراق بۇرۇنقىدەكلا چاققان ئىدى. ئۇ باشقىلارغا ئەگىشىپ كىمىگە سەكرەپ چىقتى، ئۆزىنى توختىتالماي ئالدىغا بىرقانچە قەدەم مېڭىپ كەتتى. مىنى كۆرۈپ خۇشال ھالدا كۈلۈپ تۇرۇپ:" كىچىك يولداش، سەنمۇ بۇيەردە ئىكەنسەن -دە؟ قارىغاندا ئانىڭ خانقىزنىڭ خېلى يۈزى بار ئوخشايدۇ" دىدى.
   خانقىز ئۇنىڭغا قاراپ زورىغا كۈلۈپ قويدى. قارىغاندا ئۇلار ناھايتى پىششىق تۇنۇشىدىغاندەك قىلاتتى. مەن سىمىزنى تازا چۈشۈنۈپ بۇلالمايتتىم. ئۇنىڭ بۇ يەرگە كەلگەنلىكىدىن خوش بۇلۇشنى ياكى قايغۇرۇشنى بىلەلمىدىم. بىراق ئۇنىڭ لۇ بىگىنىڭ قەبرىسىدىكى بىرقانچە قېتىم مىنى ئۆلتۈرمەكچى بولغانلىقىنى ئويلاپ ئىختىيارسىز بېشىم ئاغرىدى.
   ئۇ يۈك-تاقلىرىنى پالوبىغا تاشلاپ قۇيۇپ بىزنىڭ ئۇدىلىمىزدا ئولتۇرۇپ دۈمبىسىنى مۇشتلاپ تۇرۇپ:" ئەجەپ ھاردىما، ھۇ ئاناڭنى! سەنلەر تۇلا ئالدىرىتىپ ھالىمنى قويمىدىڭ! ......   ھە ، توغرا ، ھېلىقى جاينى ئىزدەپ تېپىشتىڭمۇ؟!" دىدى.
   ئانىڭ خانقىز بېشىنى چايقاپ :" بىراق ئەڭ ئاخىرقى بىر نوقتا قالدى، خاتالاشمىغانلا بولساق بىز ئىزدىگەن جاي دەل شۇ"دىدى.
   سىمىز:" مەن قەبرە ئىزدەش دىگەندەك ئىشلارنى ئۇقۇپ كەتمەيمەن، سىلەر تاپقاندا ماڭا خەۋەر قىلىپ قۇيۇڭلار، ناۋادا تاپالماي قالساڭلار مىنى نائىنساپكەن دەپ قالماڭلار، مەن دىيىشكەن پۇلنى جايىدا ئېلىۋىرىمەن، جىياڭخۇنىڭ قائىدىسى بۇ. سىلەر جەنۇپ پەرەسلەر" يەكچەشمىنىڭ شەھرىگە بارساڭ بىر كۆزۈڭنى قىس "دىگەننى بىلىشىڭلار كېرەك" دىدى.
   ئانىڭ خانقىزنىڭ بۇ گەپلەردىن بېشى ئاغرىدى بولغاي، ئۇ بىر ئۇھ تارتىپ قويۇپ:" سىز خاتىرجەم بولۇڭ، بىز ھەممىنى ئورۇنلاشتۇرۇپ قويدۇق. كونكىرتنى ئورۇن بەلگىلەش ئىشىغا ۋۇ ئەپەندىم مەسئۇل بولىدۇ" دىدى.
   مىنىڭ ئەسلىدە كەيپىياتىم خېلى ياخشى ئىدى. بۇ گەپنى ئاڭلاپ بىردىنلا گاڭگىراپ قالدىم. مەن نىمىگە مەسئۇل بولىمەن؟ نىمىگە ئاساسەن مەسئۇل بولىمەن؟ مەن ئۇ يەرگە بېرىپ باقمىغان تۇرسام.    مەن ئالدىراش ھالدا:" مەن مەسئۇل بۇلامدىم؟ سىلەر ئۇ قەبرىنىڭ ئورنىنى بىلىدىغان تۇرساڭلا؟" دىدىم.
   نىڭ خانقىز:" بىز پەقەت قەبرىنىڭ تەخمىنى ئورنىنى پەرەز قىلغان، ئەگەر پەرىزىمىز توغرا چىقىپ قالسا بەك ياخشى بولغىنى. ئۇنداق بولماي قالسا قەبرىنىڭ ئورنىنى تېپىشتا يەنىلا سىزگە تايىنىمىز. بىزنىڭ قولىمىزدا پەقەت بىر دۈۋە قەدىمى خاتىرىلەرلا بار ، سىلەر ئۇستىلارغا ھەرگىز يەتمەيمىز. كەنجى تاغىڭىزمۇ ناھايتى زىرەك ئادەمكەن، مۇھىم ماتىرياللارنى بىزگە قالدۇرۇپ قويماپتۇ" دىدى.
   مىنىڭ ئۈستىبېشىم سوغۇق تەرلەپ كەتتى. قارىغاندا بۈگۈن كەچتە ئۇخلىماي تاغام ئەينى يىللىرى ماڭا قالدۇرۇپ كەتكەن نەرسىلەرنىئوبدان بىر ئەسلەپ باقسام بولغۇدەك. بولمىسا ئۇ يەرگە بارغاندا كۈلكىگە قالدىغان ئوخشايمەن.
   گۈرجەك چېپىشتا مەندە چاتاق يوق. دېڭىز ئاستىدا بىرەر ئوڭۇشسىزلىق ياكى خاتالىق كىلىپ چىقسا دېڭىزنىڭ ئەھۋالىغا مۇناسىۋەتلىك دىيىشكە بولىدۇ. بۇ ساھەدە مەن كەسىپ ئەھلىئەمەس، بىراق قەبرىنىڭ ئورنىنى پىلانلاشنىڭ قىيىنلىق دەرىجىسى ھەقىقەتەن چوڭ. گەرچە مەن ئەمەلىي بېشىمدىن كەچۈرمىگەن بولساممۇ بىراق نەزىريە جەھەتتىن بىلىمىم يىتەرلىك.
   مەن ئويلىنىشقا باشلىدىم، باياتىندىن بىرى جىددىيلەشكەن كۆڭلۈم جايىغا چۈشۈشكە باشلىدى.ۋاقتى كەلگەندە ھەممە ئىشنىڭ ئامالى بولىدۇ. ئەگەر راستىنلا مۈشكۈل ئەھۋالدا قالسام "بۇ قەبرىنىڭ ئەھۋالى سەل غەلىتە تۇرىدۇ"دەپلا قۇتۇلمامدىم.
   سىمىز ماڭا قاراپ :" ھەممە ئىش پۈتتى.ئاران بىر شىشاغا كەلگەندە بۈگۈن كەچ ئوبدان يەپ-ئىچمەمدۇق؟! ئازراق ماغدۇرىمىزغا كىلىۋالمىساق قەبرە قېزىش دىگەن كۈچ تەلەپ قىلىدىغان ئەمگەك جۇمۇ!" دىدى.    ئۇ شۇنداق دىگەچ يۈگۈرۈپ بېرىپ كاپىتاننى ياقىسىدىن تۇتۇپ:" كىمىدە يىڭىدىن تۇتۇلغان دېڭىز مەھسۇلاتلىرى باردۇ؟!" دەپ سورىدى.
   نىڭ خانقىزنىڭ قورسىقى ئاچمىغان بولسا كېرەك، ئۇ بىر يانغا ئۆتۈپ گەپ قىلدىمىدى.ئەكىسچە مىنىڭ قۇرسىقىم بەك ئېچىپ كەتكەن ئىدى. يېڭى دېڭىز مەھسۇلاتلىرىنىڭ گېپىنى ئاڭلاپ ئېغىزىمغا سۇ يىغىلىپ كەتتى،مەنمۇ يۈگۈرۈپ باردىم.
   شىشادا سكومبېر بېلىقى،تاسما بېلىق، چىپار بېلىقلار ناھايتى كۆپ ئىدى. باشقىلار شىشانىڭ دېڭىزى يېرىمى سۇ يېرىمى بېلىق دەپ تەرىپلىشەتتى. شۇنداق بولغاچقا بېلىقچىلار كىمىسى بېلىق تۇتقىلى چىقسا ئادەتتە بېلىق تۇتماي قايتمايتتى.ساياھەت پەسىللىرىدە شىشاغا كىلىپ بېلىق تۇتۇش ناھايتى كۆڭۈللۈك ئىش ئىدى. سىمىز كاپىتاننى قىستىغاچقا كاپىتانمۇ ئامالسىز بېلىق ساندۇقىدىن بىر تال تاسما بېلىق ئېلىپ يېنىدىكى بىرىگە تەييەرلاپ چقىشقا بۇيرۇدى.
   سىمىز كاپىتاننىڭ قورقۇپ يىغلامسىراپ تۇرغانلىقىنى كۆرۈپ :" ھۇ ئاناڭنى، مەن يا پۇل بەرمەيمەن دىمسەم، يا سىنى بۇلىمىسام نىمىگە بۇنچىۋالا قىلىسەن!؟؟ " دەپ تىللاپ كەتتى.
   دەل شۇچاغدا بېلىق پۇشۇرۇلغان قازان كەلدى. مەن مىزىلىك پۇراقنى پۇراپلا كۆڭلۈمدىكى بارچە غەملەرنى ئۇنتۇپتىزراق مەززە قىلىشنى ئويلىدىم.ئىلگىرى شەھەردىكى ۋاقتىمدا ئۆزۈمنىڭ بۇنداق بىر نەرسە يىگۈم كەلگەنلىكى ئىسىمدە يوق.سىمىز ئاچكۆزلەرچە كۆزلىرىنى چەكچەيتتى.قازاننى يەرگە تۈزۈك مۇقۇملاشتۇرۇپ قويماستىلا چوكىنى ئېلىپ قولىنى سۇنۇپلا بىر پارچە بېلىق تىرىسىنى ئېغىزىغا سالدى، ئېغىزى كۆيۈپ كۆزلىرىدىن ياش چىقىپ كەتتى.
   بۇ قازاننىڭ سىھرى كۈچى نىمىدىگەن زور -ھە!    ھەممەيلەن تىزلىكتە قازاننىڭ ئەتراپىغا ئولاشتۇق. ھەتتا كىمە ئىسكىلاتىدا ئۇخلاۋاتقان جاڭ چوقۇرمۇ يۈگىرەپ چىقتى. ئۇ بېلىق شورپىسىنىڭ ھىدىنى پۇراپلا:" شىشانىڭ مۇشۇ يەرلىرى ياخشى جۇمۇ، بۇنداق ئىسىل تائامنى بىزنىڭ ئۇ يەرلەردە دائىم يىيەلمەيمىز!" دىدى.
   سىمىز جاڭ چوقۇرنى تارتىپ بىر تەرەپكە ئاپىرىۋەتتى، ۋە :" يالاقچى دىگەن بەرىبىر يالاقچى، ئۇ ئاناڭنى تۇلا ۋالاقشىما! شالاڭ قاززانغا چاچىراپ كىتىدۇ!   نىمىدىگەن يىرگىنىشلىك" دىدى.
   جاڭ چوقۇر سىمىزنى كۆرۈپ باقمىغان ئىدى. ئۇ دەرھاللا قولىنى ئۇزۇتۇپ:" ناتۇنۇش كۆرىنىسىز، ئىسىم شەرىپىڭىز نىمىكىن؟" دىدى.
   سىمىزنىڭ مىجەزى ناھايتى تۈز ئىدى، ئۇ جاڭ چوقۇرنى كۆرۈپلا نىڭ خانقىزدىن :" بۇ چوقۇر كىم ئۆزى؟" دەپ سورىدى.
   جاڭ چوقۇر بۇنى ئاڭلاپ يۈزلىرى قارىداپ كەتتى، ۋە ئۈنلۈك ئاۋازدا :" مىنى جاڭ ئەپەندىم ياكى جاڭ پىرافىسسور    دەڭ، بولامدۇ؟" دىدى.
   سىمىز ئۇنىڭغا پىسەنت قىلمىدى. نىڭ خانقىزنىڭ ئەھۋالنىڭ ياخشى ئەمەسلىكىنى بىلىپ، ئۇلاپلا:" سىزگە تۇنۇشتۇرۇپ قويۇشنى ئۇنتۇپ قاپتىمەن، بۇياق جاڭ پىرافىسسور بولىدۇ . ئۇمۇ بىزنىڭ بۇ قېتىمقى ھەركىتىمىزدىكى مەسلىھەتچىلەرنىڭ بىرى"دىدى.
   سىمىز ئۇنىڭ راستىنلا پىرافسسور ئىكەنلىكىنى ئاڭلاپ بايىقىدەك ھەددىن ئاشمىدى. ئالدىراش ھالدا جاڭ چوقۇر بىلەن قول ئېلىشىپ:" ھە، بەكلا سەت بولدى، مەن سىزنىڭ بىلىملىك ئادەم ئىكەنلىكىڭىزنى بىلمەي قاپتىمەن.مەن بىر تۈز ئادەم فامىلەم ۋاڭ، بايىقى گەپلەرنى كۆڭلىڭىزگە ئالماڭ" دىدى.
   جاڭ چوقۇر ئاڭلاپزورلاپ كۈلۈپ قويدى ، :" بىلىملىك بولسۇن ياكى بىلىمسىز بولسۇن ھەممىسى ئوخشاش ئادەم، بىلىملىكلەر بىلىمسىزلەردىن ئۆزگەرگەن ، پەقەتلا ئىش تەقسىماتىمىز ئوخشاشمايدۇ ........" دىدى.
   سىمىز ئۇنىڭ نىمە دەۋاتقانلىقىنى ئىنىق چۈشەنمىسىمۇ ئۇنىڭغا ئەگىشىپ كۈلدى. جاڭ چوقۇر بۇ يەردىكى قىززىقچىلىقلارنى چۈشەنمەي :" ۋاڭ ئەپەندىم، سىز نىمە خىزمەت قىلىسىزكىن؟ " دەپ سورىدى.
   سىمىز بۇ گەپنى ئاڭلاپ ھاڭۋېقىپلا قالدى. ئۇ بەك غەلىتىلىك ھىس قىلدى. بىراق بىلىملىك ئادەم ئالدىدا ئۆزىنى بەك چۈشۈرمەسلىك ئۈچۈن:" مەن يەر ئاستى خىزمەتچىسى" دىدى.
   جاڭ چوقۇر بۇنى ئاڭلاپ ئىككى قولىنى جۈپلەپ ئۇنىڭغا ھۆرمەت بىلدۈردى، ۋە : " ئەسلىدە سىز ج خ ساقچىسى ئىكەنسىزدە؟ ئەدەپسىزلىك بوپتۇ" دىدى.
   مەن بۇنى ئاڭلاپ ئۆزۈمنى تۇتىۋالالماي كۈلۈپ تاشلىدىم. سىمىز مىنىڭ كۈلىۋاتقىنىمنى كۆرۈپ ماڭا ئالىيىپ قاراپ قويدى. ئارقىدىنلا جاڭ چوقۇرغا:" گەپ بىلەنلا بولۇپ كەتمەي ماۋۇلاردىن بىرەر ئېغىز تېتىپ باقايلى"دىدى.ۋە شۇنداق دىگەچ باشقىلارنىمۇ يىيىشكە شەرەت قىلدى.
   مىنىڭ ئۇلارغا پەرۋا قىلماي چوكىنى ئېلىپ يىيىشكە باشلىدىم، بىرىنجى چوكا بېلىق گۆشىنى يۇتماستىلا يەنە ئىككىنىچى چوكىنى قىسىپ ئېغىزىمغا تەڭلىدىم....
   سىمىز بىر قانچە كاپام يەپلا ئارقىدىن ھاراقنىڭ غەلۋىسىنى قىلىشقا باشلىدى. نىڭ خانقىز:" بۇ كىمىدە نەدىمۇ ھاراق بولسۇن؟" دىدى.سىمىز بۇ گەپكە ئىشەنمەي كىمە ئىسكىلاتىغا كىرىپ ئۇ يەردىكى نەرسىلەرنى قالايمىقان ئۆرۈپ-چۆرۈپ ھاراق ئىزدەشكە باشلىدى. ۋە بىردەمدىلا كۈلگەن پېتى بىر كۇزا ھاراقنى قۇچاقلاپ چىقتى. كاپىتان بۇنى كۆرۈپ چىرايى ئۆڭدى. ئۇ:" بۇ دىگەن لوڭ بىگىم ئىچىدىغان ھاراق" دىگىنىچە بېرىپ ئۇنىڭدىن تالاشتى.
   سىمىز قاتتىق ئاچچىقلىنىپ:" نىمانداق كۆپ قۇرۇق گەپ بۇ!!؟ سىنىڭ بۇ سېسىق ھارىقىڭنى لوڭ بىگىم ئىچىدىغان بولسا ، سىنىڭ بۇ ئەبجاق كىمەڭنى مۇسادىرە قىلىۋالىدۇ!!!!" دىدى.ۋە شۇنداق دىگىنىچە ئۆزىنىڭ سومكىسىدىن بىر بوتولكا ئېر گوتو
(二锅头)نى ئېلىپ كاپىتانغا تۇتقۇزۇپ:" قېنى بۇنى ئالە! لوڭ بىگىم بۇنى تېتىپ باقسۇن! كۆردۈڭمۇ بۇ دىگەن خوڭشىڭ ئېرگوتوۋ(红星二锅头)، بۇنىڭ ياخشى نەرسە ئىكەنلىكىنى بىلىدىغانسەن!؟ " دىدى.
   كاپىتان بىر تەرەپتە ھاڭۋېقىپ قاراپ قالدى، ئۇ نىمە قىلارىنى بىلمەيتتى.   سىمىز ھاراقنىڭ پىچىنى بۇزۇپ بىزگە قۇيدى. بۇ ھاراق يامان ئەمەس ئىدى.بىز بولىشىغا يەپ-ئىچتۇق. بىر پەس دېڭىز بۇرىنى ئاي بېشىمىزغا كەلگەنگە قەدەر داۋام قىلىدى.
   سىمىز ئاخىرقى بىر يۇتۇم ھاراقنى ئىچىۋېتىپ قاتتىق بىرنى كىكىرگەندىن كېيىن ئۆزىنى رۇسلاپ تۈز ئولتۇرۇپ بىزگە:" كۆپچىلىك، ھەممىمىز يەپ تويدۇق، ئەمدى رەسمى ئىش توغرىسدا سۆزلىشەيلى!" دىدى.





جەنۇپپەرەس ئۈچىنچى تاغىنڭ‹‹ كىپەن ئوغۇرلاش خاتىرسى››ناملىق ئەسىردىن تەرجمە قلىندى
مەزكۈر ئەسەرنىڭ 1-بابىدىن29-بابىغىچە ئانا تۇپراق مۇنبىرىدىكى جاپاكەشلەر تەرجىمە قىلىپ يوللىغان بولۇپ، ئاخىرىنى تىرىشچانلار مۇنبىرىدىكى كىپەن ، جىمجىت ئەپەندىلەر تەرجىمە قىلىپ تىرىشچانلار مۇنبىرىگە يوللىغان ، ئانا تۇپراق تورىنىڭ باشقۇرغۇچىلىرىنىڭ روخسىتى بىلەن ئەسەرنىڭ باش قىسمى تىرىشچانلار مۇنبىرىگە يۆتكەلدى.
تىرىشچانلار مۇنبىرى قۇرغۇچىسىنىڭ رۇخسىتى بىلەن ئەسەر ئالۋاستى سالونىغا يوللاندى.

Lost0118 يوللانغان ۋاقتى 2014-6-25 00:47:25

سىمىزنىڭ چىرايى بىردىنلا ئۆزگۈرۈپ روھلىنىپ كەتتى. ئۇ گەرچە قائىدىلەرگە كۆپ ئىتىبار بەرمىسىمۇ بىران قەدىمىي قەبرىلەردىكى ئىپادىسى ناھايتى كەسكىن ۋە ئەستايىدىل ئىدى، ھەم بۇ جەھەتتە تەجىربىسى مول ئىدى. مەن ئۆزۈم يالغۇز قەبرىگە كىرىپ باقمىغان ھەم بۇنداق ھەركەتكە باش بولۇپ باقمىغان بولغاچقا، ئىشتىن ئاۋال يىغىن ئېھىپ سەپەرۋەر قىلىش زۈرۈرلىكىنى بىلمەيدىكەنمەن.   مەنمۇ ئوقۇغۇچىغا ئوخشاش ئۇنىڭ سۆزىنى ئاڭلاشقا باشلىدىم.
   سىمىز بەك كۆپ يەۋەلغان بولغاچقا قۇرساقلىرى تومپىيىپ كەتكەن ئىدى. ئۇ قۇرسىغا مۇشتلاپ قويۇپ:« مەن ئەزەلدىن دېڭىز ئاستى قەبرىسىنى قېزىپ باقمىغان. ئىشنى باشلاشتىن بۇرۇن ئوبدان تەييارلىق قىلىۋالايلى. ئىچىگە كىرىپ بولغاندا ئىشلار قالايمىقانلىشىپ كەتسە بولمايدۇ، بىزنىڭ ھازىر كىرمەكچى بولغىنىمىز يەر ئۈستىدىكى قەبرىلەرگە ئوخشىمايدۇ.    سىلەر قانداق لازىمەتلىكلەرنى تەييار قىلدىڭلاركىن؟    مەن بىر كۆرۈپ باقاي»دىدى.
   نىڭ خانقىز:« ۋاق ئەپەندىم، سىزنىڭ بۇ قېتىمقى ھەركىتىمىزگە قانچىلىك ئىشەنچىڭىز باركىن؟بىز ئاۋال ياخشى پىلانلايلى، ھەرھالدا كۆڭلىمىزدە سان بولغىنى تۈزۈك»دىىدى.
   سىمىز بېشىنى چايقاپ تۇرۇپ:« بىر نىمە دىگىلى بولمايدۇ. تەجىربەمگە ئاساسلانغاندابۇ دېڭىز قەبرىسى بىرىنجىدىن_ ئورنىنى بەلگىلەش قىيىن.ئىككىنجىدىن_ قازماق قىيىن. ئۈچىنجىدىن_ ئىچىدىكى ئەھۋال ئىنىق ئەمەس.   يۇقارقىلاردىن بىرىنجى ۋە ئىككىنجىنى ھازىرچە دىمەيلا قۇيايلى، مۇھىم بولغىنى ئۈچىنجىسى، بۇ قەبرىنىڭ ئىچىدە قورقۇنۇچلۇقمۇردىلار بارمۇ-يوق بۇنى بىلمەيمىز. ئەگەر بار بولۇپلا قالسا چوڭ ئاۋارىچىلىق چىقىدۇ. بولماي قالسا ئۇ چاغدا بۇ قەبرىنى قېزىش يەر ئۈستى قەبرىسىنى قازغاندەكلا ئاسان ئىش»دىىدى.
    مۇردا دىگەن گەپنى ئاڭلاپ كەنجى تاغام ماڭا ئېيتىپ بەرگەن ئۇلار ئەينى ۋاقىتتا قەبرە يوللىرىدا يولۇقتۇرغان غەلىتە مەخلۇقلار كۆز ئالدىمغا كەلدى. ئويلىغانسىرى بۇ نەرسە بۈگۈن مەن ئالۋاستى كىمىسدە كۆرگەن دېڭىز مايمۇنى شۇمىدۇ؟ دەپ پەرەز قىلىشقا باشلىدىم، ۋە مىنى ئىختىيارسىز سۈر بېسىشقا باشلىدى.مەن كۆپچىلىككە:« قەبرە ئىچىدەقورقۇنۇچلۇقمۇردا بارمۇ-يوق بۇنىسى نامەلۇم. بىراق ئۇنىڭدىنمۇ قورقۇنۇچلۇقراق نەرسە بۇلىشى مۇمكىن» دىدىدىم.ئارقىدىنلا ئۇلارغا ئالۋاستى كىمىسىدە كۆرگەن ھېلىقى مەخلۇق توغرىسىدا سۆزلەپ بەردىم.بۇ گەپلەرنى جاڭ چۇقۇر ئۇلارغا دەپ بولغان ئىدى. بىراق ئۇ نىڭ خانقىزنى قانداق قۇتقۇزغانلىقىنى ئاساس قىلىپ سۆلىگەن بولۇپ ، بۇ يەردىكىلەر ئۇ نەرسىنىڭ قانچىلىك قورقۇنۇچلۇق ئىكەنلىكىدىن خەۋەرسىز ئىدى. مەن ئۇ مەخلۇق توغرىسىدا كۆرگەنلىرىمنى ئاددى، چۈشىنىشلىك قىلىپ سۆزلەپ چىقتىم.سىمىزنىڭ قاپىقى تۈرۈلدى. «ئاناڭنى، يەنە تېخى مۇشۇنداق نەرسىمۇ بارمىكەن؟» دەپ سورىدى ئۇ.
   مەن بېشىمنى لىڭشىتىپ:« شۇنداق. يەنە تېخى نۇرغۇن جايلاردا مۇشۇ توغرىسىدا رىۋايەتلەرمۇ بار، مىنىڭچە بۇ يالغان ئەمەس»دىدىم.
   نىڭ خانقىزمۇ بېشىنى لىڭشىتىپ تۇرۇپ:« مەنمۇ كىچىك ۋاقتىمدا ئاڭلىغان، بىراق بۇ چوڭلارنىڭ مىنى دەريا بويىغا بېرىپ ئوينىمىسۇن دەپ قورقۇتۇپ دەپ قويغان گەپلىرى دەپ ئويلايتتىم»دىدى.
   بۇ ۋاقىتتا كاپىتان گەپ قىستۇرۇپ:« خاتا!خاتا! بۇنى سىلەر چۈشەنمەيسىلەر. بۇ يەرگە كىلىپ بېلىق تۇتىدىغان بېلىقچىلىق كىمىلىرىنىڭ ھەممىسى ئۇ نەرسىنى كۆرگەن. سىلەرگە دىسەم_ بۇ نەرسە سىلەر ئېيتقان دېڭىز مايمۇنى ئەمەس. ئۇ دىگەن تۈن ئالۋاستىسى! ئۇ لوڭ بىگىمنىڭ(لوڭ بىگىم دىگىنى مۇشۇ دېڭىزنىڭ مۇئەككىلى دىگەندەك مەنىلەردە_ تەرجىماندىن)توققىنى. سىلەر ھازىر چوڭ جىنايەت ئۆتكۈزدۈڭلار، ئۇ جەزمەن قايتىپ كىلىپ بىزدىن قىساس ئالىدۇ. بىز ئەڭ ياخشىسى تىزدىن قىرغاققا قايتىپ چىقىپ كالا سېتىۋېلىپ كىلىپ ئۆلتۈرۈپ، باخشىدىن بىرنى تېپىپ كىلىپ نەزىر چىراق قىلىشىمىز كېرەك. شۇنداق قىلساقلا لوڭ بىگىم ئىنساپ قىلىپ بىزنى كەچۈرىۋېتىشى مۇمكىن» دىدى.
   جاڭ چۇقۇر بۇنى ئاڭلاپ كۈلۈپ كەتتى. « مەن سىزگە دىسەم كاپىتان «بىگىم»! مەن بىر پاي ئوق بىلەن لوڭ بىگىمنىڭ توققىنىنىڭ دۇلىسىدىن تۈشۈك ئېچىۋەتتىم. ئۇنداقتا مەن ئالۋاستى يۇقىتىدىغان سۇنۋۇكۇڭنىڭ ئۆزى بولمامدىم؟» دىدى.
   كاپىتان بۇ گەپتىن ئاچچىقلىنىپ يۈزلىرى كۆكىرىپ كەتتى. « سىنىڭ بۇ ھالىتىڭ نەدىمۇ سۇنۋۇكوڭغا ئوخشىسۇن! سەن جۇباجىنىڭ ئۆزى !!» دىدى.
   بىز ھەممىمىز بۇ گەپتىن كۈلۈشتۇق. جاڭ چۇقۇر سىمىز ئېڭىكىنى تۇتۇپ باقتى. خۇددى مەن راستىنلا ئوخشامدىم قانداق؟ دەپ سىناپ بېقىۋاتقاندەك.    ئۇ بىردىنلا جىم بولۇپ قالدى.
   سىمىز بىر ھازا كۈلگەندىن كېيىن:« دېڭىز ئاستىدا بۇ خىل نەرسە بولغان ئىكەن، بىز ئەلۋەتتە قۇرال ئېلىۋېلىشىمىز كېرەك! مۇبادا دېڭىز ئاستى قەبرىسى ئۇلارنىڭ ئۇۋىسى بولۇپ قالسىچۇ تېخى!؟ ئۇ چاغدا بىز ئىنقلا ئۆزىمىزنى ئۆلۈمگە تۇتۇپ بەرگەن بولمامدۇق؟! قېنى نىڭ خانقىز، سىز دېڭىز ئارىسى دىگەندەكلەرنى تەييار قىلىپ قويغانسىز-ھە؟» دىدى.
   «بىز بۇ ئىشلارنى ئەلۋەتتە ئويلاشتۇق. بىز سۇ ئاستىدا ئىشلىتىلىدىغان قۇرال تەييارلاپ قويدۇق.بىراق بۇ قۇرال سەل كىلەڭسىز، بىر قېتىمدا بىر پايلا ئوق ئاتقىلى بولىدۇ.ئەگەر راستىنلا جىددى ئەھۋال يۈز بىرىپ قالسا چۇقۇم جانغا ئەسقاتىدۇ دەپ كىسىپ ئېيتالمايمەن» دىدى-نىڭ خانقىز.
   مەن بۇ قۇرالنى بۇرۇن كۆرۈپ باققان، بۇ قۇرال گازدا ئېتىلىدىغان بولۇپ، قاتلىنىدۇ. ئېتىلغان ئوق تۆت مىتىرغىمۇ بارمايدۇ. بىراق ھەر ھالدا قوغدىنىش قۇرالى قىلىشقا بولىدۇ. بۇ قۇرالنى تار قەبرە يوللىرىدا چىقىرىپ ئىشلىتىش سەل بىئەپرەك.
   سىمىز:« كارغا كىلەمدۇ-كەلمەمدۇ بۇنىڭ بىلەن كارىمىز بولمىسۇن. قۇرال دىگەن بۇ نەرسىگە سەل قاراشقا بولمايدۇ. ئېلىۋالغىلى بولىدىغاننىڭ ھەممىسىنى ئېلىۋالايلى. ئەتە دېڭىز ئاستىغا چۈشكەندە مەن ئەڭ ئالدىدا ماڭاي، ۋۇ ئەپەندىم مىنىڭ كەينىمدىن ماڭسۇن، نىڭ خانقىز ۋە ئاۋۇ چۇقۇر ئەڭ ئاخىرىدا مېڭىڭلار. ئەگەر بىرەر ئەھۋال بايقىسام ئالقىنىمنى پۇلاڭلىتىمەن، سىلەر دەرھال توختايسىلەر. ئەگەر ئەھۋال خەتەرلىك بولسا مۇشتۇمۇمنى پۇلاڭلىتىمەن، بۇ چاغدا سىلەر ھېچنىمىگە قارىماي قاچىسىلەر.»دىدى.
   بىز ئۇنىڭ بۇ پىكىرىگە قايىل بولۇپ بېشىمىزنى لىڭشىتتۇق. بىز ئاخىرىدا يەنە بىر قىسىم ئىشلار توغرىسىدا سۆزلەشتۇق.مەن كەنجى تاغام بىلەن يۈرگەن چاغلىرىمدىكى تەجىربىلىرىمگە ئاساسەن ئۇلارغا بىر تىزىملىك تەييارلاپ بەردىم.ھەممەيلەن تىزىملىكتىكى_ چارلاش چىرىقى، خەنجەر، سۇ ئۆتمەس خالتا، ئارغامچا، يامىشىش تۈگمىسى، يىمەكلىك، جىددى قۇتقۇزۇش بۇيۇملىرى، زەھەردىن ساقلىنىش نىقابى، سايمان ساندۇقىدىگەندەكلەرنى تۇلۇق تەييار قىلىۋالدۇق.
   بىز بۇ ئىشلارنى تۈگەتكىچە ئالام تاڭ ئاتاي دەپ قالغان ئىدى. « ئەمدى مۇشۇنچىلىك بولسۇن، يەنە گەپ سېتىپ تۇرىۋەرسەك ئەتە سۇغا چۈشكىلى بولمايدۇ. بىر ئاز ئارام ئېلىۋېلىشىمىز كېرەك»دىدى سىمىز.
   شۇنداق قىلىپ بىز ھەممىمىز ئارام ئالماق ئۈچۈن تارقالدۇق. بايىقى« ھەلەقنىڭ» كەيپى ئەمدى تۇتىۋاتسا كېرەك ، باشلىرىم ئېغىرلىشىپ بېشىمنى قۇيۇپلا ئۇيقۇغا كەتتىم. شۇ ئۇخلىغانچە چۈشتىن كېيىن بولاي دىگەندە ئاران ئويغاندىم.
   باشقا بىرقانچەيلەن خېلى بۇرۇنلا ئويغۇنۇپ، سۇ ئاستىغا چۈشۈپ دېڭىز ئاستى قەبرىسىنىڭ ئورنى مۇشۇمۇ ياكى ئەمەسمۇ ئىنىقلاش ئۈچۈن سۇ ئاستىغا چۈشۈپ بولغان ئىدى. مەن دېڭىز سۈيىدە يۈزۈمنى يۇيىۋېتىپ ئۇلارغا قارىدىم، غەۋۋاس كىيىمى كىيىۋالغان بىر قانچى كىشى بېشىنى سۇدىن چىقىرىپ تۇراتتى. ئۇلار نىڭ خانقىزغا قاراپ:« تاپتۇق! دەل مۇشۇ يەر شۇ ئىكەن. قەبرىگە كىرىش ئېغىزىنىمۇ تاپتۇق!» دىدى.
   نىڭ خانقىز ئۇلارنىڭ سۆزىنى ئاڭلاپ:« ئىچىگە كىرىپ قاراپ باقتىڭلارمۇ؟»دەپ سورىدى.
ئۇ ئادەم بېشىنى چايقاپ:« قەبرە ئېغىزىدىكى ئۆڭكۈر بەكلا ئۇزۇنكەن، مەن خېلى بىر يەرگىچە ئۈزۈپ باردىم، بىراق ئاخىرقى نوقتىغا بېرىشقا كۆزۈم يەتمەي يېنىپ چىقتىم» دىدى.
   نىڭ خانقىز بېشىنى لىڭشىتىپ تۇرۇپ ئۇلاردىن يەنە بىرنىمىلەرنى سورىغاندىن كىيىن بىزگە قاراپ:« بولدى، بىز چۈشۈشكە تەييارلىق قىلايلى، ئۇلار قەبرە ئېغىزىنى تازىلاپ، تۇسالغۇلارنى تۈگەتكەندە بىزگە خەۋەر قىلىدۇ»دىدى.
   بىز ھەممىمىز غەۋۋاسلىق كىيىملىرىمىزنى كىيملىرىمىزنى كىيىشكە باشلىدۇق. بۇ كىيىم مەن ۋە باشقىلىرىمىزغا ناھايتى دەل كەلدى. بىراق سىمىزنىڭ قۇرسىقى كىيىمگە چىپلا كىلىپ قالغان بولۇپ، كىندىكلىرى كۆرۈنۈپلا قالغان ئىدى.
   بىز بارلىق ئەسلىھەلەرنى بىر قۇر تەكشۈرۈپ چىققاندىن كېيىن بىر-بىرلەپ سۇغا مۇللاق ئاتتۇق.





جەنۇپپەرەس ئۈچىنچى تاغىنڭ‹‹ كىپەن ئوغۇرلاش خاتىرسى››ناملىق ئەسىردىن تەرجمە قلىندى
مەزكۈر ئەسەرنىڭ 1-بابىدىن29-بابىغىچە ئانا تۇپراق مۇنبىرىدىكى جاپاكەشلەر تەرجىمە قىلىپ يوللىغان بولۇپ، ئاخىرىنى تىرىشچانلار مۇنبىرىدىكى كىپەن ، جىمجىت ئەپەندىلەر تەرجىمە قىلىپ تىرىشچانلار مۇنبىرىگە يوللىغان ، ئانا تۇپراق تورىنىڭ باشقۇرغۇچىلىرىنىڭ روخسىتى بىلەن ئەسەرنىڭ باش قىسمى تىرىشچانلار مۇنبىرىگە يۆتكەلدى.

Lost0118 يوللانغان ۋاقتى 2014-6-25 00:48:39

قەبرىگە كىرىش ئېغىزى كىمىگە يېقىن جايدىلا بولوپ، دېڭىز تىگىدىن پارتىلىتىپ بىر ئورەك ھاسىل قىلىنغان، قەبرىنىڭ كىرىش ئېغىزى دەل ئاشۇ ئورەكىنىڭ تىگىدە ئىدى.مەن بۇنى كۆرۈپ كەنجى تاغامنىڭ ئۇسۇلى كۆز ئالدىمغا كەلدى. كەنجى تاغاممۇ ئادەتتە قەبرە قازسا مۇشۇنىڭغا ئوخشاش قەبرە ئېغىزىنى ئېچىپ بولۇپ، قايتا-قايتا تەكشۈرۈپ گۈمۈرۈلۈپ چۈشمەسلىككە كۆزى ئىلگەندە ئاندىن ئىچىگە كىرەتتى.قارىغاندا كەنجى تاغامنىڭ بۇ تېخنىكىسى ئۆزگەرمىگەن ئىدى.
   مەن يەنە بىر قانچە پارچە تاشنىڭ كىرىش ئېغىزى تەرەپكە قويۇلغانلىقىنى. بۇمۇ كەنجى تاغامنىڭ سۆزلەپ بەرگىنىگە بەكمۇ ئوخشايتتى.
   بۇ يەردىن ئاساسىي قەبرە ئورنى كۆرۈنمىدى. مەن ۋە جاڭ چۇقۇر بۇ يەرگە ئوبدان قاراپ بۇ يەردىن قوشۇمچە قەبرە تەرەپكە كولانغانمىكىن دەپ پەرەز قىلدۇق. كەنجى تاغامنىڭ ئېيتقىنى بۇيىچە بولغاندا قۇشۇمچە قەبرە تاملىرىنىڭ خىشلىرى بەك نىپىز بۇلاتتى.
   بىز تەخمىنەن بەش مىنۇتچە ئىزدىدۇق. قارىغاندا داۋاملىق ئىزدەۋىرىشنىڭ ھاجىتى قالمىغان ئىدى. سىمىز ماڭا قاراپ ئالقىنىنى پۇلاڭلاتتى. ئۇ كىرىمىزمۇ ياكى كىرمەيمىزمۇ؟دەپ سورىماقچى ئىدى.   نىڭ خانقىز غەۋۋاسلار سائېتىگە قارىۋەتكەندىن كېيىن بېشىنى لىڭشىتتى.
   بىزنىڭ ھازىرقى جابدۇقلىرىمىز بۇرۇنقىدىن ئىلغار بولۇپ ھەم يىنىك، ھەم ئەپچىل ئىدى. بىز ئەڭ ئاخىرقى بىر ئۆڭكۈر ئېغىزىدا توختاپ ئوكسىگىن تۇڭى قاتارلىقلارنى بىر قۇر تەكشۈرگەندىن كېيىن، كىمە ئۈستىدىكى دىيىشىۋالغان قول ئىشارەتلىرىنى بىر قۇر مەشىق قىلدۇق.ھەممەيلەن چاتاق يوقلىقىنى بىلدۈرگەندىن كېيىن سىمىز ئەڭ ئالدىدا بايىقى ئۆڭكۈر ئېغىزىدىن ئىچىگە قاراپ ئۈزدى.بىزمۇ ئۇنىڭغا ئەگەشتۇق.
   بۇ ئۆڭكۈر ناھايتى تەرتىپسىز كولانغان بولۇپ، بەزى جايلىرى كەڭ، بەزى جايلىرى تار ئىدى. قارىغانسىرى غەلىتە بىلىنىشكە باشلىدى.   قارىغاندا بۇ ئادەم كولىغان ئۆڭكۈرگە ئوخشىمايتتى. ئەگەر بۇ ئۆڭكۈرنى كەنجى تاغام كولىغان بولسا، ئۇ بىر گۈرجەك-بىرگۈرجەكتىن تەرتىپلىك كولىغان بولاتتى.بىراق بۇ ئۆڭكۈرنىڭ تاملىرىدا ئۇيەر-بۇيەرلەردە ئاندا ساندا كاتەكلەر بولۇپ ناھايتى قالايمىقان ئىدى. قارىغاندا بۇ جەزمەن بىرەر غەلىتە ھايۋان كولىغان جايدەك قىلاتتى.
   بىز گاھ تىز-گاھ ئاستىلاپ 20 نەچچە مىتىرچە ئۈزدۇق. بارا-بارا ئۆڭكۈر ئېغىزىدىن چۈشكەن يۇرۇقلۇق كۆرۈنمىدى.بىز شۇنداق ئۈزۈپ كىتىۋاتقىنىمىزدا ئۆڭكۈرنىڭ يۈنىلىشى تۇيۇقسىز ئۆزگۈرۈپ قۇدۇققا ئوخشاش يەر تىگىگە قاراپ ماڭدى.مەن ناھايتى غەلىتىلىك ھىس قىلدىم. بۇ ئۆڭكۈر قەبرە مەركىزىگە بارماي تۇرۇپلا نىمىشقا يەر ئاستىغا قاراپ كولانغاندۇ؟
   گەپ قىلىشقا تېخى ئامال يوق.   مەن كۆڭلۈمدىكى بۇ تۈگۈنلەرنى باشقىلارغا بىلدۈرۈشكە ئامالسىز قالدىم. بىز مۇشۇ قۇدۇققا ئوخشايدىغان ئۆڭكۈر ئېغىزىغا كىلىپ بىر ئاز ئارام ئالدۇق.ئارقىدىن يەنە ھەركەتنى باشلىدۇق. سىمىز قولى بىلەن بىزنى «ئېھتىيات قىلىڭلار!» دەپ ئاگاھلاندۇرغاندىن كېيىن، ئۆزى بىرىنجى بولۇپ ئۈزۈپ كىرىپ كەتتى. مەن بىر دەستە نۇرنىڭ توختىماي ئاستىغا قاراپ كىرىپ كىتىۋاتقانلىقىنى كۆردۈم. بۇ نۇر ئاخىرىدا كىچىكلەپ بىر كىچىك چىكىتچىلىك قالدى. مەن كۆڭلۈمدە:« بۇ ئۆڭكۈر نىمانداق چوڭقۇردۇ؟» دەپ ئويلىدۇم.   بۇ ۋاقىتتا سىمىز تۆۋەندە تۇرۇپ چىراقنى پۇلاڭلىتىپ بىزگە ئىچىنىڭ بىخەتەر ئىكەنلىكىنى ئىشارەت قىلدى.شۇنىڭ بىزمۇ ئارقا-ئارقىدىن پەسكە شۇڭغۇدۇق.   مەن غەۋۋاسلار سائېتىگە قارىدىم، بىز يىگىرمە مىتىرچە چوڭقۇرلۇققا چۈشۈپ بولغان ئىدۇق.مەن ئەزەلدىن بۇنداق چوڭقۇر چۈكۈپ باقمىغان بولغاچقا بەدىنىم بەرداشلىق بىرەلەمدۇ-يوق بىلمەيتتىم.
    بۇ ئۆڭكۈرنىڭ ئەڭ ئاستىغا بىر كەڭرى بوشلۇق كولانغان ئىدى.شۇ يەرگە كىرگەندە ئاندىن قەبرىنىڭ تاملىرىنى كۆردۇق. تامدا ماشىنا سوقۇلۇپ كىرىپ كەتكەندەكلا بىر يوغان تۈشۈك تۇراتتى. قارىغاندا ئادەم قولى بىلەن ئاچقاندەك ئەمەس.ئادەتتە قەبرە قازغۇچىلار ئىھتىيات بىلەن خىشلارنى بىر-بىردىن ئېلىپ تاملاردىن تۈشۈك ئاچىدىغان.ھازىرقى ئەھۋاللاردىن قارىغاندا چوڭ بىر نەرسىنىڭ تامغا ئۇرۇلغانلىقىنى كۆرىۋالغىلى بۇلاتتى. سىزمىز بىلەن ئىككىمىز بىر-بىرىمىزگە قاراشتۇق. سىمىز قولى بىلەن ئېچىلغان تۈشۈكنى كۆرسىتىپ دېڭىز مايمۇنىنىڭ شەكلىنى ئىشارەت قىلدى. ئۇ « بۇ تۈشۈكنى دېڭىز مايمۇنى ئاچقانمىدۇ؟» دىمەكچى ئىدى.
   مەن بېشىمنى لىڭشىتىپ «شۇنداق»دەپ، ئۇنىڭ پىكىرىنى قۇۋۋەتلىدىم. ھەمدە دۈمبىسىگە ئېسىۋالغان سۇ ئاستى قۇرالىنى كۆرسەتتىم. ئۇ قۇرالنى ئېلىپ قۇرالنىڭ بىخەتەرلىك قۇلۇپىنى ئاچتى. ئارقىدىن بايىقى ئېچىلغان چوڭ تۈشۈكتىن ئىچىگە كىردى.
   بۇ مىنىڭ ئىككىنجى قېتىم قەدىمىي قەبرىگە كىرىشىم بولۇپ، گەرچە ناھايتى ھاياجانلىنىۋاتقان بولساممۇ، بىرىنجى قېتىمقى بېشىمدىن كەچۈرگەنلىرىمنى ئويلاپ تەنلىرىم شۈركىنىپ كەتتى.بولۇپمۇ سۇ ئاستىدا قەبرىگە كىرگەندە پۇت-قول يا تۈزۈك ئىشلىمىگەن. ئەگەرگە خەتەرگە يولۇقۇپ قالساق قۇرۇقلۇقتىكىگە ئوخشاش جاننى تىز ئېلىپ قاچقىلى بولمىسا .
   قەبرە يولى مەن ئويلىغاندى كەڭرى ئىدى. مەن چارلاش چىرىقىنى تېخىمۇ يۇرۇق قىلىپ تەڭشىدىم ۋە قولۇمدىكى سۇ ئاستى قولچىرىقىنىمۇ ياندۇردۇم.سىمىزگە يېقىن ئەگىشىپ ماڭدىم. بىرقانچە چىراقنىڭ يۇرۇقىدا بۇ يەر خېلى ئىنىق كۆرۈندى. پۈتۈن قەبرە ئىچىنى ئاساسەن كۆرگىلى بولدى. مەن قەبرىنىڭ تېمىغا قارىدىم، دەرۋەقە تامغا كەنجى تاغام ئېيتىپ بەرگەن ئادەم يۈزىنىڭ رەسىمى ئۇيۇلغان ئىدى. يەنە تېخى رەسىمدىكى ئادەمنىڭ پىشانىسىگە بىر قىسىم غەلىتە ھايۋانلارنىڭ رەسىمىمۇ ئويۇلغان بولۇپ، ناھايتى نەپىس ئويۇلغان ئىدى.    مەن بىر تەرەپتىن ئۈزگەچ ، بىر تەرەپتىن تامدىكى ئويما رەسىمگە قارىدىم. قارىغانسىرى غەلىتىلىك ھىس قىلىشقا باشلىدىم. بۇ ھايۋانلارنىڭ كۆپىنچىسى قەبرىلەرنىڭ ئىچىدە ئۇچرايدىغان ھايۋانلار ئىدى.بۇ ھال ماڭا بىر ئاز غەلىتە بىلىندى.
   مەن شۇنداق كىتىۋېتىپ تۇيۇقسىز بىر چىراينىڭ ئۈستىگە خۇددى يىلان قاشلىق مىس بېلىققا ئوخشاش بىر نەرسىنىڭ ئويۇلغانلىقىنى كۆرۈپ ئىختىيارسىز جىددىيلەشتىم.مەن سىمىزنى ئالدىراش تارتىپ توختاتتىم. ئۇنىڭغا بۇ ئويما رەسىمنى كۈزىتىپ بېقىشنى ئېيتتىم. ئۇ ئالدىغا قاراپ ئۈزۈپ كىتىۋاتقان بولۇپ، تامدىكى رەاسىملەرگە دىققەت قىلمىغان ئىدى. ئۇ بۇرۇلۇپ قاراپ بېقىپ ھېچقانداق ئىپادە بىلدۈرمىدى. قارىغاندا ئۇ بىرەر غەلىتە ئەھۋال بايقىمىغان ئىدى.ئۇ قولىنى چىقىرىپ داۋاملىق ئۈزىۋىرىشنى ئىشارەت قىلدى.مەن ئۇنى توختاشقا ئىسارەت قىلىپ ، ئۆزۈم تامغا يېقىن بېرىپ كۈزىتىشكە باشلىدىم.ئويما رەسىمدە ئۈچ دانە يىلان قاشلىق مىس بېلىقنىڭ بېشى ۋە قۇيرۇقى تۇتاشتۇرۇلۇپ بىر چەمبەر ھاسىل قىلغان، ئۇنىڭ ئىچىدىكى ئىككىسى نورمال ، قالغان بىرىنىڭ ئۈچ كۆزى بارئىدى.بۇ زادى نىمىنى بىلدۈرىدىغاندۇ؟بۇ رەسىم ئۇيۇلغان ئادەمنىڭ يۈزى ئىنىقكى ئايال بولۇپ، بىراق ئۈستىگە قالايمىقان نەرسىلەر چاپلىشىپ كەتكەن بولغاچقا ناھايتى كۆرۈمسىز كۆرىنەتتى. قارىسا ئادەمنى بىر ئاز بىئارام قىلاتتى.
   مەن تېخىمۇ تەپسىلى كۆزۈتۈپ تەكشۈرمەكچى بولدۇم. بۇ ۋاقىتتا كەينىمدىكى نىڭ خانقىز مىنى ئالدىمغا مېڭىشقا دەۋەت قىلدى.ئامالسىز سىمىزگە ئەگەشتىم. تەلىيىمگە مەن ئۇزۇنراق كۆرۈپ بېقىشنى ئويلىغان بۇ ئويما رەسىم ھەر ئون-ئون بەش مىتىردا بىر قېتىم ئۇچراپ تۇردى.مەن ھەر قېتىم ئۇنىڭ يېنىغا كەلگىنىمدە تەپسىلىي قارايتتىم. بەك روشەن پەرق بولمىسىمۇبىراق ئۇنىڭدا بىرەر مەنە باردەك قىلاتتى.شۇنداق قارىغاچ مېڭىپ بۇ ئويما رەسىم بەشىنجى قېتىم كۆرۈگەندە ئاندىن نىمە ئىش ئىكەنلىكىنى بايقىدىم. مەن كۆرگەن بىرىنجى رەسىمدىكى ئايالنىڭ كۆزى يومۇلغان ھالەتتە ، ئىككىنجىسى ئازراق ئېچىلغان ...... بەشىنجىسىگە كەلگەندە ئاساسەن تولۇق ئېچىلىپ بولغان ئىدى.
   مەن ئىشنىڭ چاتاقلىقىنى پەملىدىم. سىمىزنى تارتىپ ئۇنى ئەمدى ئالدىغا ماڭماسلىققا دەۋەت قىلدىم ۋە سۇ ئاستىدا ئىشلىتىلىدىغان رەسىم سىزىش تاختىسىنى چىقىرىپ ئۈستىگە:« ئويما رەسىمدىكى ئايالنىڭ كۆزى بارا-بارايۇمۇلغان ھالەتتىن ئېچىلغان ھالەتكە ئۆزگەردى، مەن بىرەر مەسىلە بارمىكىن دەپ ئەنسىرەۋاتىمەن» دەپ يازدىم.يېزىپ بولۇپ تامنى كۆرسەتتىم.
   سىمىز تامدىكى ئادەمنىڭ چىرايىنى سىلاپ باقتى. ئۇ بېشىنى چايقاپ :« مەن دىققەت قىلماپتىمەن. بۇ پەقەتلا بىر ئويما رەسىمغۇ شۇ،   سەن بەك كۆپ ئويلاپ كىتىپسەن» دەپ يازدى.
   مەن ناھايتى كەسكىن ھالدا بېشىمنى چايقىدىم. ۋە ئۇنىڭغا قۇرالنى تەييار قىلىۋېلىشنى ئىشارەت قىلدىم. ئۇ مىنىڭ بۇنچە كەسكىنلىكىمنى كۆرۈپ ئىلاجىسىز مەن دىگەن بۇيىچە قىلدى.ئۇزۇنغا بارمايلا بايىقىدەك ئويما رەسىم يەنە ئۇچرىدى. سىمىز مىنىڭ بايىقى گەپلىرىمدىن ئازراق قورققان بولسا كۋرەك، ئۇمۇ توختاپ چىراقنى تەڭلاپ قاراپ باقتى. بۇ رەسىمدىكى ئايالنىڭ كۆزى تولۇق ئېچىلىپ بولغان، ئالدىغا تىكىلىپ تۇراتتى. سىمىز رەسىمگە قاراپ بىردەم تۇرىۋېتىپ ، بىرەر غەيرى ئەھۋال بايقىمىغاندەك ، ماڭا - ھېچ ئىش يوق- دەپ ئىشارەت قىلغاندىن كېيىن داۋاملىق ئۈزۈشكە باشلىدى.مەن بۇ ئويما رەسىمگە يېقىن بېرىپ قاراپ باقتىم، قولۇمنى ئۇنىڭ كۆزىگە تىقىپمۇ باقتىم، ھېچقانداق ئىنكاس يوق.مەن ئۆزۈمنى مەسخىرە قىلغاندەك بېشىمنى چايقاپ قويدۇم.بۇ قەبرە ياسىغۇچىنىڭ قەبرە ئىچىگە كىرگەنلەرنى قورقۇتۇش ئۈچۈن ئوينىغان ئويۇنى بولىشى مۇمكىن .    مەن مۇشۇ رەسىمدىن قورقۇپ باشقىلارنىڭ ئالدىدا يۈزۈمنى چۈشۈردۈم دىسە!....   سىمىز مىنى ئۇرۇپ قويۇپ ئەمدى ئۇنداق خىياللارنى قىلماسلىققا ئىشارە قىلدى.
   بىز داۋاملىق ئالدىغا قاراپ ئۈزدۇق. مەن كەنجى تاغامنىڭ بىر توزاققا يولۇققانلىقىنى، ھەم شۇ توزاقتىن بۇلاق ئىغىزىغا كىرىپ قالغانلىقى توغرىسىدىكى بايانلىرىنى ئىسىمگە ئالدىم.   بىراق تاغام تىلغا ئالغان توزاق زادى قەيەردىدۇ؟
   تۇيۇقسىز كاللامغا بىر خىيال كەلدى،    بۇنداق داۋاملىق ئۈزىۋىرىشمۇ ياخشى ئامال ئەمەس، بۇ قەبرە يولىنىڭ قەيەرگە تۇتىشىدىغانلىقى نامەلۇم، ئەگەر ئىچىدە ئېزىپ قالساق تېخىمۇ چاتاق. كەنجى تاغامنىڭ ئېيتقىنى بۇيىچە بولغاندا ھېلىقى توزاق مۇشۇ جايدا بولىشى كېرەك.   بىز ئەڭ ياخشىسى شۇ جاينى تاپقىنىمىز تۈزۈك. گەرچە ئازراق ۋاقىت كەتسىمۇ بۇنداق مېڭىۋەرگەندىن ياخشىراق.مەن شۇلارنى ئويلاۋاتقىنىمدا ئالدىمدا كىتىۋاتقان سىمىز تۇيۇقسىز توختاپ قالدى. مەن ئۆزۈمنى توختىتالماي ئۇنىڭ كاسىسىغا ئۈستۈم. ئالدىدا بىرەر ئەھۋال كۆرۈلگەن چېغى دەپ ئويلاپدەرھال زىھنىمنى يىغدىم.ئەسلىدە ئالدى تەرەپ بىر يوغان تاش بىلەن تۇسىۋېتىلگەن بولۇپ يولىمىزنى تۇسۇپ قويغان ئىدى.بۇ تاش ناھايتى سىلىق بولۇپ ئۈستىدە يېزىق دىگەندەك نەرسىلەر كۆرۈنمەيتتى.مەن خېلى ئۇزۇن سىلاشتۇرۇپ باقتىم، بىراق ھېچنەرسە بايقىمىدىم. نىڭ خانقىز رەسىم تاختىسىغا:« قانداقسىگە بۇنداق بولىدۇ؟» دەپ يازدى. «مۇشۇ ئەتراپتا كىرىش ئېغىزىبولىشى مۇمكىن، بىز ئوبدان ئىزدەپ باقايلى»دەپ يازىدم جاۋابەن.   
   ئۇلار ھەممىسى باشلىرىنى لىڭشىتتى. سىمىز تامنىڭ ئۇيەر-بۇ يەرلىرىگە مۇشتلاپ تامنى تەكشۈرۈشكە باشلىدى.مەن خاتىرىلەردە تىلغا ئېلىنغان بار؛ىق يىپ ئۇچىلىرىنى ئەسلەپ چىقتىم. قولۇمدىكى خەنجەر بىلەن تامنىڭ يېرىقلىرىنى سانجىپ باقتىم. بىراق يەنىلا ئىلگىرلەش يوق.    ھېلىقى تاش يەنە ئۆز بېتى يولىمىزنى تۇسۇپ تۇراتتى.ئازراق ئاچچىقىم كەلگەندەك بولدى.   مەن بورۇلۇپ ، سىمىز بىرەر نەرسە بايقىدىمىكىن دەپ ئۇ تەرەپكەت قارىدىم. ئۇ دەرۋەقە ھاڭۋېقىپلا تۇرۇپ قالغان ئىدى.مەن ئۇنى ئۇرۇپ قويۇپ تاختىغا :« نىمە بايقىدىڭ؟» دەپ يازدىم. ئۇنىڭ چىراي ئىپادىسى ناھايتى غەلىتە ئىدى. ئۇ ماڭا قاراپ قويۇپ، تاختىغا:« دېڭىز مايمۇنىنىڭ ئۇزۇن چېچى بارمۇ؟»دەپ يازدى.       مەن ئۇنىڭ نىمىشقا تويۇقسىز بۇنداق سوئالنى سورىغانلىقىدىن ئەجەپلەندىم.دېڭىز مايمۇنىنىڭ ئۇزۇن چېچى بارمۇ-يوق ، بۇنىڭغا تازا دىققەت قىلمىغان ئىكەنمەن.مەن ئويلىغانلىرىمنى تاختىغا يازدىم.ئۇ تامنىڭ يېرىقىنى كۆرسەتتى. مەن ئۇ كۆرسەتكەن تەرەپكە قارىدىم، تامنىڭ يېرىقىدىن بىر تۇتام قاپقارا چاچ چىقىپ قالغان ئىدى.مەن چۈچۈپ كەتتىم.   بۇ قانداقمۇ مۇمكىن بولسۇن؟   ئەجەبا تاشنىڭ ئۇ تەرىپىدە ئادەم بارمىدۇ؟
   سىمىز يۈرەكلىك ھالدا قولىنى سوزۇپ چاچنى تۇتماقچى بولغان ئىدى، چاچ ئىچىگە قاراپ كىرىپ كىتىشكە باشلىدى، ئاخىرى ھېلىقى يېرىقتىن پۈتۈنلەي ئىچىگە كىرىپ كەتتى.    سىمىز رەسىم تاختىسىغا:« تامنىڭ كەينىدە ئالۋاستى باركەن!» دەپ يازدى.




جەنۇپپەرەس ئۈچىنچى تاغىنڭ‹‹ كىپەن ئوغۇرلاش خاتىرسى››ناملىق ئەسىردىن تەرجمە قلىندى
مەزكۈر ئەسەرنىڭ 1-بابىدىن29-بابىغىچە ئانا تۇپراق مۇنبىرىدىكى جاپاكەشلەر تەرجىمە قىلىپ يوللىغان بولۇپ، ئاخىرىنى تىرىشچانلار مۇنبىرىدىكى كىپەن ، جىمجىت ئەپەندىلەر تەرجىمە قىلىپ تىرىشچانلار مۇنبىرىگە يوللىغان ، ئانا تۇپراق تورىنىڭ باشقۇرغۇچىلىرىنىڭ روخسىتى بىلەن ئەسەرنىڭ باش قىسمى تىرىشچانلار مۇنبىرىگە يۆتكەلدى.

Lost0118 يوللانغان ۋاقتى 2014-6-25 00:49:45

قەدىمى قەبرە ئىچىدە بىر تۇتام چاچ بايقىدۇق، يەنە كىلىپ بۇ چاچ مىدىرلايدىكەن. ھەرقانداق ئادەم بۇن ى كۆرسە ئالۋاستىكەن دەپ ئويلىماي قالمايدۇ.تەلىيىمىزگە ئارىمىزنى بىر چوڭ تاش تۇسۇپ تۇرغان بولغاچقا ئالۋاستى بولغان تەقدىردىمۇ بىزگە دەماللىققا ھۇجۇم قىلالمايتتى.
   سىمىز چاچنى تۇتالماي سەل جىلە بولغاندەك قولىغا قولچىرىقىنى ئېلىپ تاشنىڭ يېرىقىدىن ئىچىگە قاراشقا باشلىدى.ئۇنىڭ ئىچىدە زادى نىمە باردۇ؟    مەن سىمىزدەك يۈرەكلىك ئەمەس.مەن بىردىنلا قورقۇنۇچلۇق فىلىملەردىكى چاچ ھەققىدىكى كۆرۈنۈشلەرنى كۆز ئالدىمغا كەلتۈرۈشكە باشلىدىم.مەن يىراقتا سىمىزنىڭ ھەركىتىنى كۆزىتىپ تۇراتتىم.
   سىمىز بېشىنى يېقىن ئاپىرىپ بىرنەرسە كۆرگەندەك تاشقا تېخىمۇ چاپلىشىپ كەتتى.بۇ قېتىم ئۇ تۇيۇقسىز بېشىنى تىزلا تارتىپ كەينىگە بىرقانچە قەدەم ياندى، ئۇ جېنىنى ساقلاپ قالماقچى بولغاندەك مەن تەرەپكە تىز-تىز ئۈزۈپ كەلدى.ۋە بىزگە مۇشتۇمىنى پۇلاڭلىتىپ بىزنى جېنىڭلارنى ئېلىپ قېچىڭلار دەپ ئىشارەت قىلدى.
   بىراق ھېچقانداق ئىش يۈز بەرمىگەن تۇرسا،   زادى نىمە ئىشتۇ؟مەن بۇرۇلۇپ ھېلىقى تاشقا قارىدىم، تاش ئاستا-ئاستا ئۈستىگە كۆتۈرۈلۈپ، تاشنىڭ ئاستىدىن قاپقارا رەڭلىك كۆپ مىقداردىكى نەرسە ئېقىپ چىقىشقا باشلىدى. مەن جىددى كەينىمگە چېكىندىم. ئۇنى زەھەرلىك سۇ بولسا كېرەك دەپ ئويلىدىم.   مەن بەك قورقۇپ كەتتىم. مەن ئۈزۈپ كىتىۋېتىپ يەنە بىر قېتىم كەينىمگە بۇرۇلۇپ قارىدىم. ئەسلىدە ئۇ ناھايتى كۆپ مىقداردىكى ئادەم چېچى ئىدى.
   سىمىز بىزنىڭ بەك ئاستا ئۈزىۋاتقانلىقىمىزنى كۆرۈپ، قايتىپ كىلىپ بىزنى تىز-تىز ئۈزۈشكە بۇيرۇدى.ۋە مىنى تارتتى. مەن شۇندىلا ئىسىمنى يىغىپ كۈچەپ ئۈزۈشكە باشلىدىم.سۇ ئاستىدا ئۈزگەندە ئادەم جىددىيلىشىدىغان بولسا ئادەتتىكىدىن نەچچە ھەسسە كۆپ جىسمانى كۈچ خۇرايتتى.مەن سىمىزنى دوراپ قولۇم بىلەن تامنى قاماللاپ ئالغا ئىلگىرلەشكە باشلىدىم. بۇنداق ماڭغاندا سۈرئەت خېلىلا تىز بولاتتى.
   بىز شۇ ئۈزگەنچە يىگىرمە نەچچە مېتىرچە ئىلگىرلىدۇق. بۇرۇلىدىغان جايغا يىتىپ بارغاندا سىمىز توختاپ بىزنى شۇ يەردە يۇشۇرۇنۇشقا ، ئەھۋالنى كۆزۈتۈپ ئاندىن ھەركەت قىلىشقا بۇيرۇدى.بىز شۇ يەردە توختىدۇق، ھەممىمىز ھارغان بولغاچقا ئوكسىگىننى كۈچەپ سۈمۈرۈشكە باشلىغان ئىدۇق.   بىز كەينىمىزگە بۇرۇلدۇق.ماۋۇ كارامەتنى كۆرۈڭ!!كەينىمىزدىكى قەبرە يولى پۈتۈنلەي چاچ بىلەن تولۇپ كىتىپتۇ، كاللەك-كاللەك چاچ سۇدا لەيلىشىپ يۈرەتتى.مەن قارىغانسىرى گېلىمغا بىر نەرسە تۇرۇپ قالغاندەك بولۇپ كەتتىم.زادى قانچە ئۇزۇندا مۇشۇنچىلىك ئۆسكەن چاچتۇ بۇ؟؟سىمىز قولىغا قۇرالنى ئېلىپ چاچنىڭ ئوتتۇرا قىسمىغا قارىتىپ ئوق ئۈزدى.ئۇ- ئوق چاچنى تىشىپ ئۆتۈپ كىتىدۇ دەپ ئويلىغان بولسا كېرەك.نەدىكىنى ئوق 6-7-مېتىر ماڭا-ماڭمايلا سۈرئىتى ئاستىلاپ چاچلار ئارىسىدا غايىپ بولدى.بۇنى كۆرۈپ سىمىزنىڭ چىرايى تاتىرىپ كەتتى.بىراق ھېلىقى بىر پاي ئوق ئازراق رولىنى كۆرسەتكەن بولسا كېرەك،چاچ ئاستا-ئاستا كەينىگە سۈرۈلۈشكە باشلىدى، خۇددى بىرسى كەينى تەرەپتىن تارتىۋاتقاندەك.    چاچ سۈرۈلۈش بىلەن تەڭ بېلىقنىڭ قۇيرۇقىغا ئوخشاش پۇلاڭلاپ ھەركەتلىنىشكە باشلىدى، خۇددى بىر نەرسە قۇسۇپ چىقىرىپ بىرىدىغاندەك مىدىرلايتتى.    بىز ھەممەيلەن ئىختىيارسىز ھالدا ھۇشيارلىشىپ كەتتۇق. سىمىز بۇ قېتىم ئالدىغا بىر نەچچە مېتىر ئىلگىرلەپ ئاندىن يەنە بىر پاي ئوق ئاتتى.بۇ قېتىم چاچ شىددەت بىلەن كەينىگە بىر سۈرۈلۈپ ئاندىن يەنە ئالدىغا سۈرۈلدى.   مەن تەپسىلىي قاراپ چاچنىڭ ئارىسىدىن بىر ئادەمنىڭ جەسىتىنىڭ تۇرغانلىقىنى كۆردۈم. ئۇمۇ بىزگە ئوخشاش غەۋۋاسلار كىيىمى كىيىۋالغان بولۇپ بۇرۇن ۋە ئېغىزلىرى قاپقارا چاچلار بىلەن تۇشۇپ كەتكەن، سۇدا تۇنجۇقۇپ ئۆلگىنى چىقىپلا تۇراتتى. سۇدا ئۇزۇن ۋاقىت تۇرغاچقا كۈپۈپ بەك سەتلىشىپ كەتكەن ئىدى.مەن ئۇنى قەبرىگە كىرگەن ئۈچ ئادەمنىڭ بىرسى مۇشۇ بولسا كېرەك - دەپ ئويلىدىم.
   مەن قورقۇشقا باشلىدىم. قارىغاندا بۇ يەردىن تىزراق ئايرىلمىساق بولمىغۇدەك.   مەن ئالدىراش كەينىمگە بورۇلۇپ سىمىزنى تارتىپ چىكىنمەكچى بولۇپ قارىسام سىمىز يوق.    مەن تېخىمۇ جىددىيلىشىپ بېشىمنى كۆتۈرۈپ يىراققا قارىسام ئۇ ئاللىقاچان ئۆزى يالغۇز يىراقلاردا ئۈزۈپ كىتىۋاتاتتى.مەن ئىچىمدە ئۇنى نەچچە مىڭنى تىللىدىم. " ھۇ   پور كۈتەك! سەن ئۆزۈڭ بىخەتەر جايغا بېرىپ بولۇپ ئاندىن بىزنى چاقىرماقچى بولغانمىدىڭ!!؟؟" ...............      مەن نىڭ خانقىز بىلەن جاڭ چۇقۇرغا تىز مېڭىشقا ئىشارەت قىلدىم.    ئەكىسچە سىمىز ئۇ يەردە بىزنىڭ ھەركىتىمىزنىڭ بەك ئاستىلىقىدىن ئاغرىنىۋاتاتتى.مەن ئاچچىقىمدا ئۇنىڭ كاسىسىغا بىرنى تەپتىم. سىمىز ئاغرىققا بولالمايمەن بىلەن ئۇرۇشماقچى بولۇپ مەنتەرەپكە كەلگەن ئىدى، نىڭ خانقىز ئۇنى تۇسىۋېلىپ ئارقا تەرەپ نى كۆرسەتتى.سىمىز توختاپ قالدى. " ھۇ خام سىمىز ، بۇ ھىسابنى سەندىن چۇقۇم ئالىمەنغۇ!"دىگەنلەرنى ئويلىدۇم مەن كۆڭلۈمدە.
   بۇ ۋاقىتتا ئوۆسىگىن تۇڭىنىڭ كۆرسەتكۈچ سائېتى تىتىرەپ كەتتى. ئەچۋال چاتاق! بىز بۇ يەردە يېرىم سائەتتەك ئۈزگەن ئىدۇق، يەنە كىلىپ ھەركەت قىلىشىمىز ئادەتتىكىدىن جىددى بولغاچقا ئوكسىگىننىڭ خۇرىشى بەك تىز بولۇپ كەتكەن ئىدى.   ئەگەر يەنە ئىلگىرلەش بولمايدىغان بولسا، بىز كەلگەن يولىمىزنى بويلاپ قايتىپ كەتمىسەك بولمايتتى.   لېكىن تا ھازىرغىچە كەنجى تاغام تىلغا ئېلىپ ئۆتكەن قۇشۇمچە قەبرە ئۆيىنىمۇ تاپالمىغان تۇرساق.   بۇلارنى ئويلاپ كۆڭلۈم بىرقىسما بولۇشقا باشلىدى.
   بۇ ۋاقىتتا ئەڭ كەينىدە كىلىۋاتقان جاڭ چۇقۇر ئالدىراش ھالدا مەن ۋە نىڭ خانقىزنىڭ يېنىدىن ئۈزۈپ ئۆتۈپ، سىمىزنى تارتىپ توختاتتى. قارىغاندا ئۇ بىرەر نەرسە بايقىغاندەك قىلاتتى.
   ئۇ ھەممىمىزنى ئۆزىگە ئەگىشىپ مېڭىشقا شەرەت قىلدى. سىمىز تازا قايىل بولمىغاندەك قىلاتتى.بىراق ھەممىمىز ئۇنىڭ بايىقى ئىپادىسىدىن نارازى بولغاچقا ئۇنىڭغا پەرۋا قىلماي جاڭ چۇقۇرغا ئەگەشتۇق.سىمىزمۇ ئامالسىز بىزنىڭ كەينىمىزدىن ماڭدى.
   جاڭ چۇقۇر كالامپايلارچە بىر نەچچە مېتىر ئۈزگەندىن كېيىن، تامنىڭ ئۈستىدىكى پېتىنقى شەكىلدە بولۇپ قالغان بىر جاينى كۆرسەتتى. ئەسلىدە سىمىز باياتىن ئۈزۈپ كىتىۋاتقاندا پۇتى بىلەن تامنى تىپىپ ئالغا ئىلگىرلىگەن بولۇپ،بۇ ئورۇننى سىمىز تىپىپ ئىچىگە كىرگۈزىۋەتكەن ئىدى.
   مەن بۇنى كۆرۈپ ناھايتى خوش بولدۇم. پەرىزىمچە بۇ دەل كارىدور شەكىللىك قەبرە يولىنىڭ ئاخىرلىشىش نوقتىسى بولۇپ، كەنجى تاغام تىلغا ئالغان قۇشۇمچە قەبرە ئۆيىگە كىرىش ئېغىزى مۇشۇ يەردە بولىشى مۇمكىن.ئەگەر بىز بۇ يەردىن كىرەلىسەك ئىچىدە ئوكسىگىن تۇڭى ئىشلىتىشنىڭ ھاجىتى قالمايتتى.   بىراق كىرىش ئېغىزىنى ئاچىدىغان بولساق غايەت زور سۇ ئىچىگە قاراپ ئاقىدۇ. كەنجى تاغام ئەينى چاغدا بېشىغا بىخەتەرلىك قالپىقى كىيىۋالغاچقا چوڭ چاتاق چىقمىغان. بىراق ھازىر بىزنىڭ بېشىمىزدا سۇ ئۈزۈش كۆزئەينىكىلا بار تۇرسا ناۋادا شىددەتلىك سۇغا يولۇقۇپ قالساق ئۇ چاغدا يارلىنىشىمىز ئىنىق.
   مەن بۇلارنى ئويلىغاچ ئارقامغا قارىدىم. ھېلىقى چاچ بىزنى قوغلاپ كەلگەندەك قىلمايتتى. مەن كۆپچىلىككە بىر ئىشلارنى ئەسكەرتمەكچى بولۇپ تۇرغىنىمدا، جاڭ چۇقۇر كىرىش ئېغىزىنى ئىتتىرىپ ئاچتى.مەن ئىسىمنى يىغىپ بولغۇچە سۇ كۆپۈكچىلىرى پەيدا بولۇشقا باشلىدى.   
   مەن ئەھۋالنىڭ چاتاقلىقىنى پەملىدىم. مەن جاڭ چۇقۇرنىڭ چاتاق تېرىشتا سىمىزدىن قېلىشمايدىغانلىقىنى ئويلاپمۇ باقماپتىكەنمەن.   مەن ئۇنى راسا تىللىماقچى بولۇپ تۇرغىنىمدا غايەت زور بىر كۈچ مىنىڭ كەينىمدىن ئىتتىرىپ مىنى ئىچىگە ئېقىتىپ كىرىپ كەتتى.سۇ توختىماي پىرقىراپ ئېقىۋاتاتتى.   مەن كەنجى تاغامنىڭ:" ئىچىمدى ئاشقازان، ئۈچەي.......... لىرىم تۈكۈلۈپ كىتىدىغاندەكلا قىلاتتى" دىگەن سۈپەتلەشلىرىنىڭ مەنسىنى چۈشەنگەندەك بولدۇم.   ئۆزۈمن ى خۇددى كىرئالغۇنىڭ ئىچىگە كىرىپ قالغاندەك ھىس قىلىشقا باشلىدىم.شۇ ئەسنادا بارا-بارا سىزىمىم يوقاپ، ھۇشسىزلىنىشقا باشلىدىم. ھېچنىمىنى ئىنىق كۆرەلمىدىم.
   قانچىلىك ۋاقىت ئۆتتىكىن ئىسىمدە يوق. مەن ھۇشۇمغا كەلگەن ۋاقىتىمدا خۇددى چۇۋۇلغان جازىدەك پۇت-قوللۇرۇم، مۈرەم، بەللىرىم ... ھەممە يىرىپ ئاغرىۋاتاتتى. بولۇپمۇ بوينۇم بەكرەك ئاغرىيتتى. تەلىيىمگە ئوكسىگىن نەيچىسى تېغىچە ئېغىزىمدا بولغاچقا ساق-سالامەت تۇرىۋاتاتتىم.ھەممە يەر قاپقاراڭغۇ ، باشقىلارنىڭ ھەممىسى مىنىڭ تۆۋەن تەرىپىمدە بولۇپ ئۇلارمۇ ھۇشىدىن كەتكەن ئىدى. ئەڭ ئۇۋال بولغىنى سىمىز، ئۇ تېخىچە پىرقىراپ ئايلىنىۋاتاتتى.
   بىز كىرىپ قالغان بۇ جاي قۇدۇققا ئوخشايتتى. مەن قولۇمنى سۇزۇپ تامنى تۇتۇپ باقتىم. تامغا ئىشلىتىلگىنى ناھايتى ئىسىل ماتىرياللار بولۇپ، بۇ يەر كەنجى تاغام دەپ ئۆتكەن قۇشۇمچە قەبرە ئېغىزى شۇ ئىدى.   مەن چىشىمنى چىشلەپ تۇرۇپ پۇتۇم بىلەن يەرنى كۈچەپ تىپىپ ئۈستىگە ئۆرلىدىم،بىردىنلا بېشىم ئىللىغاندەك ھىس قىلدىم، ئەسلىدە بېشىم سۇ يۈزىگە چىقىپ قالغان ئىكەن.چارلاش چىرىقىنىڭ يۇرۇتۇش دائىرىسى بەك تار بولغاچقا مەن قولچىرىقىنى ياندۇرۇپ ئەتراپنى كۈزىتىشكە باشلىدىم.   قەبرە ئۆيى تىك تۆتبولۇڭ شەكىلدە بولۇپ، تۇرۇستا ئويما رەسىملەر تۇراتتى. باشقا جايلىرى ناھايتى ئادەتتىكىچىلا كۆرىنەتتى.
   قەبرە ئىچىدە تاۋۇت كۆرۈنمەيتتى. مەن خېلى زەن سېلىپ قارىدىم. بۇ يەردە چىقىش ئېغىزى يوق بولۇپ ، پەقەتلا سول تەرەپتە كىچىك بىر تاش ئىشىك تۇراتتى، بۇ ئىشىكمۇ ئالىي دەرىجىلىك يىلىمغا ئوخشاش بىر نەرسە بىلەن چىڭ چاپلىۋېتىلگەن ئىدى.
   قەبرە تېمىدىمۇ ئاندا-ساندا ئويما رەسىملەر كۆرۈنگەندەك قىلدى، بىراق ئۇزۇن ۋاقىت بولغاچقا لاي-لاتقىلار چاپلىشىپ كۆكىرىپ ئىنىق كۆرۈنمەس بولۇپ كەتكەن ئىدى.
   قەبرىنىڭ ئىچىگە بىر نەچچە يۈزگە يېقىن جەسەت بىلەن بىرگە دەپنە قىلىنىدىغان كاھىش قاچىلار ۋە ئىدىش تۇراتتى.بۇلارنىڭ ئىچىدە كۆك رەڭلىك چوڭ ئىدىش خېلى پولغا يارايتتى.مەن يەنە يەردە بىر قىسىم ئاياق ئىزلىرىنى بايقىدىم.بۇ ئىزلار يەرگە يىغىلىپ قالغان ئاز مىقداردىكى لاي-لاتقىلارنى دەسسىگەندە قېپقالغان ئىدى. قارىماققا ناھايتى يېڭى كۆرىنەتتى. بۇ بەلكىم كەنجى تاغامنىڭ بىزگە قالدۇرۇپ قويغان خاتىرە بويۇمى بولسا كېرەك دەپ ئويلىدىم.
   مەن بۇ يەرنىڭ ھاۋا سۈپىتىنى تەكشۈرۈپ چاتاق چىقمايدىغانلىقىنى پەملىگەندىن كېيىن ئېغىزىمدىكى ئوكسىگىن نەيچىسىنى ئېلىۋەتتىم ۋە باشقىلارنى سۇ يۈزىگە چىقىشقا بۇيرۇدۇم.نىڭ خانقىز سۇدىن يامىشىپ چىقىپ يەردىكى ئىزلارنى كۆرۈپ ئەنسىرەشكە باشلىدى. ئۇ:"بۇلار قەبرە ئوغرىلىرىنىڭ ئىزىمىدۇ؟" دەپ سورىدى.
   مەن قاپىقىمنى تۈردۈم.شۇنداق ئىكەنلىكىنى جەزىملەشتۈرەلمەيتتىم. چۈنكى مەن بۇ ئىزلارنىڭ ئىچىدە بەزىلىرىنىڭ كىچىك بالىنىڭ ئىزىغا ئوخشايدىغانلىقىنى بايقاپ قالدىم.قارىغاندا بۇ 3 ياشلىق بالىنىڭ ئىزىغا ئوخشايتتى.
   مەن ئەزەلدىن باشقىلارنىڭ كىچىك بالىلارنى قەبرە قازغىلى ئېلىپ كىرگەنلىكىنى ئاڭلاپ باقمىغان ئىدىم. مەن دەرھال سىمىزنى چاقىردىم. ئۇنىڭ بۇ جەھەتتە تەجىربىسى مەندىن ياخشىراق ئىدى.
   سىمىز بۇلارنى كۆرۈپ گاڭگىراپ قالدى. ئۇ :" سىنىڭبۇ ئىزلارنىڭ چوڭ-كىچىكلىكى بىلەن كارىڭ بولمىسۇن! نىمىلا بولمىسۇن بۇ ئىزلار نورمال ئەمەس، سەن يەنىمۇ تەپسىلىيرەك كۆزىتىپ باققىن" دىدى.
   مەن بېشىمنى تۆۋەن قىلىپ كۆزىتىشكە باشلىدىم. بايىقى ئىزنىڭ ئۈستىدە سېرىق رەڭلىك شامنىڭ ئىرىندىلىرىغا ئوخشايدىغان بىر قەۋەت نەرسە تۇراتتى.مەن ئۇنى پىچاق بىلەن ئاجرىتىپ ئېلىپ پۇراپ باقتىم. ئىختىيارسىز دىمىقىم ئېچىشىپ كەتتى.   بۇ جەسەت شامى ئىدى!!!




EzQi0908 يوللانغان ۋاقتى 2014-6-25 09:28:44

parakende يوللىغان ۋاقتى2014-6-24 23:10 static/image/common/back.gif
@tewekkulchi @tewekkulchi@EzQi0908

ئىككى كۇندىن بىرى ئالدىراش بوپ كەتتىم،ئۆزۇر جامائەت،ئەتىدىن باشلاپ كەلگەن يىرىدىن باشلاپ يوللايمە ئاللا بۇيرىسا

kaplanqak يوللانغان ۋاقتى 2014-6-25 12:49:29

بۇنىڭكىنوسى2016-يىلىقويۇلىدىكەن.

Mahir512 يوللانغان ۋاقتى 2014-6-25 14:45:04

مىنىڭچە كىنوسى ھىكايىسىدەك ئادەمنى ھەيەجانغا سالالمايدۇ.

Lost0118 يوللانغان ۋاقتى 2014-6-25 14:56:47

جەسەت شامى ئادەتتە سۇدا چۆكىدىغان بولۇپ، نەم تۇپىغا كۆمۈلگەن جەسەت تىنىدىكى ئاقسىل ماددىلىرى ۋە تۇپراقتىكى ئىلمىنىتلارنىڭ قۇشۇلىشى ئارقىسىدا ئۇيۇشۇپ ھاسىل بولاتتى.
   مەن بۇ ئىزنىڭ تامنىڭ بۇلىڭىغا قويۇلغان كۆك رەڭلىك ساپال ئىدىشنىڭ ئارقا تەرىپىگە قاراپ سوزۇلغانلىقىنى بايقىدىم. يۈرىگىم ئەنسىز سوقۇپ كەتتى.بۇ يەردە بالاغەتكە يەتمىگەن بالا مۇردا بار ئوخشايدۇ- دىگەنلەرنى خىيال قىلىشقا باشلىدىم. مەن سىمىزگە :"« قارا بۇ ئىزلار ئاشۇ ئىدىش تەرەپكە كىتىپتۇ، قايتىپ كەلگەن ئىز يوق، بۇ ئېھتىمال...........» گېپىمنىڭ ئاخىرى تۈگىمەستىلا سىمىز قولىنى شىلتىپ مىنى گەپ قىلماسلىققا ئىشارەت قىلدى.مەن بېشىمنى بۇراپ قارىدىم. ھېلىقى كۆك رەڭلىك ساپال ئىدىش تۇيۇقسىز تەۋرىنىشك باشلىدى.
   سىمىز پەس ئاۋازدا:« ھېلىقى نەرسە ساپال ئىدىشنىڭ كەينىگە يۇشۇرىنىۋالغان ئوخشايدۇ»دىدى.   جاڭ چوقۇر ئۈستىدىكى كىيىملىرىنىڭ يېرىمىنى دىگۈدەك سېلىپ بولغان بولۇپ، قېپقالغان جابدۇقلارنى سېلىشقا تەمشىلىۋاتاتتى. ئۇ بۇ گەپنى ئاڭلاپ قورققاندەك ھەركىتىنى توختۇتۇپ ، سىمىزدىن :"« سىنىڭ دىگىنىڭ قانداق نەرسە؟» دەپ سورىدى.   ئۇنىڭ بۇ سۇئالىدىن ئەرۋاھى ئۇچقان سىمىز ئۇنىڭغا چەكچىيىپ تۇرۇپ:« تىرىك مۇردا!!!» دەپ ۋارقىرىدى.بۇنى ئاڭلاپ چۇقۇر ھاڭۋېقىپلا قالدى.سىمىز بېشىنى ھايقاپ قويۇپ ئۇنىڭ بىلەن كارى بولمىدى.
   مەن سىمىزدىن :« سەن راستىنلا تىرىك مۇردا بارلىقىنى جەزىملەشتۈرەلەمسەن؟ مەن ئەزەلدىن بۇنداق كىچىك تىرىك مۇردىنى كۆرۈپ باقمىغان» دىدىم.   سىمىز :« مەنمۇ ئىنىق بىرنەرسە دىيەلمەيمەن. بىراق نىمە بولىشىدىن قەتئىينەزەر بىز يەنىلا بېرىپ قاراپ بېقىشىمىز كېرەك» دىدى. ئۇ شۇنداق دىگىنىچە قورالنى ئېلىپ مىنى مېڭىشقا شەرەت قىلدى.مەن بېشىمنى چايقىدىم. مەن راستىنلا قوقۇشقا باشلىغان ئىدىم.
   سىمىز ئولۇغ كىچىك تىنىۋېتىپ ، جاڭ چوقۇرغا قارىدى. جاڭ چوقۇرنىڭ تۈنجى قېتىم قەبرىگە كىرىشى بولغاچقىمىكىن بۇ ئىشلار ئۇنىڭغا بەك قىزىقارلىق بىلىنىۋاتقان بولسا كېرەك. ئۇ بىردىنلا روھلىنىپ كەتتى، ۋە سىمىزگە ئەگىشىپ ماڭدى.
   ئۇلار ئېھتىياتچانلىق بىلەن ئىدىشقا يېقىنلىشىۋاتاتتى. مەن گەرچە قورقىۋاتساممۇ ئايال كىشى ئالدىدا يۈزۈمنى تۆكىۋالماسلىق ئۈچۈن جاڭ چوقۇرنىڭ كەينىدىن سەل ئارىلىق قالدۇرۇپ ماڭدىم.
   بىز ناھايتى ئاستا مېڭىۋاتاتتۇق، خۇددى تويۇقسىز بىرنەرسە ھازىرلا ئېتىلىپ چىقىدىغاندەكلا.سىمىز ئاۋال قول چىرىقىنى تەڭلەپ قاراپ باقتى. بۇ ئىدىش بەك چوڭ بولۇپ ئىچىنى ئىنىق كۆرگىلى بولمايتتى.ئۇ يەنە قورالنىڭ پەينىكى بىلەن ئۇرۇپ باقتى.ئۇنىڭ بۇ ھەركىتى كىچىك ۋاقتىمدا بۇرسۇق تۇتقاندىكى ھەركىتىمگە بەك ئوخشايتتى. بۇنى كۆرۈپ ئىختىيارسىز كۈلگۈم كەلدى.   ئۇ مۇشۇنداق 5-6قېتىم ئۇرۇپ باققاندىن كېيىن ھېچنىمە يوقلىقىنى پەملىدى بولغاي، تېخىمۇ يۈرەكلىك ھالدا ئىدىنىڭ كەينىگە ئۆتتى. ۋە تىللاشقا باشلىدى:« ھۇ ئاناڭنى! بىر تال قۇرۇق ياغاچ ساندۇقكەنغۇ، مىنى قورقۇتۇپ جېنىمنى ئالغىلى تاس قالدى دىسە!...».
   ئۇنىڭ گېپىنى ئاڭلاپ بىزمۇ ئۇنىڭ يېنىغا باردۇق. ئىدىشنىڭ كەينىدىكىسى ئىسكروپكا سالىدىغان قۇتىچىلىك چوڭلۇقتىكى ھەرخىل نەقىشلەر ئويۇلغان بوۋاق بالىلارنى قويىدىغان جەسەت ساندۇقى ئىدى. جەسەت ساندۇقىنىڭ ئېغىزى ئاللىقاچان ئېچىۋېتىلگەن بولۇپ بىر تەرەپكە قويۇپ قۇيۇلغان ئىدى.جەسەت ساندۇقى ناھايتى ياخشى ساقلانغان بولۇپ، ھەيران قالارلىق يېرى شۇكىئىچىدە جەسەت يوق.
   سىمىز بۇنى ئادەتتىكى بىر ساندۇق دەپ ئويلاپ قالغان ئىدى.مەن ئۇنىڭغا:« بۇ ئادەتتىكى ساندۇق ئەمەس، بۇ دىگەن تاۋۇت» دىدىم.سىمىز دەسلەپ بۇ گەپكە ئىشەنمىدى. ئۇ بىردەم تۇرىۋېتىپ بىرنەرسىنى چۈشەنگەندەك بولۇپ:« سەن بۇنى ھېلىقى تىرىك بالا مۇردىنىڭ تاۋۇتى دىمەكچىمۇ؟» دەپ سورىدى.مەن بېشىمنى لىڭشىتتىم. مەن بۇ تاۋۇتقا زەن سېلىپ قاراپ تاۋۇتنىڭ بىرقانچە يېرىدە تۈشۈك تۇرغانلىقىنى، قارا رەڭلىك بىرخىل سۇيۇقلۇقنىڭ تۈشۈكتىن باشلىنىپ يەرگىچە سوزۇلۇپ چاپلىشىپ قالغانلىقىنى بايقىدىم. قارىغاندا بۇ تۈشۈكتىن راستىنلار بىرخىل سۇيۇقلۇق ئېقىپ چىققاندەك قىلاتتى.بۇ ئەھۋاللارنى كەنجى تاغامنىڭ خاتىرىسە كۆرگەندەك قىلغان ئىدىم.
   سىمىز قول چىرىقىنى تەڭلەپ تاۋۇتنىڭ ئىچى-سىرتىغا قاراشقا باشلىدى. ئۇ بىردەم قارىۋەتكەندىن كىيىن بىر ئۇھ تارتىۋېتىپ :«بۇ تاۋۇتنىڭ ئەھۋالىدىن قارىغاندا تاۋۇتقا قويۇلغان بالا مۇردىنىڭ ئۈستىبېشىدا نۇرغۇن قىممەتلىك نەرسىلەر بولىشى مۇمكىن. بىراق ئۇ قەيەرگە كەنكەندۇ؟بولمىسا بۇ تاۋۇتنى تەپسىلى ئاختۇرۇپ باقايلى،بىرنەچچە تال قىممەتلىك گۆھەر چىقىپ قالامدۇ تېخى » دىدى.
   مەن بېشىمنى لىڭشىتتىم. ئادەتتە ئۆلگۈچى بىلەن قۇشۇپ دەپنى قىلىنغانلارنىڭ يېنىدا نۇرغۇن قىممەتلىك نەرسىلەر بولاتتى. بولۇپمۇ قۇشۇپ دەپنە قىلىنغانلارنىڭ قۇرسىقىدا چىرىشتىن ساقلىغۇچى قىممەت باھالىق ياقۇت دىگەندەكلەر كۆپرەك ئۇچرايتتى.
   بىز بىرقانچەيلەن ھەر تەرەپنى ئىزدەپ باقتۇق.ھەممىمىز جەسەتنىڭ قەيەرگە كەتكەنلىكىنى بىلىشنى بەكرەك ئارزۇ قىلاتتۇق. بىز بۇ يەرنى ئوڭتەي-توڭتەي قىلىپ بىر قېتىم تەپسىلىي ئاختۇرۇپ چىقتۇق. ھېلىغۇ بىرەر تال ياقۇتكەن، پۇلغا ئەرزىگۈدەك ھېچنىمە تېپىلمىدى. قارىغاندا قەبرە ئوغرىلىرى بۇيەرنى قۇرۇقداپ قويغاندەكلا قىلاتتى.
   سىمىز تاقەت قىلالماي بارغانسىرى جىلە بولۇشقا باشلىدى، ۋە بايىقى تاۋۇتنى ئۆرۈپ كۆرۈپ باقماقچى بولدى. مەن تۇيۇقسىز بىر خەتەرنى سەزگەندەك بولۇپ ئۇنىڭ ئۇنداق قىلىشىغا يول قويمىدىم.مەن ئۇنى تارتىپ تۇرۇپ:« بۇ تاۋۇت باشقا تاۋۇتلار بىلەن ئوخشىمايدىكەن، قارىغاندا بۇنىڭغا ئۈلۈكتىن باشقا نەرسىلەرمۇ قويۇلغان بولىشى مۇمكىن، يەنىلا ئۇنىڭغا چېقىلمايلى» دىدىم.    سىمىز كۈلۈپ تۇرۇپ:« جەسەت ئاللىقاچان غايىپ بولغان تۇرسا، ئۇنىڭ ئىچىدىن مۈشۈك ئېيىق چىقىپ قالسا مىنى چىشلەپ قۇيامدىكىن دەپ ئەنسىرەۋاتامسەن؟ ياكى بۇ تاۋۇت بىر سەكرەپلا مىنى چىشلىۋالارمۇ؟» دىدى، چاقچاق قىلغاندەك.
   بۇ ۋاقىتتا بىر چەتتە تۇرغان نىڭ خانقىز:« بىزنىڭ بۇيەرگە كىلىشتىكى مەقسىدىمىز بۇ يەردىن پۇلغا يارىغۇدەك نەرسە تېپىش ئەمەس ، بىز تىزرەك ئاساسى قەبرىنى تېپىشىمىز كېرەك. بىز تىزدىن ۋەزىپىمىزنى ئىجرا قىلايلى » دىدى.
   سىمىز گەرچە نىڭ خانقىزنىڭ يولسىزلىق قىلىۋاتقانلىقىنى بىلسىمۇ بىراق ئامال يوق. بىز قايتىپ بېرىپ سۇ ئۈزۈش ئەسۋابلىرىنى بىر قۇر رەتلىدۇق. سىمىز سومكىسىنى يۈدگەچتويۇقسىز ماڭا قاراپ ئېغىزىنى مىدىرلىتىپ قويدى، بىراق يەنىلا گېپىنى ئىچىگە يۇتىۋەتتى. قارىغاندا ئۇنىڭ ماڭا بىرنىمىلەرنى دىگۈسى باردەك قىلاتتى بىراق دىيەلمەيتتى.مەن بىر ئۇھ تارتىپ قويۇپ، « ئۇ ئاناڭنى ! گەپ بولسا خوتۇن كىشىدەك قىلىپ تۇرماي دىمەمسەن!؟» دەپ تىللاپ قويدۇم.    سىمىز:« سىلەر دەپ بېقىڭلارچۇ؟ ھېلىقى تىرىك مۇردا ئاۋۇ كۆك رەڭلىك ئىدىشنىڭ ئىچىگە كىرىپ كەتكەنمۇ قانداق؟» دىدى.
   مەن ھېلىقى چوڭ ئىدىشقا قارىدىم ۋە چۈچىگەندەك بولدۇم، بۇ ئېھتىماللىقنى يوق دىگىلى بولمايتتى. سىمىزنىڭ يۈزلىرى ئازراق قىزارغان ئىدى. «مەن باياتىن ئاۋۇ كۆك ئىدىشنىڭ ئىچىدىن بىرخىل ئاۋاز ئاڭلىغاندەك قىلغان ئىدىم، بىراق ئۇنى چاشقان بولسا كېرەك دەپ ئويلاپ سىلەرگە دىمىگەن ئىدىم، بىراق ھازىر ئويلاپ باقسام ئۇ چاشقان ئەمەستەك قىلىدۇ. بىراق ئۇ چاشقان بولمىسا ئۇنداقتا ھېلىقى تىرىك مۇردا شۇمۇ؟ئەگەر شۇ بولۇپ قالسا ئۇ قانداق قىلىپ ئىدىشنىڭ ئىچىگە كىرىپ قالىدۇ؟مەن شۇ مۇنداقلا پەرەز قىلىپ باقتىم»دىدى سىمىز.
   مەن سىمىزنىڭ جەسەتنىڭ ئۈستىبېشىدىكى قىممەتلىك بويۇملاردىن مىھرىنى ئۈزەلمىگەنلىكىنى بىلەتتىم.مەن ئۇنىڭغا بىرقانچە ئېغىز قاتتىق گەپ قىلماقچى بولۇپ ئېغىزىمنى مىدىرلىتىشىمغىلا، ھېلىقى چوڭ ئىدىش تەرەپتى «دوڭ...دوڭ....» قىلغان ئاۋاز ئاڭلاندى، ۋە بۇ ئاۋاز بىلەن تەڭلا ئىدىش بىرقانچە قېتىم تەۋرىنىپلا تەتۈر بولۇپ قالدى.مەن ھاڭۋېقىپلا قالدىم.
   تۆتىمىزئۈن تىنسىز جىددىيلەشكەن ھالدا ھېلىقى ئىدىشقا قاراپلا قېلىشتۇق.ھېلىقى ئىدىش ئاۋال ئۆز ئورنىدا بىرقانچە قېتىم پىرقىراپ ئايلاندى،ئاندىن «دوڭ....دوڭ....» ئاۋاز چىقىرىپ بىز تەرەپكە دومىلاپ كەلدى.




جەنۇپپەرەس ئۈچىنچى تاغىنڭ‹‹ كىپەن ئوغۇرلاش خاتىرسى››ناملىق ئەسىردىن تەرجمە قلىندى
مەزكۈر ئەسەرنىڭ 1-بابىدىن29-بابىغىچە ئانا تۇپراق مۇنبىرىدىكى جاپاكەشلەر تەرجىمە قىلىپ يوللىغان بولۇپ، ئاخىرىنى تىرىشچانلار مۇنبىرىدىكى كىپەن ، جىمجىت ئەپەندىلەر تەرجىمە قىلىپ تىرىشچانلار مۇنبىرىگە يوللىغان ، ئانا تۇپراق تورىنىڭ باشقۇرغۇچىلىرىنىڭ روخسىتى بىلەن ئەسەرنىڭ باش قىسمى تىرىشچانلار مۇنبىرىگە يۆتكەلدى.

Lost0118 يوللانغان ۋاقتى 2014-6-25 14:57:44

باياتىن مەن پۈتۈنلەي ھېلىقى تاۋۇت بىلەن بولۇپ كىتىپ بۇ ئىدىشقا دىققەت قىلماپتىكەنمەن. مەن ئالدىراش كەينىمگە بىرقانچە قەدەم ياندىم. بۇ ئىدىش بىزتەرەپكە بىرنەچچىنى دومىلاپ ئارقىدىن يۈنىلىشىنى ئۆزگەرتىپ ئەگمە يولدىكى تاش ئىشىككە قاراپ دومىلىدى.ئاخىرىدا «داڭ...» قىلغان ئاۋاز بىلەن تەڭ ھېلىقى تاش ئىشىكنىڭ كىشىكىگە ئۈسۈپ توختاپ قالدى. بىز بىرقانچەيلەن بىر-بىرىمىزگە قاراشتۇق. مەن ھېچنىمىنى چۈشىنەلمەي قالدىم. ئەجىبا سىمىزنىڭ دىگىنىدەك بۇ ئىدىشنىڭ ئىچىدە تىرىك مۇردا بارمىدۇ؟
   بىز بىرھازا ھاڭۋېقىپ تۇرۇپ قالدۇق. ئالدىغا مېڭىشقا جۈرئەت قىلالمايتتۇق.سىمىز پەس ئاۋازدا:« كۆپچىلىك، بۇ ئىدىش ئازراق غەلىتە تۇرىدۇ، بولمىسا بىز ئاۋال قول سېلىپ ئۇنىڭغا بىرقانچە تال "مىشەك مانتىسى" سوۋغا قىلمايلىمۇ؟»دىدى.
ئۇنىڭ گېپىنى تازا توغرا كۆرمىدىم. مەنپەس ئاۋازدا :« ئۇنداق قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ، ئاۋال ئۇنىڭ نىمە ئىكەنلىكىنى ئىنىقلىۋېلىپ ئاندىن بىر نەرسە دەيلى»دىدىم.
مىنىڭ نەزىرىمدە،بىرىنچىدىن - بۇئىدىشئىنىقكى ناھايتى قىممەتلىك بويۇم ئىدى. بۇنىڭغا ئوخشاش قىممەتلىك نەرسە دۇنيادا كەمدىن كەم ئۇچرايتتى.ئەگەردە ئۇنى چېقىۋېتىدىغان بولساق بۇ تازىمۇ ئەپسۇسلىنارلىق ئىش بولاتتى.ئىككىنچىدىن- ئىدىش ئىچىدە قانداق غەلىتە نەرسە بارلىقى نامەلۇم، ئەگەر راستىنلا سىمىز ئېيتقاندەك تىرىك مۇردا بولۇپ قالسا،ئۇ چاغدا ھازىرقى چارچىغان ھالىتىمىز بىلەن قېچىپ ئۈلگۈرۈپ بولالمايمىز،شۇ ۋاقىتتا ئاندىن سىمىز ئېيتقانداق ئوق چىقارساقمۇ ئۈلگۈرىمىز.
بىز ھازىر نەچچە ئون مېتىر چوڭقۇرلۇقتىكى دېڭىز ئاستى قەدىمىي قەبرىسى ئىچىدە، بۇ يەردىكى ھاۋانىڭ يەنە قانچىلىك ۋاقىت بىزنىڭ نەپەسلىنىشىمىزگە يىتىدىغانلىقىنى بىلمەيمىز.ئەگەر راستىنلا تىركىشىپ قالىدىغان ئىش بولسا بۇ بىز ئۈچۈن ناھايتى پايدىسىز.كۆز ئالدىمىزدا ناھايتى چوڭ بىر تاللاشقا دۇچ كىلىپ قالغاندەك دەماللىققا كاللامغا ھېچقانداق بىر ئامال كەلمىدى. جىددىيلىشىپ تەرلەشكە باشلىدىم.
بۇ ۋاقىتتا سىمىز مىنىڭ ئىككىلىنىپ قالغىنىمنى كۆرۈپ، ماڭا:« بىز ئىدىش ئىچىدە تىرىك مۇردا بار دەپ ئىنىق جەزىملەشتۈرسەك بولمايدۇ، بۇ يەر دېڭىزغا تۇتىشىدۇ.قىسقۇچپاقا ياكى چوڭ راك دىگەندەكلەر ئىدىش ئىچىگە كىرىۋالدىمۇ تېخى.بۇ يەردە ئۆزىمىزنى ئۆزىمىز قورقۇتۇپ تۇرۇشقا ئەرزىمەيدۇ. يەنىلا ئاۋال بېرىپ قاراپ بېقىپ ئاندىن بىرنىمە دەيلى»دىدى.
خانقىز بېشىنى چايقاپ:« بىزنىڭ ئاساسلىق مەقسىدىمىز يەنىلا ئاساسى قەبرىگە كىرىش، بۇ يەردە ۋاقىتنى ئىسراپ قىلماي، بۇ يەردىن ئايرىلىپ باشقا تەرەپتە چىقىش ئېغىزىبارمۇ يوق ئىزدەپ باقايلى» دىدى.
قارىماققا بۇمۇ بىر ياخشى ئامالدەك قىلاتتى.بىز دەرھال بۇ قۇشۇمچە قەبرە ئۆيىنىڭ تۆت تەرىپىنى تەپسىلى تەكشۈردۇق.ئەپسۇسكى بۇ يەرگە بىر قاراپلا ئىككىنچى بىر ئىشىكنىڭ مەۋجۇت ئەمەسلىكىنى بىلىۋالغىلى بولاتتى.يەنە كىلىپ بۇ يەردىن ئىشىك ئېچىشقىمۇ بولمايتتى.
سىمىزئازراق تاقەتسىزلەندى،ئۇ :« ئىش بۇيەرگە يەتكەندە ئەمدى ئاشۇ ئىدىشنى بۇ يەردىن يۆتكىۋېتىشتىن باشقا ئامال يوقتەكقىلىدۇ، ئەگەر ئۇنداق قىلىشقا بولمايدۇ دىسەڭلار بىزكەلگەندىن يولىمىزنى بويلاپ قايتايلى.بىزگە باشقا يول يوق، بىراق مەن سىلەرگە شۇنى ئىنىق دەپ قوياي، بۇ يەرگە كەلگەنكەنمىز بىر ئىدىشتىن قورقۇپ قايتىپ كەتسەك بۇ مەن سىمىز ئۈچۈن بىر نۇمۇس.»دىدى.
مەن نىڭ خانقىزىڭ چىراي ئىپادىسىگەقارىدىم، ئۇ نىڭ چىرايىدىن قەتئىيلىكى چىقىپ تۇراتتى.جاڭ چۇقۇر ئۈندىمەستىنن قاراپ تۇراتتى. ئۇنىڭ نىمە ئويلاۋاتقانلىقىنى بىلىپ بولمايتتى. ئۇلار ئۈچى تەڭلا ماڭا قارىدى، خۇددى مىنىڭ پىكىرىمنى ئاڭلىماقچى بولغاندەك.
بىراق مەن ئىنىق بىر قارارغا كىلەلمىدىم.كۆڭلۈمدە- ئەگەر قاراملىق قىلىپ ئۈسۈپلا ئۈتۈپ كەتسەك ئەلۋەتتە مۇۋاپىق بولمايتتى. لېكىن سىمىزنىڭ دىگىنىمۇ ئورۇنلۇق، بۇ قەبرىنىڭ ئىچىدىكى نەرسىلەرنىڭ كۆپىنچىسى ئادەمنى قورقۇنۇچقا سالاتتى.مەن نىڭ خانقىزنىڭ كۆزلىرىگە قاراپ ئىختىيارسىز كۆڭلۈمدە – ھە ، بوپتۇ بېشىمىزغا كەلگىنىنى كۆرەيلى . ئەگەر بىرەر ئىش چىقىپ قالمىسا ياخشى بولغىنى، ئەگەر بىرەر كىلىشمەسلىك بولۇپ قالساتۆتىلىمىزنىڭ قولىدا قورال بار ھەرھالدا قوغدىنالايمىز.
سىمىز مىنى ئۇرۇپ قويدى، خۇددى مىنى رىغبەتلەندۈرىۋاتقاندەك. مەن گاز مىلتىقنى چىقىرىپ مىلتىقنىڭ قۇلۇپىنى ئېچىپ ئىدىشقا توغۇرلىدىم.سىمىز باش بولۇپ ئالدىدا ماڭدى. قالغانلىرىمىز ئۇنىڭغا ئەگەشتۇق. بىز ناھايتى ئېھتىياتچانلىق بىلەن تامنى بويلاپ ئىچىگە قاراپ ماڭدۇق.مەن بەك قورقمىدىم، بىراق ئازراق جىددىيلىشىۋاتاتتىم. ئۈستۈمگە سۇ ئۈزۈش كىيىمى كىيىۋالغان بولغاچقا تەرمۇ ئۆتەلمەيتتى، مىنى بەكمۇ بىئارام قىلاتتى.
سىمىز ئىدىشقا يېقىنلىشىپ ئىدىش ئىچىگە قارىشىغىلا تۇيۇقسىز ئاۋاز چىقىپ ئىدىش پىرقىراپ ئايلىنىشقا باشلىدى. مەن تۇيۇقسىز بېشىم قىزىغاندەك بولۇپ ئوق چىقىرىپ سالغىلى تاس-تاس قالدىم. سىزمىز ناھايتى زىرەكلىك بىلەن كەينىگە ئىككى قەدەم ياندى. بىزگە مىدىرلىماسلىققا قول ئىشارىتى قىلدى.   ئىدىش ياي شەكىلدە بىرقانچىنى پىرقىراپ «گۈلدۈر...گۈلدۈر » قىلىپ قاپقاراڭغۇ ئەگمە يولغا كىرىپ كەتتى.بىز بۇ ئاۋازنىڭ بارغانسىرى يىراقلىشىۋاتقانلىقىنى ئاڭلىدۇق. يەنە «داڭ....» قىلغان ئاۋاز بىلەن تەڭلا خۇددى بىرنەرسىگە ئۇرۇلغاندەك بولۇپ ئاۋاز يوقالدى.
بىز دەرھال ئەگىشىپ ئىدىش تەرەپكە ماڭدۇق. ئىچى قاپقاراڭغۇ ئىدى. مەن قول چىرىقىنى ياندۇرۇپ قارىدىم. بۇ يول ئاق رەڭلىك قاشتېشى خىشلاردىن ياسالغان بولۇپ ناھايتى پاكىزئىدى. يولنىڭ ئىككى تەرىپىدە چىراق تەكچىلىرى بولۇپ، ھەر بىر مېتىردا بىرسى ئۇچرايتتى. ئەگمە يولنىڭ يەنە بىر بېشىدا بىردانە قاشتېشى ئىشىك، ئوڭ-سول تەرەپتە كىچىكرەكئىككى ئىشىك بولۇپ جەمئى ئۈچ ئىشىك بارئىدى. ھەممىسى ئېچىقلىق بولۇپ قارىغاندا ئىچىگە ئادەم كىرىپ كەتكەندەك قىلاتتى.ئۇ ئىدىش سول تەرەپتىكى كىچىك ئىشىكنىڭ ئوتتۇرىسىدا توختاپ مىدىرلىمىدى. مەن بۇ قېتىم ھەقىقەتەنمۇ غەلىتىلىك ھىس قىلدىم. بۇ ئىدىش خۇددى بىزگە يول باشلاۋاتقاندەك، «قېنى ماڭا ئەگىشىڭلار!» دەۋاتقاندەكلا قىلاتتى.بۇ جەزمەن بىرخىل مەقسەتلىك ئورۇنلاشتۇرۇشتەك قىلاتتى.قارىغاندا ئىدىشنىڭ ئىچىدىكىسى تىرىك مۇردا بولمىغاندىمۇ ئالۋاستىغا ئوخشاش بىرنەرسىدەك قىلاتتى. مەن جاڭ چۇقۇرغا قاراپ ئۇنىڭ جىددىيلىشىۋاتقان ياكى قورقۇۋاتقانلىقىنى بىلەلمىدىم. مەن ئويلىغانلىرىمنى كۆپچىلىككە ئېيتتىم. سىمىز ئاڭلاپلا گېپىمنىڭ ئورۇنلۇق ئىكەنلىكىنى ھىس قىلدى بولغاي ، ئىختىيارسىز ئېغىر تىنىپ قويۇپ:« ئەھۋالدىن قارىغاندا سىنىڭ دىگىنىڭ راستتەك قىلىدۇ. مەن بۇ نەرسىنىڭ بايىقى دومىلىشىنى سوقما توپقىلا ئوخشاتتىم»دىدى. مەن ئۇنىڭ گېپىنى ئاڭلاپ ئاچچىق كۈلۈپ قويدۇم. سىمىز مىنىڭ قايسى يۈنىلىشكە مېڭىشنى بىلەلمەيۋاتقانلىقىمنى كۆرۈپ يەنە :« ئەھۋال بۇ دەرىجىگە يەتكەندە بىزمۇ بۇيەردە ئىككىلىنىپ ئولتۇرمايلى، يەنە ئەگىشەيلى. زادى نىمە ئىش يۈز بىرىدىغانلىقىنى كۆرۈپ باقايلى، ئەمدى پۇشايمانغىمۇ ئۈلگىرەلمەيمىز»دىدى.
كۆپچىلىكنىڭ ھەممىسى بېشىنى لىڭشىتتى. سىمىز مىنى ئۇرۇپ تۇرۇپ:« بۇ ھېچنەرسە يوق تاش ياتقۇزۇلغان يولدا مىنىڭچە چۇقۇم توزاق بار،ۋۇ ئىنىم قاراپ باققىن بۇ يەردە زادى بىرەر مەسىلە بارمۇ قانداق؟» دىدى. مەن ئۆزۈمنى ئۆزۈم بىلىپ بېشىمنى لىڭشىتىپلا قويدۇم ۋە   قولچىرىقىنى ياندۇرۇپ قارىدىم، بۇ يولنىڭ تىگىگە پۈتۈنلەي كىچىك-كىچىك تاش ياتقۇزۇلۇپتۇ،قارىغاندا بۇ يەردە بىر سىرلىق ئۆتكەل باردەك قىلاتتى. مەن – كەنجى تاغام بۇ يەرگەكەلگەنلا بولسا ئۇ ئۆتكەل ئاللىقاچان بۇزىۋېتىلگەن بولىشى مۇمكىن دەپ ئويلىدىم.بىراق ئۇنداق بولماي قالسا بىر ئاۋارىچىلىق بىزنى كۈتىۋاتقان بولىدۇ. مەن باشقىلارغا بۇ ئىشلارنى ئەسكەرتىپ قۇيۇپ، سومكىلىرىمنى بىر قۇر رەتلىۋېتىپ بىرىنچى بولۇپ ئالدىغا قاراپ ماڭدىم.
بۇ ئۆتكەلدىن ئۆتۈشنىڭ ئەڭ ياخشى ئامالى تامنى بويلاپ مېڭىش. بىراق بۇ ئەگمە يولنىڭ ئىككى تەرىپىدىكى تامغا ياسالغان چىراق تەكچىلىرىدىكى چىراقلار ناھايتى غۇۋا يېنىپ تۇرغان بولۇپ بۇ ئاجىز نۇردا ئەتراپنى پەرق قىلىش مۇمكىن ئەمەس ئىدى. بىز پەقەت ئاشۇ غۇۋا نۇرنى بويلاپ ماڭدۇق.
مەن ئۇلارغا پۇتىنىڭ تىگىگە كۆپرەك دىققەت قىلىشنى ئەسكەرتتىم.مەنمۇ بۇندىن باشقا ياخشىراق بىرەر ئامال يوقلىقىنى بىلەتتىم.پۇتنى يەرگە قويغاندا تىزلىك ۋە ئېغىرلىققا دىققەت قىلىش كېرەك ئىدى. بۇنىڭغا تەجىربە كېرەك، بىراق مەندە بۇ تەجىربە كەمچىل بولغاچقا ئۆزۈممۇ بارغانسىرى جىددىيلىشىشكە باشلىدىم.
مۇشۇنداق جىددىيلىك ئىچىدە ئون نەچچە قەدەمماڭا-ماڭمايلا سوغۇق تەرلەپ كەتتىم.كەينىمدىكىلەر مىنىڭ جىددىيلەشكىنىمنى كۆرۈپ ئۇلارمۇ ئالاقزادە بولۇپ كەتتى.بۇ ۋاقىتتا سىمىز:« قارىغاندا بۇ خىزمەت ئويلىغىنىمىزدەك ئاسان ئەمەسكەن، "كىچىك يولداش" بولمىسا بىز بىرئاز ئارام ئېلىۋالايلى»دىدى.
مىنىڭ ئۇنىڭ بىلەن ئېتىشىشقا نەدىمۇ رايىم بولسۇن؟ «بولدى بەس، ئەگەر مىنىڭ دىققىتىم بۆلۈنۈپ كەتسە ئۇ چاغدا چاتاق چىقىشى مۇمكىن..» دىدىم-مەن. مىنىڭ گېپىم تۈگىمەستىلا پۇتۇمنىڭ ئاستى تەۋرەنگەندەك بولدى. مەن بۇرۇلۇپ كەينىمگە قاراپ نىڭ خانقىزنىڭ پۇتى تىگىدىكى تاش خىشنىڭ ئاستىغا كىرىپ كەتكەنلىكىنى ،ئۇنىڭ ئالاقزادە بولغان ھالدا ماڭا قاراپ تۇرغانلىقىنى كۆردۈم.
مەن ئەلەم بىلەن ئۇلۇغ كىچىك تىنىپ قويدۇم. كۆڭلۈمدە-«ئەمدى تۈگەشتۇق، بۇنداق نەس باسقىنى نىمىسى!؟»دىگەنلەرنى ئويلىدىم. شۇنداق خىيال قىلىپ تۇرغىنىمدا بىر ئوقيانىڭ ئۇچۇپ كىلىپ نىڭ خانقىزنىڭ قۇلاق تۈۋىگە چاپلىشىپ قالغانلىقىنى كۆردۈم، مەن ئىسىمنى يىغىپ بولغۇچە ئىككىنچى پاي ئوقيا كىلىپ ئۇنىڭ كۆرىكىگە تەگدى.
راستىنلا كۈتۈلمىگەن ئىش يۈز بەرگەنىدى. نىڭ خانقىزنىڭ كۆزلىرى بىردىنلا ئۆزگۈرۈپ ، چەبدەسلىشىپ كەتتى ۋە ناھايتى تىزلىك بىلەن كىيىنكى بىر پاي ئوقيانى تۇتىۋالدى.ئۇنىڭ ھەركىتى ھەقىقەتەن بەك تىز ئىدى.مەن ئۇنىڭ بۇ ھەركىتىنى كۆرۈپ ناھايتى ھەيران قالدىم.شۇ دەقىقىدە ئويلىمىغان يەردىن مىنىڭ پۇتۇمنىڭ ئاستى تەۋرەنگەندەك بولدى، مەن :« يۇشۇرۇن ئوقدان باركەن، دەرھال ئۆزىمىزنى دالدىغا ئالايلى» دەپ ۋارقىرىدىم.گېپىم تۈگىشىگلا 10 نەچچە تال ئوقيا ئېتىلىپ كەلدى.بۇ ئوقيالار بىرخىل نۇر چىقىرىدىغان بولۇپ ھەرھالدا قايسى تەرەپتىن كىمگە قاراپ كىلىۋاتقانلىقىنى كۆرگىلى بولاتتى.   بۇ ۋاقىتتا مەن ئالدى تەرەپتە توختاپ قالغان ئىتىغنىڭ ئىچىدىن پۈتۈن بەدىنى ئاپئاق تۈكلەش بىر نەرسىنىڭ ئۆمىلەپ چىقىۋاتقانلىقىنى كۆردۈم، ئۇ نەرسە ناھايتى تىز سۈرئەتتە سول تەرەپتىكى تاش ئىشىكنىڭ ئىچىگە كىرىپ كەتتى. مەن ئەمدىلا ۋارقىراي دەپ تۇرىشىمغا ، كۆرىكىمنىڭ تويۇقسىز ئاغرىغانلىقىنى ھىس قىلدىم.بېشىمنى تۆۋەن قىلىپ قارىسامقاچان تەگدىكىن ماڭا ئىككى تال ئوقيا تەگكەن ئىدى.قارىغاندا بەدىنىمگە بىر قانچە سۇڭ(ئۇزۇنلۇق بىرلىكى) سانچىلىپ كىرگەن ئىدى.

Lost0118 يوللانغان ۋاقتى 2014-6-25 14:58:37

مەن ئوقيانىڭ مىنىڭ بەدىنىمگە پۈتۈنلەي سانچىلىپ كىرمىگەنلىكىنى ھىس قىلدىم. شۇنداقتىمۇ كۆكرەك قىسمىم قاتتىق ئاغرىۋاتاتتى. مەن جىددىيلىشىكە باشلىدىم. مەن تېخى ياپياش تۇرسام ، ھەتتا قىزلارنىڭ قولىنىمۇ تۇتۇپ باقمىغان تۇرسام، ئەجىبا مۇشۇ قەبرىنىڭ ئىچىدە ئۆلۈپ كىتەرمەنمۇ؟ ئەگەر بۇ يەردە ئۆلۈپ كىتىدىغان بولسام يەنە يۈز يىلدىن كېيىنمۇ مىنىڭ جەسىدىمنى بىرتەرەپ قىلىدىغان ئادەم چىقمايدۇ.نىمىدىگەن ئېچىنىشلىق- ھە!.......
   ئوقيا خۇددى يامغۇردەك ئېتىلىپ كىلىشكە باشلىدى. زادى قانداق نەرسىنىڭ بىزگە قارىتىپ ئوق ئۈزىۋاتقانلىقىنى بىلگىلى بولمايتتى. ئوقيانىڭ سۈرئىتى بەك تىز ھەم بەك كۆپ بولغاچقا يۇشۇرۇنۇشقىمۇ ئامال يوق.سىمىز دۈمبىسىگە يۈدىۋالغان سومكىسىنى قالقان قىلىپ بىردەمدىلا مىنىڭ ئالدىمغا ئۆتتى. ئۇ بىزگە قاراپ كىلىۋاتقان ئوقيالارنى دۈمبىسى بىلەن تۇسىۋالدى.مەن ئۇنىڭ دۈمبىسىگە قاراپ ئىچىم سىيرىلدى.ئۇنىڭ دۈمبىسىگە ناھايتى كۆپ ئوقيا سانچىلىپ قالغان ئىدى. خۇددى قەبرىستانلىقتا كۈجە ياققاندا سانچىلغان كۈجىگە ئوخشايتتى. بۇ ئوقيالارنىڭ بەزىلىرى ئۇنىڭ دۈمبىسىگە بىۋاستە سانچىلىپ قالغان ئىدى.بىراق ئۇ نىمىشقىدۇر ھېچ ئاغرىق ھىس قىلغاندەك ئەمەس.بىردىنلا ئىلگىرى ئوقۇغان رومانلاردىكى «ئوقيا سانچىلىپ كىرپىگىلا ئوخشاپ قالغان»دىگەن ئوخشىتىشلار يادىمغا كەلدى. كىتابتىكى ئاشۇ تەسۋىرلەر مانا ئەمدىلىكتە كۆز ئالدىمدا يۈز بىرىۋاتاتتى.
   بۇ ۋاقىتتا بىرسى تۇيۇقسىز بىرسى كىلىپ ئارقا تەرىپىمدىن مىنىڭ كىيىمىمنى چىڭ تۇتۇپ مىنى ئالدىغا ئىتتىرىپ ماڭدى.مەن ئۆرۈلۈپ قارىدىم، ئۇ نىڭ خانقىز ئىدى. مەن ئۇنىڭ كۆزلىرىدىكى غەلىتىلىكنى بايقىدىم. ئۇ مىنى قالقان قىلىپ ئالدىغا ماڭماقچى ئىدى. مەن كۈچەپ سىلكىنىپ ئۇنىڭدىن قۇتۇلماقچى بولۇپ مىدىرلىشىمغىلا ئۇ مىنىڭ بېلىمگە قاتتىق بىرنى تىزلىدى. بېلىم ئوقيا سانجىلغاندىنمۇ بەكرەك ئاغرىپ، بىردىنلا پۇت-قولۇم بوشىشىپ كەتتى.ئۇ مىنى ئىتتىرگىنىچە ئوتتۇرىدىكى ھوڭ قاشتېشى ئىشىككە قاراپ ماڭدى.مىنىڭ مۈرە، قۇرساق، كۆكرىكىمگە يەنە بىرقانچە تال ئوقيا تەگدى.ئاغرىقتىن ھۇشۇمدىن كىتەيلا دەپ قالدىم.
   مەن باشقىلارنىڭ «ئاياللارنىڭ كۆڭلى قارا بولىدۇ»دىگىنىنى ئاڭلىغان، بىراق ئىشەنمىگەن ئىدىم. ئاياللارنىڭ كۆڭلىنىڭ راستىنلا مۇشۇناق زەھەرخەندە بولىدىغانلىقىنى ئويلاپ باقماپتىكەنمەن.باياتىن تېخى قورقۇپ تۈگۈلۈپ قالغان بۇ خوتۇن، ئەمدىلىكتە بىردىنلا ئۆزگۈرۈپ مىنى تىرىك قالقان قىلىۋالغان ئىدى.
   مەن قەھرىمانلارچە ئۇنىڭغا قالقان بولۇپ ئۇنىڭ جېنىنى قوغداۋاتاتتىم. بىراق مەن ئۇنداق ئۇلۇغ ئەمەس. مەن بىردىنلا غەيرەتكە كىلىپ بۇ خوتۇندىن قۇتۇلماقچى بولدۇم. ئۇ مەنچىلىك كۈچلۈك ئەمەس ئىدى. مەن بىر يۇلقۇنۇپلا ئۇنىڭ قۇلىدىن ئاجراپ تىزلىكتە يانغا ئۆتۈپ تامغا يېقىن جايدىكى ئېرىققا ئوخشايدىغان جايدا يەرگە چاپلىشىپ يېتىۋالدىم.بۇنداق قىلغاندا ئوقيادىن مۇداپىئەلەنگىلى بۇلاتتى. ئۇ خوتۇن قالقاندىن ئايرىلغىنىنى كۆرۈپ، ناھايتى چاققانلىق بىلەن بىر قانچە تال ئوقيادىن ئۆزىنى قاچۇردى، ۋە بۇرۇلۇپ ماڭا ئالايدى. «ئاناڭنى! سىنىڭ يەنە ماڭا قارىغۇدەك يۈزۈڭ بارمۇ؟!»دەپ ۋارقىرىغىنىمچە ئۇنىڭغا ئېتىلىپ ئۇنى تارتتىم.ئۇ ماڭا سوغۇق كۈلۈپ قويۇپ، چاقماق تىزلىكىدە بىر موللاق ئىتىپ ئارقىدىن بىرسەكرەپلا تامغا دەسسەپ بىردەمدىلا بىخەتەر جايغا بېرىۋالدى. ئۇنىڭ ھەركىتى ناھايتى تىز بولۇپ كۆزنى يۇمۇپ ئاچقۇچىلا تاماملاندى.
   مەن ئۇنىڭغا بىر تالمۇ ئوقيا تەگمىگەنلىكىنى كۆرۈپ ئاچچىقىمدا يەرگە قاتتىق مۇشتلىدىم. ئۇ بۇرۇلۇپ ماڭا قاراپ قولىنى ئېغىزىغا تەككۈزۈپ ماڭا«سۈيۈش»دىگەن مەنىدە بىر ئىشارەت قىلدى، ئارقىدىن ساغرىسىنى تولغىغىنىچە ئوتتۇرىدىكى قاشتېشى ئىشىككە كىرىپ كەتتى. بۇنى كۆرۈپ ئاچچىقتىن يېرىلاي دەپ قالدىم.بىراق نىمە ئامال؟    مەن نائىلاج بايىقى ئېرىققا ئوخشايدىغان جايدا دۈم يېتىپ جېنىمنى ساقلاپ قالماقچى بولدۇم.ئوقيالار بېشىمدىن ۋىڭ-ۋىڭ ... قىلىپ ئۇچۇپئۆتۈپ تامغا ئۇرۇلۇپ خۇددى تۈمۈرگە ئۇرۇلغاندەك ئاۋاز چىقىراتتى.بۇ ئوقيالار يامغۇر ياغقاندەك توختىماي بەش مىنۇتتىن كۆپرەك ئېتىلىپ ئاندىن توختاپ قالدى.مەن بىرىنچى بولۇپ سىمىزگە قارىدىم. ئۇ ئاللىقاچان چوڭ كىرپىگە ئوخشاپ قالغان ئىدى.ئۇ توختىماي ئىرغاڭلايتتى، ھېلىلا ئۆرۈلۈپ چۈشىدىغاندەكلا.    مەن ئالدىراش ئورنۇمدىن تۇرۇپ ئۇنى يۈلىۋالدىم. ئويلىمىغان يەردىن ئۇ قولى بىلەن «ھېچ ئىش يوق» دەپ ئىشارەت قىلدى.ۋە مەندىن:« شىياۋۋۇ، قارىسام بۇ ئوقيالار بىرئاز غەلىتىرەك تۇرىدۇ، ئوقيالار بەدىنىمگە سانچىلسىمۇ ئانچە ئاغرىق ھىس قىلمىغىنىم نىمىسى؟سەن ئۈستۈمدىن بىرقانچە تال ئوقيانى سۇغۇرۇپ ئېلىپ ماڭا كۆرسەتكىن» دىدى.
   مەنمۇ بىرئاز غەلىتىلىك ھىس قىلىۋاتاتتىم. نىمە ئۈچۈن بۇ ئوقيالار ئادەمنى ئۇنچە ئېغىز يارلاندۇرمايدۇ؟ مىنىڭ نەپەسلىنىشىم شۇنداق نورمال،مەنئۆلۈپ كىتەرمەنمىكىن دەپ ئويلىغان ئىدىم، بىراق مانا ھازىر ساپساق تۇرۇپتىمەن.
   سىمىز ماڭا يەنە بىر قېتىم ماڭا قاراپ ئۇنىڭ بەدىنىدىكى ئوقيانى سۇغۇرۇپ ئېلىشنى ئىشارەتقىلدى. بىراق مەندە نەدىمۇ ئۇنچىلىك يۈرەك بولسۇن؟مەن خېلىغىچە ئىككىلىنىپ قالدىم.بۇ ۋاقىتتا جاڭ چۇقۇر ئىنجىقلاپ ئورنىدىن تۇردى. ئۇ سىمىزنىڭ كەينىدە تۇرغان بولۇپ، سىمىز تۇسىۋالغاچقا بىر تالمۇ ئوقيا تەگمىگەن ئىدى.ئۇ سىمىزنىڭ بۇ ھالىتىنى كۆرۈپ، «خاتىرجەم بول، ھېچ ئىش بولمايدۇ»دەپ قويدى.
   سىمىز بىلەن ئىككىمىز تەڭلا بىر-بىرىمىزگە قاراشتۇق ۋە ھەيران قالدۇق.بۇ چۇقۇرنىڭ ئاۋازى نىمەبولۇپ ئۆزگۈرۈپ قالغاندۇ؟ يەنە كىلىپ ناھايتى تۇنۇش ئاۋاز.ئۇ تۇيۇقسىز كىرىلدى، قاراس-قۇرۇس قىلغانئاۋاز بىلەن تەڭلائۇنىڭ بويى بىرقانچە سانتىمىتىر ئىگىزلىدى. ئارقىدىن قولىنى ئالدىغا سوزدى، ئۇنىڭ قولى تۇيۇقسىز ئۇزىراپ قالدى.بۇنى كۆرۈپ تېخىمۇ ھەيران بولدۇم.كۆڭلۈمدە:« بۇ سۈڭەك كىچىكلىتىش گۇمپىسى ئەمەسمۇ؟»دەپ ئويلىدىم.
   مەن بۇنى كەنجى تاغامنىڭ خاتىرىسىدە كۆرگەن ئىدىم. بۇ قەدىمكى زامانلاردىكى قەبرە قازىدىغانلارنىڭ ئالاھىدە گۇمپىسى بولۇپ، ناھايتى تار قەبرە يوللىرىدىن، كىچىك تۆشۈكلەردىن ئۆتكەندەمۇشۇ گۇمپا ئەسقاتاتتى. مەن ئەزەلدىن بۇ بىر قۇرۇق گەپ دەپ ئويلايتتىم، ئەگەر بۇ قېتىم ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆرمىگەن بولسام بۇ خىل گۇمپىنىڭ راستىنلا مەۋجۇت ئىكەنلىكىگە ئىشەنمەسكەنمەن.
(يېقىنقى بىرقانچە يىلدىن بىرى لوياڭدىكى قەبرەقازغۇچىلارنىڭ ئارىسىدا بەزىلىرى مۇشۇ خىل گۇمپىنى قوللۇنۇپ، قەبرە ئېغىزىنى ناھايتى كىچىك ئېچىپ قەبرە ئىچىگە كىرگەن. ساقچىلار بېرىپ تەكشۈرگەندە چاشقان ياكى بۆرىنىڭ تۆشىگى دەپ ئويلاپ قالغان، كېيىن بۇنىڭ قەبرە ئوغرىلىرىنىڭ قىلغان ئىش ئىكەنلىكىنى بىلىپ قەبرىنىڭ ئېغىزىنى ئېچىپ، ئىچىگە كىرىپ بولغۇچە ئىچىدىكىلەر ئاللىقاچان ئالىدىغاننى ئېلىپ باشقا تەرەپتىن تىكىۋەتكەن.بۇ گۇمپىنى مەشىق قىلىش ناھايتى قىيىن بولۇپ، كىچىكىدىن باشلاپ جاپالىق مەشىق قىلغاندا، بەدەندىكى سۈڭەكلەر ماسلاشقاندا ئاندىن بولاتتى. بىراق بۇ گۇمپىنى ئۆگۈنۈپ غەلبە قىلغانلار ناھايتى ئاز ئىدى.)
   ئۇ (جاڭ چۇقۇر) قاتتىق بىر نەپەس ئالغاندىن كېيىن، قۇلىقى تەرىپىنى تۇتىۋېلىپكۈچەپ تارتىپ يۈزىدىن بىر نىقاپنى يىرتىپ ئالدى. شۇندىلا ئۇنىڭ ئەسلى چىرايى ئىنىق كۆرۈندى.مەن ئۇنى كۆرۈپ ھاڭۋاقتىدەك قاراپلا قالدىم.نىقاپئىچىدىكى ئادەم بوتولكا ئىدى.بۇنىمىدىگەن ھەيران قالارلىق ئىش-ھە!؟ شۇنچە ۋاقىتتىن بىرى نىقاپلىنىپ بىزنى ئالداپ يۈرۈپتۇ، بىز ئازراقمۇ بايقىماپتىمىز دىسە....
   بوتولكا مۈرىلىرىنى كېرىشكە باشلىدى. خۇددى ئۇزۇن ۋاقىت ھەركەت قىلماي بەدەنلىرى ئۇيۇشۇپ كەتكەن ئادەمدەك.سىمىزمۇ بىر ھازاغىچە گەپ-سۆز قىلماي تۇرۇپ قالدى.خېلى ۋاقىتتىن كېيىن ئۇنى تارتىپ:« بۇ سىنىڭ نىمە قىلغىنىڭ؟ بۇ قەستەن ئىچ پۇشۇقىڭنى چىقارغىنىڭ ئەمەسمۇ؟! »دىدى.
   بوتولكا گەپ قىلماي سىمىزنىڭ مۈرىسىگە يىنىك ئۇرۇپ قويۇپ، ئۇنى ئولتۇرغۇزۇپ ئۇنىڭ دۈمبىسىدىكى ئوقيانىڭ ئوقيا بېشى تەرەپتىن تۇتۇپ بىر تارتىپلا بىر تال ئوقيانى سۇغاردى.مەن بوينۇمنى سوزۇپ قارىدىم، سىمىزنىڭ بەدىنىدە پەقەت ئازراق ئىز قالغان، ئوقيا تەككەن جاي ئازراق قىزىرىپ قالغان بولۇپ يارلانمىغان ئىدى.
   مەن ھەم ھەيران بولدۇم، ھەم كۆڭلۈم يايراپ كەتكەندەك بولدۇم. كۆڭلۈمدە ئۆزۈمگە ھېچ ئىش بولمىغانلىقىنى ھىس قىلدىم. مەنمۇ بوتولكىنىڭ قىلغىنى بۇيىچە بەدىنىمدىكى ئوقيادىن بىرتال سۇغاردىم. ئەسلىدە بۇ ئوقيانىڭ ئوقيا بېشى ناھايتى ماھىرلىق بىلەن ياسالغان بولۇپ، ئوقيا بىرەر نەرسىگە تەگكەن ھامان ئۇنىڭ ئۆتكۈر ئۇچى ئىچىگە كىرىپ كىتىدىكەن، ئارقىدىن ئوقيانىڭ ئۇچىدىن گۈلگە ئوخشاش بىر كىچىك تۈمۈر پەيدا بولۇپ ئادەمنىڭ بەدىنى قاماللاپ تۇرىۋالىدىكەن.
   بوتولكا يەردىكى شۇنچە كۆپئوقيانى كۆرۈپ، پەس ئاۋازدا:« باياتىن ھېلىقى ئايال يەرگە قەستەن دەسسىگەن، قارىغاندا ئۇئۆزىنىڭ ماھارىتىگە بەك ئىشەنچ قىلسا كېرەك، ئۇ بىزنى بۇيەردە ئۇجۇقتۇرماقچى بولدى»دىدى.
   مەن ئۇنىڭ بايىقى ھەركەتلىرىنى كۆز ئالدىمغا كەلتۈرۈپ ئۇنىڭ مىنى زاڭلىق قىلغانلىقىنى چۈشەندىم، بۇنى ئويلاپ ئىختىيارسىز قاتتىق ئاچچىقىم كەلدى.دەرۋەقە چىرايلىق قىزلارغا ھەرگىز ئىشەنمەسلىك كېرەككەن. بۇ مەن ئۈچۈن بىر چوڭ ساۋاق بولدى.
   سىمىزنىڭ دۈمبىسىدىكى ئوقيالارنىڭ ھەممىسىنىڭ ئۇچىدا بايا دەپئۆتكەندەك كۈلسىمان تۈمۈر پەنجە بار ئىدى.ئۇ:« ھۇ ئاناڭنى! تەلىيىمگە بۇ ئوقيالارنىڭ ھەممىسى گۈلسىمان چاپ؛ىشىپ قالىدىغان ئوقيا ئىكەن، ئادەمنى يارلاندۇرمايدىكەن. بولمىسا ئۇ خوتۇن راستلا مەقسىدىگە يىتەركەنتۇق.مەن سىمىزنىڭ كىرپىدەك قىياپەتتە ئۆلگىنىمنى ئاڭلىسا باشقىلار مازاق قىلمامدۇ؟ » دىدى.
   مەن بۇ غەلىتە ئوقياغا قاراپ سورىدىم:«نىمە ئۈچۈنبۇ يەردىكى ئوقيالارنىڭ ھەممىسى مۇشۇنداق غەلىتە؟ بۇنىڭ بىرەر مەنىسى بارمۇنىمە؟»   
بوتولكا:« مەنمۇ بىلمىدىم، مەن ساڭا ئوقيا تەگكەندىلامۇشۇ خىلدىكى ئوقيا ئىكەنلىكىنى پەزەر قىلدىم، بىراق نىمە سەۋەبتىن ئىكەنلىكىنى بىلەلمىدىم. بەلكىم بۇ قەبرىنىڭ خۇجايىنى بىزگە چىكىنىش يولىنىڭ يوقلىقىنى، ئۆزىنىڭ يامانلىقىنى بىلدۈرۈپ قويۇش ئۈچۈن بىزنى مۇشۇنداق قورقۇتقان بولىشى مۇمكىن» دىدى.
   كاللامدا نۇرغۇن چۈشۈنۈكسىز مەسىلىلەر ئەگىپ يۈرەتتى.بىراق ھازىر بۇلارنى مۇزاكىرە قىلىپ ئولتۇرىدىغان ۋاقىت ئەمەس.ھېلىقى خوتۇن ئاللىقاچان ئاساسى قەبرىگە كىرىپ بولدى، بىراق ئۇ داپ يۈزنىڭ بۇ يەردىكى نەرسىلەرنى ئېلىپ تىكىۋېتىشىگە يول قويساق بولمايدۇ.شۇلارنى ئويلاپ ئىشىكتىن ئۈسۈپلا كىرىشكە تەمشىلىشىمگە بوتولكا مىنى تۇسىۋالدى، ئۇ بېشىنى چايقاپ تۇرۇپ:«باياتىنقى ئىدىشتىكى ئالۋاستىنىڭ ھەركەتلىرىدىن قارىغاندا ئۇ بىزنى سول تەرەپتىكى ئىشىككە باشلاپ ماڭغاندەك قىلدى، بۇنىڭ چۇقۇم بىرەر سەۋەبى بار. بىز يەنىلا تەرتىپ بۇيىچە كىلەيلى. ھازىر باشقىلارنىڭ ئىگىدارچىلىقىدىكى جايدا تۇرىۋاتىمىز، قالايمىقان ھەركەت قىلىشقا بولمايدۇ، ئەگەر بايىقى ئۇسال خوتۇن(نىڭ خانقىز) بىردەم تۇرۇپ قايتىپ چىقىپ قاچسا ئۇ چاغدا ئۇنى قاياققا بېرىپ ئىزدەشنى بىلەلمەي قالىمىز»دىدى.   سىمىز:« قورقماڭلار، بىز ئاۋال بېرىپ سۇ ئۈزۈش ئەسۋابلىرىنى يۇشۇرۇپ قۇيايلى. ئۇ زەھەرخەندە خوتۇننىڭ(نىڭ خانقىز) بۇ يەردىن قېچىپ چىقىپ كەتكىنىنى مەن بىر كۆرەي!»دىدى.
   ھالقىلىق پەيتتە يەنىلا سىمىزنىڭ كاللىسى ئىشلەپ قالدى.مەن كۆڭلۈمدە «نىمىدەپ بۇلارنى ئويلاپ باقمىغاندىمەن»دەپ ئويلىدىم، ۋە دەرھاللا بېشىمنى لىڭشىتتىم. بىز ئۈچ ئادەم دەرھال قۇشۇمچە قەبرىگە قايتتۇق.مەن قولچىرىقىنى ياندۇرۇپ بىزنىڭ جابدۇقلىرىمىز قۇيۇلغان جايغا قاراپ قېتىپلا قالدىم.   ئۇ يەردە ھېچنىمە كۆرۈنمەيتتى!!





جەنۇپپەرەس ئۈچىنچى تاغىنڭ‹‹ كىپەن ئوغۇرلاش خاتىرسى››ناملىق ئەسىردىن تەرجمە قلىندى
مەزكۈر ئەسەرنىڭ 1-بابىدىن29-بابىغىچە ئانا تۇپراق مۇنبىرىدىكى جاپاكەشلەر تەرجىمە قىلىپ يوللىغان بولۇپ، ئاخىرىنى تىرىشچانلار مۇنبىرىدىكى كىپەن ، جىمجىت ئەپەندىلەر تەرجىمە قىلىپ تىرىشچانلار مۇنبىرىگە يوللىغان ، ئانا تۇپراق تورىنىڭ باشقۇرغۇچىلىرىنىڭ روخسىتى بىلەن ئەسەرنىڭ باش قىسمى تىرىشچانلار مۇنبىرىگە يۆتكەلدى.

jaggiwar يوللانغان ۋاقتى 2014-6-25 15:25:05

xahla91 يوللىغان ۋاقتى2014-6-24 22:42 static/image/common/back.gif
ياققەي... خەلق پۇلى، دوللار دىگەندەكلەرنى دەيمەن.

نەچچە پۇل ئالىلا ئايلا بىر بابقا ؟يەنە 6باب تۈگىسە بىر جىت تۈگەيدىكەن شۇ يەرگىچە ئۇقۇۋەتكەن بولسام ئارمان يوقتى ............ خەنچىسىنى ئۇقۇسا تىلىمىزدىكىدەك ھۇزۇرلۇق بولمايدىكەن

kaplanqak يوللانغان ۋاقتى 2014-6-25 21:10:19

Mahir512 يوللىغان ۋاقتى2014-6-25 14:45 static/image/common/back.gif
مىنىڭچە كىنوسى ھىكايىسىدەك ئادەمنى ھەيەجانغا سالالما ...

ئىنىقلام ، ئەگەر كىتابىنى ئوقىماي ،كىنوسىنى كۆرسىغۇ بىر گەپ ، ئەگەر كىتابىنى ئوقۇپ قويدىمۇ ، كىنوسى ئادەمنى ھەرگىز رازى قىلالمايدۇ .
بولۇپمۇ ماۋۇنىڭدەكھەيۋەتلىك قۇرۇلۇش ، قورقىنىچلىق مۇھىت ، قەسىمى ئەپسانىلارنى .

Lost0118 يوللانغان ۋاقتى 2014-6-25 21:16:27

بىز ئۈچىلىمىز ھەيران قېلىشتۇق. بىز بۇيەردىن ئايرىلىپ قايتىپ كەلگۈچە ئانچە ئۇزۇن ۋاقىت ئۆتمىگەن تۇرسا، بۇنداق قىسقا ۋاقىتتا كىممۇ بىزنىڭ جابدۇقلىرىمىزنى بىراقلا يۆتكەپ كىتەلىسۇن؟ يەنە كىلىپ قۇشۇمچە قەبرىدىن قەبرە يۇلىغىچە پەقەت بىرلا ئىشىك بار تۇرسا، بۇ نەرسىلەرنى قەيەرگە يۆتكەپ كەتكەندۇ؟...
بىز بىر-بىرىمىزگە قاراشتۇق، ھەممەيلەننىڭ چىرايىدىن قانداقتۇر بىرخىل ھەيرانلىق ئالامەتلىرى چىقىپ تۇراتتى. راستىنلا «تېزىنى باسسا مېزى»دىگەندەك ئىش بولىۋاتاتتى. سىمىزمۇ قورقۇپ كەتكەن بولۇپ، ئۇ:« ئەجىبا بۇ يەردە تىرىك مۇردا بارمىدۇ؟» دەپ سورىدى.   مەن قولۇمنى پۇلاڭلىتىپ:« ھازىر تىرىك مۇردىنى مۇلاھىزە قىلىدىغان ۋاقىت ئەمەس، ھازىرقى ھالىتىمىز بىلەنمۇ ئۇ مەخلۇق بىلەن جان تىكىپ ئېلىشالايمىز، بىراق سۇ ئۈزۈش سايمانلىرى بولمىسا ھېلىقى ئون نەچچە مېتىرلىق دېڭىز ئاستى قەبرە يولىدىن قانداق ئۆتىمىز؟   مانا بۇ ئەڭ مۇھىم مەسىلە. ئەگەر بىرەر ئامال قىلمىساق بىز مۇشۇ دېڭىز ئاستى قەبرىسىدە ئۆلگىنىمىز ئۆلگەن» دىدىم.
مەن سىمىزدىن :« باياتىن سەن ئەڭ ئاخىرىدا سۇ ئۈزۈش كىيىملىرىڭنى سالغان، سەن بىرەر جايغا يۆتكىۋەتتىڭمۇ يە؟» دەپ سورىدىم.
« نەدىكى گەپلەرنى قىلىدىكەنسەن، قۇرسىقىم ئېھىپ ئۆزۈمنى ئاران كۆتۈرۈپ مېڭىۋاتسام، يەنە كىلىپ بۇ 8دانە ئوكسىگىن تۇڭى تۇرسا .....»دىدى-سىمىز.
مىنىڭچىمۇ شۇنداقتەك قىلاتتى. ئەينى ۋاقىتتا بىز ھەممىمىز نەخ مەيداندا بار تۇرساق، ئەگەر بىرەرسى يۆتكىۋەتكەن بولسا بىز بىلمەيدىغان ئىش بولامدۇ؟ ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇنچە ئېغىز نەرسىنى كىممۇ بىراقلا يۆتكىۋىتەلىسۇن؟
بىز شۇ يەردە ھاڭۋېقىپ قاراپ تۇرۇشتۇق. بۇۋاقىتتا سىمىز بۇنداق تۇرىۋەرسەك ھېچنىمىگە پايدىسى يوقلىقىنى پەملىدى بولغاي، بىزگە باشقا جايلارنى ئىزدەپ بېقىش تەكلىپىنى بەردى.   «بۇ نەرسىلەرنى ئالۋاستى كىلىپ ئېلىپ كەتكەن تەقدىردىمۇ، چۇقۇم بىرەر يىپ ئۇچى قالدۇرۇپ قۇيىدۇ» دىدى-ئۇ.
سىمىزنىڭ گېپىنىڭ خېلى ئاساسى بارئىدى. مەن يۈگۈرۈپ بېرىپ يەردىكى ئىدىشلارنى ئۇياق-بۇياققا يۆتكەپ قاراشقا باشلىدىم.ئۇ نەرسىلەر مۇشۇ ئىدىشلار ئارىسىغا يۇشۇرۇپ قۇيۇلغان بولمىسۇن يەنە – دىگەنلەرنى ئويلايتتىم.باشقىلارمۇ ھەر تەرەپنى ئىزدەشكە باشلىدى. مەن ئۆزۈمنىڭ قىلىۋاتقانلىرىمنىڭ بىر ھاماقەتلىكتىن باشقا نەرسە ئەمەسلىكىنى ئىنىق بىلەتتى. چۈنكى بۇنچە ئۇچۇقچىلىقتا بىر قاراپلا ھەممە يەرنى ئىنىق پەرق قىلغىلى بولىدىغان تۇرسا . شۇنداقتىمۇ «ئلۆلمىگەن جاندا ئۈمىد بار» دىگەندەك قولىمىزدىن كىلىدىغاننىڭ ھەممىسىنى قىلىپ بېقىشنى ئويلىغان ئىدىم.
بىز ناھايتى تەپسىلى ئىزدىدۇق. ئالاھەزەل 5-6مىنۇتلارچە ئالدىراش بولۇپ كەتتۇق. بىراق مەن ئىزدىگەنسىرى بۇ يەردىكى ھەممە نەرسە ماڭا غەلىتە كۆرۈنۈشكە باشلىدى.   ئەڭ ئاخىرى يەنىلا سىمىز ئەقىللىق كىلىپ بۇ مەسىلىنى تۈنجى بولۇپ ئېغىزىدىن چىقاردى.ئۇ ئۈنلۈك ئاۋازدا:« ھۇ ئاناڭنى! بۇ نەدىمۇ بىز باياتىن سايمانلىرىمىزنى قويۇپ قويغان جاي بولسۇن؟!»دىدى.
مەن بۇرۇلۇپ سىمىز قولچىرىقى بىلەن سىمىز يۇرۇتۇپ تۇرغان بولۇڭغا قارىدىم. ئىسىمدە قېلىشىچە ئۇ يەردە ھېچنىمە يوق ئىدى. ھازىر بولسا بىر دانە تاش تۈۋرۈك تۇرۇپتۇ، بىر تەرىپى تامغا پۇتۇرۇلغان، بىر تەرىپى سىرىتقا چىقىپ قالغان ئىدى. ئۈستىگە بنۇرغۇن ئەتىۋارلىق قۇش ۋە ھايۋانلارنىڭ سۈرىتى ئۇيۇلغان ئىدى. بۇ ئالدىنقى قېتىم بىز كۆرگەندىكىگە پۈتۈنلەي ئوخشاشمايدىغان بىر جايغا ئۆزگىرىپ قالغان ئىدى. بىز ئارقىدىن قالغان ئۈچ دانە تامنىڭ بولىڭىغا قارىدۇق. دەرۋەقە ئۇ يەرلەرمۇ بۇرۇنقىغا ئوخشىمايتتى. بۇلارنى كۆرۈپ كاللام قالايمىقانلىشىپ كەتتى، بۇ يەردىكى ئۆزگۈرۈش زادى ئادەمنىڭ ئەقلىگە سىغمايتتى.
مەن بوتولكىغا قارىدىم.ئۇ بېشىنى لىڭشىتىپ:« سىمىز توغرا دەيدۇ، بۇ باشقا بىر ئۆيكەن، ئاۋۇ بولۇڭدىكى بالا مۇردا قۇيۇلغان تاۋۇتمۇ كۆرۈنمەيدۇ. يەردىكى نەرسىلەرنىڭ تىزىلىشىمۇ باشقىچە تۇرىدۇ. ئۆينىڭ تۇرىسىمۇئوخشىمايدۇ، قاراپ باققىنە!» دىدى، ۋە تۇرۇسنى كۆرسەتتى.
مەن بېشىمنى كۆتۈرۈپ قاردىم. راستىنلا شۇنداقكەن، تۇرۇشتىكى ئويما رەسىملەر يۇمىلاق گىرەلىشىپ كەتكەن چوڭ يىلانغا ئۆزگۈرۈپ قالغان ئىدى، راستتەك كۆرىنەتتى. خۇددى ھازىرلا ئادەمگە ئېتىلىپ چۈشىدىغاندەك. قارىغانسىرى بەدەنلىرىم تىكەنلىشىپ كەتتى. مەن دەرھال پەسكە قارىدىم، ۋە ئۇلاردىن:« بۇ نىمە ئىش؟ ئىشىكتىن خاتا كىرىۋالدۇقمۇ قانداق؟» دەپ سورىدىم.
سىمىز:« بۇ قانداق مۇمكىن بولسۇن؟ بۇ يەردە پەقەت بىرلا يول بار تۇرسا، بىز باياتىن مۇشۇ يولدىن چىقىپ ئوقيا يەپ كىرپىگە ئوخشاپ قايتىپ كەلدۇق شۇ. خاتاسى يوق، باياتىن چىققان ئىشىكتىن كىرگىنىمىز ئىنىق تۇرسا» دىدى.
مەن بۇۋاقىتتا كەنجى تاغام 20يىل ئاۋال يۇلۇققان ئىشقا يۇلۇقۇپ قالغانلىقىمىزنى ھىس قىلىشقا باشلىدىم. بىراق كۆز ئالدىمكى بەزى ئىشلار كەنجى تاغامنىڭ ئېيتىپ بەرگىنىگە تازا ئوخشىمايۋاتاتتى، بۇنىڭ زادى نىمە ئىش ئىكەنلىكىنى بىلمەيتتىم. ئەينى ۋاقىتتا كەنجى تاغام ئۈستىدىكى سۇ ئۈزۈش كىيىملىرىنى سېلىۋەتمىگەن بولغاچقا ھېلىقى بۇلاق ئېغىزىدىن بىخەتەر چىقىپ كىتەلىگەن. مەن بۇ يەرگە كىرگەن چېغىمدا بىرەر ئەھۋال يۈز بىرىدىغانلىقىنى پەرەز قىلغان بولساممۇ بىراق ئالدىن تەييارلىق قىلمىغىنىمغا ئۈكۈندۈم، كۆڭلۈمدە ئىختىيارسىز ئۆز-ئۆزۈمنى ئەيىپلەشكە بالىدىم.
سىمىز بۇ يەردىكى ئەھۋاللارنى كۆرۈپ تېخىمۇ گاڭگىراپ قالغان ئىدى. ئۇ مەندىن:« سىلەر جەنۇپپەرەسلەر قەدىمكى قەبرىلەردىكى سىرلارغا ناھايتى پىششىق ئەمەسمىدىڭلار؟ سەن ئىلگىرى مۇنداق ئەھۋالغا يۇلۇقۇپ باقمىغانمۇ؟» دەپ سورىدى.
مەن ئەلۋەتتە يۇلۇقۇپ باقمىغان تۇرسام.مەن ئۇلۇغ كىچىك تىنىۋېتىپ:« بۇ يەردىكىلەر ھەممىمىز ئۆز ئادەم، مەن سىلەرگە راست گەپنى ئېيتاي، بۇ مىنىڭ ئىككىنچى قېتىم قەبرىگە كىرىشىم، ھېلىغۇ سىركەن، قەبرە ئىچىدىكى نەرسىلەرنىڭ تۇلۇق نامىنىمۇ ئېيتىپ بىرەلمەيمەن. سىلەر ئەڭ ياخشىسى مەندىن چوڭ ئۈمىد كۈتمەڭلار» دىدىم.
سىمىز بۇنى ئاڭلاپ ئىشەنمىدى،« مىنى تۇلا قورقۇتما، مەن تېخى سىنى بىرەر ئامال تاپالايدۇ دەپ يۈرۈپتىمەن» دىدى،-ئۇ.
مەن ئاچچىق كۈلدۈم. قانداق جاۋاب بىرىشنى بىلمەيتتىم. مەن ئۇنىڭغا:« ھازىر ئەھۋال بەك غەلىتە تۇرسا ، مەن كەسىپ ئەھلى بولغان تەقدىردىمۇ، بۇنىڭغا بىر نىمە دىيىش تەس. قارىمامسەن، قىسقىغىنا ۋاقىتتا قانداق سىرلىق كۈچ بۇ ئۆينىڭ قۇرۇلمىسىنى پۈتۈنلەي ئۆزگەرتىۋېتەلەيدۇ؟ بۇ مۇمكىن بولمايدىغان ئىش. بۇنىڭ جەزمەن باشقا بىر سەۋەبى بار» دىدىم.
بوتولكا بېشىنى لىڭشىتىپ مىنىڭ پىكىرىمگە قۇشۇلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.   سىمىز بېشىنى قاشلاپ تۇرۇپ:« ئۇنداقتا بۇ بىر سىھرىگەرلىكمۇ؟» دىدى.
مەن ئۇنىڭ گېپىنى ئاڭلاپ:« نىمە دىسەم بۇلار؟ بەلكىم شۇنداقتۇ، مەن ئىلگىرى مۇنداق بىر ھىكايىنى ئاڭلىغان _ بىر قەبرە ئوغرىسى بىر قەبرىگە كىرىپتۇ. قەبرەئىچىنىڭ ناھايتى ھەشەمەتلىك ئىكەنلىكىنى، خۇددى پادىشاھلارنىڭ ئوردىلىرىغا ئوخشايدىغانلىقىنى، ئىچىدە بىر ئادەمنىڭ ئۆزى يالغۇز ھاراق ئىچىپ ئولتۇرغانلىقىنى كۆرۈپتۇ. ئۇ ئادەم بۇ قەبرە ئوغرىسىنى كۆرۈپ ئۇنى ھاراق ئىچىشكە تەكلىپ قىپتۇ. يەنە ئۇنىڭغا بىردانە كەمەر سوۋغا قىپتۇ. ئۇلار خېلى ئۇزۇنغىچە ئىچىشىپتۇ، ئاخىرىدا قەبرەئوغرىسى مەس بولۇپ قېلىپ ئۇخلاپ قاپتۇ. ئەتىسى ئويغۇنۇپ قارىسا بىر دانە كونىراپ كەتنىڭ تاۋۇتنىڭ يېنىدا ياتقۇدەك، بايىقى كەمەرنىڭ ئورنىدا بىر دانە چوڭ يىلان تۇرارمىش...   بىزنىڭ ئەھۋالىمىز ئاشۇ ئوغرىنىڭ ئەھۋالىغا ئوخشاپ قالامدۇ قانداق؟ » دىدىم.
سىمىز:« نىمىسى ئوخشايدۇ!؟ ئۇ ھەرھالدا ھاراق بولسىمۇ ئىچەلىپتۇ، بىراق بىزچۇ؟ سۇدىن باشقا نەرسە بولمىسابۇ نەس باسقان جايدا، قانداقمۇ خەخ بىلەن سېلىشتۇرغىلى بولسۇن؟»دىدى.
مىنىڭچىمۇ شۇنداق. بۇ ۋاقىتتا مەن كەنجى تاغامنىڭ ماڭا سۆزلەپ بەرگەن بەزى ئىشلىرىنى ئۇلارغا سۆزلەپ بېرىشنى ئويلىدىم. بىراق بۇ بوتۇلكىغىمۇ مۇناسىۋەتلىك ، ھازىر ئۇنىڭ ئىچكى دۇنياسىنى بىلىپ بولمايدۇ. ئەگەر خاتا سۆزلەپ قۇيۇپ ئۇنىڭ چىشىغا تىگىپ سالسام ياخشى بولمايدۇ.ئۇيان ئويلاپ، بۇيان ئويلاپئاخىرى ئۇ ئىشلارنىڭ يېرىمىنى سۆزلەپ، يېرىمىنى يۇشۇرۇپ قالماقچى بولدۇم.
سىمىز بايىقى ئورنىدا ئاچچىقىدا پۇشۇلداپ تۇراتتى. مەن ئۇنى ئولتۇرۇشقا بۇيرۇدۇم. كەنجى تاغامغا مۇناسىۋەتلىك ئىشلارنى سۆزلەشكە باشلىدىم. سىمىز توختىماستىن گەپ قىستۇرۇپ تۇرغاچقا مەن ئامالسىز گېپىمنى ھەم ئاددى ھەم قىسقا قىلىپ تۈگەتتىم. ئاخىرىدا سىمىز تۇيۇقسىز تىللاپ كەتتى« ھۇ ئەبلەخ! شۇنچە كۆپ ئىشلارنى بىلىپ تۇرۇپ بىزگە بىر ئېغىزمۇ تىنماپسەن، قارا ھازىرقى ھالىتىمىزگە –ئۆلۈك دىسە ئۆلۈك ئەمەس، تىرىك دىسە تىرىك ئەمەس.... ئەمدى خوش بولغانسەن!؟....»
بوتولكا چوڭقۇر خىيالغا كەتكەن ئىدى، ئۇ تۇيۇقسىز مىنى كاپلا قىلىپ قاماللاپ تۇتۇپ تارتىپ ئالدىغا ئېلىپ كەلدى،ۋە مەندىن:« كەنجى تاغاڭ ھۇشىدىن كەتكەن چاغدا نىمە دىدى؟ يەنە بىر قېتىم دىگىن!» دەپ سورىدى.
مەن ئۇنىڭ مۇنداق كەسكىنلىكىنى كۆرۈپ نىمە بولغانلىقىنى بىلمەيلا قالدىم، مەن كىكەچلەپ تۇرۇپ:« ئۇ...ئۇ ...."لىفىت"دىگەندەك قىلغان» دىدىم.
بوتولكا تۇيۇقسىز كۈلدى، « ھە بىلدىم، ئەسلىدە مۇنداق ئىش ئىكەن-دە؟»دىدى-ئۇ.




جەنۇپپەرەس ئۈچىنچى تاغىنڭ‹‹ كىپەن ئوغۇرلاش خاتىرسى››ناملىق ئەسىردىن تەرجمە قلىندى
مەزكۈر ئەسەرنىڭ 1-بابىدىن29-بابىغىچە ئانا تۇپراق مۇنبىرىدىكى جاپاكەشلەر تەرجىمە قىلىپ يوللىغان بولۇپ، ئاخىرىنى تىرىشچانلار مۇنبىرىدىكى كىپەن ، جىمجىت ئەپەندىلەر تەرجىمە قىلىپ تىرىشچانلار مۇنبىرىگە يوللىغان ، ئانا تۇپراق تورىنىڭ باشقۇرغۇچىلىرىنىڭ روخسىتى بىلەن ئەسەرنىڭ باش قىسمى تىرىشچانلار مۇنبىرىگە يۆتكەلدى.
تىرىشچانلار مۇنبىرى قۇرغۇچىسىنىڭ رۇخسىتى بىلەن ئەسەر ئالۋاستى سالونىغا يوللاندى.


سالوندا ھەر كۈنى كەچتە يېڭى مەزمۇنلار يوللىنىدۇ،سالوننىڭ ئىزدەش نۇمۇرىalvasti
نى ئىزدەپ قوشۇۋالغاندىن كېيىن 1نى يوللاپ مۇندەرىجىگە كىرىپ بارلىق مەزمۇنلارنىڭ رەت نومۇرىنى كۆرەلەيسىز،رەت نومۇرىنى قايتۇرسىڭىز ماس ھالدىكى مەزمۇنلارنى كۆرەلەيسىز،سالون مەزمۇنلىرىنى ياقتۇرغان بولسىڭىز ئوڭ تەرەپ يۇقىرى بۈرجەكتىكى ئىقتىدار تىزىملىكىدىن مەزمۇننى دوستلۇق چەمبىرىگە بەھىرلەپ قويۇشنى ئۇنۇتماڭ.

Lost0118 يوللانغان ۋاقتى 2014-6-25 21:17:20

ئۇ(بوتولكا) ئورنىدىن تۇرۇپ قەبرە يولىدىكى تاش ئىشىك تەرەپكە بېرىپ ئىشىك كېشىكىنى سىلاشتۇرۇشقا باشلىدى. « بۇ ھەقىقەتەن بىر ھىيلە ئىكەن، يەنە كىلىپ ناھايتىمۇ ئاددى، كىچىك بالىلارنى ئالدىغانغا ئوخشاشلا. شۇڭلاشقا كەنجى تاغا يىگىرمە يىل ئاۋال بۇنى بىلمىگەن، يىگىرمە يىلدىن كېيىن ئاندىن بايقىغان»دىدى-ئۇ.
   سىمىز ئۇنىڭ بىر نەرسە بايقىغانلىقى بىلىپ:« ھە "ئاكا"! بىرنەرسە بايقىغان بولساڭ تىز دىمەمسەن تۇلا گەپ يورغىلاتماي. مەن ئاچچىقتىن بوغۇلۇپ قالايلا دەپ قالدىم»دىدى.
   «مەن بىر مىسال كەلتۈرۈپ ساڭا چۈشەندۈرەي، سەنمۇ ناھايتى ئاسانلا چۈشىنەلەيسەن_ئەگەر ئىككى قەۋەتلىك بىر بىنا بار دىسەك، ھەر بىر قەۋەتتە پەقەت بىرلا ئېغىز ئۆي بولسا، سەن ئىكىنجى قەۋەتتىكى ئۆيدىن مېڭىپ چىقىسەن، بۇ ۋاقىتتا مەن بىرىنجى قەۋەتنىڭ ئاستىغا يەنە بىر قەۋەت ئۆي سالسام، سەن قايتىپ چىققىنىڭدا سەن تۇرغان بۇ ئىككىنجى قەۋەت ئاللىقاچان ئۈچىنچى قەۋەت بولۇپ قالىدۇ، بىرىنجى قەۋەت بولسا ئۈچىنچى قەۋەت بولۇپ قالىدۇ» دىدى- بوتولكا.
   بۇ مىسال ئانچە ياخشى ئېلىنمىغان ئىدى. سىمىز چۈشەنمىدى بولغاي ، ئۇ قولىنى چىقىرىپ:« بىر...ئىككى، ئىككى....بىر، بىر...ئىككى....ئۈچ......،   ھۇ ئاناڭنى! نىمىدىگەن كۆپ بىر-ئىككى-ئۈچ بۇ!؟ مەن بارغانسىرى ھېچنىمىنى ئاڭقىرالماي قالدىم» دىدى.
   مەن بىردىنلا كەنجى تاغام تىلغا ئالغان"لفىت" دىگەننىڭ مەنىسىنى ئەمدى راستىنلا چۈشەنگەندەك بولدۇم، قارىغاندا ئۇ بۇ سىرنى بايقىغان چاغدا كاللىسىغا لىفىت دىگەن سۆز كەلگەن. كۆز ئالدىم ۋاللىدە يۇرىغاندەك بولدى. ئەمەلىيەتتە بۇ ئادەمنى ئەخمەق قىلىپ ئوينايدىغان بىر ئويۇن ئىكەن ئەمەسمۇ؟
   مەن سىمىزنىڭ تېخىچە چۈشەنمەيۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ، ئۇنىڭغا تەپسىلىي ئىزىپ چۈشەندۈرۈشكا باشلىدىم.   مىنىڭ گېپىمنى ئاڭلاپ راستىنلا چۈشەنگەن ئىدى. گېپىم ئەمدى تۈگىشىگىلا سىمىز تۇيۇقسىز روھلىنىپ كەتتى. ئۇ:« ھە، ئەسلىدە مۇنداقكەن-دە؟ ئاناڭنى! ئەسلى بىر ئاددىلا ئىش ئىكەنغۇ، قارىغاندا ئىشلارنى ئاددى تەرەپكە ئويلاش ئەڭ ياخشى ئامالكەن» دىدى.
   بوتولكىنىڭ چىراي ئىپادىسى يەنە بۇرۇنقىدەكلا جىددى ئىدى، ئۇ كۆڭلىدە بىر ئىشنى ئويلاۋاتقاندەك قىلاتتى. ئۇ ئىشىك كېشىكى ئەتراپىنى تەپسىلىي تەكشۈرگەندىن كېيىن، دەرھال بېرىپ بۇلاق كۆزىدىكى سۇغا قارىدى. ئۇنىڭ بۇ ھەركەتلىرىدىن يەنە بىر نەرسىنى چۈشەنمەيۋاتقانلىقى چىقىپلا تۇراتتى. مەن ئۇنىڭدىن:« يەنە بىرەر مەسىلە بارمۇ ؟»دەپ سورىدۇم.   ئۇ بېشىنى لىڭشىتىپ:« كەنجى تاغىنىڭ دىگەنلىرى بىلەن بىزنىڭ ھازىر كۆرىۋاتقانلىرىمىز تازا ماس كەلمەيۋاتىدۇ. سەن بۇنى ھىس قىلالىدىڭمۇ يوق؟»دىدى.
   مەن ئىككىلەنگەن ھالدا ئۇنىڭغا قارىدىم، دىمىسىمۇ بەزى ئىشلار دىگەندەك توغرا كەلمەيۋاتاتتى. بىراق مەسىلىنىڭ زادى قەيەردە ئىكەنلىكىنى بىلەلمىدىم.
   «كەنجى تاغا مۇشۇ ئۆينىڭ ئىچىدە ياتقان، ئەگمە يولغا چىقمىغان. بۇ ئۆي مەيلى قانداق ھەركەتلەنمىسۇن يەنىلا مۇشۇ ئۆي شۇ. ئەمما بۇ ئۆي پۈتۈنلەي باشقىچە ئۆزگۈرۈپ قالغان تۇرسا، بۇ قانداق مۇمكىن بولسۇن؟»دىدى-بوتولكا.
   مىنىڭچىمۇ ئۇنىڭ دىگەنلىرى ئورۇنلۇق ئىدى. بوتولكا يەنە:« يەنە كىلىپ قەدىمى قەبرىلەردىكى قۇشۇمچە قەبرە ئۆيلىرى بىر-بىرىگە قارىشىپ تۇرىدىغان ئىككى ئېغىز ئۆي بولىشى كېرەك، بۇنداق بولغاندا بىز تۇرىۋاتقان بۇ ئۆنىڭ قارشى تەرىپىدە يەنە بىر ئېغىز ئۆي بار دىگەن گەپ»دىدى.
   بىز ئەگمە يولغا چىقىپ قولچىرىقىنى يۇرۇتۇپ قاراپ باقتۇق. قارشى تەرەپتە پەقەت ئاق رەڭلىك تامدىن باشقا نەرسە يوق ئىدى، ئىشىك كۆرۈنمەيتتى. بوتولكا قولىقىنى تامغا يېقىپ تۇرۇپ قولى بىلەن تامنى مۇشتلاپ باقتى. ئارقىدىن قولى بىلەن تامنى ئىتتىرىپ ئاستا-ئاستا مېڭىشقا باشلىدى. بەزىدە توختاپ خىشلارنىڭ يېرىقلىرىغا قولىنى تىقىپ تارتىپ باقاتتى.ئۇ مۇشۇ خىل ئۇشۇل بۇيىچە ئون مىنۇتچە ئىزدىگەندىن كېيىن بىز تەرەپكە قايتىپ كىلىپ بېشىنى چايقىدى. قارىغاندا بۇ يەردە ئىشىك يوقتەك قىلاتتى.
   سىمىز ساقلاۋىرىپ تاقىتى-تاق بولغان چېغى، ئۇ بىرنى چۈشكىرىۋېتىپ:« قۇشۇمچە قەبرە بىلەن نىمە كارىمىز، ھازىرغىچە چىقىپ كىتىغان يولنىمۇ بىلەلمەيۋاتساق، بىز بۇ يەردىكى سىرنى بايقىدۇق دەپ خوش بولغىنىمىز بىلەن ئوخشاشلا مۇشۇ يەردە ئۆلىدىغان ئوخشىمامدۇق!؟» دىدى.
سىمىزنىڭ گېپىنى ئاڭلاپ مەن ئۇھ تارتتىم. دىمىسىمۇ ئەھۋال شۇنداق بولىۋاتاتتى. بۇ يەردە تۇرغىلى خېلى بولدى، ئەمدى بۇيەردىن قانداق چىقىپ كىتىش كېرەك؟ كەنجى تاغام ئىككىلا قېتىمدا ئامان-ئىسەن چىقىپ كەتكەن، ئۇ ئىككىنچى قېتىم قەبرىدىن يېنىپ چىققاندا ھېچقانداق سۇ ئۈزۈش سايمانلىرى ئىشلەتمىگەن.ئۇ زادى قانداق قىلغان بولغىيتتى؟ئەجىبا ئۇ جېنى تىكىپ بۇ يەردىن ئۈزۈپ چىقىپ كەتكەنمىدۇ؟ شۇنداق قىلغان تەقدىردىمۇ قايسى يولدىن چىققاندۇ؟
   كەنجى تاغامنىڭ سەرگۈزەشتىلىرىدىن ماڭا ئېيتىپ بەرمىگەنئىشلار تېخى كۆپ ئوخشىمامدۇ؟بۇ "قاقباش تۈلكە" ماڭا نىمىشقا ھەممىنى ئېيتىپ بەرمىگەندۇ؟ .. ھەي تاغا....ھەي تاغا! سىنىڭ ماڭا ئېيتىپ بەرمىگەن ئاشۇ بىر قانچە ئېغىز سۆزلىرىڭنىڭ سەۋەبىدىن مەندەك ئۆز جىيەنىڭ مۇشۇ نەس باسقان جايدا ياش تۇرۇپ ئۆلۈپ كەتسەسەن بۇنىڭغا قانداق چىدارسەن؟....
   قالغان ئىككەيلەنمۇ بىر ئېغىز گەپ قىلمايتتى. ئۇلار پۈتۈن ئىشنىڭ جەريانىنى كۆڭلىدە مۇلاھىزە قىلىۋاتقاندەك قىلاتتى. مەنمۇ خىيالغا پاتتىم.   
ئەمەلىيەتتە قەدىمى قەبرىدىن قېچىپ چىقىشنىڭ بىر قانچە ئۇسۇلى بار.بىرى كەلگەن يول بىلەن قايتىش. بىراق ھازىر بۇ مۇمكىن ئەمەس.بىزنىڭ ئۆپكىمىز ئادەتتىن تاشقىرى ئىقتىدارلىق بولسا ئاندىن ئاشۇ كەلگەن يولىمىز بىلەن قايتالىشىمىز مۇمكىن.
ئىككىنچىسى- بىر ئاماللارنى قىلىپ قەبرە ياسىغۇچىلار قالدۇرغان مەخپى چىقىش يولىنى تېپىش.بۇ يەر ئۈستىدىكى قەبرىلەردە قوللىنىدىغان ئۇسۇل.بۇنداق دېڭىز ئاستى قەبرىسىدە مەخپى چىقىش يولىنى تېپىش خىيالىمىزنىڭ رىئاللىققا ئايلىنىشى ناھايتى تەس.يەنە كىلىپ كۆپۈنچە ھاللاردا قەبرە قازغۇچىلار كىمىدە تۇرۇپچىقىش ئېغىزىنى پۈتۈنلەپ ئىتىۋېتىپ ئاندىن ئايرىلىدۇ.ئۇ ئېغىزدىن چىققان تەقدىردىمۇ يەنە چەكسىز دېڭىز بىزنى قارشى ئالىدۇ.
ئۈچىنچىسى- قولىمىزغا تايىنىپ كولاپ چىقىپ كىتىش.   مەن بېشىمنى كۆتۈرۈپ تۇرۇسقا قارىدىم. قاتمۇقات خىشلارنى كۆرۈپ يەنە بىر ئۇھ تارتتىم. قارىغاندابۇنداق غايەت زور چوڭ قۇرۇلۇشنى كولاپ چىقىپ مۇمكىن ئەمەستەك قىلاتتى.
مەن يەنە ئۆزۈمنىڭ قورۇلۇش لاھىيەلەش جەھەتتىكى بىلىمىمگە ئاساسەن كۆڭلۈمدە بۇ دېڭىز ئاستى قەبرىسىنى لاھىيەلەشكە باشلىدىم. مۇشۇنداق قىلسام بەلكىم بىرەر ئامال تېپىلىپ قالارمىكىن دەپ ئويلايتتىم.
ھازىر شۇنى جەزىملەشتۈرۈشكە بولىدۇكى- پەقەت خىشلارنى تىزىش ئارقىلىقلا بۇنداق مۇستەھكەن قۇرۇلۇشنى پۈتتۈرۈش مۇمكىن ئەمەس. ئىنىقكى خىشلار ئارىسىغا لايغا ئوخشاش نەرسىلەر ئىشلىتىلگەن.خىشلارنىڭ ئۈستىگە سۇ ئۆتكۈزمەيدىغان چىرىماس تاختاي ئورۇنلاشتۇرۇلغان، ئۇنىڭ ئۈستى يەنە سۇۋالغان.
ئويلاپ مۇشۇ يەرگە كىلگەندە كاللامغا تويۇقسىز بىر ئامال كەلدى. مەن خۇشاللانغان ھالدا:« ئەمەلىيەتتە ئۇنچىۋالا قورقۇشنىڭ ھاجىتى يوقكەن، پەرىزىمچە ھازىر بىز تۇرىۋاتقان جاي دېڭىز يۈزىگە ئون نەچچە مېتىر كىلىدۇ.بۇ قەبرىنى ھازىرقىدەك لىفىتقا ئوخشاش ئايلىنىدىغان قىلىپ ياساش ئۈچۈن قەبرە ئىگىز ياسىلىشى كېرەك. بۇنداق بولغاندە قەبرىنىڭ ئەڭ ئۈستى قىسمى دېڭىز يۈزىگە ناھايتى يېقىن دىگەن گەپ.باشقا ئامال بولمىغاندا بىز قەبرىنى كولاپ چىقىپ كەتسەك بولىدۇ. قەبرە ئۈستىدىكى سۇ ئۇنچىۋالا چوڭقۇر ئەمەس. بىز ئاچقان تۈشۈكتىن زور مىقداردا قوم ئېتىلىپ كىرمىسىلا ئامان-ئىسەن چىقىپ كىتەلىشىمىز مۇمكىن، بۇنىڭ ئۈچۈن دېڭىز دولقۇنىنىڭ پەسىيىشىنى ساقلىشىمىز كېرەك»دىدىم.
سىمىز قولىنى پۇلاڭلىتىپ خوشياقمىغان ھالدا:« بىزدە ھېچقانداق قورال بولمىسا، نىمە بىلەن كولايمىز؟قولىمىز بىلەنما؟»دىدى.
مەن:« سەن چۈشەنمەيۋاتىسەن، بۇ يەردىكى خىشلارنىڭ ھەممىسى ئىچى بوش كاۋاك خىشلار ، بۇ خىل خىشنى چاققىلى بولمايدۇ، لېكىن بىز بىرەر تال تۆمۈر تېپىپ كىلىپ ئۇنىڭ بىلەن ىىزلاردىن ئاسانلا تۈشۈك ئاچالايمىز، بۇنداق بولغاندا خىشلارنى ئاجراتماق ئاسان» دىدىم.
سىمىز بۇلارنى ئاڭلاپ ئورنىدىن تۇرۇپ كەتتى. « ۋاھ، بۇ ئامال بۇلىدىكەن! بۇنداق چوڭ قەبرىدە جەسەت بىلەن بىرگە قويۇلغان مىتال قورالنى چۇقۇم تاپقىلى بولىدۇ» دىدى- ئۇ .
ئۇنىڭ مىجەزى مانا مۇشۇنداق ئىدى. –ئۆزىنىڭ ئۆلىدىغانلىقىنى بىلىپ ھېچ ئامالى قالمىغاندا ئۈمىدىنى ئۈزۈپ ئكلىمىنى كۈتۈپ ياتقىنى ياتقان، ئەگەر ئازراقلا يىپ ئۇچى بايقىلىپ قالسا كاللىسى بىردىنلا ئۆتكۈرلىشىپ كىتەتتى.
بىردىنلا كۆڭلۈمدە بۇ ئىشنى قانداق باشلاش نىمىلەرنى قىلىش توغرىسىدا ئىنىق پىلان تۈزۈشكە باشلىدىم. مەن ئالىي مەكتەپتە قورۇلۇش ئىلمى ئۆگەنگەن بولغاچقا بۇ نەرسىلەر ماڭا ناھايتى تۇنۇش ئىدى. مەن تامنى كۈچەپ ئىتتىرىپ باقتىم. راستىنلا مىنىڭ ئويلىغىنىمدەك ئىدى.   پەقەت دېڭىز دولقۇنى تىنجىغان ئون نەچچە مىنۇت ئىچىدە ئىشنى تۈگىتەلىسەك بۇ يەردىن ساق چىقىپ كىتىش مۇمكىنچىلىكىمىز بىر قەدەر چوڭ بولاتتى.
بۇ ۋاقىتتا بوتولكا:« دېڭىز دولقۇنى تىنجىيدىغانغا خېلى ۋاقىت بار، بۇ يەردىكى ھاۋانىڭ بىزگە قانچىلىك ۋاقىت يىتىدىغانلىقىنى بىلمەيمىز. .... بولدىلا، بېشىمىزغا كەلگىنىنى كۆرەرمىز» دىدى.
سىمىز ئورنىدىن چاچىراپ تۇرۇپ:« ھۇ ئاناڭنى! دېڭىز دولقۇنى بىلەن نىمە چاتىقىمىز! ئاۋال سايمان تېپىپ كىلىپ ئىشنى باشلايلى!بۇنداق ساقلاپ ئولتۇرىۋىرىپ ئىچىم بەك سىقىلىپ كەتتى. شۇ تاپتا دېڭىز ئالۋاستىسىنى ئىزدەپ تېپىپ ئۇنىڭ بىلەن پۇخادىن چىققۇچە بىر قەپەز ئېلىشىپ ئۆلسەممۇ مەيلىتى» دىدى. ئۇنىڭبۇ يەردە تۇرىۋېرىشكە پەقەتلا تاقىتى قالمىغاندەك قىلاتتى.
مەن ئەسلىدە ئۇنىڭغا- ئەگەر دېڭىز دولقۇنى تىنجىمىغان ۋاقىتتا بۇ قەبرىدىن تۈشۈك ئاچساق قەبرە ئىچىگە جىددى ئېتىلىپ كىرگەن دېڭىز سۈيى، دېڭىز قۇمى قۇشۇلۇپ بۇ يەرنى قالايمىقانلاشتۇرېتىدۇ. بۇ قەبرە ئىچى كەم دىگەندىمۇ ئىككى-ئۈچ مىنۇتتا سۇ بىلەن تۇشىدۇ، بۇ ۋاقىتتا ئاندىن ئاچقان تۈشۈكتىن يۇقىرىغا قاراپ ئۈزۈپ چىقىپ كەتكىلى بولىدۇ. ھازىركىدەك چارچىغان سۇ ئۆزۈش سايمانلىرى بولمىغان ئەھۋالدا يەنىلا دەڭىز دولقۇنىنىڭ تىنجىشىنى كۈتسەك جىسمانى كۈچىمىزنىڭ ھەددىدىن زىيادە خۇرىشىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ- دىگەنلەرنى ئېيتماقچى ئىدىم، بىراق بۇ گەپلەرنى دەپ ئۇنىڭ قىزغىنلىقىغا سوغۇق سۇ سەپكىم كەلمىدى.بىز ئۈچىمىز قايتىدىن جانلىنىپ نەرسە كېرەكلىرىمىز يىغۇشتۇرۇپ ئەگەمە يولغا قاراپ ماڭدۇق. بىز ئەمدىلا قەبرە يولىدىكى ھېلىقى تاش ئىشىك تەرەپكە بېرىشىمىزغا ھەممىمىز ھەيران بولۇپ قاراپ قالدۇق.سىمىز:« بۇ يەر نىمىدىگەن سىرلىق!» دەپ تىللاپلا كەتتى.
بىزنىڭ ئالدىمىزدىكى تامدا يەنە بىردانە ئىشىك پەيدا بولۇپ قالغان ئىدى.مەن قول چىراق بىلەن يۇرۇتۇپ ئىشىكنىڭ ئىچىدە ناھايتى چوڭ بىر دانە سېرىق رەڭلىك جەسەت ساندۇقىنىڭ تۇرغانلىقىنى كۆردۈم.





جەنۇپپەرەس ئۈچىنچى تاغىنڭ‹‹ كىپەن ئوغۇرلاش خاتىرسى››ناملىق ئەسىردىن تەرجمە قلىندى
مەزكۈر ئەسەرنىڭ 1-بابىدىن29-بابىغىچە ئانا تۇپراق مۇنبىرىدىكى جاپاكەشلەر تەرجىمە قىلىپ يوللىغان بولۇپ، ئاخىرىنى تىرىشچانلار مۇنبىرىدىكى كىپەن ، جىمجىت ئەپەندىلەر تەرجىمە قىلىپ تىرىشچانلار مۇنبىرىگە يوللىغان ، ئانا تۇپراق تورىنىڭ باشقۇرغۇچىلىرىنىڭ روخسىتى بىلەن ئەسەرنىڭ باش قىسمى تىرىشچانلار مۇنبىرىگە يۆتكەلدى.

Lost0118 يوللانغان ۋاقتى 2014-6-25 21:18:11

بۇ قەبرىنىڭ بۇنداق غەلىتە ئۆزگۈرۈپ تۇرىدىغان قىلىپ ياسالغانلىقىنى نەزەردە تۇتۇپ شۇنداق خۇلاسىگە كىلىشكە بولىدۇكى _ بۇ يەردە تۇيۇقسىز بىر ئىشىك پەيدا بولۇپ قالغانلىقى ئەجەپلىنەرلىك ئىش ئەمەس.ئىنىقكى ھازىر بىز پاراڭلىشىپ تۇرغان ۋاقىتتا بۇ ئۆيدىمۇ ئۆزگۈرۈش بولغان.بۇ قەبرەئىگىسىنىڭ قەبرىنى بۇنداق لاھىيىلەشتىكى غەرىزىنى بىلگىلى بولمايتتى.بۇ قېتىمبۇ ئەھۋالنى كۆرۈپ مەن بۇرۇنقىدەك ئالاقزادە بولمىدىم.
   بىراق ئۆي ئىچىدىكى چوڭ تاۋۇت مىنى چۈچىتىۋەتتى.بۇ كىمخاپ ماخىل دەرىخى ياغىچى بولسا كەمدىن-كەم ئۇچرايدىغان ماتىريال ئىدى. مەن بۇنداق چوڭ تاۋۇتنى ئەزەلدىن كۆرۈپ باقمىغان ئىدىم.بۇ تاۋۇت ئەنە شۇنداق قىممەتلىك ماتىريالدىن ياسالغان،بۇ خىل ياغاچنى پەقەت پادىشاھلارنىڭ قەبرىلىرىدە ياكى ئوردىلاردائۇچرىتىش مۇمكىن.بۇ تاۋۇت مۇشۇ تاۋۇت چوڭلىقىدىكى كۈمۈشتىنمۇ كۆپرەك پۇلغا يارىشى ئىنىق.
   بىراق بۇنداق قىممەتلىك تاۋۇتنى قۇشۇمچە قەبرە ئىچىگە قۇيۇپ قويغانلىقى كىشىنى ئەجەپلەندۈرەتتى. بۇنداق قىممەتلىك نەرسىنى قۇشۇمچە قەبرە ئىچىگە قۇيۇپ قويغىنىغا قارىغاندا ئاساسى قەبرە ئىچىدە پۈتۈنلەي ئالتۇندىن ياسالغان تاۋۇت بارمۇ نىمە؟... بۇ ئىشلارغا بارغانسىرى ئەقلىم يەتمەي قالدى.بۇ قەبرىنىڭ خۇجايىنى ھېچقانداق قائىدىلەرگە ئەمەل قىلماستىن بۇ يەرنى ئۆزى بىلگەنچە ناھايتى سىرلىق قىلىپ لاھىيىگەن، يەنە كىلىپ قەدەمدە بىر توزاق قۇرۇپ ماڭغان، يا بۇ توزاقلار ئادەمنىڭ جېنىنى ئالالمايدىكەن. ئۇ زادى نىمە ئويلىغان بولغىيتتى؟...
   قەبرە قازغۇچىلار تاۋۇتنى كۆرسە قولى قىچىشماي قالمايدۇ،بولۇپمۇ بۇنداق قىممەت باھالىق تاۋۇتنى كۆرەگەندە. بۇنداق تاۋۇتنى كۆرگەن ئوغرى ئەلۋەتتە ئىچىدە يەنە قانداق قىممەتلىك نەرسە باردۇ دەپ قىزىقىدۇ.مەن سىمىزنىڭ كۆزلىرىنى چەكچەيتكىنىچە تاۋۇتقا قاراۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ، كۈلۈپ تۇرۇپ:" ھە، نىمە بولدى؟ بۇ تاۋۇتنى كۆرۈپ جېنىڭنى ئېلىپ قېچىشنى ئۇنتۇپ قالدىڭمۇ نىمە؟ يا بولمىسا تاۋۇتنى ئېچىپ قىممەت باھالىق نەرسىلەردىن ئازراق ئېلىۋالامسەن يا؟" دىدىم. مەن ئۇنى مەسخىرە قىلىۋاتاتتىم.
   كىم بىلسۇن، ئۇ ناھايتى تەمكىنلىك بىلەن:" ئاكاڭ تېخى ئويغاق جۇمۇ! بىزنىڭ ھازىرقى ۋەزىپىمىز قۇرال تېپىپ بۇ نەس باسقان جايدىن تۆشۈك ئېچىش. مىنى ئۇنداق ئاچكۆز كۆرۈپ قالما! "جان بولسا جاھان، ئاش بولسا قازان" دەپتىكەن، بىز بۇ يەردىن ئامان-ئىسەن چىقىپ كەتسەك، كېيىن يەنە كىلىپ ئېلىپ كەتسەكمۇ ئۈلگۈرىمىز!" دىدى.ئۇ ئۆزىنى بايلىققا كۆز قىرىنى سالمايدىغان ئالىيجاناپ ئادەملەردەك كۆرسىتىۋاتاتتى.
   مەن ئۇنىڭ گەپلىرىنى ئاڭلاپ ناھايتى كۈلكىلىك ھىس قىلدىم، مەن يەنە ئۇنىڭغا:" سەن قايتىپ كەلگۈچەبۇ ئىشىك يەنە مۇشۇ پېتى تۇرامدۇ يوق، بۇنى كىم بىلسۇن؟ " دىدىم.
   سىمىز بۇ يەردىكى قىممەتلىك ئاخىرەتلىك بۇيۇملارنى ئويلاپ مىنىڭ سۆزلىرىمنىڭ ئاساسى بار دەپ ئويلاپ قالدى بولغاي، بىردىنلا چىرايىدىن نىمە قىلارىنى بىلەلمەي قالغانلىقى مانا مەن دەپلا چىقىپ قالدى.   بۇ ۋاقىتتا بوتولكا تۇيۇقسىز بىزگە قولىنى پۇلاڭلىتىپ پەس ئاۋازدا:" گەپ قىلماڭلار"دىدى.
   بىز ئۇنىڭ چىرايىدىكى كەسكىنلىكنى كۆرۈپ ئالدىراش ئېغىزىمىزنى تۇتۇشتۇق. نىمە ئىش بولغانلىقى نامەلۇم ئىدى.ئۇ گاز مىلتىقنى چىقىرىپ ، پەس ئاۋازدا:" بۇ ئادەتتىكى تاۋۇت ئەمەسكەن، بۇ چۇقۇم مۇردا باقىدىغان جەسەت ساندۇقى، بۇنىڭ ئىچىدە چۇقۇم تىرىك مۇردا بار"دىدى.
   مەن ئۇنىڭ گېپىنى ئىنىق چۈشىنەلمەي گاڭگىراپ قالدىم، ۋە ئۇنىڭغا قارىدىم. بىراق ئۇ كۆپ چۈشەندۈرۈشنى خالىمىدى. ئۇ ئېڭىشىپ جەسەت ساندۇقى قۇيۇلغان جايغا ماڭدى. ئۇنىڭ ماڭغىنىنى كۆرۈپ سىمىزنىڭ بايىقى ئالىيجاناپ ھالىتى يۇقۇلۇپ بۇرۇنقى ھالىتىگە قايتتتى. ئۇ بوتولكىنىڭ جەسەت ساندۇقى تەرەپكە قاراپ كىتىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ دەرھاللا بوتولكىغا ئەگىشىپ جەسەت ساندۇقى تەرەپكە ماڭدى. مەن تۇرىۋاتقان بۇ ئەگمە يول ناھايتى قاراڭغۇ بولغاچقا يالغۇز بۇ يەردە تۇرىۋىرىشتىن قورقۇپ ئۇلارغا ئەگەشتىم.
   بۇ ئۆيمۇ بىز بۇرۇنقى كۆرگەن ئۆي بىلەن ئوخشاش بولۇپ، تۇرۇستا ھەرخىل ئويما رەسىملەر، ئوتتۇرىدا بىر بۇلاق كۆزى بارئىدى.پەقەتلا ھېلىقىدەك چوڭ-كىچىك ساپال قاچا ۋە ئىدىشلار كۆرۈنمەيتتى.تامدىن ئۈچ چى يىراقلىققا بايىقى جەسەت ساندۇقى قويۇلغان ئىدى.
   بوتولكا مىلتىقنىڭ پىچىقىنى چىقىرىپ جەسەت ساندۇقىنىڭ يېرىقىغا تىقىپ ئۇ يەر بۇ يەرلەرنى سانچىپ قايرىپ باقتى، ئۇ بىرەر يىپ ئۇچى ئىزدەۋاتقاندەك قىلاتتى.سىمىز ئۇنى بۇ ساندۇقنى ئاچماقچى بولىۋاتىدۇ دەپ ئويلاپ:" ئاستىراق، ئاستىراق! ئادەتتە جىم يۈرگىنىڭ بىلەن جەسەت ساندۇقىنى كۆرسەڭ ساڭىمۇ جان كىرىپ قالىدىكەن-ھە؟! ساڭا جان لازىم ئەمەسما؟!" دەپ ۋارقىرىدى.گېپىنى تۈگىتىپلا بىر تال شامنى ئېلىپ تامنىڭ بولىڭىغا ماڭدى، ئۇ بۇ شامنىياندۇرماقچى ئىدى.
   مەن بۇنى كۆرۈپ ئاچچىقلاپ :" ھۇ ئاناڭنىئ! بۇ يەردە ھاۋا ناھايتى ئاز تۇرسا ، مەن تېخى بۇ يەردىكى ھاۋا بىزنىڭ يەنە قانچىلىك نەپەسلىنىشمىزگە يىتەركىن دەپ غەم قىلىۋاتسام، سەن شام ياندۇرماقچىما؟" دىدىم.
   سىمىز بۇ گېپىمگە پىسەنت قىلماي:" بىر تال شام قانچىلىك ھاۋانى خۇرىتاتتى؟ بوپتۇ ، مەن بىرقانچىنى ئازراق نەپەس ئالاي! قانداق؟ "دىدى. ۋە شۇنداق دىگىنىچە قولىدىكى بوران-يامغۇرلاردىمۇ بىمالال ئىشلىتىشكە بولىدىغان ئالاھىدە چاقماقنى ياندۇرۇپ شامنى ياقتى.شامنىڭ يېنىشى بىلەن تامنىڭ بولىڭىدىكى بىر نەرسە شام يۇرۇقىدا ئىنىق كۆرۈندى. سىمىز ئادەتتە ناھايتى يۈرەكلىك ئىدى. بىراق ئۇ بۇ نەرسىنى كۆرۈپ قورققىنىدىن ئىشتىنىغا قۇيىۋەتكىلى تاسلا قالدى، ۋە ئالاقزادە بولۇپ ئۆزىگە-ئۆزى پۇتلۇشۇپ يەرگە يېقىلىپ چۈشتى. مەن ئۇنىڭ يېقىلغىنىنى كۆرۈپ قولچىرىقىنى ئۇنىڭغا قاراتتىم، مەنمۇ قورقۇپ تۈگۈلۈپلا قالدىم.
    تامنىڭ بولىڭىدا بىر دانە قۇرۇپ قېتىپلا قالغان ئۈلۈك مۈشۈك تۇراتتى.بۇ بىر ناھايتى چوڭ مۈشۈك بولۇپ، ئاللىقاچان ئىسكىلىتقا ئايلىنىپ قالغان، بەدىنىدىكى تۈكلىرى ئاساسەن چۈشۈپ بولاي دىگەن، ئاستىنقى تۇمشۇقى ساڭگىلاپ تۇراتتى، چىشلىرى ھازىرلا كىلىپ چىشلەيدىغاندەك كۆرىنەتتى. بىر جۈپ كاماردەك كۆز ئۇۋىسى سىمىزگە تىكىلىپ تۇراتتى.ئۇنىڭغا قارىغان ئادەمنىڭ تىنى شۈركەنمەي قالمايتتى.
    مەن كىچىكىمدىن باشلاپلا ئۆلۈك مۈشۈكتىن ئەڭ قورقاتتىم.كىچىك ۋاقتىمدا ئۆيىمىزدىكىلەر دائىم بېلىق ئوغۇرلىغان ياۋامۈشۈكنى تۇتىۋېلىپ، دەرەخكە ئېسىپ ئۆلتۈرەتتى. مۈشۈكنىڭ جەسىتى قۇرۇپ كەتكىچە دەرەختە ئېسىقلىق تۇراتتى.مەن ئۇ ۋاقىتلاردا تېخى كىچىك بولغاچقا ئۇنىڭ نىمىلىكىنى ئۇقمايتتىم.بىر كۈنى دەرەخ ئاستىدا ئويناۋاتقىنىمدا ئۈستىگە ئېسىپ قويۇلغان ئۈلۈك مۈشۈكنىڭ بوينى چىرىپ ئۈزۈلۈپ دەل مىنىڭ قولۇمغا چۈشتى، مەن ئۇنىڭ قورقۇنۇشلۇق چىشى ۋە ماڭا تىكىلىپ تۇرغان بىر جۈپ كۆزىنى كۆرۈپ قورققىنىمدىن ئىشىتىنىمغا سىيىۋەتكەن ئىدىم، ھەتتا بىر قانچە كۈنگىچە ساراڭدەكلا بولۇپ قالغان ئىدىم.
    سىمىز ئۆزىگە قاراپ تۇرغان بۇ نەرسىنىڭ مۈشۈكنىڭ جەسىتى ئىكەنلىكىنى كۆرۈپ ئۇنى تىللاپ كەتتى ۋە ئۇنى بىرنى تەپتى. ئارقىدىن شامنىشۇ يەرگە مۇقۇملاشتۇرۇپ قويۇپ جەسەت ساندۇقى تەرەپكە ماڭدى.مىنىڭچە بۇ ئىش بەك غەلىتە تۇراتتى. قەبرىنىڭ ئىچىگە مۈشۈكنىڭ جەسىتىنى قويۇپ قويغىنى نىمىسى؟
بىراق بۇ يەردە ئادەمنىڭ ئەقلىگە سىغمايدىغان ئىشلار بەك كۆپ بولغاچقا، مەن كۆڭلۈمدە – بەلكىم بۇ قەبرىنىڭ خۇجايىنى قەستەن قائىدىگەئۇيغۇن بولمىغان ئىشلارنى قىلىۋاتسا كېرەك - دەپ ئويلىدىم.بۇ يەردىكى ھەممە ئىش بىز ئويلىغاننىڭ ئەكسىچە بولىۋاتاتتى.قەبرە ئىچىدە بولماسلىققا تىگىشلىك نەرسىلەرنىڭ ھەممىسى بۇ يەردە بار ئىدى.مۇشۇنداق كېتىۋىرىدىغان بولسا ئاساسى قەبرىگە بېرىپ قالساقئۇ يەردە يەنە قانداق غەلىتە ئىشلارغا ئۇچرارمىز؟
بۇ ۋاقىتتا بوتولكا ئاللىقاچان ھېلىقى جەسەت ساندۇقىنىڭ قۇلۇپىنى تاپقان ئىدى. ئۇ سايمان ساندۇقىدىن ئىككى تال تۈمۈر ئىلمەكنى ئېلىپ كۈچەپ بىر قايرىغانتى "قاراس-قۇرۇس" قىلىپ ساندۇقنىڭ ئېغىزى ئاجرىدى، بوتولكا قولىنى تارتىشى بىلەن تەڭ خۇددى ئىچىدىن بىرسى ئۈستىگە قارىتىپ پۇتى بىلەن تەپكەندەك ساندۇقنىڭ ئېغىزى ئېچىلىپ قالدى. ساندۇق ئىچىدىن بىر خىل قاپقارا سۇيۇقلۇق سىرتقا قاراپ ئېقىپ چىقتى.سىمىز كۆڭلى ئېلىشقىنىغا قارىماي ساندۇقنىڭ ئىچىگە قارىدى، " ۋاي ئانامەي! نىمىدىگەن كۆپ تىرىك مۇردا بۇ! " دەپ ۋارقىرىدى- سىمىز ، قورققىنىدىن.

parakende يوللانغان ۋاقتى 2014-6-25 21:56:36

@Lost0118

قۇلۇڭلارغا دەت كەلمىسۇن {:101:}

parakende يوللانغان ۋاقتى 2014-6-26 11:42:24

ما خاتىرىنى يوللىمامسىلەر ۋوي تەقسىرلىرىم

parakende يوللانغان ۋاقتى 2014-6-26 17:33:44

ئۈندەللالنىڭ ئېچىلماس بۇلۇپ قالغىنىغا تۇنجى قېتىم ئاچچىقىم كىلىۋاتىدۇ:@

Lost0118 يوللانغان ۋاقتى 2014-6-28 01:14:37

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Lost0118 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى2014-6-28 01:38

جەسەت ساندۇقى ئېچىلى بىلەنلا مەن بىرخىل غەيرى پۇراقنىڭ دىمىغىمغا ئۇرۇلغانلىقىنى ھىس قىلدىم. بوينۇمنى سۇزۇپ ساندۇق ئىچىگە قارىدىم، ساندۇق ئىچى قاپقارا سۇيۇقلۇق بىلەن توشۇپ كەتكەن بولۇپ، ساندۇقتىن بۇس كۆتۈرۈلۈپ تۇراتتى. قارا رەڭلىك سۇيۇقلۇق ئارىسىدىن ئۆز ئارا گىرەلىشىپ كەتكەن ئادەم ئەزالىرىنى غۇۋا كۆرگىلى بولاتتى.   "ئىچىدىكى نۇرغۇن ئادەملەرنىڭ جەسىدى ئوخشايدۇ"دەپ ئويلىدىم-مەن.بىراق زادى قانچە ئادەم ئىكەنلىكىنى ئىنىق پەرقلەندۈرەلمىدىم. جەسەتلەر بىر-بىرىگە چاپلىشىپ كەتكەن بولۇپ، پەقەت ئادەمنىڭ قولىدىنلا 12 نى سانىيالىدىم. كۆز ئالدىمدىكى بۇ مەنزىرىنىڭ نەقەدەر يىرگىنىشلىك ئىكەنلىكىنى دىمەيلا قويۇڭ.
   بوتولكا بۇ ئەھۋاللارنى كۆرۈپ قاپىقىنى تۈرۈپ قويدى. بىراق ئۇنىڭ چىرايىدىن بايىقىدەك جىددىيلەشكەن ئالامەتلەر كۆرۈنمەيتتى. ئۇ قولىدىكى قۇرالنى چۈشۈردى.مەن ئۇنىڭغا قاراپ بۇ نەرسىنىڭ ئۇنچىۋالا خەتەرلىك ئەمەسلىكىنى پەرەز قىلدىم.بىراق بوتولكىنىڭ باياتىن نىمىگە ئۇنچىۋالا جىددىيلەشكەنلىكىنى بىلمەيتتىم.
   ساندۇقنىڭ ئىچى تەرىپىگەئارلىقىنى بىر قانچە سانتىمىتىردىن قالدۇرۇپ ئۈستىدىن-ئاستىغا قاراپ بىر قانچە قاتار سۇس ئالتۇن رەڭلىك يۇمىلاق مىخ قېقىلغان ئىدى. مىخلار سۇ ئىچىدە غۇۋا كۆرۈنگەچكە راست ئالتۇنمۇ ياكى ئالتۇندىن ھەل بىرىلگەنمۇ ئىنىق پەرقلەندۈرگىلى بولمايتتى.يەنە جەسەتلەرنىڭ ئاستى تەرىپىدە بىر پارچە غەلىتە نەرسە باردەك كۆرۈندى. سىمىز قولچىرىقىنى يۇرۇتۇپ تەپسىلى قاراشقا باشلىدى. قارىماققا خۇددى خەت ئويۇلغان تاش تاختايدەك كۆرۈندى. جەسەتلەر ئارىسىدا ۋە قوللىرىدا ھەرخىل قاشتېشى بۇيۇملىرى ۋە پىل چىشى دىگەندەك نەرسىلەر تۇراتتى. بۇ نەرسىلەر ھەم پۇلغا يارايتتى ھەم ئېلىپ چىقىپ كېتىش قۇلايلىق ئىدى.
   سىمىزنىڭ ئەلپازىدىن ئۇنىڭ قوللىرى قىچىشىۋاتقاندەك كۆرۈنسىمۇ، بىراق جەسەتلەر بەك يىرگىنىشلىك بولغاچقا قولىنى ئادەم مايلىرى بىلەن توشۇپ كەتكەن ساندۇققا تىقىپ ئۇ نەرسىلەرنى سۈزىۋېلىشقا جۈرئەت قىلالمايۋاتاتتى.ئۇ خېلى ئويلۇنۇپ باقتى، بىراق بىرەر ياخشى ئامال تاپالماي ئاخىرى ۋاز كەچتى. ئۇ بىر تەرەپكە ئۆتۈپ ساندۇق ئىچىدىكى جەسەتلەر ئۈستىدە ئويلىنىشقا باشلىدى. ئۇ بىر تەرەپتىن ساندۇققا قارىسا يەنە بىر تەرەپتىن توختىماي بېشىنى چايقاپ:" بۇ نىمىدىگەن ئېچىنىشلىق ئەھۋال-ھە! ھۇ ئاناڭنى! قەبرە خۇجايىنىمۇ تازا بىر ئادەمكەن، ئۇنىڭ بۇ قىلغانلىرى تازا ئەقىلگە سىغمايدۇ.ئۇ قانداق قىلىپ بۇ غەلىتە نەرسىلەرنى بۇ يەرگە قويۇپ قويىدۇ!؟ بىزمۇ ئىش تېپىلمىغاندەك بۇ يەرگە قەبرە قازىمىز دەپ كىرگەندىكىن خوپ بولدى!" دىدى.
   مەن بۇ ئىشلارنىڭ تىگىگە يىتەلمەيتتىم. ساندۇق ئىچىگە قاراپ بەك يىرگىنىپ كەتكەچكە ئىككىنچىلەپ قارىغۇم كەلمىدى. "بۇ جەسەتلەر بىرىكتۈرۈپ دەپنە قىلىنغان ساندۇق نىمىدىگەن يىرگىنىشلىكتۇ؟" دەپ سورىدىم-مەن.
   سىمىز قاپىقىنى تۈرۈپ تۇرۇپ:" شاكىچىك! سەن ساراڭ بولۇپ قالمىغانسەن؟! بۇ نەدىمۇ بىرىكتۈرۈپ دەپنە قىلىنغان جەسەتلەر بولسۇن؟ كىممۇ جەسەتلەرنى گۈللۈك يۇتازىغا ئوخشاش كىرىشتۈرۈپ ساندۇق ئىچىگە سالسۇن؟ بۇنىڭ ئىچىدىكىلەرنىڭ تىرىك پېتى دەپنە قىلىنغانلىقى ئىنىقلا چىقىپ تۇرمامدۇ! بۇ ئادەملەرنىڭ ھەممىسىنى تىرىك پېتى ساندۇققا سېلىپ ئاندىن ئۈستىگە دۇرا چېچىپ، ئارقىدىن ساندۇق ئىچىنى لىق سۇ بىلەن توشقۇزۇپ سۇدا تۇنجۇقتۇرۇپ ئۆلتۈرگەن، بۇنى بىز تۇنجۇقتۇرۇپ دەپنە قىلىش دەپ ئاتايمىز" دىدى.
   مەن گۈللۈك يۇتازىنىڭ گېپىنى ئاڭلاپ ئىختىيارسىز تۈكۈرۈكلىرىمنى يۇتتۇم، قۇرسۇقۇم راستىنلا بەك ئاچقان ئىدى. كۆز ئالدىمغا ئوخشىغان تاماقلار كىلىشكە باشلىدى.      ئۇنىڭ گېپىنى ئاڭلاپ نەرسىنىڭ ئارقا كۆرۈنشىنى بىلگەندەك بولدۇم.مەن تېخىمۇ تەپسىلىيرەك سورىماقچى بولىۋاتقىنىمدا، سىمىز مىنىڭ تازا چۈشەنمىگەنلىكىمنى پەملىدى بولغاي، " سەن تېخى مۇشىنىمۇ بىلمەمسەن؟ بۇنى بىر ئېغىز گەپ بىلەنلا چۈشەندۈرۈپ بولغىلى بولمايدۇ. گەپنى يەنىلا چاڭبەيشەندىكى ۋاقىتلىرىمدىن باشلاشقا توغرا كىلىدۇ..........."               مەن سىمىزنىڭ يەنە قۇرۇق گەپ سېتىشقا باشلىغانلىقىنى كۆرۈپ :" ھۇ پور كۆتەك! يەنە كىسىلىڭ تۇتتى! بۇلارنى دەپ نىمە قىلىسەن!؟ بۇ قەسەتلەر بىلەن سىنىڭ دىگىنىڭنىڭ نىمە ئالاقىسى بولسۇن!؟؟ تۇلا تۇخۇمدىن تۈك ئۈندۈرمە!"دەپ ۋارقىرىدىم.
   سىمىزدەك ئادەملەر باشقىلارنىڭ ئۆزىنىڭ ئالدىدا بىلەرمەنلىك قىلىشىنى، ئۆزى بىلەن گەپ تاكاللىشىشىنى پەقەت خالىمايتتى. مىنىڭ بۇ گېپىم ئۇنىڭ سەپرايىنى ئۆرلەتتى بولغاي،   " كىم مىنى بىلمەيدۇ دەيدۇ!؟ مەن پەقەت بۇ ئىشنى باشتىن سۆزلىمەكچى. ئاڭلىغۇڭ كەلمىگەن بولسا بوپتۇ. بۇ خىل دەپنە قىلىش ئۇسۇلى "سۇ، شامال ئىلمى" دەپ ئاتىلىدۇ. ئادەتتە تاغدىكى قەبرىلەردە كۆپرەك ئۇچرايدۇ. ئادەتتە قەبرە ئىچىدىكى نەملىك ۋە شامال ئۆتۈشۈشىشى ياخشى بولغان ئىككى جايغا مۇشۇنداق ساندۇق قويىلىدۇ. ئۇنىڭ بىرىگە ئۆزىنى دەپنە قىلسا يەنە بىرىگە ئۆزىنىڭ قانداش تۇققانلىرىنى دەپنە قىلىدۇ، ياكى بوش قويۇپ قويىدۇ.شۇڭا دەيمەن بۇ يەرگە بىر جەسەت ساندۇقى قويۇلۇپتۇ، دىمەك- بۇ قەبرە ئىگىسىنىڭ دەپنە قىلىنغان ساندۇقىمۇ دەل مۇشۇنداق.ئەمدى چۈشەندىڭمۇ!؟" دىدى سىمىز.
   سىمىز خۇددى كىتابتىن يادىلىۋالغاندەك تىز سۆزلىگەچكە ئۇنىڭ گەپلىرىنى تولۇق چۈشىنەلمىدىم.مەن ئىختىيارسىز تىلىمنى چايناپ:" ئۇنداقتا ساندۇقتىكى بۇ ئادەملەرنىڭ ھەممىسى قەبرە ئىگىسىنىڭ.............."گېپىمنىڭ ئاخىرى تۈگىمەستىلا سىمىز تىزىغا مۇشتلاپ قويۇپ:" شۇڭا دەيمەن، بۇ قەبرە ئىگىسى بەك رەھىمسىزكەن، بۇ ئەبلەخ ئۆزى بىلەن قوشۇپ پۈتۈن ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ ھەممىسىنى بۇ ساندۇققا سامان تىققاندەك تىقىپ ئۆزى بىلەن بىللە ئۇ دۇنياغا يولغا ساپتۇ. نىمىدىگەن رەھىمسىز! نىمىدىگەن ئېچىنىشلىق!" دىدى.
   " نەدىمۇ بۇنداق ئىش بولسۇن؟ بۇ قەبرە ئورنى كېيىنكىلەرنى دەپنە قىلىش ئۈچۈن تاللاپ قويۇپ قويىلىدىغان تۇرسا، مانا ھازىر پۈتۈن ئائىلىسىدىكىلەرنى قوشۇپ دەپنە قىلىپ بۇ يەرگە قويۇپ قويۇپتۇ!"دەپ ۋارقىرىدىم مەن.
   سىمىز مىنىڭ ھەممىنى راست دەپ ئويلاپ قالغىنىمنى كۆرۈپ -" بۇ دىگەن پەقەت پەرەز، قارا سىنىڭ نادانلىقىڭنى، راستىنلا ئىشىنىپ قالدىڭ. ئۇ پۇلدار غۇجاملار نەدىمۇ سەندەك دۆت بولسۇن؟ ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ يىراق ، نامرات تۇققانلىرىنى تېپىپ كىلىپ ئاشۇلارنى بۇنىڭ ئىچىگە دەپنە قىلىشدۇ. نەدىمۇ ئۆز ئائىلىسىدىكىلەرنى ئۇنداق قىلسۇن؟ مەن بۇنداق ساندۇقنى كۆپ كۆرگەن ، بىراق بۇنداق چوڭىنى كۆرمەپتىكەنمەن" دىدى.
   مەن ساندۇققا قارىدىم، تىرىك دەپنە قىلىنغان چاغدىكى ئېچىنىشلىق ھالىتى كۆز ئالدىمغا كەلگەندەك بولدى. شۇنىڭ بىرگە بوۋامنىڭ " ئادەمنىڭ كۆڭلىنى خۇراپاتلىق، رەزىللىكنىڭ تومانلىرى قاپلىۋالغاندا، ئازراقمۇ رىئال ئاساسى بولمىغان ئىشلار ئۈچۈن باشقىلارنىڭ جېنىنى ئەرزىمەس ياۋا ئوت-چۆپ قاتارىدا كۆرىدۇ" دىگەن سۆزلىرى يادىمدىن كەچتى.
   ساندۇقنىڭ ئېغىزى ئاللىقاچان ئېچىۋېتىلدى. بۇنداق بولغان ئىكەن سىمىزنىڭ ئۇنچە ئاسان بولدى قىلغۇچى كەلمىدى. ئۇ بېشىنىقاشلاپ تۇرۇپ:" بۇ ئادەملەر نىمىدىگەن بىچارە، مىنىڭچە بىز ئاۋۇ تەرەپتىكى ئۆيگە چىقىپ، ساپال قاچىدىن بىر قانچىنى ئېلىپ كىلىپ ساندۇق ئىچىدىكى سۇنى سىرتقا چىقىرىۋەتكىنىمىز تۈزۈك. جەسەتلەر سۇنىڭ ئىچىدە ئۇچۇن تۇرىۋەرسە بولمايدۇ" دىدى.
   مەن ئۇنىڭ نىمىنى كۆزلەپ شۇنداق دەۋاتقانلىقىنى بىلەتتىم.   " قارا سەن ئوغرىنى، ئاچكۆزلىكىڭ يەنە تۇتتى-دە!؟ بىردەم تەخىر قىلغىن، سەل تۇرۇپ بىرەر قىممەتلىك نەرسە ئۇچراپ قالسا ساڭىلا بىرەيلى" دىدىم-مەن.
   سىمىزنىڭ يۈزلىرى قىزىرىپ كەتتى، " ھۇ ئاناڭنى! مەن سىمىز ئاشۇنداق ئادەمما؟!!!!!........." دەپ تىرىكىپلا كەتتى ئۇ.
   ئەمەلىيەتتە مەن ئۇنىڭ بىلەن قەستەن چېقىشىپ قويىۋاتاتتىم.   " ھازىرچە بۇنداق قۇرۇق خىياللارنى قىلىدىغان ۋاقىت ئەمەس. سەل تۇرۇپ بۇ يەردىن چىقىپ كىتەلمەي مۇشۇ يەردە تۇنجۇقۇپ ئۆلسەك ، ئۇ چاغدا بىزگە كىممۇ ئىچ ئاغرىتار؟" دىدىم مەن.
   بۇ گەپ تىلغا ئېلىنىشى بىلەنلا بىز يەنە جىددىيلىشىشكە باشلىدۇق. سىمىز گەپ-سۆز قىلماي قەبرە ئىچىنى بىر قېتىم ئاختۇرۇپ چىقتى. پەقەت بىر ئۆلۈك مۈشۈكتىن باشقا كارغا كەلگۈدەك نەرسە تاپالمىدى.
   بوتولكا ھېلىقى ساندۇق ئىچىدىكى جەسەتكە ھاڭۋاقتىدەك قاراپ تۇراتتى. خېلى ئۇزۇندىن كېيىنلا خۇددى بىر نەرسە بايقىغاندەكئۇلۇغ-كىچىك تىنىپ قويدى. بۇ ئادەم ئادەتتە ناھايتى ئېغىز-بېسىق، بىراق ئۇ جىددىيلىشىدىغان بولسا چۇقۇم بىرەر ئىش يۈز بىرەتتى. شۇڭلاشقا ئۇنىڭ بۇ ھەركىتى مىنى قورقىتىۋەتتى. ئۇ ئالدىراش ئىڭىشىپ قۇرالنى ئالدى. ئۇ يەنىلا قاپاقلىرى تۆرۈلگەن قىياپەتتە بايىقى ئورنىدا تۇراتتى. كۆزلىرى جەسەت ساندۇقىغا مىختەك تىكىلگەن ئىدى. ئالھەزەل بەش مىنۇت مۇشۇنداق تۇرغاندىن كېيىن ئۆرۈلۈپ بىزگە :" ئەمەلىيەتت ساندۇق ئىچىگە دەپنە قىلىنغىنى پەقەت بىرلا ئادەمكەن!" دىدى.


جەنۇپپەرەس ئۈچىنچى تاغىنڭ‹‹ كىپەن ئوغۇرلاش خاتىرسى››ناملىق ئەسىردىن تەرجمە قلىندى
مەزكۈر ئەسەرنىڭ 1-بابىدىن29-بابىغىچە ئانا تۇپراق مۇنبىرىدىكى جاپاكەشلەر تەرجىمە قىلىپ يوللىغان بولۇپ، ئاخىرىنى تىرىشچانلار مۇنبىرىدىكى كىپەن ، جىمجىت ئەپەندىلەر تەرجىمە قىلىپ تىرىشچانلار مۇنبىرىگە يوللىغان ، ئانا تۇپراق تورىنىڭ باشقۇرغۇچىلىرىنىڭ روخسىتى بىلەن ئەسەرنىڭ باش قىسمى تىرىشچانلار مۇنبىرىگە يۆتكەلدى.

Lost0118 يوللانغان ۋاقتى 2014-6-28 01:39:01

مەن سىمىزنىڭ "تىرىك دەپنە قىلىش" توغرىسىدىكى گېپىنى ئەمدىلا چۈشۈنۈپ تۇرىشىمغا، بوتولكا بۇ گەپنى چىقاردى، يەنە كىلىپ گېپىنىڭ باش-ئاخىرى يوق. مەن دەماللىققا ھېچنىمى ئاڭقىرالماي ئۇنىڭدىن بۇنىڭ زادى نىمە گەپلىكىنى سورىدىم.
بوتولكا جەسەت ساندۇقىنى كۆرسىتىپ تۇرۇپ:" سەن ئۇلارنىڭ بېشىغا تەپسىلىرەك قاراپ باققىنە، زادى نىمە پەرقى باركىن؟" دىدى.
مەن ئۇ كۆرسەتكەن تەرەپكە قارىدىم. ئالتە ئادەمنىڭ بېشىنى كۆردۈم، بۇ ئادەم باشلىرى خۇددى ئۈزۈمدەك بىر چوڭ ئادەم گەۋدىسى ئۈستىدە ئېسىلىپ تۇراتتى. ناھايتى يىرگىنىشلىك بولغاندىن سىرت باشقا ئالاھىدە ئىش يوقتەك قىلاتتى. مەن بېشىمنى چايقاپ بوتولكىغا ھېچنىمىنى بايقىمىغانلىقىمنى ئېيتتىم.ئۇ مىنى يەنىمۇ تەپسىلىيرەك قاراشقا بۇيرىدى. مەن تېخىمۇ سىنچىلاپ قاراشقا باشلىدىم. ئاخىرى بنىر ئىشنى بايقىغاندەك بولدۇم.
   ئەسلىدە بۇ جەسەت سۈڭەكلىرى ئارىدىكى ئەڭ ئۈستىدىكى بىرىنىڭ باش، پۇت-قول دىگەندەك ئەزالىرى تولۇق بولغاندىن سىرت قالغانلىرىنىڭ بېشىدىن باشقا ئەزالىرى كۆرۈنمەيتتى. ھەتتا باش سۈڭىكى مۇكەممەل ئەمەس ئىدى. قارىماققا باش سۈڭىكى ئۈستىگە گۆش پارچىسى ئۈسۈپ قالغاندەك كۆرىنەتتى.
   مانا ئەمدىئۇنىڭ سۆزىنى چۈشەنگەندەك بولدۇم. مەن ئۇنىڭ كۆرسەتمىسى بۇيىچە يەنە داۋاملىق قاراشقا باشلىدىم.ھەربىر ئادەم قولىنىڭ بۇغۇملىرى بىر ئادەم گەۋدىسى ئۈستىگە قاتار قىلىپ ئۇرۇنلاشتۇرۇلغاندەكلا قىلاتتى. بۇ گەۋدە خۇددى كىرئالغۇغا سېلىپ يۇيۇپ بولغان كىيىمنى تولغاپ سىققاندەك تولغۇشۇپ كەتكەن ئىدى، ئۇنىڭ ئۈستىگە ساندۇقنىڭ قارا رەڭلىك سۇيۇقلۇق بىلەن تۇشۇپ ئىنىق كۆرگىلى بولمىغاچقا قارىماققا نۇرغۇن ئادەمنىڭ جەسىتىگە ئوخشايتتى.
قارىغانسىرى تىنىم شۈركىنىشكە باشلىدى. بۇ ساندۇقتا ياتقان 12دانە پۇتى ۋە قولى بار غەلىتە نەرسىنىڭ كىلىش تارىخى ۋە سالاھىيىتى يەنە بىر سىر ئىدى. ئەينى ۋاقىتتا بۇنداق غەلىتە نەرسە قانداق قىلىپ بۇ ساندۇق ئىچىگە دەپنە قىلىنغاندۇ؟
   سىمىزمۇ بىر نەرسىنى چۈشەنگەندەك تىلىنى چاپقىنە:" ۋاي ئانىمەي! بۇ ئادەم ئەمەس بەلكى بىر قۇرت ئىكەن ئەمەسمۇ؟" دىدى. ئۇنىڭ بۇ سۈپەتلىشى خېلى جايىدا بولدى.      " ھازىر سۇ توسىۋالغان بولغاچقا ئىنىق كۆرگىلى بولمايدىكەن، تېخى ئالدىراپ يەكۈن چىقىرىشقا بولمايدۇ.مۇنداقچە ئېيتقاندا بۇنداق چوڭ غەلىتە جانىۋارنى ئاتا-ئانىسىمۇ قورقۇپ توغۇلىشى بىلەنلا ئۆلتۈرۈپ تاشلايدۇ"دىدىم مەن.
   " مۇتلەق شۇنداق دىيىشكىمۇ بولمايدۇ" دىدى- بوتولكا.      مەن بېشىمنى چايقاپ قويدۇم. بۇنىڭغا ئىشەنگۈم كەلمەيتتى. " ئەمەلىي ئەھۋالنى بىلىش ئۇنچە قىيىن ئەمەس، مىنىڭ دىگىنىمدەك يان تەرەپتىكى ئۆيىدىن ئىدىش قاچا ئېلىپ چىقىپ ساندۇقتىكى سۇنى چىقىرىۋېتەيلى، شۇنداق قىلساق ئىنىڭ كۆرەلەيمىز. يەنە كىلىپ بۇ جەسەتنىڭ ئاستىدا بىر تاش تاختاي باركەن، ئۇنى ئېلىپ كۆرۈپ باقساق تەلىيىمىزگە بىرەر يېڭى ئەھۋال بايقاپ قالامدۇق تېخى" دىدى- سىمىز.
   مەن ئۇنىڭ دىگەنلىرىنى خېلى ئورۇنلۇقتەك ھىس قىلدىم. راست گەپنى قىلسام بۇ دېڭىز ئاستى قەبرىسىگە كىرگەندىن بۇيان بىرەر تال يېزىق ئويۇلغان نەرسىلەرنى ئۇچرۇتۇپ باقمىدۇق، قەبرە ئىگىسىگە بولغان چۈشەنچىمىز ئاساسەن يوق دىيەرلىك، ئەگەر بۇ تاش تاختاي ئۈستىدىكى يېزىقلارنى كۆرۈپ چۈشىنەلىسەم بەلكىم بىزنىڭ كېيىنكى ھەركىتىمىزگىمۇ ياردىمى بولىشى مۇمكىن.
   سىمىز بىلەن ئىككىمىز بىر-بىرىمىزگە قاراشتۇق، گەپ-سۆز قىلىشماي يان تەرەپتىكى قەبرە يولىغا قاراپ ماڭدۇق. ئۇ يەردىن ئۈچ دانە تۇتقۇچى بار ساپال قاچىنى ئىزدەپ تاپتۇق. بۇ نەرسىلەر سىرتتا بولسا نۇرغۇن پۇلغا يارايدىغان ئەتىۋارلىق بويۇم بولسىمۇ ، مانا ئەمدىلىكتە مىنىڭ قولۇمدا قىممىتىنى يوقۇتۇپ بىز پەقەت پايدىلىنىش ئۈچۈنلا ئۇنىڭغا ئېھتىياجلىق بولىۋاتاتتۇق.
   كەسپى ئادىتىم سەۋەبىدىنمىكىن، مەن بۇ نەرسىلەرنى ئېلىپ بولۇپلا ئىختىيارسىز ئۈستى تەرەپتىكى نەقىشكە قارىدىم. كۆرۈپلا داڭ قېتىپ قالدىم. تۇرۇشتىكى نەقىش رەسىملەر مانا ئەمدىلىكتە بىر ئىشلارنى بايان قىلىپ بىرىۋاتقاندەك قاتار قىلىپ سىزىلغان مەنىلىك رەسىمگە ئۆزگىرىپ قالغان ئىدى.
   دەسلەپ كىرگىنىمدە مەنمۇ كەنجى تاغامغا ئوخشاش بىخەستەلىك قىلىپ بۇ نەرسىلەرگە كۆپ ئېرەن قىلمىغانلىقىمنى ھىس قىلدىم. كەنجى تاغاممۇ ئەينى ۋاقىتتا قەبرىگە كىرگەندە جەسەت بىلەن بىرگە قوشۇپ دەپنە قىىنغاننەرسىلەر بىلەن كارى بولماي ئىچىگە كىرىپلا بىر قۇر قارىۋېتىپلا ئارام ئېلىغقا تۇتۇش قىلغان. لېكىن كەنجى تاغام بىلەن كىرگەن باشقىلارنىڭ تۈنجى قېتىم قەبرىگە كىرىشى بولغاچقا ناھايتى ھاياجانلىنىپ، قەبرە ئىچىدىكى ھەربىر نەرسە ئۈستىدە باش قاتۇرغان. ئەجىبا بۇ نەرسىلەر دەل بىزگە مەلۇم بىر تۈگۈننى يىشىپ بىرىدىغان ھالقىلىق نوقتىمىدۇ؟
   مەن شۇلارنى ئويلىغاچ قولۇمغا بىر قانچەقاچىنى ئېلىپ تەپسىلى قاراشقا باشلىدىم. قارىسام بۇ نەرسە ئۈستىدە بىر توپ ئادەملەرنىڭ قۇرۇلۇش ئېلىپ بېرىۋاتقان كۆرۈنىشى كۆرۈندى، تاش ئىشچىلىرى، ياغاچ تۇشۇيدىغانلار، يەنە ياغاچچىلار بار ئىدى. ئەسلىدە بۇ يەردىكى قاچىلارنىڭ قويۇلۇش تەرتىپى دەل قورۇلۇشنىڭ ئىلگىرى-كېيىنلىك تەرتىپىدەك قىلاتتى. مەن قارىغانسىرى ھەيران قالدىم، تەرلەشكە باشلىدىم.سىمىز مىنىڭ بۇ يەردىكى قاچىلارنى بىرمۇ-بىر كۆزىتىۋاتقانلىقىمنى كۆرۈپ غەلىتىلىك ھىس قىلغاندەك:" بىر تال قاچا ئېلىش شۇنچە تەسمىكەن؟ تۇلا ئەزمەڭنى ئەزمەي قولۇڭغا چىققاننى ئېلىۋەرمەمسەن" دىدى.
   ئۇنىڭ گېپى قولۇقۇمغا كىرمىدى. مەن ئۆمىلەپ يەردىكى قاچىلارغا بىرمۇ-بىر قارايتتىم. ئەڭ ئاخىرىدا بىر دانە سەككىز بۈرجەكلىك قۇتىنى كۆردۈم. ئۈستىدە بىر چوڭ ئىشىكنىڭ ئىچىدە ئالۋاستىلار بىلەن ئېلىشىۋاتقان كۆرۈنۈش بار ئىدى. قارىغاندا يەنە نۇرغۇن ئىشلار باشقا قاچىلار ئۈستىگە خاتىرىلەنگەندەك قىلاتتى. بۇلارنى كۆرۈپ ھەم ھەيران قالدىم، ھەم ھاياجانلاندىم. ھەتتا نەپەس ئېلىشىممۇ ئۆزگىرىپ كەتتى. گەرچە بۇ رەسىملەرگە قاراپ ئۇلارنىڭ زادى نىمە ياساۋاتقانلىقىنى بىلگىلى بولمىسىمۇ، بىراق بۇ خان ئردىلىرىدىن قېلىشمىغۇدەك دەرىجىدە ھەيۋەتلىك قورۇلۇش ئىكەنلىكىنى بىلىۋالغىلى بولاتتى. بىراق بۇ قورۇلۇش ئوتتۇرا تۈزلەڭلىك ئۇسلوبىغا ئوخشىمايتتى. مەن جۇڭگۇ تارىخدا قايسى زامانلاردا مۇشۇنداق ھەيۋەتلىك قورۇلۇشنىڭ بولغانلىقىنى ئەسلىيەلمىدىم.
   مەن ئىسىمنى يىغىپ بايقىغانلىرىمنى سىمىزگە ئېيتماقچى بولدۇم. بۇرۇلۇپ قارىسام كەينىمدە قاپقاراڭغۇلۇقتىن باشقا ھېچنىمە كۆرۈنمىدى، سىمىزنىڭ سايىسىمۇ يوق.
مەن ھەيران بولدۇم. كۆڭلۈمدە سىمىزنى تىللاشقا باشلىدىم . ماڭىدىغان ئىش بولسىمۇ ماڭا بىر ئېغىز تىنىپ قويسا بولمامدۇ، ئەجىبا مىنىڭ يالغۇز بۇنداق يەردە تۇرۇشتىن قورقىدىغانلىقىمنى بىلمەمدىغاندۇ!؟    مەن بىر تال قاچىنى ئالدىم-دە، ياندىكى قوشۇمچە قەبرە ئۆيىگە قاراپ يۈگۈردۈم. ئەمدىلا قەبرە يولىغا چىقىشىمغا يەنە ھاڭۋېقىپ قالدىم. بايىقى سىمىز بىلەن ئىككىمىز چىققان قەبرە ئۆيىنىڭ ئىشىكى كۆرنمەيتتى، كۆز ئالدىمدا ئاق قاشتېشى رەڭلىك تام تۇراتتى. مەن بۇنى بۇ قەبرە ئىچىدىكى توزاقنىڭ سەۋبىمىكىن دەپ ئويلىدىم. بىراق بۇنداق تىز ئۆزگۈرۈپ بولىشىنى خيالىمغىمۇ كەلتۈرمىگەن ئىدىم. ھەتتا ئازراق تىۋىشمۇ يوق. مەن ئالاقزادە بولۇشقا باشلىدىم.بىر ئادەم يالغۇز قاپقاراڭغۇ قەبرە ئىچىدە تۇرۇشنىڭ نەقەدەر قورقۇنۇچلۇق ئىكەنلىكىنى ھەرگىز تەسەۋۋۇر قىلالمايسىز، تەڭرىم بۇنداق ئىشنى ئىككىنچىلەپ ماڭا يولۇقتۇرمىغاي!
   مەن ئۆزۈمنى تۇتىۋېلىشقا تىرىشاتتىم. ئۆز-ئۆزۈمگە تەسەللىي بىرىپ توختىماي:" بۇ قەبرىنىڭ ھەركىتى مۇشۇنداق پات-پات ئۆزگۈرۈپ تۇرىدۇ، ئۆزۈڭنى بېسىۋال سەل تۇرۇپ ھېلىقى ئىشىك چۇقۇم يەنە پەيدا بولىدۇ"دەيتتىم.
   يېنىمدا سىمىز يوق قەبرە ئىچىنىڭ جىمجىتلىقى ئادەمنىڭ قورققۇسىنى كەلتۈرەتتى. يۈرۈگۈمنىڭ سوققاندىكى ئاۋازىمۇ قولۇقۇمغا ئاڭلىناتتى، يۈرۈگۈمچىقىم كىتىغاندەكلا . بۇنداق ھالەتتە بىر مىنۇتنىڭ ئۆتمىكى خۇددى بىر سائەتتەك بىلىنىپ كەتتى. مەن بۇ يەردە ساقلاشقا تاقەت قىلالمىدىم.
   مەن چوڭقۇر بىر نەپەس ئالدىم. قولۇمغا قولچىرىقىنى ئالدىم-دە، ئالدى تەرەپنى يۇرۇتۇپ قاراپ باقتىم. تامدىكى ئويمان جايلار كۆرۈندى بىراق ئىشىك يوق. جاھاندا ئەڭ قورقۇنۇشلۇق نەرسە ئادەمنىەڭ كۆڭلىدە بولىدىكەن. مەن ئۆزۈمنى تۇتىۋېلىشقا شۇنچە تىرىشساممۇ ئالدىمدىكى تامدىكى ئويمان جاينىڭ ئىچىدىن بىر نەرسە ماڭا تىكىلىپ قاراپ تۇرىۋاتقاندەك، خۇددى ھازىرلا ئېتىلىپ چىقىپ جېنىمدىن جۇدا قىلىدىغاندەكلا كۆرۈنۈپ كەتتى.
   مەن ئۆزۈمنى بىر كاچات سالدىم. بۇ ئارقىلىق ئىسىمنى يىغماقچى بولدۇم.   قولچىرىقىنى يۇرۇتۇپ بايىقى قاچا ئېلىپ چىققان قەبرە ئۆيىگە كىرىپ قاچىلارغا قايتا قاراپ باقماقچى بولدۇم، بەلكىم بىرەر يىپ ئۇچى بايقاپ قالارمەن دەپ ئويلايتتىم.
   مەن ئەمدىلا مېڭىشىمغا تۇيۇقسىز چىرقىرىغان ئاۋاز ئاڭلاندى. جېنىم چىقىپ كىتەيلا دەپ قالدى.مەن قولچىرىقىنى تەڭلەپ قارىغانتىم بىر چوڭ دېڭىز مايمۇنىنىڭ بولاق كۆزىدىن ئۆمىلەپ چىقىۋاتقانلىقىنى كۆردۈم، ئۇنىڭ بەدىنىنىڭ يېرىمى دىگۈدەك سىرتقا چىقىپ بولغان ئىدى.دانە-دانە تەڭگىسىمان نەرسىلەر بىلەن تولغان بەتبەشرە يۇغان چىراي!    بۇ چىراي مىنىڭ مەڭگۈ ئىسىمدىن چىقمايدۇ.
   مەن قورققىنىمدىن "ۋاي ئانامەي!" دەپ توۋلىۋەتتىم، كەينىمگە يېنىپ بايىقى قەبرە يولىغا قاراپ ئەتراپقا قاراپمۇ قويماي كۆزۈمنى يۇمغان پېتى يۈگۈردۈم، قەبرە يولىغا چىقىپلا ئۆز ئورنۇمدا ئولتۇرىۋالدىم.كەينىمگە بورۇلۇپ قارىسام بىر جۈپ يېشىل رەڭدە يېنىپ تۇرغان كۆز كۆرۈندى، ئۇ قەبرە ئۆيىدىن ئېتىلىپ چىقىپ ماڭا ئېتىلىپ كەلدى.
   مەن چىشىمنى چىشلەپ قولۇمدىكى قاچىنى ئۇنىڭغا قارىتىپ ئاتماقچى بولۇپ قولۇمنى كۆتۈردۈم. دېڭىز مايمۇنىنىڭ ئىنكاسى بەك تىزكەن. ئۇ مىنىڭ قولۇمدا قۇرال بارلىقىنى كۆرۈپ دەرھال بىر سەكرەپلاتام ئۈستىگە چىقىۋالدى.مەن بۇ پۇرسەتتى پايدىلىنىپ بىر دومىلىغان ئىدىم كۆزنى يۇمۇپ ئاچقۇچە تامدىكى ئىشىك بار ئورۇنغا كىلىپ قالدىم. بىردىنلا ئىشىكنى كۈچەپ ئىتتىرىشكە باشلىدىم. ئىشىك يېنىدىكى بىر تال كونۇپكىغا ئوخشايدىغان نەرسە قولۇمغا ئىلىندى، مەن ئۇنى تارتىپ بېسىپ دىگەندەك قالايمىقان مىدىرلاتقان ئىدىم كىم بىلسۇن بۇ ئىشىك ئېچىلىپ كەتتى. ئىچىگە كىرىپ بولۇشۇمغىلا يەنە ئىتىلىپ قالدى. دېڭىز مايمۇنى قورقۇنۇچلۇق ۋارقىراپ ئىشىككە ئۇرۇلۇشقا باشلىدى. بۇ ئىشىكنىڭ ماتىرىيالى ناھايتى پۇختا بولۇپ ئۇنى ئۈسۈپ ئېچىش مۇمكىن ئەمەس ئىدى. دېڭىز مايمۇنى خېلى ئۇزۇنغىچە ئۈسۈپ بېقىپ ھېچقانداق ئىنكاس يوقلىنقىنى كۆرۈپ، ئىشىكنىڭ يۇچىقىدىن بىر نىمىلەرنى قىلىپ كىرمەكچى بولغاندەك بېشىنى ئىشىككە تىرەپ ھەر كەت قىلىشقا باشلىدى. ئەگەر ئۇ بايامقى كونۇپكىغا تىگىپ سالسا بۇ ئىشىك يەنە ئېچىلىپ كىتىشى مۇمكىن.يەنە قورقۇشقا باشلىدىم. مەن ئۈستۈمگە ئېسىۋالغان گاز مىلتىقىنى ئالدىم-دە ئىشىك يۇچىقىغا قارىتىپ ئوق ئۈزدۈم. ئوق ئۇنىڭ قايىرىگە تەگدىكىن بىلمىدىم، پەقەت ئۇنىڭ ئېچىنىشلىق ۋارقىرىغان ئاۋازىنى ئاڭلىدىم. ئۇ ئەمدى بۇ يەردىن ۇىراقلاپ كەتكەندەك قىلاتتى.
مەن ئۆزۈمنىڭ نەگە كىرىپ قالغانلىقىمنى بىلمەيتتىم. مەنئالدىراش ھالدا قولچىرىقى ۋە سۇدا ئىشلىتىدىغان چىراقنى ياندۇردۇم، قەبرە ئىچى پۈتۈنلەي دىگۈدەك يۇرۇپ كەتتى. مەن ئەتراپىمدىكى مەنزىرىنى كۆرۈپ چۈچۈپ كەتتىم. مەن ھازىر يۇمىلاق شەكىلدىكى بىر قەبرە ئۆيى ئىچىدە تۇراتتىم. ئۆينىڭ ئوتتۇرىسىدا ناھايتى چوڭ بىر سۇ كۆلچىكى بولۇپ، پۇتۇم دەل مۇشۇ كۆلچەكنىڭ لىۋىدە تۇراتتى، ئەگەر يەنە بىر قەدەم ئالىدىغان بولسام سۇغا چۈشۈپ كىتەتتىم.
   كۆلنىڭ ئوتتۇرىسىدا داسقا ئوخشاش بىر نەرسە لەيلەپ تۇراتتى. مەن ئۇنىڭ ئۈستىدىكى رەسىمگە قاراپ بۇ نەرسىنىڭ ئىككى قەۋەت قىلىپ ياسالغان جەسەت ساندۇقى ئىكەنلىكىنى بىلدىم. قارىغاندا بۇ قەبرىنىڭ ئىگىسى ئەينى ۋاقىتتا يۇيۇنۇشقا ئامراق بولسا، ئۆزىنىڭ تاۋۇتىنى مۇسۇنداق ياساتقان بولسا كېرەك.
   مەن قولچىرىقىنى سۇغا تەڭلىدىم، بۇ كۆلچەك ناھايتى چوڭقۇر بولۇپ تىگىنى كۆرگىلى بولمايتتى. بەلكىم مۇشۇ قەبرىنىڭ تىگىگە تۇتاشسا كېرەك.مەن قەبرە ياسىغۇچىنىڭ زادى نىمە مەقسەتتە مۇشۇنداق لاھىيە قوللانغانلىقى ھەققىدە ئويلىنىشقا باشلىدىم.دەل شۇ پەيتتە مەن تۇيۇقسىز بوينۇمنىڭ قاتتىق قىچىشىشقا باشلىغانلىقىنى ھىس قىلدىم.


جەنۇپپەرەس ئۈچىنچى تاغىنڭ‹‹ كىپەن ئوغۇرلاش خاتىرسى››ناملىق ئەسىردىن تەرجمە قلىندى
مەزكۈر ئەسەرنىڭ 1-بابىدىن29-بابىغىچە ئانا تۇپراق مۇنبىرىدىكى جاپاكەشلەر تەرجىمە قىلىپ يوللىغان بولۇپ، ئاخىرىنى تىرىشچانلار مۇنبىرىدىكى كىپەن ، جىمجىت ئەپەندىلەر تەرجىمە قىلىپ تىرىشچانلار مۇنبىرىگە يوللىغان ، ئانا تۇپراق تورىنىڭ باشقۇرغۇچىلىرىنىڭ روخسىتى بىلەن ئەسەرنىڭ باش قىسمى تىرىشچانلار مۇنبىرىگە يۆتكەلدى.
بەت: 1 2 3 4 5 6 [7] 8 9 10 11 12 13 14 15 16
: كېپەن ئوغرىلاش خاتىرىسى